مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6398|ئىنكاس: 22

ئۇيغۇرغا مەدھىيە(كۆك ھىلال) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 875
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5053
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 04:57:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرغا مەدھىيە
(كۆك ھىلال يازمىسى)
ئېھسان ئىسمائىل ئابابەكرى

ە

ە

پەخىرلىكسەن ئۇيغۇر مىللىتى،
قەدىمىڭدىن ئۈنىدۇ بوستان.
قوللۇرۇڭدىن جىلغىلار يىغلاپ،
كۈلۇپ كىلەر گۈزەل گۈلۈستان.
(سەلتەنەت قۇچىقىدا تۆرۈلۇپ،باتۇرلۇق گىرۋەكلىرىدە ۋەتەنگە باش ئۇرغان،ئۆچمەس تارىخقا ،يىمىرىلمەس مەدەنىيەتكە ئىگە كەڭ قورساق،مىھنەتكار ئۇيغۇرۇمغا بىغىشلايمەن.)

بىقىشلىرىڭدىن ھارارەت كىلەر ،تەبەسسۇمۇڭدىن راھەت چاچرار.دىلى ئوينىبان يىگىتلىرىڭدىن جاسارەت ئۇرغۇسا،نازىنىنلىرىڭدىن لەززەت كىلەر ،سەبىيلىرىڭدىن پاكلىق تامچىسا چاللىرىڭدىن ھىكمەت ئۈنەر.ھەربىر مەھەللەڭ ھەربىر كوچاڭدا سىخىيلىق ،مەرتلىك ئاقار.ھەق ناھەق ئالدىدا تىك تۇرىدىغان مىللىتىم قىيىن-قىستاق،تەنە-دىخمار،سوئال-سوراقنى باتۇرلۇقى بىلەن دەپسەندە قىلار.چۈنكى ئۇ مەڭگۈ تاشلاردىكى (كۆتىن تامغان يەردىن ئۈنگەن).ئۇنۇڭ جاسارىتى ئالەمنى تاڭ قالدۇرار. مەنىۋىيەت بىناسىنىڭ شۆھرىتىدىن ئەلئىھرام مەس بولار سەددىچىن قەددىنى پۈكەر.
باتۇرلۇقتا زامانىسىدا يەككە-يىگانە ئوغۇزخان جاھاننى زىل-زىلىگە سالغان. تۇلپارلىرىغا مىنگەشكەن تاغدەك ھەيۋەت ئارىسلاندەك بەردەم ئەزمەتلەر (ئوقنى ئاتتا تۇرۇپ ئالدىغا قانداق ئاتسا،كەينىگە شۇنداق ئاتقان.)لاچىندەك قاناتلىق،بۈركۈتتەك ھەيۋەت،شۇڭقاردەك شىددەتلىك ئەجداتلىرىمنىڭ ھەيۋىتىدىن زۇلقەرنەيىن قورقۇپ كەينىگە يانغان.
تۇمارىس شىراق،باتۇر تەڭرۇقۇت،بۆكۈخان قاتارلىق قەھرىمانلار ئۇيغۇر ئەجدادىنىڭ سەلتەنىتىدىن، ئۇيغۇرمىللىتنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدىن ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ باتۇرانە ئىش ئىزلىرىدىن بىشارەت بەرگەن،مۇشۇنداق  يىتۈك قەھرىمانلىق داستانلىرىغا ئۇيغۇر  روھى چاچرىغان.پىر چەڭگى ئاماننىساخان قاتارلىق سەنئەت  ئۇستازلىرى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ،ھەتتا دۇنيا سەنئىتىنىڭ تاكامۇللىشىغا تۆھپە قوشقان.سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ،پىرتانراكسىت قاتارلىق داڭلىق تەرجىمانلار ۋە شۇلا مىھنەت قىلغان ئالتۇن يارۇق،چاستانى ئىلگ بەگ قاتارلىق ئەسەرلەر دۇنيا ئەدىبىيات تارىخىدا ئالتۇندەك يالتىرغان.كوماراجىۋانى تالىشىپ ئۇرۇشقان دۆلەتلەر ئۇيغۇر مىللىتى پەرزەنتىگە سىڭدۈرگەن بىلىمگە ھەيرانۇ-ھەس بولغان. تاڭ سۇلالىسى ئۆڭلۈك سۈڭلۈك توپۇلىڭىد يەتتە پۈكلۈنۇپ ياردەم كۈتكەن.                                                                                                                         كىلاسسىك ئەدىبىياتىمىزدا ئۇلۇغ پەيلاسۇپ.دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ،يىرىك تىلشۇناس،تۇنجى تۈركۈلوگ مەھمۇت قەشقىرى،مەشھۇر ئەدىپ ئەھمەت يۈكنەكى ،داڭلىق ئالىم،موزىكانىت،يازغۇچى ئەبۇنەسىر فارابى،نەسىردىن رەبغۇزى،يۈسۈپ سەككائىي،مەۋلان لۇتفى،ئەلشىر ناۋائىي،مەخسۇت شەيىخزادە ئاتايى،مىرزا ھەيدەر،جامال قۇرەيشى،بابىي رەھىم مەشرەپ،خىرقىتى،زەلىلى،نەۋبىتى،موللا يۈسۈپ يەركەندى،موتىرىبان قەشقەرى،گۇمنام،مۇھەممەت سادىق قەشقەرى،ئابدىرىھىم نازىرى،موللا شاكىر،ناقىس،تەجەللى،موللا بىلال،سىيىت مۇھەممەت،موللا  مۇساسايرىمى،قاتارلىق دانىشمەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ مىھنىتى ئارقىلىق دىۋانۇ لوغەتىت تۈرۈك،قۇتادغۇبىلىك،ئەتەبەتۇل ھەققەيىق،موپتاھۇل ئۇلۇم،خەمىسە،چاھار دىۋان،مۇھاببەتنامە مىھنەتكام،يۈسۇپ-زىلەيخا،مۇھاببەت داستانلىرى،تەزكىرە ئەزىزان،زەپەرنامە،غازات  دەرمۇلى چىن،نوزۇگۇم،گۈلزار بىنىش،سۇراخ،مۇقبۇل رۇشەندىل،تارىخى مۇستەقىيۇن،دىۋان قىرى،مەھزۇل ئەلۋا ھىزىن،ۋامۇق-ھوزرا،تارىخى رەشىدىيە،تارىخى ئەمىنىيە،قىسسەسسۇل ئەنبىيا،قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلىرەر يىڭىچە پىكىر،يىڭىچە تەپەككۇر،يىڭىچە بىلىملىرىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دىگەن تامغىسى بىلەن دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىغا باسقان.ئابدىقادىر  دامۇللامدەك دىننىي مۆتىۋەرلەر،مۇسابايۇفلاردەك سانائەتچى مەرىپەتپەرۋەرلەر.ئابدىخالىق ئۇيغۇر،لوتپۇللاھ مۇتەللىپتەك ئوت يۈرەكلەر،تەۋپىقتەك مائارىپچىلار،نوزۇگۇمدەك قەھرىمانلار سادىردەك باھادىرلار،رازۋاندەك شەپقەت ھەمشىرلىرى،ئەخمەتجاندەك ئىنقىلابچىلار ئۆز تەغدىرىنى ئويلىماي ۋەتەن ئۈچۈن مىللەت ئۈچۈن بارلىغىنى سەرىپ قىلىپ قىپقىزىل ئۇيغۇر قىنىنى سىياھ قىلىپ ئۇيغۇر تارىخنى يازغان.زوردۇن سابىر،زۇنۇن قادىر،ئابدىرىھىم ئۆتكۈر،مۇھەممەت سالىھ،ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن.....قاتارلىق تالاي تۆھپىكارلاردىن ئۇيغۇر مەنىۋىيىتى رەڭ ئالغان.ئۇيغۇر مىللىتى مانا مۇشۇنداق تۈگمەس مىللەتپەرۋەرلەردىن  ھۆكەر يولتۇزى بولۇپ چاقنىغان.كۆكلىگەن.
ئۇيغۇر ئاشۇنداق مىللەت.ئۇ ئىلىم-مەرىپەتكە،پەن-بىلىمگە تەشنا مىللەت.ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئۇزۇن تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئىنسانىيەتكە بىلىمنىڭ سىموۋلىي بولغان قەغەز بىلەن مىخ مەتبەنى،ئىپتىدائىيلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىي بولغان يىپەك بىلەن پاختىنى،ھاياتلىق بىلەن ئىجدىمائىيلىق ،ئىنسان ۋە تەبىئەت ئوتتۇرسىدىكى بۈيۈك نامايەندە كارىزنى تەغدىم ئەتكەن.ئۇيغۇر يەنە ئۆز نۆۋىتىدە كالىندارچىلىق،ئارىستورنومىيە بىلىملىرىنى تەتقىت قىلىپ كەڭ بىلىم جۇغلىغان،ئىنسانىيەت مەدىنيىتىدىكى موھىم نامايەندە ئاياغ كىيىمى-ئۆتۈكنى ئىنسانىيەت تارىخىغا ئىختىرا قىلغان مىللەت.
ئۇيغۇر مانا مۇشۇنداق مەرىپەتپەرۋەر مىللەت،مانا مۇشۇنداق ئەدەبىيات سەنئەتكە ھىرىس مىللەت،ئۇنۇڭ قەدەملىرىدىن ۋەتەن ئۇقىمى كۆكلەيدۇ.ئۇنۇڭ نەپەسلىرىدىن باتۇرلۇق ھىدى كىلىدۇ .ئۇنۇڭ سۆزلىرىدىن جاسارەت  تامچىيدۇ،ھەركەتلىرىدىن ئۆمۈت چاچرايدۇ.
ئۇيغۇر مىللىتى كەسىپ ھۆرمەت قارىشىغا ئىگە مىللەت.ئۇ ئۆزىگە نان بىرىۋاتقان كەسىپنى چوڭ-كىچىك دىمەي ئاسرايدۇ،قوغدايدۇ،ھۆرمەت قىلىدۇ.توقۇمچى پۇرۇچقا دەسسىسە بولمايدۇ دەپ ئۆزىگە نان بىرىۋاتقان كەسىپكە زور ئىشتىياق باغلىسا،ناۋاي تونۇرى بىلەن كۆسىيىنى ئەسلەيدۇ،ساتىراش ئۇستۇرىنى ئاسرىسا،ئاشپەز قازىنىنى ئولۇغلايدۇ.
ئاھ كۆڭۈلچە مىللىتىم جانلىق تۇرماق ھەتتا جانسىز قۇرۇت قوڭغۇزغىچە ئازار بىرىشتىن قورقىدۇ.ئۇ ئاشۇنداق مىللەت ئۆزى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەنلا نەرسىگە مۇھاببەتلىك نەزىرى بىلەن باقىدۇ.
رەنجىش ئۇيغۇردىن يىراق .كۆڭلى كۆكسى پايانسىز دىڭىزدەك كەڭرى مىللىتىم پۇتكۈل ئالەمگە مۇھاببەتلىك نەزىرى بىلەن باقىدۇ.
ئۇيغۇر مىللىتى سودىگەرچىلىك ساپاسىغا،سودا ئىڭىغا ئىگە مىللەت.قەدىمكى يىپەك يولىدىكى سودا ئۇقۇمى سىڭگەن ئۇيغۇر مىللىتى تۇغما سودا قارىشى،سىتىق ئىقتىدارىغا ئىگە.ئۇ سودىدا ئادىل بولۇپ قىلنى قىرىققا يارسا،مىھمىنىغا قوينىنى كەڭ ئىچىپ،پۇتكۈل نىممىتىنى تۆكىدىغان مىھماندۇس مىللەت. ئۇيغۇر مىللىتى ساپالىق مىللەت،ئەڭ موھىم ئىنسانىي مىھىر-مۇھاببەت سىڭگەن، مەدىنيەتلىك نىشانى بولغان مىھماندوسلۇق،كۆيۈم شارائىتىنى ھازىرلىغان مەدەنىيەتلىك مىللەت.


ئۇنۇڭ تەبەسسۇملىرى قۇياش نۇرىغا تەڭدۇر ئۇيغۇرنىڭ تەبەسسۇمى ئۆچسە جاھاننى زۇلمەت باسىدۇ  ،ئۇنۇڭ مىھرى ئۇنۇڭ مۇھاببىتى چوغدۇر ئەگەر مۇھاببەت ئۆچسە ئۇيغۇر مىللىتىمۇ يوقايدۇ.ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى گۆش ئەمەس ئۇنۇڭ يۈرىكى مۇھاببەت.ئۇيغۇر غىرىپقا تەسەلىي يوقسۇلغا ئاپتاپ ئۇنۇڭ قوينىدىن نىممەت تۆكىلىدۇ.
پىچىرلايمەن:
ئاپتاپ
ئىنساننىڭ چىھرىدىن تارىسا
تەبەسسۇم
مۇھاببەت يازىدۇ
بۇلۇت
توسىۋالسا
قۇياش يۈزىنى
چاچرىسا مىھىر
ئىنساندا قۇياش
پارلايدۇ
ئۇيغۇردا
خەندان ئۇرۇپ
بۇلبۇل چىچەكلەيدۇ
مەن ئۇيغۇرنىڭ پۇشتى.ۋەتەننىڭ ھىدى.چۈنكى ۋەتەن مىللىتىمنىڭ پىچىرلاشلىرىغا قىتىلىپ كەتكەن.ئۇنۇڭغا ھەممەيلەن بىرگە غايىمىزنى  نەقىشلىگەن.ۋەتەندىن ئايرىلغان مەن يىلتىزىمدىن ئايرىلغان دەرەخمەن.ۋەتەندىن ئايرىلغان مەن سۇدىن ئايرىلغان بىلىقمەن.ۋەتەندىن ئايرىلغان مەن شاتلىقتىن ئايرىلغان قۇت.ۋەتەندىن ئايرىلغان مەن يىقىلغۇدىن ئايرىلغان ئوت.

ۋەتەن دەپ مەيلىتى  جېنىمدىن كەچسەم.
مۇناپىق بولمامدىم ئېلىمدىن كەچسەم.
نە ئەقىل مىللىتىم بولغاندا خازان،
پەش قىقىپ يامانلاپ ۋەتەندىن كەچسەم.

مەن ئۇيغۇرنى سۆيىمەن .
غىرىپ ۋاقىتلىرىمدا خوشنامدىن چىقارتىلغان بىر قاچا تاماقتىن (ياق لاۋا كەبى مۇھاببەتتىن)ئىللىغان قەلبىم ئۇنۇڭ مۇھاببەتلىك قوللىرىنى  سۆيىدۇ.
مەن سۆيىمەن.
ئىچىمدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان تەپەككۇرۇمنىڭ،غورۇرۇمنىڭ كۈيى ئەجدادىمنىڭ ماڭا بەرگەن مىھىرلىك تىلنى سۆيىدۇ.
مەن سۆيىمەن
.ھەربىرقىتىم شۇ ناخشا قۇلۇقۇمغا ئۇرۇلغاندا ئىختىيارسىز جەننەتنىڭ ئاۋازى مۇشۇمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن تەشنا قۇلاقلىرىم ئانىلارچە مۇھاببەتنىڭ مەھسۇلى ئەللەي ناخشىسىنى سۆيىدۇ.
مەن سۆيىمەن.
يوللاردا،تاغلاردا،باغلاردا ئاپتوبۇس بىكىتىدە،ۋوگزالدا ماڭا تەبەسسۇم قىلىپ تاتلىق كۈلۇپ تۇرغان ،قىنىمنىڭ مەۋىج بىلەن دولقۇنلىشىغا سەۋەب بولغان قىپقىزىل چىھىرنى سۆيىمەن.
مەن سۆيىمەن.
تۇرمۇش گۈلى،مودەن گۈل،تاجىگۈل ..........پاھ ھويلىسىغا تىرىۋەتكەن تۈرلۈك تۈمەن گۈللەرنى پەرۋىش قىلىپ تەبىئەتنى باغاشلاپ ياشىغان مىھنەتكەش قەدىردانلىرىمنىڭ ئاياق ئىزلىرىنى سۆيىمەن.
سۆيىمەن ھەربىر نەپىسىڭنى،سۆزۈڭنى،پىچىرلاشلىرىڭنى،ئىزلىرىڭنى سۆيىمەن.سەن سۆيۈشكە تىگىشلىك.سۆيىنىشكە تىگىشلىك .ئىپتىخارلىنىشمغا تىگىشلىك.
ئۇيغۇر خۇددىي تومۇزدىكى ئىزغىرىن شامال،ئۇنۇڭ ھەربىر پىچىرلاشلىرى غېرىپ كۆڭۈلگە،سۇلغۇن يۈرەككە داۋا.ئۇ تاڭ شەپىقى،ئۇ شەپەقتەك قىپقىزىل يۈركىدىن مۇھاببەت چاچرىتىدۇ.ئۇنۇڭ كۈلكىسى ئۇنۇڭ تەبەسسۇمى سەھەر ھاۋاسى،ئۇ شۇنچىلىك بىر بەھىر بىرىدىكىن ھەرقانداق مەنىۋىي زوق ئۇنۇڭدىن كەمدۇر.
مەن ئۇيغۇر!
قەۋمىمنى زىمىستان چىرمىسا چوغ بولۇشقا تىرىشمەن.باھاركەلسە باھارقىزى بىخ چاچقان مەجنۇنتاللارغا ئايلىنىمەن.زۇلمەت باسسا تۈمەنلىگەن يالتىراق قوڭغۇزلارنىڭ نۇرلىرىغا قېتلىپ كىتىمەن.ئەرزىمەس جىنىمنى ئۇيغۇرنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن سەرىپ قىلىمەن.چۈنكى ئانامنىڭ سۈتىدە ئۇيغۇرچە جاسارەت،ئۇيغۇرچە مۇھاببەت،ئۇيغۇرچە مىھىر بار.ئاتامنىڭ قىنىدا مەۋىج بىلەن ئاققان ئۇيغۇرچە قان، ئۇيغۇرچە ۋەتەنپەرۋەرلىك ،ئۇيغۇرچە غورۇر بار.ئۇيغۇر مىللىتى يوقالمايدۇ.ئۇنۇڭ پۇرۇقىدا باش ئەگمەسلىك تىز پۈكمەسلىك بار.ئۇيغۇر مىللىتى كۆكلەيدۇ. چۈنكى ئۇنۇڭ ئاياق ئىزلىرىدىن ئۈنگەن تۈمەنلىگەن قىزىل گۈللەر بار.
ئاھ ئۇيغۇرۇم  سىنى تەرىپلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلار .شەنىڭگە قاپىيەلەر تىزدىم:

ئۇيغۇر

شان-شەرىپىم ئىدى غورۇر،ۋىجدان ئاتلىق باتۇر سەردار،
ئۇيغۇر دىسە كېلەر ئەسكە جەڭدە جەڭچى جەڭگىۋار،
خىسلىتىڭ كۆپ،جاسارەتلىك،چىچەن چەندان،تونۇش دەركار،
شۆھرەت ئارا كۈلتۈر سىنىڭ پەزىلەتتە بايان داڭدار،
قەلبىڭ شۇنچە قاشتىشىڭنىڭ ھۆسنى ئايان بەردى دىدار.

تەڭدىشىڭ يوق قوينۇڭدىن تۆكۈلىدۇ مىڭ ھىممەت،
سىنىڭ خۇلقۇڭ مىراستۇر،ئەۋلاد ئۈچۈن زور رىغبەت،
دىۋانلىرىڭ بېتىدە ئاقار شىددەت تىرەن ھېكمەت،
تەپەككۇر تىلى لەززەت،چاچراپ تۇرار ئىسىل مەقسەت،
شەممى تارار ئەنئەنەڭدىن ئىلىم-ئىرپان چاقنار،يانار.

ئەنئەنەڭدىن تامچىپ تۇرار ئەسلى كۈچلۈك ھۆرمىتىڭ،
تاماق سۇنۇش خوشنىلارغا كۆيۈم-مۇھاببەت زىننىتىڭ،
بارچە دىلغا تىكلىنەر زەردىن نىشانە سۈرئىتىڭ،
ئالتۇن بىرىپ مەدەن نەققاش بويلىمايدۇ قىممىتىڭ ،
كۆرمىگەي ئەرمەن-ئەجەمدە سەن كەبى بۈيۈك دىلدار.


دانىشمەن پەدەرلىرىڭدىن سەن بۈيۈكسەن مۆھتىرەم،
تەھلىكىدىن يىراق قوينۇڭ،مېھرىڭ گويا مىسلى ئىرەم،
مېھمان كۈتەر چىچەن خەلقىم سېلىپ يولغا زىلچە گىلەم،
نىممەتلەرگە تاڭلاي خۇشتار،قىزى نازىنىن،كۆزى سەنەم،
خەسە كەبى ئاپئاق كۆڭلى پاك ۋە ساددا بىغۇبار.

ئىزلەپ قالساڭ ۋۇجۇدىدىن مەرەتلىك ئۇندا تېپىلار،
مېھمان بولساڭ قوي سويۇپ ساڭا بەتتە ئېتىلار،
گەپچى خەلقىم ساڭا قىيپاش،سۆھپىتىڭگە  قېتىلار،
مېھماندۇسلۇق زىننىتىدىن سەلتەنەتكە چېتىلار،
تەمەييۇر ئەيلىمە زىنھار مىننەت قىلماس تۆھپىكار.

(ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا) ئەقىدىگە بولۇپ سىرداش،
ئۆتەر ئەييام گۈل تىزىپ مېھنىتىڭگە بولۇپ يانداش،
ئادىمىيلىك مىزانىغا ئىتىقادنى قىلىپ جۈپتاش،
مۇھاببەتلىك كۆزى بىلەن قەلبلەرگە يېقىپ ئوتقاش،
شەيدا ۋەسلىڭ ئاتەش كەبى چېھرىڭگە ئۇيغۇر دىلخۇمار.

قايناپ قالسا بازىرى چوڭ ئايەمدىن بىشارەتتۇر،
يوقلاپ ئۆتەر بىر-بىرىنى بۇ ئۇيغۇرچە ئىناۋەتتۇر،
كۆيۈم ئۆلمەس ئۇيغۇر ئىلدە بۇ ئاشۇنداق جامائەتتۇر،
ئۇيغۇرغا خاس ھارارەتتۇر،تىلەكلىرى ئىجابەتتۇر،
ئۆلمەس سۆيگۈ ئىناق ياشاش ئەجدادلاردىن يادىكار.


پۈتكەن ئىلى،ماڭلاي سۆيەر ئىشچان خەلق تەرىدىن،
كۆكلەپ ئۆتتى ھەربىر مايسا باغۋەن ئۇيغۇر ئەجرىدىن،
جاسارەتلىك ياشاش مىراس بىزگە ئەجداد نەسلىدىن،
شۇڭا بۆرە ئاتالغان ئۇيغۇر ئەجدات ئەسلىدىن،
ئىشچان قولى تەگسە يەرگە يەنە كېلەر نەۋ باھار.

ئىگە خەلقىم گۈزەل ئۆرنەك مۇھاببەتلىك بىزەكلەرگە،
بولسا ھەم لايىق ئىدى پەزلىڭ بۈيۈك كۆرەكلەرگە،
بىرلا ئارمان سىڭگەن يۈرەك بۆلۈنمەيدۇ بۆلەكلەرگە،
رەيھان ھىدى چاچار كۆزنەك،قارا گۈللۈك روجەكلەرگە،
قارا كۈن كەلسە باشقا ئۇيغۇر قېرىنداش غەمگۇزار.

ئىشتىراك قىلساڭ مۇراسىم چېھرى شاتلىق ئېتەر سېماس،
قول تۇتۇشۇپ ئىناقلىقتا كەلتۈرىدۇ سۈرەن-قىيقاس،
شۇنداق خەلقىم ئىكرام بىلەن ھاياتىغا چاتار ئىخلاس،
تەبەسسۇمدا مۇڭلىنار  گۈل چېچەكتە جىمى مىقياس،
غەملىرىڭگە ھەمدەم بولسام ئاشار مەندە چىن ئىپتىخار.

يۈتەر چاپقۇن بولسا پىقىر ھەرتەرەپتىن كېلەر شەپقەت،
ئادالەتنى كۈيلىمەككە تاشار جۈرئەت،چىدام-غەيرەت،
قولى تەككەن نەققاش سۈرئەت،ئۇز- گۈزەللىك قىلار بەيئەت،
ھۆنەرلىردىن تارار لەززەت ،روزىغاردىن تاشار راھەت،
ئۆتەر ۋاقىت،كەلمەس رەنىج تۇرمۇشقا خوپ ئۇستىكار.



سېنىڭ نەپسىڭنى ئالسا مەغرۇر،ئۇنى پەلەك ئۆزى ئۇرغاي،
ياخشىلىقتىن چالسا تەمبۇر،ئۇنۇڭ بېشىغا قۇت قونغاي،
ھالال تەردىن ئىتەك مەمۇر،خامىنىڭغا بەركەت تولغاي،
مېھنىتىڭدىن ياشا ئۇيغۇر ،ئۇشبۇ يازمام تامام بولغاي،
ئەنئەنە ئەجداد روھى رىشتە ئۇدۇمدىن تىلتۇمار

.  
      

2012يىلى26-قەھرىتان جەننەت ماكان ئىلىنىڭ نۇرلۇق كىچىسى يىزىلدى.
(مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە تەۋسىيە)



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kukhelal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-30 09:27 AM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
花公主 + 10 ئەسىرىڭىز ماڭا بەك يا.
mayuss + 271
ئوغۇز0998 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 291   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86170
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 758
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 01:17:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئىرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

ياش ئىدۇق...بىر زامانلاردا~~~~~~~~~~~~!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90827
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 158
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 01:20:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن . ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 659
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4468
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 678 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 02:18:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  تىما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7953
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 09:00:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتلىنىشقا ھەقلىقكەن ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89921
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1606
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2013-1-11
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 10:01:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتا يوللاپسىزغۇ ..... ماقالە -ئوبزورلار سەھىپىسىگە يوللاپ قويۇپسىز  ....

ئانا تىلىمىز بىزدىن يىراقلاشقىنى يوق ، بەلكى بىز ئانا تىلىمىزدىن يىراقلىشىۋاتىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79886
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3687
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 11:18:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ئانا تىلىم ئەگەر سەن ئەتە يوقالماقچى بولساڭ،مەن بۈگۈن ئۆلۈشكە رازى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90676
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 11:54:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياخشى چىقىپتۇ ،داۋاملىق تىرىشىڭ...

ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان تەقدىر ئۈستىدىن قاقشىماسلىق،ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان تەقدىرگە باھانە تاپماسلىق كېرەك . سەن ئۆتمۈشىڭگە جاۋابكار،بۈگۈنىڭگە غوجىدار،كەلگۈسىڭگە سەۋەبكارسەن!
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80814
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4922
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 01:31:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ،داۋاملىق تىرىشىڭ

غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۇپ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1501
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7090
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 02:47:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ قولىڭىزغا دەرت بەر مىسۇن !!بىز ئۇيغۇر ھەقىقەتەن ئاجايىپ بىر مىللەت !!مۇشۇنداق ياخشى تىمىلىرىڭىزنى مۇن بەر دىن ئايىمىغايسىز~!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
时间是金钱 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەگەر ئۆزۈڭىزنىڭ مۆجىزە يارىتالمايدىغىنىڭىزنى بىلسىڭىز،تىرىشىپ تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى مۆجىزىگە ئايلاندۇرۇڭ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش