نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » بلوگ يېزىش

بلوگ يېزىش

ۋاقتى: 2011 - يىلى 27 - مارت | ئاپتورى: | سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى | ئىنكاس: 25 پارچە | زىيارەت: 1,843 قېتىم


بەزىدە بلوگ خاتىرىلىرى ئوقۇۋېتىپ يازارنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىغا ھەيران قالىمەن، ھەم بلوگ يېزىشنىڭ تەسەۋۋۇردىن باشقا رىئاللىققا تۇتاشقان تەرەپىنى كۆرىمەن.
تەسەۋۋۇر بىلەن رىئاللىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك ئارىلىق بار، لېكىن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرلەمچى ئامىل سىز. تەسەۋۋۇرنىڭ مەنبەسى رىئاللىق بولسىمۇ ئۇ مەۋجۇت رىئاللىقىڭىزدىن ھالقىغانلىقى بىلەن گۈزەل، ھەم مەنزىلىدە يەنە بىر مەۋجۇت رىئاللىقنى بەرپا قىلغانلىقى بىلەن قىممەتلىك. تەسەۋۋۇر سوبېكتىپ رىئاللىق، ئۇنىڭ مەنزىلى ئوبېكتىپ مەۋجۇتلۇق.
سۈبھىدە قۇياشنىڭ كۆتىرىلىپ، كەچتە پېتىۋاتقانلىقى، دەل – دەرەخ، گۈل – چېچەكلەرنىڭ باھاردا ياشىرىپ، كۈزدە سولىشى ھەر ۋاقىت ھاياتىمغا يېڭى مەنىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، ھاياتلىق ئىنسان ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تېما، لېكىن ھىچبىر ئىنسان بۇ مەڭگۈلۈككە يېتىشكەن ئەمەس، ھاياتلىق ماماتلىقنىڭ ھەم باشلىنىشىدۇر، ئىنسان ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۆلۈمدىن يېقىن نەرسە ھەم يوق. لېكىن ئىنسان ھاياتلىق ۋە ئۆلۈمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رىئاللىق، ئۇ تەسەۋۋۇرلار ئارقىلىق ئۆز رىئاللىقىنىڭ ئىككى چېكىنى ئۇلىغۇچىدۇر.
بلوگ يېزىشمۇ ئىنسان تەسەۋۋۇرلىرى ئىچىدىكى بىرى خالاس، ئۇنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تېمىلارنى باشقا بلوگېرلار يوللىغان ئىكەن، شۇڭا بۇ ئەركىن خاتىرىمىزدا توختالمايمىز. بلوگ يېزىش ئىنساننىڭ ئىجادىيلىققا ئىگە تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ رىئاللىققا ئايلانغانلىقى ئىسپاتلىدى ھەم كۈنىمىزدە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى تەسەۋۋۇرلىرىنى ئاڭلىتىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بىزمۇ بۇ خىل مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ تەسىرىدىن سىرتتا قالمىدۇق، ئۆز بىلىشىمىز، ئادىتىمىز، خاسلىقىمىز ۋە غايىمىز بىلەن بىزمۇ ئۆز مۇقامىمىزنى توۋلاۋاتىمىز.
بلوگ ئەمىلىيەتتە ئەنئەنىۋىي كۈندىلىك خاتىرەگە توغرا كېلىدۇ، كۈنىمىزدە ئۇنىڭ فۇنكېتسىيە ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي كۈندىلىك خاتىرەدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز، ئۇ گەرچە شەخسنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلسىمۇ، لېكىن ئۆزلۈكنىڭ كۆپ قاتلاملىق ماھىيىتىنى تېخىمۇ ئاشكارىلىدى، ئەنئەنىۋىي كۈندىلىك خاتىرىلەر شەخسنىڭ ئىچكى تۇيغۇلىرىنىڭ ئۆزلۈكتىن چىقىپ ئۆزلۈككە قايتىشتىن ئىبارەت تاق لىنىيىلىك فۇنكېتسىيەدە ئۆزلۈك ھەققىدىكى چۇقانلارنى تار دائىرىدە ئىپادىلىگەن بولسا، بلوگ خاتىرىلىرى ئۆزلۈكنىڭ رىئال جەمىيەتتىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچانلىق رولىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇيغۇر تور ئىشلىرىنىڭ باشلىنىشى ۋە تەرەققىياتى بىز بىر ئەۋلاتنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ماس قەدەمدە بولدى دىسەكمۇ بولىدۇ، شۇڭا بارلىققا كېلىۋاتقان ھەربىر تور مەدەنىيىتى ھادىسىلىرى نەزەرىمىزدە بولدى ھەم بىزنى ھاياجانلاندۇرۇپ كەلدى. جۈملىدىن، ئېنتېرنېت تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى مەنبە قىلغان تور ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى بولسا مېنىڭ ئەڭ زور قىزىقىشىمنى قوزغىغان بىر تەرەپ. بۈگۈنكى كۈندە تور ئەدەبىياتىنىڭ پۈتكۈل ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلماي مۈمكىن ئەمەس.
ئەدەبىياتقا بولغان ئىخلاسمەنلىكىم ۋە قىزىقىشىم مېنى تور دۇنياسىدىن ئىبارەت يېڭى بىر ئەدەبىيات زىمىنىغا باشلاپ كىردى، بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان مەسلەكداشلارنى يولۇقتۇردۇم ۋە ئۇلاردىن ئۈگەندىم… گەرچە بۇ يەردە ئۈگەنگەنلىرىم يوقاتقانلىرىمدىن كۆپ بولسىمۇ بەزىدە تور دىگەن نەرسىگە ئۆچ بولۇپ قالىمەن، تور دۇنياسىغا بىر كىردىڭىز توردىكى قات – قات تېكىستلەر سىزنى ھەرقاياقلارغا باشلايدۇ، نەچچە سائەت ئولتۇرۇپ ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ كومپۇيۇتېرنىڭ ئالدىغا نىمە مەقسەتتە كەلگەنلىڭىزنى ئويلايسىز. خەپ، ئەمدى ئىشىمنى قايتىدىن باشلاي دەيسىز.
مەن داۋاملىق مانا مۇشۇنداق ئىشنى باشقىدىن باشلاشقا ۋەدە قىلىپ كېلىۋاتىمەن، لېكىن ھازىرغىچە باشلىيالمىدىم، بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى ئىكەن، بىزنىڭ تۇرمۇش، ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىمىز ئۆزگىرىپتۇ، مەن بولسام مېخانىكىلىق قوبۇل قىلىش ھالىتىمنى ساقلاپ كەپتىمەن، ئۈگەنگەنلىرىمنى، ھىس قىلغانلىرىمنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويمىغان ۋە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزمىگەچكە مەندىمۇ ھالقىش ناھايىتى ئاز بولغان ئىكەن. بەلكىم بۇ مېنىڭ بلوگ قۇرۇش ئىستىكىمنىڭ شەكىللىنىشىدىكى بىر تەرەپ بولسا كېرەك.
بلوگ قۇرۇشۇمنىڭ باشقا سەۋەپلىرىمۇ بار، ئەڭ مۇھىم سەۋەبى يەنىلا ئۆگىنىش ئۈچۇندۇر. گەرچە ئۆزۈم ئەدەبىياتنىڭ نېنىنى يەۋاتقان ئادەم بولساممۇ، لېكىن بۇ كەسپنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە ئۇنى چىن مەنىسى بىلەن ئىدراك قىلىش ۋە چۈشىنىشنىڭ تەسلىكىنى ئويلىغىنىمدا تېنىمنى تىترەك باسىدۇ، ئۆزەمنىڭ 10-20 يىلدىن بېرى ئەدەبىياتنىڭ كوچىسىدا تېنەپ – تەمتىرەپ يۈرگەن بىر ساياقلىقىمنى ئويلىغىنىمدا يەنىلا ئۈگىنىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھىس قىلىمەن.
ھاياتىمدا ئەڭ قىزىقىپ ۋە ۋۇجۇدۇم بىلەن بېرىلىپ ئۈگەنگىنىم ئەدەبىيات بولۇپتۇ، ئىزچىللىق ۋە تىرىشچانلىق مېنى ئاددىي ئۈگەنگۈچىدىن بۈگۈنكى ئۈگەتكۈچى، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقىدىن ئىبارەت شەرەپلىك ئورۇنغا ھەم ئىگە قىلىپتۇ. مىڭ شۈكرىكىم، گەرچە بۇ ئىلىمنىڭ تېخى بوسۇغىسىدا چۆرگىلەپ يۈرگەن، ئەقلىم ۋە قۇۋۋىتىم ناھايىتى ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىدا ئۆزۈم ئادا قىلالايدىغان مەجبۇرىيەتنى ئاڭلىق يوسۇندا قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتىمەن.
ئوقۇتقۇچىلىق ئاقارتىشتىن ئىباەرت تۈپكى فۇنكېتسىيەگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن شەرەپلىكمۇ، ياكى جاپالىق بولغانلىقى ئۈچۈن شەرەپلىكمۇ؟ بۇ مەسىلە ھەققىدە داۋاملىق ئويلايمەن. بىزنىڭ دەۋرىمىزدە بىر مەسىلىنىڭ كۆپ خىل جاۋاپلىرىغا باھانىمىز بار، لېكىن مەيلى نىمە كەسپنى قىلىشىىزدىن قەتئىنەزەر ھالاللىق قارىشىنىڭ بولىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ھىس قىلىمەن. كۈنىمىزدە ھالاللىق قارىشى يىمەك – ئىچمەككە كۆپرەك تەدبىقلىنىپ، ئەخلاقىي مەسىلىلەردىن بارغانسېرى ئۇزاقلىشىۋاتىدۇ، گەرچە كەسپ ئەخلاقى ھەر قەدەمدە تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ قائىدە – تۈزۈملەرنىڭ مېخانىك ئىجرا قىلىنىشىدە چۈشىلىپ قالغاچقا، ئۇنىڭ ھەركىمنىڭ قەلب رىئاللىقىغا ئايلىنىشىنىڭ سۇئال ۋە ئۈندەش بەلگىلىرىگە يۈك بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز.
دەرسخانا ئوقۇتقۇچىنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئوخشايدۇ، ئوقۇتقۇچى پەقەت دەرسخانىدىلا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى شەرەپ بىلەن جاكارلىيالايدۇ، ئۆز قەلب رىئاللىقىغا يېقىنلىشالايدۇ، غورۇر ۋە ئىپتىخار بايرىقىنى غالىپلارچە لەپىلدىتەلەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىم ھالاللىق بىلەن تولسا، باشقىلارغا ئۆزەم بىلگەن ۋە توغرا دەپ قارىغان نەرسىلىرىمنى يەتكۈزەلىسەم دەيمەن. بەلكىم سىز، ئوقۇتقۇچىلىقنىڭمۇ ئىجتىمائىلىقتىكى بىر كەسپ، ياشاشتىكى بىر تاللاش خالاس دەپ قارىشىڭىزمۇ مۈمكىن، لېكىن ئوقۇتقۇچىنىڭ قەلبى ئادەتتىكى ياشاش ئىستىكى ۋە ھوزۇرلىنىشتىن يۇقىرى باسقۇچقا يەتمىگىنىدە، شۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتۈش مۈمكىن بولمىسا كېرەك. مەن ئۆز ئەتراپىمدا ئۈن- تۈنسىز، مىننەتسىز جاپا چېكىۋاتقان ۋە تەر ئاققۇزىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى كۈندە كۆرىمەن، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ۋە پىداكارلىقىغا رەھمەتلەر بولسۇن!
دەرسخانىدا بىر تەرەپتىن دەرس سۆزلىسەم يەنە بىر تەرەپتىن ئۈگەندىم، ئوقۇغۇچىلىرىم ماڭا ئۆزەمنىڭ يېتىلىش جەريانىمنى داۋاملىق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، مۇھىمى ئاقارتىشنىڭ بەك مۇھىملىقىنى ھىس قىلىمەن. شۇنداقتىمۇ بىر ئادەمنىڭ زېھنى ۋە قۇۋۋىتى چەكلىك بولىدىكەن، بىر تەرەپتىن ئۈگەنسەم، بىر تەرەپتىن ئۇنتۇپ مېڭىپتىمەن، ھەر خىل بېسىملارنىڭ ئاستىدا يانجىلىپ كېتىۋاتقان تېنىمنى ئاران رۇسلاپ، ئارقامغا قارىسام ھىچقانداق بىر ئىزنى ئىلغا قىلالمىدىم، خەيرىيەت، ئۆتكەنگە سالىۋات، سۆزلىگەنلىرىڭنى، ئويلىغانلىرىڭنى خاتىرىلەپ ماڭساڭ، بەك ئىگىز، يۈكسەك چوققا ھاسىل بولمىسىمۇ، بىر نىشانە قالار ئىدى، دەيمەن ئۆزەمگە. « ئىلىمنىڭ ھۆسنى ھەرىكەتنى ئىسلاھ قىلىشتۇر »(« مىفتاھۇل ئەدەپ »، 17- بېيىت)، شۇڭا مەنمۇ ئۆز ئۇسۇلۇمنى ئۆزگەرتىپ باقسام بولماسمۇ، سېنىڭ ئاقارتىش ۋەزىپەڭ دەرسخانىدىلا بولماسلىقى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يۈزلىنىشى لازىم ئىدى، دەپ ھەم ئويلايمەن. بۇ بلوگ مانا مۇشۇنداق ساددا، لېكىن گۈزەل ئارزۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلدى.
بلوگ قۇرۇش ئىستىكى مەندە نەچچە يىل بۇرۇنلا شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئىزچىل ئەمەلگە ئاشماي كەلگەن ئىدى، ئېنتېرنېت تورى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر تورچىلىق ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشى، جۈملىدىن ئۇيغۇر بلوگچىلىرىنىڭ جاسارىتى مېنىمۇ بۇ سەپكە سۆرەپ كىرگەن بولدى، لېكىن شۇنى ئېنىق بىلىمەنكى، بلوگ يېزىش ھەرگىزمۇ تەۋەككۈل قىلىدىغان ئىش ئەمەس، مەنمۇ داۋاملاشتۇرالامدىم ياكى يېرىم يولدا سەپتىن چۈشۈپ قالامدىم بۇنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ، ئەڭ مۇھىمى مەندەك ئېھتىياتچان ۋە قول سېلىپ ئىشلەشكە قېرىق ئادەم (ھورۇن ) ئۈچۈن بۇنىڭ ئۆزى خېلى چوڭ جۈرئەت.
2011 – يىلى 29 – يانۋار ئۆز بلوگىمنى قۇرۇۋالدىم، ئىسىمنى ئادەتتە تور بەتلىرىگە تىزىملىتىشتا ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان يارىش نامىدا ئالدىم. بلوگنى قۇرۇپ بەزى يازمىلارنى يوللىغانمۇ بولدۇم لېكىن بلوگباستىن ھەقسىز ئىلتىماس قىلغان بۇ بەتنىڭ بىرمۇنچە تېخنىكىلىق ئاۋارىچىلىقلىرىغا دۇچ كەلدىم، بەت ۋە يازمىلارنىڭ سۈپەت مەسىلىسىگە كاپالەتلىك قىلالمىغاچقا، ئۆزۈممۇ بلوگىمنى ئاچقۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئەسلىدە پەقەت ئۆزۈمنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى قاراش ۋە پىكىرلىرىمنى خاتىرىلەپ ماڭارمەن، يېپىق خاراكتېردىكى تور خاتىرىسى قۇرىمەن دىگەن ئويۇم بىكار بولغان ئىدى، لېكىن مەيلى ئاڭسىز قىزىقىشتىن بولسۇن، ياكى ئاڭلىق ئوقۇرمەنلىك تەلىۋىدىن بولسۇن، بلوگىمدىكى يازمىلارنىڭ ئوقۇرمەنلىرى بار ئىدى، 2011- ئاينىڭ 3- ئاينىڭ 27 – كۈنى( يەكشەنبە ) ئەتىگەندە يېڭىدىن ئىلتىماس قىلغان ۋوردپرېس بېتىدىن ھوزۇرلىنىپ، بۇ يازمامنى يېزىۋاتقاندا، يارىش بلوگىنىڭ زىيارەتچىلىرى1800 دىن ئاشقان ئىدى، گەرچە بۇ سان ئونۋېرسال، ياكى كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى بلوگلارنىڭ نەچچە كۈنلۈك زىيارەت ئېقىمىغا دەل كېلەلمىسىمۇ، لېكىن ئېغىر ئىلمىي ماقالىلەر ياكى مۇلاھىزىلەرلا ئېلان قىلىنىدىغان كەسپىي بەت ئۈچۈن يامان ئەمەس نەتىجە ئىدى. ھەرھالدا ئۆزۈمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان سۈپەتتە خىزمەت قىلىش ئۈمىدىممۇ قانائەت ھاسىل قىلغان بولدى، يەنە بىر تەرەپتىن « كاجنى بازار ئوڭشايدۇ » دىگەن ھىكمەتنىڭ مەنىسىگە يەتكەندەك بولدۇم.
سىز ھازىر كۆرىۋاتقان فامىلەم بىلەن ئىلتىماس قىلىنغان ../ بلوگى يارىش بلوگىنىڭ ئىككى ئايلىق سەپىرىدىن كېيىن مەيدانغا كەلدى، ھەم بەت ۋە يازمىلارنىڭ تېخنىكىلىق سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئايرىم بوشلۇق ئىلتىماس قىلىنىپ، ئۇسلۇب ۋوردپرېسسقا كۆچۈرۈلدى. بلوگتا 20- ئەسىردىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مەركەز قىلغان ھالدا ماقالىلىرىم ۋە يېڭى يازمىلار ئېلان قىلىنىدۇ. ئەگەر ئېنتېرنېتنىڭ قات – قات تېكىستلىرى سىزنىمۇ بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن بولسا، مەرھابا! ئەدەبىياتنىڭ پايانى چەكسىزدۇر، ھەم كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول باردۇر!

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (25) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    نۇھ ئەلەيھىسالامنىڭ كېمىسى توپان بالاسىدا قالغان ئىنسانلارغا يېڭى ھايات يېڭى ئۈمىد بغىشلىغان ئىدى. خۇددىي شۇنىڭدەك، يېڭىدىن قۇرۇلغان ‹‹ نۇھ بلوگى ›› نىڭ ئۇيغۇر تور ئەھلىنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش، روھىيىتىنى ئاقارتىشتا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىدىن ئۈمىدۋارمىز!

    • نۇھ مۇنداق يازغان:

      يۈكسەل ئەپەندىنىڭ تەبرىك ۋە ئۈمىدىگە رەخمەت! ئۆزىمىزدە سىز ئېيتقاندەك قۇۋۋەت بولمىسىمۇ، لېكىن قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلاردىن خىزمەتنى باشلايلى دىگەن ئۈمىدتەمىز. بەلكىم بىر قىسىم تورداشلار ئاددىي يازمىلىرىمىزدىن مەنپەئەتكە ئېرىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

  2. قىسمەت مۇنداق يازغان:

    بلوگگېرلار سېپىگە قوشۇلغان يېڭى كۈچكە مۇبارەك بولسۇن!
    ئاللاھ خالىسا ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ كۈچىمىز يەتكەن دائىرىدە ھەمدەمدە بولغايمىز.

    • نۇھ مۇنداق يازغان:

      بۇ بلوگنىڭ مۇشۇنچىلىك ھالەتكە يېتىشى پۈتۈنلەي قىسمەت ئەپەندىنىڭ جاپالىق ئەجرىدىن بولدى، يەنىمۇ مەدەت ۋە قوللىشىڭىزغا مۇھتاجمىز، دوستۇم! سىزنىڭ ئۇيغۇر تور ئىشلىرى ۋە بلوگچىلىق قۇرۇلىشى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تۆھپىڭىزگە ئاپىرىن. سىزنىڭ جاپالىق ئەجرىڭىزدە « كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش » ژورنىلىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن!

  3. چۈشتاق مۇنداق يازغان:

    نۇھ بلوگىنىڭ قۇرۇلغىنىدىن خۇرسەن بولدۇم. سەرخىل يازمىلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى تىلەيمەن.

  4. ئەتتىرگۈل مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! نوھ بىلوگىنىڭ يېڭى قەدىمىگە مەرھابا …….

  5. ئايتۈرك مۇنداق يازغان:

    بىلوگىڭىزنىڭ يازمىللىرىنىڭ سەرخىل بولىشىنى تىلىيمەن.

  6. قارابەگ مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    يېڭى بىلوگىڭىزنى تەبرىكلەيمەن! نوھ ئەپەندى، مەنمۇ قارابەگ بىلوگىنى ماڭدۇرىۋاتقىلى مانا ھازىر 9 ئاي بولۇپ قاپتۇ. زىيارەتچىلەر سانى 5 مىڭدىن ئاشتى، يازمام 32 گە باردى. بىراق مېنىڭمۇ ۋوردپېرەسكە كۆچكۈم كېلىۋاتىدۇ. ئەنسىرەيدىغىنىم بلوگباستىكى بىلوگىمنى توردىن ماتىريال كۆرۈم ئۆزەم مۇستەقىل ياساپ چىققان ئىدىم. ئەمدى ماۋۇ ۋورتپەرەسكە ئۆزەم مۇستەقىل كۆچەلەرمەنمۇ؟ بەزى تېخىنىكىلىق مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلارمەن؟ ئىلگىرىكى يازمىلىرىم قانداق بوپ كېتەر؟ دىگەن مەسىلىلەر ئىدى.

    • نۇھ مۇنداق يازغان:

      ۋەئەلەيكوم ئەسسالام قارابەگ مەرھابا!
      سىز خېلى كونا بلوگېرلاردىن بولۇپ قاپسىز، شۇڭا بۇ جەھەتتە خېلى تەجرىبىڭىز بار دەپ ئويلايمان. مەن 2 ئاينىڭ ئالدىدا يازمىلىرىمنى بىرەر بوشلۇقتا رەتلەپ قويۇش ھەم ئۈگىنىش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش مەقسىدىدە يارىش بلوگىنى ئاچقان ئىدىم، لېكىن تېخنىكىلىق مەسىلىلىرىنى ئەپلەشتۈرۈپ بولالمىدىم، بۇ ھەم مەن ئويلىغاندەك يېپىق ھالەتتىكى خاتىرە بولماي قالدى، بەزى ئوقۇرمەنلەرمۇ قىزغىنلىق بىلەن يازمىلار ھەم بەتنىڭ تېخنىكىلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر بېرىپ تۇردى. ئاخىرى شىنجاڭ كومپۇيۇتېر ھەۋاسكارلىرى جەمىيىتىدىكى قىسمەت ئەپەندىنىڭ تەۋسىيىسى ۋە ياردىمىدە ۋوردپرېسس بېتىگىمۇ كۆچىۋالدۇق. ئەگەر راستلا كۆچۈش نىيىتىگە كېلىپ، تېخنىكىلىق مەسىلەردە قىينالسىڭىز، شنجاڭ كومپۇيۇتېر ھەۋاسكارلىرى جەمىيىتىدىكى قىسمەت ئەپەندىنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئۇ ياكى ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى قىزغىنلىق بىلەن ياردەمدە بولىدۇ. كونكېرت ئەھۋاللارنى قىسمەت بلوگىدىن بىلەرسىز.

  7. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    نادىر يازمىلار مەنزىلىدىن يەنە بىرى تەۋەللۇت بوپتۇدە، مۇبارەك بولسۇن. تېخنىكىدا قىينالسىڭىز ھەرۋاقىت ياردەمدە بۇلۇرمەن.

  8. ئارغۇ مۇنداق يازغان:

    قۇتلۇق بولسۇن، يېڭى بەتكە يېڭىچە قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپسىز، يېڭىچە ئۇتۇقلار مەڭگۈ يار بولسۇن!

  9. نۇھ مۇنداق يازغان:

    مەرھابا، سىزدەك كونا بلوگىرلار ماڭا كۆپ ھەمدەمدە بولدۇڭلار، رەخمەت!

  10. ئىزتىل مۇنداق يازغان:

    نوھ بىلوگىنىڭ – ئۇيغۇر تورچىلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىدىغان نادىر يازمىلارنى ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، مەرھابا يېڭى بىلوگىڭىزغا !!!

    • نۇھ مۇنداق يازغان:

      رەخمەت، ئىزتىل بلوگىمۇ ئۆزىنىڭ خاسلىقى بىلەن دىققىتىمىزدە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت.

  11. سالدام مۇنداق يازغان:

    بۇ يەرگە تۇنجى كىلىشىم بىلەنلا ياقتۇرۇپ قالدىم.بلوگ يېزىشنى بۇنداق ئىنچىكە تەھىلىل قىلىپ باقمىغان ئىكەنمەن.گەرچە زىيارەت مىقدارى كۆڭۈل ئېچىش بەتلىرىگە يەتمىسىمۇ،بىزنىڭ ئۇلاردىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلىمەيدۇ.ھەم باشقىلاردىن رەنجىشىمىزنىڭ ئورنى يوق.ئەمما بىزنى ئۆز كەسىپداشلىرىمىزمۇ قوللىمىسا قانداق قىلىش كىرەك؟سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.بىزنىمۇ تەنقىدلەپ تۇرۇڭ

  12. نۇھ مۇنداق يازغان:

    بارىكاللا! مەخسۇسلاشقان بلوگ يېزىشتا مېنىڭچە زىيارەتچىلەر سانىغا ئۈمىت باغلىغىلى بولمايدۇ. كەسپداشلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز دەيدىكەنمىز نادىر ئەسەر ( ئادەتتىكى يازمىلار ئەمەس ) ئېڭىنى يېتىلدۈرمەي بولمايدۇ.

  13. پىنھانە مۇنداق يازغان:

    مۇبارەك بولسۇن…..يېڭى باشلىنىشتا ئۆزگىچە نەتىجىلەر بولغاي

  14. مەسئۇد ئىسا مۇنداق يازغان:

    ئېسىل يازمىلار دىن بەھىر ئالدىم!

  15. تۇلۇن مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بلوگىڭىزغا ئۇزۇن ئۈمۈر ۋە سالامەتلىك تىلەيمەن .(كالاڭ)

  16. يول ئۇزۇن مۇنداق يازغان:

    ئەسسلامۇ-ئەلەيكۇم. قانداقراق ئەھۋالىڭىز. نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن….

    سىزنى ئۇلىنىشقا قېتىپ قويدۇم. ۋاقتىڭىز بولسا ئۆتۈپ قويارسىز
    يول ئۇزۇن بىلوگى

  17. نۇھ مۇنداق يازغان:

    ۋەئەلەيكوم سالام! يېڭى بىر بلوگ ۋە سەرخىل مەزمۇنلاردىن ھوزۇرلاندىم، بلوگىڭىزغا مۇبارەك.

  18. نازۇگۇم مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،سالامەت ياخشى تۇرۇپسىز؟بلوگىڭىزغا ئالاھىدە زىيارەتكە كەلدىم.قويغۇچتىكى ناخشىلاردىن ھاردىم دېگۈچە ئاڭلاپ ھوزۇرلاندىم . ئىشلىرىڭىز ئۇتۇغلۇق بولسۇن .. سالامەت بولۇڭ !!

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif