مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 901084|ئىنكاس: 1141

ھاراقكەش كېلىن ( پوۋېست )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 12:48:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئەسكەرتىش : مەزكۇر تىما مىسرانىم مۇنبىرىگە تەۋە !



ھاراقكەش كېلىن



ئىنكار قىلىنغان ئەر..


( 1 )


- سىزگە ئالدىن دەپ قوياي ، مۇشۇ بىر ئاخشام ئۆتۈپ كەتسىلا مەن سىزدىن ئايرىلىپ كىتىمەن ...

نازىلەنىڭ بۇ گېپى ئۆزىگە يىقىنچىلىق قىلىش ئالدىدا تۇرغان زەپەرنى ھەيران قالدۇردى ھەم زەپەر تىزلا ئۆزىنى توختىتىپ سۇئال نەزىرىدە نازىلەدىن سورىدى :

- نىمىشقا ؟ بۇ نىمە دىگەن گېپىڭىز ؟

قارىغاندا گەپنىڭ تىگىدە گەپ باردەك قىلاتتى ، ئەسلىدە بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق كۈندە بۇنداق كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان پاراڭلار بولمىسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى ، ئەمما نازىلە نىمىشقىدۇر مۇشۇ كۈنى يەنى توي ئاخشىمى ئۆزىنىڭ نىمە قىلماقچى ئىكەنلىكى ، بۇ توي كىچىسىنىڭ ئىككىنجى كۈنى كەچتىمۇ داۋام ئەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولسا كىرەك . شۇڭىمۇ كەسكىن ھالدا زەپەر بىلەن بىمالال پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى .

- ئىسمىڭىز زەپەر؟ ...

- شۇنداق نىمە بوپتۇ ؟

- گەرچە بىز ھۆكۈمەت بەرگەن توي قىلىش خېتىنى ئېلىپ ئەر - خوتۇن دەپ ئىتىراپ قىلىنغان بولساقمۇ ئەمما مەن ھازىر پەقەتلا سىزنى ئەر ئورنىدا كۆرەلمەيۋاتىمەن ،  بىز ئالغان توي خېتىمۇ خۇددى قۇرۇق قەغەزدەك بىلىنۋاتىدۇ .

- نىمىدىگەن دىگەن گەپ بۇ ؟ بىز توي خېتىمۇ ئالدۇق ، نىكاھمۇ ئوقۇتتۇق  ھۆكۈمەت بولامدۇ ، ئەل - جامائەت بولامدۇ ئىشقىلىپ جاھاندىكى ھەممەيلەن بىزنىڭ ئەر - خوتۇن ئىكىنلىكىمىزنى ئىتىراپ قىلىدۇ ، سىز زادى نىمە دىمەكچى ؟

- مەن شۇنى دىمەكچى ، ئەتە تاڭ يورىسىلا مىنىڭ سىز بىلەن بولغان ئەر - خوتۇندارچىلىق مۇناسىۋىتىم ئاخىرلىشىدۇ .

- ساراڭمۇ يا سىز ؟ بىز شۈنچە ھەشەمەتلىك ، داغ - دۇغىلىق توي قىلىپ ئەتە مۇناسىۋىتىمىزنى ئۈزسەك بۇ قانداقمۇ ئەقىلگە سىغىدۇ ؟

- مەن ناھايىتى ئوڭ ...

- تولا ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قايناتماڭ ! مىنى دۆت ، كالۋا كۆرىۋاتامسىز ۋە ياكى سىزگە ياقماي قالغان تەرىپىم بارمۇ ؟

- سىزگە جىق سۆزلىگىم يوق گەپنىڭ ئاساسى - مەن ۋەزىپە ئۈچۈنلا توي قىلغان دادام مىنى دەپلا ھەجگە بارالمايۋاتىدۇ  ، مەن تالالىق بولۇپ ئەرنىڭ پېشىنى تۇتقاندىن كىيىنلا ئاندىن دادامغا ھەج راۋا بولىدۇ ، مەن شۇنىڭ ئۈچۈنلا بۇ توينى قىلغان . ئەسلى مىنىڭ توي قىلغۇم يوق يوق ئىدى ، پەقەتلا شۇ دادامنى دەپلا بۇ تويغا سۈكۈت قىلدىم .

- قالتىسكەنسز ؟... سىزنىڭچە مۇشۇنداق قىلسىڭىزلا دادىڭىزغا ھەج راۋا بولارمۇ ؟ بۇ سىزنىڭ پىلانىڭىزمۇ ياكى دادىڭىزنىڭ پىلانىمۇ ؟

-  دادامنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋرى يوق .

- تويدىن بۇرۇن سىز بىلەن سىنىشىپ باقمىغانغا ، تۈزۈكرەكمۇ پاراڭلىشىپ باقمىغانغا مۇشۇنداق قىلامسىز ؟

- ئۇنداق ئەمەس بۇ گەپلەرنى سىزگە چۈشۈندۈرۈپ بولالمايمەن ئىشقىلىپ مەقسىدىم شۇ .

-  نىمە گەپ بولسا ئاڭلايمەن ، زادى ئىشنىڭ تىگى - تەكتىنى بىلمىگۈچە بولدى قىلمايمەن قېنى ئاڭلاپ باقاي ...

- ئەسلى بۇ گەپلەرنى بۈگۈن دىمىسەممۇ بولاتتى ھامان دەيدىغان بولغاندىن كىيىن دەۋىتەي دىدىم چۈنكى ئىدىيىڭىزدە تەييارلىق بولسۇن دىدىم .

- مۇشۇنداق دەپلا ، مۇشۇنداق قىلىپلا قۇتۇلىمەن دىمەكچىما ؟ توي خېتى قۇرۇق خەت ھىساپلانسا ئەل - جامائەت ئالدىدىكى ئىمانىمىزنى گۇۋاھچى قىلىپ قويۇپ قىلىنغان نىكاھىمىز نىمىگە ھىساپ ؟

- نىكاھنىڭ قۇدرەتلىك ، ئۇلۇغلىقىنى بىلىمەن ئەمما بۇنى دەپ ئۆزۈمنىڭ ئىشلىرىنى توسالغۇغا ئۇچراتسام ، ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويسام بولمايدۇ . بۈگۈن مىنى ئۆلتۈرۋەتمەيدىغانلا بولسىڭىز ئۇندىن باشقا نىمىش قىلسىڭىز مەن رازى ... بۇ قىلغىنىم ئۈچۈن ئۇرۇڭ ، تىللاڭ ، ئىشقىلىپ ئاچچىقىڭىز بېسىقىدىغانلا بولسا نىمە قىلسىڭىز مەيلى .

- توۋا ! خۇدا بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن ! سىزنى ئىسلامدىن خەۋرى بار ، ئەۋلادى ئوقۇمۇشلۇق ، ئىمان - ئىتىقادى كۈچلۈك دەپ ماڭا تونۇشتۇرۇپ تويمىزنى قىلغان ئىدۇق ئەمدى ماڭا قايتۇرىدىغان جاۋابىڭىز مۇشۇ بولدىما ؟

- بىلىمەن ، بۇ سىزگە بەك ئېغىر كىلىدۇ ، ئەمما نىمىلا دىگەن بىلەن مىنىڭ كۆڭلۈمدە باشقا بىر ئەر ھېلىھەم مەۋجۇت .

- ھازىر ئاۋۋال ياراتقۇچى ئاللاھ ئىگىمىز ، ئۇنىڭدىن قالسا مەن سىزگە ئىگىدارچىلىق قىلالايدىغان ھەم سىز ئەڭ بويسۇنۇشقا لايىق بولغان ئادەم ، مىنىڭ ئالدىمدا باشقىلار بىلەن بولغان ھەرقانداق مۇناسىۋەت ، ھەرقانداق كۆز قاراش ھىساپ ئەمەس .

- دەيدىغان گېپىمنى دەپ بولدۇم ، قالغان ئىش سىزدە قالدى .

ئۆينىڭ ئىچى جىمجىتلىققا چۆمۈپ قالدى ، شۇ تاپتىكى زەپەرنىڭ چىرايى خۇددى ھاۋا تۇتۇلۇپ يامغۇر ياغالماي قالغان ئاسمانغا ئوخشاش ئۆڭۈپ ، ئىچىنى بىر نىمىلەر غاجىلاۋاتقاندەك ئەنسىزلىك ئىچىدە نىمە دىيىشىنى ، قانداق قىلىشنى بىلمەيۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى . ئۇ بىر ھازا سۈكۈت ئىچىدە نازىلىگە كۆزلىرىنى چەكچەيىتكەن پېتى قاراپلا قالدى . نازىلە بولسا تىنىچ مۇھىت ئىچىدە بىر نوقتىغا قارىغان پېتى ئىپادە بىلدۈرمەي ئولتۇراتتى .

مانا ئاچچىق دىگەن شۇ ... زەپەر چاقماق تىزلىكىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆينىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى تەكچىگە تىزىلغان خىرۇستال چىنە - تەخسىدىن نەچچە ئوننى تامغا ئۇرۇپ چېقىۋەتتى ، قاتتىق ئۇرغاچقا چىنىنىڭ سۇنغان پارچىلىرى ئۇنىڭ قولىنى تىلىۋەتكەن بولۇپ بارماقلىرىدىن قان تامچىپ گىلەم ۋە تويلۇق كىيىملىرىنى بۇلغىۋەتكەن ئىدى . نازىلە بىردەملىك سۈكۈتتىن كىيىن يان تەرەپتىكى سېلىپ قويۇلغان كۆرپە كىرلىكىنى يېرتىپ زەپەرنىڭ يېنىغا كەلدى . زەپەر ئۇنى قوبۇل قىلمايدىغاندەك قىلاتتى .

- نېرى تۇر ! ماڭا يىقىنلاشما بولامدۇ ؟ ...

زەپەر ئاجايىپ بىرخىل سەسكىنىش ، نەپرەتلىنىش ئىلكىدە لاتا بىلەن قولىنى تاڭماڭچى بولغان نازىلەنى كۈچەپ ئىتتىرۋەتتى نازىلە نىمە قىلىشىنى بىلمىگەندەك تۇرۇپلا قالغان ئىدى ، زەپەر يەنە ئۈن سېلىپ ۋاقىراشقا باشلىدى .

- سەن ماڭا تەگمىگەن شۇنداقما ؟ سەن تىگىڭدىن بۇزۇلغان شۇنداقما ؟ ئىسىت ... ئادەم بالىسى ئالماي ئىشەك ئالغان ئوخشايمەن .

ۋارقىراپ بېسىقمىغان زەپەر ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ قىڭراقنى كۆتىرىپ كىردى ۋە نازىلەگە تەڭلەپ تۇرۇپ ئۇنى جاۋاپ بىرىشكە قىستىدى :

- ئالە ، بۇنى ئېلىپ مىنى بوغۇزلىۋەت ! شۇنداق قىلساڭ ئاندىن مەندىن قۇتۇلالايسەن . ئالە قولۇمدىن ... يا مىنى بوغۇزلىۋىتىپ ئاندىن ھېلقى ئادىمىڭ بىلەن نىمىش قىلساڭ قىلغىن ياكى ماڭا ئەل بولۇپ خوتۇن بول .

زەپەرنىڭ بۇ تۇرقى نازىلەنى بىرئاز چۆچۈتۈپ قويدى ئەمما نازىلە ئۇنچە بەكمۇ قورقۇپ كەتمىدى زەپەر بىلەن داۋاملىق ئېيتىشالىغۇدەك جۈرئىتى بىلەن ئۇنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇپ جاۋابەن دىدى :

- پىچاقنى سىز ئېلىپ چىققاندىن كىيىن سىزلا ئۆلتۈرۋىتىڭ مىنى ... ئاچچىقىڭىز چىقىدۇ .

- يوقىلە ،  ئىمانسىز ...

زەپەر پىچاقنىڭ سېپى بىلەن نازىلەنىڭ پىشانىسىدىن ئىتتىرۋەتتى ، نازىلە گىلەم ئۈستىگە ئۆرۈلۈپلا چۈشتى ، ھازىرقى بۇ ۋاقىتتا بۇ ئىككەيلەن توي ئاخشىمىدىكى ئەر - ئاياللارغا ئەمەس بەلكى جەڭ قىلىۋاتقان دۈشمەنلەرگە ئوخشاپ قالغان ئىدى .

زەپەرنىڭ شۇ ئاچچىقىدا نازىلەنى قاتتىق ئۇرۇپ تىللاپ دەردىنى چىقارغۇسى كەلدىيۇ ئەمما ئۆزىنى بەك تەستە تۇتىۋالغان پېتى ئېغىر قەدەملەرنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .

ئەگەر كېلىن كۆچۈرۈلگەن ئۆي ئايرىم بولماي چوڭلار بار ئۆي بولغان بولسا بۇ ۋاقىتقىچە باشقىلارمۇ بۇ كىچىدىكى تالاش - تارتىش ، جىدەلگە ئارلىشىپ قالغان بولاتتى ،  ئىزغىرىن شاماللار يوللارنى ، كوچىلارنى سىيپاپ ئۆتۈپ قاياقلارغىدۇر يوقاپ كىتەتتى .

يېرىم كىچە - ئاسماندىكى ئايمۇ خۇددى زەپەرنىڭ بۇ قۇتلۇق كۈنىدىن قىزغىنۋاتقاندەك قاياقلارغىدۇر يوقاپ كەتكەن بولۇپ ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يۇلتۇزلارمۇ سۇسلىشىپ قالغان ئىدى .

زەپەر ئۆز خىيالىنى مەركەزلەشتۈرەلمەي قالغاندەك چوڭ يول ئۈستىگە كەلگەندە قەدىمنى نەچچە يۈز مىتىر نېرىدىكى سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىغا ئالماقچى بولۇپ نەچچە ئون قەدەم ئالدىغا ماڭدىيۇ لىكىن توختىۋلدى ، سوغۇق شامالدا قولىدىكى قانمۇ تامچىلاشتىن توختاپ قالغان ئىدى ، ئۇ بىردەم ئىزىدا تۇرىۋالغاندىن كىيىن يىنىك تىترەۋاتقان قوللىرىنى ئىشتان يانجۇقىغا سېلىپ تىلىفۇننى ئالدى  بىر نۇمۇرغا تېلىفۇن قىلدى .

- زەپەر ... ۋەي ، گەپ قىلە !

- ...

- گەپ قىلە نىمە بولدى ؟

زەپەرنىڭ ئۇ ھالىتىدە ھىچكىم بىلەن پاراڭلاشقۇسى يوق ئىدى ، يالغۇزلۇقنى خالاپمۇ قالغان ئىدى ، شۇڭىمۇ بىرلا ئېغىز گەپ قىلىپ تېلىفۇننى قويىۋەتتى . تېلىفۇندىكىسى ئۇنىڭ يىقىن ئاغىنىسى ھەم بۈگۈنكى تويدىكى قولدىشى لوقمان ئىدى .

- ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا كەل ، ساقلاپ تۇردۇم .

تىلىفۇننى ئۈزىۋەتكەندىن كىيىن يولنىڭ ياقىسىدىكى چىنار دەرىخىگە يۆلىنىپ تۇرۇپلا قالدى . يىنىك شىلدىرلاۋاتقان چىنارنىڭ قۇرۇق يوپۇرماقلىرى ۋە يولدىن ئۆتىۋاتقان قاتناش قوراللىرىنىڭ شاۋقۇنىدىن باشقا ئەتراپتا باشقا ئادەمنى قاراتقۇدەك بىرەر تىۋىشمۇ يوق ئىدى ، ئالاھەزەل ئون نەچچە مىنۇتلاردىن كىيىن بىر قارا رەڭلىك سانتانا ماركىلىق ماشىنا زەپەر تۇرغان چىنار تۈۋىگە ئاستا كىلىپ توختىدى ، كەلگىنى لوقمان ئىدى .

- نىمە بولدى زەپەر ؟ نىمىشقا بۇ يەرگە چىقىۋالدىڭ ؟

- ھىچ ، ھىچ ئىش بولمىدى .

- كىيمىڭ ، كۆينىكىڭ قان يۇقى تۇرىدۇ ، قولۇڭغا نىمە بولدى ؟

- ھىچنىمە بولمىدى دىدىمغۇ ...

- ئەستا ، كىلە ماشىنغا چىق .

لوقمان زەپەرنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ماشىنىغا ئېلىپ چىقتى ھەم ماشىنىنىڭ ئىسسىق شامىلىنى كۈچەيتىپ ، ئالدى قاپچۇقتىكى يىپ لۆڭگىنى ئېلىپ زەپەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ ئۇنى قولىنى يۆگەشكە جىكىلىدى .

- قولۇڭنى يۆگىۋال ، ئۇنداق تۇرسا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ . زادى نىمە بولدى ؟ گەپ قىلساڭچۇ ؟

- ھىچنىمە بولمىدى دىدىمغۇ ...

- ماقۇل ، ھىچنىمە بولماپتۇ ، ئەمىسە دوختۇرخانىغا بېرىپ قولۇڭنى تاڭدۇرايلى ئاندىن كىيىن بىر گەپ بولسۇن .

لوقمان ماشىنىنى دوختۇرخانا تەرەپكە قاراپ بۇرىدى ، ماشىنا ئىچىدە ھەر ئىككەيلەن سۈكۈت ئىچىدە ئولتۇراتتى . بىر ئازدىن كىيىن ئۇلار دوختۇرخانىغا بېرىپ دىجۈرنى دوختۇرنى ئىزدەپ تېتىپ زەپەرنىڭ قولىنى تاڭدۇرۇپ بولۇپ يەنە ماشىنىغا قايتىپ چىقتى ، ئادەتتە بۇ ئىككەيلەن بىر يەرگە كەلسە دىيىشمىگەن گېپى قالمايىتتى ، شۇڭىمۇ بىر - بىرىنى ئوبدانلا چۈشىنەتتى ئەمما نىمىشقىدۇر بۈگۈن زەپەر جىمىپلا كەتكەن ئىدى ، بۇ ھال لوقماننى جىلە قىلىپ قويدىمۇ قانداق سۈكۈتكە بەرداشلىق بىرەلمىگەن لوقمان ئاچچىق تەلەپپۇز بىلەن گەپ ئاچتى .

- نىمە بولدى دىسەم ياكى گەپ قىلمايسەن ، بۇنداق تۇرىۋالىدىغان ئادەم مىنى چاقىرمىساڭ بولمامدۇ ئەمىسە .

لوقماننىڭ بۇ گېپى زەپەرگە تەسىر قىلدى بولغاي ، زەپەر تىزلا ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ چۈشۈشكە ئۇرۇندى ئەمما لوقمان بىر پۇتىنى يەرگە ئېلىپ بولغان زەپەرنىڭ بىلىكىدىن چىڭ تۇتىۋىلىپ ئۇنىڭغا يەنە ۋارقىراپ كەتتى .

- نەگە بارىسەن ؟ گەپ قىلمىساڭمۇ مەيلى ئولتۇرە ئەمىسە ماشىنىدا ... مەنمۇ نىمە گېپىم بولسا ساڭا دەپ ، سەندىن مەسلىھەت ئېلىپ ئىش قىلاتتىم ، مەن سىنى يىقىن كۆرگەن بىلەن سەن مىنى يىقىن كۆرمەيدىكەنسەن شۇنداقمۇ ؟

نىمە گەپ بولسا ئاۋۋال دىسەڭ بولمامدۇ ، گەپ قىلماي تۇرىۋالساڭ ئىچىلىرىم سىقىلىپ كىتىدىكەن.

زەپەر ئاخىرى ئېغىز ئاچتى .

- ئۆز ۋاختىدا ئانام ماڭا دادامغا ئوخشاش بەخىتسىز ، شور پىشانە بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئىسمىمنى زەپەر قويۇپتىكەن ئاداش ، ئىسمىمنىڭ زەپەر بولغىنىغا نىكاھتىن تەلىيىم چىقمايدىكەن .

زەپەر گەپلىرىنى دەۋىتىپ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ بارماقلىرى بىلەن بوينىنى چىڭ تۇتىۋالدى بۇ ھالدىن ئەجەپلەنگەن لوقمان ئۇنىڭ كۆڭلىنى يۇمشىتىش ئۈچۈنمۇ گەپلىرىنى سەل سىلىقلاشتۇردى.

- ئالدىنقى قېتىمقى خوتۇنۇڭغۇ سەندىن پايدىلىنىپ ئۆتكەلدىن ئۆتىۋىلىش ئۈچۈن توي قىلغان ئىكەن ، ئەمدى بولغاندا يەنە بۇنداق دەۋاتىسەن ئەھۋالىڭنى بىلىپ باقسام بولاتتى ، ھىچ بولمىغاندا باشقىلارغا دىيەلمەيدىغان گېپىڭنى ماڭا دىسەڭ بولاتتى .

- مەن دىسەم ئەمدى ئايال كىشىگە ئىشەنمەسلا بولدۇم .

- قانداق ، بۈگۈن ئەسلى نىمە ئىش ، نىمە گەپ بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز ئۆيۈڭدە تۇرساڭ ياخشى بولاتتى . نىمە بولدى ئايالىڭ قانداقكەن ؟

- ئۇنىڭ گېپىنى قىلمايلا قويە .

- گېپىڭدىن قارىغاندا كۆڭلىڭدىكىدەك چىقماپتۇدە ؟

- گەپ ئۇ يەردە ئەمەس ، مەن تېخى ئۇنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتۇپ باقمىدىم .

- ئەمىسە نىمىشقا ئۇنداق دەيسەن ؟

- ئۇقمايمەن لوقمان ، ئۇقمىدىم ... ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپلا بۈگۈنكى تويدىن ، بۈگۈنكى كىچىدىن شۈنچىلىك يىرگىنىپ كەتتىم .

- نىمە دىدى ؟ ھەر قانچە گەپ بولسىمۇ ئۆيدىن يېنىپ چىقساڭ بولمايىتتى ، قولۇڭ نىمە بولدى ؟

- دىسەم گەپ بەك جىق ... ئاچچىغىمدا تامغا ئۇرىۋاپتىمەن قاناپ كەتتى .

- ئۇف ... قېنى دىگىنە جىق بولسىمۇ ئاڭلاپ باقاي ، ئۆز كۆرسەڭ دەۋەرگىن .

- ئەمدى تېخى ئۇنىڭغا يىقىنلىشاي دىگەن ۋاقىتتا ، ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە تەككەنلىكىنى مۇشۇ كىچە ئۆتۈپ كەتسە مەن بىلەن ئاجرىشىدىغانلىقىنى دەيدۇ ، گەپ شۇ يەردىن باشلاندى .

- توۋا ! قانداق خوتۇن ئۇ ؟ نەدىمۇ يىڭى توي قىلغان قىز ئىرىگە شۇنداق دىيەلەيدۇ ؟ نىمىشقا ئۇنداق دەيدىكەن ؟

- ئەسلى ئادىمى بارمىش ، ئۇ توي قىلسا دادىسى ھەجگە بارارمىش ...

- گېپىڭنى چۈشىنەلمىدىم زەپەر ، نىمە دەۋاتىسەن ھىچ ئاڭقىرالمايلا قالدىم .

- سەن چۈشەنمىدىڭ ، مەن تېخىمۇ چۈشەنمىدىم ، مەنمۇ شۇ چۈشىنەلمەي كاللام پارتىلاپ كەتكىدەك بولۇپ نىمە قىلارىمنى بىلمەي ئۆيدىن يېنىپ چىقتىم .

- نىمىلا بولمىسۇن ئۆيگە قايتىپ كىرىپ كەت ، ئاپىرىپ قوياي .

- ياق  بولدى ، ئۆيگە كىرسەم قاتتىقراق بىر نىمە دىيىشىپ قالىمەن .

- قايسى كۈنى تېخى ھاجىم ئەۋلادىمىش ، نەۋرە ئاكىسى قارىممىش ، ئۇمۇ خىلى ياخشىمىش ...مەيلى خىزمەتچى بولمىسىمۇ مىنىڭ ۋە ئانامنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ بەرسىلا بولدى دىگەنتىڭغۇ ؟

- ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە دىگەن گەپ راستكەن ، ئەمدى بىلىۋاتىمەن .

- ئۆيگىمۇ كىرىپ كەتمىسەڭ ئەمسە قانداق قىلىسەن ؟ بۈگۈن كىچىغۇ ئۆتۈپ كىتەر ، ئەتە تاڭ يورۇيدۇ ، ئاناڭ ، ئۇرۇق - تۇققانلىرىڭ ، خۇلۇم - خوشنىلار ئالدىدا نىمە دەيسەن ، ئۇلار نىمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ ؟

- بىلمىدىم ، مەن ھىشنىمىنى بىلمىدىم لوقمان ...

- نىمىلا بولمىسۇن سىنى ئۆيگە ئەكىرىپ قوياي ، بۈگۈن كەچتە ئۆيدە ياتقىن بولمىسا باشقىلار كۆرۈپ قالسا گەپكە قالمىغىن يەنە .

- ياق ، كەتمەيمەن تاماكا بولسا ئالغىنە ...

- تاماكا يوق بەك چەككىڭ كىلىپ كەتكەن بولسا بېرىپ ئالايلى ، ئىچىڭ بوشاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .

لوقمان ماشىننى قوزغىتىپ ئېلىپ ماڭدى ، ھىچقانچە ماڭمايلا بىر دۇكان ئالدىغا كىلىپ توختاپ لوقمان بىر قاپ تاماكا ئېلىپ چىقىپ زەپەرگە تۇتاشتۇرۇپ بەردى . ماشىنا ئىچى بىردەمدىلا ئىس تۈتەك بولۇپ كەتتى .

زەپەر تاماكىنى تىز - تىز شورىغاچ لوقمانغا دىدى :

- بىرەر يەرگە بېرىپ مۇڭدىشايلى ، ماشىننى ھەيدىگىنە سەن بىلىدىغان يەرگە .

- نەگە بارغۇڭ بار ؟

- ئىچىدىغان يەرگە ؟

- بۈگۈن نىمە بولدى ساڭا ئادەتتە كۆپ ئىچمەيدىغان ، چەكمەيدىغان ئادەم ئەمدى ئۆزۈڭنى قىيناپ نىمە قىلىسەن ؟

- بۈگۈن قىلغۇم كىلىۋاتىدۇ ، ئوغۇل بالا بەك ئاقكۆڭۈل ، راسچىل بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدىغان ئوخشايدۇ .

- ئەگەر مۇشۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى دەرىتلەردىن يىنىكلەيدىغان ئىش بولسا ، نەگە دىسەڭ مەيلى بۈگۈن سەن ئۈچۈن يول ماڭاي .

لوقمان ماشىننى يەنە بىر تەرەپكە قاراپ ھەيدىدى ، ماشىنا ئىچى يەنە سۈكۈتكە تولغان ئىدى . ماشىننىڭ ئازراق ئېچىۋىتىلگەن ئەينىكىدىن چىقىپ كىتىۋاتقان تاماكىنىڭ ئىسى كىچىنىڭ تۇتۇق ھاۋاسىغا تاراپ كىتىۋاتاتتى .

ماشىنا خېلى ماڭغاندىن كىيىن ئۈچ قەۋەتلىك بىر ئىمارەتنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى . بۇ بىنادىكى دۇكانلار ئاللىقاچان ئىتىۋىتىلگەن ئىدى .

- بۇ يەر خىلى ياخشى ئىدى ، ئەمما تاقاپ بولۇپتۇ . قانداق قىلىمىز زەپەر ؟

- تاقىمىغان يەرگە ھەيدە ...

لوقمان ماشىننى قوزغىتىپ ئالدىغا قاراپ ماڭدى ، يەنە بىرئاز ماڭغاندىن كىيىن بىر دۇكاننىڭ ئالدىدا توختىدى سىيرىلما  ئىشىكى يېرىم ئىتىلگەن  بۇ دۇكاننىڭ ئالدىدا بىر ئەر بىلەن بىر ئايال بىر - بىرىنى ئىتتىرىپ بىر نىمىلەرنى دىيىشۋاتاتتى . بۇ ئىش لوقماندىنمۇ بەكرەك زەپەرنىڭ دىققىنى تارىتتى ، زەپەر ماشىندىن چۈشۈپ يولنىڭ چېتىدا ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلىدى .

- بۈگۈن مىنى قوغلىۋىتىمەن دەپ خام خىيال قىلما ، پۇل بەرمىسەڭ زادى كەتمەيمەن .

- پۇل نەدىكەن ساڭا ، يوقىلە ماڭ ! ...

- كىمىڭنى سەنلەۋاتىسەن ھېي مەنتەڭ ... ئېغىزىڭىغا بېقىپ گەپ قىل بولامدۇ يا ؟  

- كەت دىدىم سىنى ، نۇمۇسسىز ھايۋان .

ئايالنىڭ ئېغىزىدىن شۇ گەپ چىقىش بىلەن تەڭ ھېلىقى ئادەم ئايالنىڭ كاچىتىغا شۇنداق بىر سېلىۋىدى ھېلىقى ئايال كەينىگە بىر قانچە قەدەم سۈرىلىپ كەتتى . بۇ ئەھۋال زەپەر بىلەن لوقماننى تېخىمۇ ئەجەپلەندۈردى ، ئەھۋالنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلگەن لوقمان دەرھال ئۇلارنىڭ قېشىغا باردى  ھەم ھېلىقى ئەرگە تەنە قىلدى .

- نىمە قىلغىنىڭلا ئاداش ھوي بۇ ؟ ئايال كىشىنى بىكاردىن ئۇرۇڭ بارمۇ؟

- ئىششىڭنى قىلاۋا ماڭە ئاداش ، ئۇرسام ئۆزۈمنىڭ خوتۇنىنى ئۇردۇم گېپىڭما بارما ماڭا دەيدىغان؟

بۇ گەپنى ئاڭلىغان لوقمان تۇرۇپلا قالدى ، ھېلىقى ئايال بولسا بارمىقىدا ئۇ ئەرنى كۆرسەتكەن پېتى ۋارقىراپ كەتتى .

- سەن مىنىڭ ئىرىمما ؟ سىنى يوقال دىدىم ... ساقچى چاقىرىمەنمۇ ياكى ئۆزۈڭنى سوراپ يوقىلامسەن ؟

- بوپتۇ ... مىھمانلىرىنىڭ ئالدىدا يۈزۈڭنى قىلاي ، ئەتە يەنە كىلىمەن بىلىپ قوي ، ۋۇ   بۇزۇق خوتۇن ...

ئۇ ئەر دىمىقىنى قاققان پېتى دەلدەڭشىپ كىتىپ قالدى ، ئايال بولسا ھۇ تارتىپ يىغلاپ كەتتى . ئۇ ئايالنىڭ يىغىسى زەپەرنى تېخىمۇ قايغۇغا سېلىۋەتتى .

- ھۇ ھۇ ... ياراتقان خۇدايىم ئالدىدا جاۋابىنى بىرىپ بولالماي قالماي دەيمەن ، بولمىسا بۇ چاققىچە ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالسام بۇ رەزىل دۇنيادىن ... بۇ يۇقتى مەرەز ئەردىن ئايرىلغان بولاتتىم ...

- زەپەر بىلەن لوقمان بۇ ئايالغا نىمە دىيىشىنى بىلەلمەيلا قالدى ، ئايال يىغلامسىرىغان پېتى دۇكان ئىچىگە كىرىپ كەتتى . قىپقىزىل چىكەندىن مىلاڭزا تۇتۇلغان ، ئىشىكنىڭ بېشىغا بىر قانچە خىل يانىدىغان ئارغامچە شەكىللىك چىراقتىن باشقا ، بۇ دۇكاننىڭ نە ۋىۋىسكىسى ، نە نىمە دۇكانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىرەر بەلگىمۇ يوق ئىدى . بۇ دۇكاننىڭمۇ ھاراق ، تاماكا بىلەن تەمىنلەيدىغان يەر ئىكەنلكىنى پەملىگەن لوقمان ئايالنىڭ ئارقىسىدىن دۇكانغا كىرىش ئۈچۈن ماڭدى ۋە زەپەرنى ئىما قىلدى .

- ماڭە ، كىرىمىز ...سەن دىگەن يەر شۇ ...

زەپەر لوقماننىڭ كەينىدىن كىردى ، ئىشىكتىن كىرىشكە دىماققا گۈپپىدە ئاق ھاراقنىڭ پۇرىقى كىلىدىغان بۇ دۇكاننىڭ ئىچى ئانچە يورۇق ۋە ئازادە ئەمەس ئىدى  ، ئىچىمۇ ئاددىيلا ياسالغان بولۇپ ئۇدۇل تەرەپتىكى ئەينەك ئىشكاپنىڭ ئىچىگە تىزىلغان بىر قانچە خىل ھاراق بوتۇلكىلىرى ۋە تاماكىلار بۇ دۇكاننىڭ تىجارەت دائىرسىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغاندەك قىلاتتى . لوقمان بىلەن زەپەرنىڭ كىرگىننى كۆرگەن ئايال ئۇلارغا سوغۇق تەلەپپۇزدا سۆزلىدى .

- دۇكاننى تاقىدۇق ، چىقىپ كىتىڭلار !

ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان لوقمان دەرھال سۆز قايتۇردى .

- كىرگىلى يەر تاپالماي قېلىپ كەلمىدۇق بۇ يەرگە ، تەلەتىڭىزنى سۆرۈن قىلمىسڭىزمۇ كەتسەك بولىدۇ ، سىزگە بايىقىدەك ئەرلەر بولسا بولىدىغان ئوخشايدۇ .

- نىمە دىمەكچى سىز ؟ گەپ بولسا ئوچۇق دەڭ ...

- ھىچنىمە دىمەكچى ... خالىسىڭىز ئولتۇرىمىز ، بۇ ئاغىنەمنىڭ كۆڭلى بۇزۇق ، خالىمىسىڭىز كىتىمىز شۇ ...  

ئايال لوقماننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بىردەم تۇرۇپ قالدى ئاندىن قولىغا ئۈستەل سۈرتىدىغان لۆڭگىسىنى ئالدى دە يان تەرەپتىكى رەڭگىدىن كىتەي دەپ قالغان تۆت كىشىلىك  سافا نىڭ ئالدىغا قويۇلغان  ئەينەك ئۈستەلنى سۈرىتكەچ لوقمانغا قاراپ دىدى .

- قېنى كىلىڭلار !...

لوقمان زەپەرگە ئورۇننى ئىشارەت قىلىپ كۆرسەتكەندىن كىيىن ئاۋۋال بېرىپ ئولتۇردى ، زەپەرمۇ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن  ئايال ئۇلارغا قاراپ سورىدى .

- قانداق ئىچىملىك كىرەك ؟ تاماكىدىنچۇ ؟

- قارلەيلىسىدىن بىر قاپ ،  بېيجىڭ ئارگوتودىن بىرنى ...

ئايال باشقىچە ئىپادە بىلدۈرمەي پۇكەيدىكى ئاق ھاراقتىن بىر بوتۇلكا ۋە ئىككى تال رومكا ئەكىلىپ ئىشىكنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئىككى كىشىلىك سافاغا كىلىپ ئولتۇردى دە  DVDنى قوزغىتىپ ئىچىگە پىلاستىكا سالدى .

- سۆڭەكتىن ئۆتتى دەردىڭ ،

لەختە - لەختە يۈرىكىم .

ۋولقان كەبى ، زەرداپ كەبى ،

پارتىلاپ كىتەرمەن ...

چىقىۋاتقان بۇ ناخشا زەپەرگە ياقمىدىمۇ قانداق ئايالغا قاراپ ئاچچىق تەلەپپۇزدا سۆزلەپ كەتتى .

- باشقا ناخشىڭىز يوقمىدى ؟ باشقا دېيىڭىز يوقمىدى ؟

ئايال نىمە دىيىشىنى بىلمىگەندەك تىزگىنەكنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويۇپ قويغاچ دىدى  .

- ئۆزىڭىز تاللاپ ئاڭلاڭ ئەمىسە ، ناخشا جىق ئىچىدە ...

زەپەر تىزگىنەكنى قولىغا ئېلىپ ئۆتكۈزۈش كونۇپكىسىنى ئارقا - ئارقىدىن نەچچىنى باسقاندىن كىيىن توختىدى ھەم لوقمانغا ھاراق قۇيغاچ دىدى .

- لوقمان ئاداش ، ئەگەر ھاياتمۇ ، مىنىڭ تەغدىرىممۇ مۇشۇ ھاراقچىلىك بولغان بولسا مەن بىردەملىك سەسكىنىش ئىچىدە ئۇنى ئىچىۋىتىپ ھاياتىمدا بەختىمنى قايتا ئىزدىگەن بولاتتىم .

- كۆڭلىڭنى بۇزما زەپەر ، مەنمۇ ساڭا ئوخشاشلا ...

- نىمىسى ئوخشاش بولىدۇ نىمىسى ... مەن ئىككى قېتىم ئالدىنىپ ئىككى قېتىم ئورەككە چۈشۈپ كەتتىم ، سەن بولساڭ ئۇنداق ئەمەس .

- بىلەمسەن ، تۇنجى ئايالىم تۇغىتىدا ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن مەن ھەپتىگىچە نىمە يىگىنىمىنى ، نىمە دىگىنىمنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويغان ئىدىم ...

لوقمان گېپىنى تۈگىتىپلا ھاراقنى بىر كۆتۈرۈپلا گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتى ، ئۇ ئىككەيلەننىڭ گەپلىرى ئايالنى قىزىقتۇرالمىغان ئىدى ، ئەمما قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى كەشتىلەۋاتقان ئايالنىڭ قۇلىقىغا ئۇلارنىڭ گەپلىرى ئۇرۇلۇپلا تۇراتتى ، ئادەتتە بۇنداق دەرىتمەنلەرنى كۆپ كۆرۈپ ، گەپلىرىنى تولا ئاڭلاپ كەتكەن بۇ ئايال بۇلارنىڭ گەپلىرىگە ھەيرانمۇ قالمايىتتى ، شۇڭىمۇ  ئۆز ئىشى بىلەنلا ئولتۇردى .

زەپەر بىلەن لوقمان بىر - بىرىگە ھال ئېيتىشىپ ، بىر - بىرىگە ھاراق تۇتۇشۇپ دىگەندەك بىر بوتۇلكا ھاراقنى ئىچىپ بولۇشتى ،   زەپەر ئۈستەلدىكى چوغدانغا تاماكىنى قېقىۋىتىپ قولىنى شۇنداق تارتىۋىدى ، ھاراق رومكىسىغا قولى پۇتلىشىپ كىتىپ يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ كەتتى . ئايال يەنىلا بىپەرۋا ھالەتتە ئىشىنى قىلىۋاتاتتى زەپەر بوغۇق ئاۋاز بىلەن ئايالغا قاراپ بۇيرۇق تەلەپپۇزدا دىدى .

- رومكا ئەكىلىڭە ! ...

...

- ھوي مەن گەپ قىلىۋاتىمەن ...

ئايال ئىككىنجى رەت توۋلىغاندا ئاندىن ئورنىدىن تۇتۇپ ئىشكاپتىن بىر تال رومكا ئەكىلىپ زەپەرنىڭ ئالدىغا قويغاچ تەنە ئارلاش دەپ قويدى ، ئەمما زەپەرمۇ ئارقىدىنلا ئايالغا تاپا قىلدى .

- ئاۋايلاپ بىر ئىش قىلماي ...

- ھوي ئاۋايلىمىغىلى يا بىر ئالتۇنمىتى ئۇ نەسەڭ يا كۈمۈشمىتى ؟... سەن خوتۇن كىشىلەرغۇ زادى ئۆزۈڭنى بىلمەيسەن .

زەپەرنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان ئايال زەپەرگە يوغان بىرنى ئالىيىپ قويغاندىن كىيىن ئورنىغا قايتىپ كىلىپ ئۆز ئىشىنى قىلدى . زەپەر ۋە لوقمانلار يەنىلا ئۆز گېپى بىلەن ئىدى ، بوتۇلكىدىكى ھاراقنى لوقمان كۆپرەك ئىچكەن بولسا كىرەك پات - پات كىكىرىپ قويۇپ ، ئۆزىگە جىقراق قۇيۇپ  زەپەرنى بەك زورلىماۋاتاتتى . چىقىۋاتقان ناخشا ، دۇكاننىڭ قىزغۇچ مۇھىتى ، ئۇ ئىككى دەرىتمەنگە ماسلىشىپ بىرىۋاتقاندەك ئۇلارنىڭ كەيپى بارغانچە ئېشىپ كەتتى .

ئالاھەزەل بىرەر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندە زەپەر ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا چىقىشقا مېڭىدى ئايال خۇددى نىمە ئىش قىلىدىغننى ئالدىن بىلگەندەك زەپەرنىڭ كەينىدىن چىقتى . زەپەر كىچىك تەرەت قىلماقچى بولۇپ ئىشىكنىڭ ئو تەرىپىدىكى تامغا ئالدىنى قىلىپ كەمىرىنى يىشىشكە ئۇرىنىۋىدى ئايال توۋلاپ كەتتى .

- نىمە قىلىق بۇ ؟ خالا جاينى تېپىپ ئولتۇرمامسىز ؟ ئىشىكنىڭ تۈۋىگە ...

بۇ گەپ زەپەرگە ئانچە ياقمىدى بولغاچ ئايالغا گەپ ياندۇرۇپلا بەردى .

- نىمىگە ئاچقان دۇككان بۇ ؟ ھېي ، دۇكىنىڭدا چىرايلىق ، شوخ قىزلار يوقما ؟

- يوق ، بۇ پەقەت ئىچىملىك دۇكىنى پاھىشىخانا ئەمەس ...

- ئەمسە بۈگۈن كەچتە ، كەچتە كەسپىڭنى ئۆزگەرىت ، پۇل دىسەڭ بىرىمەن .

- ئوھۇش ئۆتەپ بارە سويما ، گەپ قىلمىسام نىمە سەنلەپ كىتىسەن ؟ سەندەكلەرنى تىپىپ بىر يەرگە جۇغلاپ قويسام دەيمەن .

- ئېغىزىڭغا بېقىپ گەپ قىل ھە بۇزۇق خوتۇن ، مەن تېخى ئوڭ مەن. ..

- نىمە جېنىمغا تىگىدىغاندۇ بۇ ، نېرى بېرىپ تەرەت قىل دەپ قوياي .

ئايال گېپىنى تۈگىتىپلا دۇكان ئىچىگە كىرىپ كەتتى ، لوقمانغا قاراپ بىر نىمىلەرنى دىمەكچىدىيۇ لىكىن لوقماننىڭ يۇمۇلۇپ قالاي دىگەن كۆزلىرىگە قاراپ گېپىنى ئىچىگە يۈتىۋەتتى . بىر ئازدىن كىيىن زەپەر كىرىۋىدى ، ئايال لوقماندىن زەپەرنىڭ يىنىكراق مەسلىكنى كۆرۈپ دىمەكچى بولغان گېپىنى زەپەرگە قىلدى .

- بۇ يەردە قونۇپ قالغىدەك ئورۇن يوق ، قايتىڭلار !

زەپەر ئايالنىڭ گېپىگە پىسەنىت قىلمىغاندەك ئايالغا بىرنى قاراپ قويۇپ ئورنىغا بېرىپ ئولتۇردى . ئايال بولسا ئارقىدىنلا يەنە زەپەرگە تاپا - تەنە قىلدى .

- ساقچى چاقىرىمەنمۇ ياكى ئۆزۈڭلارنى سوراپ كىتەمسىلە ؟ ئۇخلايدىغان ئىشىم بار مىنىڭ ، نە كۆرۈپ قالغاندۇ بۇ يەرنى ...

- شۇ ... ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە تېخى پاتمىسام ، سىنىڭ دۇكىنىڭغا تېخى پاتمىسام ، ئۆلۈپلا كەتسەم بولماسمىدى مەن ھە ...

زەپەرنىڭ بۇ گېپى ئايالنى داۋاملىق گەپ قىلىشتىن توختىتىپ قويدى ، ئايال نىمە دىيىشىنى بىلەلمىگەندەك زەپەرگە بىرنى ، لوقمانغا بىرنى قارىۋەتكەندىن كىيىن  ئۈستەلدىكى بوتۇلكا ، رومكىلارنى يىغىشتۇرۇپ ئىچكىركى ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى ، بۇ ۋاقىتتا لوقمان ئاللىقاچان ئۇيقىغا كەتكەن بولۇپ ، زەپەر  ئەمدى تۇتاشتۇرغان تاماكىنى چىشلەپ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇرۇپ قاتتىق ئويغا چۆمۈپ كەتكەن ئىدى .  



داۋامى بار ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-8 05:55 PM  


ھازىرغىچە 19 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
爱情在那里 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
ئۇزچىم + 10
subat101 + 177 ئەسسالامۇئەلەيكۇم كو.
kvkbvra + 100
yusup180 + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
malayka + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
del_Seri + 300 مۇبارەك بولسۇن !
شرئەلى118 + 20 ياخشى يېزىپسىز
gulbaxikar + 100 مۇبارەك بولسۇن !
mualid + 20
sewdaye + 97 پوۋسىتنىڭ مۇقاۋىسىمۇ .
faruq + 213
一生守候 + 97 ماختاشقا تېگىشلىك
armi + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
nurluk28 + 68 تەپەككۇرى كۈچلۈك
tamken + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
qaraxani + 10
MQM + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
دەھشەت520 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1872   باھا خاتىرىسى

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16887
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8461
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 1573 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 11:10:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت  چىقىرىپ ئاخىرسىنى يېزىپ تۇگەتسڭىز سىزدىن مىڭ مەرتەم رازى بۇللاتتىم قىرىندىشىم.

دۇنيا نىمە دىگەن گۇزەل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7595
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1781 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 11:10:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ھاراق-نەس ھاراق سەندىن نىرى تۇرغان ياخشىراق......

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7595
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1781 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 11:16:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن، ناتوغرا ئىشلاردىن يىراق قىلسۇن،ھەممىمىز قەدىر-قىممىتىمىزنى ساقلاپ ئادەمدەك ياشايلى،

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85762
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1142
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 11:30:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراق....بۇ ھاراق نۇرغۇن ئادەملەرنى شەيتاننىڭ قوينىغا سالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20073
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5943
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 11:37:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنى چالا بوغوزلىغاندەك قىلىپ قويدوڭلىغۇ!!! ئىسىت...ئاخىرى قاچان چىقار....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 11:38:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ كىلىندەك ئچسەڭ ھاراق،
تالادا ھەمىشە يۈرسەڭ ساياق.
  ئاتا-ئاناڭدىن ھەتتا بالاڭدىن،
  توۋا قىلغۇچە   يەيسەن تاياق.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 11:54:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەپەرنىڭ بىر ئىش چىقىرىشى بار بۇ ھىكايىدە.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
TURUKMANISTAN + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34855
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5230 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 12:04:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپمۇ ئەلەم بوپتۇ بۇ يېڭى توي قىلغان يىگىتكە . لىكىن ھەرقانچە ئەلەم بولسىمۇ بۇنداق ھاراق بىلەن بېسىشنىڭ قىلچە پايدىسى يوق .

مىللىتىڭدىن نۇمۇس قىلغۇچە،ئۆزەڭدىن نۇمۇس قىل

بۆرە چېشلىق  007

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9523
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9550
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 759 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 12:13:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قېنى مەنغۇ ئوقۇپ بولغىچە مەس بوپ كەتتىم، ئاخىرىنى يوللىمىغانغا قارىغاندا ، سىزمۇ يېزىۋىتپ مەس بۇلۇپ ئۇخلاپ قالغان ئوخشىمامسىز .  ھاردۇقىڭىز چىققاندا ئاخىرىنى يىزىۋەتسىڭىز، قولىڭىزغا مەدەت تىلەيمەن قىرىندىشىم.

بىر ئانا ئون بالىنى باقالايدۇ،ئون بالا بىر ئانىنى باقالمايدۇ.    لىكىن نىيەتلا بۇلىدىكەن بىر بالىمۇ ئون ئانىنى باقالايدۇ .  ئەگەر ئۆزەڭ خوشال بولالمىساڭ،ھېچكىمنى خوشال قىلالمايسەن!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش