مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: XERHAN

ھاراقكەش كېلىن ( پوۋېست )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13164
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9557
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 2834 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2014-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 01:30:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2013-2-18 01:05 PM
خىلى دەرتلىك ئوغوللارمۇ كۆپكەن ھە!  مەنلا بۇنداق دەرتل ...

دادىسى نىمە دىدى؟

رەڭدار ھايات !

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4946
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1380 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 01:34:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
diyarm يوللىغان ۋاقتى  2013-2-18 12:57 PM
ئەسەرنى ئوقۇغىنىڭىز بىلەن چۈشەنمەپسىز، ئەگەر ئۇ شۇند ...

ھە ئەسلى مۇنداقمىتى ؟
مەن يەكەنلىك بولمىغاچ چۈشەنمەيدىكەنمەن. ئەسەرنى ئوقۇپقۇ خىلى چۈشەنگەندەك قىلغان بولمىسا .

چۈش __ ئۇ ئەڭ تاتلىق ئۇچرىشىش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 2001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1044 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 01:53:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىمنى دېسەم تېمىڭىزنىڭ ماۋزۇسىغا بىرىنچى بولۇپ قىزىقىپ ئوقۇشنى باشلاي دەپ قاراپ ‹داۋامى بار›دېگەن سۆزگە كۆزۈم چۈشۈپ قېلىپ ھازىرچە ئوقۇشتىن يالتىيىپ قالدىم،لىكىن چوقۇم ئوقۇيمەن،ئاخىرىنى يوللاپ بولغاندا خەۋەر قىلىپ قويالارسىزمۇ؟؟
قارىسام ئازراق چىنلىقمۇ بار ئوخشايدۇ؟!

توۋا قىلىڭ!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39903
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4322
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2014-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 01:55:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاردۇقىڭىز چىققاندا ئاخىرىنى يىزىۋەتسىڭىز، قولىڭىزغا مەدەت تىلەيمەن قىرىندىشىم......

بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنمىز ،ۋىجدان بىلەن پاك ياشايلى!!!قىلغان ھەر بىر گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلايلى!!!

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18865
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 02:04:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بۇ ئوتكەندە ماڭا دېگەن ئەسەر ئەمەسقۇ ؟ئۇنى قاچان يازىسىز؟
داۋامىغا تەشنامەن.

ئەتە-مەن ئۈچۈن چ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1820
يازما سانى: 497
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6269
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 02:50:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامى قاچان چىقار ئەمدى. ئەسىرىڭىز پۈتكەندە ئاندىن كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قۇياي .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1514
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2667 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 02:53:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yaro يوللىغان ۋاقتى  2013-2-18 12:51 PM
ئۇندا ئىشلار بولۇپ  تۇرىدۇ، ئاۋۇ زەپەر دىگەن بالا ئاخم ...

ئاستىدىكى ئېنگلىزچە ئىمزايىڭىز خېلى مەنىلىك ھەم قىزىقارلىق ئىكەن.

كۈمۈش قاغا مۇزىكا ئەترىتى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4238
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28758
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 03:07:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى ...

( 2 )

ئايال ئىچكىركى ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن ھاراق بوتۇلكىلىرىنى ئۆزى ياتىدىغان ياغاچ كارىۋاتنىڭ ئاستىغا تاشلاپ بولۇپ ، رومكىلارنى چايقاپ يۇيدى ، ئاندىن تۇربىنىڭ مۇزلۇق سۈيى بىلەن يۈزىنى نەچچە قېتىم چايقىۋەتتى .
ئالدىدىكى سۇ چۈشىۋاتقان تۇربىغا قاراپ ئۆزىچىلا خىيالغا چۆمۈپ كەتكەن ئايال ، شۇ پېتىلا تۇرغىنىغا خېلى ئۇزاق بولدى . تۇربىنىڭ شارقىراپ چۈشىۋاتقان سۇ ئاۋازى ۋە سىرىتقى ئۆيدىكى ناخشا ئاۋازىدىن باشقا ئايالنىڭ قۇلىقىغا يەنە بىر ئاۋاز يەنى سىرىتقى ئۆيدىن ئاڭلىنۋاتقان زەپەرنىڭ يىغا ئارىلاش ئاۋازى ئاڭلاندى ھەم تۇربىنى ئىتىپ ئۇ ئاۋازغا قۇلاق سالدى .
- مەن نىمە بولغان ئادەم ... مەن زادى نىمە بولغان ئادەم ... يا ئۆلسەم يا كۈلسەم بولمامدۇ ؟ ھەي ...
ئايال زەپەرنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر دەرت - ئازاپقا دۇچار بولغانلىقىنى سەزدى ئەمما سىرىتقى ئۆيگە چىققۇسى كەلمىدى ، زەپەر يەنە ئۆز - ئۆزىگە سۆزلەشكە باشلىدى .
- توۋۋا ، خوتۇن كىشى ئاشۇنداق بولىدىغان بولسا مەن ، مەن ئۆلسەممۇ ئەمدى توي قىلمايمەن ... مەن بىر قېتىم ئىشەندىم ، بىر قېتىم ... يەنە بىر قېتىم ئۈمىد باغلىدىم ، ئەمدى بۇنىڭدىن ئارتۇق قىلالمىدىم ، بۈگۈن يا ئۆلىمەن ياكى كۈلىمەن ...
ئايال يەنىلا جىمجىت تۇرۇپ زەپەرنىڭ گېپىنى ئاڭلىدى . زەپەر بىردەم ئۆز - ئۆزىگە سۆزلەپ ، ئۆز - ئۆزىگە ھۈ تارىتقاندىن كىيىن  ئىچكىركى ئۆينىڭ مىلاڭزىسىنى قايرىپ ئايالنىڭ ئىشىك تۈۋىدىكى تۇربا يېنىدا تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئايالغا تۆۋەن ئاۋاز بىلەن دىدى .
- بىزنىڭ ... ھىساپنى قىلىۋىتىڭە ، بىز ، بىز قايتىلى .
ئايال زەپەرنىڭ گېپىگە جاۋاپ قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا خۇددى  زەپەرگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقاندەك ھالەتتە ئۇنىڭغا دەپ قويدى .
- ئىككىلىڭلار شۇنداق مەسىت بولۇپ كەتتىڭلار ، ماشىنا ھەيدىگىدەك ھالىڭلار قالمىدى ، كىلىڭ مۇزلۇق تۇربا سۈيى بىلەن يۈزىڭىزنى يۇيىۋىلىڭ ئازراق يىشىلىسىز .
ئايالنىڭ بۇ گېپى زەپەرگە يېقىپ قالدىمۇ زەپەر ئىككىلەنمەيلا تۇربا ئالدىغا كىلىپ يۈزىنى يۇيۇشقا باشلىدى . يۈزى بىلەن قوشۇپ بېشىنىمۇ تۇربىغا تۇتۇپ سۇنى بولىشىغا ئېچىپ چايقىدى ، زەپەرنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن ئايال نېرىقى تامدىن ئۆزى ئىشلىتىدىغان لۆڭگىنى ئەكىلىپ زەپەرگە تۇتتى ھەم تۇربىنى ئىتىۋىتىپ دىدى .
- ئېلىڭە سۈرتىۋىلىڭ ، سۇ بەك مۇزلۇق زۇكامداپ قالىسىز يۇيىۋەرمەڭ بولدى .
زەپەر لۆڭگىنى ئېلىپ يۈز ، بېشىنى سۈرىتتى ھەم سۈرتۈپ بولۇپ بىر ئاز يىنىكلەپ قالغاندەك ، كاللىسى ئېچىلغاندەك تۇيغۇدا ئۆي ئىچىگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا ئايالدىن گەپ سوراشقا باشلىدى .
- بۇ ئۆي ياتىدىغان ئۆيىڭىزما ؟
- شۇنداق ، ئاخشىمى مۇشۇ ئۆيدە ياتىمەن .
- ئىشلەيدىغان باشقا قىزلار ياكى بالىڭىزچۇ ؟
- ھىچكىم يوق ، ئۆزۈم يالغۇز ئاچىمەن بۇ دۇكاننى ...
- بايىقى ئەر راستىنلا سىزنىڭ ئىرىڭىزما ؟
- بۇرۇن شۇنداق ئىدى ، كىيىن ئاجرىشىپ كەتكەن .
- ئۇنداق بولسا نىمىشقا كىلىپ جىدەل قىلىدۇ ؟
- پات - پات كىلىپ ھاراق بەر دەيدۇ بەرمىسەم تىللايدۇ ، ئىچىۋىلىپ ئارقىدىن پۇل بەر دەيدۇ ، بەرمىسەم ئاشۇنداق جىدەل قىلىپ ئۇرىشىدۇ .
- ساراڭمۇ سىز ؟ شۇنداقلىقىنى بىلىدىغان ئادەم نىمىشقا ھاراق بىرىسىز ؟
- ئۇرۇشىۋەرسە قانداق قىلىمەن ، ئالدىنقى قېتىم ھاراق بوتۇلكىسى بىلەن بېشىمغا ئۇرۇپ ، بېشىمنى بەش يىپلىق قىلىپ تىكتۈردۇم ، بىشەملىك قىلىۋەرسە مەندىمۇ ئامال يوقكەن .
- توۋا ، ئوت بار يەردە سۇ يوق ، سۇ بار يەردە ئوت يوق دىگەن شۇ ئىكەندە ... قارىغاندا نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىككە ئۇچراۋاتقان مەنلا ئەمەس ئوخشايمەن .
- باياتىن بېرى ئىچىدە تۇرۇپ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىدىم ، باشتا قولىڭىزدىكى تېڭىققا قاراپ بىر شۇنىڭ سەۋەبىدىن سۆزلەمدىكىن دەپتىمەن ، ئەمما كىيىنكى گەپلىرىڭىزدىن سىزنىڭ ئائىلىدىن ئازار يىگەنلىكىڭىزنى سەزدىم .
- بايا دىگىنىم دەردىمنىڭ ئوندىن بىرى ...
- بەلكىم سىز مەندىن كۆپرەك ئشلارغا ئۇچرىغان بولىشىڭىز مومكىن ئەمما مىنىڭ يۈرىكىم پۇچىلىنىپ ، تۇغۇلغىنىمغا ئاللىقاچان تويۇپ بولغان .
ئايال گەپلىرىنى دەپ بولۇپ ئۆز  يۈزىنى قاماللاپ يىغلاپ تاشلىدى . زەپەر ئايالغا قاراپ يا تەسەللى بىرىشىنى ، ياكى ئۆز گېپىنى داۋام ئىتىشنى بىلەلمەي ئايالنىڭ لۆڭگىسىنى ئايالغا تەڭلىدى .
- مەھ ، ئېلىڭە ... ئىشلىتىپ بولدۇم . يىغلىسىڭىزمۇ بەرىبىر مىنىڭ ئالدىمدا يىغلىماڭ مەن كۆرۈشنى خالىمايمەن .
ئايال زەپەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى بىر ئاز تۇتىۋالدى ھەم زەپەرنىڭ قولىدىكى لۆڭگىنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ يۈزىنى بىر قۇر سۈرتىۋىتىپ زەپەرگە دىدى .
- كەلگەن ماشىنىڭىز ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىكەن نەدە ئىشلەيسىز ؟
- ساقچىخانىدا .
- نىمە ، سىز ساقچىما ؟
- ھەئە ، ھەيران قالغۇدەك نەرى بار ئۇنىڭ ...
- ئاۋۇ دوستىڭىزچۇ ؟
- ئۇ سوتتا ئىشلەيدۇ .
- بايا ماشىننىڭ رەڭگىنى كۆرۈپلا ھىس قىلغان ئىدىم ئەمما سىلەرنى پەقەتلا ساقچى - ئادۇكات دەپ ئويلىماپتىمەن .
- بىز ئالىي مەكتەپ ، تولۇق ئوتتۇردىن باشلاپ بىرگە ئوقىغان مەن تولۇق ئوتتۇردىن ئالىي مەكتەپكە تۇنجى يىلى ئۆتەلمەي كىيىنكى يىلى ئۆتكەن ، ئۇ مەندىن بىر يىل بۇرۇن ئوقۇپ كەلگەن ، ئەسلى ئىككىلىمىز قانۇندا ئوقىغان كىيىن مەن ساقچىلىققا ئىمتىھان بىرىپ ئالماشقان .
- ئەگەر ئېغىر كۆرمىسىڭىز ھەم مىنى ياراتسىڭىز ، ئەھۋالىڭىزنى بىلىپ باقسام شۇ تاپتا پارتىلاپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتتىم  . ئەمما سىزنىڭ گەپلىرىڭىز مىنىڭ دەردىم ، ئاچچىقىمنى ئازراق پەسەيىتتى .
- قانداق بولۇپ ؟
- ئىشقىلىپ مەن سىزگە قاراپ ئۆزۈمنى ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك بولىۋاتىمەن ، ئەگەر مىنى پەس كۆرمەي يەنە بىردەم پاراڭلاشقان بولسىڭىز  ئۆزۈمنى ئازراق بولسىمۇ ئادەم قاتارىدا كۆرگەن بولاتتىم .
- بۇ نىمە گەپ ئەمدى ؟ ماقۇل ...
- ئەيىپ كۆرمىسىڭىز ئىشىكنى تاقىۋىتەي ، بولمىسا بېشى قايغاندىن بىرەرسى كىلىپ ئاۋارە قىلمىسۇن يەنە .
ئايال گېپىنى دىگەچ سىرىتقى ئۆيگە چىقىپ سىيرىلما ئىشىكنى شارىتتىدە قىلىپ ئىتىۋەتتى ھەم تىزلا ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ زەپەرگە دىدى .
- سىرىتقى ئۆيدە پاراڭلىشامدۇق ياكى مۇشۇ ئۆيدىمۇ ؟
- نىمە ؟ سىز ...
- ھە ياق ، خاتا چۈشىنىپ قالماڭ ! مەن دىمەكچى سىرىتقى ئۆيدە تالادىكى شاۋقۇن - سۈرەنلەر ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ ئادەمنىڭ قۇلىقى تىنىچ تۇرمايدۇ  ، ئەگەر ياراتسىڭىز مۇشۇ ئۆيدە پاراڭلىشايلى .
- ياراتسىڭىز ، ياراتسىڭىز دەۋەرمىڭە ، ئادەمنىڭ زىتىغا تىگىپ ...
- خاپا بولماڭ ، مەن شۇ سىزنى چوڭ بىلىپ شۇنداق دەۋاتىمەن .
- چوڭ بىلمەڭ ، چوڭ بىلگىدەك مەن ئالاھىدە داڭدار شەخىس ئەمەس ، ھەم چوڭ بىلگىدەك سىز بىر مىنىڭ ئۇنچىلا يىقىن ئادىمىممۇ ئەمەس .
- كىلىڭە ، بەنچاڭغا كىلىپ ئولتۇرۇڭ ئەمسە ...
زەپەر قەدەملىرىنى ياغاچ كارىۋات تەرەپكە يۆتكەپ ، كىلىپ ئولتۇردى ۋە ئايالغا قاراپ دىدى .
- چىقىپ ئاۋۇ ناخشا چىقىۋاتقان بىر نىمىڭىزنىمۇ ئۆچىرۋىتىڭە بېشىم ۋاڭىلداپ كەتتى ناخشا ئاڭلاۋىرىپ ...
ئايال چىقىپ ئۆچىرۋەتكەندىن كىيىن سىرىتتىن بىر تال ياغاچ ئورۇندۇق ئېلىپ كىرىپ زەپەرنىڭ نېراقىغا قويۇپ ئولتۇردى ھەم زەپەر بىلەن پاراڭغا چۈشۈشكە ھازىرلىق كۆردى .
- مەن بىلەن نىمە توغۇرلۇق پاراڭلاشماكچى ؟
ئاۋۋال گەپ باشلىدى زەپەر ، ئايال بوينىنى يىنىك بىر قىسىپ قويغاندىن كىيىن  زەپەردىن سۇئال نەزەرىدە سورىدى .
- سىز توغۇرلۇق بىلىپ باققۇم بار .
- نىمىنى بىلمەكچى ؟
- بۈگۈن يېرىم كىچە بولغاندا كىلىپ ھاراق ئىچىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى ...
- ئۇ گەپلەر بەكمۇ ئۇزۇن دەپ بەرسەممۇ ئاڭلاپ بولالمايسىز .
- مەيلى ، ئاڭلاشنى خالايمەن ، ئاڭلاپ باقسام دەيمەن .
- بۈگۈن كىلىپ ھاراق ئىچىشىمدىكى سەۋەپ بىرلا ئەمەس قايسىسىنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلىسىز ؟
- مەيلى قانچە سەۋەپ بولسۇن ھەممىسىنى بىلىپ باققۇم بار ، ھە راست قانچە ياش ، ئىسمىڭىز نىمە ؟
- 26 ياش ، ئىسمىم زەپەر .
- زەپەر ؟ ئەجەپ يىقىملىق ھەم چىرايلىق ئاڭلىندىكەن .
- شۇنداقمۇ ؟ باشقىلار ماڭا بۇنداق دەپ باقمىغان ، ئۆزىڭىزنىڭ چۇ قانچە ياش ، ئىسمىڭىز ؟
- 25 ياش ، ئىسمىم ئامانگۈل .
- 25 ياش ... راسىتمۇ يا ؟
- راسىت ، 25 ياشقا كىردىم دىسەم سىز ئەمەس باشقىلارمۇ ئىشەنمەيدۇ ، دەرت - ئازاپ  ۋە يوقسۇزلۇقنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈۋەرسە ئادەم مۇشۇنداق تۈگىشىپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ .
- نىمە دەرت ، نىمە ئازاپلار ئۇ ؟
- بۇ ھىكايە بەكمۇ ئۇزۇن ئاڭلاپمۇ بولالمايسىز ، ئەڭ ياخشىسى سىزنىڭكىنى مەن ئاڭلاي ...
- بىر گەپ قىلاي ، سىز مەندىن كىچىك بولغاندىن كىيىن < سەن > لىسەم بولامدۇ  ؟
- مەيلى قانداق چاقىرغۇڭىز كەلسە شۇنداق چاقىرىڭ ، بەرىبىر مەن ئەرزىمەس بولغاندىن كىيىن ئىسمىمنى چاقىرسىڭىزمۇ ، سەنلىسىڭىزمۇ ۋە ياكى لەقىمىمنى چاقىرسىڭىزمۇ مەن تىرىكمەيمەن ھەم ئېغىر ئالمايمەن .
- لەقىمىم ، نىمە لەقەم ئۇ ؟
زەپەر بۇ گەپتىن ئەجەپلەندىن ھەم يېنىشلاپ سورىدى .
- نىمە لەقەم دەيمەن ؟
- مەنتەڭ .
- نىمە ؟ ... مۇشۇنداقمۇ لەقەم بولامدۇ ، ئايال كىشىگە بۇنداق لەقەم قويسا تازىمۇ بىر ...
- مىنى ئامانگۈل دىسە ئانچە تونىمايدۇ ئەمما ئامان مەنتەڭ دىسە مۇشۇ كوچىدىكى ، ئەتراپتىكى چوڭ - كىچىك ھەممەيلەن بىلىشىدۇ .
- ئامان مەنتەڭ ... ھا ھا ھا ...
زەپەر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يەڭگىل كۈلۈپ سالدى ھەم تىزلا توختىۋىلىپ ئالدىدا خىجالەت ھىس قىلىپ بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالغان ئامانگۈلگە قاراپ ئۆزرىھالىق سوراپ قويدى .
- ھە ، خاپا بولما ... قەستەن مازاق قىلمىدىم ، بىر ئاز قىززىق بىلىنگەچكە شۇڭا كۈلۈپ سالدىم ، ئەمەلىيەتتە بۈگۈن كۈلسەم ساراڭنىڭ ئىشى بولىدۇ ماڭا ...
- ياقەي ، خاپا بولغىنىم يوق ، پەقەت شۇ  ئۆزۈمدىن ئاغرىنىمەن .
- سەندىن سوراپ باقسام ، نىمىشقا ئۇنداق دەپ لەقەم قويغانتى ساڭا ؟
- راستىنلا بىلگۈڭىز بارمۇ ؟
- ھەئە ، دەپ باقا قېنى ...
- ئۇنداق بولسا ئاخىرغىچە ئاڭلايمەن دەپ ۋەدە بىرىڭ .
- مۇشۇنىڭغىمۇ ۋەدە بىرىش كىتەمدۇ ؟ ھە بوپتۇ ئاخىرغىچە ئاڭلايمەن باشتىن باشلاپ سۆزلىگىن .
زەپەر قانداقتۇر بىرخىل قىزىقىش ئىچىدە ئامانگۈلگە بۇيرۇق تەلەپپۇزدا سۆزلەشكە ئىما قىلدى .

داۋامى بار ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-11 11:25 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tamken + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 1480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3599
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 869 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 04:07:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
艾海提江 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-18 01:30 PM
دادىسى نىمە دىدى؟

دەپ بوغىلى بولمايدۇ، جىق گەپلەر ئۇ. بۇنداق گەپلەرنى سىرتقا دەپ  يۈرسە، زىيىنى بولسا باركەنكى، قىلچىلىك پايدىسى يوق قىز-ئوغول تەرەپكە.

بۇنداق گەپلەرنى قەتئىي سىرتقا دەپ يۈرمەسلىك كىرەككەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89597
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 375
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2014-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 04:13:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بۇ زەپەرنىڭ ئىككىنچى تويى بولغانىكن بۇ ئىشتا ئازاراق يىنىكلىك قىپۇ. ئۇ ياخشى گەپلەر بىلەن ئۇ قىزنى قايىل قىلىپ ئاستا - ئاستا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالسا بولىدىغۇ. توختىماي ھاراق ئىچىپ بىرئادەم تىللاپ، بىر ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ھەرقانداق ئىشنى سالماقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك..

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
turpani004 + 10 ئاڭلىمىدىڭىڭزمۇ؟ ئا ق.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش