مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6886|ئىنكاس: 24

قارا ھىجران (ھىكايە) ئەكبەر ھىمىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87502
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 328
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2012-11-20
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 05:59:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارا ھىجران

(ھېكايە)
   ئىمتىھان¬ ـــــ ئۆگەنگەنلىرىنى بىر پارچە ئوتتەك يالقۇنلاپ تۇرىدىغان تاتلىق قىزلارنىڭ رەڭگىدەك قىزىل رەڭلىك دىپلۇمغا ئايلاندۇرۇشتىكى ۋاستە. مېنىڭ چۈشەنچەم شۇنداق ئىدى. مەنمۇ ئۇزاق يۈرۈشلەردە ھالسىرىغان ئاپتوبۇستەك لۆمۈلدەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋاقىتمنى ئاشۇنداق يالقۇنلۇق قىزنىڭ رەڭگىدەك دىپلۇمغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئالدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن ئورنۇمغا  كېلىپ ئادەمگە سوغاقلا تەسىر بېرىدىغان ياغاچ ئورۇندۇققا چۆكتۈم. شۇنىڭغىچە سىنىپ ئىچىدە تىككىدە تۇرۇشقان كومىسىيەلەرنىڭ، ماڭا ئوخشاش ساختا ئىدىيەلىرىنى ئوچاققا تۇترۇق بولۇش قىسمىتىدىن قۇتۇلۇپ، قەغەز زاۋۇتلىرىدا قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئىمتىھان قەغەزلىرىگە تۆكۈشكە ئالدىراۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئۆتكۈر ئەمما ئىپادىسىز كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان يېشىل نۇرلار روھىمنى تولۇق قىيناققا ئېلىپ ئۈلگۈردى. مەن ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھان بەرگۈچى سۈپىتى بىلەن مەيدانغا كىرگەنىدىم. مەن ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇشۇمغا كومىسىيە قەرز ئىگىسىگە قارىغاندەك ئەيىپكىرانە بىر ھالەتتە قاراپ قويۇپ، «ئالىدىغان نەرسەڭ مانا شۇ» دىگەندەك ئىمتىھان قەغىزىنى ئالدىمغا پالاققىدە تاشلىدى. ئەمما قەغەز يېنىك بولغاچقىمۇ خۇددى پەيدەك، خازاڭ پەسلىدىكى دەرەخ يوپۇرمىقىدەك ئالدىمدىكى يۈزلىرى تىلىنىپ كەتكەن ئۈستەل ئۈستىگە لەيلەپ چۈشتى. بىردىنلا ئالدىمدا جىممىدە تۇرغان بۇ قەغەزنىڭ ئۆتمۈشى ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم. بۈگۈن بىزدىن جاۋاب كۈتۈۋاتقان تالاي سۇئاللار بىلەن تولۇپ كەتكەن بۇ ئىتمىھان قەغىزى ئىلگىرى كىمنىڭدۇر نىجاسەتلىرىگە سۇۋالغان تازىلىق قەغىزى بولۇشىمۇ مۇمكىن، ياكى ئالدىنقى يىللىرى موشۇ كەملەردە ھازىرقىغا سېلىشتۇرغاندا بىرئاز كونىراپ قالغان ئىدىيەلىرىمنى تۆككەن قەغەز بولۇشىمۇ ئىھتىمالغا يېقىن ئىدى، ۋە ياكى ھەر مەۋسۇم ئاخىرلاشقاندا مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمى يىغىۋالغان كونسىپىكلىرىم بولۇشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى ھەر قېتىمقى تەتىلدە مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمىنىڭ پاكىز ئىدىيەم تۆكۈلگەن كونسىپىكلىرىمنى كىرەكسىز قەغەزلەر قاتارىدا جىڭلاپ سېتىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەنىدىم. شۇ چاغدا ئىلمىي بۆلۈمدىكى پۇلپەزلەرنىڭ پاكىز ئىدىيەمنى، ھالال ئەقىدەمنى سېتىۋەتكەندەك تۇيغۇدا بولۇپ، بىر قىسمىلا بولۇپ قالغانىدىم. ئىشقىلىپ، بۇمۇ ئىلگىرى موشۇنداق بىر قەغەز بولغىيدى يەنە ئاز كۈندىن كېيىن بۇ قەغەزلەر بولسا بوتقا قاچىسىغا تاشلىنىپ، كىيىنكى قېتىملىق يېپيېڭى قىياپىتى ۋە يېپيېڭى سەپىرىگە تەرەددۇتلىنىدۇ، مەن بولسام خۇددى كوچىدا مۇنداقلا ئۇچرىشىپ قالغان بىراۋلارنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك مېنى ھالسىراتقان مونۇ قەغەزنى پاكپاكىز ئۇنتۇپ كېتىشىم مۇمكىن.
-بىلىدىغانلىرىڭىزنى بىزدىنمۇ ئايىماسسىز ھە!- ئارقا تەرىپىمدىن چىققان بۇ يات تائىپىگە تەۋە ئاۋاز قۇلاقلىرىمنى غىدىقلاشتىن ئاۋۋال يۈرىكىمنى يىنىك چالغىتىپ ئۆتتى. توۋا، يۈرەك ئاتلىق بۇ ئەزا بۇنداق يېقىملىق، يىپەكتەك يۇمشاق ئاۋازغا قۇلاقتىنمۇ بەك سەزگۈر بولۇپ كېتەمدۇ ياكى مېنىڭ يۈرىكىم موشۇنداق باشباشتاقمۇ بىلمىدىم. ئاۋۋال قۇلاق ئاڭلاپ، ئاندىن كۆز كۆرۈپ ئاخىرىدا چېقىلغان چاقماقتەك بىر سىلكىنىشتىن كېيىن يۈرەك لەرزىگە كەلگەننى كۆرگەن. ئەمما مېنىڭ يۈرىكىم بۇ تەرتىپنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. قىزنىڭ مېنىڭدىن بىرەر جاۋابقا ئېرىشىش ئىستىكىدە بايىقىدەك يۇمشاق ۋە نازۇك ئاۋازىنى يەنە بىر رەت چىقارماققا تەرەددۇتلىنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ ئۈلگۈردۈم. قىزنىڭ تەن ئىچىدە ئاپىرىدە بولغان تاۋۇش پەقەت چىرايلىق لەۋلىرى ئارىسىدىن سىيرىلىپ چىقسىلا ئۇ مېنىڭ يۈرىكىمنى يەنە بىر قېتىم لەرزىگە سېلىشقا يېتىپ ئاشىدۇ. توۋا، مەن ئۆزۈمگە ئوخشىمايدىغان بۇ يات تائىپىدىن ئاپىرىدە بولغان ئاۋازغا چۈمۈلۈپ چوڭ بولدۇم، ئاشۇنداقراق بىر ئاۋازدىن پۈتكەن پەند-نەسىھەتلەر، ئەركىلىتىشلەر مېنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق دەملىرىمگە مەنىۋى ئوزۇق بولۇپ قۇيۇلدى. ئىشداشلىرىمنىڭ ئىچىدىمۇ موشۇنداقراق ئاۋازغا ئىگە بولغانلىرى ھەلەم بار. ئەمما بۇ قېتىم قۇرام تاشتەك ئېغىرلىقنىمۇ، قوغۇشۇندەك مۇستەھكەملىكنىمۇ چۇل-چۇل قىلىشقا ئۈلگۈرىدىغان تاۋۇشلار توپىنىڭ يۈرىكىمنى تاتلىق غىدىقلاپ ئۆتۈشى تۇنجى قېتىم ئىدى. مەن بۇ كۆمۈش قوڭغۇراقتەك زىل، يىپەكتەك يۇمشاق ۋە يېقىملىق ئاۋازنىڭ قانداق بىر تەندە ئاپىرىدە بولۇپ، قانداق بىر ئۇماق لەۋنىڭ چىرايلىق بىر ھالەتكە كېلىشى ئارقىلىق يۈرىكىمنى چالغىتىپ ئۆتكىنىنى كۆرۈش ۋەسۋەسىسىدە تەقەززالىق بىلەن ئارقىمغا قارىدىم. ئارقا تەرەپتىكى ئورۇندۇقتا-ماڭا يېقىنلا يەردە، يەر شارىدىكى ماڭا ئەڭ يېقىن بىر جايدا بۇغداي ئۆڭلۈك، بىر جۈپ چىرايلىق كۆزلىرىدىن قىزغىنلىق ۋە كۈلكە پارلاپ تۇرىدىغان، يۇلغۇن چېچىكىدەك قىزغۇچ چاچلىرى مۈرىلىرىنى يوشۇرغان، ئۈستىگە تەنھەرىكەت كىيىمى كىيىۋالغان بىر قىز شوخلۇق بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. شۇ دەقىقىدە قىزنىڭ كۆل سۈيىدەك تىنىق كۆزلىرىدە ئەكىس ئەتكەن بىر يارقىن نۇر يۈرىكىمنىلا ئەمەس ئۆزلۈكۈمنى چۇل-چۇل قىلىپ ئۈلگۈردى، قارىدىميۇ قىزنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان چوڭقۇر ھارارەتنى ھىس قىلىپ ئۈلگۈردۈم ۋە «چىرايلىق» دىگەن بۇ باھا سۆزى كۆرۈش سەزگۈم ئارقىلىق نىرىپلىرىمغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۈلگۈردى. قىز ماڭا ئەڭ يېقىن جايدا ئىدى، ئۇ كۆز ئالدىمدىلا بىر تال قىزىلگۈلدەك ئېچىلىپ تۇراتتى، مەن بۇ قىزىلگۈل توغرىلىق ھېچنەرسىنى بىلمەيتتىم، پەقەت ئۇنىڭ خۇشئاۋاز چىقىرالايدىغان بىر تال قىزىلگۈل ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتىم. تۇيۇقسىز بۇ قىز ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيدىغانلىقىم ئىسىمگە كەلدى. شۇندىلا بايىقى ھاياجانلىق ھىسياتلىرىم كەلكۈندەك باستۇرۇپ كەلگەن سوغاق تۇيغۇ ئىچىدە جان تەسلىم قىلدى. كۆزلىرىمدە ئەكىس ئەتكەن ئاجايىپ بىر بىچارىلىك قىزنىڭ كۆزلىرىدىن سويلاپ چىققان مەغرۇرلۇققا بەرداشلىق بىرەلمەي قالدى.
-شۇ تاپتا ئۆزۈمنىمۇ سىزدىن ئايىغۇم يوق،-دىگۈم كەلدى قىزغا. تەن ئىچىمدە ئاپىرىدە بولغان بۇ تاۋۇشلار توپى قىزنىڭ قۇلاق پەردىلىرىنى يىنىك تىترىتىپ ئۆتكەندە قىزنىڭ كۆزلىرى دەسلەپ يوغىنىدى، ئىۋەنسىز يۈزلىرىگە قىزىللىق تەپتى، ئاپئاق ئۈنچىدەك چىشلىرى بىلەن قىزىلگۈل بەرگىدەك لەۋلىرىنى يىنىك چىشلىدى ۋە يەر باقتى، شۇ ھامان سۆيگۈنىڭ قۇدرەت كامالى پارلاپ تۇرىدىغان لەۋلەر ئۈستىدە ئۈنچىدەك ئاپئاق چىشلارنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەن پاتقان ئىزلىرى قالدى، ھاياغا تويۇنغان قىزنىڭ يەر بېقىشى بەئەينى قوياشنىڭ پارلاق نۇرىغا چۈمۈلگەن گۈلزارلىقتىكى بىر يىگانە قىزىلگۈلنى ئەسكە سالاتتى. ئەمەلىيەتتە مەن زۇۋاندىن قالغانىدىم. بۇ مېنىڭ مەنىۋى دۇنيارىمدىكى ئۇ بىلەن ئۆزۈم ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگ ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئۆزۈم بىلەن ئۇنى دىئالوگلاشتۇرىۋاتاتتىم.
بېشىمنى كۆتۈردۈم. باشقىلار ھە دەپ ئۆزلىرىنىڭ ساختا ئىدىيەلىرىنى ئالدىدىكى سۈترەڭ قەغەزگە تۆكمەكتە ئىدى. ماڭا يانداش ئورۇندا ئولتۇرغان بىر ئايال يوپكىسىنى قايرىپ قويۇپ ئاپئاق يوتىسىغا چاپلانغان چورنىۋايدىن ھە دەپ جاۋاب تىلەۋاتاتتى، ساختا ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنىڭ ساختا قاراشلىرىنى تونۇغۇسىز بىر نىمىگە ئايلاندۇرۇپ قەغەزگە تۆكمەكتە ئىدى. تۇرۇپلا بۇ ئايال كۆزۈمگە بەكمۇ بىچارە كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇ جان بېقىش ۋەسۋەسىسىدە يوتىسىنى ئېچىپ سازايى قىلىشقا رازى بولغانىدى، تۇرۇپلا يەنە بۇ ئايال كۆزلىرىمگە تولىمۇ ھىيلىگەر ۋە قۇۋ بولۇپ كۆرۈندى، چۈنكى جاپا تارتمايراق ياشاش ئۈچۈن ئايال يوتىسىدىنمۇ پايدىلىنىشنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدى. تالاي ئەرلەرنىڭ ھەلقۇمىغا سېرىق سۇ يۈگۈرتۈشكە قادىر بۇ يۇتا ئەمدى بولغاندا بەكمۇ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى. شۇنداق، ياشاش ھەركىمنى ھەر كويغا سالاتتى. بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدىن پايدىلىنىپ پاكىز ۋە ھالال ياشايتتى. يەنە بەزىلەر يوتىسىدىن، غورۇرىدىن، ئىمانىدىن ئومۇمەن پايدىلىنىشقا تىگىشلىك نەرسىلىرىدىن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرماي پايدىلىنىپ خار ۋە زەبۇن بولۇپ ياشايتتى... ئايال ھېچنەرسىدىن خەۋەرسىز ھالدا يوپكىسىنى يەنىمۇ ئۈستىگىرەك قايرىۋېتىپ يوتىسىدىن پايدىلىنىپ  ساختا ئىلىم دىۋانىگەرچىلىكىنى داۋام ئىتىۋاتاتتى. ئايالنىڭ تۇرقىدىن ئۆز ئىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرۈشىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىق ئالامەتلىرىنى غىل-پال ھىس قىلغىلى بولاتتى. مەن «ئايال ئەمدى يوپكىسىنى تارتقۇشلاپ يۈرمىگىدى» دەپ تەشۋىشكە چۈشۈپ قالدىم. شۇ چاغدا كومىسىيە ئەزەلدىن كۈلكە يۈگۈرۈپ باقمىغاچقىمۇ زىمىستان قىشنىڭ ئىرىمەس توڭلىرى قېتىپ قالغان كۆزلىرى بىلەن ماڭا سەت ئالىيىپ ئۈلگۈردى. نىمىشقىكىن بۇ ئەر ئاۋۇ چىرايلىق يۇتىلارنى مېنىڭدىن قىزغىنىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن ئۇياتلىق ئىش قىلىپ قويغاندەك دەرھال يەرگە قارىدىم.
-يازالىدىڭىزمۇ؟-ئارقا تەرىپىمدىن يەنە شۇ تونۇش ئاۋاز يۈرىكىمنى تىترىتىپ ئۆتتى. مەن شۇندىلا تونۇمايدىغان ئەمما كۆمۈش قوڭغۇراقتەك زىل، ئىپەكتەك يۇمشاق ئاۋازدا سۆزلىيەلەيدىغان قىزىلگۈلنىڭ ئارقا تەرىپىمدىلا مېنى پات-پات ھاياجانغا چۈمدۈرۈپ تاتلىق تاۋۇشلۇق سۈيلەشلىرىگە ھېچبىر جاۋاب بەرمىگەنلىكىمنى ئېسىمگە ئالدىم.  قىزىلگۈل بەكمۇ رايىش ۋە يېقىملىق ئاۋازى بىلەن مېنى جاۋابقا قىستايتتى. ئۇ چىقارغان تاۋۇشلار توپى يا ئوقىغا ئايلىنىپ بارلىقىمنى ئۆتمۈتۈشۈك قىلماقتا ئىدى. مەن بارغانسېرى ھالسىزلىنىۋاتاتتىم.
-سىزنىلا يازغۇم بار ئىدى
-ئادەمنى قانداق يازغىلى بولىدۇ؟
-كىم دەيدۇ يازغىلى بولمايدۇ دەپ، سىزنىڭ قىزىلگۈلگە ئوخشايدىغان تەرىپىڭىزنى يازسىلا بىر ئېسىل ئەسەر پۈتۈپ چىقىدۇ.
-سىز يازغۇچىمۇ؟
«مەن يازغۇچىمۇ؟» ھىم، ئۇيغۇر تىلى دەرسىدە مۇئەللىمنى رازى قىلغۇدەك بىرەر جاۋاب بىرەلمەي ئوقۇشۇم پۈتكىلىۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئانا تىل يېزىقىنىمۇ تۈزۈك ئۇقمايدىغان مەن قانداقسىگە مونۇ قىزىلگۈلگە ئوخشايدىغان قىزغا يازغۇچىدەك تەسىر بېرىپ قالغاندىمەن. مانا ئەمدى قالپاق يوغىنىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن قۇراقلار بىلەن تازا يوغان قىلىپ تىكىلگەن ئاشۇ قالپاقنىڭ سايىسىدە ياشىماق ئۈچۈن، ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىشنىڭ ساختا ئەقىدە تۆكىدىغان مونۇ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
-ھەي بالا، كىمنى كۆزگە ئىلمايسىز، ياكى گاچىمۇ سىز؟-بايىدىن بىرىقى سىلىق سۈيلەش مانا ئەمدى دەرغەزەپكە ئۆرۈلگەن ئىدى. تاتلىق ھاياجانغا چۈمگەن، باھارنىڭ ئىللىق تەپتىدەك بىر قۇچاقتا ئەللەيلەنگەن روھىم مانا ئەمدى جۇت-شىۋىرغاندىن توڭلىماقتا ئىدى. ئوچۇق ئاسماندا چېقىن چاققاندەك بىر دەھشەتتىن تەن-ئەزايىم جالاق-جالاق تىترىمەكتە ئىدى. مەن زور غەيرەتكە كېلىپ ئارقىمغا ئۆرۈلدۈم. قىزنىڭ ھىسسىياتسىز تىنىق كۆزلىرى مېنى چۆكتۈرۈپ تۇنجۇقتىرىۋىتىدىغاندەك قۇدرەت بىلەن مىختەك قادالغانىدى. ئەمدى گەپ قىلىشىم كېرەك ئىدى.
-سىزنى كۆزگە ئىلمىغىنىم ئەمەس، سىز مېنى گاچا قىلىپ قويدىڭىز؟
كىچىككىنە يەلكەمنى بېسىپ تۇرغان بىر تاغنى ئىرغىتىپ تاشلىۋەتتىم. روھى ئازادىلىكتىن تېنىم يايراپ، خېلى يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدۇم. شۇ گەپنى دەپ بولۇپلا ئۆرۈلۈپ ئالدىمغا قارىۋالدىم. كومىسىيەنىڭ كۈلكە يۈگۈرۈپ باقمىغاندەك پۈرۈشۈپ كەتكەن يۈزىگە دۇچ كەلگۈم يوق ئىدى. ھىلىمۇ ئارقا تەرىپىمدە ماڭا ئەڭ يېقىن ئەمما ئەڭ يىراق روھى ھالەتتە ئولتۇرغان ئاۋۇ قىزنىڭ يىنىك غەزىپى بىلەن قاتتىق سوغاقتا سىرتتا قالغان مۇساپىردەك تىترەپ تۇرمامدىمەن. يان تەرىپىمدە يوتىسىغا چاپلانغان چورنىۋايدىن ساختىلاشقان بىلىمنى تىلەۋاتقان ئايال ئىشىنى تۈگەتكەن بولسا كېرەك، خىرامان بىر ھالەتتە ئولتۇراتتى. ئۇنىڭغا يانداش ئورۇندا ئولتۇرغان چوقۇر يۈز ئەر قولىغا پۈرلىۋالغان چورنىۋاي بىلەن كومىسىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەڭقىسلىقتا قالغاندەك بىر قىلىقلارنى قىلاتتى. مەن بىر قاراپلا چوقۇر يۈزنىڭ قولىدىكى چورنىۋاينىڭ ئاۋۇ ئايالنىڭ يوتىسىغا ئايلىنالمىغان ئەمما ھېلىلا ئاشۇ چىرايلىق يوتىلاردىن سويۇپ ئېلىنغانلىقىنى پەملىۋالدىم. چوقۇر يۈز كىشى چورنىۋاي قەغەز چىرايلىق يوتىلاردىن سويۇپ ئېلىنغىنى ئۈچۈن ئاجايىپ ئىخلاس ۋە ھەۋەس بىلەن قاراپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. بۇ بىمەنە خىيالىمدىن يىنىكلا كۈلۈپ تاشلىدىم ۋە شۇ ھامان مەنمۇ ئارقىمدىكى مونۇ سۆزلىيەلەيدىغان قىزىلگۈل بىلەن ئاشۇنداق يانمۇيان ئولتۇرغان بولسامچۇ دەپ ئارزۇ قىلىپ قالدىم. ئۇنداق بولغاندا مەن ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشىنى، تاتلىق دومسىيىشلىرىنى قانغۇچە تاماشا قىلىۋالغان، يۈرىكىمگە مەڭگۈلۈك قىلىپ ئويۇۋالغان بولاتتىم. ئىمتىھاننىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ جىددىيلىشىپ قالدىم. ئىمتىھان ئاخىرلاشسىلا بۇ يەردە ھېچكىم قالمايتتى. كەينىمدە ئولتۇرغان بۇ قىزمۇ خۇددى مەن تونۇمايدىغان ھەم تونۇشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ۋە تونۇشۇمنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ بولمىغان نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش يوقلۇق ئىچىگە ئۈن-تىنسىز سىڭىپ كېتەتتى. مەن بۇ قىزغا قىيالمايدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. بۇ ئاشىقلىق ئىدى. مەنچە ئاشىقلىق موشۇنداق بولاتتى. ئوقۇش پۈتۈشكە ئاز قالغان موشۇ دەملەردە مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن ساۋاقداشلىرىم ئايرىلىشنىڭ ئاچچىق ئازابىغا چىدىماي قېلىۋاتاتتى. مەن ئوچۇق ئاسماندا چاققان چېقىندەك كۆڭۈل ئاسمىنىمدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بىر كارامەت بىلەن ئارقىمدىكى قىزغا كۆرۈنمەس يىپ بىلەن باغلىنىپ قېلىۋاتاتتىم...
ئىمتىھان مەيدانى بىر مەيدان بۇلاڭ-تالاڭدىن كېيىنكى ئەسكى خارابىلىكتەك يالىڭاچلىنىپ قالغانىدى. مەن تۇيۇقسىز ئىسىگە كەلگەن ئادەمدەك ئارقىمغا ئۆرۈلۈپ قارىدىم. قىزنىڭ ئۆزىدەك چىرايلىق خەتلىرى بىلەن پەرۋىش تاپقان گۈلزارلىققا ئوخشاپ قالغان ئىمتىھان قەغىزى ئۈستەل ئۈستىدە قىزدەكلا كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. كومىسىيە ئىپادىسىز كۆزلىرى بىلەن ماڭا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ، قولۇمدىن ئىمتىھان قەغىزىنى يۇلۇپ ئالدى. ئەمدى بۇ يەردىن چىقىپ كىتىشىم كېرەك ئىدى. بايىدىن بىرى بىرەر ئېغىز پاراڭلىشىپ باقمىغان بولساقمۇ ئۆزىچە ئۆچ بولۇپ قالغان كومىسىيەگە يوغان بىرنى ئالىيىپ قويۇپ، ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە بىرەر ئېغىز پاراڭلىشىپ باقمىغان بولساممۇ ياخشى كۆرۈپ قالغان قىزنى تېپىۋېلىش ئۈچۈن سىنىپتىن ئۇچقاندەك چىقتىم. پەلەمپەينىڭ ئىككى باسقۇچىنى بىر ئاتلاپ دىگۈدەك ھايالشىمايلا پەسكە چۈشتۈم. دەرۋازا تېخى ئېچىلمىغان ئىدى. ھەر خىل سىياقتىكى، ھەر خىل ياشتىكى كىشىلەر ئىككى-ئۈچتىن جۇغمەك بولۇپ بىر نىمىلەرنى دىيىشىۋاتاتتى. قۇلىقىمغا قاينىغان قازاننىڭ ۋاراقشىغىنىدەك يېقىمسىز ئاۋازلار تىقىلاتتى. مەن ئالدى-ئارقىمغا بويۇنداپ قارىدىم، قىزىلگۈلگە ئوخشايدىغان قىز كۆرۈش دائىرەم ئىچىگە كىرگىلى ئۇنىمايتتى. دەرۋازا ئېچىلغان ھامان قىزنى مېنىڭدىن قىزغىنىۋاتقان بۇ ئالامان مۇنۇ شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا ئېقىپ كېتەتتى، قىزمۇ خۇددى ئۇلۇغ ئېقىننىڭ بىر تامچىسىدەك ئۆزۈمگە تەۋە بوشلۇقتىن چىقىپ كېتەتتى. قىزنى تاپسام نىمە دەيدىغانلىقىم، نىمە قىلىدىغانلىقىم ھەققىدە ئېنىق نىشانىم بولمىسىمۇ، ئۆلۈم ئالدىدا جان تالاشقاندەك دەرۋازا ئېچىلىشتىن بۇرۇن قىزنى تېپىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولساممۇ قىز خۇددى ئىمتىھان مەيدانىدىن چىقىپلا پارغا ئايلىنىپ كەتكەندەك يوقالغانىدى.
مەن زور ئۈمىدسىزلىك بىلەن ۋەزنى ئېغىر سېغىنىشنى قانلار ۋىشىلداپ ئېقىۋاتقان تومۇرلىرىمغا سىغدۇرغىنىمچە دەرۋازىدىن چىقتىم.
    ئۇ قىزنى ئۇنتىيالمىدىم. ئۇ ئاشۇ كۈنى پارغا ئايلىنىپ كەتتىمۇ ياكى شەھەرنىڭ قايسىدۇر بىر كوچىسىغا باھاردەك قەدىمى بىلەن سىڭىپ كەتتىمۇ ئۇنى بىلەلمىدىم. موشۇ كۈنلەردە خىيالىملا مېنىڭ ئەڭ ياخشى ئەرمىكىم ئىدى. قىزنىڭ دېڭىزدەك دولقۇنلىنىپ تۇرىدىغان قىزغۇچ چاچلىرى يۈرىكىمدە سىرلىق ۋە تاتلىق تۇيغۇلارنى پەيدا قىلاتتى. كۆزلىرىدىكى پارلاق نۇر ئۈمىدسىزلىك ئاياغ-ئاستى قىلغان روھىمغا خىرە يورۇقلۇق ۋە ئۈمىد بەخش ئېتەتتى. قىزنىڭ ئاپئاق يۈزلىرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان پاكلىق ماڭا تەگسىز گۈزەللىك بولۇپ تۇيۇلاتتى. ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويدۇم. مەن ھەتتا ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان بىر قىزغا بۇ دەرىجىدە چوڭقۇر مېھىر بىلەن باغلىنىپ قالىدىغانلىقىمنى خىيالىمغا كىرگۈزۈپمۇ باقمىغان ئىدىم. ئۆز بېشىمغا بۇ سەۋدا كەلگەندە ئۆزۈمنى خۇددى ھېچبىر قوغدىنىش تەدبىرى قوللانمىغان شەھەرنىڭ پۇقراسىدەك سەزمەكتە ئىدىم. قىزىلگۈلگە ئوخشايدىغان قىز قاشاسىز، ئەسكىرى يوق بۇ مەملىكەتكە بەخىرامان ھالدا كىرىپ كېلىپ، بولۇشىغا تالان-تاراج قىلىپ غايىپ بولغانىدى. بۇ مەملىكەتتە ئەسكەر تۇرغۇزۇشنىڭ ھېچبىر زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. چۈنكى بۇ مەملىكەت ئەسلى-ۋەسلى بىلەن تولۇق ئەل بولغانىدى.
ئاھ مۇھەببەت...
  مۇئەللىملەر ئۆزلىرىنىڭ شەكىلسىز ئىدىيەلىرىگە ماركىسىزىم، لېنىنىزىم دىگەندەك قالپاقلارنى كىيگۈزۈپ دەرسخانىغا تۆكمە قىلاتتى. قۇرۇق ناننىڭ گالدىن ئۆتمىكى تەسكە توختىغاندەك قۇلاققا تولا قۇيۇلىۋېرىپ ئۆزىنىڭ قىزىقىنى يوقاتقان بىلىملەر قىزىقىشلىرىمىزنى ئاسانلا كاردىن چىقىراتتى. مۇئەللىملەر سۆزلەۋاتقان دەرسلەر، تاپشۇرۇقلار، ھەپتە ئاخىرىدا بولىدىغان كۆڭۈل ئېچىشلارنىڭ ھەممىسى تولىمۇ بىمەنە، ھاياتنىڭ ئۆزى ئەھمىيەتسىز ئەقىدە-ئىدىيەلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقاندەك غەلىتە بىر ھىسسىياتتا بولۇپ قالدىم. بەش يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ ھېچنەرسىگە ئىرىشەلمىگەندەك ئۆزۈمنى چەكسىز يوقۇتۇش ھالىتىدە ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. پەقەت قىزنىڭ جانغا راھەت خۇشئاۋازى ۋە كۆزگە سىڭىشلىق خۇشپىچىم ھالىتىنى ئەسلەشلا كۈنلىرىمگە مەنا قوشاتتى.
  گوگۇمغا ئامراقمەن. كۈننىڭ ئاستا-ئاستا پېتىۋاتقانلىقىنى تاماشا قىلىش مېنىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى يەنە بىر تۈرلۈك ئەرمىكىم. شوڭا ھەر كۈنى گۇگۇم بىلەن ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ بەشىنچى قەۋىتىدىكى سىنىپقا چىقىپ بولاتتىم ۋە سۈرتۈپ پارقىرىتىۋېتلگەن كارىدۇرنىڭ دەرزىسىدىن يىراقتىكى تاغلار ئارىسىغا چۆكۈپ كېتىۋاتقان كۈننىڭ تارتىملىق ھالىتىنى تاماشا قىلاتتىم.
كارىدۇر مېنى يۈتۈپ كېتىدىغاندەك جىمجىت ئىدى. مەن كارىدۇرنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كېتەتتىم. پەقەت تىنىقىملا كارىدۇر تېمىغا قويۇلغان خىش-كېسەكتىن پەرق قىلاتتى. مەن ئۇزۇن كارىدۇردا بىردىنبىر مەۋجۇتلۇق ھالىتىدە قوياشنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى نازاكىتىگە مەپتۇن بولاتتىم. شۇ دەقىقىدە دەسلەپ كارىدۇرنىڭ جىمجىتلىقىنى بىر نەچچە جۈپ توپلەينىڭ تەكشى ئەمما سالماق ئاۋازى بۇزدى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا تەڭلا كۆتۈرۈلگەن شوخ كۈلكە ئاۋازى جىمجىت كارىدۇرنى بېشىغا كىيدى. ئەمما ئارىلاش كۈلكە ساداسى ئىچىدىن خۇددى «چىمەنلەرنىڭ ئىچىدە نازۇك چىمەن بار» دىگەندەك بىر تارتىملىق، تونۇش ئاۋازنى يۈرىكىم تونۇغاندەك قىلدى. دىگەندەك كارىدۇرنىڭ پەلەمپەيگە تۇتاش ئۇ تەرىپىدىن ئۈچ قىز شوخلۇق بىلەن كېلىۋاتاتتى. مەن سەزگۈمنى يىغىپ ئۇ تەرەپكە قارىدىم. خاتا كۆرمىگەن ئىدىم. قانداق تۇيۇقسىز ئۇچرىغان بولسا يەنە شۇنداق ئۇشتۇمتۇت يوقالغان قىزىلگۈلگە ئوخشايدىغان قىز يەنە شۇنداق تاساددىپىي ھالەتتە كۆز ئالدىمدا پەيدا بولغانىدى.  قىز زىلۋا بويىغا قارا شىم بىلەن چىرايلىق بەدىنىگە چىپپىدە كەلگەن كالتە يەڭ مايكىنى پار كەلتۈرۈپ كىيىۋالغانىدى، بېشىدىن بىرلا بوغۇپ قويۇپ بەرگەن قىزغۇچ چېچى بېلىدە بىر تۇتام بولۇپ چېچىلىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ كۈلكىسى شۇ قەدەر ياڭراق ۋە شۇ قەدەر مەغرۇر ئىدىكى يۈرىكىم موشۇ مەغرۇرلۇق ئالدىدا مەڭگۈ قۇللۇق بىلدۈرۈپ تۇراتتى. ئۇ قىزنىڭ كۆزلىرى ئوخشاشلا ئاشۇ كۈندىكىدەك تولىمۇ سىرلىق چايقىلاتتى. قىز ماڭا قاراپ تاتلىق كۈلۈمسىرەش ھەدىيە قىلىپ دوستلىرى بىلەن كىتىپ قالدى. كىتىپ قالدىلا ئەمەس مېنى ئاشۇ كۈلۈمسىرەشلىرى ئارىسىغا مەھكەم باغلاپ ئېلىپ كەتتى. مەن ئاشۇ كۈلۈمسىرەشنىڭ ئاشۇ نازلىق بېقىشنىڭ ئەبەدىيلىك قۇربانى بولۇپ، روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك تۇرۇپلا قالدىم. مەزمۇت ئەمما رىتىملىق چىقىۋاتقان ئاياغ تىۋىشى بىلەن ھايال ئۆتمەي ئېسىمگە كەلدىم. قىز ئاشۇ مەغرۇر مېڭىشى ۋە مەغرۇر كۈلكىسى بىلەن قوشنا سىنىپقا كىرىپ كەتتى. مەن ھىلىغىچە يۈرىكىمنى قۇرتتەك غاجاۋاتقان يوقۇتۇشنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەسلىكىنى ھىس قىلغاندەك، غۇۋا بىر ئۈمىدتىن شادلاندىم. ئەمما قىزنى توسۇپ گەپ قىلغۇدەك  جۈرئەت مېنىڭدە يوق ئىدى. پەقەت بىر خىل خاتىرجەملىك تاتلىق خىياللىرىمنى ئەۋجىگە چىقىراتتى. چۈنكى، ئۇ ماڭا ئەڭ يېقىن جايدىكى سىنىپتا ئوقۇيتتى!
موشۇ كۈنلەردە شەنبە، يەكشەنبىلەر سېغىنىشلىرىمنى ئەۋجىگە چىقىراتتى. نەچچە نۆۋەت سىنىپقا، قىزنىڭ تاتلىق كۈلكىسى ياڭراپ تۇرغان كارىدۇرغا چىقاتتىم. خۇددى قىزنىڭ كۆمۈش قوڭغۇراقتەك نازۇك، ئىپەكتەك يۇمشاق ئاۋازى، تاتلىق-تاتلىق كۈلكىلىرى قايسىدۇر بىر تام تورۇستىن سويۇلۇپ چۈشىدىغاندەك، ياكى قىزغا تەئەللۇق بىرەر ئۇچۇرنى ئىگىلىمەكچى بولغاندەك قىزنىڭ سىنىپى ئەتراپىدا ئايلىناتتىم. سىنىپ مەھكەم تاقالغان، كارىدۇر جىمجىت ئىدى. قىزنىڭ كۈلكىسى بىلەن جانلىنىدىغان كارىدۇر ماڭا ئوخشاش سېغىنىش ئىچىدە قالغانىدى. مەن قىزنىڭ كۈلكىسى بىلەن مەغرۇر ئاياغ تىۋىشىنى سېغىنغان كارىدۇرغا ئوخشاش سۈكۈتكە چۈمەتتىم. سېغىنىش قاغجىراق قەلبىمگە مىنۇتسېرى ئىكەك سالاتتى، تاتلىق تىلاتتى. كۆزلىرىم يۇمۇلغان ھامان قىزنىڭ چىرايلىق كۆزلىرى، قىزغىنلىق چىقىپ تۇرىدىغان ئۆڭى خىيال ئامبىرىمنىڭ يىگانە بايلىقىغا ئايلىناتتى. قىزغا بولغان ئىشتىياق قەلب ئېتىزىمدا توختاۋسىز ئاينىپ، خىياللىرىمغا تاتلىق ئازابلارنى ھەدىيە قىلاتتى. دۇرۇس، قىزنىڭ لەۋلىرى بەكمۇ چىرايلىق ئىدى. گۈل بەرگىدىن رەڭ تالاشقان لەۋلەر ئارىسىدىن ئاپئاق چىشلار خۇددى شەپەق نۇرىغا چۈمۈلگەن قىزغۇچ بۇلۇتلارنى يېرىپ چىققان ئالتۇن قوياشنىڭ ئۇز جامالىنى كۆرسىتىشلىرىدەك مارىلايتتى. قىزنىڭ كۈلكىسىگە ئەگىشىپ نازۇك بارماقلار ئاشۇ گۈل بەرگىگە تەڭلەشتۈرگۈسىز چىرايلىق لەۋلىرى بىلەن ئاپئاق چىشلىرىنى توسۇپ ئۈلگۈرەتتى...قىزنىڭ ھەربىر ئىنچىكە ھەرىكەتلىرى خىيال گۈلزارلىقىمغا تۆكمە بولاتتى. تۆكمە بولغانسېرى تەن ئەزايىم تاتلىق ئازابتىن لەرزىگە كېلەتتى.
جۇدالىقنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر ۋە ئازابلىق بولىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھىس قىلىۋاتاتتىم.
  بۈگۈن ئەتىگەندىلا سىنىپقا چىقتىم. سىنىپقا كىرىپلا دەرىزىلەرنى ئۇلۇغ ئېچىۋەتتىم. سىنتەبىر ئېيىنىڭ سالقىن ھاۋاسى ئۇلۇغ ئېچىۋىتىلگەن دەرىزىلەردىن بىمالال كىرىپ، سىنىپنى يېقىشلىق بىر ھالەتكە كىرگۈزدى. كارىدۇردىكى دۈپۈرلىگەن ئاياغ تىۋىشلىرى، كۈلكە-پاراڭ سادالىرى مىنۇتسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنغۇچە بولغان ئارىلىقتا بۇ خىل ھالەتنىڭ داۋام ئىتىدىغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى. موشۇ دەقىقىدىن باشلاپ بارلىق سەزگۈ ئەزالىرىم قۇلاققا ئايلىناتتى. پۈتۈن دىققىتىمنى يىغىپ، كارىدۇردا پەيدا بولغان كۈلكە ئاۋازلىرىدىن كۆمۈش قوڭغۇراكتەك نازۇك، ئىپەكتەك يۇمشاق، جانغا راھەت ئاۋازنى ئاڭلىماق بولاتتىم. سەزگۈلىرىم قېلىن ئەلگەكتەك بارلىق تىۋىش-تاۋۇشلارنى تاسقايتتى، قىزغىلا خاس ئاۋاز خۇددى چىمەنلەرنىڭ ئىچىدە ئېچىلغان نازۇك چىمەندەك سەزگۈ ئەلگىكىم ئارقىلىق قۇلاق پەردىلىرىمنى تىترىتىپ، سېغىنىشلىرىمغا مەلھەم بولاتتى. دەرسكە كىرىشكە نەچچە مىنۇتلا قالدى. ئەمما نىمىشقىدۇر قىزنىڭ چىمەنلەر ئىچىدىكى نازۇك چىمەندەك ئەۋرشىم ئاۋازى قۇلاقلىرىمغا خۇشخەۋەر بەرمىدى. «ئەجىبا بۈگۈن مەكتەپكە كەلمىگەنمىدۇ، ئۆيىدە بىرەر ئىش بولۇپ قالغان بولسا روخسەت سورىغانمىكىن، ئەستا...»
-ھا  ھا  ھا...
دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنايلا دەپ قالغان شۇ دەقىقىدە بۇ خۇشئاۋاز ئاجايىپ سىھرى بىلەن يۈرىكىمگە بىر تاتلىق ھاياجان ۋە جىدىيچىلىكنى، بېسىپ بولماس سېغىنىش ۋە ئىنتىزارلىقنى ھەدىيە قىلىپ ئۈلگۈردى. بۇ ئاۋاز شۇنچىلىك سۈلكەتلىك ۋە شۇنچىلىك راھەتلىك ئىدىكى، مەن بۇ ئاۋازنى مەڭگۈ ئاڭلاشقا ۋە مەڭگۈ موشۇ ئاۋازنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشقا رازى ئىدىم. يۈرىكىم شىددەت بىلەن سوقۇشقا باشلىدى. يۈزلىرىم بىلىنەرلىك قىزىغان، نەپسىم قىيىنلىشىشقا باشلىدى. قىزنىڭ تاتلىق كۈلكىسى بارا-بارا يېقىنلاۋاتاتتى. ئۆزۈممۇ سەزمەستىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ تولۇق ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكتىن ماڭا ئوخشاشلا ۋىسال دەملىرىگە تەشنا بولغان كارىدۇرغا قارىدىم. شۇ دەقىقىدە قىزنىڭ تال چىۋىقتەك ئەۋرىشىم، باھار پەسىلىدىكى يۇمران نوتىدەك ھاياتى كۈچكە تولغان تۇرقى كۆز ئوڭۇمدا زاھىر بولدى. قىز دوستلىرى بىلەن بىللە ئىدى. ئاھ ئاشۇ قىسقىغىنە دەقىقىدە قىزنىڭ ئوت-ئاتەش ئېتىلىدىغان كۆزلىرى بىلەن مېنىڭ قاپقانغا چۈشكەن ئوۋلۇق مالنىڭ كۆزىدەك بىچارە كۆزلىرىم ئۇچراشتى. قىز شۇ قارىشىدا ئاجايىپ قۇدرەتلىك بىر ئوقنى ئۇدۇللا يۈرىكىم تامان نىشانلاپ ئاتقانىدى. قىزنىڭ چاچلىرى يەنىلا ئۇزۇن قويىۋىتىلگەنىدى، بويىغا خۇيمۇ ماس كەلگەن كىيىنىشلىرى قىزنى لالىزارلار ئارىسىدا ئەركىن ئۇچۇپ يۈرگەن رەڭدار كىپىنەككە ئوخشىتىپ قويغانىدى. بۇ كىپىنەك شۇنچىلىك شوخ ۋە ئەركىن ئىدىكى، ئۇنىڭدا نە بىر ھودۇقۇش نە بىر تەشۋىش يوق ئىدى. مەن نىمىدىندۇر خاتىرجەم بولغاندەك بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىندىم. قوللىرىم بىلەن يۈزلىرىنى سىيپىدىم. مەن شۇ ھەرىكىتىم بىلەن زىھنىمنى يىغماقچى ئىدىم. دىگەندەك چاچلىرى قارلىق چوققىنى ئەسلىتىدىغان، يۈزىنىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك توسۇپ تۇرىدىغان كۆزئەينەك تاقىغان مۇئەللىمىمىز يەنە بىر تالاي نەزەرىيەنى كۆتۈرۈپ سىنىپقا كىرىپ كەلدى.   
  بۈگۈن كۆزلىرىمىز تولۇق ئۈچ قېتىم ئۇچراشتى.  ھەر بىر قېتىم قىزنىڭ كۆزلىرىگە دۇچ كەلگىنىمدە مەۋجۇتلۇقۇم بىر قېتىم چۇل-چۇل بولاتتى. مەن تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن روھىمنى يىغىش ئۈچۈن خېلى تىركىشەتتىم. كەچلىك مۇزاكىرىدىن يېنىپ نىمىشقىدۇر ياتاققا قايتقۇم كەلمىدى. ئۆزىدەكلا ئېغىر ئىدىيەلەرگە تولغان ماتېرىياللىرىمنى ئېلىپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدىكى گۈللۈككە كەلدىم ۋە گۈللۈك ئارىسىدىكى يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقنىڭ بىرىگە ئولتۇردى. گۈللۈكلەر ئارىسىدىكى سىتولبىلارغا قوندۇرۇلغان ئاجىز ئىلىكتىر چىراغلىرىدىن تارقىغان نۇر پۈتۈن گۈللۈكنى گىرىمسەن يورۇتۇپ تۇراتتى. مىس تاۋاقتەك يالتىراپ تۇرغان ئاي قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان نىپىز بۇلۇتلارنىڭ كۆكسىنى يېرىپ ئۆز جامالىنى نامايان قىلىشنى ئىزدەيتتى.
ئون بەش كۈنلۈك تولۇنئاي كۆكتە مەغرۇر ئۈزمەكتە. نىپىز بۇلۇتلار ئارىسىدىن شوڭغۇپ چىققان ئاي نىمىشقىن بەكمۇ مەغرۇر كۆرۈنەتتى، ئۇنىڭ مەغرۇرلۇقى ھېمىشە دوستلىرى بىلەن قولتۇقلىشىپ يۈرىدىغان قىزنىڭ مەغرۇرلىقىغا ئوخشايتتى. قىز بەكمۇ مەغرۇر ئىدى. ئۇ دوستلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ خۇددى بۈگۈن كىچىدىكى ئاشۇ تولۇنئايدەك كارىدۇردا مەغرۇر ئۈزەتتى...
  كۆمۈش تەخسىگە ئوخشاپ قالغان ئون بەش كۈنلۈك تولۇنئاي يېقىملىق ئەمما مەغرۇر بىر ھالەتتە بوشلۇققا ئېسىلىپ تۇراتتى. ئالتۇن تەڭگىلەردەك يالتىراپ تۇرغان يۇلتۇزلار مەغرۇر تولۇنئاينىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە ئىدى.          قىزنىڭ ئىسمى ئايبۈۋى ئىدى. ئۆزى ئايدەك قىزغا پەقەت موشۇ ئىسىملا چۈشەتتى.
ئاي بۈۋى ئايدەك بۈۋى
-ئۇنداق قىلمىغىن، مېنى يىغلاتساڭ تارتىپ قالىسەن؟
-ۋاي ئۇلۇغ ماشايىقىم، سېنىڭ قارغىشىڭ ماڭا نېمىتى، ئىشىڭنى قىلە بى!
بايىدىن بېرى قۇچاق يەتكۈسىز دەرەخنىڭ دالدىسىدا كۇسۇرلىشىۋاتقان بىر جۈپ ياشنىڭ ئاۋازى بەكمۇ تاتلىق خىيال قۇشلىرىمنى ھۈركۈتۈپ ئۈلگۈردى. ئاھ موشۇنداق ئايدىڭدا يارى بىلەن تىللىشىشمۇ، قىيدىشىشمۇ نەقەدەر گۈزەل ھە! ئۇلار رەسمىي ۋارقىرىشىشقا ئۆتتى:
-خاپا بولمىغىن، مەندىن ئۆتكەن بولسا تۈزىتەي، ئەمما ئايرىلىپ كېتىمىز دىگەن گەپنى قىلغۇچى بولما، بۇلامدۇ جېنىم؟
-مەن زىرىكتىم بىلەمسەن، سېنىڭدىن بەزدىم!
-نېمىشقا؟ نەرىم يارىمىدى ساڭا، سەن ئوغۇلبالىغۇ، قېنى ئېيتە!
-ئىشقىلىپ ئەمدى بۇنداق سۆرىشىپ يۈرگۈم يوق!
-ئالەمچە ۋەدىلەرنى بېرىپ پاكلىقىمنى بۇلغۇدۇڭ، ئەمدى بولغاندا يارىماي قالدىمما، مېنىڭدەك بىر نارىسىدىنىڭ كۆز يېشى سېنى ھامان تۇتىدۇ!
  قىز شۇنداق دەپلا گىرىمسەن قاراڭغۇلۇق باغرىدا كۆزدىن يىتتى.
-ئايبۈۋى، گىپىمنى ئاڭلا...
  يۈرىكىم قارتلا قىلىپ قالدى. بەكمۇ تونۇش بولغان بۇ تاۋۇشلار توپى بىلەن سەزگۈلىرىمگە ئەبەدىيلىك سىڭىپ كەتكەن كۆمۈش قوڭغۇراقتەك زىل، ئىپەكتەك يۇمشاق ئاۋاز يۈرىكىمگە بىر پارچە قىزىتىلغان زىختەك سانجىلدى. ئاچچىق بىر ئاغرىقتىن مەيدەمنى تۇتتۇم. «ياق مۇمكىن ئەمەس، ئۇ مەن بىلىدىغان ئايبۈۋى ئەمەس. ئۇ دىگەن شۇ قەدەر مەغرۇ ۋە خۇشپۇراق گۈلكى، ناكەسلەرنىڭ سېسىق قوللىرى تىگىپ باقمىغان، ئۇ شۇ قەدەر پاك ۋە پاكىز ۋۇجۇدكى، ئەقىدە ۋە ئىخلاس سۈيىدە سۇغۇرۇلغان...» ئاستا-ئاستا ئۆزۈمگە كەلدىم. كۆز ئالدىمدا بىر تال قارا سايىدەك غىل-پال ئەكس ئېتىپلا گىرىمسەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە غايىپ بولغان بۇ قىزدىكى بىچارىلىك بىلەن مەنىۋى دۇنيارىمغا ھۆكۈمران بولۇپ كېلىۋاتقان ئايبۇۋىنىڭ مەغرۇرلىقى ھەرگىز سىغىشالمايتتى. بەلكىم ئوخشاش بىر تائىپىدىن بولغاچقىمۇ مۇنۇ ئايبۈۋىنىڭ لەۋلىرى ئارىسىدىن چىقىۋاتقان ئاۋاز بىلەن مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان ئايبۇۋىنىڭ تەن قەپىزىدە ئاپىرىدە بولغان تاۋۇشتا  ئۇنچىلىك ئوخشاشلىقنىڭ بولۇشى تەبئىي ئەھۋال ئىدى. ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ، يېنىك تىن ئالدىم.
  ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتتى، ئايبۈۋىنى يەنە يوقۇتۇپ قويدۇم.
  گۈللۈكتە غەمكىن بىر ھالەتتە ئولتۇراتتىم. گۈللۈك ماڭىلا ئوڭچە قالغان چېغى، ھەممەيلەن ھەپتە ئاخىرىدىكى تانسىغا چىقىپ كەتكەنىدى. كۆرۈمسىز ئاسماندىن يېقىمسىز تۇيغۇلار ياغماقتا ئىدى. بۇ تۇيغۇلار يۈرىكىمگە بىر ئەنسىزلىكنىڭ بىشارىتىنى شىۋىرلىغاندەك قىلاتتى. تۇيغۇلىرىمنى قوغلىۋەتتىم. تولۇنئايدىن ئايرىلىپ قالغان ئاسمان سەتھىسى قوغۇشۇن رەڭگىدە بوزىرىپ تۇراتتى. گۈللۈك ئاجىز ئىلىكتىر چىرىغىنىڭ  يورىقىدا كۆڭۈلسىز ئۆتمۈشنىڭ غۇۋا ئەسلىمىسىدەك يېيىلىپ تۇراتتى. مەن يەنە چەكسىز غېرىپلىققا بۆلەندىم. تويۇقسىز ئالدىمدا بىر سايە پەيدا بولدى.
-پاراڭلاشساق بولامدۇ؟
كۆمۈش قوڭغۇراقتەك زىل، يىپەكتەك يۇمشاق ئاۋاز قۇلىقىمغا تەبئىيلا ئېقىپ كىردى. چاڭقىغان يۈرىكىم تونۇش ئاۋازدىن قايتا ياشاردى. مەن بۇنىڭ رىئاللىق ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلغاندەك تەشۋىش ئىچىدە بېشىمنى ئىتتىكلا كۆتۈردۈم.
-ئايبۈۋى!-،ئاۋازىم كۆڭۈلسىز خىيالدەك ئېغىر كىچىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. ئالدىمدا ھەقىقەتەن ئايبۈۋى تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىششغان، يۈزلىرىدىن كۈلۈمسىرەش ئۆچكەن بولۇپ، كۆزلىرىدە ئۈمىدسىزلىك سوغاق ئەلەڭگىپ تۇراتتى. توزۇپ تۇرغان چاچلىرى تولۇنئايغا ئوخشاش يۈزلىرىنىڭ تەڭ يېرىمىنى توسۇپ ئۈلگۈرگەنىدى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. ئۇ ئىپادىسىز بىر ھالەتتە ماڭا قاراپ دېدى:
-مۇھەببەت دىگەن نېمە؟ سىلەر ئوغۇللار قىزلارنى نېمىشقا ياخشى كۆرىسىلەر؟
مەن بۇ سۇئاللارنىڭ ئاۋۋال قايسىسىغا جاۋاب بېرىشنى ئويلاۋاتاتتىم، ئۇ جاۋابىمنى كۈتمەستىنلا سۇئالىنى داۋاملاشتۇردى:
-سىلەر ئوغۇللار ئۆمرىڭلاردا بىرەر قىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپمۇ ئۆتەمسىلەر؟
-لەنەت ساڭا ئەركەكلەر...
ئايبۈۋىنىڭ روھى-ھالىتى نورمال ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ مەن بىلەن ئەستايىدىل پاراڭلىشىش مەقسىتى بولمىسا كېرەك. ئۇ ئاينىپ قالغاندەك توختىماي سۆزلەيتتى:  
-ئەقىدىنىڭ سىلەر ئوغۇللارغا ساپ ۋە ساغلام پېتى بىرىلگىنىدىن گۇمانلىنىمەن. مېنىڭ يۈرگەن يىگىتىم بار ئىدى. ئۇ دەسلەپ مەن ئۈچۈن ھەممە نېمىسىنى دوغا تىكىدىغان ساداقەت بىلەن سۆيدى، مەن ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم، ئۇ سورىغان ھەرقانداق نەرسەمنى شەرتىسىز بەردىم. ئەمدى بولغاندا ئۇ مېنى تاشلىۋەتتى. بىر قىز ئۈچۈن ئىپپەتنىڭ نېمىدىن دىرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇ دىگەن قىزنىڭ بايلىقى، ئامانەت ئىگىسىنىڭ غورۇرى. مەن قايسى يۈزۈم بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشقا يۈزلىنىمەن،-قىز بوقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
  بىر پارچە مۇز چوقامدىن قۇيۇلۇشقا باشلىدى. تومۇرلىرىمدا شۇۋۇلداپ ئېقىۋاتقان قانلىرىم بىردىنلا مۇزلاپ، بىر دەريا مۇزغا ئايلانغانىدى.
  -مەن... خالىسىڭىز ئىككىمىز دوست بولايلى، بىز بىر نەچچە ئاي بۇرۇن ئىمىھان مەيدانىدا كۆرۈشكەن...
-سىلەر ئوغۇللار ھەمىشە كۆزۈڭلار چۈشكەن قىزلارغا موشۇنداق دوستلۇق تەلىپى قويىسىلەر، دوستلۇقتىن مۇھەببەتلىشىشكە ئۆتۈش خۇددى شوتىنىڭ بىر بالدىقىنى ئاتلىغانچىلىكلا ئىش. ئۇنى كىم بىلمەيدۇ.  مۇھەببەتلىشىشكە ئۆتكەندىن كېيىن تەلەپلىرىڭلار تۈگىمەيدۇ. ئاخىرى مەقسىتىڭلارغا يېتىسىلەر...  
- ئاشۇ ئىمتىھان مەيدانىدا كۆرگەندىن بېرى سىزگە ئاشىقمەن، بۇ راست گىپىم، ماڭا ئىشىنىڭ،-كۆزۈمنى يۇمۇپلا ھەممىنى دەۋەتتىم. مەن ئايبۈۋىنىڭ ئالدىدا يوشۇرغىدەك ھېچنىمەم يوق ھالەتتە دۈگدىيىپ تۇراتتىم.شۇ تۇرقىدا سويۇۋېتىلگەن پىيازغىلا ئوخشاپ قالغانىدىم. چۈنكى، مېنىڭدە ئەمدى يوشۇرغىدەك ھېچنەرسە قالمىغانىدى. تومۇرلىرىمدا ئاققان بىر دەريا مۇز ئېرىپ كەتتى. ئىسسىق قانلىرىم يەنە شۇۋۇلداپ شىددەت بىلەن ئېقىشقا باشلىدى.  
-قويۇڭ ئۇنداق گىپىڭىزنى، بىر ئىككى قېتىم كۆرۈپلا كۆيدۈم، پىشتىم دىگەن ئادەمگە ھۆ مەن...
قىز كىتىپ قالدى، ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشلىرىم كىچە قوينىغا كۈمۈلۈپ كەتتى.كەينىدىن بىر قانچە قەدەم مېڭىپ باقتىم. بۇ خۇددى كىشىلەرنىڭ ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بولغان يېقىن ئادىمىنىڭ كەينىدىن ئاپتوبۇسقا ئەگىشىپ يۈگۈرگىنىگە ئوخشايتتى. مەن بەرىبىر ئايبۈۋىگە يېتىشەلمەيتتىم. ئۇ كۆز ئالدىمدا يەنە تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، مەڭگۈلۈك يوقلۇق ئىچىگە سىڭىپ كەتتى. مەن بىر قۇچاق ھىجراننى مەھكەم قۇچاقلاپ، چەكسىز غېرىپلىقنىڭ سوغاق قۇچىقىغا بۆلەندىم. شۇ تۇرقىدا ئايبۈۋىنى مەڭگۈلۈك يوقاتقان قەلبىم كۆرۈمسىز كېچىنىڭ تاشتەك ئېغىرلىقلىرى ئىچىدە توختاۋسىز قىسىلماقتا ئىدى...

2012-يىلى 12-ئاي

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3286
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 29183
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 8606 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 10:17:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھابا ئەكبەر،مىسرانىمغا ئەزا بولۇپ  كىرگەن قەدىمىڭىزگە قۇت بولسۇن.ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى تور دۇنياسىدىمۇ  كۆرۈپ تۇرايلى!

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91801
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 10:32:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز تىل ئىشلىتىش قابىلىيتىڭىز گە قايىلمەن .  دەرىزىلەنى ئۇلۇغ ئېچىۋەتتىم دىگەن يەرنى ئوقۇپ كۈلۈپ ساپتىمە . ئاخىرى خۇشاللىق بىلەن تۇگىگەن بولساھە ھەي...      (ئىلگىرى مەنمۇ ئاممىۋى ئاپتۇۋۇستا بىرلا كۆرگەن ،شۇنداقلا بىر كۈلۈمسىرەشكە ئاشىق بوپ تۇلۇق ھەپتە ئىزدەپ تاپالمىغان ئۇ قىزنى مىنڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھىسىياتىمغا ئوخشايدىكەن ھىكايىدىكى.........)

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 8214
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 34143
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 3594 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 11:25:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەدئىي تىللار شۇنداق ئۇستۇلۇق بىلەن ئىشلىتىلگەن،جەلپ قىلارلىق چىققان ئەسىرىڭىزنى ھوزۇرلىنىش ئىچىدە ئوقۇپ  چىقتىم..
تەسۋىرىي تىللار شۇنداق جايىدا ئىشلىتلىپتۇ،تىل ئىشلىتىش قابىلىيىتىڭىزگە قايىل بولدۇم....

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

بۈگۈن ماڭمىساڭ ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31445
يازما سانى: 696
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11960
تۆھپە نۇمۇرى: 1511
توردا: 783 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2014-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 12:33:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە ئامەت تىلەيمەن .

بۇ ھايات بىر ئىمتاھان خالاس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74275
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3948
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2014-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 11:56:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىل قابىيتىڭىز ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەن . سىزگە ئامەت تىلەيمەن

قوچقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس.
بۇ كۇنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتەر ھە......................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15237
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7550
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3790 سائەت
تىزىم: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 09:36:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز

بىر ئايالنىڭ غورورى بىر ئەركىشنى يامان يولدىن توسسا،بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان  يولدىن توسۇپ قالالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 130
يازما سانى: 551
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10744
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 12:04:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلھامىڭىزغا كۆز  تەگمسۇن   تىل قابىلىيتىڭىزنى ئۇستۇلۇق  بىلەن ئۆزگىچە  تۇيغۇلاغا  سىڭدۇرۇپ يىزىپ  چىقىپسىز  ھەقىقەتەن  ياخشى يىزىپسىز  بەزى  جايلىرىنى  خاتىرەمگە  كۆچۈرۋالدىم [سىزدىن  سورمايلا]    قولىڭىزغا  بەركەت تىلەيمەن

مۇھەببەت بىلەن نەپرەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1626
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4039
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 06:15:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنى كىچىكىپ كۆرگىنىمدىن ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن ،  تىل قابىليىتىىڭىزگە قايىل بولدۇم، ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87455
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 328 سائەت
تىزىم: 2012-11-19
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 01:17:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخىشى يېزىپسىز .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش