سەن كەتتىڭ ،ئالتۇن رەڭ ياپراقلار تۆكۈلۈشكە باشلىغان كەچكى كۈزدىكى ھەسرەتلىك ناخشىللىرىمغا ئوخشاش يىراقلارغا ئۇزاپ كەتتىڭ...قىسقىسى سەن كېتىش بىلەن بىرگە سەندىن ئايرىلىشقا قىيمىغان بىغۇبار ئىستەكلىرىممۇ ساڭا ئەگىشىپ كېتىپ قالدى.كۆكتىن ساقىغان نۇرلۇق يۇلتۇز ئۆزىنىڭ يارقىن جۇلاسىنى يوقۇتۇپ قاراڭغۇلۇق ئىچىدەكۈلدەك توزۇپ كەتتى. ئارامسىز شاماللار بىلەن ئۈمۈد شاملىرىممۇ ئۆچۈپ زۇلمەت باغرىدا ھوقۇشتەك يالغۇز قالدىم.شۇتاپ ساڭا ئاتاپ بارچە ئاۋازىمنى قۇيۋىتىپ ناخشا توۋلىماقچى بولدۇم ،بىراق يۈرىكىمنى ئامبۇردەك قىسىپ تۇرغان ھېجران كۈيلىرىم ناخشا بۇلالمىدى.ئاخىر دىمىقىم ئېچىشىپ ئەركەكلىكىمگە مۇخالىپ ھالدا <پاڭڭىدە> يىغلىۋەتتىم...ئاھ ،دىلبرىم مەن ئاخىر سەن تەرپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ساياق يولۇچىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم ،شۇ تاپ يۈرىكىم ، تىنىم ،روھىم قىسقىسى بارچە تەئەللۇقاتلىرىم تاشقا ئايلانغان ،يۈرەك تىۋىشىممۇ خۇددي تاش تىلىدا سوقۇۋاتقاندەك تويۇلماقتا ئىدى.مەن سېنى سۆيەتتىم ،ئەبەدىلئەبەد سۆيەتتىم.ئاخىرقى تىنىقلىرىممۇ مۇزدەك سوغوق ئەمما بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك ئاھاڭدا سېنى سۆزلەۋاتقاندەك ،پەقەت سەن ئۈچۈنلا تىركىشۋاتقاندەك قىلاتتى...