(4)
دىكابىرنىڭ جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇقى سادىقنىڭ ئىچ-ئىچىدىن ئۆتۈپ كەتتى. دوختۇرخانىنىڭ ئائىللىكلەر بىناسىدىن سائادەت دوختۇرنىڭ ئۆيىنى ھىچ ئايانمايلا تىپىۋالغان سادىق ئىشىك ئالدىغا كىلىپ قولىنى بىردەم ھورداپ ئىسسىتقاندىن كىيىن، ئىشىك قوڭغۇرىقىنى ئاۋايلاپ باستى. بىر مىنۇت...ئىككى مىنۇت....بەش مىنۇت.....ئون مىنۇتمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ‹‹ پەتىگە كەتكەن بولمىسۇن يەنە ›› دەپ ئويلىغان سادىق قايتىپ كىتىش ئۈچۈن كەينىگە بۇرۇلۇپ مىڭىشى، ئىشىك تاراقلاپ ئىچىلىپ سائادەت دوختۇرنىڭ بىشى كۆرۈندى. ئۇلار قىسقىلا سالاملاشقاندىن كىيىن سادىق سائادەتنىڭ زورلىشى بىلەن ئۆيگە كىردى. ئۆيگە كىرىپ دۇئا قىلغاندىن كىيىن سائادەت سادىقنىڭ ئۇدۇلىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ ئۇنى داستىخانغا تەكلىپ قىلدى.
-بۇنداق تىزلا كىلىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.
-ھىلىمۇ نەچچە كۈندىن بىرى سىغىنىپ ئۆلەي دىدىم. ھىيىت پەتىسى باھانىسىدە كىلىۋالدىم دەڭە.
ئارىنى ئېغىر دەرىجىدە سۈكۈت قاپلىدى. ھەر ئىككىيلەننىڭ بىر-بىرىگە دەيدىغان سۆزى بولسىمۇ، لىكىن ئېغىزىدىن چىقىرىشماي قاراپ ئولتۇراتتى. ئۆينىڭ ئادەمگە راھەت بىغىشلايدىغان ھاۋاسىدىن ھوزۇرلانغۇسى كەلگەن سادىق چاپىنىنى سىلىپ يىنىغا قويدى. چاي ئىچكۈسى كەلمىسىمۇ زورلاپ تۇرۇپ ئازراق چاي ئىچتى. داستىخانغا تىزىلغان مول نازۇ-نىئمەتلەرگە قول ئۇزىتىپ ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن يەپ باقتى. لىكىن ئىچىنى مۈشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولدى. سادىق ئاخىرى غەيرەت قىلىپ ئېغىز ئاچتى.
-مەن مۇستاپانى كۆرەي دەپ كەلگەن.
-ئۇف، مەن تېخى مۇستاپانى ئىلىپ كىتىش ئۈچۈن كەلگەن چىغى دەپ قورقۇپ كىتىپتىمەن.
سائادەتنىڭ تامدەك تاتىرىپ كەتكەن چىرايىدا سۇس تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى. ئۇ شادلىق، بەخت ۋە ئامەت سۇس يىلىنجاپ تۇرغان كۆزلىرىنى سادىققا تىكتى. ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىنى بىلەلمىگەن سادىق ئۈندىمەي ئۇزاق ئولتۇردى. ئۇنىڭ بىشى چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئىچىدە دىيەلمىگەن بىر گىپى بارلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى. سائادەت سادىققا قاراپ ئولتۇرىۋەرگۈسى كەلمىدىمۇ ۋە ياكى مېھماننىڭ ھۆرمىتى دەپ ئويلاپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر، ئاشخانىغا كىرىپ پەرتۇقنى تاقاپ گاز ئوچاققا ئوت ياقتى.
ئاش كۆكىنىڭ مەززىلىك ھىدى دىمىقىغا ئۇرۇلغان سادىق بىشىنى كۆتۈرگەندە، سائادەت ئاللىقاچان چۆچۆرە ئىتىپ داستىخانغا ئەكىلىپ بولغانىدى. سادىق تەكەللۇپ قىلمايلا ئاشنى ئىچىپ چىنىنى بىكار قىلدى. سائادەتنىڭ يەنە قايتا تاماق ئەكىلىش تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلغاندىن كىيىن، سائادەتتىن تۇيۇقسىزلا سۇئال سورىدى.
-سىز مۇستاپانى ياخشى كۆرەمسىز؟ ياخشى كۆرسىڭىز قايسى دەرىجىدە ياخشى كۆرىسىز ؟
كۈتۈلمىگەن بىر سۇئال سائادەتنى گاڭگىرىتىپ قويدى. ئۇ گاڭگىراش، ھەيران بولۇش مەنىلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن سادىققا قارىدى.
-ئەلۋەتتە ئانىلىق مىھرىم بىلەن ياخشى كۆرىمەندە. ئۇنى ئۆز بالامدىن چارە ياخشى كۆرىمەن. قانداق، سوراپ قالدىڭىزغۇ؟ بىرەر كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىم بارمۇ قانداق ؟
سائادەتنىڭ بايىقى خۇشاللىقى شامالغا ئۇچرىغان توزغاقتەك نەلەرگىدۇر توزۇپ كەتكەنىدى. سادىقنىڭ بىر ئۇياقتىن-بىر بۇياقتىن قىلغان گەپلىرى سائادەتكە قورقۇنچلۇق ئاۋازدەك ئاڭلىنىۋاتاتتى.
-ئەلۋەتتە، ئۇنى ھەممىمىز ياخشى كۆرىمىز. لىكىن مەن بەك تەڭلىكتە قالدىم. ئايالىم كۈندە مۇستاپانىڭ گىپىنى قىلىپ قۇلاق مىڭەمنى يەپلا كەتتى. ئەسلى سىزگە بۇنداق دىمەسلىكىم كىرەك ئىدى. لىكىن مەنمۇ ئامالسىزلىقتىن دىيىشكە مەجبۇر بولدۇم.
-مۇستاپانى سىزگە بەرسەم، ئۆيىڭىزگە بىر ئاپىرىپ كۆرسىتىپ ئەكەلسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ئۇنى ئۆمۈرلۈك ئىلىپ كىتىمەن دىسىڭىز بۇنىڭغا مەن قوشۇلمايمەن.
سائادەت قولىنى قوشتۇرۇپ سادىققا يانتۇ قاراپ ئولتۇرىۋالدى. ئۆز ۋاقتىدا سادىق قاتتىق پۇل تەڭلىكى تارتىپ سائادەتكە يىلىنىپ ئالدىغا كەلگەندە، سائادەت ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان ھەم مۇستاپانى چىن دىلىدىن بالا قىلىۋىلىش مەقسىتى بولغاچقا، ئۇزاق ئويلانمايلا سادىقنىڭ 20 مىڭ يۈەن بىرىش تەلىپىگە ماقۇل بولغان. ئارىدىن 15 كۈن ئۆتكەندە سادىق مۇستاپانى گۈل كەشتىلەنگەن ئاپئاق كۆرپىگە ئوراپ ئىلىپ كەلگەندە يۈرىكى قىپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك سوقۇپ، خۇشاللىقى چىكىگە يەتكەن ئەمەسمىدى. مۇستاپانى باغرىغا مەھكەم بىسىپ چوڭقۇر ئانىلىق مىھرى بىلەن سۆيگەن ئەمەسمىدى. سادىقنى يىنىۋالمىسۇن دەپ قەلەم قەغەز ئەكىلىپ توختام تۈزۈشكەن ‹‹ كىيىن سادىق بالىنى تارتىۋالىمەن دىسە، شۇ پۇلنىڭ ئىككى ھەسسىنى تۆلەيدىغانلىقى ›› نى يىزىپ ھەر ئىككىيلەن قول قويۇشقان ئەمەسمىدى. مانا ئەمدىلىكتە سائادەت مۇستاپانى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن مىنۇت، سىكۇنت ئايرىلالمايدىغان ھالغا كەلگەندە، بۇ سادىقنىڭ نىمە قىلغىنى؟ بۇ قاراپ تۇرۇپ ئادەم بوزەك قىلغانلىق ئەمەسمۇ. ئۆز ۋاقتىدىكى دىگەن ئەھدىلىرى، بەرگەن ۋەدىلىرى نەگە كەتتى؟ ئۆز ئىغىزىدىن چىققان گەپكە ئىگە بولالمىغان ئەرنىمۇ ئەر دىگىلى بولامدۇ؟................
سائادەتنىڭ خىيالى يەنىمۇ داۋاملاشقان بولار ئىدى. لىكىن ئىچكىردىكى ياتاق ئۆيدىن مۇستاپانىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. سائادەت سادىققا قاراپ قويۇپ، ياتاق ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپلىنىش، ئاچچىقلىنىش، خورلىنىش قاتارلىق ئارلاشما ھىسلار ئارىلىشىپ كەتكەن بىر گۇڭگا ئىپادە ئاجىز نۇر چىچىپ تۇراتتى.
10 ئايلىق بولۇپ ئازراق ئاشقان مۇستاپا سادىقنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ بۇدرۇق قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ نەچچە كۈن ئالدىدىلا ياساتقان، ئەمما يەنە ئۆسۈپ ئىڭىزلاپ قالغان ساقىلىغا قوللىرىنى سۈركەپ گۇڭراشقا باشلىدى. ئوغلىنىڭ بۇ تاتلىق قىلىقلىرى سادىقنىڭ ئاتىلىق يۈرىكىنى شۈررىدە ئىرىتىۋەتتى. ئۇ ئەمدى پۇشايمان قىلىۋاتاتتى، ھەسەت قىلىۋاتاتتى. مۇستاپانى سائادەتتىن قىزغىنىۋاتاتتى. ئۆز ۋاقتىدا گۈلسەنەمنىڭ ئالتۇن جىدىلىگە چىداپ بولالماي مۇستاپانى سائادەتكە بىرىۋەتكىنىگە ئۆكۈنىۋاتاتتى. ئەمما،ئەمدىلكتە بولغاندا پۇشايمان پايدا بەرمەيتتى. ئىنسان ئەنە شۇنداق، يىنىدا بارىدا قەدرىنى بىلمەيدۇ. ئايرىلغاندىن كىيىن زار بولىدۇ، پۇشايمان قىلىدۇ. ئەمما لىكىن ئورنىغا كەلمەيدۇ.
-10 ئايدىن بىرى گەپ قىلمىغان گۈلسەنەم ئەمدى مۇستاپانىڭ جىدىلىنى قىلىپ قۇلاق-مىڭىڭىزنى يەپتۇ. بۇنى قانداق چۈشىنەي؟ بەلكىم بۇ گۈلسەنەمنىڭ ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئويىڭىزمىكىن؟
-ئۇنداق ئىش يوق. نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ‹‹ مۇستاپانى بىقىۋالغان كىشىلەر ئۆرۈمچىگە ئىلىپ كەتتى. ئۇنى ئەمدى كۆرەلمەيمىز ›› دەپ گەپ ياسىغان ئىدىم. لىكىن بۇ ھېيىتنىڭ خۇشاللىقىنى بالىسى بىلەن تەڭ ئورتاقلىشىش گۈلسەنەمنىڭ ئارزۇسى....
سادىق مۇستاپانى باغرىغا مەھكەم بىسىپ ئولتۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:-
-سىزمۇ بىلىسىز. ئۆز ۋاقتىدا گۈلسەنەم مۇستاپانى بەرگىلى ئۇنىماي مەن مەجبۇرى تارتىۋىلىپ سىزگە ئەكىلىپ بەرگەن. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا مەندىمۇ ئامال يوق ئىدى. قولۇم قىسقا، تۇرمۇش ئەھۋالىمىز تازا ياخشى بولمىغاچقا، گۈلسەنەم ساقىيىپ قوپسا ھەتتا بىرەر قۇر چىرايلىق كىيىممۇ ئىلىپ بىرەلمەيتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە 7 بالىمىزغا قوشۇلۇپ قېيىنئانامنىڭ تۇرمۇشى بىزگە قاراشلىق ئىدى. باشقا بالىلىرىمۇ قارىغان بىلەن بىزنىڭ كىچىك 4 بالىمىز شۇ ئۆيدىلا چوڭ بولغاچقا، قېيىنئانامنىڭ خىراجىتىنى بىز قىلىپ بىرىشىمىزگە توغرا كىلەتتى. شۇڭلاشقا ئايدا ئالغان مائاشىم بىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ قورسىقىدىن ئاشمايتتى.
سادىق سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سائادەت چىداپ تۇرالمىدى.
-نىمىلا ئىش بولسا ئامال يوق، ئامالسىزلىقتىن قىلغان، ئىمكان يوق، پۇرسەت يوقلا دەيدىكەنسىز. سىزمۇ ئەر بولدىڭىزمۇ؟ ئەر كىشى دىگەن قىلغان ئىشىغا، ئىيىتقان سۆزىگە مەسئۇل بولىشى كېرەك. ئۆز ۋاقتىدا بىز قىلىشقان خەتلىك ھۆججەت مەندە ھىلىھەم ساقلاقلىق. گەرچە مەن ئۆز كۆڭلۈمدە مۇستاپانى پۇلغا سىتىۋالمىغان بولساممۇ، لىكىن بەرىبىر ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزدا ئازراق ئىلىم-بىرىم مۇناسىۋىتى بار. بۇ مۇناسىۋەتمۇ مۇستاپا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەمدىلىكتە كىلىپ مۇستاپانى قايتۇرۇپ بىرىڭ دىسىڭىز، يۈرىكىمنى سۇغۇرۇپ ئىلىپ كەتكەندەك بولىسىز. مەن بۇنىڭغا بەرداشلىق بىرەلمەيمەن........
سائادەت، سادىق ھازىرلا مۇستاپانى ئىلىپ قىچىپ كىتىدىغاندەك بىر قۇرنچلۇق تۇيغۇنىڭ تۈرتكىسىدە سادىقنىڭ قولىدا گۇڭراپ ئويناۋاتقان مۇستاپانى يۇلۇپلا ئالدى،دە-باغرىغا مەھكەم بىسىپ يىغلاپ كەتتى. سائادەتكە قانچە يالۋۇرسىمۇ، ئېرىشىدىغان جاۋابىنىڭ يەنىلا شۇنداق بولىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن سادىق ئېغىرلاشقان ماغدۇرسىز، جانسىز پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ چاپىنىنى كىيىپلا ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى.
-مۇستاپانى قاچانلا كۆرگۈڭىز كەلگەندە كىلىۋىرىڭ. ئىشىكىم سىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئوچۇق.......
سائادەتنىڭ ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ قىلغان سۆزلىرى 4-قەۋەتتىن پەسكە چۈشىۋاتقان سادىققا ئوچۇق ئاڭلاندى.
ئارىدىن بىرەر ھەپتە ئۆتۈپ ھىيىت پەتىسىمۇ ئاياغلىشىپ قالاي دىگەن بىر كۈنى كەچقۇرۇن گۈلسەنەم سادىققا مۈشۈكتەك سۇۋىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دىدى :-
-قاراڭ، ماھىرەنىڭ يىشىمۇ بىريەرگە بىرىپ قالدى. چىققان لايىقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى يارىمايۋاتىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئوغلى يارىمايۋاتىدۇ. ھەر ئىككىلىسى ياخشى بولغانلىرىنىڭ ئائىلە شارائىتى ياخشى ئەمەس ۋە ياكى يېزىدىكى دىھقان كىشىلەر بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. ھېلىقى تاكسى شوپۇرى يىگىتنى بىر ئامال قىلىپ ئۆيىمىزگە چاقىرتساق، ماھىرە بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ باقساق، ئىككىسى چىقىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. سىزنىڭچە شۇنداق قىلساق بولارمۇ؟
خوتۇنىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىنىپ تۈزگەن پىلانىنى سادىق ماقۇل كۆردى بولغاي بىشىنى يىنىككىنە لىڭىشتىپ يەرگە قارىغىنىچە ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇنى قىزىمىزنىڭ ئىشىنى ئويلاۋاتىدۇ دەپ خۇشال بولغان گۈلسەنەم سادىقنىڭ ئوت تەپتىدىن قىزىرىپ كەتكەن مەڭزىگە يىنىككىنە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ، كۆزلىرىنى ئويناتقىنىچە گىرىمىنى يۇيىۋىتىش ئۈچۈن پەگاھقا چۈشتى. لىكىن ئۇ بىلمەيتتىكى، سادىقنىڭ ھازىر پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇستاپانى ئويلاۋاتقانلىقىنى. لىكىن ئۇ بىلمەيتتىكى، سادىقنىڭ پۈتۈن ئەزايىنىڭ پۇشايمان ئوقلىرىغا يەم بولىۋاتقانلىقىنى. لىكىن ئۇ بىلمەيتتىكى، سادىقنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغان ئوغرىلىق ئىشىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قىلىپ ئۆزىنىڭ تۈرمىگە قامىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يۈرىكىنى قورقۇنچ بىسىۋالغانلىقىنى.
دىگەندەك ئىككى كۈندىن كىيىن سادىقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىر ئالاھىدە مېھماننى كۈتىۋالماقچى بولغاندەك كۆپ تەييارلىقلارنى قىلدى. گۈلسەنەمنىڭ جاھىللىق قىلىپ ‹‹ ھېيىتتا سالغان پىچىنىلەرنى ھازىر مېھمانغا قويۇپ بەرگىلى بولمايدۇ ›› دەپ تۇرىۋىلىشى بىلەن يىڭىلاپ پىچىنە،باقالىي دىگەندەك تاتلىق تۈرۈملەر تەييارلاندى. بازاردىن ئەڭ سورتلۇق، ئەڭ سۈپەتلىك، ئەڭ تەملىك ھۆل-قۇرۇق يەل-يىمىشلەر ئىلىپ كىلىندى. ئۆيلەرنىڭ تام-تورۇسلىرى قايتىدىن ئىلىپ، ھويلا تېمى ئاقارتىلدى. ئىككى كۈن مۇشۇ ئىشلاربىلەن پايپىتەك بولغان گۈلسەنەمنىڭ ھېرىپ ھىچ ھالى قالمىغان ئىدى. ئۇ يىشىنىپ ئورۇنغا كىرىۋاتقاندىمۇ، بىر كۆرۈشتىلا ئۆزىگە جەلپ ئەقىل-ھوشىنى ئىلىپ قاچقان شۇ قارا كۆزلەر كۆز ئالدىدىن كەتمەي ئۇنى قيناۋاتاتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-27 08:44 PM