مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8369|ئىنكاس: 53

پۇشايمان ( ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 09:30:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھېكايەمنى باشلاشتىن بۇرۇن مىسرانىم مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىقىنى ۋە مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ يېڭى بىر يىلىنى تەبرىكلەيمەن !

مىسرانىم ئالتە يېشىڭغا مۇبارەك بولسۇن !

2013-يىللىق ‹‹مىسرانىم››‹‹مەشرەپ›› مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە

پــۇشــايــمــان

ھېكايە

ئاخسا شۇم


مۇقەددىمە

- ئۇ ھاياتمىدۇ ؟
قېتىرقىنىپ ئوقۇۋاتقان كىتاپتىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئايالمىغقا قارىدىم ، ئۇ ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن قاراۋاتاتتى ، كۆزەينىكىمنى سەل پەسكە چۈشۈرۈپ كۆزەينەك ئۈستىدىن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ
- كىمنى دەيسەن ؟
- كىنى دەۋاتقىنىمنى ئېنىق بىلىسىز .
بېشىمنى قاشلاپ قويۇپ
- ئاخشامقى كىنودىكى سەككىزىنجى ئارمىيەنى دەمسەن ؟ بەلكىم ... قالغىننى بۈگۈن كەچتىكى قىسمىنى كۆرسەك بىلىمىز .
ئۇنىڭ بىلەن دائىم شۇنداق كىنو ، ھېكايە-رومان ، گېزىت ژورناللاردىكى پىرسۇناژلارنى تالىشىپ تۇراتتۇق ، ئۆزىنىڭ توغرا چىقىپ قالسا تېخى ‹‹ مەن نىمە دىگەن ؟ راستمىكەن ؟ مېھمان قىلىڭ ! ›› دەپمۇ تۇرۋالاتتى . ئايدا شۇنداق بىر پۇرسەتتە مېھمان قىلۋالمىسام باشقا ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالغۇدەك ، ئۇنى خۇشال قىلغۇدەك باشقا ئىشلارمۇ يوق ئىدى .
ئۇ ئالدىمغا پېتىدىن چۈشكەن بولسىمۇ ، كۆزۈمگىلا ئەمەس ، يۈركۈمگىمۇ يېقىشىپ قالغان ، ۋاراقلاپ باقمىغىلى 30 يىلغا يېقىنلىشىپ قالغان ( قايسى كۈنى بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۋالغاندا كۈندىلىك خاتىرىنىڭ ئارسىغا قىستۇرۇپ قويغان ) قارا ۋە سېرىق مۇقاۋىلىق كۈندىلىك خاتىرىنى تاشلىغاندىلا ئۇنىڭ ئۇ كومپارتىيەنى ئەمەس بەلكى باشقا بىرنى سوراۋاتقانلىقىنى بىلدىم ، دىمەك ئۇ خەتنىمۇ ئوقۇپ بولغاندەك قىلاتتى .
كۆزەينىكىمنى ئۈستەل ئۈستىدىكى كىتاپ ئۈستىگە قويۇپ قويۇپ ، قاڭشىرىمنى ئۇۋلۇدۇم ........ خاتىرنى قولۇمغا ئېلىپ بىر ھازا ۋاراقلىدىم ، بۇنىڭغا پۈتۈلگىنى ، يېزىلغىنى مېنىڭ ياشلىقىمدىكى قىسقىغىنە بىر دەۋىر ، ئۇنتۇلماس ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئويلىمىغان ، ھەتتا ئويلاشقا ۋاقىت چىقىرالمايدىغان دەۋرىم ئىدى .
خاتىرىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ ئايالىمغا قاراپ كۈلۈمسىرىدىم . ئۇنىڭغا قايسى جاۋابنى بېرىشنى بىلمەيتتىم .
- بىلمەيمەن .
- قانداق قىلىسىز ؟ بارامسىز ؟
ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارايتتىم ، ماڭا 27 يىل ھەمراھ بولغان بۇ ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن ماڭا نىسبەتەن ئىشەنچ ،  مېھرىبانلىقتىن باشقا ساداقەت نۇرلىرى ھەر ۋاقىت تۆكۈلۈپ تۇراتتى .
- بىلمەيمەن .
- مېنىڭچە بېرىپ كېلىڭ
بېشىمنى ئىتتىك كۆتۈردۈم ، ئۇنىڭ ئاشۇ تەبەسسۇم كەتمەيدىغان چىرايىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق ئىدى . كۆزلىرى بولسا بۇرۇنقىدەك يەنىلا شۇنداق مېھرىبالىق بىلەن ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى .
- بولدىلا .... – ئۇنىڭ دىگەنلىرى مېنى سىناۋاتقاندەك ، بىراق 27 يىلدىن بېرى ئۇنىڭ بېرەر ئىشتا مېنى سىنىغىنى ئەسلا ئېسىمدە يوق – بارمايلا قوياي .
ئۇ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى ، قولى بىلەن خاتىرنى شەرەتلەپ تۇرۇپ
- بۇنى بېرەر كىتاپ قىلىپ چىقارسىڭىز ، بازىرىڭىز چىققۇدەك .
- قانداق ؟ بازىرىمنى چىقىرىپ سېتۋېتىپلا ، يېڭىدىن بىرنى ئەكىرەي دەمسەن ؟
ئۇ ئاغزىنى تۇتقىنىچە كۈلۈپ كەتتى ، ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسىنىڭ ئۆزىلا ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلاتتى .
- ياشلىقىمدىمۇ سىزدىن چانمىغان ، ئەمدى بۇ يېشىمدا سىزدىن چانارمەنمۇ ؟
- ھە ... ئەمسە ، مەن ئالماشتۇرسام بولغۇدەكتە !
ئۇ قولۇمنى چىڭ چىمداپ تۇرۇپ كەينىنى قىلىپ تۇرۋالدى .
- ھەي قېرى قاقۋاش – ئۇنىڭ دۇلىسىدىن ئىككى قولۇمدا قاماللاپ تۇرۇپ – بۇ يېشىمدا مېنى سەندىن باشقا يەنە كىم يارتا .
ئۇ كەينىگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى ، مەن قولۇمغا كىتاپنى ئالغاچ
- ياشلىقىمدىمۇ ئەخمەقلىقىمدىن ئەپ قالغان سېنى .
ئۇ قولۇمدىكى كىتاپنى ئۇرۇپ چۈشۈرۋەتكىنىچە ياندىكى ئۆيگە قاراپ ماڭدى ، ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق نازلىنىشلىرى مېنىڭ قېرىلىقىمنى ھېس قىلدۇرمىغان ئىدى ، ئۆيدىكى مۇشۇنداق چاقچاقلارغا ئۇمۇ كۆنۈپ قالغاچقىمىكىن بېرەر سائەتلەرگىچە يەنە كىرىپ كېلەتتى دە ئۇنى بۇنى دەپ مەندىن گەپ ئىشتىپ چىقىپ كېتەتتى .
قولۇمدىكى  كىتاپنى قويۇپ قارا تاشلىق خاتىرنى ۋاراقلىدىم ، كۆز ئالدىمغا بىرمۇ بىر كېلىۋاتقان  ، كىنو لىنتىسىدەك لىنتىلار ئىچىدىن كىملەرنىدۇر ئىزدەيتتىم ، بىراق غۇۋا نۇرلاغا تولغان بۇ كىنو لىنتىسىدىن ھوزۇرلانماق ماڭا سەل تەس كېلىۋاتاتتى . شۇنداقتىمۇ ئەشۇ تونۇش كۈلكە ، بۇلبۇنىڭكىدەك شوخ ھەم يېقىملىق ئاۋاز ، غۇبارسىز ئەمما سۈكۈتكە چۈمگەندەك تىنىق بىر جۈپ كۆز ، يۈزلىرى سوزۇققىنە كەلگەن ئەشۇ چىراي بۇ كىنو لىنتىسى ئىچىدە جۇلالىنىپ تۇراتتى .........
1
- دىلشات ، بۈگۈن سۇغا چۈشكىلى بارامدۇق ؟
كەينىمدىكى نىجاتقا كۆرسەتكۈچ بارمىقىم بىلەن ئاغزىمنى توسۇپ تۇرۇپ ، قولۇمدىكى قەغەزنى شەرەتلىدىم ۋە ئۇنىڭغا سۇندۇم .
- نىمە ؟ زۆھرەدىن قورقامسەن ؟ ئۇ ئاڭلاپ قالسا نىمە بوپتۇ ؟
ئۇنىڭغا قاراپ ئالىيىپ قويدۇم ، ئۇ تىلىنى چىقىرىپ كۆزلىرىنى غەلتە قىلدى ، يېنىمدىنلا چىققان كۈلكە ئاۋازىدىن شۇ ياققا قارىدىم . نۇربىيە نىجاتنىڭ ھەركىتىگە كۈلۈۋاتاتتى . مەنمۇ نىجاتقا نۇربىيەنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ قويدۇم ، نىجات ماڭا ئالايغىنىچە باشقا ياققا قارىۋالدى .
- نىجات ، تۇرە ئورنۇڭدىن ؟
نىجات ھۇدۇققىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ مۇئەللىمگە قارىدى .
- مەن نىمە دەپ توختۇدۇم ؟
ئۇ بېشىنى قاشلىغىنىچە تۆت تەرەپكە قارىدى . بىراق ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ‹‹ سىمسىز تىلفۇن ›› لارنى جازاغا قويۇش ئۇسۇلى باشقىچە بولغاچقا ھېچكىم ئۇنىڭغا خەۋەر يەتكۈزەلمىدى .
- مەن نىمە دەپ توختۇدۇم دەپ توختۇدىڭىز ؟
سىنىپ ئىچى كۈلكە بىلەن توشتى ، ئۇنىڭ بۇ گېپىگە مۇئەللىممۇ كۈلۈپ كەتكىلى تاسلا قالدى . بىراق ئۇ ئۆزىنى زورىغا بېسۋېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە قولىغا كىتابنى ئېلىپ
- بۇ نىمە ؟ - دەپ سورىدى
- كىتاپ
- قانداق كىتاپ ؟
سىنىپ ئىچى جىمجىت ئىدى ، يەنە قانداق قىزىق گەپ چىقىدىكىن دەپ بالىلار جىممىدە تۇراتتى . ھەممىسى نىجاتنىڭ قىزىقارلىق گەپلەرنى قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى ، بىراق بۇ ئەدەبىيات دەرسى ئەمەستە ، بىراق بۇ نىجات دەرس تاللاپ ئولتۇرمايتتى .
- قەغەز كىتاپ
بالىلار يەنە كۈلۈشۈپ كەتتى . مۇئەللىم بولسا كىتاپنى پاققىدە تاشلاپ قويۇپ
- دىلشات سەن دەپ باقە ؟
- ماتىماتىكا كىتاپ
ئورنۇمدىن تۇرۇپلا شۇنداق دەپ جاۋاپ بەردىم .
- بۇ نى سورمۇدۇم ، ئالدىدىكى سۇئالىمغا
بېشىمنى قاشلاپ
- مۇئەللىم ئالدىدىكى سۇئال نىمىتى ؟-دەپ سورۇدۇم .
- قاپاقۋاش ، مەن بايا نىمە دەپ توختۇدۇم دىگەن سۇئالغا
‹‹ ئانا پىشتى ›› ئىچىمدە شۇنداق دېدىم ، بايا نىجات بىلەن دەرسكە دىققەت قىلمىسام مەن نىمە بىلەي نىمە دەپ توختۇغىننى .
ئالدىمدىكى ئورۇندۇقتىن شەرەتلەنگەن ۋاراققا قارىدىم ۋە بېشىمنى كۆتۈردۈم .
- بايا مۇ ئەللىم سىز .....
- زۆھرە !– مۇئەللىم گېپىمنىڭ بېلىگە تېپىپ – ئۇنداق جاپا تارتقىچە سىزلا تۇرۇپ دەۋەتمەمسىز ! ئورنۇڭىزدىن تۇرۇڭ !
ئالدىمدىكى ئورۇندىن ئاق پىشماق ، ئورۇق ، ئېگىز ، چاچلىرى ھەم قارا ھەم ئۇزۇن قىز ئورنىدىن تۇردى . ئۇ بېشىنى پەس قىلغىنىچە قولى بىلەن ئۈستىلى ئۈستىدىكى قەلەمنى ئويناپ تۇراتتى .
- ئۈگىنىش باشلىقى تۇرۇپ مۇشۇنداق قىلسىڭىز بولامدۇ ؟
ئۇ قولۇدىكى قەلەمنى ئويناشنى توختۇتۇپ ،  بېشىنى كۆتۈرۈپ
- سىنىپ ھەيئەتلىرى ئۆز ئارا ياردەمدە بولۇشى كېرەك دىگەن گەپنى سىز دىگەنغۇ ؟ - دىگىنىچە يەنە پەسكە قارۋالدى ، سىنىپتىكى بالىلار يەنە بىر ھازا كۈلۈشۈپ كەتتى .
- مەن شۇنداق دىگەن ، بىراق ياردەمنىڭمۇ تۈرى بار دە !
ئۇ بېشىنى كۆتۈرمەي يەنە قەلەم ئويناشنى داۋاملاشتۇردى .
- بولدى ئارتۇق گەپ قىلماي ، دەرسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار ، ئالدىنقى قېتىم جازاغا ئۇچىرىغان ئادەمنىڭ ئورنىغا زۆھرە ئالماشتى ، بۇندىن كىيىنكى مېنىڭ دەرسىمدىكى دوسكىنى زۆھرە ئۆچىرىدۇ . كىيىنكى قېتىم يەنە شۇنداق بىر ئادەم چىققۇچە !
سىنىپ ئىچى يەنە بۇرۇنقى جىمجىت ھالىتىگە قايتتى ، بىراق ئىچىمنى بىر نەرسە تاتلۋاتقاندەك ھېسياتتا ئولتۇراتتىم . شۇ سائەتلىك دەرىستىن چۈشۈپلا داسكا سۈرتكۈچىنى قولۇمغا ئېلىپ داسكىنى سۈرتۈشكە باشلىدىم ، مۇئەللىم سىرىتتىن قايناقسۇنى كۆتۈرگىنچە كىىرىپ كەلدى ۋە ماڭا قاراپ
- جازاغا ئۇچىرغان ئادەم سەن ئەمەسقۇ ؟
مەن باشقا گەپ قىلماي داسكىنى سۈرتۈشكە باشلىدىم ۋە سۈرتۈپ بوپ مۇئەللىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ
- سىنىپ ھەيئەتلىرى ئۆز ئارا ياردەمدە بولۇشى كېرەك ، بۇ ياردەم قىلغىنىم خاتا ئەمەستۇ ؟
مۇئەللىم ئىستاكاننى تۇتقىنىچە ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى ، مەن ئۆز ئورنۇمغا قايتقىچە زۆھرەگە قارىدىم ، ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى . ئىككى زىنىقى ۋە كۆزلىرىدىكى خىجىللىق ، كۆۈمسىرەشلىرى مېنى شۇنداق بىر شىرىن خيالغا باشلايتتى . ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇرشۇمغا نىجات
- ھەي ، ئۇنداق سىنىپ ھەيئەتلىرى ئارسىدىكى ياردەم دەپ يۈرگىچە ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەمەسمۇ دىسەڭ بولمىدىمۇ ؟ - دەپ ماڭا قاراپ كۈلدى
- بوشراق گەپ قىل بولامدۇ ؟- ئۇ شۇنچە بوش گەپ قىلۋاتسىمۇ ئۇنى جىملىدىم ۋە ئەتراپقا قارىدىم .
يەنە بىر سائەتلىك داڭ چېلىندى ، ئۆزۈم دەرىسخانىدا بولغان بىلەن خىياللىرىم ئالىقاياقلاردا پەرۋاز قىلىۋاتاتتى .
نىجات بىلەن باشلانغۇچتىن باشلاپلا بىر سىنىپتا ئوقۇمىغان بولساممۇ بىراق تولۇقسىزدا بىر مەزگىل بىر سىنىپتا ئوقۇغان ، بىر يېزىدىن بىر مەھەلىدىن بولغاچقىمۇ كىچىكىمىزدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغانلاردىن ئىدۇق ، تولۇقسىزدىكى ساۋاقداشلىقىمىزنىڭ بىزگە قىلغان سوۋغىسى دوسلۇق ، مەنلا ئەمەس ، نىجاتمۇ شۇ خىل قاراشتا ئىدى .
تولۇققا چىقىپلا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزدا ئۆتىگەن سىنىپ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتەشكە باشلىدىم ، ئەزەلدىن مەن بىلەن بىللە ئوقۇغان ھەر بىر سىنىپتا ئۆزىنىڭ ئەستايدىللىقى بىلەن ئۈگىنىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن زۆھرە يەنىلا ماڭا ھەمراھ بوپ ئۈگىنىش باشلىقى بولدى ، شۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان ئايرىلماس ھەمراھلار دىگەن نامغا ئېرشىپ بولغان ئىدۇق ، بىراق مېنىڭ ئۇنىڭغا بېرەر قېتىم يالغۇز يەردە بېرەر ئېغىز گەپ قىلىپ باققان ۋە ياكى چاخچاق قىلىپ باققىنىم يوق .  بىر مەھەللىدىن بولساقمۇ بېرەر قېتىم مەكتەپتىن بىرگە قايتىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن .
مانا ئۇنى بۇنى دەپ تولۇقنىڭ ئۈچۈنجى يىللىقىغىمۇ چىقتىم ، بىراق يەنىلا شۇنداق يا ئۇنىڭا بىر ئېغىز گەپ يا خەت يازالمىدىم ، قورقۇنچاقلىقىمدىن ئەمەس بەلكى ئۆزۈمگە ئىشەنمىگەنلىكىمدىن ئىدى . ئۇ رەت قىلسا قانداق قىلارمەن . ھەر قېتىم شۇنداق دىسەم نىجات مېنى ئوغۇل بالا ئەمەس ياكى قىز بالا دىگەن شۇ بىرلاممىتى  دەپ زاڭلىق قىلاتتى . شۇنداق دەۋەرگەچكىمۇ ئۇنىڭغا ئاخىرى ئېغىز ئاچتىم .
- ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى يېققىنلىشىپ قالدى ، ئىمتاھاننى بېرىۋالايلى ، ئاندىن كىيىن بىر گەپ بولسۇن .
ئېرىشكەن جاۋابىم شۇ بولسىمۇ بىراق شۇنداق خوش ئىدىم ، نىجاتقا ئۇنىڭ جاۋابىنى يەتكۈزسەم ئۇ كۈلگىنىچە
- ئاداش ، ئۇنداق دىگىنى بىر مەكتەپكە ئۆتەلىسەك ماقۇل بولىمەن دىگىنى بولماي نىمە ؟
ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئۇنداق قىز ئەمەسلىكىگە ئىشەنمەيتتىم . بىراق ئۇنىڭدىنمۇ سورىيالمايتتىم . يېققىندىن بۇيان ئۇنىڭ ماڭا قاراشلىرىمۇ بۇرۇنقىدەك ئۇنداق پەرۋاسىزلىق ھالىتىدىن ئۆزگەرگەندەك قىلاتتى . پات-پات سىنىپتقا كىرسەم كۈلۈمسىرەپ قويىدىغان ، قەلەم بىلەن چېچىنى ئوينايدىغان ، ھەتتا كەينىگە قاراپ بەزى مەسلىلەرنى سورايدىغانمۇ بولغان ئىدى . بۇرۇنقى ھەممىلا ئادەمگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتىن ئۆزگەرگەندەك قىلاتتى .
- دىلشات – نىجات بىر بەلەن خىياللىرىمنى بۇزدى ، راستىى دىسەم خىيال قىلغۇدەك باشقا نەرسىمۇ قالمىغان ئىدى . كەينىمگە نىمە دىگەن مەنىدە قارىدىم – سۇغا چۈشكىلى بارامدۇق ؟
- بارماي قانداق قىلىتۇق !؟ - ئۇنىڭغا شۇنداق دېدىم ۋە ئالدىمغا قارىدىم .
- دىلشات – مۇئەللىم يەنە مېنى چاقىردى . ئورنۇمدىن ئاستا تۇردۇم .
- مەن بايا نىمە دېدىم ؟
بېشىمنى قاشلىدىم ، مۇئەللىم قولىدىكى كىتابنى ئېلىپ مەن تەرەپكە ماڭغاچ
- يەنە دەمدىم ، داسكىنى سۈرتىۋەت
ئېغىر بىرنى تىنغىنىمچە داسكىغا قاراپ ماڭدىم ، كەينىمدىن نىجاتنىڭ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى ...............
- تېخى ئۇخلىماپسىزغۇ ؟
ئايالىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ بېشىمنى كۆتۈردۈم ۋە يېزىۋاتقان نەرسىلىرىمنى يۇغۇشتۇرۇپ ئۇنۇڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم .
- يېزىۋېرىڭ ، ھازىر ئوقۇشقا قىزىقمايمەن ، بىراق يېزىپ بولغاندىن كىيىن چوقۇم ماڭا كۆرستىسىز ! – ئۇ شۇنداق دىگىنىچە قولىدىكى چاينى ئۈستەل ئۈستىگە  ئۈستىگە قويدى .
- ھەي بۇنى يېزىپ بازىرىم چىقىپ كەتسە چىدىماي قالىدىغان بولدۇڭدە ؟
- ھە .... مەن شۇنداق چىدىماس ، سىز چىداڭ ....
- شۇ چىدىماسلىق قىلىپ تېگىۋالغاندىكىن چىدىىماي قانداق قىلاي .
- ۋاي ئا بىر نىمىڭىزنى يېزىڭا تولا چىڭسەي قوۋرىغامنى ئەگمەي – ئۇ شۇنداق دىگىنىچە كارۋاتقا چىقىپ قولىدىكى ‹‹ قۇم باسقان شەھەر ›› دىگەن روماننى ئوقۇشقا باشلىدى .
بايقى كاللامغا كەلگەن ئىلھاملار قاياقىدۇر قاچقان ئىدى ، قولۇمدىكى يېزىۋاتقان نەرسىلىرىمنى يىغۇشتۇرۇپ بىرنى كېرىلدىم . شۇ ۋاقىتتا قورۇسقۇم كوركىراپ كەتتى . ئايالىم ماڭا ‹‹ نىمە›› دىگەن مەنىدە قاراپ قويدى .
- ھەي ، بۇ قوساقنىمۇزە تازىمۇ بىئەپ ۋاقتىدا ئاچتى دىسە ! – دېدىم دە ئايالىمغا قاراپ كۈلگىنىمچە – پەرىدە ئاشۇ چىڭسەي قورۇغۇلىرىڭغا بەسەي بىلەن سەۋزىنى ئارلاشتۇرۇپلا سۇيقاش قىلغان  بولسا نەقەدەر ئوخشىغا بولاتتى ھە – دىگىنىمچە كارۋاتقا چىقتىم .
- تۇخۇم چاقامدىم گۆش سالامدىم ؟ - ئۇ كىتاپنى ياندىكى كىچك ئۈستەلگە قويغىنىچە ئورنىدىن تۇرغاچ سورىدى .
- ئۇنچە كايىماڭلا خوتۇن – شۇنداق دىگىنىمچە كۆزەينىكىمنىڭ ئۈستىدىن ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم .
- ۋاي تولا ئادەم گوللىماي غوجام ، دىسىلە ھە !
- ئۇنداق بولسا ئاشۇ ... خورازنىڭ تۇخۇمدىن بىرنى چېقىپلا
ئۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ كەتتى .
ئون ، ئۇنبەش مىنۇتلاردىن كىيىن ھورى كۆتۈرلۈپ تۇرغان بىر قاچا ئاشنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى ۋە ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ
- ما ئاشنى ئىچىۋالسىلا غوجام ھېلى سوۋۇپ قالىدۇ .
ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۈستەل يېنىغا باردىم .
- خوتۇن يا تۇخۇم يا گۈش يوقيا ؟ - ئاشنى ماتىلىغاچ ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئۇ كارۋاتقا چىقىپ قولىغا كىتابنى ئېلىپ بولغان ئىدى .
- خورازغا بايا دەپ قويدۇم ، ئەتە كاكىلاپ قويىدىغان بولدى ، شۇ ۋاقىتتا چېقىپ ئىچىڭ ئەمسە !
ئارتۇق گەپ قىلماي ئاشنى ئىچىپ بولۇپ كارۋات تەرەپكە ماڭدىم .
- تويىدىڭىزما ؟ - گەپ قىلماي كارۋاتقا ماڭغاچ
- گۆشمۇ تۇخۇممۇ يوق ئاشنى بىر قاچا ئىچكەنگە خوش بولە ۋاي چىراغچى  ، ئوخشىمىغان بەتتام ئېشىڭنى ! – شۇنداق دېدىم
- ئىككنىجى قاچىسىغا چىقىپمۇ قالاتتى تۇخۇم . – ئۇ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي كىتاپقا قارىغاچ گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ – بولمىسا ئەتە سەھەر ئۆزۈم ئىچىۋېتەرمەن !
قاچىنى كۆتۈرۈپ ئاشخانا ئۆيگە ماڭدىم . بىراق قازاننى ھەر قانچە ئاختۇرۇپمى تۇخۇمنى تاپالمىدىم ، ئامال يوق يەنە بىر قاچا قۇرۇق سۈيقاشنى ئېلىپ ياتاق ئۆيگە كىردىم .
- نەدە تۇخۇم بولسۇن – قاچىنى ئۈستەلگە قويغاچ شۇنداق دېدىم .
- مەنمۇ سىزگە چىقىپمۇ قالار دېدىم ، تېخى سىزنى ئەتە ئىچسە خورازغا دەپ قويغان تۇىۇمنى چېقىپ بەرمەكچىدىم .
- خۇداغا شۈكىرى ، ھەنىمۇ بولسا ئەكەك قوينىڭ پاقلىنىنىڭ گۆشنى دىمەپتىكەنمەن ، بولمىغان بولسا ئىش باركەن !
ئايالىم كۈلگىنىچە كىتاپنى قويۇپ قويۇپ
- شۇنداق قىلىپ بارىدىغان بولدىڭىزمۇ ؟
- نەگە ؟ - سوراپ بولۇپ بىر قىسىم بولۇپ قالدىم .
- ئۇنىڭ قېشىغا ؟
قولۇمدىكى قوشۇق بىلەن تاماقنى ماتىلىغاچ
- قانداق قىلسام بولاركىن !
- مېنىڭچە بېرىپ كېلىڭ !
ئارتۇق گەپ قىلماي تامىقىمنى يىدىم . تاماقنى يەپ بوپ كارۋاتقا چىقىپ ياتتىم . ھېچ بىر ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . شۇنداقتىمۇ كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ياتتىم ، مېنى يەنە قايسىدۇر خىياللار چۈش دېڭىزىغا چاقىراتتى . ...............
2
ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىمۇ بېرىپ بولدۇق ، مەن ، زۆھرە ، نىجات بىر مەكتەپتە ئىدۇق ، بىراق نۇربىيە باشقا بىر شەھەردىكى ئالىي مەكتەپكە كېتىپ قالغان ئىدى . زۆھرە بىلەن ئىككەيلەننىڭ كەسپى ئوخشاشلا ئەدەبيات ، نىجاتنىڭ بولسا ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ماتىماتىكا ئىدى .
- قانداق بولدى ، ئوقۇتقۇچۇڭ نىمە دەيدۇ ؟
ئۇ بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە ماڭا قاراپ بېشىنى سىلكىدى ۋە كارۋاتقا چىقىپ ئولتۇردى .
- كەسىپ ئالماشتۇرماق نىمانچە تەستۇ ؟ - ئۇ شۇنداق دىگىنىچە يانجۇقىدىن تاماكىنى ئېلىپ چەكتى ، ئۇنىڭ تاماكا چېكىۋاتقىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۋاتقىنىم بولمىغاچقا ئانچە ھەيرانمۇ قالمىدىم ، بەلكى ئۇ نۇربىيە بىلەن بىر مەكتەپكە بارالمىغىننى تازا قۇبۇل قىلالمىغان بولسا كېرەك .
بىر نەچچە كۈندىن كىيىن كىتاپخانىدا كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇراتتىم نىجات كۈلگىنىچە كىرىپ كەلدى ۋە
- ئالماشتىم ئاداش، ئەدەبيات كەسپىگە ئالماشتىم .
- تىنىچ !!!!
ئۇنىڭ ئاۋازى خېلى قاتتىق چىقىپ كەتكەن ئىدى .
- يۈرە – ئۇ شۇنداق دىگىنىچە مېنى كۈتۈپخانىدىن تارتىپ دىگۈدەك ئېلىپ چىقتى .
- نىمىگە بۇنچە ئالدىرتىسەن ؟
- ئاداش كەسىپ ئالماشتىم ، ئەدەبياتقا !
- بىلدىم – ئارۇق گەپ قىلمايلا باشقا ياققا قارىۋالدىم بىراق ئىچىمدە بىر خىل خۇشاللىق ھېسياتى ئۇنىڭغا قاراشقا قىستايتى .
ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئىككەيلەن بىر-بىرمىزنى قۇچاقلاپ سەكىرىشپ كەتتۇق ، خۇددى كىچك بالىلاردەك .
- نىمە بۇ خۇشاللىققا مېنى جۆر قىلمامسىلەر ؟ - قاياقتىندۇر پەيدا بولغان زۆھرە شۇنداق دىگىنىچە بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى .
- ئەلۋەتتە ، نىجات بىزنىڭ كەسىپكە ئالمىشىپتۇ
زۆھرە قولىدىكى يۇپۇرماقنى ئوينىغىنىچە ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ
- بۇ كەسىپ ئالمىشىشنىڭ ھېكايسىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ ؟
- نىمە ھېكايە ؟ - نىجات بىلەن ئىككىسى ماڭا قاراپ كۈلۈشۈپ كەتتى . ئۇلار بىر ھازا كۈلگەندىن كىيىن نىجات كۈلكىسىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋالغىنىچە
- قارا ، ماتىماتىكا دەرسىدە تولۇقتا – تولۇقسىزدا ئۆتكەن ئۈچبۇلۇڭ دەپ بىر نەرسە بارغۇ ؟ شۇنى سۆزلىدى ، مۇئەللىم ‹‹ بىر بۇلۇڭى تىك بولغان ئۈچبۇلۇڭ تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭ بولىدۇ ›› دەپ توختىشى مەن قۇلۇمنى كۆتۈرۈپ ‹‹ مۇئەللىم ئىككى بۇلۇڭى تىك بوپ قالسىچۇ ؟ ›› دىيىشىمگە سىنىپ كۈلكە بىلەن يېرلىپ كەتكىلى تاسلا قالدى ، بالىلار بىر سائەت دەرس ئاڭلىماي كۈلۈپ چىقىشتى . ئۇ مۇئەللىمۇ ماڭا چىداپ بولالماي ئاخىرى كەسىپ ئالمىشىشىمغا ماقۇل بولدى .
ئۇنىڭ گېپى تۈگۈگىچە كۈلۈپ ساراڭ بولايلا دىگەن ئىدىم ، زۆھرەمۇ بۇ ھېكايىنىڭ مەكتەپتە پۇر كەتكىننى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيتتى .
كەچتە بىرگە تاماق يىگەندىن كىيىن نىجاتنىڭ ياتقىنى بىزنىڭ ياتاققا كۆچۈردۇق ، ئۇ ياتاققا كىرگەن تۇنجى كۈنىلا ماڭا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپ بەردى ، راستىنى ئېيتقاندا ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقىدەك سىردىشىپ تۇرالمىغان ، ئىچىدىكىنى بىلىپ بولالمىغان ئىدىم .
- ئاداش ، پات-يېققىندا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولىدۇ – ئۇ قولىدىكى تاماكىنى قاتتىق شورىغاندىن كىيىن قالدۇقىنى تاشلاپ – نىمە سوۋغات ئالسام بولار ؟
- مەن بىلمەيمەن ، ھازىرغىچە قىز بالىنىڭ پايپاق چاغلىق بىر نەرسىسىنى ئەپ باقمىسام !
ئۇ ماڭا قاراپ كۈلگىنىچە
- زۆھرەدىن سوراپ باقە ئاداش ، نىمە سوۋغات ئالسام بولىدىغاندۇ ؟
- ماقۇل ، ئەتە تاماق ۋاقتىدا سوراپ باقايلى ، چۈشتە بىرگە تاماق يەيلى !
ئۇ باشقا گەپ قىلمىدى ، ئىككىنجى تاماكىسىنى تۇتۇتاشتۇرغىنىچە قولىغا گىتارنى ئېلىپ ئۇنىڭ – بۇنىڭغا چېلىپ ئولتۇردى .
- ۋاي دادىسى نىمە بولدۇڭلار ؟
كۆزۈمنى ئاچتىم يېنىمدا پەرىدا تۇراتتى . تاڭمۇ ئېتىپ قالغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن كالا سۈتىنىڭ پۇرىقى كېلىۋاتاتتى .
- سۈت چايكەن دە – ئۇنىڭ بايقى سۇئالىغا جاۋاپ بەرمەيلا شۇنداق سورۇدۇم .  
- نىمە چۈشۈڭلىدە ناخشا غىڭشىپ  يۈرۈيسىلە ؟
- سېنىڭ دەردىڭ بولمامدۇ خوتۇن ! شۇ چۈشۈمدىمۇ ساڭا ئاتاپ ناخشا ئوقۇپ شۇ .
- ھە – ئۇ كەينىگە ئۆرۈلگىنىچە – يەنە كىملەر ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتسىز ؟
- ھە بوپتۇ ، بوپتۇ !  - شۇنداق دىگەچ ئورنۇمدىن تۇردۇم – سەن ئۈچۈن بولمىسا باشقىلار ئۈچۈن ، ئەمدى بولغاندۇ ؟
ناشتا قىغلى ئۈستەل يېنىغا كەلدىم ، بىراق بىرلا چىنىدە يەنى پەرىدەنىڭ ئالدىدىكى چىنىدە سۈتچاي تۇراتتى . مېنىڭ ئالدىمدا بولسا ھېچنىمە يوق  . ئۇ سۈت چاينى ئىچكەچ ‹‹ نىمە ›› دىگەن مەنىدە بېشىنى لىڭىشتتى .
- ماڭىچۇ ؟
- نىمە ؟
قولۇم بىلەن چىنىسىدىكى سۈتچاينى كۆرسۈتۈپ
- ئەلۋەتتە سۈتچايدە ؟
- سىز باشقىلار ئۈچۈن قىلغاندىكىن ، باشقىلارمۇ سىز ئۈچۈن سۈتچاي تەييارلاپ قويغاندۇ ؟
ئۇنىڭ بۇ گېپىگە كۈلۈۋەتكىلى تاسلا قالدىم .
- توۋا دەڭلا خوتۇن ، يەنە كىم ئۈچۈن نىمە ئىش قىلاي ، تولا چاخچاق قىلماي ئورنۇڭلىدىن تۇرۇپ سۈتچاي بېرىڭلار !
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانىغا مېڭىشى تاماق ئۈستۈلى ئۈستىدىكى تۇزدىن بىر قوشۇق چىنىسىگە سېلىۋەتتىم . ئۇ چاينى ئېلىپ چىقىپ ئالدىغا قويدى ۋە قولىغا بىر پارچە ناننى ئېلىپ ئاغزىغا سالغىنىچە سۈتچاينى ئوتلۇدى ، ئۇنۇڭغا قاراپ ئەمدى رەسمى كۈلۈۋەتتىم ، ئۇ ماڭا ئالايغىنىچە ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى . مەن كۈلكىدىن ئاران توختاپ چاينى قولۇمغا ئېلىپ بىرلا ئوتلۇدۇم دە ئاشخانا ئۆيگە يۈگۈردۈم ، مەن قىلغاننى ئۇمۇ قىلىپ بولغان ئىكەن .....
تىلىۋزور كۆرۈپ ، بىر-بىرىمىز بىلەن قىزىمىزنىڭ ئىشلىرىنى دىيىشىپ تۇراتتۇق  تىلفۇن كېلىپ قالدى .
- ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، دىلشات بارمىدۇ ؟ - تىلفۇندىن كېلىۋاتقان ناتونۇش ئاۋازدىن كىملىكىنى بىلەلمەي قالدىم
- ھە ، مەن شۇ
- مەن ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىڭ ، ئابدۇرسۇل – شۇندىلا يادىمغا كەلدى .
- ھە ئابدۇرسۇل ئاداش ، ئۆي ئىچى باللىرىڭ ، ئايالىڭ سالامەت تۇغاندۇ ؟
- سالامەت ئاداش ، قانداقراق سەن تەرەپمۇ ياخشى . – ئۇنىڭ دەيدىغان باشقا گېپى باردەك، شۇڭلاشقا  جىددى تىلفۇن قىلغاندەك قىلاتتى يۇ بىراق ماڭا قانداق دىيىشنى بىلەلمەيۋاتقاندەك ئازىراق تەمتىراۋاتاتتى .
- سالامەت ئاداش ، قانداق تىلفۇن قىلىپ قاپسەن ، كېلىدىغان ئوخشىمامسەن ؟
- ئاداش ، مۇنداق ئىش ، نىجات بۈگۈن تۈگەپ كېتىپتۇ ، شۇڭا ساڭا خەۋەر قىلىشىم .
تىلفۇن تۇتقان قوللۇرۇم تىتىرەۋاتاتتى ، ئۆزۈمنى شۇنچە تۇتۇۋېلىشقا تىرىشاتتىم يۇ ، بىراق ئۆپكەم ئاغزىمغا قاپسىلىپ قالغاندەك بىر خىل تۇيغۇدا تۇتۇپلا قالغان ئىدىم . تىنىقلىرىم يېتىشمەيۋاتقاندەك نەپەستىن قىسىلىۋاتقاندەك ئىدىم .
- ھە ..........بىلدىم ، ئاداش ........... رەمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ...نامىزىنى قاچان چىقىرىدىكەن ؟
- ئەتە جۈمەگە ئۈلگۈرتۈپ ....
- ئامال بار ئۈلگۈرۈپ بارىمەن .
يەنە نىملەرنى دىيىشتىم بىلمەيمەن ، تىلفۇننى قويغاندا پەرىدە نىمە ئىش بولغىننى ئالىقاچان بىلىپ بولغان ئىدى ، ئورنىدىن تۇرۇپ يول تەييارلىقىغا كىرىشتى ، دائىم نامازغا بارغاندا كىيىدىغان پەلتۇيۇم بىلەن دوپپامنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ ماڭا قاراپ تۇراتتى .
- خوتۇن ، بۇ يېققىن يول ئەمەس ، يەتتە – سەككىز سائەتلىك يول !
- دادىسى ، ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىق ئارسىدىكى يول پەقەت بىرلا تىنىق ، مەنمۇ بەندىچىلىك قىلىمەن ، بارغىلى قويۇڭلار .
ئايالمنىڭ دىگەنلىرىنى ئويلاپ كۆزلىرىمدىكى ياشنى مىڭ بىر جاپادا يۇشۇردۇم . يىغلىۋېتىشتىن ئۆزۈمنى ئاران-ئارانلا تۇتۇپ تۇراتتىم .
بېكەتكە بېرىپلا بىر كىچىك ماشىنىنى دىيشىىپ ئۇ تۇرۋاتقان ، ياق ئۇ تۇرغان شەھەرگە قاراپ يولغا چىقتىم .
ماشىنىعا چىققاندىن كىيىن ئايالىمغا ھاردۇق يەتكەن بولسا بىر-نەچچە سائەتكە بارمايلا ئۇيقۇغا چۈشۈپ كەتتى . ماشىنا ئەينىكىدىن ئېتلىپ كىرىۋاتقان يازنىڭ ئىسسىق  شامىلى  ، ئاسفالىت يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى  كەڭرى كەتكەن ساي – تاشلىق ، يىراقتىن ئېگىز – ئېگىز قارىيىپ كۆرنىۋاتقان تاغلار مېنى ئۆزىگە قانچە جەلىپ قىلغانسىرى خىيال دېڭىزىغا شۇنچە تارتاتتى .
- ئاداش قايتىپ كەپسەنغۇ ؟ نۇربىيەنىڭ قېشىغا بارمىدىڭما ؟
ئۇ قولىدىكى نەرسىلەرنى شەرەتلەپ
- ئاران كەلسەم يەنە سوراقلاپ كەتتىڭغۇ ئاداش ، قولۇمدىكى نەرسىلەرنى ئېلىۋالە ! – ئۇنىڭ قولىدا بىر يەشىك پىۋا ، بىر نەچچە بوتۇلكا ئاق ، تۇزلىغان خۇاسېڭ مېغىزى ، ياڭيۇ ۋە كاۋاپ دىگەندەك ئۇششاق – چۈشەك بىر نەرسىلەر تۇراتتى .
- نىمە بولدۇڭ ؟
- ھېچنىمە ! – ئۇ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەيلا جاۋاپ بەردى – بىر نەچچە بالىنى چاقىرىپ كىرەي ئاداش ، سەن ئىچمەيسەن ، ئىچىدىغانغا ئادەم بولمىسا قانداق بولىدۇ ؟
ئۇ چىقىپ كېتىپ بەش – ئون مىنۇتلاردىن كىيىن بىر نەچچە يېققىن ئۆتىدىغان بالىلارنى چاقىرىپ كىرگەن ئىدى .
- ۋاي سورۇن ئېسىلغۇ ئاداش – ئابدۇرسۇل ياتاققا كىىرىپلا شۇنداق دېدى . باشقىلارمۇ بىر ئېغىزدىن گەپ قىلىشقان بولسىمۇ ، نىجات گەپ قىلماي پەقەت كۈلۈپلا قويۇپ باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولدى .
سورۇن باشلاندى ، نىجاتقا قارىساملا بىر ئىش بولغىنى چىقىپ تۇراتتى ، بىراق ئۇنىڭدىن قانداق سوراش كېرەكلىگىنى بىلمەيتتىم ، ئەتە نۇربىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دەپ چىقىپ كەتكەن ئادەم ، مانا بىر كۈنمۇ تۇرماي شۇ كۈنىلا يېنىپ كەلگىنىگە قارىغاندا بىر ئىش بولغىننى پەرەز قىلماقمۇ تەس ئەمەس ئىدى . ئۇلارنىڭ سورۇنى ئۇنى-بۇنى پاراڭلىشىش ، يۇمۇر سۆزلەش ، بىر-بىرنى چېقىش بىلەن شۇنداق داۋام قىلماقتا ئىدى .
- ئاداش – دېدى ئابدۇرسۇل – بىر-بىرمىزنىمۇ يامان ئەمەس چالدۇق ، ئىچىدىغاننىمۇ يامان ئەمەس ئىچتۇق . ئەمدى ماۋۇ قاپاقنى بىر چېلىپ بەرمەمسەن ئاداش ؟ - ئۇ شۇنداق دىگەچ قولىغا گىتارنى ئېلىپ نىجاتقا تەڭلىدى .
نىجات گىتتارنى قولىغا ئېلىپ بىردەم تىرىڭشتىپ پەدە تەڭشىدى ، مەنمۇ قولۇمغا تاماكىدىن بىرنى ئالدىم – دە ئوت ياقتىم ، راستىنى ئېيتقاندا مەنمۇ ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى سېغىنىپ قالغان ئىدىم . ئۇ پەدىنىمۇ تەڭشەپ بولۇپ قولىغا رومكىنى ئېلىپ گەپ سۆزسىزلا ئىچىۋەتكەندىن كىيىن
- ئەسلى بۈگۈن چالغۇممۇ ، ئوقۇغۇممۇ يوق ئىدى ، پەقەت ئىچكۈملا بار ئىدى ، بىراق سورۇننىڭ ، سىلەرنىڭ يۈزۈڭلار . بىر ناخشا ئوقۇپ بېرەي ، بايا ماشىنىدا تېكىستىنى يېزىپ قويغان ئىدىم – ئۇ شۇنداق دەپ چاپىننىڭ يانجۇقلىرىنى ئاقتۇرۇپ يۈرۈپ دىگەندە ئۆزىنىڭ ئىزدەۋاتقان ناخشا تېكىستىنى ئاران تاپتى ۋە ناخشىسىنى باشلىدى .
گىتتارنىڭ شۇنداق مۇڭلۇق چېلىنىشىدىن ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە لىغىرلاپ قالغان ياشتىن ھېچنىمىنى ھېس قىلالمىدىم ئەمەس ، بىراق ھېس قىالىغىنىمىغا ئىشىنەلمىدىم .
‹‹ ئەتە سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ ،
ساڭا شۇنداق بىر سوۋغات ئالدىم .
گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر بىلەن ،
يانجۇقۇمغا سوۋغاتنى سالدىم .


ماڭدىم شۇدەم يېنىڭغا ئۆزۈم ،
ياندا ئۆزگە بىر يار تۇرۇپتۇ .
قوللۇرۇڭدا دەستە ئەتىرگۈل ،
يۈزلۈرۈڭگە كۈلكە ئۈنۈپتۇ .


چۈشۈپ كەتتى قولۇمدىن سوۋغات ،
مۇزلىماقتا سۆيگۈسىز يۈرەك .
كۆزلۈرۈمدە تۇنجۇققان ھەم ياش ،
تىپىرلىغان ئۈمۈدسىز تىلەك .


يۈرۈگۈمنىڭ مۇزلاپ كەتكىنى ،
قارغا چۈشكەن سوۋغاتتا ئەمەس .
دېدى يۈرەك شۇڭا مۇزلۇدۇم ،
سۆيۈشۈڭگە ئۇ قىز ئەرزىمەس .
.............................
دېدى يۈرەك شۇڭا مۇزلۇدۇم ،
كۆيۈشۈڭگە ئۇ قىز ئەرزىمەس .››
ئۇنىڭ ناخشىسى تۈگىشى بالىلار چاۋاك چېلىپ ماختاپ كېتىشتى ، بىراق ئۇنىڭ ئاشۇ تىتىرەڭگۈ ئاۋازىدا ئېيتقان بۇ ناخشىدىن ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھېسياتى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنچە بالدۇر يېنىپ كەلگىننىڭ سەۋەبىنىمۇ ناخشىدىن ئىزدەپ تېپىش تەس ئەمەس ئىدى . بىراق ئۇ ناخشىنى ئېيتىپ بولۇپلا ھۆ قىلىپ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىشى مېنى سەل ئەنسىرىتپ قويغان ئىدى .
ئارقىسىدىن ھاجەتخانىغا كىرىپ ھەيران قالدىم . ئۇ بىر بۇلۇڭغا بېرىپ تامغا يۆلەنگىنىچە يىغلاۋاتاتتى ، ئۇنىڭغا نىمە دەپ تەسەللي بېرىشنىمۇ بىلمەيتتىم . پەقەت قېشىغا بېرىپ دۇلىسىنى تۇتۇم ، ئۇ ئارقىسىغا ماڭا قارىۋەتكەندىن كىيىن ، كۆز ياشلىرىنى سۈرۈتكىنىچە
- ماڭا ھېچ ئىش يوق ، قايتايلى ئاداش .
ياتاققىمۇ قايتتۇق ، ئۇمۇ ئىچىشنى داۋاملاشتۇردى ، بىراق بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سورۇندا ئولتۇرشى ، ئىچىشى بولۇپ قالدى ، راستىنى ئېيتقاندا شۇندىن كىيىن ئۇنىڭ ئۇنداق سورۇنلاردا ئولتۇرغۇننىمۇ ياكى ئىچكىنىنىمۇ كۆرمۈدۈم ، ئاچچىقى كېلىپ كەتكەندە مەيدانغا چىقىپ توپ ئوينايدىغان ، چوڭ مەيداننى ئايلىنىدىغان ، كىتاپخانىغا كىرىپ كىتاپ ئوقۇيدىغان بولدى . بىر نەچچە قېتىم نۇربىيەدىن خەت كەلسىمۇ خەت قايتۇرمىدى . زۆھرەمۇ پات-پات تىلغا ئالدىغان خۇيلىرىنى تاشلىدى ، ئۇنىڭغا خەت يېزىپ نىجاتنىڭ ئەھۋالىنىمۇ سورىغاندىمۇ خەت قايتۇرمىدى . ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشقىنىدىن ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلالمىغىنىمدىن ئەپسۇسلانساممۇ ئامال يوق ئىدى . ئۆزى خالىمىغان ئىشقا مەن زولىغاندەك بولۇپ قالىدىغىنى ئېنىق ئىدى .
ماشىننىڭ قاتتىق سىلكىنىشىدىن خىياللىرىم يەنە قاياقلارغىدۇر چېچىلدى ، ئاياللىممۇ كۆزلىرىنى ئېچىپ ئەتراپقا قاراپ قويدى ۋە يەنە بېشىنى ئارقا ئورۇندۇققا قويغۇنىچە ئۇيقۇغا چۈشۈپ كەتتى .
- نىمە ئىشقا ماڭدىڭلار ؟
- ساۋاقدىشىم تۈگەپ كېتىپتىكەن ، ئەتە نامىزىنى چۈشۈردىكەن شۇنىڭغا .
- ھە ، شۇنچە يىراققا بارغىنىڭلارغا قارىغاندا بۇرۇن خېلى ياخشى ئۆتۈپتىكەنسىلەر ھە ! – شوپۇرنىڭ بۇ سۇئالىنى جاۋاپسىز قويۇپ يەنە يىراقلارغا كۆزۈمنى تىككىنىمچە خىيالنىڭ داۋامىنى ئەسلەشكە تىرىشتىم ، ئەنە شۇ خىياللار مېنىڭ ياشلىقىمدىكى ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ئەسىلىمە  بولسا كېرەك .
3
ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىلىدىكى بىر يەكشەنبە كۈنى سىرىتتا ئىشلەپ مەكتەپكە قايتىۋاتقان ئىدۇق ، مەكتەپكە يېققىن كەلگەندە ياندىكى بىر كوچىدىن بىر قىزنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى چىقتى ، نىجات ماڭا قاراپ
- بېرىپ باقامدۇق ؟ - دەپ سورىدى .
- مەيلى ... بېرىپ باقايلى .
كوچىغا كىرىپ ئۇزۇن ماڭمايلا بىر يىگىتنىڭ بىر قىزنى توسۇۋېلىپ ئۇ يەر – بۇ يەرلىرىنى سىلاۋاتقانلىقىنى كۆردۇق .
- ھەي قولۇڭنى تارت – نىجات ئاچچىقى بىلەن شۇنداق دېدى .
- ھوي ، ساھىبجامالنى قۇتقازغان قەھرىمان بولاي دەمسەن نىمە ؟ - ھېلقى يىگىت شۇنداق دىگىنىچە سەت كۈلدى ۋە كېلىپ مېنىڭ مەيدەمدىن ئىتتەردى .
ھاياجانلانغان بولسام كېرەك ، مەنمۇ ئىتتەردىم ، كۈچەپلا ئىتتەرگىنمنى بىلىمەن . ھېلقى يىگىت تىيلىپ كېتىپ كەينىگە يېنىپ تامغا چاپلىشىپ قالدى ۋە سەت ۋارقىرىدى .
مانا شۇ سەت ۋارقىراش بىلەن كوچا چارلاۋاتقان ساقچىلار يېتىپ كەلدى ، ھېلقى يىگىتنىڭ كەينىدىن كىرىپ كەتكەن زىخ تاياقچە ئالدىدىن چىققان ئىدى ، ئەسلى بۇ زىخ تاياقچە قۇرلۇش قىلغاندا ئېلىۋېتىلمىگەن ئىكەن .
ئۆزۈمنىڭ ئوقۇتقۇچۇلۇق خىزمىتى قىلىپ ئوقۇش ئۈستىلى ئۈستىدە تۇرغۇم بار ئىدى ، بىراق تۇرغۇنۇم سىنىپ ئەمەس سوتخانا .
تۆت يىللىق كېسىم ئېلان قىلىنىپ تۈرمىگە كىرىپ كەتتىم . مېنىڭ ئارزۇيۇم كېلەچىكىم شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن ئىدى .
تۈرمىگە كىرىپ ئىككىنجى يىلى نىجات يوقلاپ كەلدى .
- زۆھرەچۇ ؟
ئۇ دائىم زۆھرەنى بىرگە ئېلىپ كېلەتتى ، بىراق بۇ قېتىم ئۇ يالغۇز كەلگەن ئىدى . ئۇ سۇئالىمنى ئاڭلاپ ئىككى تەرەپكە قارىدى .
- ئۇنىڭ تويى بولىدىغان بولدى ئاداش .
ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ بېشىمدىن بىرى سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم . بىراق ئاڭلىغىنىم خاتا ئەمەس ئىدى .
- نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ ؟
- دادىسىنىڭ دىيىشىچە تۈرمىدە ياتقان بىرىنى كۈيئوغۇل قىلىپ ئۆيىگە ئەكىرەلمەيدىكەن ؟
بۇمۇ توغرا ئۇ مېنى يەنە ئىككى يىل ساقلايدۇ ، ئىككى يىلدىن كىيىن چىقسام يەنە بىر نەچچە يىلغىچە تۇرمۇش يولۇمنى ، ھايات مىزانىمنى تاپمىغىچە توي قىلالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس .
- كىم بىلەن توي قىلىدىكەن ؟ مەن تونۇمدىم .
ئۇ بۇ سۇئالنى ئاڭلاپ جاۋاپ بېرەلمىدى ، بېرەلمىدىلا ئەمەس ، كۆزلىرىنى مەندىن ئەپ قېچىپ باشقا ياققا قاراپ تۇرۇۋالدى .
- مەن ..... مەن بىلەن .
ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى ، نىمىشقىكىن ئالدىمدىكى بۇ ئادەمنى تۇنجى كۆرىۋاتقاندەك بىر خىل ھېسياتتا بولىۋاتاتتىم .
- ئاداش ، چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلا !
ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلۇقىمغا كىرمەيتتى ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم . كامىرغا ئەكرىپ كېتىدىغان ساقچى قولۇمغا كويزىنى سېلىپ ئېلىپ ماڭغىچە ئۇنىڭغا يەنە بىر قارىدىم ، كۆز ياشلىرىم كۆزۈمنى توسۇۋالغان بولغاچقا ئۇنىڭ قايسى ھالدا تۇرۋاتقىننى بىلمەيتتىم ، بىلىشنىمۇ خالىمايتتىم .
شۇنداق قىلىپ بىر نەچچە ئايدىن كىيىن ئۇلارنىڭ تويى بولدى ، بۇنى يوقلاشقا كەلگەن كۈنى ئانام ئېيتقان ئىدى ، ئۇنىڭمۇ كۆزلىرى لىققىدە ياش . مەنمۇ ئۆزۈمنى ئاران-ئاران تۇتۇپ ئولتۇرراتتىم ، راستىنى دىگەندە ئانامغىمۇ مىڭ جاپا ، ئوغلىنىڭ مۇشۇنداق يەردە تۇرۇشىنى قايسى بىر ئانا  خالايدۇ ، بۇنداق يەرگە يوقلاپ كېلىشنى قانداق ئانا خالايدۇ ؟؟
تۈرمىدىن چىقىپ بىر نەچچە يىلدىن كىيىن تويۇمنى قىلدىم ، ئايالىم بىلەن تۇغقان بولغاچقىمۇ ياكى ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئوچۇق يۇرۇق مېجەزىدىنمۇ بىر-بىرمىز بىلەن ئېچەكىچىشپ ، چىقىشىپلا كەتكەن ئىدۇق . ئۇنىڭغا نىجات ،
ئايالىم بىلەن توي قىلىپ بىر نەچچە يىلدىن كىيىن زۆھرەنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنى دوختۇرخانىغا يوقلاپ باردۇق . شۇ ۋاقىت ئۇنى ئەڭ ئاخرىقى كۆرگۈنۈم بولۇپ قالدى . ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم .
شۇ ۋاقىتتا نىجات مېنى ئايرىم چاقىرىپ
-ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەن سەۋەبچى !!
دىگەن بىر ئېغىز گەپنىلا قىلىپ مېنى بىر نەچچە ئايغىچە چىۋىن يەۋەلغاندەك قىلىپ قويغان ئىدى ، نىمىشقىكىن شۇندىن كىيىن ئۆزۈمنى بىر ئىشنى خاتا قىلغاندەكلا سېزىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم . مانا ئارىدىن يىگىرمە نەچچە يىل ئۆتۈپ نىجاتنىڭ ئۆلۈمىگە كېتىۋاتىمەن ئۇنىڭ خېتىدا  ‹‹ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار ، ساڭا دىمىسەم بەلكىم بۇ ئۆمۈرۈمدە ساڭا بىر ئۆمۈر قارا يۈز بولۇپ كېتىمەن ››دىگەن خەتلىرى يادىمغا كېلىۋاتاتتى .
بىر نەچچە كۈنلىك جىددىيچىلىكتىن كىيىن ئۇنىڭ يەتتە نەزىرىسىنىمۇ تۈگتىۋالدۇق . بىر كۈنى قايتىشنىڭ گېپىنى دىيىشىپ تۇراتتۇق ، نىجاتنىڭ كىچىك ئوغلى ( نىجات زۆھرە ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن توي قىلماي يېتىم بالىدىن ئىككىنى بېقىۋالغان ئىدى )
- دىلشات دادا ، دادام سىزگە بىر نەرسە بېرىشىمنى تاپىلىغان ئىدى – نىجات كىچىكىدىن باللىرىنى شۇنداق چاقىرىشقا ئادەتلەندۈرگەن ئىدى .
مەن ئۇنىڭغائايالىمغا قارىدىم ، ئۇمۇ ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى . ئاڭغىچە ئۇ كىچىككىنە خالتىنى قولۇمغا تۇتقۇزدى ، مەنمۇ نىمە نەرسە ئىكەنلىكىگە ئۇ يەردە قارپمۇ يۈرمۈدۈم ، راستىنى ئېيتقانداق كۆرۈشكە شۇنچە قىزىقىۋاتاتتىم .
بېكەتكە بېرىپ ئۇزۇن يوللۇق ماشىنا بېلىتىدىن  ئىككى بېلەت ئالدىم ، ئايالىم بىلەن ماشىنىغا چىقىپ ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن ئۇنى-بۇنى پاراڭلىشىپ ياتتىم ، راستىنى ئېيتقاندا بۇ ماشىندىمۇ ئۇ قالدۇرغان نەرسىلەرنى كۆرگۈم يوق ئىدى . بەلكىم ماڭىمۇ ھاردۇق يەتكەن بولسا كېرەك، ماشىنا قوزۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيقۇ قۇشلىرىغا ئەگىىشىپ پەرۋاز قىلىشقا باشلىدىم . ...............
4
ھارغىنلىقمۇ ۋە ياكى باشقا سەۋەبمۇ ، توي قىلغاندىن كىيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئاغزىمغا تېتىمىغان تاماقنى يىدىم ، تاماقتا ھېچقانداق ئېۋەن يوق ، بىراق ئۇنىڭ كۈلكە خۇرۇچلىرى كام . ھېچقاچان بۇنداق تاماق يەپ باقمىغان ئىدىم ، شۇنچىلىك جىمجىت . ئاياللىممۇ كۆڭلۈمنى ئايىدىمۇ ياكى بۇ ئۆلۈمنىڭ ماڭا شۇنچىلىك ئېغىز كەلگىننى بىلدىمۇ باشقا چاغدىكىدەك ئۇنداق مەن بىلەن گەپ ئېتىشىدىغان ئىشنى قىلمىدى .
راستىنى ئېيتقاندا نىجاتنىڭ يېنىدىن كۆچۈپ باشقا بىر شەھەرگە بېرىۋالغان بولساممۇ بىراق كۆڭلۈم شۇنىڭدىلا ئىدى ، ئۇنىڭغا بېرەر ئىش بولغانمىدۇ ؟ دەپ ئەنسرەيتتىم – يۇ ، تەن ئالغۇم كەلمەيتتى . ئۇنىڭغا نۇرغۇن گپلەرنى دىگۈم كېلەتتى – يۇ ، ئىزدىمەيتتىم ، سىرداشقۇم ، گەپلىرىنى ئاڭلىغۇم كېلەتتى – يۇ ، ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا ماڭا قىلغانلىرىنى ئويلاپ بۇنداق قىلىشتىنمۇ يالتىياتتىم . مانا ئەمدىچۇ ؟ قېشىغا باراي دپمۇ ، ئاۋازىنى ئاڭلاي دەپمۇ ، چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاي دەپمۇ ئاڭلىيالمايمەن . قاچان ناخشا ئاڭلىسام ئۇنىڭ ئاۋازى قۇلاق تۈۋىمدە ئەكىس سادا ياندۇراتتى .
ئاخشىمى ئۇخلىيالماي ياتتىم ، ئايالىم بولسا يېنىك پۇشۇلدىغىنىچە سۈت ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتاتتى ، خىيالىمغا مۇشۇ كەمدە دەم زۆھرە ، دەمدە نىجات كىرىپ ئۆزۈمنى ئەمەسلا قىلىپ قويۇۋاتاتتى . ئورنۇمدىن ئاستالا تۇرۇپ ياندىكى ئۆيگە چىقتىم ، ئۆزۈم تىقىپ قويغان ھېلقى كىچىك سولياۋ خالتىنى تاپتىم ، ئىچىنى ئېچىپمۇ باقمىغان سۇلياۋ خالتا مېنى ئۆزىگە تېخىمۇ بەك قىزىقتۇرماقتا ئىدى .
خالتا ئىچىدىن بەش سۇڭلۇق رەڭسىز سۈرەت بىلەن بىر تال ئاغزى پەچەتلەنمىگەن لىتاپ تۇراتتى ، سۈرەتنى قولۇمغا ئېلىپ تۇرۇپلا قالدىم ، ئەينى ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپتىكى چاغدا نىجاتنىڭ كەسىپ يۆتكەلگەن ۋاقتىدا چۈشكەن بۇ سۈرەت ھازىرقىدەك يادىمدا ئىدى . زۆھرە نىجات بىلەن ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا يەنە شۇ غۇبارسىز كۈلكىسىنى كۈلگىنىچە كۈلۈپ تۇراتتى . سۈرەتكە قارىغانسىرى ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ماڭا دىگەن ‹‹ دىلشات ، شۇنداق بىر سىناقلار كېلىپ ئايرىلىپ كەتسەك ، چىدىيالامسىز ؟ ›› دىگەن سۇئالى قۇلاق تۈۋىمدە قايتا- قايتا ئاڭلانماقتا ئىدى .
خەتنى قولۇمغا ئالدىم ، ھېچقانداق تەكەللۇپ سۆزلىرى ( نىجات بىلەن ئىككەيلەننىڭ ئارسىدا يەنە قانداق تەكەللۇپ سۆزلىرى بولسۇن ) ئىشلىتىلمىگەن بۇ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم .
‹‹  سېنىڭ كەلمەيدىغىنىڭنى بىلسەممۇ شۇ بىر پارچە خەتنى يازدىم ، بىراق كەلمىدىڭ ، ساڭا ئۆز ئاغزىم بىلەن دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى . بىراق سېنىڭ كېلىشىڭنى ساقلاپ ھاردىممۇ ياكى پەقەت ئۆمۈرۈم يار بەرمەمدۇ بىلمىدىم مۇنۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن . بەلكىم خەتنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭدا مەن قارا تۇپراق ئىچىدە باقىي دۇنيا بىلەن خوشلۇشۇپ پانىي ئالەمگە سەپەر قىلغان ۋاقىتلىرىمدۇ . بۇنى بىلگۈچى پەقەت بىر ئاللاھ .
دۇنيادا قىلغان ئىككى ئىشىمغا پۇشايمان قىلىمەن ، بىرى سەن بىلەن تونۇشقىنىمغا ، سەن بىلەن تونۇشمىغان بولسام بەلكىم نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەرمىگەن ، ھاياتىمدا بۇنچە يۈزسىز ئاتالمىغانمۇ بولاتتىم ، بىلەمسەن سېنىڭ نەزىرىڭدە مەن بىر خۇمسى . يەنە بىر پۇشايمىنىم ساڭا بىر ئۇقۇشماسلىقنى چۈشەندۈرەلمىگنىم . ئەنە شۇ ئۇقۇشماسلىق مېنى خۇمسى قىلىپ قويۇپ قويدى ، خائىن قىلىپ قويدى . ۋىجدانسىز ، ۋاپاسىز قىلىپ قويدى ، سەندىن ئەنە شۇنداقلا ئايرىلىپ قالدىم ، بەلكىم ئۆزۈمنى بەك ئەقىللىق چاغلاپ كەتكەن بولسام كېرەك .
گەپنى سەن تۈرمىگە كىرىپ كەتكەندىن كىيىنكى ئىشلاردىن باشلاپ سۆزلەي .
سەن تۈرمىگە كىرىپ بىر نەچچە ئايدىن كىيىن مەكتەپنىڭ تەخسىملىشى بىلەن خىزمەتكىمۇ چىقىۋالدۇق ، بىراق بىلىسەن . بىزنىڭ يېزىدا قىز بالىلار  كىچىكلا توي قىلىدۇ . ئەنە شۇنداق كۈنلەر زۆھرەنىڭ بېشىغىمۇ كەلدى . زۆھرە ئۇنى دەپمۇ بۇنى دەپمۇ دادىسىنى قايىل قىلالمىدى ، ئانىسى مەزلۇممۇ دادىسىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان بولغاچقا بۇ ئىشقا ئامال بولمىدى ، ئاخىرى بولماي زۆھرە بىلەن پىلان تۈزۈپ توي قىلدۇق ، بىراق بۇ پىلاننى ساڭا چۈشەندۈرۈشكە ھېچقانداق بىر ئامال بولمىدى ، تۈرمىدە شۇ بىر قېتىملىق كۆرۈشۈشتىن كىيىن سېنى يوقلاپ بارغان بولساقمۇ بىراق كۆرۈشەلمىدۇق . تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تويۇڭنى قىلىۋالدىڭ ، بۇ ۋاقىتتا زۆھرە ساڭا چۈشەندۈرۈشمىگە قوشۇلمىدى . شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ توختاپ قالدىم ، ئاز كۈن ئۆتمەي باشقا بىر شەھەرگە كۆچۈپ بېرىۋالدىڭ . زۆھرەنىڭ نىمە كېسەللىكىنى دوختۇرلارمۇ تاپالمىدى ، بىراق ئۇ شۇ كۈنى كۈلدى ، سەن يوقلاپ كەلگەم كۈنى ئۇ كۈلگىنىچە ماڭا ‹‹ نىمە دىگەن بەخىتلىك بىر جۈپلەر ھە ›› دېدى . بىلەمسەن ؟ ئۇنىڭ ئاشۇ كۈلكىسىنىڭ قانچىلىك ئازابنى يېڭىپ تۇرۇپ چىققانلىقىنى بىلەمسەن ؟
مەن سىرلارنىڭ ھەممىنى ئۆزۈم بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتمەكچى ئىدىم ، بىراق سېنىڭ تۇپراق بېشىمنىمۇ يوقلىماي ، مېنى يەنە شۇنداق يالغۇز قويۇشۇڭدىن ئەنسىرەيمەن . يىگىرمە نەچچە يىل مېنى شۇنداق يالغۇز قويدۇڭ ، ئەمدى يېتەر .
زۆھرە بىلەن توي قىلىشنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن ھەممىنى دىيىشتىم ، سەن تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن بىز ئاجىرشىپ كېتىدىغان بولدۇق ، شۇ ۋاقىتتا سەن ئەلچى كىرەۈزسەڭ زۆھرەنىڭ دادىسىمۇ بىر قېتىم تويىنى قىلىپ بولغان قىزىنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بولسىمۇ تويغا قوشۇلدىغانلىقىنى دىيىشتۇق . بىراق سەن ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايتتىڭ ، ھېچكىمنىڭ چۈشەندۈرىشى سېنىڭ قۇلۇقىڭغا كىرمەيتتى .
ئەنە شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ كاللىمىزنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىشلىگنىدىنمۇ ياكى دۆتلىكىمىزدىنمۇ ، سېنىڭ ئالدىڭدا زۆھرەمۇ مەنمۇ قارا يۈز ، ۋاپاسىز بولدۇق . بىراق بۇنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ سەۋەنلىكىمىز ئەمەس ، سەنمۇ شۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ بىر ئېغىز چۈشەندۈرىشىمىزنى ئاڭلىغان بولساڭ مۇشۇ ئىشلارمۇ بولماستى .
ئاخىردا ساڭا دەيدىغىنىم ، مېنى ئەمدى يالغۇز قويما .  بۇندىن كىيىن مېنى يەنە ۋىجدانسىز .ورنىدا كۆرمە ، ساڭا دەيدىغىنىم ، سەن ھەر ۋاقىت مېنىڭ ئەڭ يېققىن دوستۇم .
                                                دوستۇڭ : نىجاتتىن ››
خەتنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆكسۈپ –ئۆكسىپ يىغلاپ كەتتىم ، ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر شەخسىيەتچى ئىكەنلىكىمنى ، ماڭا باشقىلارنىڭ ئەمەس ئۆزۈۈمنىڭ شەخسىياتچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى ئويلاپ ، ئۆزۈمگە ئۆچلۈكۈم كېلىۋاتاتتى .
بىرنىڭ بېشىمنى قۇچاقلىغىنىدىن يىغىدىن تەستە ئۆزۈمنى توختاتتىم ، ئىچىمدىن يىغىلا ئەمەس ، چەكسىز پۇشايمان دېڭىزى يۇپۇرلۇپ كېلىۋاتاتتى . ئايالىمنىڭ ‹‹ يەنە تېخى مەن بارغۇ ›› دىگەن سۆزلىرى يەرنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن ئاڭلىنىۋاتقاندەك ھېسياتتا ئىدىم . ئۇنىڭ قوينىغا كىرىپ كەتىكىم ، سىڭىپ كەتكىم بار ئىدى .
دېرىزىدىن ئۆي ئىچىگە كىرگەن شەپەقنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرى ئۆي ئىچىدىكى ھەممىنى قىزغۇچ رەڭگە كىرگۈزگەن ئىدى . بۇنىڭ ئىچىدە مەنمۇ ، ئايالىممۇ ، قولۇمدىكى ياش يۇقى سۈرەتمۇ بار ئىدى …………..
خاتىمە
يىراق – يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقان قىرائەتتتىن بېشىمنى ئاستا كۆتۈردۈم ، ياز ئاخىرى بولسىمۇ كۈز شامىلى ئادەمنىڭ سۆڭەك – سۆڭكىدىن ئۆتۈپ كېتەتتى . ئاستا پەلتۇيۇمنىڭ ئالدى تۈگمىلىرىنى قايتا بىر تۈزەشتۈرۈپ ئورنۇمدىن تۇردۇم .
ئالدىمدا ئۈچ قەبرە قاتار تۇراتتى ، ‹‹ يەنە تېخى مەن بارغۇ ›› دىگەن ئاياللىممۇ مېنى بۇرۇنلا تاشلاپ ئۇلارنىڭ يېنىغا كېتىۋالغان ئىدى ، بەلكىم سېسىق گەپلىرىمدىن زېرىككەن بولسا كېرەك . بوپتۇ ، بۇغۇ چىدىماسنىڭ خۇيى . بىراق بۇ دۇنيادا مەن يەككە يىگانە قالدىم . يەق يەككە يىگانە ئەمەس  . يەنە تېخى قىزىممۇ بار .
قىزىمنى نىجاتنىڭ خېتىدە دىيىلگىنى بويۇنچە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بىلەن چېتىپ قويدۇم ، ئەگەر نىجاتنىڭ خېتىنى ئوقۇمىغان بولسام بەلكىم بۇ تويغا قوشۇلمىغانمۇ بولار ئىدىم .
مەنمۇ ئاز كۈن ئۆتمەي بۇ يۇرۇق دۇنيادىن خوشلۇشىمەن ، ئەگەر نىجات تۇرۋاتقان جەننەتكە كىرىش ماڭا نىسىپ بولۇپ قالسا مەن ئۇنىڭدىن چوقۇم كەچۈرۈم سورايمەن . بەلكىم قالغان ئۆمۈرۈمدە ئۇنى ياد ئېتىش ، يوقلاش بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورۋالارمەن ، بىراق كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە ئاچچىق بىر پۇشايمان مېنى ھەر بىر مىنۇت ئازاپلاپ تۇراتتى .



2012-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى

ئەسكەرتىش : ھېكايىدىكى ناخشا تېكىستى ‹‹ رومكىدىكى يۈرەك ›› ناملىق ناخشا تېكىستىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كىرگۈزۈلدى ، ئەسلى ئاپتۇرنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-1 03:47 PM  


20100815174751711副本.jpg
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 155 بەك ياخشى چىقىپتۇ.
بەرگى + 200 بەكلا ياخشى يىزىپسىز ..

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 355   باھا خاتىرىسى

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86170
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 760
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 12:55:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىڭىزنى شۇنچىلىك ھىرىس بىلەن ئۇقۇپ چىقتىم،لىكىن ...............بىر ئېغىز لىللا گەپ!قانمىدىم~~~~~~~~~~~~~~~~~~~!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ياش ئىدۇق...بىر زامانلاردا~~~~~~~~~~~~!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86577
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1590
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1407 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 12:58:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ھىكايىكەن  .نادىرلىسا بولغۇدەك......  بىر كىنو كۆرگەندەك بولدۇم...ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت

قوچقارنىڭ  كەينىگە يانغىنى  ئۇنىڭ  قورققىنى  ئەمەس  -  ئەلتېكىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1470
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 325 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 01:30:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنچى قەۋەتتىكى ئەزانىڭ گېپىنى مېنىڭمۇ تەكرارلىغۇم كېلىۋاتىدۇ.   پەقەت، پەقەت قانمىدىم.   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41260
يازما سانى: 654
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5286
تۆھپە نۇمۇرى: 142
توردا: 4777 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 01:35:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەردەك قىلىدۇ، ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلىۋېلىپ تۇراي

ئوغرى گۇمانخور، يالغانچى قەسەمچى كىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85762
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1142
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 01:49:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماشائاللاھ.........
ھىكايىنىڭ شاھىكەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6541
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 765 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 02:15:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن !

دوست-مۇھەببەت دەيدۇ ،رىشتىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلىقى سېنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك قۇربانلىق بېرەلىشىڭدە ئىپادىلىنىدۇ

ئوت بىلەن ئويناشماڭ ،قىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86756
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 633
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 02:45:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىيىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن ...راستىنلا بەك ياخشى يېزىپسىز......ئۈستىدىكى ئىككى ئەزانىڭ گىپىنى مەنمۇ تەكرارلاپ ئۆتەي.....مەنمۇ پەقەت قانمىدىم.........سىزنىڭ كىيىكى ھېكايىڭىزنى كۈتىمەن.....

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1988
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11073
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1563 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 03:32:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخىشى  ئەسەركەن،ئىنكاس يازماي دىسەممۇ يېزلىپ كەتتى ما تىمىغا!

جاھان
492400395 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 03:40:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش