سەن كەتتىڭ...
ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
سەن كەتتىڭ ،مىسكىن قەلبىمگە بىر ئۈلۈش ھەسرەت ناخشىللىرىنى ئاپرىدە قىلىپ بارسا كەلمەس چەكسىزلىك قوينىغا ئۇزاپ كەتتىڭ.سەن كېتش بىلەن بىللە يۈرىكىممۇ ساڭا ئەگىشىپ ئايقىڭ ئاستىغا يىقىلدى، لېكىن سەن پەرۋاسىز ھالدا خۇددي بىر پارچە كېرەكسىز چالمىنى دەسسىگەندەك قىپقىزىل يۈرۈكۈم ئۈستىگە رەھىمسىزلەرچە دەسسەپ ئۆتۈپ كەتتىڭ...ناتىۋان قەلبىم خورلۇق دەستىدىن ھەسرەتلىك <<ئاھ>> دىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەستىن لاسسىدە بۇلۇپ قالدى.كەچكۈز شامىلى مېنى پەپىلمەكچى بۇلۇپ تاراقسىز چاچلىرىمغا ،نۇرسىز يۈزلىرىمگە يەڭگىل لەۋ ياقاتتى،سارغايغان ياپراقلار خەستىلەنگەن كۆڭلۈمگە تەسەللىي ئىزدەپ يىنىك شىۋىرلىغىنىچە ئۈست-بېشىمدىن تۆكۈلەتتى.بولۇتلۇق ئاسمان ئېچىنىشلىق قىسمىتىمگە قايغۇرۇپ سىم-سىم ياش تۆكەتتى.يالغۇز چىنارغا باغلاقلىق ئاق بوز ئېتممۇ شۇنچىلىك ئىزگۈلۈك ئاھاڭدا نالە قىلاتتىكى يەر-زىمىن،تاغۇ-تاشلار لەرزىگە كېلەتتى،تىنىمسىز ئېقۋاتقان دەريامۇ شىددەتلىك دولقۇنلايتى.گىرىمسەن ئۇپۇق قوينىغا سىڭىپ كېتىۋاتقان قۇياش خۇددي ماڭا بۇنىدىن كىيىنكى زۇلمەتلىك تەقدىرىم توغۇرلۇق شەپە بىرىۋاتقاندە خىرە-شىرە نۇر تۆككنچە كۈچلۈك نۇرلىرى ئۆچۈپ بارا-بارا سۇسلاشماقتا ئىدى.شۇتاپ يەرشارى ئۆز ئوقىدا تۇرۇپ قالغاندەك ئېغىر سۈكۈناتقا چۆمگەن بۇلۇپ نىمجان تىپىرلاۋاتقان يۈرىكىمنىڭ ئاجىز دۈپۈرلەشلىرىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.مەن بارچە ئاۋازىمنى قويۋىتىپ ساراڭلارچە ناخشا توۋلىماقچى بولدۇم،لېكىن پىغانلىق كۈيلىرىم ناخشا بۇلالمىدى.ئاخىر ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قارا يامغۇردەك تۆكۈلۈپ كەتتىم،ھەر بىر ئۆكسۈشلىرىمدىن بىر خىل مۇڭ،غېرىپلىق تۆكۈلۈپ ئەس ھوشۇمنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ قويغان ئىدىم.ئېغىر قەدەملىرىمنى يۆتكەشكە كۈچۈم يەتمەي تۇرغان ئىزىمغا <<گۈپلا>> قىلىپ يىقىلدىم. تۈن پەردىسى ئاستا-ئاستا پۈتكۈل جاھانغا يېيىلىپ پۈتكۈل جىسمىمنى دەششەتلىك كېچە زۇلمىتى ئۆز قوينىغا ئالدى،ئەنە خىرە چاقناپ تۇرغان بىر يۇلتۇز ئالەم باغرىغا ساقىپ چۈشۈپ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولدى.ئەنە ،چىرايىنى غەم تۇمانلىرى قاپلاپ تۇرغان تولۇنئاي نەملەشكەن كىرپىكلرىنى چىڭ يۇمۇپ قارا تۇمان ئارسىغا ئاستا-ئاستا شوڭغۇشقا باشلىدى.ئەنە تۇنۇش بىر سىيما قاتقان قاراقلىرىمدا مەسخىرلىك كۈلگىنىچە ئۆز جىلۋىدارلىقىنى بارا-بارا يوقاتتى...