ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت Jidelhor كە 2010-08-15 06:19 PMئەۋەتىلدى :
ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك پائالىيەت.ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى ۋە تور ئەدەبىياتى قەلەمكەشلىرى ئۈچۈن،تالانتىنى نامايەن قىلىدىغان مەيدان،مىسرانىم مۇنبىرىدە مەيدانغا كەپتۇ.
تور ئەدەبىياتى-ئۇيغۇر تور مەدەنىيتىنىڭ ئاساسلىق تەركىۋى قىسمىغا ئايلانغاندىن كىيىن،مەتبۇئاتلارنى قاپلىغان پۈچەك يازمىلارنىڭ دەستىدىن،گىزىت-ژورنال ئوقۇشتىنمۇ بىزار بولغان كەڭ ئوقۇرمەنلەر،تور ئەدەبىياتى ئارقىلىق بىر قىسىم نادىر ئەسەلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ مەنىۋىيتىنى بىيتتى.كۆزگە كۆرۈنگەن بىر قىسىم يازغۇچىلىرىمىز مەتبۇئات ئورۇنلىرىدىكى بىر قىسىم ھاكاۋۇر،چىرىك،مەسۇلىيەتسىز تەھرىرلەرنىڭ كۆزىگە قاراپ،ئۇلارنىڭ چاپىنى كۆتۈرۈپ تەخسىكەشلىق قىلىنشى ۋىجدانى كۆتۈرمىگەنلىكتىن،توردا ئۆز ئەسەلىرىنى ئىلان قىلىپ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشىپ كەلدى.بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىمەي.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك،بۇ قىتىمقى مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىتيىنىڭ مەزمۇن دائىرىسنى كىڭەيتسەك ۋە مۇكاپات سوممىسىنى بىكىتسەك.
.......
نەق گەپ بوپتۇ ... ئاجايىپ قوشۇلىمەن ... مۇنبەردىكى قىرىنداشلا ياخشىراق ئويلۇنۇپ باقسا بولغۇدەك بۇ پىكىرنى ... چىدىغانغا چىقاغان ئويۇن ... شۇغىنىسى ، بىر پارچە رومان ئۈچۈن ئۈچ ئاي ۋاقىت سەل قىسقىمۇ قانداق ... شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ، تاز بولغاندىن كىيىن گەدەنگىچىرەك بوممايلىما ...