mahatjan يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 12:17 AM
ھايات سەناسىغا باقسام ئۆتۈپتۇ قانچىلاپ ئىنسان،
...
ئۇل نەزمەڭ ئىشقى قەلبىمگە گۈزەل ئارزۇنى يار ئەتتى،
ئىجاد ۋەسلىگە مەپتۇنلۇق جۇدۇنۇمنى باھار ئەتتى.
كۈيۈڭدە قىلغاچقاجۇلا ھەقىقەت نۇرلىرى ھەردەم،
نۇرۇڭ بىرلە ئىلھام قۇشۇم كۆكتە پەرۋازغا كار ئەتتى.
ئاڭلىغاچ كۈيۈڭدە شۇ دەم بىر ھاياتلىق ھېكمىتىنى
بۇيۇن قىسقان تۈمەن سۇئال ماڭا جاۋاپنى بار ئەتتى.
نەزمىنىڭ سېھرىدىن چۈشتەك ئۇچتۇم بۇلۇتنىڭ قەھرىدە،
تەپەككۈرھىسلىرىم ئويناق جىمغۇرلۇقنى زەپ خار ئەتتى.
زوق ھەۋەس ئىلكىدە ماڭغاچ ئىجاد سەپىرىدە تايتاڭلاپ،
سۇنغىنىڭ دەستە گۈلدىن بىر ئۇستاز جەزبىدار ئەتتى.