مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1494|ئىنكاس: 5

كۆكتىكى ئوغلاق (مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86191
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 49
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-10-18
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 10:36:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆكتىكى ئوغلاق

(بالىلار پوۋىستى)

ئۆمەر مەخمۇت

مېنىڭ ئىسىمىم جۈرئەت، بۇيىل 11 ياشقا كىردىم، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5- يىللىقىدا ئوقۇيمەن. مېنىڭ ئارزۇيۇم دادامغا ئوخشاش قالتىس ئادەم بولۇش. دادام ھەقىقەتەن قالتىس ئادەم، ئۇ ھەر قېتىملىق ئوغلاق تارتىشىش بەيگىسىدە نۇرغۇنلىغان چەۋەندازلار ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ بىرىنچى بولۇپ، ئوغلاققا ئىرىشىدۇ. دادامنىڭ ئات ئۈستىدە ئىنتايىن چاققانلىق بىلەن ئوغلاقنى تارتىپ ئالغاندىكى جەسۇر قياپىتىنى كۆرگەن ھەر بىر كىشى ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭرىتىپ بارىكاللا ئېيتىشىدۇ. دادام تارتىۋالغان شۇ ئوغلاقنى، ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ، تېرىلىرىنى سۇيۇپ بېرىدۇ، ئانام ئۇنىڭ گۆشلىرىنى پاكىزە يۇيۇپ، شورپا سېلىشقا تۇتۇش قىلىدۇ. ئانامنىڭ شورپا سېلىۋاتقان چاغدىكى چىرايىدا ئىپادىلەنگەن مەمنۇنلۇقى بىلەن دادامنىڭ يارىشىملىق شاپ بۇرۇتلىرىنى سىيلاپ تۆرىدە ئولتۇرغاندىكى سالاپىتى مېنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ. شورپا پىشقاندىن كىيىن، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى خوشال- خورام ھالدا جەم بولۇپ، غەلبە تەنتەنىسى بىلەن ئوغلاق گۆشىگە ئېغىز تېگىمىز. دادام مايلاشقان شاپ بۇرۇتلىرىنى يەنە بىر قېتىم سىيىلىۋەتكەندىن كىيىن، دۇئاغا قول ئۇزارتىپ بولۇپ، ئاتقا يەم بىرىش ئۈچۈن قوتانغا ماڭىدۇ. ئانام بولسا داستىخاننى يىغىشتۇرۇپ، قاچا- قۇچىلارنى يۇيىدۇ. مېنىڭ ئارزۇيۇم ئەنە شۇ دادامغا ئوخشاش ھەر قېتىملىق بەيگىلەردە بىرىنچى بولىدىغان قالتىس ئادەم بولۇش.

-ھە، تاپشۇرۇقۇمنى ئاخىرى ئىشلەپ بولدۇم، ئەمدى بېرىپ، دادامغا دەيمەن، ئۇ چۇقۇم مېنى ئەتىدىكى نۇرۇزلۇق ئوغلاق تارتىشىشنى كۆرۈشكە ئاپىرىدۇ.

- دادا، دادا، ئەتە مېنىمۇ ئاپارغىنە؟

- ھىم، تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلەپ بولدىڭمۇ؟

- ھەئە، ئىشلەپ بولدۇم ، مۇئەللىم بىزگە « مېنىڭ ئارزۇيۇم» دەپ ماقالە يېزىپ كېلىشنى تاپشۇرۇق بەرگەن ئىدى. بۈگۈن ھەممىنى ئىشلەپ بولدۇم. ئانا دادامغا دىيە ئۇ مېنىمۇ ئاپارسۇن؟

- ھە دادىسى، بۇ بالىمىز يەنە غەلۋە قىلىغىلى تۇردى، تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولغان بولسا بىرگە بارسۇن، ئەتە نۇرۇز بولغاندىكىن ئاپارسىلا.

دادام مېنىڭ بىرگە بېرىشىمغا قۇشۇلدى، مەن بەك خوشال بولدۇم. ئىلگىرىكى قېتىم تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلىمىگەندە شۇنچە يىغلىغان بولساممۇ دادام مېنى ئاپارمىغان ئىدى. ئەتە دادام يەنە جەزمەن ئوغلاقنى تارتىۋالىدۇ. ھەي، قاچانمۇ ئەتە بولار؟

ئاخىرى تاڭ سۈزۈلۈپ، ھويلىمىزدىكى خوراز چىللىدى. ئانام داستىخانغا توقاچ، گىردە ۋە ئاق نانلارنى قاتار تىزىدى. دادام بىلەن ئىككىمىز يۈز قوللىرىمىزنى پاكىزە يۇيۇپ داستىخانغا كېلىپ ئولتۇردۇق. غىزالىنىپ بولغاندىن كىيىن، دادام ئاتنى توقۇش ئۈچۈن، ئېغىلغان ماڭدى. مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشكەن ئىدىم، ئۇ ماڭا ئانامغا ياردەملىشىپ داستىخاننى يىغىشىپ بىرىپ، چاپىنىمنى كىيىۋېلىشىمنى ئېيتپ توختىتىپ قويدى. ئانام بىلەن ئىككىمىز داستىخاننى يىغىپ بولغاندا، ھويلىدىن دادامنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن دەرھال چاپىنىمنى كىيىپ سىرىتقا چىقتىم. دادامنىڭ ئات ئۈستىدىكى قىياپىتىنى كۆرۈپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرەپ باردىم. دادام مېنى پەم بىلەن قولۇمدىن تارتىپ ئېلىپ ئالدىغا مىندۈردى. تۇنجى قېتىم ئاتقا مىگەندىكىگە ئوخشاشلا ھاياجانغا چۆمۈلۈپ، ۋىلىقلاپ كۈلدۈم. ئانام بىزگە ئاقيول ۋە ئۇتۇق تىلەپ ئۇزۇتۇپ قويدى. نىمىشقىن دادام ھەر قېتىم ئانامنى بەيگە مەيدانىغا بىرگە ئېلىپ بارمايتتى، دادامدىن سورىغىنىمدا ئۇ،

- ئاناڭنىڭ ئۆيدە قىلىدىغان ئىشلىرى بار دەپلا قوياتتى.

مەن ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ئەتىراپتىكى ھەممە نەرسىگە مەغرۇر قىياپەتتە قارايتتىم. دادام يولدا كېتىۋاتقان كىشلەرگە بېشىنى ئېگىپ سالام قىلاتتى. ئەگەر بىرەر ئاپئاق ساقاللىق  كىشى ئۇچراپ قالسىلا ئاتايىتەن ئاتتىن چۈشۈپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشەتتى. بىز ھەر قېتىم ئات بىلەن دوستىلىرىم ئالىم، ئەكبەر، پەرھات، ئەخمەت، سەنەۋەر ۋە چىمەنلەرنىڭ ئۆيى ئالدىدىن ئۆتىۋاتقاندا، ئۆزۈمنىڭ بۇ ھالىتىنى ئۇلارغا كۆرسىتىشنى ئويلاپ، بوينۇمنى ئۇزۇن سۇزۇپ ئۇلارنىڭ ھويلىلىرىغا قارايتتىم. دوستلىرىم مېنىڭ دادام بىلەن ئاتلىق كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرگەندە ئارقىمىزدىن ئۇزاققىچە قاراپ قالاتتى. دادام بىلەن ئىككىمىز شۇنداق مېڭىپ، دوستۇم سەنەۋەرنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ دادىسىمۇ ئات بىلەن دەرۋازىدىن چىقاۋاتاتتى. ئارقىسىدىنلا سەنەۋەر يۈگىرەپ چىقتى.

- دادا، دادا مەنمۇ بارىمەن، مەنمۇ ئوغلاق تارتىشىشنى كۆرىمەن. ھۈ،ھۈ... سەنەۋەر شۇنداق دېگەنچە دادىسىغا قاراپ يىغلاپ كەتتى.

- ياق، سەن ئۆيدە ئاناڭ بىلەن قال دېدىمغۇ، كىچىك بالىغا نىمە بار ئۇ يەردە؟

سەنەۋەرنىڭ دادىسى شۇنداق دەپ ئۇنىڭ بېرىشىغا قۇشۇلمىدى. ئۇ ئاتنى تارتىپ يول بويىغا چىققاندا، دادام ئۇنىڭغا سالام بەردى.

- ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم تۇرسۇناخۇن.

- ھە، ۋەلەيكۇم ئەسسالام قاسىماخۇن.

سەنەۋەرنىڭ دادىسى تۇرسۇناخۇن تاغام ماڭا ۋە دادامغا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن، قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ تۇرۇپ، ئاتقا چاس بەردى. ھەمدە نۇرۇزلۇق يىغىلىش ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ مەيدانغا قاراپ چېپىپ كەتتى. ئەسلىدە تۇرسۇناخۇن تاغاممۇ ھەر قېتىملىق ئوغلاق تارتىشىش بەيگىسىگە دادام بىلەن بىرگە چۈشەتتى. دادام ھەر نۆۋەت ئوغلاقنى تارتىۋالغاچقا ئۇنىڭ ئاچچىقى كىلىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. سەنەۋەر دادام بىلەن ئىككىمىزگە قاراپ يىغلاۋاتاتتى. مەن دادامغا ئۇنىمۇ بىرگە ئېلىۋېلىشنى ئېيتتىم. ئەمما، دادام ئۇنداق قىلساق ياخشى بولمايدۇ بالام دېدى. بىز كېتىۋاتقاندا سەنەۋەر يىغلىغان پېتى ئارقىمىزدىن بىزگە قاراپ قالدى. ئۇ بەلكىم تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولالمىغان بولسا تۇرسۇناخۇن تاغام ئۇنى ئاپىرىشقا قۇشۇلمىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم.

بىز ئاخىرى نۇرۇزلۇق يىغىلىش ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ مەيدانغا كەلدۇق. بۇ يەردە بۈگۈن ئادەم ئىنتايىن كۆپ ئىدى، بىر چەتتە، يۆگىمەچ مۇڭگۈزلۈك يوغان، ئاق، كۆك قوچقارلارنى ئارغامچا باغلاپ تۇتۇپ تۇرغان تاغاشلار بار ئىدى. يەنە بىر يەردە بولسا، قارا، قىزىل ،ئاق خورازلارنى كۆتىرۋالغان ئاكاشلار تۇراتتى. مەيداننىڭ چەت بىر بۇرجىكىدە، شىردەك بەستلىك يوغان ئىتلارنىڭ ھاۋىشىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. دادام مېنى بېلىكىمدىن ئاستا تارتىپ ئاتتىن چۈشۈردى. ئۇ ئاتنى بەيگىدە ئوغلاقنى تارتىپ ئالغۇچى، ئۇنى تاشلايدىغان سۇپىنىڭ يېنىدىكى بىر قۇزۇققا باغلاۋاتاتتى. باشقا ئاتلارمۇ شۇيەردە باغلاقلىق تۇراتتى. سۇپىنىڭ ئېگىزلىكى ئات بىلەن تەڭ دىيەرلىك ئىدى. دادام ئاتنى باغلاپ بولغاندىن كىيىن، قولۇمدىن يىتىلەپ باشقا ئەل- جامائەتلەر توپلىشىپ ئولتۇرغان جايغا ئەكەلدى. ئۇلار بىزگە ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن بەردى. ئۇزۇن ئۆتمەي، يىگىت بېشى مەشىرەپ باشلانسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مىرشاپنىڭ ياڭراق ئاۋازى بىلەن نۇرۇز مەشىرىپى باشلىنىپ كەتتى. مەيداندا، چىرايلىق ئەتلەس كېيىۋالغان ئاچاشلار، بادام دوپپىلىق ئاكاشلار، ئاپئاق ساقاللىق بوۋىلار ۋە ئاق يەكتەك ئارتىۋالغان مومىلار «نازىركوم» غا تەڭكەش قىلىپ ئويناش ئۈچۈن بىر- بىرلەپ مەيدانغا چۈشىۋاتاتتى. ئارىدىن دادامغا ئوخشاش شاپ بۇرۇت بىرەيلەن چىقىپ دادامنىمۇ ئۇسۇلغا تارتتى. مېنىڭ دادام ئۇسۇلنىمۇ ناھايىتى چىرايلىق ئويناتتى. مەن ئەتىراپقا قاراۋېتىپ، ئالىم، پەرھات، ئەخمەت، چىمەنلەرنىڭمۇ ئۇسۇل ئويناش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشكەنلىكىنى كۆردۈم. ئەخمەت ئۇسۇل ھەركىتى بىلەن پىرقىراۋېتىپ مېنى كۆرۈپ قالدى بولغاي، دەرھال يېنىمغا يۈگرەپ بېرىپ مېنىمۇ ئۇسۇلغا تارتتى. بىز بەشەيلەن بىرلىكتە مەيداندىكلەرگە جۆر بولۇپ ئۇسۇل ئوينىدۇق. مەشىرەپ ناھايىتى قىزىۋاتاتتى، ئارىدىن بىرەيلەن چىقىپ، يىگىت بېشىغا ئەرىز سۇندى. ئۇ قىززىقچى سايىم  ئاكىنىڭ قىزلارغا بولمىغۇر چاقچاق قىلىغانلىقىنى، شوڭا يىگىت بېشىدىن ئۇنى جازالاپ بېرىشنى سورىدى. يىگىت بېشى 30 ئوغۇل 9 قىز نامىدىن بارلىق مەشىرەپ ئەھلىگە قىززىقچى سايىمغا جازا بىرىشنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ بۇ قىمىشنىڭ ئىنتايىن يامانلىقىنى شوڭىلاشقا، ئۇنى يۈزىگە قارا سۈركەپ، ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈش جازاسى بېرىش كېرەكلىكىنى ئېلان قىلدى. سايىم ئاكىنىڭ يۈزىگە قارا سۈركۈلۈپ ئېشەككە تەتۈر مىنگەن قىياپىتىنى كۆرۈپ ھەممەيلەن كۈلۈشىۋاتاتتى. مەن  ۋە دوستلىرىممۇ بىر- بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشتۇق.  مەشىرەپ شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ، خۇراز سۇقۇشتۇرۇش باشلاندى. قارا خوراز بىلەن قىزىل خوراز مەيدانغا چۈشۈپلا چوقۇشۇپ، تېپىشىپ كەتتى. پەرھات بىلەن ئالىم، قىزىل خورازنى يامان دەپ، قىزىل خورازنىڭ يېڭىشىغا تۇردى. ئەخمەت، چىمەن ۋە مەن قارا خورازغا تۇردۇق. ئۇلار بىر ھازا سوقۇشقاندىن كىيىن، قارا خورازنىڭ تاقىر بېشى قىپقىزىل قانغا بويالدى. ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىۋاتاتتى، نىمىشقا ئۇنچىلىك جاھىللىق بىلەن سوقۇشىدىغانلىقىنى زادىلا چۈشىنەلمەيۋاتاتتىم.  قىزىل خوراز قارا خورازنىڭ بېشىغا بىرنى چۇقىلاپ، كۈچەپ تېپىۋىدى. ئۇ بېشىنى كۆتىرەلمەي قالدى. شۇ چاغدىلا بادام دوپپا كېيىۋالغان ئىككى ئاكاش كېلىپ ئۇلارنى تۇتۇپ مەيداندىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا ئالىم بىلەن پەرھات ئۆزىنىڭ يەڭگەنلىكىنى تەنتەنە قىلىشىپ چۇقىراشتى. كىيىنكى قېتىمدا ئاق خوراز بىلەن يەنە بىر قارا خوراز مەيدانغا چۈشكەن ئىدى، ئۇلار بىر ئازلا شوقۇشقاندىن كىيىن ئاق خوراز مەيداندىن قېچىپ چىقىپ كەتتى. يەنە بىرقانچە خوراز سۇقۇشتۇرلۇپ خوراز سۇقۇشتۇرۇش ئاخىرلاشتى. قوچقار سۇقۇشتۇرۇش باشلىنىپ، ئاق ۋە قارا رەڭلىك ئىككى قوچقار مەيدانغا چۈشتى. ئۇلارنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىگە يۆگىشىپ ئۆسكەن بولۇپ ناھايىتى سۈرلۈك كۆرۈنەتتى، ھەربىر كاللا قۇيۇشقاندا بولسا، «گۈس، گۈس» قىلىپ ئاۋاز چىقاتتى. ئاق قوچقار  ئارقىغا ئۇزقىراق چامدىغاندىن كىيىن، يۈگىرىپ كېلىپ، قارا قوچقارنى بىرنى ئۈسىۋىدى، قارا قوچقار بېشىنى بىر ئىككى سىلكىۋىتىپ قېچىپ كەتتى. بۇ قېتىم ئەخمەت بىلەن پەرھات ئاق قوچقارنىڭ يېڭىپ چىقىشىغا تۇرغان ئىدى. بىراق ئۇلارنىڭ چۇقىراشلىرى ۋە بۇ خىل يېڭىش، يېڭلىشقا تۇرۇشلار مېنى ئانچە قىزىقتۇرالمىغان ئىدى. مەن تىزىراق ئوغلاق تارتىشىشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى كۈتىۋاتاتتىم. قوچقار سوقۇشتۇرۇش ئاخىرلاشقاندا جاكارچى ئىت تالاشتۇرۇش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىر- بىرىدىن يوغان ئىككى ئىت مەيدانغا چۈشۈپ، ئىتنى مەيدانغا ئېلىپ كىرگەن ئاكاشلار ئۇلارنىڭ زەنجىرىنى بوشتىپ بولغىچە ئۆز- ئارا خىرىس قىلىشىپ، قاۋاپ، ئالدىغا ئېتىلىشىۋاتاتتى. ئاكاشلار زەنجىرنى قويۇپ بەرگەن ھامان، ئۇلار بۇغۇشۇپ كەتتى. ئەتىراپىمدىكى تاغىلار « - ئاۋۇ سۈر رەڭلىكىنى، بۆرە كۈچىكى 5000 يۈەنلىك ئىت دەۋاتقان، ئۇ بوش كەلمەيدۇ جۇمۇ. – ماۋۇ ئالا بويناقمۇ يامان دەيمەن، ئالدىنقى قېتىم بىرىنچىلىكنى شۇ ئالغان» دىيشىۋاتاتتى. ئۇلار قاتتىق بۇغۇشىۋاتاتقاندا، تۇيۇقسىز ھېلىقى سۈر رەڭلىك ئىت، ئالا بويناقنىڭ بوينىدىن چىشىلەپ قويۇپ بەرمىدى. ئىككى ئاكاش يۈگىرەپ بېرىپ، ئۇلارنى تارتىپ ئاجىرىتىۋەتتى، ئالا بويناقنىڭ ئەمدى بۇغۇشۇشقا ھالى قالمىغان بولسا كېرەك، كۆزلىرىنى چىقمچىقلىتىپ يەردە يېتىۋالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاكاشلار ئۇلارنى مەيداندىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى. مەن ئوغلاق تارتىشىش نىمىشقا باشلانمايدىغاندۇ دەپ تىت بولغان ھالدا، دادامنىڭ ئېتىغا قارىدىم. ئاخىرى ئىت تالاشتۇرۇشمۇ تۈگەپ، ھېلىقى مىرشاپ ئاكاش مەيدانغا چىقتى، ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوغلاق تارتىشىشنىڭ باشلنىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كىيىن، بىر قارا ئوغلاق پۇت قولى باغلاق ھالەتتە ئىككى ئاكاش تەرپىدىن مەيداننىڭ ئوتتۇرسىغا ئېلىپ كېلىندى. ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋام ئۇلارنىڭ ئارقىدىن چىقىپ قولىدىكى چوڭ پىچىقىنى غىلىپىدىن سۇغۇرۇپ ئالدىدە، ئايەت ئوقۇپ ئۇنى بۇغۇزلىدى. ئوغلاقنىڭ جېنى چىقىپ بولغاندا، بىر ئاكاش ئۇنىڭ ئىچى باغرىنى ئېلىشقا باشلىدى، ئۇ ئوغلاقنىڭ ئىچى باغرىنى پاكىزە ئادالاپ، چوڭ داسقا تۆكتى. يەنە بىر ئاكاش قولىدىكى يىپ ۋە بىگىزگە ئوخشاپ كېتىدىغان چوڭ يىڭنىسى بىلەن ئۇنىڭ ئىچى باغرىنى ئېلىش ئۈچۈن يارغان قورسىقىنى تىكىتى. ئوغلاقنىڭ قورسىقى تىكىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئىككى ئاكاش ئوغلاقنى جايىدا قويۇپ، داسنى كۆتۈرۈپ مەيداندىن چىقىپ كەتتى. ئارقىدىنلا، بىزنىڭ يۇرۇتتىكى كاتتا باي، غېنى تاغام ئاتلىق كىلىپ، ئوغلاقنى يەردىن ئېلىپ پىقىرتىشقا باشلىدى. ئۇ ئوغلاقنى ھاۋادا پىقىرىتىپ.

-كېلەركى قېتىملىق ئوغلاق مۇھەممەت ھاجىمغا كەتتى» دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېلان قىلدى.

بۇ ۋاقىتتا دادام ۋە باشقا چەۋەندازلار ئاتلىرىغا مىنىشىپ تەييارلىنىپ بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ قىياپىتى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، مەن ھاياجانلانغىنىمدىن دادامغا قاراپ «دادا، غەيرەت قىلىڭ» دەپ ۋارقىرىۋەتتىم. ئەتىراپىمدا ئولتۇرغان دوستلىرىممۇ دادامغا مەدەت بىرىپ ۋاقىرىغان ئىدى. غېنى باي تاغامنىڭ ئوغلاقنى چۆرۋېتىشى بىلەن تەڭ، دادام باشقا چەۋەندازلار بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى. ئوغلاق تارتشىش ئادەتتە بىر قانچە سائەت داۋاملىشاتتى، ۋاقىت توشقاندا بەلگە ئوقى ئېتىلاتتى، ئوق ئېتىلغان ھامان، ئوغلاقنى بىرىنچى بولۇپ سۇپىغا تاشلىيالىغان كىشى. يەڭگەن ھېسابلىناتتى. ئوغلاقنى بىرىنچى بولۇپ، سەنەۋەرنىڭ دادىسى تۇرسۇناخۇن تاغام ئالدى. دادام ھەر قېتىم ئوغلاققا ئالدىراپ قول ئۇزارتىمايتتى. مەن ئۇنى دادامنىڭ بىر پەمى دەپ بىلەتتىم، شۇندىمۇ مەن يەنە ئەندىشە قىلىشقا باشلىدىم. ناۋادا تۇرسۇناخۇن تاغام ئوغلاقنى باشتىن- ئاخىر تارتقۇزۇپ قويمىسا دادام بۇ قېتىم بىرىنچىلىكنى ئالالماسمۇ؟ ياق، مېنىڭ دادام چوقۇم بىرىنچىلىكنى ئالىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن تۇرسۇناخۇن تاغامنىڭ قولىدىن ئوغلاقنى يەنە بىر تاغام تارتىۋالغان ئىدى. ئۇ تاغامنىڭ قولىدىن يەنە بىر بەستلىك تاغام ئوغلاقنى تارتىپ ئېلىۋالدى. شۇنداق كەسكىن تارتىشىشلار بولىۋاتقاندا دادام ئارىغا چۈشۈپ، ناھايىتى ئۇستۇلۇق بىلەن ئوغلاقنى تارتىۋېلىپ ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋالدى. ئارقىدىنلا تۇرسۇناخۇن تاغام دادامغا يىتىشۋېلىپ ئوغلاقنى دادامدىن تارتىشقا ئۇرۇندى. ئۇلار قاتتىق تىركىشىۋاتقاندا، بەلگە ئوقى ئېتىلدى، ئوغلاق دادام بىلەن تۇرسۇناخۇن تاغامنىڭ تارتىشىشى ئاستىدا سۇپىغا تاشلىنىدىغانغا ئازلا قالغان ئىدى. ئۇشتۇمتۇت تۇرسۇناخۇن تاغام ئاتتىن يىقىلىپ چۈشتى. دادام دەرھال ئوغلاقنى تاشلاپ، ئاتنى توختاتتى ۋە تۇرسۇناخۇن تاغامنى يۆلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا يۈگىرىدى. دادامنىڭ قولىدىن چۈشكەن ئوغلاقنى يەنە بىر تاغام يەردىن يۇلۇپ ئېلىپلا سۇپىغا تاشلىۋالدى. ھەي، ئازىراقلا قالغان ئەمەسمىدى، نىمىشقا دادام ئوغلاقنى سۇپىغا تاشلىۋېلىپ ئاندىن بارمايدىغاندۇ؟ مەن يەنە دەرھال دادام تەرەپكە قارىدىم. ئۇ تۇرسۇناخۇن تاغامغا نىمىلەردىندۇر دەپ كىيىملىرىنى قېقىشتۇرۋاتاتتى. بۇ قېتىملىق ئوغلاق تارتىشىش بەيگىسىدە، ئوغلاقنى سۇپىغا تاشلىۋالغان تاغامنىڭ غەلبىسىگە ئۇزاقتىن- ئۇزاق ئالقىشلار ياڭرىتىلدى. دادام تۇرسۇناخۇن تاغامنى يۆلەشتۈرۈپ بىز تەرەپكە كەلدى. ئۇ، تاغامنى ئاۋايلاپ ئولتۇرغۇزۇپ بىر يەرلىرىنىڭ ئاغىرىغان ياكى ئاغىرمىغانلىقىنى سوراۋاتاتتى. چىرايىدىن بۇ بەيگىدە يېڭلىپ قالغانلىقىنىڭ ھېچ بىر ئالامىتىنى سەزمىگەن ئىدىم. بۇ قېتىملىق نۇرۇز مەشرىپىمۇ ئاخىرلاشتى. تۇرسۇناخۇن تاغامنىڭ پۇتى قايرىلىپ كەتكەن ئىدى. دادام ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ ئېتىغا مىندۈرگەندى، ئاندىن بىر قولىدا بىزنىڭ ئاتنى، يەنە بىر قولىدا تۇرسۇناخۇن تاغام مىنگەن ئاتنى يۆتىلەپ ماڭدى. مەن دوستلىرىم بىلەن خوشلىشىپ، ئۇلارغا ئەگەشتىم. ئۇ ئىككەيلەن يېقىن قەدىناسلاردەك پاراڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى بۈگۈنكى نۇرۇز مەشرىپىنى ناھايىتى قىزىغانلىقى، مەشىرەپنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە كۆپ كۈچ چىقارغان غېنى باي ئاكىنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرى ھەققىدە بولىۋاتاتتى، ئىلگىرى دادام بىلەن تۇرسۇناخۇن تاغامنىڭ بۇنداق ئەركىن ئازادە پاراڭلاشقانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم.

بىز شۇنداق بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ يۈرۈپ ئاران دېگەندە، سەنەۋەرنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلدۇق. دادام تۇرسۇناخۇن تاغامنى ھويلىسىغا ئېلىپ كىردى. ئۇ ئۇنى ئاستا ئاۋايلاپ ئاتتىن چۈشۈردىدە، يۆلەشتۈرۈپ، پېشايۋان ئاستىدىكى «قوش ئىشكلىك» ئۆيگە قاراپ ماڭدى. بۇ چاغدا سەنەۋەرنىڭ ئانىسى مايسىخاچام ئۆيدىن يۈگىرەپ چىقىپ، دەرھال بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى. ئۇ بەكلا قورقۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. دادام تۇرسۇناخۇن تاغامنىڭ ئوغلاق تارتىشىۋېتىپ، ئاتتىن يىقىلغاندا پۇتىنىڭ ئازىراق زەخمىلەنگەنلىكىنى، لىكىن چوڭ مەسلىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقاندا، ئاندىن ئۇنىڭ چىرايىدىكى قورقۇنۇش ئالامەتلىرى يوقىغاندەك بولدى. دادام بىلەن مايسىخاچام تۇرسۇناخۇن تاغامنىڭ ئىككى غۇلىچىدىن تۇتۇپ ئۆيگە ئېلىپ كىردى. دادام ئۇنى ئاۋايلاپ، ئاستىغا پالاز، ئۈستىگە ئىككى قات كىگىز سېلىنغان كاڭغا ياتقۇزدى، بۇ ۋاقىتتا، مايسىخاچام، كىچىك بىر داسقا ئىسسىق سۇ ئېلىپ كەلدى. ئاندىن تۇرسۇناخۇن تاغامنىڭ ئۆتىكىنى ئاستا سالدۇرغان ئىدى. تاغامنىڭ ئوڭ پۇتىغا كىيگەن پايقىدىن ئۇشۇق تەرەپنىڭ كۆتۈرلۈپ قالغانلىقى كۆرۈندى. شۇنىڭ بىلەن مايسىخاچام پايپاقنى ئىنتايىن ئاۋايلاپ، ئاستا- ئاستا تارتىپ چىقاردى. تاغامنىڭ پۇتى ھەرە چېقىۋالغاندەك ئىشىپ چىققان ئىدى. دادام تۇخۇم بار يوقلىقىنى سورىغاندا، مايسىخاچام دەرھال پەستىكى ئىشكاپتىن 4-5 تالدەك تۇخۇمنى ئېلىپ دادامغا سۇندى. دادام تۇرسۇناخۇن تاغامنىڭ پۇتىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ، يىنىك سىيلاپ يۇيۇشقا باشلىدى. دادام تاغامنىڭ پۇتىنى يۇيىۋېتىپ،

- پەي چۆچۈپ كەتسىمۇ مۇشۇنداق ئىشىپ قالىدۇ. چوڭ مەسىلە يوقكەن، خاتىرجەم بولۇڭلار، تۇخۇم  بېسىپ، تېڭىپ قويساك ئۇششىقى ھەپتىدىلا يېنىپ كېتىدۇ دېدى.

دادام ئىشىغان جاي ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىنى پاكىزە يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن، مايسىخاچام بىر پارچە ئاق لاتا ۋە بىر چىنىنى كۆتۈرۈپ كەلدى. ئاندىن دادام، تۇخۇمنى چىنىگە چېقىپ چۈشۈرۈپ، ئارلاشتۇردىدە، تۇرسۇناخۇن تاغامنىڭ پۇتىنىنىڭ ئىشىغان جايىغا چېپىپ، ئاپئاق لاتا بىلەن ئاستا- ئاستا تېڭىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا مەن ئىختىيارسىزلا تاغامنىڭ چىرايىغا قارىغان ئىدىم، كۆز چانقىدا ئۇيۇپ قالغان بىرتامچە ياش يۇقىنى كۆردۇم. دادام تېڭىپ بولۇپ، تاغامغا ياخشىراق ئامرام ئېلىشنى جىكىلىدى. بىردىنلا خىيالىمغا دادامنىڭ تېڭىق تېڭىشى بىلەن بولۇپ كېتىپ، سەنەۋەرنى يادىمدىن چىقىرىپ قويغانلىقىم يەتتى. ئەتىراپقا كۆز يۈگۈرتتۈم، ئەمما ئۇ يوق تۇراتتى. مايسىخاچامدىن سورىغىغىنمدا ئۇ ئۇنىڭ ئەتىگەندە دادىسىغا ئەرىشىپ يىغلىغان پېتى، چۈش بىلەن ئاران بېسىققانلىقىنى، يىغىدىن توختاپلا ئۇيقىغا كەتكەنلىكىنى ئېيىتتى. كۆڭلۈم يېرىم بولغان ئىدى، ئۇنىڭمۇ ئوغلاق تارتىشىشنى كۆرۈشنى ماڭا ئوخشاشلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. پەرىشان ھالدا دادام بىلەن تۇرسۇناخۇن تاغامنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلدىم. دادام مېنى ئاۋالقىدەكلا ئاتنىڭ ئالدىغا مىندۈرگەن ئىدى. ئەتىگەندە سەنەۋەرنىڭ ئوغلاق تارتىشىشنى كۆرۈشكە بارىمەن دەپ تۇرسۇناخۇن تاغامنىڭ ئارقىدىن يىغلاپ قالغان ھالىتى ۋە بىزگە تەلمۈرگەنچە تۇرۇپ قالغان ئاشۇ قىياپىتى كۆز ئالدىمغا كېلىۋاتاتتى.

- بالام، نىمە بولدۇڭ، شۈكلەپ كەتتىڭغۇ؟ دادام شۇنداق دېگەنچە بېشىمنى سىلىدى.

- ھە، ھېچ ئىش يوق دادا! شۇ...

- سەن مېنىڭ ئوغلاقنى تاشلىۋەتكەنلىكىمنى ئويلاۋاتامسەن؟ دادام سۆزىنى ئاڭلاپ دەرھال، ئۇنىڭغا قارىدىم.

- دادا، سىز نىمىشقا ئوغلاقنى تاشلىۋېتىسىز؟ ئوغلاقنى ئاۋال سۇپىغا تاشلاپ بولۇپ ئاندىن بارسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ؟

- بالام، مېنىڭ ئۇ چاغدا ئويلىغىنىم ئوغلاق ئەمەس، تۇرسۇناخۇن تاغاڭ، ناۋادا تۇرسۇناخۇن تاغاڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالغان بولسا، ھەقىقەتەن چاتاق بولاتتى. ئوغلۇم سەندىن سوراپ باقاي، بەيگە مەيدانىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى نىمە بىلەمسەن؟

- بىلمەيمەن؟

- ئوغلاق تارتىشىدىغان بەيگە مەيدانى، رىقابەت مەيدانى، ھەرگىزمۇ قان تۆكۈپ كۆرەش قىلىدىغان جەڭ مەيدانى ئەمەس. قارشى تەرەپمۇ دۈشمىنىمىز ئەمەس، بەلكى رىقابەتچىمىز ئوغلۇم. قارشى تەرەپنى دۈشمەن دەپ قارىۋالماسلىق ئەڭ مۇھىم. بۇنى ئېسىڭدىن چىقارما.

دادامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، بېشىمنى لىڭىشتتىم. ئۇنىڭ ئوغلاقنى تاشلىۋىتىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەكمۇ قىلدىم. ئەسلى دادام تۇرسۇناخۇن تاغامنى ئويلاپتىكەن ئەمەسمۇ؟ ئەمدى، تۇرسۇناخۇن تاغام بىزگە قۇشۇمىسنى تۈرۈپ قارىمايدۇ. ھە راست، سەنەۋەر تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولسا كېلەركى قېتىم ئۇنىمۇ ئوغلاق تارتىشىشنى كۆرۈشكە ئاپىرىشى مۇمكىن.

-دادا، سەنەۋەر تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولسا كېلەركى قېتىم تۇرسۇناخۇن تاغام سەنەۋەرنىمۇ ئوغلاق تارتىشىشنى كۆرۈشكە ئېلىپ باراىدىغۇ- ھە! دادام بېشىنى چايقىدى.

- ھېي، نىمىشقا ئېلىپ بارمايدۇ؟ ئۇ تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولسىمۇ ئاپارمامدۇ؟

-شۇنداق بالام.

- جىق تاغاشلار بالىلىرىنى ئېلىپ بېرىپتىغۇ؟ ئالىم، پەرھات، ئەخمەت، چىمەنلەرنىمۇ دادىلىرىمۇ ئېلىپ بېرىپتىغۇ؟

- سەنەۋەر دېگەن قىز بالا، قىز بالا دېگەن ئۇنداق ئادەم كۆپ جايلاردا يۈرسە بولمايدۇ؟

- چىمەنمۇ قىز بالىغۇ؟

- چىمەنگۈلنىڭ دادىسى قانداق ئويلايدۇ بۇنى بىلمەيمەن ، ئەمما ئايال زاتىنىڭ ئەر خەقلەر توپلاشقان يەرلەرگە بېرىشى ئوبدان ئىش ئەمەس. كىچىكىدىن باشلاپ كۆنگىنى.

- ئەمسە، بايا جىق ئاچاشلار، موماشلارنى كۆردۈمغۇ، ئۇلار ئۇسۇل ئوينىدى تېخى؟

- قالايمىقان سۇئال قويما، سەنمۇ چوڭ بولغاندا چۈشۈنۈپ قالىسەن؟

دادامنىڭ قاپىقى تۈرۈلگەن ئىدى. مەن تىزىراق چوڭ بولۇپ، سەنەۋەرنىڭ نىمىشقا ئوغلاق تارتىشىشنى كۆرۈشكە بارسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىشنى ئويلاۋاتاتتىم.

ئۆيىمىزنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدۇق. بۇ چاغدا كۈن قىزىرىپ كەچ بولۇشقا باشلىغان ئىدى. دادام ھويلىغا كىرىپلا، مېنى ئاتتىن چۈشۈرۈپ، ئاتنى ئۇدۇل ئېغىلغا ئېلىپ ماڭدى. باشقا ۋاقىتلار ئات ئوغلاق سويىدىغان جايىدىكى ئاۋۇ تۈرۈككە باغلىناتتى. دادام ئوغلاقنى ئات  ئۈستىدىن ئېلىپ، سۇيۇشقا تۇتۇش قىلاتتى. ئانام ئوغلاقنىڭ گۆشىنى سېلىپ يۇيىدىغان چوڭ داسنى كۆتۈرۈپ چىقاتتى. بىراق بۇ قېتىم ئۆيىمىزدە ئوغلاقمۇ سۇيۇلمىدى، ئانام چوڭ داسنىمۇ كۆتۈرۈپ چىقمىدى.  دادام ئېغىلدىن چىققاندىن كىيىن، ئىككىمىز بىرلىكتە ئانامنىڭ يېنىغا كىردۇق. ئانام بىزنى كۆرۈپلا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كۈلۈمسىرىدى ۋە تىنىچ ئامان كەلدىڭلارمۇ دەپ ئەھۋال سورىدى. مەن ئانامنىڭ يېنىغا بېرىپ، بۈگۈن ئوغلاقنى ئالالمىغانلىقىمىزنى ئېيتقان ئىدىم. ئۇ بېشىمنى سىيلاپ تۇرۇپ، ۋاي ئوماق بالام، سىلەرنىڭ ئامانلىقىڭلار ئەڭ مۇھىم دېدى. مەن تۇرسۇناخۇن تاغامنىڭ ئاتتىن يىقىلىپ چۈشكەنلىكىدىن تارتىپ بولغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىنى ئانامغا سۆزلەپ بەردىم. ئۇ ماڭا دادامغا ئوخشاش باشقىلارغا كۆيۈنۈشنى بىلىدىغان، كىشىنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، ياخشى ئادەم بولۇشۇم ھەققىدە كۆپ نەسىھەت قىلدى. ئانام كەچلىك تاماققا تۇتۇش قىلغاندا، مەن ئۇنىڭغا ياردەملەشتىم. بىز ئۈچەيلەن ھەركۈنى كەچتىكىگە ئوخشاشلا خوشال- خورام ھالدا بىرگە غىزالاندۇق. تاماقتىن كىيىن، ئۇخلاشقا ئۈچۈن ياتتۇق. ئەمما مېنىڭ زادىلا ئويقۇم كەلمەيۋاتاتتى. بۈگۈن سەنەۋەرنىڭ ئوغلاق تارتىشىشنى كۆرۈشكە بارالماي، كۆڭلىنىڭ يېرىم بولۇپ، يېرىم كۈن يىغىلغانلىقى مېنى بەكلا بىئارام قىلغان ئىدى. ئىلگىرىكى قېتىم دادام مېنى ئاپارمىغاندا مەنمۇ ئەنە شۇنداق يىغلىغان. دادامنىڭ تۇرسۇناخۇن تاغامغا قىلغانلىرىنى ئاڭلاپ، ئانامنىڭ دېگىنىدەك، مەنمۇ دوستۇمنىڭ ھالىغا يېتىشىم زۆرۈر ئىدى. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ سەنەۋەر ماڭا ئوخشاشلا ئوغلاق تارتىشىشنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. لىكىن، مەن ئۇنى كىيىنكى قېتىممۇ ئاپىرالمايمەن؟ ھە راست، ئوغلاق قوزا ئويۇنى، توغرا ئوغلاق قوزا ئويۇنى ئوينىساقمۇ، سەنەۋەر ئوخشاشلا خوشال بولىدۇ.   بىز بۇ ئۇيۇننى ئۆتكەن يىلى كۈزدە بىزنىڭ ئېتىزدا ئوينىغاندىن تا ھازىرغىچە ئويناپ باقماپتۇق.ئەمدى، ياخشى بولدى. مەن ئاخىرى سەنەۋەرنىڭ كۆڭلىنى خوشال قىلىدىغان چارە تاپتىم. ئەتە شەنبە بولغاندىكىن، مەن دوستلىرىمنى مۇشۇ ئويۇننى ئويناش ئۈچۈن چاقىراي...

- تۇرە جۈرئەت، ئۇخلاۋېرەمسەن؟ تۇرۇپ ناشتا قىل!

- بىردەم يېتىۋالايچۇ ئانا.

- كۈن چۈش بولاي دېدى، تۇرە ئورنىڭدىن.

- ۋاي، ۋۇي.

كۆزۈمنى ئۇۋىلاپ يۈرۈپ ئاران دېگەندە ئاچقان ئىدىم. ئۇشتۇمتۇت ئاخشام بالىلار بىلەن ئوغلاق قوزا ئويۇنى ئويناشنى پىلانلىغىنىم يادىمغا يېتىپ سىرىتقا يۈگۈرۈپ چىقىشىمغا، دادام ئۇچراپ قالدى. ئۇ مېنىڭ يۈزۈمنىمۇ يۇمىغانلىقىمنى كۆرۈپ، قاتتىق خاپا بولۇپ كەتتى. مەن كىرىپ يۈزۈمنى يۇيۇپ، ناشتا قىلىپ بولۇپ، ئاستا دادامنىڭ يېنىغا باردىم. ئۇ ماڭا بۇندىن كىيىن مەيلى قانچىلىك ياخشى ئويۇن بولسۇن، ئاۋال ناشتا قىلىپ، ئاندىن ئوينىشىمنى ئېيتىپ، بېرىشىمغا رۇخسەت قىلدى.

مەن ئۆيدىن چىقىپ ئەڭ ئاۋال ئالىمنىڭ ئۆيىگە كىردىم. ئالىم  دادىسىغا ياردەملىشىپ، قويلارغا ھەلەپ سىلىشىپ بىرۋاتاتتى. مەنمۇ ئۇلارغا ھە ھۇ دىيشىتىم، ئىش تۈگىگەندىن كىيىن، ئاخشام ئويلىغانلىرىمنى ئېيتقان ئىدىم. ئالىم خوشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى. ئىككىمىز بىرلىكتە ئەخمەت، پەرھات، چىمەنلەرنى چاقىردۇق. ئەڭ ئاخىرىدا ھەممەيلەن سەنەۋەرنىڭ ئۆيى ئالدىغان كىلىپ، ئۇنى چاقىرىش ئۈچۈن توۋلىدۇق.

ئاق تاش كۆك تاش

دەريادىكى سۈزۈك تاش،

سىنىڭ بىلەن مەن ئاداش

ئوينايدىغان باللا بارمۇ؟

شۇنداق ئۈنلۈك ئاۋازدا بىر قانچە قېتىم توۋلىغان بولساقمۇ سەنەۋەر چىقمايۋاتاتتى.

- جۈرئەت، سەنەۋەر چىقمامدۇ نىمە؟ دېدى ئالىم ماڭا قاراپ.

- چوقۇم چىقىدۇ.

- چىقمايدىغان ئوخشايدۇ، بولمىسا بۇ كەمگە چىقىپ بولاتتى. پەرھاتنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپلا، ئەخمەت، چىمەنلەرمۇ، ‹ئۇ چىقمىسا ئۆزىمىز ئويناۋېرەيلى› دىيىشىتى. مەن بالىلارغا سەنەۋەرنىڭ تۈگۈنكى نۇرۇز مەشرىپىدىكى ئوغلاق تارتىشىشنى كۆرۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما دادىسى ئۇنى ئاپارمىغانلىقى ئۈچۈن، يېرىم كۈن يىغلىغانلىقىنى شوڭا بۈگۈن ئۇ چىقمىسا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈدۈم. ھەممەيلەن گېپىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، سەنەۋەرنى نىمىلا قىلىپ بولمىسۇن چاقىرىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدى. مەن ئاستا بېرىپ، دەرۋازىنىڭ يۇچىقىدىن مارىدىم. مايسىخاچام ھويلىدا ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىۋاتاتتى.  

- ھويلىدا سەنەۋەرنىڭ ئانىسى تۇرىدۇ، بىز بىر ئامال قىلىپ سەنەۋەرنى چاقىرىپ چىقايلى!

- قانداق ئامال قىلىمىز؟ بالىلارنىڭ ھەممىسى ماڭا سۇئال نەزىرىدە قارىدى.

- مۇنداق قىلايلى، چىمەن كىرىپ، سەنەۋەرگە ئوغلاق قوزا ئويۇنى ئوينايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ چاقىرىپ چىقسۇن!

ھەممەيلەن پىكىرىمگە قۇشۇلۇپ شۇنداق قىلايلى دىيىشتى. چىمەن دەرۋازىدىن كىرىپ كەتتى، بىز چىمەننىڭ سەنەۋەرنى ئېلىپ چىقىشىنى كۈتۈپ، سىرىتتا ساقلاپ تۇردۇق.

چىمەن كىرىپ كېتىپ خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كىيىن ئاندىن قايتىپ چىقتى. چىققاندىمۇ ئۆزى يالغۇز چىققان ئىدى. ئۇنىڭ شۇنداقلا چىققانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممىمىز ئەجەبلەنگەن ھالدا ئالدىغا يۈگىرەپ باردۇق. چىرايىدىن يىغلىۋېتىدىغاندەكلا تۇراتتى.

- نىمە ئىش بولدى چىمەن؟ مەن ئالاقزادىلىك بىلەن ئۇنىڭدىن سورىدىم.

- سەنەۋەرنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى تىللىدى. ھۈ... چىمەن شۇنداق دەپلا يىغلاپ كەتتى.

- نىمە دەپ تىللىدى؟

- مەن ئوغلاق قوزا ئويۇنى ئوينايمىز دېگەنتىم. ئۇ، ئۇ، سەنەۋەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار، ئوينىامايدۇ. دېدى، ئاندىن ئوينىسڭىز ئۆزىڭىز ئويناڭ، قانداق باللا بۇ، قىز بالىمۇ ئاشۇنداق ئويۇننى ئوينايمەن دەمدۇ؟ مېڭە چىقىڭ، دەپ تىللىدى. ھۈ...

بۇنى ئاڭلاپ بالىلارنىڭ ھەممىسى ئەمدى قانداق قىلىمىز دەپ ماڭا قاراشتى. مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.

- مېنىڭ بىر ئامالىم بار. پەرھاتنىڭ بۇ سۆزى بىلەن تەڭلا ئۇنىڭغا قارىدۇق. ھەمدە، - قانداق ئامال؟ دەپ سورىدۇق.

- 3- ئاي، لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئېيى، شۇنداق بولغاندىكىن، بىز كىرىپ ياردەملىشىپ، سەنەۋەرنىڭ ئىشلىرىنى تۈگىتىشىپ بېرىمىز. ئاندىن ياخشى ئىش قىلىپ كىلىشنى باھانە قىلىپ ئۇنى بىز بىلەن ئوينىغىلى ئېلىپ چىقىمىز.

- ۋاھ پەرھات سەن بەك ئەقىللىق جۇمۇ؟ مەن پەرھاتنىڭ بۇ ئامالىدىن ھاياجانلانغان ھالدا ئۇنى ماختىدىم.

- ئەمما، ئۇنداق قىلساق يالغانچىلىق بولىدۇ، ئانام ماڭا يالغان گەپ قىلسا يامان بولىدۇ دېگەن. دېدى ئەخمەت قارشى پوزىتىسيە بىلدۈرۈپ.

- مۇشۇ بىر قېتىم بولغاندىكىن يامانمۇ بولماس، ماڭە ئەخمەت، مېڭىڭلار بالىلار سەنەۋەرنى بىللە ئېلىپ چىقمىساق بولمايدۇ. بالىلار گېپىمنى ئىلىك ئالدى،

شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن بىرلىكتە سەنەۋەرنىڭ ئۆيىگە لېي فىڭدىن ئۆگىنىپ ياخشى ئىش قىلىش ئۈچۈن كىرىپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، ئىشلىرىنى تۈگەتمەكچى بولدۇق.

بىز ئىشكتىن كىرگەندە، مايسىخاچام بىر داستا سۇ كۆتۈرۈپ ھويلىغا چىققان ئىدى.

- ئەمدى، نىمە بولدى باللا؟ ۋوي، جۈرئەتجان بالام سەنمۇ كەپسەنغۇ؟

- ھە، مايسىخاچا،  مەكتەپ بىزگە ياخشى ئىش قىلىپ كېلىڭلار دېگەن ئىدى. 3- ئاي لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئېيى شوڭا بىز سىزگە ياردەملىشىپ ياخشى ئىش قىلغىلى كەلدۇق. دېدىممەن مايسىخاچامغا چۈشەنچە بىرىپ.

- ۋوي ياخشى بوپتۇ بالىلىرىم، قېنى ئۆيگە كىرىڭلار؟

بىز ئۆينىڭ ئىچىگە كىردۇق. تۇرسۇناخۇن تاغام، كاڭدا تېڭىقلىق پۇتىنى سۇزۇپ ياتاتتى. بۇ ۋاقىتتا سەنەۋەر تاغامنىڭ چىنىسىگە قارا چاي سېلىپ، چايداندىن چاي قۇيىۋاتاتتى.

- ھە، بالىلىرىم كەپقاپسىلەرغۇ، ۋوي جۈرئەتجان بالام، قېنى كېلە، كېلە. تاغام شۇنداق دەپ ئاستا گەۋدىسىنى كۆتەردى.

مەن مايسىخاچامغا دېگەنلىرىمنى تاغامغىمۇ ئېيتتىم.

-ھە بالىلىرىم ياخشى بوپتۇ. ھەممىڭلار ياخشى ئوقىغان، ياخشى بالىلار بوپسىلەر، قېنى ئولتۇرۇڭلار. تاغام شۇنداق دەپ بىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.  بىز كاڭنىڭ بىر بۇرجىكىگە كېلىپ ئولتۇردۇق. سەنەۋەر داستىخان سالغاندىن كىيىن، پىيالىلەرنى ئېلىپ چىقىپ، بىزگە چاي قۇيدى. بىز بىرەر پارچىدىن نان يەپ، دەرھال ئىش قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ئورنىمىزدىن تۇردۇق. تاغام بىزگە ئۆيدە سىلەر قىلغۇدەك ئىشلارمۇ يوق ئىدى. قېنى مايسىخاچاڭلاردىن سوراپ بېقىڭلار، ئۇ سىلەر قىلالىغۇدەك ئىش تېپىپ بەرسۇن دېدى. بىز ئاستا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، ھويلىغا چىقتۇق. مايسىخاچام بىزگە يېڭىلا چىقارغان تال باراڭلىرى ئاستىدىكى يىغىپ قويغان ئۈزۈم يۇپۇرماقلىرىنىڭ غازاڭلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىشنى ئېيتتى. بىز ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا غازاڭلارنى قويلارنىڭ ئاياقلىرىغا يېيىتىپ دېگەندەك تۈگەتتۇق. ئاندىن ھويلىلارغا سۇ چېچىپ، كوزلارنى تولدۇرۇپ، ئوتۇن يېرىپ بەردۇق. ئىشلار بىرەر قۇر بېسىققاندىن كىيىن، تۇرسۇناخۇن تاغام رەھمەت خېتى يېزىپ بەردى. ئۇ رەھمەت خېتىنى ماڭا سۇنىۋاتقاندا، ‹- تاغا، سەنەۋەرمۇ بىز بىلەن ياخشى ئىش قىلغىلى چىقسا بولامدۇ؟ › دېدىم. تاغام‹- ئەلۋەتتە بولىدۇ ، ئەمما بايا ماۋۇ چىمەنگۈل قىزىمىز، ئوغلاق قوزا ئويۇنى ئوينايمىز دەپ كىرىپتۇ، قىز بالا دېگەن ئۇنداق سەكىرەپ تاقىلاپ، ئېرىقمۇ ئېرىق ئاتلاپ يۈرىيدىغان ئويۇننى ئوينىسا بولمايدۇ، كىيىن بەخىتسىز بولۇپ قالىدۇ بالام، شوڭا ئوينايمىز دېمەي، ياخشى ئىش قىلغىلى بېرىڭلار› دېدى. مەن ئىنتايىن ئوڭايسىزلاندىم، چىمەنمۇ قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.

بىز سەنەۋەر بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، ئوغلاق قوزا ئويۇنى ئوينايدىغان ئېتىزىمىزغا تۇتىشىدىغان يول ئەگمىسىنىڭ يېنىدا توختىدۇق.

- ئەمدى قەيەرگە بېرىپ ياخشى ئىش قىلىمىز؟ دەپ سورىدى سەنەۋەر.

- ياق، بىز ئەسلى ياخشى ئىش قىلغىلى بارمايتتۇق، بۇ پەرھاتنىڭ سېنى ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن تاپقان ئەقلى ئىدى، بىز ئەسلى ئوغلاق قوزا ئويۇنى ئوينىماقچى ئىدۇق. دېدىم ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ.

- ھە، راستىنلا ئوغلاق قوزا ئويۇنى ئوينامدۇق، ئەجەپ ياخشى بولدى.

- ئەمما، تۇرسۇناخۇن تاغام سېنى بەختسىز بولۇپ قالىدۇ دەيدىغۇ؟

- بەختسىز بولۇپ قالسام مەيلى، ئوينىغىلى بارايلىچۇ جۈرئەت؟

- ماقۇل، بالىلار ئەمسە ماڭايلى! بىز چۇقۇرۇشۇپ، ئېتىز تەرەپكە قاراپ يول ئالدۇق.

- ئەخمەت، ھوي ئەخمەت. ئاقىمىزدىن بىرىنىڭ توۋىلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەخمەتنى توۋلىغان، ئۇنىڭ دادىسى سوپاخۇن تاغام ئىدى.

- نەگە ماڭدىڭ؟ سوپاخۇن تاغام بىزگە يېقىنلاپ كېلىۋېتىپ ئەخمەتتىن سورىدى.

- ئوغلاق قوزا ئويۇنى ئوينىغىلى ماڭغان.

- ماڭە ئۆيگە، كالا ئوقۇرنى بۇزىۋەتتى، ئوينايمەن دەپ يۈرمەي، ماڭا ياردەملەش. سوپاخۇن تاغامنىڭ ئەلپازى يامان تۇراتتى.

ئەخمەت ئۆيى تەرەپكە مېڭىشقا تەمشەلدى. مەن دەرھال تاغامنىڭ ئالدىغا بېرىپ، - مۇئەللىم بىزگە لېي فىڭدىن ئۆگىنىپ ياخشى ئىش قىلىپ كېلىڭلار دېگەنتى، شوڭا بىز ياخشى ئىش قىلىپ بولۇپ، ئاندىن ئوغلاق قوزا ئويۇنى ئوينايلى دېگەنتۇق. دەپ چۈشەنچە بەردىم. تاغام ئەخمەتنى سەن ئاۋال ئۆيگە بېرىپ، ماڭا ئوقۇرنى تۈزۈشۈپ بىرىپ چىق دەپ ئېلىپ ماڭدى. ئەخمەتنىڭ ئارىمىزدىن كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىۋاتاتتى.

- ئەمدى قانداق قىلىمىز جۈرئەت، ئۆزىمىز بېرىپ ئويناۋېرەمدۇق؟ دېدى ئالىم ماڭا قاراپ.

- ياق، بېرىپ ئەخمەتكە ياردەملىشەيلى! سىلەرچە قانداق؟

- شۇنداق قىلايلى، شۇنداق بولغاندا، بىرىنچىدىن ياخشى ئىش قىلغان بولىمىز، ئىككىنچىدىن، ئەخمەتمۇ بىز بىلەن ئوينىغىلى چىقالايدۇ. دەپ ئەقىللىق بىر جۈپ كۆزلىرىنى چاقنىتىپ سۆزلىدى پەرھات.

شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن، ئاۋالىقىدەكلا سەنەۋەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشلىرىنى تۈگىتىشىپ ، ئۇنى ئوينىغىلى ئېلىپ چىققانغا ئوخشاش، ئەخمەتنىمۇ بىرگە ئېلىپ چىقىش قارارىغا كەلدۇق.

بىز ئەخمەت بىلەن سوپاخۇن تاغامنىڭ ئارقىدىن يۈگىرەپ يىتشتۇق ھەمدە ياردەملەشمەكچى بولغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق. تاغام باشتا بولدى، ئۆيدىكى ئىشلارغا يىتىشەلەيمىز بالىلىرىم، سىلەر بېرىپ، ئويناۋېرىڭلار دەپ تۇرۋالغان بولىسمۇ، ياخشى ئىش قىلىش ئويىمىزنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ چىڭ تۇرۋالغانلىقىمىزنى كۆرۈپ ئاخىرى قۇشۇلدى.

بىز ئەخمەتنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئاپسى ئايشەمخاچام چۈشلۈك تاماق ئېتىۋاتاتتى. ئۇ بىزنىڭ كىرگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ، ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋالدى. ھەممىمىز ئۆيگە كىرىپلا ئىش قىلىشقا تۇتۇش قىلدۇق، سەنەۋەر بىلەن چىمەن ئايشەمخاچامنىڭ تاماق ئېتىشىگە ياردەملەشتى، باشقىلار، ئەخمەت بىلەن تاغامغا ياردەملىشىپ كالا بۇزىۋەتكەن ئوقۇرنى تۈزەپ، ئېغىلدىىكى قىغلارنى چىقاردۇق. ئىشلار بىرەر قۇر تۈگىگەندىن كىيىن، تاماقمۇ پىشىپ قالغان ئىدى. تاماقتىن كىيىن، سوپاخۇن تاغام سىلەرنى جاپاغا قويدۇق بالىلىرىم، رەھمەت سىلەرگە دەپ تەشەككۈرىنى بىلدۈردى. ھەمدە رەھمەت خېتى يېزىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئەخمەتمۇ بىز بىلەن ئوينىغىلى چىقىدىغان بولدى. بالىلار خوشال- خورام ھالدا دائىم ئوغلاق قوزا ئويۇنى ئوينايدىغان، بىزنىڭ ئېتىزنىڭ بويىغا قاراپ يول ئالدۇق.

ئېتىز بويلىرى نوۋرۇز ئېيىنىڭ شاپائىتى بىلەن گۈزەل بىر تۈسكە كىرگەن ئىدى. كەڭ كەتكەن ئېتىزلىقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، قۇشلارنىڭ زىرائەت ئۇرۇقلىرىنى يەپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قادالغان قارانچۇقلار ئەتىياز شامىلىدا يىنىك تەۋرىنىپ تۇراتتى. ئونغا يېقىن سېرىق قۇچقاچ ئېتىز ئىچىدە گاھ بۇ قارانچۇقلاردىن ئۈركىسە، گاھ يەنە ئۇلاردىن يىراقراق ئۇرۇنغا قونۇپ قورساق تويغۇزۇش غېمىدە يۈرەتتى. يان تەرەپتە بىر چوڭ ئۆستەڭ بولۇپ، بىز ئۇنى كۆلدەش ئۆستەڭ دەپ ئاتايتتۇق. كۆلدەش ئۆستەڭنىڭ ئىككى تەرپىدە قاتار- قاتار مەجنۇنتاللار بار ئىدى. بىز ئەنە ئاشۇ مەجنۇنتاللارنىڭ شېخىدىن ئاتلىرىمىزنى تاللايتتۇق.

- مەن، ئاۋۇنى ئالىمەن، ئۇ بەك تۈزكەن. ئالىم مەجنۇنتالنىڭ ئۇچىدىكى ئۇزۇن بىر تالغا قاراپلا يامىشىپ چىقىشقا باشلىدى.

- مەن ماۋۇنى ئالاي، پۇتاقلىرىمۇ ئاز تۇرىدۇ، پۇتايمەن دەپ ئېتىمنى يېغىر ئات قىلىپ قويغۇم يوق. دېدى چىمەن بارماقلىرى بىلەن سەل مايماقراق كەلگەن بىر تالنى كۆرستىپ.

- ماڭا ئانى ئېلىپ بىرىڭلار، ئۇ بەك چىرايلىقكەن. دېدى سەنەۋەرمۇ شاخ ئايرىپ چىققان، ئۇزۇن بىر تالنى كۆرسۈتۈپ سەكرىگەنچە.

مەنمۇ تۈز ھەم سىپتا بىر چىۋىقنى شېخىدىن سۇندۇرۇپ ئېلىپ ئات قىلدىم، يەنە ئۈچ تال ئىنچكە تالمۇ ئېلىۋالدىم. شۇنداق قىلىپ بالىلار ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئاتلىرىنى تەييار قىلدۇق. ھەمدە چۇقىراشقان ھالدا ئېتىمىزغا مىنىپ، ئۆستەڭدىن ئېتىز تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۇق. ئېتىز قىرىغا كەلگەندە، مەن بالىلارنى توختۇتۇپ،‹- ھەممىمىزنىڭ ئېتى بار بولدى. ئەمدى قوزا ياسايلى! ئەمسە، ئازىراقتىن بۇژا تىرىپ كېلىمىز بالىلار مېڭىڭلار! دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن بۇژا تىرىشقا باشلىدۇق. تىرىپ كەلگەن بۇژۇلىرىمىزنى بىر يەرگە يىغقاندىن كىيىن، بايا ئېلىۋالغان ھېلىقى ئۈچ تال مەجنۇنتال تېلىنىڭ بىرىنى يەرگە قۇيۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرسىغا توغرلاپ بۇژا تۈپلىرىنى رەتلىك تىزىدۇق. ئاندىن تۈپلەرنى ئوتتۇرىدىن بىر باغلىۋېلىپ، مەھكەم تۇرغۇزدۇق. قالغان ئىككى تال مەجنۇنتال تېلى بىلەن بۇژا تۈپلىرىنىڭ ئىككى تەرەپنى يۆگەپ چىڭ بۇغىۋەتتۇق.

- ۋاھ، ئەجەپ ئوماق چىقتىيا بۇ ئوغلاق! دېدى چىمەن ئۇنى قولىغا ئېلىۋېلىپ.

- ھە، بالىلار ئەمدى ئويۇننى باشلامدۇق؟ بالىلار سۆزۈمنى ئاڭلاپلا، ‹-باشلايلى، باشلايلى› دەپ چۇقراشتى.

سەنەۋەر بىلەن چىمەن ئىككى ئانا بولۇپ، بىزنى ئىككى گوروپقا ئايرىش ئۈچۈن، مۇشتۇم شاپىلاق چىقىرىپ، سەنەۋەر ئاۋال تاللايدىغان بولدى.

- مەن جۈرئەتنى تاللىدىم.

- مەن ئالىمنى تاللايمەن!

تاللاش ئارقىلىق مەن ،پەرھات، سەنەۋەر بىر گوروپ، ئالىم، ئەخمەت، چىمەنلەر بىر گوروپ بولۇپ ئايرىلدۇق. بىز ئادەتتە، ئېتىزنىڭ بىر بېشىدىن يەنە بىر بېشىغىچە بولغان ئارلىقتا قوزىنى تالىشىپ ئوينايتتۇق. تالىشىۋاتقاندا ئويۇن قوشىقىمىز بىلەن ھەركىتىمىز ماسلاشتۇرۇلاتتى. ئەگەر قوزىنى ئېلىپ ماڭغۇچى قوشاقنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى ھەركىتى بىلەن ماسلاشتۇرالمىسا دەرھال قوزىنى جايىغا تاشلاپ، ئۇنتۇپ قالغان جايىنى ئەسلىيەلىگەنگە قەدەر ئورنىدا ساقلايتتى، ئۇنىڭ بىلەن بىر گوروپتىكى يەنە بىر ھەيلەن ئارقىدىنلا يېتىپ كېلەلىسە قوشاقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئوقۇپ ماڭسا بولاتتى. ناۋادا ھەركىتى بىلەن ماسلاشتۇرالمىسا بىر توختىۋېتىپ، ھەركىتى بىلەن قوشاقنى ماسلاشتۇرۇپ ئاندىن ئېلىپ ماڭاتتى، ئەگەر قوشاقنى خاتا ئوقۇپ قويسا، قوزىنى جايىغا تاشلاپ قوياتتى، مۇبادا ئۆز گوروپپىسنىڭ ئەزاسى ئۈلگۈرۈپ كېلەلىسە توغرلاپ ئوقۇپ ماڭسا بولاتتى، قارشى گوروپتىكىلەر ئېلىۋالغان تەقدىردە قوشاقنى باشتىن باشلاپ ئوقۇپ ھەركىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ قاچاتتى. مۇشۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىپ تۇرۇپ، قايسى گوروپ ئاۋال قوزىنى ئېتىزنىڭ يەنە بىر بېشىدىكى قىرغا تاشلىيالىسا شۇ گوروپ يېڭىپ چىققان بولاتتى. بۇ ئۇيۇنىمىزنى قىزىتىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن قائىدىلەر ئىدى.

قوزىنى ئېلىپ ئۆزىمىز تۇرۋاتقان قىر (باشلىنىش نوقتىسى) بېشىدىن، ھەممەيلەن ئون قەدەم ئارقىمىزغا چىكىنىپ، تەييارلىق ھالەتكە ئۆتتۇق. سەنەۋەر مۇشتۇم، شاپىلاق چىقىرىپ يەڭگەنلىگەنلىكى ئۈچۈن، دەسلەپ ئادەم تاللاش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغاندىن باشقا يەنە، بىردىن ئۈچكىچە ساناپ، قوزىنى باشلىنىش نوقتىسىغا چۆرۈپ (تاشلاپ)، ئويۇننى باشلاش سالاھىيىتىگىمۇ ئىگە ئىدى. شوڭا ئۇ‹- بىر، ئىككى، ئۈچ، › دەپ قوزىنى قىرغا ئېىتىشى بىلەن تەڭلا بالىلار قوزىغا قاراپ ئېتىلدۇق. قوزىنى ئەخمەت تۇنجى بولۇپ يەردىن ئالدى. ئۇ ئارىمىزدا ھەممىدىن تىز يۈگىرەيتتى. مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن يۈگىرەش مۇسابىقىلىرىدە دائىم بىرىنچىلىكنى ئېلىپ، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋە ساۋاقداشلارنىڭ ئالقىشلىرى ئىچىدە سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات بويۇمى ئالاتتى. ئەمما، ئەستە ساقلاش قابلىيىتى ياخشى بولمىغاچقا خەنزۇتىلى ۋە ئەدەبىيات دەرسىلىرىدە تىكىستلەرنى يادقا ئالالماي تەنقىدكە ئۇچراپلا تۇراتتى. ئۇ قوزىنى كۆتۈرۈپلا ئالدىغا تاقىلاپ ھەركىتى بىلەن قوشاقنى ماسلاشتۇرۇپ ئوقۇشقا باشلىدى.

دىكىر – دىكىر توشقان،

نەگە بارىسەن توشقان؟

ئاخىرىنى يەنە ئۇنۇتقاقلىقى تۇتۇپ، ئۇنتۇلۇپ قالغاچقا، ئەسلىيەلمەي بېشىنى قاشلىغانچە تۇرۇپ قالدى. ئارقىدىنلا چىمەن يۈگىرەپ كېلىپ ئۇنىڭ قولىدىكى قوزىنى تارتىپ ئالدى. چىمەنمۇ قىز بالا بولغان بىلەن خېلىلا تىز يۈگىرەيتتى. مەكتەپتىكى قىزلار قاتارىدا چىمەننىڭ يۈگىرەشتىكى نەتىجىلىرىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغاچقا، ئۇنى دائىم شەرەپ سەھنىلىرىدە ئەخمەت بىلەن بىرگە كۆرەتتۇق. لىكىن ئۇ سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلغاندا ئالداىراقسانلىقىدىن خاتالىشىپلا تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ خىل ئالدىراقسانلىقى سىنىپىمىزدا ئاجايىپ كۈلكىلىك ئىشلارنى پەيدا قىلغان. بىر قېتىملىق ئەدەبىيات دەرسى ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە تېپىشماق ئېيتىپ، «-ئۇزۇن ئۇزۇن بوينى بار، دائىم سۇدا يۈرۈيدۇ، ئۆزى ئاپئاق بەك ئوماق، تېپىڭلار ئۇ نېمىدۇ؟» دەپ سورىغاندا. چىمەن دەرھاللا قول كۆتۈرۈپ، ‹قاز› دەپ جاۋاپ بىرىپ، ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسنى قاتتىق كۈلدۈرۋەتكەن ئىدى. چىمەن، ئەخمەتنىڭ قولىدىكى قوزىنى ئېلىۋالغاندىن كىيىن، قوشاقنى داۋاملاشتۇرۇپ ھەركىتىگە ماسلاشتۇرغان ھالدا ئوقىدى.

دىكىر ئاكام قېشىغا.

دىكىر ئاكاڭ نېمە بەردى؟

ئۆچىكە سېغىپ سۈت بەردى.

ئۆچىكىسىنىڭ سۈتى يوق،

ئوغلىقىنىڭ پۇقى يوق.

- خاتا ئوقۇدۇڭ! پەرھات چىمەنگە قاراپ توۋلىدى. چىمەنمۇ ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت ئوقۇيدىغان قوشىقىمىزنى خاتا تەلەپپۇز قىلغانلىقىنى سەزگەندەك قوزىنى تاشلاپ قويدى. بۇ چاغدا يېتىپ كەلگىنى پەرھات ئىدى. پەرھات سىپىمىزدىكى ئەلاچى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ كاللسى ئىنتايىن ئۆتكۈر ئىدى. يامان يېرى، تېنى ئۇرۇق، ۋىجىك بولغاچقا ئىنتايىن جانسىز كۆرىنەتتى. تېخى ئۆتكەن ھەپتىدىكى تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىدا مۇئەللىمىز ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ، ‹-ئاڭلىسام دەرسلەردە كاللاڭ شۇنداق ئۆتكۈر ئىكەن، قارىغاندا ناننى قورسىقىڭغا يىمەي، كاللاڭغىلا تىقىپلا كېلىدىغان ئوخشايسەن- ھە›! دەپ، بالىلارنى پاراققىدە كۈلدۈرۋەتكەن ئىدى. پەرھات قوزىنى چىمەن تاشلاپ قويغان جايدىن ئېلىپلا، ھەركىتى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئوقۇشقا باشلىدى.

دىكىر – دىكىر توشقان،

نەگە بارىسەن توشقان؟

دىكىر ئاكام قېشىغا.

دىكىر ئاكاڭ نېمە بەردى؟

ئۆچىكە سېغىپ سۈت بەردى.

ئۆچىكىسىنىڭ سۈتى يوق،

ئوغلىقىنىڭ پۇتى يوق.

قوشاقنى تاقىلاپ ئوقۇۋېتىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئوغلاقنىڭ ئەمەس ئۆزىنىڭ پۇتى يوقاپ كەتكەندەك، يەرگە پالاققىدە يىقىلىپ چۈشتى. يىقىلىپ چۈشكەندىن كىيىنمۇ قوزىنى چىڭ تۇتىۋالغان ئىدى. شۇ چاغدا سەنەۋەر ئۇنىڭ بىلەن يانمۇ- يان يۈگرەۋاتقان بولغاچقا ئورنىدىن يېرىم تۇرۇپلا قولىدىكى قوزىنى سەنەۋەرگە سۇنۇپ ئۈلگۈردى. سەنەۋەر ئوغلاق قوزا ئويۇنىمىزدا تەلەيلىك ئانا ئىدى. ئۇ ئانا بولۇپ تاللىغان گوروپ ئاساسەن يېڭىپ چىققاتتى. شوڭا سەنەۋەرنىڭ گوروپپىسىغا تاللانغىنىمىزدا يېڭىشقا بولغان ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشاتتى. ئەمما ئۇ تاقىلاش ھەركىتىنى پەقەت قاملاشتۇرالمايتتى. تېخى ئالدىنقى مەۋسۈملۈك تەنتەربىيە ئىمتىھانىنىڭ ئۇرۇندا تۇرۇپ يىراققا سەكرەش تۈرىدە، ئۇ تەييارلىق ھەركىتىنى خېلى ئۇزاق ئىشلەپ سەكرىگەن بولسىمۇ، ھېچقانچە ئارلىققا سەكرىيەلمىگەچكە، مۇئەللىم ئۇنى ‹ۋوي بۇ سىز، شۇنچە كۆپ ۋاقىت سەكرەپمۇ يەنە جايىڭىزغا چۈشتىڭىزغۇ؟› دەپ مەسخىرە قىلغان ئىدى. سەنەۋەر پەرھات سۇنغان ئوغلاقنى ئېلىپلا قوشاقنىڭ داۋامىنى ئوقىدى.

ئۆزى ئىچتى بىر قاچا،

ماڭا بەردى بىر قوشۇق.

بىر قوشۇققا تويمىدىم،

بىر قوساقلىق بولمىدىم.

سەنەۋەر قوشاقنى ھەركىتىگە ماسلاشتۇرالماي، تاقلايدىغان يەردە تۇرۇپ قېلىپ، تۇرىدىغان يەردە تاقىلاپ دېگەندەك ئوقۇپ، ئىلگىرلىيەلمەي قالدى. ئالىم قوزىغا قول ئۇزارتىپ سەنەۋەردىن ئۇنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئىنتىلگەندە، ئۇ قوشاق تۇقۇپ، تاقىلاپ ماڭىدىغان قائىدىنى بىراقلا بۇزۇپ، ئاخىرقى پەللىگە قاراپ يۈگىردى.

- سەنەۋەر چىدىماسلىق قىلما! ئالىمنىڭ ئاچچىقلانغاندەك ۋارقىرىغان ئاۋازى بىلەن سەنەرۋەر يۈگىرەۋاتقان قەدەملىرىنى توختاتتى. ئالىم ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، قولىنى بىرلا سۇزۇپلا قوزىنى تارتىۋالدى. ئۇ سېمىز ھەم كۈچلۈك ئىدى. بۇ ھالىتىگە قاراپ بالىلار تېخى ئۇنىڭغا موزاي دەپ لەقەممۇ قويىۋالغان ئىدۇق. لىكىن لەقىمىگە يارىشا يۇۋاش بولماي، ئاسانلا تىرىكەتتى. ئۇ ئوغلاق قوزا ئويۇنىدا ھەركىتى بىلەن قوشاقنى ماسلاشتۇرۇشقا ئىنتايىن ماھىر بولۇپ، قوزا ئۇنىڭ قولىغا چۈشكەن ھامان، ئاسانلىقچە تارتىۋالغىلى بولمايتتى.

‹دىكىر- دىكىر توشقان›

...

ئويۇن قوشىقى ئالىمنىڭ ئاۋازى بىلەن باشتىن باشلاپ ئوقۇلدى. ئۇنىڭ ھەركەتنىڭ ئاۋازغا ماسلىشىشى ۋە باشقا تەرەپلەردە مەسىلە يوق، ئەمما سۆرئىتى تىز ئەمەس ئىدى. شۇندىمۇ ئۇ ئاخىرقى پەللىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. مەن دادامغا ئوخشاش ئالدىراپ قول ئۇزاتماسلىق تاكتىكىسىنى قوللىنىش ئۈچۈن، بۈگۈن باشتىن- ئاخىر قوزىغا يېقىنلاشماي، ئەھۋال كۈزەتكەن ئىدىم. لىكىن ئىشتىن چاتاق چىقىدىغاندەك تۇراتتى. قانداقلا بولمىسۇن قارشىلىق قىلىش كېرەك ئىدى. شوڭا يۈگىرەپ بېرىپ ئالىمنىڭ قولىدىن قوزىنى تارتتىم. قولۇمغا قوزىنىڭ بىر بۇرجىكى تەگكەنلىكى ئۈچۈن، بىرقانچە تال بۇژا يۇپۇرماقلىرىلا بارماقلىرىمىغا ئىلنىشتى. ئالىم يەنە ئاۋالقىدەكلا ھەركىتى بىلەن قوشاقنى ماسلاشتۇرۇپ يولىنى داۋام قىلىپ كېتىۋاتاتتى. مەن قانداق قىلىشمنى بىلەلمەي تۇرغاندا پەرھات ماڭا يانمۇ- يان كېلىپلا دولامنى نوقىدى.

- جۈرئەت، بۇنداق كېتىۋەرسە ئالىم جەزمەن قوزىنى پەللىگە ئاپىرىۋالىدۇ. شوڭا بىز ئامال قىلايلى!

- قانداق ئامال قىلىمىز؟ مەن پەرھاتتىن ھەر قېتىم ياخشى چارىلەرنىڭ چىقىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۇنىڭغا قاراپ جىددى تەرىزدە شۇنداق سورىدىم.

- ئۇنىڭ سۆرئىتى تىز ئەمەس، شوڭا مەن بېرىپلا ئۇنىڭ ئالدىنى توسىمەن، بۇ چاغدا ئۇ مېنى يانداپ ئۆتۈش ئۈچۈن ھەركەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەركىتى بىلەن قوشاقنى ماسلاشتۇرۇپ بولالماي توختايدۇ. سەن شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ قولىدىن قوزىنى ئېلىپلا قاچىسەن. يەنى ئۇنىڭ دىققىتى قوزىدا ئەمەس، بەلكى ھەركىتى بىلەن قوزىنى ماسلاشتۇرۇشقا چېچىلىپ قوزىنى ئۇنچە چىڭ تۇتىۋالمايدۇ.

- بولىدۇ، شۇنداق قىلايلى! پەرھات بىلەن ئىككىمىز دەرھال ئاتلاندۇق. پەرھات ئالىمنىڭ ئالدىنى توسقاندا دېگەندەك، ئۇنىڭ يانداش ھەركىتى بىلەن قوشاق ماسلاشماي بۇزۇلۇپ كەتتى.  ئۇ بىر توختاپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالغۇچە، مەن بېرىپلا قوزىنى تارتىۋالدىم ۋە قوشاقنى باشتىن باشلاپ ھەركىتىم بىلەن ماسلاشتۇرۇپ تولۇق ئوقۇپ ئاخىرقى پەللىگە يېقىنلاپ كەلدىم.

دىكىر – دىكىر توشقان،

نەگە بارىسەن توشقان؟

دىكىر ئاكام قېشىغا.

دىكىر ئاكاڭ نېمە بەردى؟

ئۆچىكە سېغىپ سۈت بەردى.

ئۆچىكىسىنىڭ سۈتى يوق،

ئوغلىقىنىڭ پۇتى يوق.

ئۆزى ئىچتى بىر قاچا،

ماڭا بەردى بىر قوشۇق.

بىر قوشۇققا تويمىدىم،

بىر قوساقلىق بولمىدىم.

يۈگۈرۈپ باردىم تۆشۈككە،

بېشىم تەگدى بۆشۈككە.

...

دەپ ئوقۇپ بولۇپلا قوزىنى ئاخىرقى پەللىگە چۆرىدىم.

- ھوي، ھوي، ھوي... بىزنىڭ گوروپتىكى بالىلار غەلبە تەنتەنىسى بىلەن چۇقۇرۇشۇپ سەكىرەشتۇق. ئالىم، ئەخمەت، چىمەنلەر ئۆزىلىرىنىڭ كۈچلۈك تۇرۇپ يېڭىلىپ قالغانلىقىغا قايىل بولمىغاندەك تۇراتتى. ھەقىقەتەن مەيداننىڭ تەڭدىن تولا مۇساپىسىنى ئۇلار تۈگەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا پەرھاتنىڭ كۆرسەتكەن ئامالى بىلەن بىز يەنىلا يەڭگەن ئىدۇق. ئالىم شۇ سەۋەپتىنمۇ پەرھاتقا ئاچچىقلىنىۋاتاتتى.

- ھەي، نەدە ئۇيۇندا ئۇنداق ئالدىغا چىقىپ تۇسۇۋالىدىغان قائىدە بار؟ سەن چىدىماسلىق قىلىپ، قائىدىگە خىلاپلىق قىلدىڭ!

- ھە، ئۆزۈڭ ھازىر ئۇنداق قائىدە يوق دېدىڭغۇ؟ مەن يوق قائىدىگە قانداق خىلاپلىق قىلغان بولىمەن.

- ئاشۇنداق تۇسىۋالساڭ بولامدا؟

- نىمىشقا بولمايدىكەن!

ئۇلار بۇ ئەھۋالدا قىزىرىشىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. شوڭا بېرىپلا ئىككىسىنى ئايرىدىم.

- بولدى، بولدى. بۇ ئۇيۇنغۇ؟ ئاغىنىلەر بولغاندىكىن، ئۇرۇشمايلى!

- ئەمسە بۇ ھىساپ ئەمەس، قايتا ئوينايمىز. بۇ نۆۋەت تۇسىۋالسا بولمايدۇ؟

- نىمىشقا ھىساپ ئەمەس، بىز يەڭگەن تۇرساق؟

- ۋوي، ماۋۇلار چۆجە- خورازدەك تالاشقىلى تۇردىغۇ ئەمدى؟ بۇ ناتۇنۇش ئاۋازنى ئاڭلاپلا ھەممەيلەن ئارقىمىزغا قارىدۇق. ئارقىمىزدا يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا بىر توپ بالىلار پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇلار ياش قورامى جەھەتتە بىزدىن ئانچە پەرىقلەنمەيدىغاندەك قىلاتتى.

- سىلەر كىم؟ بىز بۇ ناتۇنۇش بالىلارغا قاراپ ھەيران قېلىۋاتاتتۇق.

- بىز جۈپ تېرەك مەھەللىسىدىن، سىلەرچۇ؟ چاڭ توزان دەستىدىن، كىرلىشىپ كەتكەن شاپاق دوپىسىنى قىڭغىر كىيىۋالغان، ئېگىز بويلۇق بىر بالا شۇنداق دەپلا بېشىمىزدىن ئايىغىمىزغىچە سەپ سېلىپ قاراۋاتاتتى.

- قاپاق تېرەكتىن، ھە نىمە ئىشىڭلار بار ؟ ئالىم قاپىقىنى تۈرۈپ، قوپال تەلەپپۇزدا ئۇلاردىن سورىدى.

- ئىشمىز يوق، بىزمۇ ئوغلاق قوزا ئويۇنى ئويناپ قايىتىۋاتتۇق. كۆرۈپ باقتۇق شۇ.

- ھە، كۆرگىلى كەلگەنمىدىڭلار؟ ئاغىنىلەر بىز ئويناپ ئۇلارنىڭ كۆزىنى بىر ئېچىپ قويايلى! دېدى پەرھات مەغرۇر قىياپەتتە.

- كۆرگىچىلىكى يوقكەنغۇ؟ شاپاق دوپپىنىڭ سۆزىدىن ۋاقىرىۋەتتۇق.

- نىمە؟

- مېڭىڭلا باللا ئۆيگە قايتىمىز! ئۇ ئۆزى بىلەن كەلگەن بالىلارغا شۇنداق دېگەنچە مېڭىشقا تەمشەلدى.

- توختاڭلار، جۈرئەت قىلالىساڭلار بەسلىشىپ باقايلى! شاپاق دوپپىنىڭ بىزنى مەسىتىمىگەنلىكىگە ئاچچىقىم كېلىپ رىقابەتلىشىش تەكلىپىنى قويدۇم.

- چاتاق يوق. قاچان بەسلىشىمىز؟

- ھازىرلا.

- ھازىر بولمايدۇ. بىز خېلىدىن بىرى ئويناپ ھېرىپ كەتتۇق. ئەمدى ئۆيگە قايتىمىز، بەسلەشكىڭلار بولسا ئەتە بەسلىشەيلى! دېدى ئۇ قىڭغىر دوپپسىنى چۆكۈرۈپ كىيىپ.

- بوپتۇ، ئەتە بولسۇن!

شاپاق دوپپا ‹ئەتە مۇشۇ يەردە كۆرۈشەيلى› ئەمسە، دەپلا ئارقىغا بۇرۇلۇپ ماڭدى.

- توختاپ تۇرۇڭلار! بىز پەرھاتنىڭ نىمىشقا ئۇلارنى توختاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي سۇئال نەزىرىدە قارىدۇق.

- بىز ئۆز- ئارا تونۇشىۋالايلى! ئۇ پەس ئاۋازدا بىزگە يەنە، ‹ تونۇشۇپ قويايلى ئاغىنىلەر، دادام ماڭا رىقابەتچىڭنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلەلمەيسەن دەيدىغان› تونۇشۋالغاچ ئۇلارنى تەپسىلى كۆزۈتەيلى! بۇ ئەتە غەلبە قىلىشىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دېدى. مەن پەرھاتقا ئەقىلىڭگە بارىكاللا دەپ پىچىرلىدىم.

- تونۇشۇپ قويساق بولىدۇ، ئۇنداق بولسا سىلەر ئاۋال ئۆزۈڭلارنى تونۇشتۇرۇڭلار! بىز شاپاق دوپپىنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، دەسلەپ بىر- بىرلەپ ئۆزىمىزنى تونۇشتۇردۇق.

- مېنىڭ ئىسمىم ئەلقەم، ئۇ دوپپسىنى قولىغا ئېلىۋېلىپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى. مەن بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن قىياپىتىنى كۈزەتتىم. ئۇ ئېگىز بوي، بەستلىك كۆرىنەتتى. پۇتىلىرى ئۇزۇن بولغاچقا تىز يۈگىرەيدىغاندەكمۇ قىلاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ 12 ياشقا كىرگەنلىكىنى، يەنە ئوغلاق قوزا ئويۇنى ئويناشنى بەكلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئاخىرىدا دادىسنىڭ تۈگۈنكى نۇرۇز مەشرىپىدىكى ئوغلاق تارتىشىشتا بىرىنچى بولغانلىقىنى مەغرۇر قىياپەتتە دەۋالدى. مەن دادام تۇرسۇناخۇن تاغامنى دەپ تاشلىۋەتكەن ئوغلاقنى ئاخىرقى پەللىگە ئېلىپ بارغۇچىنىڭ ئۇنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ئەلقەمگە تېخىمۇ بەكرەك دىققەت بىلەن قارىدىم. ھەمدە ئەتىدىكى ئويۇن بەيگىمىزدە جەزمەن غەلبە قىلىشقا نىيەت باغلىدىم.

- مېنىڭ ئىسمىم جۇشقۇن، بۇ يىل 11 ياشقا كىردىم. ئەلقەمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۋاتقان بۇ بالا. بىزنىڭ ئالىمغا ئوخشاش سىمىز بولۇپ، بوي بەستىمۇ ئۇنىڭدىن ئانچە پەرىقىلىنىپ كەتمەيتتى.

مەن دىلشات، 10 ياشقا كىردىم. بۇ بالىمۇ ئۇرۇقلىقتا بىزنىڭ پەرھاتتىن قېلىشمايتتى. بەلكىم، ئۇمۇ پەرھاتتەك ئەقىللىق بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ئابدۇراخمان بولۇپ، ئۇنىڭ چىرايى قارامتۇل ئىدى، بوي ئېگىزلىكى ئاساسەن مەن بىلەن تەڭ دىيەرلىك كېلەتتى. ئۆزىنى سادىق دەپ تونۇشتۇرغان ماۋۇ بالىنىڭ گەپ سۆزىدىنلا ئەخمەتكە ئوخشاش جىمغۇرلىقى چىقىپلا تۇراتتى. تېخى ئەخمەتنىڭ تىز يۈگىرەيدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن، ئۇنۇتقاقلىق كېسىلى ئۇنىڭدىمۇ بارمۇ؟ ئالدىراپ بىر نەرسە دېگىلى بولمايتتى.  ھەسەن، ھۆسەن دەپ ئۆزىنى تونۇشتۇرغان، ماۋۇ ئىككىسىنىڭ چىرايى بىر- بىرىگە بەكلا ئوخشايتتى.  شوڭا بىرلا قاراپ ئۇلارنىڭ قوشكىزەك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس ئىدى. بەلكىم ئويۇندا ماسلىشىپ ئويناشقا ماھىر بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ ئاخىرىدا ئامانگۈل ئىسىملىك بىر قىز ئۆزىنى تونۇشتۇردى. ئۇ چىمەن بىلەن سەنەۋەردىن سەل ئۇرۇقىراق بولۇپ، باشقا ئالاھىدە تەرەپلىرى يوقتەكمۇ كۆرىنەتتى.

رىقابەتچىلىرىمىز جەمئىي 8 ئادەم بولۇپ، مەن ئۇلارنى ئەنە شۇنداق بىرمۇ- بىر كۆزۈتۈپ چىققان ئىدىم.

- ئەتە ئويۇندا نەچچىدە نەچچە بولۇپ مەيدانغانغا چۈشىمىز؟ پەرھات بۇنى ياخشى سورىدى، چۈنكى ئادەم سانى جەھەتتە ئۇلار بىزدىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش زۆرۈر ئىدى.

- سىلەر مۇشۇ ئالتىمۇ ياكى ئەتە كېلىدىغانلار بارمۇ؟

- بىز پەقەتلا ئالتە.

- ئۇنداق بولسا مەيدانغا بەشتە- بەش چۈشىمىز، ئىككى تەرەپتىن بىردىن قىز ئانا بولۇپ، تەشكىللەش ئېلىپ بارىدۇ. ئانا بولغۇچى مەيدانغا چۈشسە بولمايدۇ، بۇ قائىدە.

مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپلا گوروپپىمىزدىكى ھەممەيلەن سەنەۋەرگە قارىدۇق، ئۇ كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭىشتتى.

- ماقۇل شۇنداق پۈتۈشتۇق.

- يەنە بىر گەپ دېدى ئەلقەم، بايا قولىغا ئېلىۋالغان شاپاق دوپپىسنى يەنە قىڭغىر كېيىپ. ئەتە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 ئەتىراپىدا مۇشۇ جايدا ئۇچۇرشىمىز. ئەگەر كىم كەلمىسە شۇ قورققان بولىدۇ.

- نىمە دەيدۇ ماۋۇ... ئالىم بۇ گەپنى ئاڭلاپلا يەنە تىرىكىپ قالغىلى تۇرغاندا، مەن ئۇنى ئاستا نوقۇپ توختىتىپ قويۇپ، بىز ئەتە چوقۇم ۋاقتىدا كېلىمىز دېدىم.

- ماقۇل ئەمسە، ئەتە مۇشۇ جايدا يىغىلايلى! ئۇلار شۇنداق دەپ بىز بىلەن خوشلاشتى. بىزمۇ ئەتىدىكى بەسلىشىشمىزگە ۋاقتىدا كېلىش ھەمدە كۈچىمىزنى تىجەپ غەلبە قىلىش ئۈچۈن، يەنە ئوينايمىز دەپ يۈرمەي بالدۇرىراق قايتىش قارارىغا كەلدۇق.

يولدا كېتىپ ئەتە جۈپ تېرەك مەھەللىسىدىكى بالىلار بىلەن ئوينىلىدىغان ئويۇنىمىز ھەققىدە قىزغىن پاراڭغا چۈشكەن ئىدۇق.

- مەنچە، ھېلىقى ئەلقەم دېگەندىن پەخەس بولساق بولغۇدەك، ئۇ ياماندەك تۇرىدۇ. دېدى پەرھات تەشۋىشلەنگەن قىياپەتتە.

- پوچىكەن ئۇ، دادام تۈنۈگۈن يەڭدى، دەپ ماختىنىپ قاسماق دوپپىسنى قېقىشتۇرۇپ يۈرۈيدۇ. ئۇنداق پوچى گۇيغا ئۆزۈم تېتىيمەن دېدى ئالىم مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ.

- ئەگەر دادام تۈنۈگۈن تۇرسۇناخۇن تاغامنى يۆلەيمەن دەپ قوزىنى تاشلىۋەتمىسە ئۇنىڭ دادىسنى ھەرگىز بىرىنچى بولالمايتتى. مېنىڭ بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ سەنەۋەر ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى. مەن خاتا سۆزلىگەنلىكىمنى ھىس قىلدىم.

- سەنغۇ، داداڭغا ئوخشاش قوزىنى تاشلىۋېتىپ يۈرمەسسەن؟ ئالىم مېنى تېخىمۇ ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىۋاتاتتى.

- بولدى، بولدى ئويۇن ھەققىدە پاراڭلىشايلى! پەرھات گەپنى بۆلۈپلا، يەنە ئويۇن توغرسىدا سۆزلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئارىدىكى خىجىلچىقمۇ ئاللا قاياقلاغىدۇر چۆرۈلۈپ كەتكەن ئىدى.

بىز شۇ قىزغىنلىقتا بىر دەمدىلا مەھەللە ئىچىگە يىتىپ كەلگەن ئىدۇق. بالىلار بىر- بىرلەپ ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىشتى. مېنىڭ پۈتۈن ئىسىيادىمنى ئەتىدىكى ئويۇن ئىگىلىگەن بولۇپ، قانداق قىلىغاندا ئەتە غەلبە قىلغىلى بولىدىغانلىقىمىز ھەققىدە باش قاتۇرۇشقا باشلىدىم. ئۇنى بۇنى ئويلاپ يۈرۈپ، مەنمۇ ئۆيۈمنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كىلىپ قالغان ئىدىم.

- بالام ئەمدى كەلدىڭمۇ؟ قورسۇقۇڭ ئاچتىمۇ؟

- ياق ئانا، مەن چۈشتە ئەخمەتنىڭكىدە تاماق يىدىم. ئۇنىڭ ئانىسى بىزگە تاماق ئېتىپ بەردى.

- ھە، قورسۇقۇڭ ئاچ قالمىغان بولسا ياخشى.

-دادام يوققۇ؟

- ئىشىم بار دەپ چىقىپ كەتكەن. مەن ئانام بىلەن شۇنداق قىسقىلا پاراڭلىشىپ، يەنە ئويۇن توغرسىدا ئويلىنىشقا باشلىدىم. ئانام سىزىپ قالغاندەك مەندىن نىمە خىيال قىلىۋاتىسەن دەپ سورىدى. مەن ئەتە ئوغلاق قوزا ئويۇنىدا بەيگىگە چۈشۈپ بەسلىشىدىغانلىقىمىز توغرسىدا ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم.

- ھە، ئەتە يەنە ئوينىغىلى چىقامسەن؟

- ھەئە.

- دۈشەنبە مەكتەپكە بارىدىغان تۇرساڭ، سەن تېخى ئۆتكەن ھەپتىدىكى دەرسلىرىڭنى تەكرار قىلمىدىڭ، داداڭ ھەرگىز ئۇنمايدۇ.

- ئەمسە ھازىردىن باشلاپ كەچكىچە تەكرار قىلاي، دادامغا دەپ مېنى چىققىلى قويە ئانا، ئەتىدىكى بەيگىمىز بەك مۇھىم. بولمىسا ئۇلار بىزنى قورقۇنچاق دەپ قالىدۇ.

- ماڭە ئەمسە كىرىپ، تەكرار قىل!

- ماقۇل، مېنىڭ ئانام بەك ياخشى. مەن ئانامنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويۇپ، ئىچىدىكى ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ بوغچامنى ئېچىپ تەكرار قىلىدىغان دەرسلىك ماتىرىياللارنى ئالدىمغا تىزىدىم. لىكىن كاللامنى ئەتىدىكى ئويۇن بىر ئالغان ئىدى. ئەلقەم ۋە ئۇ قاتارىدىكى بالىلارنى قانداق قىلغاندا مەغلۇپ قىلغىلى بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قانداق يىتەرسىزلىكلىرى بارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتاتتىم. بىراق ھەرقانچە قىلىپمۇ بىر قاراپ ئۇلارنىڭ يىتەرسىزلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ- دە. شوڭا ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇشمىز كېرەك، مېنىڭ كۆزۈتۈپ بىلەلىگىنىم ئۇلارنىڭ سىرىتقى قىياپىتىدىكى ئالاھىدىلىكلەر، مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، مەن ئاۋال بالىلارنى بىر ئورۇنلاشتۇرۇپ تىزىپ باقاي. بەلكىم پەرھات ۋە باشقىلارمۇ ياخشى چارە ئويلاپ تېپىشى مۇمكىن. مېنىڭ چارارەم بىلەنلا ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىۋېتەمدۇق تېخى؟

سىرتىدىن دادامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن ئۇنى مېنىڭ تەكرار قىلىۋاتقىنىمنى كۆرسۈن دەپ چاقىرىپ، قەستەن بىر مەسىلىنى سورىدىم. دادام كىرىپ ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويدى ۋە داۋاملىق مۇشۇنداق تىرىشىپ ئۆگەن بالام دەپ بېشىمنى سىيلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. دادام ئىشكنى يېپىپ چىقىپ كېتىشى بىلەنلا مەن يەنە ئويۇنىمىزدا بالىلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇپ ئويناش ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە باشلىدىم. بىزنىڭ بالىلارنىڭ ھەممىسنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىللىكلىرى بار، ئەگەر ئەلقەملەر بىزنىڭ يىتەرسىز تەرەپلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ كەتسە چاتاق بولىدۇ. ئويۇندا جەزمەن ئالاھىدىلىكىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرشىمىز كېرەك.

- جۈرئەت بالام، تامىقىڭنى يە، تاماق پىشتى.

- ھە، مانا ئانا، مانا... تامىقىمنى يەپ بولۇپ، ماتىرىياللىرىمنى قايتىدىن قولۇمغا ئالدىم. ئەمما، كاللامدا يەنە شۇ خىيال... سەنەۋەر تەلەيلىك، ئەتىدىكى مۇشتۇم شاپىلاق چىقىرىشتىمۇ  قوزىنى تاشلاپ بىرىش پۇرستىگە ئىرىشسە، پەللىدىن چىقىش ھەممىدىن مۇھىم، ئەخمەتنىڭ سۆرئىتى تىز، ئەخمەت بىرىنچى بولۇپ، قوزىنى تۇتىۋېلىپ، قوشاق ئېيتىپ تاقىلاپ ماڭسا، ناۋادا ئۇ  قوشاقنى ئۇنتۇپ قېلىپ داۋاملاشتۇراممىغىدەك بۇلسا چىمەن يۈگىرەپ ئۈلگىرەلەيدۇ.. توختا، ھىلىقى شاپاق دوپپىلقنى بوش چاغلاشقا بۇلمايدۇ، مەن مەيداندا سەگەك تۇرۇپ ئۇنى كۈزىتەي...

ــ جۈرئەت تۇرە ئورنىڭدىن!

مەن كۆزۈمنى يىرتىپ دېگەندەك ئاران ئاچتىم. ئاخشام قانداق بولۇپ ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيۋاتاتتىم، ماتىرىياللىم ۋە مەن ئاخشام ئۆگىنىش قىلىپ ئولتۇرغان جوزا ئۆز جايلىرىغا رەتلىك تىزىلغان ئىدى.

- ھېي جۈرئەت نىمە قىلىۋاتىسەن؟ چىقە مايەرگە. بۇ دادامنىڭ ئاۋازى ئىدى. مەن ھاپلا شاپلا كىيىملىرىمنى كىيىپ، دەرھال ھويلىغا چىقتىم. دادامنىڭ قاپىقى تۈرۈكلۈك تۇراتتى. ئەستا، ئۇ ئەتىگەندە نىمەگە ئاچچىقلىنىپ قالغاندۇ؟ چاتاق بولدىدە، ئەمدى ئوينىغىلى چىقارتىمسا قانداقمۇ قىلارمەن.

- دەم ئېلىش كۈنى بولسىلا ئۇخلاپ ياتماي، ياردەملەش ئاناڭغىمۇ؟

- ماقۇل دادا دىدىممەن، خىجىل بولغان ھالدا يەرگە قاراپ... دادام ناشتا قىلىپ بولۇپلا، لام- جىم، دېمەي كەتمەننى مۈرىسىگە ئارتىپ چىقىپ كەتتى . مەن ئانامنىڭ يېنىغا بېرىپ، دادامغا نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدىم. ئانا ئەتىگەندە سېكىرتارنىڭ دادامنى ھاشارغا توۋلاپ كەلگەنلىكىنى، دادام تېرىقچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى تۇرسا، ھاشار دەيسىلەرغۇ دېسە. ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز يوق، ئەگەر بارمىساڭلار، جەرىمانە قويۇلغاندىن باشقا، يەرلىرىڭلەرگە سۇ بېرىلمەيدۇ دەپ قوقاق سېلىپ كېتىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. دادام كەتكەندىن كىيىن، مەن ئانامغا ياردەملىشىپ، ئۆينىڭ ئىشلىرىنى بىرەر قۇر تۈگەتتىم. ئەمدى چىقاي دەپ تۇرۇشۇمغا دەرۋازىدىن پەرھات كىرىپ كەلدى. مەن ئانامغا ئاخشام دىيىشكىنىمىزدەك ئوينىغىلى بارىدىغانلىقىمنى دېدىم. ئانام بالدۇرىراق قايتىپ كېلىشىمىزنى ئېيتىپ، بېرىشىمىزغا قۇشۇلدى. پەرھات بىلەن ئىككىمىز چېپىپ يۈرۈپ سەنەۋەردىن، باشقىلارنى تىزلا توۋلاپ چىقتۇق. سەنەۋەرنى ئۆيىگە كىرىپ، ئاۋالقىدەكلا ھەممەيلەن بىرگە چاقىرىپ چىقىش قارارىغا كەلگەن ئىدۇق. ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە، سەنەۋەرنىڭ ئاپىسى بىزنى يەنىلا قىزغىن كۈتىۋالدى. مەن ئۆيگە كىرىپلا تاغامنىڭ يوقلىقىنى بايقاپ، ئۇنى بىر يەرگە كەتتىمۇ دەپ سورىدىم. مايسىخاچام بىزگە، ئەتىگەندە سېكىرتارنىڭ كېلىپ، ھاشارغا بېرىشنى ئېيتقانلىقىنى، تاغامنىڭ پۇتىنىڭ يارلانغانلىقىنى دېگەن بولسىمۇ ئۆيدىن زادى بىر ئادەم بارمىسا بولمايدۇ دەپ تۇرۋالغاچقا، تاغام، مايسىخاچامنىڭ بېرىشىغا قۇشۇلماي ئۆزى كەتكەنلىكىنى دەپ بەردى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەممىمىزنىڭ ئىچى ئاچچىق بولۇپ كەتكەن ئىدى... بىز ئۆيدە قىلىدىغان ئىشلار بولسا قىلىشىپ بېرەيلى دېگەن بولساقمۇ، مايسخاچام قىلىدىغان ئىشلارنى تۈنۈگۈن قىلىپ تۈگىتىۋەتتىڭلار، ئەتىگەنياقى سەنەۋەر بىلەن ئىككىمىز ئۆينىڭ ئىشلىرىنى بىرەر قۇر قىلىپ تۈگەتتۇق. بالىلىرىم ياخشى ئىش قىلغىلى ماڭدىڭلار ھەقىچان، مەن سىلەرنى پۇتلىماي، تىزىراق مېڭىڭلار دەپ سەنەۋەر بىلەن بىزنى يولغا سېلىپ قويدى. بىز سىرىتقا چىقىپ، بۇ ئەھۋالدا ھامان قىلىدىغان باشقا ئىشىمىزمۇ يوق ئىكەن، بولدى بېرىۋېرەيلى دىيىشىپ، تۈنۈگۈن جۈپ تېرەكتىكى بالىلار بىلەن پۈتۈشۈپ قويغان جايغا قاراپ يول ئالدۇق. بىز كېلىپلا سانجاق- سانجاق تەرەكتۇرلارنىڭ كۆلدەش ئۆستەڭ بويىغا توختىلىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ يەر بۈگۈن تۈنۈگۈنكى نۇرۇز مەشىرىپى كۈنىدىكىگە ئوخشاشلا ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇلار قوللىرىدا ساپلا كەتمەن كۆتۈرۋالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ھاشارغا كەلگەنلەر ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى. بىز تۈنۈگۈن دىيىشىپ قويغان جايىمىزغا كىلىپ توختىدۇق. ئەمما ئۇ يەردە جۈپ تېرەك مەھەللىسىدىكى بالىلارنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيۋاتاتتى.

- بۇلار كەلمىدىمۇ نىمە؟ دېدى پەرھات ئەتىراپقا سىنچىلاپ قاراۋېتىپ.

- پو ئاتقىنى بىلەن قورققان چېغى! ئالىم كۈلۈمسىرەپ سۆزلەپ كىرىلىپ، ئىككى تەرەپكە تولغىنىپ قويدى.

- سائەت 10 دا دەۋاتقان سائەت 10 بولمىدىمۇ يە؟ سەنەۋەر شۇنداق دەپ سائەت ئىزدەۋاتقاندەك ئۇيان- بۇيانغا قارىدى.

- ھە راست، مەن بېرىپ ئاۋۇ تاغامدىن سوراپ باقاي، سائەت نەچچە بولدىكىن؟ يېڭى تۈرۋېلىپ، كەتمەننىڭ دەستىسنى تۇتۇپ تۇرغان تاغامنىڭ يېنىغا يۈگىرەپ بېرىپ سائەت سورىدىم. تاغام سائەتنىڭ دەل 10 بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئالىم مېنىڭ سائەت 10 بوپتۇ، دېگىنىمنى ئاڭلاپلا، - ئۆزى كېچىكسە قورققانغا ھېساپ دەۋاتتى. مەن دېدىمغۇ ئۇلار قورقۇپتۇ. بولدى، ئۆزىمىز ئوينايلى مېڭىڭلار بالىلار ئات ئېلىپ كېلىمىز. دەپ مەجنۇنتاللار بار تەرەپكە ماڭدى.

- توختاپ تۇرغىن ئالىم ئاداش. سائەت ئەمدى 10 بوپتۇ، بەلكىم ئۇلار ئەمدىلىكتە كىلىپ قالار. دەپ ئۇنىڭ قەدىمىنى توختاتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ساقلاشقا باشلىدۇق. خېلە بىر ۋاقىت ساقلىغان بولساقمۇ ئۇلارنىڭ سايىسى كۆرۈنمەيتتى. مەن بۇ جەرياندا ئىككى قېتىم بېرىپ، سائەت سوراپ كەلدىم. بىرىنچى قېتىم بارغىنىمدا ئوندىن ئىككى چارەك ئۆتتى دېگەن، بۇ قېتىم 11 بولدى دېدى. ئالىم ‹كەلمەيدىغانلارنى ساقلاۋېرەمدۇق؟›، ‹ئويۇنىمىزنى ئويناپ قايتىدىغان گەپتى ئەسلى› دەپ غودىراپلا تۇراتتى. پەرھات ماڭا قانداق قىلىمىز ئاداش، دېگەن قىياپەتتە قارىدى. مەن بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۋالغاندىن كىيىن، ئۆزىمنىڭ ئويىنى ئۇدۇللا ئېيتتىم.

- بەلكىم ئۇلارنىڭ ئىشى چىقىپ قېىلىپ كېلەلمىگەندۇ؟ بىزنىڭ ياخشى  ئىش قىلىش ئويىمىزمۇ بولغاندىكىن، ئۇلارنىڭ مەھەللىسىگە بېرىپ، ئىشلىرىنى تۈگۈتۈشۈپ بىرىپ ئوينايلى!

- نى، نىمە؟ بىز ئۇلارنىڭ ئىشىنى تۈگۈتۈشۈپ بىرىپ، ئاندىن ئۇلار بىلەن ئوينامدۇق؟ چاقچاق قىلما جۈرئەت، ئەگەر بارغۇڭ بولسا ئۆزۈڭ بار، مەن بارمايمەن. ئالىم شۇنداق دەپ مېنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىۋاتاتتى. مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي پەرھاتقا قارىدىم. ئۇ مېنىڭ پىكىرىمنى قوللاپ بېشىنى لىڭىشتتى ۋە ‹ئالىم ئاداش، سەن تۈنۈگۈن ھېلىقى قىڭغىر دوپپىغا ئۆزۈم تېتىيمەن دېگەن ئىدىڭغۇ؟ بۈگۈن ئوينىيالمىساق سەن ئۇنىڭغا تېتىغان بولمايسەن؟› دەپ ئالىمنى كۆندۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئالىم پەرھاتنىڭ سۆزى ئاڭلاپ ئازىراق تۇرۇپ كېتىپ، -ماقۇل، مەن بۈگۈن ئۇ قاسماق دوپپىغا قانداقلا قىلمىسام ئۆزۈمنى بىر كۆرسۈتۈپ قويمىسام بولمىغىدەك› دېدى. ئالىم قۇشۇلغاندىن كىيىن باشقا بالىلارمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي، بېرىشقا ئۇنىدى. بالىلار ئۇدۇل جۈپ تېرەك مەھەللىسىگە قاراپ مېڭىپ كەتتۇق.

بىز تاختا- تاختا ئېتىزلار ۋە بىرقانچە كىچىك كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ئاخىرى بۈك- باراقسان دەل دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان جۈپ تېرەك مەھەللىسىگە يېتىپ كەلدۇق. دەرەخلەرگە ئېسىلىپ تۇرغان پوتلىلار ئاجايىپ گۈزەل بىر مەنزىرىنى ھاسىل قىلىپ، بۇ مەھەللىگە باشقىچە ھۆسۈن قوشقان ئىدى. مەھەللە ئىچىگە كىرىپ خېلە بىر چاغقىچە ماڭغان بولساقمۇ بىرەر كىم ئۇچرىمايۋاتاتتى. بىز ئەسلى يولدا ئۇچىرىغان بىرەرىدىن ئەلقەمنىڭ ئۆيىنى سوراپلا ئۇدۇل شۇ ئۆيگە كىرىشنى ئويلاشقان ئىدۇق.

-بۇ مەھەللىدىكى خەق نەگە كەتكەندۇ ئەمدى؟ مەن ھەيرانلىق بىلەن بالىلارغا قارىدىم. ئۇلار ئۇقمىدۇققۇ دېگەندەك بېشىنى چايقىدى. تۇيۇقسىزلا بىرىنىڭ يۆتەلگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ، ئۇدۇلىمىزدىكى دەرۋازىدىن ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي ھاسىسىنى تايانغانچە چىقىتى. مەن ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگىرەپ بېرىپ، ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم بوۋا دەپ قولۇمنى ئۇزارتتىم. بوۋاي، كۈلۈمسىرەپ ۋەلەيكۇم ئەسسالام دەپ ماڭا قول بەرگەندىن كىيىن، بىرەر ئىشىڭ بارمىدى بالام دېدى.

-ئەلقەمجاننىڭ ئۆيى قەيەردىدۇ؟

- قايسى ئەلقەمجاننى دەيسەن بالام؟ بوۋاي ئاڭقىرالمىغاندەك ماڭا سۇئال نەزىرىدە قارىدى.

- ھېلىقى شاپاق دوپپا كىيىۋالىدىغان، بويى مەندىن ئېگىزىرەك كېلىدۇ.

- ئۇنىڭ دادىسى ئالدىنقى كۈندىكى ئوغلاق تارتىشىشتا بىرىنچى بولغان ئىدى. دېدى پەرھات تولۇقلاپ.

- ھە، ئەنۋەرجاننىڭ بالىسى ئەلقەمجان. ئۆھۆ، ئۆھۈ... بوۋاي بىر قېقىلىپ توختىغاندىن كىيىن، -ئاۋۇ ئۆي شۇ، دەپ ھاسىسى بىلەن يان تەرەپتىكى ئۈچىنچى ئۆينى كۆرسەتتى. بىز ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ ئەلقەمنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلدۇق.

بۇ ئۆينىڭ دەرۋازىسى قوش قانات بولۇپ چىرايلىق نەقىشلەر بىلەن نەقىشلەنگەن ئىدى، ھويلىدىن ئىتنىڭ ھاۋىشىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىز بېرىپ دەرۋازىنى قاقتۇق. ئىچىدىن ئەلقەمنىڭ كىمۇ؟ دېگەن زۇۋانى كەلدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ تۈنۈگۈن ئويناشنى پۈتۈشۈپ قويغان بالىلار ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتىپ تۇرۇشىمىزغا، دەرۋاز ئېچىلدى. ئەلقەم چىرايلىق سالام قىلىپ، ئوغۇللار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئۇ بىزنى كۆرۈپلا قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىز سورىغىچە، ئۇ چۈشەنچە بىرىپ ئۈلگۈردى.

- دادام ھاشارغا چىقىپ كەتكەن، ئانام بوۋامنىڭ مىجەزى يوق بولغاچقا، بوۋاملارنىڭ ئۆيىگە كەتكەن ئىدى. ئۇ مەن كەلگۈچە ئۆيدىكى ئىشلارنى قىلغاچ، بىر يەرگە كەتمەي تۇر دېگەچكە، ئۆيدىن چىقالماي قېلىپ ۋەدەمدە تۇرالمىدىم. خاپا بولماڭلار ئاغىنىيلەر.

- ھە، ھېچقىسى يوق. بىزمۇ شۇ ساڭا ياردەملىشەيلى دەپ كەلگەن ئىدۇق. ئۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپلا، ھەيرانلىق ھىس قىلىپ، تۇرۇپ قالدى.

- بىز ساڭا ئىشلار بولسا قىلىشىپ بېرەيلى، ئۇنىڭغىچە ئاناڭمۇ كېلىپ قالار، ئۇ كەلگەندە بىرگە ئوينىغىلى چىقايلى قانداق؟  ئەلقەم ئەمدى، مەقسىدىمىزنى چۈشەندى بولغاي، كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭىشتتى.

بىز ھويلىغا كىردۇق. ھويلا ئىچى ئەتىگەن پاكىزە تازلانغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما، ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىپ، قاقاقلاۋاتقان توخۇلار، ئۆگزىدە ۋە تال قالىقلاردا كۈيلىشىپ بۇقۇلداۋاتقان كەپتەرلەرنىڭ ماياقلىرى  ئۇ يەر بۇيەرلەردە چېچىلىپ تۇراتتى.

بىز ھويلا ئاراملاردىكى ماياقلارنى پاكىزە سۈپۈرۈپ، سۇ سېپىپ، توخۇ، كەپتەرلەرگە دان بىرىپ دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ تۇرساق، ئەلقەمنىڭ ئانىسىمۇ قايتىپ كەلدى. ئەلقەمنىڭ ئانسى بىزنىڭ ئەلقەمگە ياردەملىشىپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرگىلى كەلگەنلىكىمىزنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خوشال بولدى ۋە چۈش بولۇپ قالدى قورسىقىڭلارمۇ ئاچقاندۇ، دەپ  ئەلقەمنى بىزگە دەرھال داستىخان سېلىشقا بۇيرىدى.

ئەلقەم داستىخاننى سېلىپلا شېكەر توقاچ ۋە ئاق نانلارنى تىزىدى  ھەمدە ھەر بىرىمىزنىڭ ئالدىغا قويۇلغان پىيالىگە لىقلاپ چاي قۇيدى.

بىز چايدىن كىيىن، ماڭىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق ئەلقەمنىڭ ئانىسىمۇ ئۇنىڭ بىز بىلەن بىرگە چىقىشىغا قۇشۇلدى.

بىز سىرىتقا چىقىپلا باشقا بالىلارنى چاقىرىش ئۈچۈن، ئەلقەمگە ئەگەشتۇق. ئۇ يولدا بىزگە مەھەللىدىكى بالىلار ۋە ئويۇن توغرسىدا سۆزلەپ ماڭدى.

- بىزنىڭ مەھەللىدە دائىم بىرگە ئوينايدىغان سەككىزىمىز بار، ئۇلار تۈنۈگۈن سىلەرگە ئۆزىنى تونۇشتۇرغانلار شۇ. بىز بۇرۇنتىلا ئوغلاق- قوزا ئويۇنىنى بەك ياخشى كۆرەتتۇق. مەھەللىمىزدە بىر بوش يەر بولىدىغان، ئىلگىرى ئويۇننى شۇ يەردە ئوينايتتۇق. ھازىر ئۇ جاينى بوز يەر ئۆزلەشتۈرىمىز دەپ ئاغدۇرۋەتتى. باشقا ئېتىزلاردا ئوينايلى دېسەك، يەر ئېگىلىرى خاپا بولۇپ قوغلاپ كېتىدىكەن. شوڭا مەھەللە ئاتلاپ، ئويناشقا مەجبۇر بولدۇق. ئۇ شۇلارنى دەۋېتىپ، مانا بۇ سادىقنىڭ ئۆيى دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئۆينىڭ چىرايلىق نەقىشلەنگەن دەرۋازىسى يوق ئىدى. پەقەت چىت قويۇپلا ئېتىلگەن شاخشىسى بولۇپ، ئۆينىڭ تاملىرىنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىمۇ ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى. ئەلقەم ئۇنى چاقىرمايلا شاخشىنى ئىتتىرىشكە باشلىدى. بىز ئۇنىڭغا چاقىرىپ ئاندىن كىرسەك بولمامدۇ دېسەك، ئۆيدە ھازىر باشقا ئادەم يوقلىقى ئېنىق، ئانىسى ئۆتكەن يىلى تۈگەپ كەتكەن، دادىسى بۇ ۋاققا ئاللىقاچان ھاشارغا چىقىپ كەتتى. شوڭا چاقىرىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى، ئۆيدە ئۇ يالغۇز دەپلا شاخشىنى ئېچىپ كىرىپ كەتتى. بىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىردۇق. ئەلقەمنىڭ دېگىنىدەكلا، سادىق ئۆيىدە يالغۇز بولۇپ، بىز كىرگەندە ئۇ تامغا يۆلىنىپ، خىيالغا پېتىپ ئولتۇرغان ئىدى. بىزنىڭ كىرگىنىمىزنى سەزمىگەن بولسا كېرەك، ئەلقەم بېرىپ بېشىدىكى شاپاق دوپپىسى بىلەن يىنىك بىرنى ئۇرغاندا ئاندىن بىزگە قارىدى. ئۇ بالىلارنى كۆرۈپلا گاڭگىراپ قالغاندەك لام- جىم دېمەي تۇرۇپ قالدى. ئەلقەم بىزنىڭ ئاتايىتەن ئۇلار بىلەن ئويناش ئۈچۈن كەلگەنلىكىمىزنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگىرەپ، بىز بىلەن بىرمۇ- بىر سالاملاشتى. بالىلار سادىقنى ئېلىپ، جۇشقۇننىڭ ئۆيىگە كىردۇق. جۇشقۇن، سادىق بىلەن قوشنا ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئۆيى پۈتۈنلەي خىش ئۆي بولۇپ، تاملاردىكى چىرايلىق نەقىشلەر ۋە ھويلىلىرىدىكى گۈل تەشتەكلىرى بىلەن سادىقنىڭ ئۆيىدىن ئاسمان، زېمىن پەرىق قىلاتتى. ئەلقەم ئۇنىڭغا ئوغلاق- قوزا ئويۇنى ئويناپ كېلەيلى ئاداش دېگەندە، ئۇ بىزگە مەنسىتىمىگەندەك قاراپ قويۇپ، بارمايمىكىن ئاداش دەپ تۇرىۋالدى. ئەلقەم ئۇنى ئايرىم چاقىرىپ، نىمىدۇر بىر نىملەرنى چۈشەندۈرۈپ سۆزلىگەندىن كىيىن، ئاندىن بېشىنى لىڭىشتىپ دەرۋازا تەرەپكە قاراپ قەدەم ئالدى. بىز شۇنداق قىلىپ، دىلشات، ئابدۇراخمان، ھەسەن، ھۆسەن ۋە ئامانگۈل قاتارلىق بالىلارنىمۇ بىر- بىرلەپ چاقىرىپ چىقتۇق.  بالىلار ھەممىمىز تولۇقلىنىپ بولۇپ، تۈنۈگۈن ئوغلاق قوزا ئويۇنى ئويناش ئۈچۈن پۈتۈشۈپ قويغا ئېتىزىمىزغا قاراپ يول ئالدۇق. يول بويى سەكرىشىپ چۇقۇرۇشۇپ ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا، بىزنىڭ مەھەللە تەۋەسىگە كىرىپ كەلدۇق. بىز ئېتىز بويىغا كەلگەندە ھاشارغا چىققان تاغىلار، كۆلدەش ئۆستەڭنىڭ ئەتىراپىدىن تېخى كەتمىگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆستەڭنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ چېپىۋاتاتتى. ئۆستەڭ ئەسلىدىكىدىن كەڭرىلىشىپ، ئوي بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئەلقەم بۇنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا، ۋاھ، يازدا سۇغا چۈمۈلسەك بەك پەيزى بولىدىغان بولدىدە، ياز كەلگەندە يەنە بىرگە سۇغا چۆمۈلۈپ ئوينايلى بالىلار دېدى. بىز ئۆستەڭ چېپىۋاتقانلارغا بىردەم قاراپ تۇرۋېتىپ، ئاندىن ئويۇنىمىزنى ئويناش ئۈچۈن، مەجنۇنتاللاردىن ئات تاللاشقا باشلىدۇق. مەن ئاۋۇ ئالىمەن، مەن ماۋۇنى... بالىلار شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن بىر نەچچە تال چىۋىقنى سۇندۇرۇپ ئېلىشىمىزغىلا، ‹- ھېي، نىمە قىلىشۋاتىسەن› دەپ بىرىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بىز چۆچۈپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدۇق. شەپكىسىنى چۆكۈرۈپ كېيىۋالغان، بۇرۇتلۇق بىر ئادەم كېلىپ بىزنى تىللاپ كەتتى.

- بىر چىرايلىق سۆگەتنىڭ شاخلىرى نەرىڭگە پۇتلاشتى.

- بىز شۇ ئات ياساپ، ئوغلاق- قوزا ئويۇنى ئوينايلى دېگەنتۇق. دېدى ئەلقەم كالپۇكلىرى تىتىرەپ تۇرۇپ.

- بۇنى پۇتىمىساڭ ئوينىغىلى بولمامدىكەن ئۇيۇننى؟

- ئەمسە ئاتنى نىمىدە ياسايمىز.

- ماڭەۋا شۇملار... دەپ ئۇ ئادەم كەتمەننى كۆتۈرۈپ بىزنى قوغلىدى. بىز خېلە بىر ياقلارغىچە پاتپاراك بولۇپ قېچىپ كەتتۇق.

- ئەمدى قانداق قىلارمىز؟ ھاسىراپ، ھۈمۈدەپ يۈرۈپ بالىلارغا قارىدىم. ئەلقەم ھاسىراشتىن توختاپ، ئەڭ ياخشىسى بىز ئاتنى بۇيەردىكى سۆگەتلەردىن ئالمايلى، مەن بىر ياخشى جاينى بىلىمەن، ئۇ جايدا بىزنى قوغلايدىغان ئىنسى- جىن يوق، دېدى. ھەممەيلەن ئۇنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلۇپ ئەگىشىپ ماڭدۇق. ئەلقەم بىزنى باشلاپ، مەھەللىنىڭ چېتىدىكى بىر دۆڭ (قۇم دۆۋىسى) بار جايغا ئېلىپ كەلدى. مەن ئىلگىرى دادام بىلەن بۇ يەرگە قۇمغا كۆمۈلگىلى بارغان ئىدىم. دۆڭنىڭ ئارقىسىدا بىر كىچىك ئېرىق بولۇپ، ئېرىقنىڭ ئەتىراپىدىمۇ قاتار- قاتار مەجنۇنتاللار بار ئىدى. ئەمما، بۇ مېنىڭ ئېسىمگە پەقەت كەلمەپتىكەن. مەن ھەيران بولغان ھالدا، ئەلقەمدىن سەن بۇ يەرنى قانداق بىلىسەن دەپ سورىدىم. ئۇ تۈنۈگۈن بىز ئويۇننى ئەنە ئاۋۇ يەردە ئوينىغان دەپ، ئېرىقنىڭ يان تەرپىدىكى بىر جاينى كۆرسەتتى. ئۇ يەر كەڭ كەتكەن شورلۇق يەر ئىدى. بىز بالىلار بىلەن ئۇيۇننى مۇشۇ يەردە ئويناشقا كىلىشىپ، مەجنۇنتاللاردىن ئات ئېلىشقا تۇتۇش قىلدۇق. بالىلار ھەممىمىز ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان چىۋىق ئاتلىرىمىزنى مېنىپ چوقۇرۇشۇپ بىر ئىككىنى پىقىرۋېتىپ، قوزا ياسايلى دەپ بىر يەرگە يىغىلدۇق.

- قوزىنى بۇيىدىن ياسامدۇق؟ دېدىممەن بالىلارغا تەكلىپ بىرىپ.

- بۇيىدىن ياسالغان قوزا، جانسىز چىقىپ قالىدۇ. قوزىنى ئالدىرسىماندىن ياسايلى، ئالدىرسىماندىن ياسالغان قوزا ياخشى چىقىدۇ. ئەلقەمنىڭ بۇ پىكىرىگە ھەممەيلەن قۇشۇلدۇق.

بالىلار ئالدىرسىمان يىغىپ كىلىش ئۈچۈن تەرەپ- تەرەپكە چېچىلىپ، ئوت چۆپلەر ئارىسىدىن ھەم ئۇزۇن، ھەم تومراق بولغان ئالدىرسىمانلارنى يۇلۇپ كەلدۇق. يىغىپ كەلگەنلىرىمىزنى بىر يەرگە توپلانغاندىن كىيىن، ئەلقەم ئۇلارنى مەجنۇنتالنىڭ ئىنچىكە چىۋىقلىرى بىلەن باغلىدۇق. ئەلقەمنىڭ قوزا ياساشتا ھەقىقەتەن پەمى بار ئىدى. ئۇ ياسىغان قوزا جانلىق چىققان بولۇپ، تۈنۈگۈن بىز ياسىغان قوزىغا قارىغاندا كۆپ سۈپەتلىك كۆرىنەتتى. ئۇ قوزىنى بىر ئىككى پىقىرىتىپ ئاسمانغا ئاتتى. ئارقىدىنلا ‹ئەگەر قوزا مەھكەم باغلانمىسا، پىقىراتقاندىلا بوشاپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا بوشاپ كەتكەن قوزا، بىز تارتىشىۋاتقاندا  جەزمەن چوۋۇلۇپ كېتىدۇ› دەپ چۈشەنچە بىرىپ قويدى. ئىلگىرى بىزنىڭ مەھەللىدىكى بالىلار ئوغلاق- قوزا ئويۇنى ئوينىغاندا بۇ تەرەپكە دىققەت قىلماپتىكەنمىز، شوڭا گاھىدا قوزلىرىمىز چوۋۇلۇپ  كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ئىدى.

- ئەمسە، ئويۇننى قائىدىسنى دىيشىپ بىرلىككە كېلىۋالايلى! قائىدلىرىمىزدە پەرىقلەر باردەك قىلىدۇ، دېدى ئەلقەم بىزنىڭ بالىلارغا قاراپ.

- شۇنداق پەرىقلەر بولۇشى مۇمكىن، ئەمسە سەن ئاۋال دېگىن. ئەلقەم بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ بېشىنى لىڭىشتتى.

- ئەڭ باشتا ئويۇننىڭ ئاساسى قائىدىلىرىنى بىكىتىۋالايلى! بىز بەسلىشىمىز دەۋاتىمىز، بۇنداق بولغان ئىكەن، يېڭىش- يېڭىلىش ئېنىق ئايرىلىشى كېرەك. شوڭا بىز مەكتەپتە ۋالىبول ئوينىغاندەك ئىككى ئۇتۇق ئوينايلى! قايسى تەرەپ ئىككى قېتىم ئۇتۇپ چىقسا شۇ تەرەپ غەلبە قىلغان بولسۇن! بىز قوزىنى ئېلىپ ماڭىدىغان مەيدانىمىزنىڭ دائىرىسى ماۋۇ ئېرىقنىڭ قىرى بىلەن ئاۋۇ چەتتىكى يالغۇز تېرەك بولسۇن. بالىلار ئەلقەمنىڭ ئىككى ئۇتۇق بولسۇن دېگەن پىكىرىنى قوللاپ، ئۇ كۆرسەتكەن دائىرىگە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن، ماقۇللىقىمىزنى بىلدۈردۇق. ئەلقەم ئارقىدىنلا ئويۇنىمىزدىكى قىسمەن پەرىقلەر توغرسىدىكى سۆزىنى باشلىدى.

- سىلەر ئادەتتە ئانىنىمۇ ئويۇنغا قوشۇپ ئوينايدىكەنسىلەر، ئانا ئەسلى ئويۇننى سىرىتتىن كۆزۈتۈپ، يىتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. يەنە، مەيداندا غەيرى ھەركەتلەر بولۇنۇپ تالاش- تارتىش كېلىپ چىققاندا، ئىككى ئانا مەيدانغا چۈشۈپ ئايرىشى زۆرۈر. بۇنداق بولغاندا، سۈركۈلۈش بولۇپ، تەگىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولمايدۇ. بالىلار ھەممىمىز بۇ پىكىرنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى ئېيتىشىپ، تامامەن قۇشۇلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. ئەلقەم يەنە قوشاق بىلەن ھەركەتلىرىمىزنى ماسلاشتۇرۇپ مېڭىش جەريانىمىزنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى. باشقا ئىنچىكە قائىدىلەر ھەممىمىزگە چۈشىنىشلىك بولغاچقا، ئىككى گوروپپىغا بۆلۈنۈپ چىقتۇق. ئەلقەملەرنىڭ گوروپپىسنى، ئانا بولغۇچى ئامانگۈل ئۆزى تاللىغان ئىدى. ئۇلاردىن دىلشات، جۇشقۇن، ئابدۇراخمان ۋە ھەسەن، ھۆسەنلەر بىر گوروپ بولۇپ تەييارلىنىپ، ئەلقەم مەيدانغا چۈشۈرۈلمىدى. بىز قاتتىق ھەيران قالدۇق. نىمىشقىلىقىنى سوراىساق ئامانگۈل كۆز قىسىپ قويۇپ، ئويۇننى باشلايلى دەپلا ئارتۇق گەپ قىلىمىدى. ئەلقەم بىلەن سادىق ئېرىقنىڭ بويىدا زاپاس ئەزا بولۇپ ئولتۇراتتى. بىزنىڭ گوروپتا ئارتۇق ئادەم بولمىغاچقا سەنەۋەردىن باشقا ھەممەيلەن مەيدانغا چۈشۈشكەن ئىدۇق.  

بىز تەرەپتىن سەنەۋەر، قارشى تەرەپتىن ئامانگۈل مۇشتۇم شاپىلاق چىقىرىپ، تۇنجى قېتىملىق قوزىنى چۆرۈپ بىرىش پۇرستىنى تالاشتى. مۇشتۇم، شاپىلاق چىقىرىشتا سەنەۋەر يېڭىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، قوزىنى ئېلىپ مېڭىش پۇرستى بىزنىڭ گوروپنىڭ بولغان ئىدى.

سەنەۋەر قوزىنى ئەخمەتكە قارىتىپ چۆرىدى. ئەخمەت چاققانلىق بىلەن ئۇنى تۇتىۋېلىپ، ھەركىتى بىلەن قوشاقنى ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ ماڭدى. ئۇ تىز يۈگىرەيدىغان ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھەممىنىڭ ئالدىدا كېتىپ باراتتى. دەرۋەقە، يەنە ئۇنىڭ ئۇنۇتقاقلىقى تۇتۇپ، قوشاقنى ئۇنتۇپ قالغاچقا جايىدا تۇرۇپ قالدى. بۇ چاغدا ، چىمەن يۈگىرەپ بېرىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى قوزىنى ئالدىدە، قوشاق بىلەن ئۆزىنىڭ تاقىلاش ھەركىتىنى ئىنتايىن چىرايلىق ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرلىدى. مەن ئەسلى چىمەن قوشاقنى يەنە خاتا تەلەپپۇزدا ئوقۇپ تاشلاشقا مەجبۇر بولىدۇ، شۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ گوروپپىدىكى بىرھەيلەن ئۇنى ئېلىۋېلىپ داۋاملاشتۇرىمىز دەپ پەملىگەن ئىدىم. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن قارشى گوروپپىدىكى ئابدۇراخمان دېگەن بالا تىزلىكتە چىمەنگە ياندىشىپ كېلىپ قوزىنى تارتىۋالدى. ئابدۇراخمان نىگىر ماھىرلارغا ئوخشاشلا تىزلىككە ئىگە بولۇپ، تاقىلىغاندىمۇ چوڭ- چوڭ قەدەم ئېلىپ تاقىلايتتى. بىز ئۇنىڭ تىزلىكىگە ھەيران قالغان ئىدۇق. ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارلىقىمىز بارا- بارا  يىراقلاۋاتاتتى. ئەگەر بىز دەرھال بىر چارە تاپمىساق، ئۇ ئۆزى يالغۇزلا قوزىنى ئاخىرقى پەللىگە يەتكۈزۋالىدىغاندەكلا تۇراتتى. بىز قانداق قىلارىمىزنى بىلمەي تەمتىرەپ تۇرغاندا، ئەخمەت ئۇچقاندەك كىلىپ، بىزنى يانداپ ئۆتۈپ كەتتى، ئەسلى بايا قوشاقنى ئۇنتۇپ قېلىپ، قوزىنى چىمەن ئېلىپ ماڭغاندا ئارقىمىزدا قالغان ئىدى. ئۇ شۇنداق تىزلىك بىلەن يۈگىرەپ بىردەمدىلا ئابدۇراخمانغا يېتىشىپ يانمۇ- يان كەلدىدە، ئۇنىڭ قولىدىن قوزىنى تالاشتى. ئىككىسى قوزىنى تالىشىپ تىركىشىۋاتقاندا، پەرھات يۈگىرەپ بېرىپ، قوزىنى ئېلىپلا ئارىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى ئىنتايىن تۇيۇقىسىز بولغاچقا ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ قولىدىكى قوزىنىڭ قانداق بولۇپ، پەرھاتنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قالغان ئىدى. پەرھات قوزىنى ناھايىتى ئاۋايلاپ ئېلىپ كېتىۋاتاتتى، بەلكىم ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە يىقىلىپ چۈشۈپ، قوزىنىڭ قارشى تەرەپ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. توساتتىنلا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى. ھېلىقى سېمىز جۇشقۇن پەرھاتقا ياندىشىپ كېلىپلا، ئۇنىڭ قولىدىكى قوزىنى كۈچەپ بىر تارتىۋىدى، ئۇ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالماي يىقىلىپ چۈشتى. ئەلۋەتتە، جۇشقۇن ئۇنى سۇقۇپ يىقىتىۋەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇنى قائىدىگە خىلاپ ھەركەت دىيىشكە بولمايتتى. مەن كېلىپ پەرھاتنى يۆلىگىچە ، جۇشقۇن قوزىنى ئېلىپ تاقىلاپ ئۇزاپ كېتىۋاتاتتى. پەرھات بىلكىمگە ئېسىلىپ ئورنىدىن تۇردى. مەن ئۇنىڭ ئاتلىرىنى تىرىشتۈرۈپ قولىغا تۇتقۇزۇپ، مەسىلە يوقتۇ ئاداش، دېسەم، مەسىلە يوق چاپسان بولايلى دېدى. مەن ئالدىمغا قاراپلا چۆچۈپ كەتتىم. ئالىم بىلەن جۇشقۇن قوزىنى بىر ياققا تاشلاپ قويۇپ، مۇش پەشۋا ئېتىشقىلى تۇرغان ئىدى. تىزلىكتە ئۇلارنىڭ يېنىغا يۈگىرەپ باردىم. مەن ئالىمنى، ئەلقەم جۇشقۇننى تارتىپ ئېلىپ كەتتى.

- ئالىم، نىمە بولدى ساڭا؟ نىمىشا سۇقۇشىسەن؟ سورىدىممەن ئۇنىڭ  قىزىللىق تولۇپ كەتكەن كۆزىگە تىكىلگەنچە.

- ئاۋۇ ، مەن قوزىنى قائىدە بويىچە تالىشۋاتسام، بەدىنى بىلەن سوقىۋاتىدۇ. ئۇ سوققاندىن كىيىن، مەنمۇ سوقتۇم، تېپىۋاتىدۇ، مەنمۇ تەپتىم. ئالىم يەنە ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ئالدىغا ھىمىرگەن ئىدى. مەن ئۇنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇتىۋېلىپ، ماڭدۇرمىدىم. ئارىدا، سەنەۋەر بىلەن ئامانگۈل يۈگىرەپ كەلدى.

- ئالىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، جۇشقۇننى قەستەن سۇقۇشقا ئۇرۇندى. دېدى سەنەۋەر دادىللىق بىلەن سۆزلەپ. ئامانگۈلمۇ شۇنداق بولدى دەپ بېشىنى لىڭىشتتى.

- ماڭاۋاي، ئۇ ئەجەپ پەرھاتنى يىقىتىۋەتسە بولىدىكەن- يۇ، مەن ئازىراق سۈركىلىپ قويغانغا قائىدىگە خىلاپ بولامدىكەن؟

- پەرھاتنىڭ قولىدىكى قوزىنى جۇشقۇن تارتىپ ئالغاندا، تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالماي ئۆزى يىقىلغان تۇرسا، ئۇ قائىدىگە خىلاپ بولمايدۇ.

- ھەي سەنەۋەر سەن بىزنىڭ ئانىمىزمۇ ياكى دۈشمەننىڭمۇ؟ دۈشمەنگە يان بېسىۋاتىسنا تېخى، ساتقىن، خائىن... ئالىم ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەپ، سەنەۋەرنى ئۇرۇنسىز ئەيىبلەپ كەتتى. سەنەۋەر مەن خائىن ئەمەس دەپلا، - ھۈمۈدەپ يىغلاپ تاشلىدى.

ئالىمنى بالىلارنىڭ ئارىسىدىن تارتىپ، ئايرىم جايدا گەپ قىلدىم.

- ئاداش، بۇ دېگەن ئۇيۇن تۇرسا، نىمە قىلىسەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلار دۈشمەن ئەمەس، ئۇيۇندا بىزنىڭ رىقابەتچىمىز، ئۇيۇن تۈگىگەندە دوستىمىز.

- سەنەۋەر ئەمسە نىمىشقا ئۇلارغا يان باسىدۇ؟

- سەنەۋەر ئۇلارغا يان باسمىدى، ئۇيۇننىڭ قائىدىسى شۇنداق تۇرسا، بۇنى سەنمۇ بىلىسەنغۇ؟

- پەرھاتنى بېكارلا يىقىتىۋەتسە بولامدا جۈرئەت؟

مەن بۇنداق سۆزلىسەم، ئۇ گەپ يەيدىغاندەك قىلمايتتى. شوڭا باشقىچە ئۇسۇل قوللىنىپ گەپ قىلىپ ئۇنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇندۇم.

- ئالىم ئاداش، بىز بايا ئۇلارنىڭكىگە بېرىپ، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئاتايىتەن ئوينايمىز دەپ مەھەللىمىزگە چاقىرىپ كەلدۇق. ئۇلار مەھەللىمىزگە كەلگەندە ئۇرۇۋالساق نامەرتلىك قىلغان بولىمىز. سەن دېگەن مېنىڭ مەرد ئاغىنەم، ئۇنداق نامەرتلىكنى قىلمايسەن.

- ئۇ شۇنداق. ئالىم ئاخىرى قايىل بولدى. بىراق گەپ ئەمدى، جۇشقۇندا قالغان ئىدى. جۇشقۇن، ‹- بۇ مەھەللىنىڭ بالىلىرى چىدىماسكەن، بۇنداق چىدىماسلار بىلەن ئوينىمايمەن › دەپ قىيداپ، مەيداننىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىۋاتاتتى. ئەلقەم ئۇنىڭغا ياندىشىپ نىمىدۇر بىر نىمىلەرنى چۈشەندۈرۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇ ھالدا ئۇيۇنىمىز بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، قانداقلا بولمىسۇن ئالىمنىڭ مەيدانغا چىقىشى ئىنتايىن زۆرۈر ئىدى. شوڭا ئالىمنى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ، ئادىل رىقابەتلىشىشكە ئۈندىشىم كېرەكتەك تۇراتتى.

- ئالىم، ئاداش جۇشقۇن ئوينىمايمەن دەپ چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. مەردنى مەيداندا سىنا دەيدىغان گەپ بار، سەن مەردلىك قىلىپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ قايتۇرۇپ كەلگىن. ئالىمغا سۆزۈم تەسىر قىلدىمۇ قانداق؟ جۇشقۇن تەرەپكە قاراپ ماڭغان ئىدى.

- جۇشقۇن، خاپا بولما ئاداش، مېنىڭ ئاشۇنداق قېنىم قىززىق. ئەگەر ماقۇل دېسەڭ، بىز بەسلىشىشنى داۋاملاشتۇرايلى، مەن سەن بىلەن ئادىل رىقابەتلىشىمەن! بۇ سۆزلەرنى ھەقىقەتەن ئالىم قىلىۋاتاتتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن كىچىكىمدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان. مەكتەپتىمۇ بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلايمىز. ئۇنىڭ مىجەز خۇيى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى. ئەسلىدىنلا بوينى قاتتىق بۇ ئاغىنەمنىڭ مۇشۇ ئەھۋالدا ئاشۇ سۆزلەرنى قىلالىغانلىقى مېنى ھەقىقەتەن سۆيۈندۈرگەن ئىدى. جۇشقۇن ئالىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئەلقەمگە قارىدى. ئەلقەم ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بېشىنى لىڭىشتتى.

- ماقۇل داۋاملاشتۇرايلى، بىراق ئەمدى چىدىماسلىق قىلساڭلار قەتئىي سىلەر بىلەن ئوينىمايمىز. جۇشقۇننىڭ بۇ سۆزىگە مەن ئالىمنىڭ جاۋابىنى كۈتمەستىنلا چاتاق يوق ئاغىنە، قېنى ئەمسە باشلايلى دەۋەتتىم.

بۇ نۆۋەت ئالىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغاچقا، قوزىنى ئانا بولغۇچى ئامانگۈل ئۆز گوروپپىسىدىكلەرگە چۆرۈپ بېرەتتى. ئەلۋەتتە، ئۇنى جۇشقۇنغا چۆرۈپ بىرىشى شەرت ئەمەس ئىدى. ئامانگۈل قوزىنى پىقىرتىپلا ھەسەنگە چۆرۈپ بەردى. ھەسەن قوشاق بىلەن ھەركەتنى ماسلاشتۇرۇشقا ناھايىتى ماھىر ئىدى. مەنمۇ ئەمدى ئارتۇق كۈزۈتۈپ تۇرۇشنىڭ ئورنى قالمىغانلىقىنى ئويلاپ، دەرھال ئۇنىڭغا ياندىشىپ، قوزىغا قول ئۇزاتتىم. ئەمما ئۇ شۇئان قوزىنى چۆرۈپ،ھۆسەنگە ئاتتى. ئۇ قوزىنى تۇتۇپلا قوشاقنىڭ كەلگەن يېرىدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇپ، ھەركىتى بىلەن ماسلاشتۇرۋالدى. مەن ھېلى ھەسەنگە ھېلى ھۆسەنگە ياندىشىپمۇ قوزىنى تارتىۋالالمدىم. ئۇلارنىڭ بۇ خىل تاكتىكىسى مېنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان ئىدى. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە قوزا ئىككەيلەننىڭ قولىدا ئايلىنىپلا ئاخىرقى پەللىگە يېتىدىغاندەكمۇ قىلاتتى. مەن ھېچ ئامال قىلالمىغاچقا يەنە چارە ئىزدەش ئۈچۈن، پەرھاتقا يانداشتىم. بۇ چاغدا پەرھات ئەخمەت بىلەن يانمۇ- يان كېلىۋاتاتتى.

- پەرھات ئاداش، قانداق قىلىمىز؟ ئۇلار يېڭى تاكتىكا ئىشلەتتى. ئاخىرقى پەللىگىمۇ ئاز قالدى.

- ھازىر مۇشۇنىڭ ئامالىنى تېپىپ سېنى توۋلاي دەپ تۇراتتىم، جۈرئەت. ئۇلار ئۆز- ئارا ماسلىشىشقا يامانكەن. بىز بۇ ماسلىشىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلساق بولىدۇ.

- قانداق بۇزغۇنچىلىق قىلىمىز؟ چاپسان بولايلى بولمىسا ئۇ ئىككىسلا بىزنى مەغلۇپ قىلىۋېتىدۇ.

- ھازىر قوزا ھۆسەننىڭ قولىدا، ئەخمەت تىز سۆرئەتتە بېرىپ، ھۆسەننىڭ قولىدىكى قوزىغا ئېتىلسۇن، سەن ئۇنىڭغىچە ھەسەنگە يىتىشىپ ئۇنىڭ ئالدىنى توسىسەن، بۇ ۋاقىتتا قوزا ئېنىقكى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشىدۇ.

- بۇ ئامال بولىدىكەن، ئەخمەت ئاتلىنايلى! ئەخمەت بارلىق تىزلىكىنى ئىشقا سېلىپ ھۆسەنگە يىتىشۋالدى. مەنمۇ ئۇنىڭغىچە ھەسەنگە يانمۇ- يان كېلىپ بولدۇم. ئەخمەت قوزىغا قول ئۇزارتىۋىدى، ھۆسەن خۇددى پەرھاتنىڭ دېگىنىدەكلا قوزىنى ھەسەنگە قارىتىپ چۆرىدى. قوزا پىلانىمىزدىكىدەكلا مېنىڭ قولۇمغا ئىلىنىشتى. بۇ چاغدا ئاخىرقى پەللىگە نەچچە قەدەملا قالغان بولۇپ، مەن ھىچ توسالغۇسىزلا ئۇنى پەللىگە چۆرىدىم. گوروپپىمىزدىكى ھەممەيلەن خوشاللىقىمىزدىن چوقۇرۇشۇپ، بىر- بىرىمىزگە ئېسىلىشىپ، پۈتۈن مەيداننى غەلبە تەنتەنىمىزگە چۆمدۈردۇق.

بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ غەلبىمىز بىلەن ئاخىرلاشتى. ئىككىنچى مەيداندا ئەمدى، ئامانگۈل قوزىنى چۆرۈپ بېرەتتى. بىراق بۇ قېتىم ئۇ گوروپپىدىكىلەر ئادەم ئالماشتۇرغان بولۇپ، جۇشقۇن بىلەن دىلشاتنىڭ ئورنىغا ئەلقەم بىلەن سادىق سەپلەنگەن ئىدى. بىز ئىككىنچى مەيداننى باشلايلى دەپ تۇرۇشىمىزغا، بىرىنىڭ چاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

- ھېي... ئەلقەم، ئەلقەم... بىز ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدۇق، كەتمەننى مۈرىلىرىگە ئارتىۋالغان بىر قانچە تاغىلار بىزگە قاراپ تۇراتتى. ئەلقەم ئۇلارنى كۆرۈپلا يۈگىرەپ كېتىپ قالدى. بىزمۇ نىمە ئىشلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئەلقەمنىڭ ئارقىدىن بارغان ئىدۇق.

- نىمە قىلىۋاتسەن بۇيەردە؟

- قاپاق تېرەك مەھەللىسدىكى بالىلار بىلەن ئوغلاق- قوزا ئويۇنى ئويناۋاتاتتۇق، دادا. چاقىرغان ئۇ كىشى ئەلقەمنىڭ دادىسى ئىدى، مەن تۈنۈگۈن ئۇ تاغامنىڭ چىرايىنى يىراقتىن تازا ئېنىق كۆرەلمىگەچكە تۇنۇيالماپتىمەن. بۈگۈن كۆرۈپلا ھە مۇشۇ ئادەم شۇكەندە دېگەنلەر يادىمدىن ئۆتتى.

- ئوھوي، ئەنۋەرجان بالىلىرىمۇ سىلىنى تارتىپ قالتىس ئوغلاقچى بولۇپ چىقامدۇ نىمە؟ ئەنۋەر تاغامنىڭ يېنىدىكى ناتۇنۇش بىر تاغام  كەتمەننى يەرگە قويىۋېتىپ شۇنداق دېدى. ئەنۋەر تاغام كۈلۈمسىرەپ قويۇپ بولدى بىز ماڭايلى دېۋىدى. ئۇ تاغام يەنە گەپ باشلىدى.

- توختاڭلا نىمىگە ئالدىرايتتۇق. ياسىناخۇننىڭ ئۆيى ئەنە ئاۋۇ يەردىلا، مېھماندارچىلىقنى ئۆزىمىز بېرىپ باشلايدىغان بولغاندىكىن، ھاشاردىكى ھاردۇقىمىزنى چىقارغاچ بىردەم يېرىمدەم بالىلىرىنىڭمۇ ماھارىتىنى كۆرۈپ باقايلى! كىچىكىمىزدە بىزمۇ ئوينىغان ئويۇن بۇ، بالىلىقىمىزنى ئەسلىگەچ كۆرىمىز دەيمەن، مېڭىلار، مېڭىلار ئاۋۇ قىردا ئولتۇرايلى- ھە!... ئۇ تاغام شۇنداق دەپ ئەنۋەر تاغام ۋە باشقىلارنى ئېرىقنىڭ قىرىغا باشلاپ بېرىپ ئولتۇرغۇزدى. بۇ تاغامنىڭ گېپىدىن قارىغاندا ئەنۋەر تاغام ئۇلار بىلەن ھاشاردىن يېنىپ مېھماندارچىلىققا ماڭغاچ بىزنى كۆرۈپ قالغان ئىدى. ئەستا، بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ تېخى ئۈلۈشكۈن بىز بۇ تاغاملارنىڭ ئوغلاق تارتىشىش بەيگىسنى كۆرگەن، بۈگۈن بۇلار بىزنىڭ ئويۇنىمىزنى كۆرىمىز دەپ ئولتۇرىدۇ. ئەلقەمگە قالتىس ئىلھام بولىدىغان بولدىدە، ھەي، مېنىڭ داداممۇ بۇ يەردە بولغان بولسا، مەنمۇ پۈتۈن كۈچۈمنى چىقىرىپ، ئۆزىمنى بىر كۆرسەتكەن بولاتتىم. بۇمۇ مەيلى، مەن يەنىلا بار كۈچۈم بىلەن ئوينايمەن، ئۆزىمنىڭ كەلگۈسىدىكى قالتىس ئوغلاقچى ئىكەنلىكىمنى بىر كۆرسۈتۈپ قويىدىغان پۇرسەت كەلدى.

بالىلار ئويۇننى باشلاش ئۈچۈن، چىۋىق ئاتلىرىمىزغا مىنىپ، ئۆز گوروپپىمىزدىكلەر بىلەن تىزىلىپ تۇردۇق. ئامانگۈل قوزىنى گوروپپىسىدىكىلەرگە پىقىرىتىپ تاشلاش ئۈچۈن تەييارلاندى. مەن ئۇ قوزىنى چوقۇم ئەلقەمگە تاشلايدۇ دەپ پەملەپ تۇردۇم. ئەمما ئەلقەمنىڭ بۇ ئويۇننى قايسى خىل تاكتىكلارنى قوللىنىپ ئوينايدىغىنى ماڭا ئېنىقىسىز. شوڭا ھەر ۋاقىت ھۇشىيار تۇرۇشۇم زۆرۈر، ئالدىنقى مەيدان ئۇ بىزنى كۆزۈتۈپ ئولتۇرۇپ، بەلكىم گوروپپىمىزغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنىمۇ ئويلاپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. مەيلى نىمىلا بولمىسۇن، ھۇشىيار تۇرساملا ئۇنىڭ تاكتىكىلىرىغا مۇۋاپىق چارە كۆرەلەيمەن. ئامانگۈل قوزىنى چۆرىدى. ئەمما ئىشلار مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك چىقماي قالدى. قوزا ئەلقەمگە ئەمەس، بەلكى ئابدۇراخمانغا چۆرۈپ بىرىلگەن ئىدى. ئابدۇراخماننىڭ تىز قوزغىلىپ، تىز ئىلگىرلەيدىغانلىقى ئالدىنقى مەيداندا چىمەننىڭ قولىدىكى قوزىنى تارتىۋالغاندىلا مەلۇم بولغان ئىدى. ئۇ قوزىنى ئېلىپلا ھەركەت بىلەن قوشاقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ يۇقىرى تىزلىك بىلەن  ئىلگىرلىدى. ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئەخمەتمۇ بوش ئەمەس ئىدى. ئابدۇراخمان قوزىنى ئېلىپ تاقىلاپ ئۇزۇن ئارلىققا بارمايلا، ئەخمەت ئۇنىڭغا يىتىشۋالدى. قوزا ئەخمەتتىن كىيىن، سادىقنىڭ قولىغا چۈشتى. سادىقتىن بىزنىڭ پەرھات تارتىۋالدى. نىمىشقىكىن ئەلقەم قوزىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەركەت قىلمايۋاتاتتى. مەن ئويۇن باشلانغاندىلا ئۇنىڭ ئەتىراپىدا سەگەكلىك بىلەن ھەركىتىنى كۈزۈتۈپ تۇرۋاتتىم. بىردىنلا ھەسەن بىلەن ھۆسەن ئىككى تەرەپتىن قىستاپ كېلىپلا پەرھاتنىڭ قولىدىكى قوزىنى تارتىۋالدى. قوزا ھەسەن بىلەن ھۆسەننىڭ ئاۋالقىدەكلا ماسلىشىشى بىلەن ئاخىرقى پەللىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتاتتى.  ئالىم بىلەن ئەخمەت ئالدىنقى مەيدان ئىشلەتكەن ئامالىمىز بىلەن ئۇلارنى توسۇپ قوزىنى تارتىۋالماقچى بولۇپ كەلدى. بۇ چاغدا ئاخىرقى پەللىگە ئازلا قالغان بولۇپ، ئۇلار يەنىلا شۇ كونا تاكتىكىنى ئىشلەتسە، قوزا ئالىم ياكى ئەخمەتتىن بىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ئاخىرقى پەللىگە چۆرىلەتتى. ئەلقەم ئەھۋالنى پەملەپ تىزلىك بىلەن قوزغىلىپ، ئۇلارغا ياندىشىۋالدى. مەن بۇنداق بولارىنى پەقەت ئويلىمىغان ئىدىم. ئەلقەم ئۆزىنىڭ گوروپپىسىدىكى ئادەمدىن قوزىنى تالىشىپ تارتىۋالدى ۋە ئاخىرقى پەللىگە قاراپ، چوڭ چوڭ تاقىلاپ ئىلگىرلىدى. ئالىمنىڭ ئۇنىڭدىن قوزىنى تالىشىش ئۈچۈن ئۇزارتقان قوللىرى بوشلۇقتا لەيلەپ قالدى. ئەخمەت بىلەن مېنىڭمۇ قوزىغا ئەمەس، قۇرۇق ھاۋاغا قولىمىز ئېلىنىشقان ئىدى. ئەلقەم قوزىنى ئېلىپ ماڭغاندا باشقىلىرىمىزغا ئوخشاش تەكشى رېتىمدا ئەمەس، بەلكى قوزا تۇتقان قوللىرىنى ھەرخىل شەكىلدە ھەركەتلەندۈرۈپ، يەنە ھەركەت بىلەن قوشاقنى ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ ماڭالايتتى. ئۇ مۇشۇ ئالاھىدە ماھارىتى بىلەن قوزىنى ئاخىرقى پەللىگە چۆرۈپ بۇ مەيدان بەسلىشىشمىزنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ گوروپپىسىدىكلەر خوشاللىقتىن چۇقۇرشىۋاتاتتى. ئېرىق بويىدا ئولتۇرۇپ ئويۇنىمىزنى كۆرۋاتقان تاغىلارمۇ باش مالتاق قولىنى چىقىرىپ ئەلقەمنى ماختاۋاتاتتى. ئەنۋەر تاغاممۇ ئوغلىنى كۆرۈپ، ‹ماۋۇ بالىلارنىڭ ئويۇنىنى› دەپ قاقاقلاپ كۈلىۋاتاتتى. بالىلار دەم ئېلىۋېلىش ئۈچۈن، ئېرىق بويىغا بېرىپ قاتار ئولتۇردۇق.

- يائاللا ئەنۋەرئاخۇن يامان كاساپەتكەن جۇمۇ بۇ، تېخى بىزلەر ئات ئۈستىدە ئوغلاق ئويناتقاندەك بۇمۇ ئوينىتىپ قويىدىكەن. دېدى بايا ئەنۋەر تاغامنى ئويۇن كۆرىمىز دەپ تۇتۇپ قالغان تاغام بىر قەغەزگە موخۇركا تۆكۈۋېتىپ.

- ھاھاھا، كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنغۇ بۇ؟ ئەنۋەر تاغامنىڭ چىرايىدىنمۇ مەمنۇن بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

- ھە بىزمۇ كىچىك ۋاقتىمىزدا ئوينايتتۇق، مۇشۇنداق، ھەي... دېدى تاغام موخۇركىسنى يۆگەۋېتىپ.

- ئەلقەم بالام، ئويۇنىڭنى ئويناپ بولدىڭمۇ، ئويناپ بولساڭ ئۆيگە قايت ئەمدى؟ ئەنۋەر تاغام ئەلقەمنىڭ بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەن ئىدى.

- دادا، ئاخىرقى بىر مەيدان قالغان ئىدى. ئالدىنقى مەيدان ئۇلار يەڭگەن، بۇ مەيدان بىز يەڭدۇق، مۇشۇ قول ئوينىۋېتىپلا قايتاتتىم. ئەلقەم دادىسىغا ئەركىلەپ سۆزلىدى.

- ھە، ئەمسە ئويناپ بولۇپلا قايت جۇمۇ؟ مېڭىڭلا ئاسىماخۇن، ياسىناخۇن كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنىغا گول بولماي، يولىمىزغا ماڭايلى! دېدى ئەنۋەر تاغام ئورنىدىن تۇرۇپ.

- ئەنۋەرئاخۇن ئەجەپ ئالدىرايسىلەرغۇ؟ ماۋۇ موخۇركىنى چىكىپ بولغىچە يەنە ئازىراق دەم ئالىلى، بالىلارنىڭ ئويۇنىمۇ تۈگىمەپتۇ- ھە! بالىلىقىمىزغا قايتىپ تاماشا قىلىپ ئولتۇرىمىز.

- ئەستاغپۇرۇللا مۇشۇ ئادەمنىڭ بىر ئولتۇرغان يېرىدىن قوپقىلى ئۇنىمايدىغان ئىشىنى- زە! بوپتۇ كۆرسەكمۇ كۆرۈپ باقىلى قېنى. ئەنۋەر تاغام يەنە بىزنىڭ ئويۇنىمىزنى كۆرىدىغان بولۇپ، جايىدا ئولتۇردى.

-بالىلار مېڭىڭلار ئەمسە؟ ئويۇننى باشلايلى! ئەلقەم شۇنداق دېگەنچە ئورنىدىن تۇرۇپ  بىزنى توۋلىدى. قارىماققا ئۇ دادىسنىڭ داۋاملىق كۆرۈش قارارىغا كەلگەنلىكىدىن، بەكلا ھاياجانلانغاندەك تۇراتتى.

بالىلار ئەڭ ئاخىرقى مەيدان ئويۇنىمىزنى باشلاشنىڭ دەسلەپكى تەييارلىقىنى قىلىپ مەيدانغا چۈشتۈق. بۇ قېتىم قارشى تەرەپ گوروپپىسىدىن مەيدانغا چۈشىشكە تەييارلانغانلار ئەلقەم، ئابدۇراخمان، ھەسەن، ھۆسەن ۋە جۇشقۇنلار ئىدى. ئالدىنقى ئىككى مەيداندىن ئۇلارنىڭ بۇ گوروپپىدىكى ئەڭ سەرخىل ئەزالار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. دېمەك بىز كۈچلۈك رىقابەتچىلەرگە دۇچ كەلگەن ئىدۇق. ئەمدى، ئويناش ئۇسۇلىمىزدا بۇرۇلۇش ياساپ، ئۆز ۋاقتىدا ، مۇۋاپىق چارىلەرنى قوللانمىساق، مەغلۇپ بولۇش مۇمكىنچىلىكىمىز ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى.

- ئامانگۈل، بالىلىرىمغا ئويۇن توغرسىدا ئازىراق گەپلىرىم بارتى، دەۋالغان بولسام؟ سەنەۋەر بۇ سۆزنى خۇددى مېنىڭ خىيالىمدىكىنى بىلىۋالغاندەكلا ئېيتقان ئىدى. بەلكىم ئۇ ئەلقەمنىڭ قولىدىكى قوزىنى تارتىۋېلىشقا ھىچ ئامال قىلالمىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ، بىرەر ئىشنى ئويلىغاندۇ.

- ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەنمۇ ھازىر شۇنى ئويلاۋاتقان. ئامانگۈل شۇنداق دېگەنچە ئۆز بالىلىرىنى يىغىلىشقا چاقىردى. بىزنىڭ گوروپپىدىكلەرمۇ سەنەۋەرنىڭ دەيدىغانلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يىغلدۇق.

- بالىلار ئەلقەمنى تۇسالايدىغان بىرەر چارە تاپساق بولاتتى، جۈرئەت سېنىڭ بىرەر ئامالىڭ بارمۇ يە؟ دېدى ئۇ مېنىڭ ياخشى بىر ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمنى ئۈمۈد قىلغان قىياپەتتە.

- قانداق قىلىشنى مەنمۇ بىلمىدىم، ئەلقەمنىڭ قوزىنى ئېلىپ مېڭىش ھەركىتى داداملارنىڭكىدەك ئۆزگىچىلا ئىكەن.

- مەنچە مۇنداق قىلايلى بالىلار! پەرھاتنىڭ بۇ سۆزى بىلەن تەڭ ھەممەيلەن ئۇنىڭغا قارىدۇق.

- مەن بايا ئىنچىكە كۈزەتتىم، ئەلقەم قوزىنى ئېلىپ ماڭغاندا بىزنىڭ قول ھەركىتىمىزگە ئاساسەن، ئۇنى ھەرخىل شەكىلدە قاچۇرىدىكەن. مەنچە ئۇ ئىنكاسى تىز بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلالىدى. بىز چۇقۇم ئۇنىڭ دېققىتىنى چېچىشىمىز كېرەك. دىققىتى چېچىلسىلا ئىنكاسى ئاستىلاپ، قوزىنى تارتىۋالالايمىز.

- ئۇنداقتا ئۇنىڭ دېققىتنى قانداق چاچىمىز؟ دېدىممەن بۇ يېڭىچە ئۇسۇلغا قىزىقىپ.

- گەپ دەل مۇشۇ يەردە. مېنىڭ ئويلىغىنىم، ئەلقەم قوزىنى ئالغان ھامان، ئەخمەت تىز يۈگىرەپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدۇ، چىمەن بىلەن سەن ئۇنى ئىككى تەرەپتىن قىستايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دىققىتى چېچىلىپ كېتىدۇ.

- ئاداش، ئۇ چاغدا ئەلقەم قوزىنى باشقىلارغا چۆرىۋەتسە، ئۇلار ھىچ بىر توسالغۇسىز ئېلىپ كەتمەمدۇ؟ دېدىم بۇ ئۇسۇلدىن سەل گۇمانلىنىپ.

- ئۇنداق بولمايدۇ، قىستالغان ئەھۋالدا ئۇ يەنە شۇ ھەركەتلەر بىلەن ئۆتۈپ كېتىشنى ئويلايدۇ. بايا ئاۋۇ تاغاملار ئۇنى ماختىدى، مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولساممۇ يەنە ماختىنىش ئۈچۈن شۇنداق قىلاتتىم. پەرھات ئىشەنچە تولغان ھالدا كېسىپلا ئېيتتى.

- ياخشى، بىز مۇشۇ چارىنى قوللىنايلى! سەنەۋەر شۇنداق دەپ گەپنى ئۈزۈپ، ئويۇنغا تەييارلىنىشنى ئېيتتى. مەنمۇ پەرھاتنىڭ ھەر قېتىملىق ئويۇندىكى چارىلىرى ئۈنۈمىنى كۆرسۈتۈپ كېلىۋاتىدۇ، بىزگە مۇشۇنداق قىلماقتىن باشقىمۇ ئامال يوق دېگەنلەرنى كاللامدىن ئۆتكۈزۈپ، ئارتۇق گۇمان قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ھىس قىلدىم. بىزنىڭ گوروپپىدىكىلەر ئويۇننىڭ باشلىنىش پەللىسىگە كېلىپ يىغىلغاندا، ئامانگۈلنىڭ بالىلىرىمۇ مەسلىھەتىنى پۇشۇرۇپ، يىغىلىپ بولغان ئىدى. بۇ قېتىم قوزىنى چۆرۈش نۆۋىتى بىزنىڭ گوروپپىغا كەلگەچكە، سەنەۋەر قوزىنى چۆرۈپ بىرىش ئۈچۈن، تەييارلىق ھالەتكە ئۆتتى.  بۇ چاغدا ھەممەيلەن چىۋىق ئاتلىرىمىزغا مىنىپ، قاتار تىزىلىپ تۇردۇق. قوزا سەنەۋەرنىڭ قولىدا ئىككى پىقىرارپ، ئالىمغا چۆرۈپ بىرىلدى. ئەسلى ئەخمەت ئارىمىزدا قوزىنى پەللىدىن ئەڭ ياخشى ئېلىپ چىقالايدىغان ئەزا ئىدى. مەن باشتا ئۇنىڭ قوزىنى ئالىمغا چۆرۈپ بەرگەنلىكىدىن سەل غەيرىلىك ھىس قىلغان بولساممۇ، كىيىن، ئەخمەتنىڭ كۈچىنى تىجەپ قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان بولۇشى مۇمكىن دېگەنلەرنى ئويلاپ، سەنەۋەرنىڭ بۇ قىلغىنىدىن سۆيۈنۈپ قالدىم. ئالىم قوزىنى ئېلىپ ماڭغاندا ئاستىراق تاقىلاپ ماڭغان بىلەن، قوشاق ۋە ھەركەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ناھايىتى ياخشى ئىلگىرلىيەتتى. ئۇ شۇنداق چەبدەسلىك بىلەن كېتىۋاتقاندا ئابدۇراخمان ياندىشىپ كېلىپ قوزىغا ئېسىلدى. ئالىم قوزىنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرلەيدىغان بولغاچقا، ئابدۇراخمان خېلىلا تىركەشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن تارتىۋالالمىدى. ئاخىرى ئۇ كۈچەپ بىرلا تارتىۋىدى، قوزىنىڭ بىر نەچچە تال ئىنچىكە تۈپلىرى قولىدا قېلىپ ئالدىغا داجىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا قوزا يەنىلا ئالىمنىڭ قولىدا ئىدى. ئارقىدىنلا جۇشقۇن ئالىمغا ياندىشىپ كەلدى. بۇ چاغدا مەن، ئەمدى چاتاق بولدى ئۇ ئىككىسى يەنە دەسلەپكى مەيداندىكىگە ئوخشاش قوزىنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتمىسە بولاتتى، دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەنسىزلىنىشكە باشلىدىم. جۇشقۇن قوزىنىڭ ناھايىتى ئەپلىك يېرى تۇتىۋېلىپ، تارتىۋاتاتتى. ئىككەيلەننىڭ قولىدا چىڭ قاماللانغان قوزا چوۋۇلۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئەمما، تۇيۇقسىزلا ئەلقەم ئىككىسنىڭ ئارىسنى بۆسۈپ چىقىپ، قوزىنى تارتىپ ئېلىپ كەتتى. مەن پەرھاتقا ھۇجۇمغا ئۆتىمىزمۇ دېگەن قىياپەتتە قارىدىم، پەرھات كۆزىنى قىستى. شۇنىڭ بىلەن ئەخمەتكە تىز بول دېگەندەك قىلىپ، بېشىمنى لىڭىشتتىم. ئەخمەت تىز- تىز يۈگىرەپ كېلىپ، ئەلقەمنى يانداي دەپ تۇرۇشىغا، ئۇ قوزىنى قوشكىزەكلەرنىڭ بىرى بولغان، ھۆسەنگە چۆرىۋەتتى. مەن گۇمان بىلەن قارىغان ئىش يۈز بېرىدىغاندەكلا تۇراتتى،  

- ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ پەرھاتقا جىددى قىياپەتتە قارىدىم.

- ئالدىرما، بىز تېخى مەيداننىڭ يېرىمىغىمۇ كەلمىدۇق. ھازىر ئىككىمىز ئۇ ئىككىسنىڭ ماسلىشۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان تاكتىكىمىزنى قوللىنايلى! پەرھات ناھايىتى سالماق كۆرىنەتتى.

- ماقۇل. ئارتۇق گەپ قىلمايلا دەرھال ھۆسەنگە يانداشتىم. مېنىڭ قوزىغا قول ئۇزارتىقىنىم كۆرگەن ھۆسەن، قوزىنى ھەسەنگە چۆرىدى. بۇ ۋاقىتتا، پەرھات ئۇنى يانداپ كەلگەن بولسىمۇ، ھەسەن بىزنىڭ تاكتىكىمىزنى بىلىپ قالغاندەكلا چۆرۈلگەن قوزىنى تۇتىشقا پايدىلىق ئورۇنغا ئۆتىۋېلىپ، ئۇنى پەرھاتنىڭ قولىغا چۈشۈرمىدى. پەرھات مۇشتىمىنى تۈگۈپ ھېي دېگەنچە ئارقىدا قالدى. بۇ چاغدا ئەخمەت قۇيۇندەك يۈگىرەپ كېلىپ، ھەسەن سېزىپ بولغىچە قوزىنى تارتىپ ئېلىپ كەتتى. ھەممەيلەن ئەخمەتنىڭ بۇ تۇيۇقسىز ھەركىتىدىن ھەيران قالغان ئىدۇق. ئەخمەت بۇ قېتىم قوشاقنى ئۇنتۇپ قالماي خېلىلا ياخشى كېتىپ باراتتى. بىراق ئەلقەمنىڭ ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولۇشى، بىزنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. ئۇ يانداپ كېلىپلا، ئەخمەتتىن ھىچ بىر كۈچىمەي قوزىنى تارتىۋالدى. بۇ چاغدا بىز پەللىگىمۇ يېقىنلىشىپ قالغان ئىدۇق.

- ئەخمەت، جۈرئەت، چىمەن چاپسان بولۇڭلار! پەرھاتنىڭ توۋلىغان ئاۋازى، مېنىڭ ئېسىمگە دەرھال ھېلىقى دىيىشۋالغان چارىمىزنى كەلتۈردى. گەرچە ئەخمەت قوزىنى تارتقۇزۇپ قويغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا يەنە ياندىشىپ كېتىۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ ئاسانلا ئەلقەمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ يۈگىردى. چىمەن بىلەن مەن، ئەلقەمنى ئىككى تەرەپتىن قىستىدۇق. مەن دەل ئەلقەم قوزىنى قاماللىغان قولى تەرەپتە ئىدىم. ئۇنىڭ دىققىتى ھەقىقەتەن چېچىلغان بولسا كېرەك، مېنىڭ قول ھەركىتىمدىن ئېلىپ قاچقان قوزا قاپ بېلىدىن قولۇمغا ئېلىنىشتى. مەن قوزىنى كۈچەپ تارتتىم. ئەپسۇس بىز ئەلقەمنىڭ كۈچىگە سەل قارىغاندەك تۇراتتۇق. شۇنچە تارتساممۇ قوزا ئۇنىڭ قولىدىن ئاجىرمايۋاتاتتى. ئاخىرى پەللە كۆز ئالدىمىزدىلا پەيدا بولدى. مەن بارلىق كۈچۈمنى ئىشقا سېلىپ قوزىنى ئۆزۈم تەرەپكە  تارتىۋىدىم، قولۇمغا بىر تۇتام ئالدىراسمان چۆپى چىقىشى بىلەن تەڭ،  يەرگە يانتو دەسسەپ، ‹غاراس› قىلغان بىر ئاغرىق سېزىمى مېڭەمگە چىقتى. مەن شۇ يەردىلا يىقىلىپ چۈشۈپ، دومىلاپ كەتتىم.

- ھوي بىز يەڭدۇق...

- جۈرئەت ئاداش قاتتىق ئاغرۋاتامدۇ؟ كىملەرنىڭدۇر ۋارقىراشلىرى قولۇقۇمغا غۇۋا ئاڭلىنىۋاتاتتى. يەردە يېتىپ ئاغرىققا پايلىماي، يىغلاپ دومىلاپ كەتكەن ئىدىم.

- جېنىم ئاغىنەم، بەك قاتتىق ئاغىردىمۇ، يەنە ئاغرۋاتامدۇ؟ ئەلقەمنىڭ شۇنداق دەپ پۇتۇمنى ئۇۋلاۋاتقانلىقىنى سەزدىم.

- جۈرئەت، بىز يەڭدۇق. بىز يەڭدۇق. ئالىم يېنىمغا يۈگىرەپ كەلدى.

- يىغىلاپسەنغۇ؟ سېنىڭ پۇتۇڭ؟... ئۇ شۇنداق دەپلا قېتىپ تۇرۇپ قالدى. قارىغاندا، ئەلقەم مېنىڭ يېقىلىپ چۈشكىنىمنى كۆرۈپ تاشلىۋەتكەن قوزا، ئالىمنىڭ قولىغا چۈشكەن بولسا، ئۇ قوزىنى ئاخىرقى پەللىگە چۆرىگەندەك تۇراتتى. ئەلقەمنىڭ پۇتۈمنى ئۇۋلاشلىرى ئۈنۈم بىرىپ، ئاغرىق ئازىراق بولسىمۇ پەسەيگەندەك تۇراتتى. ھايال ئۆتمەيلا، باشقا بالىلار ۋە ئويۇن كۆرۈپ ئولتۇرغان ئەنۋەر تاغاملارمۇ يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئەنۋەر تاغام، ئەلقەم ئۇۋلاۋاتقان پۇتۇمنى قولىغا ئېلىپ، ئاستا باستى. مەن يەنە ئاغرىققا پايلىماي چىرقىرۋەتتىم.

- ئەستا، سۇنغان ئوخشىمامدۇ؟ ئەنۋەر تاغام ئۇشۇقۇمنىڭ ئاستىنى يىنىك سىيلاۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كېتىۋاتاتتىم.

- سۇنمىغاندەك قىلىدۇ، سۇنغان بولسا بۇ كەمگە بۇ بالىنىڭ ۋايجان ئاللىسى چىقىپ كېتەتتى. دېدى بايا مۇخۇركا چېكىپ ئولتۇرغان تاغام.

- راست، پېي ئېغىرىراق چۆچىگەن چېغى، ئۇشۇقنىڭ ئاستى تەرەپلىرىدىمۇ سۇنغان ئالامەتلەر يوق. ئەنۋەر تاغامنىڭ بۇ سۆزى بىلەن كۆڭلۈم خېلىلا ئارامىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. مەن ئىلگىرى سۇنۇق تاڭغاننى كۆرگەن ئىدىم، پۇتى سۇنغان  ئادەم ، سۇنغان يەرنى جايىغا چۈشۈرگىچە شۇنداق قاتتىق ۋارقىراپ كېتەتتى. چوقۇم بەك ئاغرىيدىكەن دەپ ئويلاپ، تېنىم شۈركۈنۈپ كەتكەن ئىدى.

- بالام، سەل تۇرۇپ دەسسەپ باققىن! ئاقساپراق بولسىمۇ بىر ئىككى قەدەم ماڭلىساڭ بولاتتى؟

ئەنۋەر تاغام مېنى ئورنىمدىن تۇرغۇزۇپ، ئۇشۇق تەرەپنى يەنە بىر قېتىم ئۇۋېلىۋېتىپ، مېڭىشقا ئىلھاملاندۇردى. مەن پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ، ئاغرىققا چىداپ تۇرۇپ، ئاقساپراق ئىككى قەدەم ماڭدىم.

- ھە، ياخشى، ياخشى، پۇتۇڭ چىقىپمۇ كەتمەپتۇ، پەي چۆچىگەن ئوخشايدۇ. تاغام پۇتۇمنىڭ چىقىپ كەتمىگەنلىكى جەزىم قىلغاندىن كىيىن، ئاغرىقمۇ چىپپىدە پەسلەپ قالغان ئىدى.

- بالام، ئۆيۈڭ نەدىراق، سېنى ئاپىرىپ قويايلى!

- بولدى، ئەنۋەر تاغا، مېنى ئەلقەم ۋە باشقا دوستلىرىم ئاپرىپ قويسىمۇ بولىدۇ. ئۆيۈم مۇشۇ، قاپاق تېرەك مەھەللىسدىلا، يىراق ئەمەس. دېدىم.

- ھە، ئۆيۈڭ يېقىندىلىمۇ بالام. ئەلقەم سەن ئاپرىپ قويالامسەن؟ دېدى تاغام ئۇنىڭدىن سوراپ.

- دادا، مەن ۋە باشقا دوستلار بولغاندىكىن، ئاپرىپ قويالايمىز. سىز خاتىرجەم بولۇڭ! ئەنۋەر تاغام ئەلقەمنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، دوستىڭنى چوقۇم ئۆيىگىچە ئاپىرىپ قوي، ئۇنى ئاتا- ئانىسىغا تاپشۇرۇپ، پېيى چۆچۈپ كەتەنلىكىنى چوڭ مەسلىنىڭ يوقلىقىنى دىيىشنى ئۇنتاما، دېگەنلەرنى ئۇنىڭغا جىكلىدى.

ئەنۋەر تاغام مېنى بىز ئوينىغان مەيداندىن يول بويىغا چىققۇچە يۈدۈپ ئەپ چىقىپ، ئاندىن ئەلقەمگە تۇتقۇزدى. ئەلقەم مېنى ئېلىپ ماڭغاندىن كىيىن ئەنۋەر تاغام بىلەن ئۇنىڭ دوستىلىرى يول بويىدا ئارقىمىزدىن قاراپ قالغان ئىدى. ئەلقەم مېنىڭ ئاقساپراق بولسىمۇ ئۆزۈم ماڭاي دېگىنىمگە قويماي يۈدىۋالدى.  ئۇ ھېرىپ قالغاندا ئالىم، ئالىمدىن كىيىن، جۇشقۇن يۈدۈپ يولنى داۋاملاشتۇردۇق. مەن ئۈلۈشكۈندىكى نۇرۇز مەشرىپىنى خىيال قىلىۋاتاتتىم. تۇرسۇناخۇن تاغام ئاتتىن يىقىلىپ چۈشكەندە، دادامنىڭ ھىچ ئىككىلەنمەستىن ئوغلاقنى تاشلاپ، تاغامنى يۆلىگەن  قىياپىتى كۆز ئالدىمغا كېلىۋاتتى. ئۇ كۈنى دادام ئۆزىنىڭ ئۇدا نەچچە نۆۋەت بىرىنچى ئاتىلىپ كېلىۋاتقان شەرپىدىن ۋەز كەچكەنگە ئوخشاشلا، بۈگۈن ئەلقەممۇ  دادىسنىڭ ۋە باشقا تاغاملارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشتىن ۋاز كەچكەن ئىدى.

-جۈرئەت، يەنە ئاغرۋاتامدۇ؟ ئەلقەمنىڭ سۆزى مېنى خىيالىمدىن ئويغاتتى. مەن شۇ خىياللار بىلەن بولۇپ كېتىپ ئاغرىقنىمۇ ئۇنتاپ قالغان ئىدىم.

- ياق، ھازىر ئاغرمىدى.

- ھە ياخشى، جۇشقۇن ئەمدى مەن يۈدەي! ئەلقەم مېنىڭ قوللىرىمنى جۇشقۇننىڭ بوينىدىن ئاۋايلاپ ئېلىپ ھاپاشلاپ ماڭدى. بىز ئاخىرى ئۆيگىمۇ يېتىپ كەلدۇق. ھويلىغا كىرگىنىمىزدە، دادام ھاشاردىن ئاللىقاچان قايتىپ بولغان بولۇپ، ئاتقا يەم بېرىش ئۈچۈن، ئېغىلغا ماڭغان ئىدى. ئۇ مېنى ئەلقەمنىڭ يۈدۈپ كىرۋاتقانلىقىنى كۆرۈپلا، دەرھال قولىدىكى نەرسىلەرنى تاشلاپ يۈگىرىپ كەلدى.

- ۋۇي بالام نىمە ئىش بۇ؟ دادام جىددىلىشىپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئۇ مېنىڭ ئەلقەمنىڭ بوينىغا گىرە سالغان قوللىرىمنى ئاجىرىتىپ، قۇچىقىغا ئېلىۋاتاتتى.

- جۈرئەتجان بىلەن ئوغلاق قوزا ئويۇنى ئوينىغان ئىدۇق. ئۇ يىقىلىپ چۈشۈپ پۇتىنى قايرىۋالدى. دېدى ئەلقەم دادامغا چۈشەنچە بىرىپ.

دادام مېنى قۇچىقىغا ئېلىپلا، ئۆي ئىچىگە قاراپ يۈگىردى. ئۇ ئىشكنى پۇتى بىلەن تېپىپ ئېچىپ كىرىشىگە، ئانام ئەھۋالىمنى كۆرۈپ، بەكلا قورقۇپ كەتكەندە قىلاتتى.

-ۋوي، جېنىم بالام نىمە بولدى؟ نىمە بولغانسەن جېنىم بالام. ئانام پاتپاراق بولۇپ، يېنىمغا يۈگىرەپ كەلدى. دادام مېنى كاڭنىڭ قىرىغا ئاستا ئولتۇرغۇزغاندىن كىيىن، ئىشتىمنى تۈرۋېتىپ، ياڭاقتەك ئىشىپ چىققان ئۇشۇقۇمنى ئاستا بېسىپ باقتى. مەن ئاغرىققا چىدىماي توۋلاپ كەتتىم. دادام يەنە ئۇ يەرنى بوش ئۇۋىلاپ، ئوشۇق تەرىپىمنى چۆرۈلدۈرۈپ بىر قۇر سىيلاپ چىقىتى.

- خۇداغا شۈكرى، سۆڭەك ساقكەن. تېڭىپ قويساق، بىر ھەپتىدە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، سىلە دەرھال ئاۋۇ ئىشكاپتىكى داكا، لاتا دېگەندەك بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىڭلا! دېدى دادام ئانامغا دائىم بىر نەرسىلىلىرىنى سالىدىغان قىزىل ئىشكابىنى كۆرستىپ.

ئانام دادامنىڭ دېگەنلىرى بويىچە ئىشكاپكنى ئېچىپ، داكا بىلەن لاتىنى ئالدى. ئاندىن ياندىكى ئۆيگە چىقىپ تۇخۇم، چىنە، قايچا قاتارلىقلارنى ئېلىپ چىقتى. دادام تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇنىڭ سېرىقىنى پۇتۇمنىڭ ئىشىپ كۆكۈرۈپ كەتكەن جايلىرىغا ئاستا چېپىپ، ئۈستىنى داكا بىلەن ئورىدى، ئاندىن ئاپئاق لاتا بىلەن تېڭىپ قويدى.

-ھە مانا بولدى. ئەمدى بىر ھەپتىگە قالماي ياخشى بولۇپ كېتىسەن ئوغلۇم. دادام شۇنداق دەپ بېشىمنى سىيلاپ، مەن بىلەن كەلگەن يېڭى دوستلىرىمغا قاراۋاتتى. مەن دادام بىلەن ئانامغا بۇ يېڭى دوستلىرىمنى بىرمۇ-  بىر تۇنۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مېنى يىقىلىپ چۈشكەن جايىمدىن نۆۋەتلىشىپ يۈدۈپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردىم. ئانام مەمنۇن بولغان ھالدا ئۇلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

- ئانىسى دەرھال تاماققا تۇتۇش قىلىڭلا، بالىلارغا قۇرۇق رەھمەت دەۋەرمەي! دېدى دادام ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈپ. ئانام تاماق ئەتكىلى ئاشخانا ئۆيگە قاراپ ماڭغان ئىدى.

- بولدى ئاۋارە بولۇپ، تاماق ئېتىپ يۈرمىسىلىمۇ بولاتتى . دەپ ئۆزىرە ئېيتتى ئەلقەم.

- بالىلىرىم بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىدە ئۆيگە كەلگەن مېھماننى قۇرۇق ياندۇرىدىغان ئىش يوق، بىر قاچىدىن تاماق يەپ مېڭىڭلار. ئانام شۇنداق دەپ ئىچكىرىگە كىرىپ كەتتى.

- ھە، بالىلىرىم، ئەمسە ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆيىدەك تارتىنماي، كەڭ كۇشادە ئولتۇرۇڭلار، مەن چىقىپ ئاتقا يەم بىرىۋېتىپ كىرەي. دادام ئاتقا يەم بىرىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى. مەن بالىلار بىلەن قېلىپ، بۈگۈنكى ئۇيۇنىمىز ئۈستىدە پاراڭلاشتىم.

- ئەلقەم، بۈگۈن ئەسلى سىلەر يېڭىۋالاتتىڭلار، سىلەرنىڭ گوروپپا ئۇيۇننى بەك ياخشى ئوينايدىكەنسىلەر.

- نەدىكىنى، سىلەرنىڭ گوروپپىدىكلەرمۇ قېلىشمايدىكەن. ھەممىڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى باركەن.

ئەلقەم بىزنىڭ گوروپپىدىكى ھەممەيلەننىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە يىتەرسىز تەرەپلىرىنى بىر- بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. ئۇ ھەقىقەتەن كۆزىتىشكە ماھىر ئىدى.

- ھە راست، سېنىڭ پۇتۇڭ ساقايغاندا يەنە ئوينايلى! دېدى ئەلقەم گېپىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلاپلا.

- چاتاق يوق. دېدىممەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ.

- بىراق، ئۇ چاغدا مەھەللىۋازلىق قىلىپ، سەن جۈپ تېرەكتىن، مەن قاپاق تېرەكتىن دەپ يۈرمەي، ئارلىشىپ ھەممەيلەن ئوينايلي بالىلار، سىلەرچە قانداق؟

- ماقۇل، بالىلار ھەممىمىز ئەلقەمنىڭ بۇ گېپىنى قوللىدۇق. ئارىدا، دادام ئاتقا يەپ بىرىپ، ئۆيگە قايتىپ كىردى.

دادام بىز بىلەن ئولتۇرغاندا ھەممەيلەن گەپتىن توختاپ، ئۆي ئىچى جىمجىت بولۇپ قالغان ئىدى. مەن دادامغا بۈگۈنكى ئۇيۇنىمىزدا يۈزبەرگەن ئىشلارنى دىيىشنى خىيالىمغا كەلتۈردۈم.

-دادا، بۈگۈنكى ئوغلاق قوزا ئويۇنىمىزدا ئەلقەم ئاغىنەم مېنى يۆلەيمەن دەپ ئەڭ ئاخىرقى پەيىتتە قوزىنى پەللىگە چۆرىيەلمىدى. بۇ سېنىڭ تۇرسۇناخۇن تاغامنى دەپ ئوغلاقنى تاشلىۋەتكىنىڭگە ئوخشاش بولدى.

- ھە بالىلىرىم ياخشى. ئوغلاق تارتىشىش، ئوغلاق قوزا ئويۇنى ياكى باشقا ھەرقانداق بىر ئىشتا، رىقابەتچىنى دۈشمەن دەپ قاراپ، ئۇ يارلانغاندا ئۇنىڭ ئۆلەر تىرىلىشى بىلەن كارىمىز بولمىسا قاتتىق يامان بولىدۇ. ئوغلۇم، ئەگەر شۇچاغدا ئوغلاق بىلەن بولۇپ كېتىپ، تۇرسۇناخۇن تاغاڭ بىلەن كارىم بولمىغان بولسا، بۈگۈن ئەلقەم ئاغىنەڭنىڭمۇ سەن بىلەن كارى بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى. بۇ دۇنيا مۇشۇنداق تەڭشەلگەن دۇنيا. دادام شۇلارنى دەپ تېڭىقلىق پۇتۇمنى ئاستا سىيلاپ قويدى، بالىلار دادامنىڭ سۆزىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك قىلىپ بېشىمىزنى لىڭىشتتۇق.

ئانام تاماقنى پىشۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ داستىخانغا تىزىدى. ئۇ سۇيۇق ئاش ئەتكەن بولۇپ ھەممەيلەن ئىشتىھا بىلەن يەپ قاچىنى قۇرۇقدىۋەتتۇق. تاماقتىن كىيىن، دوستلىرىم ئۆيلىرىگە قايتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن قىيمىغان قىياپەتتە ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قويدۇم. گەرچە بۈگۈن پۇتۇم يارلانغان بولسىمۇ، ماڭا شۇقەدەر ئەھمىيەتلىك بىر كۈن بولغان ئىدى.

ئەتىسىدىن باشلاپلا زىرىكىش بىلىنگىلى تۇردى. ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممسىى مەكتەپكە بارىدىغان كۈنلەردە پۇتۇمنىڭ ساقيىشىنى كۈتۈپ ياتاتتىم. تىزىراق پۇتۇم ساقايغان بولسا، مەن يەنە ئەلقەم، ئالىم قاتارلىق دوستلىرىم بىلەن ئوغلاق قوزا ئويۇنى ئوينىغىلى چىقاتتىم. ئۇ چاغدا تولىمۇ ياخشى بولاتتى. ھەي، بۇ پۇتۇم قاچانمۇ ساقىيار. مۇشۇنداق كۈتۈپ ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتتى. تۆتىنچى كۈنى زىرىكىپ كەتتىم، تۇرۇپ كېتىمەن دەپ غەلۋە قىلىۋاتسام. مومام ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولۇپ قالدى. مەن مومامنى كۆرۈپ بەكلا خوشال بولدۇم. ئۇ ماڭا ئامراق ئىدى. دائىم كەلگىنىدە چۆچەك ئېيتىپ بەرمىسە، قۇچىقىدىن چىققىلى ئۇنىمايتتىم.

- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بالىلىرىم. مومام   سالام بىلەن ئۆيگە كىردى.

- ۋەلەيكۇم ئەسسالام موما.

-ۋوي مېنىڭ نەۋرەم جۈرئەتجان چوڭ بولۇپتۇ. دېدى مومام سالام قايتۇرغانلىقىمنى ئاڭلاپ. مەن شۇنىڭ بىلەن مومامغا دەپ ئورنىمدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولدۇم.

- موما، دادام بىلەن ئانام مېنى ئورنىمدىن تۇرغىلى قويمىدى، پۇتۇم ساقايغان تۇرسا. تۇرغىلى قويماي... مومام مېنىڭ ئەركىلەپ دېگەن گەپلىرىمنى ئاڭلاپ چىرايىنى  ئۈمچەيتتى.

- جۈرئەتجان، پۇتۇڭ تېخى تۇلۇق ساقايمىدى. ساقايغان بولسا چوقۇم داداڭ بىلەن ئاناڭ سېنى تۇرغىلى قوياتتى. مەنمۇ سېنى زىرىكىپ كەتتى دەپ ئويلاپ، ساڭا ھەمراھ بولغىلى كەلدىم. ئەمدى زىرىكمەيسەن.

- ئەمسە چۆچەك ئېيتىپ بېرەمسەن؟

- ھاھاھا، ئەلۋەتتە ئېيتىپ بېرىمەن بالام.

مومام ماڭا چۆچەك ئېيتىپ بېرىدىغان بولدى. مومام چۆچەك ئېيتىپ بەرگەندە پەقەت زېرىكىش ھىس قىلمايتتىم. گاھىدا تېخى ئاڭلاۋېتىپ تاتلىق ئۇخلاپ كېتەتتىم. مومام ئېيتقان چۆچەكلەرنى دوستلىرىمغا سۆزلەپ بەرسەم ئۇلارمۇ زوق شوخ بىلەن ئاڭلايتتى. ئۇلارنىڭ مومىسى مېنىڭ مومامدەك قىززىق چۆچەك ئېيتالمىسا كېرەك دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم.

- موما بۈگۈن ماڭا قايسى چۆچەكنى ئېيتىپ بېرىسەن؟

- يەتتە باشلىق يالماۋۇز چىقىدىغان چۆچەكنى ئېيتىپ بېرەيمۇ بالام.

- ياق، مەن ئۇ چۆچەكنى بەك كۆپ ئاڭلىدىم، يەنە تېخى دوستىلىرىمغۇ سۆزلەپ بەردىم. ماڭا يېڭى چۆچەك ئېيتىپ بېرە موما.

- ماقۇل، ئەمسە مەن ساڭا ئىلگىرى سەن ئاڭلاپ باقمىغان، يېڭى بىر چۆچەك ئېيتىپ بېرەي- ھە!

- ۋاھ ئەجەپ ياخشى، ئەجەپ ياخشى. مەن خوشال بولۇپ چاۋاك چالدىم. مومام بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۋېلىپ، ئېيتىشقا باشلىدى.

بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن، بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر پادىشاھ بولغان ئىكەن. پادىشاھ ئادىللىق بىلەن يۇرت سوراپ، خەلىقلەر باي، باياشات خوشال- خورام ياشايدىكەن. پادىشاھ شىكارغا چىقىپ، ئوۋ ئوۋلاشقا ئامراق بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتىراپىدا نۇرغۇنلىغان چەۋەندازلىرى بار ئىكەن.

ئەپسۇس، ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى دېگەندەك، بۇ پادىشاھنىڭ بىرمۇ پەرزەنتى يوق ئىكەن. پادىشاھ پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ، نۇرغۇن يىل تەڭرىگە ئىلتىجا قىلغان بولسىمۇ، دۇئاسى ئىجاۋەت بولماپتۇ. ئۇ پەرزەنت ئىشقىدا ساراڭ بولاي دېگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، شۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي ئايان بوپتۇ.

- موما، ئۇ خىزىرمىكەن؟

- ھەئە، ئوماق بالام ئۇ خىزىركەن. تەڭرى ئىنسانلارنى مۇرادىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، خىزىرنى ئەۋەتىدۇ، ئەگەر سەن خىزىرنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، جاپا چىدىساڭلا چوقۇم مۇرادىڭغا يىتەلەيسەن.

- ھە... ئاخىرى قانداق بوپتۇ موما.

بوۋاي ئۇنىڭغا: «- ئەي پادىشاھى ئالەم، سېنىڭ دۇئايىڭ ئىجاۋەت بولۇپ، تەڭرى مېنى ئەۋەتتى. سەن 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بارلىق يۇرت خەلقلىرىنى يىغىپ كاتتا  توي ئۆتكۈزگىن، تويدا خەلقىڭنىڭ ئەقىل- پاراسىتى، باتۇر چەبدەسلىكى، ئۆرپ ئادەتلىرى تولۇق مۇجەسسەملەنگەن داغدۇغلۇق بىر پائالىيەت مەيدانغا چىقسۇن. يەنە، شۇنداق چوڭ بىر قازان ياساتقۇزغىنكى، ئۇنىڭغا يەتتە  شەھەرنىڭ، نامى بار يەتتە خىل دانلىق زىرائىتىدىن سېلىپ ئاش ئەتكۈزگىن. گۆشىنى ئوغلاق گۆشىدىن تەييارلا. ساڭا لازىملىق ئوغلاق، شەھەرنىڭ غەربىدىكى دىۋىلەر ياشايدىغان تاغ ئۆڭكۈرىدە. ئۇ ئوغلاق كۆكتىن چۈشكەن بولۇپ، دىۋىلەر ئۇنى يىگىنىدە، تۈگىمەس كۈچ قۇۋەتكە تولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ. مۇشۇ يەتتە كۈن ئىچىدە دىۋىلەر ئوغلاق گۆشىنى يىيىش ئۈچۈن كاتتا يىغىلىش ئۆتكۈزمەكچى بولىۋاتىدۇ. سەن چوقۇم ئۇلارنىڭ قولىدىن ئاشۇ ئوغلاقنى تارتىپ ئېلىپ، پۈتۈن ئەھلى جامائەت ئالدىدا ئۆزۈڭنىڭ باتۇرلىقىنى كۆرسەتكىن. شۇنى ئۇنۇتما، پۈتۈن ئاۋام سېنىڭ چەبدەسلىكڭنى بىلىپ قالسۇن. ئاخىرىدا يەتتە خىل دانلىق زىرائەت ۋە مۇشۇ ئوغلاقنىڭ گۆشىدىن ئېتىلگەن ئاشنى ھەممە يۇرت خەلقىگە ئېغىز تەكگۈزۈپ، ئاندىن خانىش بىلەن ئىككىڭلار ئېغىز تېگىڭلار شۇچاغدىلا پەرزەنت كۆرۈش ئارزۇيۇڭغا يىتەلەيسەن» دەپتۇ. پادىشاھ بوۋاينىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، مەرھۇم شاھىن شاھنىڭ « ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۇياققا ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دېگەن پەرمانى ئېسىگە يېتىپتۇ.

-شۇنى ئېسىڭدە چىڭ ساقلا، ئاشۇ ئوغلاقنىڭ گۆشى بولمىسا پەرزەنت كۆرلمەيسەن.

- بوۋا، ئەمما مەرھۇم شاھىن- شاھ ئۇيەر... بوۋا، بوۋا... پادىشاھ چۆچۈگەنچە ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ.

- موما، خىزىر بوۋاي غايىپ بوپتىمۇ؟

- شۇنداق ئەقىللىق قوزام، بوۋاي، شۇلارنى دەپلا غايىپ بوپتۇ. پادىشاھمۇ چۈشىدىن ئويغىنىپ، ئوغلاقنى قانداق قىلسام ئېلىپ كېلەلەرمەن دەپ غەمگە پېتىپتۇ.

- ھە... ئاخىرى قانداق بوپتۇ موما، پادىشاھ ئوغلاقنى ئەكېلەلەپتىمۇ؟

پادىشاھ ئۆزىنىڭ دانىشمەن ۋەزىر ۋۇزىرالىرىنى چاقىرىپ، كۆرگەن چۈشىنى بايان قىپتۇ. ۋەزىر ۋۇزىرالار پادىشاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۆز شاھىنىڭ شۇنچىلىك زور تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ، شەھەرنىڭ غەربىدىكى دىۋىلەر ئۆڭكۈرىگە بېرىشىنى تۇسۇپتۇ. ئەمما، پادىشاھنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، قەتئىي بارىمەن دەپ چىڭ تۇرۇپتۇ ۋە شۇكۈنى 40 ئاتلىق چەۋەندەز بىلەن يىتەرلىك ئۇزۇق تۈلۈك ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ ئىككى كېچە كۈندۈز يول يۈرۈپ، ئاخىرى دىۋىلەر ئۆڭكۈرىگە يىتىپ كەپتۇ. پادىشاھ يىراقتىن زەن سېلىپ ئاڭلىسا، ئۆڭكۈر ئىچىدىن راستىنلا چۇقان سۈرەن قىلىۋاتقان دىۋىلەرنىڭ ئاۋازى كېلىۋاتقۇدەك. ئۇ مۇشۇ پېتى كىرسە، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بىر ئەقىل تېپىپتۇ. پادىشاھ ئۇستا بىر سېھىرگەر سۈپىتىدە ياسىنىپ دىۋىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرگەن ئىكەن. دىۋىلەرنىڭ خوجىسى بۇ چاقىرىلمىغان مېھماندىن ھەيران بولۇپ سوراپتۇ.

- سەن كىم؟

- مەن سىھىرگەرلەر پىرى، كەمەك ھەييار.

- كەمەك ھەييار، بۇ ھېلىقى نامى مەشھۇر سىھىرگەر كەمەك ھەييار شۇ ئوخشايدۇ. دىۋىلەر ساراسىمىگە چۈشۈپ، ئۆز- ئارا كۇسۇرلىشىشقا باشلاپتۇ، خوجا دىۋە ئىشەنمىگەن قىياپەتتە.

- سەن راستىنلا كەمەك ھەييار بولساڭ، قېنى قانداق كارامەتلىرىڭ بار، بىزگە كۆرستىپ باقە؟ دەپتۇ.

- مەن ئەگەر سول قولۇم بىلەن، بىرلا ئىسقىرتسام 40 تۇلپار شۇئان بۇيەرگە ھازىر بولىدۇ. دەپتۇ پادىشاھ سول قولىنىڭ بارماقلىرىنى ئېغىزىغا ئەكىلىپ. ئەسلى ئۇ بۇيەرگە كىرىشتىن ئاۋال چاۋەندازلىرىغا بىرىنچى قېتىم ئىسقىرتقىنىمنى ئاڭلىغان ھامان ئاتلارنى ئۆڭكۈرگە قارىتىپ قويىۋېتىڭلار دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قويغان ئىكەن. پادىشاھنىڭ ئىسقىرتىشى بىلەن ھەقىقەتەن 40 تۇلپار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بوپتۇ.  

- ئەگەر مەن ئون قولۇم بىلەن، بىرلا ئىسقىرتسام 40 چەۋەنداز شۇئان يىتىپ كېلىدۇ. پادىشاھ ئوڭ قول بارماقلىرىنى ئېغىزىغا سېلىپ ئىسقىرتقان ئىكەن. 40 چەۋەنداز دىۋىلەرنىڭ ئالدىدىغا رەتلىك تىزىلىپ كىرىپتۇ. ئوغلاق گۆشىنى يىيىش تاماسىدا يۈرگەن دىۋىلەرنىڭ قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەن بولغاچقا، بىر يالماپلا 40 تۇلپار بىلەن 40 چەۋەندازنى يەۋېتىپتۇ. ئەسكەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پادىشاھ ساراسىمىگە چۈشكەن بولسىمۇ يەنە چاندۇرماي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.

- ئەگەر مەن ئىككى قولۇمنى ئېغىزىمغا سېلىپ بىرلا ئىسقىرتسام، بۇ ئۆڭكۈر گۆمۈرلۈپ چۈشۈپ ھەممە نەرسە ۋەيران بولىدۇ. پادىشاھنىڭ ئىككى قولىنى ئېغىزىغا ئەكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن دىۋىلەر قورقىنىدىن دەرھال پادىشاھقا يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ.

- كەمەك ھەييار سېھىرگەرىمىز ئۇنداق قىلماڭ، بىز سىزنىڭ قانداق تەلىپىڭىز بولسا ئۇرۇندايلى! پادىشاھ دىۋىلەرنىڭ يالۋۇرۇشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، قورقۇنۇشى بېسىلىپ، ئەسلى پىلانى بويىچە ئىش كۆرۈشكە باشلاپ،

- ھەي، ئۇنچىلىك قورقۇپ كەتمەڭلار! ئاڭلىسام، سىلەرنىڭ بۇيەردە كۆكتىن چۈشكەن بىر ئوغلاق بار ئىكەن. ئۇنىڭ گۆشىنى يىگەن دىۋىلەر، سىھىرى جادۇگەرلەر تېخىمۇ كۈچلىنىپ، مەڭگۈ ئۆلمەسمىش. شوڭا بۇ ئوغلاقنى يىيىش زىياپىتىگە مېنىمۇ قۇشۋالامدىكىن دېگەن ئىدىم. دەپتۇ پادىشاھ سالماقلىق بىلەن. پادىشاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان دىۋىلەر ئۇنىڭ ئىسقىرتىپ بۇيەرنى ۋەيران قىلىۋېىتىشىدىن ئەنسىرەپ، قۇشۇلۇشقا مەجبۇر بوپتۇ.

ئۇلار نەغمە ناۋاسىنى داۋاملاشتۇرۋاتقاندا، پادىشاھ ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئوغلاقنىڭ ئۆڭكۈر ئىچكىرىسىىدىكى بىر ئالتۇن قەپەزگە سولاپ ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. قەپەز بەك ئېگىزدە بولغاچقا، ھەرقانچە قىلسىمۇ ئۇنى ئالالمايدىغانلىقىغا كۆزىگە يېتىپ، باشقىچە بىر ئوينى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. ھەمدە، دىۋىلەرنىڭ خوجىسنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دەپتۇ.

- جانابىي ئالىيلىرى، مەن بۇ يەرگە كېلىشتىن ئاۋال، بىزنىڭ ئۇ زىياپىتىمىزگە تەييارلانغان ئوغلاقنى يالغانكەن دەپ ئاڭلىغان، ئەجىبا ئۇ ئوغلاق، راستىنلا يالغان...

- نىمە يالغان، يالغانمىكەن. دىۋىلەرنىڭ خوجىسى پادىشاھنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ساراسىمىگە چۈشۈپتۇ.

- ئەنسىرمىگەيلا ئالىيلىرى، مەن ئۇنىڭ راست، يالغانلىقىنى پەرىقلەندۈرىدىغان ئوبدان بىر چارىنى بىلىمەن. پادىشاھ شۇنداق دەپ، دىۋىلەرگە ئوغلاقنى ئەكەلتۈرۈشكە بويرۇپتۇ. ئوغلاق كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن ئۇ، ئوغلاقنىڭ ئۇيەر بۇيەرلىرىنى سىيلاشتۇرۇپ يۈرۈپ،  ئىككى تال تۈكىنى يۇلۇۋاپتۇ. بۇنى كۆرگەن دىۋىلەرنىڭ خوجسى ھەيران بولۇپ،

- سەن نىمىشقا، ئۇنىڭ تۈكىنى يۇلىسەن دەپ سوراپتۇ. پادىشاھ، كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا،     

- ئالىيىلىرى مەندە شۇنداق ئىسىل بىر نەرسە بار، بۇ ئوغلاقنىڭ تۈكىدىن ئارلاشتۇرساق، ئۇنىڭ قۇۋۋىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ- دە، بىزنىڭ روھىمىزنى كۆتۈرۈپ چەكسىز ھۇزۇرغا ئېرىشتۈرىدۇ. ئەگەر ئوغلاق يالغان بولسا، ئۇنىڭمۇ قۇۋۋىتى يوقايدۇ- دە، سۇ ئىچكەنچىلىكمۇ پايدىسى بولمايدۇ. دەپتۇ.

- قانداق ئېسىل نەرسە ئۇ چاپسان چىقار؟ ئەقىللىق پادىشاھ، ئالدىن ئالا تەييارلىۋالغان ئۆتكۈر بىھۇش دورىسنى ئېلىپ، دىۋىلەر خوجىسىغا كۆرسۈتۈپتۇ. بۇ بىھۇش دورىسى ھەرقانداق ھايۋاننىڭ مويلىرىغا ئارلاشسىلا كۈچى تېخىمۇ ئېشىپ، ھەتتا دىۋىلەرنىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ھۇشىسىزلاندۇرۇپ قويالايدىكەن. پادىشاھنىڭ دادىسى ئىلگىرى دىۋىلەر بىلەن جەڭ قىلغاندا، مۇشۇ خىل بىھۇش دورىسنى ياسىتىپ، دىۋىلەرنى ھۇشىسىزلاندۇرۇپ، قورقۇتۇپ ئاشۇ تاغقا قوغلىۋەتكەن ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى پادىشاھلىقىنىڭ مەخىپى رىستىپى سۈپتىدە ساقلىغانمىش. ئاچكۆزلۈكتە ئۇچىغا چىققان دىۋىلەر ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ، ئوغلاقنىڭ تۈكىنى تىزىراق ئۇ ئىسل نەرىسىگە سېلىپ، ئۆزلىرىگە چەكسىز ھۇزۇر ئاتا قىلىشنى ئۈتۈنۈپتۇ. پادىشاھ ئۇلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، بىھۇش دورسىغا ئوغلاق مويىنى ساپتۇ- دە، دىۋىلەرگە سۇنۇپتۇ. دىۋىلەر دورىنى ئىچىپ، بىر- بىرلەپ ھۇشۇسىزلىنىپ يەر چىشلەپتۇ. پادىشاھمۇ ئوغلاقنى ئېلىپ ئۆز ئىلىگە سەپەر قىپتۇ.

- ۋاھ، ئەجەپ ياخشى. پادىشاھ بەك ئەقىللىقكەن ھە موما.

- ھەئە بالام، سەنمۇ ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، ئەقىل پاراسىتىڭ بىلەن قىلساڭ، ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمىسەڭ، پادىشاھتەك مۇراد مەقسىتىڭگە يىتەلەيسەن.

- ھە، ئۇنداقتا پادىشاھ پەرزنتلىك بولالاپتىمۇ؟

پادىشاھ دۆلىتىگە قايتقاندىن كىيىن، يەنە ئۇنىڭ بېشىغا بىر يېڭى غەم چۈشۈپتۇ. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا كۆرگەن چۈشىنى ئەسلەپتۇ، چۈشىدە بوۋاي ئۇنىڭغا، پۈتۈن خەلقىڭ سېنىڭ باتۇرلىقىڭنى بىلسۇن دېگەنغۇ بالام.  

-ھەئە، شۇنداق دېگەنتى.

پادىشاھ ئۆزىنىڭ باتۇرلىقىنى ئەل يۇرتقا قانداق بىلدۈرۈشنى بىلەلمەپتۇ. گەرچە ئۇ دىۋىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئوغلاقنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ئىشنى شۇنداقلا دېسە ئاۋامنىڭ ئۆزىگە ئىشىنەلمەي، پادىشاھىمىز بىزنى ئالداۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشىدىن قورقىدىكەن. ئويلاپتۇ، ئويلاپتۇ، ھىچبىر ياخشى چارە تاپالماپتۇ. ئاخىرى كۆپنىڭ ئەقلى كۆپچە دېگەن ھېكمەت يادىغا يېتىپ، دانىشمەن ۋەزىر ۋۇزىرالىرىنى چاقىرىپ، ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ. ۋەزىلەر بىر ھازا ئويلانغاندىن كىيىنن، دانىشمەن ئوڭ قول ۋەزىر مەيدانغا چۈشۈپ، يول كۆرسۈتۈپتۇ.

- پادىشاھى ئالەم، سېىلى، باتۇرلۇق ۋە چەبدەسلىكتە كامالەتكە يەتكەن. پۈتكۈل ئەل ئاۋام بۇنىڭغا قايىل. بىز بۇنى ئاۋامغا يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بىرىش ئۈچۈن، شۇنداق بىر بەيگە ئۆتكۈزەيلى، ئۇ بەيگىدە، سىلى ئېلىپ كەلگەن ئوغلاقنى ئىلىمىزنىڭ ئەڭ قابىل چەۋەندازلىرى سىلە بىلەن تالاشسۇن، ئاخىرىدا سىلە، ئۇ ئوغلاقنى تارتىپ ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ جاسارىتىنى نامايەن قىلالايلا! بۇ گەپكە قايىل بولمىغان سول قول ۋەزىر مەيدانغا چۈشۈپ مۇنداق دەپتۇ.

- ئەگەر شاھىمىزنى،  ئوغلاق تارتىشقىلى مەيدانغا چۈشسە، كىممۇ ئۇنىڭ قولىدىكى ئوغلاقنى تارتىپ ئېلىشقا جۈرئەت قىلالىسۇن؟ پادىشاھ سول قول ۋەزىرنىڭ بۇ پىكىرىگە باش لىڭىشتىپتۇ. بۇ چاغدا ئوڭ قول ۋەزىر،

- بۇنىڭ ئىشى ئاسان، بىز چەۋەندازلار بىلەن شاھىمىزنى نىقابلايمىز. ئۇھالدا ھىچكىم، نىقاپ ئىچىدىكى ئادەمنىڭ پادىشاھىمىز ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. دەپتۇ. پادىشاھ بۇ پىكىردىن سۆيۈنۈپ، ئوڭ قول ۋەزىرگە كاتتا ئىنام بىرىپتۇ.

شۇنداق قىلىپ، بۇ ئەلدە كاتتا بىر توي نەغمىسى ياڭراپتۇ. پادىشاھ بۇ توينى چۈشىدە دىيىلگىنىدەك، شۇنداق داغ- دۇغلۇق ئۆتكۈزۈپتىكى، پۈتۈن يۇرتتىكى 7 ياشتىن 70 ياشقۇچە ھەممە كىشى بۇ تويغا داخىل بوپتۇ. تويدا ئات بەيگىسى، ئىت تالاشتۇرۇش، قوچقار سۇقۇشتۇرۇش، داۋاز قاتارلىق نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپتۇ. ئاخىرىدا  پادىشاھ دىۋىلەرنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ئوغلاق مەيدانغا كەلتۈرۈپ، ھازىر چەۋەندازلارنىڭ ئوغلاق تارتىشىش بەيگىسى باشلىنىدۇ، ئەگەر كىم بۇ ئوغلاقنى تارتىپ ئېلىپ بەلگىلەنگەن نوقتىغا يىتىپ بارالىسا، شۇ بۇ ئەلدىكى ئەڭ جەسۇر كىشى دېگەن نامدا تەرىپلىنىپ، يەتتە شەھەرنىڭ نامى بار يەتتە خىل دانلىق زىرائەتلىرىدىن تەييارلانغان كاتتا توي ئېشىغا، ئوغلاقنى ئۆز قولى بىلەن پارچىلاپ، سېلىش سەرپىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. دەپ جاكارلىنىپتۇ. يۇرت خەلقى ئوغلاق تارتىشىشقا چۈشكەن چەۋەندازلارنى ئالقىش ياڭرىتىپ قارشى ئاپتۇ. چەۋەندازلارنىڭ ھەممىسنىڭ يۈزىدە نىقاب بار بولۇپ، ھىچكىم ئۇلارنىڭ كىملىكى پەرىقلەندۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئىكەن. ئوغلاق بۇغۇزلىنىپ، ئىچى باغرى پاكىزە ئادالانغاندىن كىيىن، چەۋەندازلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بىرىلىپتۇ. چەۋەندازلار شۇنداق كەسكىنلىك بىلەن تالىشىپتۇكى، ئاتلارنىڭ تۇياقلىرى زەربىسىدىن يەرلەر سىلكىنىپتۇ. ئوغلاق ئۇ چەۋەندازنىڭ قولىدىن، بۇ چەۋەندازنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، تارتىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى، بىر چەۋەنداز بەلگىلەنگەن نوقتىغا يېتىپ بېرىپ غەلبە قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بارلىق چەۋەندازلارنىڭ نىقابىنى ئېلىۋېتىشقا بۇيرۇق بىرىلىپتۇ. چەۋەندازلار نىقابىنى شۇنداقلا ئاپتىكەن، پۈتكۈل ئەل جامائەت ھەيرانۇ ھەس قاپتۇ. چۈنكى ئوغلاقنى تارتىۋالغۇچى باشقا كىشى بولماستىن دەل ئۆزلىرىنىڭ شاھى ئىكەن. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار خاقانىنىڭ باتۇر، چەبدەسلىكىگە يەنە بىر قېتىم قايىل بوپتۇ. پادىشاھ يەنە ئوغلاقنى ئۆز قولى بىلەن پارچىلاپ، كاتتا توي ئېشىغا ساپتۇ.  ئاش پىشقاندىن كىيىن، ئۇ ھەممەيلەننى بۇ ئاشقا ئېغىز تېگىشكە تەكلىپ قىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا پادىشاھ خانىشى بىلەن ئۆزى بۇ ئاشقا داخىل بوپتۇ. ھەممە ئىشلار پادىشاھنىڭ چۈشىدە دىيىلىگىنىدەك بولغاچقا، ئۇزۇن ئۆتمەي خانىش  قورساق كۆتۈرۈپتۇ.

- موما، ئاندىن پادىشاھنىڭ بالىسى تۇغۇلۇپتىمۇ؟

- ياق بالام، ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمەپتۇ.

ئەمدى گەپنى دىۋىلەر ئۆڭكۈرىدىن ئاڭلايلى! كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ، دىۋىلەر ھۇشىغا كەپتۇ. ئۇلار بۇ كەمەك ھەييارنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئۇنىڭ ئاشۇ ئەلنىڭ پادىشاھى ئىكەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ. دىۋىلەر ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى سىزىپ دەر غەزەپكە كەپتۇدە، پادىشاھنىڭ ئېلىگە ھۇجۇم باشلاپتۇ. بۇ چاغدا خانىشنىڭ كۆزى يۇرۇشقا 40 كۈنلا قالغان ئىكەن. پادىشاھ ئۆز خاندانلىقى ۋە بالىسنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن ئەل يۇرتنى جەڭ قىلىشقا چاقىرىق قىپتۇ. ئۇنىڭ دانىشمەن، باتۇر، كەڭ قورساقلىقىغا قايىل خەلق، جان جەھلى بىلەن دىۋىلەرگە قارشى كۆرەشكە ئاتلىنىپتۇ.

-موما، دىۋىلەر ھەم چوڭ ھەم بەك يامان تۇرسا، ئۇلار يېڭەلەپتىمۇ؟

- ھاھاھا، ۋاي ئوماق بالام. خەلقنىڭ كۈچى چەكسىز، ئەگەر خەلق بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىدىغانلا بولسا، ھەرقانداق بىر كۈچ ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدۇ.  

پادىشاھنىڭ سەركەردە سەرۋازلىرى ھەم قۇدىرەتلىك خەلقىدىن تەشكىللەنگەن چوڭ قۇشۇن 40 كېچە كۈندۈز دىۋىلەر بىلەن جاپالىق ئېلىشىپ، ئاخىرى ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ تاشلاپتۇ. پادىشاھنىڭ قۇشۇنى دىۋىلەرنى يېڭىپ قايتقاندا، خانىشمۇ كۆزى يۇرۇپ، پاقلاندەك بىر ئوغۇل پەرزەنت تۇغۇپتۇ. بۇ قوش خوشاللىق شەرپىگە پادىشاھ يەنە پۈتۈن ئەلنى يىغىپ 40 كېچە كۈندۈز كاتتا توي ئۆتكۈزۈپتۇ.

- توختىغىنە موما، بۇ چۆچەكنىڭ دەسلىپىدىكى كاتتا توي ئەجەپ بىزنىڭ نۇرۇز بايرىمىغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەنغۇ؟

-ۋاي زىرەك نەۋرەم، ئوماق نەۋرەم. سەل تەخىر قىلغىن- ھە! مەن ساڭا ھازىر دەپ بېرىمەن.

پادىشاھ توي داۋامىدا، ئوغلىغا ئىسىم قويماقچى بولۇپ، يۇرتنىڭ داڭدار ئۆلىما، موللىلىرىنى چاقىرىپتۇ. ئۇلار كۆپ ئىسملارنى ئويلىشىپ ئاخىرى شاھزادىگە ‹نەۋرۇز› دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. ھەمدە ئوغلىنىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەپ بولغان، دەسلەپكى ئاشۇ كاتتا توينى ھەر يىلى شۇ ئاينىڭ شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۇدا 40 كېچە كۈندۈز  ئۆتكۈزۈشكە پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن، بۇ كۈن نەۋرۇز دەپ ئاتىلىپ، ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان كاتتا پائالىيەتكە ئايلىنىپتۇ.

- ھە ئەسلى مۇنداقكەندە، موما بۇ چۆچەك بەك قىززىقكەن.

- ئالدىراڭغۇ نەۋرەم، چۆچەك بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى. تېخى.

-يەنە بارمۇ موما، ئەجەپ ياخشى.

- ئەمدى ئارام ئالغىن، كەچ بولۇپ كەتتى. داۋامىنى ئەتە ئېيتىپ بېرەي- ھە!

- ياق، موما داۋامىنى ئېيتقىنە، بولمىسا ئۇخلىيالمايمەن.

- ۋاي، ۋۇي جۈرئەت موماڭنى ھاردۇرۋەتتىڭغۇ؟ ئۇخلىساڭ بولمامدۇ؟ دېدى ئاپام، ياتاق ئۆيدىن چىقىپ.

- ياق، مېنىڭ ياخشى مومام، ئۇ داۋامىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. دېدىممەن مومامنىڭ قۇچىقىغا كىرىۋېلىپ.

- ھە، نەۋرەم ئاڭلىسلا مەن داۋاملىق ئېيتىپ بېرىمەن. مومام چۆچەكنىڭ يەنە ئېيتىپ بېرىدىغان بولۇپ، ئاخىرىنى داۋاملاشتۇردى.

كۈنلەر ئايلارنى قوغلاپ، ئايلار يىللارنى قوغلاپ، شاھزادە نەۋرۇز 11 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇشتۇمتۇت يوقاپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ئۆزىنىڭ جان پارىسنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، پۈتۈن ئەل يۇرتقا ئوغلىمنى تېپىپ بەرگۈچىلەرگە ئەڭ كاتتا ئىنام بېرىمەن دەپ پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. ئەپسۇس، شۇنچە ئىزدىگەن بولىسمۇ، نەۋرۇزنىڭ ھېچقانداق ئىز دىرىكى بولماپتۇ. پادىشاھ تىت- تىت، بولۇپ كۈندە يىغلاپتۇ. ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر كېچىسىدە، ئۇ يەنە چۈشىدە ھېلىقى بوۋاينى كۆرۈپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭغا مەملكىتىنىڭ شەرق تەرپىدىكى بىر ئۆڭكۈرگە ئۆزى يالغۇز بېرىشنى ئېيتىپلا غايىپ بوپتۇ.

پادىشاھ ئەتىسى سەھەردە، ئوردىدىكى ئىشلارنى ئىشەنچىلىك ۋەزىر ۋىزىرالىرىغا تاپشۇرۇپ، پۇختا تەييارلىق بىلەن ھىچكىمگە چاندۇرمايلا يولغا چىقىپتۇ. ئۇ ئۇدا ئۈچ كېچە- كۈندۈز يول يۈرۈپ، ئاخىرى مەمىلكىتىنىڭ شەرقىدىكى ھېلىقى ئۆڭكۈرگە يېتىپ كەپتۇ. پادىشاھ بۇ قېتىممۇ، يەنە دىۋىلەر نەغمە قىلىۋاتمىغان بولمىسۇن دەپ شۇنچە زەن سالغان بولسىمۇ، ھېچقانداق شەپە ئاڭلىماپتۇ. ئاخىرى ئۇ تەۋەككۈل قىلىپ، مىسران قىلىچىنى ئېسىپ، ئارغىمىقىنى مىگىنىچە ئۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ. ئۆڭكۈردە يوغان بىر شىر باشلىق مەخلۇق بولۇپ، پادىشاھ ئۇنى بىر ھازا ئېلىشىپ، ئاخىرى مەغلۇپ قىپتۇ. يەنە ئىچكىرلەپ كىرگىنىدە چوڭ بىر دەريا ئۇچراپتۇ. دەريادا پەقەت بىر تاللا ياغاچ قويۇلغان ئۇزۇن كۆۋرۈك بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئات بىلەن ئۆتكىلى بولمايدىكەن. شوڭا ئۇ ئېتىنى قالدۇرۇپ، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشنى ئويلاپتۇ، ئۇ قارشى قىرغاققا يېقىنلىشاي دېگەندە مىسران قىلىچىمۇ دەرياغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇ مىڭ بىر مۇشەققەتتە دەريادىن ئۆتۈپ، ئاجايىپ بىر سىرلىق جايغا كېلىپ قاپتۇ. بۇ جايدا پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا يوق خىلمۇ- خىل نەرسىلەر بار ئىكەن. پادىشاھ ئۇ نەرسىلەرگە قاراپ ھەيران بوپتۇ. بىردىنلا، بىرىنىڭ غەيرى كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. پادىشاھ ھۇدۇقۇپ دەرھال ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپتۇ.

- سەن كىم؟

- مەن كەمەك ھەييار. بۇ ئەسلى پادىشاھ سىياقىغا كىرىپ، دىۋىلەرنى باپلىغان كەمەك ھەييار ئىكەن.

- مېنىڭ ئوغلۇمنى سەن ئېلىپ قاچتىڭمۇ؟

- ھۇ، ھۇۇۇۇۇ... مەن سېنىڭ كېلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم.

- سەن نىمىشقا ئوغلۇمنى ئەپ قاچىسەن؟

- ئوغلۇڭ ئورداڭدىكى كونا ئۇيۇنچۇقلاردىن بەك زىرىكىپ كېتىپتۇ. ئۇنى بۇيەردە ئوينىتىۋاتىمەن. ھۇھۇۇۇۇ...

- جۈيلىمە، تىزدىن ئوغلۇمنى چىقار.

- خامخيال قىلما، سەن مېنىڭ نامىمنى سېتىپ، خەقلەرنىڭ ئالدىدا يامان قىلدىڭ. ئەمدى بۇنىڭ بەدىلىگە جېنىڭنى قويۇپ كېتىسەن.

پادىشاھ دەر غەزەپكە ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، كەمەك ھەييارنىڭ ئارغىقى ھەم مىسران قىلىچى بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىسا يېڭلىپ قالدىغانلىغا كۆزى يېتىپتۇ. يەنە دىۋىلەرگە ئىشلەتكەن ئۇسۇل بىلەن ئۇنى باپلاشنى ئويلاپتۇ. پادىشاھ يانچۇقىدىن بىھۇش دورسىنى چىقىرىپ، ھېلىقى ئوغلاقنىڭ ئېلىۋالغان مويىدىن ئىككى تال سېلىۋېتىپ ئىچىشكە تەمشلىپتۇ. بۇنى كۆرگەن كەمەك ھەييار ھەيران بولۇپ سوراپتۇ.

- سەن نىمە قىلىۋاتسەن؟

- مەن بۇنى ئىچسەملا كۈچ قۇدىرىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. شۇ چاغدا سېنىڭ كاللاڭنى ئېلىپ، ئوغلۇمنى ئېلىپ كېتىمەن. دەپتۇ پادىشاھ بىھۇش دورسىنى ئاغزىغا يېقىن ئەكىلىپ.

كەمەك ھەييار ئۇ ئۇنى ئىچىۋالغۇچە مەنلا ئېلىپ ئىچىۋەتسەم تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ كەتمەمدىن دېگەنلەرنىلا ئويلاپ، چاققانلىق بىلەن پادىشاھنىڭ قولىدىكى بىھۇش دورسىنى ئېلىپلا ئىچىۋېتىپتۇ. كەمەك ھەييار ئۇنى ئىچكەن ھامان، ھۇشىدىن كېتىپتۇ. پادىشاھ بالىسنى ئېلىپ ماڭاشىدا، ئۇنىڭ يەنە ھۇشىغا كىلىپ بالىسنى ئېلىپ قېچىشىدىن ئەنسىرەپ، جادۇگەر كەمەك ھەييارنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىپتۇ.

- موما، كەمەك ھەييار شۇنچە سىھىر جادۇغا ئىگە تۇرۇپ ئۇنى بىلمەمدۇ؟

- بىلىدۇ تاتلىق نەۋرەم، ئەمما، ئۇ ئاچكۆز، ئالدىراقسان بولغاچقا بىلسىمۇ يەنە خاتالىشىدۇ. ئاچكۆزلۈك ئالدىراقسانلىق ئادەمنى ھامان ئەقلىدىن ئازدۇرىدۇ. سەن بۇنى ئېسڭىدە چىڭ ساقلا.

- ماقۇل موما، مەن ئەمدى ھەرگىز ئالدىراقسانلىق قىلمايمەن.

- شۇنداق ئالدىراقسان بولما، بولمىسا كەمەك ھەيياردەك كىشلەر ھەرخىل ئۇيۇنچۇقلار بىلەن سېنى ئالداپ ئەپ قېچىپ كېتىدۇ.

- ھە، چۈشەندىم موما، ئاخىرى قانداق بوپتۇ؟

پادىشاھ ئوغلىنى ئېلىپ قايىپتۇ. ئەمما ئۇ يەنىلا خاتىرجەم بولالماپتۇ. ئۇنىڭ يادىغا كەمەك ھەييارنىڭ ئوغلۇڭ ئۇيەردىكى كونا ئويۇنچۇقلاردىن زىرىكىپتۇ، دېگەن سۆزى يېتىپ، يەنە نۇرغۇنلىغان كەمەك ھەييارلارنىڭ ئۇنى ئېلىپ قېچىشىدىن ئەنسىرەپتۇ.

بىئارام بولغان پادىشاھ بىر كۈنى ئوغلىنى يېنىغا چاقىرىپ سوراپتۇ.

- ئوغلۇم سەن قايسى ئۇيۇننى ئەڭ ياخشى كۆرىسەن؟

- دادا، مەن سىلەرنىڭ ئوغلاق تارتىشىشڭلارنى بەك ياقتۇرىمەن. ئەمما مەن ئۇنى ھەرقانچە قىلساممۇ ئوينىيالمايدىكەنمەن. پادىشاھ ئوغلىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىشنىڭ تېگىگە يېتىپتۇ. ئۇ ئەل جامائەتكە شۇنداق پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.

- ئەگەر كىمدىكىم، مېنىڭ ئوغلۇمغا ئوغلاق تارتىشىش بەيگىسىگە ئوخشاش بىر ئويۇن تېپىپ بېرەلىسە، ئۇنى كاتتا ئىنئاملار بىلەن تارتۇقلايمەن، ھەمدە ھەرقانداق تەلىپىنى ئورۇندايمەن.

پادىشاھنىڭ پەرمانى بۇ يۇرۇتنىڭ ھەربىر بولۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە يەتكۈزلۈپتۇ. يۇرتنىڭ چەت بىر يېرىدە، شۇنداق نامرات بىر بالا بار ئىكەن. ئۇنىڭ يالغۇز بىرلائانىسى بولۇپ، ئۇ كېسەلچەن بولغاچقا، تۇرمۇشى ناھايىتى غۇربەتچىلىكتە ئۆتىدىكەن، شوڭىلاشقا ھەرقانچە قىلىپمۇ ئانىسنى داۋالىتىپ ساقايتالماپتۇ. ئۇ بالا پادىشاھنىڭ بۇ پەرمانىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۇنى ئۇرۇنداپ، ئانسىنىڭ كېسلىنى داۋالىتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. ئۇ نەچچە كېچە- كۈندۈز ئويلىنىپ، ئاخىرى كاللسىغا بىر بىر ئەقىل كەپتۇ. بالا ئەھۋالنى ئانىسىغا چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭدىن رازىلىق ئاپتۇ ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كېتىپتۇ. ئۇ شاھ ئوردىسى ئالدىغا كەلگەندە، قاراۋۇللار بالىنىڭ مەن شاھنىڭ پەرمانىنى ئورۇنلىيالايمەن دېگەن گېپىگە زادىلا ئىشىنەلمەپتۇ.

- ھەي، شۇنچە كۆپ دانىشمەنلەر، يۇرت ئۆلىمالىرى، ۋەزىر ۋۇزىرالار ئورۇنلىيالمىغان پەرماننى سەن قانداق ئورۇنلايسەن؟

- مەن راستىنلا ئورۇنلىيالايمەن. قاراۋۇللار بالىنى بىلجىرلاۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇرۇپ ھەيدەپتۇ. ئەمما، بالا زادىلا كەتكىلى ئۇنماپتۇ. قاراۋۇللار ئۇنىڭ كەتمەي تۇرۋالغانلىقىنى كۆرۈپ يەنە مۇنداق دەپتۇ.

- ئەگەر سەن كىرسەڭلا، ئۇ پەرماندا دىيىلگەن ئۇيۇننى چوقۇم ئورۇنلىشىڭ كېرەك. تېپىپ كەلگەن ئويۇنۇڭ ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، ناۋادا شاھزادىگە ياقماي قالسا، شاھنى ئالدىغان بولۇپ كاللاڭدىن ئايرىلىسەن. بالا قاراۋۇللارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئازىراق چۆچىگەن بولسىمۇ، ئانىسنى داۋالىتىش ئۈچۈن، بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت ئىكەنلىكى يادىغا يېتىپ، پىسەنت قىلماپتۇ. قاراۋۇللار بالىنىڭ يەنىلا كەتمەي تۇرۋالغانلىقىغا قاراپ، ئامالسىز شاھقا يەتكۈزۈپتۇ.

پادىشاھ بىر بالىنىڭ، ئۆز پەرمانىنى ئورۇنداپ، شاھزادىگە ياقىدىغان ئويۇن تېپىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن غەلىتىلىك ھىس قىپتۇ، ۋە ئۇنىڭغا قىزىقىپ دەرھال ھۇزۇرىغا باشلاپتۇ.

- ئوغلۇم، يېشىڭ تېخى كىچىك ئىكەن، ئەجىبا كاللاڭنىڭ كېتىشىدىن قورقمامسەن؟ دەپتۇ پادىشاھ بالىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن.

- ياق، مەن پەقەت قورقمايمەن. بالىنىڭ كەسكىنلىك بىلەن ئېيتقان سۆزىدىن مەمنۇن بولغان پادىشاھ، ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە چاۋاك چېلىپ ئالقىشلاپتۇ.

- ياخشى، ئۇنداقتا قۇرۇق قول كەپسەن، ئويۇنغا مۇناسىۋەتلىك ھىچنىمە ئەكەلمىدىڭمۇ؟

- پادىشاھى ئالەم، يول يىراق بولغاچ ئېلىپ كېلەلمەي قالدىم. ئەمما، بۇ ئۇيۇنغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى ھەممە جايدىن تاپقىلى بولىدۇ. پادىشاھ بالىنىڭ سۆزىدىن ئەجەبلىنىپ سوراپتۇ.

- ھەرقانداق جايدىن تاپقىلى بولىدۇ دېدىڭمۇ؟ ياخشى ئۇنداقتا ساڭا نىمە لازىم قېنى ئېيتە؟

- ماڭا بىر تۇتام، پىچان ياكى بولمىسا ئالدىراسمان ئۇمۇ بولمىغان تەقدىردە خالىغان ئوت چۆپ بولىسمۇ بولىدۇ. يەنە، ئۈچ تال يىپ ۋە ئىككى تال ئۇزۇن تاياقچە لازىم. شاھ بالىنىڭ دېگەنلىرى بويىچە ئۇلارنى تەييار قىپتۇ. بالا شاھنىڭ نەۋكەرلىرى ئېلىپ كەلگەن ئوت چۆپنى سىپتا باغلاپ چىرايلىق بىر قوزا ياساپتۇ. ئاندىن تاياقنى قولىغا ئېلىپ،

- شاھىم ئەگەر ئىمكان بولسا، بۇ ئۇيۇننى شاھزادىمۇ مەن بىلەن بىرگە ئوينىغان بولسا. دەپتۇ. پادىشاھ بالىنىڭ تەلىپىگە قۇشۇلۇپ، ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسىنى بالا بىلەن ئويناشقا چاقىرىپتۇ. شاھزادە ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە بالا ئۆزى توقۇپ چىققان قوشاقنى بىر قۇر يادىلىتىپ، شاھزادىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپتۇ.

ئىككى بالا بىرلىكتە ھەركىتى بىلەن قوشاقنى ماسلاشتۇرۇپ قوزىنى تالىشىپ ئويناپتۇ. بۇ ئۇيۇن شاھزادىگە شۇنداق يېقىپتۇكى، ئۇ ھاياجانلانغىنىدىن قېنقېنىغا پاتماي ئويناپ كېتىپتۇ. پادىشاھ شاھزادىسنى خوشال قىلالايدىغان ئويۇننى تاپقانلىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، بالىغا كاتتا ئىنئاملارنى ئاتا قىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئېيتىپتۇ. بالا ئۆزىنىڭ كېسەلچان ئانىسنىڭ بارلىقىنى ئۇنى داۋالىتىپ ساقايتىپ قويۇشنى پادىشاھتىن ئۆتۈنۈپتۇ. بالىنىڭ مىھىرىبانلىقىدىن تەسىرلەنگەن پادىشاھ، بالىنىڭ ئانىسنى يۇرۇتتىكى ئەڭ ئۇستا تىۋىپلارنى تەكلىپ قىلىپ ساقايتىپتۇ. ھەمدە بالا بىلەن ئانىنى ئۆز ئوردىسىدا ئېلىپ قېلىپ، ئۇلارنى غۇربەتچىلىكتىن خالاس قىپتۇ. بۇ ئۇيۇن يىراق يېقىنلارغا تارقىلىپ، ئوغلاق قوزا ئويۇنى دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كېلىپتۇ.

- ۋۇي، ۋۇي، ۋۇي موما، بۇ بىزنىڭ ئوغلاق قوزا ئويۇنىمىز ئىكەنغۇ؟

- ھەئە، نەۋرەم ئۇ دەل سىلەرنىڭ ئوغلاق قوزا ئويۇنىڭلار شۇ...

- ئەجەپ ياخشى، موما بۇ چۆچەك بەك قىززىقكەن، مەن دوستلىرىمغا ئېيتىپ بەرسەم بولامدۇ؟

- ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئەمدى ئۇخلىغىن ھەسەل نەۋرەم، بەك كەچ بولۇپ كەتتى.

- ماقۇل موما. مەن مومامنىڭ چۆچىكىنى ئاڭلاپ بولۇپ، ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتىم. بۇ چۆچەكنى دوستلىرىمغا ئېيتىپ بەرسەم ئۇلار ھەيران قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ھىچقايسىسى ئوغلاق قوزا ئويۇنىنىڭ قانداق پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيدۇ...

كۈندە چىللايدىغان ھېلىقى قىزىل خورىزىمىزنىڭ ياڭراق ئاۋازىنىمۇ سەزمەي ئۇخلاپ كېتىپتىمەن. مومام مېنى جۈرئەتجان نەۋرەم قورسىقىڭغا ئازىراق بىر نەرسە يەۋال دېمىگەن بولسا يەنە قاچانغىچە ئۇخلار بولغىيىتىم. مەن كۆزۈمنى يىرتىپ ئېچىپلا، ھاجەتكە چىقىش ئۈچۈن ئورنىمدىن تۇرۇپ مېڭىپتىكەنمەن. بۇنى كۆرگەن دادامنىڭ.

- ھە نوچى، نەگە ماڭدۇق. دەپ ماڭا كۈلۈمسىرەپ سۆزلىگىنىدە. ئۆزۈمنىڭ پۇتىنىڭ سەللىمازا ساقايغانلىقىنى بىلىپ، خوشاللىقىمىدىن سەكرەپ كېتىپتىمەن. دادام سەكرىگىنىمنى كۆرۈپ كايىپ كەتكەن ئىدى.

- ھېي، ھېي نىمە قىلىۋاتسەن، سەن، پۇتۇڭدىكى تېڭىق يېشىلمەي تۇرۇپ، ماڭغانلىقىڭنى ئاز دەپ، يەنە ئەرشالاغا چىقىدىغاندەك سەكرەيسىنا؟ مەن دادامنىڭ يەنە داۋاملىق تىللىشىدىن ئەنسىرەپ، ئاستا شۈمشۈيۈپ بېرىپ، مومامنىڭ قوينىغا كىرۋالدىم.

- ھە، قاسىمجان بالام بولدى. جۈرئەتجاننىڭ پۇتى ساقىيىپتۇ. تېڭىقنشى يېشىۋېتىڭلا ئەمدى. مومام شۇنداق دەپ دادامنى تېڭىقنى يېشىۋېتىشكە بۇيرىدى. داداممۇ مېنىڭ ماڭغانلىقىمنى كۆرگەچكە، لام- جىم دېمەستىن پۇتۇمدىكى تېڭىقنى يىشىپ ئېلىۋەتتى. پۇتۇمنى شۇنداق يەڭگىللەپ قالغاندەك ھىس قىلىدىم.

بۈگۈن بىز بىر ئائىلە كىشلىرىگە موماممۇ قۇشۇلۇپ ناشتا قىلدى. ناشتىدىن كىيىن، دادام بىلەن ئانام مېنى، ھېلىمۇ 4 كۈندىن بىرى مەكتەپكە بارمىدىڭ. دەرستىن قالىسەن تىز مەكتەپكە ماڭ دەپ بوغچامنى ئاستۇرۇپ يولغا سالدى. شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى، سىرىتقا چىقىمغاچقا ماڭا مەھەللىمىزنىڭ مەنزىرىسى ئالاھىدە گۈزەل كۆرۈنىۋاتاتتى. چىرايلىق پوتلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغان قاپاق تېرەڭلەر، سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان كىچىك ئۆستەڭ، باش باھارنىڭ ساپ ھاۋاسى، شاختىن- شاخقا سەكرىشىپ ئويناپ، بەس- بەستە سايراۋاتقان سېرىق قۇچقاچلار... پۈتكۈل كائىناتنى ھاياتى كۈچكە تولدۇرغان ئىدى. مەن بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ، بەش يىل ئوقۇش جەريانىدا، تەتىل ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن باشقا ۋاقىتلاردا بىر قېتىممۇ قوينىدىن ئايرىلىپ باقمىغان ئانا مەكتىپىمنىڭ ئالدىغا كەلدىم. مەكتەپ دەرۋازىسنىڭ تېمىدا «تېرەكلىك كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ» دېگەن ۋىۋىسكا پارقىراپ تۇراتتى. مەكتەپ ھويلىسىغا كىرشىمگە، پاكىزە تازلاپ سۇ سېپىلگەن مەيدان كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى. داۋاملىق مېڭىپ سىنىپىمنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، 5- يىللىق 1- سىنىپ دېگەن خەت يېزىلغان سېرىق تاختاي جۇلالىنىپ، مېنى باشقىچىلا ھاياجانغا چۆمدۈردى. سىنىپقا كىرەي دەپ تۇرۇشۇمغا، تۇيۇقسىز چېلىنغان ئەتىگەنلىك مۇزاكىرە قوڭغۇرۇقىدىن چۆچۈپ كەتتىم. ئالدىراپ تىنەپ سىنىپقا كىرىشىمگە ساۋاقداشلىرىم، مېنى كۆرۈپلا قىيا- چىيا قىلىشىپ، گۈلدۈر قاراس ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى. ساۋاقداشلىرىمنىڭ ساقىيىپ مەكتەپكە كەلگەنلىكىمنى كۆرۈپ، مېنى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا قارشى ئالغانلىقىدىن ھاياجانغا چۆمۈلۈپ، بەك خوشال بولغان ئىدىم. سىنىپ مۇدىرىمىز ئەتىگەنلىك مۇزاكىرىگە يىتەكچىلىك قىلىغىلى كىرىپ، مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى بىلدى، ھەمدە ماڭا غەمخورلۇق قىلىپ، تولۇق ساقىيىپ كەلدىڭمۇ دېدى. ھەممەيلەننىڭ ماڭا بولغان غەمخورلۇقى بۈگۈن سەھەردىن باشلاپلا مېنىڭ كەيپىياتىمنى باشقىچلا يۇقىرى كۆتۈرگەن ئىدى. شوڭىلاشقا دەرسلەرنىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى ناھايىتى ئاسانلا ئەستە قالدۇرۋالالىدىم. دەرس ئارلىقىدىكى ۋاقىتلاردا، ئالىم، پەرھات قاتارلىق دوستلار بىلەن چىقىپ، ئەلقەمنى ئىزدەپ تاپتۇق. ئەلقەملەرمۇ مېنىڭ ساقىيىپ كەلگەنلىكىمنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوشال بولدى. كەچتە دەرستىن چۈشكەندە ئۇلار بىلەن بىرگە قايتىشقا كىلىشىپ قويدۇق. تۆت سائەت دەرس ئاخىرلىشىپ چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولدى. ھازىر قىشلىق ۋاقىت قوللىنىغاچقا چۈشتە ئۆيگە بېرىپ، قورساقنى تويغۇزۇپ كېلىشكە ئۈلگۈرەلمەيتتۇق. شوڭا ھەممىمىز چۈشتە يەيدىغان نان، ئىچىدىغان چايلىرىمىزنى بوغچىغا قاچىلاپلا ئېلىپ كېلەتتۇق. چۈشتە كونا يېڭى دوستلار بىرلىكتە كۆڭۈللۈك غىزالاندۇق. ھەش پەش دېگۈچە كەچلىك دەرستىن چۈشىدىغان ۋاقتمۇ بولدى. ئەلقەملەر بىلەن تېپىشىپ، ئۆيگە بىرگە قايتتۇق. مەن ئۆيگە قايتىش جەريانىدا ئۇلارغا مومام سۆزلەپ بەرگەن چۆچەكنى ئېيتىپ بەردىم. بالىلار بۇ چۆچەكنى ناھايىتى ياقتۇرغان ئىدى. ئۇلار كىيىنچە ۋاقىت چىقسا مومامدىن چۆچەك ئاڭلاشقا ئۆزلىرىنمۇ چاقىرۋېلىشمنى ئېيتقان ئىدى. مەن ماقۇل بولدۇم. مەھەللىمىز تەرەپكە بۇرۇلۇپ، ئايرىلىدىغان چاغدا، ئەتە شەنبە بولغاندىكىن ئوغلاق قوزا ئويۇنى ئويناشقا كىلىشىپ قويدۇق. شۇنداق قىلىپ، ھەممەيلەن خوشلىشىپ ئۆيلىرىمىزگە قايتتۇق. مەن ئۆيگە كىرگەندە مومام ئاللىقاچان قايتىپ بولغان ئىدى. كىرىپ دادامغا ياردەملىشىپ ئات ئۇلاغلارغا يەم سېلىشىپ بەردىم. ئۇنىڭغىچە ئاپام تاماقنى پۇشۇرۇپ ئېلىپ كەلدى. كەچلىك تاماقتىن كىيىن، دەرسلىرىمنى تەكرار قىلىشقا باشلىدىم. دادام مېنىڭ ئوقۇشۇمغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى. شوڭا ئەتىگەن مەكتەپكە ماڭغاندا ھەر بىر دەرسلىكتىن ئۆتۈپ قەيەرگە كەلگەنلىكىنى ئېنىق ئوقۇپ كەل دەپ مېنى يولغا سالغان. مەن شوڭا ساۋاقداشلىرىمدىن سوراپ ھەممىنى ئېنىق بىلىۋالغان ئىدىم. كەچلىك دەرس تەكرار قىلىشىمغا دادام يېنىمدا تۇرۇپ ياردەملەشتى. ئۇ مەن دەرسكە قاتنىشالماي، بىلەلمىگەن ھەربىر نوقتىنى شۇنچىلىك ئىنچىلىك بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويىۋاتاتتى. مەن دادامدىن پەخىرلىنەتتىم، ئۇ ئوغلاق تارتىشىشقا ماھىر بولۇپلا قالماي، يەنە ماڭا ئۆتۈلىۋاتقان دەرسلەرنىمۇ شۇنداق پىششىق بىلەتتى. ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا ئائىلىسنىڭ نامراتلىقى تۈپەيلى، ئوقۇشتىن قالمىغان بولسا، بۇ كەمگە گەپ يوق، يېزىمىزدىكى ئەڭ مەلۇماتلىق زىيالىلاردىن بولۇپ قالاتتىكەنتۇق. شوڭا دادام مېنىڭ تىرىشىپ ئوقۇپ، ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇمنى بەكلا ئارزۇ قىلىدۇ. ھاردىم، تالدىم دېمەي ئېتىزدا ئىشلەيدۇ، مەن ئۈچۈن ئۆزى يېمىسمۇ، كىيمىسمۇ قىلچە ۋايساپ قويمايدۇ... مېنىڭ دادام ھەقىقەتەن قالتىس ئادەم، ئۇ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ دادا.

دادام مېنىڭ دەرسىلىرىمنى بىرەر قۇر تەكرار قىلىشىپ بىرىپ، ئارام ئېلىشمنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى.  بۈگۈن چارچىغان ئىدىم. شوڭىلاشقا يېتىپلا ئۇيقىغا كېتىپتىمەن. ئەتسى سەھەر تۇرۇپ ناشتا قىلدىم، ناشتىدىن كىيىن، مەن دادامنى ئېتىزغا چىقىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىمالال ھالدا بالىلار بىلەن كىلىشىپ قويغىنىمىز بويىچە ئوينىغىلى چىقالايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. قېرىشقاندەك دادام بۈگۈن ئېتىزغا ماڭمىدى. ئۇنىڭدىن سورىسام، ئېتىزنىڭ ئىشلىرى تۈنۈگۈن بىرەر قۇر تۈگىگەن، ئەتىگىچە چىقساممۇ بولىدۇ دەيدۇ. مەن ئەمدى يالغانچى بولۇپ قالىدىغان بولدۇم، غەمگە پېتىپ تۇرسام. ئۆيگە ئەلقەم، ئالىم قاتارلىق بالىلار كىرىپ كەلدى. ئادەتتە مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئىزدەپ باراتتىم، بۈگۈن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغان ئىدى. بالىلار كەلگەندىنكىن، مەن دادامغا ئۇدۇللا دە ۋەردىم. دادام ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ، ھەممەيلەنگە بۈگۈن مۇشۇ ئۆيدە دەرس تەكرا قىلىڭلار، ئەتىدىن باشلاپ قانچىلىك ئوينىساڭلار مەن جۈرئەتجاننى چىقىراي دېدى. بالىلارمۇ دادامنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلدى. بىز بىرلىكتە بىر كۈن دەرس تەكرار قىلدۇق. ئەتىسى بالىلار بىلەن ئوغلاق قوزا ئويۇنى ئوينىغىلى يەنە شۇ ئېتىز بويىغا باردۇق. بىز ئۆز ئارا ئارلىشىپ ئىككى گوروپ بولۇپ ئويۇننى باشلىدۇق.

دىكىر – دىكىر توشقان،

نەگە بارىسەن توشقان؟

دىكىر ئاكام قېشىغا.

دىكىر ئاكاڭ نېمە بەردى؟

ئۆچىكە سېغىپ سۈت بەردى.

ئۆچىكىسىنىڭ سۈتى يوق،

ئوغلىقىنىڭ پۇتى يوق.

ئۆزى ئىچتى بىر قاچا،

ماڭا بەردى بىر قوشۇق.

بىر قوشۇققا تويمىدىم،

بىر قوساقلىق بولمىدىم.

يۈگۈرۈپ باردىم تۆشۈككە،

بېشىم تەگدى بۆشۈككە.

...

بىزنىڭ قوشاق توۋلىغاندىكى جاراڭلىق ئاۋازىمىز ئەتىراپقا ياڭراۋاتىدۇ. ئۈركىگەن قۇچقاچلار ئۇياقتىن بۇياققا ئۇچۇپ، ئۆزلىرىنى بىئارام قىلغان بۇ ئاۋازلارنىڭ تىزىراق پەسىيىشنى كۈتىۋاتقاندەك پاتپاراق بولىۋاتىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ئاۋازىمىز بۇ ئۇيۇننىڭ كىلەچىكىنى يىراق- يىراقلارغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن، تېخىمۇ  ياڭراۋاتىدۇ. كىلىڭ كىچىك دوست بىز بىرلىكتە ئوينايلى، خاسلىقىمىزنى نامايەن قىلىدىغان بۇ ئۇيۇن مەڭگۈ داۋاملاشسۇن...!

تېلېفۇن:13399053546


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-5 11:37 PM  


ھەر كىمنىڭ ئۆزى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2114
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15057
تۆھپە نۇمۇرى: 584
توردا: 5252 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 08:19:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلار ئەدەبىياتىغا  بىر دەستە قېتىلىپتۇ،قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن!

سەندە يېتۈك تالانت ۋە تولۇق ئىشەنچ بولمىسا ،"ئەدەبىيات"دېگەن "ئېزىتقۇ"غا ھەۋەسلەنمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82856
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3237
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-7-22
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 01:24:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە! بەك ياخشى يېزىپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7651
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1126 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 12:47:55 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wa wa wa  nemidigan yahxi yezilgan asar bu! rastinla bak yahxi qikiptu ! bugun yurtka kayitkan poyizda olturup bir okuptikanman , birdamdila turpandin otup ketiptuk, he he he... ajringizga rahmat! ha ras bu oyunni kayarda oynaydu? man ajap anglap bakmaptikanman?

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89279
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 474
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2014-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 01:12:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86191
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 49
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-10-18
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 01:02:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلارغا تەشەككۈر، بۇ ئويۇن ئەسلى ئويغۇر بالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئوينىسا بولىدىغان ئويۇن ئىدى، ئەمما ھازىر بىلىدىغانلارمۇ ئاز...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش