نۆۋەتتىكى تېما : شىنجاڭدا تۇنجى مەتبەئە كارخانىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1316ـ كۆرۈرمىنى
niyazdixan

دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى


UID نۇمۇرى : 1760
نادىر تېما : -5
يازما سانى : 213
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە213دانە
شۆھرىتى: 1083 نومۇر
پۇلى: 2060 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :57(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2008-06-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 شىنجاڭدا تۇنجى مەتبەئە كارخانىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى

   شىنجاڭدا تۇنجى مەتبەئە كارخانىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى
  پەتتار تۇرسۇن ئىدىقۇتى
 
( شىنجاڭ شىنخۇا باسما زاۋۇتىدىن)
 
   شېڭ شىسەي 1933 - يىل  ئۈرۈمچىدە «12 – ئاپرېل» سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن،  شىنجاڭنىڭ سىياسىي - ھەربىي ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ئۆزىنى  شىنجاڭنىڭ دۇبەنى دەپ جاكارلىدى. 1935 - يىل 4 - ئايغا كەلگەندە «قۇشنى يەم بىلەن ئالداش، ئادەمنى گەپ بىلەن» دېگەندەك شۇم غەرىزىنى ئىشقا سېلىپ، «ئالتە بۈيۈك سىياسەت» نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئالداپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالدى.
شېڭ شىسەي شىنجاڭدا «ئالتە بۈيۈك سىياسەت» تىن ئىبارەت شوئارنى ئەمەلىي خىزمىتىدە كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قىسىم  خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە بەل باغلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېنلار ھاكىمىيىتىدىن قالغان  خۇراپاتلىق، قاششاقلىق، يوقسۇللۇق، نادانلىق، مالىيىدىكى قاتماللىق، كرىزىس ھالىتىنى تىزگىنلەش، مەدەنىيەت - مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقىنى ئاڭ جەھەتتىن ئويغىتىش، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ھۆرمەت تۇرغۇزۇش، خەلقنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىشلاردىن خەۋەردار قىلىش ۋە يېڭىلىققا يېتەكلەشكە كىرىشتى.
شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ بىر نەچچە يىل ئۆتمەيلا ھەر قايسى ۋىلايەتلەردە يەنى ئىلى، ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئالتايلاردا ئۇيغۇرچە، قازاقچە گېزىتلەرنى نەشر قىلدۇردى.
 گېزىتكە كېرەكلىك مەتبەئە ئۈسكۈنىلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئېلىپ كېلىندى.
 ئىككىنچى قەدەمدە شىنجاڭدىكى پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەش، مالىيە - ئىقتىسادنى ئۆلكە مالىيىسىگە جۇغلاش، ئۆلكىدە بىر تۇتاش پۇل تارقىتىپ،  قەشقەر رايونىدىكى «قەشقەر قەغەز پۇلى» ، ئىلى رايونىدىكى «ئىلى قەغەز پۇلى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭدا مەخسۇس پۇل، تالون، چەك باسىدىغان مەتبەئە كارخانىسىنى قۇرماقچى بولدى. بۇ مەتبەئە كارخانىسىنى ئۈرۈمچى  چوڭ كۆۋرۈكتىكى «فۇمىن»(阜民) توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ  ئورنىغا سېلىشنى بېكىتتى. «فۇمىن» توقۇمىچىلىق زاۋۇتى 1928- يىللىرى ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، 1934 - يىل 1 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ما جۇڭيىڭ تەرىپىدىن ئوت قويۇپ ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. بۇ زاۋۇتنىڭ ئورنى بوش قالغاچقا شېڭ شىسەي بۇ ئورۇننى تاللاپ مەتبەئە كارخانىسى قۇرۇشقا جىددىي تەييارلىق قىلدى.شېڭ شىسەي 1936 - يىلى  سوۋېت ئىتتىپاقىدىن 5 مىليون رۇبلى ئېلىپ، بىر قىسمىنى مەتبەئە ئۈسكۈنىلىرى كىرگۈزۈشكە خىراجەت قىلدى. 1937 - يىلى  سوۋېت ئىتتىپاقىدىن 1 - تۈركۈمدە سېتىۋېلىنغان ئۇيغۇرچە، قازاقچە، رۇسچە قوغۇشۇن مىخ ھەرپلەر، نابور تىزىش كاسسىلىرى، نابورغا دائىر ماتېرىياللار چۆچەك ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە يەتكۈزۈلدى. 2 -  تۈركۈمدە يەنى 1937 - يىلنىڭ ئاخىرلىرى چوڭ تىپتىكى سۈرەت تارتىش ئاپپاراتى، بەت قاقلاش( قۇرۇتۇش)، بەت يۇيۇش، رەڭ  ئايرىش، پۈتۈن تاۋاقلىق رېزىنكە بەتلىك باسما ماشىنىسى، قەغەز پۇل، تالون - زايوملارغا ئاپتوماتىك نومۇر بېسىش ماشىنىسى، پۈتۈن تاۋاقلىق قەغەز كېسىش ماشىنىسى، تۈپلەش- پادىيوم قىلىش ماشىنىسى ھەم مۇقاۋا، قەغەز پرېسلاش ماشىنىسى، قاتلانغان قەغەزلەرنى تېڭىش ماشىنىلىرى، كىتاب تىكىش، توك چىقىرىش، پار بېرىش ماشىنىلىرى كەلتۈرۈلدى.بۇ زاۋۇتنىڭ كۆلىمى 24 مىڭ 500 كۋادرات مېتىر بولۇپ، غەربىي شىمال بويىچە كۆلىمى چوڭ، مەتبەئە ئۈسكۈنىلىرى مۇكەممەل زاۋۇت قىلىش پىلانلانغانىدى. بۇ مۇھىم ۋەزىپىگە شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى جۇ بىن(周彬)نى( شۇ چاغدا شىنجاڭ مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ئىدى) قويدى. جۇ بىننىڭ ئەسلى ئىسمى ماۋ زېمىن بولۇپ، شۇ چاغدا جۇ بىن جۇ نازىر دەپ ئاتىلىدىكەن. ماۋ زېمىن  قۇرۇلۇۋاتقان باسما زاۋۇتنى ئۆزى بىۋاسىتە تۇتۇپ كۆڭۈل قويۇپ رەھبەرلىك قىلدى.
 1938 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىۋانوف، ئا. بۇركىن، زىبىكىن قاتارلىق 13 مۇتەخەسسىس، ئىنژېنېر، تېخنىك كەلدى. ماۋ زېمىن ئۇلار بىلەن  باسما زاۋۇتنىڭ ئىشخانا، ماشىنا - ئۈسكۈنىلىرىنى  بىخەتەر قۇراشتۇرۇش، تېز پۈتتۈرۈش، تېخنىكا كۈچلىرىنى ۋاقتىدا، ياراملىق تەربىيىلەش، ئىلمىي باشقۇرۇش پرىنسىپلىرى ئۈستىدە  مەسلىھەتلەشتى.   ماۋ زېمىن زاۋۇتقا  ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق 100 ياش ئوقۇغۇچىنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلدى.
 بۇنىڭغا ئۇلاپلا بۇرۇنقى «فۇمىن» توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا ئىشلىگەن ياش تېخنىك ئىشچىلارنىمۇ ئاز نىسبەتتە قوبۇل قىلدى. ئۇلارنى قىسقا مۇددەت تەربىيىلەپلا  ئىش ھالقىلىرىغا تەقسىم قىلدى. مۇشۇ ئاساستا  تۇنجى ئەۋلاد مەتبەئە تېخنىكا خادىملىرى قوشۇنى بارلىققا كەلدى.
 تەربىيىلەنگەن كۇرسانتلار 1938 - يىلى ھەرقايسى ئىش ھالقىلىرىدا نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ مۇستەقىل مەشغۇلات قىلالايدىغان سەۋىيىگە يەتتى.
 بۇ يېرىم يىل جەريانىدىكى كۇرسلارغا  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىنژېنېر، تېخنىكلىرى  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، سەرپىيات، ئىلمىي باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى بويىچە دەرس ئۆتتى.1938 - يىل 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ماۋ زېمىن شىنجاڭ باسما زاۋۇتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى  جاكارلاپ لېنتا كەستى.  باسما زاۋۇت رەسمىي ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، ئاساسىي ۋەزىپىسى شىنجاڭ قەغەز پۇلىنى بېسىش بولدى.
 1941 - يىلى شېڭ شىسەي «ئىسلاھات» زايومىنى بېسىپ تارقاتتى. قەغەز پۇلغا ۋە «ئىسلاھات» زايومىغا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، موڭغۇلچە خەت بېسىلغانىدى. بۇ زاۋوتتا شىنجاڭ قەغەز پۇلىدىن 8 خىلى بېسىلغاندىن سىرت، شىنجاڭ ئۆلكىلىك «ئىسلاھات» زايومىدىن بىرنەچچە خىلى بېسىلدى. شۇ چاغدا زاۋۇت شىنجاڭ مالىيە نازارىتىگە بىۋاسىتە قارىدى.1954 - يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەيدىن ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىنمۇ بۇ زاۋۇت يەنىلا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتىنى،  شۇنداقلا جۇڭخۇا مىنگونىڭ قەغەز پۇللىرىنى بېسىپ تۇردى. بۇ 10 يىل(1936 − 1945) جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەتبەئەچىلىك ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئىنژېنېرلىرى  يېڭى مەتبەئەچىلىك ھۈنىرىنى، بولۇپمۇ مىخ مەتبەئە، تەكشى مەتبەئە، قاتتىق مۇقاۋىلاش، ھەرپ قۇيۇش قاتارلىق ھۈنەرلىرىنى بىزگە قالدۇردى.
 شىنجاڭ باسما زاۋۇتى بوران - چاپقۇنلۇق 11 يىلنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن 1949 - يىل  9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىللىق قوينىغا ئۆتتى.1952 -، 1953 - يىللىرى شىنجاڭ باسما زاۋۇتى ئاساسلىقى كىتاب - ژۇرناللارنى بېسىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، ماشىنا- ئۈسكۈنە، تېخنىكا، ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇشنى دۆلەت نەشرىيات - باسما ئورگىنى تىزگىنلىدى.  1953 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ قارمىقىدا بولدى.1953 - يىلى شىنجاڭ باسما زاۋۇتى «ئالغا گېزىتى»، لىچۇن سانائەت شىركىتى باسما زاۋۇتى( يىۋېن باسما زاۋۇتى) بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى، ئىشچى - خىزمەتچىسى 390 گە يەتتى.
 بۇ زاۋۇتتا شىنجاڭنىڭ ئاشلىق بېلىتى، رەخت بېلىتى، گۆش، شېكەر، تاماكا ۋە پاختا بېلەتلىرى  يەنە دەپتەر، تالون، چەك، بانكا ھېسابات دەپتىرى، خەزىنە چېكى قاتارلىقلارمۇ  بېسىلدى. بۇ زاۋۇت شىنجاڭ بويىچە بىردىن بىر نۇقتىلىق مەتبەئە كارخانىسى بولغاچقا، ھەر خىل نازۇك باسما مەھسۇلاتلىرى — داھىيلارنىڭ سۈرەتلىرى، توم - كىتابلىرى، مەھسۇلات ماركىلىرى مۇشۇ زاۋۇتتا بېسىلدى.«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە زاۋۇت  نامى «قىزىل قوغدىغۇچىلار» تەرىپىدىن »كونا قالدۇق«، »كونىلىق« دەپ قارىلىپ «شىنجاڭ ئىشچى - دېھقان - ئەسكەرلەر باسما زاۋۇتى» دەپ  ئۆزگەرتىلدى.
 1978 - يىلى زاۋۇتنىڭ نامى «شىنجاڭ شىنخۇا باسما زاۋۇتى» دەپ ئۆزگەرتىلدى. 1938 - يىلدىن 1956 - يىلغىچە  مەتبەئە ماشىنا - ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى چەت ئەلدىن كىرگۈزۈلگەنىدى. 1960 - يىللاردىن كېيىن دۆلىتىمىز «ئۆز كۈچىگە تايىنىش» دېگەن چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەتبەئە ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنى  ئۆزى ياساپ، ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەيدىغان سەۋىيىگە يەتكەندىن كېيىن، دۆلىتىمىزدە ياسالغان ئۈسكۈنىلەر ئىشلىتىلدى.
 1984 - يىلى گوۋۇيۈەن ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ مەتبەئەچىلىك ھۈنەر - سەنئىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپلىگەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا  مەزكۇر زاۋۇتتا بېسىلغان ئۆلكە پۇلى ۋە ئاشلىق بېلىتى    تۇرىدىغان ھېيدىلبېرگ رەڭلىك باسما ماشىنىسى( گېرمانىيە)، رەڭ ئايرىش ماشىنىسى( ياپونىيە)، لازېر نۇرلۇق نابور تىزىش ماشىنىسى − لىنوتىپ) ئەنگلىيە(، موللېرمارتىن) شۋېيتسارىيە(، فوتونابور) دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن( قاتارلىقلار ۋە بەت قاتلاش، مۇقاۋىلاش، كېسىش، تۈپلەش، تىكىش، يىلىملاش بىر گەۋدە قىلىنغان تۈپلەش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى كىرگۈزدى.شىنخۇا باسما زاۋۇتى كۆپ مىللەت توپلاشقان، كۆپ خىل تىلدا كىتاب - ژۇرنال باسىدىغان زاۋۇت، نۆۋەتتە زاۋۇتنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىسى 1206 گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەۋاتقانلار 566، دەم ئېلىشقا چىققانلار 640. ھازىر شىنجاڭ شىنخۇا باسما زاۋۇتىدا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە، شىبەچە ھەم خەنزۇچىدىن ئىبارەت ئالتە خىل يېزىقتا كىتاب - ژۇرنال بېسىلىدۇ.  ئۇنىڭ ئىش مەنبەسى تولۇق بولۇپ، دەرسلىكلەرنىڭ 85ىنى، ھەرقايسى نەشرىياتلارنىڭ، بانكىلارنىڭ، شىركەتلەرنىڭ، شەخسلەرنىڭ ھەر خىل زاكازلىرىنى باسىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ كىتاب - ژۇرناللىرىنى ۋاكالىتەن بېسىپ بېرىشنىمۇ ئۈستىگە ئالغان. شۇڭا بۇ مەتبەئە كارخانىسى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق كارخانا ھەمدە غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە بويىچە مۇئەسسەسىلىرى تولۇق، يۈرۈشلەشكەن، زامانىۋىلاشقان مەتبەئە كارخانىسى.
 
 پايدىلانغان ماتېرىياللار: 1. «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»، 6 - سان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1982 - يىل نەشرى.
2. شىنجاڭ شىنخۇا باسما زاۋۇتىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈزۈلگەن خەنزۇچە ئىچكى ماتېرىيال. 1988 - يىل.
مەنبە :   شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى  2004 - يىل 4 - سان
yol
| ۋاقتى : 2008-05-24 15:49 [باش يازما]

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.135383(s) query 5, Time now is:06-02 13:20, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation