مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nazpari

قەرزدار سۆيگۈ ـــ پوۋىست (مىسرانىم مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرىگە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1147
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2014-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 12:46:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە يوققۇ ئاخىرى؟

بِسْــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91680
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 696
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-2-14
ئاخىرقى: 2014-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 06:13:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ياخشى ئەسەر

بِسْــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ ارَّحِيم

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86252
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 773
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 06:45:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى  قىنى  ، بەكلا ساقلاپ كەتتۇق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3843
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9715
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2297 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 07:18:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈتۈپ تۈراي

بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كېتىدۇ

رەڭدار ھايات !

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4946
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1380 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 09:46:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(7)




   سائادەتنىڭ تونۇشتۇرىشى، تۇنسەخان ئاچىنىڭ كۆز يىشى قىلىپ تۇرۇپ ماقۇللۇق بېرىشى بىلەن ماھىرەنىڭ تويى بولۇش ئالدىدا تۇراتتى. ئوغۇل  تەرەپ سائادتنىڭ بىر يېقىن تونۇشى بولۇپ، تويى بولماقچى بولغان يىگىت ناھىيەگە يېقىنراق بىر يىزىدا مۇئەللىملىك قىلاتتى. ئۇ ماھىرەنى بىرلا كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قالغاچقا، چوڭلارمۇ ماقۇل بولۇشقانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سائادەت ئۇلارغا ماھىرەنىڭ ياخشى گىپىنى تولا قىلىپ بىرىپ ئۇلارنىمۇ ماھىرەگە ئامراق قىلىپ قويغانىدى. لىكىن ماھىرە دادىسىنىڭ مەسلىھەتنى ئالمىسا توي قىلمايدىغانلىقىنى، دادىسى چىققۇچە ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىمىدى. ئوغۇل تەرەپنىڭ ئالدىرىتىشى بىلەن تۇنسەخان بىلەن سائادەت تۈرمىگە چىقىپ سادىق بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كىيىن ئىككىسى ھەر تەرەپتىن چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىپ ماھىرەنىمۇ قايىل قىلغانىدى. ماھىرە دەسلەپتە ئۇزاق ئولتۇرۇپ كىتىپ، كىيىن سائادەتنىڭ باغرىغا سىڭىپ ئۇزاققىچە ياش تۆكىۋالغاندىن كىيىن ‹‹ بوپتۇ ئاچا، سىز نېمە دىسىڭىز ماقۇل دەي. چۈنكى سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ياخشى. سىزمۇ ماڭا ياخشى بولسۇن دەۋاتىسىز. نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ماڭا ئۆز ئانامدەك مۇئامىلە قىلدىڭىز. مەيلى، سىلەرنىڭ دىگىنىڭلاردەك بولسۇن!›› دەپ سائادەتنىڭمۇ ئىچ-باغرىنى ئېزىۋەتكەنىدى.
   -لىكىن سىزدىن بىر ئۆتۈنىدىغان ئىشىم بار ئاچا. دىسەم خاپا بولۇپ قالارسىزمۇ؟
   -قېنى، دەۋىرىڭ.
   -گەرچە ئانام بىزنى تاشلاپ يات بىر خەق بىلەن قىچىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا مېنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان ئانام. تويۇمدا داداممۇ يوق، ئاناممۇ يوق بولۇپ قالسا يىتىمسىراپ قىلىشىم مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئانامغا باغاق ئاپىرىپ بەرگەچ، ئۇنى تويۇمغا تەكلىپ قىلىپ قويۇپ كىلەي دىگەنتىم.
   -ياخشى ئويلاپسىز. سىز دىمىگەن بولسىڭىزمۇ مەن ئەلۋەتتە شۇنداق قىلغان بولاتتىم.
   سائادەت بىلەن ماھىرە ئانا-بالىدەك بىر-بىرىنى مىھىر بىلەن قۇچاقلىدى.
   ماھىرە ئانىسىنىڭ بىر  تال باغىقىنى قولىدا مەھكەم تۇتقان ھالدا بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئۆزى يىرگىنىپ، سەسكىنىپ چىقىپ كەتكەن ۋەيرانە ھويلىغا قەدەم باستى. ھويلىنىڭ ئىسكەتى يەنىلا شۇ پىتى تۇراتتى. ئوتتۇرا ياشلىق، ئۇستىخانلىق، تەمبەل بىر ئادەم يەردە چىچىلىپ ياتقان قەغەز يەشىكنىڭ پارچىلىرىنى ئۈستىگە ئىتىپ دۆۋىلەۋاتاتتى. ماھىرە ئاستا كىلىپ ئەدەپ بىلەن سالام بەردى.
   -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا.
   -ھە.....ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
   ئۇستىخانلىق ئەر بىشىدىكى كىر دەستىدىن قاسماقلىشىپ ئەسلى رەڭگىنى يوقاتقان بادام دوپپىسىنى كەينىگىراق سۈرۈپ قويۇپ ماھىرەنىڭ بىشىدىن ئايىغىغىچە سەپسىلىپ قاراپ چىقتى.
   -ئالدىنقى قېتىم مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇرغان بىر ئەر بىلەن بىر ئايال ھازىرمۇ مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇرامدۇ؟
   -ياق. ئۇلار كۆچۈپ كەتتى. ئاۋۇ ئىتتىپاق يولىدىكى يېڭىدىن سىلىنغان 29 قەۋەتلىك بىنانى بىلەمسىز؟ ئۇلار شۇ بىنانىڭ 29-قەۋىتىگە كۆچۈپ كەتتى. تىخى ئۇلار يىڭىدىن سىتىۋالغان نەرسىلىرىنى ماڭا كۆپ پۇل بىرىپ توشۇتقۇزغان.....ۋوي، ھەجەپ يىپتىن-يىڭنىسىگىچە سۆزلەپ بىرىپتىمەنغۇ. سىز كىم بولىسىز ئۇلارنى سۈرۈشتۈرگۈدەك.
   ماھىرە دۇدۇقلاپ قالدى.
   -مەن..مەن.....مەن ئۇلارنىڭ تۇققىنى بولىمەن. ئۆيىمىزدە بىر توي ئىشىمىز بولغاچ، ئۇلارغا باغاق ئىلىپ كەلگەنتىم.
   -تۇغقىنى؟ ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ‹‹ئاتا-ئانىمىز كىچىكىمىزدە ئۆلۈپ كەتكەن. بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىز يوق ›› دەپ يۈرۈشىۋاتاتتىغۇ. توۋا قىلدىم خۇدايىم، قاتتىق توۋا،-ئۇ كىشى يوق ساقىلىنى سىيپىغاچ كايىپ كەتتى.-قارىسام كىچىكلا قىزكەنسىز. ئۇلارنىڭ ھىچنىمىسى يوق، مۇشۇ كەپىدە ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرگەندە بىرەر قېتىممۇ كىلىپ قويمىغانتىڭىزغۇ. ئەمدىلىكتە ئۇلارغا ‹‹غايىپتىن خەزىنە ئۇچراپ›› بىيىپ قالغاندا ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولىۋالغىنىڭىزنى قاراڭ. بۇنىڭغا قارىغاندا، ھەممە ئادەمنىڭ پۇلى كۆپ، باي بولسا ياخشىمۇ نىمە؟ مانا مۇشۇنداق ئىزىپ-تىزىپ قالغان ئادەملەرمۇ ‹‹ تۇغقىنى›› بولۇپ كىلىۋىرىدىكەن ئەمەسمۇ!
   ماھىرە ئۇ ئادەم بىلەن تاكاللىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى پەملەپ دەرھال كەينىگە قايرىلىپ، چوڭ يولغا چىقىپلا تاكسى توسۇپ كىتىپ قالدى.
   شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، يېڭىدىن سىلىنغان 29 قەۋەتلىك بىنانىڭ 29-قەۋىتىدىكى مىللىيچە ئۇسلۇبتا چىرايلىق زىننەتلەنگەن، قىممەت باھالىق دۇخاۋا پەردىلەر، ئالىي دەرىجىلىك سافا، ئەينەك ئۈستەللەر، يالتىراق گۈل تەشتەكلىرىدىكى ئادەمگە ھوزۇر بىغىشلايدىغان چىرايلىق گۈللەر بىلەن بىزەلگەن بۇ ئۆيدە بۈگۈن ئاددىيلا زىياپەت بىلەن ئابباس بىلەن گۈلسەنەمنىڭ نىكاھى ئوقۇلىۋاتاتتى. ئابباسنىڭ ئاتا-ئانىسى كىچىكىدە ئۆلۈپ كەتكەچكە ئۇنى چوڭ دادا، چوڭ ئانىسى بىقىپ چوڭ قىلغان. ئۇلارمۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇ شەھەرگە قايتىپ كىرىپ تىرىكچىلىك يولىنى قىلىپ ئۇرۇق-تۇققانلار بىلەن بېرىش-كىلىش قىلمىغاچقا، ئاساسەن ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىمۇ يوق دىيەرلىك ئىدى. گۈلسەنەممۇ ئاتا-ئانام ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇرۇق-تۇققانلىرىم يوق دەپ تۇرىۋالغاچقا، بۈگۈن ئۇ يىقىن ئاغىنىسىدىن 3-4 نى چاقىرىپ، ئىلگىرىكى مەھەللىسىدىكى مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمامى بىلەن مەزىنىنى چاقىرغانىدى.
   ئۇ كىشىنىڭ ئىيتىپ بەرگىنى بويىچە ئاسانلا تىپىپ كىلىۋالغان ماھىرە لىغىتنىڭ يەڭگىل تىترەپ توختىشى بىلەن پەلەمپەينىڭ كىچىككىنە كارىدورىدا، ئابباس ۋە گۈلسەنەم ئۇزىتىپ چىققان مېھمانلار بىلەن دوقۇرىشىپ قالدى. ئاپئاق ساقاللىق، بىشىغا يوغان سەللە ئورىۋىلىشقان كىشىلەرنى، يەنە 3-4 كىشىنى كۆرگەن ماھىرەنىڭ ئاچچىقتىن قان قۇيغاندەك قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى گۈلسەنەمنىڭ خۇشاللىقتىن چاقناپ كەتكەن چىرايلىق كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا گۈلسەنەم باشقا تەرەپكە قارىۋالدى. مېھمانلار بۇ كۈتۈلمىگەن مېھماننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگۈسى كەلمىگەندەك ئۆي ئىگىلىرى بىلەن چىرايلىق خوشلىشىپ كىتىپ قىلىشتى.
   ۋاقىت دەقىقە، مىنۇت، سىكۇنتلاپ ئۆتمەكتە. گۈلسەنەمنىڭ قاتتىق زورلىشى بىلەن ئۆيگە كىرگەن ماھىرە خۇددى بىرى گىلىنى بوغۇۋاتقاندەك، نەپىسى قىينىلىۋاتقاندەك بىئارام بولماقتا. شۇنچە خۇشپۇراق، شۇنچە كەڭتاشا چىرايلىق بىزەلگەن بۇ ئۆي ئۇنىڭغا زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتىن بىشارەت بەرمەكتە. كۆڭلى ئۇيۇپ، ئاللىقانداق ۋەھىمىلىك ئوي-خىياللار كىچىككىنە كاللىسىنى قايمۇقتۇرماقتا. ماھىرە بىلەن گۈلسەنەمنىڭ ئاندا-ساندا ئۇچرىشىپ قالىدىغان كۆزلىرى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياقماقچى بولغاندەك ھەسرەتلەنمەكتە. قايغۇرماقتا.
   خىلى ئۇزۇن داۋام قىلغان بۇ سۈكۈتكە بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئابباس ئاخىرى ئېغىز ئاچتى.
   -تىشلىق كەپسىزمۇ سىڭلىم. ئالدىنقى قېتىم ھىلىقى ئۆيىمىزگە بېرىپ ئاچىڭىز بىلەن تىشلىق-ئامانلىقمۇ سورىماي كىتىپ قالدىڭىز. ئاچىڭىز نەچچە كۈنگىچە بىئارام بولۇپ، تۈزۈك تاماقمۇ يىمىدى. ئۇخلىيالماي نەچچە كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدى. سىزمۇ شۇنىڭدىن بىرى يوقاپلا كەتتىڭىز.
   -ھەئە ‹‹ئاكا››-دىدى ماھىرە چىشىنىڭ ئارىسىدىن ئۇرغۇلۇق قىلىپ،-‹‹ئاچام›› سىز بىلەن كىتىپ قالغاندىن كىيىن ئۇنى بەكلا سىغىندىم. نۇرغۇن كىچىلەرنى ئايغا قاراپ خىيال سۈرۈپ ئۆتكۈزدۈم. لىكىن ‹‹ئاچام›› دىن قىلچە خەۋەر بولمىدى. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇنى بازاردا ئۇچرىتىپ قىلىپ كەينىدىن ئەگىشىپ سىلەرنىڭ ھېلىقى ئۆيۈڭلارغىچە باردىم. دەل شۇ ۋاقىتتا يۈرىكىمگە بىر پىچاق سانچىلغاندەك بولۇپ كەتتى. يۈرىكىم ئاغرىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ دىل يارامنى ‹‹ ئاچام›› غا كۆرسەتكۈم كەلمەي، سىلەر بىلەن خوشمۇ دىيىشەلمەي كىتىپ قالدىم. ئۆگۈنلۈككە مېنىڭ تويۇم بولىدۇ. ‹‹ ئاچام ›› نى قاتنىشىپ بىرەمدىكىن دەپ تەكلىپ قىلىپ كىلىشىم ئىدى.
   -خاپا بولماڭ سىڭلىم. نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سىزنى چاقىرىۋالساق بولاتتى. لىكىن ئۆيىمىز كونا، تۈزۈك سەرەمجىنىمىز بولمىغاچقا خىجىل بولدۇق. مانا بۈگۈن بىز ئىككىمىزنىڭ قۇتلۇق نىكاھىمىز ئوقۇلدى. ئۆگۈنلۈككە ئۆتكۈزىلىدىغان تويىڭىزغا بىز چوقۇم قاتنىشىمىز. ئاكىڭىز بولغاندىكىن بالدۇرراق بېرىپ قارىشىپ بەرمىسەم بولماس. ھە راست، تويىڭىزنى كىم باش بولۇپ قىلىپ بەردى؟ گۈلسەنەمدىن ئاڭلىسام ئاتا-ئاناڭلار كىچىك ۋاقتىڭلاردىلا ئۆلۈپ كىتىپتىكەنغۇ.
   ماھىرەنىڭ يۈرىكىدىكى ئاغرىق چىرايىغا تەپتى. ئۇنىڭ يۈزلىرى كۆكۈچ تۆمۈر رەڭگىگە كىرگەن بولۇپ، مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇ ئانىسىغا ئىچ-ئىچىدىن ئۆچ بولۇپ كەتكەن، ئۇنىڭغا قاتتىق نەپرەتلەنگەنىدى. لىكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئانىسى ئىدى. شۇڭلاشقا ماھىرە ئانىسىنى ئاياپ بولسىمۇ ئابباسقا جاۋاب بېرىشى كىرەك ئىدى.
   -بىزنى كىچىكىمىزدە ‹‹بىقىۋالغان›› بىر چوڭ ئانىمىز بار ئىدى. ‹‹ئاچام›› نىڭ دىگەنلىرى توغرا. ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى يۇرتتا يوق ئىدى. 10 كۈندەك بولدى، قايتىپ كەپتىكەن. ‹‹ چوڭ بولۇپ قاپسىز قىزىم، ئىگە بولغۇدەك ئادىمىڭىز يوق. كۆزۈمنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا تويىڭىزنى قىلىۋىتەي. ›› دەپ چىڭ تۇرىۋالدى. شۇڭلاشقا مەنمۇ قوشۇلدۇم.
   ماھىرەنىڭ بىر گىپى مىخ، بىر گىپى زىخ بولۇپ، گۈلسەنەمنىڭ يۈرىكىگىلا سانچىلىۋاتاتتى. ئۇ ماھىرەنىڭ چىشىنىڭ ئارىلىقىدىن چىقىرىپ ئېيىتقان ئۇرغۇلۇق گەپلىرىنىڭ نەق ئۆزىگە قارىتىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ نەقەدەر ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى، لىكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۆزىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ كۆڭلى يېرىم بولدى. يۈرىكى قوقاسقا تاشلىغاندەك پۇچۇلىنىپ كەتتى. مۇشۇ پەيتتە ئۆيدە ئابباس بولمىغان بولسا، ماھىرەنى باغرىغا بىسىپ قانغۇچە يىغلىۋالسا، ئۆزىنىڭ ‹‹ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ›› ئىزىپ كەتكەنلىكىنى، ئابباسقا كۆڭلى چۈشۈپ قالغاچقا كۆزى ‹‹قارىغۇ›› بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرگۈسى كەلدى. لىكىن ئۇ ئۇنداق قىلالمايتتى. ئۇنى جۈرئەت قىلالمايتتى دىگەندىن كۆرە، بۇ چىرايلىق ئۆيدىن قۇرۇق قالغۇسى يوق ئىدى دىسە ئەڭ ئاقىلانىلىك بولاتتى.
   -‹‹ئاچا›› ئەمسە مەن قايتاي. بۇنىڭدىن كىيىن پات-پات ‹‹ئىزدىشىپ›› تۇرايلى.
   ماھىرە شۇنداق دەپ قولىدىكى توي باغىقىنى ئۇلارغا بەرگەندىن كىيىن خوشلىشىپ چىقتى. ئابباس تاماققا توختاڭ دەپ قانچە تۇتقان بولسىمۇ، ئۇ رەت قىلىپ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قالدى.
   خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەرىكە زالىدا نەغمە-ناۋاسىز ئۆتكۈزىلىۋاتقان بۇ توي تۇنسەخاننىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى، سائادەتنىڭ ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن قىززىپ كەتكەن ئىدى. تويغا-كىلىپ كىتىۋاتقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. سائادەت دوستلىرىغا ئالدىن تاپىلاپ قويغان بولغاچقا، ماھىرەمۇ يالغۇز قالمىدى. سائادەتنىڭ دوستلىرىنىڭ قىزلىرى كىلىپ ئۇنىڭغا قىززىق يۇمۇرلارنى، قىزىقارلىق گەپلەرنى ئېيتىپ بىرىپ كۈلدۈرۈپ ئولتۇردى. ماھىرەمۇ ئۇلارغا جاۋابەن سۇس كۈلۈمسىرەپ رازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
   زال ئىشىكىدىن كىرگەن يەردە بىر ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرىۋالغان خوتۇنلار ھىلىدىن-ھىلىغا چاقچاقلىشىپ كۈلۈشەتتى. ئۇلارنىڭ كۈلكە ئاۋازلىرى زالدىكى كىشىلەرنى ئۇلارغا قاراشقا مەجبۇر قىلاتتى.
  -سائادەت، خېلى ئىپىڭ بار جۇمۇ سىنىڭ. ھىچ كۈچىمەيلا بىر نەچچە ئاي ئىچىدە نەچچە بالىغا ئانا بولۇپ بولدۇڭ مانا.
   شۇ،شۇ.....بىزدەك نەچچە ئاي قورساق كۆتۈرمەي، دەھشەتلىك سىزىك ئازابى تارتمايلا بالىلىق بولىۋالدىڭ جۇمۇ.
   -راست دەيسىلە. بۇنى خىلى گەپتان، نىمە گىپى بولسا بىزدىن سىر ساقلىمايدۇ دەپ يۈرۈيتتۇق. لىكىن بۇ قېتىم بىزدىن يوشۇرۇن ھەممە ئىشلىرىنى يەڭ ئىچىدىلا يۈرۈشتۈرىۋاپتۇ ئەمەسمۇ.....
   -دىمىسىمۇ شوخ، چىرايلىق تۇرسا بۇ. ھەر قانداق ئەرنىڭ قولىغا قوندۇرىۋالغۇسى كىلىدۇ بۇ قۇشنى......
   ۋە.....................
   سورۇندا يەنە كۈلكە كۆتۈرۈلدى. بويۇنلىرىغىچە شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن سائادەت خىزمەتداشلىرىنىڭ ماختاشقىمۇ، ئەيىپلەشكىمۇ ئوخشىمايدىغان بۇ چاقچاقلىرىنى بوپتۇ دەپلا ئۆتكۈزىۋەتتى.
   -ئۇنداق بولسا سىلەرمۇ شۇنداق ‹‹ ئانا ›› بولىۋالامسىلەر يا !
   سائادەت كۈلۈپ تۇرۇپ ھەممىسىگە تەكشى بىر قاراپ چىقتى. ئۇنىڭغىچە كەينىدىن كەلگەن بىرسى ئۇنى تارتقۇشلاپ قۇلىقىغا پىچىرلىدى.
   -سائادەت ئاچا، ماھىرەنىڭ ئانىسى كەپتۇ. ئالدىغا چىقامسىز يا ؟
   بالىلىرىنى تاشلاپ كىتىشكە كۆڭلى ئۇنىغان بۇ باغرى تاش ئانىنى تۇغۇتىدا ئېنىق كۆرەلمىگەن سائادەتنىڭ ئۇنى ئېنىق كۆرىۋالغۇسى، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشىۋالغۇسى بار ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ دوستلىرىدىن ئۆزرىخاھلىق سورىدى:-
   -كەچۈرۈڭلار. ئەزىز بىر مېھمىنىم كىلىپ قالدى. سىلەرنىڭ يىنىڭلارغا سەل تۇرۇپ كىلىمەن.
   -بارە،بار. بەلكىم ‹‹قېينىئاناڭ››دۇ. بىزدىنمۇ ئەزىز مېھمىنىڭ بولغىنىغا قارىغاندا چوقۇم شۇ...
   ئاياللارنىڭ كۈلكىسىگە بىردەم جۆر بولغان سائادەت ئالدىراپ ماھىرە ئولتۇرغان ئۆيگە كىردى.   كۆز ئالدىدا قاپقارا قۇندۇز چاچلىق، ئورغاق ئاينى ئەسلىتىدىغان ئەگىم قاشلىق، بادام قاپاق ئاستىدىكى يوغان قوي كۆزلۈك، ئىقىپ چۈشكەندەك قاڭشارلىق بۇرۇنلۇق، ئالۇچىدەك قىپقىزىل لەۋلىك بىر ئايال يەرگە بىقىپ ئولتۇراتتى. سائادەت ماھىرەنىڭ ئانىسىنى چىرايلىق دەپ تەرىپلەپ بەرگەنلىكىنى ئازاب بىلەن ئەسكە ئالدى. ‹‹ ئۆز ۋاقتىدا ئۇ تۇغۇتلۇق ياتقاندا چىرايىنى ئېنىق كۆرمىگەندىمەنمۇ ياكى بۈگۈن باشقىچە چىرايلىق بولۇپ قالغانمىدۇ؟ مەن ئۇنى بۇنچە چىرايلىقتۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە راستىنلا چىرايلىق ئىكەن ئەمەسمۇ! لىكىن كونىلارنىڭ چىرايلىقتا ۋاپا يوق دىگىنى راست ئوخشايدۇ. ئېرى ئۇياقتىن تۈرمىگە چۈشۈپ بولغۇچە، بۇياقتىن توي قىلمىغان ياش يىگىتنىڭ كەينىدىن كىتىپ قالسا، ھەر قانداق ئادەم نەپرەتلىنىدۇ دە ›› سائادەتنىڭ خىياللىرى گۈلسەنەمنىڭ ئۇنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇشى بىلەن چورتتىدە ئۈزۈلدى. ئۇلار تىشلىق-ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن، ئىچىدىكى گىپىنى قىلىشالماي ئۇزاق ئولتۇردى. سائادەت ‹‹ شۇنچە ياشقا كىرىپ ئۆزىنى بۇزغۇچە، ئېرىنى ساقلاپ ئولتۇرسا بولىدۇ ›› دەپ ئويلىغان بولسا، گۈلسەنەممۇ ئۆز نۆۋىتىدە ‹‹ نېمە قىلىدۇ مىنىڭ بالىلىرىمغا ئانا بولىۋىلىپ. ئۆزىنى بىلمەيدىغان پەس، رەسۋا ›› دەپ ئىچىدە نەچچىنى تىللاپ قارغاۋاتاتتى.
   توينىڭ ئالدى-كەينىدىكى ھەشەم-دەرەملىرى ئاخىرلاشقان بىر كۈنى سائادەت مۇستاپانى ئوينىتىپ كىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتى. يول بويىدىكى يوپۇرماق چىقىرىۋاتقان چىنار دەرەخلىرى، ئورمان بەلۋاغلىرىدىكى ياش مايسىلار، باھارنىڭ ئىللىق مەيىن شامىلى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى سىھىرلەپ، مۇستاپاغا بولغان ئانىلىق مېھرى-مۇھەببىتىنى دولقۇنلىتىۋەتكەنىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-27 08:27 PM  


چۈش __ ئۇ ئەڭ تاتلىق ئۇچرىشىش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87134
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1685
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 430 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 10:00:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى بارمۇ - يە .
ياخشى يېزىلغان ئەسەر ، قەلەم قۇۋېىتىڭىزگە بارىكاللا.

رەڭدار ھايات !

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4946
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1380 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 10:08:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazi0997 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-25 10:00 PM
ئاخىرى بارمۇ - يە .
ياخشى يېزىلغان ئەسەر ، قەلەم قۇۋېىتى ...

داۋامى بار.
يېزىلىۋاتىدۇ.......
ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزغا تەشەككۈر.

چۈش __ ئۇ ئەڭ تاتلىق ئۇچرىشىش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86252
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 773
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 12:42:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇمكىن بۇلسا ئازراق ۋاختىڭىزنى چىقىرىپ تىزرەك يىزىڭە ، بەك ساقلاپ كەتتۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24056
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1010
تۆھپە نۇمۇرى: 1211
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 03:33:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامىز .

ئادەم بىلگەننى بىلمەيمەن دىسە ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ،بىلمەيدىغاننى بىلىمەن دىسە تۇتۇلۇپ قالىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13164
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9557
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 2834 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2014-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 12:55:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazpari يوللىغان ۋاقتى  2013-2-25 10:08 PM
داۋامى بار.
يېزىلىۋاتىدۇ.......
ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىز ...

قاچان يازىسىز؟بەك ياخشى چىققان ئەسەر ئىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش