(3)
زاۋۇتنىڭ تىمىغا چاپلاپلا سىلىنغان بىر قاتاردۇكانلار سودىسىنىڭ ياخشىلىقى، خىرىدارنىڭ كۆپلىكى، ھۆنەرۋەن ئۇستاملارنىڭدۇكانلىرىدىن ياڭراۋاتقان ھەرخىل ناخشا ئاۋازلىرى بىلەن ئاۋات ئىدى. سادىقگۈلسەنەمنىڭ پىلانى بويىچە زاۋۇت باشلىقلىرىغا ئەھۋال ئىيتىپ يول مىڭىپ يۈرۈپ4-دۇكاننى 3 يىللىق توختام بىلەن ئىجارىگە ئالدى. دۇكان ئىچى كىچىك، كۆرۈمسىزبولسىمۇ، كۈندە بىر نەچچە كىشى سادىقنى ئىزدەپ دۇكاننى ئىجارىگە بىرىشنى ئىيتىپ ئۆتۈنۈشەتتى. سادىقمۇ ھەربىر ئادەمنى ئۆز يولىدا چىرايلىق گەپ قىلىپ يولغا سالاتتى. مۇشۇ كۈنلەردە سادىققا كىچىلىك ئىسمىنا نۆۋىتى كەلسە، بىر ئامال قىلىپ كۈندۈزگە ئالماشتۇراتتى. ناۋادا باشقىلارئالماشتۇرۇشقا ئۇنىماي تۇرىۋالسا بىر كىچىلىك ئىسمىنا ئۈچۈن 30 يۈەن بىرىدىغانلىقىنى ئىيتىپ ئىندەككە كەلتۈرەتتى. 30 يۈەنگە ئىككى كۈن جان باقالايدىغانلىقىغا كۆزى يىتىدىغان كىشلەر پۇل ئۈچۈن ئامالسىز ئالمىشىشقا مەجبۇر بولاتتى. ‹‹ ئايالىم تۇغۇتتىن كىيىن بەكلا ئاجىزلاپ كەتتى. كىچىدە يىنىدا بولمىسام قورقۇپ قالىدۇ ›› دەيتتى ئۇ بىر ئامال قىلىپ يالغان گىپىگە باشقىلارنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىپ. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈشكە باشلىدى. سادىق ئىجارىگە ئالغان دۇكان ھىلىھەم قۇپقۇرۇق بولۇپ ئۇ دۇكاننى ياكى سادىق ئۆزى ئاچمىدى ياكى باشقىلارغا ئىجارىگە بەرمىدى. لىكىن ئەتراپتىكى قۇلۇم-قوشنىلار ھەپتىدە بىرەر قىتىم كەچ ۋاقىتلىرى، سادىقنىڭ قولتۇقىغا چوڭ سامان تاغىرى قىستۇرۇپ دۇكاننىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىدىغانلىقىنى، سىرتتىن بىرەر كىشىگە ئىشىككە قۇلۇپ سىلىۋىتىشنى يىلىنىدىغانلىقىنى كۆرەتتى، ئەمما پەرۋا قىلماي ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىۋىرەتتى. ياز ئۆتۈپ كۈز كەلدى، كۈزمۇ ئۆز نۆۋىتىدە دەل-دەرەخلەرنىڭ خازانلىرىنى سارغايتىپ، سوغۇق ھاۋانى باشلاپ قويۇپ قىش پەسلىگە ئورۇن بوشاتتى. دىكابىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يىتىپ كەلگەن قۇربان ھىيىت سادىق ئائىلىسىدىكىلەرنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى. ھىيىت نامىزىدىن قايتىپ كىلىپ قوي سويدۇرۇش ئۈچۈن قاسساپ تىپىپ كەلگەن سادىق ئايالى گۈلسەنەمنىڭ توزدەك ياسانغان ھالدا سادىقنىڭ قايتىپ كىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئوغىسى قاينىدى. -نىمە قىلغىنىڭ بۇ خوتۇن؟ مەن ھازىر قاسساپنى باشلاپ كەلدىم. ھىچ بولمىسا مەن كىلىپ بولغۇچە سۇيۇق-سەلەڭ تاماق ئىتىپ تۇرساڭ بولماسمىدى. -قاچانلا قارىسا يەيدىغان-ئىچىدىغاننىڭلا گىپىنى قىلىدىكەنسىز. ئاۋۇ مىھمانخانا ئۆيگە قۇرۇق-ھۆل يەل-يىمىشلەرنى ئەكىرىپ چىرايلىق تىزىپ قويدۇم. نان-پان، قەنت-گىزەكلەرمۇ بار. شۇ ئۆيگە باشلاڭ. كۆڭلى تارتقىنىغا ئىغىز تەگسۇن. گۈلسەنەم ھىچ ئىش بولمىغاندەك، تىخى 10 كۈن ئالدىدا ئىككى سىڭلىسى بىلەن بازارغا بىرىپ تاللاپ يۈرۈپ سىتىۋالغان چوڭ ياقۇت كۆزلۈك ھالقىسىنى، سائەت نۇسقىسىدا بۇيرۇپ ياساتقۇزغان زەنجىر بىلەيزۈكىنى، ئىككى قولىنىڭ 6 بارمىقىغا قوشلاپ سالسا يەتكۈدەك ئالتۇن ئۈزۈكلىرىنى تاقاش بىلەن ئاۋارە ئىدى. سادىق دىمىغىنى قاققىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. 7 بالىسىنى باشتىن-ئاياغ يىڭى كىيىم بىلەن جابدۇغان گۈلسەنەم شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا كىچىك ئوغلى مۇستاپانى ئەسلەپ قالدى. ‹‹ ئۆز ۋاقتىدا دوختۇر ئايالغا بەرگەن بولسام، مانا مۇشۇنداق ھىيىت-ئايەم، بايراملاردا قىشىمغا ئەكىلىۋالاتتىم. قاچان كۆرىمەن دىسەم كۆرەلەيتتىم. مانائەمدى.......›› گۈلسەنەمنىڭ خىياللىرى ئوماق قىزى مىنەۋەرنىڭ چۈچۈك ئاۋازى بىلەن ئۈزۈلدى. -ئانا، دادام سىزنى چاققانراق چىقسۇن دەيدۇ. خان ئانامنىڭ ئۆيىگە بارىدىكەنمىز. -ھە مانا قىزىم، مانا ھازىرلا....... گۈلسەنەم نوركا پەلتورىنى كىيىپ، ئوتقاشتەك قىپقىزىل سومكىسىنى ئىسىپ ئۆيدىن چىقتى. گەرچە ئانىسىنىڭ ئۆيى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيى پەقەت 10 مىنۇتلۇقلا يول بولسىمۇ، لىكىن گۈلسەنەم تاكسى توسۇپ بارىمىز دىگەن پىكىردە چىڭ تۇرغاچقا، سادىق ئامالسىزلىقتىن تاكسى توسۇشقا مەجبۇر بولدى.‹‹ھەي......ئۇنىڭغا بولغان كۆڭلۈمنى دىمىگەندىمۇ 8 بالىنىڭ ئانىسى. ئەمدى ئېغىرلىق قىلاي. ئۆتكەنكىدەك يامانلاپ كەتسە، مۇشۇ يىشىمدا يالۋۇرۇپ يۈرسەم ياخشى بولماس. ئەڭ ياخشىسى ئۇ نىمە دىسە ماقۇل دىسەملا ئىش پۈتمىدىمۇ. كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان،زىخمۇ كۆيمەيدىغان ئەڭ ياخشى ئامال مۇشۇ شۇ ›› سادىق دەقىقە ئارىلىقىدا مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۈلگۈردى ۋە ئايالى گۈلسەنەمگە قاراپ ھىجىيىپ قويدى. قىزىل رەڭلىك چوڭ گۈللۈك شارپا، قىممەت باھالىق نوركا پەلتو، بۇيرۇپ سوقتۇرۇلغان، تاللاپ سىتىۋىلىنغان ئالتۇن جابدۇقلار ئىچىدىكى گۈلسەنەم گوياكى تاڭ سەھەردە پورەكلەپ ئىچىلغان خۇشپۇراق گۈلگىلا ئوخشاپ قالغانىدى. ھازىر ئۇنى باشقىلار كۆرسە 40 ياشقا كىرگەنلىكىگە ھەرگىز ئىشەنمەيتتى. ماشىنا ھەيدەۋاتقان ئابباس قارىماققا پۈتۈن زىھنى بىلەن ماشىنا ھەيدەۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس-يادى گۈلسەنەمدىلا قالغان ئىدى. ئۇ بۇ يولنىڭ ئۇزۇنراق داۋام قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. لىكىن قىرىشقاندەك قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ماشىنا ئۇلار دىگەن يەرگە كىلىپ توختىدى. ماشىنىدىن ئاۋايلاپ چۈشكەن گۈلسەنەم ئۆزىنى كۆرسەتكۈسى كەلگەندەك سومكىسىنى ئالدىرىماي ئىچىپ پورتمالى ئىچىدىن 5 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى ئىلىپ شوپۇرغا تەڭلىدى. -رەھمەت ئۇستام، سىلىنى تولىمۇ ئاۋارە قىپتۇق. -يا......ياقەي، ھىچقىسى يوق.... يىقىنلا يەردە ئۆزىگە پۇل تەڭلەپ تۇرغان گۈلسەنەمدىن كىلىۋاتقان خۇشبۇي پۇراق ئابباسنى مەست قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇ دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ گۈلسەنەمنىڭ قولىدىن پۇلنى ئالدى. لىكىن توساتتىن ئىككى قول بىر-بىرىگە تىگىشىپ كىتىپ ئابباستا توك سوقىۋەتكەندەك ئۆزگىچە بىر ھال شەكىللەندى. -قارىسام ھىيىت پەتىسىگە كەلگەن ئوخشايسىلە.ناۋادا ماقۇل بولساڭلا قايتاشىڭلىدا مەن ئاپىرىپ قويساممۇ بولىدۇ. -كۆپ رەھمەت ئۇستام. ئۆيىمىز ياغ زاۋۇتنىڭ ئائىللىكلەر قوروسىدا. قايتاشىمىزدا مىڭىپ كىتەرمىز. گۈلسەنەم شوپۇرنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە ئاجايىپ نازلىق بىر بىقىش بىلەن قارىغاندىن كىيىن مىڭىش ئۈچۈن تەمشەلدى. -خىنىم توختاپ تۇرسىڭىز........ ئابباس ماشىنىنىڭ ئالدى تەرىپىگە قويۇپ قويۇلغان ئىسىم كارتۇچكىسىدىن بىرنى ئالدى،دە- ماشىنىدىن چۈشۈپ گۈلسەنەمگە يىقىن كىلىپ كارتىنى ئۇنىڭغا سۇندى. -ناۋادا قايتاشىڭلاردا تاكسىغا ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالساڭلا، تېلفۇن قىلىڭلا، شۇ ھامان مەن پەيدا بولىمەن. باشقا ھەر قانداق ۋاقىت، ھەرقانداق شارائىتتا تېلفۇن قىلساڭلارمۇ بولىۋىرىدۇ. -بولىدۇ. سەن كىتىۋەرگىن يىگىت. ئىش بولسا تېلفۇن ئۇرىمىز. سادىق شۇنداق دىگىنىچە گۈلسەنەمنىڭ قولىدىن تارتىپ كوچىغا كىرىپ كەتتى. لىكىن بايا گۈلسەنەمنىڭ شوپۇر يىگىتكە ئەركىلىشى ئۇنىڭ چىشىنى قىرىشتۇرۇپ قويغانىدى. -دادا، ئانا، نىمانداق ئۇزاقتا كەلدىڭلار. بىز كىلىپ بولغىلى نەۋاخ. مۇجاھىد تۇنسەخان ئاچىنىڭ قۇچىقىغا چىقىۋالغان بولۇپ چۇڭۇلداپ سۆزلەۋاتاتتى. -مانا كەلدۇققۇ..... دۇئا قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن چوڭلار خىلى ئۇزۇنغىچە ئامان-ئىسەنلىك سوراشتى. بۇ يىلقى قۇربان ھىيىتنىڭ ئىنتايىن مولچىلىق پەسىلدە كەلگەنلىكىنى، بازاردىكى نەرسىلەرنىڭ باھاسىنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى سۆزلىگەچ ئۇزۇن-ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كىتىشتى. بىر ۋاقىتلاردا گۈلسەنەمنىڭ قول، بىلەك،بويۇنلىرىدىكى ئالتۇن جابدۇقلارغا كۆزى چۈشكەن تۇنسەخان ئاچا ھەيرانلىقىنى يوشۇرالمىدى. -ۋوي، گۈلسەنەم بالام، قوللىرىڭغا سىلىۋالغان ئالتۇنلىرىڭ نىمانچە چوڭ. ئۆتكەندە ‹‹ دۇكان ئالدۇق. ئەمدى تىجارەتمۇ قىلىمىز ››دەۋاتاتتىڭلا. تىجارىتىڭلار بەك ياخشى ئوخشىمامدۇ ؟ تۇنسەخان ئاچىنىڭ چىشسىز ئىغىزىنى ماكىلدىتىپ تۇرۇپ سورىغان سۇئالى ئۇلارنىڭ قوللىرىنى تىترىتىپ قويدى. شۇنداقتىمۇ سۇئال سورالغان ئىكەن، جاۋاب بەرمەي بولمايتتى. -ۋاي ئانا، ھەممىسى ساختا نەرسىلەر بۇ. چىرايلىق تۇرسۇن دەپ سىلىۋالدىم. بىزدە نەدىمۇ ئۇنچە كۆپ پۇل بولسۇن. گۈلسەنەمنىڭ بەرگەن جاۋابى بىلەن سادىقنىڭ يۈرىكى ئورنىغا چۈشتى. ئۇ ئايالىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە قايىل ئىدى. ھەر ۋاقىت ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە گۈلسەنەم ئوتتۇرىغا چىقىپ سادىقنى تەڭلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالاتتى. -باللىرىم، ئاۋۇ ئۆيگە كىرىپ تېلىۋۇزۇر كۆرۈڭلار. بىز يەنە بىردەم پاراڭلىشىمىز. سىلەر زىرىكىپ قالماڭلار يەنە. بالىلارنىڭ ھەممىسىنى قىشلىق ئۆيگە قوغلاپ چىقارغان گۈلسەنەم ئانىسىنىڭ ئالدىدىلا سادىقتىن سورىدى. -مۇستاپانى ھىيىت-ئايەمدە بولسىمۇ بىز بىلەن كۆرۈشتۈرسۇن. ئەتتىگەندە ئىسىمگە كىلىۋىلىپ يۈرىكىم پارە-پارە بولۇپ كەتتى. نىمىلا دىگەن بىلەن مىڭبىر جاپادا تۇغۇلغان بالا تۇرسا ئۇ . -ھەراست، مۇستاپا بالام قانداق بولۇپ كەتتى؟ ئۆتكەندە بىرسىگە بىرىۋەتتۇق دىگەنتىڭلار. ماھىرە، مىرادىللاردىن سورىسام ‹‹ بىزئۇقمايمىز ›› دەپلا گەپنى تۈگەتتى. تۇنسەخان ئاچىنىڭ پىشانىسىدىكى يول-يول قورۇقلار تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتكەندەك ئىدى. ئۇ كۆز چاناقلىرىدىكى ياشنى ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتكەندىن كىيىن، سادىققا ئۈمىدلىك نەزەردە قارىدى. موماينىڭ كۆڭلى يىرىم ئىدى. مۇستاپا دائىملا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كىلىۋىلىپ ئۇنى بىئارام قىلاتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى ئامبۇردا قىسىلغاندەك، نەپەس ئىلىشى قىيىنلاشقاندەك بولۇپ ئازابلىناتتى. مانا ئەمدى، ئالدىدا ئولتۇرغان مۇنۇ ئەر-خوتۇن ئىككىسى موماينى رازى قىلغۇدەك جاۋاب بىرەلەمدىكىن ! -مۇستاپانى بالا قىلىپ بىقىۋالغانلار ئۇنى ئۈرۈمچىگە ئىلىپ كىتىدىغانلىقىنى ئىيىتقان. مىنىڭمۇ ئۇنى بەك كۆرگۈم كەلدى. لىكىن مىڭ ئەپسۇس..... سادىق بىشىنى چايقاپ ئەلەم بىلەن تام تەرەپكە قارىۋالدى. يالغان گەپ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن ئاللاھتىن ئۆزىنى كەچۈرىۋىتىشىنى تەلەپ قىلدى. لىكىن ئۇمۇ مۇستاپانى قاتتىق سىغىنىپ كەتكەن ئىدى. تۇنسەخان موماينىڭ ئۆيىدىن كەچلەپ قايتقان سادىق ئەر-خوتۇنلار، ماھىرە، مىرادىل، مۇراتلار يىگەن تامىقىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ئۆيىگە پىيادە قايتىشتى. يول بويى سۈكۈتتە ماڭغان گۈلسەنەم ئۆيگە كىرىپلا سىرىق قۇچقاچتەك سايراپ كەتتى. -بۈگۈنكى شوپۇر يىگىت ھەجەپ قاملاشقان بالىكەن. گەپ-سۆزلىرى جايىدا، ئۆزى مۇلايىم، ئەدەپ-ئەخلاقلىق...... -ۋوي، نىمە بولدۇق؟ ئەجەپ كىچىك تىللىرىمىز چىقىپ قاپتىغۇ. نۇمۇس قىلماي مىنىڭ ئالدىمدا يات بىر ئەرنىڭ گىپىنى قىلىۋاتىسەنغۇ. گۈلسەنەم شۇ ۋاقىتتا دەرھال ئۆزىگە كەلدى ۋە ئىرىنىڭ گىپىگە لايىقىدا جاۋاب قايتۇردى. -نىمە بولدى؟ خەقنى ماختىسام ئاچچىقىڭىز كىلىۋاتامدۇ؟ مۇشۇ يىشىڭىزدا، مۇشۇ يىشىمدا مىنى كۈنلەۋاتامسىز؟ توۋا دەڭ جۇمۇ. سىز ئويلىمىغان بىلەن مەن قىزىمىز ماھىرەنىڭ تۇرمۇش ئىشىنى داۋاملىق ئويلاپ كۆزلىرىمدىن ئۇيقۇ قاچتى ھازىر. ئاۋۇ يىگىت ماھىرەگە بەك ماس كىلىدىكەن دەپ ئويلاپ شۇڭا تەرىپىنى قىلدىم. لىكىن سىز نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىزكىن تاڭ ! سادىق ئويلانمايلا قىلغان گىپىدىن خىجىل بولدىمۇ قانداق، قىزىرىپ تاتىرىپ گۈلسەنەم سىلىپ بەرگەن ئورۇنغا موكلا چۈشۈپ ئۇيقۇغا كەتتى. ‹‹ نىمانداق كىلىشكەن بالا ئۇ. كۆزۈمنىڭ ئىچىگە يەۋىتىدىغاندەك قاراپ كەتتى. قارىغاندا مەنمۇ ھىلىھەم سىن-سىپاتىمدىن كەتمىگەندەك قىلىمەن. ›› گۈلسەنەم ئۆزىنىڭ ئوي-خىيالىدىن ئۆزى رازى بولۇپ كىيىملىرىنى ئاستا يىشىپ، ئالتۇن جابدۇقلىرىنى ئىلىۋىتىپ، پەگاھتىكى چوڭ گىرىم ئۈستىلى ئالدىغا كىلىپ ئۆزىگە سەپسىلىشقا باشلىدى. 40 ياشتىن ئاشسىمۇ يەنىلا ياش قىزلارنى ئەسلىتىدىغان قاپقارا قۇندۇزدەك بىر ئۆرۈم چاچ، ئورغاق ئاينى ئەسلىتىدىغان ئەگىم قاشلار، بادام قاپاق ئاستىدىكى يوغان قوي كۆزلەر، ئىقىپ چۈشكەندەك قاڭشارلىق بۇرۇن، ئالۇچىدەك قىپقىزىل لەۋلەر...... گۈلسەنەم چىرايىدىن تولۇق مەمنۇن بولغان ھالدا ئۆزىگە سەپسىلىشنى يەنە داۋاملاشتۇردى. تولغان چىڭ، بىر جۈپ ئالمىنى ئەسلىتىدىغان كۆكرەكلىرى، فگورا گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدىغان يارىشىملىك ئۇستىخان شەكلى ئۇنى تولۇق رازى قىلغانىدى. گۈلسەنەم ئەينەك ئالدىدا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتى. ئۇ ئەينەكتىن شوپۇر يىگىتنىڭ قاپقارا كۆزلىرىنى كۆرگەندەك بولىۋاتاتتى. ئۆينىڭ تىمپىراتۇرىسى تۆۋەنلەپ ئۇنىڭ بەدىنى تىترەشكە باشلىغاندىلا ئاستا كەينىگە قايرىلىپ سىلىپ قويغان ئورۇنغا كىلىپ ياتتى. ‹‹ ھە راست، بايا ئانام تاسلا قالدى ئالتۇنلىرىمنىڭ قەيەردىن كىلىشىنىڭ سىرىنى بىلىۋالغىلى. ناۋادا سادىقنىڭ ئىجارە ئالغان دۇكاننىڭ كەينى تىمىنى تىشىپ، زاۋۇتنىڭ كۆپ مىقداردىكى چىگىتلىرىنى ئوغۇرلاپ ساتقانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق بىزنىڭ بىيىپ كەتكەنلىكىمىزنى ئۇقۇپ قالسا ئىشىمىز چاتاق.....ئانامغۇ ساختا دىسەم ئىشەندى. لىكىن خەقلەر چوقۇم گۇمانلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنىڭدىن كىيىن قاتتىق ئىھتىيات قىلسام بولغۇدەك ...›› گۈلسەنەم ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، سادىق بىر ئۆرۈلۈپلا گۈلسەنەمگە ئالدىنى قىلدى ۋە ئۇنىڭ يۇپيۇمىلاق مۈرىسىدىن قۇچاقلاپ ئۆزىگە تارتقىنىچە يەنە پۇشۇلداپ ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇنىڭ قولىنى ئاۋايلاپ يانغا ئىلىپ قويغان گۈلسەنەم سادىققا كەينىنى قىلىپ ئۆرۈلۈپ ياتتى ۋە ھىلىقى قاپقارا قاشلىق تاكسى شوپۇرىنى ئويلىغىنىچە خىيالغا پىتىپ، ئۆزىنىڭ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنى سەزمەيلا قالدى.
داۋامى يىزىلىۋاتىدۇ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazpari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-21 01:52 PM