« 1 2345» Pages: ( 1/6 total )
نۆۋەتتىكى تېما : "ئۆزبېك" نامى توغرىسىدا تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 8646ـ كۆرۈرمىنى
Xojaniyaz

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 657
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-09-11
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 "ئۆزبېك" نامى توغرىسىدا

"ئۆزبېك "نامى توغرىسىدا
خوجا نىياز يوللۇغ تېكىن
ئۆزبېك دىگەن نام ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ خانى ئۆزبەگ خان (1312-1342) نىڭ نامىدىن كەلگەن.يەنى 1312-يىلى مەنگۈ تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى(توغرۇلچە خاننىڭ ئوغلى)ئۆزبېكخان تەخىتكە چىقىپ، ئىسلام دىنىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ،نامىنى مۇھەمەد ئۆزبېكخان دەپ ئۆزگەرتكەن.ئۇ بوۋىسى مەنگۈ تۆمۈرگە ئوخشاشلا ئاق ئوردا تەرەپكە كۆپرەك كۆڭۈل بولگەن.ئاق ئوردا رايۇنىدىكى تۈركىي قەبىلىلەر ۋەتۈركلەشكەن موڭغۇللار،جۈملىدىن ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدا ياشايدىغان مانغىتلار(نوغايلار) دىن كۈچلۈك قۇشۇن تەشكىللەپ،ئۆز قارمىغىدىكى مۇھىم رايۇن ۋە شەھەرلەرگە ئىۋەتكەن .ئەينى زاماندا بۇقۇشۇن «ئۆبېك قۇشۇنى»دەپ ئاتالغان.كېيىچە بۇ قۇشۇنلار چىققان قەبىلىلەرمۇ «ئۆزبېك»  دىگەن نام بىلەن ئاتالغان.
تارىخقا نەزەر سالساق، ئۇيغۇر قاراخانىيلار خانلىقى(مىلادى850-1212) زىمىن تەۋەسى بولغان ماۋرا ئۈننەھىر گە دەشتى قىپچاقتىن يۆتكۈلۈپ كەلگەن كۆچمەن مۇھەممەد  شايبانىخان—(ئۆزبېكخان ) قۇشۇنلىرىنىڭ 1500 -يىللىرى باستۇرۇپ كىرىشى بىلەن ئۇزاق زامانلاردىن بۇ  جايلاردا ياشىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر –تۈركىي خەلىقلەر  ئۈستىدە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەن. )
    ئەسلىدە قاراخانىيلار خانلىقى توققۇز ئوغۇز-ئۇيغۇر،ياغما( قارلۇق)قاتارلىق قەبىلىلەردىن تەشكىللەنگەن بولسىمۇ،ئۇ «تۈرك ئۆلكىسى»،«خاقانىيە ئۆلكىسى»،«ئىد دۆلىتى ئەپراسىياپ» ئىبارىسى بىلەن ئاتالغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى،ئەھمەد يۈكنەكى قاتارلىقلار ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىل <<قەشقەر تىلى>>-<<خاقانىيە (دۆلەت)تىلى>>-ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكىنى ئىزچىل تەكىتلەيدۇ.گەرچە چىڭگىزخان ماۋرە ئۇننەھرىگە موڭغۇل قۇشۇنلىرىدىن كۆپرەك   ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانى –بارچۇق ئارتتېكىن ۋە كۈچلۈك خان قول ئاستىدىكى نەچچەتۈمەن  ئۇيغۇر قۇشۇنلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنى تارتىپ ئېلىش جەڭلىرىگە سېلىشى،قاراخانىيلار ئەۋلادى تۈركان خاتۇننىڭ كۈچلۈك تەسىرى، چىڭگىزخاننىڭ خارەزىمنى بويسۇندۇرۇش جەڭلىرى ،تۆمۈرلەڭنىڭ ئالتۇن ئوردۇسىنى ھەلەك قىلىش ئۇرۇشلىرى نەتىىسىدە خارەزىمدە<< ئۇيغۇرىزىم ھادىسىسى>> تېخىمۇ كۈچەيگەن.چاغاتاي دەۋرى بۇ ئۇيۇشۇش جەريانىغا سالماقلىق بىلەن تەسىر كۆرسەتتى،موڭغۇل ئاھالىرىنىڭ تۈركلىشىشى ۋە ئىسلامىيەتكە ئۆتىشى چاغاتاي زامانىنىڭ ئېتنولوگىيىلىك ئاقىۋېتى بۇلۇپ تاماملانغان ئىدى. بىر پۈتۈن چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى مىللىي تەركىپلەرنىڭ پەيدا بۇلىشى بىلەن ئېتنونومدا يېڭى ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى.
       يەنى ئاكادېمىك  بارتولىدنىڭ نۇپۇزى بىلەن، قاراخانىيلار خانلىقى-تۆمۈرىيلەر ھاكىميىتىدىن كېيىن قايتا باش كۆتەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا-خۇراسان مۇسۇلمان تۈركىي خەلىقلەر ھاكىميىتى ئاياقلىشىپ، مۇھەممەد شايبانىخاندىن باشلانغان يېڭى ئېتنىك قايتا شەكىللىنىش جەريانىدا يېڭى مەنىدىكى ئېتنىك گەۋدە--<ئۆزبېك > خەلقى دەپ نام ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇنقى ماۋرەئۈننەھىر  ئۇيغۇر –تۈركىي تۈركىمىنى<<كونا(ئېسكى)ئۆزبېك>> دەپ ئاتىشى ،ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىدا  زادىلىلا مۈمكىن بولمىغان،تارىخ،ئېتنىك ۋە ئىلمىيلىككە يات ئېغىر ئىدلوگىيىلىك قالايماققانچىلىقنى پەيدا قىلدى. نەتىجىدە 1920 –يىلى ئالدىدا ئۆزبېەگستان جۇمھۇريىتى قۇرلۇش سانىغا توشمىغانلىقى ئۈچۈن «ئاتالمىش ئۆزبەگ مىللىتى» روھى خېتىگە تىزىملىتىش ھەرقايسى جايلاردا بىرلا ۋاقىتتا ،قاتتىق كۈچەپ تەرغىپ قىلىندى ۋە مەجبۇرى مىللەت نامى «ئۆزبەگ » دەپ ئۆزگەرتىلدى،ئۆزبەگ بولمىغانلار بۇ زىمىندىن  كۆچۈپ كېتىش تەرغىپ قىلىندى ،نەتىجىدە 1920-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار  ئۆزلىرى نەچچە مىڭ يىللاردىن ئىلگىرى ساقلاپ كەلگەن ئۇيغۇر نامىنى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رۇسلارنىڭ  پارچىلاش سىياسىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستىمال قىلىنمىغان،تارىخىي مىللەت نامى بولمىغان، يېڭى مىللەت ئاتىلىشى—«ئۆزبەگ» نامى بىلەن مەجبۇرى ناملاندى،«ئۆزبەگ » ئىبارىسى خارەزم،بۇخارا،سەمەرقەنت،تاشكەنت،پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر- تۈركى خەلىقلىرىنىڭ مىللىي ئاتىلىشى بۇلۇپ كۈچەپ تەشۋىق قىلىندى . 1937-يىلدىكى چوڭ تازلاپ زەربە بېرىشتە< ئۇيغۇر > دېگەن مىللەت نامى ستالىننىڭ يۇقۇتۇش ئۇبىكتىغا ئايلاندى.نەتىجىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركۈملىگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللەت نامىنى،قەستەن، مەجبۇرى ئۆزبېك دېگەن نام ئاستىدا ئۆزبېك روھى خېتىگە تىزىملاتتى.بۇنداق ئەھۋال  1924-يىلدىن باشلاپ تاكى 1963-يىللارغىچە داۋاملاشتى.ئۆزبېكچىلىك ناھايتى قاتتق كۈچەپ تەرغىپ قىلىندى.ھەتتا1962-يىلى شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ چىققان نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزبېكچىلىك بېسىمى (مىللەت نامىنى ئۆزبېك دەپ ئۆزگەرتمىسە  ھىچقانداق ئىش بەرمەسلىك،يەكلەش)نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى قەستەن ئۆزبېك دەپ ئاتاپ، ئۇيغۇر دىيىشكە جۈرئەت قىلالماي كەلدى.ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ بۇخىل ئەھۋال يەنە داۋاملاشتى، دۆلەت باشلىقى –ئىسلام كېرىموپنىڭ «كىمىكى ئەلشىر ناۋائىنى ئۇيغۇر دەيدىكەن  شۇ ئۆزبېكىستان تۇپرىقىدىن يوقالسۇن!»دىگەن سۆزى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.دىمەك ،ئۇجايلادا ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتاپ، يۇرۈشنىڭ ئۆزبېك مىللەتچىلىكى ئالدىدا نە قەدەر تەس كۈن ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ؟ ئەسلىدىكى ئۆزبېكىستاندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار خارەزىم، بۇخارا، سەمەرقەنت، تاشكەنت، پەرغانە قاتارلىق جايلاردا شۇنچە كۆپ بولغان.سەمەرقەندتە چىقىدىغان«ئوقۇتقۇچى» دېگەن بىر ژۇرنالدا 1924-يىلى سەمەرقەندتە 500مىڭ ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى كۆرسۈتىلگەن.خارەزىمدىمۇ ئۇيغۇرلار كۆپ ياشىغان.ئەنجاندا تېخىمۇ شۇنداق. 1990-يىلدىن  باشلاپ ئاندىن ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەيدىغانلار(دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا) كۆپۈيىشكە باشلىدى.
       دىمەك، <<كونا ئۆزبېك>> ئبارىسى ئەسلىدە ماۋرا ئۈننەھىر گە باستۇرۇپ كىرگەن ۋە ئۆزنامىنى يەرلىك ئۇيغۇر تۈركىي ئاھالىسىغا سىڭدۈرۈپ،ئۆزى يەرلىك ئاھالىغا سىڭىپ كەتكەن،يەرلىك ئاھالىدىن سان جەھەتتەتۇلىمۇ ئاز ،مەدەنىيەت جەھەتتە تۆۋەن تۇرغۇچى، دەشتى قىپچاق كۆچمەن موڭغۇل ئۆزبېكلىرىگە خاس ئىبارىدۇر.
      شۇڭلاشقا ماۋرا ئۈننەھىر  يەرلىك  ئۇيغۇر-تۈركىي ئاھالىلار قانداقتۇ ، دەشتى قىپچاق كۆچمەن موڭغۇل ئۆزبېكلىرى نامى بىلەن «ئۆزبېك» دەپ ئاتالمستىن ،بەلكى ئۇيغۇر تۈركى ئاھالىلەر  دەپ ئاتىلىشى كېرەك ،شۇنداق ئاتالسا توغرا بۇلاتتى .چۈنكى،كەلگىندى ،دەشتى قىپچاق كۆچمەن موڭغۇل ئۆزبېكلىرى(قىپچاق تۈركلىرى)،  يەرلىك ماۋرا ئۈننەھىر ئۇيغۇر تۇركىي خەلىقىدىن باشقا بۇلۇپ، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي نامى بىلەن <قىپچاق ئۆزبېكلىرى> دەپ ئاتالسا، توغرا بۇلاتتى. چۈنكى 1500-يىللاردىن بۇرۇن ماۋرا ئۈننەھر  تۇپرىقىدا ئۆزىنى  ئۆزبېك  دەپ ئاتايدىغان مىللەت ياكى خەلىق توپىمۇ يوق ئىدى. بەلكى يەرلىك ئۇيغۇر تۈركىي ئاھالىلەر بار بۇلۇپ،  ئۇلارنى  ئۆزبېك خان نامى بىلەن <<ئۆزبېك>> دەپ ئاتىلىشى،تارىخىي مەنتىقىگە خىلاپ،ناباپ ئاتاق  ئىدى.
يەنى ئوبۇلخەيرىخان(ئاق ئوردا خانلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان)نىڭ نەۋرىسى شايبانى 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قۇشۇن باشلاپ،جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ ،غەربىي چاغاتاي خانلىقىدىكى تۆمۈرنىڭ كېيىكى ئەۋلاتلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ،بۇخارا،سەمەرقەند، ئۆزكەند،تاشكاند،بەلىخ ھەتتا ئىراندىكى خۇراساننىمۇ ئىشغال قىلىپ،ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. «بەزىلەر بۇنى ھەممىسى بىرلىشىپ <ئۆزبېك ئۇلۇسى> دېگەن ئومۇمىي  نام بىلەن ئاتالغان» دەپ ، كېيىنچە قەستەن سىياسى قۇراشتۇرۇلما    مىللەت ياساپ چىقىشتى.
      تارىخقا نەزەر سالساق،بۇ ئويدۇرمىلارنىڭ يالغان،ساقتا ئىكەنلىگى بىلىنىپ تۇرىدۇ. بىز «بابۇرنامە»دىن تۆمۈرىلەر ئاھالىسىنىڭ شايبانى ئۆزبېكلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان قانلىق مىللىي كۈرەش تەسۋېرلىرىنى كۈرەلەيمىز.يەنى<<يۈز قىرقىق يىلدىن بېرى سەمەرقەند پايتەختى بىزنىڭ خانە ۋادىمىز ئىدى.يات ياغى ئۆزبېك كېلىپ تەسەررۇپ قىلدى»(«بابۇرنامە»1998-يىل ئۆزبېكچە نەشرى،76-بەت) .
          ئۆزبېكىستان ئالىمى،پرۇفېسسور  مەمەجان راخمانوۋ «ئۆزبېك تىياتىرى»ناملىق كىتاۋىدىمۇ  بۇ تارىخىي   ھەقىقەتنى كۆرىمىز:«سىبىر ئۆزبېكلىرى تەرىپىدىن ماۋرا ئۇننەھىر ۋە خۇراساننىڭ ئىستېلا قىلىنىشى بۇ ئۆلكىنى كاتتا زەربىگە ئۇچراتتى.كۆچمەنچى ئۆزبېكلەر ئىلىم-پەن ،مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنىڭ قەدرىگە يەتمىدى»(ئۆزبېك تىياتىرى>>1-كىتاپ،1979-يىلى ئۆزبېكچە نەشرى،255-بەت)،دەپ پاكىت كورسىتىدۇ.  دەر ھەقىقەت مىرزا ھەيدەرنىڭ«تارىخىي رەشىدى»، بابۇرنىڭ «بابۇرنامە» ۋە باشقا ئەسەرلەردە ئەلشىر ناۋائىي، بابۇر، لۇتپى،سەككاكى قارلىقلار  باشقىلار ياكى ئۆزىى تەرپىدىن  <<ئۆزبېك>> دەپ ئاتالمىغان،بەلكى ئۇيغۇر ي دەپ ئاتالغانلىقى كۆرسۈتىلگەن.
      شۇنداق ئىكەن ئىلىم-پەن دۇنياسىدا ئۆزبېك مەدەنىيەت تارىخىنى ياراتقۇچى مەشھۇر كىشىلەر: ئەلشىر ناۋائىي، بابۇر، لۇتپى،سەككاكى قارلىقلار... دەپ بىر ئەسىردىن بۇيان <ئۆزبېك>  دەپ جار سېلىنغان بولسىمۇ (بارتولىد <<تارىخىي رەشىدى >>نىڭ مەۋجۇت ئالتە خىل نۇسخىسى ئىچىدە تۇلۇقسىز نۇسخىسى ھىساپلانغان لوندون نۇسخىسىنى كۈرۈپلا مۇھاكىمە باشلاپ قويغان( تارىخي ھەقىقەتتە، ئۇلار كىلاسسىك تارىخىي ئەسەرلەردە ئۇيغۇر دەپ كۆرسىتىلگىنى ئىلىم دۇنياسىغا ئاشكارا بۇلۇپ ، ئۆزبېك مىللىتى دەپ ئاتالغىنى ساقتا بۇلۇپ ،ئۇلار ئەسلىدىن ئۇيغۇر بۇلۇپ چىقتى، دىمەك ئۆبېك دەپ نام ئېلىۋالغانلار ئەمەلىيەتتە تارىخىي نوقتىدىن ئالغاندا ئۇيغۇرلاردۇر.
[ بۇ يازما Ulughbek تەرىپىدىن 2008-05-12 18:53 دە قا ]
1som
| ۋاقتى : 2008-05-07 17:06 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 8646ـ كۆرۈرمىنى
Ulughbek

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 2068
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 303
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە303دانە
شۆھرىتى: 318 نومۇر
پۇلى: 3060 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :314(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-04-21
ئاخىرقى : 2009-01-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

كۆڭلىمدىكىدەك يازما بولدى. مەن يازغۇچە يېزىپ بوپسىز.  ھازىر ئۆزبېكىستان "ئۆزبېك "ئېتنونىمىي ئاستىدا ئورتا ئاسىيادىكى باشقا مۇستەقىل دەۋلەتلەر كەبىي "ئۆزبېك"مىللى روھىيىتىنى يۆكسەك دەرىجىدە تەشەببۇس قىلماقدە.شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇيغۇر نامىي تارىخنامىلىرىدە ناھايتى ئاز سۆزلەنمەكتە. سۆزلەنگەن تەقدىردەمۇ ئورخۇن ئۇيغۇر دەۋلەتى مەنزىللىرىدە توختاپ قالماقدە.ئەلبەتتە ئۆزبېكىستان مەنبەئەلەرىدە ئۇلار بىلەن مۇنازىرە قىلسىڭىز ،ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ھەققىدە تۈزۈك چۈشەنچىسى يوقلىكىنى بايقايسىز. كۆپىنچە ئۆزبېكلەر ئۆزلەرىنى "ئۇيغۇر"بىلەن مۇناسىبەتى يوق دېب قارايدۇ. لېكىن، ئىشىنىمەنكى، ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مەدەنىيەت،سودا ئالاقىلىرىنىڭ قۇيۇقلىشىشى بىلەن، چۈشىنىش ئېشىپ ،تىلى بىر، مەدەنىيەتى بىر،ئەسلى بىر بۇ  ئىككى مىللەت چۇقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىگە قايتىدۇ.
yol
| ۋاقتى : 2008-05-07 19:12 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8646ـ كۆرۈرمىنى
Ulughbek

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 2068
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 303
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە303دانە
شۆھرىتى: 318 نومۇر
پۇلى: 3060 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :314(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-04-21
ئاخىرقى : 2009-01-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇيغۇر تىلى نەچچە قېتىملىق يېزىق ئىسلاھاتى جەريانىدا ئەسلىدىكى "ئەلىشىر نەۋائىي تىلى"("چاغاتاي تىلى"دېسەم قاراتمىلىقى تازا كۈچلۈك بولمايدىكەن)دىن تەلەففۇز  جەھەتدىن چەتنىدى.ھازىرقى ئۆزبېك تىلى بولسا "ئەلىشىر نەۋائىي تىلى"نى ئۇيغۇر تىلىغا قاراغاندا خېلى زور دەرىجىدە ئەينەن ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقەتەن دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئاسارىتى تەسىرىدە تەلەففۇزلىرىدا قىپچاقچە ئالامەتلەر مۇئەييەن نىسبەتتە ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى. شۇڭا تىل جەھەتدىكى ياتلىشىش بۇ "ئىككى مىللەت"نى بارا-بارا باشقىلارغا راستىنلا "فەرقى بار"دەك بىلدۈرمەكتە. يەنە كېلىب ئۆزبېكىستان ئۆزبېكلىرىدە(بۇلۇپمۇ يېقىنقى نەچچە  ئەۋلاد كىشىلەردە)  ئۆزبېكىستاندىكى ئەسلىي پاكىتلارغا ئېتىبارسىز  قارالغان تارىخىي يازمىلارنىڭ تۈرتكىسىدە  ئۇيغۇرلارغا بولغان چۈشەنچە ناھايتى سۇس بولدى.  ھازىرقى ئۆزبېكىستان  سىياسى ۋە ئىدىئولوگىيە  جەھەتدە ئادەمنىڭ ئىچىنى سىغقۇدەك دەرىجىدە بۇرقتۇملىشىب كەتكەنكى،ئىسلام كەرىموبنىڭ نەزەرىگە"ئۆزبېك"دىن باشقا ھېچكىم سىغمايدۇ."ئۇيغۇر"نىڭ ئىسمى چىقىپ قالسا ،چىچاڭشىپ ئىچىۋەتكەن چېيىنى پۇرقىۋىتەمدىكىن دەيمەن. "ئەندىجان ۋاقىئەسى"يادىڭلەردە بولسە كېرەك. شۇندىن كېيىن ئۆزلەرىنى "ئۇيغۇر "دېيىشكە جۈرئەت قىلىدىغانلار تېخىمۇ ئازلاپ كەتتى.
لېكىن بۇ ۋەزىيەت مېنىڭچە ھامان ئوڭشىلىدۇ.ئۆزبېكىستاندىن چىقىپ چەت دۆلەتلەردە ئولتۇراقلىشىب ئۆز تارىخىنى ھەقىقىي تۇنۇۋاتقان ئۆزبېك قېرىنداشلار بەك كۆپ. ئۇلار چۇقۇم "ئۆزبېك"لەرنىڭ پىنھان تارىخىنىڭ ھەقىقىي سىرىنى ئۆز خەلقىغە ھامان بىر كۈنى تۇنىتىدۇ.
terjime guruppisi
| ۋاقتى : 2008-05-07 20:52 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8646ـ كۆرۈرمىنى
leon

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1951
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
شۆھرىتى: 19 نومۇر
پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-30
ئاخىرقى : 2008-05-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  O’ndaqmu emes!
Ughurlar O’zbeklerni “O’zbek” namini qobul qilgan Uygurlar dep oylaydi. Likin Ozbekler Uygurlarni Ozbekler deydi.
Emaliyatta bu ikisimu hata. Qitaydiki buginki “Uyhgur” namiliq millet mu buindin yuz yil ilgeri hammasi “Uygur” atalmagan. Faqat Qumul,Turfan taratpakileri bashqalar tarapindan “Uygurlar” atalgan, hama bashqalari bosa Qashqarlik,Hotanlik,Yarkenlik,Dolanlik bolip yer isimi bilen atalgan. Bu yerdeiler burin hish qashan ozlerini “Uyghur” atamanganlar. Qashqar bilen Andijan yani Ozbekistan arisi burin ulagliq bolgan, arasida Qirghiz milleti bolmaghan, Qirghizlar Enesayda-Siberyada yashaghan,16-asirda Qirghizlar Eneseydan kochup chiqqan,Qazaq hanligige kelip fanalaganlar ve Qazaq hanligi Orta Asia-Ozbek hanlikleri bilen soqushta, shu Andijan bilen Qashqar arasini basip algan ve Qirghizlarni shu jaygha ornalashturghan. Shunung bilen Orta Asianing shahari,mahile ahili bolgan bir halik jughurafyaliq birlikidin ayrilghan, keyin,Stalin Orta asialiqlarni yeniden etinik toplumlarga ayrishta Qitayge(Zhungo) qarigan qisimige “Uyghur” namini berishni, Resei(Russia)ge qaraghan qisimige Qipchaq-Ozbeklerining nami-“Ozbek”ni berishni qarar qilgan. Shuning bilen bu bir millet bolushqa tigishlik bir haliqning awlatlari iki millet namida atalip ketken. Birisi Qazaq Qipchaqlarining bir qismi Ozbeklerning namibielen “ Ozbek” atalgan, yeni birisi Mongoliada yashagan Uyghurlarning nami bilen “Uyghur” atlanganlar.Sovet hukumeti 1921-yili Tashkentde achilgan Turki milletler wakilleri qurultayida “Uyghurlar majilisini” uyushturghan , ve Zhungoge bagli yani Jenubi Xin Jiang’deki Turki tilli bir tutash “Uyghur” atash toghrisada qarlar maquldaghan. Oningdin burin bu jaydiki haliqining hammasining bir tutash ozlerini “Uyghur” ataghanlikige heshbir halel yoq. Mushu yillari ve oningdin keyinki yillari Sovetke bagli yani Ozbekstandaki Turki milletlarni hammasini “Ozbek” dep atash qararlangan. Bu millatlar uch gruh bolup, nopusu eng kobi “Sart” atalgan halik, emdi biri bosa Ozbekler yani Qipchaq qabiylerindin ulashqan azchliq gruh,bugunki Ozbek namli millette qabile uqumu barlari 5-6 milllyon,qalghin 20 millyon Ozbekte Uygurlarga uqchash qabile uqumu yoq.yeni biri bosa Oguz dialekitide sozleydigan kichik gruh, bularning hammasini birdek “Ozbek” atash qararlangandin kiyin Qashqar lehchesige yaqin ve fofusu eng jiq bolgan Fergana lehchesi “Ozbek tili” bolup bekitilgen. 


Tordin tepulangan eserler:

1920- ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺋﯚﺯﺑﻪﻙ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ 'ﺳﺎﺭﺕ' ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ.
`ئۇيغۇر` دىگەن بۇ ئىسىم بىزگە 1920- يىلى قويۇلغان. ئەينى چاغدا، سىتالىن تۈركىيە، غەربىي تۈركستان ۋە شەرقىي تۈركستان رايونلىرىنىڭ بىرىكىپ، قۇدرەتلىك تۈركستان ئىمپىرىيىسىنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرە پ، قىلچە مىللەت ئۇقۇمى بولمىغان غەربىي تۈركستان تۈركلىرىنى سۈنئىي ھالدا مىللەتكە ئايرىغان. ئەينى چاغدا، سىتالىن مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ پىلانلىق ئىش ئېلىپ بارغان. ھازىرقى قازىقىستان `قىرغىزىستان`، `قىرغىزىستان` بولسا `قارا قىرغىزىستان` دەپ قۇرۇلغان، قازاق بىلەن ئۆزبەكنى ئايرىماق بەك تەس بولغان، نۇرغۇن تۈركلەر ئۆزلىرىنىڭ قايسىسىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن ...
شىنجاڭدىكى تۈركلەرمۇ بۇنى بىر مودا ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىمۇ، ئۆزلىرىگە `ئۇيغۇر` دىگەن قەبىلە نامىنى مىللەت نامى قىلىپ بېكىتكەن. مەن بۇلارنى بىر خەنزۇ يازغان `تېنچلىق دەۋاسىمۇ ياكى بۆلگىنچىلىك سۈيقەستىمۇ» دىگەن كىتاپتىن كۆرگەن.
بەلكىم، ھەقىقىي ئۇيغۇرلار گەنسۇدىكى يۇغۇرلار بولۇشى مۇمكىن. بۇ پەقەت مېنىڭ پەرىزىم. بۇنى پەقەت خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بىز تۈرك.

ﺳﯩﺰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯩﭽﺒﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ. <<مىللەت نامى قىلىپ بېكىتكەن>> ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ! ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪ ﮬﻪﻡ ﺳﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 20- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﻪﻛﻜﺎﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮﻥ ﻳﺎﯓ ﺯﯦﯖﺸﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺑﻠﻪﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﻨﻰ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻮﻧﯘﯞﯦﻠﯩﺶ (ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻤﯘ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ) ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ، ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﯦﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯜﻛﻠﻪﻧﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺭﻭﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﻒ 1921-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﺘﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ"ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ" ﺗﯜﻧﺠﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﺪﺍ، ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ، ﮬﻪﻡ: "ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻖ، ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ.... ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻟﻖ، ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯩﺰ! ..." ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺟﯘﻻﻻﻧﺪﻯ! (ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﯞﻩﻗﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﺪﺍﺗﻠﯩﻖ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ، ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﺋﻪﺳﻪﺕ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ -20“ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺭﻭﮬﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﻏﯧﺮﯨﭙﻠﯩﻖ“ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﯩﺪﻩ، "1924- ﻳﯩﻠﻰ" ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﻮﺭﺭﯦﻜﺘﻮﺭﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻝ - ﻗﺎﺭﺍﯓ: ﺋﻪﺳﻪﺕ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ” تەﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﺭﻧﻐﺎ ﺩﯛﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺭﻭﮬ“ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ )
1som
| ۋاقتى : 2008-05-07 21:33 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8646ـ كۆرۈرمىنى
Ulughbek

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 2068
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 303
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە303دانە
شۆھرىتى: 318 نومۇر
پۇلى: 3060 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :314(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-04-21
ئاخىرقى : 2009-01-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
3 - قەۋەتتىكى leon 2008-05-07 21:33 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
  O’ndaqmu emes!
Ughurlar O’zbeklerni “O’zbek” namini qobul qilgan Uygurlar dep oylaydi. Likin Ozbekler Uygurlarni Ozbekler deydi.
Emaliyatta bu ikisimu hata. Qitaydiki buginki “Uyhgur” namiliq millet mu buindin yuz yil ilgeri hammasi “Uygur” atalmagan. Faqat Qumul,Turfan taratpakileri bashqalar tarapindan “Uygurlar” atalgan, hama bashqalari bosa Qashqarlik,Hotanlik,Yarkenlik,Dolanlik bolip yer isimi bilen atalgan. Bu yerdeiler burin hish qashan ozlerini “Uyghur” atamanganlar. Qashqar bilen Andijan yani Ozbekistan arisi burin ulagliq bolgan, arasida Qirghiz milleti bolmaghan, Qirghizlar Enesayda-Siberyada yashaghan,16-asirda Qirghizlar Eneseydan kochup chiqqan,Qazaq hanligige kelip fanalaganlar ve Qazaq hanligi Orta Asia-Ozbek hanlikleri bilen soqushta, shu Andijan bilen Qashqar arasini basip algan ve Qirghizlarni shu jaygha ornalashturghan. Shunung bilen Orta Asianing shahari,mahile ahili bolgan bir halik jughurafyaliq birlikidin ayrilghan, keyin,Stalin Orta asialiqlarni yeniden etinik toplumlarga ayrishta Qitayge(Zhungo) qarigan qisimige “Uyghur” namini berishni, Resei(Russia)ge qaraghan qisimige Qipchaq-Ozbeklerining nami-“Ozbek”ni berishni qarar qilgan. Shuning bilen bu bir millet bolushqa tigishlik bir haliqning awlatlari iki millet namida atalip ketken. Birisi Qazaq Qipchaqlarining bir qismi Ozbeklerning namibielen “ Ozbek” atalgan, yeni birisi Mongoliada yashagan Uyghurlarning nami bilen “Uyghur” atlanganlar.Sovet hukumeti 1921-yili Tashkentde achilgan Turki milletler wakilleri qurultayida “Uyghurlar majilisini” uyushturghan , ve Zhungoge bagli yani Jenubi Xin Jiang’deki Turki tilli bir tutash “Uyghur” atash toghrisada qarlar maquldaghan. Oningdin burin bu jaydiki haliqining hammasining bir tutash ozlerini “Uyghur” ataghanlikige heshbir halel yoq. Mushu yillari ve oningdin keyinki yillari Sovetke bagli yani Ozbekstandaki Turki milletlarni hammasini “Ozbek” dep atash qararlangan. Bu millatlar uch gruh bolup, nopusu eng kobi “Sart” atalgan halik, emdi biri bosa Ozbekler yani Qipchaq qabiylerindin ulashqan azchliq gruh,bugunki Ozbek namli millette qabile uqumu barlari 5-6 milllyon,qalghin 20 millyon Ozbekte Uygurlarga uqchash qabile uqumu yoq.yeni biri bosa Oguz dialekitide sozleydigan kichik gruh, bularning hammasini birdek “Ozbek” atash qararlangandin kiyin Qashqar lehchesige yaqin ve fofusu eng jiq bolgan Fergana lehchesi “Ozbek tili” bolup bekitilgen.  


.......

يازغانلىرىڭىزنى ئۇقۇب چىقتىم.
نېمە دېسەك بۇلار؟دېمىسىمۇ "ئۇيغۇر"نامىنى 20-ئەسىرگىچە ئۇلىغانلار دەل شۇ گەنسۇدىكى ھازىرقى "يۇغۇر"لار.لېكىن كۈلكىلىك يېرى شۇكى، ھازىر تارىملىقلار "ئۇيغۇر"ئاتىلىپ، ئۇلار"يۈگۇ"دېب ئاتىلىپ قالدى.دېمەك ئىككىسى ئىككى مىللەت بۇلۇپ قالدى. مەيلى قايسىلا جەھەتدىن بولسۇن  بۇ ئىككى مىللەت ھازىرقى مىللەت نوقتىسىدىن خېلى كۆپ فەرقلىنىدۇ.تىلى، يېزىقى، مەدەنىيەتى، ئۆرف-ئادەتلىرى......دېگەندەك.ئىشقىلىپ يۇغۇرلار نىڭ بۇندىن 1000 نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى ئەجدادى بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ 1000نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى ئەجدادلىرىنىڭ بىر قىسمى تۇغقان ئىدى. شۇنداق دېيىشكىلا بۇلىدۇ. 1000نەچچە يۈز يىلدىن بېرى تارىمدا نىمىلەر بولمىدى؟ گەنسۇدىكى يۇغۇرلار ئارىسىداچۇ؟قىزىق يېرى گەنسۇدىكى يۇغۇرلار ئارىسىدا ھازىرغىچە "ياغلاقار"ئۇرۇق نامى بار.
ئەمدى بۇرۇن نېمىلا بولمىسۇن،تارىملىقلار ھازىر "ئۇيغۇر".شۇڭا باشتىن -ئاخىر "ئۇيغۇر"يۇلى بۇيىچە پىكىر يۈرگۈزىشى ، تارىخنى ئۈزۈپ قويمايدىغان پاكىتلارنى توپلىشى كېرەك.شۇڭا تارىخىي تەفەككۈر باشتىن -ئاخىر "ئۇيغۇر"غا مەركەزلەشكەن. ئەگەر ھازىرقى تارىملىقلار "ئۇيغۇر "دېب ئاتالماي، "موغۇل"دېب ئاتالغان بولسا،ئۇ چاغدا "ئۇيغۇر"دېگەن بۇ نامنى خۇددى ھازىرقى ئۆزبېكلەردەك ئۆز تارىخنامىلىرىدە  "ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى "ۋە "قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى" دائىرىسىدلا بىر باپ قىلىب سۆزلەپ قۇيۇپلا ئۈتۈپ كەتكەن بۇلار ئىدى.لېكىن ھازىر بىزگە مۇھىمى :ئەلمىساقدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇر نامى ئۈزۈلمىگەن بىر ئىدىئولوگىيىلىك تۇنۇشنى شەكىللەندۈرۈش. شۇڭا ئەمدى بولغاندا "بەلكىم، ھەقىقىي ئۇيغۇرلار گەنسۇدىكى يۇغۇرلار بولۇشى مۇمكىن. بۇ پەقەت مېنىڭ پەرىزىم. بۇنى پەقەت خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بىز تۈرك." دېيىش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس. گەرچە پەرىزىڭىز ناھايتى توغرا بولغان بولسىمۇ.ئەمدى ھازىرقى چۈشەنچە مۇنداق بۇلىشى كېرەك:ئۇلار ھازىر يۈگۇ ، تارىملىقلار بولسا ھەقىقىي "ئۇيغۇر".مانا بۇ ھازىرقى پايدىلىق مەسىلە.

خوش بۇ تۇرۇپ تۇرسۇن.
"ئۇيغۇر "،"ئۆزبېك" مەسىلىسىگە كېلەيلى:
دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرى ،تۈركلەشكەن مۇڭغۇللار (توغرىسى ئىسلاملاشقان) ۋە دەشتى-قىپچاقتا ئەزەلدىن ياشاۋاتقان ھەم مۇڭغۇللارغا ئەگىشىپ بارغان باشقا تۈركىي قەۋملەردىن شەكىللەنگەن بىر توپ. ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟ئۇ يات خەقمىكەن؟ماۋەرا ئۇننەھىردىكى بوستانلىق تۈركلىرىگە (توغرىسى قاراخانىلار بوستانلىق ئاھالىلىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى)ئىستلا يۈرگىزمىگەن ۋاقتىدىكى  ھالىتىنى نەزەرگە ئېلىب ماۋەرا ئۇننەھىرلىكلەرنى قوشماي قاراغاندىمۇ  ، ئۇلارنىڭ  شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ فەرقى يوق. (قىپچاقچە  ھەم مۇڭغۇلچە ئالامەتلەرنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا).ھازىرقى ئۇيغۇرلارمۇ ئەمەلىيەتدە چاغاتاي دەۋرىدىن تاكى سەئىدىيە خاندانلىقىغىچە داۋاملاشقان ئۇزۇن تارىخ جەريانىدا تۈركلەشكەن (ئىسلاملاشقان) مۇڭغۇللارنىڭ تارىمدىكى ئەزەلدىن ياشاۋاتقان تۈركىي تىللىق قەۋملەرگە (نەچچە مىڭ يىل تەرەققى قىلىپ شۇ چاغاتاي دەۋرىگە كەلگەندە بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئاساسەن تۈركلىشىپ بولغان،توغرىراقى قاراخانىلار دەۋرىدىلا)قۇشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن. ئەمدى شۇ دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرىگە  ماۋارە ئۇننەھىر بوستانلىق تۈركلىرى قۇشۇلسا ئۇيغۇر بىلەن بولغان فەرقى  تېخىمۇ يوق بولمامدۇ؟ يۇقۇرقى ماقالە پاكىتسىز ئەمەس.لېكىن دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرىنى ئۇيغۇرلاردىن تېخىمۇ يىراق قىلىپ، ئۇلارنى ئىنكار قىلىشىمۇ،ھەم ھازىرقى ئۆزبېكلەرنى  "دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلەرى بىلەن بىر خەق ئەمەس" دېب "ئارىنى ئۇچۇق قىلىۋېتىش"مۇ  سەل چەكتىن ئاشقانلىق.
ئەمدى ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى "ئۆزبېك ،"ئۇيغۇر" ئەھۋالاتىغا سۈكۈت ئىچىدە پۈرسەت كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. سەبەبنى مەن يۇقۇرىدىكى ئىنكاسلاردا توختۇلۇپ ئۆتتۈم.
ئاخىردا دەيدىغىنىم: سىزنىڭ تارىخنى توغرا تۇنۇش پوزىتسىيىرىڭىز ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.
| ۋاقتى : 2008-05-07 22:51 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8646ـ كۆرۈرمىنى
zakinur

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1621
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە22دانە
شۆھرىتى: 23 نومۇر
پۇلى: 220 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :12(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-14
ئاخىرقى : 2009-01-03

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  تارىخى كىتاپلاردا  ئوتتۇرا ۋە مەرگىزى .ئاسىيادىن ئىبارەت بۇ كەڭ زىمىندا ياشىغان خەلقلەرنى  ،تۇرك  ئۇقۇمى بىلەن چۇشەندۇرگەن .تۇرك دىگەنلىك ئۇيغۇر دىگەنلىك دەپ بىر مەنادا تەبىر بىرىلگەن . جۇڭگۇ تارىخنامىلىرىدا يېزىلغان دى، رۇڭ،چۇئەنرۇڭ ،گۇيفاڭ ،دىلى،تىلى ،قاڭقىل دىگەنلەرنىڭ ھەر قايسى تارىخى دەۋىرلەردىكى ، ئوخشاش بىر مىللەىتنىڭ ،ئوخشىمىغان تارىخى دەۋىرلەردىكى ، ھەرخىل ئاتىلىشى دەپ چۇشەنچە بىرىلگەن . تارىختىكى ئون ئۇيغۇر ، توققۇز ئوغوز دىگەنلەرنىڭ بىر ئۇيغۇر دىگەننى كورسىتىدىغانلىقى ئىزاھلاىغان . چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كىيىن  ئوزى بۇيسۇندۇرغان رايۇنلارنى، ئوز ئوغۇللىرىغا بولۇپ بەرگەندە ، 6-7- ئەسىرلەردىكى تۇرك خانلىغى ، كىيىنكى ئۇيغۇر خانلىغى ۋە قارا خانىلار سۇلالىسى كىيىنكى دەۋرىدىكى بۇلۇپ  شەرقى ۋە غەربى ئىلىك خانلىقلارغا بولۇنگەن  رايۇنلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ شەرقى قىسىم رايۇننى2- ئوغلى چىغىتايغا،غەربى قىسىم رايۇننى بولسا 1- ئوغلى جۇجىغا بولۇپ بەرگەن . مانا بۇ ئىككى شاھزادەۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى شۇندىن كىيىن  كەڭ تىرىتۇرىيەلىك بۇ تۇپراقنى  ئىككىگە بولۇپ ئىدارە قىلغان . شۇندىن كىيىن بۇ شاھزادىلارنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى  بۇ رايۇندىكى تۇركى خەلقلەر تۇركۇمىگە ئاسىملاتسىيە بولۇپ كەتكەن . ئەۋلاتلارنىڭ بارا -بارا  بىر- بىرىدىن يىراقلىشىشى ۋە ھاكىمىيەت  ھوقۇقىنى تالىشىش كورىشى داۋامىدا بىر مىللى گەۋدە ئىككىگە بولۇنۇپ  ئۇيغۇر مىللى  ئۇقۇمى ئىچىدە يىڭى  بىر مىللى ئاتالغۇ "ئوزبىك: دىگەن يېڭى بىر مىللى توپ شەكىللەنگەن .  ئوزبىك ،ئۇيغۇر دىگەن بۇ ئىككى مىللەتنىڭ تىل ، رەڭ ، ئورپى ئادەت قاتارلىق  ئومۇمى ھالىتىنى كۇزەتسەك %95 ئوخشاشلىقنى پايقايمىز . پەقەت پەرق قەشقەر، خوتەن ، ئىلى ،ئاقسۇ، قۇمۇل تىل شىۋىلىرىدىكىگە ئوخشاش  بىرخىل پەرقنى پايقايمىز . شۇڭا ئۇيغۇر، ئوزبىك دىگەن بۇ ئىككى مىللەتنىڭ تۇققاندارچىلىقى بەكمۇ يېقىن مىللەت ھەم ئاساسى بىر مىللەت .
1som
| ۋاقتى : 2008-05-08 00:17 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8646ـ كۆرۈرمىنى
ogdulmish

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 1725
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە38دانە
شۆھرىتى: 41 نومۇر
پۇلى: 390 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :42(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-31
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

خوجانىياز، ئۇلۇغبەكلەرنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن. 
1som
| ۋاقتى : 2008-05-08 00:24 6 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8646ـ كۆرۈرمىنى
baturhon

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 2069
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
شۆھرىتى: 7 نومۇر
پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-05-08
ئاخىرقى : 2008-05-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

توغرا مەنمۇ ئۆزبەكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەرقى يوق دەپ قارايمەن.پەقەت يېقىنقى بىر قانچە يۇز يىللىق تارىخ جەريانىدىكى جۇغراپىيىلىك مۇھىت،سىرىتنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ رايۇندا يولغا قۇيغان پەرىقلىق سىياسەتلىرى ئەسلىدە بىر مىللەت بولغان بۇ ئىككى خەلىق ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنى زورايتىۋەتكەن.
1som
| ۋاقتى : 2008-05-08 19:12 7 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8646ـ كۆرۈرمىنى
leon

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1951
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
شۆھرىتى: 19 نومۇر
پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-30
ئاخىرقى : 2008-05-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

1.Orhon Uyghur hanligi Momgolia igizligide bolgan devlet,Shu zamanlarda Jenubi Xin Jinjiang
ve Kirgizistan,Ozbekistanlarda bashqa milletller yashawatqan.
2.Orhun Uyghur hanligi yiqilghandin keyin,Uyghur qabilelerining bir qisimi jenubke ve gheripke kochken,
Janbun tarafke kochken Uyghurlarning bir qisimi Hanzulargha singiship ketken, GanSu olkusige kelgen
bir qisimi shu yerde Ganzhou Uyghur hanligini qurghan, ular bugunki Yughurlarning(Serq Uyghur) ejdadlari.
Genetic analizler Uyghurlar bilen Yughurlar arasida tuqqanchiliq baghliliqning yoq dek az ikenligini isfatlagan:
http://www.informaworld.com/smpp/content~content=a792337338~db=all~order=page
Gheripke kochken Uyghurlar Qumul,Turfan aymaghlarida Ediqut Uyghur hanligini qurghan,ular Qashqar,
Hotan ve Merkezi asiage ichkerlep kirmegen, mushu waqta bashqa da Turki qabiyleleri mu gheripke
chokup kelgen, Masalan: Qarluqlar,Chigil,Basmil v.b tayfalar... Qarluq,Chigil tayfalari Qashqar ve ondan
gheripke merkizi asiagha tegi jayda Qarahanlar devletini qurghan. 
Qarahanlar zamanida yashighan Mahmud Qashqari (ozinining dangliq "Turki tillar sozlukude" ) Qarahanlar
devletining haliqini hich "Uyghur" dep atamaghin, Ozunimu "Uyghur"demigen, "Uyghur" dep shu Ediqut
Hanqini korsetken yani Sherqi Jenub Xin Jiang Uyghurlari(Qumul,Turfan) .
Bu zamanlarda Uyghurlar Butperst bolghan, Qarahanlar Islami dinini devlet dini ilan qilghan, ve Uyghurlarmen
yani Ediqut hanligi bilen bek uzun waqit soqushlar ilip barghan.
Keyinche ghrip tarafda Qiydanlar Gherbi Liao devletini qurghan, yeni bir Horezim shaqligimu qurulghan.
Ediqut Uyghurlarining hakimieti hich qachan Qashqar,Hotan,Qirghizistan,Ozbekistan toruraqlarige yetmegen.
Bugunki Uyghur,Ozbek tilleri Turk tillarining Qarluq Gruhgha kiridu. yani bu Merkizi asiyagha Qarahanlarning
tasiri Ediqut Uyghur hanligining tasiridin bek choq bolghanliqini tushundiridu. Bugunki Uyghur,Ozbek tilleri
Qarluq-Chigil qabilerlirining lehchesi esasida shekillengen. Uyghur qabilerining tasiri naihti ajiz bolghan.

Chingizhan zamani
Chingizhan zamnida ve shu zamindan qalghan eserlerde mu jenubi gherbi Xin Jiangliqlar "Uyghur" atilip
baqmighan,yani u zmanlardamu "Uyghur" dep faqat Ediqut Uyghurlari eytilghan, yani Qumul,Turfan
aymaghliri. nofusu selushturmasi yuqari Qshqar,Hotan haliqlirining o zamanda "Uyghur "atilghanigha hich
bir dalililimiz yoq.
Chaghatay  Hanligi
Chingizhan Ediqu Uyghurlarini oz imperyasighi qoshup alghindin keyin, merkezi asiyadaki XiLiao,Horezim
devletlerinimu ishghal qildi, keyinche XinJIang,Merkizi Asiya,Sharqi Qazaqstan,Jenubi Qazaqstanni ikinchi
oghlu Chaghitaygha bolup berdi, Chaghitay bu esasta Chaghitay hanligi atliq devletini qurdu.
Yani bu waqta yenimu hich bir delil Jenubi Xin JIangdiki Turki haliqlilirining hammasining ozlerini "Uyghur"
atighanliqigha delil-sifat yoq. Shaghitay hanlikidiki halik hayat chekilige qarap Izaigilik bilen shughuldandighan
Mahile ehili ve Chochmenler bolup ikige ayrildi. Merkizi asiyada halik tilige qarap chong jattan ikige ayrildi
yani "Turkler" ve "Tajikler" . o waqta Ozbekstandiki haliqlarmu hich qachan "Ozbek" atalmaghin,
"Ozbekler" dep o zamanda Altunorduning Sherqi Deshti-Qipchaq dalisidiki(Qazaqstan) haliqlari atilghan.
yani Jenubi Xin Jiang Qirghizistan,Ozbekistan,Tajikistandiki Turki tilli haliqlar(buguki Uyghur,Ozbek milletlirining
ejdadliri)Tajiklerdin chong  jattan  farqlanish uchun "Turk" atilghan.  Lakin mundaq atilish resimi halge yetemegen.
Lakin oz ichliridin yer nami bilen atililghan. Kochmenler Turk,Mongollar,Arap eserleride bu haliq "Sart" depmu ataldi.
Millet nami digen bir bashqa gep,milletning chekilnenishi bir bashqa gep. Mana buguki Uyghur,Ozbek milletleri
mushu waqlardi  millet bolup shellengin bolghan. Milletning nami siyasi birlik bilen mekemleshedu,mukemleshedu,
Shu mahile ehiliri siyasi birlikni yani oz aldighia siyasida birleshe almighanliqi uchun millet bolup chekillensimu,ortaq
milli namini qolgha kelture almadi.
Chaghitay hanligi yiqildi Sherqi Chaghitay hanligining bir qisimini Manchu-Ching sualesi ozige qoshup aldi yani bugunki
Jenubi Xin Jin jiang mushining ichide, Gherbi qisimidi Barlas qabilesidin chiqqan Temur ozu hanligini qurup aldi. yani
Ozbekistan mushu waqta Temur Imperyatorlughuge qaldi, bu waqta uning halki chong jattan "Turk" ,"Tajik" dep iki qil atalardi.
ular hich qachan ozlerini "Ozbek" ya "Uyghur" atimadi.
Altun Ordu devletimu parchalandi, Sherqi Deshti-Qipchaqta-AqOrdu(Qazaqstan) qisimida "Ozbek hanligi" dep atlanghan devlet
mevjut boldu. halki "92baghli Qipchaq" yaki "92baghli Ozbek " atilghan  Turki-Monghul qabilelirdin qurlanghan topluq . lakin bu devlette
tahtqa talash bek kuchluk boldu, buyuk hani Abulhairge bashqa sultanlar-oghulanlar qarshi koterildi,Kerey-Janibek sultanlar Sharqi
Chaghitayning sahara qisimidi qurulghan Mogolistan develetindeki kochmen tayfalar bilen birleshup
yangi bir hukumetni qurdu, bu "Qazaq Ordusu" dep ataldi, bughan qoshughanlar "Qazaqlar" ataldi, Kerey-Janibek tez waqitta Ozbek
Hanligining mutlaq jiq sandiki haliqini(yani "Ozbek" atilghan haliqining jiq qisimi ) oz tarafige shiqarip aldi, Abulhairning hakimyati
ajizladi, aqiri u oldu, ornugha Shaybek(Sheybani) chiqti, bu waqta Qazaq hanligi alda qachan Ozbek hanligining kop qisim haliki
bilen ziminini ozuge qoshup alghandi, aqiri Shaybek Qazaqlarning Qasim hanighia yenglip azchiliq qoghdaghuchilari bilen ata-yurtu
Deshti-Qipchaqtan Temur Devleti yerige yani bugunki Ozbekistangha  surulup ketti, ular asiliche "Ozbekler" depmu ataldi ve "Shaybaniler"
depmu ataldi, ular Termur devletini maghulup qildi ,merkezi asiyada ozu hakimyettlernini qurdu,"Ozbek" namini mana mushundaq
merkezi asiyage keldi. ama ular hakimyetni qolgha alsida yerlik haliqqa selushturghanda az bolghanliqi uchun olargha asmiliatsia bolushqa
bashladi, yerliq halik shu "Ozbek hakimyatlari" tasiridi "Ozbek" namini milli nam qilip qobul qila bashladi. Altun Orduda "Ozbek" atilghan haliqning mutlaq kop qisimi, "Noghay" atlilghannlarning biraz qisimi, Shaghitay hanligideki kochmen qabiyleler
bilen birleship yeni ordunu qurdu dedik yani o "Qazaq" ordusu dep ataldi, mushundaq siyasi birlik natijiesidi bular mushungdin keyin hammasi
"Qazaq" atalip ketti. 
Merkezi asiyada Ozbekler hakimiyeti 19-asirghache surdu, arida Qazaq hanlighing davamliq ujumugha uchurap keldi, Qazaqlar Merkezi asiyaning
--Horezim,Temur devlettlerige mansup bolghan Sir derya boyudiki qadimgi shaharlarni ishghal qildi, Qashqar bilen Ozbekistan Ferghana arasi
bugunki Qirghizistanning chong bir qisimi  ishghal qilindi ve Enesey-Sibieryadan kelgen Qirghizlarni,mushu jaygha ornlashturdu, mana mushundq
jughurafiyaliq birlik uzlup tashlandi.  Ozbek hanlikleri keyinche Shar Russiege mustamlike boldu,mana mushu waqqache bu ziminda yani
Ozbekistanda haliqning hammasi toluq "Ozbek" atalip bolmaghandi, "Ozbek" atalghanlar yenimu azchliq boldu, ve hich qachan "Uyghur"mu
atalip baqmadi,Keyinche Sovet hukumueti  "Ozbek" namini ortaq milli nam qilip bekitti,  "Ozbek tiliga" nofusning 70%ni tutatighan
Qarluq Diyalekitige kirdighan Ferghana lehchesi tallandi,ve bular "Ozbek" atlilmaghan guruh. azchiliq qisimning baziliar yani Deshti-Qipchaqtan
kelgen Ozbeklerning bir qisimi Qazaq tiligha uqchash Qipchaq diyalekitida sozledi, yeni bir azchiliq toplum Turkumenlerge uqchash Oghuz dilale
kitide sozlegen. bugunmu Ozbeklerning faqatla 5 millyuonchasidala qabiyle uqumu bar, ve qabiylelir Deshti-Qipchaq qabiylerleri,yani  bular ayni
waqtaqi Deshti-Qipchaqtan kelgen Ozbekler. 20 millyon Ozbek halki qabiyle dengenni uqmaydu(bular Qarulq dialeki
tide) bugunki Uyghur milleti bilen tuqqan . keyinche "Ozbek" atilghan haliq.
Ozbekistanliqlarning "Ozbek" namini ortaq nam qilishi sureti Uyghurlardikidin sal kechirek boldu. 1924-yilghi haliq sitastikasida "Uyghur" namli bolghan bosa
bununggha qarap Uyghurlarni Ozbek qilip yezip deyishke bolmaydi, Russiyening Orta Asiyaliqlargha alip barghian 1895-yilghi stasikada "Uyghur"  nami yoq.
bu Russiyaning suyqasiti, 1921-yili Stalinning plani bilen Sovetler hukumeti Tashkentte Turki milletlerning wakiller qurultayini achdi,bu jaryanda
"Dunya Uyghur Qurultayini" uyushturdu,qurultayda mushu Jenubi Xin Jiang'diki Turki tilli haliqni hammasini "Uyghur "dep atash maqulllandi. lakin
bu yighnda Qazaqstan,Shimal XinJiang(Ghulja) uyghurlari qarashturlmadi, ular asli 17-asirda Qing sulalesi tarafinan izagigilik bilen shughullandirush
uchun jenubi Xin Jinang'din kochurulup kelgen edi, ular uzaq yillarghicha "Taranchilar" ataldi. mana mushundaq asili bir millet bolushqa tigishlik bir haliq
iki kochmen qabiyelning namida iki millet bulup ayrilip tashlandi. mana mushundaq Asiyaning eng qadimgi shahari madanayatin yaratqushu mushu yerning
ming yilliq yerlik haliqlari kochup kelgen bolup chiqti. 
[ بۇ يازما Ulughbek تەرىپىدىن 2008-05-09 11:29 دە قا ]
yol
| ۋاقتى : 2008-05-08 21:07 8 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8646ـ كۆرۈرمىنى
Qutghur

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 2090
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 292
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە292دانە
شۆھرىتى: 290 نومۇر
پۇلى: 2800 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :100(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-05-29
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  ھازىر ئۆزلىرىنى "ئۆزبىك" ئاتاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن قىسمى بىز بىلەن ھەقىقەتەن قان-قېرىنداش .مۇھەممەت شەيبانى ماۋرائۇننەھرگە باشلاپ كىرگەن ئۆزبىكلەرنىڭ مۇغۇل تەركىۋىنى سىڭدۈرگەن قىپچاق قەۋمى ئىكەنلىگىدە ھىچ تالاش-تارتىش بولماسا كېرەك .يەنى ھازىرقى قازاق مىللەتى دەل مۇشۇ ئۆزبىكلەرنى(دەشتى قىپچاقتىكى) ئاساسى گەۋدە قىلىپ شەكىللەنگەن . ھازىرقى "ئۆزبىك" ئاتىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ۋەكىللىك قىلىۋاتقان مەدەنىيەت ھادىسەلىرىدىن قىسمەن قىپچاق تەسىرىنى بايقىماقمۇ تەس ئەمەس .دىمەك ،پەرق ئاز-تولا ماۋجۇت .بۇ يۇقارقى يەكۈننى دەلىللىيەلەيدۇ .
  ئەمدىكى سۆز ،بىزگە ئوخشاشلا 85يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى "تۈرك" ئاتىغان بۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىگە "ئۆزبىك" نامىنى لايىق كۆرۈپتۇ ،گەرچە بۇ ئات چىڭگىزخاندىن ئىبارەت ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنىڭ كۈشەندىسى بولغان شەخسنىڭ 7-ئەۋلادىنىڭ ئاتى بولسىمۇ .نىمىلا دىمەيلى ،يەرشارىدا ئۇيغۇر ۋە ئۆزبىكتىنمۇ يېقىن(ئېتنىك تۇغقاندارچىلىقتا ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە) ئىككى مىللەت بولمىسا كېرەك .
  يەنە دىسەك "ئۆزبىك"قېرىنداشلار بۇ ئاتنى ئۆزلىرىگە راۋا  كۆرۈپتۇ .ئۇلارنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلايلۇق ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئاتىدىن ئىپتىخارلىق ھىس قىلىدىغىنىنى بىلىشىمىز كېرەك .ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك ،ئۇلارنىڭ ھازىرقى مىللى بىرلىگىنى ئىنكار قىلىش قارىشىدا بولماسلىغىمىز كېرەك ،دەپ قارايمەن .ئوخشاشلا ،ئۇلارنىڭمۇ بىزنىڭ مىللى كىملىگىمىزنى ئىنكار قىلىشىغا ،زۇلۇم قىلىشىغا قىلچە تەكەللۇپ قىلماسلىغىمىز كېرەك .
قەدىمدە تۈرك-ئۇيغۇر قەۋمى ئايرىم قەبىلە ھالىتىدىكى ۋاقىتلاردىمۇ ئىناق ئۆتۈپ پارلاق تۈرك مەدەنىيتىنى ياراتقانلارنىڭ بىۋاستە ۋارىسى مۇشۇ ئىككى مىللەت .
  بۇندىن كېيىنمۇ ئىناق ئۆتەلەيمىز .قېرىنداشلار ئارا كۆڭۈل ئاغرىغى بولمىسۇن ."ياغنىڭ ياندىن ئۆتەر .ئۆزنىڭ جاندىن" دەپتىكەن ئەژداتلار .
| ۋاقتى : 2008-05-09 00:25 9 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8646ـ كۆرۈرمىنى
pamir007

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1556
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 62
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە62دانە
شۆھرىتى: 64 نومۇر
پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :137(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-03
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مىنىڭچە مىللەت دىگەن بۇ ئۇقۇمنى سىتالىن ۋە لىنىن كۇچەيتىۋەتكەن،
yol
| ۋاقتى : 2008-05-09 01:17 10 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8646ـ كۆرۈرمىنى
Qutghur

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 2090
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 292
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە292دانە
شۆھرىتى: 290 نومۇر
پۇلى: 2800 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :100(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-05-29
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
8 - قەۋەتتىكى leon 2008-05-08 21:07 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
1.Orhon Uyghur hanligi Momgolia igizligide bolgan devlet,Shu zamanlarda Jenubi Xin Jinjiang
ve Kirgizistan,Ozbekistanlarda bashqa milletller yashawatqan.
2.Orhun Uyghur hanligi yiqilghandin keyin,Uyghur qabilelerining bir qisimi jenubke ve gheripke kochken,


ئەسلىدە بۇ مەسىللەر توغرىسىدا ھۆرمەتلىك ئەپەندى بىلەن بىۋاستە سۆز تاشلىشىپ يۇرمەي دەپ ئويلىغان ،لىكىن بەزى قاراشلىرىڭىزغا تۈزىتىش بېرىش كېرەكلىگىنى توغرا تېپىۋاتىمەن ،
1-"ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىغى موڭغۇل ئېگىزلىگىدە بولغان دەۋلەت" دەپسىز .راست ،دەسلەپ قۇرۇلغاندا تەڭرىتاغ ئەتراپلرىنى كونتىروللىغىغا ئالالمىغان ،لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇپ -شىمالى ۋە غەربى تەڭرىتاغ ھەتتا يەتتە سۇ ۋادىلىرىدا ئۇيغۇر- توققۇز ئوغۇزلارنى يوق ئىدى دىيىش تارىخ بىلىدىغانلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقماسلىغى كېرەك دەپ قارايمەن .شۇ ۋاقىتلاردا ،بەلكىم قەدىمدىن غەربى تەڭرىتاغ رايۇنلىرى ياغمىلارنىڭ زىمىنى بولغان .كېيىنكى مەزگىللەردە يەنى ئۇيغۇر تۈبۈت ئۇرۇشدىن كېيىن (792-يىلىدىن كېيىن)ئۇيغۇرلار قاغانلىغى ئۈستۈنلۈك قازىنىپ بىراقلا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى قىسىملىرىنىمۇ كونتىرول قىلغان .توققۇز ئوغۇزلارنىڭ قەدىمى خوتەن رايۇنلىرىغىمۇ يەتكەن .بۇ ئۇچۇرلارنى <<ھودۇدۇلئالەم>>ناملىق كىتاپ(9-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قەلەمگە ئېلىنغان) دىكى توققۇز ئوغۇز ،ياغما ،قارلۇق بابلىرىدىن بىلەلەيسىز .يەنە تامىم ئىبنى بەھرالنىڭ ساياھەت خاتىرىسدىنمۇ توققۇز ئوغۇزلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى بىلەلەيسىز .خەنزۇچە مەنبەلەردىن تەڭرىتاغ -تارىم رايۇنلىرىدا قەدىمدە ساك ئاتالغان كېيىن 姑師 ،ئاندىن 高車 ،
乌揭 ,呼揭 ئاتالغان ئوغۇزلارنىڭ ياشىغانلىغىنى ھەم بىلگىلى بولىدۇ .<<تارىخنامە>>،<<تاڭنامە>> لەردىن مۇشۇ ئوغۇز ئاتالغانلارنىڭ ئورخۇندا قاغانلىق قۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەژدادى ئىكەنلىگىنى ھەم بىلگىلى بولدۇ .شۇڭا بىرەر خەنزۇ ئالىم چىقىپ "مەھمۇد كاشغەرىي ئۇيغۇرلاردىن چىققان "دىسە ھەيران قالمىسىڭىزلارمۇ بولىدۇ .چۈنكى بۇ زىمىندا قەدىمدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەژداتلىرى ياشىغان .
بۇيەردە تېخى 840-يىلى قاغانلىق يىمىرىلگەندىن كېيىنكى شەرقى ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچكەنلىك ئۇچۇرلىرى دەپ ئولتۇرمىدۇق .
  2-"تۈرپان ،قۇمۇللۇقلار كېيىن باشقىلار تەرپىندىن ئۇيغۇر ئاتالغان "دەپسىز .بەزىلەر بىلمەي دىگەندۇ ،يەنە بەزىلەر خۇپسەنلىك قىلغاندۇ .ياكى بەلكىم مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتەلەيدىغان مەنبەلەرنى كۆرمەي قالغاندۇ .خۇددى ئۆزىڭىزگە ئوخشاشلا .
  ئەملىيەتتە تۇرپان قۇمۇللۇق ئۇيغۇرلارمۇ ،ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئىدىقۇت  دەۋردە غەرپتىكى مۇسۇلمان خۇشنىللىرىغا ئوخشاشلا ئىشلىتىۋاتقان تىلىنى "تۈرك"تىلى دەپ ئاتىغان <<شۇئەنزاڭنىڭ تەرجىمەھالى>> (-سىڭقۇ سالى تۇتۇڭ) .بۇ جەھەتتە ئېدىقۇت ئۇيغۇرلىرىمۇ قاراخانى ئۇيغۇرلىرى بىلەم ماس قەدەمدە "تۈرك"تىن ئىبارەت بۇ سىياسى سەلتەنەت نامىنى(تەڭرى ئەزىز كۆرگەن تۈرك-<<دىۋان لۇغاتىت تۈرك>>-مەھمۇد كاشغەرىي) ئۆزلىرىگە ئىپتىخارلىق بىلەن مىللى نام قىلىپ قوبۇل قىلغان .بۇ ھال 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە داۋاملاشقان دىسەك ئارتۇق كەتمەس .شۇڭا غەرپ ئۇيغۇرلىرىنى شەرق ئۇيغۇرلىرىدىن ئايرىيمەن دىيىش "كىگىزدىن يۇڭ ئايرىيمەن "دىگەندەكلا پاراڭ .بۇ ئىشنى گالۋاڭلار قىلسۇن .سىز ،بىز قىلمايلى .
  3- "تۈرك" ھەققىدە يۇقاردا ئازراقلا توختالدۇق .بىزنىڭ داڭلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىمىز ۋە داڭلىق خەنزۇ ئالىملرى "تۈرك"نى بىرەر مىللەت نامى دەپ قارىماستىن "تۈرك بولسا سىياسى ۋە مەدەنىيەت كاتاگورىيەسىگە تەۋە ئۇقۇم "دەپ قارايدۇ .بۇلارنىڭ ۋەكىللىرى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئېمىن ۋە گىڭ شى مىن لەردۇر  .پېقىرمۇ مۇشۇ قاراشنى قوللاش تەرەپدارى .ئوغۇزلاردىن كېلىپ چىققان ئاشىنا ئۇرۇغى كۆك تۈرك خانلىغىنى قۇرۇپ ،بۇ نامنى تارىخ سەھنىسىگە ئېلىپ چىققان (خەنزۇچە مەنبەلەرگە كۆرە)بارلىق تۈركى -ئوغۇز قەبىلىلىرىنى "تۈرك" بايرىغى ئاستىغا ئويۇشتۇرغان .مانا بۇ "تۈرك" نامنىڭ سىياسىۋىلىغى .قاراخانىلار قاغانلىغىنى  قۇرغان توققۇز ئوغۇزلار(ئۇيغۇرلار) بولسا ھەم ئۆزلىرىنى تۈرك ئاتاپ شانلىق "تۈرك "مەدەنىيتىنى ياراتقان .مانا بۇ "تۈرك"نامىنىڭ مەدەنىيەت تۈسى .
 ئۇلۇغ تىلچى مەھمۇد كاشغەرىي <<دىۋان لۇغاتىت تۈرك>>دە پەقەت "ئۇيغۇر" سۆزى بىلەن "تۈرك"سۆزىنى ئالاھىدە ئىشتىياق بىلەن چۈشەندۈرىدۇ .بۇ سەۋەپسىز ئەمەس .ئاندىن "ئوغۇز " سۆزىمۇ ئىنچىكە چۈشەندۈرىلىدۇ .چۈنكى ئوغۇزلار شۇ ۋاقىتتا باغدات خەلىپىلىرىنىڭ ھامىلىرى ئىدى .
  4-يۇقاردا "ئۇيغۇر"،"ئوغۇز"كەلىمىلىرى كۆپرەك  سۆزلەندى .<<ئوغۇزخان>>داستانىنى ئوقىغانلارغا نىسبەتەن بۇ، مەسىلە ھىساپلانمايدۇ .بەزى ئالىملار <<ئوغۇزخان>> داستانىنىڭ تىل ئالاھىدلىگىگە ئاساسەن"ئۇيغۇرلار بىلەن ئوغۇزلار قاراخانىلارنىڭ دەسلەپكى ياكى ئورخۇن خانلىغىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بىر -بىرىدىن چىگىرا ئايرىغان "دەپ قارايدىكەن .خۇددى مەرگىزى ئاسىيا تۈركلىرى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ،ئۆزبىك دەپ چىگرا ئايرىغانغا ئوخشاش .
[ بۇ يازما Qutghur تەرىپىدىن 2008-05-09 01:56 دە قاي ]
1som
| ۋاقتى : 2008-05-09 01:42 11 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8646ـ كۆرۈرمىنى
Ulughbek

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 2068
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 303
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە303دانە
شۆھرىتى: 318 نومۇر
پۇلى: 3060 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :314(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-04-21
ئاخىرقى : 2009-01-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

لىئون ئەپەندى:،سىز ۋاكالىتەن يوللىغان(شۇنداققۇ دەيمەن) بۇ يازمىنى ئەگەر ئۆزبېك بىرەيلەن يوللىغان بولسا ،ئىشلەتكەن يېزىقى ھازىرقى ئۆزبېكىستان ئۆزبېكلىرى ئىشلىتىۋاتقان لاتىنچە ئۆزبېك يېزىقى ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ ھازىرقى ئەرەپچە ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە يېزىققا ئۆزگەرتىشىڭىزدىمۇ مەسىلە كۆپ. سىز ئىككى تىل ئوتتۇرىسىدىكى فەرقنى بەكلا چوڭايتىۋەتكەن.ئەمەلىيەتتە مەزكۇر يازمىنى يازغۇچى ھازىرقى ئۇيغۇر كومپۇتېر يېزىقىنى ئىشلەتكەن. بۇ يېزىقىنى بىلىدىغانلار.يازما مەزمۇنىنى سىزنىڭ ئەرەپچە يېزىققا "ئۆرىگىنىڭىز"دىن ياخشىراق چۈشىنەلەيدۇ. شۇڭا سىز ئۆرىگەندە دىققەت قىلىڭ. تىل جەھەتدىكى فەرقنى زورمۇ زور  كۆپەيتكەننىڭ پايدىسى يوق.
ئۇ كىشىنىڭ(ئەگەر ئىككىلىسىنىلا بىر ئادەم يوللىغان بولسا) كېيىنكى يازمىسى ناھايتى ياخشى يېزىلغان. بۇلۇپمۇ قازاق ،ئۆزبېك مىللەتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى ئېنىق سۆزلەنگەن.باشقىلىرىنى بۇ يەردىكى مۇنازىرەداشلار گۇمان ۋە پاكىت بىلەن مۇنازىرە قىلىشسا بۇلىدۇ.
| ۋاقتى : 2008-05-09 10:02 12 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8646ـ كۆرۈرمىنى
Ulughbek

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 2068
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 303
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە303دانە
شۆھرىتى: 318 نومۇر
پۇلى: 3060 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :314(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-04-21
ئاخىرقى : 2009-01-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇيغۇرلارنىڭ  "ئۇيغۇر"نامى ئاستىغا ئۇيۇشقان قەبىلەلەرى يىراق قەدىمدىن  تاكى ئالدىنقى مىڭ يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە (كېيىن  تەبىئي،سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەبەبلەر تۈپەيلىدىن بۈلۈنىب،ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەتكەن) ئۆز نامى بىلەن ئۇيغۇر قەبىلەلىرى سىفەتىدە،ئوتتۇرا -مەركىزى ئاسىيانىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالغانلىقى نۇرغۇن تارىخىي مەلۇماتلاردىن مەلۇم. بۇنى بۇ يەردە ئايرىم سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ ،قىزىققۇچىلار بۇ ھەقدەكى بىلىملەردىن مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ئۆزىدىلا خەۋەردار بولالايدۇ. لېكىن شۇنىمۇ ئىنكار قىلالمايمىزكى" ئۇيغۇر" نامى كېيىنكى 1000يىللار مابەينىدە تۈرلۈك سەبەبلەر تۈپەيلىدىن (بۇنىمۇ بۇ يەردە قايتا تەگەپ ئولتۇرمايمىز) دەستلەپ "قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى" دائىرىسىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدلا چەكلىنىپ قالغان بىر نام بولغان بولسا ، كېيىنچە بۇ نام ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردە يەنە "چاغاتاي ئۇلۇسى"،"مۇسۇلمانلار"،"مۇغۇلىستانلىقلار"."چەنتولار"،"شەرقىي تۈركىستانلىقلار"،"جۇڭگو تاتارلىرى"(رۇسلار تەرىپىدىن شۇنداقمۇ قارالغان)دېگەن ناملارغا ئۇرۇن بېرىپ ،ناھايتى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمالدىن قېلىب ئۇنتۇلۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىب، ئايرىم تارىخنامىلەردىلا قەدىمقى بىر دەۋلەت نامى سىفەتىدە بايان قىلىنىپلا ئۈتۈپ كەتكەن، تارىم ئاھالىلىرى ئارىسىدا ئاساسەن ئىستىمالدىن قالغان.ھالا 1920-يىللارغا كەلگەندە،"ئۇيغۇر "نامى قايتىدىن "باش كۈتۈرۈپ "چىققان.شۇڭا "ئۇيغۇر" نامى يېڭى نام ئەمەس. گەرچە نەچچە يۈز يىل ئىستىمالدىن قالغان بولسىمۇ ،لېكىن ئۇنى قانداقتۇر يېڭى نام،"ھەدىيە "قىلىنغان نام، "مەجبۇرىي تېڭىپ قۇيۇلغان"نام دېب چۈشىنىشكە بولمايدۇ. لېكىن ھازىرقىي ئۇيغۇرلارنى 1000 يىللار ئىلگىرىكى "ئۇيغۇرلار"بىلەن تەپمۇ-تەڭ قىلىپ فورمۇلا تۈزۈۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ."دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرى"بىلەن ھازىرقىي "ئۆزبېكلەر" ئارىسىغىمۇ تەڭلىك بەلگىسى قۇيۇشقا بولمايدۇ.لېكىن مۇناسىۋەتسىز قىلىپ "ئۆزبېك"نامىنى "ھەدىيە "قىلىنغان نام دېب چۈشىنىشكىمۇ بولمايدۇ. ئوخشاش ئىش.
100يىلغا يېقىن ۋاقىتدىن بېرى "ئۇيغۇر"،"ئۆزبېك"بۇلۇپ ياشاۋاتقان  بۇ ئاھالىلەر  مۇشۇ نامنى ئۆزىنىڭ فەخىرلىك نامى قىلىپ قوللىنىۋاتقان ئىكەن. بۇ يەردە "سەن ئۆزبېك ئەمەستىڭ"،"سەن ئۇيغۇر  ئەمەستىڭ"دېب بىر-بىرىمىزگە "قورساق سۇقۇشتۇرۇپ"يۈرگەننىڭ ئەھمىيىتى يوق."ئۇيغۇر"مۇ ئەمەس،"ئۆزبېك"مۇ ئەمەس بولسا ، ئەمىسە نېمە بۇلۇشى كېرەك؟"مۇغۇل"بۇلىشى كېرەكمۇ؟يا "تېمۇرىلەر "بۇلىشى كېرەكمۇ؟يا "بابۇرىي"لەر بۇلىشى كېرەكمۇ؟يا.......؟بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق  يېڭى نام ئۈستىدە باش قاتۇرۇشنىڭ  ئەھمىيىتى بارمۇ؟شۇڭا "ئۇيغۇر" ئۇيغۇر پېتى،"ئۆزبېك"ئۆزبېك پېتى تۇرۇپ تۇرسۇن.بۇنىڭدىن كۆرە بۇ "ئىككى مىللەت"نىڭ تارىخىي يېقىنلىقنى تەشۋىقى قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى زور.مانا بۇ ئەھمىيەتلىك مۇنازىرە. كەمىنە مۇنازىرە مۇشۇنداق داۋاملاشسا .تارىخىي پاكىتلارنى يەنە قۇشۇدىغانلار بولسا ئۇلغايىپ تۇرسا، دېگەن ئۈمىددە.
yol
| ۋاقتى : 2008-05-09 12:53 13 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8646ـ كۆرۈرمىنى
leon

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1951
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
شۆھرىتى: 19 نومۇر
پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-30
ئاخىرقى : 2008-05-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئاۆتور رۇسسيەنىڭ 1921-يىلدىن كېينكى بىر ئوتۇرا ئاسيەلىكلىر نوپۇسى خاكىندىكى مالمۇتىنكى كورۇپلا شۇ ماقىلىسىنى يېزىپتى، ئونىڭدىن بۇرۇنقىسىنى بىر كورۇپ باقسۇن ، 1921-يىلدىن بۇرىنقى نوپۇسى ستاستيكلارىدا "ئۇيغۇر" دئېگەن بىر مللەت ئۇچۇرمايدى.
http://www.zonakz.net/articles/20226?mode=reply
ئۇيغۇرلارلار فاھات جەنۇبي شىنجاڭنىڭ ۋە ھاممى مەركىزى ئاسيادا—(  شىنجاڭدامۇ،ئۇزبېكستاندامۇ) فاھات بىر قىسىم گروھنىڭ نامىلا بولغان، ياني بىر قابيلە. ئۇنىڭ 1921-يىلدىن بۇرىن بىر مىللى نام بولغانلىقى توغىرلىق ھىچ بىر دەلىل يوق، ئوزبېكلىرنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جىق قىسىمىنىڭ.
1921-يىلى "ئۇيغۇر" نى ئوشبۇ خالىققا مىللى نام قىلىپ تاللاشتا، شۇ ۋاقتىكى ئالىملار دەلىلى تولۇق ئەمەس پەرىزلىرگە تايىنىپ ئىش قىلغان. ھازىرقى كۇنى قاراپ باقساقمۇ بۇنىڭدا جىق مەسىلىلىر بار ئېكەنلىكىنى كورەلايمىز.
قارلۇق،ياعما،چىگل قابيلەلىرى ئۇيغۇر ئەمەس. ئۇزۇنى ئۇيغۇر ئاتاپ باقمىغان. قاراخان دۆلىتىنى قۇرغانلار ئۇيغۇر قابيلەسى ئەمەس.
قاراخانلارنىڭ ئاقسۇڭەك ئاۋلىتىدىن چىققان ماخمۇد قاشقاري قاراخانلارنى ئۇيغۇر دەمەيدۇ. "ئۇيغۇر" دەپ فاھات ئېدىقۇت خانلىقىنى ئايتادۇ، ياني بەش بالىقلىقلارنى. قاراخان دۆلىتى بىلەن ئېدقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئارسىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ بەك جىددي ،بەك ناشار بولغان....
بۇ توغىرلىق بۇ ماقىلىنى ئوقۇڭ:

http://www.laixx.com/article/128/135/show/36102.html
http://www.eurasianhistory.com/data/articles/a02/1505.html

مەركىزى ئاسياگە كىرگىنلىر فاھات شۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلارنىڭ چىنگىزخانگە بەرگەن ئون مىڭ ئادەمدىك قوشۇنىنىڭ ئاۋلىتى،ئون مىڭ—بىر تۇمەن دېىگىن بەك ئاز سان، باشقا قابيلىر يۇز مىڭ،يۇز مىڭدىن قوشۇن چىقارالايدۇ. ۋە بۇ ديارىدا(ئۇزبېكستان) بەك-بەك ئاز توپلۇق،يەرلىك خالىققا سىڭىشىپ كېتكەندى،تىلىمۇ يېرلىك خالىقنىڭ تىلى بولغان(قارلۇق-چىگىل لەھچەسى) ناۋەييمۇ شۇ تىلدە سوزىلگەن،ناۋەيينى شۇ مۇڭغۇل قوشۇنلىرىغا ئېگىشىپ ئۇزبېكستانغا كېلگىن ئۇيغۇر قابيلەسىنىڭ  بىر باخشىسىنىڭ ئەۋلەتى دئېيدىغان رىۋايەتمۇ بار . شۇ ئۇيغۇرلار كىينچە شۇ تۆمۇر دۆلەتىدە بولدۇ بارلاس،قوڭىرات،قياتلارغا سالشۇتۇرغاندا بەكمۇ كىچىك قابيلە بولغان. ۋە سانىنىڭ ئازلىقىدىن باشقالارغا پۇتۇنلەي سىڭىشىپ كېتكەن، بارلاس،قوڭىرات كىبى چوڭ قابيلىلىردىن قىرغىنشۇلۇق كورگەن بولۇشۇمۇ مۇمكىن،ئۇيغۇر ناملىق قابىلەمۇ ئۇ زىمىندا يوقالىپ كېتتۇ.  (پايدىلىنعان ماقىلا: «ىۇيغۇر» نامى ۋە ىۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشى)
http://www.anwar.cn/viewthread.php?tid=8002&extra=page%3D1

تۆمۇر دۆلىتى ئۇيغۇر دۆلىتى ئەمەس،تۆمۇر دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق خالقى ھازىرقى ئۇزبېكستان خالىقنىڭ ئەجداتلىرىدۇر،ۋە ھىچ قاچان "ئۇيغۇر" ئاتىلىپ باقمىغان خالىق.  تۆمۇر ئۇزىنىڭ "تۇزۇقلار" ناملىق كىتابىدا : "بىز كىم، تۇركىنىڭ باشبۇغىمىز...." دەئيدۇ، ۋە يەنى بىر يەردە "....ئۇزبېكلىر بىلەن سوقۇشۇۋاتىمىز" دەيدۇ. كېيىنشە تۆمۇر دۆلىتىنىڭ يقىلىشى بىلەن شەيبەنيگە ئەگىشىپ  بۇ زىمنغا قىپچاق-ئۇزبېكلىرنىڭ كېلىشى  "ئۇزبېك" نامىمۇ ئوشبۇ زىمىنغا ئەكەلدۇ. لىكىن يەرلىك خالىققا سەلۇشتۇرغاندا دەشتى-قىپچاقتىن(قازاق ساھىرىسى)كەلگىن ئۇزبېكلىر بەكمۇ ئاز بولدۇ، ئۇ—"ئۇزبېك" نامى 1924-يىلدىن كېيىن ئوشبۇ زىمىندىكى ھامما خالىقنىڭ مىللى نامى بولۇپ تاللانغان بولسامۇ،ئۇ يەردىكى خالىق ئونىڭدىن بۇرىن "ئۇيغۇر" بولۇپ ئاتالىپ باقمىغان.يوقىرىدا دىدىككە: "ئۇيغۇر" ناملى قابىلە ئۇزبېك خانلقىلىرى زامانىدا يوقاپ كەتتى.  (پايدىلىنعان ماقىلا: «ىۇيغۇر» نامى ۋە ىۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشى)
http://www.anwar.cn/viewthread.php?tid=8002&extra=page%3D1

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ توزىپ يوقىلىشى بىلەن بۇ ناممۇ پۇتۇنلەي يوقلىپ كېتكەن. 16-ئاسىرغامۇ يېتمەدى. بۇ ئازلا ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك خالىققا پۇتۇنلەي ئاسملياتسيا بولۇپ كىتكىنلىكىنى چۇشۇندىرىدۇ.  سىتالىننىڭ بۇيرقى، رۇس سوۆەت ھۇكىمىتىنىڭ ئورنالاشتۇرشىدە  1921-يىلى تاشكەندەكى قۇرۇلتايدا "ئۇيغۇر" ئىسىمى "مىللىن نامنى ئاسلىگە كەلتۇرۇش،بۇرنقىدەك 'ئۇيغۇر' ئاتاش" (تۇركولگيەدىكى پۇتۇنلەي يوقۇرىدىكى—دەلىلى تولۇق ئەمەس پارەزلەر بىلەن دەستەكلەندى) نامى ئاسىتىدا جەنۇبي شىنجاڭدىكى تۇرك تىللىق توپلۇقنىڭ مىللى نامى بولۇشى قارار قىلىندى، لىكىن بۇ نامنى ئۇمۇملاشتۇرۇش بەكمۇ تاس ئىش بولغان. ئەزىلدىن بۇ نامنى تونۇپ باقىمىغانلار خالقنىڭ مۇتلاق جىق قىسىمىنى تۇتقانلىقى ئۇچۇن ئۇ نامنى ئېتنىك نام قىپ قوبۇل قىلدۇرۇش بەك ئۇزۇن زامىنلارغا سۇرۇلدى. قىرقىنچى يللىرغىچە.
(پايدىلىنعان ماقىلا: «ىۇيغۇر» نامى ۋە ىۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشى)
http://www.anwar.cn/viewthread.php?tid=8002&extra=page%3D1


(ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىدىن):8 ~$ \$ k8 A6 ~8 Gئابلىز ئورخۇن0 K) F; K/ m. y; W/
http://www.anwar.cn/viewthread.php?tid=8002&extra=page%3D1

بۇ ىەڭ ىاحىرقى يوللىمام:  ىالدىعا كوچۇرۇپ قويدۇ.
[ بۇ يازما leon تەرىپىدىن 2008-05-18 18:06 دە قايتا ]
| ۋاقتى : 2008-05-09 14:27 14 -قەۋەت
« 1 2345» Pages: ( 1/6 total )

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.067355(s) query 4, Time now is:01-11 19:05, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation