مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 940|ئىنكاس: 7

توغراق شەجەرىسى -ئىسيانكار (تۇلۇقلانمىسى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89159
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 364
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 03:28:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

توغراق شەجەرىسى

ھۇۋ قۇشلار توغراقتا ئەنسىز ھۇۋلىشار ،

بورانمۇ ھۆركىرەر شۇنچە ئەسەبى  .

توغراقلار تورايدۇ كۆكرەك كېرىشىپ ،

چۈشەنمەس ياپراقلار شۇنچىلىك سەبى .

تۇزۇتۇپ قۇملارنى ، سۇندۇرۇپ شاخنى ،

"مەن غالىپ"دېگەندەك قىلىدۇ ھەيۋە .

ۋە لېكىن قايتىدۇ قاناپ تۇمشۇقى ،

شۇندىمۇ" مەن يەڭدىم "دەيدۇ ئۇ تەلۋە .

بىلمەيدۇ توغراقنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر ،

قوغداشقا يۇرتىنى قىلغان قەسەمياد .

يۇتسىمۇ بارخانلار توغراقنى تامام ،

مىت قىلماس كۆزىنى ، دېمەس "پەندىيات" .

ياشايدۇ تالاي يىل بارخان تېگىدە ،

قۇم-بوران توغراقنى قىلسىمۇ قارام .

توغراقنىڭ تېنىدە ساقلانغان سۇلار ،

نوتىلار جېنىغا بىرىدۇ ئارام .

ئانىنىڭ تىنىدىن سۇ ئىچكەن نوتا ،

بارخانلار كۆكسىنى يارار ئوق كەبى .

ئاداققى باھارنىڭ قۇربانى توغراق -

بالىسى كۆكلەيدۇ ، بۇنىسى تەبى .

قىشقا ئاتاپ

قەلبىمنى ئۆزىگە قىلالماس جەلىپ،

دېرىزەم يۈزىگە چەكسىمۇ نەقىش .

كۆمۈرنىڭ ئوتىغا بولمايمەن ئەسىر،

ئەي رەزىل ،مۇز چىراي،جاھالەتلىك قىش.

قاراپ تۇر بىر كۈنى كۆتۈرەر ئىسيان ،

يۈرۈگۈم باھار دەپ قىلماقتا قەغىش .

ئەركەكلەر

تاغلار باسسا،تاش يېرىپ ئۈنۈپ ياشا ئەركەكلەر ،

كۈلپەتلەرگە يەڭلەرنى تۈرۈپ ياشا ئەركەكلەر  ،

مۈشكۈللەرگە باش ئېگىپ يىغلىغانلار ئەر ئەمەس،

ياراشمايدۇ مىشچانلىق كۈلۈپ ياشا ئەركەكلەر  .


يەر تىترىسۇن نامىڭدىن،زاتى ئۇلۇغ ئەركەكنىڭ،

ئاتالغىنى يوق تېخى ئەركەك بولۇپ تەنتەكنىڭ ،

قۇلى بولما شەيتاننىڭ،(ئۇيقۇ بىلەن ئەسنەكنىڭ)،

ھاياتلىقتا كاراپتەك ئۈزۈپ ياشا ئەركەكلەر .


ئەرنىڭ قۇتى قەتئىيلىك ھەم ساپالىق،ساقلىقتۇر،

كەڭ قورساقلىق-مەرتلىكتە ھەر بىر تىنىق تاتلىقتۇر،

تۇرمۇش گۈزەل بىلگەنگە دەرتنىڭ تېگى شاتلىقتۇر،

شاتلىقىنى تۇرمۇشنىڭ سۈرۈپ ياشا ئەركەكلەر .


ئەركەك دېمە بەڭ چەككەن،بوتولكىلاپ ئىچكەننى،

تاۋكالاردا ئاتىنىڭ قان -تەرىنى تىككەننى ،

ساڭا دېسە باش بولۇپ،ئەلگە دېسە يىتكەننى ،

شەيتان قۇلى نەپسىڭگە قۇلۇپ ياسا ئەركەكلەر.


ئىشلىمىسەڭ ھەيكەلسەن تۈرۈپ قويۇپ بىلەكنى،

بېكار سېنىڭ تەر تۆكمەي تىلىگىنىڭ تىلەكنى ،

زامان-يىڭى زاماندۇر،تاللار ھامان كېرەكنى ،

ئەل-قەۋمىڭگە كېرەكلىك بولۇپ ياشا ئەركەكلەر.


ئۆزگە باغنىڭ گۈلىنى كۆرۈپ بېھۇش-مەس بولما،

تاۋار چەكمەن سەن تۇرۇپ، يىرتىق ماتا،خەس بولما،

ئائىلەڭنىڭ ، قەۋمىڭنىڭ  نەزىرىدە  پەس  بولما ،

ئائىلەڭگە چىن كۆڭۈل بۆلۈپ ياشا ئەركەكلەر .


تولا  زۆرۈر  ئادەمگە  ۋاپادارلىق، ساداقەت ،

ساداقەتلىك تۇرمۇشنىڭ كەپىسىمۇ پاراغەت ،

خىيانەتنىڭ  زامانى  قىيامەتلىك  ئالامەت ،

ۋاپا ،ئىمان ،سۆيگۈگە تولۇپ ياشا ئەركەكلەر.


ئەركەك دېسە ھۆرمەتتە تاغلار ئەگسۇن بېشىنى،

ئەركەك دېسە ئۆلگەننى قوياش تۆكسۇن يېشىنى،

ئاياللارمۇ  پۈۋلىمەس  لىڭتاسمىنىڭ  مېشىنى  ،

بۈيۈكلۈكنى ،غۇرۇرنى سۆيۈپ ياشا ئەركەكلەر.


قېنى، نەدە ئەركەك ؟! دەپ زارلانمىسۇن بۇ ماكان،

ۋىجدانى يوق بوشاڭدىن خارلانمىسۇن بۇ ماكان ،

ئويغىنايلى بىز قالدۇق ،نەگە كەتتى بۇ جاھان ؟!

ۋەتەن - خەلقىم ئوتىدا كۆيۈپ ياشا ئەركەكلەر !


ئۈلۈم

ھەر بىر جان ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر.

_"قۇرئان كەرىم" دىن.

بىز دۇنياغا مېھمان ، ھامان كېتىمىز .

_ياقۇپ ئەلەيھىسسالام.

بولسىمۇ ساۋاتسىز ۋە ياكى ئالىم ،

كېلىدۇ بىر كۈنى ھەممىگە ئۈلۈم .

بولسىمۇ رەھىمدىل ۋە ياكى زالىم ،

كېلىدۇ بىر كۈنى ھەممىگە ئۈلۈم .

دۇنيادىن دەرمانسىز كەتتى لوقمانمۇ ،

"رۇمى"مۇ ئۈلۈمدىن يىراق بولغانمۇ ؟

ھەر ئۆمۈر يۈز يىلدىن ئۇزاق بولغانمۇ؟

كېلىدۇ بىر كۈنى ھەممىگە ئۈلۈم .

قېنى ئۇ ھۆكۈمران ئەركە چىڭگىزخان ؟

ئىسكەندەر ھەم كەتتى تاپالماي دەرمان ،

كىم سۈردى جاھاندا مەڭگۈلۈك دەۋران ؟

كېلىدۇ بىر كۈنى ھەممىگە ئۈلۈم .

ئايرىماس باي-گاداي ، ئۇز-سەت ، ياش-قېرى،

تۇرسىمۇ نى ئارمان ، تالاي كەملىرى ،

ئۈلۈمدىن ھېچكىملەر بولمىدى نېرى ،

ھەر ئىنسان كېتىدۇ كەلگەندە ئۈلۈم .

ئۈلۈمنىڭ ھېسابى ھەممىمىزدە بار ،

تۆت كۈنلۈك ئامانەت بۇ جان تەندە بار .

دۇنيادىن كەتمىگەن قايسى بەندە بار ،

كېتىمىز دۇنيادىن كەلگەندە ئۈلۈم .

ياشلىققا تەمەننا قويمىغىن كېتەر ،

بىر كۈنى ساڭىمۇ قېرىلىق يېتەر ،

ھامانە ھاياتىڭ شاملىرى ئۆچەر ،

كەتمەي ھېچ ئىلاج يوق كەلگەندە ئۈلۈم.

ياخشىلار ، يامانلار ھەممە ئۆلىدۇ ،

ياماننىڭ ئىزلىرى تىزلا ئۆچىدۇ ،

ياخشىنىڭ شۆھرىتى قېلىپ كېتىدۇ،

پاك روھى ئۆلمەيدۇ كەلسىمۇ ئۈلۈم.

ياخشىلىق قىلغانلار ئۆلۈپ كەتسىمۇ ،

ئىزلىرى كۆمۈلمەس قۇملار كۆچسىمۇ ،

ئۇنۇتۇپ قالماس ئەل ئەسىر ئۆتسىمۇ ،

ياخشىلار ياشايدۇ كەلسىمۇ ئۈلۈم .

يۈسۈپتىن "خاس ھاجىپ" نامى قالغانتى،

مەھمۇدمۇ بىلىمدىن "دىۋان" يازغانتى(1) ،

نەۋائى ئەشئاردىن گۆھەر قازغانتى(2) ،

مىڭ يىللاپ ياشىدى كەلسىمۇ ئۈلۈم .


ئۆلمىدى ئاتايى ، گۇمنام ، زەلىلى ،

ھاياتتۇر نازارى ، خىرقىت ، تەجەللى،

ياڭرايدۇ دىللاردا نازىم غەزىلى(3) ،

ياشايدۇ ئەبەدى كەلسىمۇ ئۈلۈم .


يىگىرمە ئۈچ يىللا ياشىدى لوتۇن(4) ،

كۆيدى ئەل تونۇرى ئىچرە بوپ ئوتۇن ،

شۇڭلاشقا ھاياتى ئۇزۇندۇر - ئۇزۇن ،

ئۇ مەڭگۈ ياشايدۇ كەلسىمۇ ئۈلۈم .

ئەل ئۈچۈن جەڭ قىلدى شېھىت،ئۇيغۇرى(5)،

شادلىق بوپ ئۇلارچۈن ئەلنىڭ ھوزۇرى ،

ئەل ئۈچۈن يالقۇنجاپ سوقتى تومۇرى ،

تائەبەت ياشايدۇ كەلسىمۇ ئۈلۈم .


ھاياتلىق ئاجايىپ قىسقىدۇر-قىسقا ،

تەڭ قىلما ھاياتنى تىز يوقار ئىسقا ،

ئىنتىلگىن ھاياتتا كۆپ ياخشى ئىشقا ،

ياخشى ئىش ئۆلمەيدۇ كەلسىمۇ ئۈلۈم .

ھاياتتىن چىقاردىم شۇنداق بىر يەكۈن:

نە مۇمكىن ئارتۇقراق ياشاشقا بىر كۈن ،

كېتىمىز يا بۆگۈن ، يا ئەتە ئۆگۈن...

ھەر جانغا ھەر ۋاقىت بەخشەندە ئۈلۈم .

ھەممىمىز دۇنيادىن كېتىمىز ، بېراق -

ياخشىلىق ، شان-شەرەپ ئۈلۈمدىن يىراق ،

ھاياتتا ياخشىلىق قىلايلى كۆپراق ،

نامىمىز قالىدۇ كەلگەندە ئۈلۈم .

ھەممىمىز دۇنيادا ياشىغان ئىنسان ،

ياشىدۇق _ بىزدىنمۇ قالسۇن نام-نىشان،

تۇتايلى دۇرۇس يول ، پاك بولسۇن ۋىجدان ،

ئىزىمىز  قالغۇسى  كەلگەندە  ئۈلۈم  !!!

(1)مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئۇ يازغان" تۈركى تىللار دىۋانى".

(2)ئەشئار _ شېئىر .

(3)ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرلىرى .

(4)لوتۇن _ لۇتپۇللا مۇتەللىپ .

(5)شېھىت ، ئۇيغۇرى _ نىمشېھىت ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى كۆرسىتىدۇ .  ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق

چاڭ سالىدۇ بىرلىرى سايراپ ،

ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .

جان بىرىدۇ بىرلىرى زارلاپ ،

ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .

.

.

ھەر كويلاردا ھەركىم نەپسىدە ،

نەپسى ئۈچۈن بەزى ھەپسىدە ،

ھەپسىدىمۇ كەلمەس ئەسلىگە ،

ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .

.

.

بايلىق ئۈچۈن سېتىشتى ئاقنى ،

ئۇرۇپ مەجرۇھ قىلىشتى ساقنى ،

يۇقۇتۇشۇپ ئىنسان سىياقنى ،

ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .

.

.

ھەتتا پۇلغا ۋىجداننى ساتتى ،

ھالال تەرگە ھارامنى قاتتى ،

يات قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى ،

ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .

.

.

قىزىقسىچۇ پۇلچىلىك پەنگە ،

زەررە تۆھپە ياراتسا ئەلگە ،

ھاياتىدىن قالاتتى بەلگە ،

ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .

.

.

ئىلىم-پەنمۇ ياراتتى بايلىق ،

شەھەرلەرگە ئايلاندى سازلىق ،

"پەننىڭ پۇلى" قىلۇرمىش ئازلىق،

ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .

.

..

ئوخشامدۇ ئېيىت ھالالغا ھارام ،

قايسى بېرەر جېنىڭغا ئارام ،

ئارام دېمەي بۇلۇشتۇق قارام ،

ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .

.

..

ئەلگە ئۆزىن ئاتىغان باردۇر ،

شۇ يولدا شاد ياشىغان باردۇر ،

شۇنداقلارغا بەخىتمۇ ياردۇر ،

ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .

.

..

جان كۆيدۈرۈپ ۋەتەن دېگەنلەر ،

ۋەتىنىم دەپ غېمى يىگەنلەر -

كۈرەش ئۈچۈن دۇلدۇل يۈگەنلەر ،

ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .

.

.

قان تۆككەنلەر شەرەپلىك ھامان ،

شورىغانلار يوقىلار ھامان ،

قان ئىزىدا ئۆزگىرەر جاھان ،

ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .

.

.

قوۋناق جاھان كۆرەش مېۋىسى ،

ئۈزمەس ئۈنسىز ئەرك كېمىسى ،

بۈركۈت شاتۇت بولغان نېمىسى !

ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق .

.

..

تۈزىلەيلى بىزلەرمۇ دوستلار ،

تەر تۆكۈلسە زىرائەت ئوخشار ،

شۇندا بىزنىڭ ئېشىمىز ئوخشار ،

ئەجەپلەنمەڭ دۇنيا مۇشۇنداق . بىلەتتىڭ

كۈلمەس ئىدىڭ ، يۈرەكنى كۆرۈپ باقساڭ بىلەتتىڭ ،

ئوتتىن ئۇلۇغ ھاياتتا كۆيۈپ باقساڭ بىلەتتىڭ .

ئاچچىقىنى زەھەردەك سەنمۇ شۇندا ھاياتنىڭ ،

ۋىسال ئىزلەپ چۆللەردە ئۆلۈپ باقساڭ بىلەتتىڭ .

.

كۈلكە دېمە ھاياتنى ، بەخىت قونسا بېشىڭغا ،

ئۈندۈرەرسەن بىر كۈنى سەنمۇ گىياھ يېشىڭدا ،

ئوغا بولار بىر زامان ئىچكەن ھەر ۋاخ ئېشىڭدا ،

دېڭىزىغا ئازاپنىڭ كىرىپ باقساڭ بىلەتتىڭ .

ياخشى تولا جاھاندا ، يەتكۈچە بار يامانمۇ ،

ئالتۇن رەڭلىك چەش بىلەن ھەر ۋاخ بىرگە سامانمۇ ،

كۆكلەيدىكەن يەتكۈچە ئۈزۈمى يوق باراڭمۇ ،

يۈرۈگۈڭنى رەڭۋازغا بىرىپ باقساڭ بىلەتتىڭ .

.دوستۇڭمەن دەپ بىرىنىڭ كۈلكە تولار چىھرىگە ،

ئېرىپ كېتەر ھەتتاكى قارا تاشمۇ مىھرىگە ،

جۆندەر سېنى تۇيدۇرماي رام بولغاندا سېھرىگە ،

قۇچىقىڭنى دوستلارغا ئېچىپ باقساڭ بىلەتتىڭ .

قاش ئوينۇتۇپ ، كۆز قىسىپ كەلدى بىر قىز ناز بىلەن ،

ئاشىقىم دەپ توۋلىدى تەڭكەش قىلىپ ساز بىلەن ،

قارغا كۆمدى دىلىمنى شۇنچە گۈزەل ياز بىلەن ،

تۈلكە مىسال قىزلارنى سۆيۈپ باقساڭ بىلەتتىڭ .

باقماس ساڭا بۇ ھايات ، چىدام كېرەك كۆنۈشكە ،

گاھ ئۇچرايسەن سۆيۈشكە ، گاھى تىرىك كۆمۈشكە ،

نۇمۇس ياتماق كۆمۈلسە ، ئىنتىلىپ باق ئۈنۈشكە ،

گاھ كۆمۈلۈپ يىڭىدىن ئۈنۈپ باقساڭ بىلەتتىڭ .

سىنىقى كۆپ ھاياتنىڭ ، كىمدىن ئازار يەتمىگەن ؟

بوياپ "رەڭ"دە كىمنى ئاق ، كىمنى قارا ئەتمىگەن ؟

ھەر قەدەمدە پۇتلۇشۇپ كىم ئارماندا كەتمىگەن ؟

سىنىقى كۆپ ھاياتقا كۆنۈپ باقساڭ بىلەتتىڭ . ئالماشقان سۈرەت

بىزنى دوراپ يېسە مايمۇن باناننى ،

قىلىق قىلدۇق تەقلىد قىلىپ مايمۇنغا .

كۆردۈم بۆگۈن مايمۇن سىياق جاناننى ،

ياقا تۇتتۇم ، يۇلۇقتۇممۇ ھايۋانغا .

پەمىدۇردەك قىزارتىپتۇ لېۋىنى ،

يەتمىگەندەك ئەسلىدىكى قىزىللىق .

كۆمىۋاپتۇ ئۇپا بىلەن يۈزىنى ،

تەبەسسۇمنى كۆرمىسۇن دەپ خىجىللىق.

ئۈچەي كەبى ئىشتىنىدىن ئايلىناي ،

چاچلىرىنى كېسىپ قامچا ئەتتىمۇ ؟

تىرنىقىنى ئالماپتۇ-دە پايلىماي ،

ياكى ئاڭا بىرەر ۋەس-ۋەس يەتتىمۇ ؟

كۆيگەن چېغى بېشىدىكى ياغلىقى ،

ئاتەش كەبى دولقۇن چاچلار تەپتىدە .

قارماققىلا ئوخشاپ قاپتۇ قاشلىقى ،

يۈرەمدۇ يا بىرەر بىرەر بىلىق قەستىدە .



شۇندا مەنمۇ كۈرۈپ قالدىم ئۆزۈمنى ،

ئۆيۈمدىكى ئادەم بويى ئەينەكتىن .

ئاھ ، نە قىلاي ئۇشبۇ قارا يۈزۈمنى ،

پەرىقلىقمەن ئۇيغۇرغا خاس ئەركەكتىن .

بېشىمدىكى دوپپام نەگە كەتتىكىن ؟

بوينۇمدا بار ئىت - مۈشۈكنىڭ زەنجىرى .

قايسى شەيتان بۇ سىياقتا ئەتتىكىن ،

يا شۇنداقمۇ بۇجاھاننىڭ تەقدىرى ؟

گەدىنىمدە يەلپۈنىدۇ چاچلىرىم ،

بارمىقىمدا تىللا ئۈزۈك پارقىرار .

يۈكسەكلىككە ئىنتىلىدۇ باشلىرىم ،

نىگاھىمدا يىڭىلىقلار تارقىلار .

توۋۋا ، ھەي ئايلىنىپتۇق قىزلارغا بىز ،

قىزلارمۇ ھەم بولىۋاپتۇ بىز سىياق .

تاشلىۋەتسەك ئەنئەنىنى شۇنچە تىز ،

قالماسمىزمۇ ئاخىر بىر كۈن بىز ياياق ؟!

ئۇدۇن كوچىلىرىدا ئۇيغۇر ئىزدەيمەن


ئۇدۇننىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىدا ،

ئۆزۈمگە تونۇش بىر سىما ئىزدەيمەن .

دىلدىكى غېرىبلىق ، تەگسىز ئويلارغا ،

ئەتراپقا قارايمەن - مەنا ئىزدەيمەن .

ئەتراپىمدا نۇرغۇن ئادەملەر ،

يۈرۈشمەكتە شۇنچە ئالدىراش .

تونىمايمەن - ھەممە ناتۇنۇش ،

روھىمغا ھۆكۈمران تەنھا ياتسىراش .

.

.

.

.

.

ئىزدىدىم كۆپ ئۇچرىتالمىدىم :

ئەتلەسكە ئورالغان                  

ئۆرۈم چاچلىق ئۇيغۇر قىزىنى ؛

ئۇيغۇر يىگىتى بېشىغا قونغان

شاھ تاجىدەك يارقىن دوپپىنى ؛

كۆرۈنمەيدۇ قېتىقچى ئايال ،

يىپچى موماي ، باققال بوۋايچۇ ؟

نەگە كەتتى ئوسمىچى قىزچاق ؟!...

ئادەم نۇرغۇن كوچىدا ئەمما ،

ھەممە ئادەم تەنھادۇر بىراق .

ئۆزۈمچىلا دېدىم ۋارقىراپ :

_ ئۇدۇندىكى ئۇيغۇرلار قېنى ؟

_ مانا مەن ئۇيغۇر !     

_ مەنمۇ ئۇيغۇر !        

_ كۆزۈڭ كورمۇ ؟      

_ ھەممىمىز ئۇيغۇر !

_ ...            

جاۋاب بەردى ئادەملەر مەغرۇر .

.

.

.

.

.

سۆزلىمەكتە ماڭا ئادەملەر ،

مەن قارايمەن ئۇلارغا ئۇزاق .

"بىز ئۇيغۇر!" دەپ توۋلىغانلارنى ،

ياۋروپالىق دەپ ئويلىغان بىراق .

ئۇيغۇر سۈپەت ئۇيغۇر كۆرەلمەي ،

جىسمىمنى ئۆرتىدى ئاچچىق بىر پىراق .

قۇملۇقتىكى قەيسەر توغراقسەن ،

كەتمە ئۇيغۇرۇم ئۆزۈڭدىن يىراق !

.

.

.

.

.

ئىشقىم بىلەن باقتىم ئالەمگە ،

مېھىرلىك باقتىم ھەر بىر ئادەمگە .

ئۇچراتقىنىم ناتۇنۇش دۇنيا ،

يوقاتتىم ، ئىزدەيمەن ئۆزۈم قەيەردە ؟!




قىيامەتكە قالدى بىر قەدەم !

چىقتى قوياش بىنا كەينىدىن ،
تۇرخۇنلاردا ئىس ئەجدىھاسى .
بۇندا كۆركەم قارلىق تاغلار يوق ،
بۇندا گۈزەل بېھىش باغلار يوق،
ئېچىلمايدۇ خۇشبۇي گۈل-چېچەك...
ئۆزگىلەرگە قارار ھالى يوق
ئەسلا كارى يوق
ئادەملەر ئالدىراش ماشىنىلاردەك؛
سۆيگۈ دەيدۇ-
ئەمما پايخان ئەقىدە ،
ماڭدامدا بىر يالغان ۋەدە .
ئېيتىڭلار !
ساداقەت ئۆلگەن ئىدى قەيەردە ؟!
ئەخمەقلىق بولدى ۋاپا ئاقتۇرۇش
ساداقەت-ۋاپا قەبرىلەنگەندەك .
.
.
.

قەھرىمانلىق بولدى ئەپسانە ،
ئۆچكىلى نېكەم سارغۇچ بەتلەردىن .
كىر يۇيىدىغان ئەر تۇغۇلدى ،
"يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت" پۇشتىدىن.
باتۇرلۇق_
قاۋاقلاردا رومكا سوقۇشتا ،
مەردلىك ، سېخىيلىق_
تاۋكالاردا مەيدە ئۇرۇشتا...
پىچاق دادلىشىپ تۇرار غىلاپتا ،
ئەركەكلەر جىمجىت ئۆلەر كارىۋاتتا .
.
.
.

ئىپپەت ئۆلگەن ، شەھۋەت قاپلىغان ،
يالىڭاچلىنىش "ئازادلىق"بولغان ؛
تۇنجۇققان ۋىجدان ،
ئەخلاق پايخان ،
جاھاننى قاپلىغان گۇناھ - خىيانەت .
شەھەر...
ئەنئەنىلەر ئەسكى چاپان سانالغان ،
يىڭىلىق سەلدەك-توپاندەك باسقان ؛
ئائىلە ۋەيران
بالىلار سەرسان
گۇناھسىز كۆزلەر يىغلاپ قالغان...
ئاياللار ئالۋاستى
ئەرلەر خۇددى كىشەنلەنگەن قۇل .
ئەي ئىنسانىيەت !
بىزگە يېقىن قىيامەت .
كەل ئىنسانىيەت !
"مەدەنىيەت" ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ
ھالاكەتنىڭ ھاڭىغا سەكرەيلى ئۇدۇل !
.
.
.
يېقىنلاشتى دۇنياغا توپان ،

ھالاكەتكە يۈزلەندى ئىنسان !


كۈتەر بىزنى ھالاكەت ،
ئۆلمەكتە ئالەم ، ئۆلمەكتە ئادەم .
كۆزۈڭنى ئاچ ئەما ئىنسانلار ،
قىيامەتكە قالدى بىر قەدەم !

ئۇلۇغسەن دېھقان

چارچاشقا پەرۋاسىز ، شۇنچىلىك ئىشچان ،

ئەمگەكتە پولاتتەك تاۋلىنىپ پىشقان ،

ئەجرىدىن ئۈندۈرۈپ قىزىلگۈل قىسقان ،

شۇ سىياق كەسىپلەر تۆرىگە چىققان ،

ھەر قانداق ئىنساندىن ئۇلۇغسەن دېھقان .

بىر تامچە قان-تەرىڭ ياسايدۇ بىر دان ،

مېھنىتىڭ مەھسۇلى داندىن پىشقان نان ،

ئۇ سۆڭەك يىلىكى ، تۇمۇرلارغا قان ،

شۇ يىلىك ، شۇ قاندا ئۆرە تۇرار جان ،

ھەر قانداق ئىنساندىن ئۇلۇغسەن دېھقان .

ئىشلىدىڭ ۋايسىماي ئىسسىق-تومۇزغا  ،

سۇ كەچتىڭ چىش چىشلەپ قىشلاردا مۇزغا ،

ئوخشاشلا نان بەردىڭ كۈرۈمسىز ، ئۇزغا ،

مۇشىت بەردى بەزىلەر سەن بەرگەن تۇزغا ،

ھەر قانداق ئىنساندىن ئۇلۇغسەن دېھقان .

يېمىدى قايسى جان سەن بەرگەن ئاشنى ،

ئاش يېمەي ياردىمۇ تاھىرمۇ تاشنى ؟

ئۇنىڭسىز قۇردىمۇ توغاننى ،قاشنى ،

شۇندىمۇ سۈرتمىدى كۆزۈڭدىن ياشنى ،

ھەر قانداق ئىنساندىن ئۇلۇغسەن دېھقان .

ئەجىر ۋە نەتىجەڭ ھەممىدىن ئارتۇق ،

ۋە لېكىن بەرمىدى تۆھپەڭگە تارتۇق ،

ئەرزىڭ يوق ، دېمىدىڭ "بىز جاپا تارتتۇق ،

ھەممىنىڭ ئالدىدا مانا بىز باردۇق "،

ھەر قانداق ئىنساندىن ئۇلۇغسەن دېھقان .

قانائەت ، شۈكۈرگە ئۆگەنگەچ قەلبىڭ ،

شۇ سەۋەپ يوقلۇققا ۋايسىماي كەلدىڭ ،

ئۆزۈڭ ئاچ قالساڭمۇ مېھمانغا بەردىڭ ،

خىسلىتىڭ يار بولغاچ كۈندە يۈكسەلدىڭ ،

ھەر قانداق ئىنساندىن ئۇلۇغسەن دېھقان .

دادلىماس بولسۇن ئۇ شۇمنىڭ قەستىدىن ،

دېھقانمۇ شات كۈلسۇن باھار پەسلىدىن ،

ھاكىممۇ ، ئالىممۇ دېھقان نەسلىدىن !

قۇرۇسۇن ۋەسلىدىن ، تانغان ئەسلىدىن ،

ھەر قانداق ئىنساندىن ئۇلۇغسەن دېھقان .



مەنمۇ شۇ شەرەپلىك دېھقان بالىسى ،

مېنىڭمۇ پەريادىم دېھقان نالىسى ،

ئەملەنسۇن دېھقاننىڭ قەلىب يارىسى ،

شادلىقتىن بېزەلسۇن ئۆيى-خانىسى ،

ھەر قانداق ئىنساندىن ئۇلۇغسەن دېھقان .

غەزەللەر

باردۇر


ئەجەپلەنمەڭ بۇدۇنياغا،بۇدۇنيادا ئۇيۇن باردۇر .

قۇياش كۈلگەن باھاردىمۇ سۆرۈن تەلەت قۇيۇن باردۇر.

پىرقىراتسا تەتۈر قۇيۇن تىنەپ قالماس بىچارىلەر ،

ئۇلارنىمۇ ئاسرايدىغان مىھرى ئىللىق قويۇن باردۇر .

مەزلۇملارنىڭ نالىسىدىن زوقلىنىشقان بىغەملەرگە ،

قۇيۇن باسقان شەھەردىمۇ نەغمە-ناۋا،سورۇن باردۇر .

دىلى تۇيۇق بىغەملەرنىڭ ناۋاسىمۇ چەكسىز ئەمەس ،

پەقەت چەكسىز مۇھەببەتلا،ئاڭا دىلدىن ئورۇن باردۇر .

سەۋىر قىلساڭ غورىدىنمۇ ھالۋا پۈتەر تاڭلا كۈنى ،

ھەرە بۇلۇپ بال بېرىشكە بىزدە نۇرغۇن بۇغۇن باردۇر .

بۇغۇنلارغا ئازار قىلسا چېقىپ ئەبگار سېرىق ھەرە ،

مەيدىسىنى قالقان قىلىپ توسۇيدىغان لۇتۇن باردۇر .

لۇتۇن ئۆلمەس،بۇغۇنلارنى بال ھەرىسى قىلماي تۇرۇپ ،

چۈنكى ئۇندا"دۇئا ئالغان قېلىچ كەسمەس بويۇن"باردۇر .

كۈنى كەمتۈك بولىۋەرمەس تۈننى يارغان كۆكتىكى ئاي ،

ئايلىنىدۇ يەر شارىمۇ،بىر كۈن چىقار تۇلۇن باردۇر .


ئوينا

ئوينىغىن،دوستلىرىم ئوينا،سەتەڭنىڭ نازىغا ئوينا .

قولىغا  ئالدى  دۇتتارنى  قېنى  چۈش  سازىغا  ئوينا  .

سۆيگۈ دەپ تىنىدىڭ بىر چاغ غازاڭدەك سارغىيىپ جۇتتا،

قولۇڭدىن تارتتى ئايۋانغا،ئىشىقنىڭ يازىدا ئوينا  .

قايسى بىر غەملىرىڭ قالدى تېرىكىڭ تۇرسا توغراقتەك ،

چۆرىۋەت ھەممە ئارماننى، ئاتاڭنىڭ بارىدا ئوينا  .

كۈنۇ-تۈن قايىتمىدىڭ ئۆيگە قاۋاقتا مەسىت-ئەلەس ئويناپ،

غېمىڭدە تۆكسىمۇ قان-ياش ئاناڭنىڭ زارىغا ئوينا  .

چىشلىمەي يىغسا ئوغلۇم دەپ تەر تۆكۈپ كۈنى مېھنەتتە ،

چوڭ تىكىپ قېنى ئات ، ئۆينىڭ مال-مۈلۈك بارىغا ئوينا .

ئۇتتۇرۇپ ھەممىنى بىر كۈن بۇلۇپ قالغاندا بىتەلەي ،

زار بۇلۇپ قالساڭمۇ ھەتتا بىر پۇچۇق زاغرىغا ئوينا .

تاپالماي كۈنى بىر ۋاخ نان ئەلەمدە زارلىساڭ ئاچچىق ،

يەپ-ئىچىپ ئوينىغان كۈننىڭ پۇشايمان غارىدا ئوينا .

ئويۇن دەپ ئۆتتى كۆپ ۋاقتىڭ ئويلىماي ئۆزگىنى ئەسلا ،

سۆڭەككە يەتتى پاسىقلىق غۇرۇرۇڭ دارىدا ئوينا  .

ئوينىدىڭ ئەمدى ئويلانغىن كېلەچەك،بەختۇ- ئارمان دەپ،

بىر ھالال جۈپ بىلەن دوستۇم تويۇڭدا ناغرىدا ئوينا  .

گۈلۈم نەدە؟

ئەجەپ قىلدى بۇ ئاشىقلىق مېنىڭ گۈلگۈن كۈنۈم نەدە ؟

سەبىيلىكتىن قاناتلانغان خۇشال چاقچاق،كۈيۈم نەدە ؟

قاچان كۆردۈم ،ساڭا كۆيدۈم بولۇپ ۋەيران پىراقىڭدا ،

كۈرەلمەيمەن سىياقىمدا ، ئاساۋ ئاتتەك ئۆزۈم نەدە ؟

سامان بولدى گۈزەللىكتىن ئۇزۇق ئالغان چىرايلارمۇ ،

تەبەسسۇمدىن ئېلىپ ئەندىز كۈلۈپ يۈرگەن يۈزۈم نەدە ؟

سېنى كۆردۈم ، كۆرەلمەيمەن سېنىڭدىن يات چىرايلارنى،

بۇلۇپ قالدىم غېرىپ ئەما مېنىڭ ئويناق كۆزۈم نەدە ؟

خىيال باستى قېچىپ ئۇيقۇم ساڭا يىپسىز بۇلۇپ تۇتقۇن،

شىرىن چۈشلەر كۆرۈپ تاتلىق كۈلۈپ ياتقان تۈنۈم نەدە ؟

يۈرەگىمدىن تۆكۈپ قان-ياش،ئەقىدەمدىن ئۇرۇق چاچسام،

ئۈنۈپ،ئايناپ چېچەك ئاچقان مېنىڭ سۆيگۈ گۈلۈم نەدە ؟

نېمە مەنە تاپارمەن ئېيىت سېنىڭسىز يار بۇ ئالەمدىن ،

سەنسىز بىتاپ ياشىماقتىن ماڭا ئارتۇق ئۈلۈم نەدە ؟

ۋاپاسىز يار

نېچۈن غەمكىن دېسەڭ دوستۇم،يۈرەگىمدە نادامەت بار،

ۋاپاسىز  يار  يارا  ئەتكەن  جاراھەتتىن  ئاسارەت بار.

ساداقەتتىن بېرەي شەربەت دېگەن،تاشلاپ پىراقلارغا،

ئالداپ كەتتى يىراقلارغا،ياردا ئەقىل-پاراسەت بار .

شىرىن-شېكەر سۆزى بىلەن مېنى باغلاپ ئەسىر قىلدى،

شۇنچە ئاسان باغلىۋالدى؟(شۇنداق ئېسىل ماھارەت بار).

سوۋغا قىلغان دەردى ئوكيان،ھەسرەتلىرى گويا ئاسمان،

قەلبى ئىنساپ بىلەن تولغان،ماڭا نۇرغۇن ساخاۋەت بار.

ئازاپ چەكسەم كۈلۈپ يۈردى،جاپا تارتسام خوشال ئويناپ،

مەن تارتقان دەرت-ئەلەملەردە ئۇنىڭچۈن قۇت-سائادەت بار.

ئازاپ بەردى كۆڭۈل بەرسەم،جاپا قىلدى ۋاپا قىلسام،

شۇڭا  دەيمەن ، ۋاپاسىزدا  ۋاپاغا  ئۆچ-ئاداۋەت  بار .

ئۆزۈم يالغۇز يۈرەي تەنھا،ۋاپاسىزدىن كېچەي ئەمدى،

ھېلىمۇ ئاز ئەمەس، دىلدا ساقايماس مىڭ جاراھەت بار.

نىگارغا نىدا
بۇ سۆيگۈدە شاھ ياراتتى سىنى خۇدايىم ،

مەن غېرىپنى قۇل ئەيلىدى ساڭا ئۆز رايىم .

يىغلاپ تۇرۇپ ئەقىدەڭگە تېۋىنسام جانان ،

پەرۋايىڭ يوق تىلىكىمگەدېدىڭ "نە كارىم ".

كۈز رەڭگىدەك سارغايغىنىم سەن ئۈچۈن كۈلكە ،

دۈشمەنلىرىم كۈلدى قەھ-قەھ ، يىغلىدىم يارىم .

بىلمەپتىمەن بىر تاش يۈرەك ، زالىم ئىكەنسەن ،

پەرۋايىڭغا ئېلىنمىدى مېنىڭ ئاھ ، زارىم .

سېنىڭ ۋەسلىڭ كىبىر بىرلە ئورالغان ئىكەن ،

سېنى سۆيۈش غۇرۇرۇمغا بولۇپتۇ دارىم .


ھەر كۈنى

ۋەسلىنى ئىزلەپ نىگار تارتتىم مالامەت ھەر كۈنى ،

ئىزلىدىم ، تاپالمىدىم چەكتىم نادامەت ھەر كۈنى .

مۇز كېچىپ گاھى تومۇز ياياق پۇتۇمدا قىينىلىپ ،

ئۆتسىمۇ ئۆمرۈم ، نىگار سۈردى ھالاۋەت ھەر كۈنى .

سودىسى ئاقماس غېرىپ باققالغا ئوخشاش زارىمەن ،

ۋە لېكىن كۆكلەپ نىگار قىلدى تاپاۋەت ھەر كۈنى .

كۆكلىدى ، كۆكلەرگە تەڭ ئاشتى ئىناۋەت-شۆھرىتى،

شۇ سەۋەپ سانسىز زەبۇن قىلدى تىلاۋەت ھەر كۈنى .

ھۆسنىدە تاڭ قالدۇرۇپ ، ئۆرتەپ گۈزەللەر باغرىنى ،

ھەم رەشىك ئوتلارىدا چىقتى كارامەت ھەر كۈنى .

ئاشىقى چاچراتسا قان ، ھەسرەتتە ھۆرلەر چاچ يۇلۇپ ،

ئۇ ئىشىق بازارىنى قىلدى قىيامەت ھەر كۈنى .

گەر سىناق كەلسە ماڭا ئۆلمەككە ھەتتا يار ئۈچۈن ،

مەن باراي قالسۇن جانان ، بولسۇن سالامەت ھەر كۈنى .


نىگار


مېنى مەست قىلغان بۈگۈن مەي ئەمەس ۋەسلىڭ نىگار ،

زارلىتىپ كۆيدۈرگىنى ئوت ئەمەس تەپتىڭ نىگار .

ئارمىنىم مەسىتلىك چېغىم بىر كۆرۈپ تاپسام داۋا ،

ھەم راۋا ئاشىق ئۈچۈن گۈل باھار پەسلىڭ نىگار .

تۈنلىرى ئۇيقۇم قاچار ، كۈندۈزى ھويلاڭدىمەن ،

گاھىدا چويلاڭدىمەن نە سېنىڭ قەستىڭ نىگار ؟

بىر نىسىپ بولالمىدىم سەن بىلەن سۆھبەتكە مەن ،

كۆرگىنىم بولدى پەقەت گۈل بەدەن بەستىڭ نىگار .

بىر ۋىسال قىينار مېنى سەن ئۇنى كۆرسەتمىدىڭ ،

ئۆزگىدە كۆڭلۈڭ سېنىڭ ئېيىتقىنا راستىڭ نىگار ؟

يۈرەك ناخشام

ساڭا ئاتاپ ناخشا ئېيىتتىم ئېيىتقانلىرىم يۈرەك ناخشام ،

ناخشا ئېيتىپ سەھەر-ئاخشام ۋىسالىڭغا تىلەك ناخشام .

ئېيتىۋەرسۇن زىرىككەندە توختاپ قالار دېيىشتى خەق ،

سۆيگۈ كۈيى توختىمايدۇ مۇھەببەتتىن دېرەك ناخشام .

توختىتالماس قۇيۇن،تومۇز،شىۋىرغانمۇ،جۇدۇن-قارمۇ ،

باھار،ياز،كۈز،قىش پەسلى ھەم ھامان ئاچار چېچەك ناخشام.

ئاڭلىمايسەن جانان بىراق ، چۈنكى سەن مەندىن يىراق ،

ئېيتىۋەردىم شۇنداقتىمۇ ، يوق بۇنىڭدىن بۆلەك ناخشام .

بۇ مۇھەببەت ناخشىسىنى تۈگىتەلمەس ھېچبىر كىشى ،

ئۇ ئەبەدىي ياڭرار ياران ، ئۈزۈلمىسە كېرەك ناخشام !

كۆڭۈل

سەن بولمىساڭ گۈل نىگارىم ئېچىلىپ كۈلمەس كۆڭۈل ،

سەن يوق باغقا گۈل غۇنچىسى ئۈزگىلى كىرمەس كۆڭۈل .

بارىڭدا سەن كۈلگەنىدىم ، ئايرىلىپ تارتتىم ئازاپ ،

سەنسىز ئۆتكەن ئۇشبۇ كۈنلەر شادلىق نېمە بىلمەس كۆڭۈل .

سەن ياندۇرغان سۆيگۈ ئوتى ئۆچمەيدىكەن ، كۆچمەيدىكەن ،

سەندىن ئۆزگە گۈزەللەرگە كۆڭۈل بېرىپ كۆيمەس كۆڭۈل .

ئوتتا قۇربان بولدى پەرۋان ، مەنمۇ شۇنداق ۋەيرانىمەن ،

كېپىنەكتەك گۈلدىن-گۈلگە قونۇپ-ئۇچۇپ يۈرمەس كۆڭۈل .

تالاي رىشتە زەنجىرىنى ئۈزدى تەقدىر بازغىنى ،

قانچە ئۇزۇن بولسۇن ھىجران سەندىن ئۈمۈد ئۈزمەس كۆڭۈل.

ئىلتىجا

ئەي تومۇچۇق ، سورارسەنمۇ مېنىڭ ۋەيران بۇ ھالىمنى ،

ئۆزۈڭ سالغان قارا ئوتتا ئازاپلانغان پىغانىمنى .

بىغەملەردىن ئىدىم ، تارنى ئۇرۇپ كەلگەن خۇشال كۈيگە،

قاچان ئۇچتۇڭ ، كىلىپ قوندۇڭ كېكەچ قىلدىڭ دۇتارىمنى .

ئەجەپ رەڭدار ئىدى دۇنيا قۇچۇپ كەلگەن تەبىئەتنى ،

ھالا ئەمدى ئەسىر قىلدىڭ سىمايىڭغا نىگاھىمنى .

مېڭىپ كەلگەن تونۇش يوللار ئېزىپ كەتتىم كۈنى نەچچە ،

ئەجەپ قويدۇڭ مېنى دەرتتە ئەسىر قىلغاچ خىيالىمنى .

تۇمۇرۇمدا ئاقار تىنماي ، سېنىڭ ئىشقىڭ بولۇپ كارۋان ،

يۈرۈگۈمگە تولار ئاخىر ، قىلىپ ۋولقان ئازابىمنى .

پەقەت بىر رەت كۈلۈپ باقساڭ سىغارمىدى جېنىم تەنگە ،

نېمە بۇنچە ئازاپلايسەن قېنى ئېيىتقىن گۇناھىمنى ؟

شەرەتلەيسەن مېنى كۆلگە ، كۈلۈپ بارسام قۇيۇپ چۆلگە ،

ۋىسالىڭغا قىلىپ تەشنا ئالامسەن يار بۇ جانىمنى ؟

نەسىرلەر

خىيالدىكى سۈرەتلەر

مۇقەددىمە


رەسساملىقنى ئەيلەپ ئىختىيار ،

سىزىپ چىقتىم مۇڭلۇق مەنزىرە.

سۈرەتلەرنىڭ بەزىسى ئەينەن ،

ۋە بەزىسى خىيالەن - خىرە .


(1)

ياش تۆككەن سۈرەت


       بىر مۇڭلۇق سۈرەت يىغلايدۇ تىنماي، خىيالىمدىكى رامكا ئىچىدە :

       بىر جۈپ قىز-يىگىت ئەلەمگە پاتقان،ئاڭلايدۇ ئۇلارنىڭ نىدالىرىنى يېشىل ئورمان،كۆپكۆك ئاسمان .ھازا ئاچماقتا ئۇچار قۇشلارمۇ،ئايرىلماقچى بولۇشقان ئاشىق-مەشۇقنىڭ پايخان بولغان مۇھەببىتىگە .

      ئەنە قارا ، يىگىتنىڭ مۆرىسىگە باش قويغان قىزنىڭ كىرپىكلىرى نەم ، ئۇمۈد -ئۈمۈدسىزلىككە ئالماشقان ، شادلىق - قايغۇغا ئايلانغان ، ھەسرەت - سۆيگۈدىن يۈرەك تالاشقان ... چېچەكلەرگە قارا ، خۇددى سىرغىۋاتقان كۆز ياشلىرىدەك پەسلەپ ، يىگىت ھەم قىزنىڭ ئۈستىلىرىگە تۆكۈلۈپ بۇلاق سۇلىرىدا لەيلىشىپ يۈرىدۇ... دەرت ئۈستىگە دەرت قوشۇپ ھىجران پەيتىدە .

      ئۇلارنىڭ كۈلكىسى يوقالغان تامام ، ئايرىلىش ئۇلارغا قايغۇ ئىنئام قىلغاچقا چۈنكى . يىگىتكە قارا ، گەجگىسىدىن ھەسرەت تېغى بېسىپ تۇرىدۇ . ئاھ ئۇرىدۇ ، ۋىسال كۈتىدۇ ،پەرياد ئۇرۇپ تۇرار يۈرىكى . كۆزىدىن ياش تۆكمىگەن بىلەن يىغلايدۇ پىنھان ، يىغلار قەلبىدە .

      بىر زامانلاردا سۆيگۈ شەربىتىنى تېتىغان ئۇلار ، كۈلۈپ تۇرۇپ - كۈلكىگە تولۇپ ، شاتلانغانتى ۋىسال بەھرىدە . ھەۋەس قىلاتتى ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئۇچار قۇشلارمۇ ، گۈل-چېچەكلەرمۇ ، كۆكتە تۇلۇن ئاي ھەم يۇلتۇزلارمۇ...مەنمۇ بار ئىدىم ھەۋەسلىكلەر ئارىسىدا ئەلۋەتتە . كۈلەتتى ئۇلار،كۈلەلەيتتى - كۈلگەن ئەسلىدە . بىراق ھازىر ئۇنىڭ ئەكسىچە .

ياش تۆكەر خىيالدا مۇڭلۇق بىر سۈرەت ،

رەڭ ئالغاچ پۈتۈنلەي ھىجراندىن رەت-رەت.

باغرىنى  سەكپارە  قىلسىمۇ  ھەسرەت ،

تىلەيدۇ ئاشىقلار سۆيگۈدىن شەپقەت .


(2)

ئوت كەتكەن سۈرەت



      كۆرگۈم كەلدى . نېمىنى؟ "ياش تۆككەن سۈرەت " نىڭ تۈنۈگۈنىنى - ئۆتمۈشلىرىنى . نەزەر سالدىم ئارقامغا بېقىپ . نېمىگە ؟ جۇدا بولغان ئاشىق-مەشۇقنىڭ ئەسلىمىگە ئايلانغان كەچمىشلىرىگە ، تۈنۈگۈننىڭ رۇجەكلىرىدىن .

       سىزىلدى خىيالەن يەنە بىر سۈرەت ، تارىخقا ئايلانغان كونا ئىزلاردىن بايقاشلىرىمدا . كۆرۈپ باق دوستۇم سىزغانلىرىمنى ، سەنمۇ خىيالغا چۆكۈپ بىر نەپەس :

       ساداقەت يېشىللىقىغا پۈركەنگەن ، مۇھەببەت گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان سۆيگۈ كوچىسى . يول بويىدىكى ۋىسال ئورۇندۇقى ... ئولتۇرىدۇ ئاشۇ ئورۇندا بىر جۈپ قىز-يىگىت ، لەيلى-مەجنۇندەك . سىردىشىدۇ تىنماي-تىنماي ، مۇڭدىشىدۇ قانماي-قانماي...ئۇچراشقاندا كۆزلەر تىكىلىپ ، ئېلىپ قاچار قىزچاق كۆزىنى يىراقلار تامان ، خىجىل بولغاندەك .

        نەزەر سال ! دەرەخلەردىن بۇلاقلارغا چېچەكلىگەن كۈلكە تۆكىلىدۇ ، بۇلاقلارنىڭ ئېقىنلىرىدا ۋىسال ئاقىدۇ ، شىلدىرلىشىپ سۇلار ئاققاندەك . كېپىنەكلەر ئۇلار نىڭ ئەتراپىدا ئۇچۇپ يۈرىدۇ ، گاھىدا چاچلىرىغا قونىۋالىدۇ ، خۇددى ئۇلارغا ھەسەت قىلغاندەك . شاخلارغا قونىۋالغان قۇشلار ناخشا ئېيتىپ ۋىچىرلىشىدۇ ،  ئۇلارغا بەخىت تىلەۋاتقاندەك ، سۆيگۈسىنى قۇتلۇقلىغاندەك ...گويا قىز-يىگىتنىڭ تويى بولغاندەك ...

       سىزىلغانىدى شۇنداق بىر سۈرەت ، خىيالدا ئەمەس كۆز ئالدىمىزدا . تۇتاشتى توساتتىن "ھىجران"ئىسىملىك رەھىمسىز بىر ئوت ، ئۇشبۇ سۈرەتنىڭ بۇرجەكلىرىگە . كۆيدۈرىۋەتتى ۋىسالنى ئۆرتەپ ، داغدا قويۇپ جۈپ يۈرەكلەرنى ، دوزاخقا سالغاندەك...

      كۆيدۈردى...كۆيدۈردى...كۆيدۈردى...

ھىجران ، ھىجران ، ئەي  قارا  ھىجران !

تۈتۈن  قىلدىڭ  رەھىمسىزلەرچە  ،

مۇھەببەتنى  ئوتتا  كۆيدۈرۈپ  .

پاك  سۆيگۈنى  قىلىپ  سەن  ۋەيران ،

ئاشىقلارنى  داغدا قويغىچە  ،

جاننى  ئېلىپ  كەتكىن  ئۆلتۈرۈپ !


(3)

تىلەكتىكى سۈرەت



       سىزغۇم كەلدى يىڭى بىر سۈرەت . "ياش تۆككەن سۈرەت"نى كۆمۈپ-قەبرىلەپ ، "ئوت كەتكەن سۈرەت"نى سىزاي قايتا رەت . تىلەيمەن ئايرىلغان ئاشىق-مەشۇقلار مودىل بولۇپ تۇرۇپ بەرسە دەپ . بىلمىدىم ، ئۇلار قوشۇلارمىكىن ؟ نېمىلا بولمىسۇن سىزىۋىرىمەن ، خىيالدىن رەڭ  بېرىپ-خىيالدا بېزەپ ؛

        قېنى ، گۈللەر ئېچىلىپ تۇرغان ئاۋۇ جايدا تۇرۇڭلار ، غەمكىن چىھرىڭلارنى كۈلكە بىلەن زىننەتلەپ . سىزىۋالاي شاتلىقىڭلارنى ، دەردىڭلارنى كۆرمىسۇن كۆزۈم .كۈلۈڭلار ، كۈلۈپ ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ .

        ئەي دوستۇم ! تىز بول ، بوياق ئېلىپ كەل ! ئۇلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ ، كۈلۈپ تۇرغان ھالىتىنى سىزىۋالايلى . قانداق رەڭدىكىسىنى دەمسەن ؟ كۈلكە رېڭىنى-بەخىت رېڭىنى ئېلىپ كەلمەمسەن ! بۇنىڭدىن باشقا رەڭلەر بۇ سۈرەتكە ماس كېلەتتىمۇ ؟ سىزايلى ، بەخىتكە پۈركەنسۇن ھەسسە-ھەسسىلەپ .

        سىزدىم ، سىزىۋالدىم بىر سۈرەت . ۋىسال قوياشى پارلىغان ، چەت-چېتىگىچە كۈلكە-شادلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان . ھەدىيە قىلدىم بارلىق دوستلارغا ، خىيال ئىچرە كۆرۈپ باقسۇن دەپ  .

       كەل بارچە ئىشىق ئەھلى ! بىز  بىرلىكتە  كۆرەش  قىلايلى  !  ئازاپنى  بوغۇزلاپ ،  ئەلەمنى  دارغا  ئېسىپ ، ھەسرەتنى  ئېتىپ ،  دەرتنى قەبرىلەپ...بىز بىرلىكتە تىلەيلى ! شاتلىق تولسۇن دىللارغا ، مىھىر تولسۇن جاھانغا ...بەخىت ياغسۇن ئاسماندىن - يامغۇردەك شارقىراپ ، قاردەك لەپىلدەپ . چىن مۇھەببەت گۈللىرى ياشنىسۇن گۈللەپ !!!

دەرت - ئەلەم چۆلىدە تىنىگەن دىللار ،

خۇشاللىق گۈلزارى تاپسىكەن دەيمەن .

مۇھەببەت گۈلىنى باسسىمۇ قارلار ،

توزىماي خۇشپۇراق چاچسىكەن دەيمەن .

قەلىمىم تەۋرىمەي ھىجرانغا زىنھار ،

ۋىسالغا كۈي - غەزەل قاتسىكەن دەيمەن .



خاتىمە


سىزىپ چىقتىم مۇڭلۇق سۈرەتلەر ،

بار  ئۇنىڭدا  ئىزگۈ  تىلەكلەر .

قۇچاق ئېچىپ ۋىسال دىلبىرى ،

يايراپ كەتسۇن ئاشىق يۈرەكلەر .




مەنبە : ئۆز ئىجادىيەتلىرىم .

خوتەن ~ قاراقاشتا يېزىلغان .


ئابدۇللا مەھمۇد ئىسيانكار




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81350
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3430
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2012-6-10
ئاخىرقى: 2014-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 02:08:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74694
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4004
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 413 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 07:43:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Qalimingiz ga barikat tilayman

باشلىرىدائالتۇن تاج زىننەت،قەدەملىرىدە زەنجىر-كىشەن ھەسرەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86595
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2014-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 11:08:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى قىسمىغا ئۇلاپ يوللىغان بولىسىڭىز ياخشى بۇلاتتىكەن،ئەسلى.

دىلىڭ كۆيمىسۇن نائۈمۈتىلىك بىلەن،    يۇرۇق كۈن تۇغۇلغاي قارا كېچىدىن.

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8482
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1210 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2014-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 11:53:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    شىېرىيەت بوستانىدا سەيلى قىلىپ،رەگا-رەڭ خۇشپۇراق گۈللەرنى تزىپسىز...ھەم كۆپ ئەجىر قىپسىز،ھارمىغايسىز...

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29765
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2873 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 12:26:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغراغلىقتا ياشىغاندەك يېزىپ قوياپسىز، چاقچاق.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 860
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1494
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3039 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 06:58:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل شېئىرلاركەن

بۇلبۇللار تۇتقىن بولدى يۇرتنى بۇلغىدى قاغا ،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئىسىلۇر دارغا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58074
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3496
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 475 سائەت
تىزىم: 2011-9-26
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 11:14:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش