مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 979|ئىنكاس: 15

خەير -خوش،توردىن باشلانغان مۇھاببەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4802
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 50990
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 09:40:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 شۇ قېتىمقى ‹‹ ئىشىكنى نېمىشقا ۋاقتىدا ئاچمايسەن›› دېگەننى باھانە قىلىپ ،ئورۇنسىزلا يېگەن تايىقى، ‹‹شوۋىچىنىڭ قىزى، قەلەندەرنىڭ قىزى......››دېگەنگە ئوخشاش ھاقارەتلىك تىللار قەلبىگە زىدىلىك بىر جاراھەتنى پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭسىزمۇ مۇشۇ يېقىنقى بىرنەچچە يىللاردىن بېرى كۆڭلى سۇ ئىچمەي، ھەسرەتلىك تىنىپ،دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ كېلىۋاتقان رەنانىڭ قەلبىدە ئېرىگە نىسپەتەن يەنە بىر كۆڭۈلسىز تامغا بېسىلغان ئىدى، ئېرىنىڭ كۈلۈشنى تەرك ئەتكەندەك داۋاملىق تۈرۈكلۈكلا تۇرىدىغان مۇز يېغىپ تۇرىدىغان قاپاقلىرى، ھېرىپ -چارچاپ كەتسىمۇ، ئاغرىپ قالسىمۇ ‹‹ نېمە بولدىڭىز ؟›› دەپ بىر ئېغىز سوراپ قويماسلىقلىرى، ھېيت -بايرام كۈنى دېگەنلەردە <<بۇغداي ئېشىڭ بولمىسىمۇ ،بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ ؟››دېگەندەك ‹‹مۇبارەك بولسۇن››دېگەن بىر ئېغىز سۆزنىمۇ ئايىشى،ئۆيگە كىرسىلا كومپيوتۇر ئالدىدا مىدىرلىماي ئولتۇرۇشلىرى، سىرتقا چىقسا سورۇندىن ياكى قارت سورۇنىدىن كەلمەسلىكى،كىچىك ئوغلىغا چىرايلىق تەربىيە بېرىش ئورنىغا گۈپۈرلتىپ ئۇرۇپ كېتىشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ،بۇ قېتىمقى تاياق رەناغا بەك ھار كەلگەن ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ كاللىسىدا‹‹ ئاجرىشىپ كېتىش››دېگەن بىرلا سۆز ھۆكۈمىران ئورۇنغا ئۆتىۋالدى، ئۇ ‹‹ ئاجرىشىپ كېتەيلى ›› دېگەن سۆزنى ئېرىگە ئېيتقاندا ،ئېرى گەپ -سۆز قىلماي جىم تۇرىۋالدى،ئاجرىشىپ كېتىش توغرۇلۇق يەنە بەكراق كۈچەپ بېقىشنى ئويلىدىيۇ ،بىراق ئىككى بالىسىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ يىتىملىك كوچىسىدىكى سەرسانە بولغان قىياپىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ،كۆزلىرىدىن يۇم -يۇم ياشلارنى تۆكۈپ تۇرۇپ قالدى، بولۇپمۇ قىزىنىڭ :

 - جېنىم ئاپا، خاپا بولماڭ ،دادامنىڭ مىجەزى بەك ئېغىر، دادام ئۈچۈن مەن سىزدىن ئەپۇ سوراي، بىزنى يېتىم قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ قولىغا تەلمۈرۈپ قاراپ قالىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويماڭ، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي......بىز ھەرگىزمۇ يېتىم بولۇپ قالمايلى.....- دەپ يىغلاپ تۇرۇپ يېلىنىشىدىن يۈرىكى شۇرقىراپ ئېقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالغان رەنا ،يەنە ئۆزىنى بېسىۋالدى،ئېرى ئۇنىڭغا ‹‹ كەچۈرۈڭ ›› دېگەن سۆزنىمۇ قىلمىدى، ئۇمۇ ئېرىدىنىڭ بۇنداق سۆزلەرنى قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەيتتى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئاجرىشىپ كەتمىدى، لېكىن ئىلگىرىدىنلا بار بولغان نېپىز بىر قەۋەت تام تېخىمۇ قېلىنلاپ كەتكەن ئىدى.رەنا ئىچىدە ‹‹توۋا، نېمە بولغاندۇ ئۇنىڭغا؟ بۇرۇن ئۇنداق ئەمەس ئىدى، مۇشۇ بىرنەچچە يىللادىن بېرى مىجەزى ئۆزگۈرۈپ ئەجەپ غەلىتى بوپ قالدىيا...؟››دەپ ئويلايتتى، دېمىسىمۇ يولدىشى بۇرۇن ئۇنداق توڭ ئەمەس ئىدى، رەناغا خېلى كۆيىنەتتى، مۇشۇ ئۈچ -تۆت يىللاردىن بېرى مىجەزى ئەنە شۇنداق ئوساللىشىپ كەتكەن ئىدى،شۇڭا رەنامۇ ئېرىگە ئوچۇق -يورۇق چىراي ئاچماس بولۇپ قالغان ئىدى،بەلكىم بىر ئۆيدە تۇرىۋەرگەندىن كېيىن بىر -بىرىگە تويۇنۇپ قېلىپ ،شۇنداق بولۇپ قالدىمىكىن .

 شۇ قېتىمقى سۈركىلىشتىن كېيىن  ئەر -ئايال ئىككىسىنىڭ گەپ -سۆزلىرى تېخىمۇ بەك ئازلاپ كەتكەن بولۇپ، بەزى كۈنلىرى ھەتتا قىلىشقان سۆزلىرى ئىككى-  ئۈچ جۈملىدىنمۇ ئاشمايتتى.شۇنىڭدىن باشلاپ رەنا قىزىنىڭ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ياساش يۈزىسىدىن ئۆگىتىپ قويغان  كومپيوتۇردا تورغا چىقىش ئارقىلىق ئۆزىگە ئەرمەك تېپىشقا  قىزىقىپ كەتتى،ﺋﯘ قىزى ئېلىپ بەرگەن،سۆزلىشىشنى ئۆگىتىپ قويغان  چ چ دا سۆزلىشىش ۋە ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛش، ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﻩ ئانچە - مۇنچە ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻳﯧﺰﯨش ،ئويۇن ئويناش...قاتارلىقلارغا باشچىلاپ كىرىپ كەتتى

 رەنا ئەمدى ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﭘﻼ ،ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻐﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ،ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ئارىلاپ ،ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰﺋﻮﻗﯘﻏﺎﭺﺋﺎﻧﭽﻪ -ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﻳﯧﺰﯨﭗﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ، كۆپىنچە ۋاقىتلارنى چ چ ﺩﺍﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ،ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩش ، چايخانىغا كىرىپ پاراڭلىشىپ كۆڭلىنى ئېچىش قاتارلىقلارغا بېرىلىپ كەتكەن ئىدى.ﺑﯘﻧﺪﺍﻕﻗﯩﻠﯩﺶﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﯘﻟﯘﭖﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ،ﺷﯘﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ھېلىقى قېتىملىق يېگەن تايىقى،ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ يەنىلا ﻛﻪﭼﻠﯩﺮﻯ  ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻱ ﻗﺎﺭﺕ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ،قاپاقلىرىنى تۈرۈپ بۇتتەك يۈرۈشلىرىگە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺧﺎﭘﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘﺋﯘﻧﺘﯘﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰﺋﺎﯞﯗﻧﺪﯗﺭاتتى .

 بۈگۈنمۇ رەنا ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻳﻪﻧﻪﺋﺎﺩﯨﺘﻰﺑﻮﻳﯩﭽﻪﺗﻮﺭﻏﺎﭼﯩﻘﺘﻰ.چ چ  مىدىراپ  ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﻘﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺵﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰﻳﻮﺭﯗﺩﻯ، ﺭﻩﻧﺎﺋﯘﻧﻰﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﻘﺎ ﻗﻮﺷﯩﯟﺍﻟﺪﻯ.

 -ﻳﺎﺧﺸﯩﻤﯘﺳﯩﺰ،ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺳﯩﺰﺑﯩﻠﻪﻥﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺴﺎﻡﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ -ﺩﻩﭖ ﺧﻪت    ﻳﺎﺯﺩﻯﻗﺎﺭﺷﻰﺗﻪﺭﻩﭖ.

  -ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،ﯞﺍﻗﺘﯩﻢﺑﺎﺭ ،- ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺩﻯ ﺭﻩﻧﺎ.

   - ﺳﯩﺰﻗﺎﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ؟- ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ.

  - ﻣﻪن شاياردىن،ﺳﯩﺰﭼﯘ؟- ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﺭﻩﻧﺎ.

ﻣﻪﻥ   قەشقەردىنﻛﻪﺳﭙﯩﻢﺩﻭﺧﺘﯘﺭ، ﺋﯩﺴﻤﯩﻢ قەيسەر ،ﺳﯩﺰﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ؟ئىسمىڭىز ﻧﯧﻤﻪ ؟- ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﻗﺎﺭﺷﻰﺗﻪﺭﻩﭖ بىراقلا جاۋاب بەرسۇن دېگەندەك.

ﻣﻪﻥﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﺪﻩﺋﯩﺸﻠﻪﻳﻤﻪﻥ،ﺋﯩﺴﻤﯩﻢﺋﺎﻳﺰﯨﺒﺎ،- ﺩﻩﭖﻳﺎﻟﻐﺎﻥﺋﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻦﺑﯩﺮﻧﻰﺩﻩﭖﺑﻪﺭﺩﻯ .
 ﺭﻩﻧﺎ ئۇ چ چ   ﺩﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎﻥ  ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻨﻼﺭﺍﺳﺖﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰﺩﻩﭖﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺘﺘﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﺸﻰﺋﻪﻧﻪﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦباشلاندى .ﺋﯘﻻﺭﺩﺍﺋﯩﻢﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙﺗﻮﺭﺩﺍﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖﺗﯘﺭﺩى.

ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺶﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖﺭﻩﻧﺎﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻧﯩﯔﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻛﻰﺋﺎﻳﺎﻟﻰﺑﯩﻠﻪﻥﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ،

ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔﺑﻮﻳﯩﺪﺍﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺑﯩﻠﺪﻯ،قەيسەر ﺭﻩﻧﺎﺩﯨﻦ 6-7 ﻳﺎﺵ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ كىچىك ئىدى،قەيسەر كەچتە ئىشلىمىگەن كۈنلىرى ئاساسەن دېگدەك تورغا چىقاتتى،ئۇلار چ چ دا بىر پاراڭلاشقىلى تۇرسا بەزىدە ھەتتا ئىككى –ئۈچ سائەت ۋاقىت ئۆتۈپ كېتەتتى،رەنا بەزىدە ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدە تارتىۋاتقان خاپىچىلىقلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەتتى، بۇنداق ۋاقىتتا قەيسەر ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ ،قىزىقارلىق چاخچاقلار بىلەن ئۇنى كۈلدۈرەتتى،چ چ دا چىرايلىق گۈللەرنى، رومانتىك رەسىملەرنى، شېئىرلارنى ئەۋەتىپ  كۆڭلىنى كۆتۈرەتتى،  بارغانسېرى ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈش قېتىم سانى كۆپىيىشكە باشلىدى،ئەگەر بىرەرسى توردا بولماي قالسا بىر –بىرىنىڭ  چ چ  سىگە سۆز  قالدۇرۇپ قويىشاتتى.

  بىر كۈنى قەيسەر رەناغا تېلىفون نومۇرىنى ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى، ئەزەلدىن چ چ دا تونۇشقان كىشىلەرگە تېلىفون نومۇرىنى دەپ بەرمەيدىغان رەنا قانداق بولۇپ قەيسەرگە تېلىفون نومۇرىنى دەپ بەرگەنلىكىنى ئۆزىمۇ ئۇقماي قالدى، شۇنداق قىلىپ  ئۇلارغا كەچلىرى ياكى شەنبە -يەكشەنبىلەردە قەيسەر دەم ئالغان كۈنلىرىلا كۆرۈشۈشتىن، ئىشلەۋاتقان ۋاقىتلاردىمۇ كۆرۈشۈشكە پۇرسەت تۇغۇلدى.

 ئۇلار شۇنداق ئالاقىلىشىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە  قەيسەر تۇيۇقسىز چ چ دا ئۆزىنىڭ رەنانى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، رەنا:

-     يوق گەپنى قىلماڭ، چىرايىنى كۆرمەي تۇرۇپ قانداقمۇ ياخشى كۆرۈپ قالغىلى بولسۇن،ئۇنداق بولمىغۇر ئويلاردا بولماڭ، بىز دېگەن كىچىك بالىلار ئەمەس ،-دېدى.لېكىن قەيسەر يەنىلا ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغۇلۇتۇپ، رەناغا داۋاملىق تېلىفون قىلىپ ياكى چ چ دا ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرۇتقىدەك گەپلەرنى قىلپ ،ئۇنىڭدىن ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان – كۆرمەيدىغانلىقىنى سوراپ ئۆتۈنۈپ تۇرىۋالدى، ئاخىرى بولماي رەنا قەيسەردىن كەلگەن تېلىفوننى ئالماي قويدى، تورغا چىققاندا چ چ نى يوشۇرۇن ھالەتتە ئېچىپ قويدى،لېكىن ئۆزى ھېس قىلمىغان ھالدا شۇنى ئېتىراپ قىلدىكى ،ئۆزىدىمۇ قەيسەرگە نىسپەتەن باشقىچە بىر خىل ئوي باش كۆتۈرۈپ قالغان ئىدى،ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىسى، پاراڭلاشقۇسى، كۆڭلىنى كۆتۈرىدىغان سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇسى كېلەتتى.

     رەنا بىرەر ھەپتىدىن ئارتۇقراق ۋاقىت  قەيسەرنىڭ  تېلىفونىنىمۇ ئالمىدى، يازغان ئۇچۇرلىرىغا ،چ چ دا قالدۇرغان سۆزلىرىگىمۇ جاۋاب قايتۇرمىدى،لېكىن بۇ بىر ھەپتە ۋاقىت ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر يىلدىنمۇ ئارتۇق تۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى،ئۇ كۆزلىرىنى <<چىڭڭىدە>>يۇمۇپ ،ھېچنىمىنى ئويلىماسلىققا تىرىشسىمۇ،كاللىسىدا ھەرخىل گادىرماچ خىياللارھۆكۈم سۈرەتتى،گويا كۈچلۈك قاينام ئارىسىغا كىرىپ قالغان ياپراقتەك چايقىلاتتى، چۆرگىلەيتتى . ئېرى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى  ھېس قىلمىغان بىلەن  ئۆزىنى كۆرمەي تۇرۇپمۇ سۆيىدىغان يەنە بىر ئادەمنىڭ  بارلىقىنى تونۇپ يەتكەن رەنا   بۇ خىل سەزگۈدىن،  تەسۋىرلىگۈسىز بەخت ھېس قىلغان ئىدى.لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئەرنىڭ ئىلكىدىكى ئايال ،ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى ئىكەنلىكىنى بۇ خىل ھېسياتقا ئالدىنىپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنىمۇ ئوبدان بىلەتتى،شۇڭا قەيسەرنىڭ تېلىفونىنى ئالماسلىق، ئۇچۇرىغا جاۋاب بەرمەسلىك ئارقىلىق ئۆزىنى بۇ خىل ھېسيات ئىسكەنجىسىدىن قاچۇرىۋاتاتتى.شۇنداقتىمۇ قەيسەردىن كەلگەن تېلىفون ۋە ئۇچۇرلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى تىلەيتتى،كۆزلىرى تېلىفوندىكى ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان نومۇرغا  تەلمۈرۈگلۈك ئىدى، ھەر قېتىم تېلىفون سايرىغاندا بىر خىل ھاياجانلىق ۋە ھودۇقۇش ئىچىدىكى روھىي -ھالەت پۈتۈن ۋۇجۇدىغا تارايتتى،. 

  بىر كەچلىكى ئاشخانا ئۆيدە تاماق ئېتىۋاتقان رەنا قىزىنىڭ :

-ئاپا ،سىزگە تېلىفون كەلدى، قارىسام ئاشخانا ئۆيدە بولغاچقا ئاڭلىمىدىڭىز،-دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ،تېلىفوننى قولىغا ئالدى ۋە قەيسەرنىڭ نومۇرىنى كۆردى.رەنا  قەيسەرنىڭ قايتا –قايتا ئۇرغان تېلىفونىنى ئاڭلىمىغاچقا قىزى ئېلىپ ،رەنانىڭ قېشىغا كۆتۈرۈپ كىرگەن ئىدى،ئەمدى ئۇنىڭغا يەنە تېلىفوندا سۆزلەشمەسلىككە باھانە يوق ئىدى.

- ۋەي ،- دېدى رەنا پەس ئاۋازدا.

-نېمىشقا تېلىفون قىلسام ئالمايسەن؟ نېمىشقا ئۇنداق قىلىسەن، مېنى نېمە بولسۇن دەيسەن.....؟- تېلىفوندىن قەيسەرنىڭ مەسلىك ئارىلاشقان ‹‹سەن››لەپ ئېيتىلغان سوئال -سوراقلىرى كەينى -كەينىدىن يېغىشقا باشلىدى. 

-ھاراق ئىچتىڭىزما؟ قېشىڭىزدا كىم بار؟- دېدى رەنا پەس ئاۋازدا.

-ئاغىينىلىرىم بار،ھاراق ئىچتىم، ئىچمەي قانداق قىلىمەن، تېلىفون قىلساممۇ ئالمىساڭ، مەندىن ئۆزۈڭنى قاچۇرۇپ يۈرسەڭ، ئىچمەمتىم....،دېدى قەيسەر.

-ھازىرمۇ تېلىفوننى قىزىم ئېلىپ قالدى، شۇنىڭغا سۆزلىشىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىم، بولدى، جىق گەپ قىلىپ خەققە ئويۇن قويۇپ بەرمەڭ،- دېدى رەنا.

-ھە،مەن خوتۇنۇمغا گەپ قىلىۋاتىمەن...ھە..ھە...،- ئۇنىڭ سوزۇپ سۆزلىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى .

- ساراڭ ،-دېدى رەنا.

- راست دەيسەن ،مەن ساراڭ،سېنى ياخشى كۆرگەن ساراڭ.... ماڭا راست سۆزۈڭنى دېگىنە، نېمىشقا شۇنداق قىلىسەن ،نېمىشقا تېلىفوننى ئالمايسەن،ئۇنداق قىلما، مەن بىر دوختۇركەنمەن، خەقنىڭ ھاياتىغا مەسئۇل بولمىسام بولمايدىكەن، ماڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالمىسۇن، سەندىن ئۆتۈنەي ،مېنى ئۇنداق قىينىما.....-دېدى قەيسەر،

-بولدى، مەس بولۇپ قاپسىز، خوش -دېدى رەنا.

- مەن ئۇنچە بەك مەس ئەمەس، ئۆزۈمنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىمنى بىلىمەن، مەن ساڭا ئەتە تېلىفون قىىلمەن، تېلىفوننى ئال،چوقۇم ئال....- دېدى قەيسەر.

رەنا ئۇنىڭ بىلەن كەچكىچە گەپ تالىشىپ ئولتۇرماي دېدىمۇ قانداق‹‹ماقۇل››دېدى.ئەتىسى رەنانىڭ قولى پەقەتلا ئىشقا بارمىدى، ئۇنىڭ كاللىسىداقەيسەرنىڭ ئاخشام تېلىفوندا قىلغان سۆزلىرى لەيلەپ يۈرەتتى.كۆزلىرى قولىدىكى تېلىفونغىلا تىكىلگەن ئىدى،تېلىفون جىرىڭلاپ قالغۇدەك بولسا يۈرىكى سېلىپ ،ئىتتىكلا قارايتتى ۋە باشقا نومۇر بولۇپ قالسا ،ئۆزىچە ئۈمىدسىزلىنىپ كېتەتتى.ئۇ ئەنە شۇنداق بۇرۇقتۇمچىىلق ئىچىدە يۈرۈپ ئىشتىن چۈشەي دېگەندە،تېلىفونى سايرىدى،ئىتتىكلا تېلىفونغا قاراپ،قەيسەرنىڭ نومۇرىنى كۆرۈپ ،يۈرىكى سېلىپ،ھاياجانلىنىپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى سەل بېسىۋېلىپ،خېلى ئۇزۇن جىرىڭلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئالدى.

- تېچلىقمۇ؟- دېدى قەيسەر.

- خۇداغا شۈكرى، ئۆزىڭىزمۇ تېچلىق تۇردىڭىزمۇ؟- دېدى رەنا.

 -تېچلىق ئەمەس، ئاشقازىنىم ئاغرىپلا تۇرىدۇ،مىجەزىم يوق،- دېدى قەيسەر.

 - ھاراقنى جىقراق ئىچىڭ،ئاشقازىنىڭزغا پايدا قىلىدۇ،- دېدى رەنا.

-شۇنداق قىلمىساممۇ بولمايدىكەن،ئاشقازىنىم بەك ئاغرىپ كەتسە ئۆلەمەن شۇ،-دېدى قەيسەر.

-ساراڭ، سىزگە بىر يەردىن ئۆلۈم خەۋىرى كەپتىمۇ؟ نېمانداق ئاغزىڭىزنى ئۈشتىسىز،-دېدى رەنا.

- مەن ياخشى كۆرگەن ئادەم تېلىفونۇمنىمۇ ئالمىسا، ئۇنىڭ بىرەر ئېغىز گېپىنى ئاڭلاشمۇ مەن ئۈچۈن شۇنداق تەس تۇرسا،ئۇ مېنى ياخشى كۆرمىسە....شۇنداق بولغاندىكىن نېمە بولسام بولمامدىم،-دېدى قەيسەر.

-قالايمىقان گەپ قىلماڭ،- دېيەلىدى رەنا، قەيسەرنىڭ بۇ گېپىدىن ئۇنىڭ يۈرىكى سېلىپ كەتكەن ئىدى.

- مەن سېنى ‹‹سەن ›› دەۋەردىم ئادەم چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن ئادىمنى ‹‹سەن ›› دەيدۇ، ئۇنداق قىلما، سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قىينىما،سېنى ياخشى كۆرۈشۈم گۇناھمۇ، دەپ باقە،بىر ئەرنىڭ بىر ئايالنى ياخشى كۆرىشىگە بولمامدىكەن...؟-دېدى قەيسەر.

- ئۇنداق بولمىغۇر گەپنى قىلماڭ، سىز مېنى كۆرمەي تۇرۇپ نەرىمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز؟ بىز دېگەن ئائىلىسى بار كىشىلەر، ئايالىڭىزنىڭ بويىدا بار، ئۇنىڭغا كۆيۈنۈڭ، ئۇنى ياخشى كۆرۈڭ، ئاسراڭ، مەنمۇ ئېرىمنى ياخشى كۆرەي،ئۇنداق بولمىغۇر ئويلاردا بولماڭ، ئەمدى ئىككىمىز كۆرۈشمەيلى،- دېدى ئاۋازىنى پەس چىقىرىپ رەنا.

-مەن بولمىغۇر گەپ قىلمىدىم، سېنى راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم ،سېنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىڭنى، مۇلايىملىقىڭنى، ئادەمنىڭ ھالىغا يېتىدىغان تەرەپلىرىڭنى....ئىشقىلىپ ھەممە يېرىڭنى، مەن ئايالىمغىمۇ كۆيىنىمەن، ئۇنىڭغا كۆيۈنمەيدىغان ئىش يوق، لېكىن سېنى ياخشى كۆرۈشۈم ئۇ باشقا ئىش،سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، گېپىمگە جاۋاب بەر،مېنى ياخشى كۆرىمەن دېگىن،مېنى راست ياخشى كۆرمەمسەن، مەن سېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈڭگە ئەرزىمەمدىكەنمەن؟  ياخشى كۆرىمەن دېگەن گەپنى بىر دەۋەتكىنە...- دېدى قەيسەر شۇنداق بىچارىلەرچە ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزۇدا ،ئېرى  بۇنداق گەپلەرنى قىلىپ باقمىغاچقا ،بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ رەنانىڭ يۈرىكى ‹‹شۇررىدە›› ئېرىپ كەتكەندەك،ئاجايىپ بىر خىل سېزىم پەيدا بولدى،شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى قاتتىق بېسىۋېلىپ:

-مەن دېگەن ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى،ئەڭ ياخشىسى سىز مېنى ياخشى كۆرمەي كەلگۈسىدىكى بالىڭىزنىڭ ئاپىسى بولغان ئايالىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ،خوش، ئەمدى تېلىفون قىلماڭ،- دېدى رەنا.

- سېنى ياخشى كۆرۈشۈم گۇناھمىكەن؟توي قىلغانلارنىڭمۇ بىر -بىرىنى ياخشى كۆرۈش ھوقۇقى بار،مېنى قىينىما، مېنى شۇنداقلا تاشلىۋېتەمسەن؟ماڭا راستلا بىرەر ئىش بوپ قالسىمۇ كارىڭ يوق شۇنداقمۇ؟مېنىڭ نەمە بولۇشۇم بىلەن كارىڭ يوق، ئۇنداق قىلما.....- كەينى -كەينىدىن ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتقۇدەك يېلىنغان ئاۋازلار كەلدى.

-ئۇنداق دېمەڭ، سىزگە ھېچ ئىش بولمايدۇ،- دېيەلىدى رەنا،شۇ تاپتا ئۆزى سەۋەبلىك  قەيسەرگە راستىنلابىرەر كېلىشمەسلىك بولۇپ قالىدىغاندەك، ئۇنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ ،بۇرنى ‹‹ۋىژژىدە››ئېچىشتى.

- سېنى سۆيىمەن دېگىنە، قېنى، سېنى ياخشى كۆرىمەن دېگىنە، شۇنداق دېسەڭ يۈرىكىم يېرىلىپ ،ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ...؟ -قەيسەرنىڭ يېلىنىش ئارىلاش  مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگەن مۇھاببەتلىك، تاتلىق گەپلىرى رەنانىڭ قەلبىنى ئوق كەبى تېشىپ  ئۆتۈپ، ئەمدى يېڭىدىن مۇھاببەتلىشىۋاتقان، سەبىي قىزلاردەك ھېس قىلدۇرۇپ،ئاجايىپ تاتلىق بىر سېزىم پەيدا قىلدى،ئۇ قەيسەرنىڭ شېرىن گەپىلىرى ئالدىدا پەقەت بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۇنى قاندقلارچە ‹‹سەن››لەپ سالغىنىنى،ئۇنىڭ تەلىپىگە قانداقلارچە ماقۇل دەۋەتكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدى.

-رەھمەت، جېنىم گۈلۈم،ھازىر قېشىمدا بولغان بولساڭ ،باغرىمغا مەھكەم باساتتىم، يۈرىكىم ئەمدى ئورنىغا چۈشتى،مەن سېنى  ئۆمۈرۋايەت ياخشى كۆرىمەن،سېنى سۆيىمەن......،- قەيسەرنىڭ  مۇھاببەتكە تولغان شېرىن گەپلىرى بىرنىڭ كەينىدىن بىرى ئۈزۈلمەي چىقىپ، رەنانى مۇھاببەتنىڭ شېرىن چۈش قوينىغا باشلاپ كىردى.

رەنا بىلەن قەيسەر مۇھاببەتلىك كۆرۈشۈشلەر ،تاتلىق سۆزلەر،يېقىملىق ئەركىلىتىش ۋە ئەركىلەشلەرگە تولغان شېرىن دەملەر قوينىدا مەس بولۇپ كېتىشكەن ئىدى، كۈندە بىر تېلىفوندا كۆرۈشكىنى ئاز كېپ قالغاندەك، قىسقا ئۇچۇرلاردا ۋە چ چ دا كۆرۈشۈپ تۇراتتى، ھەر بىر سۆزىدە بىر -بىرىگە بولغان ئىنتىزارلىق،كۆرۈشۈشكە بولغان تەشنالىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.رەنا بۇ رەڭلىك قاينامنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپلا ئەتكەن ئىدى،ئۇنىڭ كۈنلىرى قەيسەرنى ئويلاش ،ئۇنى سېغىنىش بىلەنلا ئۆتەتتى،تۈرلۈك خىيال ۋە تەشۋىش بىلەن سىقىلىپ تۇرغان يۈرىكىمۇ بېسىپ بولماس بىر خىل ئىستەك،چاڭقاق ،كۆيدۈرگۈچ بىر خىل تەشنالىق تەسىرىدىن دۈپۈلدەپ سوقاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن‹‹مەن نېمىشقا مۇشۇنداق قىلىمەن؟ مەن دېگەن ئېرى بار ئايال تۇرسام، ئۆزەم كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم دەپ يۈرسەم، نېمە دېگەن نومۇس -ھە..!نېمە ئۈچۈن ئېرىمگە ئۇنىڭغا ئەركىلىگەندەك ئەركىلەپ گەپ قىلمايمەن....؟››دېگەن  ئۆزىنى ئەيىپلەيدىغان بىر خىل ئاچچىق تۇيغۇ تەسىرىدىن قاتتىق قىينىلاتتى.

 رەنانى بىئارام قىلغان،چوڭقۇرلاپ ئويلاشتىن قەستەن ئۆزۈىنى قاچۇرغان،ئاشۇ نازۇك مەسىلە كۈنبويى  كاللىسغا كىرىۋېلىپ چىدىغۇسىز دەرىجىدە بىئارام قىلاتتى،<<ئەسلى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىسەم بولاتتى، بۇنداق كۆرۈشۈپ يۈرۈشنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟بۇنداق مېڭىۋەرسەم، ئۆزۈم نەپرەتلەنگەن، پەس كۆرىدىغان كۆزۈمگە ئىلمايدىغان ئاشۇ قىز -ئاياللاردىن نېمە پەرقىم قالىدۇ؟مەن ھازىر قانداق ئايالغا ئايلىنىپ قالدىم،گەپنىڭ سەتىنى قىلغاندا مەن ‹ ئاشنا › ئايالغا ئوخشاپ قالدىم شۇ تاپتا>>دېگەن بىر خىل بىئارام قىلغۇچى خىيال ئۇنىڭ مېڭىسىنى قۇرۇتتەك چېقىپ ،پەقەتلا ئارام بەرمەيتتى، ئۇ بۇ خىيالدىن ئۆزىنى قاچۇرغانسېرى ،شۇنچە بەك يېپىشىۋالاتتى.دېمىسىمۇ  رىئاللىق  شۇنداق رەھىمسىز ،رەنا  بۇ مەسىلىدىن ئۆزۈنى ھەرقانچە قاچۇرغىنى بىلەن ھازىر ھەقىقەتەن ئەنە شۇنداق ‹‹ئاشنا ئاياللار››نىڭ رولىنى ئېلىپ قېلىۋاتاتتى،شۇنداقلىقىنى   بىلىپ تۇرۇپ ئېلىۋاتاتتى .

 مۇشۇ كۈنلەردە رەنانىڭ قەلبىدە خوشاللىق بىلەن ئازاب،نومۇس تۇيغۇسى  ئارىلاش بىر خىل تىت -تىتلىق ھۆكۈمران ئىدى،ئۇ قەيسەردىن تېلىفون كېلىشنى كۈتەتتى، قەيسەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا  ئىنتىزار بولاتتى،قەيسەر بىلەن تېلىفوندا ياكى چ چ دا كۆرۈشەلمىگەن كۈنى ئىچىنى قۇرۇت غاجىلىغاندەك بىئارام بولاتتى، كۆرۈشكەن كۈنى بولسا  يۈرىكى يايراپ ،خوشاللىققا چۆمەتتى،تېلىفوندا ئەركىلەش ئارىلاش ئۆزىنىڭ قەيسەرنى شۇنداق كۆرگۈسى كەلگەنلىكىنى ئىزھار قىلاتتى.قەيسەرمۇ ئىككى گەپنىڭ بىرىدە ‹‹سېنى شۇنداق سېغىندىم جېنىم،ئىككىمىز بىر كۆرۈشسەك بولاتتى...›› دېگەننى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن كۆڭلى ئاجايىپ بىر خىل تاتلىق سېزىمگە چۆمەتتى،لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى مۇشۇ خىل خوشاللىقنىڭ ئارقىسىدا قاپقارا سايىدەك يەنە بىر تۇيغۇمۇ يوق ئەمەس ئىدى.مۇشۇ يېقىننىڭياقى ئۆزىدە يۈز بېرىۋاتقان بەزى ئۆزگۈرۈشلەردىن ئۆزىمۇ ئەنسىرەپ قېلىۋاتاتتى،چۈنكى يولدىشى، ئىككى بالىسى بار بىر ئايالنىڭ داۋاملىق بىر خىل تەشنالىق بىلەن بىراۋلارنىڭ يولىغا تەلمۈرۈشنىڭ،توختىماي بىراۋلار ھەققىدە خىيال سۈرۈشى ،تېلىفونىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈشلىرى، تېلىفوندا ياكى چ چ دا كۆرۈشەلمىگەن كۈنلىرى ،كەچكىچە قىممەتلىك بىرنەرسىسىنى يوقۇتۇپ قويغان كىشىدەك غەشلىك ئىچىدە يۈرىشىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلمىگۈدەك ياشتا ئەمەس ئىدى،ھالبۇكى بۇ رەناغا ئوخشاش ياشتىكى ئىككى بالىسى بار ئايالغا يارىشىدىغان ئىشمۇ ئەمەس ئىدى،كېچىلىرى ئۇيقۇسى كەلمەي يېتىپ،قەيسەرنى خىيال قىلغانلىقىدىن، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنى خىيالىدىن نېرى قىلالمىغانلىقىدىن ،ئېرىنىڭ يېنىدا يېتىپ تۇرۇپمۇ ، يوشۇرۇنچە  ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۈنسىز ياش تۆككەنلىرىدىن، نومۇس قىلىپ ئۆلىۋالغۇدەك ھالغا كېلىپ قالاتتى،ئىككى بالىسى بار 40،ياشلارغا بېرىپ قالغان بىر ئايال ئۈچۈن بۇنداق بولمىغۇر خىياللاردا بولۇش نېمىدىگەن نومۇس !بىراق رەنا شۇ تاپتا ئۆزىگە ،ھېسياتىغا، ئەقلىگە،ئۆز قەلبىگە ئىگە بولالمايۋاتاتتى،يۈرىكى ئەقلىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى رەت قىلىۋاتاتتى، شۇنداق چاغلاردا بىر كېچە ئۇخلاپ ئەتىسى ئويغانغىنىدا ‹‹كۆڭلۈمدىكى ئاشۇ نومۇسسىز، بولمىغۇر  ئويلار  بۇلۇتتەك بىراقلا تارقاپ كەتسە، قانچىلىك خوشال بولۇپ كېتەتتىم-ھە›› دەپ خۇدادىن تىلەپ كېتەتتى، ئەمما بۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى،بولۇپمۇ ھازىرقى يۈگەنسىىز ھېسياتى ئەقلىنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈمىران بولىۋالغان مۇشۇ ۋاقىتتا ،ئۆزىنى بۇ رەڭلىك قاينام ئىچىدىن تارتىۋېلىشى  مۈمكىن ئەمەس ئىدى.

 رەنانىڭ يىغلۇغىسىلا كېلەتتى.كۆڭلى شۇنداق بىئارام ئىدى.كۆرۈشمەي دېسە ،كۆڭلى كۆرۈشۈشنى ،ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ئىستەيتتى، كۆرۈشەي دېسە ۋىجدانى سوئال قويۇپ تۇراتتى.قانداق قىلىش كېرەك؟ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزىگە قويغان بۇ سوئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمەيتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىرەر كىشىگە مەسلەھەت سالغىلى بولىدىغان ئىشمۇ ئەمەس ئىدى، 40ياشلارغا بېرپ قالغان بىر ئايال باشقىلارغا ‹‹مەن توردا بىر دوختۇر بىلەن تونۇشۇپ،ئۇنى كۆرمەي تۇرۇپ ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ،قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن،مەسلەھەت كۆسىتىڭلار ››دېيەلىسۇنمۇ؟ياش قىزلار بولسىغۇ بىر كاشكى.ئۇ باشقىلاردىن ‹‹توردا مۇھاببەتلىشىپتۇ›› دەپ ئاڭلاپ ،تولىمۇ كۈلكىلىك ھېس قىلغان ئىدى، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ بېشىغا كېلىپ قېلىشىنى،يەنە كېلىپ ،كۆرۈپمۇ باقمىغان بىرسىنىڭ تېلىفوندىكى ئاۋازىغا ۋە چ چ دا يازغان خەتلىرىگە مەپتۇن بولۇپ،ئۇنىڭ پىراقىدا يۈرىكىنىڭ ئوت بولۇپ كۆيىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى.‹‹ كۆرمەي تۇرۇپ ياخشى كۆۈپ قاپتۇ ›› دېسە نېمە دېگەن كۈلكىلىك -ھە! 

 قىيالماسلىق ۋە ئۆزىنى ئەيىپلەش ئىچىدە تۇرغان رەنا ھەر قېتىم كۆڭلىدە ‹‹ ئەمدى تېلىفوننى ئالمايمەن ›› دەيتىيۇ،لېكىن تېلىفوندىكى تونۇش نومۇرلارنى كۆرگەندە يەنە ئۆزىنى تۇتىۋالالمايتتى،ئۇ بىر تەرەپتىن ئېرىنىڭ ئۇقۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ ۋە بالىلىرىدىن ئېھتىيات قىلىپ تۇرسىمۇ ، قەيسەرگە شۇنداق مەپتۇن بولۇپ كەتكەن ئىدىكى،شۇ تاپتا ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئورنى ئاتا -ئانىسى،ئېرى ۋە بالىلىرىدىنمۇ ئۈستۈن تۇراتتى،قەيسەرگە بولغان بىر خىل تەشنالىق ئۇنىڭ تېلىفونىنى قوبۇل قىلىشقا ،ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئۈندەيتتى،ئۇنىڭدىن تېلىفون كەلمىگەن كۈنلىرى تىت -تىتلىق ئىچىدە بۇرۇقتۇم بولۇپ، ئاخىرى ئۆزى تېلىفون قىلاتتى.ئاتا -ئانىسىغا بىر تېلىفون قىلغان يەردە ‹‹قەيسەرىم››گە،‹‹جنىم››غا بىر نەچچە قېتىم تېلىفون قىلىپ بولاتتى.قەيسەرمۇ ئۇنىڭغا كۈندە دېگۈدەك تېلىفون قىىلپ تۇراتتى .ئوپىراتسىيەگە كىرىپ كەتكەندە ،رەنا تېلىفون قىلپ ئالالماي قالسا ياكى ئۇچۇر قايتۇرالمىسا، ئوپىراتسىيەدىن چىقىپ، ئاتايىن كەچۈرۈم سوراپ تېلىفن قىلاتتى ياكى ئۇچۇر يوللايتتى.ئۇلارنىڭ ‹‹دۆت، ساراڭ ،سېغىندىم، كۆيدۇم.....››دېگەندەك مۇھاببەتلىك كۆرۈشۈشلىرىگە ھەر ئىككىسى شۇنچىلىك ئىنتىزار ئىدى.گەرچە رەنا ئۆزىنى شۇنچە ئەيىپلەپ باقسىمۇ ،بۇ ئاتالمىش ‹‹توردىن باشلانغان مۇھاببەت››تىن ئۆزىنى تارتالمىدى،بەلكىم بۇ ‹‹مۇھاببەت قاينىمى››غا تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكۈپ كەتتى.ئۇلار يەنە داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇراتتى.

 ئۇلار شۇنداق مۇھاببەت قوينىدا لەيلەپ يۈرۈپ،بىر يىل بولاي دېگەندەقەيسەرنىڭ رەناغا قىلىدىغان تېلىفونلىرىمۇ بارا -بارا ئازلاپ كەتتى، ھەتتا رەنا قىلغان تېلىفونلارنىمۇ بەزىدە ئالمايدىغان بولدى،بۇنىڭدىن رەنا بەكمۇ ئازابلاندى،كۈنلىرىنى يىغا بىلەن ئۆتكۈزدى،ئاخىرى ئۇمۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ،قەيسەرگە تېلىفون قىلمىدى، لېكىن ئىچىنى مۈشۈك تاتلىۋالغاندەك،يۈرىكىنى بىرسى پەسكە  تارتىۋاتقاندەك بىر خىل ھالەتتە يۈردى ،شۇنداق قىلپ بىر ئاي بولاي دېگەن  بىر ئازنا كۈنى ،تۇيۇقسىز قەيسەردىن كەلگەن ‹‹سېنى بەك سېغىندىم جېنىم›› دېگەن بىر ئۇچۇرنى تاپشۇرىۋالدى،بۇ ئۇچۇر ئۇنىڭ قەيسەرگە بولغان سېغىنىش سېزىملىرىنى بىراقلا ئويغۇتۇپ، كۆز ياشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئېتىلىپ چىقتى.

 -بىز  ئەمدى كۆرۈشمەيلى،ماڭا ئۇچۇرمۇ قىلما،تېلىفونمۇ قىلما ،- دەپ ئۇچۇر قايتۇردى رەنا كۆز ياشلىرى ئارىسىدىكى غۇۋا كۆزلىرى بىلەن تېلىفوندىكى ئۇچۇرلارنى تەستە كۆرۈپ يازغاچ.

 - بىز كۆرىشىمىز،مەندىن رەنجىدىڭمۇ جېنىم، بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ۋاقتىدا تېلىفون قىلالمىدىم، مەن ھازىر ماشىنىدا،ماشىنىدا ئادەم كۆپ بولغاچقا تېلىفون قىلىش ئەپسىز بولۇپ قالدى، بۈگۈن ئاقسۇغا چۈشۈپ،ئەتە سېنىڭ قېشىڭغا بارىمەن،جېنىم،بېرىپلا ساڭا تېلىفون قىىلمەن، سەن بىلەن چوقۇم كۆرىشىمەن ،- دېگەن ئۇچۇر قايتتى.ئۇلار خېلى بىركەمگىچە شۇنداق ئۇچۇر يېزىش ئارقىلىق بىر -بىرىگە بولغان سېغىنىشلىرىنى ئىپادىلىدى.

 كەچكىچە رەنانىڭ كۆزى قولىدىك تېلىفوندىن نېرى بارمىدى، ئۇ قولىدىكى تېلىفوننى  خۇددى بىر ئادەم تارتىۋالىدىغاندەك مەھكەم تۇتىۋالغان ئىدى، كەلگەن ھەر بىر تېلىفون ئۇنى ئاجايىپ بىر خىل ھېسقا چۆمدۈرەتتى.ئەتىسى شەنبە بولغاچقا  رەنا تاماق ئەتكەچ ئۆي تازىىلدى، لېكىن ئۇنىڭ كۆلى پەقەتلا بىر جايىدا ئەمەس ئىدى، پات -پات تېلىفوننى قولىغا ئېلىپ قاراپ قوياتتى، يەنە تۇرۇپلا قەيسەر تۇيۇقسىزلا ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالىدىغاندەك،دېرىزىدىن قاراپ قوياتتى، چۈشتىن كېيىن بۇرۇقتىمچىىلق ئىچىدە تۇرغان رەنا قەيسەرنىڭ تېلىفونىنى تاپشۇرىۋالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ قېشىدا باشقىلار بولغاچقا ،ئۇلاردىن ئايرىلىپ ،ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى بارسا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى، پۇرسەت تېپىپ ئۇلاردىن ئايرىلپ كۆرۈشكىلى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان رەنانىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى،ئۇ خۇددى يېڭى تويى بولۇپ،يىگىتنىڭ ھوجرىسىغا كۆچۈرۈلۈپ كىرگەن كېلىنچەكتەك ھاياجان ئىچىدە تەمتىرەپ،كەچىكچە ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى سەزمىگەندەكلا يۈردى.ئۇ خىيالىدا قەيسەرنىڭ چىراي -شەكلىنى،بوي -تۇررقىنى،ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىنى،  سۆزلەشكەن ھالەتلىرنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقاتتى.‹‹قايسى كىيىمىنى كىيسەم بولار؟›› دەپ ،خىيالىدا ئۆزىنى ئەڭ چىرايلىق ھالەتتە ياساندۇراتى.

رەنا ئەنە شۇنداق ‹‹پۇتى كۆيگەن توخۇ››دەك تىپىرلاپ ،قويغان -تۇتقىنىنى بىلمەي، ئاجايىپ بىر خىل چاڭقاق ئىنتىلىش ئىچىدە ،ئەتىسى بىر كۈننىمۇ قەيسەرنىڭ تېلىفونىنى كۈتۈش بىلەن ئۆتكۈزدى، ئۇنىڭدىن تېلىفون كەلمىگەندىن كېيىن، ئاخىرى بۇنداق بۇرۇقتىمىلىققا بەرداشلىق بېرەلمەي،ئۆزى تېلىفون قىلدى.تېلىفوندىن ئاڭلانغان‹‹ كەچۈرۈڭ ،سىز ئۇرغان تېلىفون ئېتىك››دېگەن ئاۋاز ئۇنىڭ قۇلىقىغا  مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلاندى.ئۇ بالىلىرىغا ۋە ئېرىگە تۇيدۇرماي ،نەچچە قېتىم كۆز يېشى قىلدى.ئاخىرى كەچ بولغاندا تېلىفونى سايرىدى، ئۇ تېلىفوننى ئىتتىكلا قولىغا ئېلىپ ،قەيسەرنىڭ نومۇرىنى كۆردى،ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئاڭلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن تېلىفوننى ئېلىپ سىرتقا چىقتى.

 - تېنچلىقمۇ ؟- دېدى قەيسەر.

 - خۇداغا شۈكرى ،سەن ھازىر نەدە ؟- دېدى ئۆزىنى باسالمىغان رەنا.

-مەن قەشقەرگە يېنىپ كەلدىم،ھازىر ئۆيگە كېلەي دەپ قالدىم، مەندىن رەنجىدىڭمۇ، قېشىمدىكىلەردىن پەقەتلا نېرى بولالمىدىم، ئۇلارنىڭ قېشىدىن ئايرىلىپ ،قېشىڭغا كەلسەم ،گۇمانلىنىپ قالمىسۇن دېدىم،مېنى كەچۈر، ئالدىڭدا يالغانچى بولۇپ قالدىم،- دېدى قەيسەر ئۆزىنى ئاقلاپ.

-سېنىڭدىن نېمە دەپ رەنجىيتتىم، رەنجىگۈدەك سەن مېنىڭ نېمەم ئىدىڭ، كۆرۈشمىگىىمىزمۇ بىر ھېساپتا ئوبدان بولدى، ئەسلىدىغۇ  كۆرۈشسەك، گەپنى ئۈزۈپ ئارىنى ئوچۇق قىلىۋېتەي  دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمدى ماڭا تېلىفون قىلما، تېلىفون قىلساڭمۇ ئالمايمەن، ئەمدى بۇ ئىككىمىزنىڭ ئاخىرقى كۆرۈشىشىمىز بولۇپ قالسۇن ،خوش، ئۆزۈڭنى ئاسرا،- دېدى رەنا.

 - كۆرىشىمىز، مەندىن بەك خاپا بولدۇڭ، بۇنى بىلىمەن، مېنى كەچۈرگىن،مەن تېلىفون قىىلمەن ،- دېدى قەيسەر.

- ئۆزۈڭنى رەنجىتىۋالماي دېسەڭ،ئەڭ ياخشىسى بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا تېلىفون قىلما،ئەمدى تېلىفون قىلساڭ ھەرگىز ئالمايمەن،خوش .....-دېدى رەنا ۋە تېلىفوننى ئۈزىۋەتتى.بۇ گەپلەر يىغا ئارىلاش چىققان ئىدى.ئۇ ياتاق ئۆيىگەكىرىپ،ئاۋازىنى چىقىرالماي ئىچ -ئىچىدىن بوغۇلۇپ -بوغۇلۇپ يىغلىدى،قەيسەرنىڭ ئۆزىنى كىچىك بالىلاردەك گوللاپ ،ئاخماق قىلغانلىقىغا قاتىق ئاچچىقى كەلگەن ئىدى.ئەتىسى قەيسەر ئۇنىڭغا تېلىفون قىلدى، ئۇ تېلىفوننى ئالمىدى،قەيسەر ئۇدا بىر ھەپتىدىن ئارتۇقراق تېلىفون قىلىپ ،ئۇچۇر يوللاپ ،چ چ دا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ قېشىغا بارالماسلىق سەۋەبىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن قايتا -قايتا كەچۈرۈم سوراپ خەت قالدۇرۇپ يۈردى،گەرچە رەنا قەيسەردىن رەنجىگەندەك قىلغان بىلەن يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە شۇنچىلىك تەقاززا ئىدى،ئۇ تېلىفوندىكى ئۇچۇرلارنى قايتا -قايتا ئوقۇپ چىقاتتى،تېلىفوننى ئالمايتتىيۇ ،ئۆزىنى تۇتىۋالالماي،يوشۇرۇنچە كۆز يېشى قىلاتتى،شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى قاتتىق بېسىۋېلىپ،ئۇنىڭدىن كەلگەن تېلىفونىمۇ ئالمىدى،جاۋاب ئۇچۇرمۇ قايتۇرمىدى،بىراق قەيسەر بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى،قايتا -قايتا تېلىفون قىلىۋەردى، ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمىگەن رەنا يەنە ئۇنىڭ تېلىفونىنى قوبۇل قىلدى.

 -مېنى ئۇنداق قىينىما، مەن سەندىن تىزلىنىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سوراي،سەندىن باشقا بىر ئايالغا بۇنچىلىك يالۋۇرۇپ باققان ئەمەس ئىدىم،يىغلاي دېسەم ئەركشىكەنمەن،مېنى قىينىما، مېنى كەچۈر، ئۇنداق قىلما، تېلىفون قىلغاندا ئېپ قوي، سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مەن سەندىن ئايرىلالمايمەن، سەن بولمىساڭ قولۇم پەقەتلا ئىشقا بارمايدىكەن، سەن تېلىفوننى ئالمىغان مۇشۇ كۈنلەردە، بار دەردىمنى ھاراقتىن ئېلىپ يۈردۈم، ئاشقازىنىممۇ كاردىن چىقىپ كەتى، ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن،ئۇنداق قىلما......-دەپ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرۇتقۇدەك دەرجىدە قاتتىق يېلىندى قەيسەر،ئۇنىڭ بىچارىلەرچە ئاۋازىنى ،يۈرەكنى غىدىقلىغۇچى مۇھاببەتلىك سۆزلىرنى ئاڭلىغان رەنانىڭ يەنە يۈرىكى ئېرىپ كەتتى.
 ئۇلارنىڭ توردىكى ۋە تېلىفوندىكى مۇھاببەتلىك كۈنلىرى قايتىدىن داۋاملاشتى،رەنا ئۆزىنىڭ قەيسەردىن، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئايرىلىپ قالسا ھەقىقەتەن چىدىيالماي قالىدىغانلىقىنى قەيسەر بىلەن  بىر ئايدىن ئارتۇقراق كۆرۈشمىگەندىن ۋە ئۇ كېلىپ ئىككىسى كۆرۈشەلمەي ئۇنىڭ تېلىفونلىرىنى ئالماي يۈرگەن ۋاقىتلاردىكى ئازابلىق ھېسياتىدىن ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ خىيالىدا پەقەت بىر قەيسەرلا ھۆكۈمىران ئورۇندا ئىدى.ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزلىرى يۈرىكىگە مۆھۈر باسقاندەك ئورناپ كەتكەن ئىدى.
 ئۇلارنىڭ يارىشىشتىن كېيىنكى مۇھاببەتلىك كۈنلىرى بىرنەچچە ئاي داۋاملاشقاندىن كېيىن ،قەيسەرنىڭ تېلىفون ۋە ئۇچۇرلىرى يەنە ئازىيىشقا باشلىدى. رەنا تېلىفون قىلسىمۇ ‹‹مەن بەك ئالدىراش ئىدىم،كېيىن تېلىفون قىلاي ››دەپ تېلىفوننى قويىۋېتەتتى، بىچارە رەنا ئۇنىڭ تېلىفونلىرىنى كۈتۈپ ئېڭىكى چۈشۈپ قالاي دەيتتى ۋە بۇ كۈتۈشلەرنىڭ ئاخىرى ئۈنسىز كۆز ياشلىرى بىلەن ئاخىرلىشاتتى.رەنانىڭ ئاچچىقى كېلىپ بىر نەچچە ھەپتىلەرگىچە تېلىفون قىلمىسا ،قەيسەر‹‹ ئۇنداق ئالدىراش بولۇپ كەتتىم يەي،مۇنداق بوپ كەتتىم يەي.....سېنى سېغىندىم يەي....››دېگەندەك گەپلىرى بىلەن يەنە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا باشلايتتى.ئۇنىڭ مۇشۇ يېقىنلاردىن بېرى تېپىۋالغان ‹‹نېرى كەتسە تارتىپ قويىدىغان، بېرى كەلسە ئىتتىرىۋېتىدىغان ››بۇ خىل قىلىقلىرى رەناغا ھار كەلسىمۇ، ئۇنىڭدىن بىراقلا مۇناسىۋەتنى ئۈزىۋېتىشكە يۈرىكى چىدىمايتتى. ئۇ   قەيسەرگە كۆيگەن، ئۇنىڭ ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىدىغان شېرى سۆزلىرىگە،تاتلىق ئەركىلىتىشلىرىگە كۆنگەن ئىدى، ئۇ ئۆزىدىكى بۇ خىل تۇيغۇنى بەك گۈزەل، بەك قىممەتلىك ھېسابلايتتى. ئۇنىڭ قەيسەرگە بولغان بۇ خىل بۇ خىل مۇھاببىتتى بالىلاردەك پاك، سەمىمىي بولۇپ، قەيسەردىن باشقا ھېچقانداق نەرسە تەلەپ قىلمايتتى .پەقەت ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ تۇرسا،تېلىفوندىكى  مۇھاببەتلىك سۆزلىرى ئارقىلىق، ئېرىدىن  تارتقان روھىي ئازابلار تۈپەيلى چاك -چاك يېرىلغان يۈرىكىنى بىرئاز بولسىمۇ ،ئارام تاپقۇزسا  ، شۇلا كۇپايە ئىدى.قەيسەر بىردە ئۆزىنى ئېپقېچىپ، بىردە كۆڭلىنى ئوۋلاپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ قولىدىكى قورچاق ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن يۈرىكى بىرخىل چىدىغۇسىز ئاچچىق ئەلەم،چىدىغۇسىز سېغىنىش،گۇمان ۋە ئىزتىراپتىن گويا قوقاستە پۇچلىغاندەك ئېچىىشىپ ئاغرىپ كېتەتتى.<<نېمىشقا،نېمىشقا ئۇ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؟ئەجەبا ئۇنىڭ بىر يىلدىن بېرى ھەر قېتىم تېلىفون قىلغاندا دېگەن سۆزلىرى،كۆرۈشۈشكە بولغان تەقاززالىقلىرىنى ،سېنى سۆيىمەن دېيىشلىرىنىڭ ھەممىسى يالغانمىدۇ؟مەن نېمە دېگەن ئاخماق،ئۆزۈمگە ئاز،بىراۋلارنىڭ توردىكى مۇھاببەتلىك سۆزلىرىگە خۇدۇمنى يوقۇتۇپ قويغاندىكىن، خوپ بولدى،بۇمۇ ماڭا بېرىلگەن تېگىشلىك مەسخىرە بولدى......››دېگەنلەرنى ئويلايتتى.
 رەنا سېغىنىش ئازابى بىلەن ۋىجدان ئازابىدا كۆپ قېتىملىق  قىينىلىشلار ،كۆپ قېتىملىق كۆز ياش تۆكۈشلەر ۋە كۆپ قېتىملىق ئويلۇنۇشلار ئارقىلىق ئاخىرى ‹‹مەن ئۇنىڭ نېمىسى ئىدىم؟ ئۇمۇ مېنىڭ نېمەم ئىدى ؟ مەن قاچانغىچە بۇ پاتقاقنىڭ قوينىدىن ئۆزۈمنى تارتمايمەن ..؟ ›› دېگەنلەرنى ئويلىدى ،دېمىسىمۇ ئۇ قەيسەرنىڭ ھېچنىمىسى ئەمەس ئىدى.  رەنا بىر كۈنى قەيسەر بىلەن تېلىفوندا كۆرۈشكەندە :
 - سەن مېنىڭ نېمەم؟مەن سېنى نېمەم دەپ ھېسابلىسام بولىدۇ ؟-دېگەن چاخچاق تەرىقىسىدىكى سوئالنى سورىغان ئىدى. قەيسەر :
 - مەن سېنىڭ مۇھاببىتىڭ دۆت ،قەيسەرىم، جېنىم، سۆيگىىم، مۇھاببىتىم دېمەمسەن،- دېگەن ئىدى، لېكىن رەنا قەيسەرنى مۇھاببىتىم دېيەلىسىنمۇ؟ ئۇ دېگەن مۇھاببەتلىشىۋاتقان ياش قىزلار ئەمەستە.رەنا ئاخىرى ئۆزىگە ماس بولمىغان ،بۇنداق ئايىغى چىقماس مۇھاببەتتىن ئۆزىنى تارتىشنى مۇۋاپىق تاپتى، دېمىسىمۇ  بۇرۇنراق شۇنداق قىلىش كېرەك ئىدى.
  رەنا بۇ قېتىم ئاخىرى قەيسەر بىلەن ئالاقىلاشماسلىق توغرۇلۇق قەتئىي قارارغا كەلدى، قەيسەرمۇ ئۇنىڭ تېلىفون قىلىشىنى تاما قىلدىمۇ ياكى ئۇنى تېخىمۇ بەك ئىنتىزار قىىلىشنى ئويلىدىمۇ بىر ئايدىن ئارتۇقراق يوقاپ كەتتى، رەنامۇ ئۇنىڭغا تېلىفون قىلمىدى، ئاخىرى قەيسەر تېلىفون قىلدى، لېكىن رەنا ئۇنىڭ تېلىفونىنى ئالمىدى، قەيسەر يەنە ئارقا -ئارقىدىن تېلىفون قىلىۋەردى.ئۇمۇ تېلىفوننى ئالمىدى،لېكىن  بۇنداق قىلىۋېرىشنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشى چارە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان  رەنا ،ئاخىرى بولماي ساۋاقدىشى ھەم يېقىن دوستىغا بۇ ئىشنى ئېيتتى.ئۇنىڭ ‹‹توردىكى بىرسى بىلەن مۇھاببەتلىشىش›› ھېكايىسسىنى ئاڭلىغان دوستى  دەسلەپتە ھەيرانلىق بىلەن بىلەن نېمە دېيىشنى بىلمەي ئۇنىڭغا قارىدى،كېيىن ئۇنىڭ كۆز ياشلار بىلەن تولغان ھەسرەتلىك تىنىقلىرىغا قاراپ ،ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتتى .ئاخىرى دوستى ئۇنىڭغا تېلىفون نومۇرىنى ئالماشتۇرىۋېتىش، قەيسەر بىلەن كۆرۈشمەسلىكنىڭ بىردىن -بىر ئامالى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، رەنا دوستىنىڭ مەسلەھەتى بويىچە‹‹تېلىفونغا پۇل توشىمىدى››دېگەننى باھانە قىلپ تېلىفون نومۇرىنى ئالماشتۇرىۋەتتى.
 رەنانىڭ تېلىفون نومۇرىنى ئالماشتۇرىۋەتكىنىگە بىرنەچچە ئاي بولۇپ قالدى،دەسلەپكى كۈنلەردە كۈنلىرى ئۈنسىز يىغا ئىچىدە ئۆتتى،ئۇ قەيسەرنىڭ ئاۋازىنى ،ئۆزىنى ئەركىلىتىشلىرىنى شۇنداق سېغىنغان ئىدى .ئۇنىڭ تېلىفون نومۇرىنى نەچە قېتىم بېسىپ ئۆچىرىۋېتەتتى.خۇددى يۈرىكىنى بىرسى ئامبۇر بىلەن قىسقاندەك ،ئۆزى يەرنىڭ تېگىگە چۆكۈپ كرتىۋاتقاندەك ئاجايىپ بىر خىل ئازابلىق تۇيغۇ ئىچىدە يۈردى.ئۇنىڭ يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرىنى ،خارامۇش ھالدا يۈرىشلىرىنى كۆرگەن خىزمەتداشلىرى ، ئېرىنىڭ مىجەزىدىن ئانچە -مۇنچە خەۋىرى بولغاچقا ‹‹ ئېرى يەنە خاپا قىلغان ئوخشايدۇ››دەپ، ئېرىنى ئەيىپلەپ، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ يۈردى، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنىڭ كەينىگە كىرىپ،ئۆزىگە ئۆزى پەيدا قىلغان كۆڭۈل ئازابلىرىنىڭ خىزمەتداشلىرى تەرىپىدىن ئېرىنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىپ قالغانلىقىدىن ۋىجدانى ئازابلىناتتى،يەنە بىر تۇرۇپ ‹‹ مېنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىمغا ئېرىم سەۋەبچى، ئۇ مېنى ئۇرمىغان، ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغان، قەيسەرگە ئوخشاش كۆيۈنگەن بولسا بۇنداق بولۇپ قالمايتتىم››دېگەن ئويلىرىنى  ‹‹ دۆڭ بولمىسا قاغا قونمايتتى، قاغا قونمىغان بولسا ئېتىم ھۈركىمەيتتى، ئېتىم ھۈركىمىگەن بولسا پۇتۇم سۇنمايتتى ››دېگەندەك سەۋەب -نەتىجە مۇناسىۋىتى ئۈستىگە دۆڭگەپ،ئۆزىنى  گۇناھلاردىن قاچۇرۇش ئۈچۈن باھانە ئىزدەيتتى.
 رەنا مەيلى نېمىلەرنى ئويلىمىسۇن، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن قەيسەرنى خىيالىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتەلمىسىمۇ، بۇرۇنقىدەك ئۇنچە ئويلاپ بەك كەتمەيدىغان ،چاڭقاق بىر خىل ھېسيات بىلەن سېغىنمايدىغان  بولدى.ئۇ ئۆزىنى ئاخىرى بۇ پاتقاقتىن قۇتۇلدۇرغانلىقىغا،ئۆزىنى ئەسلىدىكى ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى ھالىتىگە ئەكىلەي دەپ قالغانلىقىغا خوشال ئىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ ‹‹توردىن باشلانغان ئاتالمىش كۆرمەي تۇرۇپ ،ياخشى كۆرۈپ قېلىش مۇھاببىتى›› دىن خوشلاشقانلىقىدىن، بۇ مۇھاببەتكە خاتىمە بەرگەنلىكىدىن،‹‹ ئېرىم بۇ ئىشلىرىمنى ئۇقۇپ قالارمۇ ›› دەپ كۈن بويى دەككە -دۈككىدە يۈرىشلىرىدىن، قەيسەرنى سېغىنىپ كۆز ياشلار ئىچىدە ئازابلىنىشلاردىن،‹‹مەن ئېرى بار ئايال تۇرۇپ نېمىشقا شۇنداق قىلىمەن ؟››دەپ ئۆزىگە سوئال قويۇپ،ۋىجدان ئازابىدا سوتلىنىشلاردىن قۇتۇلغانلىقىدىن خوشال ئىدى، ئۆ ئەمدە ئۆزىگە ‹‹ خەير- خوش توردىن باشلانغان مۇھاببەت ››دېيەلىگەن ئىدى.

2010- يىلى 5- ئاينىڭ 27- كۈنى يېزىلىدى.

 مەنبە : ئۆزەمنىڭ شەخسى قەلىمىم.
 رۇخسىتىمسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەڭ.....

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئۇنتۇپ كەت يۈرىك

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37
يازما سانى: 1247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14732
تۆھپە نۇمۇرى: 286
توردا: 4553 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 11:23:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەنانىڭ ئەقىلىنى تاپقانلىقنى  قەيسەردەك  ئۆزىگە  مەنسۇپ بولمىغان باشقىلارغا تەۋە نەرسىلەرگە كۆز قىزارتىدىغان  نىجىس ، مەلۇنلار  چاڭگىلىدىن ئۆزى تارتالغانلىقىنى ئوقۇپ ئىنتايىن خۇش بولدۇم . بۇنداق ئىشلار ئەتراپىمىزدا ھىلھەم مەۋجۇت .
تېمىڭىز  تۇرمۇشقا ناھايتىمۇ يقىن چىقىپتۇ .رەخمەت  [s:2]

پىكىر قىلىۋاتىمەن دېمەك مەۋجۇتمەن!! خەيىر-خوش جېنىم سېنىڭ بەختىڭ مېنىڭمۇ بەختىم!!
ھېسلىرى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 11:31:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1300
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9861
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2011-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 11:50:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىرماي ئوقۇيلى بۇنى ....... [s:10]

دىلنىڭ سىر دىشى -

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 1650
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9974
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 955 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 12:41:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەملەر مۇشنىڭدەك ئۆزىنى -ئۆزى ئىدەرا قىلىپ تۇرغان بولسا ،ئايىماي يوللاۋىرىڭ . [s:2]

مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 613
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5841
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 12:57:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن بۇ. يەنە مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى كۆپ يېزىپ ، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى بۇنداق ئىشلاردىن بىرلىكتە توسايلى.......... [s:13]  [s:13]  [s:13]  [s:10]  [s:10]  [s:10]  [s:10]  [s:10]  [s:10]

ھۈسەنجان تۇرغۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6156
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 1374 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 02:01:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن توردىكى مۇھەببەتكە ئىشەنمەيمەن.

بايتۇرا

دوستۇم ئېسڭىزدە

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 742
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24400
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 02:05:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مەنمۇ بۇنى ئىبرەت قىلۋاسام بولغۇدەك جىمۇ  [s:13]

دوستۇم ئېسڭىزدە بولسۇن ، سز رىئاللىق دۇنياسىدا ......

كومپىيوتىر بىلى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 590
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5822
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2011-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 02:29:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تىمنى ئۇقۇپ بولدۇم بۇ تىمىدىكى بىردىن بىر يۇرتىلغان ئېدىيە توردىكى مۇھەببەت ئېكەن مىنىڭچە نىكا سىرتىدىكى مۇھاببەت ھەرقانداق ئادەمنى ئاشۇنداق ۋەسۋىسىگە سالىدۇ . بۇ جەميىتىمىزدىكى ئىجتىمايى ئەخلاققا ۋە مىللى قائېدىمىزگىمۇ زىت شۇڭا ھەر بىر ئەقىل ئېگىسى بۇنداق ئىشقا سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئارىمىزدىكى ناچار كىشىلەرنىڭ ئېزىقتۇرشىغا يول قويماسلىقى كىرەك. ئەمما دوختۇرلار بولسا كىشىلەرنىڭ ئازابىنى يەڭگۇلەتكۈچىلەردۇ بۇ تىمىدىكى ئەر پۇرسىناز ياخشى تاللانماي قالدىمۇ قانداق ؟

كومپىيوتىر بىلىمىگە قىزىقۇچىلار http://www.intil.biz/bil تور بېتىگە كىرشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

ھامىنى ئۆلۇپ كېت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1217
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6133
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 02:49:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىز  ئاياللاردىكى ناشۇكىرلىكتىن كەپ چىققان مەسىلە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئاق ئادەمنىڭ ئارخپىنى ئاختۇرۇپ، ئالدىماڭلار ئادەملەرنى ئادەملەر، ئادىمىيلىك ئادەملەرنىڭ ئادىتى، ئاداشماڭلار ئادەملىكتىن ئادەملەر،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش