مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1052|ئىنكاس: 10

بىر دوستۇمنىڭ كۇندىلىك خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەدىرلە.قەدرىڭن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2976
يازما سانى: 1687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11667
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 3385 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 06:50:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستۇمنىڭ كۇندىلىك خاتىرىسى

بۇگۇن ئىشخانا كۆچمەكچى بولۇپ ئىشخانىدىكى ماتىرياللىرىمنى رەتلەۋېتىپ تۇيۇقسىز ماتىرياللىرىم ئارىسىدىكى بىر قېلىن خاتىرىگە كۆزۇم چۇشتى. بۇ بىر تۇنۇشلا خاتىرە ئىدى. بۇ خاتىرىنى بىر دوستۇم ماڭا ئوقۇش پۇتتۇرۇش ھارپىسىدا ماڭا سەن ساقلاپ قويغىن دەپ بەرگەنىدى. خىياللىرىم بىر قانچە يىل بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمىزگە كىتىپ قالدى....
سىنپىمىزدا غۇنچەم ئىسىملىك ئىنتايىن چىرايلىق غۇنچە بوي،ئاقكۇڭۇل،ساددابىر قىز بار ئىدى،ئۇ قىز بىز ئوقۇۋاتقان شەھەرگە يېقىن  بىر يېزىدىن كەلگەن بولۇپ ئانىسى كىچىك ۋاقتىدىلا تۇگەپ كەتكەنىكەن، دادىسىمۇ باشقا ئويلىنىپ بالىلىق بولغاچقىمىكىن غۇنچەم بەك دادىسىنىڭ گىپىنى قىلمايتتى،چوڭ ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرەتتى . غۇنچەم گەپ قىلىپ تۇرىدىغان،تىرىشچان،ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولغاچقا سىنپىمىزنىڭ ئۇگۇنۇش باشلىقى ئىدى،ھەممىمىز ئۇنى ھورمەتلەيتتۇق، ھەممىمىز مەكتەپكە يېڭى كەلگەچكە دەرسلەرمۇ ئىنتايىن ئالدىراش ئىدى بىر تەرەپتىن مەدەنىيەت دەرسلىرىنى ئۇگەنسەك بىر تەرەپتىن كەسىپ ئۇگەنمىسەك مەشىق قىلمىساق بولمايتتى،مۇشۇنداق ئالدىراشلىق ئىچىدە ھايت-ھۇيت دىگۇچە بىر قانچە يىل ئۇتۇپ كەتتى.دوستىمىز غۇنچەممۇ ئوخشاشلا ئالدىراش ئىدى،بىراق ئۇ كەم سوز ،خىيالچان بولۇپ قالغانىدى.ئۇ كەچلىك مۇزاكىرە ۋاقتىدا ئۇن- تىنسىز ھالدا بىر كىتاپنى قولىغا ئېلىۋېلىپ خىيال سۇرگىنى سۇرگەن ئىدى.بەزىدە بىر خاتىرىگە نىمىلەرنىدۇ يازاتتى،گەپ سورىسا سۇسلا جاۋاپ بىرەتتى،
بىر كۇنى ئۇنىڭ ھالىتىگە قاراپ زادى چىداپ تۇرالماي نىم بولدۇڭ ئويدە بىرەر ئىش بولدىمۇ ؟دەپ سورىدۇم.
ياق دوستۇم،ھىچنىمە بولمىدى،ساڭا چۇقۇم بىر كۇنى ئېيتىپ بىرىمەن،ھازىر مىنى ئارامىمدا قوي،دىدى غۇنچەم.
كاللامدا ھەر خىل سۇئال ........... مەنمۇ ئۇنىڭ كۇزىگە كىرىشۋېلىشنىڭ تازا ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ ئۇنى ئىختىيارىغا قۇيىۋەتتىم،ئەمما ئۇنىڭ ھەركەتلىرىگە دىققەت قىلدىغان بولدۇم.  مەكتەپتىكى جىددىيچىلىك، كەسىپ مەشىقى قىلىش دىگەندەك ئالدىراشچىلىقلار ئىچىدە ۋاقىت ئىنتايىن تىز ئوتمەكتە،ھەش پەش دىگۇچە پاراكتىكىغا ماڭىدىغان ۋاقتىمىزغىمۇ ئاز قالدى،شۇنداق كۇنلەردە غۇنچەم ماڭا ،دوستۇم گۇليار ،
بۇ خاتىرىنى ساڭا نەمۇنە قىلاي ئەمدى بۇ خاتىرىنىڭ مەن ئۇچۇن قىلچە ئەھمىيىتى قالمىدى.سەن سورىغان
سۇئاللارغا مۇشۇ خاتىرىدىن جاۋاپ تاپالايسەن،بىراق بۇ خاتىرىنى چۇقۇم يولدا كىتىۋېتىپ ئوقۇغىن، مەن ئۇچۇن سىر ساقلىغىن دىدى.مەنمۇ ئۇنىڭغا ئۇمۇتۋار بول پاراكتىكىنى غەلبىلىك تاماملا،دەپ ئۇنىڭغا ئامانلىق تىلىدىم.
ئەتىسى،ھەممىمىز يۇرتلىرىمىزغا پىراكتىكا قىلىش ئۇچۇن ماڭدۇق،مەن يولدا كىتىۋېتىپ خاتىرىنى قولۇمغا ئالدىم.

                            1-پارچە كۇندىلىك خاتىرە
قەدىرلىك......مەن سىنى نىمىشقا ئۇنتالمايمەن! زادى نىمىشقا؟ ياكى سەندە بىرەر سىھرى كۇچ بارمۇ؟نىمە ئۇچۇن كىچە كۇندۇز سىنىلا ئويلايمەن.
سەن بىلەن بىرگە يۇرگەن چاغلار نىمىدىگەن ئۇنتۇلغۇسىز- ھە!
ئاھ،ئويلاپ قويغانسەنمۇ؟
بۇەۇن مەن كۆزلىرىمدىن مۇنچاق-مۇنچاق ياش توككۇنۇمچە يۇرەك يارىللىرىم بىلەن قان-زەرداپقا تولغان بۇ خاتىرىگە ئازاپ ئۇنچىللىرىنى تىزماقتىمەن،
سىنىڭ ئاشۇ ئوتلۇق كۆزلىرىڭ مىنىڭ يۇرۇكۇمدە قېتىپ قاپتۇ،بۇ كۆزلەر ناتىۋان قەلبىمنى ئازاپ ئوتىدا پۇچىلاندۇرماقتا.
مىنىڭ تەقدىرىم نىمانچە كاجدۇر ھە؟
نىمىشقا سىنىڭدىن باشقىلار كۇزۇمگە غەلىتە كۆرۇندىغاندۇ؟ يۇرۇكۇم ئۇزۇمگە قىلچە بويسۇنماي تىپچەكلىمەكتە...
بىلەمسەن،مەن ئەمدى مەڭگۇ تەنھا ئوتمەكچىمەن،سەنلا بۇ ئالەمدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەنسەن،مىنىڭ يۇرۇكۇم ئەڭ جانسىز رېتىمدا بولسىمۇ سۇقۇپ تۇرىدۇ،ئەگەر سەن بولمىساڭ مەنمۇ بۇ ئالەمدە مەۋجۇتلۇقۇمنى ئۇنۇتسام بولىدۇ.
كەچكۇزنىڭ ئىزغىرىن شامىلى دەرىزىدىن گۇركىرەپ كىرىپ يۇزلىرىمگە ئاچچىق-ئاچچىق سانچىلماقتا،مەن كۆزلىرىمنى يۇلتۇزلارغا تىككىنىمچە سىنى خىىيال قىلماقتىمەن.پەقەت سەنلا مىنىڭ خىيالىمداسەن،ھاياتلىغىم،مەۋجۇتلۇقۇم،پەقەت سەن ئۇچۇنلا،
لىكىن سەن بۇنىڭدىن بىخەۋەر.
شۇنداق خوشال شۇنداق غەمسىز سەن،بولدىلا بۇلارنى سوزلەپ نىمىمۇ قىلاي؟ سىنىڭ خوشاللىغىڭنىڭ مىنىڭ خوشاللىقىم بۇلىشى ئۇچۇن بۇ ئازاپ ئۇنچىللىرىنى تىزمايلا قۇياي!

                                      2.پارچە  كۇندىلىك خاتىرە

بۇرۇن ئىككىمىز ئايرىلغان چىغىر يولدا كتىۋاتىمەن .بىر چاغدا ئىسىمگە كەلسەم بۇرۇن سەن ماڭا سويگۇ ئىزھار قىلغان گۇللۇك يېنىدا ئولتۇرۇپتىمەن،بىر چاغدا ئارقامدىن تۇنۇش كۇلكە ئاۋازى ئاڭلاندى،ئارقامغا بۇرۇلۇپ گۇللەر ئارىسىدىن قارىسام سەن باشقا بىر قىز بىلەن .....ئاھ بۇ نىمە ئىش، مىنى شۇنداق ئاسانلا ئۇنتۇپ كەتتىڭمۇ؟...............

                                    3-پارچە كۇندىلىك خاتىرە

مەن سەندىن ئەزەلدىن نەپرەتلىنىپ باقمىدىم.ھەم ھازىرمۇ نەپرەتلەنمەيمەن.چۇنكى مىنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىم نەپرىتىم ئۇستىدىن غالىپ كىلەتتى.
شۇڭا ماڭا قىلغان شۇنچىۋالا يۇزسىزلىكلىرىڭگە پەقەت ئاچچىق كۇلكەم ئارقىلىقلاجاۋاپ بىرىمەن خالاس.

      
                                  4-پارچە كۇندىلىك خاتىرە

ئايدىڭ كېچە،
قىيىنزارلىقنى ئارلاپ،شىرىن خىياللاردىن لەززەتلىنىپ، مەست كاللامنى سەگىتىپ كىتىۋاتسام،بىر يىگىتنىڭ مۇڭلۇق نالىسى قۇلۇقۇمغا كىردى:
-ئاھ ئھيدىڭ كىچە! سىنى قانداقمۇ قەلىپ ئىكرانىمدىن ئۇچۇرۋىتەلەيمەن؟!
شۇ كۇنى ئىككىمىز ۋىسال پەيزىنى سۇرگەن ئىدۇققۇ ؟! ئەمدىچۇ؟ ئوخشاشلا ئايدىڭ كىچە،ئەمما يېنىمدا ئۇ يوق،ئوزۇم تەنھا،قەلبىمدە كىزىپ يۇرگىنى پەقەتلا تاتلىق ئەسلىمە....
مەنمۇ بۇ يىگىتنىڭ نالىسىدىن شۇنى ئويلاپ قالدىم ئادەم دۇنياغا بىرلا قېتىم كىلىدۇ،ھەقىقى سۆيگۇمۇ پەقەت بىرلا
قېتىم لىكىن ئېيتقىنا جېنىم ئىككىمىزنىڭ سويگۇسى زارىقىش ،سېغىنىش ،ھىجران بىلەن ئۇتەمدۇ؟!

                                        5-پارچە كۇندىلىك خاتىرە

.......... ساڭا ئاشىق بولۇش گۇناھمۇ ؟ مەن ساڭا ئاشىق ئىكەنلىكىمنى بىلىسەنغۇ؟ ساڭا بەخىت تىلەش سىنى قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر قېتىدىن ياخشى كۆرگەنلىكىم ئىدىغۇ؟! بىراق سەن كۆڭلۇمنى چۇشەنمىدىڭ،مىنى مەڭگۇلۇك ئازاپتا قويدۇڭ،مەن سەندىن شاتلىق تىلىمەي قايغۇ تىلىگەنمىدىم،سويگۇ ئىزلىمەي،ئازاب ئىزلىگەنمىدىم،سەن نىمىدىگەن سۇيۇملۇك،نىمىدىگەن رەھىمسىز ھە؟خەيىر سەن ئاشۇ رەھىمسىزلىكىڭ بىلەن ئۇزۇڭنى ئازاپتىن قۇتۇلدۇرۋال،شۇنداق قىل،ئاشىغىم، شۇنداق قىل ! بوپتۇلا سىنىڭ بەختىڭ ئۇچۇن مەن بەخىتسىز ياشاي..........

كۇندىلىك خاتىرىنى قانداق ئوقۇپ تۇگەتكىنىمنى تۇيمايلا قالدىم،بىچارە غۇنچەم ئەسلىدە بىر ئاشىقكەندە، بىچارە بىزدىن خىجىل بولۇپ يۇشۇرۇپتىكەندە بىچارە دوستۇم، قانچە قىينالغانسەن، ..... قانچىلىك ئىچىم سىرىلغىنىنى بىلمەيمەن،بىر كېچە ئاپتۇۋۇزدا كىتىۋېتىپ زادىلا ئۇخلىيالمىدىم.
ئادەم ھەر قانداق ئىشقا چىدايدۇ،ئەمما ئۇزى ياخشى كۆرگەن ئۇزى بىلەن تەڭ ئۇرۇنغا قۇيۇپ كىلىۋاتقان ئادەملەردىن ناھەقچىلىق كۆرگەندە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ۋاز كىچىدۇ، ئۇلارغا ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ئۇۋالچىلىقىغا چىداش ئۇلۇمدىنمۇ تەس توختايدۇ.
بىچارە دوستۇم،چىدا ھەممە ئىشلار ئۇتۇپ كىتىدۇ دىدىم ئىچىمدە...
تۇيۇقسىز تىلفۇنۇم سايراپ كەتتى،چۇچۇپ كەتتىم،ئىشخانىدا خىيال سۇرۇپ ئولتۇرۇپ كەچ كىرىپ كەتكىننىمۇ تۇيماي قاپتىمەن.قىزىم تلفۇن قىپتۇ ئەمەسمۇ؟ دەرھال ئويگە قايتاي.
ئويگە قايتقاچ يەنە غۇنچەم ئىسىمگە كىلىۋالدى بىچارە دوستۇم ئويدىكىلىرىنىڭ زورى بىلەن توي قىلىپ بىر بالىلىق بولغاندا يولدىشى قاتناش ۋەقەسىدە تۇگەپ كىتىپتۇ،بىچارە يەنە بەخىتسىز بولۇپ قاپتۇ،بىچارە دوستۇم سەن نىمانچە شور پىشانە.....

قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى.

ئاللاھ ھەممىمىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4698
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9621
تۆھپە نۇمۇرى: 375
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2011-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 07:23:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىك ئىكەن، لىكىن باشقىلارنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى رۇخسەتسىز كۆرسە  قانۇنغا خىلاپ جۇما!!!    [s:34]  [s:34]  [s:34]

ئىشەنگەن تاغلىرىمدا ياتمىدى بىرمۇ كىيىك، دوسىتلىرىم زىرىكتى مەندىن، دۈشمىنىم سەنمۇ زىرىك.

ئۈزۈڭگە ئىشەن، ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3680
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10464
تۆھپە نۇمۇرى: 424
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 07:25:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بارمۇيا ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

خەيىر ئامان بۇلۇڭلار.

پەقەتلا قامچىغا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3063
يازما سانى: 1097
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 120309
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 3276 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 08:16:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كۈندىلىك خاتىرە ئەمەستەك قىلىدۇ . كۈندىلىك خاتىرە ھەرگىزمۇ بۇنداق نەسىرىۋىي ، غايىۋىي بولمايدۇ . ئۇنىڭدا تەپسىلاتلار ئېنىق ، پىرسۇناژلارنىڭ ئىسمى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ .
يۇقارقى تېمىنى ئوقۇپ ھېس قىلىشىمچە ، بۇنىڭدىكى بىر قىسىم تەپسىلاتلار (ئەسەرنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىشى ئۈچۈن) ئويدۇرۇلغاندەك قىلىدۇ .
ئاخىرىدا لىرىك ، تەسىرلىك تېمىڭىزنى كۆرگىنىمدىن خوشالمەن .
ھە راست ، دوستىڭىز سىر ساقلاڭ دېگەن گىپىنى ھەرگىزمۇ ئىسىڭىزدىن چىقىرىپ قويمىغايسىز ...   [s:33]

ۋاقىت رەھىمسىزلىك بىلەن تەرجىمھالىمنى يېزىۋاتىدۇ ... !

بىردەملىك تاقەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2025
يازما سانى: 3030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21377
تۆھپە نۇمۇرى: 734
توردا: 4929 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 09:06:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپەككۇرىڭىز ئۆزگىچە جۇمۇ دىلى نازۇك قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي، ئىجادىيىتىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.  مۇمكىن بولسا ئۆگىنىشلىرىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا يېڭى-يېڭى ئىجادىيەتلىرىڭىزدىن بىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرسىڭىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6215
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9465
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 1886 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 09:27:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام ساڭا يەنە بىر نادىر تېماڭنى ئۇچراتتىم ،ئىلھاملىرىڭ ئۇرغۇپ تۇرغاي قېرىندىشىم  [s:50]

قەدىرلە قەدرىڭنى بىلگەن قەدىرلىكنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5542
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8752
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2011-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 09:35:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا......................  مىنىڭمۇ  شۇنداق بىر دوستۇم بار..............
مەنمۇ يېقىندا  تورغا  چىقىرىمەن.............

ھەممە ئىش ئاللا خالىسا بولىدۇ .................

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6407
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8934
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 1176 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 09:55:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بەك تەسىرلىككەن !

قەدىرلە.قەدرىڭن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2976
يازما سانى: 1687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11667
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 3385 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 10:13:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  karmalika كە 2010-08-15 09:06 PMئەۋەتىلدى  :
    تەپەككۇرىڭىز ئۆزگىچە جۇمۇ دىلى نازۇك قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي، ئىجادىيىتىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.  مۇمكىن بولسا ئۆگىنىشلىرىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا يېڭى-يېڭى ئىجادىيەتلىرىڭىزدىن بىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرسىڭىز .  

ئەسسالام قار مەلىكە،مەن ئوقۇغۇچى ئەمەس، بىر ئوقۇتقۇچى ، ئۇگۇنۇشۇمگە تەسىر يەتمەيدۇ.

قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى.

قەدىرلە.قەدرىڭن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2976
يازما سانى: 1687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11667
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 3385 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-15 10:15:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  zubayda كە 2010-08-15 09:27 PMئەۋەتىلدى  :
سالام ساڭا يەنە بىر نادىر تېماڭنى ئۇچراتتىم ،ئىلھاملىرىڭ ئۇرغۇپ تۇرغاي قېرىندىشىم ،

رەخمەت ساڭا سىڭلىم. سىنىڭمۇ كۆپرەك يېزىشىڭنى ئۇمۇت قىلىمەن.

قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش