مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: XERHAN

ھاراقكەش كېلىن ( پوۋېست )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90265
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 900
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 04:27:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايىڭىزنى يەنە توختاتىڭىزغۇ؟خەت يېزىپ بولالماي ھېرىپ كەتتىڭىز؟
شۇنداقتىمۇ،تېزرەك بولۇڭ.خۇددى مىڭ بىر كېچىدىكى چۆچەكتەك بولدى دىسە.......
ھاراقكەش ئامان مەنتەڭ بىلەن بىچارە زەپەر تېپىشۋالماس-ھە؟
ھېلىمۇ ئەتىگەندىن بېرى مۇشۇ ھېكايىدە كۆڭلىم ،قانداق ئاخىرلىشار دەپ.....

جاپا تارتىڭىز،ئەجرىڭىزگە مۇكاپاتلىنىپ قالامسىز تېخى.قەلەملىرىڭىز ھارمىسۇن،رەھمەت.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 10 پەرىزىڭىز ئاساسەن توغ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 04:52:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق جاھان بولۇپ كەتتى بۇ .
راست گەپنى قىلسام، ئامانگۇل دىگەن بۇ ئايالنىڭ تىجارەت شەكلىنى ياقتۇرمىدىم. بۇ ئىككى ھال-مۇڭداش ئاخىرىدا بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ قالماس ھە !

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 04:57:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەپەر بىلەن ئامانگۇل تۇي قىلىدىغان ئۇخشايدۇ ئاخىرىدا ، تىزرەك يېزىڭە  تەقەززاقىلماي .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72868
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3268
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2012-1-10
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 05:06:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ، بۇنداقمۇ نىكاھ بۇلامدۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11209
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2842 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 07:12:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولتۇز يوللىغان ۋاقتى  2013-2-18 04:57 PM
زەپەر بىلەن ئامانگۇل تۇي قىلىدىغان ئۇخشايدۇ ئاخىرىدا  ...

ھاراقكەش كىلىن ! ئامانگۈل ھاراق ساتىدۇ ، ئىككىسى توي قىلىدىغان ئوخشايدۇ ، مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4544
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28276
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6038 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 08:31:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى ...

                                                   ( 3 )

- مەن ئەسلى ئاقسۇ ئاۋاتتىن ، شۇ يەردىكى يۇرت مەھەللىگە خىلى داڭقى بار  مەھەللە مەسچىتىمىزنىڭ ئىمامىنىڭ قىزى بولىمەن .
- نىمە دىدىڭ ؟ ھە دىگىنە قېنى داۋامىنى ، مەن ئارلاشماي تۇراي ...
زەپەر ئامانگۈلنىڭ گېپىگە تېخىمۇ بەكرەك قىزىقىپ قالغاندەك قىلاتتى ھەم ئۇنىڭ مەستلىكىمۇ باش - كۆزىنى يۇيغاندىن كىيىن بىر ئاز يىشىلىپ سەگەكلىشىپ قالغان ئىدى . ئامانگۈل زەپەرگە باشقا گەپ قايتۇرماي ئۆز گېپىنى داۋام ئەتتى .
- ئانام مەن ئالتە ياشقا كىرگەن يىلى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن دادام بىلەن ئىككىمىز بىر يىل ئانىسىز ، خوتۇنسىز تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈردۇق ، كىيىنكى يىلى مەن يەتتە ياشقا كىردىم ، داداممۇ ئەل - مەھەللىنىڭ پەند - نەسىھىتى ئاساسىدا قايتا ئۆيلەندى . دادام قايتا توي قىلغاندىن كىيىن  ئۆگەي ئانام پەقەتلا كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنمىدى ، گەرچە ئۇ ماڭا ئۆگەيلىكىنى كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۆز ئانام كۆز ئالدىمغا كىلىۋالسىلا ئۆگەي ئانامدىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمەيىتتى .
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئانام مىنى تۇغۇدىغان ۋاقىتتا دوختۇرنىڭ بالىغا تۇرامسىز ياكى ئۆزىڭىزگىمۇ ئەگەر ئىكىلىسىدە تۇرىمەن دىسىڭىز ھاياتىڭىزغا خەۋىپ يىتىشى مومكىن ... دىگەن ۋاقىتتا ئانام ئىككىلەنمەيلا مىنىڭ ساق - سالامەت كۆز ئېچىشىمنى كۆرسىلا نىمە بولسا مەيلى ئىكەنلىكىنى دەپ كىيىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بوغدۇرۋەتكەن ئىكەن ، مەن شۇ ئىشلارنى ئانام ئۆلۈپ كىتىدىغان يىلى بىلدىم ھەم شۇ يېشىمدىكى ئەقلىم بىلەن ئانامدىن چەكسىز سۆيۈندىم ، خۇشال بولدۇم .
شۇڭلاشقا ئۆگەي ئانام ئۆز ئانامنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ مەن ئۈچۈن تەڭ ئەمەس ئىدى . ئۇ ئارىدا مەن مەكتەپ يېشىدىن ئۆتۈپ كەتتىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە داداممۇ مەكتەپتە ئوقۇشۇمنى خالاپ كەتمەيىتتى ، دادام مىنىڭ ئۆگەي ئانامدىن ئانچە رازى ئەمەسلىكىمنى تۇيدىمۇ بىر مەزگىللىك تۇرۇپ كىلىش ئۈچۈن يېزىدىكى سىڭلىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى .
ئۆز ئۆيۈمدە دادام بىلەن ئۆگەي ئانامدىن باشقا ئادەم بولمىغاچقا ئىچىم سىقىلىپ قالاتتى  . ئۇمۇ ياخشى پۇرسەت بولۇپ قالدى ، مەن ھاممامنىڭ باللىرى بىلەن ئويناپ ، كۆڭۈل ئېچىپ روھىممۇ كۆتىرلىپ كۈنلىرىم خۇشال - خۇرام ئۆتىدىغان بولدى ، ئۆزۈممۇ ھەم بارغانچە قورۇنمايدىغان بولدۇم .
كۈنلىرىم شۇنداق ئۆتتى ... ھامماملارنىڭكىدە ئىككى ئۈچ ئاي تۇرغاندىن كىيىن دادام قايتۇرۇپ ئەكىتىشكە كەلدى ئەمما ھاممام ئۇنىمىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭمۇ كەتكىم يوق ئىدى ، شۇنىڭدىن كىيىن دادام قايتىپ كىتىپ قالدى كىيىن بىلسەم ھاممام قىز پەرزەنتى يوقلىقىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ مىنى بېقىۋىلىش مەقستىدە دادامنى ماقۇل كەلتۈرگەن ئىكەن .
كۈنلەرنىڭ ، ئايلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن مەن ھامماملارنىڭ ئۆيىنى ئۆز ئۆيۈمدەكلا كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم ، داداملار بىلەن ئايدا بىرەر قېتىمدىن كۆرۈشەتتۇق . كۈن ئايلار ئۆتۈپ توققۇز ياشقا كىرگەن يىلىم دادام ماڭا نامازنىڭ پەرىز قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ يىراقى يېزىدىكى بىر تونۇشىنىڭكىگە ئاپىرىپ بەردى .
يىڭىچە ئۆي ، يىڭىچە تۇرمۇش مىنى يەنە يالغۇزسىراتتى ، مەن ئۇ ئۆيدە ئۇنچە ئۇزاق تۇرىدىغىنىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم تۇرغاندىمۇ ئىككى يىل تۇردۇم ، ئىككى يىل جەريانىدا تەبىيلا ئۆي ئىشلىرى ۋە باشقا بىلشكە تىگىشلىك ئەدەپ - ئەخلاق ، قائىدىلەرنى ئۈگۈنۈپ قالدىم ، ئون بىر ياشقا قەدەم قويغان ۋاختىم ، مەن يەنە ھېلىقى ھامماملارنىڭكىگە ئاپىرىلدىم ، ئۇزاق كۈنگە قالماي ھامماملارنىڭ ئۆيىگە بۇرۇنقىدەكلا كۆنۈپ قالدىم .
ئۇ ۋاقىتلاردا مەن تاماق ئىتىش ، كىر - قات يۇيۇش ، ئۆي تازىلاشتەك ئىشلارنى خېلى قىلالايدىغان بولغان ئىدىم ، بەزى ۋاقىتلاردا ھاممام يىتىشىپ بولالمىغان ئىشلارغا مەنمۇ قارىشىپ خۇددى ھاممامنىڭ ئۆز قىزىدەكلا بولۇپ قالدىم ھامماممۇ ماڭا بەكلا ئامراقلىق قىلاتتى .
مەن مەكتەپ يۈزى كۆرمىدىم ئەمما شۇ يىللاردا ھاممامنىڭ باللىرى بىلەن ئويناپ يۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ خەت يېزىش ، كىتاپ ئوقۇشلىرىغا قاراپ تەبىيلا ساۋادىم چىقىپ قالغان ئىدى . ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى ، مىنىڭ ئاشۇ ئارلىقتىكى بەش يىل ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشال ، ئەڭ ئەركە ۋاقىتلىرىم بولسا كىرەك ... 16 ياشقا كىرگەن يىلى دادام ، ھامماملارنىڭ قوشۇلىشى ۋە زورى بىلەن ھاممامنىڭ يولدىشىنىڭ ئاكىسىنىڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلىندىم .
ئۇ مىنىڭ قىزلىق بوسوغىسىدىن ئاياللىق بوسۇغىسىغا قەدەم باسقىنىمدىن دىرەك بىرىدىغىننى ئويلاپمۇ يىتەلمەيدىغان ۋاقىتلىرىم ئىكەن ، ئۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ 100 موغا يىقىن تېرىلغۇ يېرى بولۇپ ئادەتتە مىنى ئېتىز - ئېرىقنىڭ ئىشلىرىغا سالمايىتتى  لىكىن ئۆيدىكىلەرگە ئىككى ۋاخ تاماق ئىتىش ، كىر قات يۇيۇش مىنىڭ قىلىدىغان دائىملىق ئىشىمغا ئايلانغان ئىدى .
تويدىن كىيىن تۆت ئاي بولغان ۋاقىتتا مەن ئويلىمىغان ، كۆرۈشنىمۇ خالىمايدىغان ئىش يۈز بەردى . بىر كۈنى كەچلىك تاماققا لەغمەن ئىتىپ بولۇپ قازان - قۇمۇشنى يۇغۇشتۇرىدىغان ۋاقىتتا قازاننى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئوچاقتىن ئالدىم ، ئەمما يەردىكى ئۆزۈم قويغان سۇ چۆگۈنىگە ئۆزۈم پۇتلىشىپ كىتىپ يىقىلىپ چۈشۈپ قازاندىكى قايناق مەنتەڭ بەدەنلىرىمگە تۆكۈلۈپ كەتتى .
ئاھۇ - زار ، يىغا بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدىم  ، ئۇلار ئاغرىق توختۇتۇش دورا ئۇكۇللىرى ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن مىنىڭ كىسەل ئازابىمنى يىنىكلەتتى ، ئەمما كۆيۈپ قورۇلۇپ كەتكەن تىرەم ئەسلىگە كەلمىدى ، تىزىمدىن باشلاپ كۆكرىكىمگىچە كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ ، كىيىن دوختۇرخانىدىن چىقىپ نورمال ھەركەت قىلالايدىغان ھالەتكە كەلگەن بولساممۇ ئەمما ، بەدىنىمنىڭ بۇنداق سەتلىشىپ كىتىشى ، تۆت ئايلىق بولغان بالامنىڭ چۈشۈپ كىتىشى ، مىنى كىچە - كۈندۈز ئازاپقا مۇپتىلا قىلدى .
ئاشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قېيىنئانامنىڭ يولدىشىمغا گەپ ئۈگۈتۋاتقانلىقىنى سىزىپ قالدىم ، < بەدەنلىرى تارتۇق بولۇپ كەتتى ، خوتۇن قىلىشقا سىنىڭ قانداقمۇ كۆڭلۈك كۆترەيدۇ ، ئايال كىشى دىگەن ئەر كىشىنىڭ گۈلى ، سولىشىپ قالغان گۈلنى ھىچكىمنىڭ پۇرىغىسى كەلمەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالاڭ قورسىقىدىن چۈشۈپ كەتتى ، تۇنجى بالا چۈشۈپ كەتسە بالا تۇرماس بولۇپ قالىدۇ ، بىرەر باھانە تېپىپ ئۇنى يامانلىتىپ قوي ئەكەلمىسەك مەيلى > ... دىگەندەك گەپلەرنى قىلغىننى ئۆز قۇلۇقۇم بىلەن ئاڭلاپ قالدىم .
ئۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يۈرەكىم ئىزىلىپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتىم ۋە شۇ كۈنى كەچتىلا ئۆزۈمنى تۇتالماي كىۋەزگە چاچىدىغان دورىدىن بىر شىشە ئىچىپ بۇنداق ئاھانەت ، ئازاپلىق كۈنلەردىن قۇتۇلماقچىمۇ بولدۇم گەرچە قىلغان ئىشىم ئۆتۈپ كەتكەن ھاماقەتلىك بولسىمۇ ئەمما مىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى كەم ئەقىللىق ۋە ھىسىيات تۇيغۇمغا نىسبەتەن شۇنداق قىلىشىم زۆرۈر ئىدى .
كىيىن بىلسەم ناماز شام ۋاختى بىلەن يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇ يەردە قۇتۇلدۇرۇشقا ئامالسىز قېلىنغاندىن كىيىن ناھىيلىك دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ نەچچە سائەت جىددى قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ھاياتىم ساقلىنىپ قېلىنىپتۇ .
دوختۇرخانىدا تۆت كۈن داۋالاندىم ، ئۇ جەرياندا ئۆز دادام مىنى يامان كۆرۈپ كۆرگىلى كەلمىدى ، ئۆگەي ئانام ، ھامماملار يوقلاپ ، ئەھۋالىمنى بىلىپ تۇردى . دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن يولدىشىمنىڭ ئۆيدىكىلەر ئەكەتكىلى كەلمىدى ، ئىككى ئايچە ئولتۇرغاندىن كىيىن ئاجرىشىش ئۈچۈن ئىككى ئۆيدىكىلەر مۇرەسسەگە چۈشتى ، ئويلىمىغان يەردىن تويلۇق ئالغان ئالتۇن ئۈزۈكۈمدىن ئىككىنى قېيىنئاناملار بەرمەسلىك توغرىسىدا قارارىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن ھاممام ۋە مەن  ئۇنى قوبۇل كۆرمىدۇق .
ئارلىقتا مەن تەڭسىزلىك ، تاقەتسىزلىك ھىس قىلىپ بىر كۈنى كەچتە پەيىتنى تاللاپ يولدىشىمنىڭ ئۆيىگە ئوغۇرلۇققا كىردىم ، مەقسىدىم ئۆزۈمگە تەۋە بولغان تويلۇق ئۈزۈكنى تېپىپ ، ئۇنى قايتۇرۇپ چىقىش ئىدى  . بىراق ئويلىمىغان يەردىن قايىتپ چىقىشنىڭ ئالدىدا يولدىشىمغا تۇتۇلۇپ قالدىم ھەم قېيىنئاناملار تەرىپىدىن شۇ كىچىدىلا ھامماملارنىڭ ئالدىغا ئاپىرىلدىم ، مىنىڭ سەۋەبىمدىن قېيىنئانام ھاممامنى ھاقارەتلەپ ئۇرۇشۇپ كەتتى .
خۇلۇم - قوشنا ، يۇرت - مەھەللىدىكىلەر ئۇرۇش - جىدەلنى ئاڭلاپ ئىشىك ئالدىمىزغا توپلاشتى ، گەپتىن گەپ چىقىپ ، تىلدىن تىل چىقىپ قايسىبىر ۋاقىتلارغىچە بېسىقمىدى ، ئامان مەنتەڭ دىگەن لەقەم شۇ كۈندىن ئىتىبارەن پىشانەمگە چاپلاندى .
ئەتىسى كەچتە دادام ھامماملارنىڭكىگە كىلىپ مىنىڭ ئوغۇرلۇققا بارغان ئىشىمنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ مىنى قاتتىق ئۇردى ھەم مەندىن قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى ئيتىپ كىتىپ قالدى ، ئۇ كۈنلەردە ئۆز - ئۆزۈمگە دەيدىغىنىم بولسا نىمىشقا مەن خورلۇققا ، تەڭسىزلىككە ئۇچرايمەن ؟... دىگەندەك سۇئاللار بولۇپ قالدى ، كىيىن مەن ھاممامغا يېلىنىپ ، يالۋۇرۇپ قانداقلا بولمىسۇن ئاجرىشىش كىرەكلىكىمنى ئېيىتتىم ، ھاممام تەلىپىم بويىچە مىنى ئاجراشتۇرۇپ قويدى .
ئارىدىن يەنە نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى ، ئۇ كۈنلىرىمنىڭ قانداق ئۆتكىننى ھازىر ئەسلەپ بىرەلمەيمەن ئازاپ ، نەپرەتكە تولغان قەلبىم تومۇرىمدا ئېقىۋاتقان قېنىمغا سىڭىپ كەتكەندەك كاللامدا باشقا پىكىر ، ئوي يوق ئىدى . تالا - تۈزگە چىقسام خەقلەرنىڭ گۇمانلىق قاراشلىرى مىنى قىيناپ خۇدانىڭ بەرگەن ساپ ھاۋاسى ۋە ئاپتىپىنىمۇ تۈزۈك كۆرمەي ئۆيدىلا ئولتۇراتتىم . كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويىدىغان ھالەتكە كىلىپ قالغاندەك بولدۇم ، ئىچىلىرىم سىقىلىپ كىتىدىغان بولۇپ قالدىم .
ئۇ كۈنلەر كۈز مەزگىلى بولغاچقا ھامماملار كىۋەزلىكنىڭ ئىشلىرى بىلەنلا ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدى ، مەنمۇ ئۆز خىيالىمدا ئۆيدە بۇرۇقتۇرما بولۇپ ئولتۇرىۋىرىشنى خوپ كۆرمەي يۈزۈمگە چۈمبەل سېلىپ ھامماملار بىلەن كىۋەزلىككە چىقىدىغان بولدۇم ، ئۇ مۇھىت ھەر ھالدا ئۆينىڭ مۇھىتىدىن يېقىشلىق بىلىندى ، ھامماملار ياقا يۇرىتتىن كەلگەن بەش ئالتەيلەننى كۆترىگە ئالغان بولۇپ كۈنبويى ئۇلار بىلەن بىللە كىۋەز تىرىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولاتتى ، مەنمۇ تاماقتىن بىكار بولۇپلا ئېتىزلىققا چىقىشقنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم .
بايىقى مەن بىلەن ئۇرۇشۇپ ، مىنى ئۇرۇپ كىتىپ قالغان ئەر بىلەن دەل شۇ ۋاقىتتا ھاممامنىڭ كىۋىزىنى تىرىش جەريانىدا تونۇشقان ئىدىم ، دەسلەپتە ئۇ گەپ قىلسىمۇ گەپ قىلمىدىم ، ئۇنىڭدىن نېرىراق ئىش قىلىشنى توغرا كۆردۈم كىيىن كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇ بارا - بارا ماڭا يىقىنچىلىق قىلىپ كۆڭلۈمنى ئەنسىزلىكتىن ، غېرىپلىقتىن كۆتۈرگەندەك بولدى ، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە كىلىپ پاراڭلىشىپ ، بىللە ئىش قىلىدىغان ۋاقىتلار بولۇپ قالغاندا ئېتىزنىڭ ئىشىلىرىمۇ تۈگەپ ، تىرىدىغان پاختىمۇ قالمىدى .
ئۇ مىنى ئېلىپ كىتىش ئويىنى ئېيىتقان ۋاقىتتا ھامماملار قوشۇلمىدى ، ئەمما مىنىڭ بىر تەرەپتىن ناتونۇش بولغان يۇرتقا بېرىپ ئۆز ھاياتىمنى قايتىدىن باشلاپ بېقىش ئويۇم بولغاچقا ھاممامنى ماقۇل كەلتۈردۈم ، ئۇ ماڭا ھىچقانچە تويلۇق بەرمىگەن بولۇپ ئۇرۇق تۇققانلارنى يىغىپلا كىچىك شەكىلدە بىر توي ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆز يۇرتۇمدىن ئايرىلدىم .

داۋامى بار ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-11 11:39 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tamken + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 08:37:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا يەنە داۋامى بار دەپ چىقتى ، قىزىق كىنونىڭ ئوتتۇرىغا ئېلان قىستۇرغاندەك قىلىپ !!!  ھەممىنى يېزىپ بولۇپ بىراقلا يوللىسا بولماسمىدى !!!

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 09:40:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنى دىسەم قىزغا بەكلا ئۇۋال بوپتۇ.
كىچىك تۇرۇپ ئانىسىدىن ئايرىلىش، ياش تۇرۇپ تۇل قىلىش، خالار-خالىماستىن ياقا يۇرتلۇققا خوتۇن بولۇش .......
ئاھ، بۇ دۇنيادا ھەممە ئىشلار مۇشۇنداق تىراگىدىيە بىلەنلا ئاخىرلىشامدىغاندۇ ؟

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91775
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 373
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2013-2-16
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 10:40:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرى ھەقىقەتەن كۆپ......

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20031
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10625 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 11:04:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موشۇنداق تولۇق بولمىغان تىمىنىزەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەە...

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش