بۇ تىمىدىكى مەزمۇنلار بولسا (نەۋرىڭىزنىڭ چوڭ دادىسىنىڭ تارىخى جۇما) ،ئۇنتۇپ قالماڭ. نەۋرىمىزگە سۆزلەپ بەرگۈدەك ياراتقان تارىخىمىز مۇشۇ بولسا كىرەك 80-يىلنىڭ بالىلىرى بولغان بىزنىڭ.
بىزدىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئويۇنلىرىنىڭ شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى چوڭقۇر، ئەقلىي بىلىملەرگە باي بولۇپ، بالىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن يېتىلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. بۇلاردىن دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن، ھەر قايسى يۇرتلاردىكى تەبىئىي مەھەللە – رايونلاردىكى بالىلار ئارىسىدا ھېلىھەم داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئويۇنلار خېلى كۆپ. ‹‹لىڭگىرتاقتاق››ئويۇنى، ‹‹سار ئالدى›› ئويۇنى، ‹‹ئاق تاش، كۆك تاش›› ئويۇنى، ‹‹تاققا – تۇققا›› ئويۇنى، ‹‹دۈم – دۈم – دۈم، لەببەي – لەببەي››(مۆكۈشمەك) ئويۇنى، ‹‹يامغۇر ياغىلاق›› ئويۇنى، ‹‹ئاپتاپ چىق›› ئويۇنى، ‹‹چۆچۈرەڭ قاينايدۇ›› ئويۇنى، ‹‹مېھماندارچىلىق››(ئاغىچا – ئايلام) ئويۇنى، ‹‹لەگلەك ئۇچۇرۇش›› ئويۇنى قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالى. بۇلارنى ئىنچىكە كۆزەتسەك، ئۇلارنىڭ بالىلارنىڭ ئەتراپلىق تەربىيىلىنىشىدە ئىنتايىن چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.
يەنە ۋاللەي، دىينبو تىشاڭ دەمدۇ خەنزۇچىسىنى؟، ھەربى-دۈشمەن، دىگەندەك يۈگرەش خارەكتىردىكى ئويۇنلار بەدىنىمىزنى تاۋلايتى.يىزىلاردا ئوينايدىغان <<ئالما توپ>> ئىشەك مىندى دىگەندەك ئويۇنلارمۇ بارتى.
دەرەخ ئۈستىدىن چۈشمەي قوغلاشماق ئويناپمۇ قوياتتۇق ئاتا-ئانىمىزنىڭ تىللىشىدىن ياكى بىر يىرىمىزنى سۇندىرىۋىلىشىمىزدىن قورقمىساق
قىزلارغۇ مىھماندارچىلىق ئويۇنىدىن باشقىنى بىلمەيتى جۇما.
كۆپىنچىسىنىڭ رەسىملىرىنى تاپالمىغاچقا تۆۋەندىكى مۇنبىرىمىزنىڭ كونا ئەزاسى <<مۇز ئەرۋاھ>> يوللىغان بالىلىقىمىزنى ئەسلىتىدىغان رەسىملەرنى ھەم پارچىلارنى يوللاپ قويدۇم. بۇرۇن يوللانغان بولسىمۇ لىكىن ئۇ ئەزا چەكلەنگەچكە بۇ تىما كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ.شۇڭا قايتىدىن يوللاش قارارىغا كەلدىم ھەم باشقا مەزمۇنلارنى ۋە پولات تۇرسۇننىڭ <<ناننى سىغىندىم>> دىگەن ناھايىتى مۇڭ ناخشىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
بۇنى قەشقەرلىك بالىلار بەكىرەك ئوينايتۇق.
ھىلىمىۇ ئىسىمدە لەلگەك ئۇچىرىمەن ئالغان يىپلىرىمنىڭ ئۇزۇنلىقى يەر شارىنى بىر قىتىم يۆگەشكە يىتەرمىكىن؟
ماۋۇ چاقىپەلەك سارغايدى ئويۇنىنى راسلام مەنمۇ ئويناپ باقمىغان
ماۋۇ ئويۇننىڭ تارىخى بەك ئۇزۇنغۇ دەيمەن؟ يەنى قەدىمقى ئۇرۇشلاردا جىق پايدىلانغان بۇ ئۇسۇلدى، ھازىرمۇ يەسلىلەردە بار.
مانا ....بالىلىقمىدا ئىشلەتكەن ئوقۇش قۇراللىرى قۇتىسى....بىز ئۇنى چەنبىخو دەپ قوياتتۇق.....
مانا بۇ بىزنىڭ بالىلىق ۋاقتىمىزدىكى ھەممىمىز ئوينىغان ئويۇن ....بىز بالىلىقتا ئۇنى موگو دەپ قوياتتۇق...
بالىلىقىمىزدا مۇشۇنى كۆتۈرۈپ ئوغرى ساقچى ئوينايتتۇق....
مانا ماۋۇ بىزلەر ئوينىغان ئويۇنچۇق پاقا.....يان تەرىپىنى تولغاپ قويسا سەكرەيدىغان.....
.
مانا بۇ بىزلەر ئوينىغان بىر خىل ئۇيۇن كارتا، بىزلەر <<چو>> دەپ قوياتتۇق....تىزىپ قويۇپ يەرگە ئۇرۇپ ئۆرۈپ ئوينايدىغان.....
مانا بەزىدە چىرايلىقلىقىنى دەپ ئىشلەتمەي قىزلارغا سوۋغا قىلىدىغان....پۇرىقى چىرايلىق بولسا پەخىرلىنىدىغان ئۆچۈرگۈچلەر......
بۇ بولسا بالىلىقمىزدا ئوينايدىغان <<پروزا>>........
بىزلەر ئوينايدىغان سۇ تاپانچىلىرى مۇشۇنداق ئىدى.......
بىزلەر بالىلىقتا كۆرگەن ، خەجلەپ باققان پۇللار.......
بۇمۇ بىز ئوينىغان نادىر ئويۇنلار.....
داۋاملىق 30 ئادەملىك قىلىپ قويۇپ پۈتۈنلەي ئازات قىلساقمۇ يەنە ئوينىسائوينىغۇمىز كېلىدىغان <<رامبو>>
مانا توۋەندىكى بۇ رەسىمدىكى بالا تاشتىن باشقا نېمىگىلا ئۈسسە ئۆلۈپ قالىدىغان بالا....<<سەي موگو>>
بۇ مانا.....باشلىقىنى قوغداپ تۇرمىسا ئىككىلىسى پارتلايدىغان،50-مەيداندىن ئۆتۈپ 100-مەيدانغا بارسىمۇ ئاخىرلاشمايدىغان ئويۇن-تانكا
بالىلىقىمزدا تېلىۋېزورنىڭ ئالدىدا كەچ سائەت ئالتىلەردە مۇشۇنداق بالداقلارغا قاراپ پروگرامما باشلىشىنى كۈتەتتۇق...
قارا باستى ئويۇنى، دۈم-دۈم دەپمۇ ئاتىلىدىغۇ دەيمەن
قارىغۇ چاشقان ئويۇنى
مېھماندارچىلىق ئويۇنى
تەپكۈچ ئۇيۇنى
قوشماق ئاداش ئويۇنى
چېلىشىش ئويۇنى
مانا ھازىر چوڭ بولدۇق.......چوڭ بولساقمۇ لېكىن بالىلىقىمزنى ئەسلىگەندە شۇنچە تاتلىق شۇنچە ياخشى ئەسلىمىلەر خىيالىمىزغا كېلەلەيدۇ..... ھازىرقى بالىلار بۇنداق ئويۇنلارنىڭ لەززىتىنى تېتىپ باقالمايدۇ.....تېلىۋۇزۇردا شۇنداق بالداقلارنى ئەمەس تۈگىمەس ئېلانلارنى كۆرىدۇ
.....ئەمما.....
<<مېنىڭچە بىزلەرنىڭ تۇغۇلغان دەۋرىمىز ھەقىقەتەن ئالاھىدە دەۋر،بۇ دەۋر باشقا ئىشلاردا ئەمەس بەلكى كۆپ ئالمىشىش،كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتەلىگەنلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە.
بىز نامرات دەۋر ۋە باي دەۋرنىڭ چىگرىسىدىن ياشاپ ئۆتتۇق،مىللىي مائارىپ ۋە دۆلەت تىلى مائارىپى چىگرىسىدا ياشاپ ئۆتتۇق.ساپ دەۋر ۋە بۇلغانغان دەۋرنىڭ چىگرىسىدىن ئۆتتۇق.ۋىجدان بىلەن ياشاش دەۋرى ۋە پۇل ئۈچۈن ياشاش دەۋرىنىڭ چىگرىسىدىن ئۆتتۇق،ئەخلاق ئادەملىرى دەۋرى ۋە ئەخلەت ئادەملەر دەۋرىنىمۇ بېسىپ ئۆتتۇق،ئەلۋەتتە،ئىككى ئەسىرنىڭ چىگرىسىنىمۇ بېسىپ ئۆتتۇق.
بىزلەر ‹‹ئويغانغان زېمىن››،‹‹لېيىغان بۇلاق››دېگەندەك كىتابلارنى ئوقۇيتتۇق،كېيىن دەۋرىمىزگە ماس بولغان ‹‹پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى››،‹‹زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز››،‹‹كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى››دېگەندەك ئەسەرلەرنىمۇ ئوقۇدۇق،شۇنداق ،ھەممىسى ناھايىتى بەلەن ئەسەرلەر،لېكىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇن ئاسمان زېمىن ئوخشىمايدۇ،بۇرۇن ‹‹پولات قانداق تاۋلاندى››،‹‹قىزىل قىيا››،‹‹تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن››لارنى كۆرەتتۇق،ھازىر‹‹يەنە بىر كۆرسەم››،‹‹رومانتىك داچا››دېگەندەك بىر نىمىلەرنى،ھەتتا ئامرىكىنىڭ ،كورىيەنىڭ ،ياپونىيەنىڭ، تاپالىساق ئۆز مىللىتىمىزنىڭ سېرىق فىلىملىرىنى كۆرىمىز،شۇنداق،ھەممىسى تەربىۋىي ئەھمىيىتى بار كېنولار.ئوخشىمايدىغىنى بولسا تەربىيە قىلىش مەزمۇنى ئوخشىمايدۇ،بىز تېلىۋۇزۇرغا چېتىپ ئوينايدىغان ‹‹رامبو(خوڭدۇلۇ مۇ دەپ قۇياتتۇق) ،موگو››قاتارلىق ئويۇنلارنى ئوينىغاننىمۇ كۆرگەن،ھازىر بولسا مۇھەببەتنىڭمۇ كارۋات ئۈستىدە ئىشلارنىڭ ئويۇن بولۇپ قالغىنىنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز.بىز مۇشۇنداق دەۋردە تۇغۇلغانلىقىمىز ئۈچۈن ھەم پەخىرلىنەرلىك،ھەم نومۇس قىلارلىق ئەۋلاد.>>(يۇقارقى پارچە ساراڭنىڭ خاتىرىسى ناملىق پوۋىستتىن ئېلىندى)(يۇقارقى پارچە ساراڭنىڭ خاتىرىسى ناملىق پوۋىستتىن ئېلىندى)
ھازىر ئاساسلىق ئويۇنلىرىمىز (دىبا، ۋاڭبا جۇبا ) دىگەندەك با با لاردىلام بولىۋاتىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 09:29 PM