toram
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 بىيجىڭ شەھىرىنى لايىھىلىگەن ئۇيغۇر

بىيجىڭ ئىلىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان سۇلالىلەنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ۋە ھەربى ئىشلار مەركىزى بولۇپ كەلگەن .ئەختەردىن بولسا ئىلىمىزنىڭ يۇەن سۇلاسىدا ئۆتكەن شىنجاڭلىق مەشھۇر ئۇيغۇر بىناكار ، شۇنداقلا چادىر- بارگاھ جۇجۇقىنىڭ ئامبىلى .

مىلادى 1215- يىلى چىڭگىزخان باشچىلىغىدىكى مۇڭغۇل قوشۇنلىرى جىن سولاسىگە قارشى يۇرۇش قىلىپ بىيجىڭنى ئىشخال قىلىش ۋاقتىدا بۇ جايغا ئوت قويۇۋەتكەن .نەتىجىدە بېيجىڭ شەھىرى بىپايان قاقاسلىققا ئايلىنىپ ھىچقانداق شەھەر قىياپىتىنى ساقلاپ قالالمىغان . ئارىدىن 52 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يۈەن سۇلالىسى بۇ جايغا قايتىدىن قەسىر ۋە ئىمارەتلەرنى ياسىتىپ بۇ يەرنى خانبالىق قىلغان .بىيجىڭ شەھىرىنىڭ قايتىدىن بىنا بولىشى --- جۇڭگۇ قۇرۇلۇش تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقە شۇنداقلا ئەختەردىننىڭ يۇكسەك ئەقىل پاراسىتىنىڭ مەسئۇلى ھىساپلىنىدۇ .

<< غەربى يۇرت ھەققىدىكى قىسسە >> دىگەن كىتاپتا بۇ تەپسىلاتلار مۇنداق بايان قىلىنغان :<<ئەختەردىن بېيجىڭ شەھىرىنى لايىھىلەش ۋە ئۇنى خان ئوردىسىغا لايىقلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى يەر شەكلىنى ئۆلچەپ ، ئاندىن خەنزۇچە ئىمارەت شەكلىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ، تەرەقىيات شارائىتى بىلەن شەھەر قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ پۇتۇن شەھەرنىڭ ئومىمى پىلانىنى تۈزۈۋالغان . ئىش باشلاپ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇ يەر شەكلىنىڭ يانتۇلۇقىغا ئاساسەن يەر ئاستى سۇ يولى ياساپ سۇ چىقىرىش ئۈسكىنىسىنى ئورناتقان . ئىككىنجى قەدەمدە ئاندىن شەھەردىكى تارماق رايونلارنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن لايىھىلەشكە كىرىشكەن . چۇنكى ئەختەردىننىڭ لايىھىلىگىنى ئادەتتىكى شەھەر قۇرۇلۇش بولماستىن ، بەلكى فىيۇدال خانلارنىڭ پايتەختى بولغاچقا ، لايىھىلەشتە خان ئوردىسىنى تەبىئى ھالدا ئالاھىدە كۆزگە چىلىقىدىغان مۇھىم ئورۇنغا قويماي بولمايتتى .................ئەينى ۋاقىتتا ئەختەردىن چوڭ - كىچىك قەسىرلەرنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 3 بۈلەك قۇرۇلۇش رايۇنىغا بولۇپ ئاندىن چىڭخۇاڭداۋ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كۆللەرنى يەنى بۈگۈنكى جۇڭنەنخەي بىلەن بېيخەي باغچىسىنى لايىھە مەركىزى قىلىپ ئۈچ بولەك قەسىرنى كۆلنىڭ ئىككى قىغىقىغا ئايلانما شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ...................>> . ئۇنىڭدىن باشقا كۈن نۇرى تولۇق چۇشىدىغان ۋە قىش پەسلىدىكى شىمال بورىنىنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىيىلىدىغان ئۇزۇنىسىغا توغرىسىغا كەتكەن ئىگىز ئىمارەتلىك كوچىلارمۇ ئەختەردىننىڭ لايىھىسىنىڭ سىرتىدا قالمىغان . شەھەر ئىچىدە توغرا سېلىنغان كوچىلارنى بويلاپ 50 دىن ئوشۇق قول ھۇنەرۋەن كارخانىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ھەممىسىگە ۋىۋىسكا ئېسىلىپ ئىسىم قويۇلغان .<<شىجىن تەسىراتىدا>>:<< پايتەخ كوچىلىرى ئاجايىپ رەتلىك ۋە بىر - بىرىگە ماسلاشقان بولۇپ ، چوڭ كوچىلىرى 24 قەدەم كەڭلىكتە ، كىچىك كوچىلىرى 12 قەدەم كەڭلىكتە ، 364 چوڭ كوچا ، 2009 كىچىك كوچا بار ئىدى..... >> دىيىلگەن .

<<يۇەن سۇلاسىنىڭ تارىخى>> 125- جىلد دا كۆرسۈتۈلىشىچە :<< چىنخۇاڭداۋ ئارىلىنىڭ قۇرۇلىشى خەنزۇچە ئىمارەت شەكلىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ لايىھىلەنگەن غايەت زور قۇرۇلۇش بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتا غەربى شىمالدىكى قايسۇ بىر ئەلدىن كەلگەن بىرى ئۇنىڭغا :<بۇ قۇرۇلۇش خەنزۇلار ئىمارىتى بولۇپ قاپتۇ ، نىمە ئۇچۇن بۇنداق لايىھىلەنگەن ؟ > دەپ سورىغاندا ، ئەختەردى :< مۇڭغۇللار شىمالدا ياشىغان ، چىدىرلاردا ئولتۇرىدىغان مىللەت ، ئۇلار بۇ ئەلنى ئات ئۇستىدە تۇرۇپ ئەلەم كۇچى بىلەن بوي سۇندۇردى . لېكىن يەنىلا ئات ئۈستىدە تۇرۇپ بوي سۇندۇرالمايدۇ مۇڭغۇل ئۆيلىرى ئاددى ، ئەمدى بۇ ئەلگە خان بولغان مىللەتكە ياراشمايدۇ > دەپ جاۋاپ بەرگەن >> .

دىمەك ئەختەردىننىڭ بىۋاستە لايىھىلىشى ۋە مەسئۇل بولىشى بىلەن قۇرلۇش 1264- يىلى رەسمى ئىش باشلاپ 1274 - ىيلى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا پۇتتۇرۇلگەن .

يۇقۇرىدىكى تارىخى خاتىرلەردىن مەلۇمكى ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تەرەقى قىلدۇرۇلىشى ئۈچۈن ئەختەردىن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىغا ئوخشاش نەچچە يۇزلىگەن ئۇيغۇر ئۇستىكارلىرى ئاجايىپ ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان .<<يۇەن سۇلاسىنىڭ تارىخى>> 8-جىلد دە كۆرسۇتۇلىشىچە 1274- يىلى بۇ زور كۆلەملىك پايتەخت تامامەن پۇتۇپ ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلۇش ئالدىدا قۇبلايخان خان جەمەتى ، ۋەزىر - تۆرىلەر ۋە باشقا ئوردا ئەمەلدارلىرى 100نەچچە كىشىنى باشلاپ كېلىپ يېڭى ئوردىنىڭ كۆڭۇلدىكىدەك ياسالغانلىقىنى تەبرىكلەپ ئەختەردىننى تارتۇقلىغان .

ئەختاردىنندىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ 4 ئەۋلادقىچە بولغان بىر جەمەت ئۇيغۇر بىناكار ئائىلىسى يۇەن سۇلاسىنىڭ چادىر بارگاھ جۇجىقىنى ئىدارە قىلىپ كەلگەن . جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ پەخرى - غورۇرى ، مەدەنىيەت تارىخمىزنىڭ ئۇلۇغ نامايەندىسى ، دۇنياغا مەشھۇر پايتەخت بېيجىڭ شەھىرى قۇرۇلىشىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىشى ، كېڭەيتىپ ياسىلىشى ھەم بۇگۇنكىدەك پىلانلىق ، رەتلىك شەھەر قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان .شۇڭا بېيجىڭ شەھەر قۇرۇلىشى بىناكارلىغىنىڭ تەرەقىياتى تارىخىنى ئۇيغۇر ئەختەردىندىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ .
Posted: 2007-11-20 00:32 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.063360(s) query 3, Time now is:12-04 23:46, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation