مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1163|ئىنكاس: 34

قەترىدىكى دېڭىز (كەترەن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 2742
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7500
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 3486 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 02:38:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەترىدىكى دېڭىز


«ئۆيدە ئولتۇرغان ئايال» توغرىسىدا

نۇرئىمانگۈل ئىدىرىس


mmmmmmm.gif


مەن «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 1- سانىنى قولۇمغا ئېلىپ، يېڭى يىللىق ئۆزگىچىلىكلەردىن ھوزۇرلانغان ھالدا مول مەزمۇنلۇق ئېسىل ئەسەرلەرنى زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. ئەسەلەر ئىچىدە ئۇستاز ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئائىلە ئاياللىرى توغرىسىدىكى ئويلىرىنى ئېسىل پىكىر دۇردانلىرى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەپ بەرگەن «ئۆيدە ئولتۇرغان ئايال» ماۋزۇلۇق ئەسىرى ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى. مەزكۇر ماقالىدە ئاپتور تارىخ بىلەن رېئاللىق ھېس قىلدۇرغان مەنىۋىي كامالەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ماددىي باياشاتلىق، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىيلىقنىڭ بىرلىكىدىكى تاللاش پەيتلىرىدە، ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان كىرزىس ــ ئېرىشىش بىلەن مەھرۇم قېلىش ھەققىدىكى ماھىيەتلىك مەسىلە ھەققىدە ئىخچام، چوڭقۇر، ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ، كۆپىمىز ھېس قىلىپ بولالمايۋاتقان ئەڭ نازۇك ئىچكى مەنىنى ئېسىمىزگە سالغان ۋە نېمە قىلىش ھەققىدە كەسكىن جاۋاپ بەرگەن.
«ئەنئەنىمىزدە ئاياللار ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالىلارنى باقىدۇ، ئەمما كۆپى ساۋاتسىز قالغان» ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشتى. ئاپتورنىڭ قارىشى ھەم ھەممەيلەننىڭ ئارزۇيىمىز بويىچە بۈگۈنكى كۈندە «ئاياللار سۈپەتلىك تەربىيە كۆرگەن، پاكىزە، ئەقىللىق پەرۋىشكار سۈپىتىدە ئائىلىنى ئىللىق بىر مەكتەپكە ئايلاندۇرالىسا، ئەرلەرنىڭ تاپاۋىتى ئائىلىنى قامدىسا، ئاياللار خالىسا جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت- مائارىپ، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا يېقىندىن ئارىلاشسا، ئاندىن ھەركىم ئۆز يولىنى تاپقان بولسا ياخشى بولاتتى». يېقىنقى مەزگىللەردە ئاياللار دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان ھالدا ئۆز قابىلىيىتى ئارقىلىق كىشىلىك قىممىتىنى يارىتىش ئېھتىياجى، مۇھىمى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، «ئۆزىنىڭ كۈنىنى ئالايدىغان بولۇش» زۆرۈرىيىتىدىن ئائىلىدىن ھالقىپ جەمئىيەتنىڭ پائالىيەتلىرىگە يۈزلەندى. نەتىجىدە يۇقىرىقىدەك ئېھتىياجلار قاندۇرۇلغاندىن سىرت، ئاياللارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ «چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا» بولماستىن، بەلكى ئەرلەر بىلەن ئوخشاش قابىلىيەرلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىندى. ئەمما، ھەر قانداق ئىش ئىككى تەرەپلىمە ماھىيەتكە ئىگە بولغىنىدەك، بۇ خىل يۈزلىنىش ئاياللارنىلا ئەمەس، ھەممىمىزنى بەزىبىر نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلدى.
تۇرمۇشنىڭ ئومۇمىي دائىرىسىدىكى مەسئۇلىيەت، مېھرى- مۇھەببەت، ئېتىقاد ماھىيەتتە ئۆيدە ئولتۇرغان ئايالنىڭ ۋاقتى، پەزىلىتى، دىت- ئەقلى، دىيانىتى، ھىممىتىنىڭ مەھسۇلى. بۈگۈنكى كۈندە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاياللارنىڭ ۋاقىت تەقسىماتى ئىنچىكە، پائالىيەت رېتىمى تېز بولغاچقا، ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال چارچاشنىڭ زەربىسىگە دۇچ كېلىپ، ئاياللارنىڭ بۇرچى ۋە ھوقۇقى ھېساپلانغان بالا بېقىش، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش ئىمكانىيىتىدىن بىر قەدەم يىراقلىدى. ئانىلارنىڭ ئېسىل پەزىلەت ئاتا قىلىدىغان قىزغىن مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، باشقىلارنىڭ بېقىشىغا، تەربىيەلىشىگە تاپشۇرۇلغان بالىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئازغۇنلارنىڭ سانى ئاۋۇپ باردى.
ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئېسىل مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمى ھېساپلىنىپ، تۈرىنىڭ كۆپ خىللىقى، تەمىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن تەرىپلەنگەن، ھەممەيلەننى ئىپتىخارلاندۇرغان يېمەك- ئىچمەكلىرىمىز ئەسلىدىنلا ئۆيدە ئولتۇرغان ئايالنىڭ بۈيۈك كەشپىياتى ۋە قىممەتلىك سەنئەت ئەسىرى ئىدى. ھازىر ئاياللارنىڭ ۋاقىت قىستاڭچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۆيدە قازان ئېسىلمايدىغان ئەھۋال كۆپەيدى ياكى تەييارلىماق ئوڭاي، ئىتتىك پىشىدىغان تاماقلار كۈندىلىك ئىستېمال دائىرىسىنى ئىگەللەپ، كۆپىنچە تاماق تۈرلىرى ئۇنتۇلۇشقا يۈزلەندى.
ئاياللارنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ، مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى، مۇقىم ئىقتىسادىي كىرىمغا ئېرىشىشى بىلەن «ئورمىچى ئورمىچىنى كۆرسە ئورغىقىنى بېلىگە قىستۇرىدۇ» غان ھالەت شەكىللىنىپ، ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاجىزلاپ، ھورۇنلۇق، چۈشكۈنلۈك، بېقىنىش، ئەقىدە- ئېتىقادسىزلىق پىسخىكىسى شەكىللەندى.
ئەرلەرنىڭ تاپاۋىتىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان ئائىلىلەردە بارىغا شۈكرى قىلىناتتى. ئاياللار ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، بىر قىسىملىرى «باشقىلار نېمە دەپ قالىدۇ» دېگەنگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگەچكە، ئىسراپخورلۇق، مەنمەنچىلىك، ھەشەمەتچىلىك، بەسخورلۇق ئىللىتى باش كۆتۈردى ۋە ئەتراپتىكى ئىجتىمائىي مۇھىتقا ئەكىس تەسىر كۆرسەتتى.
ئىنسان پىسخىكىسىدىكى قانائەتسىزلىكتىن ئىبارەت ئورتاقلىق تەسىرىدىن بولسا كېرەك، ئۆزىدە بارنىڭ قەدرىنى بىلمەي باشقىلارغا ھەۋەس قىلىدىغان ئەھۋاللار ئاياللارنىڭ دۇنيا قارىشى، قىزىقىشى، تاللىشىغا روشەن تەسىر كۆرسەتتى. ئۆيدە ئولتۇرغان ئايال ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي، كەسپىي خادىمى بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان مۇقىم مۇئاشلىق ئاياللارنىڭ مۇستەقىل كىرىمىغا، ئەركىن- ئازادە ياشاش ئۇسۇلىغا، كىيىنىشىگە ھەۋەس قىلىپ، ئۆزىنىڭ قابىلىيەتسىزلىكى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چەكلىشى ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىشسىز قالغىنىغا ھەسرەتلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزىدىكى ۋاقىت ئىمكانىيىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ «بىلىم- ئېتىقادى ئارقىلىق ھۆسنىي گۈزەللىكىنى ۋايىغا يەتكۈزىدىغان مەنىۋىي قۇدرەتكە ئېرىشىشكە» ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار ئۆيدە ئولتۇرغان ئاياللارنىڭ ھەر خىل بېسىمدىن خالىي ئازادە تۇرمۇشىغا قىزىقىدۇــ يۇ، ئەمما، «ئىككى نان تاپسا بىرىدە داپ چېلىش» تىن ساقلىنىپ، ئۆزىدىكى پۇرسەتنى ئىزدىنىشكە، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا، ئىقتىسادىي كىرىمىنى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا مۇۋاپىق سەرپ قىلىپ مەنىۋىي ھوزۇر ئېلىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.
ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلىشى تارىخىمىزنىڭ ئومۇمىي جەريانىدا سېلىشتۇرغاندا يېڭى تۈر بولغاچقا، ئىنچىكە ئويلىنىش، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ خاسلىقىغا ئۇيغۇنلاشقان، مۇقەددەس بۇرچىنى ئازادە كەيپىياتتا كۆڭۈللۈك ئادا قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىلىدىغان، ھەممەيلەننىڭ ئورتاق مەنپەئەتىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، قىسقىسى «كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان، زىخمۇ كۆيمەيدىغان» يەنىمۇ ئۈنۈملۈك، ئاقىلانە ئىمكانىيەتلەرنى تېپىپ چىقىش تامامەن مۇمكىن.
رېئاللىقىمىزدا ئەرلەر ئەركەكلىك مەسئۇلىيىتىگە قايتالىسا؛ ھەقىقىي مەنىدىكى ئۆيدە ئولتۇرغان ئايال ئوقۇمىغان، بىلىمسىز ياكى ئىش تاپالمىغان ئايال ئەمەس، بەلكى ئاپتورنىڭ تەشەببۇسىدىكى ئۆزىگە بۇيرۇلغان ئوقۇشتىن ئىبارەت ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلىغان، غورۇر- ئىززەتنى ھەممە نەرسىدىن ئەلا بىلىپ، بالىلىرىنى ئېتىقادلىق، ئەخلاقلىق، بىلىملىك قىلىپ تەربىيەلەيدىغان ھەقىقىي ئانا بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، مېھرى ئارقىلىق بالىلىرىغا مۇھەببەت ئۆگەتكەن، ئەرلەرگە مەدەت بەرگەن، ئائىلىنى ھارام ۋە مەكرۇدىن ساقلىيالايدىغان سۆيگۈ سەنئەتكارى ۋە ۋاپا قەھرىمانى بولالىسا، كۆپ ئەسىرلىك تاللاشنىڭ نەتىجىسى بولغان جىنىس پەرقى بويىچە شەكىللەنگەن ئىش تەقسىماتىنىڭ قىممىتى يەنىمۇ يۈكسەك مەنزىلىمىزنى ياراتقان بولاتتى.

ئاپتور: قاغىلىق ناھىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن

مۇھەررىرى: گۈلباھار ناسىر


مەنبەسى: شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى 2012- يىللىق 6- سانى

كومپىيۇتېر ئالدىدا: كەترەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-9 04:58 PM  


psbCA9LS8ED.jpg
ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yawa-xir + 155 .......................
zvmrat + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
pasil + 97 تەپەككۇرى كۈچلۈك
rizwangul0995 + 110 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 462   باھا خاتىرىسى

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 730
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3727
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 369 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 03:12:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ....تېما بۇلا مۇشۇندا بۇلا ،بۇنداق تېما قىس بۇ مۇنبەردە ...بۇ تېمىدىن مەن ئۆيگە بىرنى ئالدىم ئىككىنى ئالدىم...يەنە يەتمەي....پاھۇ  قولىڭز نىمانداق چاققان ھوي سىزنىڭ ...مۇنبەرگە كىرىپ بولغىچە تېمېڭز چېقېپ بولدى....‹.چاق چاق ھە ›رېئاللىقىمىزدا ئەرلەر ئەركەكلىك مەسئۇلىيىتىگە قايتالىسا؛ ھەقىقىي مەنىدىكى ئۆيدە ئولتۇرغان ئايال ئوقۇمىغان، بىلىمسىز ياكى ئىش تاپالمىغان ئايال ئەمەس، بەلكى ئاپتورنىڭ تەشەببۇسىدىكى ئۆزىگە بۇيرۇلغان ئوقۇشتىن ئىبارەت ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلىغان، غورۇر- ئىززەتنى ھەممە نەرسىدىن ئەلا بىلىپ، بالىلىرىنى ئېتىقادلىق، ئەخلاقلىق، بىلىملىك قىلىپ تەربىيەلەيدىغان ھەقىقىي ئانا بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، مېھرى ئارقىلىق بالىلىرىغا مۇھەببەت ئۆگەتكەن، ئەرلەرگە مەدەت بەرگەن، ئائىلىنى ھارام ۋە مەكرۇدىن ساقلىيالايدىغان سۆيگۈ سەنئەتكارى ۋە ۋاپا قەھرىمانى بولالىسا، كۆپ ئەسىرلىك تاللاشنىڭ نەتىجىسى بولغان جىنىس پەرقى بويىچە شەكىللەنگەن ئىش تەقسىماتىنىڭ قىممىتى يەنىمۇ يۈكسەك مەنزىلىمىزنى ياراتقان بولاتتى  ماڭا بەك تەسىر قىلدى ...ھارمىغايسىز....سىزنىڭ خىزمەت ئىېشىدىن ئېشىنىپ بۇنداق ئىسىل تېمىلارنى يوللىغىنىڭزغا تەشەككۈر....

ئۇيغۇر بىز ئۇيغۇردەك ياشا...

ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 617
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5270
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 1906 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 03:17:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە ئۆيدە ئولتۇرغان ئاياللار ئىشلەيدىغان ئاياللاردىن ياخشى(شەخسى قاراش...)
بولمىسا ھازىرقىدەك يولدىشى ھەم بالىسىنى سىرتتىكى تاماقخانىغا بۇيرۇپ قويۇپ،ئۆزى
ئسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ ئولتۇرىدىغان گەپ...ھەي.....ئۆزەمنى دەۋاتىمەن.......
بەزىدە ئويلاپ كېتىمەن : ئەر كىشى بولۇپ قالغان بولسامچۇ،ئايالىم ئىشتىن چۈشۈشۈمگە
لەغمەن،سۇيقاش،چۆچۈرە،پولو......دىگەندەك تاماقلارنى ئېتىپ مېنى ساقلاپ ئولتۇرسا،
كۆزىنىڭ تېگىگە قارىشىپ ئولتۇرۇپ مەززە قىلىپ يىيىشسە......ئاللا نىمىدىگەن بەختلىك ھە...
مانا ھازىرقىدەك چۈشلۈك دەم ئېلىش بىر يېرىم سائەتكە قالغان ۋاقىتتا،تاماق ئېتىپ
ئۈلگۈرتۈشمۇ بىر گەپتە...يا ئائىلە خىزمەتچىسى تاپقىلى بولمىغان.....ئائىلە خىزمەتچىلىگىنى
بىللىلا ئۈستىگە ئالىدىغان خوتۇندىن يەنە بىرنى ئېلىپ بېرىدىغان گەپمىكى يا...
............ئەرلەر ما گەپنى ھەرگىز ئاڭلاپ قالماڭلار...................
ئىشقىلىپ،ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئىبادىتىنى جايىدا قىلىپ ، ئېرى ھەم بالىلىرىنىڭ ھاجىتىدىن
ۋاقتىدا چىقالايدىغان ئاياللارغا قاتتىق ھەۋەس قىلىمەن........ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xatuti تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-9 06:11 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
pasil + 68 ماختاشقا تېگىشلىك
rizwangul0995 + 10 ئۇخشاش قاراشتا

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 78   باھا خاتىرىسى

ئىشىڭنى قىل.................!

باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 2742
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7500
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 3486 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 03:31:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xatuti يوللىغان ۋاقتى  2012-10-9 03:17 PM
مېنىڭچە ئۆيدە ئولتۇرغان ئاياللار ئىشلەيدىغان ئاياللا ...

ئوخشاش قاراشتا ئىكەنمىز. ئورۇن تالىشىش مەسىلىدىن كېلىپ چىققان ئېرىشىش ۋە مەھرۇم قېلىشلار بەزى ئاياللارنى خېلىلا چۆچۈتۈپ قويدى مەنچە. جەمئىيىتىمىزدىكى ئاجرىشىشتىن ئىبارەت ۋەھشىي كىرزىسىنىمۇ جەمئىيەتتىكى ئورۇن مەسىلىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. شۇڭا مېنىڭچىمۇ ئەر كىشى ئەردەك، ئايال كىشى ئايالدەك بولغىنى ياخشى.

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 599
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 847 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 03:44:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيدە ئولتۇردىغاننى ئېلىش كېرەكمۇ ياكى ئىشلەيدىغاننىمۇ،  
ھەجەپ قاتتى ما باش، يەنىلا بىرمەزگىل قاراپ باقاي جۇما........

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85839
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 62
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-10-8
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 03:51:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭمۇ توي قىلغاندىن كېيىن خىزمەت قىلغۇم يوق. ئائىلىدە ئىبادىتىمنى قىلىپ، يولدىشىمنىڭ خىزمىتىنى جايىدا قىلىپ، ئۇنى رازى قىلغۇم بار. ئايال كىشىگە بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخىت بولامدۇ؟

باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 2742
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7500
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 3486 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 03:58:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sebde يوللىغان ۋاقتى  2012-10-9 03:51 PM
مېنىڭمۇ توي قىلغاندىن كېيىن خىزمەت قىلغۇم يوق. ئائىلىد ...

توغرا دەيسىز، ئايال كىشى ئۆينىڭ بېشى، ئۆي ئىشلىرى ۋە بالا تەربىيەلەش، ئېرىنى رازى قىلىش ئايال كىشىنىڭ ئەڭ بۈيۈك مەسئۇلىيىتى ھەم بەختىدۇر....

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1994
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19160
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7470 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 03:59:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ئاياللار سىرىتقا چىقىپ ئىشلىسە ، ئەرلەر پىسخىكا جەھەتتە نۇرمالسىزلىشىپ ، ھورۇن لىشىپ كىتىدۇ ، بەلكىم بۇ  ...........  نىڭ بىرقىسى بولسا كىرەك .   ئەرلىرى خاراپلاشقان مىللەتنى بويسۇنماق ئوڭاي .




ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1744
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 04:02:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايالغا بىر بىلەت !

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2889
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1818 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 04:08:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تېمىدىن بىرنى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-9 04:27 PM  


كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ“ (سۈرە«زەلزەلە»، 7-، 8-ئايەت)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش