مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: XERHAN

ھاراقكەش كېلىن ( پوۋېست )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4544
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28276
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6038 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 12:38:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى ...

( 5 )

- گېپىڭ تۈگىدىمۇ ؟ قانداق گەپ بۇ ، شۇنداقمۇ ئوساللىق قىلامدۇ ئۇ نامەرت گۇي ؟...
زەپەر گېپىنى قىلىپ بولۇپ بۇلدۇقلاپ يىغلاپ كىتىۋاتقان ئامانگۈلدىن ئەجەپلەنگەن ھالدا سوراپ قويغاندىن كىيىن يەنە بىر ھەقىقەتنى ھىس قىلغاندەك بولدى . ئۇنىڭدا ئامانگۈلگە ئازراق ھىسداشلىق پەيدا بولدىمۇ قانداق ، بۇ دۇكانغا يىڭى كىرگەن ۋاقىتتىكى قوپاللىق ، چۇس مىجەزىدىن بىر ئاز يۇمشاپ قالغان ئىدى .
ئامانگۈل بىردەملىك كۆز يېشى ۋە ئاھسىنىشتىن كىيىن ئۈمىدسىز كۆزلىرىنى زەپەرگە تىكىپ خۇددى زەپەرنى بىر نىجاتكارى سۈپىتىدە كۆرىۋاتقاندەك ئۇنىڭغا ئىشەنىچ تەلەپپۇزىدا سۆزلىدى .
- مىنڭ بۇ ئەرزىمەس كەچۈرمىشلىرىمنى ئاڭلاپ بەرگىنىڭىزدىن ، بۇ ئەسكى ئۆيۈمدە ئولتۇرۇپ بەرگىنڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم ، مەن مۇشۇ ئىككى يىلدىن بۇيان تۈگىشىپلا كەتتىم ، سىز ئەمەس باشقىلار كۆرسىمۇ 25 كە كىردىم دىسەم ھەيران قېلىشىدۇ تېخى قايسىبىر كۈنى بىر 40 ياشلار چامىسىدىكى ئادەم < ئاچا > دەپ چاقىرغانتى ئۆزۈمنى 60 ياشلىق ئايالدەك ھىس قىلىپ قالدىم .

- دىمىسىمۇ بەكلا قېرى چىراي كۆرىندىكەنسەن ، مەنمۇ  25ياش دىگەنتىڭ ئۆزىنى ئوخشىتۋاتقان چېغى دەپ قالغان ئىدىم . ئەگەر بالاڭنى تاپالىساڭ بۇ دۇكىنىڭنى تاقاپ يۇرتۇڭغا كىتەمسەن ؟
- ئۇقمايمەن ، مەن باشقا ئىشلارنى ئويلىغىدەك بولمىدىم پۈتكۈل ئەس خىيالىم بالامدىلا قالدى ...
- يۇرتۇڭدىكى داداڭ ، ھامماڭلارچۇ ؟ ئۇلارنى كۆرگىڭ كەلمىدىمۇ ؟
- كەلدى ، ئەمما ئۆتكەن يىلى يۇرىتتىكى بىرقانچەيلەن كەپتىكەن ، مىنىڭ بۇ يەردە تىجارەت قىلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ئۇلارغا دەپتۇ شۇنىڭ بىلەن دادام خەقتىن گەپ ئەۋەتىپ مەندىن تېنىپ كەتكىننى دەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن خىجالەتچىلىك ئىچىدە ھاممامنىڭ ئالدىغىمۇ بارالمىدىم ، ئۇلارمۇ مىنى ئىزدەپ كەلمىدى . مىنىڭ بىردىنبىر ئۈمۈدىم بالامدىلا قالدى .
- مۇنداق دە ، بىر ئىمامنىڭ قىزى تۇرۇپ ھاراق ، تاماكا سېتىپ ئۆزۈڭنىڭ قىممىتىنى يوقاتساڭ داداڭنىڭ ئورنىدا مەن بولسام مەنمۇ كىچىپ كىتىشىم مومكىن ، شۇ تاپتا داداڭ سەندىنمۇ بەكرەك ئىزا -ئاھانەتكە قالغاندۇ ؟
- نىمىشقا ، نىمىشقا گۇناھنى مەندە قويىسىز ؟ مەن توينىڭ نىمىلىكىنى ، ئەرنىڭ نىمىلىكىنى ، تۇرمۇشنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەس ، چۈشەنمەس ۋاقىتتا مىنى ياتىلىق قىلىپ مىنىڭ ياشلىق باھارىمنى نابۇت قىلىشتى ، ئەجىبا بىر قانچە يىل ئۆيدە قويغان بولسا ماڭىمۇ ئەقىل كىرىپ ... ھىچ بولمىسا كىيىنكى ئىشلار يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئالالىغان بولاتتىم .
- گۇناھ سەندىمۇ ئەمەس ، داداڭدىمۇ ئەمەس ... تۇرمۇش دىگەن مانا شۇنداق ھەر كويلارغا ، ھەر يوللارغا باشلايدىكەن كىمدىن كۆرىسەن ئۇنى ؟...
- ئۆتۈنۈپ قالاي زەپەر سىز بولسىڭىزمۇ ماڭا ئاھانەت قىلماڭ ، شۇ تاپتا مەنمۇ پارتىلاپ كەتكۈدەك بولۇپ قالدىم .
- ئەگەر بالاڭنى تېپىشىپ بەرسەم ماڭا قانداق جاۋاپ قايتۇرىسەن ؟
- بۇ ، بۇ گېپىڭىز راسىتما ؟ بالامنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بىرىدىغانلا بولسىڭىز نىمە قىل دىسىڭىز مەيلى ئايىغىڭىز ئاستىدا باش قويدىغان ئىش بولسىمۇ مەن رازى .
- ئىككى يىل ساقلاپسەن ، ئالدىرما ... بۇ ئىشلىرىڭ ھامان ھەل بولىدۇ .
- مۇشۇنداق دىگەن ئېغىزىڭىزغا مىڭ مەرتىۋە رەھمەت زەپەر ، مەن ئۈچۈن ماڭغان يولىڭىزغا خۇدايىم بەرىكەت بەرگەي ، رەھمەت شۈنچىلىك دىگىنىڭىزگە ... ھە راسىت ، قولىڭىزغا نىمە بولدى ؟ ئەسكىلەرنى تۇتۇش جەريانىدا يارلانمىغاندۇ ؟
- ياق ، ياق ئۇنى سورىما ، پايدىسى يوق .
- نىمىشقا سورىمايمەن ؟ دەپ بىرىڭ مەنمۇ سىزنىڭ دەردىڭىزگە جۆر بولاي ...
- نىمە پايدىسى ؟ مەن سىنىڭ ئىشلىرىڭغا ياردەم قىلالىشىم مومكىن ، ئەمما سەن مىنىڭ ئىشلىرىمغا ياردىم قىلالمايسەن ھەم ماڭا تەسەللىمۇ بىرەلمەيسەن ئەڭ ياخشىسى سورىما .
- سىز ماقۇل بولغانغۇ ، مۇشۇ سالاپىتىڭىز بىلەن ئەمدى يېنىۋالامسىز ؟ پەقەت بولمىغاندا ئىچىڭىز ئازراق بولسىمۇ بوشاپ قالىدۇ دەڭچۇ ؟
- مىنىڭ ئۆتمىشىم سىنىڭكىدىنمۇ ئۇزۇن بۈگۈن كىچىچە دەپ بەرسەممۇ تۈگىمەيدۇ .
- مەيلى ، مەيلى زەپەر ... مەن ئاڭلاشنى خالايمەن ، سىزلا دەپ بەرسىڭىز مەن ئاخىرغىچە ئاڭلايمەن .
- گەپنى نەدىن باشلايمەن ، دادامنىڭ زامانىسىدىنمۇ ياكى تۇنجى تويۇمدىنمۇ ۋە ياكى بۈگۈنكى ئىشلاردىنمۇ ؟
- مەيلى قەيەردىن باشلىسىڭىز ، بۇرۇنقى ئىشلاردىن باشلىسىڭىزمۇ مەيلى .
- بوپتۇ بەكلا ئاڭلىغۇڭ بولسا دىسەم دەپ بىرەي ، مىنىڭ بالىلىق دەۋرىممۇ ساڭا ئوخشاشلا غەم - ئەندىشىسىز ، خۇشال - خۇرام ئۆتكەن . ئەمدى بىلسەم ئادەم ھاياتىنىڭ ئەڭ تاتلىق ، ئەڭ گۈزەل مەزگىللىرى شۇ بالىلىق دەۋرى ئىكەن . ئۇ گۈزەللىك ۋە خۇشاللىق گۈدەكلىكتىن ئەمەس بەلكى بالىلىقتىكى ساپ قەلىپتىن كىلىدىكەن . مەن ئەقلىمگە كەلسەم دادام يوق ئانام بار ئىكەن ، مەن ھەتتا دادامنىڭ چىرايىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن .
كىچىكىمدە دائىم ئانامدىن دادامنى سورايىتتىم ، ئانام بولسا داداڭ يىراق يەرگە سەپەرگە چىقىپ كەتتى ھامان بىر كۈنى قايتىپ كىلىدۇ دەپ مىنى پەپىلەپ قوياتتى ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 - يىللىقىدا ئوقىۋاتقان بىر كۈنلەردە مەھەللىدىكى بىرسىنىڭ بالىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم ، ئۇ تىللىدى مەنمۇ تىللىدىم ، ئىشقىلىپ ئۇنىڭغا بوزەك بولمىدىم . كىيىن تىكتاكتوپ پالىقى بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرىۋىدىم بېشى يېرىلىپ كىتىپ قان تامچىلاپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىنى < داداڭمۇ سەندەك ئەسكى ، جىدەلخور بولغاچقا خەخ ئۆلتۈرۋىتىپتىكەن ، سىنىمۇ ھامان بىر كۈنى خەخ ئۆلتۈرۋىتىدۇ > دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ تىللىدى .
مىنى تىللىغان بولسىمۇ مەيلى ئىدى ، بىراق دادامنى چىشلەپ تارىتقىغا پەقەتلا چىدىيالمىدىم ، شۇ ۋاقىتتا ئۇنى يەنە پالاق بىلەن نەچچە ئوننى ئۇرىۋەتكىم بار ئىدى لىكىن بالىلار ھەم ئوقۇتقۇچىمىز ئوتتۇرغا چۈشۈپ بېسىقتۇرۇپ قويغانلىرى ھازىرغىچە ئىسىمدە ...
شۇ كۈنى كەچتە مەن ئۆيگە بېرىپلا ئانامنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم ھەم ئانامدىن دادامنىڭ ئىشىنى دەپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدىم ، ئانام يەنە گەپنى ئەگىتىپ كەتكىنىدە مەن ئەگەر راستىنى دەپ بەرمىسە ئۆيدىن چىقىپ كىتىدىغانلىقىمنى ئېيىتتىم ، ئانام ئاخىرى ماڭا كۆندى ھەم دادامنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى .
مىنىڭ داداممۇ ئەسلى سوتتا ئىشلەيدىكەن ، مەن تۇغۇلۇشتىن نەچچە ئاي بۇرۇن دادام بىر دىلوغا مەسئۇل بولۇپ  ئىشلەپ دىلو سۇنغانلارنى تولىمۇ رازى قىپتۇ ، ئەمما قارشى تەرەپ دادامنى دۈشمەن ئورنىدا كۆرۈپ ، دىلو سۇنغانلارنىڭ دادامغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئامبارغا مىھمانغا چاقىرغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ دادام قاتارلىقلارنى كالتەك ، توخماقلار بىلەن ئۇرۇپ يارلاندۇرۇپتۇ ، ئۇ ۋاقىتتا دادام ئەمدى سۇغا چۈشۈشكە ھازىرلىق قىلىپ سۇغا چىلىنىپ تۇرغان ۋاختى بولغاچقا تاياق زەربىسىدىن ئايلىنىپ قېلىپ سۇغا دۈم چۈشۈپ تۇنجۇقۇپ قالغان ئىكەن .
مەن تۇغۇلۇپ تاكى ئاشۇ كۈنى دادامنىڭ ئىشلىرىنى ئۇققانغا قەدەر ئانام مەندىن يۇشۇرۇپ ، ماڭا يالغان سۆزلەپلا كەلگەن ئىكەن ، ئەمدى بىلسەم ئانام توغرا قىپتىكەن ، مەن دادامنىڭ ئۇ ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولغاندىن كىيىن قەلبىمدە بىرخىل يۇشۇرۇن ئازاپ ۋە ئۆچمەنلىك يېلىنجايدىغان بولغان ئىدى .  
كىيىن  ئانام  بىلەن ھازىرقى مەھەللىمىزگە كۆچۈپ كەلدۇق ، باشلانغۇچ تولۇقسىز ئوتتۇرنى ئوقىغاندا بالىلارغا ئانچە ئارلاشمايىتتىم ، كۆپىنچىسى يالغۇزلۇقنى ياقتۇراتتىم ، كىيىن تولۇققا چىققان ۋاقىتتا سىرىتتىكى ئاۋۇ ئاغىنەم بىلەن پارتىداش بولدۇم ، دەسلەپتە بىز ئانچە چىقىشالمىدۇق ، كىيىن خىلى يىقىن بولۇپ بارا - بارا نىمە گېپىمىز بولسا دىيىشىدىغان ھالەتكە كەلدۇق .
ئۈچ يىللىق مەكتەپ ھاياتى بىزنى ئەڭ يىقىن دوسلارغا ئايلاندۇرغان ئىدى ، ئانامنىڭ ئارزۇسى بويىچە مەن دادامنىڭ ئىزىنى بېسىش ئۈچۈن  قانۇن يۈرگۈزگۈچى بولماقچى بولۇپ ئىمتىھان بەردىم ، ئەمما نۇمۇر سىزىقا چۈشمەي كىينكى يىلى قايتا ئىمتىھان بەردىم ، ئاۋۇ ئاغىنەممۇ  دادامنىڭ قىسمىتىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مىنىڭ تەسىرىم بىلەن ئۇمۇ مەن تاللىغان يولدا مېڭىشنى قارار قىلدى ، ئەمما ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ شۇ يىلىلا ئىمتىھاندىن يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى .
كىيىنكى يىلى مەن باردىم ، بىز بىر سىنىپتا بولمىغان بىلەن بىر مەكتەپتە بۇرۇنقىدەكلا ئۆتەتتۇق ، مىنىڭ تولۇق ۋە ئالىي مەكتەپ ھاياتىم ئاساسەن ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىش ۋە باردى - كەلدى قىلىش بىلەنلا ئۆتتى مەن ۋە ئۇ نۇرغۇن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باللىرىغا ئوخشاش ساختا مۇھەببەتلەرگە ، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش سەۋدالىق ئىچىدە يۇرمىگەن ئىدۇق كاللىمىز ناھايىتى ئوچۇق ئىدى ، شۇڭىمۇ ئىككىلىمىز ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈپ قايتىپ كىلىپ تەسكە قالمايلا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇق .
ئانام مىنى ئوبدانلا چۈشەنگەچكە تۇرمۇش ئىشىمغا ئانچە ئارلىشىپ كەتمەيىتتى ، شۇڭلاشقا خىزمەتكە چىققان يىلىلا تۇرمۇش ئىشىمنى ئويلىشىشىمنى ، ئۆزۈمگە يارىغان بىرەر قىزنى تاپسام تويۇمنى قىلىپ قويدىغانلىقنى ئېيىتقان ئىدى ، بىراق ئويلىمىغان يەردىن شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا ئانامدا يۈرەك كىسەل بايقىلىپ يۈرەك كىلاپانى يوغىناش ، يۈرەككە قان يىتىشمەسلىك دىگەندەك كىسەللەر بىلەن دوختۇرغا ئاپاردىم .
ناھىيلىك دوختۇرخانىدا يىگىرمە كۈندەك ياتقاندىن كىيىن ئۈرۈمچىگە يۆتكىدۇق ، ئانام داۋالىنىش ھەققىنى يۇقىرى كۆرۈپ داۋالىنىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ ئەمما دۇنيادا بىردىن بىر بولغان ماڭا ھەم ئانا ، ھەم دادا بولۇپ كەلگەن ئانامغا پەقەتلا قىيالمىدىم  ، شۇڭا قەتئىي نىيەتتە تۇرىۋالدىم ، كىيىن ئانام تۇققانلار ۋە دوسلاردىن قەرىز سوراشنى ئوتتۇرغا قويدى لىكىن مەن مۇشۇ ۋاقىتتا بولسىمۇ خەققە بويۇن قىسىشنى بىئەپ كۆرۈپ مائاش كارىمنى ئىككى يىللىق رەنىگە قويۇپ پۇل ئاجراتتىم ، يەنە بىر قىسىم پۇلنى ئاۋۇ ئاغىنەمدىن قەرىز ئالدىم ، شۇنىڭ بىلەن ئانام  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا يۈرەك ئوپراتىسىيسى قىلىنىپ داۋالاندى .
كىيىن بىز قايتىپ كەلدۇق ، ئانام كارخانا ئورنىدىن پىنىسيگە چىققان بولغاچقا داۋالىنىش راسخوتىنى ئاچچوت قىلالمىدۇق ، كىيىنكى كۈنلەردە ئانامنىڭ ئازغىنا مائاشى بىلەن تۇرمۇش كەچۇردۇق . شۇنداق قىلىپ چىشىمىزنى چىشىمىزغا چىشلەپ ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدۇق ، مائاش كارىمنىڭ قەرىز مۇددىتى توشۇشى بىلەنلا يەنە نەچچە ئايلىق مائاشىمنى جۇغلاپ ئاغىنەمنىڭ پۇلىنى قايتۇردۇم ، شۇ يىلى ئانام مىنىڭ تويۇمنى قىلىپ قويۇش نىيتىنى بىلدۈردى مەن توي قىلسام يەنە قەرىزدار بولۇپ قالىدىغانلىقمنى ئويلاپ كەينىگە تارتىپ تۇرىۋالدىم بىراق ئانام زادىلا ئۇنىمىدى .
شۇنىڭ بىلەن مەھكىمىدىكى خىزمەتداشلىرىمنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن بىر ئوقۇتقۇچى قىز بىلەن تونۇشتۇم ، ئۇ چىراي جەھەتتىمۇ ، تۇرمۇش جەھەتتىمۇ كۆڭلۈمگە يېقىپ قالغان ئىدى . ھەتتا ئانام ئۇنى بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى ،  ئۇزاققا قالماي ئۇنىڭغا چاي ئىچكۈزدۇق ، بىر كۈنى مەن ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قەرىز ئېلىپ توي قىلىدىغانلىقىمنى كاللىسىدا ئىدىيە تەييارلىق قىلىپ قويىشىنى ئېيىتتىم ، ئۇ باشقىچە گەپ قىلمىدى ئەمما بىر  ئىشنى ئۆتۈندى .
يەنى ئۇ يېزىلىق مەكتەپتە ئىشلەيدىغان بولۇپ مەكتەپلەر ئارا بولۇپمۇ يېزىدىن شەھەرگە يۆتكىلىشىنىڭ ناھايىتى قىيىن ئىكەنلىكى ، يېزىدا ئىشلەۋەرسە قولايسىز بولۇپ قېلىشىنى ئېيتىپ ، مىنىڭ  مەھكىمىدىن ساقچىلىققا ئالمىشىشىمنى تەلەپ قىلدى . چۈنكى ساقچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنى شەھەرگە ياكى شەھەرگە يىقىن ئورۇنغا يۆتكەپ ئىشلىتىش سىياسىتى ئۇنىڭ شۇنداق دىيىشىگە تۈرىتكە بولغان ئىكەن .
كىيىن مەن مىڭ تەستە ساقچىلىققا ئالماشتىم ھەم ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىم ، ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە يول مېڭىپ ئۇنى يۆتكەپ ئېلىپ كىردۇق . دەسلەپكى تۇرمىشىمىز خىلى ياخشى ھەم كۆڭۈللۈك ئۆتتى ، ئەمما مەن تۇرمۇش چىقىملىرىغا پۇل خەجلەيدىغان  ۋاقىتتا ئۇنىڭ پۇلىنى ئىشلەتكەچكە ئۇنىڭ چىرايىغا قارايدىغان كۈنلەرگە قالدىم ، نەچچە ئاي ئۆي تۇتقاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن جىدەللىشىدىغان ھالەتكە يىتىپ قالدىم ، بىر قېتىم ئۇ ئانامنى گۇۋاھچى قىلىپ قويۇپ مىنىڭ قەرىز ئېلىپ توي قىلغانلىقمنى ، تويدىن كىيىن ئۆزىنىڭ پۇلى ئارقىلىق ئانام ۋە مىنى باققانلىقىنى پىشانەمدە قويدى .
ئۇ ۋاقىتتا مەندىنمۇ بەكرەك ئانام ئۆرتىنىپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن جىدەل چوڭىيىپ ئۆينىڭ ئىچى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىپ قالدى ، كىيىن مەن ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردىم ، شۇنىڭ بىلەن ئۇزاققا قالماي بىز تىزلا ئاجراشتۇق ، خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىن قايتىپ چىقارىمىزدا  يۈرىكىم شۇنداق ئىزىلىپ كەتكەندەك بولدى .
ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن بىر نەۋرە تۇققىنىڭ دىيىشىچە ئۇ خىزمىتىنى يۆتكىۋالغاندىن كىيىن مەن بولمىساممۇ مەندىن ياخشىراق ، راھەتراق ياشايمىش...
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇ خوتۇننى شۇ يەردە نەچچە كاچات سېلىۋەتتىم ئەمما گەپ دىگەن يەنىلا گەپكەن ئۇرىۋالغان بىلەن ئاشۇ گەپلىرى يۈرىكىمنى تىلىپ ئاجراشقاندىن كىيىنكى كۆڭۈل ئاغرىقىمغا سەۋەپ بولدى .
كىيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ - بۇنىڭدىن ئاڭلىسام قورسىقىدىكى ئۈچ ئايلىق بولغان بالىمىزنى  چۈشۈرۋىتىپتىمىش  ...  

داۋامى بار ...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-11 12:27 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tamken + 200 قىزىق يىرىگە ئەمدى كە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

مۇھتاجىلىق بەك يامان

بۆرە چېشلىق  007

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9523
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9601
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 777 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 01:50:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xukrat116 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-19 03:19 PM
ۋاي تېخىچە يوللانماپتىغۇ ؟؟؟؟بەك تەقەززا بولدۇق~~~~~~~~~~ ...

ۋاي   ۋاي    ۋاي !   باش  سۈرىتىڭىز  بەكلا  قالتىسكەنغۇ،ھۆسىن خەت  بىلەن  K2 نىڭ  سۈرىتىنى  چىقىر ۋىتىپسىز

بىر ئانا ئون بالىنى باقالايدۇ،ئون بالا بىر ئانىنى باقالمايدۇ.    لىكىن نىيەتلا بۇلىدىكەن بىر بالىمۇ ئون ئانىنى باقالايدۇ .  ئەگەر ئۆزەڭ خوشال بولالمىساڭ،ھېچكىمنى خوشال قىلالمايسەن!!!

بۆرە چېشلىق  007

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9523
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9601
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 777 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 02:17:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما بۇلا ماشتاق بۇلا، ھىكايە بۇلا ماشتاق بۇلا، ئىنكاس بۇلا ماشتاق بۇلا، دەرتمەن بۇلا ماشتاق بۇلا،   ئەمدى ساقلىغانلا ،ئالدىراتماي-ھە! مۇنداق . سەۋىر قىلىلى ! ھىكايىكەن،قىزىقتىم، داۋامى يوق  دىمەي  ھىكايىنىڭ مىغىزىنى ئىزدەڭلار. ھازىرقى جەمئىيەتتىكى بەزەنلەر  ئىبرەت ئىلىڭلار!

بىر ئانا ئون بالىنى باقالايدۇ،ئون بالا بىر ئانىنى باقالمايدۇ.    لىكىن نىيەتلا بۇلىدىكەن بىر بالىمۇ ئون ئانىنى باقالايدۇ .  ئەگەر ئۆزەڭ خوشال بولالمىساڭ،ھېچكىمنى خوشال قىلالمايسەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34340
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5807
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 2506 سائەت
تىزىم: 2011-3-18
ئاخىرقى: 2014-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 10:42:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇھ !!!!!!!!!!!! دەتمەنلەرنىڭ ھېكايىسى ئىچىگە كىرىپلا كېتىپتىمەن . لېكىن بىردەمدىلا تۈگىدى . ئاللاھ قوللىرىڭىزغا دەرت بەمىسۇن . داۋامىغا تەقەززالىق بىلەن تەشنامەن ؟؟؟؟؟؟؟؟ بۈگۈن ئىككى ئۈچ قىسىم كۆرەلىسەك بولاتتى ؟؟؟؟؟؟؟؟ باشقىلارنى ئالدىراتماسلىق توغرىسىدا گەپ قىلىپ قويۇپ ئۆزەممۇ ئالدىراپ قېلىۋاتىمەن دېسە ، بەك جەلىپ قىلارلىقكەن .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 11 تىرىشۋاتىمەن ، رەھمەت

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

سىرداش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80814
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 11:38:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپمۇ ئەلەم بوپتۇ بۇ يېڭى توي قىلغان يىگىتكە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80814
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 11:38:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپمۇ ئەلەم بوپتۇ بۇ يېڭى توي قىلغان يىگىتكە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80814
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 11:39:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يىزىپسىز شىرخان   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90158
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 326
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 11:41:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە تۈگەپ قالدى دىسە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 12:01:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ ئەسەر ماڭا بەك ياردى ، بولسا مىسرانىم ئەپەندى ئاۋازلق ئەسەرقىلپ ئىشلەپ چىقساڭلاربولاتتى ، ھىلقى ‹‹پاھشە نىڭ مۇھەببىتى››دىن 1000پىرسەن ياخشى چىقاتتى ،

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4544
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28276
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6038 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 12:14:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى ...

( 6 )


- نىمىدىگەن چاكىنا ئايال ئۇ ؟ خۇددى كۆۋرۈكتىن ئۆتىۋىلىش ئۈچۈنلا توي قىلغاندەك ئىش قىپتۇ ، مىڭ لەنەت بولسۇن !
ئامانگۈل ئەمدىلا گېپىنى تۈگىتىپ يەنە بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان زەپەرگە يىرگىنىش ئىلكىدە خۇددى زەپەر ئامانگۈلنىڭ قىسمىتىگە ئۆكۈنگەندەكلا ئۆكۈندى .
- ئەلۋەتتە شۇنداق قىلغىنى ئېنىقتە ، مىنى < ساقچىلىققا ئالمىشىڭ ، مەن يۆتكىلىپ كىرسەم سىزگە ۋە ئاپامغا ۋاختى - ۋاختىدا قارىيالىغان بولاتتىم ، مەنغۇ مەيلى چىقىپ - كىرىپ ئىشلىسەم ، ئەمما ئاپام ياشىنىپ قالغان ئۇنىڭ ئۈستىگە كىسەلچان بولغاندىن كىيىن ئاپامنى دەپ بولسىمۇ ئالمىشىڭ > ... دىگەندەك گەپلەرنى قىلسا مەن تېخى ئۇنى راستىنلا شۇنداق قىلامدىكىن دەپتىمەن . ئۇنىڭ مائاشىنى خەجلەپ قورساق كۆپۈكى بولغىنى پەقەتلا بىر باھانە ، مەن بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن ... چۈنكى مەن ئالدىنئالا ئەسكەرتىپ قويغان ، ئەسلى بۇرۇندىن تارتىپ نىيىتى باشقا ئىكەن ئۇ ئاپەتنىڭ ...
دىدى زەپەر تاماكىنى چىشلەپ تۇرۇپ ، ئامانگۈل ئەمدى بولغاندا ئۆزىنى قويۇپ زەپەرگە ھىسداشلىقى قوزغالغان ئىدى .
- كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ زەپەر ، خۇدايىم ھامان تەڭشەيدۇ ، ئايال كىشى پۇلنى ئائىلىدىن ، تۇرمۇشتىن ، ئىرىدىن يۇقىرى كۆرسە ھامان ئۆز بەختىنى ۋەيران قىلىدۇ ، بىز مەيلى مىليۇنىر بولايلى ، مەيلى قەلەندەر بولايلى ھامان ئائىلىگە مۇھتاج بولىمىز ، تۇرمۇشنىڭ ئىچىدە ياشايمىز .
ئامانگۈل زەپەرنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىدىن ، ساقچىدا بولۇشقا تىگىشلىك سالاپەت ۋە تەمكىنلىكنىڭ يوقىلىپ مۈكچىيىپ كەتكەن گەۋدىسىدىن يەنە بىر ئاچچىق ھەقىقەتنىڭ زەپەرنى مۇشۇنداق قىيناۋاتقانلىنى قىياس قىلدى ھەم زەپەردىن قايتۇرۇپ سورىدى .
- نىمە ئويلىغان بولسىڭىز شۇنى دەڭ زەپەر ، ئەگەر تارتىشقا ئىمكان بولسىدى سىزنىڭ بارلىق دەرت - ئازاپلىرىڭىزنى مەن تارتىشقا رازى بولغان بولاتتىم .
- ساڭا بىر گەپنى دىسەم يەنە < مىنى پەس كۆردى > دەپ قالارسەنمۇ ؟
- نىمىنى دەيسىز ، قېنى دەۋىرىڭ ئۇنداق دىمەيمەن .
- بۇ ئۆيۈڭ سېسىق پۇرايدىكەن ، ھاراقنىڭ پۇرىقى بىر ياندىن ...
- مەن كۆنۈپ قاپتىمەن زەپەر ، ئەتتىر چېچىۋاتاي ھە ، ئەتتىر چېچىپ شاڭ يېقىپ قويسام پەسىيىپ قالىدۇ بۇ پۇراقلار ...
ئامانگۈل ئورنىدىن تۇرۇپ ئىچكىركى ، تاشقىرقى ئۆيگە قېنىق ئەتتىر چېچىپ چىققاندىن كىيىن زەپەردىن سورىدى .
- قاراڭ بۇ ئاغىنىڭىز تېخىچە سافاغا يۆلىنىپ ئۇخلاۋىتىپتۇ ، ئۇنىڭ ياتقۇزۇپ قوياي ھە ؟
- نەدە ياتقۇزىسەن ؟
- سافاغىلا ياتقۇزۇپ قوياي ...
ئامانگۈل لوقماننىڭ ئايىغىنى سالغۇزۇپ سافاغا يەڭگىل ياتقۇزۇپ قويدى ، ئاندىن ئىچكىركى ئۆيدىن ئۆزىنىڭ ياستۇقىنى ئېلىپ چىقىپ بېشىغا قويۇپ قويغاندىن كىيىن زەپەردىن سورىدى .
- ھە راسىت ئۇنىڭ ئىسمى نىمە ؟
- لوقمان .
- ئۇمۇ ، سىزمۇ سالاپەتلىك ، كىلىشكەن ئىكەنسىلەر ...
- كۆزۈڭ چۈشۋاتامدا ؟
زەپەر ئامانگۈلنى ياراتمىغان قىياپەتتە سورىدى ، ئامانگۈل زەپەردىن ئەيمىنىپ قالغان ئىدى ، ئەمما جاۋاپ بەرمىسە بولمايىتتى .
- ياق ، ياقەي ... سىلەردەك توققۇزى تەل ، ئائىلە كىلىپ چىقىشى ياخشى ئادەملەرگە مەندەك ھاراقكەش خوتۇن قانداقمۇ ماس كەلسۇن ؟
- ماس كەلسەڭمۇ ئامال يوق ، ئۇنىڭ ئايالى بار ، مىنىڭمۇ ھەم شۇنداق ...
- بىلىمەن ، شۇڭا مەن سىلەرنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرۈشكە لايىق ئەمەس .
- ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە ، سىنىڭمۇ كىلىپ چىقىشىڭ ياخشىكەنغۇ ، موللامنىڭ قىزى ...
زەپەرنىڭ تەسەللىگىمۇ ، تەنــــــــىگىمۇ ياتمايدىغان بۇ گېپى ئامانگۈلنى يەنە بىر قېتىم ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى ، ئامانگۈل بۇنىڭغا گەپ قايتۇرالمىدى ھەم گەپنى باشقا ياققا بۇراش ئۈچۈن زەپەردىن سورىدى .
- تاماكىنى چىكىۋەردىڭىز ، قىزىل چاي ، كۆك چايدەك بىر نەرسە ئىچەمسىز ؟
- شۇنداق سۇلارمۇ بارمۇ دۇكىنىڭدا ؟
- ئادەتتە خەققە ساتقىلى ئەمەس ، ئۆزۈم ئىچكىلى ئەكىرىپ قويىمەن نەچچە ئون تال .
- مەيلى يىشىل چاي بولسا ئەكىرە ئەمسە سوغۇقراقىنى ...
ئامانگۈل سىرىتقى ئۆيگە چىقىپ بىرتال يىشىل چاينى تىزلا كۆتۈرۈپ ئەكىردى ھەم زەپەرگە تۇتتى .
- مەھ ، ئېلىڭە ... كاللىڭىز سەگىدەپ نىرۋىڭىزغا ئارام بولىدۇ .
زەپەر چاينى ئېلىپلا گۆپىلدىتىپ يېرىمىدىن ئازراقىنى ئىچىپ توختىدى . زەپەرنىڭ سۇ ئىچىشلىرىمۇ ئامانگۈلگە < يەنە بىر ئىش بار > دەۋاتقاندەك قىلاتتى . بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىنى ئىتىۋاتقان زەپەرنىڭ ئەلپازىنى كۆرگەن ئامانگۈل يەنە زەپەردىن سورىدى .
- دىمەك ئىككىلىڭلارنىڭ ئايالى بار دەڭ ، لوقمان < بۇ ئاغىنەمنىڭ كۆڭلى يېرىم > دىگەندەك قىلىۋاتاتتى بۈگۈن نىمە بولغانتى سىزگە ؟
- ھىچنىمە .
- ئۇنداق ئەمەستۇ ؟ قولىڭىزنى يىڭىلا تاڭدۇرۇپسىز ، كىيمىڭىزدىمۇ قان يۇقى بارئىكەن .
- ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ ھەيران قالما ...
- دەڭچۇ ، بۇندىن كىيىن بۇنداق پاراڭلىشىش پۇرسىتى بولامدۇ بولمامدۇ ئۇقمايمەن ، بۈگۈن مىنىڭ تەلىپمنى رەت قىلمىغان بولسىڭىز سىزدىن يەنە بىر قېتىم مىننەتدار بولغان بولاتتىم زەپەر .
- سەن زادى نىمىنى بىلمەكچى ، دەيدىغان گەپلىرىمنى دەپ بولدۇمغۇ ؟
- ياق ، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ سىزدە يەنە بىر ئىش بار .
- چوقۇم بىلگۈڭ بارمۇ ؟
- شۇنداق بىلگۈم بار .
- ئاڭلاپ تۇر ، بۈگۈن مىنىڭ تويۇم بولغان كىچە ...
- نىمە دىدىڭىز ؟ بۇ ، بۇ قانداق ئىش ؟
- دىدىمغۇ بىلگۈنىڭىنىڭ پايدىسى يوق دەپ .
- پايدىسى بولسۇن بولمىسۇن بىلگۈم بار قېنى دەڭە نىمىشقا ئۆيدە بولماي ھاراق ئىچىش خىيالىغا كىرىپ قالدىڭىز ؟
- ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن ، ئىشقىلىپ مەن ئايال كىشىگە شۈنچىلىك ئۆچ بولۇپ كەتتىم . ھەتتا ئۆز - ئۆزۈمگە قەسەمياد قىلىۋەتتىم .
- كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن زەپەر ، شۇ تاپتا ئۆزۈمدىن بەكرەك سىزنى ئويلاۋاتىمەن .
- قانداق بولۇپ ؟
- ھەرقانچە بولسىمۇ مەن مەيلى قانچىلىك كۈن كۆرەي بۇ ھالىتىمدە بەرىبىر < ئامان مەنتەڭ > دەپ ئاتىلىۋىرىمەن ھەم ئۇنداق ئاتالساممۇ مەيلى ، چۈنكى مەن دىگەن بىر ھاراقكەش خوتۇن كەلگۈسۈمدە بەرىبىر ئاقلىنالمايمەن ، لىكىن سىز ئوخشىمايسىز ، سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ، سىزنى يۈرەك پارىسى دەپ بىلىدىغان ئانىڭىز بار ...
- مەن خىزمەتنى ئەمەس ئانامنىڭ يەنە بىر يۈرەك ئازابى تارتىپ قېلىشىنى ئۆزۈمنىڭمۇ كىشىلەر ئالدىدا < بىتەلەي ساقچى > دەپ ئاتىلىپ كۈلكىگە قېلىشىمدىن ھەم ئەرلىك غورۇرۇمنىڭ ئاشۇ پەس خوتۇنلىرىم تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغانلىقىدىن ئەنسىرەيمەن ھەم ئۆكۈنىمەن .
- بۈگۈن نىمىشقا ئۆيدىن يېنىپ چىقتىڭىز ؟ ھەر قانچە بولسىمۇ ئۆيىڭىزدە تۇرىشىڭىز كىرەك ئىدى .
- سەن چۈشەنمەيسەن ، ئۇ ماڭا شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا مەن ئۆزۈمنى بىر ئەر ، بىر ساقچى ئورنىدا ئەمەس بەلكى بىر پاھىشخانىغا كىرىپ قالغان تىگى پەس ئەردەك ، ساقچى ئالدىدىكى مەھبۇستەك ھىس قىلدىم ، ئۇنىڭ گەپلىرىگە قارىغاندا مەن ئۆزۈم ئىرىشىشىكە تىگىشلىك سۆيگۈگە ، ھىسىياتقا ۋە خۇشالىققا ئىرىشەلمىگۈدەكمەن ، ئۇنداق كىچىنى بىللە ئۆتكۈزگەننىڭ خۇددى بىر پاھىشە بىلەن بىرەر قېتىملىق ياكى بىرەر كۈنلۈك ئىشقىۋازلىق قىلغان بىلەن نىمە پەرقى ؟
- ئۇ زادى نىمە دىگەنتى ، سىزنى بۈنچىۋالا قىلىۋەتكۈندەك ؟
- ئىنسان ئۆز ۋۇجۇدىدا بولۇشقا تىگىشلىك ھىسيات ، ئارمان ، خۇشاللىقلارنىڭ بىر قىسمىنى قارشى تەرەپ يەنى ئەر ئايالدىن ، ئايال ئەردىن تاپىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۆزئارا كۆيىنىش ، ئۆز ئارا تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئېلىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدىكەن ، مەن ئۇنى < ئۇ مىنىڭ خوتۇنۇم > دەپلا ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى بۇ غايىپ كىچىنى بىللە ئۆتكۈزۈشنى توغرا كۆرمىدىم .
- شۇ تاپتا ئۇنىڭ سىزگە نىمە دىگەنلىكى ھەم ئۆيدىن چىقىپ كىتىش ئالدىدا نىمىشلار يۈز بەرگەنلىكىنى تولىمۇ بىلگۈم كىلىۋاتىدۇ .
- ئالدىرما ھازىر ئاڭلايسەن ، بۈگۈن مىنىڭ تويۇم ئەمەس بەلكى ئۆتمۈشۈمنى ئەسلىتىدىغان ، بۇرۇنقى شۇ خوتۇننىڭ قىلغان گەپلىرىنى ، قىلىقلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ قويىدىغان ئەنسىز بىر كۈن بولدى .
زەپەر ئامانگۈلنىڭ چىڭ تۇرىۋىلىشى بىلەن بۈگۈننىڭ توينىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ ئاخىرلىشىپ ئۆيگە كۆچۈرلۈپ كىلىپ ، بولغان ئىشلارنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بەردى ، نازىلەنىڭ دىگەن گەپلىرى ، زەپەرنىڭ ئۆزىنىڭ دىگەن گەپلىرى  ھەممىسى چالا قويماي سۆزلەندى ، ئامانگۈل بولسا قاتتىق قىزىقىش ۋە ئەجەپلىنىش ئىچىدە زەپەرنىڭ گەپلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى .

داۋامى بار ...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-11 12:38 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tamken + 100 ياخشى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

مۇھتاجىلىق بەك يامان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش