toram
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئۇرۇشلاردا ئۆلگەن ئامىرىكا ئەسكەرلىرى

تارىختىكى ئامىرىكا ئۇرۇشلىرىدا ئۆلگەن كىشىلەر سانى



1775 - يىلى پارتىلىغان ئامىرىكا مۈستەقىللىق ئۇرۇشىدىن تارتىپ 1999 - يىلى پارتىلىغان كوسۇۋا ئۈرۇشىغىچە بولغان 200نەچچە يىلدىن بۇيان ئامىرىكا ئۇرۈشتىن خالى بولالمىدى ، لېكىن بۇ ئۇرۇشلارنىڭ كۆپى ئامىرىكا چېگرىسى سىرتىدا بولدى. ئۇنداقتا زادى قانچىلىغان ئامرىكىلىق بۇ ئۇرۇشلاردا قۇربانلىق بەردى ؟

مۇستەقىللىق ئۈرۇشى (1775 - 1783 ) ----  ئەينى ۋاقىتتا جاھانگىر دۆلەت ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن 300 نەچچە مىڭ ئامېرىكىلىق ( كۆپ قىسمى خەلىق ئەسكىرى ) بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ 8 يىل مۇستەقىللىق ئۇچۇن جەڭ قىلدى . بۇ جەرياندا قۇرۇقلۇق  ئارمىيىسىدىن 4044 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىدىن 342 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىدىن 49 كىشى قۇربان بولدى . بۇنىڭغا ئۇرۇشقا قاتناشقان خەلق قېتىلىپ جەمى 220 مىڭ كىشى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان .

ئامېرىكا - ئەنگىلىيە ئۇرۇشى ( ئىككىنچى قىتىملىق مۇستەقىللىق  1812- 1815 ) ----  دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ قېلىش ، ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسىنى ئامرىكا زېمىنىدىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھۆكۇمەت يەنە 470 مىڭ ئامېرىكىلىقنى سەپەرۋەر قىلىپ بۇ ئۇرۇشنى ئېلىپ باردى . بۇ قىتىمقى ئۇرۇشتا قۇرۇقلۇق  ئارمىيىسىدىن 1950 كىشى ، دېڭىز ئارمىيىسىدىن 265 كىشى ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىدىن 45 كىشى ، جەمى 2260 كىشى قۇربان بولدى .

سەيمىئور ئۇرۇشى ( 1832 - 1842 ) ---- بۇ قىتمقى ئۇرۇشتا جەمى 2000 ئامىرىكىق قۇربان بولدى .

ئامېرىكا - مېكسىكا ئۇرۇشى ( 1846 - 1848 ) ---- ئىككى يىللىق بۇ ئۇرۇشتا ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسمىدىن 1721 كىشى ، دېڭىز ئارمىيىسىدىن 1 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىدىن 11 كىشى ، جەمى 1733 كىشى قۇربان بولدى .  بۈ قىتمقى ئۇرۈشتا ئامېرىكا ئۆز زىمىنىغا تېكساس شىتاتى ، كالىفورنىيە شىتاتى ۋە يىڭى مىكسىكا شىتاتى قاتارلىق ئۇچ شىتاتنى قىتىۋىلىپ زىمىنىنى يەنە  230 مىڭ كۈادىرات كىلومىتىر كېڭەيتىپ ئامىرىكا ئىچكى قىسمىدا جەنۇپ تەرەپ بىلەن شىمال تەرەپنىڭ زىددىيىتىنى كەلتۇرۇپ چىقىراردى . بۇ زىدىيەت كېيىن ئامىرىكىدا بىر قىتىملىق ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىشىغا سەۋەپ بولدى.

ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشى ( 1861 - 1865 ) ---- شىمال تەرەپتىن 360 مىڭ كىشى ، جەنۇپ تەرەپتىن 260 مىڭ كىشى بۇ قىتىملىق ئىچكى ئۇرۇشتا جەمى 620 مىڭ كىشى قۇربان بولدى . بۇ قېتىملىق ئۇرۇش سانائەتنى ئاساس قىلغان شىماللىق كاپىتالىستلار بىلەن قۇللۇق تۇزۇمنى ئاساس قىلغان جەنۇپلۇق قۇلدارلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بولۇپ ، بۇ قېتىمىلق ئۇرۇشتا ئامىرىكا زۇڭتۇڭى لىنكولىن << مۇستەقىللىق >> خىتاپنامىسىنى ئېلان قىلغان .

ھىندىئانلارغا قىلىنغان بىر قىتىملىق جازا ئۇرۇشى ( 19 - ئەسىر ئىچىدە ) ---- 500 ئامېرىكىلىك ئولدى .

 

ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشى (1898- يىلى 4 ~8 ئايلار ) ---- بۇ ئۇرۇشتا ئامىرىكا قۇرۇقلۇق قىسمىدىن 369 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىدىن 10 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىدىن 6 كىشى ، باشقا سەۋەپتىن 2061 كىشى ، جەمى 2446 كىشى قۇربان بولدى .  4 ئاي سوزۇلغان بۇ ئۇرۇشتا ئامىرىكا ئىسپانىيە مۇستەملىكىسى كوبا ، فىلىپىن ، سىپرۇس ۋە پۇئېر تورىكو (波多黎各 )  قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغان  . بۇنىڭ بەدىلىگە ئىسپانىيىگە 20 مىليۇن دوللار تۆلەم تۆلىگەن .

ئامېرىكا -فىلىپپىن ئۇرۇشى ( 1899- 1901 ) ---- بۈ قىتىمقى ئۇرۇشتا 4243 كىشى قۇربان بولغان .

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ( 1917 - 1918 ) ---- بۇ قىتمقى ئۇرۇشتا قۇرۇقلۇق قىسمىدىن 50510 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىدىن 431 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىدىن 2461 كىشى ، باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن قۇرۇقلۇق قىسمىدىن 55868 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىدىن 6856 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىدىن 390 كىشى ، جەمى 116000 كىشى قۇربان بولدى .

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ( 1941 - 1945 ) ----  بۇ قىتمقى ئۇرۇشتا قۇرۇقلۇق قىسمىدىن 234874 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىدىن 36950 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىدىن 19733 كىشى ، ئىنباشقا سەۋەپلەر تۇپەيلى قۇرۇقلۇق قىسمىدىن 83400 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىدىن 25664 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىدىن 4778 كىشى ، جەمى 450000 كىشى قۇربان بولدى . ئۇندىن باشقا 650100 كىشى يارىلاندى ، 65800 كىشى يوقاپ كەتتى ، 114200 كىشى ئەسىرگە چۇشتى .

بۇ قىتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەرقايسۇ دۆلەتلەردىن جەمى 16 مىليۇن 900 مىڭ ئەسكەر ، 34 مىليون 300 مىڭ خەلىق بولۇپ جەمى 51 مىليون 200 مىڭ كىشى قازا قىلغان . پەقەت ياۋرۇپادىكى ئۇرۇشلاردىلا 260 مىيارد دوللار زىيان بولغان( شۇ يىللاردىكى قىممەت بويىچە ) .


ئامېرىكا - چاۋشىيەن ئۇرۇشى ( 1951 - 1953 ) ----- بۇ قىتىمقى ئۇرۇشتا قۇرۇقلۇق قىسمىدىن 27704 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىدىن 458 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىدىن 4267 كىشى ، ھاۋا ئارمىيىسىدىن 5884 كىشى باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىن 9429 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىدىن 4043 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىدىن 1261 كىشى جەمى 54 مىڭ كىشى قازا قىلدى .

ۋېيتنام ئۇرۇشى ( 1961 - 1973 )  ----- بۇ ئۇرۇشتا  قۇرۇقلۇق قىسمىدىن 30867 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىدىن 1599 كىشى ، ھاۋا ئارمىيىسىدىن 603 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىدىن 13066 كىشى ، باشقا  سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىن 7251 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىدىن 901 كىشى ، دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىدىن 1683 كىشى جەمى 57 مىڭ كىشى قازا قىلدى .


دومىنىكىغا قىلغان ھۈجۇم ( 1965 - يىلى 4 - ئاي ) --- بۇ ئۇرۇشتا 2 كىشى قازا قىلغان .

تىرىنىداغا قىلغان ھۇجۇم ( 1983 - يىلى 10 - ئاي ) --- بۇ ئۇرۇشتا 18 كىشى قازا قىلغان .

لىۋىيە توقۇنىشى ( 1986 - يىلى 3 ~4 - ئايلار )  ---- بۇ توقۇنۇشتا 2 كىشى قازا قىلدى .

پاناماغا قىلغان ھۇجۇم ( 1989 - يىلى )-----  بۇ ھۇجۇمدا 27 كىشى قازا قىلدى .

ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشى ( 1991 - يىلى ) -----  148بۈ قىتىمقى ئۈرۇشتا  كىشى قازا قىلدى ، باشقا سەۋەپتىن 138 كىشى قاشا قىلدى ، جەمى 286 كىشى قازا قىلدى . 3636 كىشى يارىدار بولدى . 44 كىشى يوقاپ كەتتى ، 11 كىشى ئەسىرگە چۇشتى .

سۇمالىدىكى ئۇرۇش ( 1993 - 3~6 - ئايلار ) ---- بۈ ئۈرۇشتا 44 كىشى قازا قىلدى .

كوسوۋو ئۈرۈشى ( 1999- يىلى 3~6 - ئايلار )  ---- 78 كۇن داۋاملاشقان كۆپ دۆلەت قوشۇنلىرى بىلەن كوسوۋو ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قېتىملىق ئۈرۈشتا جەمى ئامېرىكا قىسىملىرىدىن زادى قانچىلىك كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى تېخىچە بىر سىر بولسىمۇ ، لېكىن ئاز دىگەندە 50 ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە  ..........


Posted: 2007-11-20 00:23 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » دۇنيا تارىخى

Total 0.089937(s) query 3, Time now is:12-05 17:55, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation