مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: akbrimamkokbora

بىشارەت‹‹فانتازىيەلىك پوۋست››(مۇكاپاتلىق تېما) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87759
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1343
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-11-26
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 08:22:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىزگە بىرىلگەن بىشارەتككەن ، ھەققى مەنىسى بىلەن چۈشۈنۈپ ئوقساڭلار بۇنىڭ نادىر تېما ئىكەنلكىنى ھس قىلالايسىلەر؟ مەنمۇ بۇ ئەسەرنىڭ مۇكاپاتقا ئىرشىشىگە تېلەكداشمەن.

ياشاش بىر جەريان ئۆلۈم بولسا مۇقەرەر نەتجە ئۆلۈمدىن قىچقپ قۇتۇلغلى بولمايدىكەن ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن قورقۇش نە ھاجەت!!!!!!!!!!!!!

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 3807
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 237796
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12261 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 05:58:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرىنىڭ مىسرانىم مۇنبىرىگە قەدەم باسقانلىقىنى تەبرىكلەيمەن !
تېماڭنىڭ مۇكاپاتقا ئىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن !

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89326
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-12-30
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 11:28:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى تولۇق كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئەكبەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ تەسەۋۇرىنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەنچە بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيىتى بار ھەم ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90621
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-1-25
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 11:53:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىنىڭ مەزمۇنىدىمۇ ئويلاپ كۆرۈلمىگەن ئۆزگىچىلىك باركەن. ئەمما تېمىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ھەقىقىي ئەدەبىي ئىجادىيەت تۈسىنى ئۆزىگە نىشان قىپتۇ. بۇ ئەسەر چوقۇم مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىشى زۆرۈر  دەپ قارىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81899
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3720
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2012-6-21
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 07:48:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ مەن  ئەمدى كۆرۈپتىمەن بۇ تىمىنى ~~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27967
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6056
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2011-1-26
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 08:09:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەكبەركا مەن  بىر  ئاددى ئەدەبىيات ھەۋەسكارى، بولۇپمۇ  بۇنداق فانتازىيەلىك ئەسەرلەرنى بېسىپ  ئوقۇيمەن،  مېنىڭچە بۇ ئەسەردە بىر فانتازىيىلىك ئەسەردە بولۇشقا تېگىشلىك خېلى  كۆپ نۇقتىلار كەم قالغان.
فانتازىيلىك  ئەسەرلەردە( كۆپىنچە مۇۋاپىقيەتلىك چىققان ئەسەرلەردە) ئەسەر قۇرۇلمىسى ھازىرقى زامان پەن  تېخنىكىسىنى بويلاپ  تەرەققى قىلدۇرۇلدۇ. قارىسام ئەسەردە كەلگۈسى 300يىل كېيىنكى جەمىيەت  تەسۋىرلەنگەندەك  قىلىدۇ، لېكىن سىز ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىز  بولغان ئۇيغۇر تىلىمىزنىلا ئەمەس بەلكى  ھازىر دۇنيا تىلى بولۇپ ئىشلىتىۋاتقان ئېنگىلىز تىلىنىمۇ ئاللىبۇرۇن يوقالغان تىللار قاتارىغا چىقىرۋېتىپ دۇنيا تىلى دېگەن مەۋھۇم چۈشەنچىنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز، بۇ چۈشەنچە 19-ئەسىردە بىر غەرىپلىك كىشى تەرپىدىن( ئېنىق ئىسىم فامىلىسى ئېسىمدە قالماپتۇ) ئوتتۇرغا قويۇلۇپ ئالقىشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ كېيىنچە مەغلۇپ بولغان
ئەسەردە مول بولغان فانتازىيلىك تەسەۋۋۇر كەم.
تىزگىنەكلىك تېلىۋزور قول بىلەن باشقۇرۇلدىغان ماشىنا ،خاتىرە كومپىيۇتېر قاتارلىقلار ھازىر ئاللىبۇرۇن تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ بولدى، يۇقارقىلار تەسۋىرلەنگەن بايانلارغا ئازراق فانتازىيلىك تەسەۋۋۇر قوشۇۋەتكەن بولسىڭىز  ئەسەر تېخىمۇ ياخشى چىقاركەن. ئىلىم پەننىڭ ھازىرقى تەرەققىيات سۈرئىتىدە بۇ نەرسىلەرنىڭ ئېشىپ كەتسە 50 يىل مەۋجۇت بولۇپ  تۇرۇش  ئېھتىمالى بار  دەپ قارايمەن( ئۇلۇغ ئاللاھ شۇ  كۈنلەرگە نېسىپ قىلسۇن)
ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىدا فانتازىيەلىك ئەسەرلەر ھەقىقەتەن بىر  بوشلۇق،  بۇ  بوشلۇقنى پەقەت يازغۇچى سۇلتان ھاشىم ئاكىمىز ئارلاپ ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان چاتما پوۋېسىتلىرى بىلەن تولدۇرۇپ  تۇرۇۋاتىدۇ( يەنە باشئەگىمدىكى رىۋايەت دەپ يەنە بىر  رومان بار ۋەقەلىگى شۇنداق  ياخشى) بولسا سۇلتان ھاشىم ئاكىمىز  بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىپ تەلىم  ئېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىش بىلەن  بىرگە( ياش،تەجىربە جەھەتتە سىزدىن چوڭ ئەمەسمۇ) تېخىمۇ كۆپلىگەن  نادىر  ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىپ ئۇيغۇر پىروزىچىلىغىدىكى بۇ  بوشلۇقنى تولدۇرىشىڭىزنى ئۈمىد  قىلىمەن.
مۇكاپاتقا  ئېرىشكىنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   motiwar108 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-28 08:10 AM  


ئالدىڭغا قارا، چۇقۇم يول بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88732
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 383
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-12-18
ئاخىرقى: 2013-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 11:04:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكوم ئەسسالام مۆتىۋەر ئىنىم!
قاراشلىرىڭىزنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. بەرگەن تەكلىپلىرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق. بىراق 300 يىل كېيىنكى تىزگىنەك بىلەن كومپىيوتىرنى مەن راستلا تەسەۋۇر قىلالمىغان ئىدىم. ئەمما ئۇيغۇر تىلىنى مەركىزىي ئورۇنغا قويۇپ، دۇنياۋى تىل بولۇپ تۇرىۋاتقان ئېنگىلس تىلىنى يوقالغان تىللار قاتارىغا قوشۇپ قويۇشۇم بۇ چوقۇم مۇشۇنداق بولىدۇ، دېگىنىممۇ ئەمەس. ئەمەلىيەتتە تىللارنىڭ يوقۇلۇشى ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ كەلمەيدۇ. ئۇيغۇن كېلىدۇ دېسەك تىلنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى، كۆلىمى تاراىيىپ كېتىشى مۈمكىن. ئەمدى ئۇيغۇر تىلىنى مەركىزىي ئورۇنغا قويۇشۇم بولسا ئانا تىل خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئالاھىدە تارىخىي شارائىتتا بىرى ئۆزۈمنىڭ ئانا تىلغان بولغان ھۆرمىتىمنى ئىپادىلەش بولسا، يەنە بىرى باشقىلارغا نىسبەتەن ئانا تىلنى يەنىمۇ قەدىرلەش ھەم ئانا تىلنى ئۈچ يۈز يىل ھەتتا ئۈچ يۈز يىلدىن ئۈچ يۈزى ئۆتكەندىن كېيىنكى يىراق زامانلارغىچە ئانا تىلنى سۆيۈپ، ئانا تىلنى شۇ يىراق كەلگۈسىدىكى قەۋمىمىزگە يەتكۈزۈپ بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بولغان ئۈمىدىم، خالاس.
ئەسەرنىڭ ئۆزىگە كەلسەك مەن مۇنداق قاراشتا.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سۇلتانكام فانتازىيەلىك ئەسەر ئىجادىيىتى بىلەن ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت شۇغۇللىنىپ كەلگەن مۆھتىرەم ئۇستازىمىز. مەنمۇ سۇلتانكامنىڭ فانتازىيەلىك ئەسەرلىرىنى بۇرۇندىن تولۇق كۆرۈپ كېلىۋاتقان ئىدىم. سۇلتانكامنىڭ فانتازىيەلىك ئەسەرلىرىنىڭ دىققەت تارتىدىغان مۇھىم نۇقتىسى ئىككى دەپ قارايمەن. بىرىنچىسى، سۇلتانكام فانتازىيەلىك ئەسەرلىرىدە زور دەرىجىدە ئىلىمىي تەتقىقات، ئىلمىي قاراش، ئىلمىي يەكۈنلەر بىلەن ئەسەرلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىدىكى چىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ كەلدى. بۇ ھال ئاپتوردىن ناھايىتى مول بولغان ئونىۋېرسال بىلىم قۇرۇلمىسىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن سۇلتانكام ئاانتازىيەلىك ئەسەر يىزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغن ئاپتولارغا ئۈلگە بولالايدۇ. ئىككىنچىسى، سۇلتانكامنىڭ ئەسەرلىرىدە ھامان يەر شارىدىن باشقا يەنە بىر ھاياتلىق شارى مەۋجۇت، تاشقى پىلانت ئادەملىرى ئەنە شۇ نامەلۇم تاشقى پىلانتتىن كېلىدۇ، دېگەن قاراشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئەسەر قۇرۇلمىسىنى قۇرۇپ يەر شارى ئادەملىرى بىلەن تاشقى پىلانت ئادەملىرىنى ئۇچراشتۇرۇپ ھېكايە سۆزلەيدۇ. بۇ خىل قۇرۇلما قۇرۇش ئەندىزى ھازىرقى ئىلىم - پەن تەتقىقات تېمىلىرى بىلەن ئۆزئارا بىردەكلىك ھاسىل قىلالىغانلىقى ئۈچۈن سۇلتانكامنىڭ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى ‹‹ئىلمىي فانتازىيە›› نامى بىلەن ئۇچۇرىشىپ كەلدى. دۇنيا فانتازىيەلىك ئەسەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە فانتازىيەلىك ئەسەرلەر ئىككى خىل بولۇپ ئۇنىڭ بىرى ‹‹ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەر››، يەنە بىرى بولسا نوقۇل ‹‹فانتازىيەلىك ئەسەرلەر››. ‹‹فانتازىيەلىك ئەسەرلەر››دە ئاساسەن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچ قىلماستىن تەسەۋۋۇرنى ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچى قىلىدۇ. مەن بۇ تېمىدا ئاشۇ ئىككىنچى خىل يولنى يەنى نوقۇل ‹‹فانتازىيەلىك›› يولنى تاللىۋالغان ئىدىم. چۈنكى مەن بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان مەسىلە ئىلىم تەتقىقاتلىرى ئىسپاتلىغان نەتىجىلەر ئەمەس ياكى ئىسپاتلاشنى ئويلاشقان نۇقتىلارمۇ ئەمەس بەلكى ئۆزۈمنىڭ تاشقى پىلانت ئادەملىرىگە بولغان سوبىيكتىپ تەسەۋۋۇرۇم ئالدىنقى نۇقتا قىلىنغان. ھازىرقى ئىلىم پەن تېخنىكىسى ئۆزىنىڭ يۈكسەك قۇدۇرىتىگە تايىنىپ ئالەمدىن ھالقىپ تۇرۇپ ئىككىنچى بىر خىل ھاياتلىق مۇھىتى بىلەن ئىنسانلار توپىنى ئىزدەپ كەلدى. ئەمما ئېلان قىلىنغان نەتىجىلەر كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. بىراق ھازىرغىچە ھېچبىر ئىلىم - پەن تەتقىقاتى يەر شارىدىن سىرتقى بىر مۇھىتقا بولغان ئىزدىنىشنى پەن بىلەن دىننىڭ ئۆزئارا بىر - بىرىنى تەقەززا قىلىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ باقمىدى. ئەمەلىيەتتە ئىلىم - پەندە ‹‹تاشقى پىلانت ئادىمى›› دېگەن بىر خىل جانلىق مەۋجۇت، دىننىي ئۇچۇرلاردا بولسا مەن بۇ تېمىدا تۇتقا قىلغان ‹‹جىن›› دېگەن يەنە بىر خىل جانلىق مەۋجۇت. بىزنىڭ مۇقەددەس دەستۇرىمىزدا تاشقى پىلانت ئادەملىرى ھەققىدە بىزەمۇ ئۇچۇر يوق، بىزگە بېرىلگەن ئۇچۇرلار بولسا ئىنسانلاردىن پەرقلىق بولغان يەنە بىر خىل خەلق توپى بولغان جىن قەۋمى ھەققىدىكى ئۇچۇردۇر. مۇقەددەس كىتابىمىزدا ئاسمان ئاتالمىسى كۆپلۈك رەۋشتىكى ئاسمانلار شەكلىدە، زېمىن ئاتالمىسى بىرلىك رەۋىشتىكى زېمىن شەكلىدە كېلىدۇ. شۇنداقلا جانلىقلار دۇنياسىنىڭ ياشاش مۇھىتى ئۈچۈن زېمىنلا بىردىن بىر بىشارەت قىلىنىدۇ. دېمەك مەن بۇ ئەسەردە پەقەت ئىلىم - پەننىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگىلا تايىنىۋالماي ئىلىم ئۇچۇرلىرى بىلەن دىن ئۇچۇرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ماھىيەتلىك پەرقنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىلىم تەتقىقاتلىرىدىكى تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ دىن ئۇچۇرلىرىدىكى جىن بىلەن ئوخشاش بىر خەلق بولۇش ئېھتىماللىقىدىن بىشارەت بېرىش ۋە تاشقى پىلانت ئادەملىرىگە بولغان تونۇش بىلەن تەتقىقاتتا چوقۇم پەن بىلەن دىننىڭ ئۆزئارار بىر - بىرىگە ئۇچۇر بېرىش رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى تەۋىسىيە قىلدىم . مېنىڭ بۇ تېمىدا يەتمەكچى بولغان نۇقتام دەل مۇشۇ بىشارەت بېرىش بولغانلىقى ئۈچۈن سىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بىر نەچچە نۇقتىلاردا سەۋەنلىك سادىر قىلىپ قويغانلىقىم ئېنىق.  سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىڭىزدە ئىلمىي ئاساس، پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ ھېس قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىزگە جاۋاب بېرىشنى ئۆزۈمنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ بىلدىم ھەم مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئېڭىمدا شەكىللەنگەن قاراشلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. شۇڭا بەك تەپسىلىي بولمىغان ۋە قايىل قىلارلىق بولماي قالغان يەرلىرى بولسا سىز ۋە باشقا ئوقۇرمەنلەردىن ئۆزرە سورايمەن. شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ئەسەرنى ‹‹ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەر›› سۈپىتىدە ئەمەس تەسەۋۇۇرغا تايانغان ‹‹فانتازىيەلىك ئەسەر›› سۈپىتىدە تونۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سىلەرگە ھۆرمەت بىلەن سالالم يوللاپ: ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش