پاخپاقنى يوشپەي دەپ تازا ئويناتتىم .. ئاكام مەندىن جىق ئۇتىۋالسا مېنىڭكىنى تۆلە دەپ تازا يىغلايتتىم .. مۆكۈ مۆكۈلەڭ دېگەننى يېرىم كېچىگىچە ئوينايتتۇق ، قىشتا ئوينىسا بەك ياخشى ، قار دۆۋىلىرىنىڭ كەينىلىرىگە مۆكۈپ تازا ، ئىشقىلىپ باش مەلىدىن ئاياغ مەلىگىچە ، ھەتتا نەچچە مەھەللە ئاتلاپ مۆكۈپ قوياتتۇق ، ئۆزىمىز جانبۇشىششىلاڭ دېمىگۈچە تاپالمايتتىدە
يەنە ئاۋۇ دۈ دۈم دۈم لەبەي لەبەي بەك ئامراقتىم بوۋام بىلەن ئوينىغىلى ، يەنە تېخى ئاكامنىڭمۇ كىچىك ۋاقتى مېنى كىرئالغۇغا سېلىپ قويغىنىچۇ ، پاكىز بوپ چىقىسەن دەپ ھى ھى ھېلىمۇ توكقا چاتمىغانىكەن بولمىسا ھازىر نەدىتىم مەن
ئاپام ئىشتىن كېلىپ شۇنداق قورقۇپ يىغلاپ كەتكەنتى ، نەپەس يېتىشمەي ئۆلەي دەپ قالغانتىم ، ئەمدى ئويلىسام كۈلۈپ كېتىمەن