مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nazpari

قەرزدار سۆيگۈ ـــ پوۋىست (مىسرانىم مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرىگە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31914
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4070
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2011-2-26
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 12:50:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز

رەڭدار ھايات !

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4946
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1380 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 05:07:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(5)
   -دادىسى، دادىسى، دەرھال ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ. كۆزىڭىزنى ئىچىڭ دەيمەن....
  گۈلسەنەم قوشلاپ يىپىنىۋالغان تاۋار يوتقانغا بىشىنى پۈركەپ ئۇخلاۋاتقان سادىقنى قاتتىق-قاتتىق تۈرتۈشكە باشلىدى.
   -نىمە دەيسەن يېرىم كىچىدە ئادەمنى ئۇخلاتماي؟
   -تولا ئەزمىلىك قىلمىسىڭىزچۇ. ھويلىغا ئوغرى كىرگەنمىكى. تىز چىقىپ قاراپ بىقىڭ.
   گۈلسەنەمنىڭ تۈرتىۋىرىشىدىن زىرىككەن، تىرىككەن سادىق ئۇنىڭ قولىنى سىلكىشلىۋىتىپ ئاچچىق غودۇرىدى:-
   -كىچىچە ئۇيقۇڭ كەلمىسىمۇ ئاغزىڭغا كەلگەننى بىلجىرلاپ ئادەمنى ئۇخلاتمايدىكەنسەن. چۈشۈڭدە كۆردۈڭمۇ يا ئۇ ئوغرىنى.......
   سادىق يەنە بىر مۇنچە چۈشىنىكسىز گەپلەرنى دەپ غودۇڭشۇپ گۈلسەنەمگە ئارقىسىنى قىلىپ ئۆرۈلۈپ ياتتى ۋە ئۇيقۇغا كەتتى. ھويلىدا كىملەرنىڭمۇ پىچىرلاشلىرى، ماڭغاندا چىقىۋاتقان يەڭگىل ئاياغ ئاۋازى گۈلسەنەمنىڭ سەزگۈر قۇلاقلىرىدىن قىچىپ قۇتۇلالمىغانىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن سادىققا قاراپ ئاچچىقلانسا يەنە بىر تەرەپتىن غال-غال تىترەۋاتاتتى. ‹‹ مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە ئوغرى-يالغانچىلار ئاۋۇپ كىتىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بىيىپ، تۇرمۇش ئەھۋالىمىزنىڭ ئوبدانلا ياخشىلىنىپ قالغانلىقىمىزنى كۆپ ئادەم بىلىپ بولدى. نىيىتىنى بۇزغاندىن بىرەرسىنى مال-دۇنيارىمىزغا كۆز قىزارتمايدۇ دىگىلى بولامدۇ؟ ›› گۈلسەنەم ئۆز خىياللىرىدىن ئۆزى قورقۇپ تىنى شۈركۈنۈپ كەتتى. توساتتىنلا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قوش پىچاق كۆتۈرىۋالغان، مەينەتلىشىپ كەتكەن قاپقارا يۈزلىرىدىن مۇدھىش، ۋەھىمە تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بىر ئەر قولىدىكى پىچاقنى تەڭلەپ ئۇنىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ كىلىشكە باشلىدى.
   -ئالتۇن-جابدۇقلىرىڭنى چىقار، تىز بول!
   ئۇنىڭ خىقىراق ئاۋازى جىمجىت تۈن ئاسمىنىنى يىرىپ شاماللارغا قوشۇلۇپ كەتتى.
   -سەن كىم؟ ئەڭ ياخشىسى ئاستا  كىتىۋال. ناۋادا ئېرىم ئورنىدىن تۇرۇپ قالسا.....
   قاسماق چىراي ئۇ ئادەم ئىككى قەدەم ئالدىغا سىلجىپ قولىدىكى پىچاقلارنى ئوينىتىپ تۇرۇپ گۈلسەنەمگە تەھدىت سالدى.
   -ئېرىڭ ئويغىنىپ قالسا مېنى ئۆلتۈرىۋىتەرمۇ؟ ئاڭلاپ قويۇش، سەنلەرنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كوللىكتىپنىڭ مۈلكىنى ئوغىرلاپ بىيىپ كىتىشكىنىڭنى خەلقى ئالەم ھەممىسى بىلىشىدۇ. سەنلەر ھارام مىلىڭلارنى ئوغىرلاپ يىتىم-يىسىر، غىرىپ-غۇرۋالارغا تارقىتىپ بەرسەم ئۇلار مەندىن ئالەمچە خۇشال بولىدۇ.
   -يىقىن كەلمە......
   گۈلسەنەم مىنۇت ئىچىدە كۆز ئالدىدا پەيدا بولغان ۋەھىمىلىك سىزىمىدىن چۆچۈپ كەتتى. ئۇ دەرھال كىچىلىك كىيىمى ئۈستىگىلا چاپىنىنى يىپىنچاقلاپ ئالتۇن جابدۇقلىرىنى كىچىككىنە بىر خالتىغا سىلىپ كارىۋاتنىڭ ئاستىغا ئىتىۋىتىپ جايىغا كىلىپ يىتىۋالدى. ئۇنىڭ چەبدەسلىك بىلەن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قىلىپ بولغان ھەرىكەتلىرىدىن ئۆزىمۇ ھەيران قالدى.
   گۈم، گۇم، گۇم........
   گۈلسەنەم ئورنىغا كىلىپ يىتىپ تىز-تىز سوقۇۋاتقان يۈرىكىگە قولىنى قويۇپ تۇرىشى ئۇلار ياتقان ئۆينىڭ ئىشىكى قاتتىق ئۇرۇلدى. دۇنيادىن بىخەۋەر ھالدا قاتتىق خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتقان سادىق چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
   -ئاپلا، ساقچىلار كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟
   گۈلسەنەمنىڭ ئايانچلىق ئاۋازى ئۇيقۇسىنى ئاچالماي تۇرغان سادىقنىڭ جىنىغا تەگدى بولغاي قاتتىق سىلكىشلىۋەتتى.
   -ئىغىزىڭنى يۇمە، شۇم ئىغىز.....
   -ئىشىكنى ئىچىڭلار....ئىشىكنى ئاچ.....
   سىرتتىن قاتتىق ۋارقىرىغان، قوپال سىلكىشلىگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىۋاتاتتى. سادىق گۈلسەنەمگە قاتتىق ئۆچمەنلىك بىلەن قارىۋەتكەندىن كىيىن كىيىنكى يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا ئىددىيە جەھەتتىن تەييارلىق كۆرگەچ، چاپىنىنى يىپىنچاقلاپ ئىشىكنى ئاچتى.
   قوللىرىدا تاياق-توقماقنى كۆتۈرۈشكەن 8 نەپەر ساقچى ئىتىلىپ كىلىپ سادىقنى يالاپ ئىلىپ ماڭدى. گۈلسەنەم ئۇلارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆيدىن ئاچقۇچنى ئىلىپ چىقىپ تىترىگەن قوللىرى بىلەن قۇلۇپنى ئىچىپ بەردى. ھىچنىمىدىن خەۋەرسىز تاتلىق ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتقان بالىلار چۇرقىرىشىپ ھويلىغا چىققاندا ساقچىلار ئاللىقاچان سادىقنى يالاپ ئىلىپ كىتىپ بولغان، بولىۋاتقان ئىشلار دەماللىققا كاللىسىدىن ئۆتمەيۋاتقان گۈلسەنەم مۇزدەك سوغۇق تامغا يۆلەنگىنىچە چەكچىيىپ قاراپ ئولتۇراتتى.
   كىچىچە ئۇخلىمىغان گۈلسەنەمنىڭ كۆزلىرى لازا قۇيغاندەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بالىلار يۆلەشتۈرۈپ ئۆيگە ئىلىپ كىرگەندىن كىيىن خىلى ئۇزۇندا ئاران ئىسىگە كىلىپ تاڭ ئىتىپ ئەتراپ يورىغاندا بالىلارنى ھىچنىمە دىمەسلىكنى تاپىلاپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يولغا سىلىۋەتكەنىدى. ئۇزۇن ئويلاپ ئاخىرى جاڭگالدا يول تاپالماي ئۇزۇن ۋاقىت چۆرگىلەپ يۈرگەن، كىيىن بىردىنلا چىقىش يولى تىپىپ خۇشاللىقتىن سەكرەپ كەتكەن ئادەمدەك خۇشال بولۇپ يۈگۈرگەندەك مىڭىپ تېلفۇن ئورنىتىلغان تومپوچكا ئالدىغا كىلىپ ئابباسنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى باستى.
   -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
   ئابباسنىڭ خۇشپىچىم، ساز كۈيىدەك ياڭراق ئاۋازىنى ئاڭلىغان گۈلسەنەمنىڭ يۈرەكلىرى ئويناپ كەتتى.
   -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىشلىقمۇ؟ بۇ مەن گۈلسەنەم.
   -ھە تىشلىقمۇ؟ نىمە بولدى، ئاۋازىڭىز باشقىچە چىقىدىغۇ؟
   گۈلسەنەم پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى ۋە قىزىرىپ تاتارماستىن ئەپچىلگىنە يالغاندىن بىرنى توقۇپ ئابباسنى ئىشەندۈردى.
   -مەن ئەزەلدىن ئاتا-ئانىسى يوق بىر قارا يىتىم. كىچىدىن يولدىشىم بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالغانتۇق. ئۇ مىنىڭ ھەممە يىرىمنى كۆكەرگۈچە ئۇرۇپ ئاچچىقىنى چىقىرىۋالغاندىن كىيىن ‹‹ ئۈچ تالاق، مىڭ تالاق، يۈز مىڭ تالاق ›› دەپ ئىغىزىدىن دۇنيادىكى بارلىق ئەسكى تىللارنى ياغدۇرغانچە چىقىپ كەتتى. ئەمدى بۇ ئۆي ماڭا ھارام.........
   -ۋاي شۇنچىلىك ئىشقىمۇ يىغلامسىز دەيمەن. ئۇ ئۆي ھارام بولسا، مېنىڭ ئۆيۈمنى ھالال قىلساقلا ئىش پۈتىدىكەنغۇ.
   گۈلسەنەمنىڭ يۈرەكلىرى ئويناپ كەتكەن بولسىمۇ، لىكىن چاندۇرمايلا جاۋاب بەردى.
   -ئەمما....مەن ئازراق نەرسە-كېرەكلىرىمنى ئىلىپ كىتەي دىگەن.
   ئۇنىڭ سۆزىدىن نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى بىلگەن ئابباس ھازىرلا بارىدىغانلىقىنى ئىيتىپ خوشلاشتى.
   ئاخشام قورقۇنچتا كارىۋاتنىڭ تىگىگە ئىتىۋەتكەن ئالتۇن-جابدۇقلىرى بىلەن ئۆيدىكى نەخ پۇللارنى، پۇلغا يارايدىغان قىممەت باھالىق، ئۆزى يەڭگىل نەرسىلەرنى ئىلىپ تەييار قىلغان گۈلسەنەم ئىشىك ئالدىغا ماشىنا كىلىپ توختىشى بىلەن ئىشىكنى چىڭ يىپىپ قويۇپ قولىدىكى نەرسە-كىرەكلەرنى ماشىنا سىلىپ، 20 نەچچە يىلدىن بىرى ياشاپ كەلگەن بۇ ماكانغا سەل قىيمىغاندەك بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ماشىنىغا چىقتى.
   كاتەكتەك كىچىككىنە بىر ئىغىزلىق ئىجارە ئۆي دەماللىققا گۈلسەنەمگە يارىمىغان بولسىمۇ لىكىن ئۇ ئۈندىمىدى. ئابباس بۈگۈن ماشىنا ھەيدىمەي كەچ كىرگۈچە بۇنىڭدىن كىيىن قانداق قىلىش، قايسى ئىشلارنى قىلىش قاتارلىق كاللا قاتۇرىدىغان بىر قاتار مەسىللەرنى مەسلىھەتلىشىۋالغاندىن كىيىن كەچتە ئۆينىڭ ئىككى بۇلۇڭىغا ئايرىم-ئايرىم سىلىنغان ئورۇنلارغا كىرىپ ياتتى.
   ‹‹ سىز ئېرىڭىز بىلەن ئاجراشقان كۈندىن باشلاپ 100 كۈنگىچە باشقا بىر ئەرگە نىكاھلانسىڭىز بولمايدۇ. ماڭىمۇ ھەم شۇ. مىنىڭغۇ سىزنى ھازىرلا ئەمرىمگە ئىلىپ، ھاياتنىڭ ھوزورىنى سۈرگۈم، بەختنىڭ تەمىنى تىتىغۇم بار. لىكىن بۇنداق قىلساق كىيىنكى ھەممە ئىشلىرىمىزغا توسالغۇ بولىدۇ ›› دىگەنىدى ئابباس بايا گۈلسەنەمگە تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ. گۈلسەنەم قىلغانلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى ئايرىيالماي ئۇزاققىچە ئاھ ئۇرۇپ ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ، تاڭ ئاتارغا يېقىن ئۇخلاپ قالدى.
   ھەپتىدىن بېرى دادىسى، ئانىسىنىڭ خەۋىرىنى ئالالماي تىت-تىت بولۇپ كەتكەن ماھىرە كۆكتات سىتىۋىلىش باھانىسىدە ئۆيدىن چىقتى. ئۇ قولىدىكى لىققىدە كۆكتات قاچىلانغان خالتىلارنى كۆتۈرگەن پىتى، يولدا ئالدىراش كىتىۋاتقان كىشىلەرگە مەقسەتسىزلا قاراپ كىتىۋاتقاندا كۆزلىرى تۇيۇقسىز قولىدا گۆش كۆتۈرگەن پىتى تاكسى توسۇپ تىتىلداپ كىتىۋاتقان ئانىسىغا چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ ئەمدىلا ئىچىلىش ئالدىدا تۇرغان قىزىلگۈل غۇنچىسىدەك يالتىراپ تۇرغان مەڭزىدە سۇس كۈلۈمسىرەش جىلۋە قىلدى. ئانىسى بىلەن تۇرغان ئارىلىقى ئانچە يىراق بولمىسىمۇ، ئۇ ئانىسىنىڭ يېنىغا بىرىپ نىمە ئىشلار بولىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن گۈلسەنەم تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى. لىكىن قېرىشقاندەك گۈلسەنەم ئالدىغىلا كىلىپ توختىغان تاكسىغا ئالدىراپ چىققىنىچە كىتىپ قالدى. ماھىرەنىڭ يۈرىكى ئىچىشتى. تېخىمۇ ئىلدامراق مىڭىپ ئانىسىغا تىزراق يىتىشىۋالمىغىنىغا ئۆكۈندى، ئۆز-ئۆزىنى ئەيىپلىدى. ‹‹ خان ئانامنىڭ دىيىشىچە دادامنى تۈرمىگە ئەكىرىپ كىتىپتۇمىش، ئەجىبا، ئانام ئاشۇ گۆشتە دادامغا تاماق قىلىپ ئىچىقىپ بىرەمدىكىنە؟ ئۇنداق بولسا نېمىشقا بىر نەچچە قېتىم مىرادىل بىلەن ئۆيىمىزنىڭ ئالدىغا بارساق، ئىشىككە قاتمۇ-قات خەنزۇچە خەت يېزىلغان ئاق قەغەز چاپلاقلىق، ئىشىكمۇ يوغان قۇلۇپتا قۇلۇپلاقلىق بولۇپ چىقىدۇ؟ ئانام ھازىر زادى نەدە تۇرىۋاتقاندۇ؟ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقاندۇ؟ ئىلگىرىكىدەك بالام، ئۆيۈم دەپ ئۆزى خالىمايدىغان بىرەر يەردە ئىشلەپ پۇل تىپىۋاتامدىغاندۇ؟ قانچلىك جاپا-مۇشەققەتتە كۈن ئۆتكۈزىۋاتقاندۇ ؟ ›› ماھىرەنىڭ خىيال قۇشلىرى تېخىمۇ يىراقلارغا پەرۋاز قىلماقچى بولغاندا، ماھىرە ئۇ قۇشلارنىڭ پىيىنى بوغۇپ ئۇچالماس قىلىپ قويدى، دە- دەرھال تاكسى توسۇپ ئانىسىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى.
   يىغىۋىلىنغان كونا تۆمۈر-تەسەك، قەغەز يەشىكلەر، ئىچىملىك قۇتىلىرى، قالايمىقان چىچىلىپ ياتقان چاچلار بۇ يوغان ھويلىدا قىغ دۆۋىسىدەك دۆۋىلىنىپ تۇراتتى. ھويلا ئىچى ئىنتايىن رەتسىز، قالايمىقان بولۇپ، بىرلا قارىغان كىشىگە تازىلانمىغىلى بىرەر يىل بولغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. ‹‹ بىچچارە ئانام بىزنى دەپ مۇشۇنداق يەردە جاپالىق ئىشلەۋىتىپتۇدە ›› ماھىرەنىڭ كۆزلىرىگە لۆممىدە ياش كەلدى. ئۇ ھازىر قولىدىكى كۆكتاتلارنى، ئۆيدە ئۇنىڭ كۆكتات ئەكىلىپ تاماق ئېتىپ بىرىشىنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئۇكىلىرىنى قىلچە يادىغىمۇ ئەكىلىپ قويماي، ئانىسى بايىلا ئالدىراپ كىرىپ كەتكەن كىچىك ئۆيگە بويۇنداپ قاراۋاتاتتى. ماھىرە بىر بىسىپ، ئىككى بىسىپ ئانىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئۆيگە كىردى.
   كونا زاماننى ئەسلىتىدىغان بۇلۇڭدىكى كونا مورا ئوچاق، ئوچاق ئالدىغا كىلىۋىلىپ دۈم يىتىپ ھەدەپ ئوت پۈۋلەپ كۆزلىرىگە تۈتۈن كىرىۋاتقان گۈلسەنەم، سۇپا ئۈستىگە داستىخاننى چوڭ يىيىۋىلىپ خىمىر يىيىۋاتقان ئابباس، نېرىدىكى پاچىقى لىڭشىپ قالغان ئۈستەل ئۈستىگە بايا ئەكىلىپلا قويۇپ قويۇلغان گۆش........ماھىرەنىڭ كۆز قارىچۇقلىرىدا ئاستا-ئاستا زاھىر بولۇشقا باشلىدى.
   -كىمنى ئىزدەيسىز؟
   ئابباس ئالدىدىكى بۇ تونۇمىغان قىزچاققا سۇئال نەزىرى بىلەن تىكىلدى. پۈتۈن زىھنى بىلەن ئوت پۈۋلەش بىلەن ئاۋارە بولۇپ كەتكەن گۈلسەنەم ئابباسنىڭ ئاۋازى بىلەن كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ ماھىرەنى كۆرۈپ توك سوقۇۋەتكەندەك چۆچۈپ كەتتى. ھەيرانلىق، شۈبھىلىنىش، قورقۇش، ئازراق خىجىل بولۇش ئالامەتلىرى ئۇنىڭ قارا كۆزلىرىدە سۇس يىلىنجاپ تۇراتتى. 10 كۈننىڭ ئالدىدا ئىنىسى مىرادىلنىڭ ‹‹ ئاچا، ئانام ساڭا بىر تاكسى شوپۇرىنى تونۇشتۇرۇپ قويماقچىكەن. ئۇ ئادەم بەك قاملاشقان، قاپقارا قاشلىق 30 ياشلاردا بار بالىمىش. ئەمدى سىنىڭ تويۇڭنى قىلىۋەتسەك ئۆي بىزگە ئوڭچە قالىدىغان بولدى ›› دەپ ئۆزىنى خىجىل قىلىشلىرىنى، تەييارلانغىنىغا ھەپتە بولغان پىچىنە-پىرەنىكلەرنى كونا ئىكەن دەپ  ياراتماي يىڭىدىن تەييارلىغان، ئۆي-ھويلىلارنى پاك-پاكىزە تازىلىغىلى سىلىپ ئۆزىنى جاپاغا سالغان ئانىسىغا قىيداپ يەنە ئاچىسىغا ‹‹ قارا، ئانام ساڭا بەك كۆيۈنىدىكەن. سىنىڭ يىگىتىنىڭ چاقىرىۋالماقچى ئىكەنتۇق. شۇڭلاشقا مۇشۇنداق تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ ›› دىگەنلىرى كۆز ئالدىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىغاندا، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئابباسنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭدىن يىرگەندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈلسەنەمنىڭ ئابباسقا قاراپ ماھىرەگە كۆز يۇمۇشلاپ تۇرۇپ ‹‹ ئۇ مىنىڭ سىڭلىم ئىدى ›› دىگەنلىرى ئوغىسىنى قاينىتىپ، پۈتۈن بەدىنى غەزەپتىن تىترەپ كەتكەن ماھىرە ئۇلارنىڭ چاقىرىشلىرىنى ئاڭلىمىغاندەك كەينىگە بۇرۇلۇپلا ئۆيدىن چىقىپ چوڭ يولغا چىقتى. ‹‹ ئەجىبا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەن ئۇنىڭ سىڭلىسى بولۇپ قالدىمما؟ مېنىڭ مىھرىبان، كۆيۈمچان ئانام ئاشۇ شۇمىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىپلاس، نۇمۇسسىز ئىشلارنى قىلىپ، ئانىلىق غورۇرىغا داغ تەككۈزىدۇ؟ كونىلارنىڭ مۇھەببەت ھەممە ئادەمنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ قويىدۇ دىگەنلىرى راستمىكىنە؟ ناۋادا شۇنداقلا بولىدىغان ئىش بولسا، قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق مۇھەببەت ! ›› ماھىرە يامغۇردەك تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىنىمۇ سۈرتمەستىن كەلگەن يولى بىلەن كەينىگە قايتتى.
   ئۆيگە قايتىپ كىلىپلا باتناپ يىتىۋالغان ماھىرە گەپ-سۆزمۇ قىلماي، سورالغان سۇئاللارغا جاۋابمۇ بەرمەي ئۈچ كۈن ياتتى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا تۇنسەخان ئاچا مىڭبىر جاپادا ئىتىپ ئەكىرگەن تاماقلارغىمۇ رايى يوق ئىدى. لىكىن ئۇكىلىرىنىڭ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرى ئۇنى تەسىرلەندۈردى بولغاي، 4-كۈنى ئەتتىگەندە ئوخشىتىپ ئىتىلگەن سۇيۇقئاشتىن بىر پىيالە ئىچىپ بولدى قىلدى. ئۇنىڭ ياشاشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلدى. ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا ساختا، ياسالمىدەك، يولدا كىتىۋاتقان ھەممە كىشىلەر ئەخلاقسىز، نۇمۇسسىزدەك، دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇدات مىھىر-مۇھەببەت دىگەننى ئەسلا بىلمەيدىغاندەك ھىس تۇيغۇ ئۇنىڭ ناتىۋان قەلبىدە ئىسيان كۆتۈرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ، غەمسىز بالىلىق ئەسلىمىلىرى قىلىپ قالغان مەھەللىسىنى كۆرگۈسى، ئاتا-ئانىسىنىڭ خۇشچاقچاق ئاۋازى، ئۇكىلىرىنىڭ غەمسىز كۈنلىرىنىڭ شاھىدى بولغان ئۆيىگە بارغۇسى كەلدى. ماھىرە باشقىلارنىڭ ‹‹ تىنىڭ ئاجىز، نەچچە كۈن تاماق يىمىدىڭ. يىقىلىپ قالىسەن ›› دەپ ئىچ ئاغرىتىشلىرىغا سۈكۈت بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، چىرايلىق كىيىنىپ ئۆيدىن چىقتى. لەپىلدەپ يىغىۋاتقان ئاپئاق قار، قار ئۇچقۇنلىرىنى ئۇچۇرۇپ غەمكىن يۈرگەن سوغۇق شاماللار ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇزلىتىۋەتتى. ئۇ ئالدىرىماي مىڭىپ ئىشىكى ئالدىغا كىلىپ پىچەتلەنگەن ئىشىكنىڭ يان ياغىچىغا يۈزىنى يىقىپ ئۆسۈپ-ئۆسۈپ يىغلاپ كەتتى. ئاھ، يىغلىۋالسا نېمانداق ياخشى، ئادەم ھەجەپ بوشاپ قالىدىكەن دىسە !
   تامغا يۆلىنىپ ماغدۇرسىز پۇتلىرىغا بىشىنى قويۇپ ئولتۇرغان ماھىرە بىرسىنىڭ يىقىملىق چاقىرىشىدىن بىشىنى كۆتۈرگەندە، قولىدا بىرەر ياشقا كىرىپ قالاي دەپ قالغان ئوماققىنە بىر ئوغۇل بالىنى كۆتۈرگەن چىرايلىق بىر ئايالنىڭ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇردى.


داۋامى يىزىلىۋاتىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazpari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-23 09:33 PM  


چۈش __ ئۇ ئەڭ تاتلىق ئۇچرىشىش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2168
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2014-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 07:32:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى چىقىۋاتىدۇ ،  

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4238
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28758
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 08:10:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ سادىق دىگەن لامزەللى ئوغىرغا ئاچچىقىم كىلىۋاتىدۇ ، ئەجەپ بوشاڭكىنا ...

  قوشلاپ يىپىنىۋالغان تاۋار يوتقانغا بىشىنى پۈركىۋالغان گۈلسەنەم سادىقنى قاتتىق-قاتتىق تۈرتۈشكە باشلىدى.،،، ماۋۇ يېرىنى تەھرېرلىۋەتسىڭىز بولارمۇ ؟

مۇھتاجىلىق بەك يامان

رەڭدار ھايات !

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4946
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1380 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 08:53:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(6)
   سائادەتنىڭ ئۆيىدە قۇۋۋەتلىك غىزالىنىپ، ياخشى ئارام ئالغان ماھىرە، بىر ھەپتىدىن كىيىن خىلىلا سەمرىپ قالدى. ئۇ ھازىر سائادەت بىلەن ئىچ سىرىنى ئىيتىشىپ، ئوبدانلا چىقىشىپ قالغاچقا، سائادەت ئىشقا چىقىپ كەتسە ئۇكىسى مۇستاپا بىلەن يالغۇز قالاتتى. ئۇ سائادەتنىڭ تەربىيە قىلىشى بىلەن ئانىسى گۈلسەنەمدىن نەپرەتلەنمەيدىغان بولغان بولسىمۇ، لىكىن يەنىلا ئاچچىقى يانمىغان ئىدى. 8 بالىنى تۇغۇپ بولغۇچە ئۆزىنىڭ قەلب قەسىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك بىر نام بىلەن تىلغا ئىلىنىدىغان ئانىسىنىڭ، يىشى بىر يەرگە بارغاندا ئۆزىنىڭ ئۇكىسى دىمەتلىك بىرى بىلەن تىلىنى بىر قىلىپ قىچىپ كىتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ ھەپتىدىن بىرى ئۇكىلىرىنى كۈندە ئويلايتتىيۇ، ئەمما بۇ توغىرسىدا سائادەتكە چىش يىرىپ بىر نەرسە دىيەلمەيتتى. ھازىر ئۇنىڭ، ئۇكىلىرىنى سېغىنغاندىن باشقا غىمى يوق ئىدى. سائادەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئاز-تولا ئۆزىنى ياساپ خىلى رەڭ تۈزەپ قالغان ئىدى.
   ئەتتىگەندە بالدۇرلا ئىشقا چىقىپ كەتكەن سائادەت چۈشتىن كىيىن سائەت 2 بىلەنلا ئۆيگە قايتىپ كىردى.
   -قىنى مېنىڭ ئالتۇنۇم.......
   سائادەت ئىشىكتىن كىرىپلا ماھىرەنىڭ قولىدىن مۇستاپانى ئالدى ۋە يۈز-كۆزلىرىگە سۆيۈپ كەتتى.
   -ئاچا، بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە كۆزلىرىڭىز ئولتۇرۇشۇپ كىتىپتۇ. قارىغاندا بەك جاپالىق ئىشلىگەن ئوخشىمامسىز؟
   -ئۇنى بىر سورىماڭا ھازىر،-سائادەت ئاستا كىلىپ ئولتۇرىۋالغاچ ماھىرەگە قاراپ سۆزىنى داۋام قىلدى،-ئەتتىگەندە ئىشقا چۈشۈشىمگىلا بىر ئايالنى ئەكىرىپتىكەن. بالىسىنى چوڭ ئوپراتسىيە قىلىپ ئىلىشىمىزغا توغرا كەلدى دەڭە. لىكىن كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىپ ئۇ بالا ئۆلۈك تۇغۇلدى.
   -ھە!...........ماھىرەنىڭ كۆزلىرى چۆچەكتەك يوغان ئىچىلدى. سائادەت ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى.
   -ماھىرە، سىزگە بىر گەپنى دەي دىگەن.
   -دەۋىرىڭ ئاچا. قۇلىقىم سىزدە.
   سائادەت پۈتۈن بەدىنى قۇلاققا ئايلانغاندەك ئۆزىگە تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرغان ماھىرەگە قاراپ بىردەم دىلىغۇل  بولغاندىن كىيىن گەپ باشلىدى:-
   -قارىسام ئۇكىلىرىڭىزنى بەك سىغىنىپ كەتكەندەك قىلىسىز. خالىسىڭىز ئۇلارنىمۇ ئەكىلىپ بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزايلى.
   -راستما؟
   ماھىرە ئولتۇرغان يىرىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ سائادەتنى قۇچاقلىۋالدى.
   -ئاچا سىز دادامنىڭ دىگىنىنىڭ ئەكسىچە بەكلا ياخشى ئىكەنسىز.
   ماھىرە خۇشاللىقتا بىلىپ-بىلمەي دىمەيدىغان گەپتىن بىرنى دەپ سالغانىدى. سائادەت ماھىرەنىڭ سۆزىگە قىزىقىپ قالدى.
   -نىمە؟ دادىڭىز مىنى نىمە دىگەن؟ ئەسكى دىگەنما ؟
   -ياقەي.......
   ماھىرە سائادەتنىڭ ئۆزىگە يالغان قىيداپ تۇرىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ گىپىنىڭ ئاخىرىنىمۇ دەۋەتتى.
   -شۇ، سىزنى سۆرۈن تەلەت، ئاچچىقى يامان دىدى.......
   تۇيۇقسىز تۇرغان سائادەت قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ ئېغىزىغا بۇ خىل ھالەتتە چىقىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ دوختۇرخانا ئىچىدە كەسىپچانلىقى، قىزغىنلىقى، چىقىشقاقلىقى، ئىسىل كىيىنىپ يۈرىيدىغانلىقى بىلەن ھەممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر ئىدى. لىكىن ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ بىر بىمارىنىڭ ئېرىگە ئۇنداق تەسىر بېرىپ قويىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى.
   -ھە راست، گەپ بىلەن بولۇپ كىتىپ ئەڭ مۇھىم گەپتىن بىرنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
   -نىمە گەپ ئاچا.
   ماھىرە سائادەتنىڭ كۆزلىرىگە چىكەتكىدەك تىكىلدى. ئۇ سائادەتكە ئامراق بولۇپ قالغانىدى.
   -ئۇكىلىرىڭىزنى ئەكىلىپ ئىككى كۈنلا تۇرغۇزايلى. ئاندىن ئۇلارنى كەتكۈزىۋىتىپ مۇۋاپىق بىر كۈندە ئىككىمىز بىللە چىقىپ دادىڭىزنى يوقلاپ كىرەيلى. دادىڭىز ئىشلەيدىغان زاۋۇتتا بىر تونۇشۇم بار ئىدى. ئازراق ئېغىزىنى تاتىلاپ باقسام، زاۋۇتتىن خەت قىلىپ بەرسە ئائىلىسىدىكىلەر كۆرۈشسە بولىدىكەن.
   -تىخى مۇستاپامۇ بار ئاچا. دادام ئۇنىمۇ دائىم سىغىنىپلا تۇراتتى.
   -ماقۇل ئەمسە....ئۇكىلىرىڭىزنى بىز دادىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ قايتىپ كىرگەندىن كىيىن يەنە پات-پات كۆرۈپ تۇرۇڭ. ئۇلارنى ئەنسىرىتىپ قويسىڭىزمۇ بولماس.
   -ئاچا، سىزگە بىر ئىشنى ئىيىتمىغانتىم......
   ماھىرە تىرنىقىنى تاتىلاپ ئاستا يەرگە قارىۋالدى.
   -قىنى دەڭە.
   -ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا مەن خان ئانامنىڭ ئۆيىگە تېلفۇن ئۇرۇپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن.
   ماھىرە سائادەتنىڭ ئۆزىگە ئىپادىسىزلا قاراپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ داۋاملاشتۇردى.
   -ئۇلارمۇ مەندىن ئەنسىرىگەندىن باشقا ياخشى تۇرىۋىتىپتۇ. ئەمما ئانامنىڭ سىڭلىسى گۈلئايىم ھاممام ئانامنىڭ ئىشلىرىدىن ئازراق خەۋەردار بولغان ئوخشايدۇ. خان ئانام شۇنداقراق گەپلەرنى قىلدى. مەن بىلمىگەن كىشى بولۇپ جىم تۇردۇم.
   -ياخشى قىپسىز. سىز ئۇ كۈنى كۆرگەن ئىشلارنى، ئانىڭىزنىڭ سىزنى ‹‹ سىڭلىم›› دىگىنىنى ئىيتىپ قويسىڭىز، خان ئانىڭىز قاتتىق خاپا بولۇپ قالىدۇ. ئۆزىنىڭ باققان پەرزەنتىنىڭ شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى سەۋەبلىك بۇنداق نۇمۇسسىز بولۇپ كەتكىنىنى بىلسە بەلكىم ئاغرىپ يىتىپ قىلىشى مۇمكىن.
   -شۇڭلاشقا دىمىدىم ئاچا.
   -ياخشى قىپسىز. ئەمدى بۇنداق ئىشلار بولسا مېنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ قويۇڭ.
   -ماقۇل ئاچا، ھە راست ئاچا. كەچتە كۆڭلىڭىز نېمە تارتىدۇ؟ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپمۇ سائەت 4 تىن ئىشىپ قاپتۇ. بۈگۈن تاماقنى بالدۇرراق يەپ، كەچتە پۇت-قولىڭىزنى تۇتۇپ قوياي.

   ئارىدىن 20 كۈنلەرچە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. ھاۋا ئوچۇق، يىتىپ كىلىۋاتقان باھارنىڭ كۆيدۈرگۈچى قۇياشى قىز مەڭزىدەك پارلاپ چىققان بىر شەنبە كۈنى سائادەت ماھىرە بىلەن مۇستاپانى ئىلىپ سادىقنى يوقلاپ تۈرمىگە چىقتى.
   يول ياقىسىدىن 50 مىتىرچە ئىچىگە تارتىپ سىلىنغان تۈرمىنىڭ ھەيۋەتلىك ئىگىز تاملىرى، چۆچەكلەردىكى ئۇچار قۇشلارمۇ ئۆتەلمەيدىغان ئېگىز سىپىللارنى ئەسلىتەتتى. ئىشىك تۈۋىدە ھەيكەلدەك قىتىپ تۇرۇشقان ھەربىيلەرنىڭ تەكشۈرۈشلىرى قاتتىق، سۇئال-سوراقلىرى كۆپ ئىدى. سائادەت قاتمۇ-قات تەكشۈرۈشلەردىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ بىر تۈرمە خىزمەتچىسىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئوتتۇرىدا چوڭ ئۈستەل، ئىككى ئورۇندۇق قويۇلغان ئىشخانا ئىنتايىن سۈرلۈك، قورقۇنچلۇق بولۇپ، ماھىرەگە ئۇلارنى ھازىرلا يالماپ يۈتىۋىدىغاندەك بىلىنىپ كەتتى. ئارىدىن خىلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن تىتما-تىتما بولۇپ كەتكەن چاپىنىنى يىپىنچاقلاپلا چىققان سادىق ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى. چۈنكى ئۇنى چاقىرغىلى كىرگەن ساقچى: -
   -ئايالىڭ بالىلىرىڭنى ئىلىپ سىنى يوقلاپ كەپتۇ.
   دىگەن ئىدى. گۈلسەنەمنىڭ ئورنىدا سائادەتنى كۆرگەن سادىق ئورنىدا دەقىقە قىتىپ قالغاندىن كىيىن، چاندۇرماي كىلىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردى.
   ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان سادىقنىڭ يۈزىدە روشەن تاياق ئىزلىرى قالغان ئىدى. مىڭىشىدىن بىر پۇتىنىڭ سەل ئاقسايدىغانلىقىنى پەملىگەن سائادەتنىڭ يۈرىكى ئىچىشىپ كەتتى. سادىقنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن ماھىرە ئۇكىسى مۇستاپانى دادىسىنىڭ قۇچىقىغا قويۇپ قويدى. بىر ياشتىن ئىشىپ قالغان مۇستاپاغا سائادەت داۋاملىق ‹‹ دادا ›› دىيىشنى ئۆگەتكەچكە، سادىقنىڭ يۈزىنى بۇدرۇق قوللىرى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ بىر نەچچە قېتىم ‹‹ دادا ›› دەۋەتتى. ئۇنى قانغۇچە سۆيۈپ پۇخادىن چىققان سادىق ماھىرەگە قاراپ سورىدى:-
   -قىزىم ئانىڭىز كۆرۈنمەيدىغۇ؟
   -ئانام..........
   ماھىرە گەپنىڭ ئۇچىنى چىقىرىپ بولغۇچە سائادەت دەرھال جاۋاب بېرىۋەتتى.
   -ئۇنىڭ مىجەزى يوق ئىكەن. شۇڭلاشقا مەن ئۇنىڭ ئورنىدا سىزگە كىيىم-كىچەك، ئازراق يىمەك-ئىچمەك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىلىپ چىقتىم. ئاڭلىسام بىر يىرىم يىل كىسىپتۇ. بۇ ۋاقىت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئۆزىڭىزنى بەردەم تۇتۇڭ.
   -كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كىتىدۇ! ھىم.........سىرتتا ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگەنلەر بۇ يەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپمۇ بىلەلمەيدۇ. ھەتتا ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيدۇ......
   سادىق بىر ئازدىن ئۆزىگە كىلىپ، يات بىر ئايالنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىندۈرۈپ قويغانلىقىنى ھىس قىلىپ دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى.
   -رەھمەت سىزگە. سىزگە كۆپ جاپا ساپتۇق. بىزدىن يانمىسا خۇدايىمدىن يانار. بۇ يەردىن چىقسام، بىر جۈپ قولۇمغا تايىنىپ ھالال ئىشلەپ جان باقىمەن. گۈلسەنەمگە مىنىڭ بۇ يەردە جاپا چىكىپ قالغانلىقىمنى دىمەڭلار. چۈنكى ئۇنىڭ تىنى ئاجىز. كۆتۈرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئاغرىپ قاپتۇمىش.
   سادىقنىڭ مىسكىنلىك يىغىپ تۇرغان چىرايىغا قارىغان سائادەتنىڭ ئىچى سىيرىلىپ كەتتى. گۈلسەنەمنىڭ ئالتۇنغا بەرگۈسىز مۇشۇنداق ياخشى ئىرى تۇرۇپ، تالاغا قاراپ قالغانلىقىغا ھەيران بولدى. ماھىرەنىڭمۇ كۆزلىرى ياشلانغان بولۇپ، پاڭڭىدە يىغلىۋىتىشتىن ئۆزىنى ئاران-ئاران تۇتۇپ تۇراتتى.
   كۆرۈشۈش ۋاقتى توشۇپ ساقچى سادىقنى چاقىرىپ ئىلىپ ماڭماقچى بولغاندا، ماھىرە دەرھال كىلىپ دادىسىنى قۇچاقلىۋالدى:-
   -دادا، ئەمدى سىلەرنى چىرايلىق كىيىم ئىلىپ بىرىڭلار دىمەيمەن. كۈندە گۆش يىيەلمىدۇق، گۆشسىز تاماق ئەتكۈم يوق دەپ سىزدىن ئاغرىنمايمەن. دادا، تىزراق قايتىپ چىقىڭ. مىنىڭ يەنە شۇ بۇرۇنقى ئىللىق ئائىلىدە ياشىغۇم بار....
   سادىق ماھىرەنىڭ سۆزلىرىنى ئاخىرىغىچە ئاڭلاشقا تاقىتى يەتمەي ساقچىنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ كىتىپ قالدى. ئۇنىڭ پات-پات چاپىنىنىڭ يىڭى بىلەن كۆزلىرىنى سۈرتۈشىدىن ئۇنىڭمۇ ئازابلانغانلىقى، يىغلىغانلىقى بىلىنىپلا تۇراتتى. سائادەت بىر قولىدا مۇستاپانى كۆتۈرۈپ، بىر قولىدا ماھىرەنى يۆلەپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەچ بۇ سۈرلۈك ماكاندىن ئايرىلدى.


داۋامى يىزىلىۋاتىدۇ.......



چۈش __ ئۇ ئەڭ تاتلىق ئۇچرىشىش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3929
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 482 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 01:54:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بەك تەلەيلىك .ئىكەنمەن بىرىنجى بالدۇرلا  ئوقۇۋاپتىمەن ئەمەسمۇ !  
قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن   داۋامىغا تەشنامىز

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!

نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10050
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1144 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 12:12:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا خۇدايىم!
ئادەمدەك ئەسكى مەخلۇق يوق ھە جاھابدا!

جاھان

غەلبە تىرىشچانل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11093
تۆھپە نۇمۇرى: 826
توردا: 1185 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2014-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 06:13:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىۋاتىدۇ ناز. داۋامىنى تىزراق يېزىۋەتكەن بولسىڭىز.

ئەمما ئاۋۇ گۇلسەنەم دىگەن خۇتۇننىڭ قىلغان ئىشلىرى پەقەت ئىدىيەمدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ. جاھاندا شۇنداقمۇ ۋىجدانسىز كىشى بارمىدۇ، نەچچە يىللىق ئىرى تۇرمۇشتا ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ بولغىچە باشقا ئەرنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالغىنى نىمىسى.

مۇھەببەت ياخشى كۆرگەنلەرگە ئەمەس، قەدىرلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2168
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2014-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 11:19:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ۋاقتىڭىز چىقماپتۇدە ئاخىرىنى يىزىشقا ، چۈشتىن بۇرۇن ئۇقۇپ بولغان ئىدىم ئاخىرىنى ئۇقارمەن دىسەم تېخى يوقكەن

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87134
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1685
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 430 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 09:49:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى قاچانلىققا يوللارسىز.
بىز بەك ساقلاپ كەتتۇق.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش