توي قىلغانغا تويدۇمغۇ ؟
بۈگۈن مىنىڭ تويۇم ياق تويۇم دىگەندىن كۆرە ئاپام –دادامنىڭ ھەسرەتلىك كۈنى دىگىنىم ياخشى ،چۈنكى بۇ توي مىنى ئاپام-دادامنى تويغۇزۇپ توي قىلغانغا پۇشايمان قىلدۇردى ،ئۆينىڭ كاتتىسى ،بارزارغا يىقىنى ،ئۆينىڭ كىيىم-كىچەك ،ئۇپا-ئەڭلىكلىرى ،ئۆينىڭ داچىسى ،رىستۇراننىڭ كاتتسى ،تويلىقنىڭ نوچىسى ،كىيىمنىڭ پوچىسى ،بوشەن گۇڭسىداسۇغرۇتىسى،بانكا كارىدا دوللىرى ئاق ،قارا سىرىق ئالا ئالتۇنلاردىن بىر يۈرۈشى ،كىيىم- كىچەكنىڭ 4پەسىلدىكىنىڭ ئاز دىگندىمۇ بىر يىلغىچە يىتىدىغىنى قوشۇپ ئاخىرەتلىك كىيمنىمۇ راسلاپ تەييار قىلمىسا تەگمەيمەن دەپ ئىشلەپ تاپقان ،دادام نىسىي ئالغان ئاپام ساندۇقتا ساقلىغان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى ئۆتتەردۇق مانا.
.ھەي توي قىلسا ھەممىگە تويىدىغان گەپكەن نىمە ئامال دەيسىز؟ماڭا ياتلىق بولماقچى بولغان قىزنىڭ ئىش ئورنى سەل ياخشى كىيىنچە مىنى باقسا ھىچگەپ ئەمەس.توۋا ئەمدى ئالغان خوتۇنۇمدىن چوقۇم يول –يورۇقنىڭ چوڭىنى سورايمەن تىخى ،ئاپا يىغلىما ئەنە بىلى قونچاقتەك كىلىنىڭ كەلدى ،ئاپئاق توي كۆينەك ئىچىدە قاپقارا كۆزلىرىدىن سىنىڭ دادامنىڭ ۋە مىنىڭ ئازابىمغا كۈلۈپ كەلدى .ئۈمۈتسىزلەنمە دادا ھىچ گەپ يوق ئەمدىچۇ 130نەچچە پىڭفاڭلىق ئويدە پادىشاھتەك ياشاپ ئىشەكتەك ئىشلەپ ئاۋۇ كاتتا خىنىمنىڭ گىلىنى تويغۇزۇشقا كەتكەن چىقىملارنى تۆلەيمەن تىخى .قارا دادا ئاۋۇ پويىزدەك ماشىنىنى كۆردۈڭمۇ كىلىنىڭ شۇنىڭ ئىچىدە بىر كۈن يايرىغۇدەكمىش،بىلەمسەن دادا ئۇنىڭغا كىتىدىغان پۇلغا مەن بىر –ئىككى يىلغىچە ئاممىۋى ئاپتۇبۇستائولتۇراتتىم ،ئەمدىچۇ ئەتىگەن ئاخشىمى چىنىقمەن ،كۆيۈمچان خوتۇن ئالىدىغان بولدۇم ،تىنىمنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزلەۋاتىدۇ ؟ بوپتۇ يول قوي كۆيگەن گۇناھ ئۆزەمدە تۇرسا شەھەرنىڭ قىزلىرى ھاكاۋۇر دەپ تاللىسام ماۋۇ چىرايلىق خان شەھەرنىڭ قىزلىرىنى سۇغارماي ئەپكىلىدىكەن ئەمەسمۇ ؟
ئاپا كۆردۈڭمۇ ئا كىلىنىڭ كىيگەن توي كۆينىكى چالا تىكىلىپ قالغان ئىكەن ،تىككۈچى ئۇستامنىڭ ۋاقتى چىقىپ بولغۇچە ئۇ زاكاس قىلىپ كىيۋالدى ،ئامال قانچە مودا دەيدۇ ،مودا دىگىنىمىزچۇ؛ كىچىسى كىيىپ ياتىدىغان كۆينەكنى ،ھىسىپتا تىككەن كىيىمنى، رەخ يىتىشمىگەن يوپكىنى كۆرسىتىدىكەن.بولمىسا ئاپا سىنىڭ ساندۇقتا رەختلىرىڭ جىقتى –ھە؟كىلىنىڭ ئالغان كىيىم كۈندە يەڭگۈشلىسمۇ بىر يىل يىتىدۇ، شۇ تۈگىگەندە ساندۇقتىكى رەختلىرىڭدىن ماڭا ئىئانە قىلساڭ يىرتىپ چاپلاپ كىيگۈزۈپ قويسام، مودا دەپ كىيىدۇ بىزنىڭ خوتۇن ؟يامان قانائەتچان خوتۇن بۇ ؟
دادا-ئاپا كۆرۈپ ھەيران قالماڭلارسىلەر بىر ياز تىرىغان تاماقلار بۈگۈن بۇ يەردە تۆكمە بولۇپ كىتىدۇ ،ھەيران قالماڭلار ،ئىچىنپمۇ كەتمەڭلار،ئۇ تاماقلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۈستەلدە يىرىم –ياتا يا يىيىلىدۇ –يا يىيىلمەيدۇ بىرىپ ئاچ قالغان چوشقىنىڭ قارنىدا ئورنىنى تاپىدۇ ، كىيىنچە قوساق ئاچسا زاغرا بار ،مەنغۇ كۆنەرمەن لىكىن ئاخوتونۇم چىرايلىق خوتۇنۇمنىڭ ئىسل گىلىدىن ئۆتەرمۇ سىلىق پىتى .
ئۇف ھەنىم بولسا ئاپا سىنىڭ قۇلىقىڭ ئانچە ياخشى ئەمەس ،بولمىسا ھىلى چايان چىقۋالغاندەك توۋلىغاندا قۇلقىڭ ساق بولسىمۇ كاردىن چىقاتتى ،لىكىنزە كۆزۈڭ نورمال ئىدى ھىلى ئا ساھىپجامال بىلەن تولغاقلىشىپ تانسا ئوينىسام تەسىرلىنىپ يىغلاپ تاشلارسەنمۇ ؟ئاپا ئالدىنقى ئۆمرۈڭدە ئوغلۇڭنى چوڭ قىلىمەن دەپ چارچاپ چاچلىرىڭدا ئاق ،يۈزلىرىڭدە قورۇق ئەمدىزە كىلىنىڭ كىيىنچە نەۋرەڭنى باقساق قوپالماس دۈمچەكلابولىسەندە ئاپاغەيرەت قىل،خوتۇن ئالدىم ئەمەسمۇ ،تەستە ئالغاندىكىن ئەتىۋارلاپ كۈندە ئىيتىپ ئىسىپ قويمىسام بولمايدۇ ،ئۇ تىرىك رەسىم جازىسىنى بولمىسا يا ئۆيدە چىنە چىقىلىدۇ ،يا قازان .سەن بىكارلىق بولغاندىن كىيىن قىلىپ تۇرە ئاپا، ھىچ بولمىسا مەلىكە خوتنۇممۇ ئاپا بولۇپ ئوغۇل ئۆيلىسەك سىنىڭ قەدرىڭگە يەتسە بىرەر يىرىم تال گاز ياغلىق ئىلىپ بىرەر،سەن ساقلاپ تۇرساڭلا.
ئەمدى ئۆكۈنمەي كىلىنڭگە چوڭ ئانامدىن تەۋەرۈك قالغان ئاۋۇ ئۈزۈكۈڭنى بىرىۋەت شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ تەييار بوپقالىمىز.ھىم توي قىلسا ھەممىگە تويىدىغان گەپكەن ...........
مەنبە:ئۆز قەلىمىم سىرلىق تورىغا ئاۋۋال يوللىغان .