مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nazpari

قەرزدار سۆيگۈ ـــ پوۋىست (مىسرانىم مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرىگە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2168
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2014-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 04:28:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ھايات ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساب

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16558
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6871
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2014-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 09:26:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىزرەك يىزىپ تۇگىتۋەتسىڭىزكەن....

بەزىلەر ئەرلەرنى دەيدۇ باغىرى تاش،
سەۋەبى ئاددىيلا  تۆكمىگەچكە ياش.
ۋە لىكىن ئەرلەرمۇ مۇھەببەتكە باي،
مېھرى بەك ئللىقتۇر گوياكى  قۇياش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87134
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1685
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 430 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 09:52:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىرسەم داۋامى يەنە يوللانماپتىغۇ؟.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29428
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5659
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 6557 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2014-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 02:25:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سائادەت بىلەن گۈلسەنەم مۇستافا يىڭى تۇغۇلغاندا كۆرۈشۈپ بولغاندەك قىلغان، بۇ تويدا يانا يىڭى كۆرۈشكەندەك يىزىلىپ قالدىمۇ قانداق؟

رەڭدار ھايات !

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4946
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1380 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 03:13:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(8)


   بەدىنىگە چىپپىدە كىلىدىغان قىپقىزىل يوپكا-چاپىنىنى كىيىپ، گىرىم ئۈستىلى ئالدىدا ئۆزىنى بىر قاتار تۈزەشتۈرگەن ماھىرە ئەپچىلگىنە قول سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ئىشىتىن چىقتى. باھارنىڭ قىز مەڭزىدەك قىزىرىپ چىققان ئەتتىگەنلىك قۇياشى ئادەمنى ھوزۇرلاندۇرسا، يامغۇردىن كىيىنكى ساپ ھاۋا كىشى قەلبىگە پۈتمەس-تۈگىمەس ئىللىقلىقلارنى ئاتا قىلاتتى. سائادەتنى، ئۇكىلىرىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولغان ماھىرە يول بويى بىر قانچە تاكسى توسىغان بولسىمۇ، ھەممىسىدە دىگۈدەك ئادەم بولغاچقا يەنىلا پىيادە مىڭىشقا توغرا كەلدى. ئارىلىق ئانچە يېراق بولمىغاچقا ماھىرە بىردەمدىلا سائادەتنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كىلىپ قوڭغۇراقنى باستى. ياغلىقنى چىكىلەپ تىڭىپ، ئالدىغا پەرتۇق تارتىۋالغان سائادەت قوللىرى خېمىر يۇقى ھالدا ئىشىكنى ئاچتى.


   -ۋاي كىلىڭ، كىلىڭ. ھەقىچان سىزنى كەلدى دەپ ئويلىغانتىم. كۆزلىرىمدىن ئۇچۇپلا كەتتىڭىزغۇ......


   ئىككىسى ئىشىكتىلا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ئۇلارنىڭ بۇ ھالىنى باشقىلار كۆرسە ‹‹ ئۇزۇن يىل ئايرىلىپ تۇرغان ئانا-بالا ئوخشايدۇ ›› دەپ قالاتتى.


   -ئۇنى بىر دىمەڭە ئاچا. سىلەرنى شۇنداق سىغىنىپ كەتتىمكى، قانات چىقىرىپ ئۇچۇپلا كەلگۈم كىلىپ كەتتى. توي قىلمىسام بوپتىكەن دەپ پۇشايمانمۇ قىلدىم تىخى...


   دىدى ماھىرە سائادەت بىلەن قول تۇتىشىپ كىلىپ سافادا ئولتۇرغاچ.


   -ۋاي ماۋۇ قىزنىڭ گىپىنى كۆرۈڭ ئەمدى. ئادەم دىگەن قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلمايدىغان.


   سائادەتنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ قىلغان سۆزلىرى ماھىرەگە روھىي ئوزۇق بولدى.


   -ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەن ئاچا. شۇ سىلەرنى سىغىنىپ كىتىپ........


   ماھىرەنىڭ ئوماققىنە يۈزى ۋىللىدە قىزاردى. سائادەت ئالدىن تەييارلاپ قويغان داستىخانغا ماھىرەنى تەكلىپ قىلغاچ سۆز باشلىدى.


   -كونىلار ‹‹ كۆيگەن يامانمۇ؟ كۆنگەنمۇ؟ دىسە، كۆنگەن يامان ›› دەپ بىكار ئېيتماپتىكەن. سىز بىلەن شۇنداق كۆنۈپ قاپتىكەنمەن. سىز كىتىپ ئىككى-ئۈچ كۈنگىچە ئۆي ئىچىدە خۇددى سىز باردەكلا ئىسمىڭىزنى چاقىرىپ كىتىپتىمەن.


   -ئاچا، مۇستاپا كۆرۈنمەيدىغۇ؟


   سورىدى ماھىرە چاپىنىنى سىلىپ ئاسقۇغا ئىسىۋاتقاچ. ئۇنىڭ بۇ بىر ھەپتىدىن بىرى زارىقىپ كۈتكىنىمۇ پەقەت سائادەتلا بولماستىن بەلكى ئوماق ئۇكىسى مۇستاپامۇ بار ئىدى.


   -مىرادىل، مۇراتلار كەپتىكەن. ئوينىتىپ ئەكىرىمىز دەپ ئىلىپ چىقىپ كەتكەن. كىرىدىغان ۋاقتىمۇ بولاي دىدى.


   -ئۇلار قاچان كەپتىكەن؟


   -ئەتتىگەندە مۇستاپاغا سۈت پاراشۇكى تەڭشەۋاتسام ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى. مەن تېخى ئالىم ئەتتىگەندە ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن سىزنى ئەكىلىپ قويغاچ ئىككىسى بىللە كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئىشىكنى ئىچىپ قارىسام بالىلار ئىكەن. ناشتا قىلىۋىلىپ مۇستاپانى ئىلىپ چىقىپ كەتكەن. كىرىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى.


   سائادەت يۇغۇرىۋاتقان خىمىرىنى داس بىلەنلا كۆتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۈستەل ئۈستىدە قويۇپ ماھىرە بىلەن پاراڭلاشقاچ تاماققا تەييارلىق قىلدى.


   -ئاچا، بىر گەپ قىلسام خاپا بولارسىزمۇ؟


   -ئاۋال ئىيتىپ باقمامسىز. قارىڭە سىزنى، ئايرىلغىلى ھەپتە بولار-بولمايلا تۈزۈت قىلىدىغان بولۇپ كىتىپسىزغۇ.


   ماھىرەنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ، چوڭ كۆزلىرى جىددىي تۈس ئالدى.



   -بۇ ئىش سىزنىڭ قولىڭىزدىن كىلىدۇ، پەقەت سىز ماقۇل دىسىڭىزلا. - ئۇ سائادەتنىڭ ئۆزىگە ھەيران بولۇپ قارىغان كۆزلىرىگە مەنىلىك قاراپ قويۇپ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى،-مەن.....مەن.....ھازىرچە تۇغماي تۇراي دىگەن. سىز تۇغۇت دوختۇرى بولغاندىكىن........
   -نىمە؟!
   سائادەتنىڭ كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك پۇلتىيىپ چىقتى.
   -توي كۈنى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىغىزىدىن ئاڭلىدىم. ئۇياندىن توي قىلىپ، بۇياندىن قورساق كۆتۈرۈپ تۇغسام، كىيىن ئاجىرشىپ كىتىپ قالساق........
   -نىمە دىدىڭىز؟ كىم ئۆگەتتى سىزگە شۇنداق گەپلەرنى؟ كىم سىلەرنى ئاجىرشىدۇ دەيدۇ؟
   سائادەتنىڭ ئاچچىق بىلەن تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرىدە نۇرغۇن سۇئاللارنىڭ كۆلەڭگىسى ئەلەڭلەيتتى. ئۇ ئۆزى تۇغماس بولۇپ قالغاندىن كىيىن، دوختۇرخانىغا ‹‹ تۇغۇت چەكلەش دورىسى ›› ئىلىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرگىمۇ باشقىچە نەزەردە قارايتتى. ئۇنداق كىشىلەردىن ‹‹ ئىنسانىي مىھىر-مۇھەببەت ھۈجەيرىسى ئۆلگەن، كۆيۈمى يوق›› دەپ ئاغرىناتتى. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئانا-بالىدەك ئۆتۈپ، ئەمدى بولغاندا ‹‹ تۇغۇت چەكلەش دورىسى يەي ›› دەپ ئۆز ئالدىغا كەلگەن بۇ قىزغا ئاچچىقلانماي، غەزەپلەنمەي تۇرالايتتىمۇ.
   -شۇ.....مەنمۇ باشقىلاردىن ئاڭلىدىم.
   ماھىرەنىڭ چوڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى. سائادەت ئويلاشماستىنلا ئۇنىڭغا ئازار بېرىپ قويغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئاستا ئۇنىڭ يىنىغا كەلدى،دە-بىشىنى قۇچىقىغا ئىلىپ مېھىر بىلەن سىلىدى.
   -خاپا بولماڭ. سىزگە ئازار بېرىپ قويدۇم. لىكىن مەن ئۆز بىشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى دەپ بەرسەم، سىز بىر قېتىم تۇغماي تۇرۇپ بۇ دورىنى يىيىشنى ئارزۇ قىلمايتتىڭىز.
   سائادەت ئائىلىسىدە بىرلا قىز بولغانلىق سەۋەبلىك ئەڭ ئەتىۋارلىق ئىدى. ئاتا-ئانىسى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىلمىي، ساپالىق ئادەملەر ئىدى. سائادەتنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىمۇ ئۇلارنى ئالاھىدە خۇشال قىلاتتى.سائادەت ئۆز ئارزۇسى بويىچە دوختۇرلۇقتا ئوقۇپ كىلىپ ئىشقا چۈشتى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە ئايىغى ئۈزۈلمەي كىلىۋاتقان ئەلچىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي بىشى قاتقان كۆيۈمچان ئانا ئۇنى بىر ياقىغا تارتىپ گەپ باشلىدى.
   -قىزىم، سىزمۇ چوڭ بولۇپ ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولۇپ قالدىڭىز. بىر يىلدىن بىرى ئىشىكىمىزدىن ئەلچىلەر ئۈزۈلمەي كىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دادىڭىز ئىككىمىزگە بىر يەرنىڭ لايىقى ياراپ قالدى. شۇڭا سىزگە مەسلىھەت سىلىپ باقاي دىگەن.
   -مەن خىزمەتكە ئەمدى چىقتىم. كەسىپتە بىرەر نەتىجە قازانماي تۇرۇپ توي قىلغۇم يوق.
   سائادەتنىڭ دىلىغۇللىقى ئانىسىنى خاپا قىلىپ قويدى.
   -ھىلىمۇ تەڭتۈشلىرىڭىزنىڭ ئالدىدىن ئىككىدىن بالىسى بار. سىز ئوقۇپ كىلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتىڭىز. لىكىن مەھەللىدە كەينىڭىزدىن بولىۋاتقان ئۆسەك سۆزلەر سىزنىڭ قۇلىقىڭىزغا كىرمىگىنى بىلەن، دادىڭىز ئىككىمىزنى كىچە تاتلىق ئۇيقۇدىن، كۈندۈز ئارامخۇدا ئىشلەۋاتقان خىزمەتتىن قويدى. ئەمدى سىزمۇ كىچىك بالىدەك تەنتەكلىك قىلماڭ. يا بولمىسا يۈرىۋاتقان لايىقىڭىز بولسا بىزگە كۆرسىتىڭ. بولمىسا دادىڭىزنىڭ دوستى ھىكىم چاڭجاڭنىڭ ئوغلى ھىزىمغا ياتلىق بولىسىز.
   سائادەتنىڭ كۆز ئالدىغا يۈز-كۆزلىرى قاپقارا ماي يۇقى، كىيىم-كىچەكلىرى ئەسلى رەڭگىنى يوقاتقان ھىزىم كەلدى. ئۇلار كىچىكىدىن مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان. ھىزىمنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى بولمىغاچقا، ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەي، پىراۋا ئىلىپ ماشىنا ھەيدەۋاتقىنىغىمۇ 2-3 يىل بولۇپ قالغانىدى. سائادەت بۇ بىر يىلدىن بىرى ھىزىمنىڭ ئۆزىنى كۆرىۋىلىش ئۈچۈن، كۈندە كەچتە ئۆتەر يولىدا ساقلايدىغانلىقىدىن ئەسلا خەۋىرى يوق ئىدى.
   -مەن سىلەرنى خىلى ئىلمىي، ئىش ئۇقىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن ئانا. بوپتۇ، سىلەر شۇنى لايىق كۆرگەن بولساڭلار مەن نىمىمۇ دىيەلەيتتىم!
   سائادەت يىغلاپ قاقشاپ ئاخىرى ئامالسىز توي قىلدى. گەرچە ئۇ نامدا توي قىلغان بولسىمۇ، لىكىن ھىزىمغا پەقەتلا كۆڭلى يوق ئىدى. ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا ‹‹ مەن ئەرسىز قىلىپ سىزگە تەگمىگەن. مېنى ئالىمەن دەپ ئىشىكىمنىڭ بوسوغىسىغا تازىم قىلغۇدەك بوپتىكەنسىزغۇ ›› دەپ ئۇنى ئوڭايسىزلاندۇراتتى. ئۇنىڭغا كۆڭلى بولمىغاچقا، ئانىسىنىڭ خەۋىرى يوقلا تۇغۇت چەكلەش دورىسى يەپ يۈردى. ‹‹ بىر كۈنلۈك نىكاھنىڭ يۈز كۈنلۈك مىھرى بار، نىكاھنىڭ مىھرى ئىسسىق ›› دەپ سائادەتنىڭمۇ ھىزىمغا كۆڭلى چۈشۈپ قالدى. ئۇلار باشقىلارنىڭ مەستلىكى كەلگۈدەك ئەر-خوتۇنلاردىن بولسىمۇ، لىكىن سائادەتنىڭ قورساق كۆتۈرمىگەنلىكى ھىزىمغا ئىغىر روھىي بىسىم پەيدا قىلدى. ئۇ ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ تەكشۈرتكەندىن كىيىن، گۇمانى بىردىنلا سائادەتكە يۆتكەلدى. سائادەتنى بىللە ئاپىرىپ تەكشۈرتىۋىدى، نەتىجىسىنى ئاڭلاپ كەينىگە تىرىڭڭىدە ئۇچۇپ چۈشكىلى تاسلا قالدى. لىكىن پەرزەنت سەۋەبلىك، سائادەتنىڭ ئۆزىگە مايىل بولغان قەلبىگە سوغۇق سۇ سەپكىسى كەلمىگەن ھىزىم سەۋىر قىلدى. ئۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلىپ، ئىككىنچى قىتىم سائادەت بىلەن پەرزەنت توغۇرلۇق پاراڭلاشمىدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى. يىللار كەينى-كەينىدىن ئۆتۈپ، سائادەت ئوتتۇرا ياشلىقلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغاندا، ئۇخلىسا-قوپسا بىر پەرزەنتلىك بولۇشنى تىلەپ يۈردى. لىكىن قېرىشقاندەك ئۇنىڭ خىياللىرى ئۇنى ئالداپ قويىۋاتاتتى. پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسىنى شامالغا ئۇچرىغان توزغاقتەك، قەيەرلەرگىدۇر ئۇچۇرتۇپ كىتىۋاتاتتى. شۇ ۋاقىتتا ئويلىمىغان بىر كىلىشمەسلىك سائادەتنى تۈگەشتۈرىۋەتتى. ھىزىم ماشىنىغا يۈك بىسىپ يولدا كىتىۋاتقىنىدا يەنە بىر چوڭ تىپتىكى يۈك ماشىنىسى بىلەن سوقۇشۇپ كىتىپ شۇ يەردىلا قازا قىلدى. سائادەت بۇ كىلىشمەسلىككە قانداق بەرداشلىق بېرىشنى بىلمەيتتى. ئەلەڭ-سەلەڭ بولۇپ قالغان سائادەت شۇ ۋاقىتتىلا پەرزەنتنىڭ ئادەم ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتى. لىكىن ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قىلىپ قويغان ئەخمىقانىلىقىنى ئويلىسىلا ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولۇپ كىتەتتى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە ئۇ ياشقا چوڭ بىر دوختۇر ئايالنىڭ ‹‹ قىزلار توي قىلىپ بىرنى تۇغماي  تۇرۇپ، تۇغۇت چەكلەش دورىسى يىسە تۇغماس بولۇپ قالىدۇ ›› دىگىنىنى ئاڭلاپ تىخىمۇ ئازابلاندى. ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنىڭ ئازابىغا ھەمشىرىك ئىدى. ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئىشىكىگە ئەلچى بولۇپ كەلگەنلەرمۇ چىققان بولسىمۇ، لىكىن ئۇ قوشۇلمىدى. ئۇنىڭ تىنىچ، تەنھا ياشىغۇسى كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاكىلىرىنىڭ ياردىمىدە دوختۇرخانىدىن بىرىلگەن مۇنۇ ئۆيگە كۆچۈپ كەلدى. تۇرمۇش شارائىتى ئۆزگەرگەنلىكتىن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ دەرد-ھەسرەتلىرى ھاۋانى قاپلىۋالغان تۇماندەك بارا-بارا يوقىلىشقا باشلىدى. ئۆتكەن يىلى ئۆزىنىڭ قولىدىكى سىستىرا قىزنىڭ ‹‹ سائادەت ئاچا، سىز بايا تۇغدۇرغان ئايال بىمارنىڭ بۇ بالىسى پىلاندىن سىرت ئىكەن ›› دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئىچىگە يەنە بىر ئوت چۈشتى. مۇستاپانىڭ چىرايلىقلىقى ئۇنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن سائادەت ئىزدەشتۈرۈپ يۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگىچە باردى. لىكىن گۈلسەنەمنىڭ ھىڭدىن سىسىق گەپلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىنى خۇن قىلىۋەتتى. سائادەت سەۋىر بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. لىكىن ئويلىمىغان يەردىن سادىق بالىنى سائادەتكە ئەكىلىپ بەردى.
   سائادەتنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسىنى ئاڭلىغان ماھىرە مەڭزىدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى پەقەتلا تۇتالمىدى.
   -مىنىڭ ئانام نىمىدىگەن شەخسىيەتچى. ھەشەمەتچىلىك، ياخشى يەپ، ياخشى كىيىش ئۈچۈن ئۇكامنى قۇربان قىلغىنى ئاز كەلگەندەك، دادامنىڭ ئوغرى دىگەن نامغا قىلىپ، ئائىلىمىزنىڭ ۋەيران بولىشىغا سەۋەپچى بولدى. ئاچا، مەن ئانامنى كەچۈرمەيمەن.......
   سائادەت بىلەن ماھىرە بىر-بىرىگە ئىسىلىپ خىلى ئۇزاققىچە يىغلاشتى. چۈشكە يىقىن مۇستاپانى ئوينىتىپ كىرگەن بالىلارنى ئىلىپ تۇنسەخان ئاچىنى يوقلاپ كىلىش ئۈچۈن ماڭدى. ماھىرەنىڭ كۆڭلىدىكى چىگىش ئويلار سائادەتنىڭ گەپلىرى بىلەن بىر يولىلا يىشىلىپ كەتكەندەك، ئۇنىڭ كۆڭلى ئىچىلىپلا قالغانىدى.


داۋامى يىزىلىۋاتىدۇ.........

چۈش __ ئۇ ئەڭ تاتلىق ئۇچرىشىش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2168
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2014-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 09:48:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىسى ياخشى چىقىۋاتىدۇ ،سىزنى ساقلاپلا قالدۇق

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

رەڭدار ھايات !

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4946
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1380 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 10:03:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
banker625 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-27 09:48 PM
ئاخىرىسى ياخشى چىقىۋاتىدۇ ،سىزنى ساقلاپلا قالدۇق

مەنمۇ ئامال بار تىزراق يېزىشقا تېرىشىمەن.
تېمامنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇۋاتقىنىڭىزدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم.

چۈش __ ئۇ ئەڭ تاتلىق ئۇچرىشىش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86252
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 773
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 10:17:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز ، ئاخىرنى تىزرەك يازسىڭىز بۇپتىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3929
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 482 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 10:33:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىڭىزغا بارغانچە مەپتۇن بوپ قېلىۋاتىمەن  ئاللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن  داۋامىغا تەشنامىز!

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91775
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2013-2-16
ئاخىرقى: 2014-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 01:17:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى ھېچ چىقمايدىغۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش