مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 972|ئىنكاس: 9

ئىسلامدىكى ھېيىتنىڭ مەنىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ ھەممىمىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4698
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9621
تۆھپە نۇمۇرى: 375
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2011-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 07:54:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېيىت-بۈيۈك ھېكىمەت، يۇقۇرى مەزمۇن ۋە ئاجايىب سىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنىمىزنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ۋە شۇئارلىرىنىڭ بىرسىدۇر.

دىنىمىزدىكى ھېيىت: ئىبادەتنىڭ تولۇق بولغانلىقى ۋە ئاياغلاشقانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەشەككۈر ئېيتىش دېمەكتۇر.

ھېيىت: باينىڭ كۈچى ۋە كەمبەغەلنىڭ ئاجىزلىقى زاكات، سەدىقە، ياخشىلىق، خەيرىخاھلىقتىن ئىبارەت تېمىنى ئۆزلەشتۈرگەن مۇھەببەت، رەھمەت، كۆيۈنۈش ۋە ئادالەت ئۈستىدە ئۇچىرىشىدىغان كۈندۈر.

  ھېيىت: كۆڭۈل ئارام تاپىدىغان ئەزالار ئارام ئالدىغان، غەم-قايغۇلار ئۇنتۇلدىغان، قەلىب راھەت ۋە خۇرسەنلىك ھېس قىلدىغان ۋە ئاللاھقا زىكىر تەسبىھلار ئېيتىلدىغان كۈندۈر.

ھېيىت: كىچىك بالىلار خۇشال ئوينايدىغان، كەمبەغەللەر كەڭچىلىككە ئېرىشىدىغان، تۇققانلار ئۆز-ئارا ئالاقىسىنى جانلاندۇردىغان، مۇسۇلمانلار ئىجتىمائى ئالاقىسىنى كۈچەيتىدىغان، دوسىتلار مۇھەببەت رىشتىلىرىنى يېڭىلايدىغان، ئېسىل كىشىلەر ئاداۋەتلىرىنى ئۇنتۇيدىغان، يۇيدىغان ۋە كەچۈرۈم قىلىشىدىغان ئۇلۇغ كۈندۇر.

ھيىتتا ئاجىزلار ۋە بىچارىلەرنىڭ ھەققىنىڭ بارلىقى جەمئىيەت ئوغلانلىرىغا ئەسلىتىدىغان، ھەر بىر ئۆينى خۇرسەنلىك ۋە نېمەت قاپلايدىغان كۈندۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن روزا ھېيىت بايرىمىدا ھەر بىر كىشى ئۈچۈن سەدىقە، پىتىر بىرىش ۋاجىپ، قۇربان ھېيىتتا قۇدرىتى يەتكەنلەر قۇربانلىق قىلىپ بىر قىسىم گۆشنى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بىرىش ۋاجىپ.

ھېيىتتا ئىخلاس روھى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇن ئالىدۇ، كىشىلەر بىر-بىرىگە خالىس مۇھەببەت سوۋغاتلىرىنى تەقدىم قىلىشىدۇ. ھېيىت بىر مىللەت بەلكى بىر ئۈممەتنى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك قىلىۋىتىدۇ.

دېمەك، ھېيىت ياخشىلىق قىلىشتا رىقابەتلىشىش مەيدانى ۋە ئېسىل ئىشلاردا مۇسابىقىلىشىش ساھەسىدۇر.

ئىسلامدىكى ھېيىتلارنىڭ بۈيۈكلىكىگە دەلىل شۇكى، ئىسلام دىنى ھەر بىر ھېيىتنى روھى تەربىيەنىڭ يىلتىزى، ياخشىلىق، تەقۋالىق، رەھىمدىللىق، قېرىنداشلىقنىڭ ئاساسى بولغان ئالاھىدە بىر ئىبادەت ئاياغلاشقاندىن بىكىتتى.

ئۇلۇغ رامىزان ئىبادىتى ئاياغلاشقانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار روزا ھېيىت بايرىمىنى تەنتەنىلىك بىلەن خۇرسەنلىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. ئىبادەتنىڭ تامام بولغانلىقىغا ئاللاھقا تەشەككۈر بىلدۈرىشىدۇ.

قۇربان ھېيىت بايرىمى بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ خەلقئارالىق قۇرۇلتيى بولغان ھەج پائالىيتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. قۇدىرىتى يەتكەن مۇسۇلمانلار ئاللاھقا تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن قۇربانلىق قىلىشىدۇ. ھەج قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان مۇسۇلمانلار ھەرەمدە قۇربانلىق قىلسا، باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمانلارمۇ ھەج قۇرۇلتىيىغا ماسلىشىپ ۋە ھەج ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشىدۇ.

ئىسلامدىكى ئىككى ھېيىت بايرىمىنىڭ دۇنيا بويىچە بىرلا ۋاقىتتا ئادا قىلندىغان ئۇلۇغ ئىككى ئىبادەتكە باغلانغانلىقى بۇ ئىككى ھېيىتنىڭ ئورىننىڭ يۇقۇرلىقنى، نۇرغۇن ھېكىمەت ۋە سىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنداقلا بۇ ئىككى ھېيىتنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ بايراملىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. ئىككى ھېيىت ئىبادەتتۇر،  ھېيىتتا چىرايلىق كىيىنىش، ئىسراپ بولماسلىق شەرتى بىلەن ياخشى نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش ۋە ئىسلام روھىغا زىت كەلمەيدىغان ئويۇنلارنى ئويناش ئىبادەت ھېسابلىندۇ.

ئىسلامدىكى ھېيىت: گۈزەللىك، پاكىزلىق، خۇرسەنلىك، ياخشىلىق، سىخىلىق، دىل خاتىرجەملىكى ۋە ئىجتىمائى ئالاقىدىن ئىبادەتتۇر.

ھيىتتىكى بۇ سىرلار ھېيىت كۈندىكى ۋاقىتتا بولماستىن، بەلكى ھېيىت كۈندە بولدىغان گۈزەل ئىشلار، خەيىر-ساخاۋەتلەر، قېرىنداشلىق تۇيغۇلىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئارسىدىكى ئىجتىمائى، سىياسى ۋە ئىقتىسادى ئالاقىلەردە كۆرۈنىدۇ.

مانا بۇلار ھېيىتنىڭ ھەققى ماھىيتى، لىكىن بىزنىڭ ھېيىتلىرىمىزنى ھالتى قانداق؟ ھېيىتتا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلار ئسلام روھىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ھېيىتتىكى بۈيۈك مەقسەتلەر بىزنىڭ ھېيىتلىرىمىزدا  ئەمەلىيلەشتىمۇ؟
سىز ھېيىتنى خۇرسەن ئۆتكۈزسىڭىز قوشنىڭىز ۋە دوستىڭىز قېيىن ۋە غەم-قايغۇ شارائىتىدە ئۆتكۈزسە ھېيىت ئىبادىتىڭىز قانداق بولاركىن؟!

ئاڭلىق جەمئىيەت ھېيىتقا ئوخشاش مۇشۇنداق پۇرسەتلەردە ئەخلاقنى ئۆستۈرىدۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ، بىرلىكنى ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىپادىلەيدۇ. ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش، ئىچ ئاغرىتىش، ھېسداشلىق قىلىش ئارقىلىق ئەقىدە، مەدەنىيەت، تارىخ ۋە سالاھىيەت بىرلىكنى كۆرسىتىدۇ.

دېمەك، ھېيىت ئىبادەت،ئاللاھقا زىكىر ئېيتىش، رەھمەت ئېيتىش، ھەقىقى مۇسۇلمانلىقنى ئىپادىلەش ۋە ئىسلام قېرىنداشلىقنى جانلاندۇرۇشتۇر.
مەنبە: بۇرۇن يازما ھالەتتە ساقلاپ قويۇپتىكەنمەن، ئېنىق ئىسىمدە قالماپتۇ!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
kalkvn117117 + 50 نۇمۇر قۇشۇلدى .

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 50   باھا خاتىرىسى

ئىشەنگەن تاغلىرىمدا ياتمىدى بىرمۇ كىيىك، دوسىتلىرىم زىرىكتى مەندىن، دۈشمىنىم سەنمۇ زىرىك.

غەلبە ئۈچۇن چەكك

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 755
يازما سانى: 3854
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21381
تۆھپە نۇمۇرى: 1195
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 08:06:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ھىيتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى بىلىۋالدىم..ئاللاھ ئەجرىڭزنى بەرسۇن

||★||★||★|叶城\js跑酷!|\(jasurPARKOUR)|★||\跑 酷 队!★★|| مىنىڭ ئىرادەم ھەممىنى قارار قىلىدۇ . ''
باھار يا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 08:07:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھەر كىم ئۆز تەقد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3311
يازما سانى: 1313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11205
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 1168 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2011-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 08:16:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ھىيتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى بىلىۋالدىم

مىسرانىم ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

ئاللاھ ھەممىمىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4698
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9621
تۆھپە نۇمۇرى: 375
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2011-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 08:17:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  ھېيىتنىڭ ئەسلى مەنىسىنى  بىلمەيدىغانلارنىمۇ  كۆپ بولۇشى مۇمكىن دىگەن قاراشتا مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم، سىلەر ئۈچۈن پايدىسى بولغان بولسىلا، ماڭا شۇ كۇپايە!! ئاللاھ ھەمىمىزنىڭ ئەجىرىنى بەرسۇن قېرىنداشلىرىم!!

ئىشەنگەن تاغلىرىمدا ياتمىدى بىرمۇ كىيىك، دوسىتلىرىم زىرىكتى مەندىن، دۈشمىنىم سەنمۇ زىرىك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3924
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10020
تۆھپە نۇمۇرى: 385
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2011-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 08:31:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رامزان توغرىسىدىمۇ ئەھمىيەتلىك يازمىلارغا تەشنا بىز ...

جان قەدىرلىك ۋىجدان بىلەنلا ، سەمىمىيەت ۋىجداننىڭ جېنى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5866
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8616
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2010-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 08:34:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئايدا ياخشى تىما يوللاپسىز . ئالاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي .

كەلگۈسۈم ئۈچۈن  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6193
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8118
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2010-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 08:36:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سزگە   [s:47]  [s:47]  [s:47]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6042
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9035
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 1414 سائەت
تىزىم: 2010-8-10
ئاخىرقى: 2014-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 08:52:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز بۇ دىنى بايراملىرىمىزنى ئۆرۈپ- ئادەت دەپ باھا بىرىدىغان بولۇۋالدۇق...

ئەپسۇس، دۇنيا كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ~~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 1775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15721
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 3443 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-12 10:27:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ھېيىتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلىۋالدىم.ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن.

خەپ ! ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش