مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10450|ئىنكاس: 117

مانا بۇ بىزنىڭ بەدىنىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەرتىل ئەردەك يا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1159
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15632
تۆھپە نۇمۇرى: 413
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-17 10:56:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنسانلار زەررىچىلەردىن قانداق بارلىققا كېلىدۇ ؟

بىز ئېيتىمىزكى زەررىچىلەر ئىنسانلاربىلەن بىرگە شەكىللىنىدۇ.لېكىن ئەلۋەتتەسىز بۇنىڭ قانداق يۈز بېرىدىغانلىقىدىن ھەيران بولىشىڭىز مۈمكىن .ئالدى بىلەن زەررىچىلەر ھۈجەيرىلەر بىلەن بىرلىكتە شەكىللىنىدۇ. ئەمدى بىز يەنە بىر يېڭى ئىلىمنى ئۆگىنەيلى .ھۈجەيرە دېگەن نېمەن ؟؟؟ بەدىنىمىزدىكى ھەر بىرئورگانىزىم ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن .گەرچە ھۈجەيرىلەر، زەررىچىلەردەك ئۇنداق كىچىك بولمىسىمۇ، ئۇلار ناھايىتى كىچىك بولغانلىتىن كۆزىمىزنى ئېچىپلا كۆرگىلى بولمايدۇ .بىز ئۇنىڭ بۇنداق كىچىكلىكىنى تۆۋەندىكى ئۈلگە ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرەيلى :ئەگەر سىزنىڭ ئالدىڭىزغا تەخمىنەن10000(ئون مىڭ )تال ھۈجەيرە ئەكىرىپ بېرىلسە، سىز پەقەت يىڭنىنىڭ بېشىدەك بىر نەرسە ياسىيالىشىڭىز مۆمكىن .مانا بۇ سىزنىڭ ئۇنى نېمە ئۈچۈن كۆرەلمەيدىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى .لېكىن ھۈجەيرىلەرسىزئىنسانلار،چۆمۈلىلەر ، مۆشۈكلەر، گۈللەر، دەرەخلەرۋە ئەتراپىڭىزدىكى جانلىق ئورگانىزىملار بولمايدۇ . مەسىلەن : ئۇلار تېريۇنلىغان ھۈجەيرىلەردىن بارلىققا كېلىدۇ .ئەمدى بۇنداق تېريۇنلىغان ھۈجەيرىلەر نەدىن كېلىدۇ ؟


قوساقتىكى قىرىندىشىڭىزغا قاراپ بېقىڭ ، ئۇ ئىككى يىل بۇرۇن بۈگۈنكىدەك ئەمەس ئىدى .ئاندىن ئۇ تەدرىجى چوڭ بولۇشقا باشلىدى .بۇ ھەيران قالارلىق ئىش قانداق يۈز بېرىدۇ ؟سىزنىڭ قىرىندىشىڭىز ئانىڭىزدىن بىر تال ھۈجەيرە بىلەن بارلىققا كېلىدۇ . لېكىن بۇ ھۈجەيرىدە ئىنتايىن مۇھىم ئۇچۇرلار ساقلانغان ،بۇ ھۈجەيرىدە ئىنىڭىزنىڭ ، كۆزىنىڭ رەڭگى ، چېچىنىڭ رەڭگى ، ئېغىرلىقى دېگەندەك ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ساقلانغان . ئاندىن بۇ ھۈجەيرە ئازراق چوڭىيىپ بۆلۈنۈشكە باشلايدۇ .ئالدى بىلەن ئۇ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ .شۇنداق بۇ يەردە سىزنى ئىنتايىن قىزىقتۇرىدىغان بەزى ئىشلار يۈز بېرىدۇ ؛ھۈجەيرىدىكى ئۇچۇر ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتمەيدۇ .بۇنداق دېگەنلىك ئوخشاش ئۇچۇردىكى ئىككى ھۈجەيرە كۆپىيىدۇ دېگەنلىك ، بۇنىڭدىن كېيىن كۆپەيگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئۇچۇرغائىگە بولىدۇ . نەتىجىدەھەممە ھۈجەيرىلەر ئوخشاش ئۇچۇرغا ئىگە بولغان بولىدۇ .ئاندىن بۇلارمۇ باشقا ھۈجەيرىلەرگە بۆلىنىدۇ .يەنە باشقىلىرى يەنە باشقىلارغا بۆلۈنىدۇ ، بۇ ھادىسە مىليۇنلىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ شەكىللىنىشىگىچە داۋاملىشىدۇ .


گەرچە بۇ ھۈجەيرىلەر ئوخشاش ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ ، ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغانداپەرقلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىنىڭىزنىڭ تېرىسىنى شەكىللەندۈرسە بەزىلىرى موسكۇللىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، يەنە بەزىلىرى ئۇنىڭ ئىسكىلىتلىرىنى شەكىللەندۈرسە يەنە بەزىلىرى مېڭە نېرۋىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ . ھۈجەيرىلەر ھەسسىلەپ كۆپەيگەندە ھەربىر گۇرۇپپا ھۈجەيرە خۇددى توپ شەكىللىك يۇمىلاق شەكىلدە بولىدۇ. بېتىمىزنىڭ ئۈستىدىكى رەسىمنى كۆرگەنسىز ، ئىنىڭىزنىڭ ئالدى بىلەن بېشى ، ئاندىن كېيىن بېلىكى، ئاندىن كېيىن پۇتى بارلىققا كېلىدۇ .ھۈجەيرىلەر موشۇنداق كۆپىيىپ توققۇز ئايدىن كېيىن ، ئۇلار مۇكەممەل بەدەنگە ئايلانغاندىن كېيىن ، سىز ئۇنىڭ بىلەن تۈنجى قېتىم تۇغۇلغاندا كۆرىشىسىز.


بىز ھازىرغىچە ئېيىتقانلىرىمىزدىن بەلىكىم ھەيران قالغانسىز .بەلىكىم سىز يەنە ھۈجەيرىلەر نېمە ئۈچۈن ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرنى ئىشلەيدىغاندۇ ؟ دەپ ئويلىشىڭىز مۆمكىن .بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بىردىن –بىر بولغان ئۇلۇغ اللە.ھۈجەيرىلەر بولسا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان كىچىك جانلىقلار.زەررىچىلەرگە ئوخشاش ئۇلارنىڭ ھەممىسى بېرلىشىپ ئىنسانلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئۆزلىكىدىن قارار چىقىرىشى مۆمكىن ئەمەس .ئىنىڭىزنى ۋە باشقا ئىنسانلارنى ھۈجەيرىلەرنىڭ بىرىكىشى بىلەن تاساددىبىيلىقتىن بارلىققا كېلىپ قالغان دەپ ئويلاش ئەخمىقانىيلىك .

اللە ھەممىنى ياراتقۇچى ،ئۇ بارلىق ئىنسانلارنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە ياراتتى .ئۇ بىزگە ئەۋەتكەن كىتابى قۇرئانى كەرىمدە ئىنسانلارنى بۇ توغرىسىدا تەپەككۈر قىلىپ بىقىشقا بۇيرىدى .

{ئىنسان بىز ئۇنى ئىلگىرى يوقتىن بار قىلغانلىقىمىزنى ئەسلىمەمدۇ}(سۇرەمەريەم67- ئايەت)

سىز قىرىندىشىڭىز ۋە باشقا ئىنسانلار بىر ھۈجەيرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن چوڭىيىپ ئىنسان ھالىتىگە كەلگەن .ھازىر سىز بۇ دۇنيادا ناھايىتى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۋاتىسىز . بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىزگە اللە بەردى .اللە سىزگە مېھرى –شەپقەتنى كۆرسەتتى ، اللە سىزگە رەھمەت قىلدى .شۇنىڭ ئۈچۈن ،اللەغا ھەمدە-سانا (تەشەككۈر ) ئېيتىشنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماڭ!

بەدىنىمىزدە بىزنى كېسەللىك باكتېرىيەلىرىدىن ساقلايدىغان بىر ئارمىيەنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز ؟

 

بىز ئولتۇرغان جايلىرىمىزدا، سۈمۈرگەن ھاۋالارداۋە تۇتقان بارلىق نەرسىلەردەكېسەللىك بار، لېكىن بىز ئۇلارنى كۆرەلمەيمىز .كېسەللىك باكتېرىيەلىرى ۋە ۋىرۇسلار ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولۇشىغاسەۋەپچى بولىدىغان ناھايىتى كىچىك جانلىقلاردۇر .ئۇلار بىزنىڭ كېسەل بولۇشىمىزغا ۋە مادارىمزدىن كەتكۈزۋىتىشكە سەۋەپچى بولسىمۇ لېكىن بىز ئۇلارنى كۆرەلمەيمىز . يەنە بىز كۆرەلمەيدىغان كىچىك جانلىقلار بولۇپ ، ئۇلار بىزنىڭ ئىچىمىزدە تۇرۇپ بىر ئارمىيە تەشكىللەپ ، بىزنى كېسەللىك باكتېريىسى ۋە ۋىرۇس قاتارلىق دۆشمەنلەردىن قوغدايدۇ ، بۇ ئارمىيە ‹‹ئېمۇنىت سېستىمىسى ››دەپ ئاتىلىدۇ . بىزنىڭ ئېمۇنىت سېستىمىمىز قېنىمىزغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، ئېمۇنىت سېستىمىمىزنى ئىشلەپ چىقىرىغان ھۈجەيرىلەرنى بىز ئاق قان ھۈجەيرىلىرى دەپ ئاتايمىز. ۋىرۇسلار بەدىنىمىزگە كىرگەن ۋاقىتتا بىزنىڭ قان ئىشچىلىرىمىز خوددى تەجرىبىخانىلارغا ئوخشاپ قالىدۇ .ئۇلار دەرھال دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ماددىلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ ، ھەمدە دۈشمەنلەرنىڭ قۇۋۋىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.جەڭ باشلانغان چاغدا بەزى ۋاقىتلاردا بىز سەزمەستىن بەدىنىمىزدىكى ئارمىيە غالىپ كېلىپ ۋىرۇس ۋە كېسەللىك باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرىدۇ .



بەزى ۋاقىتلاردا بىز بۇ ئۇرۇشلارنى سېزىمىز ،قانداق دەمسىز ؟بىز قىزىپ قالغاندا.ئەلۋەتتە سىز ئاز دېگەندە بىر نەچچە قېتىم قىزىپ قالغانسىز .سىزنىڭ ئارمىيىڭىز بەدىنىڭىزدىكى ۋېرۇسلار بىلەن ئۇرۇشۋاتقان بولىدۇ .ئۇرۇش جەريانىدا بەدىنىڭىز ئۆزىڭىزدىكى بارلىق ئىنىرگىيەنى ئىشلىتىدۇ ۋە يەنە ئېھتىياجلىق بولىدۇ .بەدىنىڭىزدە ئۇرۇش بولىۋاتقان چاغدا ئەگەر سىز يۈگۈرسىڭىز ، سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ ئۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بارلىق ئىنىرگىيەلىرىنى ئىشلىتىپ بولىسىز ، شۇ چاغدا سىزنىڭ ئارمىيىڭىز مەغلۇپ بولىدۇ ھەمدە سىز كېسەل بولىسىز .قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىز قىزىپ قالغاندا تەبىئىيلا ئارام ئېلىش ئۈچۈن ياتىسىز ، بۇ جەرياندا ئارمىيىڭىز ئېھتىياجلىق ئىنىرگىيەنى تولۇقلىۋالىدۇ.موشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئارمىيە غەلبە قىلىشى مۆمكىن ، بىزنىڭ تىمپۇراتۇرىمىز ئۆرلەپ كەتكەندە ، بەدىنىمىزگە دەم ئېلىش خەۋىرىنى يەتكۈزىدۇ . نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندىڭىزما ؟ئەگەر بىزنىڭ ئېمۇنىت سېسمىتىمىز بولمىسا بىز تۇغۇلۇپ ئۇزۇنغا بارماي بىر كېسەللىك باكتىرىيىسى بەدىنىمىزگە كىرىپ بىزنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشى مۆمكىن . چۈنكى ئۇلۇغ اللە بارلىق ئىنسانلارغا رەھمەت ۋە شەپقەت قىلىپ ، شۇنداق ئېمۇنىت سېستمىسىنى ياراتقان . يۇقىردىكى ئۇلۇغ اللەنىڭ بىزلەرگە بەرگەن نېممىتىگە ۋە بىزگە ئاتا قىلغان گۈزەل نەرسىلەرنى كۆرەلەيدىغان ۋە مەززىلىك تائاملارنى يىيەلەيدىغان رەھمەتلىرى ئۈچۈن بىز ‹‹ئى ئۇلۇغ اللە! بىزلەرگە رەھمەت قىلىپ يۇقىرقى نېمەتلىرىڭنى بەرگەنلىكىڭگە شۈكرى ئېيتىمىز ›› دېمەي تۇرالمايمىز .  

كۆزىمىزدىكى ئاجايىباتلار

 

بەدىنمىزدە ئىنتايىن ياخشى ئورگانىزىملار بار بولۇپ يۈگۈرۈشتە، ئويناشتا ، ئوقۇش ۋە يېزىشتا قىسقىسى ھەر قانداق بىر ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا ۋە ياكى يەر شارىدا ياشاشتا بولسۇن ھەممىسىدە بىزگە لەززەت ۋە خوشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.بو ئورگانىزىملار ئىنتايىن ئالاھىدە بولۇپ ھەر قانداق بىر كىشى ئەڭ ئالاھىدە تېخنىكلار ئارقىلىقمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئۈسكۈنە ياسىيالمايدۇ . توختىماي خىزمەت قىلىدىغان ، ھالسىرىغاندا بولسا ئۆز –ئۆزىنى ساقايتالايدىغان ئۆزىڭىزنىڭ ئورگانىزىملىرىڭىز توغرىسىدا قانچىلىك بىلىسىز ؟

بىزنىڭ دۇنيانى كۆرۈشتىكى كۆزنىكىمىز: كۆز    

بەدىنىمىدىكى ھەر بىر ئورگان بىز ئۈچۈن ناھايىتى موھىم .ئەگەرئۇلاردىن بىرەرسىدىن ئايرىلىپ قالساق ھاياتىمىزدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولىدۇ . مەسىلەن :كۆزىمىز ؟ سىز كۆزىڭىز بولمىسا قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ ؟ئەگەر شۇنداق بولسا ئاتا- ئانىڭىز ، قېرىنداشلىرىڭىز ، ھەمشىرلىرىڭىز ،ۋە دۇستلىرىڭىزنى پەرق ئېتەلمەيسىز . ھەمدە بارلىق گۈزەل نەرسىلەردىن بەھرىمان بولالمايسىز ، ئوينىيالايدىغان نۇرغۇن ئويۇنلارنى ئوينىيالمايسىز، يەنە بۇ تور بەتنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى كۆرەلمەيسىز .بىرەر توشقان ياكى ئىتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلالمايسىز ، چۈنكى سىز ئۇلارنى كۆرۈپ باقمىغان.تىلىۋۇزۇردىكى كارتۇن فىلىملەرنى كۆرەلمەيسىز ، سىزنىڭ ۋەزىپىلىرىڭىزنى ئورۇنلىيالمايسىز ، بەلكىم تېخى ئۆيىڭىزگە بارىدىغان يولنىمۇ تاپالماسلىقىڭىز مۆمكىن. ھەتتا رەڭلەرنى جىسىملارنىڭ ھالىتىنى ۋە قانداق نۇر ئىكەنلىكىنىمۇ پەرىق ئېتەلمەيسىز .مىساللار بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ.

ئۇلۇغ اللە بارلىىق ئىنسانلارنى شۇلارنى كۆرۈش ئۈچۈن كۆز بىلەن ياراتقان . اللە ئىنسانلارغا موشۇنداق ئىنتايىن موھىم ئارتۇقچىلىقلارنى بەرگەن . بىزنىڭ كۆزلىرىمىز ئىنتايىن موھىم روللارنى ئوينايدۇ.بىز ئەتراپىمىزغا قارىغاندائۇلار بىز پەقەت تولۇق بىلمەيدىغان خەۋىپلىك ئىشلاردا ئالاھىدە رول ئوينايدۇ . كۆزىمىزنىڭ قانداق كۆرىدىغانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە مەزمۇنغا قاراپ چىقايلى . دۇنيادىكى ھەر بىر ئوبىكىتنىڭ ئەتاپىغا نور قايتۇرۇش ۋە تارقىتىش رولى بولىدۇ .مەسىلەن :سىز كومپىيتىر ئىكرانىغا قاراۋاتقان چاغدا ئىكراندىن قايتۇرۇلغان ۋە تارقىتىلغان نور كۆزىڭىزنىڭ قارچۇغىدىن ئۆتۈپ كۆزىڭىزنىڭ يىلتىزىغا يىتىپ بارىدۇ .بۇ نۇر كۆزنىڭ يىلتىزىغا يېتىپ بېرىش جەريانىدا، ئېلىكتىرۇنلۇق سېگنالغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئېلىكتىرۇنلۇق سېگىنال سىزنىڭ مىڭىڭىزگە يېتىپ بارىدۇ . مىڭىمىزنىڭ ئارقا تەرىپىدە كۆرۈش سېزىمى مەركىزى بولۇپ ، بۇ جاي ئارقىلىق كۆرۈش ئىمانيىتىگە ئېرىشىسىز .بۇ كۆرۈش سېزىمى رايۇنى ئىنتايىن كىچىك جاي .بۇ كىچىك جاي سىز تور بەتكە قارىغاندا ئىكراندىن ۋە رەسىملەردىن ئىلىكتىرۇنلۇق سېگنال قۇبۇل قىلىدۇ .

 

بۇ جەريانلارنى قىسقىچە ۋە تېز چۈشەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ .سىز كومپىيۇتىر ئىكرانىغا قارىغاندا بۇ جەريانلار ناھايىتى تېز يۈز بېرىدۇ .سىز قارىغان ھامان كۆرەلەيسىز .

قانداق بۇ ئەڭ ياخشى سېستىما ئىكەن شۇنداقمۇ ؟ ئەمدى بىز دارۋېنىزىمچىلارنىڭ سەپسەتەلىرىنى تىلغا ئالىمىز .بىز يەنە ئۇلارنىڭ يەر شارى ،كائىنات ، يۇلتۇزلار ۋە جانلىقلارنىڭ تاسادىبىيلىقنىڭ نەتىجىسى (يەنى ئۆزلىكىدىن بارلىققا كېلىپ قالغانلىقى )ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىمىز .يەنە ئۇلار بىزنىڭ كۆزلىرىمىزنى موشۇنىڭغا ئوخشاش دەيدۇ . ئۇلار :‹‹ كۆز ئۆزلۈكىدىن تاسادىبىيىق بىلەن بارلىققا كېلىپ قالغان ››ئۇلار موشۇنداق مۇرەككەپ ۋە كارامەت سېستىمىلارغا ئۆزلىكىدىن ئىگە بولۇپ قالغان دەيدۇ .بىز بۇنداق بىمەنە قاراشتىكىلەرگە مۇنداق بىر مىسالنى كۆرسىتىپ بېرىمىز . ئىنجىنىرلار سۆرەت تارتىش ئاپاراتى ۋە كامىرالارنى ئادەم كۆزىدىن ئۈلگە ئېلىپ ياساپ چىققان بولسىمۇ ، بۇ ئەسۋابلارنىڭ ھېچقايسى بىرسى سىزنىڭ كۆزىڭىزدەك روشەن كۆرەلمەيدۇ .ئەمدى سىز كومپىيۇتىر ئىكرانىدىن بېشىڭىزنى بۇراپ ئەتراپىڭىزغا قاراپ بېقىڭ ، قانداق سىزنىڭ كۆرۈش سېزىمىڭىز يۇقىرىمىكەن ؟كۆرۈش سېزىمىڭىزدا غۇۋا ، چىم –چىم ، سىزىقچە دېگەندەك ئاجىزلىقلار پەقەت يوق .ئەمدى سىز تىلىۋۇزىرىڭىزغا تەپسىلىي قاراپ باقسىڭىز سۆرەتلەردە چىم –چىم، غۇۋالىق ، چېكىت –چېكىتلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز . تېخى بۈگۈنكىدەك پەن –تېخنىكا ئەڭ تەرەققىي تاپقان جەمئىيەتتىمۇ ئەڭ يېڭى تېخنىكلار سىزنىڭ كۆرزىڭىزگە ئوخشاش بۇنداق ئاجىزلىقلاردىن خالىي ئىلغار تىلىۋۇزۇرنى تېخى ئىشلەپ چىقىرالمىدى . ئەمدى بىز بىر نەچچە مىنۇت تەپەككۈر قىلىپ باقايلى :بۇنىڭ مەنىسى بىزنىڭ كۆزلىرىمىز ئالاھىدە سۈپەتلىك سۆرەتكە تارتىش ئاپاراتى كامىرا ۋە تىلىۋۇزۇرلاردىنمۇ ئالاھىدە ئەگەر بىرەرسى كېلىپ سىزگە مۇنداق دېسە سىز قانداق قىلىسىز ؟   ‹‹ تۇيۇقسىز بىر بۇران چىقىپ ئىلىكتىر سىملىرى ، رازما مىقلار ،ئەتۋېركە ، بولقىلار، ئىشىك – دەرىزىلەردىن ئۇچۇپ ئۆينىڭ ئارقا ھويلىغا چىقىپ جەم بولدى ، ئاندىن چاقماق ۋە يامغۇرلار ياغدى ، بۇ نەرسىلەر توپا بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى ، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، بىر تىلىۋۇزۇر ياسىلىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم . شۇنىڭ بىلەن مەن تىلىۋۇزۇرنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ كىردىم دېسە ››


سىز بەلكىم ئۇ ئادەمنى بۇ ساراڭ ياكى يالغانچىكەن، تىلۋۇزۇر چوڭ زاۋۇتلاردا يۈزلىگەن ئىنجىنىر ، لايىھىلىگۈچى ۋە ئالاھىدە كىشىلەر تەرىپىدىن ياسىلىدۇ ، تىلىۋۇزۇرنىڭ ئۆزلىكىدىن كېلىپ قىلىشى مۆمكىن ئەمەس دېيىشىڭىز مۆمكىن . بىزنىڭ كۆزىمىز ئالاھىدە دەرىجىلىك تىلىۋۇزۇرلاردىنمۇ ئالاھىدە تۇرسا ئۆزلىكىدىن بارلىققا كېلىپ قىلىشى مۆمكنمۇ ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس ، تىلۋۇزۇرمۇ ئۆزلىكىدىن بارلىققا كېلىپ قالمايدۇ ، ئۇنى باشقىلار ئىشلەپ چىقىرىدۇ . بىزنىڭ كۆزلىرىمىزمۇ تاساددىبىي بارلىققا كېلىپ قېلىشنىڭ مەھسۇلى ئەمەس . اللە بىزنىڭ كۆزلىرىمىزنى ئۈچ ئۆلچەملىك سۆرەتلەرنى ۋە رەڭگا –رەڭ سۆرەتلەرنى ئېنىق پەرىق ئېتەلەيدىغان قىلىپ ياراتقان . ئۇنداقتا بىزنىڭ كۆزلىرىمىزنى بارلىق چىرايلىق نەرسىلەرنى كۆرەلەيدىغان قىلىپ ياراتقان ئۇلۇغ اللە غا ھەمدە ۋە شۈكرى ئېيتايلى !
اللە تەئەللە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ :


ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن .(5)ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى .(6)ئۇ مەنى ئومۇرۇتقا ۋە قوۋۇرغا سۈڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ.(7)  (86- سۈرە تارىق 5-6-7-ئايەتلەر )

چارچىمايدىغان يۈرىكىمىز


بىز ئۈچۈن يۈرىكىمىز ئىنتايىن موھىم ئورگان ، ئۇ ھەر مىنۇتتا 72 قېتىم، ھەر بىر يىلدا 40000000 ( قىرىق مىليۇن ) قېتىم سوقىدۇ .بۇ ھارماس ھەركەتنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن سىز ئالدى بىلەن قولىڭىزنى يۈرىكىڭىزگە قويۇپ جىم تۇرۇپ ، يۈرىكىڭىزنىڭ سوقۇشىنى ئاڭلاڭ .ئويلاپ بىقىڭ، سىز قانچە مىنۇت موشۇ ھالەتنى ساقلاپ جىم تۇرالايدىكەنسىز ؟ يۈرىكىڭىز سىزنىڭ پۈتۈن ھايات مۇساپىڭىزدە قەتئىي توختاپ قالماستىن يكى ھېرىپ قالماستىن ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ .بىز ئۇخلىغان چاغدىمۇ يۈرىكىمىز توختاپ قالمايدۇ .ئەگەر بىز ھاياجانلانساق يۈرىكىمىز تېز سوقىدۇ ھەمدە بىزدەم ئالغان چاغدا ئاستا سوقىدۇ .يۈرىكىمىزنىڭ يۇقىرقى ھەركەتلىرىنى بىز پەقەت بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدائاپتۇماتىك ئۆزلۈكىدىن تەڭشەيدۇ . ھەر ۋاقىت يۈرىكىمىز سوقۇپ پۈتۈن بەدىنىمىزگە قان يەتكۈزدۇ ،بۇ قان ئارقىلىق بىز ھاياتىمىزنى ساقلاپ قالىمىز . بەدىنىمزدىكى ھەر بىر ھۈجەيرە بۇقانلاردىن ئۆزىگە زۆزۈر بولغان ئوكسېگىن ۋە يىمەكلىكلەرگە ئېرىشىدۇ .بىزنىۇ يۈرىكىمىز كۈنىگە 43000  (قىرىق ئۈچ مىڭ ) لېتىر تەخمىنەن(11000 گاللون ) قان ئىشلەپچىقىرىدۇ . سىز بۇنىڭ قانچىلىك قان ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟بۇ قان 150ۋاننىنى لىق تولدۇرۇشقا يىتىدۇ .سىز بىر قۇرۇق ۋاننىنى ھارماستىن بىر كىچىك ئىستاكان بىلەن لىق توشقۇزالامسىز ؟ ئەمدى سىز بىر كىچىك ئىستاكان بىلەن 150قۇرۇق ۋاننىنى سۇ بىلەن لىق تولدۇرۇشنى قىياس قىلىپ بېقىڭ .

( بىر كۇپ : بىر چاسا سۇيۇقلۇق ئۆلچىمىگە تەڭ ، بىر لېتىر 1000 كۇپقا تەڭ ،بىر گاللۇن: ئەنگلىيە ۋە ئامرىكىنىڭ سىغىم ئۆلچەم بىرلىكى ، ئەنگىلىيە ئۆلچەم سېستىمىسىدىكى بىر گاللۇن 4.546لىترغا ، ئامرىكا ئۆلچەم سېستىمىسىدىكى بىر گاللۇن 3.785لىترغا باراۋەر كېلىدۇ.)

بەلكىم سىز بۇنداق قىيىن ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالماسلىقىڭىز مۆمكىن .قانداقلا بولمىسۇن بىزنىڭ يۈرىكىمىز بىز تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپ تاكى ئۈلگەن كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا يۇقىرقى ۋەزىپىنى ئورۇندايدۇ . ھەقىقەتەن ئۇ قەتئىي توختاپ قالمايدۇ .مەسىلەن : سىز قىيىن بولغان كۈندۈلۈك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش جەريانىدابىردەم توختايسىز ، سىزنىڭ بەلكىم ياتقۇڭىز كېلىدۇ ياكى دەم ئالغۇڭىز كېلىدۇ ، لېكىن بىزنىڭ يۈرىكىمىز ھەرگىز چارىمايدۇ . چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ھايات كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن موھىم . يۈرەك كىچىك ،لېكىن ۋەزىپىسى ئىنتايىن چوڭ .مانا بۇ اللە نىڭ ئۇنى شۇنداق چارچىماس قىلىپ ياراتقانلىقى بىز ئۈچۈن مۈجىزە ھەم بىر رەھمەت .

اللە تەئەللە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بايان قىلىدۇ :

اللە سىلەرنى ئاناڭلاردىن قارنىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى ، اللە سىلەرگە شۈكۈرقىلسۇن دەپ قۇلاق ، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى . (16-سۈرە نەھىل 78-ئايەت)

شۈبھىسىزكى ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىنلارنىڭ يارىتىلىشىدا ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۈۋەتلىشىپ تۇرىشىدائەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ، ئەلۋەتتە ، روشەن دەلىللەر بار . ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ ، ئولتۇرغاندىمۇ ، ياتقاندىمۇ اللە نى ئەسلەپ تۇرىدۇ ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىنلارنىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ .( ئۇلار ئېيتىدۇ ) ‹‹پەرۋەردىگارىمىز ! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ . سەن پاكتۇرسۇن ، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن ( سۈرە ئال ئىمران 190ــــــ191- ئايەتلەر)


ئەرتىل يوللانمىسى

مەنبە:ساقلانغان ماتىرياللىرىمدىن تاللانما

 

 

 

 

 

 

 

 


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
subhinur + 200 بەك تەپسىلى يېزىپسىز.داۋاملىق مۇشۇنداق ئ
tuprakbag + 50 اللا رازى بولسۇن
سەھرا ئوغلى + 550 ياخشى تىما
suzuk-ay + 50 نادىر
گۈل-چۈشى + 200 ئېسىل تېما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1050   باھا خاتىرىسى

ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىر سىناق!

كۈلۈپ ياشاڭ! كۈل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6321
يازما سانى: 597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9366
تۆھپە نۇمۇرى: 422
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2010-8-14
ئاخىرقى: 2011-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-17 11:06:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن ئىسىل مەزمۇنلۇق تىما بۇ  ئەجرىڭىزگە رەھمەت

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-17 11:07:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانلارنىڭ ھەممە يىرى مۆجىزە،بۇ تىمىنى ئەقلى بار ئىنسان تەپەككۇر قىلىش كىرەك

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6591
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8166
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2011-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-17 11:09:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا رەخمەت

قىرىق يىل قىرغىندىمۇ، ئەجىلى توشمىغىنى ئامان قالىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3449
يازما سانى: 788
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9815
تۆھپە نۇمۇرى: 430
توردا: 4157 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-17 11:15:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى بۇرۇن بىر تور بەتتە كورگەندەك قىلىمەن .
ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغدۇر،شەك كەلتۇرۇشكە  بولمايدۇ.
ئېسېل تېما ،رەھمەت جاپا چەكتىڭىز.

ظأزص ياخصشص كأرگ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6381
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8720
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2010-8-14
ئاخىرقى: 2013-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-17 11:15:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي؛ دوستذم سصز دوختذرما ،نىمە دىگەن ئىسىل مەزمۇنلۇق تىما بۇ  ئەجرىڭىزگە رەھمەت [s:47]

ۋاپاغا ۋاپا قىل .جاپاغا جاپا ، ياخشىلار كۆڭلىنى قىلمىغىن خاپا ، ئەقلى يوق نامەردكە قىلىپ ياخشىلىق . ئاقىۋەت ئۆزۈڭگە .تاپمىغىن تاپا.

يىراقنى كۆرگۈم ب

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68
يازما سانى: 970
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 21840
تۆھپە نۇمۇرى: 582
توردا: 3617 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-17 11:20:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قالتىس تىما بوپتۇ، نىمە دىگەن يورۇق دەللىلەر بۇ، ھەي ئاداش ھېلىقى كىتاپنىڭ ئىسمى نىمىدى؟، شۇ كىتاپتىن بەزەن يەرلىرىنى ئوقۇغان ئىسىمدە، يەنە نۇرغۇن يەرلىرىنى تولۇقلاپ ئەۋەتىپسىلەر، <اللە> ئەجىر بەر گەي.
مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلار  بىلەن داۋاملىق مىسرانىمنى ئاۋات قىلىپ تۇرغايسىلەر.

يىللارنى ئۆتكۈزدۈم لىۋىمنى تامچىپ، ئايلارنى سانىماق تەس ئىكەن ئاندىن. ھەپتىلەر كەلگەندە خىيالچان بولۇپ، مىنۇتلار كەلگەندە ئۇيقۇدىن قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3323
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10272
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 4359 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-17 11:27:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق سېستىمىلىق ،ئەتىراپلىق چۈشەندۈرۈپسىز. كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم رەھمەت سىزگە.

ئەڭ يېقىن ئادىمىڭلا سىنى ئەڭ قاتتىق ئازاپقا سالالايدۇ~~~

سەۋر _ نەقەدەر گۈزەل

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1729
يازما سانى: 2049
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 122357
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 2613 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-17 11:28:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھۇ تائالاھ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ جۇمۇ... بەدىنىمىزنىڭ مۇشۇنداق چىرايلىق شەكىلدە يارىلمىشىنىڭ ئۆزىلا بىر مۆجىزە..
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت...

غــــەيرەت قىـل ئــاي !

ئۆزىنى تونۇغان خ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5400
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8867
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 949 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-17 11:35:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا سىزگە كۆپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن.

سىز قانداق بولسىڭىز سىزگە شۇنداق ھۆكۈمدار كېلىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش