مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1636|ئىنكاس: 26

قەلبىمدىكى قەلبىنۇر(سۆز ئويۇنى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3682
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8674
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2012-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-18 11:47:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                         (<ق> ھەرپىدىن باشلانغان لىرىكا)
                                                     سالماق
               قەدىرلىك قەلبىنۇر قاچانغىچە قارايمەن.قانچە قېتىملاپ قەلبىمنى قوبۇل قىلىشنى قەيت قىلساممۇ ،قەترىچىلىك قوبۇل قىلمىدىڭىز. قورايىڭىزدىن قانچە قېتىملاپ قۇرۇق قول قايتۇردىڭىز .قوغلىغىنىڭىزغا قانائەت قىلماي،قاتتىق قامچىلىدىڭىز .  
               قەدىرلىك قەلبىنۇر قاچانلاردا ،قارىغايلىقىمدا قولىڭىزنى قايرىپ قاتتىق قۇچاقلىۋىدىم ،قانداقتۇر قىيمىغاندەك قايرىلىپ قىيا قارىدىڭىز . قارىغاندىكى قىياپىتىڭىزگە، قارا-قارا قاشلىرىڭىزغا قاراپ قاققان قوزۇقتەك قېتىپلا قاپتىمەن .قارچۇقۇممۇ قىمىرلاشتىن قاپتۇ .  
               قەدىرلىك قەلبىنۇر قانمىغاندەك قىيا قارىدىڭىزيۇ ،قوللىرىڭىزنى قولۇمدىن قاچۇرۇپ قاچتىڭىز.قاردا قالغان قەدەملىرىڭىزدىن قارىڭىزغا قاراپ قوغلۇدۇم .قاچقانسىرى قارچۇقۇمدا قارىڭىز قالمىدى.قارىسام قاچقىنىڭىزچە قەشقەردىكى قاۋۇلنىڭ قېشىدا قاپسىز .
               قەدىرلىك قەلبىنۇر قاۋۇل قىلىقسىز .قارشىلىق قىلغىنىڭىزغا قارىماي قوپال قوللىرىدا قوۋۇرغىلىرىڭىزنى قايرىپ قاراسىلىتىۋىتىدۇ .قورساقلىرىڭىزنى قىمىرلىتالمايسىز .قاپقارا قاشلىرىڭىزنى قىرىپ قانىتىۋىتىدۇ. قۇدۇقلىرىڭىزنى قۇملاشتۇرىدۇ .قۇرۇغان قاقتەك قىلىپ قويىدۇ.قاغىدەك قاقىلداپ قۇلىقىڭىزنى قېتىشتۇرۋىتىدۇ .قانۇننى قايرىپ قويۇپ .قارىملارغا قىرائەت قىلغۇزۇپ قەست قىلىپ قىمىرلىماس قىلىپ قويىدۇ .قاپىقىنى قاپارتىپ قاغايدۇ.قىشتا قارىمايدۇ ،قاردا قالىسىز .قەدرىڭىزنى قىلمايدۇ .قىزلىقىڭىز قاۋۇلنىڭ قولىدا قۇرۇيدۇ . قاقشىغىنىڭىزغا قېتىلمىغىنىڭىزغا قارىماستىن قورغاستىكى قۇرۋاناينىڭ قېشىغا قاترايدۇ .قۇرۋاناينىڭ قوينىدا قۇرۋانايغا قانغۇچە قونىدۇ . قۇرۋاناي،قاۋۇلغا قوغۇن قېقى،قايماق،قاتلىما،قۇيماقلارنى قويۇپ،قورداق قورۇپ قاۋۇلنىڭ قەلبىنى قونالغۇسىغا قارىتىۋالىدۇ .قۇرۋاناي قاۋۇلنى قوينىغا قىچقارسا- قىچقۇرىدۇكى قەتئى قوغلىمايدۇ .
                قەدىرلىك قەلبىنۇر قاۋۇل قارا قورساق . قېرىشقانسىرى قېرىشىدۇ .قاش- قاپىقىڭىزغا قېتىقىنىپ قارىمايدۇ.قەلبىڭىزنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ. !  
               قەدىرلىك  قەلبىنۇر قاۋۇلنىڭ قاراياغاچلىقىدا قالامسىز ياكى قارىغايلىقىمغا قايتامسىز ؟ قايتمىسىڭىز قاۋۇلنى قەستلەيمەن.قاتىللىق قىلىمەن.قاراياغاچلىرىنى قومۇرۋىتىمەن !  
                قەدىرلىك قەلبىنۇر قەسەم قىلىمەنكى،قەلبىڭىزنى قەلبىمگە قوبۇل قىلغىنىم قىلغان.،قانۇن -قائىدىلەردىكى قىزىل قەغەزنى قىلدۇرۇپ قەتئى قايتماس قىلىۋىتىمەن.  
                قەدىرلىك قەلبىنۇر قەلبىمنى قوبۇل قىلىڭ .قارىغايلىقىمغا قايتىڭ . قوينىڭزدا قونۇپ قەلبىڭىزگە قېنىۋالاي. قولتۇقىڭىزدىن قاماللاپ، قاشلىرىڭىزغا قېشىمنى قويۇپ قايتا-قايتا قۇچاقلىۋالاي .قوينىڭىزدا قېتىپلا قالاي! قارىغايلار قاراپلا قالسۇن. قاقىرلار قىسسىمىزنى قوشاققا قاتسۇن!  
                قەدىرلىك قەلبىنۇر قاراڭە قاپىيەلەرگە قاتتىم. قاپىيەلىرىم قۇلاقلىرىڭىزدا قىپقالسۇن.  
                                                   قەدىرلىكىم       قەلبىنۇر ،  
                                                   قەلبىم قاقشاپ قالمىسۇن.
                                                   قەبرىلەنسەم     قەبرىگە ،
                                                <<قەرزىم >>قىستاپ قويمىسۇن.  
                قەدىرلىك قەلبىنۇر قەلبىمدىكى قەلبىنۇر!!!  
                                   مەنبە :ئۆز قەلەم(ئېرەنلىكتىكى ئىلھاملار ناملىق خاتىرەمدىن)  
                                                         2010-8-11-
                        

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
axkar + 50 قاملىشىپتۇ .

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 50   باھا خاتىرىسى

بىردەملىك تاقەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2025
يازما سانى: 3030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21377
تۆھپە نۇمۇرى: 734
توردا: 4929 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-18 11:58:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا مەرھابا قېرىندىشىم .ئىلھامىڭىز مەڭگۈ توختاپ قالمىسۇن. قەلبىڭىزدىكى قەلبىنۇر بىلەن بىرگە بولغايسىز...لىكىن ئىملا خاتالىقىڭىزغا دىققەت قىلغان بولسىڭىز تېخىمۇ خۇرسەن بۇلاتتىم...كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

غالىپلارچە ياشا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 419
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11982
تۆھپە نۇمۇرى: 553
توردا: 2511 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2014-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-19 12:03:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇنى بىر ياخشى باشلىنىس دىسە بولىدۇ.

غالىپلارچە ياشاشنى بىلمىسەڭ، ئەسىرلەرچە ياشايسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6297
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10403
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1821 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-19 12:08:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس  قېتىپسىز قوشاققا .
قۇبۇل قىلار قاۋاقتا(قايسى چاغدا)
قۇبۇل قىلمىسا قەتتئىلا،
قېقىۋېتىڭ قۇملۇققا....


كەچۈرۈڭ  ، بۇزۇپ  قويمىغاندىمەن...

باشقىلار ھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1854
يازما سانى: 2208
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 314252
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 5511 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-19 12:16:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاۋۇلنى قاتتىق قارغاپسىز،     قوشاق قاملىشىپتۇ .

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!

ســادىـر ئـەپـە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 128
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8118
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 825 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-19 12:29:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى يىزىپسىز .

قەلبىڭىزدىكى قەلبنۇرغا قاتقان ق قاملىشىپتۇ .

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3548
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19121
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8358 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-19 01:04:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ سۆز قابىلىيىتىڭ كۈچلىككەن .

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

سۈكۈتنىڭ ئاچچىق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1849
يازما سانى: 2221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7869
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 2933 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-19 01:40:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم قۇۋىتىڭىزغا قايىلمەن .................. [s:33]

ھەركىم يازسا ئۆزتىلدا ئەسەر ، ئانا-تىل ئۈچۈن جېنىم مىڭ پىدا. يوقالسا ئانا-تىل ئەتە ئەگەر !!! بۈگۈنلا مەن بولاي جېنىمدىن جۇدا .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6235
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8256
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 437 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2011-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-19 10:50:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەلەردىن كەلگەن ئىلھام بۇ؟   بارىكاللا!!!!!!!!!!!!

كۆزدىن يىراق، كۆ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4493
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8524
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 585 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2011-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-19 12:03:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلبىڭىزدىكى قەلبىنۇرغا قاغشاپلا  ئۆتۈپ كېتەسىزمۇ ئەمدى؟؟؟

ھەرقانداق بۇلبۇل ئۆزى ياخشى كۆرگەن گۈل شېخىغا قونالىغىنى بىلەن، ھېچقانداق بىر گۈل ئۆزى خالىغان بۇلبۇلنى شېخىغا قوندۇرالمايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش