ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 03:06

 سەلجۇقلار تەزكىرىسى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى: بۇ يازمىغا Yawuz تەرىپىدىن يورۇتۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى (2008-04-09)
تور بەت باياناتى: بۇ ھەقلىق ئەسەر باشقا ئورۇنلارغا كۆچۈرۈپ چاپلىماڭ، ئەگەر باشقا ئورۇنغا كۆچۈرۈپ چاپلانسا جاۋاپكارلىق قاتتىق سۈرۈشتۈرىلىدۇ. لازىم بولغانلارغا پەقەت
مەنبەسىنى ئەسكەرتسىڭىزلا بولىدۇ



سەلجۇقلار تەزكىرىسى








نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابلىمىت ئەھەت







تەھىرىرى:ئەركىن ئىمىنياز قۇتلۇق

تۇرسۇن مەمەت







ش ئۇ ئا ر ئاز سانلىق مىللەت قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى

1994-يىل1-سېنتەبىر



مۇندەرىجە

نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن

سەلچۇقبەگ

سۇلتان توغرۇلبەگ

سۇلتان ئالىپ ئارىسلان

سۇلتان مەلىك شاھ

سۇلتان بەكيارۇق

سۇلتان مەھمۇد

سۇلتان مۇئىزىددىن سەنجەر

خاتىمە

ئىزاھات




نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن

«سەلچۇقلار تەزكىرىسى»ناملىق بۇ تارىخى ئەسەر ئەبۇ جەئىفەر جەرىر تەبەرى تەرىپىدىن يېزىلىپ، ئابدۇرۇسۇل بىننى مەۋلانە مۇھەممەد رەھىم تەرىپىدىن پارسچىدىن تەرجىمە قىلىنغان مەشھۇر ئەسەر «تارىخ تەبەرى»نىڭ ئاخىرىغا يېزىلغان.

«تارىخ تەبەرى»(قوليازما، تەرجىمە نۇسخىسى)جەمئى 472ۋاراق، بۇنىڭ ئىچىدە«سەلچۇقلار»غا ئائىت قىسمى38ۋاراق،76بەت، ھەر بىر بەتكە17قۇردىن خەتتى پارسى بىلەن يېزىلغان. فورماتى34س م×24س م. ئەسەر تولۇق. تېرە مۇقاۋىلىق.

مەزكۇر ئەسەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى يىغىش، رەتلەش ۋە نەشىر قىلىشنى پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدا ساقلانغان قوليازمىغا ئاساسەن نەشىرگە تەييارلاندى.

قوليازمىدىكى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا«تارىخ تەبەرى»نىڭ ئاخىرىغا يېزىلغان«سەلچۇقلار»غا ئائىت قىسمىنى (توغرۇلبەگكىچە بولغان تارىخى ۋەقەلەرنى)خاجە ئىمام زوھۇرىددىن نىشاپۇرى سۇلتان توغرۇل دەۋرىدە كىتاپ ھالىتىگە كەلتۈرگەن؛ ئاخىرىنى ئەبۇ ھامىد مۇھەممەد بىننى ئىبراھىم تولۇقلاپ يازغان. ھىجىرىيە 1257-يىلى(مىلادىيە 1842___1841)موللا ھوشۇر بىننى موللا مۇشتىرى بىننى موللا شەمىس تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن. ھىجىرىيەنىڭ 1315-(مىلادىيە1898___1897)توشقان يىلى سەپەر ئېيى (2-ئاي) نىڭ يەتتىسىدە مۇھەممەد تۆمۈر خەزىنىچى بەگ خوجامنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە 80ياشلىق موللا مۇھەممەد تەرىپىدىن رەتلىنىپ مۇقاۋىلانغان.

«سەلچۇقلار تەزكىرىسى»ئەينى دەۋىر ئوتتۇرا شەرق

(ئەسلى كىتاپ1-بەت)

تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.

مەزكۇر ئەسەردە 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا شەرقتە ئىمپىراتورلۇق قۇرغان تۈرك جەمىيىتى ۋە بۇ جەمىيەتتە ئوغۇز ياش بوغۇنلىرىدىن بولغان سەلچۇق ھەم ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمىرانلىق ئورنىنىڭ شەكىللىنىشى، كۈچىيىشى، ھەربىي يۈرۈشلىرى، غەزنەۋىيلەر(سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى)بىلەن بولغان جىددىي ئۇرۇشلار، جۈملىدىن ئوغۇزلار خانى سەلچۇقنىڭ نەۋرىسى توغرۇلبەگ يېتەكچىلىكىدىكى ئوغۇزلارنىڭ دەسلەپ نىشاپۇر، مەرۋى شاھ جاھاننى ئىگىلەپ، كۈچلۈك سەلچۇقلار ئىمپىرىيىسىنى قۇرغانلىقى ؛ 1040-يىلى غەزنەۋىلەر سۇلتانى مەسئۇدنى تارمار كەلتۈرگەندىن كېيىن، بىر قاتار غەلبىلىك جەڭلەرنى قىلىپ، باغداتقا بېسىپ كىرىپ ئەرەپ ئابباسىيلار خەلپىلىكىنى قورچاق ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى؛ سەلچۇقلار ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىمپىراتورى ئالىپ ئارسلاننىڭ ھازىرقى ئەرمەنىستاندىكى ۋان كۆلىنىڭ شىمالىدىكى مالازگىرىد دالىسىدا شەرقى روما ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىمپىراتورى دىككىنىس روما باشچىلىقىدىكى ناھىيىتى كۈچلۈك روما قوشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈرۈپ، روما ئىمپىرىيىسىنى سەلچۇق ئىمپىرىيىسىگە سېلىق (ئولپان)تۆلەيدىغان قارام دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى؛ سەلچۇقلار ئىمپىرىيىسىنىڭ مەلىك شاھ ۋە ئۇنىڭ ئەقىللىق، تەدبىرلىك ۋەزىرى نىزامۇل-مۈلۈكنىڭ تەشەببۇسى بىلەن پەن-مەدەنيەتنىڭ گۈللىنىپ، ئۆز زامانىسىدىكى مەشھۇر پەنلەر سارىيى «نىزامىيە»ئالىي مەكتىپىنىڭ ئېچىلغانلىقى؛ سەلچۇق ئەۋلادلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى زىدىيەت ۋە توقۇنۇش قاتارلىق ۋەقەلەر خېلى تەپسلىي بايان قىلىنغان.

مەزكۇر ئەسەر تارىخى ۋەقەلىكنىڭ بايان قىلىنىش تەرتىپىگە ئاساسەن بىر قانچە بۆلۈمچىلەرگە بۆلۈنۈپ، كىچىك ماۋزۇلار ئارقىلىق ئىپادىلەش يولى بىلەن نەشىرگە تەييارلاندى ھەمدە ئەسەرگە

(ئەسلى كىتاپ2-بەت)

مەزمۇن ئېتبارى بىلەن «سەلچۇق تەزكىرىسى»دەپ نام قويۇلدى.

«سەلچۇق تەزكىرىسى»ئەدەبىي جەھەتتە قىززىق تارىخىي قىسسە شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخىي، جۇغراپىيسى ۋە ھەربىي ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە مەلۇم قىممەتكە ئىگە ئەسەر ھېساپلىنىدۇ.

تىل تارىخىي تەتقىقاتىدا، بولۇپمۇ قەدىمكى ۋە چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئورۇن بېرىش جەريانىنى تەتقىق قىلىشتا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئەسەرنىڭ تىلى، گىرامماتكىلىق ئالاھىدىلىكى ئاساسەن ساقلاپ قېلىندى. پەقەت بەزى مۇرەككەپ جۈملىلەرگە گىرامماتكا جەھەتتىن ئايرىم ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلدى.

ئەرەپچە، پارىسچە سۆز ئىبارىلەرگە ئۆز نۆۋىتىدىلا ئىسكوپكا ئىچىدە مەنىسى بېرىلدى.

ئەسەر ئاخىرىدا مۇھىم شەخىسلەر، جايلار ۋە قىسمەن مەزمۇنلارغا قارىتا ئايرىم ئىزاھات بويىچە بويىچە چۈشەنچە بېرىلدى.

ئەسەرنىڭ تىلى ئېغىر، قۈملە تۈزۈلىشى مۇرەككەپ، ئىپادىلەش شەكلى ئۆزگىچە؛ تارىخي شەخىسلەرنىڭ ئىسمى قاتارلىقلاردا ئوخشاشلىق كۆپ بولغانلىقى سەۋەبلىك نەشىرگە تەييارلاشتا كىشى، جاي ئىسملىرىنىڭ توغىرلىقى ۋە مەزمۇن جەھەتتە قىسمەن خاتالارغا يول قويغان بولۇشۇم مۇمكىن. كتاپخانلارنىڭ تەنقىدى كۆزدىن كەچۈرشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئابلىمىت ئەھەت

(ئەسلى كىتاپ3-بەت)

دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 03:09
1

سەلچۇقبەگ«1»

(903___990)
 

....ئەمما بەئدۇ«2»بىلىش كېرەككى، بۇ خىل خۇسۇسىيەت ۋە پەزىلەت(ئەقىل-ئىدراك ۋە پەم-پاراسەت)، ناتىقلىق پەقەت ئادەمگە خاستۇر. چۈنكى ئادەملا ئىما-ئىشارەت، سۈكۈت ۋە ھەركەتنى چۈشۈنۈپ، مەقسەت ۋە ئاقىۋەتنى ئويلىيالايدۇ. نۇتۇق-پىكىر(تەپەككۇر ۋە سۆزلەش)دېگەنلىكتۇر. شۇڭا نۇتۇقنى نوقۇل سۆزدىنلا ئىبارەت دەپ چۈشۈنۈشكە بولمايدۇ. ئالايلۇق، تۇتى(تۇتى قۇش)گەرچە سۆزلىيەلسىمۇ، ئەمما ئەقىل-ئىدراك ۋە پەم-پاراسەتتە ئاجىزدۇر. ھەر قانداق ئادەم نۇتۇقنىڭ كۈچى بىلەن ئىلىم ۋە مەرىپەت ھاسىل قىلسا، بىلىش ۋە ھېكمەت دائىرىسىگە قەدەم قويسا، ئۇ ياخشىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئەنبىيا ۋە ئەۋلىيالار دەرىجىسىگە يېقىنلىشالايدۇ.

تەۋھىد«3»ۋە مەرىپەت، دىن ۋە شەرىئەت ئىلمىدىن قالسا، پادىشاھ ۋە ئۇمەرالارغا ھاجەت بولىدىغان ئىلىم تارىخ ئىلمىدۇر. چۈنكى ئۇلار پادىشاھلار تەرىقى(يول،ئۇسسۇل،مەسلەك)ۋە تەرجىمىھالى، ياخشى خۇلق ۋە سۈپەتلىرىدىن ۋاقىپ بولسا، دۇنيادا ئۇلۇغلۇق ۋە سەلتەنەتكە، ئاخىرەتتە ساۋاپ ۋە مەرىپەتكە سەۋەپ بولۇپ خەلققە پېشىۋا(يولباشچى، رەھبەر)ۋە مۇقتەدا(ئىمام)بولالايدۇ.

كىشىلەر تارىخلارنى تەرتىپلەپ، ھېساپسىز تارىخ ئىلمى ۋە تارىخ كىتاپلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەمما ھەممىگە مەلۇمكى، راشىددىن

(ئەسلى كىتاپ4-بەت)

خەلپىلىكى ۋە ئابباسىيە خەلپىلىكىدىن قالسا، دىن، ئىسلامدا سەلچۇقتىن ئۇلۇغراق ھۆرمەتكە سازاۋەر ھېچ پادىشاھ ئۆتكەن ئەمەس.

سەلچۇق دەقاق«4»نىڭ ئوغلى، ئۇنىڭ تۆت ئوغلى بار ئىدى«5»ئۇ ئۆز قوۋىم ئارىسىدىن باش كۆتۈرۈپ، قورال-ياراق تەييارلاپ جەڭ قىلىپ قەبىلە ۋە سەلتەنەتنى قۇۋەت ۋە قۇدرەتكە ئىگە قىلدى. شۇ ۋەجىدىن سۇلتان مەھمۇد«6»قا:«سەلچۇق كۈنسايىن قۇۋەت تېپىپ، شۇ قەدەر كۈچەيدىكى، ئەمدى تىنىچ يۈرۈۋېرىش ئاقىل ئادەملەرنىڭ ئىشى ئەمەستۇر. ئەگەر سەن ھىندىستان تەرەپكە بارماقچى بولساڭ، ئۇلاردىن بىرەر پاراكەندىچىلىك يەتمىگەي، ئۇلار (سەلچۇق)بىلەن دوستلۇق ئورناتماق ۋاجىپتۇر»دېگەن مەزمۇن بىلەن نامە يەتكۈدى. مەھمۇد نامە مەزمۇنىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال سۆزمەن بىر ئەلچى ئارقىلىق(سەلچۇققا)خەۋەر ئەۋەتتى:

«__سېخىيلىك، راسىت سۆزلۇك ۋە دانىشمەنلىك بابىدا تەڭداشلىرىڭنى ھەيران قالدۇراتتىڭ، ئەمما بۇ چاققىچە مېنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش ۋە كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلمىدىڭلار ۋە مەندىن ھېچ نەرسە ئىلتىماس قىلمىدىڭلار، مېنىڭ سىزلەر بىلەن دوسىت بولۇشقا مەيلىم بار ئىدى، سىزلەردىن مەدەت-ياردەم تىلىمەكتىن بىھاجەت ئەمەسمەن. ئەگەر ھەممىڭىزلار كېلەلمىسىڭىزلار، بىرەرسىڭلار كەلگەيسىزلەر.تاكى ئۆزئارا مەدەت ۋە دوستلۇق ھەققىدە ئەھدۇ-پەيمان قىلىشقايمىز».

خەۋەر يەتتى. ھەممىدىن چوڭى ئىسرائىل«7»ئىدى. ئۇ لەشكەرلىرى بىلەن مەھمۇد تەرەپكە يۈزلەندى. بۇنىڭدىن مەھمۇد خەۋەر تېپىپ، ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا كىشى ئەۋەتتى. ئۇ كىشى ئىسرائىلغا:

_ھازىرچە بىزگە مەدەت-لەشكەر ھاجەت ئەمەس. مەقسەت كۆرۈشمەك ۋە دوستلۇق ئورناتماقتۇر. ئۆزۈڭ خاس كىشىلىرىڭ بىلەن

(ئەسلى كىتاپ5-بەت)

كەلگەيسەن ،_دېدى.

بۇ سۆز بىلەن ئىسرائىل لەشكەرسىز كەلدى، سۇلتان مەھمۇد ئىسرائىلغا ھەدىدىن تاشقىرى ئىززەت- ئىكراملار قىلىپ، ئۆزى بىلەن بىرگە ئولتۇرغۇزۇپ، ياخشى مۇئامىلىلەر بىلەن كۆپتىن-كۆپ ئىلتىپاتلار كۆرسەتتى. ئاندىن سۆز باشلاپ:

_ئەگەر ھىندى بىدئەتچىلىرىگە قارشى غازاتقا بارماقچى بولسام، خۇراسان«8»شەھىرى بوش قالىدۇ. ناۋادا يەنە بىر تەرەپتىن دۈشمەن پەيدا بولسا، ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەلۋەتتە، سىزلەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، ئەھدۇ-پەيمان قىلساق، سىزلەردىن مەدەت ۋە ياردەمگە كۈچ تىلەشكە توغرا كېلىدۇ،_دېدى. ئىسرائىل:

_ئۆزئارا ياردەملىشىپ، بەندىچىلىك قىلىشساق، بۇ ناھايىتى ياخشىدۇر،_دېدى. مەھمۇد:

_قاچانكى، بىزگە مەدەت ۋە ياردەم ھاجەت بولسا، قايسى نىشان بىلەن، قانچىلىك مەدەت كېلەركىن؟-دېدى.

ئىسرائىلنىڭ مۈرىسىدە ئىككى تال ئوقى بىلەن ياسى بار ئىدى. بىر تال ئوقنى مەھمۇدنىڭ ئالدىغا قويۇپ:

_بۇ ئوقنى ماڭا ئەۋەتسەڭ، ساڭا ياردەمگە يۈزمىڭ لەشكەر كېلىدۇ،-دېدى.

_يەنە بۇنىڭدىن زىيادىرەك ھاجىتىمىز بولسا،_دەپ سورىدى مەھمۇد_بۇنىڭ تەبىرى قانداكىن؟ئىسرائىل يانى مەھمۇدقا بېرىپ:

_بۇ يانى تۈركىستانغا ئەۋەتسەڭ، ناۋادا ئىككى يۈزمىڭ لەشكەر خالىساڭ ھەم كېلىدۇ،_ دېدى.

تائام ۋە شاراپ كەلتۈرۈلدى، ئۈچ كېچە-كۈندۈز بەزمە تۈزۈلدى. لەشكەرلىرىگە تون-سەرۇپاي كىيدۈرۈلدى. ئاندىن كېيىن ئىسرائىل

(ئەسلى كىتاپ6-بەت)

بىر ئۈمەراسىدىن لەشكەرلىرىنى چۈشكۈن قىلىشقا بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر ھەر ئۆيدە شاراپ ئىچمەككە مەشغۇل بولدى.

ئىسرائىل بارلىق سىپاھى بىلەن غەرق مەس بولدى. مەھمۇد پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئىسرائىلنى تۇتۇپ، شۇ كېچىسى ھىندىستانغا ئەۋەتتى. بارلىق سىپاھنى ھەم بەنىد قىلىپ، ھەر بىرىنى بىر شەھەرگە ماڭدۇردى. ئىسرائىلنى كۇلبەھىر شەھرىدە بەنىد قىلدى. تا يەتتە يىل ئۇ يەردە تۇردى.

ئىسرائىل خەلقىدىن ئىككى كىشى ئىسرائىلنى بەنىدتىن خالاس قىلىش مەقسىتىدە كېلىپ، خىزمەت قىلىپ يۈرۈپ، بۇ يەرگە ئورۇنلاشقان ئىدى. بىركۈنى پۇرسەت تېپىپ ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇپ يولغا راۋان بولدى. ئەمما، ئۇلار يولدىن ئېزىپ قېلىپ باياۋاندا تەمتىرەپ يۈرەتتى، كۇتۋال(قورغان ساقچىلىرى)ئىزدەپ كېلىپ قالدى. ئىسرائىل بۇلارنى كۆرۈپ:

_ئەمدى مەندىن ئۈمىد ئۈزۈڭلار، ئۆز غېمىڭلارنى قىلىپ بۇرادەرلىرىمگە ئېيتىڭلار. مېنى قۇتقۇزۇشنىڭ يولىنى قىلسۇن. بىرەر-ئىككى قېتىم شىكەسىت( مەغلۇپ، سۇنۇق، ئازار تاپقان)تېپىش بىلەن نا ئۈمىد بولمىسۇن. بۇ پادىشاھنىڭ ئەسلى قولىدۇر. مەملىكەت ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئەمەس. بەلكى ئۇلارغا ئاخىرەتلىك مۇقەررەر بولغىسىدۇر،_دېدى.

قاراۋۇللار ئىسرائىلنى تۇتۇپ شەھەرگە ئېلىپ باردى ۋە مەھكەم بەنىد قىلدى. ئىسرائىل ئۇ يەردە ۋاپات بولدى. ئىسرائىلنىڭ ئوغلى تۇتەلمىش «9»شەھەرنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ يۈرەتتى. ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تېپىپ، نالە ۋە پىغانلار قىلىپ سىيىستان(كىرمان بىلەن خۇراسان ئارىسىدا)غا باردى. ئاندىن بۇخاراغا كېلىپ تاغىلىرىغا ئەھۋالىنى بايان قىلدى. ئۇلار ئىنتىقام ئېلىش قەستىدە پۇرسەت ئىزدەپ، ئاخىر سۇلتان مەھمۇدقا:«بىزنىڭ مەنزىلىمىز

(ئەسلى كىتاپ7-بەت)

قەھەتچىلىك ۋە قىستاڭچىلىق بولغاچقا، ھايات كەچۈرشىمىز تەسكە چۈشتى. ئەگەر ئىجازەت بەرسەڭ دەريادىن ئۆتۈپ، تۇس(خۇراساننىڭ باش شەھىرى) ھاكىمى ئارسلان جارۇپ بىنا قىلغان رابات(جاي، ئۆتەڭ مەنىسىدە)نى ماكان قىلساق»دېگەن مەزمۇندا نامىنى ئەۋەتتى. مەھمۇد نامىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئۆلىمالىرىدىن مەسىلەھەت سورىدى. ئۆلىمالار:

_ئۇلارنى خۇراساننىڭ چېگراسىغا ئۆتكۈزسەك بولماس،_ دەپ مەسىلەھەت بېرىشتى. ئەمما، سۇلتان مەھمۇد ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىرمەي ئىجازەت بەردى. ئۇلار دەريادىن ئۆتتى. تاكى سۇلتان مەھمۇدنىڭ ھاياتلىقىدا ھېچ ئىشقا مۇمكىنچىلىك بولمىدى.

سۇلتان مەھمۇد تارىخنىڭ تۆت يۈز يىگىرمە سەككىزى ئۆلۈپ ئوغلى سۇلتان مەسئۇد«10»تەخىتتە ئولتۇردى.

(ئەسلى كىتاپ8-بەت)

دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 03:11
2
سۇلتان توغرۇلبەگ
(1040___1063)
مىكائىل بىننى سەلچۇق«11»نىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى: بىرى جەئفەر بەگ ئەبۇ سۇلتان«12»، يەنە بىرى توغرۇلبەگ ئەبۇ تالىپ. بۇلار ئۆز قەبىلىسىگە سەردار بولدى.
سۇلتان مەسئۇد ئەمىر نىشاپۇر(ئىراننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەھەر)غا: «سۇلتان مەھمۇد بىزنى ماتەم ۋە ھازا قايغۇسىدا قويۇپ، ئۆزى قازا مەنزىلىدە رىزالىق مەجىلىسىنى تۇزدى. سەن نىشاپۇر مەرگەنلىرىڭنى ئېلىپ بۇ ياققا كەلگەيسەن» دەپ نامە ئەۋەتتى. ئەمىر نىشاپۇر نامىنى ئوقۇپ سۇلتان مەسئۇدقا تەزىيەنامە ئەۋەتتى. بۇ چاغدا سۇلتان مەسئۇد جۇرجانغا بېرىپ شەرفۇل-مەئانى ئانۇشراۋان بىننى مەلىكۇل-مەئانى، مەنۇ چېھرە بىنى شەمسۇل-مەئانى ۋە قالۇس بىننى شەمىگىرنىڭ ئۇدۇلىغا چۈشتى ھەمدە رەي«13» لەشكەرلىرىگە ئۈمىد باغلاپ، رەيدىن لەشكەر ئارىيەت ئېلىپ، ئۆزى سەلچۇقلار«14»تەدبىرىدە مازاندەران (ئىراننىڭ شىمالىدا، كاسپى دېڭىزنىڭ جەنۇبىدىكى رايون)غا كەلدى. بۇ جايغا كېلىپ بولغۇچە قورال-ياراقلىرى بۇزۇلۇپ، ئات-ئۇلاغلىرى ھېرىپ ھالىدىن كەتتى. لەشكەرلىرى ياياق ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، سۇلتان مەسئۇد دەرھال نەچچىلىگەن ئۈمەرا(ئەمىرلەر)سىپەھسالار(باش قوماندان)نى لەشكەر بىلەن ئەۋەتتى. سەلچۇقلار بىخەۋەر ئىدى. توساتتىن بۇلار بېرىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا كىرىشتى. سەلچۇقلار
(ئەسلى كىتاپ9-بەت)
چېكىنىپ فۇراد شەھرىستانىنىڭ ئارىسىدا بىر باياۋاندا جەڭگە تەييارلنىپ تۇردى. بۇ جايدا قاتتىق جەڭ بولدى. ئاقىۋەت مەسئۇد(قوليازمىدا «مەھمۇد»يېزىلىپ قالغان)نىڭ لەشكەرلىرى شىكەسىت تاپتى. سەلچۇقلار ھېساپسىز قورال-ياراق، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە ئۇلاغ ئولجا ئالدى.
دەرۋەقە، سۇلتان مەسئۇدقا بىر ھادىسە سەۋەپ بولۇپ، ھىندىستانغا بارماق ھاجەت بولدى. ئامالسىز سەلچۇقلار بىلەن سۈلھى قىلىپ ھىندىستانغا كەتتى.
سەلچۇقلار ئۆزگىچە قۇۋۋەت تاپتى. سەلتەنەت ۋە پادىشاھلىق ئالامىتى بۇلارنىڭ ئاسمىنىدا نامايەن بولدى. بەخت-سائادەت ئاپتىپى بۇلارنىڭ ئىقبال نىشانىسىدىن پارلاپ، ئىززەت ۋە دۆلىتى ئارتىپ، سەھەردە كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك نۇر چېچىشقا باشلىدى«15».
قىسسە:سۇلتان(سۇلتان مەسئۇد)قايتىپ غەزنەيىن«16»گە كەلدى. سەلچۇقلارنىڭ شەۋكەت ۋە سەلتەنىتىدىن خەۋەر تېپىپ خۇراساننىڭ ئەمرىگە :«سەلچۇقلارنى خۇراساندىن قوغلىغايسەن؟»دېگەن پەرمان بىلەن كىشى ئەۋەتتى. خۇراسان ئەمرىدىن «سۇلتان(سۇلتان مەسئۇد)سەلچۇقلارنىڭ ئىلگىرىكى ھالىنى خىيال قىلىپ پەرمان ئەۋەتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى شۇ دەرىجىدىكى، مەندەك يۈز تۈمەن كىشىمۇ ئۇلارغا تاقابىل تۇرالماس» دېگەن جاۋاپ كەلدى. ئەمما، سۇلتان مەسئۇد يەنە:«بۇيرۇققا ئىتائەت قىلسۇن، ئەمرىمگە مۇخالىپ(قارشى تەتۇر)بىر قەدەم باسمىسۇن»دەپ ئەمىر قىلدى. خۇراسان ئەمىرى ئامالسىز ۋە ئىختىيارسىز سەلچۇقلارغا قارشى لەشكەر تارتتى. بىراق شىكەسىت يەپ مەغلۇپ بولدى. سەلچۇقلار خۇراساننى ئۆز ئىختىيارىغا ئالدى. خۇراسان خەلقى قورقۇپ ۋەھىمە ۋە ئەندىشىگە چۈشكەن ئىدى. سەلچۇقلار ھېچ كىشىگە ئازار بەرمەسلىك توغرىسىدا جار سالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ
(ئەسلى كىتاپ10-بەت)
كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلدى. بەس، بۇ ۋەقەنى سۇلتان مەسئۇد ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى ھېساپسىز لەشكەر ئېلىپ خۇراسانغا كەلدى. بۇ چاغدا توغرۇلبەگ تۇستا ئىدى. مەسئۇد تۇسقا بېرىپ توغرۇلبەگنى بۇرادىرى (ئاكىسى)جەئفەربەگ(چاغرىبەگ)كە قوشۇلدۇرماي تۇتۇش نىيتىدە، تېز يۈرەر بىر پىلغا مىنىپ، لەشكىرىدىن ئايرىلىپ تۇسقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. يىگىرمە بەش فەرسەخ(ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى، بىر پەرسەخ تەخمىنەن 6.24كېلومىتىرغا توغرا كېلىدۇ)يەرگە بارغاندا،«توغرۇلبەگ بۇرادىرى جەئىفەر (چاغرىبەگ)كە قوشۇلۇپتۇ»دېگەن خەۋەر كەلدى. مەسئۇد قايتىپ كېلىپ شەرخىل بىلەن مەرۋىنىڭ ئارىسىدىكى دەندالقان «17»قورغىنىغا بېرىپ، يېقىن بىر باياۋاندا جەڭ قىلدى.
دەندەلقاندا پەقەت نەچچە يەردىلا سۇ بار ئىدى. بۇ سۇلارنى سەلچۇقلار ئىگەللىۋالغاندى. مەسئۇدنىڭ لەشكەرلىرى ئۇسسۇزلۇقتىن ھالى كەتتى ۋە ھېساپسىز ئات-ئۇلاغلىرى يىقلىدى. لەشكەرلەر بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، تەرەپ-تەرەپكە پىتراپ كېتىشتى. مەسئۇد تەنھا قالدى. ئاتلار مەسئۇدنى تارتالمىغان ئىدى، پىلغا مىنىپ قاچتى. بارلىق قورال-ياراق ۋە خەزىنىلەر شۇ يەردە قالدى. شۇ ئەسنادا بىر نەچچە تۈرك مەسئۇدنى قوغلاپ يەتكەن ئىدى. مەسئۇد پىلدىن چۈشۈپ سۇغا كىردى. بۇ چاغدا بىر ئاتلىق لەشكەر كېلىپ ھۇجۇم قىلدى. ئەمما، مەسئۇد بىر گۈرزە سېلىش بىلەن ھېلىقى لەشكەر قىرغاقتا ئېتى بىلەن قوشۇلۇپ پارە-پارە بولدى. قىرغاقتا لەشكەرلەر يېتىپ كەلگۈچە تاماششا قىلىپ تۇراتتى. ئارىدىن بىر كىشى:
«ئەي مەسئۇد، شىجائەتلىك تاجۇ-تەخىتلىك بۇ يەردە تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن قاچىسەن؟»_دەپ ۋاقىرغان ئىدى. مەسئۇد:
«شۇ جائەت، تاجۇ-تەخىت دېگەن ئەمدى يوقتۇر»_دېدى-دە، سۇدىن ئۆتۈپ كەتتى.
(ئەسلى كىتاپ11-بەت)
سەلچۇقلار ھېساپسىز نۇسرەت ۋە قۇۋەتكە ئىگە بولدى. ھەر تەرەپكە پىتراپ كەتكەن لەشكەرلەر يىغىلىپ بۇلارغا قوشۇلدى. بۇلارنىڭ سەردارى جەئىفەر بەگ (چاغرىبەگ)ۋە توغرۇلبەگ ئىدى. بۇلارنىڭ تاغىسى مۇسا بىننى سەلچۇق«18»بولۇپ، لەقىمى بەغۋى كەلان ئىدى. ئۇلار بارلىق ئۇرۇق-تۇققانلار يىغىلىپ ئۆز-ئارا ياردەملىشىش، ئىتىپاق ئۆتۈش مەقسىتىدە ئەھدۇ-پەيمان قىلىشىپ تۆۋەندىكىدەك نامە پۇتتى:
«بىز سالجۇق ئەۋلادلىرىدۇرمىز. بىزنىڭ ئۇلۇغ(چوڭ)بۇرادىرىمىز ئىسرائىل سەلچۇق ئىدى. ئۇنى مەھمۇد نۇرغۇنلىغان قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇققان، دوسىت-بۇرادەرلىرىمىز بىلەن تۇتۇپ بەنىد قىلدى ۋە ھىندىستاندا يەتتە يىل تۇرغۇزۇپ ھالاك قىلدى. ئۇنىڭ ئوغلى مەسئۇد تەخىتتە ئولتۇرۇپ، ئۆز مەنپەئەتى بىلەنلا بولۇپ كېتىپ مەملىكەتنى ياخشى تۇتمىدى. بۇ سەۋەپتىن خۇراساننىڭ يۇقرى تەبىقە كىشىلىرى بىزنى كۆزگە ئىلمىغانلىقتىن، ئىلتىماس قىلىشقا(نامە ئەۋەتىپ جەڭ قىلىشقا)مەجبۇر بولدۇق. ئۇلارنىڭ دوستلۇق ۋە ياردىمى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ يۈرگەن ئىدۇق. مەسئۇد لەشكەر ئەۋەتىپ شىكەسىت تاپتى. ئاندىن ئۆزى ھېساپسىز لەشكەر بىلەن كەلدى. ھەقتائاللارنىڭ نۇسرىتى ۋە رەسۇل ئەكرەمنىڭ روھى شەرفلىرىنىڭ مەدىتى بىلەن ئۇلار(مەسئۇد)ئۈستىدىن غالىپ بولدۇق. كېرەملىك ئاللاھنىڭ بۇ مەرھەممىتىگە ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ، ئەدىل-ئادالەت ۋە سېخىيلىق قىلىپ، زۇلۇم ۋە جاپانى نابۇت قىلدۇق. ئۈمۈد قىلىمىزكى، بۇ ئىشمىز بىلەن ئەمىرۇل مۆئمىننىڭ پەرمانىغا مۇۋاپىق بولغاي، ۋەسسالام!».
نامىنى ئەبۇ ئىسھاق فۇقائىدىن ئەمىرۇل-مۆئىمىن باھۇللاغا ئەۋەتتى. ئاندىن ۋىلايەتلەرنى تەقسىم قىلدى: جەئىفەر بەگ (چاغرىبەگ)مەرۋ«19»نى پايتەخىت قىلىپ، خۇراساننىڭ كۆپرەكىنى
(ئەسلى كىتاپ12-بەت)
ئۆز ئىختىيارىغا ئالدى.تاغىسى مۇسا پەغەۋى ھىرات«20»ئەسفەر،سىيسىتان ۋە يىگىرمە شەھەرنى ئىختىيار قىلدى. جەئىفەر بەگنىڭ چوڭ ئوغلى قادىر كىرمان(ئىراننىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى شەھەر)سەرھەد(چېگرا، مەملىكەت)دە تۇردى. توغرۇلبەگ ئىراققا كەلدى. جەئىفەر بەگ(چاغرىبەگ)نىڭ ئانىسىنىڭ بىر تۇققىنى ئىبراھىمنى ھەمىدان(ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمقىي شەھەر)گە ئەۋەتتى.بۇرادىرىنىڭ ئوغلى ئەمىر يەقۇت«21»نەھرۇ رەيھان تەرەپكە يۈردى. ئىسرائىل بىننى قولتەمىشنى كورگان ۋە دامغانغا تەيىنلىدى. ئالىپ ئارىسلان«22»جەئىفەر(چاغرىبەگ)نىڭ ئوغلى، مۇھەممەدنىڭ بۇرادەرزادىسى ئىدى. ئۆز خىزمىتىگە تۇرغۇزۇلدى.
نامە ئەمىرۇل-مۆئىمىنىن قايىم باھىرۇللاغا يەتتى. ئۇ ھەيبەتۇللاھ بىننى مۆئىمىننى ياخشى سۆزلەر بىلەن توغرۇلبەگكە ئەلچىلىككە ئەۋەتتى ۋە توغرۇلبەگنى باغداتقا ئېلىپ كېلىشنى تاپىلىدى. بەس، ھەيبەتۇللاھ بېرىپ توغرۇلبەگنىڭ ۋىلايىتىدە فەتىھىدە(ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش، دېگەن يېرىدىن چىقىرىش)پۇرسىتى يەتمەي، ئۈچ يىل تۇرۇپ قالدى.
تارىخقا تۆت يۈز قىرىق يەتتە ئىدى. توغرۇلبەگ باغداتقا كەلدى. ئەمىرۇل-مۆئىمىنىن قايىم باھىرۇللاھ باغداتتا سۇلتان، ئەركانى دۆلەت(دۆلەت ئەربابى)ئەبۇ تالىپ بىننى توغرۇلبەگ بىننى مەھمۇد مىكائىل بىننى سەلچۇقنىڭ دۆلىتى ۋە نامىغا خۇتبە ئوقۇتۇپ جار سالدۇردى ۋە ئۇنىڭغا«ئەركانى دۆلەت»دەپ لەقەب (نام) بېرىپ، نامىنى مېتال پۇلغا نەقىش قىلدۇردى ھەمدە ئۇنىڭغا ھېساپسىز ئالتۇن-كۈمۈش، قىممەتباھا تاشلارنى چاچقۇ قىلدى«23». ئاندىن كېيىن ئەبۇ ئىيەد يەلبى ئەۋلادىدىن مەلىك رەھىم ئەبۇ ناسىر بىننى پەرۋان ئىمادەر بىننى لىللاھى بىننى ئەلفەتتا بىننى سۇلتان دەۋلەتى باغدات«24»قا كەلگەن ئىدى. ئۇنى
(ئەسلى كىتاپ13-بەت)
بەنىد قىلىپ رەي تەرىپىگە ئەۋەتتى.
توغرۇلبەگ باغداتتىن خانەئى كەئبە(مەككە شەھرىدىكى زىيارەتگاھ، مۇسۇلمانلار قىبلىسى)گە بېرىپ تاۋاپ قىلىپ، رەۋزەئى مۇقەددەس(مۇقەددەس قەۋرە، ئەۋلىيالار قەۋرىسى)نەبەۋىي سەللەت ھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمگە تېگىشلىك خىزمەت قىلىپ، تازىم بىجا كەلتۈرۈپ ياندى. ئەمرۇل-مۆئىمىنىن ئالدىغا ھېساپسىز مال- دۇنيا، توغرۇلبەگنىڭ ئالدىغا ھېساپسىز مال-دۇنيا ۋە نازۇ- نېممەتلەرنى قويۇپ، بارلىق ۋىلايەتلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا مۇقەرەر قىلىش بىلەن، يەنە ئىراق(غەربىي ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت) ۋە كوھىستان«25»پادىشاھلىقىنى تەيىن قىلدى. توغرۇلبەگ قايتىش بىلەن باغداتنىڭ سەردارلىرىدىن  بىسامىسرا«26»ئەمىرۇل-مۆئىمىنىنگە(خەلپە قايىمغا)قارشى باش كۆتۈرۈپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن توغرۇلبەگنى كىشى ئەۋەتىپ يەنە قەيتۇرۇپ كەلدى. بىساسىر سۇلتان توغرۇلبەگنىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ لەشكەرلىرى بىلەن شام(سۈرىيىدىكى قەدىمقى بىر شەھەرنىڭ نامى. ھازىرقى دەمەشىق) تەرەپكە قاچتى. بىراق سۇلتان باغداتقا كەلگىچە بۇرادىرى ئىبراھىم پادىشاھلىق قەستىدە ھەمادانغا كەتكەن ئىدى. سۇلتان توغرۇلبەگ ئىبراھىمنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ ئىبراھىمنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى. بۇ چاغدا سۇلتاننىڭ قايتىپ كەتكەنلىك خەۋرى بىساسىرغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىساسىر يېنىپ يەنە باغداتقا كەلدى ۋە مەۋسىل پادىشاھى فەراۋەش بىننى مۇقەللەد مۇرتەزا، ھەسەننىڭ ئوغلى ۋە فەرس بىننى بەدران بىلەن قوشۇلۇپ باغداتنى مۇھاسىرە قىلىپ ئەمىرۇل-مۆئىمىننىنى(خەلپە قايىمنى)تۇتۇپ بەھارىش ئاتلىق بىر ئەرەپكە تاپشۇرۇپ ئىنانەھەكەئەۋەتتى. رەئىس ئەلۋەدنىڭ ۋەزىرى كامال ھۆرمەت، ئەلەم ۋە ئەقىلدە تەڭداشسىز ئىدى. گۇناھ قويۇپ
(ئەسلى كىتاپ14-بەت)
ئۆلتۈردى ۋە بىر يىل باغداتتا قەمەرتىي(ئىسلام دىنىدىكى مەزھەپلەرنىڭ بىرى. بۇ يەردە شىئەلەرنىڭ تايانچى پاتىمە خەلپىلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىزاھات «27»)قاراڭ)لەر نامىغا خۇتبە ئوقۇدى. بۇ ۋەقەدە باغداتنىڭ پاسىبانى ئەتبەكىن سۇلايمان قېچىپ ھەلۋانغا بارغان ئىدى. ئۇنىڭغا ئەمرۇل-مۆئىمىنىننىڭ (خەلپە قايىمنىڭ):
«دۆلەت ئەربابى سۇلتاننى(سۇلتان توغرۇلبەگنى)تاپسۇن. ئۇ دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ بولغاي، چۈنكى قەرمەتىيلەر ھۇجۇمى ئاشكارا بولدى»دېگەن نامىسى يەتتى. بەس.
ئەتەكىن ئەمىدۇل-مەلىك ئەبۇ نەسىر«27»گە ۋەزىر سۇلتان ئىدى. ئۇنىڭغا ئاۋۋال نامە ئەۋەتتى. ئەمىر (ئەبۇ نەسىر)دەرھال بۇ نامىگە قارىتا:
«ئالدى بىلەن ئەمىرۇل-مۆئىمىنىنگە (خەلپە قايىمغا)خەۋەر ئەۋەتىلسۇن. تاكى كۆڭلى ئارام تاپقاي. ئەتبەكنى كۈتۈپ تۇرسۇن. ئارقىدىن يېتىپ بارىمەن»دەپ قىسقىچە جاۋاپ ئەۋەتتى ۋە يوللارنى كۈزەتكىلى لەشكەر بۇيرۇدى. ئاندىن ئابدۇل-مەلىك سەئىي ئەبۇ ئەئىلاغا ئەتبەكىن ئەۋەتكەن نامىنى بېرىپ ھال-ئەھۋالىنى بايان قىلدى ۋە:
«سۇلتانغا(سۇلتان توغرۇلبەگكە)قىسقا قىلىپ بىر نامە ئەۋەتەيلى. نامىنى كۆرگەن ھامان دەرھال لەشكەر ئەۋەتكەي»-دېدى. سەئىيدۇللا ئەبۇ ئەئىلا ئەتبەكىننىڭ نامىسىنى ئېلىپ بۇ ئايەتنى ئېيتتى:
«ئۇلار تەرىپىگە يانغىن. قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن بىز لەشكەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىمىز. ئەلۋەتتە ئۇلارنى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىمىز».
بۇ سۆز بىلەن ئۇلار شاد بولدى ۋە:
(ئەسلى كىتاپ15-بەت)
«بۇ ياخشىلىقتىن بىشارەتتۇر. ئىنشائاللا(خۇدا خالىسا)شۇنداق بولغاي!»دىيىشىپ سەئىي ئەبۇ ئەئىلانىڭ ياخشى تەرىپى(سۆزلىرى)ئۈچۈن ئۇنىڭغا(ئەبۇ ئەئىلاغا)بىر يۈكلۈك تۆگە ھەدىيە قىلدى.
سۇلتان(توغرۇلبەگ)ئىراقتىن شۇ قەدەر لەشكەر ئەۋەتتىكى، لەشكەرلەرنىڭ ھەيۋىتىدىن ئاسمان-زېمىن ۋە تاغ-دەشىت لەزىگە كەلدى. ئۇلار بىسارسىرنى رامىزان ئېيى«9-ئاي»دا تۇتۇپ، بېشىنى كېسىپ باغداتنىڭ دەرۋازىسىغا ئاستۇردى(ئاستى).
تارىخقا تۆت يۈز ئەللىك بىر، زۇلھەجە ئېيى(12-ئاي)ئىدى. ئەمىرۇل-مۆئىمىنىننى خەلپىلىك تەختىگە «28» ئەمىرۇل-مۆئىمىنىن باغداتقا يېتىپ كېلىشى بىلەن سۇلتان(توغرۇلبەگ)تۆھپە، سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ پىيادە ئالدىغا چىقتى. ئەمىرۇل-مۆئىمىنىن سۇلتانغا ياخشى تىلەكلەر قىلىپ«رۇكنىدىن»(دىن ئەرباب)دەپ لەقەب(نام)بەردى.
(خەلپە قايىم)نەچچە كۈندىن كېيىن ئەمىدۇل-مەلىك(سۇلتان توغرۇلبەگنىڭ ۋەزىرى)نى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا:
«سۇلتانغا(توغرۇلبەگكە)ئېيتقىن. مەن جەڭگە ئاتلانماقچىمەن. باغداتتا لەشكىرىم ھېساپسىز. ئۇلارغا بىر مۇنچە مال تەيىن قىلسۇن، بۇ بىز ئۈچۈن مەدەت بولغاي» دېدى. ئەمىدۇل-مەلىك:
«سۇلتان(توغرۇلبەگ)بۇ ئىلتىماسنى ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن پەرمان تۇتۇپ باراي»دېدى.
ئەمدى چىقىپ كېتىپ باراتتى، ئالدىغا ۋەزىر خەلپە(خەلپە قايىمنىڭ ۋەزىرى)ئۇچرىدى. خەلپە ئەمىدكە:
«بىر سۆز ئۈچۈن سۇلتان قېشىغا كېتىپ بارىمەن» دېدى. ئەمىد ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدى ۋە ئىلگىراق كىرىپ سۇلتانغا:
«ۋەزىر خەلپە كېلىۋاتىدۇ.گۇمان قىلىمەنكى، ئۇ خەلپە(خەلپە قايىم)ئۈچۈن بىر نەرسە تىلەيدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا، ياخشى
(ئەسلى كىتاپ16-بەت)
جاۋاپ بەرگىن» دېدى ۋە ئەمىرۇل-مۆئمىنىنىڭ ئىلتىماسىنى يەتكۈزدى. ۋەزىر خەلپىمۇ شۇ ئىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. سۇلتان(توغرۇلبەگ)ۋەزىرى ئەمىدۇل-مەلىك ئېيتقاندەك، ياخشى جاۋاپ بەردى. ئاندىن ئەمىدۇل-مەلىك باغداتنىڭ قائىدىسىنى تۈزۈپ، دەپتەر تۇتۇپ، ئەمىرۇل-مۆئىمىنىگە خىراج مۇقەررەر (تەقلىمەك، تەييارلىماق)قىلىپ، دېۋاننى ئۆز قولىغا ئالدى.
سۇلتان كۆچۈپ ئەزەربەيقان تەرەپكە يۈردى ۋە خەلپىنىڭ سىڭلىسىنى نىكاھىغا ئالماق بولۇپ، ئەمىدۇ- مەلىكنى خەلپىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. خەلپە قوبۇل قىلمىغان ئىدى. ئەمىدۇل-مەلىك خەلپىگە بېرىدىغان خىراجنى توختاتتى. شۇنىڭ بىلەن خەلپە ئۇنىڭ تەلىپىنى چارىسىز قوبۇل قىلدى.
قىزنىڭ تويلىقى ئۈچۈن قازى تۆت يۈز كۈمۈش تەڭگە ۋە بىر دىنار(ئالتۇن ئاقچا)تەيىن قىلدى. بۇ خەۋەر تەبرىز (ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەدىمكى بىر شەھەر)گە يېتىش بىلەن تەبرىزدىكىلەر شەھەرنى(ئەينەكتەك پاكىزلاپ)بېزىدى. باغدات قازىسى خۇتبە ئوقۇتۇپ نىكاھ قىلىدىغان بولدى.
سۇلتان(توغرۇلبەگ)توي قىلماق ئۈچۈن تەبرىزدىن رەيگە يۈردى. رەيگە يېتىپ كېلىش بىلەن سۇلتان كېسەل بولۇپ قالدى. ھاۋا ئىسسىق ئىدى. ئۇلار رەي دەرۋازىسىغا چۈشتى ۋە ئۇ يەردە سۇلتان(توغرۇلبەگ) بۇرنىدىن قان ئېقىش كېسلى بىلەن ۋاپات بولدى.
تارىخقا تۆت يۈز ئەللىك بەش، رامىزان ئېيى(9-ئاي)ئىدى. بۇ سەردارنى باغداتقا ئېلىپ ياندى. سۇلتان رۇكنىددىن ئەبۇ تالىپ توغرۇلبەگ مەھمۇد ئىبنى مىكائىل ئىبنى سەلچۇق يىگىرمە ئالتە يىل پادىشاھ بولدى «29» ۋەزىرلىرى سەلار بۇركامى ئەبۇ ئەل-ئاسىم كويامى، ئەھمەد، ھەسەن بىننى ئەبۇ نەسىر، ئەمىدۇل-مەلىك
(ئەسلى كىتاپ17-بەت)
كىدرەس، ياساۋۇلى ئابدۇراخمان ئالىپ زەن ئەلائاجى مەھدى، ئەھمەدۇللاھ ئەلى ئىيادىيە ئىدى.
(ئەسلى كىتاپ18-بەت)
yol
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 03:13
3

سۇلتان ئالىپ ئارىسلان

(1063___1072)
 

سۇلتان توغرۇلبەگ ۋاپات بولغاندا، ئالىپ ئارىسلان مەھمۇد بىننى جەئىفەر بەگ(چاغرىبەگ) خۇراساندائىدى «30». شۇڭا كىچىك ئىنىسى ئەمىر سۇلايماننى تەخىتكە ئولتۇرغۇزدى. ئەمىر سۇلايمان كىچىك ئىدى. ئالىپ ئارىسلان زۇلھەججەھ ئېيى(12-ئاي)دا كېلىپ، ئۆزى تەخىتتە ئولتۇردى. ئىراق، خۇراسان ۋە كوھىستانغا پادىشاھ بولدى. ئۇ تولىمۇ ھەيۋەتلىك، سىياسەت قىلىچى دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىپ، جاھانكۇشاي (جاھاننى شاتلاندۇرغۇچى)، قەددى قامىتى زور، ساقىلى ئۇزۇن؛ ئوقيا ئېتىشتا يۇقرى ماھارەتكە ئىگە كىشى ئىدى. ئاتقان ئوقى خاتاسىز تېگەتتى. تاج كىيىپ تەخىتتە ئولتۇرسا، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. ھەرقانداق ئەلچى كەلسە، پادىشاھنىڭ ھەيۋەت ۋە ئۇلۇغلىقىدىن سۆزلىيەلمەس ئىدى. ئۇ تەخىتكە ئولتۇرغاندا، تاغىسى سۇلتان توغرۇلبەگنىڭ ۋەزىرى ئەمىدۇل-مەلىكنى ئۆلتۈرۈپ، نىزامۇل- مۈلۈك«31»نى ۋەزىر قىلدى.

ئەمىدۇل-مەلىك ئۆلتۈرلۈشتىن ئىلگىرى بىر يىل بەنىتتە تۇرغان ئىدى، ھەم ھەسەن ئىبىن ئەلى ئىبىن ئىسھاق پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان ئىدى. بۇ چاغلاردا نىزۇمۇل-مۈلۈلك دىققەت-ئەندىشە ئىچىدە يۈردى. قاچانكى، ۋاقتى-سائىتى توشۇپ، ئەمىدۇل-مەلىكنى ئۆلتۈرگىلى كىشى كەلگەندە، ئەمىدۇل-مەلىك مۆھلەت تىلەپ،

(ئەسلى كىتاپ19-بەت)

تەرەت ئېلىپ ئىككى رەكەت ناماز ئۆتىدى. ئاندىن تاۋلاپ مۇنداق دېگەن ئىدى:

«پادىشاھنىڭ ئەمرىنى بىجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، دەرھال مېنىڭ خەۋرىمنى پادىشاھقا يەتكۈزگەيسەن ۋە پادىشاھقا ئەمىدۇل-مەلىك(مېنىڭ خىزمىتىم ياخشى خىزمەت ئىدى. مېنى تاغاڭ سۇلتان توغرۇلبەگ ۋەزىرلىك مەرتىۋىسىگە ئۆستۈرۈپ، بۇ جاھاننى بەرگەن ئىدى. سەن شېھىدلىق دەرىجىسىگە ئۇلاشتۇرۇپ، ئاخىرەتنىڭ مۈلكىنى بەردىڭ، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى تاپتىم. بۇ چاغقىچە ۋەزىرنى ئۆلتۈرىدىغان بۇنداق يامان، بىددەت رەسىم-قائىدە چىققان ئەمەس ئىدى. ئەمدى بۇ مۇشۇ تەرىقىدە ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا مىراس بولۇپ قالغۇسىدۇر)دەپ ئېيتتى دېگەيسەن».

ئالىپ ئارىسلان لەشكەر تارتىپ پارسنى ئالدى ۋە كېچىسى توساتتىن ھۇجۇم قىلىپ ھېساپسىز خەلقنى ئۆلتۈردى. ئاندىن رۇم پادىشاھى ئەزمايوس«32»غازىتىغا باردى. ئەزمايوس ئۈچيۈزمىڭ لەشكەر بىلەن مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭگە چىققان ئىدى. ئالىپ ئارىسلان ئون ئىككى مىڭ لەشكەر بىلەن ئۇلارغا شىكەسىت بەردى.

ئالىپ ئارسلان ئەزمايوسقا قارشى جەڭگە بارغاندا ئەمىرۇل-سەئىدۇللانى لەشكەرلەرنىڭ يولباشچىسى (سەردار)قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن لەشكەرلەرنى تەرتىپلەپ سەپ راستلىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدا رۇم «33»دىن كەلگەن ئازەر ئاتلىق بىر پادىشاھ بارئىدى. سەئىدۇللاھ ئۇنىڭغا ئەزمايوسنى تىرىك تۇتۇشنى تاپىلىدى. دەرۋەقە جەڭدە سەئىدۇللاغا ئەزمايۇس ئۇچراپ قالدى. سەئىدۇللاھ ئۇنى رۇمدا كۆرگەن ئىدى. تونۇپ، ئەسىر قىلىپ دەرھال سۇلتاننىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. سۇلتان ئەزمايۇسنى نەچچە كۈن بەند قىلىپ، ئاندىن قۇلىقىغا بەندىلىك(قۇللۇق)ھالقىسىنى سېلىپ، ئامانلىق بېرىپ، ھەر كۈنى مىڭ دىنار جىزىيە(ئولپان، خىراج)

(ئەسلى كىتاپ20-بەت)

تاپشۇرۇشقا ماقۇل قىلىپ قويۇپ بەردى.

سۇلتان ئالىپ ئارىسلان كېيىنكى ۋاقىتلاردا ماۋائۇننەھىر«34»گە جەڭگە باردى ۋە جەيھۇن(ئامۇ دەرياسىنىڭ قەدىمقى نامى)دەرياسىدىن ئۆتتى. دەريا لېۋىدە«قەلئەيى بۇرزەم»ئاتلىق بىر قورغان بار ئىدى. لەشكەرلەر بۇ قەلئەنىڭ لەشكىرىنى كۈتۈۋالى(قورغان مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ باشلىقى)يۈسۈپ بۇزەمى«35» بىلەن قوشۇپ ئەسىر قىلىپ كەلتۈردى. سۇلتان ئالىپ ئارىسلان ئۇنىڭدىن سۆز سورىغان ئىدى، راسىت سۆزلىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قىيناشنى بۇيرۇدى، بەس. بۇ ئادەم جېنىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ، ئۆتۈكنىڭ قونجىدىن بىر پىچاقنى ئېلىپ سۇلتانغا قاراپ يۈگۈردى. ئاڭغىچە سۇلتاننىڭ ئادەملىرى تۇتماقچى بولغان ئىدى، سۇلتان مەرگەنلىكىگە ئىشىنىپ تۇتقىلى قويمىدى ۋە بىرپاي ئوق ئۈزدى. بىراق، ئوق خاتا كەتتى. ئۇ ئادەم سۇلتانغا پىچاق ئۇردى. سەئىدۇللا سۇلتاننىڭ ئالدىدا تۇراتتى. ئۆزىنى سۇلتاننىڭ ئۈستىگە تاشلىدى. بىراق ئۈلگۈرمىگەن ئىدى. سەئىدۇللا ئورنىدىن تۇردى(پىچاق سۇلتانغا تەگكەن ئىدى).ئىككى مىڭ لەشكەر سۇلتاننىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇرۇشقان ئىدى. يۈسۈپ بۈزەمى قولىدا پىچاق تۇتقان ھالدا بۇلارنىڭ ئالدىدىن قاچتى. لەشكەرلەرنىڭ سەردارى جامئى نىساۋەرنىڭ قولىدا بىر چوماق بار ئىدى. ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ چوماق بىلەن بېشىغا ئۇرۇپ ئۆلتۈردى.

قىسسە: ئالىپ ئارىسلان مەرد-مەردانە ئىدى. ھەممە ئالەمنى ئۆزىگە قاراتقان ئىدى. جەيھۇننىڭ لېۋىدە بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئوغلى مەلىك شاھنى ئۆز ئورنىدا پادىشاھ قىلدى.

سۇلتان مەلىك شاھ«36»نىڭ ۋاقتىدا جامئى نىساۋەرنىڭ ئوغلىنى سۇلتاننىڭ قۇللىرىدىن بىرى ئۆلتۈرۈپ، قېچىپ ھەرەم سارايغا كىرۋالغان ئىدى. جامئى ئارقىدىن كېلىپ ساراينىڭ ئىشكىدە پەرياد-پىغان قىلغان بولسىمۇ، ھېچ پايدا بەرمىدى. ئاخىر بىر كۈنى سۇلتان

(ئەسلى كىتاپ21-بەت)

ئاتلىنىپ چىققاندا، جامئى ھېچبىر تارتىمانماستىن سۇلتاننىڭ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تۇتۇپ:

«ئەي پادىشاھى ئالەم، ئاتاڭنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشىنى مەن ئۆلتۈرگەن ئىدىم. ئەمدى ئوغلۇمنى ئۆلتۈرگەن كىشىنىمۇ شۇنداق قىلغىن»_دەپ ئىلتىماس قىلدى. سۇلتان:

«راسىت ئېيتىسەن!»دېدى ۋە خىزمەتكارىغا قۇلنى تۇتۇپ كېلىشنى بۇيرىدى. خىزمەتكار قۇلنى ھەرەم سارايدىن تۇتۇپ ئېلىپ كەلدى. سۇلتان ئۆز نامىدىن جامىغا ئون مىڭ دىنار بەرگەن ئىدى، قوبۇل قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن قۇلنى ئۆلۈمگە بۇيرۇدى.



* * *

ئالىپ ئارىسلاننىڭ ئون ئوغلى بار ئىدى. ئۇ تارىخنىڭ تۆت يۈز يىگىرمە بىرىنچى يىلى، ماھى مۇھەررەم (1-ئاي)نىڭ ئىككىسى، ئازنا كېچىسى دۇنياغا كەلگەن ئىدى. سۇلتان توغرۇلبەگدىن كېيىن ئون ئىككى يىل ئون ئاي ئۆمۈر كۆردى. ئۇ ئوتتۇز ياشتا ئىدى. لەقىمى سۇلتان ئەسەدۇللا(ئەسەدۇللاھ__ خۇدانىڭ شىرى دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ ئەسلىدە ئەلىگە بېرىلگەن لەقەم ئىدى)ئىدى.

بولۇر ياخشىلىق كەلسە، دوسترەس-

يامانلىقغە دوسىت فەلەكۇ ھەشىت ئېرۇر.

ئەگەر ئاقىلى ياخشىلىق سارى يۈر،

كېلۇر ياخشىلىقغە داغى ياخشىلىق،

يامانلىقغە ھەم كەلگۈسىدۇر بۇ شەق،

نە خۇش دەبدۇر ئول پىرى ئالەم نەۋرەد،

يامانلىق يولىدىن چىقارمەكى گەرد.

(ئەسلى كىتاپ22-بەت)


دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 03:15
4

سۇلتان مەلىك شاھ

(1072___1092)


بايان قىلىنىشىچە، سۇلتان مەلىك شاھ_ لەقىمى سۇلتان جەلال دەۋلى(جەلالىدىنئەددەۋلى)مەغزىدە دۇنيا (دۇنيانىڭ ئاقىلى)، ۋالىدەيىن(ئاتا-ئانا)ئەبۇلقۇتتى نەسەبى مەلىك شاھ بىننى ئالىپ ئارىسلان مەھمۇد بىننى ئەبۇ سۇلايمان جەئىفەر بەگ(چاغرىبەگ)بىننى داۋۇت بىننى مىكائىل بىننى سەلچۇق پادىشاھ ئىدى. («ئىزاھات«37»»گە قاراڭ).ئۇ ھەممىگە قادىر ۋە مەدەتكار خۇداۋەندە ئالەمنىڭ نۇسرىتى بىلەن قۇۋەت تاپقان، قۇدرەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ تەۋفىقى(ياردەم، مەدىتى)بىلەن ياخشى نىيەتلىك بولغان؛ ئاتا-بوۋىسى جاھانگىرلىك بىلەن جاھاندارلىق بېغىدا دەرەخ تىكىپ، سايىسىدا سەلتەنەت تەختىنى قويغان ۋە ئۇ دەرەخ بۇ شاھنىڭ (سۇلتان مەلىك شاھنىڭ)دەۋرى باھارىدا كامالىغا يېتىپ مېۋە بەرگەن ئىدى. ئالەم ئۇنىڭغا (سۇلتان مەلىك شاھقا)ئىتائەت قىلغان، كاتتا نامى ئالەمگە يېيىلغان، پۇخرالىرى شاد، شەھەرلىرى مەمۇرچىلىق ئىدى. ئۇ نەچچە زامان جاھان مەيدانىدا ھۆكۈمىرانلىق شوخلۇقى بىلەن جەۋلانلار كۆرسەتتى. مەقسەت كويىنى مۇراد چومىقى بىلەن سوقۇپ، غەرەز ھوسۇلىغا ئىتائەتچان ۋە ئاسان بولماي قالماس ئىدى. ئۇنىڭ نىزامۇل-مۈلۈك(«ئىزاھات«32»»گە قاراڭ)مەسەللىك بىر ۋەزىرى بار ئىدىكى، ئۇ ھەممىدە كامالەتكە يەتكەن. پىشۋايى نەبى(يولباشچى، ئەۋلىيا)ئادەم ئىدى. شۇڭا ئەقلنىڭ زىيادە ۋە مۇكەممەللىكىدىن

(ئەسلى كىتاپ23-بەت)

سەلتەنەت ئۇنىڭغا مۇقەرەر بولدى.

سۇلتان پادىشاھلىق دەۋرىدە ئەنتاكىيە«37»دىن ئۆزگەنىتكە ئىككى مەرتىۋە بارغان ئىدى. كېيىن بارغىنىدا تارىخقا تۆت يۈز سەكسەن بىر ئىدى. دەريا لېۋىگە چۈشۈپ ئىككى رەكەت ناماز ئۆتەپ شۈكرانىلەر قىلدى. مەملىكىتى مەشرىق(شەرقتىكى جايلار)دىن مەغرىپ(غەرپتىكى جايلار)غىچە سوزۇلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ خاس كىشىلىرىگە شام«38»ۋىلايەتلىرىنى بەردى. قىسمەدۇللاغا ھەلەب«39»شەھىرىنى بەردى. ئەنتاكىيەنى ئەقسانغا بەردى. قەندىھارنى ئىماد ئەددەۋلىگە بەردى. مۇسۇلنى ھۇكەرمىشكە تەيىن قىلدى. ئۇ يەردىن يېنىپ سەمەرقەنىدكە كېلىپ، سۇلايمان جانبىنى ئەسىر قىلىپ ئۆزگەنىتكە باردى. خوتەندىن تارتىپ ھەر شەھەرگە ئۆزىنىڭ خاس كىشىلىرىدىن بىرنى قويدى. ئاندىن خارەزىم «40»گە باردى. ئاندىن يېنىپ مەرۋى«41»گە كەلدى. بۇ سەپەردە بۇ ئىشلار بىر يىلدا بولۇپ ئۆتتى. ئاندىن ئىسپاھان(ھازىرقى ئىراننىڭ بىر شەھرى)گە كېلىپ، ھەر يەرگە ئۆز كىشىسىنى قويۇپ، رەسىم- قائىدىلەرنى تۈزۈپ بىددەت، يامان ئىشلاردىن خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۈزۈپ، يۇرت-شەھەرلەرنى چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ تەرتىپلەپ سەرەنجام قىلدى. ئادالەتكى شۇ قاتارلىق ئىدىكى، ئۇنىڭ دەۋرىدە ھېچ يەردە زۇلۇم-پاسات يوق ئىدى. ئېزىلگەن، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار ئۆزى كىرىپ سۇلتانغا ئەرىز قىلىپ، تەلەپ-مەقسىتىگە يېتەتتى. ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانداق توسالغۇ يوق ئىدى.

ئۇنىڭ(سۇلتان مەلىك شاھنىڭ)خەيرى-ساخاۋەت، ياخشىلىقلىرىدىن بىرى شۇكى، مەككە يولىدا سەرپ قىلىشقا ھېساپسىز مال بۇيرۇدى. ھاجىلارنى مېھنەت-ئەمگەكتىن ئازات قىلدى. ئەمىرۇل-مۆئىمىنىن شاھ ۋاقتىدا، ھەر بىر ھاجىدىن ۋە بادىيە(سەھرا)، مۇجاۋىرانى كەئبەئى مۇئەززەمە(مەككىدە تۇرغۇن

(ئەسلى كىتاپ24-بەت)

بولغۇچى، مەككىدە ياشىغۇچى ئۇلۇغ)لاردىن يەتتە زىخچە ئالتۇن ئېلىش رەسىمى بار ئىدى. بۇ قائىدىنى يوق قىلدى.

* * *

مەلىك شاھنىڭ ھوزۇرىدا دائىم ئاتلىنىشقا تەييار تۇرىدىغان، ئەمدى بۇرۇتى خەت تارتقان يۈز قىرىق ئالتە مىڭ سەۋارە(ئاتلىق)لەشكەر بار ئىدى. بۇلارغا ھەمىشە مائاش بېرەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن رۇم پادىشاھى كۈنىگە مىڭ دىنار(ئالتۇن ئاقچا)خىراج(ئولپان)تاپشۇراتتى«42».

مەلىك شاھ شىكارنى دوسىت تۇتاتتى. بىر«شىكارنامە»دە بايان قىلىنىشىچە: بىر كۈنى مەلىك شاھ يەتمىش كىيىك سوقتى. ئۇنىڭ شىكارغا چىققاندا، ھەر بىر ئوۋ ئوۋلىغاندا دەۋرىشكە بىر دىنار سەدىقە قىلىدىغان رەسىم-قائىدىسى (ئادەت)بار ئىدى. ئۇ يەنە شىكارەاھ ئۈچۈن ئىراق ۋە خۇراساندا ھەر يەردە كىيىك ۋە قۇلان شىرىسدىن مۇنار قىلدۇرغان؛ ماۋائۇننەھىر، ئەرەپ«43»جۇرجىستان ۋە ئىسپاھان ۋىلايەتلىرىدە ھەر شىكارگاھتا بىردىن نىشان قويغان ئىدى.

بىركۈنى سۇلتان مەلىك شاھ خۇراساندىن ئىراققا كەلگەن ئىدى، تاغىسى قاۋەرد«44»كىرماندىن ئاز بولمىغان لەشكەر ئېلىپ مەلىك شاھقا قارشى ئىراققا يۈزلەندى. ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرى بەدرى كۆچتە (مەدىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان جاي)قوشۇلدى ۋە ئۈچ كېچە-كۈندۈز جەڭ قىلدى.

قىسسە: قاۋەردنى بىر پالۋىنى لەشكەر سېپىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، سۇلتان لەشكىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ جەۋلانبازلىق قىلغان ئىدى، سۇلتان لەشكىرىدىن دەۋران ئاتلىق بىر پالۋان چىقىپ، ئۇنىڭغا بىر قىلىچ ئۇرماق بىلەن ئىككى پارە قىلىپ، ئېتىنىڭ ساغرىسىنى خۇددى خېمىرنى كەسكەندەك كېسىپ تاشلىدى. قاۋەرد بۇ ھالنى كۆرۈپ:

(ئەسلى كىتاپ25-بەت)

«بۇ يەردە تۇرۇپ بولماس»دەپ قېچىپ ئارقىغا ياندى. بىراق ئۈلگۈرەلمەي مەلىك شاھنىڭ لەشكەرلىرىگە ئەسىر بولدى.

مەلىك شاھنىڭ لەشكەرلىرى ھېساپسىز قورال-ياراق، خەزىنە ۋە مال-ئەشيالار غەنىمەت ئالدى. نەرسىلەرنىڭ ھەددى-ھېساۋبىغا ئەقىل سىغماس ئىدى. مەلىك شاھ لەشكەرلىرىنى ئېلىپ جەڭگاھدىن ھەمىدانغا كەلدى ۋە شۇ جايدا چۈشۈپ ئارام ئالدى. بۇ چاغدا لەشكەرلەر:

«بىز بۇ جەڭدە بۇنداق مۇۋاپىقىيەت ۋە نۇسرەت بىلەن چارچىغان ھالدا ياندۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپرەك ھەق تىلەيمىز»دىيىشىپ نىزامۇل-مۈلۈكنىڭ ئالدىدا ئەرز قىلىشتى. نىزامۇل-مۈلۈك:

«ئەگەر سىزلەر كۆپرەك ھەق ئېلىشنى خالىساڭلار، ئېھتىمال قاۋەردنىڭ گۇناھىدىن ھەم ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. مەن بۈگۈن كېچە بېرىپ سۇلتانغا ئىلتىماسىڭلارنى يەتكۈزۈپ، مەقسىتىڭلارنى ھاسىل قىلاي» دېدى، بەس. بۇ كېچىسى نىزامۇل-مۈلۈك قاۋەردگە (ئوغا سېلىنغان)شاراپ بېرىپ، ئوغلىغا مىل(قۇببىلىك تۇغ، ئۈستىگە ئۇچلۇق قۇببە ئورنىتىلغان بايراق)چىقىرشنى بۇيرىدى. ئەتىسى لەشكەرلەر يەنە كەلدى. بۇ چاغدا نىزامۇل-مۈلۈك لەشكەرلەرگە:

«قاۋەرد بەنىدتە قولىنى چايناپ جان بېرىپتۇ. پادىشاھ تاغىسى جەھەتتىن پارىشان بولغاچقا، سىزلەرنىڭ ئىلتىماسىڭلارنى يەتكۈگىلى بولمىدى»دېدى. لەشكەرلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ خامۇش بولۇپ ھېچقانداق ئۈن چىقىرالمىدى. ئاندىن سۇلتان سەمەرقەنىدكە كەلدى ۋە خان(ئەھمەدخان)«45»نى پىيادە ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ ئىسپاھانغا ئەۋەتتى. ئاندىن سۇلتان لەشكىرى جەيھۇن(ئامۇ دەريانىڭ قەدىمكى نامى)دىن ئۆتتى.

خاجە نىزامۇدىدىن(نىزامۇل-مۈلۈك)ئەنتاكىيەگە خەرج پۈتۈپ،

(ئەسلى كىتاپ26-بەت)

ئۇنى سەمەرقەندلىكلەرگە ۋەزىپە قىلدى. ئاندىن سۇلتان ئاتلانغان ئىدى، سەمەرقەنىد ئەھلى:

«بىز قوۋىم دەۋرىشلەردىنمىز. مەئىشىتىمىز پەقەت سۇدىندۇر. ناۋادا بىزنى خەرج ئۈچۈن ئەنتاكىيەگە ئەۋەتسەڭ تەڭلىك تارتىمىز»دەپ پەرياد ۋە پىغانلار قىلىشتى. سۇلتان نىزامۇل-مۈلۈككە:

«ئەي پەدەر، بۇ نېمە گەپ؟ مېنىڭ بۇ دەۋرىشلەر ئىشىنى ئەنتاكىيەگە ھاۋالە قىلماققا قۇدرىتىم يوقتۇر» دېگەن ئىدى. نىزامۇل-مۈلۈك:

«ئەي پادىشاھى ئالەم، ئۇلارنىڭ ئەنتاكىيەگە بارمىقى ھاجەت ئەمەس. ھەرقايسىسىنىڭ خەرجى پۈتۈپ مۇقەرەر قىلىنغان. بىزدىن نەق ئالتۇنغا سېتىۋالسا بولىدۇ. مەن بەندە. بۇ ئىشنى پەقەت پادىشاھنىڭ ئۇلۇغلىقى جەھىتىدىن قىلدىم. تا جاھان ئەھلى پادىشاھنىڭ ھۆكۈمى نەدىن نەگىچە جارى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قويسۇن ۋە ناقىلانى ئەخبار(نەقىل قىلىپ خەۋەر بەرگۈچىلەر)تارىخلارغا بۇنى پۈتسۇن» دېدى.

سۇلتان پايتەخىت قىلىش ئۈچۈن شەھەرلەر ئىچىدىن ئىسپىھاننى ئىختىيار قىلىپ، ئۇ يەرگە ئىمارەتلەر، باغۇ-بوستانلار ۋە راۋاق-گۈمبەزلەرنى بىنا قىلدۇردى. شەھەر سىرتىغا يەنە نۇرغۇنلىغان راۋاق ۋە «باغى- كاران»، «باغۇ بەيتىل-مال» ۋە «باغى ئەھمەد شاھ»قاتارلىق باغ بەرپا قىلدۇردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىمارەت سالدۇردى ۋە ياساتتى. خەزىنە ساقلاش ئۈچۈن«قەلئەيى شەھەر» ۋە «قەلئەيى زەركۇھ»نى سالدۇردى.

نىزامۇل-مۈلىك ناھايىتىمۇ غالىپ ۋە قۇدرەتلىك ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ھەر قايسىنى بىر ۋىلايەتكە مەسئۇل قىلغان ئىدى.

(ئەسلى كىتاپ27-بەت)

سۇلتاننىڭ خانىشى تۇركان خاتۇن«46»تامغاچ خان«47»نىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ سۇلتانغا غالىپ ئىدى. (تۇركان خاتۇن مەلىك شاھ ئالدىدا ناھايىتى يۇقىرى ھۈرمەت ۋە ئابرويغا ئىگە ئىدى). تامغاچ خاننىڭ تاجىل-مۈلىك ئاتلىق بىر ۋەزىرى بار ئىدى.

سۇلتاننىڭ يەنە بىر خانىشى زۇبەيدە خاتۇن جەئىفەر بەگ بىننى يەئىقۇبنىڭ قىزى، سۇلتاننىڭ نەۋرە سىڭلىسى ئىدى«48».ئۇنىڭدىن بەكيارۇق«49»ئاتلىق بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ ھەممە پەرزەنتىنىڭ چوڭى ئىدى. تۇركان خاتۇندىن بولسا، مەھمۇد«50»ئاتلىق بىر نارسىدە بار ئىدى. تۇركان خاتۇن دائىم ئوغلى مەھمۇدنى تەخىت ۋارىسى قىلىش نىيىتىدە بولاتتى. ئەمما نىزامۇل-مۈلۈك بەكيارۇققا مايىل ئىدى. شۇڭا ئۇ سۇلتانغا سەلتەنتىگە بەكيارۇقنى ۋارس قىلىشنى تەۋىسيە قىلاتتى. بۇ سەۋەپتىن تۇراكان خاتۇن نىزامۇل-مۈلۈككە ئادەۋەتلىك بولۇپ قالغان ئىدى. سۇلتانغا نىزامۇل-مۈلۈكنى ئەيىپلەپ يامان كۆرسىتەتتى. نىزامۇل-مۈلۈكنى ئۆلتۈرۈپ، تاجىل-مۈلۈكىنى ۋەزىر قىلىش كېرەكلىكىنى ھەر تەرەپتىن دەلىلەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئاخىر سۇلتاننى بۇ ئىشقا كۆندۈردى.

بىر كۈنى سۇلتان نىزامۇل-مۈلۈككە:

«سەن مېنىڭ بىلەن پادىشاھلىققا تەڭ شېرىكلىك قىلىۋاتىسەن. ھەتتا ھەر ۋىلايەتكە مەندىن رۇخسەتسىز پەرزەنىتلىرىڭنى قويۇپ، ئۇ جايلارنى ئۆز ئىختىيارىڭغا ئالماقچى بولۇۋىتىپسەن. پەرمانىمنىڭ دەستارىڭنى (سەللە) بېشىڭدىن ئۇچرۋىتىشىدىن قىلچە قورىقمايدىكەنسەن.......»دېگەن مەزمۇن بىلەن خەۋەر ئەۋەتتى. نىزامۇل-مۈلۈك بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ مەلىك شاھقا:

«مىنىڭ دىينارىم (ئالتۇن ئاقچا) سىنىڭ تاجىڭ بىلەن بارەۋەردۇر، بىراق بۇمۇ ئېيتماققا ئارتۇقلۇق قىلىدۇ» دىگەن جاۋاپنى بەردى، بۇ سۆزدىن سۇلتاننىڭ غەزەپ ئوتى تېخىمۇ ئۆرلىدى.

(ئەسلى كىتاپ 28 – بەت)

نىزامىل- مۈلۈكنى تاجىل- مۇلك«51» تۇتۇپ بەردى.بۇ چاغدا سۇلتان ئىسپاھاندىن باغداتقا بارغاندى، ئۇلار نىھاۋەندكە يەتكەندە تاجىل- مۈلكنىڭ سۆزى بىلەن بىر مەزھەپ (دىننىڭ بىرەر تارمىقى ئىچىدىكى) كىشى نىزامۈل- مۈلىككە پىچاق سالدى.

ئەپسۇس ھېچكىم ئونداق كىشىنى ئۆلتۈرگىلى قەست قىلمىغاي!

ئۇئەمىر سەكسەندىن ئۆتكەن، ئالەمدە ياخشى- ياماننى بىلگەن ۋە كۆپنى كۆرگەن كىشى ئىدى، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى بال ئىدى، سۇلتان باغداتقا يىتىپ كىلىپ 18 كۈندىن كىيىن نىزامۇل- مۈلۈك ئۆلدى، ئارىدىن بىر ئاي ئۆتمەي سۇلتان ھەم كۆمىلدى، بۇ ھالنى ئەمىر مۇئىزى سۇلتان مەلىك شاھ مەرسىيىسىدىكى مۇنۇ ئىككى بېيىتى ئارقىلىق ئادا قىلغاندۇر:

كى بىر ئاي ئىچرە ئالەمدىن بەقا بوستانىغە-

بۇ تەرىقە شاھ ھەم باردى.

ئانىڭ بايانىدىن قىلدى ناگەھ،

قەھرى يەزدان، ئەجز سۇلتان ئاشكار.

ئەجز سۇلتاننى كۆرۈپ فىكر ئەيلە-

يەزدان قەھرىدىن.

قىسىسە: سۇلتان مەلىك شاھ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پىشقەدەم مەنساپدارلارنى يۆتكەپ كىلىپ ئىشلەتكەندى، ئۇ ئالەمدىن ئۆتىشى بىلەن نىزامۇل- مۈلۈكنىڭ ئورنىغا تاجىل-مۈلك ئەبۇل فەتتايىم ۋەزىر بولدى، ۋە يەنە شەرفۇل- مۈلك ئەبۇ سەئىد ھېساپ- كىتاپ ئىشلىرىغا پىششىق ۋە ئىقتىدارلىق، قارى ھەم ئالىيجاناپ كىشى ئىدى، ئۇ ھەم بۇشىتىلىپ، ئورنىغا مۇھەممەدۇل-مۈلك ئەبۇلغازىل ۋەزىر بولدى، شۇ تەرەقىدە يەنە نۇرغۇن

(ئەسلى كىتاپ 29- بەت)

نامۇۋاپىق ئىشلار بۇلۇپ ئۆتتى.

مەلىك شاھ ياخشى سۈرەتلىك ۋە قامەتلىك، ئىگىز بوي، قۇۋۋەتلىك ۋە ساقاللىق، چىرايى ئاق كىشى ئىدى، بىر كۆزىدە قىسىقى بار ئىدى، ئەمما ئۇ قىسىق توغۇلىشىدىن ئەمەس، بەلكى ئادىتىدىن ئىدى، ھەر قانداق قۇرال- ياراقنى ئىشلىتەلەيتى، مەيداندا تۇغ- زەنجىر ئوينىتىشقا تۇلىمۇ چاققانىدى، مۆھىرگە سۈرىتى چۈشۈرىلگەن ئىدى، ئۇ تارىخنىڭ تۆتيۈز قىرىق بەشى، جەمادىيەل- ئەۋۋەل (5-ئاي) دە توغۇلغانىدى، يىگىرمە يىل پادىشاھ بولدى، بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقاندا ئۆمۈر مۇدىتى ئىككى كەم قىرىقتا ئىدى، ۋەزىرلىرى- نىزامۇل- مۈلۈك، موجىدۇل- مۈلك، سەدىيدۇل- مۈلك ۋە كامالىدۇللاھ ئىدى، ياساۋۇلى- قەماج قەلەم ئىدى.

(ئەسلى كىتاپ 30- بەت)

yol
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 03:16
5

سۇلتان بەكيارۇق

(1093-1104)


قىسىسە: بەركىيارۇقنىڭ ئاتاق نامى (ھۆرمەت نامى) سۇلتان روكىددىن ۋە ئەددۇنيا: تەخەللۇسى ئەبۇل مۇزەففەر ئىدى.

سۇلتان مەلىك شاھ ئۆلگەندە بەرىكيارۇق ئاران (ئون) ئۈچ تاشتا ئىدى، ئاتىسى ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىش ئالدىدا يەنىلا سەلتەنەتىنى ئۇنىڭغا (بەكيارۇققا) تاپشۇردى، ئەسلىدە بۇ چاغلاردا ئۇ ئىسپاھاندا ئىدى، شۇڭا توركان خاتۇن مەلىك شاھتىن ئۆز ئوغلى مەھمۇد (ئىككى ئايلا سۇلتان بولغان) نى پادىشاھ قىىلش ۋە نامىغا خۇتبە ئوقۇتىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مەلىك شاھ:

«مەھمۇد نارسىدە، كىچىكتۇر، پادىشاھلىققا يارىماس» دەپ توركان خاتۇننىڭ ئىلتىماسىنى رەد قىلغان ئىدى، توركان خاتۇن بۇ خۇسۇستا ھىساپسىز مال سەرپ قىلدى.

ئىسپاھاندىكى بىر خەلپىنىڭ مەلىك شاھنىڭ قىزى مەھمىلىك خاتۇن «52» دىن بولغان جەئىفەر ئاتلىق ئوغلىنى توركان خاتۇن بېقىپ پەرۋىش قىلغان ئىدى، ئاخىر ئۇنى «ئەمىرۇۇل- مۇئىمىنىن»دەپ نام بىرىپ، ئىسپاھاندا خەلپە قىلماققا مەلىك شاھتىن رۇخسەت ئېلىۋالدى، جەئىفەرنىڭ ئاتىسى ئىسپاھاندا ئىدى ئۇنىڭغا:«لەشكەر بازىرى دىگەن يەرنى ئاۋات قىلىپ ، ئۇ يەرنى پايتەخىت قىلغاي ۋە جەئىفەرنى شۇ يەرگە خەلپىلىككە ئولتۇرغۇزغاي» دەپ كىشى ئەۋەتتى، شۇنداق قىلىپ جەئىفەرنى مەھمۇد بىلەن

(ئەسلى كىتاپ 31 بەت)

ئىسپاھانغا ماڭدۇردى، ھەمدە مەھمۇتنىڭ نامىغا خۇتبە ئوقۇتۇپ، جەئىفەرنى خەلپىلىككە ئولتۇرغۇزدى، توركان خاتۇن توغقىنى ئەمىر گۆر بوغانىنى سەردار قىلىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندە بەرىكيارۇقنى تۇتۇش ئۈچۈن باغداتتىن ئىسپاھانغا لەشكەر ئەۋەتتى.

قىسىسە: نىزامۇل- مۈلىكنىڭ ئالتە ئوغلى ۋەزىر ئىدى: بۇلاردىن ئۈچى - ئەزىل- مۈلك ئەبۇ ئابدۇللا، فەخرۇل- مۈلك ئەبۇل مۇزەففەر ۋە موۋائىد ئەبۇ نەزەر بەرىكيارۇققا ۋەزىر ئىدى، يەنە بىرى ئىمامۇل- مۈلك ئەبۇلقاسىم ئارىسلان بۇلۇپ، ئۇ سولتان ئەرغاۋانىي ئالىپ ئارىسلانغا ۋەزىر ئىدى.

نىزامۇل-مۈلىكنىڭ ئوغلانلىرى بەرىكيارۇقنى ھىمايە قىلاتتى، ئاخىر لەشكەر بېرىپ، بەرىكيارۇقنى ئىسپاھاندىن قوغلاپ چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن بەرىكيارۇق تۇتۇق ئاتىسى ئەتبەكىننىڭ قېشىغا باردى، ئەتبەكىن بەرىكيارۇقنى رەي شەھرىگە ئېلىپ باردى ۋە ئۇ يەردە تەخىتكە ئولتۇرغۇزدى، ئەبۇ مۇسىلىم رەي شەھرىنىڭ سەردارى ئىدى، ئۇ بىر تاج تەييارلاپ كىيدۈردى.

بەرىكيارۇق رەي شەھرىدە 20 مىڭ لەشكەر يىغدى، توركان خاتۇن ھەم ئىسپاھانغا كىلىپ، شەھەرنى مەھكەم قىلغاندى.

سۇلتان بەرىكيارۇق لەشكەر بىلەن ئىسپاھانغا يېتىپ كەلدى،

توركان خاتۇن خەزىنىلەرنى ئېچىپ، ئالتۇن- كۈمۈشلەرنى ئۇمەرالىرىغا چاچقۇ قىلىپ، بەرىكيارۇقنى چىكىندۈرۈش مەقسىتىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

ۋەزىر تاجىل- مۈلك ئەبۇلفەتتايىم بىلەن موجىدۇل- مۈلك تەدبىر ئىگىللىرى ئىدى، ئۇمەرا ۋە سىپەھالار (باش قۇماندانلار) بىلەن مەسلەھەت قىلىپ سۈلىھ تۈزىشنى قارار قىىلشتى،

(ئەسلى كىتاپ 32- بەت)

ھەمدە بەرىكيارۇققا سۈلھىگە ماقۇل قىلىش ئۈچۈن، ئاتىسىنىڭ مىراسىدىن بەشيۈز دىنار چىقىرىپ بەردى، بەرىكيارۇق قوبۇل قىلىپ ھەمىدانغا قايىتتى، بۇ چاغدا توركان خاتۇن ئەمىر يەئىتقۇتنىڭ ئوغلى مەلىك ئىسمائىلغا ھىساپسىز پۇل- مال ۋە ئالتۇن- كۈمۈش تارتۇق قىلىپ:

«ئەگە بەركيارۇقنىڭ لەشكەرلىرىگە شىكەسىت بەرسە مەن ئۆزەمىن ئونىڭغا قوبۇل قىلىمەن»- دەپ، نۇرغۇن قورال - ياراق بىلەن ئادەم ئەۋەتتى.

تارىخقا يۈز سەكسەن ئالتە، يىل بېشى ئىدى، مەلىك ئىسمايىل گورخ دىيارى سەھراسىدا بەرىكيارۇق بىلەن جەڭ قىلىپ شىكەست يەپ، بەرىكيارۇقنىڭ ئانىسى زۇبەيدە خاتۇننىڭ قېشىغا باردى، شۇ يىلى رامىزان ئېيى (9-ئاي) دا سۇلتان ئۇنى ئۈلۈمگە بۇيرۇپ، ئۆزى تاغىسى ئالىپ ئارىسلاننىڭ ئوغلى ئۈستىگە ئاتلىنىپ كۇھىستانغا كەلدى، شۇنداق قىلىپ، سۇلتان مەھمۇد تاقابىل بۇلالماسلىقىنى چاغلاپ بەرىكيارۇقنىڭ ئالدىغا چىقتى ۋە ئات ئۈستىدە كۈرۈشۈپ، شۇ كۈنىلا ئۇنى تەكلىپ قىلىپ ، راۋاققا چۈشۈردى.

سۇلتان مەھمۇتنىڭ بىلگابەگ ئاتلىق بىر خىزمەتكارى بار ئىدى، بەرىكيارۇق ئۇنى ئۆزىگە مايىل قىلىش مەقسىتىدە، ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاق تۈزمەك بولغان ئىدى، تۇساتتىن سۇلتان مەھمۇد كىسەل بولۇپ قالدى، بونىڭ بىلەن ئەھۋالنىڭ نەگىچە بۇلىشىنى كۆزىتىپ توختاپ تۇردى، شۇ ھەپتە جاھان پىتنىگە تولدى، ئىسپاھان خەلىقى بەرىكيارۇقنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزىشتى، بۇ چاغدا مۇۋائىيدۇل-مۈلك (نىزامۇل -مۈلىكنىڭ ئوغلى) خۇراساندىن كەلگەن ئىدى، ئۇنى ۋەزىر قىلدى، ئاندىن بەرىكيارۇق لەشكەر توپلاپ ھەمىدانغا كەلدى، سەپەر ئېيى (2-ئاي) ئىدى، تاغىسى ئالىپ ئارىسلاننىڭ ئوغلى بىلەن

(ئەسلى كىتاپ 33- بەت)

جەڭ قىلدى، جەڭدە ئالىپ ئارىسلاننىڭ ئوغلى شىكەست تاپتى،بۇ ئەسنادا فەخرۇل- مۈلك بىننى نىزامۇل- مۈلك خۇراساندىن ھىساپسىز سوۋغا- سالاملار بىلەن كىلىپ، سۇلتانغا ئەتلەس چادىر (پادىشاھانە چادىر) ۋە قۇرال – ياراق تەييارلاپ بەردى، فەخرۇل مۈلكنى ۋەزىر قىلدى.

مۇلاھىز مۇجادىل ئاتلىق بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇ بەرىكيارۇققا قەسىت يەتكۈزدى، ئەمما بەرىكيارۇق بۇ جاراھەتتىن ساقىيىپ، تاغىسى ئارىسلان ئەرغۇكتىن تۇلىمۇ خاتىرجەمسىزلەنگەن ھالدا تاغىسى ئارىسلان ئەرغۇك ئۈستىگە- خۇراسانغا باردى، ئۇ مەرد، پالۋان ئىدى، لەشكىرى ھەم ھىساپسىز ئىدى، بەرىكيارۇق بۇرادىرى سۇلتان سەنجەر بىلەن ئاتابىكنى ئاۋۋال ئەۋەتتى، ئارقىدىن ئۆزى بارلىق لەشكەر بىلەن باردى.

تارىخقا تۆتيۈز سەكسەن توققۇز ئىدى، كۈتۈلمىگەندە ئارىسلان ئەرغۇكنى بىر لەشكەر پىچاقلاپ ئۆلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بەركيارۇق خەزىنە ۋە دەپىنىلەرنى ئۆزئىختىيارىغا ئېلىپ، مەلىك سەنجەرنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئىراق تەرەپكە يۈزلەندى.

قىسىسە: مۇئەببەدۇل- مۈلك ۋەزىرلىكتىن بوشىتىلىش بىلەن بەرىكيارۇق يەنە خۇراسانغا كەلدى، سۇلتان مەلىك شاھنىڭ بىر قۇلى بار ئىدى، ئۇنىڭ قېشىغا باردى، ئۇ بەرىكيارۇققا:

«سىنىڭ توركان خاتۇننىڭ ئوغلى مەھمۇدتىن ھېچ كەملىكىڭ يوق، سىنى سۇلتان ئوغلۇم دەپ ھەممە پەرزەنىتلىرىدىن ئەزىز كۆرەتتى، ھازىر ھەم ئولۇغلۇقۇڭ، ھەيۋىتىڭ ۋە شۇجائىتىڭ خەلقىڭ كۆڭلىدە پادىشاھلاردىن زىيادىدۇر، سەن خەلىققە شەپقەت قىل،

(ئەسلى كىتاپ 34-بەت)

سىنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزايلى، ئەگەر بىر نۆۋەت غەلبە قىلساڭ، جاھان ساڭا ھېچ قارىشسىزلىقلا بويسۇنىدۇ» دېدى، بۇ سۆز بىلەن سۇلتاننىڭ غۇرۇرى ئالدىنىپ نەپسى ئۆرلىدى، ئونىڭغا قىزىل سەراپەردە (پادىشاھانە چېدىر) قىلدۇرۇپ، نام بىرىپ، مۇئەببەدۇل مۈلك بىلەن مۇجىدۇل- مۈلكنى خىزمىتىگە تەيىنلىدى، ئاندىن ئىسپاھاندىن رەي تەرەپكە بىللە ئېلىپ يۈردى، مۇئەببەدۇل- مۈلك سادەنىڭ سەھراسىدا مەرھىلەھى ئانچىلا ۋەندكە يەتكەندە باتىنا نەسىف ئاتلىق بىر ئادەمنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈپ، ھادىسە پەيدا قىلدى ۋە ئۇ بۇ ۋاقىئە سەۋەبى بىلەن ئىراق ۋە خۇراساندا تۇرالماي سۇلتان مەھمۇدنىڭ قېشىدا- كەنجكە باردى。.تارىختا تۆت يۈز سەكسەن ئىككى ئىدى.ئۇنى(سۇلتان مەھمۇدنى)پادىشاھلىققا تەرغىب قىلىپ كەنقىدىن ئازغىنە لەشكەر بىلەن ئىسپاھانغا ئېلىپ كەلدى.بۇ چاغدا سۇلتان بەكيارۇق يېنىپ كوھىستانغا كەلگەن بۇلۇپ، مۇجىدۇل-مۈلك خىزمىتىدە، بارلىق مەملىكەت ئۆز ئىختىيارىدا ئىدى.

ئەمىرلەر پۇرسەت تېپىپ سۇلتانغا قارشى باش كۈتۈرۈپ چىقتى ۋە ھەممىسى سۇلتاندىن مۇجىدۇل-مۈلكنىڭ ئوغلىنى تەلەپ قىلدى.سۇلتان قۇبۇل قىلمىدى.شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر مۇجىدۇل-مۈلكنىڭ چىدىرىغا يۈگۈردى.موجىدىل-مۈلك قېچىپ سۇلتاننىڭ يېنىغا كىلىۋالدى.لەشكەرلەر يېتىپ كىلىپ سۇلتانغا :

«موجىدۇل-مۈلكنى بىزگە تاپشۇرغىن »دىيىشتى.سۇلتان بەرمىدى.موجىدىل-مۈلك:

«ئەي پادىشاھى ئالەم،ئەگەر لەشكەرلەرنىڭ غەرىزى مەندە بولسا، ئىجازەت بەرگىن، چىقاي.خالىغىنىنى قىلىشسۇن» دېدى.سۇلتان يەنىلا ئىجازەت بەرمىگەنىدى، لەشكەرلەر سۇلتاننىڭ چېدىرىنىڭ يېنىدا سەپ- سەپ بۇلۇپ ئولتۇرۇشتى ۋە ۋە توساتتىن خەزنىلەرنى تالان قىلىپ، سۇلتاننىڭ سەلتەنەت پەردىسىنى يىرتىپ،

(ئەسلى كىتاپ 35-بەت)

موجىدۇل-مۈلكنى تارتىپ چىقىپ موجىدۇل-مۈلكنى دارغا ئاستى. سۇلتان بۇ ھالنى كۆرۈپ، شاھانە چىدىردىن چىقىپ، ئاخىر بېگىنىڭ چېدىرىغا كەلدى. ئاخىر بېك دەرھال چىقىپ تازىم بەجا كەلتۈردى. سۇلتان:

«بۇ نىمە باش-باشتاقلىق!؟ ئۇلار مىنىڭ ھەرىمىمنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماي، سەلتەنىتىم نۇمۇسىنى نابۇت قىلدى. مەن بۇ يەردە ساقلاپ تۇراي، سەن بېرىپ ئۇ ناكەسلەرنىڭ غەرىزىنى نىمە ئىكەنلىكىنى سوراپ كەل» دېدى.ئاخېربىك سۇلتاننى چېدىردا ئولتۇرغۇزۇپ قۇيۇپ، ئاتلىنىپ بېرىپ ئۇلار بىلەن سۆزلەشتى، بىراق ھېچبىر نەتىجە چىقىرالماي، سۇلتانغا ياساۋۇلنى بۇ سۆز بىلەن ئەۋەتتى.

«بۇ قەۋىم سۆزۈمنى ئاڭلىماي، يەنىلا باش-باشتاقلىقىدا چىڭ تۇرۋېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ تەدبىرى شۇكى، سۇلتان ۋاقتىنچە بىر تەرەپكە كەتكەي».سۇلتان ياساۋۇلغا:

«ئاخىربېككە ئېيتقىنكى، نەچچە مەزىل ماڭغۇچە ئۇلارنى توختىتىپ تۇرسۇن، تا خەۋپسىزرەك جايغا بېرىۋالاي» دېدى. ئاندىن 15 قۇلنى ئارقىسىغا سېلىپ رەي تەرپىگە يۈرۈپ كەتتى.بۇ چاغدا سۇلتان مەھمۇد كوھىستانغا يېقىنلىشىپ قالغانىدى. سۇلتان مەھمۇد كىلىپ تەخىتتە ئولتۇردى، مۇئەببەدۇل-مۈلك ۋەزىر بولدى.

سۇلتان(سۇلتان بەكيارۇق)نەچچە مۇددەتىن كىيىن خوراسان، كورگان ۋە رەيدىن لەشكەر يىغىپ، سۇلتان مەھمۇدنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. جەڭدە سۇلتان مەھمۇد كوھىستانغا يېقىنلىشىپ قالغانىدى.

سۇلتان مەھمۇد شىكەست يەپ، مۇئەببەدۇل-مۈلك ئەسىرگە چۈشتى ۋە نەچچە كۈن بەندتە تۇردى. بىر كۈنى ئۇ سۇلتانغا :

«ئەگەر پادىشاھ مىنىڭ گۇناھىمدىن ئۆتۈپ ۋەزىرلىكە يەتكۈزسە، يۈزمىڭ دىنار بىرىمەن» دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.

(ئەسلى كىتاب 36-بەت)

سۇلتان قۇبۇل قىلىپ،ئەتىسى ئۇ مالنى ۋەزىرگە تاپشۇرۇشنى قارار قىلىپ، مۇئەببەدنى قۇيۇپ بەردى.ئۇ بىر ھەپتە دىگەندە مالنى تەييارلاپ شاھنى كۈتۈپ تۇردى.

بىر كۈنى سۇلتان خانىشى بىلەن ھەرەمگاھتا راھەتلىنىپ ئولتۇراتتى. پىيالىدار (ساقى)دىن بىرى پادىشاھنى ئۇخلاپ قالدى، دەپ گۇمان قىلىپ يېنىدىكىلەرگە:

«سەلچۇقلار ئەجەپ ھىممەتسىز ئادەملەر ئىكەن»دېدى. شۇ چاغدا ئۇمۇ سۇلتاننى ھاقارەت قىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى ۋە:

«ئاتىسىنىڭ قۇلىنى پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭغا قۇرال-ياراق، شاھانە چىدىر بېرىپ بىئەدەپلىك قىلدى. ۋە يەنە بىر نەچچە كۈن يۈرۈپ، بۇرادىرىنى باشلاپ كىلىپ تەخىتكە ئولتۇرغۇزدى. ئەمدى ئۇنى ۋەزىر قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىتىقات قىلىۋاتىدۇ»دېدى.سۇلتان بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، چېدىردىن بېشىنى چىقىرىپ مۇئەببەدنى تۇتۇپ كىلىشكە كىشى بۇيرىدى ۋە ئۇنى كەلتۈرۈپ كۈزىنى ئويدۇردى.ئاندىن كۇرسىدا ئولتۇرغۇزۇپ بىر زەرب بىلەن بېشىنى كىسىپ تاشلاپ، پىيالىدارغا :

«سەلجۇقىلارنىڭ رەھمىتىنى كۆردۈڭمۇ؟» دېدى.پىيالىدار قورقۇپ كىتىپ شۇندىن كىيىن سۇلتانغا كۈرنۈش قىلالمىدى.

بايان قىلنىشىچە، بۇلارنىڭ ئارىسىدا بەش نۆۋەت جەڭ بولغانىدى.بىرى سۇلتان بىلەن بولغانىدى.

سۇلتان بەكيارۇق تارىىنىڭ تۆت يۈز يەتمىش تۆتى ،مۇھەررەم ئېيى(1-ئاي)دا ئىسپاھاندا تۇغۇلغانىدى.ئون ئىككى يىل پادىشاھ بولدى.يىگىرمە بەش يىل ئۆمۈر كۆردى.ئۇ قىزىل يۈزلۈك، ئوتتۇرا بويلۇق، قۇشۇما قاشلىق، ساقال-بۇرتى تۇتاش كىشى ئىدى.مۆھۈرىدە «ئەھمەدۇللاھ ئەلا ئەننەئىم»دىگەن سۆز پۈتۈكلۈك

(ئەسلى كىتاب 37-بەت)

ئىدى. ۋەزىرلىرى-ئەزىل-مۈلك،مۇۋائىدۇل-مۇلك ۋە فەخرۇل-مۈلك ئىدى. ياساۋۇللىرى-قەمازتەئايىز ۋە

جەلىب ئىدى.

(ئەسلى كىتاب 38-بەت)

ئەركەم تورى
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 03:20
6

سۇلتان مەھمۇد

(1105___1118)


مەھمۇد بىننى مەلىكشاھ بىننى ئالىپ ئارسلان بىننى جەفىئەربەگ (چاغرىبەگ)بىننى مىكائىل بىننى سالجۇق، يەنى سۇلتان مەھمۇد (53)پادىشاھ ئىدى. ئۇ ئادالەت ۋە راستلىق بىلەن بىىزەلگەن، دىن-دىيانەت بىلەن ئىش قىلغۇچى كىشى ئىدى. ئۇ ئاقىل، دانا ۋە دانىشمەنلەر بىلەن بىرگە ئادالەت ۋە راستچىللىق دەرىخىنى كامالىغا يەتكۈزۈپ، بىدئەتچىلەر يىلتىزىنى ئۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق ۋە ئىجتىھات كۆرسىتاتتى.

ئىسلام ئۇرۇقى مۇھاپىزىتىدە كۈچ كۆرسىتىپ، دىن يۇلىدىكى كۇپۇرلۇق ۋە يارىماسلىقلارنى يوق قىلاتتى. ھەر كىم ئىسپاھاندىكى بەدىر تېغىنى كۆرسە، بۇ پادىشاھنىڭ بىدئەتچىلەرنى نابۇت قىلىپ، ئۇ قەلئەنى ئىشغال قىلىش جەريانىدا قانچىلىك رەنجلەر تارتىپ ۋە قانچىلىك مۇشەققەتلەر كۆرگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. ئەگەر ئۇ شۇ دىيارنى ئىشغال قىلمىغان بولسا، ئىماندىن بۇي(ھىد)، ئىسلامدىن بىرەر تال موي قالماس ئىدى.تاكى ئۇ مۇنكىرلار(تانغۇچىلار،ئىنكار قىلغۇچىلار)سەددىنى(سېپىلىنى)مۇسۇلمانلارنىڭ يۇلىدىن ئېلىۋەتكۈچە، يەتتە يىلدىن كۆپرەك ئارام ئالمىدى. كىمكى بىدئەت، كۇپۇرلۇق چىرىقىنى ياندۇرسا، تا ئۇنى نابۇت قىلمىغۇچە تىنماس ئىدى. كۇپۇلۇقنى تەرغىپ قىلغۇچىلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتار ئىدى. ئۇ ئاۋال باغداتتا پادىشاھ بولغانىدى. ئۇنىڭ شان-شەۋكىتى ۋە ئۇلۇغلۇقى بەركيارۇقتىن زىيادە ئىدى.

(ئەسلى ئەسەر 39-بەت)

ئۇنىڭغا مەدەت ئاسماندىن، نۇرەت ئاللاھدىن كىلەتتى.

قىسسە:سۇلتان مەھمۇدنىڭ ئاتىسىنىڭ سىدقى ۋە ئاياز بەندىزادە(قۇلدىن تۇغۇلغان پەرزەنتى)ھىسابسىز لەشكەر يىغپ، سۇلتان مەھمۇتقا قارىشى باش كۈتۈرۈپ چىققانىدى. مەھمۇت ئۇلار بىلەن قاتتىق جەڭ قىلدى. بۇ چاغدا ئاسماندا بىر پارچە قارا بۇلۇت نامايان بولدى ۋە بۇلۇت ئارىسىدىن، بىر ئەجدىھا شەكىلى نامايان بۇلۇپ، ئاغزىدىن ئوتلار چېچىلدى.شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەيۋەتتىن بۇلارغا(سىدىق ۋە ئايازغا)قورقۇنچ ۋە قىيامەت چۈشتى. ھەممىسى نىمە قىلارىنى بىلمەي قېلىشتى. سىدىقى ئۆلدى. سۇلتان ئايازنى تۇتۇپ سىياسەتكە بۇيرىدى. سىدىقنىڭ بېشىنى كىسىپ، سۇلتان سەنجەر«54»گە ئەۋەتتى. بۇ ۋاقىتلاردا سۇلتان مەھمۇد بىلەن بەركيارۇقنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت ۋە ئىختىلاپ بار ئىدى.

بىدئەتچىلەرنىڭ ھەر شەھەردىكى سەردارلىرى ئايرىۋېتىلگەن ئىدى. ئابدۇل-مۈلىك ئەتاش ئاتلىق بىر دانىشمەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى دائىم ياخشلىققا نىسبەت قىلاتتى. ئاخىر ئۇنىڭغا بىدەتچى دىيىلىپ، ئىسپىھاننىڭ ئىمامى قارشى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېچىپ رەيگە باردى ۋە ئۇ يەردە ياخشىلىق ۋە كاتىپلىق بىلەن شۆھرەت تاپتى. كېيىن دېگەندەك ئۇنىڭ بىددەتچىلەرگە دوستلۇق مەزمۇنىدىكى بىر نامىسى تېپىلىدى. ئۇنىڭ ئەھمەد ئاتلىق بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ مەزھىبى ۋە ئەقىدىسىنى ئىنكار قىلاتتى. ئانىسى ھەم ئۇنىڭدىن بىزار بولغان ئىدى. قاچانكى، ئاتىسى قاچقاندىن ئېتىبارەن، ئۇنى ھېچكىم سۈرۈشتە قىلىشمىدى.

* * *

سۇلتان مەلىك شاھنىڭ تاغ ئۈستىدە بىر قەلئەسى بار ئىدى. بارلىق پۇل-مال، خەزىنە، قورال-ياراق شۇ يەردە ئىدى.

(ئەسلى ئەسەر 40-بەت)

مىتىنچىلار(تاش يونغۇچىلار)دىن بىرقىسمى شۇ قەلئەگە كۈزەتچى ئىدى. ئەھمەد ئۇ قەلئەدە مەكتەپدار (ئوقۇتقۇچى) بولۇپ، قەلئەنى ماكان تۇتتى ۋە ھەر قېتىم شەھەرگە سودا ئۈچۈن كېلىپ، مىتىنچىلار بىلەن خىلۋەتتە تېپىشىپ، ئۇلارنى بىددەتچىلەر مەزھىپىگە دەۋەت قىلاتتى. تا ھەممىسى ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلدى. ئەھمەد قەلئەگە ھاكىم بولدى. بارلىق مىتىنچى ئۇنىڭغا تەۋە بولدى. ئاندىن ئۇلار قەلئەنىڭ سىرتىغا بىر ئۆي بىنا قىلدى. خەلقلەر يىغىلىپ ھەر كېچىسى بۇ يەرگە كېلەتتى ۋە ئۇلارنىڭ تەرغىباتىنى قوبۇل قىلاتتى. بىددەتچىلەر بولسا توختىماستىن مەزھەب مەقسىتىنى ئۇلارغا ئاغزاكى يەتكۈزەتتى. شۇ تەرىقە بىلەن تا ھەر مەھەللە ۋە ھەر قوۋىمدىن جەمئى ئوتتۇز مىڭ كىشى ئۇلارغا تەۋە بولدى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى كۆرسىلا ئۆلتۈرەتتى. ئەھمەدنىڭ ئادەملىرى ئىچىدە ئەلەۋىي مەدنى ئاتلىق بىر قارىغۇ(ئەما)ئادەم بار ئىدى. ئۇ ھەر ئاخشىمى قاراڭغۇدا ھاسىسىغا تايىنىپ يول يۈرەتتى. ئەھمەد مۇسۇلمانلارغا:

«ھەر كىم بۇ قارىغۇنى ئۆيىگە يەتكۈزۈپ قويسا، ھەقتائالا شۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى خالاس قىلىدۇ»دەيتتى. قارىغۇ كىشى ئۇزاق تار كوچىدىن ئۆتەتتى. ئۆيى كوچىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئىدى. ھويلىسىدا بىر قۇدۇق بار ئىدى. مۇسۇلمانلار ئۇ قارىغۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش بىلەن مىتىنچىلەر پەيدا بولۇپ، قارىغۇ ئېلىپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنى قۇدۇققا تاشلايتتى. تا تۆت-بەش ئاي مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتتى. ھېساپسىز خەلق شەھەردىن ئۈن-تىنىسىز يوقالدى. ئۇلارنىڭ ئۆلۈك-تىرىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. دەرۋەقە بىر كۈنى بىر بىچارە تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرۈپ قارىغۇنىڭ ئىشكىگە بېرىپ قالدى ۋە ھويلىدىن چىققان نالە-پەريادنى ئاڭلاپ:

«خۇدايىم ئاغرىقىڭلارغا شىپالىق بەرگەي!»دەپ تۇرۇشىغا،

(ئەسلى ئەسەر 41-بەت)

ھويلىدىكى بىدئەتچىلەر بۇ بىچارىنى بىلىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ تۇتماققا قەسىت قىلغان ئىدى، ئۇ بىچارە قورققىنىدىن قېچىپ كوچىغا چىقتى ۋە:

«پالانى ئۆيدىن نالە-پەرياد ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇ ئۆيدىكىلەر مېنى تۇتماقچى بولدى. مەن قاچتىم»دەپ جار سالدى. يوقالغان ئادەملەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ۋە قەبىلىسىلىدىكىلەر ھازىر ئىدى. ھەممىسى يىغىلىپ ئۇ يەرگە باردى ۋە قارىغۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئىزدەپ يۈرۈپ ئۆينىڭ بىر يوچۇقىدىن يول تاپتى. ئۇ يول بىلەن قۇدۇققا چۈشتى. قارىسا، ئۈچ-تۆت يۈز ئادەم بۇ يەردە يېتىپتۇ. بەزىسى ئۆلۈك، بەزىسى تىرىك ۋە بەزىسىنىڭ قول-پۇتلىرى باغلاقلىق ئىدى. بۇلارنى كۆرۈپ كىشىلەر غۇلغۇلا قوزغاشتى. پۈتكۈل شەھەر خەلقى ئۇ يەرگە يىغىلدى. ھەركىم ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى شۇ يەردىن ئىزدەپ تاپتى. شەھەردە پەرياد-پىغانلار كۆتۈرۈلدى. شەھەر خەلقى ھېلىقى ئەلەۋىي(قارىغۇ)نى بۇتلىرى بىلەن قوشۇپ تۇتتى ۋە خوتۇنى بىلەن بىرگە بازاردا كۆيدۈردى. ھەمراھلىرى قېچىپ كەتتى.

* * *

سۇلتان مەھمۇد سىدىقى ۋە ئاياز بىلەن بولغان جەڭدىن غەلبىلىك قايىتىپ ئىسپىھانغا كەلدى. بۇ چاغدا بىدئەتچىلەرنىڭ ئىشى بېسىلىپ قوي بولغان ئىدى. قەلئەدە بولسا، يەتتە يىللىق زەخرە(زاپاس نەرسىلەر، پۇل-مال)يىغىلغان ئىدى. سۇلتان لەشكەرلىرى، ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە خالايىقنىڭ مەدىتى بىلەن مەسىلھەت قىلىپ قەلئەنى ئالماقچى بولدى.

سۇلتاننىڭ سەئىدۇل-مۈلۈك ئەبى ئاتلىق بىر ۋەزىرى بار

(ئەسلى ئەسەر 42-بەت)

ئىدى. ئىسپاھان ئىمامى سۇلتانغا ئۇنىڭ ئۈستىدىن بىدئەتچى دەپ نۇرغۇن قېتىم ئەرىز قىلغان ئىدى. ئەمما سۇلتان بۇ سۆزلەرگە ئېتىبار قىلمىغان ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭغا ئادەتتىن تاشقىرى ئىشىنەتتى. ئۇ خاۋارىج ھىكمەت ئىلمىنى بىلەتتى. شۇڭا ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا پىنھان (يوشۇرۇن، مەخپى)قالمىغان ئىدى. ئەھمەد سەئىدۇل-مۈلۈككە:

«بىزنىڭ قەلئەيىمىزدە پۇل-مال يەتكۈچە بار. ئادەملىرىمىز ھەم ئىتىپاق. خالايمىزكى، بۇ قەلئەنى ساڭا بەرمىسەك»دەپ كىشى ئەۋەتتى. سەئىدۇل-مۈلۈك بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئەھمەدكە:

«بىر ھەپتە سەۋىر قىلغىن. مەن بۇ ئىشقا تەدبىر قىلاي»دەپ جاۋاپ قىلىپ ماڭدۇردى.

سۇلتان خۇن(سەپرا)مىجەز ئىدى. شۇڭا ئۇ ھەر ئايدا بىر نۆۋەت قان ئالغۇزاتتى. سەئىدۇل-مۈلۈك بىر نەشتەرنى زەھەر سۈيى بىلەن سۇغۇرۇپ:

«سۇلتاندىن مۇشۇ نەشتەردە قان ئالغىن»دەپ مىڭ دىنار بىلەن تىۋىپقا بەردى.

ھاجىپ خاجە ئاتلىق بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ سەئىدۇل-مۈلۈكنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن خەۋەردار ئىدى. ئۇ كىشى بۇ مىكرنى ئايالىغا بايان قىلدى. ئايالنىڭ ئازات قىلىنغان بىر چۆرە قۇلى بار ئىدى. ئۇلار خىلۋەتتە سۆزلىشىپ ئولتۇرغاندا چۆرە ئاڭلاپ بۇ ۋەقەنى سەدىردىنگە يەتكۈزدى، سەدىردىن ھېچبىر تەخىر قىلماستىنلا، شۇ كېچىسى سۇلتاننىڭ چېدىرىغا بېرىپ مەخپى ھالدا بۇ ئەھۋالنى سۇلتانغا يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان ئەتىسى قەستەن كېسەل بولىۋالدى. ئىككى كۈندىن كېيىن تىۋىپنى چاقىرىتتى. تىۋىپ سۇلتاننىڭ بىلىكىنى تېڭىپ نەشتەرنى چىقاردى. سۇلتان ھەيۋەت بىلەن قارىغان ئىدى، تىۋىپ دەرھال:

«ئەي پادىشاھى ئالەم، جېنىغا ئامانلىق تىلە، راستلىقىتىن

(ئەسلى ئەسەر 43-بەت)

شۈبھىلەنمە»دېدى. سۇلتان قان ئېلىشنى بۇيرۇدى.تېۋىپ نەشتەر سالغان ئىدى. سۇلتاننىڭ بەدىنى شۇ ھامان قارىداشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان سەئىدۇل-مۈلۈكنىڭ غەيرى دىندا ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلدى. بىراق كېچىككەن ئىدى. شۇ سائەت جان بەردى. ئەتىسى سۇلتان كىشىلىرى سەئىدۇل-مۈلۈىك بىلەن تىۋىپنى تۇتۇپ دارغا ئاستى ۋە ئىككى كۈندىن كېيىن قەلئەنى ئىگەللەپ، ئەھمەد ئەتاشنى تۇتقۇن قىلىپ، قول-ئايىقىنى باغلاپ، تۆگىگە مىندۇرۇپ، ئالدىدا دۇمباق ناغرا چالدۇرۇپ، نەغمە-ناۋا قىلدۇرۇپ كوچىلاردا سازايى قىلدى. پۈتكۈل ئىسپاھان خەلقى تاماشاغا چىقتى. شۇ ئەسنادا ئارىدىن بىر كىشى:

«ئەي ئەھمەد، ئىلىم-ھېكمەتتىن لاپ ئۇراتتىڭ، ھېكمەت كىتاپلىرىدىن تەلىيىڭنى كۆرگەنمىدىڭ؟»دەپ سورىغان ئىدى، ئەھمەد:

«تەلىيىمنى ھېكمەت ئارقىلىق شۇنداق كۆرگەنمەنكى، ئىسپىھاندا ھېچ پادىشاھ كۆرمىگەن ئۇلۇغلۇقنى مەن كۆرگەيمەن. ئەمما، بۇ تەرىقە بولماقنى كۆرمىگەن ئىدىم»دەپ جاۋاپ بەردى. خەلق ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ تىكەن، ئەخلەت-چاۋىلارنى تاشلاپ كۆيدۈردى. قەلئەنى ۋەيران قىلدى. قەلئە ۋەيران بولۇش بىلەن تەڭ، بىدئەتچىلەر ھېچبىر ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالدى.....

قىسسە: سۇلتان مەھمۇد يامان ئىشلاردىن قورقىدىغان، ئادىل پادىشاھ ئىدى. ئەمما زەخىر(مال-دۇنيا)ۋە خەزىنە يىغىشقا ئامراق ئىدى.

سۇلتاننىڭ خاجە سەييادىل-مۈلىك بىننى ئەھمەد ئىسملىك بىر ۋەزىرى بار ئىدى. ئۇ نىزامۇل-مۈلۈك ئەمىر سىيىد ھاشىمغا قەسىت قىلىپ يۈرەتتى. ھەمىدان رەئىسى ئەلائىددىن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بەش يۈزمىڭ دىنار ئېلىش بەدىلىگە سەيىد ھاشىمنىڭ

(ئەسلى ئەسەر 44-بەت)

ئوغلىنى تۇتۇپ بەرمەكچى بولدى ۋە ھەمىدانغا كىشى بارماستا سىيىد ھاشىمنىڭ ئوغلىنى تۇتتى. بۇ خەۋەر سىيىد ھاشىمغا يەتتى. ئۇ سۇلتاننڭ خىزمەتچىلىرىدىن لالافەرامەكىن ئاتلىق بىر ئادەمگە ئون مىڭ دىنار بېرىپ:

«بۇ دىنارنى ئالغىن. مېنى بۇ كېچە سۇلتاننىڭ خىزمىتىگە ئېلىپ بارغىن»دېدى. لالافەرامەكىن بۇنچە كۆپ دىنارنى تېخى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇ ھەيران بولۇپ:

«بۇ دىنارنى سۇلتانغا بېرىمىزمۇ؟»دېدى. سەيىد ھاشىم خىزمەتچىگە:

«ياق بۇ ساڭا تەئەللۇق »دېدى. لالا دوسلۇقىنى ئىپادىلىدى ۋە ھېساپسىز شاد بولۇپ، سەيىدنى دەرھال سۇلتاننىڭ خىزمىتىگە ئېلىپ باردى. سەيىد سۇلتانغا دۇئا قىلىپ، كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان مەرۋايىتنى چىقىرىپ سۇلتاننىڭ ئالدىدا قويدى ۋە يىغلاپ تۇرۇپ:

«خاجە ئەھمەد ئۇزۇن زامانلار بولدى ماڭا ۋە ئۆي-بىساتىمغا قەىست قىلىپ يۇرۈيدۇ. ئەمدىلىكتە ئاڭلىسام، بىر ئوغلۇمنى بەش يۈز مىڭ دىنارغا سېتىۋاپتۇ. تەڭرىتائاللا دەرگاھىدا پەيغەمبەر ئەۋلادىنى باشقىلارنىڭ سېتىشى راۋا بولامدۇ؟ مەن سەككىز يۈزمىڭ دىنار بەرسەم، ئوغلۇمنى قويۇپ بەرسە»دەپ ئىلتىماس قىلدى. سۇلتان مالنىڭ يۈزىدىن ۋەزىرنى رىئايە قىلماي، سەيىد ھاشىمنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى. سەيىد تازىم بىجا كەلتۈرۈپ ياندى. سۇلتاننىڭ خەزىنىچىسى سەيىد ۋەدە قىلغان دىنارنى ئالغىلى سەيىدنىڭ ئارقىسىدىن ھەمادانغا كېلىپ سەيدنىڭ سارىيىغا چۈشكەن ئىدى. سەيىد خەزىنىچىگە:

«سېنىڭ مەنزىلىڭ كارۋان سارىيدۇر. ساڭا نېمە لازىم

(ئەسلى ئەسەر 45-بەت)

بولسا، شۇ يەرگە ئەۋەتىپ بېرىمەن. سەن پەقەت ئالتۇنلارنى ئالىدىغان چاغدىلا كەلسەڭ بولىدۇ»دېدى. خەزنىچى قوپال سۆزلىگەن ئىدى.سەيىد:

«ئەدەب بىلەن بولغىن.بولمىسا، بۇيرۇق قىلساملا ئادەملىرىم شۇ سائەت بېشىڭنى كېسىپ دارغا ئاسىدۇ. خۇن ھەققىڭ ئۈچۈن يۈزمىڭ دىنار بېرىپ قۇتۇلىسەن»دېگەن ئىدى. ئۇ ئادەم كەتتى. شۇنداق قىلىپ سەيىد بىر ھەپتە ئىچىدە ھېچبىر قىينالمايلا ، سەككىز يۈزمىڭ دىنار تەييار قىلدى، ئاندىن نەچچە پارچە ياغاچ كەلتۈرۈپ، ئىچىنى ئويۇپ ساندۇق ياساتتى. تا سەكسەن پارە ساندۇق تەييار بولدى. ھەر ئون مىڭ دىنارنى بىر ھەمىيانغا قاچىلاپ ساندۇققا سېلىپ، ساندۇقنى تۆمۈر بىلەن بەنىد قىلىپ، (مىقلاپ)ھەر ئىككى ساندۇقنى بىر تۆگىگە يۈكلەپ خەزىنىچىگە تاپشۇرۇپ يولغا سالدى، ئۇنىڭغا بىرەر دىنارمۇ بەرمىدى. خەزىنىچى بىر ئاي دېگەندە دىنارلارنى ئىسپاھانغا يەتكۈزۈپ سۇلتاننىڭ ئالدىدا قويدى. سۇلتان بۇ دىنارلارنى كۆرۈپ:

«بۇنچە كۆپ مالنى قانداق قىلىپ مۇنداق پات پۇرسەتتە كەلتۈرەلىدىڭ؟،_دەپ سوردى. خەزىنىچى:

_ تېخى بۇ دىنارلارنى ساناپ تۆگىلەرگە يۈكلەپ بولغىچە كېچىكىپ كەتتى. ئەگەر پېقىرنى يەنە بۇيرۇسىلا، بۇنىڭدىن زىيادە كەلتۈرۈىمەن،_دېگەن ئىدى. سۇلتان تەئەججۇپلىنىپ قالدى ۋە خاجە زىياۋۇدۇن ئەھمەدنى سەيىد ھاشىمغا تۇتۇپ بېرىپ ئىنتىقام ئېلىش نىيىتىگە كەلدى.

خاجە زىياۋۇدۇن ئەھمەد باشقىلارغا قەسىت قىلغان ئىدى. قەسىتكە ئۆزى گىرىپتار بولدى. بۇنىڭغا ئەرەپلەردىكى مۇنۇ ماقال مەسەل بولالايدۇ:

(ئەسلى ئەسەر 46-بەت)

«ئىرانىيلار مال ئۈچۈن ئاھانەتكە قالۇر». ۋەللاھۇ ئەئىلەم(تەڭرى بىلگۈچىدۇر).

* * *

بايان قىلىنىشىچە، سۇلتان مەھمۇد(سۇلتان مەھمۇد تاپار)تارىخنىڭ تۆت يۈز يەتمىش تۆتى تۇغۇلغان ئىدى. ئون ئۈچ يىل پادىشاھ بولدى. ئوتتۇز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى. ئۇ بويى ئېگىز، قامەتلىك، تېتىك كىشى بولۇپ، ساقىلى ئۇزۇن، قويۇق ۋە قارا ئىدى. ۋەزىرلىرى مۇئەببەدۇل-مۈلك، ئەبۇ بەكر بىننى نىزمۇل-مۈلىك، فەخرۇل مۈلىك، ئەبۇ مەنسۇر، مۇھەممەد بىننى ھۈسەيىن بىننى ئەھمەد سەئىدۇل-مۈلىك، سەئىد بىننى ئەلى ئىبنى زىيائۇل-مۈلىك، ئەبۇ نەسىر بىننى ئەھمەد بىننى نىزامۇل-مۈلك ۋە زىينەبۇدۇللاھ ئەبۇ مەنسۇر قىيرانى؛ياساۋۇلى ئەليار ئىدى.

(ئەسلى ئەسەر 47-بەت)

yol
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 03:21
7

سۇلتان مۇئىزىددىن سەنجەر

(1118_______1157)


سۇلتان سەنجەر بىننى مەلىك شاھ بىننى ئالىپ ئارسىلان بىننى جەئىفەر بەگ(ئاتاق نامى_سۇلتان ئەل-ئەئىزەم مۇئىزىددىن ۋە ئەددۇنيا، لەقىمى ئەبۇل-ھارىس)پادىشاھ ئىدى. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن، راھەت-پاراغەتتە تۇرمۇش كەچۈرگەن، چوڭ-كىچىك شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان، ھەر قېتىم ئارزۇسى بويىچە زەپەر قۇچقان، جاھاندارچىلىق تەرىقىسىنى ۋە پادىشاھلىق قائىدىسىنى ياخشى بىلىدىغان كىشى ئىدى. گەرچە ئۇ ئۆزگە ئىشلاردا ساددا بولسىمۇ ئەمما تەدبىرى توغرا، نىيىتى دۇرۇسىت ئىدى. ئۇ ئاۋۋال بۇرادىرى بەكيارۇق تەرىپىدىن خۇراسانغا پادىشاھ بولغان ئىدى. ئون توققۇز شەھەرنى قىرىق يىلغا يېقىن ئىدارە قىلدى. شۇ جەرياندا ئۇ قورىقىدەك ۋە شىكەسىت تاپقۇدەك ھېچبىر ۋەقە سادىر بولمىدى. غەزىنىگە سالجۇقلاردىن ھېچكىم چېقىلىشقا جۈرئەت قىلغان ئەمەس ئىدى. ئۇ مەھمۇدنىڭ ئەۋلادىدىن بەھرام شاھ «55»نى پادىشاھ قىلىپ، خۇراسانغا ھەر كۈنى مىڭ دىنار يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئالدى بىلەن قارار قىلدى. ھەمدە ئۇ يەرگە ئۆز ئەۋلادىدىن بىر ھاكىم قويدى.

بەكيارۇق ئۆلگەندىن كېيىن سەمەرقەنىدنى ئەھمەدخان ئۆز ئىختىيارىغا ئېلىۋالغان ئىدى. تارىخنىڭ بەشيۈز يىگىرمە تۆتى سۇلتان سەنجەر سەمەرقەنىدنى ئېلىپ، ئەھمەدخانى ئەسىر قىلدى.

(ئەسلى ئەسەر 48-بەت)

نۇرغۇنلىغان ۋىلايەتلەر ئاتىسىنىڭ ئىختىيارىدا ئىدى. ھەممىسىنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى. يەنە سىيىستان (كىرمان بىلەن خۇراسان ئارىسىدا)ۋە ىارەزىمنى ئىشغال قىلىپ، خارەزىمگە يېقىنلىرىدىن نوشتېكىن غۇرجەنى قويدى. تاجىددىن ئەمىر ئەبۇلغازىغا زابلىستاننى بەردى. ئۇ جەڭلەردە كارامەت پالۋان ئىدى.

تارىخقا بەش يۈز ئون بىر ئىدى. سۇلتان سەنجەر بۇرادىرى ئۆلگەندىن كېيىن ئىراققا كەلدى. بۇ چاغدا سۇلتان مەھمۇد تەملىك(مۈلىك قىلىپ بېرىلگەن)تەختىدە ئىدى. ئۇ ئۆمىرالىرىنىڭ مەسلىھىتى بىلەن تاغىسىنىڭ ئالدىغا جەڭگە چىقتى. بىراق شىكەستە يەپ ئىسپاھانغا كەتتى. سۇلتان سەنجەر ئىراقنى مەھمۇدنىڭ ھاكىمى ئەلى ئايازغا بېرىپ رەيگە باردى. بۇ چاغدا مەھمۇد ئايالىنى ئەبۇلقاسىم ئەسمادى بىلەن بىللە سۇلتان سەنجەر قېشىغا ئەۋەتتى. بۇلار بېرىپ سۇلتانغا:

«بۇ قېتىمقى ئىش كىچىكلىكتىن بولدى. ئەمدى ئۇ كېلىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ، ئاتلىرىنىڭ تىزگىنىنى تۇتۇپ، ئالدىلىرىدا پىيادە يۈگۈرۈپ، چېدىرلىرىنىڭ بوسۇغىسىغا ئۈپۈپ، گۇناھىنى يۇيۇشنى ئىلتىماس قىلىمىز» دەپ يېلىنغان ئىدى، سۇلتان قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېلىپ بىر ئاي پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولدى. سۇلتان گۇناھىدىن ئۆتۈپ، يەنە ئىراققا پادىشاھ قىلىپ، قىزى مەملىكنى(مەملىك شاھ خاتۇننى)ئۇنڭغا جۈپ قىلىپ كىيىم-كېچەك، پادىشاھنە ئاياغ ۋە قىممەتلىك تاشلار بىلەن بىزەلگەن تاج بەردى. ئات ۋە پىللارنى توقۇپ، يوپۇقلىرىنى جاۋاھىرلار بىلەن بېزەپ مېھرىبانچىلىق كۆرسەتتى. ئۈمرالىغا ھەم ئۆز دەرىجىسىگە بېقىپ ئىنئاملار قىلىپ، ھەر قايسى شەھەر ۋە پايتەختنى؛ ئىراقتىن نەچچە كەنىتنى ئۇنىڭغا خاس (ئايرىم)قىلىپ باندۇردى. ئەمەلدار ۋە تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەس ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە

(ئەسلى ئەسەر 49-بەت)

خوي، رەي ۋە سادە شەھرىنى خاس قىلىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ ئۇ شۇ تەۋەلىكى بويىچە بارلىق پادىشاھلىرنىڭ شاھى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ نامىغا كاشىغەر(قەشقەر)زېمىنىدىن تا يەمەن مەملىكىتىگىچە، ھەتتا مەككە، تائىف، ئوممان، مۇنكىران ۋە ئەزەربەيجان تاكى رۇم ۋە بۇلغارغىچە خۇتبە ئوقۇيتتى. ئۇ ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ھەم ئۇنىڭ نامىغا بىر يىلدىن زىيادىرەك خۇتبە ئوقۇشقان ئىدى. ئۇ ئۆلۈمالارغا بىغايەت ئېھتىرام، زاھىدلار ۋە ياخشىلارغا بىنىھايەت ئىكرام قىلاتتى. دائىم ئالىملار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ، زاھىدلار بىلەن خىلۋەتنى ئىختىيار قىلاتتى. زىننەت ۋە بېزەك ئۈچۈن بېرىلمەيتتى. دائىم تەلپەك كىيىپ، ئاددى-ساددا كىيىم كىيىشنى ئىختىيار قىلاتتى. ئەمما ھەمىشە تەخىتتە ئولتۇراتتى. پادىشاھلارنىڭ ياخشى خىسلىتىنى ئۆزىدىن يات قىلمايتتى. ئۇنىڭ دەۋرىدە خۇراسان مەملىكىتى ئىختىسادچىللىق بىلەن ئىدارە قىلىنغاچقا ئىلىم-پەن، ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتە يۈكسېلىپ، بارلىق ئالىملار ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ، ھەممە مەملىكەت بويسۇنغان؛ مەشرىقتىن مەغرىپكىچە ھۆكۈمى قارىي ۋە ئەمرى ئۆتىدىغان بولغان ئىدى. ئەمما ماۋائۇننەھرى ۋىلايىتىدىكى ئۈمەرا ۋە يېقىن كىشىلىرى نانكورلوق(بىكار تەلەپلىك)قىلىپ ھەدىدىن ئېشىپ، پۇخرالارغا زۇلۇم ۋە سىتەم قىلاتتى. ھېچكىم ئۇلارنىڭ زۇلمىدىن خاتىرجەم بولالمايتتى. يەنە بىدئەتچىلەر ئىسلام شەھەرلىرىگە قەسىت قىلىپ يۈرەتتى......

تارىخقا بەش يۈز ئوتتۇز بەش ئىدى. سۇلتان مەرھىدىن سەمەرقەنىدكە كەلدى ۋە ئۇيەردىن لەشكەر تارتىپ ماۋائۇننەھىرگە كەلدى.

ماۋائۇننەھىر ۋىلايىتى خۇراسان لەشكەرلىرىنىڭ ئايىقىدا نالە ۋە تەڭلىكتە قالغان؛ ئىراق خەلقى ئۇلاردىن تەكرار-تەكرار قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان ۋە ئۇلار تۈپەيلى تارقىلىپ كەتكەن ئىدى.

(ئەسلى ئەسەر 50-بەت)

ئۇلارنىڭ كاتتىلىرى ئۆلۈمگە كۆز تىكىپ، ھەر تەرەپتىن لەشكەر يىغىپ كىشى ئەۋەتتى. بەس، لەشكەرلەرنىڭ دىمىقىغا:

«جاھاندا ھېچكىم بىزگە تەڭ ۋە باراۋەر ئەمەستۇر»دېگەن خىيال ۋە تەسەۋۇر چۈشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى يۈزمىڭ لەشكەر مۆلچەرلىدى ۋە چوڭچىلىق بىلەن ئۆزلىرىگە تەمەننا قىلىشاتتى. ئەمما قىتاي لەشكىرى قۇم-تۇپراقتىن تولا ئىدى. ئۇلارغا يۈزلەندى. يەنە قىرىق ئۈچمىڭ ئاتلىق ئىراق لەشكىرى ئارقىدىن كەلدى. بۇ ھالنى كۆرگەن خۇراسان لەشكەرلىرىگە قورقۇنىچ غالىپ كەلدى. ئاخىر جەڭ قىلىشتى. ئۈمەرا، ئەھلى مەنسەپ ۋە بارلىق لەشكەرلەردىن ئوتتۇزمىڭ كىشى شېھىت بولدى. سۇلتاننىڭ ئارقىسىدا مىڭ، ئالدىدا توققۇزمىڭ كىشى بار ئىدى، تاججىدىن ئەبۇلفازىل كېلىپ:

ئەي پادىشاھى ئالەم، ئەمدى قورقۇش ۋە جىم تۇرۇشنىڭ ئورنى قالمىدى،_دېدى. سۇلتان ئۈچيۈز چەۋەنداز بىلەن باياۋانغا يۈزلەندى ۋە تۈركلەردىن بىر نەچچە يول باشلۇغۇچى ئېلىپ بەلىخكە كېلىپ، تېرمىز(ھازىرقى سىر دەريانىڭ شىمالىدىكى شەھەر)نىڭ قورغىنىغا كىردى. قالغان لەشكەر شۇ يەردە يېتىپ ئۆلگەنلەرگە تەزىيە تۇتتى. تەڭدىشى يوق شائىرلار بۇ ۋەقەنى مۇنۇ بېيىت بىلەن بايان قىلغاندۇر. نەزىم:

ئاباد جەھان قىلدى بىزنىڭ شەھا،

قىرق يىلغىچە تىغىڭ ئالدى كىن ئەئىدا.

گەر ساڭا كۆز تەگدى قەزادىن-

بىرھالدا تۇرماقلىق ئېرۇر خاس خۇدا.

تاجىددىن ئەبۇلفازىل سۇلتاننىڭ ئورنىدا چۈش ۋاقتىغىچە توختاپ

(ئەسلى ئەسەر 51-بەت)

توختاپ جەڭ قىلدى. پالۋانلىرى شۇنداق پالۋانلىق كۆرسەتتىكى، بىدئەتچىلەر ھەيران قالدى. ئاخىر تاجىددىن ئەبۇلفازىلنى تۇتۇپ خاقان ئالدىغا كەلتۈردى. ئۇ قىتايدا بىر يىل تۇردى. خاتۇنى ھەم بىللە ئىدى. ئۇلارغا ياخشى خەۋەر يار بولۇپ، بىر يىلدىن كېيىن ئازات قىلىنىپ، ئىككىسى بىرلىكتە سۇلتان قېشىغا قايىتىپ كەلدى. بۇ چاغدا خارەزىم شاھى مەرۋ ۋە تامۇرنى تالان-تاراج قىلىپ، خەزىنە ۋە دەپىنلەرنى غەنىمەت ئالغان ئىدى.

بىر يىلدىن كېيىن سۇلتانغا يەنە نۇسرەت يۈزلەندى. ئەتراپ-ئۆپچۆرىدىن خىراج ۋە ھەدىيەلەر كەلدىلەر. مەملىكەت يەنە بەرقارار بولدى. يەتتە يىلدىن كېيىن سۇلتان رەيگە كەلدى. بۇ چاغدا سۇلتان مەھمۇد باغدات يولىدىن يېنىپ خۇراسانغا كەلگەن: سۇلتان بەھرام شاھ غەزىنىدىن ئەلچىلەر ئاقىلىق ھەدىيە(سوۋغا-سالام)ئەۋەتكەن ئىدى. ئەلچىلەرگە سۇلتان ھوزۇرىدا بەزمە تۈزۈپ بېرىشتى. بۇ ھەقتە مەشھۇر شائىرلار يەنە مۇنداق رۇبائى ئېيتىشقان. نەزىم:

ھەركىمكى سېنىڭ خىزمەتىڭدە قىلدى دېھاق①،

دەرگاھىڭە قويدى باشىن ئولۇپ مۇشتاق②.

سەندىن يىراق ئولدى سام، شامى ئۆلدى،

كەلدى باشىن ئالىپ ئاخىر ئول سۈيى ئىراق.

①(دېھاق__تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق).

②(مۇشتاق__ئۈمىدۋارلىق، ئىشەنىچ)

(سام دەپ سوزنىڭ بۇرادىرى مەلىك غورنى ئاتايدۇ).

سۇلتان مەسئۇد بىلەن يېڭىدىن ئەھىد تۈزۈشنى ۋە رەيدە ئون

(ئەسلى ئەسەر 52-بەت)

ئالتە كۈن تۇرۇپ، ئىراق ئۆمىرالىغا سەرۇپاي بېرىپ ئاندىن ياندى. بىريىلدىن كېيىن مەلىك غور سۇلتانغا قارشى باش كۆتۈرۈپ چىقتى. ئەلى جەترى سۇلتاننىڭ ياساۋۇلى ئىدى. ئۇ ھىراتتا باش كۆتۈرۈپ چىقتى. ئەلى جەترىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى سۇلتانغا قاتتىق تەگدى. چۈنكى سۇلتان ئۇنىڭ بىلەن ھەمىشە ھەمسۆھبەت ۋە ھەمبەستەر(بىللە تۇرغۇچى، دوسىت، ھەمرا)ئىدى.

سۇلتان مەرۋى چېگرىسىغا كەلگەن ئىدى، مەلىك غۇر پىيادە ۋە ئاتلىق ھېساپسىز لەشكەر بىلەن ئالدىغا چىقتى ۋە قاتتىق جەڭ قىلىشتى. ئاخىر نۇرغۇن بەدەل ئارقىلىق مەلىك غۇر بىلەن ئەلى جەترىنى تۇتتى ۋە ئەلى جەترىنى سۇلتاننىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئىككى پارە قىلىشتى. مەلىك غۇرنى بولسا، ئەسىر قىلىپ بىللە ئېلىپ يۈردى.

بۇ قېتىمقى غەلبە بىلەن سۇلتاننىڭ (سۇلتان سەنجەرنىڭ)ھەيۋىتى ئارتىپ، ھۈرمىتى كامالىغا يەتتى. مەملىكىتى قايتىدىن گۈللەپ ياشنىدى.

سۇلتان مەسئۇد يېنىپ بىريېرىم يىلدىن كېيىن تۈركمەندىن غەزانخان خىراجىغا قەسىت قىلدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ تۇرار جاي قىسىنچىلىقتا قالغان ئىدى.

* * *

بەلىختىن سۇلتاننىڭ شاھانە زىياپىتى ئۈچۈن ھەريىلى يىگىرمە مىڭ قوي كەلتۈرلەتتى. بۇ قويلارنى خان سالار(خان ئەسكەر باشلىقى)مەسئۇل بولۇپ، كىشى ئەۋەتىپ ئالدۇراتتى. شۇ يىلى خان سالار قويلارنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كىشى ئەۋەتكەن ئىدى. بىراق رەيگە كەلگەندە تۈركمەنلەر قويلارنى توختىتىپ، ھەددىدىن زىيادە

(ئەسلى ئەسەر 53-بەت)

تەھدىدت سېلىپ، قويلارنى تارتىۋىېلىپ، بىھۇدە سۆزلەرنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قانچە كاتتا ھاكىملار بار ئىدى. ئۇلار مەنئى قىلغان ئىدى، ئۆلتۈردى. بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى، خان سالارنىڭ كىشىلىرى ئۆز ۋاقتىدا كېلەلمىدى. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھالى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، لېكىن سۇلتانغا ئېيتالماي شاھانە زىياپەت ئۈچۈن ئۆزى قوي چىقىرىپ بەردى.

ئەمىر ئەسئەد بەلادە قەماج ئاتلىق بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ بەلخنىڭ ۋالىيسى ئىدى. بۇ كىشى سۇلتاننىڭ خىزمىتىگە مەرۋىگە كەلگەندە، خان سالار بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى قەماچخانغا ئېيتتى. قەماج سۇلتانغا ئەرىز قىلىپ:

«غەززانلارنىڭ خورىكى ئۆسۈپ ناقولاي ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپتۇ. ئۇلار بىزنىڭ ۋىلايەتكە يېقىن. ئەگەر قۇللىرىغا پەرمان بولسا، ئۇلارنىڭ جازاسىنى بېرىپ، ھەر يىلى شاھانە زىياپەت ئۈچۈن ئوتتۇزمىڭ قوي كەلتۈرسەم»دېدى. سۇلتان قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن قەماج قايتىپ بېرىپ ئۇلارغا(غەززانىلارغا)كىشى ئەۋەتىپ قويلارنىڭ ھەققىنى تىلىگەن ئىدى، بەرمىدى ھەمدە ئۇلار:

«بىز سۇلتاننىڭ خاس پۇقراسىدۇرمىز، باشقىلارنىڭ ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلمايمىز»دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

بۇ چاغدا قەماجخاننىڭ ئوغلى ئەلاۋۇددىن بىلەن لەشكەر ئېلىپ غەززانىلارغا قارشى جەڭگە باردى. غەززانىلار ھەم چىقىپ جەڭ قىلدى. نەتىجىدە قەماجخاننىڭ ئوغلى بىلەن ئەلاۋۇددىن ھەر ئىككىلىسى ئۆلدى. بۇ ۋەقە سۇلتانغا يەتتى. ئۈمەرالار مەسلەھەت قىلىپ:

«ھېچكىم مۇنداق ئىشقا قەدەم قويمىغاندۇر. ئەگەر ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويمىساق، قارىشلىق تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. ئۇلارنى كىچىك چاغلىمايلى»دېيىشتى. بىراق سۇلتان مەسلىھەتكە قۇلاق

(ئەسلى ئەسەر 54-بەت)

سالماي ئۆزى بارماقچى بولدى. غەززانىلار ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ ئەندىشىگە قالدى ۋە:

«بىز ھەمىشە ساڭا بەندە-پەرماندار ۋە ھەممىمىز پەرمانىڭغا، ئەمرىڭگە جان-دىلىمىز بىلەن مىننەتدارمىز. قەماجخان بىزنىڭ ئۆي-جاي ۋە مال-مۈلۈكىمىزگە قەسىت قىلدى. ئامالسىز ئەھلى ئايالىمىز ۋە ئۆي- جايىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىپ دۈشمەنلىشىپ قالدۇق. ئەمما بىز ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قەسىت بىلەن ئۆلتۈرمىدۇق. ئەگەر پادىشاھى ئالەم گۇناھىمىزدىن ئۆتسە، يۈزمىڭ دىنار ۋە يۈزمىڭ غۇلام بەرسەك، بۇلارنى پادىشاھ نېمە قىلسا، ئىختىيارىچە بولسۇن»دەپ ئەلچى ئەۋەتتى. سۇلتان قوبۇل قىلدى. ئەمما ئۇمەرالار قەستەن قارشى تۇرۇشقا مايىل قىلىپ، سۇلتاننى ئۇلارنىڭ دىيارىغا يۈزلەندۈردى. ئاخىر سۇلتان لەشكەرلىرىنى ئېلىپ يەتتە دەريادىن ئۆتۈپ، جاپالىق يوللار بىلەن يۈرۈپ غەززانىلارنىڭ قايىغا يېتىپ باردى. بۇ چاغدا غەززانىلار ئەھلى ئايالنى ئالدىغا سېلىپ نالە قىلىپ، يېلىنىپ سۇلتاننىڭ ئالدىغا چىقتى ۋە ھەر ئۆيدىن يەتتە پاتمان كۈمۈش چىقىرىپ بەرمەكچى بولۇشتى. سۇلتاننىڭ رەھمى كېلىپ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتتى. ئەمما ئەمىر مۇئەببەد بۇزرۇگ ۋە ئەمىر ئەجمى ئۇمرالارنىڭ سەردارى ئىدى. ئۇلار كېلىپ سۇلتاننىڭ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى قايرىپ:

«قايتماق ياخشى ئەمەستۇر»دېدى، لەشكەرنىڭ كۆپرەكى مۇئەببەدنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. ئۇ جەڭگە تۇتۇندى. شۇنىڭ بىلەن غەززانىلار ئۈمىدلىنىپ جېنى، ئۆي-جاي ۋە مال-مۈلۈكنىڭ مۇھاپىزىتى ئۈچۈن تاقابىل تۇردى. نەتىجىدە بىر سائەتتەك جەڭ قىلىش جەريانىدا سۇلتان لەشكەرلىرى مەغلۇپ بولۇپ، تەرەپ-تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى. غەززانىلار سۇلتاننىڭ ئارقىسىدىن قوغلىدى. ھېساپسىز ئادەم دەريالارغا غەرق بولدى. ئاخىر بىر بۆلۈك

(ئەسلى ئەسەر 55-بەت)

لەشكەر سۇلتاننى ئارىغا ئېلىپ مەرۋىگە يەتكۈزدى. سۇلتان ئۇ يەردە يەنە خىزمەتكار ۋە بىكارچىلارنى يىغىپ، لەشكەر تەشكىللەپ بىر ھەپتە جەڭ قىلدى. ئەمما ھەركۈنى مەغلۇپ بولاتتى. شۇنداق قىلىپ غەززانىلار مەرۋنى ئالدى. مەرىۋ جەئىفەرنىڭ زامانىدىن بېرى پايتەخىت ئىدى. خەزىنە ۋە دەپنە ھېساپسىز ئىدى. ئۈچ كۈن تالان-تاراج قىلدى: بىرىنچى كۈنى ئالتۇن-كۈمۈش ۋە يىپەكلەرنى؛ ئىككىنچى كۈنى مىس جابدۇق، تۆمۈر ئەسباب، ئۆي-جاھىزلارنى بۇلىدى؛ ئۈچۈنچى كۈنى شەھەردە قاپاق-قاچا، ئەسكى يوتقان ۋە ئەسكىي تەكىيدىن باشقا ھېچنىمە قالمىدى.

غەززانىلارغا يەنە لەشكەرىگە ئۈچ باراۋەر كەلگۈدەك خۇراسان باشباشتاقلىرى قوشۇلدى. ئاندىن ئۇلار نىشاپۇرغا كەلدى ۋە شۇ كۈنى قاتتىق جەڭ قىلىپ بىر توپ كىشىلەرنى ئۆلتۈردى. ئەتىسى يەنە شەھەردە جەڭ قىلىپ قىيامەت پەيدا قىلدى. مىڭلىغان خەلىق خاتۇن ۋە بالىلار چوڭ مەسچىتنىڭ مەيدانىغا قاچتى. غەززانىلار تىغ تارتىپ ھېساپسىز خەلقنى ئۆلتۈردى. مەيداندا خەلق قانغا غەرق بولدى.

كېچە. مەسچىت بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. ئۇنى«مەسچىتى مۇھتەرىز»دەپ ئاتايتتى. ئۇ شۇ قەدەر ئالىي مەسچىت ئىدىكى، بىر قېتىمدىلا ئىككى مىڭ كىشى ناماز ئۆتەيتتى. قۇببىلىرى ۋە تۇۋرۇكلىرىگە ياغ سۈرتۇلگەن ئىدى. ئۇ مەسچىتكە ھەم ئوت قويدى. ئوتنىڭ يورۇقىدا پۈتۈن شەھەر يورۇپ كەتكەن ئىدى. تا تاڭ ئاتقۇچە خەلقىنى ئۆلتۈرۈپ تالان قىلدى ۋە ئەسىر ئالدى. نەچچە كۈن تالان-تارج قىلىپ ئىشىك، تام-تورۇس ۋە ھېچبىر ئىمارەتنى ساق قالدۇرماي، پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدى. ئەسىرلەرنى قىيناپ، مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىپ ئۆلتۈرەتتى. بىر بۆلۈك كىشىلەر بولسا، كۈندۈزى قۇدۇقلارغا مۆكۈنۈپ، كېچىسى چىقىپ ھال ئېيتىشاتتى. غەززانىلار

(ئەسلى ئەسەر 56-بەت)

خەلقنى شۇ دەرىجىدە ئۆلتۈردىكى، ھېسابىنى چىقىرش مۇمكىن ئەمەس.

مۇھەممەد بىننى يەھيا ئىراق ۋە خۇراسان ئىماملىرىنىڭ پېشىۋاسى، شۇنداقلا ھەممە ئالىملارنىڭ كاتتىسى ئىدى. ئابدۇراخمان كافى ھەم بارلىق ياخشىلارنىڭ يېتەكچىسى ئىدى. ھەممىنى قىيناپ ئۆلتۈردى. كامى ۋە ھانى ئۇزۇن يىل شەرىئەت ئىلمى ۋە دىن تەتقىقاتى جەھەتتە نۇرغۇن تىرشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇمۇ تۇپراققا كۆمۈلدى.

قاچانكى غەززانىلار كەتتى. ئەمما غەيرى مەزھەبلەرنىڭ ئۆي-جايلىرى قالغان ئىدى. شۇڭا مۇسۇلمانلار ھەر كېچىسى يىغىلىپ، غەيرى مەزھەبلەرنىڭ مەھەللىسىگە ئوت قوياتتى. شۇ سەۋەپتىن شەھەر ۋەيران بولۇپ خارابىلىككە ئايلاندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار قەھەتچىلىك ۋە يوقسۇزلۇققا دۇچ كەلدى. بەزى كىشىلەر يارىلىق ۋە قىيناق زەخمىدىن جاراھەتلىنىپ ئۆلدى.

بەزى كاتتىلار خەلقنىڭ غوۋغاسىدىن قېچىپ ئىلگىراق شەھەردىن چىقىپ كەتكەن ئىدى. قالغان زەئىپ ۋە ئاجىزلار ئۇلارنىڭ پاناھىغا يىغىلدى.. ئاندىن كېيىن سۇلتاننىڭ ۋە ئۇمەرالارنىڭ سارىيىغا كېلىپ، ھەر تەرەپتىن قالدۇق خىش ۋە ياغاچلارنى يىغىپ قايتىدىن ياسىدى. ئىككى يىلدىن كېيىن نىشاپۇر خەلقى جەم بولۇپ، شەھەرنى شۇنداق بېزىدىكى، ھېچ كىشى ئۆز مەھەللىسى ۋە سارىيىنى تونۇمىدى. شەھەر سىرتىدا، يېزا-قىشلاقلاردا، مەدرىس ۋە ئومۇمنىڭ يەرلىرى بار ئىدى. ھەممىسى يايلاققا ئايلىنىپ تۈلكە ۋە ۋەھشى ھايۋانلارنىڭ ماكانى بولدى. ئەمىر مۇئىزى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ. نەزىم:

ئانداكىم، ئول شاھى جەھان سىيىستاندا ئېردى كامران①،

كەرەگ②جوغد ئەتتى مەكان، تۈلكى، بۈرى تۇتتى ۋەتەن.

ئەيىش تەرەپنىڭ ئامىنى③ۋەھشى قۇلانلار مەسكەنى④،

نەغمە-ناۋالار ئورنىدا ئەۋاز ئېتەر زاغۇ-زەغەن⑤.

مۇنداغكى چەرخ نىلگۇن⑥قىلدى جەھاننى سەرنىگۇن⑦،

ئەمدى قاچان تاپقاي، سۇكۇن قىلغاي دىيار ئول يارمەن.

①(كامىران__ئۆز مەقسىتىگە ئېرىشش، بەخىتلىك، ھاكىم، ھۆكۈمىرانلىق قىلغۇچى)

②(كەرەگ___ بىر تۈرلۈك قۇش)

③(ئام__جاي، ئومۇمنىڭ نامى)

④(مەسكەن___تۇرار جاي، ئورۇن)

⑤(زاغۇزەغەن____قاغا-قۇزغۇن)

⑥(چەرخ نىلگۇن___كۆك، ئاسمان، پەلەك)

⑦(سەرنىگۇن___ئاستىن-ئۈستىن)

غەززانىلار شۇ تەرىقىدە خۇراساننىڭ شەھەرلىرىنى خاراپ قىلدى. ئەمما ھىرات مەھكەم ئىدى. ئۇنى ئالالمىدى.

سۇلتان سەنجەر ئىككى يىلغا يېقىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قالدى. دەرۋەقە، باغداتتا ۋەقە سادىر بولدى. ئۇ يەردە بەزى خىزمەتكارلار ۋە ئاشىقلار بار ئىدى. بىراق سۇلتاننىڭ قېشىغا كېلەلمەيتتى. بۇلار غەززانىلارنىڭ بىر تائىپىنى ئالداپ ئۆزلىرىگە تارتىپ، سۇلتاندىن بىرمۇنچە مال-دۇنيا ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلدى. ئۇ تائىفە سۇلتان قېشىدا ئىدى. ئۇلار ئات بەيگىسى تاماششاسىغا چىقتى. بۇلار ئىلگىرى كېمە تەييارلاپ قويغان ئىدى. ئۇلار ئات چاپتۇرۇپ تېرمىزنىڭ توغرىسىغا-جەيھۇن دەرياسىنىڭ لېۋىگە بېرىپ كېمىگە چۈشتى-دە، ئۇياققا ئۆتۈپ كەتتى. ئۇمەرائى ئارقىدىن بېرىپ سۇلتاننىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۈمىد ئۈزۈپ قايتىپ كەلدى. سۇلتان

(ئەسلى ئەسەر 58-بەت)

سۇلتان سەنجەر بولسا، تېرمىزغا كېلىپ چۈشتى. ئەتراپ، ئوپچۇرىدىن خۇراسان لەشكەرلىرى يىغىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان(سۇلتان سەنجەر)قۇۋەت تېپىپ يەنە مەرۋىگە كەلدى ۋە سارىيىغا چۈشتى. ئارىدىن ئىككى-ئۈچ ئاي ئۆتتى. سۇلتاننىڭ كۆڭلىگە بارا-بارا ئۈمىدسىزلىك پىكرى چۈشۈشكە باشلىدى. چۈنكى خەزىنە قۇرۇق، ئىمارەتلەر ۋەيران، خەلق پاراكەندە، لەشكەرلەر پەرىشان ئىدى. كۆڭلى ئەندىشە ۋە پەرىشانلىقتا زەئىپلىشىپ كېسەل بولۇپ، شۇ ئاغرىغانچە تارىخنىڭ بەش يۈز ئەللىك بىرى دۇنيادىن ئۆتتى ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى«56»ئۇ تارىخنىڭ تۆت يۈز يەتمىش توققۇزى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇغداي ئۆڭلۈك، بويى ئېگىز، ساقىلى ئوتتۇراھال، بۇرۇتى ئۇزۇن كىشى ئىدى. مۆھۈرىگە«ۋەللاھۇ ئەئلەم»(خۇدا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر)دېگەن سۆز ئويۇقلۇق ئىدى. ئۇ يەتمىش ئالتە يىل ئۆمۈر كۆردى. ئۆمرۈدە يىگرمە يىل خۇراسانغا ۋە قىرىق يىل پۈتكۈل ئالەمگە (سالچۇقلار ئىگەللەپ تۇرغان جايلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ)پادىشاھ بولدى. ۋەزىرلىرى-نىزامۇل-مۈلۈكنىڭ بۇرادىرى شاھھابۇل-ئىسلام، ئەبۇلمۇجاس بىننى سەئى، ئەلاجخل شەرىفىدىن ئەبۇ زاھىر ۋە بوغانبەگ كاشىغەرى، مەئىنىدىن كاشى، قەۋامىددىن فەخرۇل-مۈلك، كەمالىدىن ئەلى بىننى ئەھمەد؛ ياساۋۇللىرى ئەلى ھەسەن نىزامىدىن مەھمۇد كاشى، مۈلكىدىن ئەلى جەترى ئىدى.

(ئەسلى ئەسەر 59-بەت)

yol
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 22:11
8
خاتىمە
سۇلتان سەنجەرنىڭ ياردەمچىسى ئەددۇنيا ۋەلىددىن مەھمۇد بىننى مۇھەممەد بىننى مەلىك شاھ بىننى ئالىپ ئارىسلان سۇلتان مەھمۇد«57»قاملاشقان، ياخشى خۇلۇقلۇق، خۇش مىجەز، خۇش ئاۋاز، خۇشخەت ۋە پەسىھ (يېقىملىق سۆزلۈك)پادىشاھ ئىدى. سەلچۇق ئەۋلادى ئىچىدە ئۇنىڭدەك موللا ۋە چوڭقۇر پىكىرلىك، نازۇك چىراي پادىشاھ ئۆتمىگەن ئىدى. ئۇ كەپتەرۋازلىقتا ۋە ئىت بىلەن شىكار قىلىشقا مايىل ئىدى. بوينىغا تۆت يۈز ئالتۇن ئېسىقلىق ئىتى بار ئىدى. ئۇ ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئاتىسىنىڭ ئورنىغا تەختكە ئولتۇردى.
تارىقا بەشيۈز يىگىرمە بىر ئىدى. تاغىسى سۇلتان سەنجەر ئىراققا كەلدى. سۇلتان مەھمۇد سەككىز ئايدىن كېيىن تاغىسى بىلەن جەڭ قىلىپ شىكەسىت تاپتى. ئەمما سۇلتان سەنجەر ئۇنى چىرلىتىپ كېلىپ، مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ، قىزى مەملكنى بېرىپ ئىراققا پادىشاھ قىلدى. نەچچە مۇددەتتىن كېيىن مەملىك خاتۇن ئۆلدى.
سۇلتان مەھمۇد پادىشاھلىق تەختىدە قارار تاپقاندىن باشلاپ تولاراق ئىسپاھان ۋە باغداتتا بولغان ئىدى. بىر مەرتىۋە ئەمىرۇل-مۆئىمىن مۇستەرېشىد بىللاھى بىلەن زىدىيەتلىشىپ قېلىپ، ئاخىر ئارىغا خۇسۇمەت جېڭى چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باغداتنى مۇھاسىرە قىلىۋالدى. نەتىجىدە ئۇلار سۈلھى قىلىشتى. ئۇ مۇبارەك قەدەملىك پادىشاھ ئىدى. خىزمەتكارلىرىدىن ئەھۋال سوراپ پىكىر قىلاتتى. شۇڭا
(ئەسلى ئەسەر 60-بەت)
ھېچبىر ئەھۋال ئۇنىڭغا مەخپىي ئەمەس ئىدى. بىراق ئۇ تولىراق مەزلۇملار بىلەن ھەمسۆھبەتلىك ئىشرەتتە بولاتتى. شۇڭا ئارتۇقچە شەھۋانىيلىق تۈپەيلى ئاخىرى يامان كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلدى.
ئۇ تۆت يىل پادىشاھ بولدى. يىگىرمە يەتتە ياشتا ئىدى. يۇمۇلاق، سېرىق يۈزلۈك، چار ساقال، كۈشتۈنگىر كىشى ئىدى. ۋەزىرلىرى__زىيىب ئەددەۋلەتى ۋە ئوبۇلقاسىم ئەنسابارى ئەبۇ نۇشىرۋان بىننى خالىد بىننى ھىجاپ؛ ياساۋۇلى__ئەلى بىننى مۇھەممەد بىننى بارى تەئايىر ۋە ئىرۋان ئىدى. ئىككى مۆھۈرى بولۇپ بىرىدە «ئىتەسەمتۇبىللەھى»(مەن ئاللاغا ئەگەشتىم)؛ يەنە بىرىدە«تەۋەككەلتۇئەلەللاھى»(ئاللاغا ئۆزۈمنى بېغىشلىدىم)دېگەن سۆز پۈتۈكلۈك ئىدى.
*   *   *
سۇلتان رۇكنىدىن ۋە ئەددۇنيا ئەبۇ تالىپ توغرۇل بىننى مەلىك شاھ بىننى ئالىپ ئارىسلان-سۇلتان توغرۇل(سۇلتان مەلىك شاھنىڭ ئوغلى)پادىشاھ ئىدى. ئۇ ئادىل، قەھىرلىك ۋە ھەيۋەتلىك، سېخي ۋە شىقائەتلىك؛ پاھىشە ۋە بىھۇدە ئىشلاردىن يىراق كىشى بولۇپ، سۇلتان مەھمۇدنىڭ ۋاقتىدا تاغىسى سۇلتان سەنجەرنىڭ خىزمىتىدە ئىدى. سۇلتان مەھمۇد ئۆلۈش بىلەن سۇلتان سەنجەر تەختكە ئولتۇردى. بىراق ئۇ تەخىتكە ئولتۇرۇپلا، سۇلتان مەسئۇد بىلەن نەچچە مەرتىۋە جەڭ قىلدى. ھەر قايسىسىغا زەپەر ھەم بولدى، شىكەسىت ھەم بولدى.
بىر نكۋەت ئۇ بۇرادىرىدىن شىكەسىت تېپىپ ھودىستانغا باردى ۋە شۇ يەردە سەرگەندانلىق خاتىرىسى ئۈچۈن خاجە قەۋامنى شوشتۇر دەرۋازىسىغا ئاستۇردى. ئۆزى ھەم تارىخنىڭ بەش يۈز
(ئەسلى ئەسەر 61-بەت)
يىگىرمە تووقۇزى ھەمىدان....................پىشانىسى كەڭ، ساقىلىنىڭ بىر..........ئىدى. ۋەزىرلىرى__قەۋامىددىن ئوبر.............ئەلى؛ياساۋۇلى_مىكرى يۇنۇس ۋە نىي...........تەممەججەدتۇ بىللەھى»(مەن ئاللاغا........دېگەن سۆز پۈتۈكلۈك ئىدى.
*   *   *
سۇلتان غىياس ئەددۇنيا ۋلىددىن ئەبۇلفەتىھ مەسئۇد بىننى مەھمۇد بىننى مەلىك شاھ بىننى ئالىپ ئارىسلان سۇلتان مەھمۇد پادىشاھ ئىدى. ئۇ نۇرانىي، ھەيۋەتلىك، پالۋان، قۇدرەتلىك، ئادىل ۋە رەھىمدىل، يۈرەكلىك كىشى ئىدى. شىكاردا ھەرگىز ھارغىنلىق ھېس قىلمايتتى. جەڭدە ئاۋال ئۆزى ھۇجۇم قىلىپ كىرەتتى. خۇشخۇي ۋە دوسلىشىشقا ئامراق، دەۋرىشلەرگە كېرەملىك، ئالىملارغا مېھرىبان ۋە مۇبارەك قەدەم كىشى ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە خەلق خاتىرجەم ۋە تىنىچ؛ ئەيىش-ئىشرەت ئىشىكى خەلققە كەڭ ئېچىلغان. سىپاھ ۋە لەشكىرى ھوزۇر-راھەتتە ئىدى. دىۋانە ۋە قۇشلار بىلەن ئۈلپىتى بار ئىدى. خەزىنە، مال-دۇنيا يىغاتتى. ھەر تەرەپتىن خىراج كەلسە، خەلققە ئاتا قىلاتتى. سۇلتان توغرۇل ئۆلگەندە ئۇ باغداتتا ئىدى. شۇڭا ئىراقنىڭ ئۇمەرالىرى:
بۇرادىرىنىڭ دۇنيادىن ئۆتتى. بىز بەندىلىرىڭ شاھانە ھوزۇرۇڭنىڭ دۆلىتىگە تەشنادۇرمىز_،دەپ ئەلچى ئەۋەتتى. بۇ خەۋەر بىلەن سۇلتان ھەمەدانغا قاراپ يولغا چىقتى. ھەلۋاندىن ئۆتى. يوللار تىكەن، ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق ئىدى. تۆگىلىرىنى ئالدىغا سېلىپ ئىز بېسىپ ھەمىدانغا يەتتى. ئۇمەرالار چىقىپ تازىم
(ئەسلى ئەسەر 62-بەت)
بىنا كەلتۈردى.شۇنىڭ بىلەن تەخىتكە ئولتۇردى.
بۇ چاغلاردا ئەمرۇل-مۆئىمىنىن مۇستەرىشىد بىللاھ ئىراق ۋە خۇراساننى ئىشغال قىلىش قەستىدە كوھىستانغا قاراپ يولغا چىققان ئىدى. ئۇ يەكسەت دېگەن جايغا يەتكەندە، مەسئۇد بىلەن ئۇچراشتى. ئىككەيلەن بۇ جايدا جەڭ قىلدى. باغدات ئۇمەرالىرى چېكىندى. ئەمىرۇل-مۆئىمىنىن بولسا، تاغ بېشىدا تۇراتتى. سۇلتان سۈلھى قىلىش مەقسىتىدە تاتار ياساۋۇلنى ئەۋەتىپ، ئاندىن شاھانە چېدىرنى تىكتى. ئەمىرۇل- مۆئىمىنىن ياساۋۇلنى ئىززەت-ئىكرام بىلەن قوبۇل قىلىپ مېھمالىق كۆرسەتتى ۋە ئۇرۇشنى توختىتىپ ئەزەربەيجانغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار مەراغا يەتكەندە غەيرى مەزھەپتىكىلەر پۇرسەت تېپىپ ئەمىرۇل-مۆئىمىننى شېھىت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان ئەزەربەيجاندىن ئۆتۈپ كوھىستانغا باردى ۋە ئۇيەردە ھېساپسىز لەشكەر يىغىپ باغداتقا قاراپ يولغا چىقتى. چۈنكى ئەمرۇل-مۆئىمىنىن مۇستەرىشىد بىللاھنىڭ ئوغلى راشىد ئاتىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئۆز يېنىغا نۇرغۇن لەشكەر توپلىغان ئىدى. شۇ يىلى ئىراق ۋە كوھىستاندا قەھەتچىلىك بولغاچقا لەشكەرلەر ئىنتايىن قىيىنچىلىققا قالغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ سۇلتان باغداتقا يەتتى. ئەمما راشىد قورقۇپ ئۇرۇشماستىنلا قېچىپ ئىسپاھانغا كەتتى. غەيرى مەزھەپتىكىلەردىن بىرى ۋە سەئىدۇللا ئىسپاھاندا ۋالىي ئىدى. ۋاقىتنى غەنىمەت تېپىپ ئەمىرۇل-مۆئىمىنن راشىدنى شېھىد قىلدى. سۇلتان بېرىپ مۇستەرىشدنىڭ بۇرادىرى ئەمىرۇل-مۆئىمىنىن مۇتتەقىينى ئېتراپ قىلىپ، يېنىپ ھەمىدانغا كەلدى.
دىيابۇرسەقنىڭ ئۇمەرالىرى ۋە لىشتەرنىڭ سەردارلىرى ئىلگىرى ئەمرۇل-مۆئىمىن راشىد بىلەن ئەھىد قىلىشپ، سۇلتاننى ئۆلتۈرۈش قەستىدە كېلىپ لىشتەرگە چۈشكەن ئىدى. سۇلتان ھەمىداندىن ئاۋۋال ئاخشىمىلا ئاتلىنىپ، ناماز پېشىن بىلەن ئۇلار ئۈستىگە يېتىپ
(ئەسلى ئەسەر 63-بەت)
كەلدى. ئەمما سۇلتان ھېچكىمگە ئازار بەرمەي، كېلىپ بىر جاينى چۈشكۈن قىلدى. شۇندىلا دىيابۇرسەق ۋە لىشتەرنىڭ ئۇمەرا ۋە سەردارلىرى خەۋەر تېپىپ، بىر-بىرلەپ كېلىپ ئۇزرە ئېيتتى. سۇلتان قوبۇل قىلىپ ئۇلارنىڭ گۇناھىدىن ئۆتتى ۋە كېيىنكى يىلى قىشتا باغداتقا قايىتتى. كامال مۇھەممەد باغداتنىڭ خەزىنەدارى ئىدى. ئۇنى ۋەزىر قىلدى. ئۇ مەشھۇر ۋە قۇۋەتلىك كىشى ئىدى. بىراق ئۇمەرالارغا ئىززەت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇمەرالار بىرلىشىپ ئاتابېك ئەستىقەرگە:
«ۋەزىر بىزنى ھاقارەتلەپ، ھە دېسە سېنىڭ ئۈستىڭدىن سۇلتانغا شىكايەت قىلماقتا، ئەگەر تەدبىر قىلماقچى بولساڭ، ۋاقىتنى غەنىمەت بىلگىن. بولمىسا، كېيىن چارە قىلماق تەس»دېگەن مەزمۇن بىلەن نامە ئەۋەتتى. بۇ چاغدا ئەستىقەر ئەزەربەيجانغا-سەلچۇقشاھنىڭ خىزمىتىگە باردى ۋە ئائادىن ئۆتۈپ مىرغەزارسەگكە چۈشتى. چۈنكى سۇلتان ئۇنى پارىستا-مىكوبەرەس بىلەن جەڭ قىلىشقا بۇيرۇغان ئىدى. ئەستىقەر نامىدىن خەۋەر تېپىپ، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئاداۋەت بىلەن مىرغەزاردىن سۇلتانغا:
«تا كامال مۇھەممەدنىڭ بېشىنى ئەۋەتمۇگۈچە پارىسقا جەڭگە بارمايمەن»دەپ كىشى ئەۋەتتى. ئۇمەرالارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تەلىپىنى قوللىدى ۋە تۈرلۈك ئاماللار بىلەن سۇلتاننى چارىسىز ۋە بىچارىۋار قىلدى. سۇلتان ئامالسىز كامال مۇھەممەدنىڭ بېشىنى كېسىپ قەر ئەستىقەرگە ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەستىقەر پارىسقا بېرىپ مىكوبەرەسكە شىكەسىت بېرىپ، سەلچۇق شاھنى تەختكە ئولتۇرغۇزدى ۋە ئەزىل-مۈلۈكنى ۋەزىر قىلىپ قايىتتى. قەر ئەستىقەر قايتىش بىلەن مىكربەرەسيەنە كەلدى بۇ چاغدا سەلچۇق شاھ كېسەل بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنى لەشكەرلىرى مەپىگە ئولتۇرغۇزۇپ قاچتى. ئەمما مىكربەرەس مەپە ئالدىغا كېلىپ، تازىم بىجا
(ئەسلى ئەسەر 64-بەت)
كەلتۈرۈپ:
«ئەي مەلىك شاھ، مەن خىزمىتىڭگە كەلدىم. نېمىشقا شاھلىقنى تاشلاپ كېتىسەن؟»دېدى ۋە شاھنى ئاۋال شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ، ئاندىن«قەلئەيى سەيىد»كە ئەۋەتتى. شاھ شۇ يەردە ئۆلدى. ئاتابېك قەر ئەسىتقەر ھەم ھەمىدانغا كېلىپ سۇلتاندىن ئىنايەتلەر كۆرۈپ، ئەزەربەيجانغا قايتىپ شۇ يەردە ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن قەرئەستىقەر ئورنىغا ھاۋلى جاندار ئولتۇردى.
*   *   *
سۇلتان غىياس ئەددۇنيا ۋلىددىن ئەبۇلفەتىھ مەسئۇد بىننى مەھمۇد بىننى مەلىك شاھ بىننى ئالىپ ئارىسلان سۇلتان مەھمۇد پادىشاھ ئىدى. ئۇ نۇرانىي، ھەيۋەتلىك، پالۋان، قۇدرەتلىك، ئادىل ۋە رەھىمدىل، يۈرەكلىك كىشى ئىدى. شىكاردا ھەرگىز ھارغىنلىق ھېس قىلمايتتى. جەڭدە ئاۋال ئۆزى ھۇجۇم قىلىپ كىرەتتى. خۇشخۇي ۋە دوسلىشىشقا ئامراق، دەۋرىشلەرگە كېرەملىك، ئالىملارغا مېھرىبان ۋە مۇبارەك قەدەم كىشى ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە خەلق خاتىرجەم ۋە تىنىچ؛ ئەيىش-ئىشرەت ئىشىكى خەلققە كەڭ ئېچىلغان. سىپاھ ۋە لەشكىرى ھوزۇر-راھەتتە ئىدى. دىۋانە ۋە قۇشلار بىلەن ئۈلپىتى بار ئىدى. خەزىنە، مال-دۇنيا يىغاتتى. ھەر تەرەپتىن خىراج كەلسە، خەلققە ئاتا قىلاتتى. سۇلتان توغرۇل ئۆلگەندە ئۇ باغداتتا ئىدى. شۇڭا ئىراقنىڭ ئۇمەرالىرى:
بۇرادىرىنىڭ دۇنيادىن ئۆتتى. بىز بەندىلىرىڭ شاھانە ھوزۇرۇڭنىڭ دۆلىتىگە تەشنادۇرمىز_،دەپ ئەلچى ئەۋەتتى. بۇ خەۋەر بىلەن سۇلتان ھەمەدانغا قاراپ يولغا چىقتى. ھەلۋاندىن ئۆتى. يوللار تىكەن، ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق ئىدى. تۆگىلىرىنى ئالدىغا سېلىپ ئىز بېسىپ ھەمىدانغا يەتتى. ئۇمەرالار چىقىپ تازىم
(ئەسلى ئەسەر 62-بەت)
بىنا كەلتۈردى.شۇنىڭ بىلەن تەخىتكە ئولتۇردى.
بۇ چاغلاردا ئەمرۇل-مۆئىمىنىن مۇستەرىشىد بىللاھ ئىراق ۋە خۇراساننى ئىشغال قىلىش قەستىدە كوھىستانغا قاراپ يولغا چىققان ئىدى. ئۇ يەكسەت دېگەن جايغا يەتكەندە، مەسئۇد بىلەن ئۇچراشتى. ئىككەيلەن بۇ جايدا جەڭ قىلدى. باغدات ئۇمەرالىرى چېكىندى. ئەمىرۇل-مۆئىمىنىن بولسا، تاغ بېشىدا تۇراتتى. سۇلتان سۈلھى قىلىش مەقسىتىدە تاتار ياساۋۇلنى ئەۋەتىپ، ئاندىن شاھانە چېدىرنى تىكتى. ئەمىرۇل- مۆئىمىنىن ياساۋۇلنى ئىززەت-ئىكرام بىلەن قوبۇل قىلىپ مېھمالىق كۆرسەتتى ۋە ئۇرۇشنى توختىتىپ ئەزەربەيجانغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار مەراغا يەتكەندە غەيرى مەزھەپتىكىلەر پۇرسەت تېپىپ ئەمىرۇل-مۆئىمىننى شېھىت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان ئەزەربەيجاندىن ئۆتۈپ كوھىستانغا باردى ۋە ئۇيەردە ھېساپسىز لەشكەر يىغىپ باغداتقا قاراپ يولغا چىقتى. چۈنكى ئەمرۇل-مۆئىمىنىن مۇستەرىشىد بىللاھنىڭ ئوغلى راشىد ئاتىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئۆز يېنىغا نۇرغۇن لەشكەر توپلىغان ئىدى. شۇ يىلى ئىراق ۋە كوھىستاندا قەھەتچىلىك بولغاچقا لەشكەرلەر ئىنتايىن قىيىنچىلىققا قالغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ سۇلتان باغداتقا يەتتى. ئەمما راشىد قورقۇپ ئۇرۇشماستىنلا قېچىپ ئىسپاھانغا كەتتى. غەيرى مەزھەپتىكىلەردىن بىرى ۋە سەئىدۇللا ئىسپاھاندا ۋالىي ئىدى. ۋاقىتنى غەنىمەت تېپىپ ئەمىرۇل-مۆئىمىنن راشىدنى شېھىد قىلدى. سۇلتان بېرىپ مۇستەرىشدنىڭ بۇرادىرى ئەمىرۇل-مۆئىمىنىن مۇتتەقىينى ئېتراپ قىلىپ، يېنىپ ھەمىدانغا كەلدى.
دىيابۇرسەقنىڭ ئۇمەرالىرى ۋە لىشتەرنىڭ سەردارلىرى ئىلگىرى ئەمرۇل-مۆئىمىن راشىد بىلەن ئەھىد قىلىشپ، سۇلتاننى ئۆلتۈرۈش قەستىدە كېلىپ لىشتەرگە چۈشكەن ئىدى. سۇلتان ھەمىداندىن ئاۋۋال ئاخشىمىلا ئاتلىنىپ، ناماز پېشىن بىلەن ئۇلار ئۈستىگە يېتىپ
(ئەسلى ئەسەر 63-بەت)
كەلدى. ئەمما سۇلتان ھېچكىمگە ئازار بەرمەي، كېلىپ بىر جاينى چۈشكۈن قىلدى. شۇندىلا دىيابۇرسەق ۋە لىشتەرنىڭ ئۇمەرا ۋە سەردارلىرى خەۋەر تېپىپ، بىر-بىرلەپ كېلىپ ئۇزرە ئېيتتى. سۇلتان قوبۇل قىلىپ ئۇلارنىڭ گۇناھىدىن ئۆتتى ۋە كېيىنكى يىلى قىشتا باغداتقا قايىتتى. كامال مۇھەممەد باغداتنىڭ خەزىنەدارى ئىدى. ئۇنى ۋەزىر قىلدى. ئۇ مەشھۇر ۋە قۇۋەتلىك كىشى ئىدى. بىراق ئۇمەرالارغا ئىززەت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇمەرالار بىرلىشىپ ئاتابېك ئەستىقەرگە:
«ۋەزىر بىزنى ھاقارەتلەپ، ھە دېسە سېنىڭ ئۈستىڭدىن سۇلتانغا شىكايەت قىلماقتا، ئەگەر تەدبىر قىلماقچى بولساڭ، ۋاقىتنى غەنىمەت بىلگىن. بولمىسا، كېيىن چارە قىلماق تەس»دېگەن مەزمۇن بىلەن نامە ئەۋەتتى. بۇ چاغدا ئەستىقەر ئەزەربەيجانغا-سەلچۇقشاھنىڭ خىزمىتىگە باردى ۋە ئائادىن ئۆتۈپ مىرغەزارسەگكە چۈشتى. چۈنكى سۇلتان ئۇنى پارىستا-مىكوبەرەس بىلەن جەڭ قىلىشقا بۇيرۇغان ئىدى. ئەستىقەر نامىدىن خەۋەر تېپىپ، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئاداۋەت بىلەن مىرغەزاردىن سۇلتانغا:
«تا كامال مۇھەممەدنىڭ بېشىنى ئەۋەتمۇگۈچە پارىسقا جەڭگە بارمايمەن»دەپ كىشى ئەۋەتتى. ئۇمەرالارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تەلىپىنى قوللىدى ۋە تۈرلۈك ئاماللار بىلەن سۇلتاننى چارىسىز ۋە بىچارىۋار قىلدى. سۇلتان ئامالسىز كامال مۇھەممەدنىڭ بېشىنى كېسىپ قەر ئەستىقەرگە ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەستىقەر پارىسقا بېرىپ مىكوبەرەسكە شىكەسىت بېرىپ، سەلچۇق شاھنى تەختكە ئولتۇرغۇزدى ۋە ئەزىل-مۈلۈكنى ۋەزىر قىلىپ قايىتتى. قەر ئەستىقەر قايتىش بىلەن مىكربەرەسيەنە كەلدى بۇ چاغدا سەلچۇق شاھ كېسەل بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنى لەشكەرلىرى مەپىگە ئولتۇرغۇزۇپ قاچتى. ئەمما مىكربەرەس مەپە ئالدىغا كېلىپ، تازىم بىجا
(ئەسلى ئەسەر 64-بەت)
كەلتۈرۈپ:
«ئەي مەلىك شاھ، مەن خىزمىتىڭگە كەلدىم. نېمىشقا شاھلىقنى تاشلاپ كېتىسەن؟»دېدى ۋە شاھنى ئاۋال شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ، ئاندىن«قەلئەيى سەيىد»كە ئەۋەتتى. شاھ شۇ يەردە ئۆلدى. ئاتابېك قەر ئەسىتقەر ھەم ھەمىدانغا كېلىپ سۇلتاندىن ئىنايەتلەر كۆرۈپ، ئەزەربەيجانغا قايتىپ شۇ يەردە ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن قەرئەستىقەر ئورنىغا ھاۋلى جاندار ئولتۇردى.
*   *   *
سۇلتان سەنجەر ئابباسقا غەزەپلىنىپ يۈرەتتى. شۇڭا ئۇ سۇلتاننى(سۇلتان مەسئۇدنى)ئابباسنى تۇتۇشقا بۇيرىدى. بۇيرۇققا بىنائەن سۇلتان مەسئۇد رەيگە كەلگەندە، ئابباس ئاجايىپ تۆھپىلەر بىلەن ئالدىغا چىقىپ ياخشى خىزمەتكارلىق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن سۇلتان ئۇنىڭغا ئازار بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدى. چۈنكى ئۇ مەرد، راستچىل كىشى بولۇپ، ئەسلىدە ئۇنىڭغا بەدنام قىلىنغان ئىدى. شۇ ئارىدا بارلىق ئۇمەرالار ئەزىل-مۈلىكنى تۇتۇش قەستىدە ئىتىپاقلىشىپ جەم بولۇشتى ۋە ئەزىل-مۈلۈكنى تۇتۇپ تاتار ياساۋۇلغا تاپشۇردى. سۇلتان بولسا، ھەمىدانغا كەلدى. كۈز پەسلى ئىدى. ئەمىر ئابدۇررەھمان سۇلتاننى مېھمان قىلدى. شۇ قاتارلىق مېھمان قىلدىكى، ئۇنداق مېھماندارلىق ھېچ زاماندا بولغان ئەمەس ئىدى. ئەمما ئاستىرتتىن ئەمىر ئابدۇرەھمان، ئابباس ۋە بوزانىلار سۇلتاننى تۇتۇش قەستىدە ئىتىپاق تۈزۈشكەن ئىدى ھەمدە ئەمىر ئابدۇرەھمان شۇ مەقسەت بىلەن ئابباس ۋە بۇزانىگە كىشى ئەۋەتتى. بىراق بوزانىدىن:
«مەھمۇد شاھنىڭ ئوغلى ئىسپاھانغا مۇھەممەد شاھ ۋە مەلىك
(ئەسلى ئەسەر 65-بەت)
مەلىك شاھنى ئېلىپ كەپتۇ»دېگەن خەۋەر كەلدى.
سۇلتاننىڭ قېشىدا لەشكەر يوق ئىدى. شۇڭا ئۇ ئاتابىك بەلدەگىرگە:
«ھېچقانداق تەخىر قىلماستىن تېز يېتىپ كەلگەيسەن»دەپ كىشى ئەۋەتتى.
سۇلتان كۆچۈپ ھېچقانچە يۈرمىگەن ئىدى. بوزانى ھەمىدانغا كەلدى. ئاتابېك بەلدەگىر ھەم بارلىق لەشكىرىنى ئېلىپ كىرمان شاھنىڭ پەرزەنىتلىرىنى ئۇمەرالىرى بىلەن ھەمراھ قىلىپ سۇلتاننىڭ خىزمىتىگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار ھەلۋاندىن ئۆتۈش بىلەن قاتتىق قار ياغدى. ئۇنداق قارنى ھېچكىم كۆرمىگەندۇر.
سۇلتان تۆت ئاي باغداتتا تۇردى ۋە «قەلئەيى بەكرىيەت»تە باغداتنى باغداتنىڭ كۇتۋالى(قەلئە ۋە شەھەر ساقچى ئەترەتلىرىنىڭ باشلىقى)ئەمىر مەسئۇدقا تاپشۇرۇپ، تاغ يوللىرى بىلەن ئەزەربەيجانغا باردى. مەلىك ئارىسلان بىننى توغرۇل ۋە مەلىك شاھ بىننى سەلچۇق بۇ يەردە بۇرادەرزادىسىنىڭ خىزمىتىدە ئىدى. ئاندىن مىراغا كەلدى. ئەزەربەيجان ئۇمەرالىرى ھاۋلى جاندار بىلەن ئالدىغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جايدا نەچچە كۈن تۇرۇپ مىيانگە كەلدى. مىياندا سۇلتان بېك ئارىسلان خاسبېك بىننى بىلتەكرنىڭ ئەمىلىنى ئۆستۈرگەن ئىدى. بۇ ئىش ئۇمەرالارغا ئېغىر كەلدى ۋە ئۇنىڭغا قەسىت قىلماقچى بولۇشتى. ئاڭغىچە سىپەھسالار ھاكىمغا:
«ھاۋلى ئۇمەرالار بىلەن بىرلىشىپ خاسبېكنى تۇتماقچى بولۇشتى»دەپ شىكايەت قىلىشتى. سۇلتان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ھاۋلىغا:
«مەن سېنى<دۈشمەننى يوق قىلارمىكىن>دەپ چىرلاپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما سەن مېنىڭ كىشىم- خاسبېككە قەسىت قىلماقچى بولىۋىتىپسەن» دەپ كىشى ئەۋەتتى. ھاۋلى دەرھال كېلىپ
(ئەسلى ئەسەر 66-بەت)
ئۇزر ئېيتىپ گۇناھنى خالاس قىلدى.
سۇلتان خاسبېكنى مەيداندا پالۋانلىق ۋە چەۋەندازلىقنى كۆرسىتىشكە بۇيرۇدى. خاسبېك مەيدانغا كىردى. ھاۋلى ئۇنىڭ چەۋەندازلىقى ۋە پالۋانلىقىغا ھەيران قېلىپ، بارمىقىنى چىشلىدى ۋە:
«بۇ زاماندا ئۇنىڭ تەڭدىشى يوقتۇر» دېدى ھەمدە ئۇنىڭغا تازىم ۋە ئىكرام قىلىپ ، ئات ۋە سەۋرۇپايلار بېرىپ سۇلتاننىڭ خىزمىتىگە ئەۋەتتى. ئاندىن زەنجانغا كېلىپ مەلىك سۇلايمان، ئابباس ۋە بەنىت بىلەن ناھىيە قارىسىنى ئېلىپ چۈشتى. بوزانى ھەم شۇ يەرگە چۈشتى. ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرى بىر-بىرىگە ھەيۋە كۆرسىتىشەتتى. شۇ ئەھۋالدا سۇلتان مەسئۇدمۇ بۇ مەنزىلگە يېقىنلاپ كەلدى. ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرى بولسا ئەتىگەندىلا جەڭگە تەييارلىنىپ تۇرۇشقان ئىدى. كېچىسى مەلىك سۇلايمان رەيگە قايىتتى. ئابباس خەۋەر تېپىپ خۇشال بولۇپ، ئۇ ھەم كېچىلەپ كەتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بوزانى لەشكەرلىرى ئەندىشە قىلىپ:
«ئۇلار بۇنداق كۈتۈلمىگەن ماجرانى ئارىغا سېلىپ قويۇپ، ئۆزلىرى قېچىپ كېتىپتۇ» دىيىشىپ، ئەتىسى كۆچۈپ ئىسپاھان يولىغا كىردى، سۇلتان ئەمىر ھاۋلى جاندارنى لەشكەر بىلەن ئارقىسىدىن قوغلاشقا بۇيرۇدى. ھاۋلى تا ئىسپاھان چېگرىسىغىچە قوغلاپ يېتەلمەي قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان كۆچۈپ رەي تەرىپىگە يۈرۈش قىلىپ، جورىستەم دېگەن جايغا بېرىپ چۈشتى. ئابباس شۇ يەردە ئىدى. سۇلتاننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ قېچىپ كەتتى. ئاندىن سۇلتان رەيگە باردى. مەلىك سۇلايمان ئالدىغا چىقىپ قارشى ئېلىپ، تازىم بىجا كەلتۈردى. سۇلتان ئۇنى ئەپۇ قىلىپ خىزمىتىگە قويدى. ئۇ ھەرقانداق يىغىلىش ۋە مەيداندا ھازىر ئىدى. ئابدۇرەھمان باشلىق ئۇمەرالار سۇلتانغا:
(ئەسلى ئەسەر 67-بەت)
«مەلىك سۇلايمان ھازىرچە.......بىراق بۇرادىرىڭ بىلەن ئۇ شاھلىقىمى.....خاتىرجەم يۈرۈۋەرگىلى بولماس. ئۇلار قاچ.....ئۆزىگە تارتىپ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى.......سۆزلەر بىلەن سۇلتان نا ئىشەنىچ بولۇپ، بىر ئايدىن كېيىن ھۇجرىسىدا تۇتقۇن قىلدى. ئابباس ئەزدەھىندە ئىدى. ئاخىر ئۇمۇ ئەپۇ سوراپ سۇلتاننىڭ خىزمىتىگە كەلدى. ھاۋلى ھەم بوزانىنى قوغلاشنى توختىتىپ قايتىپ كەلدى.
سۇلتاننىڭ ئەرەپ خاتۇنىدىن بولغان ئوغلى مەلىك شاھ «قەلئەيى بۇرچىن»دا ئىدى. ئۇنى چاقىرتىپ ھاۋلىغا تاپشۇردى. ئاندىن مەلىك سۇلايماننى بۇرچىنغا ئېلىپ باردى. بارلىق ئۇمەرالار خىزمىتىدە ئىدى. ھاۋلى بولسا ئەزەربەيجان تەرەپكە يۈرۈش قىلىپ زەنقانغا يەتكەندە ئوق تېگىپ، تومۇرى ئۈزۈلۈپ ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان ئوغلىنى ۋە ئەزەربەيجاننى ئابدۇراخمانغا تاپشۇردى. ئابدۇراخمان سۇلتاننىڭ ئوغلىنى بىر نەچچە ئۇمەرانى قوشۇپ خىزمىتىگە تەيىنلەپ ئىرانغا ئەۋەتتى. ئۆزى خەزرەدە تۇردى. ئۇ دائىم سۇلتانغا:
«بوزانى ياخشى كىشىدۇر. ئۇ خىزمىتىڭدە بولسا، ياخشى بولار ئىدى. رۇخسەت بولسا، ئۇنى خىزمىتىڭگە كەلتۈرسەم» دەيتتى. سۇلتان ئاخىر ماقۇل بولدى. شۇ قاتاردا مەلىك مۇھەممەد ئېلىپ كېلىشكە ھەم ئىجازەت بەردى. ئابدۇرەھمان سۇلتاندىن ئىجازەت ئالغاندىن كېيىن ئىسپاھانغا يېتىپ كەلدى ۋە خوشلىش جايىغا كېلىپ تازىم بىجا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۈچ كۈن شۇ يەردە تۇرۇپ، بەزمە تۈزۈپ شاراپ ئىچىشتى. ئاندىن مەلىك بوزانى كابىل(كابۇل__ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى. قەدىمقى زاماندا
(ئەسلى ئەسەر 68-بەت)
شەرق بىلەن غەرىپ ئوتتۇرىسىدا ئاساسىي قاتناش تۈگۈنى بولغان)يولى بىلەن ھەمىدانغا قاراپ يول ئالدى. سۇلتان يەنە بىر يول بىلەن كېلىۋاتاتتى. ئۇلار ھەمىداندا ئۇچراشتى.
سۇلتان قىزى كەدخاتۇننى مەلىك مۇھەممەدكە بېرىپ تەخىت ۋارىسى قىلدى. مەلىك مۇھەممەد ئەمىر ئابدۇرەھماننىڭ سۆزىدىن چىقمايىتى. ئۇنى ھۆرمەت قىلاتتى. ئابباسنى ياساۋۇللار سەردارى قىلدى. تاجىددىن پارسنى ۋەزىر قىلدى. ئاتابېك بوزانى قايتىپ پارىسقا كەتتى. ئابدۇرەھمان ئىرانغا بارماقچى بولۇپ بىننى شەمسىددىن ئاتابېك بەلدەگىر، ئەمىر خاسبېك ۋە باھاۋۇددىننى ھەمرا قىلىۋالدى. چۈنكى ئۇ بۇلاردىن خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. سۇلتان باغداتقا باردى. ئابباس تاجىددىن خىزمىتىدە قالدى. ئابدۇرەھمان ئېلىپ بارغان ئۇمەرالار بوزانغا ساختا ھەمراھ بولۇپ يۈرەتتى. ئۇلار ھەر دائىم سۇلتانغا:
«بىز ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە پەرمان تۇتمايمىز»دەيتتى.
ئابدۇرەھمان سەمكور بىدئەتچىلەرگە قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن لەشكەر بىلەن كەنجە تەرىپىگە بارغاندا ئۆلتۈرۈلدى. بۇ خەۋەر باغداتقا يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ خاسبېك سۇلتاننىڭ ئوغلىنى تۇتتى ۋە ئابدۇرەھماننىڭ ئوغلىنى باغداتنىڭ پادىشاھلىقىدىن چىقىرىپ خەلخاندا بەندكە تارتتى. ئابباس بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ خەلپە بىلەن بىرلىشىپ، سۇلتاننى ھېيىت كۈنى ناماز ئۈسىتىدە تۇتماقچى بولدى. كۈتۈلمىگەندە ھېيىت كۈنى قاتتىق يامغۇر ياغدى. ھېچ كىشى ئۆيىدىن چىقالمىدى.
ھەقتائالا شۇ سەۋەپ بىلەن سۇلتاننى تۇتقۇندىن ساقلاپ قالدى.
ئابباسنىڭ قەستى بىر ھەپتىدىن كېيىن سۇلتانغا ئاڭلاندى.
(ئەسلى ئەسەر 69-بەت)
ئابباس قاچماقچى بولغان ئىدى. سارايغا چىرلاپ تۇتۇپ بېشىنى كەستى ۋە تېنىنى دەرياغا تاشلىدى. شۇنداق قىلىپ ئابدۇرەھمان ئۆلۈپ بىر ئايدىن كېيىن ئابباس ھەم ئۆلدى. ئاندىن سۇلتان تاجىددىننى ۋەزىرلىكتىن بوشاتتى ۋە بوزانغا:
«سېنىڭ ھەم ئەھدىڭ شۇ تەرىقە ئىدى. ئەگەردە سەن ھەم ئۇلارغا قوشۇلۇش ئارزۇسىدا بولساڭ، ئاقىۋىتىڭ شۇنداق بولغۇسىدۇر»دېگەن مەزمۇندا خەۋەر ئەۋەتتى. بوزانى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ لەشكەر توپلاپ مەلىك مۇھەممەد بىلەن مەلىك شاھنىڭ خىزمىتىگە___ ئىسپىھانغا كېلىپ، شەھەر دەرۋازىسىنى ئەتتى. ئەغلەب باغداتنىڭ پاسىبانى ئىدى. ئۇ ھەم كەلدى. مەلىك مۇھەممەدنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزۇپ ناغرا چالدى.
سۇلتان باغداتتىن ھەمىدانغا ئازغىنە لەشكەر بىلەن كەلدى. ئارقىدىنلا خاسبېككە:
«بارلىق لەشكەرلىرىڭنى ئېلىپ تېز كەلگىن!»دەپ كىشى ئەۋەتتى. يەنە شەمسۇددىن ئەلدەگىرگە، ئەمىر شىرازغا، ئاتابېك ۋە ئارىسلاننىڭ بۇرادىرىگە ھەم:
«ئەزەربەيجان لەشكىرىنى ئېلىپ دەرھال كەلسۇن!»دېگەن پەرمان بىلەن كىشى ئەۋەتتى. بوزانى ئىسپىھاندىن چىقىپ ھەر يەردە تۇرۇپ ئاستا كېلەتتى. قاچانكى، بىلۇر ئايغا يەتكەن كۈنى ئەزەربەيجان لەشكىرى يېتىپ كەلدى. سۇلتان ئۇلارنى مەيدانغا چۈشۈردى. ئەتىسى سۇلتان لەشكەرىنى باشلاپ مۇرغزاز قارا تەگىنگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن شۇ سائەت سەپ تۈزۈپ جەڭگە تەييارلىنىپ تۇردى. دەسلەپ تورايى لەشكەرلىرى سۇلتان لەشكىرىنىڭ سول تەرىپىنى مەغلۇپ قىلدى. ئەمما ئاقىبەت تورايى پىيادە قالدى. رۇستەم ئاتلىق بىر پالۋان بار ئىدى. ئۇ ئەمىر ھۈسەيىن جاندارنىڭ
(ئەسلى ئەسەر 70-بەت)
خىزمىتىدە بولغان ئىدى. ئۇ توراينى تونىدى. تورايى رۇستەمگە:
«ساڭا پارىسنىڭ نىسپىنى بېرەي. ئېتىڭنى ماڭا بەرگىن»دېدى. رۇستەم بۇنى ئەمىر ھۈسەينگە خەۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن توراينى تۇتۇپ سۇلتاننىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. سۇلتان شەمشىرىنى خاسبېككە بېرىپ، توراينىڭ بېشىنى كەستۈرۈپ باغداتقا ئەۋەتى. ئەمىرۇل-مۆئمىنىن ئۇنىڭ بېشىنى مونقى دەرۋازىسىغا ئاستى.
سۇلتان كۇھكەنگە كېلىپ چۈشتى. بۇ قېتىمقى جەڭ تارىخنىڭ بەش يۈ قىرىق بىرىنچى يىلى بولغان ئىدى. سۇلتان شۇ قىش يۈرۈش قىلىپ سادە ۋە ئەزەربەيجاندىن بەش يۈز قىرىق ئۈچۈنچى يىلى باغداتقا قاراپ يول ئالدى. بارلىق ئۇمەرا خىزمىتىدە ئىدى. ئۇلار ئاباد دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەندە ئاتابېك بىلەن خاسبېك سۇلتانغا:
«بىز باغداتقا بېرىپ ساڭا يۈزسىزلىك قىلغىنى ئۈچۈن سۇلتان مەسئۇدنىڭ ئەدىبىنى بېرىپ، ئۇنى ئىككى-ئۈچ ئۇمەراسى بىلەن قوشۇپ، خىزمىتىڭگە كەلتۈرەيلى. باشقا ئۇمەرا ۋە لەشكەرلەر خىزمىتىڭدە بولۇپ، بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن» دېيىشتى. سۇلتان بۇ سۆزگە ماقۇل بولدى.
بايان قىلىنىشىچە، خاسبېك ئوغلى ئۈچۈن ئىراققا كەلدى. ئۇ سۇلتانغا ھېساپسىز تۆھپە(سوۋغا-سالام) ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدى. سۇلتان ئۇلاردىن مىننەتدار بولدى.
سۇلتان مەسئۇد ئون سەككىز كۈندە سۇلتاننىڭ خىزمىتىگە كەلدى. سۇلتان ئۇنىڭغا كۆپتىن-كۆپ مەرھەممەت ۋە مېھرىبانچىلىق كۆرسەتتى. خۇراسان ئۇمەرالىرىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەن ئىدى. ئۇلارغا ھەم تون-سەرۇپاي بېرىپ، رامىزاننىڭ ئوتتۇرسى باغداتقا قايتتى.
سۇلتان تارىخنىڭ بەش يۈز قىرىق تۆتىنچى يىلى سەپەر ئېيى
(ئەسلى ئەسەر 71-بەت)
(2-ئاي)دا خۇراسانغا كەلدى. كېيىن ھەمىدانغا كەلدى ۋە شۇ يىلى رەجەپ(7-ئاي)تە سادەگە باردى. شەۋۋال (10-ئاي)دا ئەزەربەيجانغا يۈزلەندى. ئۇلار بىر كۈن يول يۈرۈپ تەبرىزگە يېتىپ كېلىپ، ئۇ جايدا ئىككى ئاي تۇردى. سۇلتانغا مەلىك مۇھەممەد ھەمراھ ئىدى. سۇلتان مەسئۇدنىڭ قىزى كۇھتەر خاتۇن ئۇنىڭ ئەمرىدە ئىدى. ئەمما بۇ خاتۇنغا سۇلتان كۆڭۈلسىز ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ياردەمچىسىنى ئەۋەتىپ، ئۇنى ئالدۇرۇپ كەلدى. ئاندىن مەلىك مۇھەممەدنى خىزمەتكە__ھەمىدانغا بۇيرىدى. ئاندىن سۇلتان ئۆزى ماھى سەپەر(2-ئاي)دە قىش پەسلىدە ھەمىدانغا كەلدى ۋە زىمىستاندا يەنە يول يۈرۈپ ماھى رەجەپ (7-ئاي)تە سادەگە كەلدى. تارىخنىڭ بەش يۈز قىرىق بەشىنچى يىلى شەۋۋال(10-ئاي)دا ئەزەربەيجانغا بېرىپ، مىرا قورغىنىغا چۈشۈپ، ئۇ جاينى ئىككى كۈندە ئېلىپ بىر مۇنچە خاراپ قىلدى. بۇ چاغلاردا خاسبېك بەلنەكرى بىلەن ئاتابېك ئارسىلان ئابى ئارىسىدا نىزا(ئاداۋەت)بار ئىدى. ئۇمەرالار سۈلھى قىلىپ ئاداۋەتنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككىسىنى ئۇچراشتۇردى. سۇلتان يېنىپ ھەمىدانغا كەتتى.
تارىخنىڭ (بەش يۈز)قىرىق ئالتىنچى يىلى ئىدى. كۈز پەسلىدە باغداتقا بېرىپ شىكار تاماششاسى قىلدى. مەلىك شاھ خىزمىتىدە ئىدى. باھار پەسلىگە كەلگەندە ئاندىن ھەمىدانغا بەرقارار بولدى. بۇ دەل سۇلتاننىڭ «جاھان بويسۇندۇرۇلغان؛ دۈشمەنلىرى مەغلۇپ قىلىنغان؛ بارلىق پادىشاھ ھۆكۈمىنى ئاڭلايدىغان»  چاغلىرى بولۇپ، لەشكىرى شاد ۋە خۇرام، پۇخرالىرى خاتىرجەم ۋە تىنچ ئىدى.
جەمادىيەل ئاخىر(6-ئاي)دا سۇلتاننىڭ بەل ئاغرىقى قوزغىلىپ قالدى. باغدات تىۋىپى ئەبۇل-بەركات قېشىدا ئىدى. دەرھال ھەممە
(ئەسلى ئەسەر 72-بەت)
تىۋىپنى يىغىپ بىرلىكتە داۋالىدى. سۇلتان بىر ھەپتىدە ساقايدى. ئاندىن ئۆزى بىنا قىلدۇرغان تەختىۋاراندا ئولتۇرۇپ ھەمىدانغا قايىتىپ كېلىپ، تارىخنىڭ بەش يۈز قىرىق يەتتىسى ماھى رەجەپ(7-ئاي)نىڭ بېشىدا، كېچىسى خۇدايىتائاللانىڭ رەھمىتىگە يۈز تۇتتى ۋە شۇ كېچە جەمەل ئەددەۋلەتى ئىقبال بىنا قىلغان مەدرىستە ساندۇققا سېلىپ دەپنە قىلىندى.
ئۇ ئون سەككىز يىل پادىشاھ بولدى. ئالەمدىن ئۆتكەندە قىرىق بەش ياشتا بولۇپ، قىزىل يۈزلۈك، ئوتتۇرا بويلۇق، يۈزى سوزۇنچاق، گەۋدىسى كەڭ كىشى ئىدى. ۋەزىرلىرى شەرىفىدىن ئەبۇ نوشىرۋان بىننى خالىد ۋە ئىماددىن ئەبۇل بەرىكات ۋە كامالىدىن مۇھەممەد خازەن ئابدۇل-مەلىك ئەبۇل ئەزىز ۋە خەردى مويدىل-مۈلىك توغرايى، ئەزالىددىن سەرايى، تاجىددىن پارىسى، شەمسۇددىن ئەبۇ بەخت سەھازى؛ ياساۋۇلى ئابدۇراخمان ھاجىپ، تاتار خاسبېكلار ئىدى. مۆھۈرىدە «ئىتەمەدى ئەلەللاھى»(مېنىڭ تايىنىدىغىنىم ئاللاھدۇر) دېگەن سۆز پۈتۈكلۈك ئىدى.
*   *   *
سۇلتان مۇغيەسىنددىن ۋە ئەددۇنيا مەلىك شاھ بىننى مەھمۇد بىننى مۇھەممەد بىننى مەلىك شاھ بىنى مەھمۇد قۇۋەتلىك ۋە شەۋكەتلىك پادىشاھ ئىدى. ئۇ خۇش چىراي، ساخاۋەتلىك، ھەزىل-چاخچاقنى ياخشى كۆرىدىغان، مۇساپىرلارغا خەيىر-ىاھلىق قىلغۇچى، ئىچىملىككە ئامراق، شىكار خۇمار كىشى ئىدى. ئۇ تارىخنىڭ بەش يۈز قىرىق يەتتىسى، ماھى رەجەپ(7-ئاي)تە تەختىكە ئولتۇردى. ئۇ كېچە-كۈندۈز شاراپقا بېرىلىپ، ئويۇن-كۈلكە بىلەن كۈن ئۆتكۈزەتتى. ئەمما دائىم ئۇمەرالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇراتتى.
(ئەسلى ئەسەر 73-بەت)
ۋاقىتكى، سۇلتان ۋەزىرى خاسبېكتىن گۇمان قىلىپ، ئۇنى تۇتماقنىڭ پىكرىدە خاسبېككە بىر مىكىر قىلدى. ئەمما مەلىك شاھ ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئالدىراپ قول سالمىدى. ئاخىرى سۇلتان خاسبېككە ئاۋۋال ئاخشامدا «ناشتىلىق»بەردى. يەنى شۇ يىل ئاخىرلاشماي تۇرۇپ، ئۇنى ماھى شەۋۋال(10-ئاي)دا ۋەزىپىسىدىن بوشىتىپ، كۆزدىن يىراق قىلدى.
شۇنداق قىلىپ، سۇلتان ھەسەن جاندار بىلەن ئىتىپاق تۈزدى. ھەسەن جاندار سۇلتاننى ئۈچ كۈن مېھمان قىلدى. ئۈچۈنچى كۈنى سۇلتان ئىككى كىشىسى بىلەن ئۇخلاپ قالغان ئىدى، تۇتۇپ بەنىدكە تارتتى ۋە ھودىستانغا-سۇلتاننىڭ بۇرادىرى(قېرىندىشى)سۇلتان مۇھەممەدكە كىشى ئەۋەتتى. ئۇ ھودىستاندىن كېلىپ تەختتە ئولتۇردى.
ھەسەن جاندار مەلىك شاھنى شۇ بەنىد قىلغانچە راۋاقتا يالغۇز ئون بەش كۈن ساقلىدى. بىر كېچىسى سۇلتان ئارغامچا بىلەن راۋاقتىن چۈشتى ۋە بىر ئات تەييارلاپ ھودىستانغا كەتتى. خاھەرى (ئىگىچىسى) گەۋھەر نەسەب ئىسپاھاندىن ھودىستانغا كەلگەن ئىدى. ئۇ مەلىك شاھنى ھېساپسىز ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا ئۇ:«لەشكەر توپلىغىن»دەپ سۇلتانغا ئالتۇن بەردى. سۇلتان مۇھەممەد ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، ئاتابېك ئەرۋاننى لەشكەر بىلەن ئەۋەتتى. ئۇلار بېرىپ ئالتۇنلارنى تالان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەلىك شاھ يەنە كۈچسىز ھالەتكە چۈشتى.
سۇلتان مۇھەممەد ئۆلگەندىن كېيىن، سۇلايمان شاھ تەختكە ئولتۇردى. ئۇ تارىخنىڭ بەش يۈز ئەللىك بەشى رەبئۇل-ئەۋەل(10-ئاي)نىڭ ئون بەشى ئىسپاھاندا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئۇ ھاماقەتراق، غۇبار ساقال، ئوتتۇرا بويلۇق كىشى ئىدى. ۋەزىرى مۇزدى سومەن ئەبۇ نەجىب؛ ياساۋۇلى خاسبېك ئىدى.
(ئەسلى ئەسەر 74-بەت)
مۆھىرىدە«ئىستەغىيۇس بىللەھى»دېگەن سۆز پۈتۈكلۈك ئىدى.
*   *   *
(ئەسلى ئەسەر 75-بەت)
*              *            *

سۇلتان غىياسىدىن ئەبۇ شۇجائى سۇلتان مۇھممەد بىننى مەھمۇد بىننى مۇھەممەد بىننى مەلىك شاھ بىننى ئالىپ ئارىسلان مۇھەممەد بىننى مەھمۇد خۇشرۇي ۋە خۇشخۇي، ئەقلى ۋە پىكرى جەھەتىدىن تاكامۇل، كۆڭلى ساپ، ئەھدىگە خىلاپلىق قىلمايدىغان، دىنىي-ئېتقادى قەتئى ۋە مۇستەھكەم، لەۋزى ئۆتكۈر ۋە ئېيتقان مەنىلىرى چوڭقۇر، دانىشمەن ۋە ئۇقۇمۇشلۇق پادىشاھ ئىدى. ئۆلۈمالىرى تازىم ۋە ئىكرام قىلىپ، ئېھسان ۋە ئىنئامنى ئۆزلىرىگە لازىم تۇتاتتى.
ئۇ تارىخنىڭ بەش يۈز ئەللىك سەككىزى تەختىكە ئولتۇردى.
قىسسە: ئۆلۈمالار مەلىك شاھنى ھەمىداندا تەختكە ئولتۇرغۇزغاندا، ئۇ ئەمىر جامالىدىننى چاقىرتىپ خاسبېك ۋە ئاتابېكنىڭ رۇخسىتى بىلەن ھودىستانغا كەتكەن ئىدى. بۇ چاغدا سۇلتان مۇھەممەد مۇرەسسە يولى بىلەن خاسبېكنى تۇتۇپ، پادىشاھلىقىنى خەلپىگە بېرىپ ىاسبېكنىڭ ئەۋلادىنى مەنسەپتىن بوشىتىش ئۈچۈن ئىتىپاق تۈزدى. ئۇ شۇ مەقسەت بىلەن ھەمىدانغا كەلدى. بارلىق ئۇمەرا ئالدىغا چىقتى. خاسبېك باشلىق بىر بۆلۈك سائادەتمەنلەر ئۇ كۈنى مۇرغەزار قارا تەگىندە شاراپ ئىچىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتتاتتى.
سۇلتان ئەتىسى مۇرغەزا راۋىقىغا چۈشتى ۋە «مەسئۇد راۋىقى»دا مەجىلىس قۇردى. ئۇمەرالار تىغ تارتىپ، يەڭ شىمايلاپ شوۋغا-سالاملار كەلتۈردى. خاسبېك ساھىپىان سۈپىتىدە شۇنداق مېھماندارلىق قىلدىكى، ئۇنداق مېھماندارلىقىنى ھېچكىم كۆرمىگەندۇر. قاچانكى، بەزمە ئاخىرلاشقاندا ئۇلار بەزمە ئەھلىنى قايتۇرۇپ بىر خىلۋەتكە كىردى. راۋاقتا ىاسبېك، جامالىدىن، بۇرادىرى ۋە زەنگى جاندار قالدى. جامالىدىن قاراۋۇللارخاسبېكنى تۇتۇشتىن ئىلگىرى راۋاقتىن چۈشۈپ، ئەنگۈشتىرىنى چاپارمەنگە بېرىپ:
«ئەمىر خاسبېك بۇ نىشانە بىلەن ئاتنى ساڭا بەرسۇن،_دېدى.
(ئەسلى ئەسەر 76-بەت)
مەن سۇلتاننىڭ خىزمىتىگە-شەھەرگە كىرمەكچىمەن» بۇ سۆز بىلەن ئۇ ياخشى ئات ئېلىپ مىنىپ ھودىستانغا كەتتى.
راۋاقتا ئىزتىراپ ۋە غوۋغا ككتۈرۈلدى. خاسبېكنىڭ لەشكىرى ھېساپسىز تولا ئىدى. ئۇلار راۋاققا قاراپ ماڭغان ئىدى. شۇ ئارىدا سۇلتاننىڭ كىشىلىرى خاسبېك ۋە زەنگى جاندارنىڭ بېشىنى كېسىپ لەشكەرلەرنىڭ ئارىسىغا تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل لەشكەر پاراكەندە بولدى. ئاندىن سۇلتاننىڭ لەشكرى خاسبېكنىڭ خەزىنىسىگە باردى ۋە شۇنچىلىك كۆپ مال-ئەشيا تاپتىكى: ئون ئۈچ مىڭ قىزىل ئەتلەس؛ شارابخانىسىدا ئۆزىگە تەييارلىغان يەتتە مىڭ ئالتۇن ۋە كۈمۈش پىيالە بار ئىدى. باشقا ماللارنىڭ ھېسابىنى قىياس قىلىپ بولمايتتى. يەنە مىڭ تۆت يۈز ئات، قېچىر بار ئىدىكى، بۇنداق ئات ۋە قېچىر ھېچ يەردە يوقتۇر. بۇ ئات، قېچىرلار ئاختىخانىدا باغلاقلىق ئىدى. بۇ قاتارلىق مالنىڭ ھەممىسىنى سۇلتان ئۆز ئىلكىگە ئالدى. بۇ چاغقىچە ھېچبىر پادىشاھقا مۇنداق كۆپ مال ئولجا بولۇپ باقمىغاندۇر. مىسالكى: «يىمىگەنگە مال يىغىلۇر، يىغمىغانغا مال يېيلۇر(چېچىلۇر)».
قاچانكى، خاسبېك ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى-شەمسۇددىن ئېلدەگىر، ئاتابېك ئارىسلان، ئەلئۇس كۈن، فەخرىددىن زەنگى، مۇزەففەرىدىدىن ئالىپ ئەرغۇۋان ۋە بىر مۇنچە ۋۇجۇدى يارىلار ھەمدە خارەزىم شاھى يۈسۈپ قاتارلىق مۇنچە كۆپ كىشى سۇلايمان شاھ بىلەن ئىتىپاق بولۇپ ھەمىدانغا يۈزلەندى. سۇلتان مۇھەممەدنىڭ يېنىدا لەشكەر ئاز ئىدى. ىاسبېكنىڭ لەشكىرى پاراكەندە ئىدى. شۇ پۇرسەتتە بۇلر كېلىپ ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان مۇھەممەد لەشكەرلىرىنى تىنجىنىتىش ئۈچۈن ئالتۇن ۋە شاھانە تاج-سەرۇپاي بېرىپ، ئۆزى ئىسپاھانغا كەتتى.
ھەسەن جاندار قاراۋۇلخانىدا ۋەزىرىدىن ئەمىر يار پالۋان
(ئەسلى ئەسەر 77-بەت)
قىمارخانىدا قالغان ئىدى. يەنە خورىستاندىن كەلگەن بىر مۇنچە كىشى بار ئىدى.
سۇلايمان شاھ ئۈچ كۈندىن كېيىن شۇ قەدەر كۆپ لەشكەر بىلەن كەلدىكى، دەشىت سەھرا پۈتۈنلەي لەشكەرگە تولدى. ئۇلار ھەمىداندىن ئىككى پەرسەڭ يىراقلىقتا بىر قاينى لەشكەرگاھ قىلدى. بۇ ئىشتىن ھەمىدان خەلقىگە ھېساپسىز قورقۇنىچ چۈشۈپ قېچىشقا باشلىدى ۋە «ئەگەر سۇلايمان شاھ ئىسپاھانغا بارىدىغان بولسا، بىزنىڭ خوزىستانغا كەتكىنىمىز تۈزۈك. مۇنداق زور لەشكەرىي كۈچكە ھېچ قاچان تاقابىل تۇرالماسمىز» دەپ مەسلىھەت قىلىشىپ، سۇلايمان شاھنى پادىشاھلىققا مۇقەرەر قىلدى. بۇ خەۋەر سۇلتان مۇھەممەدكە يەتتى. پەخرۇددىن كاشى ۋەزىر، خارەزىم شاھ ياساۋۇل ئىدى. ئۇلار «بۇلارنى (پەخرۇددىن كاشى ۋە خارەزىم شاھ) يۆتكىۋىتەيلى. سۇلتان مەسئۇدنىڭ ۋەزىرى شەمسۇددىن نەجىبنى ۋەزىر؛ مۇزەففەرىددىن ئالىپ ئەرغۇۋاننى ياساۋۇل قىلايلى. تاكى بۇلار سۇلايمان شاھقا قارشى تىغ كۆتۈرگەي» دەپ مەسلھەت قىلىشتى. بۇ سۆز سۇلتان مۇھەممەدنىڭ ۋە سۇلايمان شاھنىڭ خەلقىگە يەتتى ھەمدە ئۇلار ئارىسىدا «بارلىق لەشكەر تىغ تارتىپ، سۇلتان مۇھەممەدنى ئېلىپ كېلىۋىپتىپتۇ. بۇ كېچە سۇلايمان شاھنى تۇتقۇدەك» دېگەن سۆزلەر تارالدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان سۇلايمان شاھ شۇ كېچە ھېچ كىشىگە ئۇقتۇرماي بىر خەزىنە مال-ئەشيانى ئېلىپ، باشقا مال-ئەشيا ۋە خەزىنىلەرنى قويۇپ، پادىشاھلىقنى تاشلاپ، خۇددى ىېمىردىن قىل سۇغارغاندەك سەراپەردە(شاھانە چېدىر)دىن ئاسان ۋە ئاستا سۇغۇرلۇپ چىقىپ يېنىپ كەتتى. ئەتىسى ئۇمەرالار خەۋەرسىز، لەشكەرلەرنىڭ سەپراس تۇرغانلىقىنى كۆردى. ھەممە لەشكەر تالان-قىلماققا تۇتۇش قىلدى. ئەمما سۇلايمان شاھنى كۆرمەي، ئەنىدىشىگە چۈشۈپ،
(ئەسلى ئەسەر 78-بەت)
ھەرقايسىسى ھەر تەرەپكە بېرىپ:«بۇ نېمە ۋەقەدۇر؟»دېيىشەتتى. ئاخىر ئىشنىڭ ھەقىقىتى مەلۇم بولدى. شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر ئۆز دىيارىغا يېنىپ كېتىشتى. سۇلايمان شاھ ئاران يىگىرمە يەتتە كۈن پادىشاھلىق قىلغان ئىدى.
بۇ خەۋەر سۇلتان مۇھەممەدكە يەتتى. بىراق ئىشەنىچ قىلالماي:«بۇ مىكرىدۇر»دېدى. ئاخىر خەۋەر راسىت بولدى. بۇنىڭ بىلەن ھەمىدانغا كەلدى. ئۇمەرالار راۋاق تاقىنى(گۇمبىزىنى)ئىلگىركىدەك ياسىدى. راۋاقلار بىنا قىلدى. شۇنداق قىلىپ سۇلتان يەنە پاىشاھلىق تەختىدىن ئورۇن ئالدى. جامالىدىن قۇف شەددەنى ياساۋۇللارغا ئەمىر قىلدى. جالالىدىن ۋە شەمسۇددىن ئەبۇ نەجىبنى ۋەزىر قىلدى.
سۇلايمان شاھ ھەمىداندىن يېنىپ ئاۋۋال مازاندەرانغا باردى. ئاندىن كېيىن خۇراسانغا لەشكەر ئېلىپ كەلدى. تارىخقا بەش يۈز ئەللىك بەش ئىدى. بەش يۈز كىشى بىلەن ئىسپاھانغا كەلدى. رەشىد قەلەمدار ھاكىم ئىدى. ئۇنىڭغا:
«مېنى شەھەرگە ئېلىپ كىرسۇن»دەپ ئەلچى كىرگۈزدى. رەشىد:
«بۇ دىيار ماڭا ئامانەتتۇر، ساڭا بۇ شەھەرنى بەرمەك خىيانەتتۇر. سۇلتان مۇھەممەدنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەرگىن. شۇندىلا پۈتكۈل شەھەرنى قارىشلىقسىزلا ساڭا تاپشۇرۇمەن»دەپ قاۋاپ چىقاردى. بۇ سۆز بىلەن سۇلايمان شاھ ئۈمىدسىزلىنىپ يېنىپ باغداتقا باردى ۋە خەلپەئى مۇتتەقىي باھىرۇللاھنىڭ پاناھىدا بولدى. ئۇ يەردە مەلۇم مۇددەت تەييارلىق قىلىپ، سەلتەنتىنى مۇستەھكەملەپ، ئاندىن ئەزەربەيجانغا باردى ۋە ئاتابېك ئەلدەگىرنىڭ چېدىرىغا كىردى. سۇلتان مۇھەممەدنىڭ بۇرادىرى مەلىك شاھ شۇ يەردە ئىدى. ئاتابېك ئامالسىز ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلدى. شۇنداق
(ئەسلى ئەسەر 79-بەت)
قىلىپ يەنە زور لەشكەرى قوشۇن جەم بولدى. بۇنىڭدىن سۇلتان مۇھەممەد خەۋەر تېپىپ، لەشكەر تارتىپ ئەزەربەيجانغا يۈزلەندى. ئەسالىھ خىزمىتىدە ئىدى. ئوش شەھرى دىيارىدا دەريا لىۋىدە جەڭ قىلدى.
ئەسالىھ ئالدى بىلەن لەشكەرنى دەريادىن ئۆتكۈزدى. ئارقىدىن ئۆزى ئۆتتى. سۇلايمان لەشكىرى قېچىشقا باشلىدى. سۇلايمان ئايرىلىپ مەۋسىلگە چۈشتى.
سۇلتان ئاتابېك ئەلدەگىرنى بىرگە ئېلىپ مېھرىبانچىلىق كۆرسىتىپ مەسىلھەت قىلاتتى. ئاتابېك ئۆزرە ئېيتىپ، ئوغلىنى سۇلتاننىڭ خىزمىتىگە ئىراققا ئەۋەتتى. سۇلتان بۇ يەردىن يېنىپ باغداتقا كېلىپ:
«ئەلى زەينىددىن مەۋسىلدىن جەڭگە كېلىدۇ؛ مۇۋفىق گەرد بازۇ مەدەتكە كېلىدۇ» دەپ ئۇلارنى كۈتۈپ بىر ئاي تۇردى. دېگەندەك موۋفىق گەرد بازو كېلىپ دەرياي دەجلە (باغدات شەھرى يېنىدىن ئۆتىدىغان دەريا) دىن ئۆتتى. ئەلى زەينىددىن سەپ تۈزۈپ ھېساپسىز لەشكىرى بىلەن مەغرىپ تەرەپكە چۈشتى.
ئاتابېك شەرىفىدىن، فەرزەندان، قەمار ۋە گەرد بازو مەشرىق تەرەپكە چۈشتى.
سۇلتان لەشكەرلىرى زەينىددىن ئەلىگە ئۇدۇللاپ مەنجەنىق(قەدىمقى زەمبىرەك، ئۇرۇش قورالى)ۋە پالاخمان(قەدىمقى تاش ئېتىش قورالى)قاتارلىقلارنى قويدى.
ئىراقتىن مۇزەففەرنىڭ ئوغلى جەماددىن تۆت كېمە بىلەن تۆت يۈز پالۋاننى ئېلىپ يېتىپ كەلدى. ۋۇخلىدىن دەپىسنىڭ ئوغلى، نەۋرىسى ئىككى-ئۈچ يۈز مىڭ لەشكەر ئېلىپ كەلدى. بۇ يەرگە ھېساپسىز لەشكەر جەم بولدى. ئۇلار ھەر كۈنى قوزغىلىپ بىر-بىرىگە تاش ئېتىشاتتى. كېمىدە يۈرۈپ جەڭ قىلاتتى. شەھەردىن بولسا،
(ئەسلى ئەسەر 80-بەت)
گۇرۇھ-گۇرۇھ پىيادىلەر چىقىپ پىيادىلەر سېپىگە قوشۇلۇپ تۇراتتى. لەشكەرلەر شۇ تەرىقىدە ھەر كۈنى ئۆز ئارا خىرىس قىلىشاتتى. قارشى تەرەپ بولسا سۇلتانغا ھىيلە ئىشلەتمەكچى بولاتتى.
خەلپە ئۇمەرالىرىدىن بەزىسى«پالان-پالان دەرۋازىنى خالىي قويارمىز»دەپ تىل بەردى.
موۋفىق گەرد بازۇ بىلەن فەرزەندان قىيمار ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئىدى. بۇ ۋەجىھدىن ئۇلار ئارىسىدا جەڭ بولۇش ئېھتىمالغا يېقىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەر ھەم قىيىنچىلىقتا ئىدى. ھېچ تەرەپتىن تەمىنات كەلتۈرەلمەس ئىدى. توساتتىن:
«ئاتابېك ئەلدەگىر مەلىك شاھ بىلەن كېلىپ ھەمىداننىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا چۈشتى. ھەمىدان لەشكەرلىرى شۇ سەۋەپتىن بالا-چاقا ۋە مال-مۈلۈكنى ئېلىپ قاچقىلى تۇردى. تېزلىك بىلەن ھەمىدانغا بىر خەۋەر يەتكۈزۈلگەي»دەپ خەۋەر كەلدى. بۇنىڭدىن ھەمىداننى ئىشغال قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى پەملىگەن سۇلتان لەشكەرلىرى بىتاقەت بولۇپ كۆۋرۈكنى بۇزدى. كېمىچىلەر قېچىپ كەتتى. كېمە تاپقانلار دەريادىن ئۆتتى. تاپالمىغانلار ئۆزىنى دەرياغا تاشلىدى. گويا قىيامەت بولدى.
خەلپە لەشكىرى مەغرىپ تەرەپنى تالان-تاراج قىلىپ دەرۋازا ئالدىغا كەلدى. جەڭ، ئۇر-چاپ قىلىپ سۇلتانغا يېقىنلاپ كەلدى.
سۇلتان سارىيىنىڭ مەشرىق(سەرق)تەرىپىدە بىر ئىشىك بولۇپ، ئۇ يەردە لەشكەر ۋە ماتاخانا (مال، ئەشيا قويۇلغان ئۆي)بار ئىدى. ئۇنى باغدات خەلقى تالان-تاراج قىلغىلى تۇتۇندى. ئۇ ئۆينى لەشكەر سەپراس بولۇپ ساقلاۋاتاتتى. سۇلتان ساراي ئىچىدە ئون-ئون بەش كىشى بىلەن قالدى. ئاخىر سۇلتان ئامالسىز قېلىپ مەپىگە (ئاياللار چۈشىدىغان، ئەتراپى ئورالغان كاجۇۋا؛ تەختىراۋان)ئولتۇرۇپ چېكىندى. ئەلى زەينىددىن لەشكەر بىلەن
(ئەسلى ئەسەر 81-بەت)
دەريا بويىدا، كېمە ياقىسىدا تۇراتتى. سۇلتاننى ئۆتكىلى قويمىدى ۋە بۇيرۇق قىلىپ پۈتكۈل ئوق-دورا، قورال-ياراق، ئۆي-ئىمارەتلەرگە ئوت قويۇپ كۆيدۈردى.
مەشرىق تەرەپتە سۇلتاننىڭ يەنە بىر بۆلۈك لەشكىرى بار ئىدى. ئۇلار سۇلتاننىڭ خەزىنە-دەپنە ۋە ئەھىل- ئايالنى ئېلىپ ئارقىدىن كەلگەن ئىدى. ئۇلار شۇ كېچە تاڭ ئاتقۇنچە دەريا بويىدا يۈردى. تاڭ ئېتىشى بىلەن كۆچۈپ، بىر پەرسەڭ يەرگە كېلىپ چۈشتى. باغدات لەشكىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كەلگۈدەك ماجالى يوق ئىدى. ئۇلار ھەلۋانغا يەتكەندە ئەلى زەينىددىن كېلىپ سۇلتاننىڭ پۈتكۈل ئوق-دورا، قورال- ياراق، ئەھىل-ئايال، شاھانە چېدىرىنى ئېلىپ ياندى. مال-ئەشيالار ئەسلا زايە بولمىغان ئىدى.
سۇلتان ھەم مەنزىللەرنى بېسىپ ھەمىدانغا يەتتى.
ئاتابېك ئەلدەگىر يېنىپ كەتتى. مەلىك شاھ يالغۇز قېلىپ ھودىستانغا قايىتتى. سۇلتان كېلىپ ھامىدانغا چۈشتى. ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى نابۇت بولغان؛ تارتقان رەنىج-مۇشاقەتلىرى ھېساپسىز، ئۆيى خالىي، خەزىنىسى قۇرۇق ئىدى. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن شاھلىق تەختىدە بەرقارار بولالمىدى. ئۇ قىشتا سادەدە، يازدا ھەمىداندا بولاتتى. ئاخىر كۆڭۈلسىزلىك ئىشلار غالىپ كېلىپ، بىتاپ ۋە بىتاقەت ھالدا بىر مۇنچە تۆھپە (سوۋغا-سالام)ئېلىپ شەھەرگە كەلدى.
ئۇ باغداتتا چاغدا شەھابىددىن مەئالىي(ئالىي جاناب، يۈكسەك)بۇزۇرۇكنى كىرمانغا-ئىمام شەيباننىڭ قىزى خۇتبە خاتۇننى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ قىزنى تارىخنىڭ بەش يۈز ئەللىك تۆتى ھەمىدانغا ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن شەھەرنى پاكىزلاپ ئەينەكتەك ھالەتكە كەلتۈردى. بەش يۈزدىن تولاراق كۇشەك(ئارمگاھ، شىپاڭ)ۋە سەراپەردە(شاھانە چېدىر)ياسىدى.
(ئەسلى ئەسەر 82-بەت)
مۇغەننىي(سازاندە)لەرنى تەرتىپلەپ ئولتۇرغۇزدى. ئاندىن سۇلتان تەختىراۋاندا قىزنىڭ ئالدىغا- ئىستىقبالىغا چىقتى. قىز بەش ئاي سۇلتاننىڭ قول ئاستىدا«بەنىد»تە تۇردى. بىراق سۇلتان كېسەل كامى دىل بولغىنى ئۈچۈن (بەھرە، لەززەت)ھاسىل قىلالماي، شۇ يىلى شۇ ئاغرىقى بىلەن ئۆلدى.
ئۇ يەتتە يىل پادىشاھلىق قىلدى. ئوتتۇز ئىككى يىل ئۆمۈر كۆردى.
ئۇ قىزىل يۈزلۈك، خۇش سۈرەت ۋە خۇش قەد، كۆزلىرى چوڭ، ساقىلى ئاز ۋە ئۇزۇن كىشى ئىدى. ۋەزىرى جەلالىدىن ئەبۇل فازىل ۋە شەمسۇددىن ئەبۇ نەجىب ئىدى. ياساۋۇلى جەمالىددىن قەفەسىيدۇل-ئەمىن بىننى قەمار ۋە ناسىرىددىن ئاتابېك ئىدى. مۆھۈرىدە«ۋەللاھۇ خەيرىل-ھافىزىينە»(ئاللاھ ياخشى ئەمەلدە بولغۇچىلارنى مۇھاپىزەت قىلغۇچىلاردۇر)دېگەن سۆز پۈتۈكلۈك ئىدى.


دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 22:15
*    *    *


سۇلتان مۇئىزىدددىن ۋە ئەددۇنيا ئەبۇل-ھارىس سۇلايمان شاھ بىننى مۇھەممەد بىننى مەلىك شاھ بىننى ئالىپ ئارىسلان-سۇلتان سۇلايمان شاھ پادىشاھ ئىدى. ئۇ خۇشخۇي ۋە خۇشرۇي، لەتىگۇي (قىززىقچى)ۋە بەزمە-يىغىلىشلارنى دوسىت تۇتقۇچى كىشى ئىدى. ئەمما نەچچە رەت تەخىتكە ئولتۇرغان بولسىمۇ، سەلتەنىتىگە بەختى يار بەرمەي، ئورنىنى مۇستەھكەملىيەلمىدى.
سۇلتان مۇھەممەد ئۆلگەن چاغدا ئۇمەرالارنىڭ چوڭىلىرى نەسىردىن ئاغۇش، ئەزالىددىن قىيامار ۋە ئاتابېك ئاياز ئىدى. موۋقېف گەرد بازۇ ھەممىدىن قۇۋەتلىك ئىدى. ئۇلار سۇلتاننى(سۇلايمان شاھنى) سەلتەنەتكە ئولتۇرغۇزۇشقا مەسىلەھەت قىلدى.
(ئەسلى ئەسەر 83-بەت)
ۋە ئىنانەھنى رەيدىن چاقىرتىپ ئۇنىڭ رايى ۋە مەسىلھەتى بويىچە ئىش كۆرمەكچى بولۇشتى. ئۇلار ئىنانەھنى چاقىرتىپ كەلدى. ئۇنىڭ رايى سۇلايمان شاھقا مۇقەرەر ئىدى. ئاندىن مۇسۇلغا كىشى ئەۋەتتى. ئۇ كېسەل ئىدى.
تارىخنىڭ بەش يۈز ئەللىك بەشى، سۇلايمان شاھ ھەمىدانغا كېلىپ تەخىتكە ئولتۇردى. خاجە شەھابىدىن سەقىنى ۋەزىر قىلدى. مۇزەففەرىددىن ئالىپ ئەرغۇۋاننى ياساۋۇل قىلدى. ئاتابېك شەمسۇددىن ئەلدەگىرنى خۇتبە ئوقۇتۇپ ئۆز ئورنىدا ۋەلىي ئەھىد(تەخىت ۋارىسى)قىلدى. ئىنانە رەيگە ياندى.
مۇۋقېف گەردبازو، ئەزالىددىن قەمار ۋە ناسىرىددىن ئاغۇش ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئاداۋەت بار ئىدى. سۇلايمان شاھ بولسا، دائىم ئەيش-ئىشرەت بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئەزالىددىن بىلەن ناسىرىددىن سۇلتان سۇلايمان شاھقا ئېيتىپ گەرد بازۇنى تۇتۇش ئۈچۈن مىكىر قىلىش كويىدا يۈرەتتى. بىر كۈنى سۇلتاننى گەرد بازوغا مېھمان بولغىلى ئېلىپ باردى. چۈنكى مۇشۇ سەۋەپ بىلەن بىر باھانە تېپىپ ئۇنى تۇتماقچى بولۇشقان ئىدى. بىراق مەقسىتىگە يېتەلمىدى. چۈنكى گەردبازۇنىڭ لەشكىرى كۆپ ئىدى. ھەمىشە ئېھتىيات يۈزىسىدىن لەشكىرىنى سارايدا ياتقۇزاتتى. ئاخىر ئاتابېك ئەلدەگىر ۋە مەلىك ئارىسلاننى گەرد بازۇنى بېرىپ تۇتۇپ كېلىشكە مايىل قىلدى.
سۇلايمان شاھ ھەمىشە شاراپخورلۇق بىلەن بولۇپ كېتىپ، خەلقتىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. ئۇمەرالارمۇ خىزمىتىگە كىرەلمەيتتى. شۇڭا ئۇمەرالار مەسىلھەت قىلىپ ئاتابېك ئەلدەگىر ۋە مەلىك ئارىسلانغا:
«بىز گۇمراھلار(يولدىن تانغان، گۇناھكارلار)تەرىپىدىن
(ئەسلى ئەسەر 84-بەت)
ھەر قانداق رەنىج-مېھنەت يەتكەن بولسا، ئەپۇ قىلغايسىزلەر. سۇلايمان شاھنى چەندان رازىلىق ۋە خۇرسەنلىك بىلەن كەلتۈرگەن ئىدۇق. بىراق ئەھۋالى يۇقىرقىدەك، ئۇنى تۇتۇپ خۇراسانغا ئەۋەتمەكچىمىز. قالغان ھۆكۈم سىزلەردىندۇر» دېگەن سۆز بىلەن كىشى ئەۋەتكەن ئىدى. ئۇلاردىن:
«ئەجەبا، سىزلەر سۇلايمان شاھتىن بىزار بولۇپ، باشقا بىر پادىشاھنى ئىختىيار قىلساڭلار، يەنە كېلىپ ئۇنى تۇتۇپ خۇراسانغا ئەۋەتسەڭلەر....قانچىلىك ئەمىن بولارسىزلەر؟ ئۇ لەشكەر تارتىپ كەلسىغۇ ماڭا دۇرۇس بولاتتى. ئۇنى تۇتۇپ تۇرغايسىزلەر»دېگەن جاۋاپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۇلايمان شاھ بىزدىن ئۈمىدسىزلىنىپ قېچىپ كەتمىسۇن دېگەن ئەندىشە بىلەن خاتىرجەم بولالماي، ھەر كېچىسى ھەر جامائەدىن ھېساپسىز ئاتلىقلارنى چىقىرىپ، قورال-ياراق بىلەن ئەتراپنى ساقلىدى.
بەس، مەلىك ئارسىلان ئاتابېك ئەلدەگىر بىلەن يېتىپ كەلدى. مەلىك ئارىسلان تەخىتكە ئولتۇردى. سۇلايمان شاھنى تۇتۇپ بەنىدكە تارتتى ۋە ئۇنى ساقلاش ئۈچۈن مەخسۇس كىشى قويدى.
بىر ئايدىن كېيىن مەلىك ئارىسلان ئاتابېك بىلەن ئىسپاھانغا بارماقچى بولۇپ، سۇلايمان شاھنى«قەلئەيى ئەلائىددىن» گە ئەۋەتتى. ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. بۇرادىرى سۇلتان مەسئۇد مەشرىقتە دەپنى قىلدى. ئۇ (سۇلايمان شاھ) ئالتە ئاي پادىشاھ بولدى. قىرىق بەش يىل ئۆمۈر كۆردى. چىرايى قىزىلغا مايىل كۆكۈش، ساقىلى ئوتتۇراھال، بوينى قىسقا، بويى ئېگىز، باداڭ قورساق كىشى ئىدى. ۋەزىرلىرى-شەھابىددىن سەقى، مەھمۇد بىننى ئابدۇل ئەزىز ھامىدى، مۇزەففەردىدىن ئەرغۇۋانلار ئىدى.
(ئەسلى ئەسەر 85-بەت)
رۇكنىددىن ۋە ئەددۇنيا ئارىسلان بىننى توغرۇل بىننى مۇھەممەد بىننى مەلىك شاھ-سۇلتان ئارىسلان پادىشاھ ئىدى. ئۇ خۇش چىراي، ياخشى خىسلەتلىك، خۇش پئېل ۋە سېخي، كەمتەر كىشى ئىدى. ھېچكىم ئۇنىڭدىن جاپا ۋە ىارلىق كۆرمىگەن ئىدى. ئۇ خىراج ۋە مائاش، خاس خەزىنە دېگەنلەردىن خەۋەرسىز؛ ئەمما زاھىد(زاھىد__دۇنياۋى ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ، تائەت ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغۇچى، شەيىخ)ۋە ئابىد(ئابىد__ئىبادەت قىلغۇچى)ئەۋلىيا-مەشايىخ(مەشايىخ___شەيىخلەر)لارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار ئىدى. ئۇلارغا ياخشى كىيدۈرۈش ۋە يىدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشاتتى.ياخشى كىيىملەر ۋە ماتا(ماتا- مال، ئەشيا، ماتا) لارنى خەلققە بەخشش(بەخشش__بېرىش، ئاتا قىلىش، ئىنئام قىلىش)قىلاتتى. ھېچ پادىشاھ كىيمىگەن ۋە بەخشىش قىلمىغان ماتالارنى كەرەم قىلاتتى. ئۇنىڭ مەجىلىسىدە شاراپ ۋە سۆھبەت كامالىغا يېتەتتى. ئەمما كىشىنىڭ بىھۇدە ۋە نامۇۋاپىق سۆزلىرىگە ھەرگىز قۇلاق سالماس؛ ھېچكىمدىن يامان ھەرىكەت (دۈشمەنلىك)ۋە جەۋىر تاپماس ئىدى.
ئاتىسى سۇلتان توغرۇل ئۆلۈپ بىر يىلدىن كەمرەك ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۇنى سۇلتان سەئىد مەسئۇد بىننى مۇھەممەد رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھى تەربىيەت قىلىپ، مەكتەپكە بېرىپ ئۆزىگە ھەمراھ قىلىۋالغان ئىدى. تارىختىن بەش يۈز قىرقتا ئۇنى قەلئە قاراۋۇلى بىلەن باغداتتىن ۋە ئەزەربەيجاندىن لەشكەر يىغىش ھەم ھەمىداندىن تورابنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن«قەلئەيى بەكرىيەت»كە باغدات ۋالىيىسى ئەمىر ھاجى مەسئۇد قېشىغا ئەۋەتتى. ھاپىز كۇتۋال(قەلئە ۋە شەھەرنىڭ ساقچى ئەترەتلىرى باشلىقى)ئىدى. ئۇلارنى توققۇز يىل تۇرغۇزدى. شۇنىڭغىچە ئۆزگىچە ئەھۋال يۈز بەرمىدى.
(ئەسلى ئەسەر 86-بەت)
سۇلتان مەسئۇد ئۆلدى. مەلىك شاھ بىننى مۇھەممەد بىننى مەھەھمۇد ۋەلىي ئەھىد(تەخىت ۋارىسى)سۇلتان مەسئۇدقا داماد(كۈيئوغۇل)ئىدى. خاسبېك ئارىسلان بىننى بەلنەكىرنىڭ سۆزى بىلەن ھودىستاندىن كېلىپ تەخىتكە ئولتۇردى. بۇ چاغدا ئەمىر ھاجى مەسئۇد باغداتىن قېچىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ سۇلتان مەھمۇددىن ئىجازەت ئېلىپ باغداتقا بېرىپ، ھىندى ۋىلايىتى بىلەن باغداتتىن دۈشمەننى خالاس قىلىپ، شۆھرەت تاپماق ئۈچۈن سۇلتانغا:
«بىزگە بىر پادىشاھ بولماي چارە يوقتۇر. ئەگەر ئەمىرۇل-مۆئىمىنىن(مۇسۇلمانلار ئەمرى)ئۆزى ئاتلانسا، ئۇمەرالار قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرالماس. قەلئەيى بەكرەيسىتە ئىككى پادىشاھ تۇرۇپتۇ. بىرىمىزگە ئىجازەت بەرگىن تاكى خەلپىنىڭ تاقابىلىدا ئۇرۇش ئېلىپ بارغايمەن»دېدى.
سۇلتان مەلىك مۇھەممەدنى بەنىد قىلىپ، ئۆزى ھىسامىددىن ئەلىفۇش بىلەن باغداتتنى ئالماققا ھەرىكەت قىلدى. ھۆكۈمىرانلىق دېمىقىنى قىززىتىپ، ئەمىرۇل-مۆئىمىنىننىڭ لەشكىرى شىكەسىت تاپتى. كېيىن ئەلىفۇش لەشكىرى شىكەسىت يەپ قاچتى. ئەمىر مەسئۇد بابىل(ھازىرقى ئىراقنىڭ پايتەىتى باغدات شەھرىدىن 93كېلومىتىر يىراقلىقتىكى قەدىمقى بابىل دۆلىتىنىڭ پايتەختى)ۋىلايىتىگە ئاتابېك قېشىغا كەلدى. ئۇنىڭ ھېساپسىز خەزىنە ۋە زەخىيرەسى بار ئىدى. بۇ قاتارلىق خىزمەت ئارقىلىق سۇلتان بىلەن يېقىن دوسىت بولدى.
مەلىك ئارىسلان ئىززەت-ئىكراملار بىلەن ئانىسىنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇنىڭمۇ ھېساپسىز خەزىنە ۋە زەخىيرەسى بار ئىدى. بۇ ئەسنادا ئەزالىددىن ۋە ناسىرىددىنىڭ كىشىسى كەلدى. دەۋر نىشانىسى ئۇنىڭ روزىەاھىغا مولچىلىق ئاتا قىلدى. بەخت-تەخىت ئۇنىڭ ھوزۇرىغا باش قويدى.
ۋاقىتكى، ئۇ تۇغ-ئەلەملەر ئارىسىدا پايتەخىت ھەمىدانغا يۈرۈش
(ئەسلى ئەسەر 87-بەت)
قىلدى. جاھان ئۇنىڭ دۆلىتى ۋە ئىززىتى، تىغ ۋە سىياسىتى ئاستىدا ئاتابېك ئەئىزەمنىڭ رايى ۋە مەسىلەھەتى بىلەن روناق تاپتى. ئەتراپ ۋە ئالەم ئۇمەرالىرى كېلىپ ياكى نامە ئەۋەتىپ باش قويدى. پۇقرا ۋە ئامما ياخشىلىق ۋە ئادىللىق سايىسىدا ئارام ئالدى. تەختى-سەلتەنتى شۇ يول بىلەن زىننەتلەندى. دىۋان ۋەزىرلىگى خاجە شەھابىددىن مۇھەممەد بىننى ئابدۇل-ئەزىز سەقفە مۇئەييەن بولدى. ئامۇر مەملىكىتى ھەر جەھەتتىن تىنچلىق تېپىپ تەسلىم بولدى. بۈيۈك كىرمانى خاتۇن سۇلتاننىڭ ئەقىدى-گوھىرى بىلەن زىننەت تاپتى.
تارىخنىڭ بەشيۈز ئەللىك بەشىنچى يىلى سۇلتانى ئالەم ۋە ئاتابېك ئەئىزەم سادەدىن ئىسپاھانغا باردى. ئەمىر ئەزالىددىن قىيمار ۋالىي ئىدى. ھىسامىددىن ئىنانەھ مەلىك مۇھەممەدنىڭ قېشىغا بارغان ئىدى. بۇ چاغلاردا ئەزالىددىن قىيمارنىڭ سۇلتان ئارىسلاندىن كۆڭلى قېلىپ، ھىسامىددىن ۋە ئىنانەھ بىلەن بىر بولۇپ مەلىك مۇھەممەد بىننى توغرۇلغا كىشى ئەۋەتكەن ئىدى.
سۇلتان ئارىسلان، شەرىفىددىن گەرد بازۇ ۋە ئەمىر ناسىرىددىن ھەمىدانغا كەلدى. مەلىك مۇھەممەد بىننى توغرۇل پارىستىن يېتىپ كەلدى. ئىنانەھ ۋە قىيمار كابۇل يولى بىلەن ئالدىغا باردى. سۇلتان ئارىسلان ۋە ئاتابېك ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، كابۇلغا يېقىن «قەلئەيى بۇرزىن»دا تاقابىل بولۇپ، قاتتىق جەڭ قىلدى. ئاخىر مەلىك مۇھەممەد توغرۇل قېچىپ ھودىستانغا؛ئەزالىددىن قىيمار قۇمغا؛ئىنانەھ رەيگە كەتتى. سۇلتان ئاتابېك بىلەن ئىنانەھنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ رەيگە باردى ۋە شۇ يەردە تۇتۇپ ئۆلتۈردى. ئاتبېك ئەئزەم مەملىكەتنىڭ تەرتىپى ئۈچۈن ئىران ۋە ئەزەربەيجاندا تۇرۇپ قالدى.
بۇ ئەسنادا مەلىك ئىنجارغا ئىسلام شەھەرلىرىنىڭ(ئىسلام
(ئەسلى ئەسەر 88-بەت)
شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىش تاميى چۈشتى. ھەرس(ھەرس__ئاچكۆزلۈك، تاماخورلۇق)ھەۋەس تومۇرلىرى ھەركەتكە كەلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئىسلام لەشكەرلىرى سۇلتان ئالەم تۇغىنىڭ سايىسىدا، ئاتابېك ئەئىزەمنىڭ رايى ۋە مەسىلەھەتىنىڭ مەدىتى بىلەن كۇپپارلار دىيارىغا يۈزلەندى. يازات ۋە جىھاد(جىھاد_دىن يولىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇرۇش)ئىلكى(ئىلك__قول؛كۈچ-قۇۋەت، غەيرەت-جاسارەت) بىلەن شاھادەت مىكرىنىڭ دۇرىجىنى پاك كۆڭۈللىرىگە مەھكەم باغلىدى.
لەشكىرى ئىسلام كۇپپارلار دىيارىغا يېقىنلاپ كەلدى. ئەمىر ئىنجار، بەدكىردار ئامالسىز جەڭگە چىقىشقا مەجبۇر بولدى. ئاتابېك ئېھتىيات بىلەن ئاقىۋىتىدىن ئەنىشە قىلاتتى.
لەشكىرى ئىسلامغا كۇپپارلار ھۇجۇمى تاقابىل بولالمىدى. بەلكى دىنسىزلاردىن بىر تەنمۇ ئامان قالمىدى. ئىنجار ئىسلامغا ئەسىر بولدى. ئۆلىما-ئۇمەرا ۋە لەشكەرلەر ئۇ يەردىكى خەزىنە ۋە دەپنە، ئۇسكۇنە ۋە ياراق-قابدۇق، خانىلار(ئۆي-ئىمارەت)نى تالان قىلدى. پاھىشە ۋە شارابخانىلارنى ۋەيران قىلدى. ئىنجار يالىڭاچلىنىپ سارغىيىپ، تىترەپ، تىغى ئابىدار(يالتىراق قىلىچ)بىلەن ئۆلتۈرۈلدى.
ئىسلام لەشكەرلىرى جىھاد غەنىمىتىگە مەشغۇل ئىدى. بىدئەتچىلەر پۇرسەت تېپىپ قاچاق لەشكەرلەر بىلەن قېچىپ بېرىپ، تاغ ئۇزرەسىدە ئۈچ پەرسەڭ يىراقلىقتا ئۈچ قات قورغان، خىش بىلەن گەجدە بىر گەز سېپىل ياسىدى. ئۇلاغدا تاش ۋە گەج توشۇپ تېزلىك بىلەن ئاز مۇددەتتە ئېگىز سېپىل بەرپا قىلدى. بىدئەتچىلەر ۋە قاچاق لەشكەرلەر شۇ يەرگە ئورۇنلاشتى. پالاخمان، مەنجەنىق تەييارلاپ زەخىيىر ۋە مەئاش(تىركچىلككە كېرەكلىك نەرسىلەر)يىغىپ، مۇستەھكەم بولدى. ئاندىن دەرۋازىغا چىقىپ كارناي- سۇناي ۋە ناغرا-دۇمباقلىرىنى ياڭرىتىپ، ساداسىنى كۆككە يەتكۈزدى.
(ئەسلى ئەسەر 89-بەت)
سۇلتانى ئالەم، ئاتابېك ئەئىزەم ۋە ئۇمەرائى مۇكەررەم جىھاد سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جىھاد ئەڭبەرىگە (ئەڭ كاتتا ئۇرۇش، دىن يولىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەڭ زور ئۇرۇش)يۈزلەندى. تۆت ئايدىن زىيادىرەك مۇددەتتە قەلئەنى ئېلىپ ۋەيران قىلدى. بىددئەتچىلەر تولىسىنى ئۆلتۈردى. ئۇ يەردە پاراۋانلىق ئورناتتى. ئاندىن قەھھباب ۋېلايىتىگە كەلدى.(بۇ جايدا بىر قەلئە بار ئىدى). ئۇ قەلئەنى بەد مەزھەپلەر (غەيرى مەزھەب، غەيرى دىندىكىلەر) سۇلتان سەئىددىن مەسئۇد زامانىدا بىنا قىلىپ، ئۇنىڭغا«جەھان كۇشاھ» (جەھەھان كۇشاھ جەھان كۇشاي__جاھاننى بويسۇندۇرغۇچى زور پادىشاھ)دەپ ئات قويغان ئىدى. سۇلتان سەئىد تامام ئۇمەرا ۋە لەشكىرى بىلەن كېلىپ، تاغ ئاستىدا ئىككى-ئۈچ ئاي يېتىپ، مەنجەنىق ۋە پالاخمان ئېتىپ، قەلئەنى ئالاي دەپ قالغاندا، ئۇمەرالار ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولدى. شۇ سەۋەپلىك لەشكەرلەر قەلئە ئالدىدىن كۆچۈپ قورال-ياراق، ئەسۋاپلىرىنى ئېلىپ چېكىنگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىدئەتچىلەر يەنە قۇۋەت تېپىپ، قەلئە ئەتراپىغا ئىمارەتلەر بىنا قىلدى.
سۇلتان سەئىدەك پادىشاھ تامام ئۇمەرا ۋە لەشكىرى بىلەن ئۇ قەلئەنى ئىشغال قىلىشقا ئاجىز كەلگەن ئىدى. سۇلتان ئارىسلان بىدئەتچىلەرگە زامان (ۋاقىت-پۇرسەت)ۋە ئامان(ئامانلىق، ئاراملىق)بەرمەي، قەلئەنى ئېلىپ ئۇنىڭغا«ئارىسلان كۇشاي»دەپ ئات قويدى ھەمدە مۇسۇلمانلاردىن كۇتۋاللار تەيىن قىلدى.
ئىپدائى(باشلانغۇچ)دۆلەت ۋە سەلتەنىتىدە بۇ ئىككى غەلبە-پەتىھ  ۋە نۇسرەت بىلەن لەشكىرى ئىسلام قۇۋەت تاپتى. دۆلىتىنىڭ تۇغى ئېگىز ئۆرلىدى. غەلبە خەۋىرى ئەتراپ-ئالەمگە يەتتى. دوسىت-دۈشمەن، يىراق ۋە يېقىن ھەممە سۇلتان ئارىسلاننىڭ
(ئەسلى ئەسەر 90-بەت)
پەرمانىغا باش قويدى.
تارىخقا بەش يۈز ئەللىك توققۇز ئىدى(سۇلتان ئارىسلان)تامام ئۇمەرا ۋە ئەركانى دەۋلەت(دۆلەت ئەربابلىرى، ئۇلۇغ كىشىلىرى)بىلەن ئىسپاھانغا كەلدى ۋە بىر يىل تۇرۇپ، ئاندىن مۇرغەزارى ھەزارغا باردى. ئاتابېك زەنگى پارىستىن سۇلتاننىڭ خىزمىتىگە كەلدى.
خاجە شاھاببىدىن سەقى ھەمىداندا كېسەل ئىدى. جەمادىيەل ئەۋۋەل(5-ئاي)نىڭ يىگىرمە ئالتىسىدە ئۆلدى. ئۇنى ئۆز مەھەلىسىدە- ئۆز ئۆيىدە دەپنە قىلدى. شۇ يىلى شەۋۋال (10-ئاي) نىڭ ئون بىرىدە سۇلتانى ئالەم ۋە ئاتابېك زەنگى مۇرغەزار قارا تەگىنگە كېلىپ چۈشتى. شۇ يىلى يەنى زۇلقەئىدە (11-ئاي) نىڭ يىگىرمە بىرى ئىدى. ئەمىر ناسىردىددىن ئاغۇش ھەمىداندا ئۆلدى. ئاندىن كېيىن ھەمىداندىن قوزغىلىپ  رەي تەرىپىگە يۈزلىنىپ داچىسغا كېلىپ چۈشتى.
تارىخنىڭ بەشيۈز ئاتمىش بىرىنچى يىلى، ماھى مۇھەررەم(1-ئاي)نىڭ ئون تۆتى ئىدى. ئەمىر ئەزالىدىن ۋاپات بولدى. ماھى سەپەر(2-ئاي)نىڭ يەتتىسى دۈشەنبە كۈنى فەخرىددىن ئىمىن ۋە مەئىنىددىن سۇلتان خىزمىتىگە ھەمىداندىن سادەگە كەلدى. ۋەزىرلىك فەخىردىنگە مۇقەرەر بولغان ئىدى. شۇ چاغلاردا سادەدە قاتتىق بوران چىقىپ، مۇنارلارنىڭ ئۇچىنى ئۇچۇرۇپ، چېدىر ۋە ئىمارەتلەرنى ئۆرۈۋەتتى. ھېساپسىز خارابىلىق پەيدا بولدى. ئاندىن رەيگە يۈزلەندى. سۇلتان سەپەر ئېيى(2-ئاي)نىڭ ئون سەككىزى ئازنى كۈنى رەي شەھىرىگە كېلىپ ئەمىر سارايغا چۈشتى. فەخرىدىددىن كاشىنى ۋەزىر قىلدى.
جەمادىيەل-ئەۋۋەل(5-ئاي)نىڭ تۆتى چارشەنبە كۈنى شەرىفىددىن گەردبازو گۇمبىزى شەھنەشاھتا قازا قىلدى. ئۇستىخىنىنى
(ئەسلى ئەسەر 91-بەت)
(مېيىتىنى)ھەمىدانغا ئېلىپ بېرىپ مەدىرسدە دەپىن قىلدى. ئاتابېك ئەئىزەم ئۈچ كۈن تەزىيەت تۇتتى. تامام ئۇمەرالار ھازىر بولدى.
ئىنانەھ مازانداران(ئىراننىڭ شىمالىدا، كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى رايون)پادىشاھنىڭ پاناھىدا ئىدى. جەمادىيەل ئەۋەلنىڭ ئون بىرى چارشەنبە كۈنى سۇلتان رەيدىن چىقىپ، ئىككى يولنىڭ ئارىسىغا چۈشتى. شۇ كۈنى شاھى مازەندارران ۋە ئىنانەھنىڭ ئەلچىسى كەلدى. ئىنانەھ رەيگە بېقىنماس خىيالىدا ئىدى. گەرد بازونىڭ ئۆلگىنىنى ئاڭلاپ، سۆزىدىن يېنىپ ئەلچى ئەۋەتكەن ئىدى. ئۇ نۆۋەت ئەلچىلەرنىڭ سۆزى ماقۇل بولماي ياندى. جاۋاپ مۇنداق ئىدى:
«ئىنانەھ مازانداران شاھىنىڭ خىزمىتىگە قانائەت قىلسۇن!»
رەجەپ ئېيى(7-ئاي)نىڭ يەتتىسى سەيشەنبە كۈنى سۇلتان ئانىسى ۋە تامام ئۇمەرا، سىپاھ سالار(باش قوماندان) كىبەر مۇزەففەردىدىدىن ۋە قىزىل ئارىسلان لەشكەرگاھتىن كۆچۈپ نەھقان تەرىپىگە يۈرۈپ «بالايى تەيران»غا كېلىپ چۈشتى. رەجەپ ئېيىنىڭ ئون بىرى شەنبە كۈنى ئاتابېك ئەئىزەن ئۇمەرالار بىلەن فىروزە تېغىغا كەتتى. سۇلتان«دولاب»تا ماكان تۇتتى. ئىنانەھ ئەلچىلەرنىڭ سۆزى بىلەن نائۇمىد بولۇپ، مەدەت تىلىمەك ئۈچۈن خارەزىم شاھنىڭ قېشىغا باردى. سۇلتان يەنە ھەمىدانغا كەلدى. ئاتابېك ئەزەربەيجانغا كېلىپ، رەينىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇمەر ئەلىگە بەردى ۋە ئىنانەھ لەشكىرىدىن خاتىرجەم قىلىپ، زەخىيرە ۋە مال-دۇنيا يىغىپ قەلئەنى مەھكەم قىلدى.
تارىخقا بەش يۈز ئاتمىش ئىككى ئىدى. سۇلتان مۇرغەزار شىرۇقا كەلدى. ئىنانەھ خارەزىم شاھتىن لەشكەر ئېلىپ. ئىراققا
(ئەسلى ئەسەر 92-بەت)
يۈزلىنىپ، نەچچە كۈن «قەلئەيى تەبەرۇك»نىمۇھاسىرە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈمىدى ئەمەلگە ئاشمىدى. بۇ چاغدا ئۇمەر ئەلى ئاتابېكتىن ياردەم تىلەپ نامە ئەۋەتكەن ئىدى. ئىنانەھ قەلئەنى تاشلاپ بەھرۇزەنجانغا يۈرۈش قىلدى. بۇنىڭ بىلەن خارەزىم شاھ لەشكىرى ئىنانەھكە باقماي يېنىپ كەتتى.
سۇلتان شىرۇھتىن زەنجانغا يۈرۈش قىلدى. ئاتابېك ئەئىزەم ھەم يېقىنلاپ يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇمەر ئەلى ئاتابېكنى قارشى ئېلىپ ئالدىغا چىقتى. ئىنانەھ خەۋەر تېپىپ ئەبھەردىن ياندى ۋە خارەزىم فەردىنگە بېرىپ، ھېساپسىز مۇسۇلمانلارنى تالان قىلىپ، ئىككى مىڭگە يېقىن تۆگە ئېلىپ خۇراسان تەرىپى بىلەن خارەزىمگە يۈرۈش قىلدى. سۇلتان، ئاتابېك ۋە ئۇمەرالار ئارقىدىن قوغلاپ رەيگە باردى. ئىنانەھ كورگانغا كەتتى. سۇلتان شۇ قىش رەيدە تۇردى. تارىخنىڭ بەش يۈز ئاتمىش ئۈچى باھار پەسلىدە نەفلى بەندانغا كەلدى. ئاتابېك ئەزەربەيجانغا ياندى. قىش پەسلىدە سۇلتان سادەگە كەلدى.
ئۇمەر ئەلىدە قەلئەنى تۇتۇشتىن سىرىت، يەنە بىرەر شەھەرگە خىراجەت قىلىپ، ئىككى يول ئارىسىدا بىر شەھەر بىنا قىلىپ، قارشى باش كۆتۈرۈپ چىقىش ھەۋىسى پەيدا بولدى. سۇلتان خەۋەر تېپىپ ئۇنى مىكىر بىلەن قېشىغا چىرلىدى. ئۈمەر ئەلى ۋە مۇئىن سادەگە كەلدى. ئەتىسى سۇلتانغا كۆرۈنۈش قىلىپ، سارايدا-خىلۋەتتە ئولتۇرغان ئىدى. سۇلتان:
«ئۇنى تۇتۇپ بەنكە تارتىڭلار!» دەپ ئەمىر قىلدى. ئاندىن ئۇنىڭ خەزىنە-دەپنە ۋە ئوي-خانىلىرىنى تالان قىلدى. قەلئەنى خاجە ئەزالىدىنغا بەردى. ئاندىن ھەمەدانغا باردى. زىمىستاندا يەنە سادەگە كەلدى.
ئىنانەھ سۇلتاننىڭ ئۈمەر ئەلىنى تۇتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ
(ئەسلى ئەسەر 93-بەت)
رەيگە يۈرۈش قىلدى. شاھى مازانداران مەدەت تىلەپ ھېساپسىز لەشكەر ئېلىپ كەلدى.
ھاجىب كىبرى نەسرىدىدىن ۋە جەمالىددىن قاتارلىق ئۇمەرالار سۇلتاننىڭ خىزمىتىدە ئىدى. ئۇلار رەيگە باردى. ئىنانەھ بىلەن جەڭ قىلىپ لەشكىرى ئىنانەھكە شىكەسىت بەردى. ئەمما لەشكەرلەرنىڭ بىتەرتىپلىكىدىن سۇلتانغا ۋەھىمە چۈشتى. ئۇمەرالار قايىتتى. سۇلتان ھەم سادەدىن ئۇمەرالار بىلەن ھەمىداغا باردى.
ئىنانەھ رەيدىن سادەگە، ئاندىن تا ھۇرۇفانغىچە كەلدى. ئىنانەھ شەھەرنى مەھكەملەپ، قورال-ياراق ۋە مەنجەنىقلەرنى تەييار قىلغان ئىدى. بىراق تامام خالايىق قوزغىلىپ ئاتابېكنىڭ ئالدىغا چىقتى. ئىنانەھ خىجىل بولۇپ ئەھىد قىلىپ، قەسەم ئىچىپ سۇلتاننىڭ خىزمىتىگە چىقتى. سۇلتان ئۇنى ئېلىپ شەھەرگە ياندى. ئەتىسى سۇلتان قېشىغا چاقىرتىپ ئىزدەشتۈرگەن ئىدى. ئىنانەھنى تورانىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى بىر چېدىردىن ئۆلۈك ھالەتتە تاپتى.
بەس، تامام ۋىلايەت تەسلىم بولدى. سۇلتان رەيگە كېلىپ، خاراپ بولغان قەلئەلەرنى نەسرىددىن بىننى ئاتابېككە بەردى. ئۇ قەلئەدە ئىستىقامەت بىلەن مەشغۇل بولدى. ئۆمرىنى ئالاھىزەل ئۈچ يىل شۇ تەرىقىدە ئۆتكۈزۈپ ئۆلدى. سۇلتان يەنە بىر ياردەمچىسىدىن ئايرىلدى.
تارىخقا بەش يۈز ئاتمىش بەش ئىدى. سۇلتان سادەدىن ئانىسى، تامام ئۇمەرا ۋە ئەركانى دۆلەت بىلەن ئىسپاھانغا كەلدى. خاجە جەلالىدىدىن بىننى قەۋامىددىننى ۋەزىر قىلدى. ئۇ سۇلتاننىڭ ئارقىسىدىن ئىسپاھانغىچە بىللە كەلدى. تامام ۋەزىرلىك ھېسابىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ، مۇۋاپىق پەيىتتە ئاتىسىنىڭ سارىيىغا چۈشتى. سۇلتان باھار پەسلىدە كىرمانغا كېلىپ، مۇرغەزارى ئىشانغا چۈشتى. بوستاندا(ياز پەسلىدە)ئاندىن ھەمىدانغا باردى. تامام مەملىكەت
(ئەسلى ئەسەر 94-بەت)
ئىشى شۇ تەرىقىدە ئىنتىزام تاپتى. سۇلتان زىمىستاندا يەنە سادەگە كەلدى. گاھى ھەمىداندا، گاھى باھار پەسلىدە«مۇرغەزارى لەئلى بەندان»(يايلاق، باغ)دا گاھى«مۇرغەزازى سەرس»(قورغان، قەلئە)دە بولدى. ئاخىر تارىخنىڭ بەش يۈز ئاتمىش سەككىزى تەبرىز(ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەدىمكى بىر شەھەرنىڭ نامى)دە سەئىد ئابادنى ماكان قىلدى. شۇ يىلى ئابدۇل ئەزىز قەلئەدە بىننى دەرنى چاپتى.
سۇلتان ھەمىدانغا كەلدى. مەلىك ئەنجار ئەزەربەيجانغا يۈرۈش قىلىپ، ھېچ يەردە تۇرماي مۇرغەزارى پارس بازىرىغا باردى. ئاتابېك ئەئىزەم ۋە ئەمىر ھاجىپ كەبىر، ئەمىر مۇزەففەرىددىن، قىزىل ئارىسلان شۇ يەرگە كەلدى. ئۇلار سۇلتاننىڭ لەشكەر بىلەن ئەنجار ئۆزرەسىگە بېرىشقا مەسلىھەت قىلىشتى. ئارلىق ئۈچ كۈنلۈك يول ئىدى. سۇلتان بىتاپ بولۇپ قالدى. ئىككى-ئۈچ كۈن ساقلىغان بولسىمۇ، ياخشى بولالمىدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتاننى ئانىسى بىلەن قەلئەگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئۆزگە ساھىپ ۋە لەشكەرلەر تامام ئەنجارغا باردى.
سۇلتاننىڭ كېسىلى ئۇزاققا تارتتى. شۇڭا قىرىق كۈندىن كېيىن دەريايى ئەرەس(ئەزەربەيجاندىكى بىر دەريانىڭ نامى)لېۋىگە كەلدى. بۇ يەردە لەشكەرلەرگە ۋابا تەككەن ئىدى. يۈزدىن بىرىمۇ ساقايمىدى، تالايلىرى ھالاك بولدى. سۇلتان ھەم ساقسىز ئىدى. نەھجانغا كەلدى. قالغان ئاغرىق لەشكەر يولدا ئۆلۈپ تۈگىدى. ئەنجارلار تار-جىرالارغا يوشۇرۇنغان ئىدى. ئاتابېك ئەئىزەم لەشكەرى كېلىپ شەھەر- قەلئەلەرنى تالان قىلىپ ئوت قويدى. ئاندىن قايتىپ نەھجانغا كەلدى. سۇلتان نەھجاندا ئەللىك كۈن تۇرۇپ، پادىشاھ ۋە ئۇمەرالىرىغا تون كىيدۈرۈپ، ھەمىدانغا يۈزلىنىپ تەبرىزگە يەتكەندە ئانىسىنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋرىنى ئاڭلىدى. سۇلتاننىڭ
(ئەسلى ئەسەر 95-بەت)
ئانىسى نەھقاندا قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان يەنە ھەمىدانغا كېلىپ تەزىيە بىلدۈردى. بۇ شۇ دۆلەتنىڭ مۇقۇملىقى ۋە مەملىكەتنىڭ قائىدە-نىزامى بىلەن باغلىنىشلىق ئىدى. بىر ئايدىن كېيىن ئاتابېك سەئىدنىڭ ھەم نەھقاندا ئۆلگەن خەۋرى كەلدى. ئۇنىڭ مېيىتىنى ھامىدانغا كەلتۈرۈپ مەدرىسىدە دەپىن قىلدى.
سۇلتاننىڭ كېسىلى ئۇزاققا سوزۇلدى. تارىخنىڭ بەش يۈز يەتمىش بىرى جەمادىيەل ئەۋەل(5-ئاي)دە ئەمىر سەيىد كەبىر فەخىرددىننىڭ سىڭلىسى پاتىمەنى نىكاھ قىلىىپ، جەمادىيەل –ئاخىر(6-ئاي)نىڭ بېشىدا سۇلتاننى ئۇنىڭ سارىيىغا ئېلىپ باردى. بىر ھەپتىدىن كېيىن سۇلتان ۋاپات بولدى. ئۇ قىرىق ئۈچ ياشتا ئىدى. ئون بەش يىل يەتتە ئاي بەش كۈن پادىشاھ بولدى. ئۇ قىزىل يۈزلۈك ۋە خۇش چىراي، ساقىلى ئۇزۇن، پالۋان سۈپەت كشى ئىدى. ۋەزىرلىرى –شەھابىددىن ئوبۇلقاسىم، ئابدۇلئەزىز سەقىي، ھامىدى جالالىدىددىن بىننى قەۋامىددىن ئەسابادى، فەخرىددىن بىننى مەئىينىدددىن؛ ياساۋۇلى –ئۇزەففەرىدىن بازو ۋە مۇھەممەد بىننى ئېلدەگىر؛باش قوماندانلىرى مۇزەففەرىدىن، قىزىل ئارىسلان بىننى ئىلدەگىر ئىدى.
*    *    *
(ئەسلى ئەسەر 96-بەت)
yol
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 22:31
* * *


بايان قىلىنىشچە، سۇلتانى رۇكىنىددىن ۋە ئەد دۇنيا ئەبۇ تالىپ توغرۇل بىننى ئارىسلان بىننى مۇھەممەد بىننى مەلىك شاھ بىننى ئالىپ ئارىسلان بىننى جەئىفەر بەگ بىننى مىكائىل سەلچۇق__سۇلتان توغرۇل پادىشاھ ئىدى. ئۇ دۆلەتنىڭ شاھانە سارىيىدا تۇغۇلغان، سائادەت مۇھىتىدا پەرۋىش تاپقان، ھېچبىر ھەركەت قىلماستىنلا مەملىكەتكە ئېرىشكەن ۋە سەلتەنەت تاجىسىنى كىيگەن؛ جاھاندارلىق رەنجىنى كۆرمەي شەھەرلەر ۋە مەجىلىسلەر قۇرۇپ خەزىنە، مال-دۇنياغا ئىگە بولغان ئىدى. ئۇ مۇنچە ئىززەت ۋە دۆلەت بىلەن جاھان تۇتۇپ مەملىكەتنى شاتلاندۇرغان، ئالەمنى بېزىگۈچى تەڭدىشى يوق خاقان ئىدى.
ئۇنىڭغا ئەجەم ئاتابېك ئەئىزەمنىڭ بەرىكىسى، رايى ۋە تەربىيىسى كۈچ-قۇۋەت بەردى.
سۇلتان توغرۇل ئۆپچۆرە-ئەتراپىدىكى تەۋە ساھابىلەرنىڭ ئىنايىتىنى قولغا ئېلىپ، دۈشمەنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، قەدىر-قىممىتىنى يۇقرى كۆتۈرۈپ، قۇدرەتلىك خۇداۋەندە كەرىمگە ئىشىنىپ، بىر-ئىككى ئايدا ئىككى مەرتىۋە جاھانگىرلىك قىلدى؛ بىر مەرتىۋە پارىستا، يەنە بىر مەرتىۋە ئەزەربەيجانغا لەشكەر تارتتى. ئىككى ئىقلىم (مەملىكەت)تەسلىم بولدى. ھەر دىيار پادىشاھنى ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىگە ماقۇل قىلدى. ھېچ ئۇمەرانىڭ مەدىتى ۋە ياردىمىنى ئالماي ۋە مۇھتاجلىق تارتماي، قانائەت ھاسىل قىلدى.
كۆردىكى، دۆلەت ئۇنىڭ تىغىغا بويسۇنغان، بەخىت ئۇنىڭ ئۈزەڭگىسىگە باش قويغان ۋە ئىختىيارىغا ئۆتكەن، جاھان ۋە زامان ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇپ، چارىسىز ۋە ئاجىزلىق بىلەن قۇللۇقنى قوبۇل قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇي ۋاپا يولىدا مەھكەم تۇردى. ھېچ ئۇمەراغا قەھر-غەزەپ، زۇلۇم-مۇشاقەتنى راۋا كۆرمىدى. بىھايەت
(ئەسلى ئەسەر 97-بەت)
ئۇلۇغ سۆزلەر ، ئېھسان ۋە نېمەتلەر بىلەن مېھرىۋانچىلىق كۆرسىتىپ، ھەر كۈنى مائاش ۋە تەمىناتنى زىيادە قىلدى. ھەر ئىشتا ئۇلارنىڭ يامان قەسىت ۋە ئادەتلىرىنى ئېتىبارغا ئالمىدى. بۇنىڭدىن مەقسەد:
«تاكى ھەممىسى ئەيىش-ئىشرەت ۋە يۈكسەك ئورۇن، دەرىجە-مەرتىۋە بىلەن ئامانلىق تاپقاي؛ دۆلىتى ۋە كامال-نېمىتىنىڭ زىيادە بولۇشنى بۈيۈك تەڭرىدىن تىلىگەيلەر؛ بۇ ئەدىل-ئىنئام، لۇتىف ۋە ھەممەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن تامام جاھان ئىقلىمنى تا ئىختىيارىغا ئېلىپ، زامان ئۇنىڭ تەخىت پەرمانىغا بويسۇنغاي؛ پادىشاھ جەمشىد«58»ھاتەم ۋە رۇستەم«59»نىڭ دۆلىتى ۋە ئۆمۈر-ھاياتىغا مۇرادى رام بولغاي؛ پادىشاھلىق نىشانىسى ۋە جاھاندارلىق تەرىقىسى ئۇنىڭدىن يادىكار قالغاي»_ مانا بۇ دۆلەتنىڭ ئۇلۇغى_ئاتابېك ئەئىزەمنىڭ راي ۋە تەدبىرىدۇر.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇمەرالار شاھنىڭ دەرگاھىغا تا ئۆمۈرنىڭ ئاخىرغىچە قۇللۇق قىلدى. چۈنكى ياخشى خىسلەت ۋە كامالەت، ئەقىل-پاراسەت، يارىتىلىش، ئىلىم-ھېكمەت ۋە ئادالەت بابىدا ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ ھېچ پادىشاھ ئۇنىڭدەك ئەمەس ئىدى.
تەڭرىتائاللا ئۇنىڭغا خەلقپەرۋەرلىك، دوسلۇق، چەۋەندازلىق، ئوقيا ئېتىش، قورال-ياراق ئىشلىتىش، يىگىتلىك ۋە ھۆكۈمىرانلىق قاتارلىق ھۈنەر-سەنئەتنىڭ ھەممىسىنى ئىنئام قىلغان ئىدى. شۇ قاتارلىق خىسلەت، ياخشى ئادەت، يېقىملىق ئۇنىڭدا كامالىغا يەتكەن ئىدى. ئاقىللار پەم-پاراسىتى ئۇنىڭ ئىدراكىدىن ئاجىز ئىدى.
يۇقرىدا تىلغا ئېلىنغانلىرى پەقەت ئەل ئاغزىدا نەقىل قىلىنغىنى ئىچىدىكى ھەر مىڭدىن بىرىدۇر. قالدىسى جاھانغا باقىيدۇر. مەزكۇر تارىخنىڭ ئاخىرى ۋە داۋامى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەقتائالانىڭ مەدىتى ئارقىلىق ياخشىلار تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كېلىپ، تا كېيىنكى زامانلاردا بەندىلەرگە يەتكەي ۋە ئوقۇپ ئىشتكەي. نەزم:
(ئەسلى ئەسەر 98-بەت)
گەرچە ھەجرىڭ①دە ئۆرتەنىپدۇرمەن،
تەڭرىگە تاپشۇرۇپ كېتىپتۇرمەن.
دىلبەرىڭ ۋەسلى بىرلە بولغىل شاد،
ماڭا فۇرقەت②ئەزابى، سەن ئازاد.
①(ھەجر___ئايرىلىق، جۇدالىق)
②(فۇرقەت__ئايرىلىق، جۇدالىق)
خاجە ئىمام زۇھرۇددىن نىشاپۇرى ئەۋلادى سەلچۇقنىڭ بايانىنى ۋە تارىخىي كەچۈرمىشلىرىنى مۇشۇ يەرگىچە يەتكۈزگەن ئىكەن.
ئەبۇ ھامىد مۇھەممەد بىننى ئىبراھىم بۇ تارىخنى ئاخىرلاشتۇرماقنى نىيەت قىلىپ، سۇلتان توغرۇل دەۋرىنى تا ئاخىرىغا يەتكۈزگەن ئىكەن؛ خاجە ئىمام زوھۇردىدىن سۇلتان توغرۇلنىڭ دەۋرىدە كىتاپ ھالىتىگە كەلتۈرگەن ئىكەن.

* * *


تارىخنىڭ بەش يۈز توقسان توققۇزى، مۇھەممەد بىننى ئىبراھىمنىڭ بايان قىلىشىچە، سۇلتان سەئىد رۇكىنىددىن توغرۇل پادىشاھ ئىدى. ئادىللىق ۋە سىياسەتلىكتە ئەۋلادى سەلچۇقتا ئۇنىڭ تەڭدىشى يوق ئىدى. تەڭرىتائاللا كامال-خۇلىق، تامام ھۈنەر، ئەقىل ۋە ئادىللىقنى ئۇنىڭدىن ئايىمىغان ئىدى. باتۇرلۇق، مەردانىلىق ۋە شىجائەتتە رۇستەم زامانىدەك؛ ئادالەت، دانىشمەنلىك، يېتۈكلۈك ۋە ساخاۋەتتە يىگانە ئىدى. ئالىملارنى دوسىت تۇتقۇچى، دەرۋىشلەرنى ياخشى كۆرگۈچى، دۈشمەنلىرىگە قەھر-غەزەپ ئوقىنى ياغدۇرغۇچى كىشى ئىدى.
(ئەسلى ئەسەر 99-بەت)
ئاتابېك سەئىد شەمسۇددىن مۇھەممەد بىننى ئېلدەگىرنىڭ ھاياتلىقىدا پۈتكۈل خەلق ھوزۇر-راھەتتە ئىدى. تارىخنىڭ بەش يۈز سەكسەن بىرى زۇلھەجە ئېيى(12-ئاي)دا ئاتابېك ئادىل(ئاتابېك شەمسۇددىن مۇھەممەد بىننى ئېلدەگىر)رەي شەھرىدە ۋاپات بولدى. بۇچاغلاردا سۇلتان توغرۇل سادەدە ئىدى. بەزى ئۇمەرالار: جەمالىددىن ئەي ئەي، سەيفىددىن رەئۇس ۋە قامالىدىن ئارىيە ئىسپاھاندا-فەتلىغ ئىنانەھ خىزمىتىدە ئىدى.
سۇلتان نىيەت قىلدىكى، ئەيىش-ئىشرەت ۋە ھوزۇر بىلەن ئۆتكۈزگەن مەملىكەت ئىشىنىڭ ئورۇنسىز، نا توغرا كەتكەن تەرەپلىرىنى ئورنىغا كەلتۈرۈش ۋە جاھانگىرلىك يولىدا ئۇرۇش قىلىش نىيتىگە كەلدى. سۇلتاننىڭ ئويىچە، بۇ پادىشاھلىق تەرىقىسى ئىدى. ئاتابېك قىزىل ئارىسلان ھەم بۇنىڭغا رازىلىق بەردى. شۇنداق قىلىپ ئۇمەرالارغا كىشى ئەۋەتتى. ئاتابېك قىزل ئارىسلان ھېساپسىز لەشكەر بىلەن ھەمىدانغا كەلدى. لەشكەرنى باغ-بوستان، راۋاق-گۈمبەزگە چۈشۈرۈپ، ئەيىش-ئىشرەتكە مەشغۇل بولدى. بۇ ئەھۋالدا ئىراقنىڭ چېقىمچى ۋە پىتنە-پاساتچىلىرى سۇلتانغا گەپ توشۇپ، سۇلتاننى بەد گۇمان قىلىپ قويدى. بۇ چېقىمچى، پىتنە-پاساتچىلارنىڭ سۆزى بىلەن ئارىدا ئىختىلاپ پەيدا بولدى. ئاتابېك قىزىل ئارىسلان سەلتەنەتنى تامام ئۆز ئىختىيارىغا ئېلىۋالدى. سۇلتاننىڭ قولىدىن سەلتەنەت ئىشى ئۇچۇپ كەتتى. سۇلتاننىڭ بەزى خاس كىشىلىرى مەھبۇس قىلىنىپ، سۇلتاننى تەڭلىكتە قالدۇردى. ئۇمەرالىرىدىن جەمالىددىن ئەي ئەي ۋە سەيفىددىن رەئۇسمۇ سۇلتانغا قارشى باش كۆتۈرۈپ چىقتى.
ۋاقىتكى، ئاتابېك قىزىل ئارىسلان سۇلتاننى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ (جەمالىددىن ئەي ئەي ۋە سەيفىددىن رەئۇسنىڭ)ئارقىسىدىن
(ئەسلى ئەسەر 100-بەت)
سادەگە باردى ۋە ئاتابېك ئۇ يەردە ئىنانەھنى قىزنى ئالدى. ئاندىن رەيگە باردى. سۇلتان ئۆز خاسلىرى بىلەن بىر كېچە پۇرسەت تېپىپ، يوشۇرۇنچە سەمنانغا-ئايبى رەئۇس قېشىغا باردى. ئاتابېك لەشكىرى بىلەن ئارقىدىن قوغلاپ كەلدى. سۇلتان دەمخانىدا بىر تاغ ئارقىسىغا بېرىپ مەھكەم بولدى ۋە نەچچە كۈن جەڭ قىلدى. بىر كۈنى ئاتابېك لەشكەرنىڭ(سۇلتان لەشكىرىنىڭ)تولىلىقىدىن شىكەسىت تېپىپ رەيگە ياندى. سۇلتاننىڭ دەمغان دەپ بىر كەنتى بار ئىدى. بۇ كەنىتتە بەد مەزھەپتىكىلەر(غەيرى دىندىكىلەر، غەيرى مەزھەپتىكلەر)تۇراتتى. ئۇلارنىڭ قورغىنىنى ئېلىپ ۋەيران قىلدى. ئاندىن مازاندارانغا باردى. پادىشاھ مازانداران ياخشى خىزمەتتە بولغان ئىدى، بىراق بۇ يەردىمۇ چېقىمچى، پىتنە-پاساتچىلار گەپ توشۇپ، سۆز يەتكۈزۈپ، ئارىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلىپ، سۇلتاننى ۋەھشىي، قورقۇنچىلىق قىلىپ كۆرسەتكەنلىكتىن، شاھ مازانداران بىر كۈنى سۇلتانغا جەڭ ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان ئاتلىنىپ شاھ مىزران يولى بىلەن سەمنانغا كەلدى. شاھ مازەنداران ھەيران بولۇپ، ئارقىدىن كىشى ئەۋەتىپ ئۆزۇر ئېيتىپ، ھەقىقەتەن بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلدى.
ئاتابېك تارىخنىڭ بەش يۈز سەكسەن ئۈچى رامىزان ئېيى(9-ئاي)دا ھەمىدانغا كەلدى. ئۇمەرائى ئىراق ئاتابېك بىلەن قارىشلىشىپ، لەشكەر يىغىپ، سۇلتانغا كىشى ئەۋەتتى. ئاتابېك ئۈمىدسىزلىنىپ ئەزەربەيجانغا يۈرۈش قىلدى. تامام ئەسۋاپ، ئۆي-جاي، مال-مۈلۈك ھەمىداندا قالدى. ئۇ چاغدا ئەمىر ئەبۇ بەكر مەرۋى شەھرىدە ئىدى. سىراجىددىن قىيمار رامىزاننىڭ توققۇزى تېزلىك بىلەن ئىسپاھاندىن ھەمىدانغا كەلدى. قەتلىخ ئىنانەھ ئەزەربەيجاندىن رەيگە كەلدى. ئەمىر ئەبۇ بەكر قايتىپ
(ئەسلى ئەسەر 101-بەت)
«قەلئەيى بوستان»غا كەلدى. رامىزاننىڭ ئون تۆتى ئىدى. ئەزىزىددىننى ۋەزىر قىلدى. سىراجىددىن قىيمار ئەبۇ بەكر بىلەن بىرلىشىپ ئەزەربەيجانغا يۈرۈش قىلدى. زىمىستان ئىدى. سۇلتان سادەگە كەلدى. ئەمىر ئەلەم ھەمىداندا ئىدى. ئەمىر ئەبۇ بەكرىنىڭ كەلگىنىنى ئاڭلاپ، تارىخنىڭ بەش يۈز سەكسەن تۆتى جەمئىي يىگىت ۋە بۇزۇرۇگزادىلەر بىلەن بىر كۈنلۈك يول يۈرۈپ كەھرىگە باردى. يوللارنى توسۇپ ئەمىر ئەلى ئالىپنى تۇتۇپ، نۇرغۇن يىگىت ۋە بۇزۇرۇگزادىلەرنى ئۆلتۈردى.
باھار پەسلى بولدى. قەتلىخ ئىنانەھ رەيدىن سۇلتاننىڭ خىزمىتىگە كېلىپ، ئەزەربەيجانغا يۈرۈش قىلدى. سەپەر ئېيى(2-ئاي)نىڭ ئاخىرى ئىدى. «ئاتابېكنىڭ لەشكىرى فەراۋان بىلەن ۋەزىر خەلپىنى باشلاپ پادىشاھلىق قەستىدە كېلىۋېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر كەلدى. لەشكەر ئاز ئىدى. سۇلتان سەفىد ئاباد چېگرىسى بىلەن قېچىپ دىمىرەھكە كەلدى ۋە باغدات لەشكىرىگە شىكەسىت بېرىپ، ۋەزىرنى تۇتۇۋالدى. قاچانكى، باغدات لەشكىرىنىڭ مەغلۇبىيەت خەۋىرى ئاتابېككە يەتتى. شۇڭا ئۇ تېزلىك بىلەن ئاتلاندى.
بەس، سۇلتان ھەمىدانغا كەلدى. ئاتابېك بىر مەنزىلگە يېقىنلاپ كەلدى. سۇلتان«راۋىقى ھەمىدان»غا چۈشتى. ئاتابېك «راۋىقى كۇھەن»گە چۈشتى. بىر ئاي جەڭ قىلدى. ئاخىر ئاتابېك لەشكەرلىرى تەڭقىس بولدى. شۇنىڭ بىلەن يېنىپ سەفىد ئابادغا كەتتى. سۇلتان جەمادىيەل-ئەۋۋەل ئېيى(5-ئاي)دا ئايبى ۋە ئارىيەنى ئۆلۈمگە بۇيرۇدى. چۈنكى سۇلتان ئۇلار ئۈستىدىن غەلبە قىلغان ئىدى. بۇ سەۋەپتىن قەتلىخ ئىنانەھ ۋە ئەلادىننىڭ كۆڭلىدە خۇسۇمەت ۋە دۈشمەنلىك پەيدا بولدى. قەتلىخ ئىنانەھ سۇلتاندىن رۇخسەت بىلەن رەشىدكە باردى ۋە ئارقىدىن سىڭلىسى مەراقىپ خاتۇننىڭ
(ئەسلى ئەسەر 102-بەت)
جابدۇق، ئۆي-بىساتىنى ئەۋەتىپ، ئەلادىنغا ئىلتىپاتلار قىلىپ سەرۇپاي، شاھانەھ ئات-ئۇلاغ ھەدىيە قىلىپ، ئوغلانلىرىدىن بىرىنى بەردى. ئاندىن ئەزەربەيجانغا باردى. كېيىن شاھ ئەزمەننىڭ خىزمىتىگە كەلدى ۋە ئەمىر تۇغىنى قەلئەدىن خالاس قىلدى.
ئاتابېك رەجەپ ئېيى(7-ئاي)دا لەشكىرى باغدات بىلەن ھەمىدانغا كېلىپ، سەنجەر بىننى سۇلايمان شاھ نامىغا خۇتبە ئوقۇتۇپ شاھلىق كەمىرىنى باغلىدى، نەچچە كۈن ئۆتتى. ئاتابېك بىلەن لەشكىرى باغدات ئارىسدا ئىختىلاپ پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئاتابېك ئىراققا يۈزلەندى. قاچانكى، زىمىستان بولدى. زۇلھەججە ئېيى(12-ئاي)نىڭ يەتتىسى ئىدى. ئەزىزىدىننى ئىككى ئوغلى ۋە قەتلىخ تەشتىن بىلەن ئۆلۈمگە بۇيرۇدى، قەتلىخ ئىنانەھ شۇ مەزگىلدە رەيدىن بارلىق لەشكىرى بىلەن ئىسپاھانغا كەلدى. ئىزدەمىرنىڭ ئوغلى ئىسپاھاننىڭ ئوغلى ئىسپاھاننىڭ پاسىبانى ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن شەھەر دەۋرازىسى (شەھەرگە كىرىش ئېغىزى)دا نەچچە مۇددەت جگڭ قىلدى. ئەزدەمىرنىڭ ئوغلى سۇلتانغا نامە ئەۋەتتى. سۇلتان زىمىستان بولغانلىقتىن ياردەمگە بارالمىدى.
تارىخنىڭ بەش يۈز سەكسەن بەشى سەپەر ئېيى(2-ئاي)ئىدى.(قەتىلخ ئىنانەھ)ئەزدەمىرنىڭ شەھرىنى ئېلىپ، ئۇنى (ئەزدەمىرنى)ئۆلتۈردى.
باھار بولدى. سۇلتان ئىسپاھانغا يۈرۈش قىلىپ، يېقىنلاپ كەلدى. قەتلىخ ئىنانەھ لەشكەر بىلەن ئالدىغا ئاتلاندى. بىراق قەتلىى ئىنانەھ كونا ئاغرىقى تۈپەيلىدىن ئارا يولدىن لەشكىرى بىلەن قايتىپ ھەمىدانغا كەلدى. ئىككى كۈندىن كېيىن ئاتابېك قىزىل ئارىسلان يېتىپ كەلدى. ئىسپاھان شاھى سۇلتان زۆرۈرۈىيەت يۈزىسىدىن
(ئەسلى ئەسەر 103-بەت)
ئالدىغا قارشى ئېلىشقا چىقتى. ئاتابېك كېلىپ سۇلتاننى تۇتتى.
تارىخقا بەش يۈز سەكسەن ئالتە ئىدى. نەچچە كۈندىن كېيىن سۇلتاننى ئوغلى مەلىك شاھ بىلەن ئەزەربەيجانغا ئەۋەتىپ، كۇھراندا مەھبۇس قىلدى. ئىراق زېمىنى ئاتابېككە ئوڭچە قالدى. سەلتەنەت ئەۋلدى سەلچۇقتىن يۆتكۈلۈپ ئاتابېككە بەر قارار بولدى. ئاتابېك ئەسۋابى سەلتەنەتنى تەخ قىلىپ، تارىخنىڭ يۈز سەكسەن يەتتىسى شەۋۋال ئېيى(10-ئاي)دا ھەمىدانغا كەلدى.
بىر كۈنى ئاتابېك قىزىل ئارىسلاننى ئۆلۈك ھالەتتە تاپتى. شۇ كېچە ئاتابېك ئەبۇبەكىر ئەزەربەيجانغا كەتكەن ئىدى. تەزىيە بىلدۈرۈشتى.
قەتلىخ ئىنانەھ ئانىسى بىلەن رەيگە كەلدى. لەشكەر ئىشى ئۇمەرالارنىڭ ئىختىيارىدىا قالدى. باھار پەسلىدە قەتلىخ ئىنانەھ يەنە ھەمىدانغا قايىتىپ كەلدى. لەشكەر قارشى ئېلىپ ئالدىغا چىقتى.
بەدىردىن قارا كۆز ئاتابېكى ھەمىداننىڭ ۋالىيىسى، موجىددىن ئەلىيۇل-دەۋلەئى لەشكەر بېشى ئىدى. (ئىككەيلەن)كېلىشەلمەي، موجىددىن قارىنىڭ كۆڭلىدە گۇمان پەيدا بولۇپ«قەلئەيى ھامىدان»نى ياسىغان ئىدى. بۇ مەھەلدە«سۇلتان توغرۇل قەلئەدىن قۇتۇلۇپ چىقىپتۇ»دېگەن خەۋەر تارالدى. بەدىردىن قارا كۆز خەۋەرنىڭ راسىت-يالغانىنى تەكشۈرۈپ تەھىقلىمەستىنلا موجىددىننى شەھەردىن قوغلاپ چىقارماق ئۈچۈن نىيەت قىلدى. مەھەللە يەكسان قارا كۆز تەرىپىگە ئۆتتى. ئۆزگە مەھللىلەر موجىددىنغا يۈزلەندى. تۆت كۈن جەڭ قىلدى. شەھەردە زىلزىلە پەيدا بولۇپ، يەر تەۋرىدى. ئاخىر ئۇلۇغلار بىر يەرگە يىغىلىپ جەڭدىن قول يىغدى.
ۋاقىتكى، ئاتابېك قىزىل ئارىسلاننىڭ ئۆلگەن خەۋرى ئەزەربەيجاندا
(ئەسلى ئەسەر 104-بەت)
پاش بولدى. «قەلئەيى كۇھران»نىڭ كۇتۋالى مەھمۇت ئاتا بەدىردىن زەمارى بىلەن بىرلىشىپ سۇلتاننى مەھبۇسلۇقتىن خالاس قىلدى. ئاندىن تەبرىزگە كەلدى. ئەتراپ-ئۆپچۈرىدىن لەشكەر يىغدى. ئاندىن ئىككى-ئۈچ مىڭ ئاتلىق بىلەن ئىراققا يۈزلەندى.نۇرىددىن قارا قىزدىن كېلىپ قوشۇلدى. ناسىرددىدىن ئۆمەر، شەرىفىددىن دەۋلەئى ھەر تەرەپتىن چېچىلىپ كەتكەن لەشكەرلەرنى يىغىپ كەلدى. قەتلىخ ئىنانەھ شۇ كۈنى ئون ئىككى مىڭ مەردانە شىردىل(شىر يۈرەك)ۋە پالۋان-باتۇرلار بىلەن بۇلارغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.
تارىخنىڭ بەش يۈز سەكسەن سەككىزى جەمادىيەل-ئاخىر(6-ئاي)نىڭ ئون بەشى ئانە كۈنى شەھرى قىزدا جەڭ قىلدى. بۇ قېتىمقى جەڭدە سۇلتان زەپەر تاپتى. قەتلىخ ئىنانەھ قېچىپ رەيگە كەتتى. سۇلتان ھەمىدانغا كېلىپ لەشكەر توپلىدى.
بايان قىلىنىشچە، سۇلتان مەھبۇس بولۇپ، ئاتابېك قىزىل ئارىسلان تەخىتكە ئولتۇرغاندا، خارەزىم شاھى ئەلائىددىن بىننى ئارىسلان خەۋەر تېپىپ، ئەۋلادى سەلچۇقنى يەنى سۇلتاننى ئۆز ئورنىدا قويۇش نىيتىدە بولغان ئىدى. ئەمما بۇرادىرى سۇلايمان شاھتىن ئېھتىيات قىلىپ تەخىر قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئاخىر سۇلايمان شاھ قايىتقاندىن كېيىنلا ئاندىن خارەزىم شاھى مەدەت تېپىپ سۇلتانغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىراققا يۈرۈش قىلىپ رەيگە كەلگەندە، سۇلتاننىڭ مەھبۇسلىقتىن خالاس بولۇپ، ئۆز لەشكىرىگە قوشۇلغانلىقىنى بىلدى. بىراق بۇ چاغدا قەتىلىخ ئىنانەھ رەيدە ئىدى. سۇلتاننىڭ لەشكىرى جەمادىيەل- ئەۋۋەل (5-ئاي)دا رەيگە كېلىپ پۈتۈنلەي دېگۈدەك «قىلتاق»قا دەسسەپ يامان ھالغا چۈشۈپ قالدى. خارەزىم شاھ ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىچە ۋە ئىشنىڭ باشقىچە ھەمدە
(ئەسلى ئەسەر 105-بەت)
سۇلتان لەشكىرىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ:
«شاھلىق خۇتبىسى خارەزىم شاھنىڭ نامىغا بولغاي» دېگەن تاما بىلەن سۇلتانغا ئەلچى ئەۋەتتى. ئارىدا ئەلچىلەر نەچچە مەرتىۋە يۈرۈپ، ئاخىر مەسلىھەت:
«خارەزىم شاھ نىيتىدىن يانىدىغان، سۇلتان بىلەن ئىتىپاق تۈزۈشكە ئەھىد قىلىدىغان»بولۇپ قارار تاپتى. ئۇ چاغدا جەمائىتى ئەبابەكيان، قاراخان ۋە قاراگربان خىرمان ۋىلايىتىدە ئىدى. قاچانكى، خارەزىم شاھ قايتىش بىلەن جامائەت ئەھدىنى بۇزدى ۋە گۇمان بىلەن ئارقىدىن باردى.
سۇلتان قەتلىخ ئىنانەھنىڭ ئانىسىنى نىكاھىغا ئالدى. ئاندىن «قەلئەيى سەرجەھان»دىن ھەمىدانغا كەلدى. قەتلىخ ئىنانەھ ھەم ئەزەربەيجاندىن ھەمىدانغا باردى. ھەممە ئەتراپتىن لەشكەر ئۇنىڭغا يۈزلەندى. بۇرادىرى ئاتابېك ئەبۇبەكرنىڭ مەدىتى بىلەن ئۈچ-تۆت مەرتىۋە جەڭ قىلدى. بۇ جەڭدە ئاتابېك ئەبۇبەكرى زەپەر تاپتى.
تارىخنىڭ يۈز سەكسەن توققۇزى ماھى مۇھەرەم(1-ئاي)ئىدى.تامغان شاھ بىننى مويىد خارەزىم شاھتىن شىكەسىت يەپ قېچىپ سۇلتان قېشىغا كەلدى. ماھى رەبۇل ئەۋۋەل(3-ئاي)دا مەئىينىددىن ۋەزىرنى تۇتتى. چۈنكى ئۇ باغداتقا نامە ئەۋەتكەن ئىدى.
خارەزىم شاھنىڭ ئەھدىنى بۇزغانلىق خەۋىرى سۇلتانغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان رەيگە بېرىپ خارەزىملەرنى تۇتتى ۋە خارەزىملەرنىڭ قەلئەسىنى ۋەيران قىلدى. ئاندىن سۇلتان يەنە مەئىينىددىننى ۋەزىر قىلدى.
سۇلتان ۋەزىرنى، پادىشاھ شەبنى رەيدە قالدۇرۇپ، ئۆزى ھەمىدانغا كەلدى.
قەتىلخ ئەزەربەيجاندىن قەۋزىن(ئىراننىڭ غەربىي
(ئەسلى ئەسەر 106-بەت)
قىسمىدىكى قەدىمىي بىر شەھەرنىڭ نامى)گە كېلىپ، مۇزەففەرىددىن باردار بىلەن ئىتىپاق تۈزۈپ رەيگە يۈرۈش قىلدى. پادىشاس كېچىدە ۋەزىر سادە بىلەن ھەمىدانغا كەلدى. سۇلتان ئەمىر ئەلەم بىلەن بەش مىڭ ئاتلىقنى ماھى شەۋۋال(10-ئاي)دا رەيگە ئەۋەتتى. قەتلىخ ئىنانەھ ئۇلاردىن شىكەسىت يەپ دامغانغا كەتتى. نەچچە مۇددەتتىن كېيىن ئەمىر ئەلەم كېسەل بولۇپ قالغان ئىدى. قەتلىخ ئىنانەھ يەنە كېلىپ ئەمىر ئەلەم بىلەن جەڭ قىلدى. بىراق يەنە مەغلۇپ بولۇپ جۇرقانغا كەتتى. سۇلتان رەيگە كەلدى. نەچچە كۈندىن كېيىن مەئىينىددىن ئەبۇ بەكرىگە خارەزىم لەشكىرىنىڭ خەۋرىنى يەتكۈزۈشتى. مەئىينىددىن ھەر ئېھتىمالغا قارشى توساتتىن يۈز بېرىدىغان ھادىسلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا لەشكەرلەرنى دائىم دېگۈدەك ئاگاھلاندۇرۇپ ئېتىبارسىز قارىشاتتى. ئاخىر بەزى ئۇمەرالار كېلىشكە تەرغىپ قىلىپ خارەزىم شاھقا نامە ئەۋەتتى. ناگاھ، تارىخنىڭ بەش يۈز توقسۇننچى يىلى رەبىيۇل ئەۋەل(3-ئاي)نىڭ ئاخىرى پەيشەنبە كۈنى خارەزىم شاھ ھېساپسىز لەشكىرى-قوشۇن بىلەن رەي دەرۋازىسىغا كېلىپ توختىتدى. سۇلتان توغرۇل ئۆزىنى چاغلىيالماي ۋە ياكى قازادىن قۇتۇلالماي، ئازغىنە لەشكەر بىلەن تاقابىل بولدى. ئۆزىنىڭ نام-نەسەبىنى پەش قىلىپ ئۆزىنى لەشكەرگە ئۇرۇپ جەڭگە تۇتۇندى. ھېچبىر ئۇمەرا ۋە لەشكەر ماسلاشمىدى ياكى نەسىھەت قىلىپ توسمىدى. سۇلتان بىر نەچچە خاس كىشىلىرى بىلەن لەشكەر ئارىسىدا قالدى. ۋاقىتكى خارەزىم شاھ سۇلتاننى تۇتتى. قۇدرەت ۋە دۆلەت، نام ۋە نەسەب ئەجەلگە ھېچبىر دالدا بولالمىدى.
ئىراقىيلار(ئىراقىيلار)خارەزىم شاھقا سۇلتاننى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەت كۆرسەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار سۇلتان توغرۇلنىڭ
(ئەسلى ئەسەر 107-بەت)
بېشىنى كېسىپ، تېنىنى رەي شەھرىدە بازار«رودى زەرد»تە دارغا ئاستى. بېشىنى باغداتقا ئەۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن راھەت، ئاسايىش ۋە پاراۋانلىق، ئادالەت تۈگۈدى. قەدىمقى پادىشاھلاردىن رۇستەم سۈپەت ۋە راسىت سۆزلۈك بۇزۇرۇگلار ئۇنىڭ مەرسىيىسىدە تۆۋەندىكى ئىككى بېيىتنى نەقىل كەلتۈرگەن. نەزىم:
شاھا بۇ جەھان كۆڭلى ساڭا بەسى تەڭدۇر①
فىروزەئى چەرخ②كۆركى رەڭگارەڭدۇر.
باشىڭ تۈنۈگۈن فەلەككە تا بىر گەز ئىدى.
تېنىڭ باشىڭغە بىر فەرسەڭ③(ئولدى).
①(تەڭ-تار، قىستاڭ)
②(فىروزەئى چەرخ__كۆك رەڭلىك ئاسمان)
③(ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى)
قالغانلارنىڭ ئەھۋالىغا تۆۋەندىكى ئىككى بېيىت نەقىل كەلتۈرۈلگەن. نەزىم:
ئەمدى بۇ زەمان خەلقى ئېرۇر رەڭگارەڭ،
دارى دەۋرۇتۇ ۋەرائۇل ھەمىدى، قىلىنىچ-
يوقتۇر ھەمە جەڭ.
ئىنساف ئىلە ئەدل ئورنىدا جەۋرۇ سىتەم،
يارەب، بۇ جەھان خەلقىغە بولماسىدۇر تەڭ.
(ئەسلى ئەسەر 109-بەت)
ھەممىدىن تۆۋەن تۇرغۇچى كەم ئەقىل كاتىپ موللا ھوشۇر بىننى مۇشتىرى بىننى موللا شەمىس(كاتىپ)نىڭ ئەيىپ-نۇقسانلىرىنى ئاللاھ كەچۈرگەي.
بۇ كىتاپ ھىجىرىيە 1257-يىلى(مىلادىيە1842-1841)چارشەنبە كۈنى تاماملاندى.
تامام

* * *


ھىجىرىيىنىڭ 1315-(مىلادىيە1898-1897)توشقان يىلى سەپەر ئېيى(2-ئاي)نىڭ يەتتىسىدە مۇھەممەد تۆمۈر خەزىنىچى بەگ خوجام كەمىنە پېقىر، ھەممىدىن تۆۋەن تۇرغۇچى شاگىرت 80ياشلىق موللاھ مۇھەممەدكە ئۇشبۇ«تارىخى تەبەرى»نى:
«بۇ كىتاپ ناھايىتىمۇ چۇۋۇلۇپ كېتىپتۇ. تۈپلىنىپ قالسا(ياخشى بولاتتى)»دەپ تاپشۇرغان ئىدى. بۇ كىتاپ جەمئى ئەللىك توققۇز باب، تۆت يۈز يەتمىش ئىككى ۋاراق بولۇپ، ئۇنى رەتلەپ مۇقاۋىلاپ چىقتىم. ئاخىرقى مۇشۇ بەتتىكى يىرتىلىپ، ئۆچۈپ كەتكەن خەتلەرنى يېزىپ تولۇقلاپ قويدۇم.
كىمكى بۇ كىتاپنى ئوقۇسا، شۇبۇ كىتابنى رەتلەپ، تۈپلەپ، يېڭىلاپ چىققان كەمىنە موللا مۇھەممەدنى ئۆز دۇئالىرىغا خېرىدار قىلغاي.
(ئەسلى ئەسەر 109-بەت)

ئەركەم تورى
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 10
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
11-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 22:38
ئىزاھات



«1»سەلچۇقبەگ-دەقاق خاننىڭ ئوغلى(«ئىزاھات(4)»كە قاراڭ). ئۇ 910-يىلى 25يېشىدا سۇ بېشى (910__990)بولغان. تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا سەلچۇقبەگ ناھايىتى قابىليەتلىك، باتۇر، ئەقىللىق، خۇشخۇي، مەرت يىگىت بولۇپ، قوشۇنلار ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئۇنىڭ ھەر قانداق بۇيرۇقلىرىغا شەرتسىز بويسۇنىدىكەن. خەلقمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ ھۆرمەتلەيدىكەن. شۇ سەۋەپتىن ئوغۇز يابغۇسى سەلچۇق سۇ بېشىنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى ئۆلتۈرۋېتىشنىڭ كويىغا چۈشكەن. سەلچۇقبەگ ئۆزىگە كېلىدىغان بۇ خەۋىپنى ئالدىن سېزىپ، ئوغۇز تۈركمەنلىرىگە باشبۇغلۇق قىلىپ، مىلادىنىڭ 915-يىلى يۈز ئاتلىق يىگىتنىڭ ھەمراھلىقىدا بىرمىڭ بەش يۈز تۆگە، ئەللىك مىڭ قوينى ئېلىپ ئىسلام دىيارىغا_سىر دەريانىڭ ئاياق ئېقىمىدىكى«جەنىد»رايونىغا كەلگەن ۋە شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بولغان.
سەلچۇقبەگ مىلادى885-يىلى تۇغۇلۇپ، مىلادىنىڭ 1000-يىلى 115يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
«2»ئەمما بەئدۇ-چاغاتاي تىلىدىكى ئەسەرلەردە ، كۆپىنچە ئالدى بىلەن ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىلىپ، رەسۇللاھ سۈپەتلىنىدۇ. ئاندىن مۇشۇ سۆز ئېيتىلىپ، ئارقىدىنلا ئاپتور دېمەكچى بولغان مەزمۇن باشلىنىدۇ. بۇ ئىبارە ھازىرقى تىلىمىزدىكى «مەقسەتكە كەلسەك»سۆزىنىڭ رولى بىلەن ئوخشاش.
«3»تەۋھىد__ تەسەۋۋۇپ تەلىماتىدا: ھەقىقەتكە يېتىشىش، كىشى روھىنىڭ ئىلاھ، ئىلاھىي روھ بىلەن قوشۇلۇپ كېتىشى؛ سوپىيلىقنىڭ بەشىنچى دەۋرى.
(ئەسلى ئەسەر 110-بەت)
«4»دەقاق__سەلچۇقبەگنىڭ ئاتىسى. ئۇ ئوغۇزلار مىلادىنىڭ 850-يىلى باشلاپ(850-يىلىدىن 965- يىلىغىچە) ھازارلار (ھازار خانلىقى شەرقى ياۋروپادا مىلادى 468-يىلىدىن965 -يىلىغىچە 497يىل ھۆكۈم سۈرگەن)غا بويسۇنغاندا، ھازار قاغانلىقىدا يابغۇ بولغان.
«5»تارىخي مەلۇماتلرغا ئاساسلانغاندا، سەلچۇقبەگنىڭ ئىسرائىل ئارىسلان يابغۇ (مىلادىنىڭ990- يىلىدىن1025-يىلىغىچە يابغۇ بولغان)، مىكائىل بەگ(مىلادىنىڭ998-يىلى ئۆلگەن)، مۇسا ئىنانىچ يابغۇ (مىلادىنىڭ 1028-يىلىدىن1032-يىلىغىچە يابغۇ بولغان)، يۈسۈپ ئىنالبەگ(مىلدىنىڭ 994-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) قاتارلىق تۆت ئوغلى بار ئىدى. ئوغۇزلار سىر دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى «جەنىد» شەھرى ۋە ئۇنىڭغا يانداش بولغان جايلاردا ياشىغان چاغلاردا، ئوغۇزلارنىڭ پائالىيىتىگە ئوغۇزلارنىڭ مەشھۇر بېگى سەلچۇقبەگنىڭ ئەنە شۇ ئوغۇللىرى يېتەكچىلىك قىلاتتى. مىلادىنىڭ 990-يىلى سەلچۇقبەگنىڭ ئوغۇللىرى ئوغۇز خانلىقى(مىلادىنىڭ 990-يىلىدىن 1040-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)نى تەشكىل قىلدى. ئارال دېڭىزىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى يەنكەنىت(يانگى كەنىت)ئوغۇز خانلىقىنىڭ پايتەختى ئىدى. شۇ چاغلاردا ئوغۇزلارنىڭ سانى مىليونغا يېتىپ، ناھايىتى جەڭگىۋار كۈچكە ئايلانغان ئىدى.
«6» سۇلتان مەھمۇد(سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى)___غەزنەۋىيلەر سۇلتانلىقىنىڭ مىلادى997-يىلىدىن 1030-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن سۇلتانى. سۇبۇق تېكىن(غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقىغا مىلادىنىڭ 977- يىلىدىن997-يىلىغىچە سۇلتان بولغان)نىڭ ئوغلى. ئۇ ئاتىسى سۇبۇق تېكىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تەخىت ۋارىسى بولۇپ27يېشىدا غەزنەۋىيلەر تەختىدە ئولتۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ
(ئەسلى ئەسەر 111-بەت)
مىلادىنىڭ 963-يىلى ئالىپ تېكىن ئاساسىنى سالغان دۆلەت ئۆزىنىڭ پايتەختى غەزىنە شەھىرىنىڭ نامى بىلەن غەزنەۋىيلەر سۇلتانلىقى دەپ ئاتالغان.
سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى غەزنەۋىيلەر تەختىگە ئولتۇرۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن يەنى 999-يىلى 11-ئايدا سۇلتان ئۇنىۋاننى ئالغان. باغدات خەلپىسى قادىر(991-1031)سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىگە ئۇنىۋان ۋە تاج يوللاپ، ئۇنى «دۆلەتنىڭ ئوڭ قولى ۋە دىندارلارنىڭ تايانچىسى»دەپ ئاتىغان.
سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىيلەرگە سۇلتان بولغان مەزگىللەردە تېروتېرىيەسى كېڭىيىپ شەرقىي ھىندىستاننىڭ پەنجاپ ۋادىسىغىچە، غەربىي ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسمى بىلەن خارەزىمگىچە سوزۇلغان. غەزنەۋىيلەر دەۋرىدە گۈللىنىپ، سەلچۇقلار دەۋرىدە تېخىمۇ يۈكسەلگەن ئىران ئەدەبىياتى ۋە شئېريىتىنىڭ ئۇلۇغ دەۋرىنى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي باشلىغان. مەشھۇر «شاھنامە»داستانى ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يېزىلغان ئىدى. ئۇ مىلادىنىڭ 1030-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى.
«7»ئىسرائىل(ئىسرائىل ئارسلان يابغۇ)__سەلچۇقبەگنىڭ ئوغلى. ئۇ ئوغۇزلارغا مىلدىنىڭ 990-يىلىدىن 1025-يىلىغىچە يابغۇ بولغان.
تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي ئىسرائىل ئارىسلان يابغۇغا ناھايىتى ئىشەنگەن ئىسرائىل ئوغۇزلارنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىپ غەزىنىگە بارغان. ئىسرائىل غەزىنىگە بارغان ھامان تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر قىسىم ئوغۇز بەگلىرى بىلەن ھىندىستاندىكى مۇستەھكەم قورغانلارنىڭ بىرى بولغان كالانجىر قورغىنىغا قامالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ يەردە(مىلادىنىڭ 1025-يىلى)ئۆلگەن. ئىسرائىل ئارىسلان يابغۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئوغۇزلارغا يۈسۈپ ئىنانىچ
(ئەسلى ئەسەر 112-بەت)
(سەلچۇقبەگنىڭ ئوغلى مۇسا ئىنانىچ ئوغلى)يابغۇ بولغان. بۇ چاغلاردا ئوغۇزلارنىڭ پائالىيىتىگە ئاساسەن سەلچۇقبەگنىڭ نەۋرىلىرى-چاغرىبەگ بىلەن توغرۇلبەگ(بۇلار سەلچۇقبەگنىڭ ئوغلى مىكائىل بەگنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى)يېتەكچىلىك قىلىشقا باشلىغان ئىدى.
«8»خۇراسان__شەھەر نامى. ئافغانىستاندا، قەدىمكى زاماندا ھازىرقى ئىراننىڭ شەرقىي قىسمى، ئافغانىستاننىڭ غەربىي ۋە غەربىي شىمالىي قىسمى، ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ خۇراسان دەپ ئاتىلاتتى. «خۇراسان»پارىسچە «خور»(قۇياش ياكى شەرق تەرەپ)دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان.
«9»قۇلتەمىش(قۇتالمىش__قۇتالمىشبەگ)___ئىسرائىل ئارسىلان يابغۇنىڭ ئوغلى. تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قۇلتەمىش شەرقىي ئانادولىنىڭ باش ۋالىيىسى بولۇپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ قوماندانلىقىدا يەتمىش مىڭ ئاتلىق قوشۇن بار ئىدى. ناھىيىتى نۇرغۇن كۈچ توپلىغان قۇلتەمىش سەلچۇقلار ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى تېھراننى بېسىۋېلىش ئۈچۈن 1064-يىلى سۇلتان بولغىنىغا نەچچە ئايلا بولغان ئالىپ ئارىسلانغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ئالىپ ئارىسلان چاغرىبەگ(مىكائىلبەگنىڭ چوڭ ئوغلى)نىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ سۇلتان توغرۇلبەگ ئالەمدىن ئۆتۈپ يەتتە ئايدىن كېيىن سەلچۇقلارغا سۇلتان بولغان ئىدى. ئالىپ ئارىسلان قۇتەلمىشكە مەكتۇپ يوللاپ، ئىسياننىڭ دۆلەتكە ناھايىتى ئېغىر بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈردىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنى بۇ خەتەرلىك يولدىن قايتىشقا ئۈندىگەن بولسىمۇ، قۇلتەمىش ئالىپ ئارىسلاننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، تېھران يېنىدا بولغان ئۇرۇشتا ئۆلگەن ۋە شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا قۇلتەمىشنىڭ ئوغۇللىرى سۇلايمان شاھ، مەنسۇر بەگ ۋە ئىنىسى روسۇل ئالىپ ئارىسلانغا ئەسىرگە چۈشكەن.
«10»سۇلتان مەسئۇد___سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ئوغلى.
(ئەسلى ئەسەر 113-بەت)
تارىخىي مەلۇماتلرغا ئاساسلانغاندا، سۇلتان مەھمۇد مىلادىنىڭ 1030-يىلى 5-ئاينىڭ26-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى(تەخىت ۋارىسى)مۇھەممەد بىلەن ئاكىسى مەسئۇد ئوتتۇرىسىدا تەخىت تالىشش كۈرىشى باشلاندى. بۇ كۈرەشتە مەسئۇد غەزنەۋىيلەر تەخىت ۋارىسى مۇھەممەدنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ تاشلاپ، مىلادىنىڭ 1030-يىلىدىن 1041-يىلىغىچە غەزنەۋىيلەرگە ئاتىسىنىڭ ئورنىغا سۇلتان بولغان. مۇھەممەد بىلەن مەسئۇد ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئەينى چاغدا توغرۇلبەگنىڭ خۇراساننى بېسىۋېلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن ئىدى.
«11»مىكائىل بىننى سەلچۇق(مىكائىلبەگ)___ سەلچۇقبەگنىڭ ئوغلى. تارىخ مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، مىكائىلبەگنىڭ چاغرىبەگ ۋە توغرۇلبەگ ئاتلىق ئوغۇللىرى بولغان. بۇ يەردە«مىكائىل بىننى سەلچۇقنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. بىرى جەئىفەر بەگ ئەبۇ سۇلتان، يەنە بىر توغرۇلبەگ ئەبۇ تالىپ(جەئىفەر بەگ بۇ سۇلتان توغرۇلبەگ ئەبۇ تالىب)»دەپ يېزىلغان. بۇ كاتىپنىڭ كۆچۈرۈش جەريانىدىكى سەۋەنلىكىمۇ ياكى ئەينى دەۋىردە شۇنداق ئاتالغانمۇ، بۇ تەكشۈرۈپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلە. بىز يەنىلا قوليازمىنى ئاساس قىلىپ «جەئىفەر بەگ»بويىچە ئېلىپ تۇردۇق.
«12»جەئىفەر بەگ ئەبۇ سۇلتان__مىكائىل بىننى سەلچۇق(مىكائىلبەگ)نىڭ ئوغلى، سەلچۇقبەگنىڭ نەۋرىسى(«ئىزاھات(11)»گە قاراڭ).
«13»رەي___ئىراندىكى بىر شەھەر. سەلچۇقلار ئىمپىريىسىنىڭ مىلادىنىڭ 1040-يىللىرىدىكى پايتەختى. مىلادىنىڭ 1040-يىللىرى ئوغۇزلار خانى سەلچۇقنىڭ نەۋرىسى توغرۇلبەگ يېتەكچىلىكىدىكى ئوغۇزلار نىشاپۇر، مەرۋى شاھ جاھاننى ئىگىلەپ تۇرۇپ، كۈچلۈك
(ئەسلى ئەسەر 114-بەت)
سەلچۇقلار ئىمپىرىيىسىنى قۇردى. خۇراسان ئاق سۆڭەكلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن توغرۇلبەگ مىلادىنىڭ 1040-يىلى تالقاندا بولغان جەڭدە غەزنەۋىيلەر سۇلتاننى مەسئۇدنى تارمار كەلتۈرۈگەندىن كېيىن، ئىرانغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىپ، رەي شەھرىنى بېسىۋالدى ۋە ئۇنى ئۆزىگە پەيتەخىت قىلدى.
«14»سەلچۇقلار 11-ئەسرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا شەرقتە ئىمپىراتورلۇق قۇرغان تۈرك جەمئىيىتى(كۆپۈنچە ئوغۇزلاردىن تەركىپ تاپقان بۇ جەمىيەت ئىچىدە باشقا تۈرك قەبىلىلىرىمۇ بار ئىدى). بۇ جەمىئەت (سالچۇقلار ئىمپىريىسى)ئوغۇز باشبۇغلىرىدىن بولغان سەلچۇقنىڭ نەۋرىلىرى تەرىپىدىن 11-ئەسىردە قۇرۇلۇپ 12-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئاخىرلاشقان(مىلادى1037-يىلىدىن1157-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) تۈرك-ئىسلام دۆلىتىنىڭ نامى.
ئوغۇزلار دەندالقان(«ئىزاھات(17)»گە قاراڭ)ئۇرۇشىدا سۇلتان مەسئۇدنى تارمار قىلىپ، دۇنياۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە شانلىق غەلبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، دۇنيادا تەخمىنەن120يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇلۇغ سەلچۇقلار ئىمپىريىسىنى تەشكىل قىلدى. توغرۇلبەگ بىلەن چاغرىبەگلەر(سەلچۇقنىڭ نەۋرىلىرى)بۇ يېڭى قۇرۇلغان دۆلەتكە چوڭ دادىسى سەلچۇقنىڭ نامىنى قوللىنىپ«سەلچۇقلار دۆلىتى»دەپ نام قويدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئوغۇزلار سەلچۇقلار دەپ ئاتىلىپ ئۇلار قۇرغان دۆلەت «سەلچۇقلار دۆلىتى»دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.
سەلچۇقلار ئىمپىريىسىنىڭ پايتەختى باشتا نىشاپۇر بولدى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي پايتەخىت تېھرانغا كۆچۈرۈلدى.
«15»بۇ دەل مىلادىنىڭ 1037-يىلى دۆلەت قۇشى سەلچۇقبەگنىڭ نەۋرىلىرى بېشىغا قونغان يىل بولدى. ئۇلۇغ سەلچۇقلار ئىمپىرىيىسىنىڭ قۇياشى شۇ يىلى چىققان ئىدى.
(ئەسلى ئەسەر 115-بەت)
مىلادىنىڭ 1037-يىلى توغرۇلبەگنىڭ ئاكىسى چاغرىبەگ(سەلچۇقبەگنىڭ نەۋرىسى، مىكائىلبەگنىڭ ئوغلى) خۇراساننىڭ ئەڭ مەشھۇر، مەدەنيەتلىك، باي شەھەرلىرىنىدىن بىرى بولغان مەۋرى شاھى جاھاننى بېسىۋالدى. شۇ چاغدا«مەلىكۇل-مۈلىك-پادىشاھلار پادىشاھى»ئۇنىۋانىنى ئالغان چاغرىبەگنىڭ نامى بىلەن مەرۋى شاھ جاھاننىڭ مەسچىتلىرىدە خۇتبىدە ئوقۇلدى. ئەينى ۋاقىتتا، يەنە ئامۇ دەريانىڭ سەل جەنۇبىغا جايلاشقان بەلخ ئوغۇزلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. مىلادىنىڭ 1038-يىلى نىشاپۇر بېسىۋىلىندى. توغرۇلبەگ (سەلچۇقبەگنىڭ نەۋرسى، مىكائىلبەگنىڭ ئوغلى) «سۇلتان»ئۇنىۋاننى ئېلىش دۇنياۋى دۆلەت بولغان غەزنەۋىيلەر ھالاكەىتىدىن دېرەك بېرەتتى.
«16»غەزنەيىن___غەزنەۋىيلەر سۇلتانلىقنىڭ پايتەختى. بۇ سۇلالە(غەزنەۋىيلەر سۇلالىسى)مىلادىنىڭ 997-يىلى سۇلتان مەھمۇد بىننى سۇبۇق تېكىن تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، پايتەخىت غەزىنە شەھرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. مىلادىنىڭ 1050-يىللىرى سەلچۇقلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.
«17»دەندالقان(دەندالقان)____مەرۋى شاھ جاھان بىلەن سىراكىس ئارلىقىدىكى بىر تۈزلەڭلىكىنىڭ نامى. قوليازمىدا«دەندالقان»يېزىلغىنى ئۈچۈن شۇ بويىچە ئېلىندى.
تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، توغرۇلبەگ مىلادىنىڭ 1040-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى مەرۋىدىن چىقىپ ئون ئالتە مىڭ ئاتلىقتىن تەركىپ تاپقان ئوغۇز قوشۇنلىرىنى باشلاپ، مەرۋى شاھ جاھاندىن 60 كېلومىتىر يىراقلىقتىكى دەندالقان مەيدانىغا كەلگەن. شۇ چاغدا ئوغۇزلارنىڭ ئىزىنى قوغلىشىپ كېلىۋاتقان سۇلتان مەسئۇدمۇ ئاتلىق ۋە پىيادە بولۇپ ئەللىك مىڭ كىشىلىك قوشۇن ۋە ئۈچ يۈز
(ئەسلى ئەسەر 116-بەت)
جەڭ پىلىدىن تەركىپ تاپقان ناھايىتى زور كۈچ بىلەن دەندالقان مەيدانىغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئىككى قۇدرەتلىك قوشۇن مەرۋى بىلەن شەرخىل(سىراكىس)ئارلىقىدىكى دەندالقان مەيدانىدا بىر-بىرىگە قارشى سەپ تارتىشتى. مىلادىنىڭ 1040-يىلى 5-ئاينىڭ23-كۈنى ئوتتۇرا ئەسىر دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر، قانلىق ئۇرۇشلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان«دەندالقان ئۇرۇشى»باشلاندى. بىرلەشمە جەڭ باشلانغان چاغدا سۇلتان مەسئۇد قوشۇنى دەسلەپ غەلبىگە ئېرىشتى. لېكىن كەچتە سەلچۇقلار ئۇلارنىڭ بارەاھلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. سۇلتان مەسئۇد مىڭ تەسلىكتە ئۇرۇش مەيدانىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ماۋارۇت دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گور رايونى ئارقىلىق غەزنەيىنگە قايىتتى.
تارىخي ماتىرىياللاردا خاتىرلىنىشچە، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ناھايىتى نۇرغۇن قان تۆكۈلگەن بولسىمۇ، سەلچۇقلار دۇنياۋى شانلىق غەلبىگە ئېرىشتى. غەزنەۋىيلەرنىڭ خۇراساندىكى ھۆكۈمىرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى. غەزنەۋىيلەر دۆلىتىنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە قۇدرىتى تۈگىدى.
جەڭ ئاياقلاشقاندىن كېيىن توغرۇلبەگ جەڭ مەيدانىغا تەختىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خۇراساننىڭ ئالىي ھۆكۈمىرانى ئىكەنلىكىنى شۇ تەختىكە چىقىپ جاكارلىدى.
سۇلتان مەسئۇد دەندالقان ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھىندىستانغا چېكىنىپ، شۇ يەردە يېڭىدىن قوشۇن توپلاپ، سەلچۇقلارغا قارشى ئۆچ ئېلىش ئۇرۇشى قىلماقچى بولغان ئىدى. ئۇ شۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى ۋە يېتەرلىك ئالتۇن-كۈمۈش قاتارلىق دۇنيا-دەپنىلەرنى ئېلىپ، غەزىينىدىن چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇ ھىندىستاندىكى سىند ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە،
(ئەسلى ئەسەر 117-بەت)
ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى يۈز ئۆرۈپ، سۇلتاننىڭ ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا دۇنيا-دەپنىلىرىنى بۇلاپ-تالىدى. سۇلتان مەسئۇدنى تۇتۇپ باغلىدى. قاماققا ئېلىنغان سۇلتان مەسئۇد 1041-يىلى(دەندالقان ئۇرۇشىدىن يەتتە ئاي كېيىن)ئۆلتۈرۈلدى.
«18»مۇسا بىننى سەلچۇق(مۇسا ئىنانىچ يابغۇ)____سەلچۇبەگنىڭ ئوغلى. مىلدىنىڭ 1028-يىلىدىن 1032-يىلىغىچە ئوغۇز خانلىقىغا يابغۇ بولغان.
«19»مەرۋ(مەرۋشاھ جاھان)___خۇراساننىڭ ئەينى دەۋرىدىكى ئەڭ مەشھۇر، مەدەنيەتلىك، باي شەھەرلىرىدىن بىرى.
«20»ھىرات___قەدىمقى شەھەر. ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىدە. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن مىلادى1-ئەسىرگىچە باكتىريە سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بولغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغان. مىلادى7-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئەرەپ خەلپىلىكى تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغان شۇنىڭدىن كېيىن ئاسىيا قىتئەسىدە مۇھىم ئىسلام مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.

«21»ئەمىر يەئىقۇت(ياقۇتبەگ)___چاغرىبەگنىڭ ئوغلى. چاغرىبەگ دەۋرىدە شەرقىي ئانادۇلۇنىڭ باش ۋالىيسى ئىدى. چاغرىبەگ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەزەربەيجانغا باش ۋالىي بولغان.
«22»ئالىپ ئارىسلان(سۇلتان مەھمۇد ئالىپ ئارىسلان)____چاغرىبەگنىڭ ئوغلى. ئۇ سۇلتان توغرۇلبەگ ئالەمدىن ئۆتۈپ يەتتە ئايدىن كېيىن (مىلادىنىڭ 1063-يىلىدىن1072-يىلىغىچە)سەلچۇقلارغا سۇلتان بولغان.
ئالىپ ئارىسلان سۇلتان بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىچىكى جەھەتتە خەتەرلىك بىر ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. يەنى ئۇنىڭ مەرھۇم تاغىسى ئىسرائىل ئارىسلان يابغۇ(مىلادىنىڭ 1025-يىلى ھىندىستاندىكى
(ئەسلى ئەسەر 118-بەت)
كالانجىر قورغىندا ئۆلگەننىڭ ئوغلى قۇلتەمىشبەگ ئالىپ ئارىسلانغا قارشى ناھايىتى نۇرغۇن كۈچ بىلەن ئىسيان كۆتۈرگەن ئىدى. ئالىپ ئارىسلان قۇلتەمىشبەگنىڭ ئىسيانىنى باستۇرغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىلگىرلەپ گورۇجىستاننى ئىشغال قىلدى.(بۇ چاغدا ئۇكىسى ياقۇتبەگ يېقىندىن ماسلىشىپ ئەرمىنىستاننىڭ ۋان كۆلى بويىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان ئىدى). بۇنىڭ بىلەن جەنۇبى كاۋكاز سەلچۇقلار ئىمپىريىسىنىڭ تېروتىريىسىگە قوشۇۋېلىندى.
ئالىپ ئارىسلان مىلادىنىڭ 1065-يىلى ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، غەربىي قاراخانىلار بىلەن قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئورۇنۇتىشقا ئاساس سالدى(كېيىن غەربىي قاراخانىيلارنىڭ خاقانى شەمسۇل-مۈلكنىڭ ھەمشىرىسى تۇركان خاتۇن ئالىپ ئارىسلاننىڭ قىزى ئايىشە خاتۇنغا ئۆيلەنگەن. شەمسۇل مۈلۈكنىڭ ھەمشىرىسى تۇركان خاتۇن ئالىپ ئارىسلاننىڭ ئوغلى سۇلتان مەلىك شاھقا ياتلىق بولغان). مىلادىنىڭ 1067-يىلى خارەزىمنى بېسىۋالدى. قىسقا بىر مۇددەت ئىچىدە (مىلادىنىڭ1064-يىلىدىن 1070-يىلىغىچە) ئەرەپ پاتىمە سۇلالىسىنىڭ قولىدىن مەككە بىلەن مەدىنىڭ ئىگدارچىلىق ھوقۇقىنى تارتىۋالدى. سۈرىيە بويسۇندۇرۇلدى. ئالىپ ئارىسلان مىلدىنىڭ 1071-يىلى مالازگىرد ئۇرۇشى(بۇ ئۇرۇش دېڭىز يۈزىدىن 1500مېتىر ئىگىزلىكتىكى ۋان كۆلىنىڭ شىمالىدىن 45كېلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان مالازگىرد قورغىنىڭ يېنىدا بولغىنى ئۈچۈن، شۇ قورغان نامىدا«مالازگىرىد ئۇرۇشى»دېگەن نام بىلەن دۇنيا تارىخىغا كىرگەن)دا شەرقىي رۇما ئۈستىدىن غەلبە قىلغاندىن كېيىن، سەلچۇقلار ئىمپىريىسىنىڭ تېروتىريىسى كېڭىيىپ، ناھىيىتى يىراقلارغا سوزۇلدى.
«23»مىلادىنىڭ 1040-يىلى ئوغۇزلار «دەندالقان ئۇرۇشى»(«ئىزاھات(17)»گە قاراڭ)دا دۇنياۋىي غەلبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، تەخمىنەن120يىل(مىلادىنىڭ 1040-يىلىدىن1157-يىلىغىچە)
(ئەسلى ئەسەر 119-بەت)
ھۆكۈم سۈرگەن سەلچۇقلار ئىمپىريىسىنى تەشكىل قىلىپ، يېڭى قۇرۇلغان بۇ ئىمپىرىيىگە سەلچۇقبەگنىڭ نەۋرىسى سۇلتان مەھمۇد توغرۇلبەگنى سۇلتان قىلدى.
تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرلىنىشچە، ئەسلىدە توغرۇلبەگنىڭ ئاكىسى چاغرىبەگ تولىمۇ ئادىل، جەسۇر ۋە غەيرەتلىك، ناھايىتى سەمىمىي كىشى بولىسمۇ، لېكىن سۇلتان توغرۇلبەگ سىياسىي-دېپلوماتىيگە ئۇستا، ئۇرۇش تەجىرىبىسىگە باي، تەدبىرلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىكى قابىليىتى ئاكىسى چاغرىبەگدىن يۇقرى بولغاچقا، ئوغۇزلار ئۇنى سەلچۇقلار ئىمپىريىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان ئىدى.
سۇلتان توغرۇلبەگ يېڭى قۇرۇلغان سەلچۇقلار ئىمپىريىسىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنىڭ تېروتىريىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىرلەرنى قوللاندى.
مىلادىنىڭ 1055-يىلى سۇلتان توغرۇلبەگ ئەرەپ ئابباسىلار خەلپىلىكنىڭ پايتەختى__باغداتقا يۈرۈش قىلدى(مەزكۇر نەسەبنامىدا توغرۇلبەگنى باغداتقا ئەمىرۇل-مۆئىمىن قايىم باھرۇللا«ئىزاھات(19)گە قاراڭ» تەكلىپ بىلەن ئەكەلدۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان). باغدات ئەينى چاغدا ئابباسىيلار خەلپىلىكىنىڭ پايتەختى بولسىمۇ، يەنىلا پارىسلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۈۋىھلەر سۇلالىسى(مىلادىنىڭ 932-يىلىدىن 1055- يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)ھۆكۈم سۈرەتتى.
بۈۋىسلەر سۇلالىسىنى شىئە مەزھىپىدىكى ئېلى بىننى بۈۋىھى قۇرغان. مىلدىنىڭ 932-يىلى قۇرۇلغان بۇ سۇلالىنىڭ تېروتىريىسىگە غەربىي ئىران ۋە ئىراق كىرەتتى. ئېلى ئىببنى بۈۋھىگە ئابباسىلار خەلپىسى قاھىر«ئەمرۇل-ئۇمەرا»(پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى)ئۇنىۋانىنى بەرگەن.
تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئابباسىيلار خەلپىسى قايىم
(ئەسلى ئەسەر 120-بەت)
توغرۇلبەگنىڭ باغداتقا كېلۋاتقىنىنى كۆرمەي، باغداتتا خۇتبىدە توغرۇلبەگنىڭ نامىنى ئوقۇشنى ئەمىر قىلغان. بۇنىڭ بىلەن خەلپە قايىم ھاكىميەتتىن ۋاز كېچىپ دىنىي داھىي بولۇشقا مەجبۇر بولدى. سۇلتان توغرۇلبەگ باغداتقا كىرىش بىلەن بۈۋھىيلەر سۇلالىسى يوق قىلىندى. ئەرەپ ئابباسىلار خەلپىلىكى قورچاق ھالغا چۈشۈپ قالدى.
«24»باغدات__ھازىرقى ئىارقنىڭ پايتەختى. ئەينى دەۋرىدە ئەرەپ ئابباسىيلار خەلپىلىكىنىڭ پايتەختى بولغان.
«25»كۇھىستان(قەھىستان)__تاغلىق يەر دېگەن مەنىدە، غەربىپتە دەشتى كەبىر، جەنۇبتا دەشتى لوت، شەرقتە نائۈمىد ۋە شىمالدا كىچىك بىر چۆللۈك ئارقىلىق خۇراسانغا تۇتىشىدىغان، ئىرانغا قاراشلىق تاغلىق رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك نامى.
«26»باسىر(ئارىسلان باسىر)___خەلپە قايىمنىڭ ھەربىي يولباشچىلىرىدىن بىرى. ئۇ توغرۇلبەگ باغداتقا كىرگەندە قاماققا ئېلىنغان. چۈنكى ئۇ سۈنئى مەزھىپىگە قارشى ھەركەتنىڭ باشلىقى، يەنى مىسىردىكى پاتىمىلەر سۇلالىسى(بۇ سۇلالە مىلدىنىڭ 909-يىلىدىن1171-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، ئىسلام دىنىدىكى شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ شىمالىي ئافىرىقا«تۇنىس»دا قۇرغان دۆلىتى ئىدى. پاتىمە خەلپىلىكىنى قۇرغانلار مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ قىزى پاتىمەنىڭ (ئەلىنىڭ رەپىقىسى)ئەۋلادلىرى بولغاچقا، بۇ دۆلەتكە پاتىمە خەلپىلىكى دەپ نام بېرىلگەن. پاتىمە خەلپىلىكى مىلادىنىڭ 965-يىللىرى كۈچىيىپ سۈرىيە، پەلەستىن قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيگەن. مىلادىنىڭ 973-يىلى پاتىمە خەلپىلىكىنىڭ پايتەختى تۇنىستىن مىسىردىكى قاھىرەگە كۆچۈرۈلگەن. مىلادىنىڭ 1171-يىلى سالاھىدىن ئەييۇبى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان) نىڭ تەرەپدارى ئىدى. توغرۇلبەگ باغداتتىن قايىتقاندىن كېيىن(توغرۇلبەگ 1055-يىلىنىڭ
(ئەسلى ئەسەر 121-بەت)
كۈز ئايلىرىدا باغداتتىن چىقىپ غەرىپكە قاراپ يۈرۈش قىلىپ مۇسۇل، دىيار بەكرى قاتارلىق رايونلارنى ئىشغال قىلغان)ئارىسلان باسىر قاماقتىن قېچىپ چىقىپ، ئۆز ئەتىراپىغا شىئەلەردىن كۈچ توپلىغان ھەمدە باغداتقا بېسىپ كىرىپ، خەلپە قايمغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن.
«27»ئەبۇ نەسىر(مۇھەممەد ئىبنى ناسىر)___غەربىي ئىلكان ناسىرنىڭ ئوغلى. مىلادىنىڭ 1040- يىلىدىن 1052-يىلىغىچە غەربىي قاراخانىيلارغا خان بولغان. ئۇ 1037-يىلى ئۆز كەنىتنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، دەسلەپ ئۆزىنى «ئىلكىخان»دەپ ئاتىغان. مىلادىنىڭ 1040-يىللىرىغا كەلگەندە مۇستەقىلىق جاكارلاپ، ئۆزىنى «تابغاچ بۇغراخان»دەپ ئاتىغان.
«28»تارىخي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئارىسلان باسىر خەلپە قايىمغا قارشى ئىسياندا(«ئىزاھات(27)» گە قاراڭ)خەلپە قايىم ئۈستىدىن غەلبە قىلغان. خەلپە قايىم باغدات يېنىدىكى بىر جايغا قامالغان. غالىپ كەلگەن بىساسىر خۇتبىدىن خەلپە قايىم ۋە توغرۇلبەگنىڭ نامىنى چىقىرىپ تاشلاپ، شىئەلەرنىڭ تايانچى پاتىمىنىڭ نامىنى خۇتبىدە قايتىدىن ئوقۇغان(خۇتبە ئوقۇش____تەخت ۋارسلىرىنى تەيىنلەشتە ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جامائەت سورۇنى بولغان مەسىچت-مەيداندا جامائەت ئالىدا ئوقۇلىدىغان بىر خىل جاكارنامە). بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان توغرۇلبەگ باغداتقا كېلىپ(توغرۇلبەگنىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئارىسلان بىساسىر باغداتتىن قېچىپ كەتكەن)ئالدى بىلەن خەلپە قايىمنى قاماقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئاندىن مەملىكەتنىڭ ئىسياندىن بۇرۇنقى قائىدە-تۈزۈمىنى ئۆز ھالىغا كەلتۈرگەن.
«29»تارىخىي ماتىرياللاردا خاتىرلىنىشچە، توغرۇلبەگ باغداتقا ئىككىنچى قېتىم كەلگىنىدە، خەلپە قايىمنىڭ قىزى(بۇ يەردە
(ئەسلى ئەسەر 122-بەت)
سىڭلىسى دەپ بايان قىلىنغان؟)سىيىد خاتۇنغا ئۆيلەنمەكچى بولغان. بىراق بۇ ئىشتىن خەلپە قايىم ناھايىتى ئەندىشە قىلىدۇ. چۈنكى خەلپە:«ئەگەر سىيىد خاتۇن توغرۇلبەگكە ياتلىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئوغۇل تۇغۇپ قالسا، ئابباسىيلار خەلپىلىكنىڭ تەخىتكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى سەلچۇقلارغا ئۆتۈپ كېتىدۇ»دەپ ئويلىغان ئىدى.
بەزى مەنبەلەردە سۇلتان توغرۇلبەگنىڭ ئۆيلىنىشى ھەمدە ۋاپاتى توغرىسىدا: سۇلتان توغرۇلبەگنىڭ مىلادىنىڭ 1063-يىلى 68يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى، ئۇنىڭ تېھراندا دەپنە قىلىنغانلىقى؛ سۇلتان توغرۇلبەگ ۋاپات بولۇشتىن تۆت ئاي بۇرۇن خەلپىنىڭ قىزى سىيىد خاتۇنغا ئۆيلەنگەنلىكى خاتىرلەنگەن بولسا، بەزىلىرىدە: سۇلتان توغرۇلبەگنىڭ باغداتتىن تېھرانغا كېتىۋاتقاندا يولدا ۋاپات بولغانلىقى خاتىرلەنگەن. ئەمما مەزكۇر تەزكىرىدە: سۇلتان توغرۇلبەگنىڭ سىڭلىسى(مەزكۇر قوليازمىدا سىڭلىسى دەپ يېزىلغان؟) سىيىد خاتۇنغا ئۆيلىنىش ئۈچۈن تەبرىز(قەدىمىي شەھەر. ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدا) دىن رەي («ئىزاھات(13)»گە قاراڭ)گە كەلگەندە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئومۇمەن، سۇلتان توغرۇلبەگنىڭ ۋاقتىدا سەلچۇقلار ئىمپىريىسىنىڭ تېرىتورىيىسى ئۈزلىكىسىز كېڭىيىپ، ئۇنىڭ تەۋەلىكىگە بۈگۈنكى ئىران، ئىراق، ئەزەربەيجان، ئەرمىنىستان، ئافغانىستان، تۈركمەنىستان، قارا قالپاقىستان، قىزىل قۇم چۆلى قاتارلىقلار كىرگەن بولۇپ، يەر مەيدانى ئۈچ مىليون ئالتە يۈز مىڭ كۇۋادىرات كېلومىتىر كېلەتتى.
«30»مىلادىنىڭ 1060-يىلى سۇلتان توغرۇلبەگنىڭ ئاكىسى چاغرىبەگ سىراكتا يەتمىش يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ مەرۋىگە دەپنى قىلىندى. چاغرىبەگنىڭ سەككىز ئوغلى، تۆت قىزى بار ئىدى. چاغرىبەگ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئالىپ ئارىسلان
(ئەسلى ئەسەر 123-بەت)
(سۇلتان مەھمۇد ئالىپ ئارىسلان)خۇراسانغا، قارا ئارىسلان كاۋۇرتبەگ كىرمانغا، ياقۇتبەگ ئەزەربەيجانغا باش ۋالىيلىققا تەيىلەنگەن.(«ئىزاھات(23)»كە قاراڭ).
«31»نىزامۇل-مۈلىك___سەلچۇقلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاتاقلىق دۆلەت ئىشلىرى ئەربابى. ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئالىپ ئارىسلان ۋە مەلىك شاھلارغا ئوتتۇز يىلغا يېقىن (مىلادى1063-يىلىدىن 1092-يىلغىچە) باش ۋەزىر بولغان. سەلچۇقلار سۇلالىسىنىڭ مەمۇرى باشقۇرىشى كۆپ ھاللاردا نىزامۇل-مۈلۈكنىڭ تىرشچانلىقى بىلەن تەرتىپكە سېلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ مەلىك شاھ دەۋرىدە، مەلىك شاھنىڭ سەلچۇقلار ئىمپىريىسىنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىدا، ئىلم-پەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ پارس تىلدا «سىياسەتنامە»ناملىق ئۆلمەس بىر ئەسەر يازغان. شۇ چاغلاردا سەلچۇقلار ئىمپىرىيىسى ئەڭ قۇدرەتلىك، ئەڭ سەلتەنەتلىك، ئەڭ ئاۋات، ئەڭ باي، ئەڭ مەدەنىيەتلىك بىر باسقۇچقا يەتكەن ئىدى. ھەتتا نىزامۇل-مۈلىك نامى بىلەن باغدات، ئىسپاھان، نىشاپۇر، ھىرات، مەرۋى، بەلىخ قاتارلىق شەھەرلەردە«نىزامىيە مەدرىسلىرى»دەپ ئاتىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەر قۇرۇلغان.
«32»ئەزمايوس___شەرقى رۇما ئىمپىراتورى. سەلچۇقلار ئىمپىرىيىسىگە ئالىپ ئارىسلان ئىمپىراتور بولغان چاغدا(مىلادى 1063-يىلىدىن1072-يىلىغىچە)، ھازىرقى ئەرمىنىستاندىكى ۋان كۆلىنىڭ شىمالىدىكى مالازگىرىد دالىسىدا(1071-يىلى 26-ئاۋغۇسىت)شەرقى رۇما ئىمپىراتورى دىككىنىس(قوليازمىدا<رۇم پادىشاھى ئەزمايوس>دەپ خاتىرلەنگەن. شۇ بويىنچە ئېلىندى؟) رۇما باشچىلىغىدىكى ناھايىتى كۈچلۈك رۇما قوشۇنلىرىنى تار-مار كالتۈرۈپ، ئىمپىراتور دىككىنىس رومانى تىرىك تۇتىۋالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ
(ئەسلى ئەسەر 124-بەت)
رۇما ئىمپىريىسى سەلچۇقلار ئىمپىريىسىگە قارام دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان ھەمدە ھەر يىلى سەلچۇقلارغا نۇرغۇن مىقداردا ئالتۇن-كۈمۈش يوللاپ، ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
شۇ قېتىمقى «مالازگىرد ئۇرۇشى»تارىخىي خاتىرلەردە ئاز سانلىق جگڭگىۋار قوشۇننىڭ تالانىتلىق قومانداننىڭ باشچىلىقىدا، تەكەببۇر قوماندان باشچىلىقىدىكى كۆپ سانلىق قوشۇن ئۈستىن غالىپ كېلىدىغانلىقىنىڭ جانلىق مىسالى سۈپىتىدىمۇ بايان قىلىنىدۇ.
«33»رۇم_1>ھازىرقى تۈركىيىنىڭ قەدىمكى نامى؛2>ئەسلىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 753-يىلى تەخىتكە چىققان رىم ئىمپىراتورلىقىنىڭ تۇنجى ئىمپىراتورى رومۇلۇس تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان ۋە شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىر شەھەر بولۇپ، كېيىنچە پۈتۈن رىم(رۇما)ئىمپىراتورلىقىنىڭ دۆلەت نامى بولۇپ قالغان ئىدى. رۇما ئىمپىراتورلىقى پارچىلانغاندىن كېيىن، بەزىدە ئۇنىڭ غەربىي تەرىپى، بەزىدە شەرقىي تەرىپىنىڭ نامى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى389-يىلى فەرەڭلەر(ياۋروپالىقلار)ئۇنىڭ غەربىي قىسمىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن«رۇم»سۆزى ئاساسەن ئۇنىڭ شەرقىي، يەنى ئاسىيا قىسمىنىڭ نامى بولۇپ قالدى. بۇ يەردە شەرقىي رۇم كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
«34»ماۋائۇننەھر___ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسىنىڭ ئارلىقىدىكى جايلارنى كۆرسىتىدىغان جۇغراپىيلىك ئاتالغۇ.
«35»يۈسۈپ بۇزەمى___غەربىي قاراخانىلارنىڭ بېگى. تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرلىنىشچە، ئالىپ ئارىسلان مالازگرىد ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىككى يۈز مىڭ كىشلىك زور قوشۇننى باشلاپ(قوليازمىدا ئىككى مىڭ دىيىلگەن)ئالغا ئىلگىرلەپ، ئامۇ دەريادىن ئۆتكەندە، دەريا بويىدا غەربىي قاراخانىيلانىڭ بېگى يۈسۈف (يۈسۈف بۇزەمى)نىڭ
(ئەسلى ئەسەر 125-بەت)
قارىشلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇرۇشتا يۈسۈفبەگ مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن. ئالىپ ئارىسلان ئەسىرگە چۈشكەن يۈسۈفبەگنى سوراق قىلىۋاتقاندا، يۈسۈفبەگ يېنىدا يوشۇرۋالغان پىچاقنى چىقىرىپ، ئالىپ ئارىسلاننىڭ قارنىنى يېرىۋەتكەن. ئالىپ ئارىسلان ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلگەن. جەسىتى مەرۋىگە دەپنى قىلىنغان.
«36»سۇلتان مەلىك شاھ__سۇلتان ئالىپ ئارىسلان(«ئىزاھات(23)»گە قاراڭ)نىڭ ئوغلى. سەلچۇقلار ئىمپىريىسىنىڭ ئالىپ ئارىسلاندىن كېينكى سۇلتانى. ئۇ مىلادىنىڭ 1072-يىلى17يېشىدا سەلچۇقلار ئىمپىريىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان. ئۇ تەخىتكە ئولتۇرۇپ ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە سۇرىيە، پەلەستىن، شام شەرىف قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى. شام شەرىف ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن پاتىمە خەلپىلىكىنىڭ نامى خۇتبىددىن چىقىرىلىپ، خۇتبىدە ئابباسىيلار خەلپىسى بىلەن سۇلتان مەلىك شاھنىڭ نامى ئوقۇلىدىغان بولدى. مىلادىنىڭ 1078-يىلى شەرقى رۇما ئىمپىريىسىگە قاراشلىق كاۋكازىيمۇ پۈتۈنلەي سەلچۇقلار ئىمپىريىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. سۇلتان مەلىك شاھ ئىمپىراتورلۇق تەختىدە ئولتۇرغان 20يىل ئىچىدە(مىلادى1072-يىلىدىن1092-يىلىغىچە)سەلچۇقلار ئىمپىريىسى ئەڭ سەلتەنەتلىك باسقۇچقا يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تېروتىرىيىسى كېڭىيىپ ئون بەش مىليون كۇۋادىرات كېلومىتىرغا يەتكەن. شۇ چاغلاردا ئۇلرنىڭ تېروتېريىسى ئىچىگە ئىران، ئافغانىستان، شىمالىي ھىندىستان، ماۋائۇننەھىر، جەنۇبى كاۋكاز، داغىستان، ئانا دولۇ(كىچىك ئاىسيا)، ئىراق، سۈرىيە، پەلەستىن، ئەرەبىستان يېرىم ئارىلى قاتارلىقلار كىرگەن.
سۇلتان مەلىك شاھ مىلدىنىڭ 1055-يىلى تۇغۇلۇپ 1092-يىلى 37يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. جەسىتى ئىسپاھانغا دەپنە قىلىنغان.
«37»ئەنتاكىيە_قەدىمىي شەھەر. ھازىرقى تۈركىيىنىڭ
(ئەسلى ئەسەر 126-بەت)
شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان.
«38»شام___سۈرىيىدىكى قەدىمىي بىر شەھەرنىڭ نامى (ھازىرقى دەمەشىق).
«39»ھەلەب(ھەلەپ)___سۈرىيىنىڭ غەربىي شىمالىدا دېڭىز بويىدىكى بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ نامى.
«40»خارەزىم___ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت. ئامۇ دەريانىڭ تۆۋەنكى ئېقىمدىكى ناھايىتى مۇنبەت تېروتىېريىگە جايلاشقان. خارەزىم ئەسلى شىمالىي خارەزىم ۋە جەنۇبى خارەزىمدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنەتتى. ئۈرگەنىچ__شىمالى خارەزىمنىڭ؛ قىيات جەنۇبى خارەزىمنىڭ پايتەختى ئىدى. 10 -ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى شىمالىي خارەزىمنىڭ خانى مۆمىن ئىبنى مۇھەممەد تەرىپىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. 11-ئەسىرگە كەلگەندە(11-ئەسىردىن13-ئەسىرگىچە)سەلچۇقلارنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدا ياشىىدى. 13-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى چىڭگىزخان ئىستىلاسىغا ئۇچرىدى. 1388-يىلى تۆمۈرلەڭ بېسىۋالدى. كېيىن ئۆزبېك خانلىرىغا قارىدى.16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىدا پايتەختىنى خىۋەگە كۆچۈردى. 1873-يىلى چاروسىيە ئۆزىگە قوشۇۋالدى.
«41»مەرۋ(مەرۋشاھ جاھان)___خۇراساننىڭ ئەينى دەۋرىدىكى ئەڭ مەشھۇر، مەدەنىيەتلىك، باي شەھەرلىرىدىن بىرى.
«42»تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، سۇلتان مەلىك شاھ تەخىتكە چىقىشى بىلەنلا، ھەربىي قوشۇنغا مائاش تارقىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بۇنداق مائاش ئۈچۈن ھەر يىلىغا 700مىڭ ئالتۇن دىنار كېتىدىكەن. شۇ چاغلاردا مەلىك شاھنىڭ لەشكىرى كۈچى زور دەرىجىدە ئاشقان بولۇپ، زۆرۈر تېپىلىپ قالسا، مىليون كىشىلىك قوشۇننى سەپەرۋەر قىلالايدىغان ھالغا كەلگەن.
«43»ئەرەپ__ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانى، سۇرىيە،
(ئەسلى ئەسەر 127-بەت)
ئىراق، مىسىر ۋە ئافرىقىدىكى «ئەرەپ مەغرۇبى»قاتارلىق جايلارنىڭ ئومۇمى جۇغراپىيەلىك نامى ۋە بۇ جايلاردا ياشىغۇچى ئەرەپ تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئومۇمى ئېتنىك نامى.
«44»قاۋەرد(قارا ئارىسلان كاۋۇرتبەگ)___ مەلىك شاھنىڭ تاغىسى. ئۇ مىلادىنىڭ 1041-يىلىدىن1073 -يىلىغىچە كىرمانغا باش ۋالىي بولغان. مەلىك شاھ تەخىتكە ئولتۇرشى بىلەن تەخىت تارتىۋېلىش مەقسىتىدە مەلىك شاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن. ئەمما ئىسيانى سۇلتان مەلىك شاھ تەرىپىدىن باستۇرلۇپ، شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئۆلگەن.
«45»ئەھمەدخان__غەربىي قاراخانىيلارنىڭ خانى(1081__1095)مىلادىنىڭ 1089-يىلى سۇلتان مەلىك شاھ ماۋائۇننەھرىگە بېسىپ كىرىپ بۇخارا، سەمەرقەنىد قاتارلىق شەھەرلەرنى بېسىۋالغاندا، ئۇ شەھەرلەرگە سەلچۇق بەگلرىنى ھاكىم قىلىپ تەيىنلىگەن. غەربىي قاراخانىيلارنىڭ پايتەختى سەمەرقەنىدنى بېسىۋالغاندا ئەھمەد خاننى(ئەھمەدخانI)ئەسىر ئالغان ۋە ئۇنى سەلچۇقلارنىڭ پايتەختى ئىسپاھانغا ئەۋەتىۋەتكەن.
ئەھمەدخان مىلادىنىڭ 1090-يىلى ئىسپىھاندىن سەمەرقەنىدكە قايتىپ كېلىپ يەنە خانلىق تەختىدىن ئورۇن ئالغان چۈنكى مەلىك شاھ ئالدىدا ناھايىتى يۇقىرى ھۈرمەت ۋە ئابرويغا ئىگە بولغان تۈركان خاتۇننىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن، سۇلتان مەلىك شاھ ئەھمەدخانغا ئىلتىپات قىلىپ، ئۇنىڭ غەربىي قاراخانىيلارغا داۋاملىق ھۆكۈمىران بولۇشىغا قوشۇلغان.
ئەھمەدخان مىلادىنىڭ 1090-يىلى ئىسپاھاندىن سەمەرقەنىدكە قايتىپ كېلىپ بەش يىلدىن كېيىن (مىلادىنىڭ 1095-يىلى)مەھكىمە شەرئىينىڭ ھۆكۈمى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.
«46»تۈركان خاتۇن___غەربىي قاراخانىيلارنىڭ خانى ئىبراھىم
(ئەسلى ئەسەر 128-بەت)
بۆرە تېكىننىڭ قىزى. مىلادىنىڭ 1085-يىللىرى مەلىك شاھقا ياتلىق بولغان(سۇلتان مەلىك شاھ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ غەربى قاراخانى بىكە(مەلىكە)لىرىدىن تۇركان خاتۇنغا؛ شەمسۇل مۈلۈكنىڭ تاغىسى شاھزادە ئەيسانىڭ قىزى ھىلالىيەگە ئۆيلەنگەن). سۇلتان مەلىك شاھنىڭ تەخىت ۋارىسى بولغان مەھمۇد تۇركان خاتۇندىن تۇغۇلغان.
«47»تامغاچ خان(ئىبراھىم بۆرە تېكىن)___غەربىي قاراخانىلارنىڭ خانى(1052__1068). سۇلتان مەلىك شاھنىڭ خانىشى، تۇركان خاتۇننىڭ ئاتىسى.
«48»بەزى تارىخى مەنبەلەردە سۇلتان مەلىك شاھنىڭ غەربي قاراخانىي بېكەلىرىدىن تۇركان خاتۇن ۋە ھىلالىيەگە ئۆيلەنگەنلىكى قەيىت قىلىنىدۇ.
«49»بەركيارۇق(سۇلتان رۇكنىدىن بەركىيارۇق)____سۇلتان مەلىك شاھنىڭ ئوغلى. ئۇ مىلادىنىڭ 1093-يىلىدىن1104-يىلىغىچە سەلچۇقلار ئىمپىرىيىسىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان.
«50»مەھمۇد(سۇلتان مەھمۇد)___سۇلتان مەلىك شاھنىڭ تەخىت ۋارىسى(غەربىي قاراخانىي بېكەسى تۇركان خاتۇندىن تۇغۇلغان). ئۇ ئەمدىلا بەش يېرىم ياشقا كىرگەندە تەخىتكە چىقىرىلىپ، ئىككى ئايدىن كېيىن بەركىيارۇق(«ئىزاھات(50)»گە قاراڭ)تەرىپىدىن تەخىتتىن چۈشۈرۈلگەن.
«51»تاجىل-مۈلىك __تۇركان خاتۇننىڭ ئاتىسى تامغاچ خاننىڭ (غەربى قاراخانىلارنىڭ خانى ئىبراھىم بۆرە تېكىننىڭ)ۋەزىرى.
«52»مەھىملىك خاتۇن___سۇلتان مەلىك شاھنىڭ قىزى. ئۇ ئابباسىلار خەلپىسى مۇقتىدى(مىلادىنىڭ 1075-يىلىدىن1094-يىلىغىچە خەلپە بولغان)غا ياتلىق قىلىنغان.
«53»سۇلتان مەھمۇد(سۇلتان مەھمۇد تاپار)___ سۇلتان مەلىك شاھنىڭ ئوغلى. ئۇ سەلچۇقلار ئىمپىرىيىسىنىڭ سۇلتانى مەلىك شاھII
(ئەسلى ئەسەر 129-بەت)
(بىر ئايلا سۇلتان بولغان)نى تەخىتتىن چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا(مىلادىنىڭ1105-يىلىدىن1118 - يىلىغىچە)تەخىتتە ئولتۇرغان.
«54»سۇلتان سەنجەر(سۇلتان مۇئىزىددىن سەنجەر)___سۇلتان مەلىك شاھنىڭ ئوغلى. ئۇ سەلچۇقلار ئىمپىريىسىنىڭ سۇلتانى مەھمۇد تاپارنىڭ (سۇلتان مەھمۇدIIئورنىغا مىلادىنىڭ1118-يىلىدىن 1157- يىلىغىچە )سەلچۇقلار ئىمپىرىيىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان.
«55»بەھرام شاھ(سۇلتان بەھرام شاھ)___مىلادى1117-يىلىدىن1152-يىلىغىچە غەزنەۋىيلەرگە سۇلتان بولغان. ئەمىلىيەتتە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بەھرام شاھ سۇلتانلىقىدىكى غەزنەۋىيلەر سەلچۇقلارغا باج(ئولپان)تاپشۇرىدىغان قارام ھالەتتە ئىدى.
«56»تارىخىي ماتىرىياللاردا بايان قىلىنىشچە، سۇلتان سەنجەر مىلادىنىڭ 1153-يىلىدىن1157-يىلىغىچە ئوغۇزلار قولىدا ئەسىرلىكتە تۇرغان(بۇ يەردە مەزكۇر نەسەبنامىدا ئىككى يىلغا يېقىن تۇرغانلىقى قەيىت قىلىنىدۇ).
ئەسلىدە تارىم ۋادىسى ۋە يەتتە سۇ ئەتىراپىدا ياشايدىغان ئوغۇزلار سۇلتان سەنجەرنىڭنىڭ رۇخسىتى بىلەن بەلىخ ئەتراپىدا ماكانلاشقان ئىدى. بۇلار قىرىق مىڭ ئائىلە بولۇپ، ھەر يىلى سۇلتانغا باج ھېسابىدا يىگىرەە بەش مىڭ تۇياق قوي بېرەتتى. مىلادىنىڭ 1153-يىلى باج ھېسابىدا تاپشۇرىدىغان قويلار ئۈسىتدە ماجرا چىقىپ، ئوغۇزلار ئىسيان كۆتۈردى. بەلىخنىڭ باش ۋالىيىسى ئىسياننى باستۇرالمىدى. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان سۇلتان سەنجەر ئۇمەرالارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يۈزمىڭ كىشىلىك قوشۇننى ئاتلاندۇرۇپ، ئىسيانچى ئوغۇزلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ زور قوشۇن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، سۇلتان سەنجەر ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇ 1157-يىلىغا كەلگەندە، ئوۋ قىلىش پۇرسىتىدىن
(ئەسلى ئەسەر 130-بەت)
پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئەسىرلىكتىن قېچىپ قۇتىلىدۇ ھەمدە مەرۋىگە كېلىپ، شەھەرنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ۋە چۆلدەرەپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ ئەھۋالغا چىدىماي، خاپىچىلىقتا يۈرىكى يېرىلىپ ئۆلىدۇ.
«57»سۇلتان مەھمۇد___غەربىي قاراخانىيلارنىڭ خانى مۇھەممەد ئارىسلانخاننىڭ ئوغلى. ئۇ سۇلتان سەنجەرنىڭ قىزى مەملىك شاھ خاتۇندىن تۇغۇلغان بولۇپ، سۇلتان سەنجەر ئوغۇزلار قولىدا ئەسىرلىكتە تۇرغان مەزگىلىدە، سەلچۇقلار ئىمپىرىيىسىنى باشقۇرۇپ تۇرغان.
«58»پادىشاھ جەمشىد___«شاھنامە»دە بايان قىلىنغان. ئىراننىڭ رىۋايەت دەۋرىدىكى قەدىمكى پىشىدادىيان سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ بىرى.
«59»رۇستەم___«شاھنامە»دە تەسۋىرلىنىشچە، ئىراننىڭ رىۋايەت دەۋرىدىكى بىر قانچە يۈز يىل ياشىغان مەشھۇر قەھرىمان.
كورېكتور: ئەركىن ئىمىننىياز قۇتلۇق


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار:

كەڭ كەسپداشلارنىڭ ئۆزئارا ماتېرىيال ئالماشتۇرىشى ۋە ئىشلىتىشى ئۈچۈن، بۇ ماتېرىيالنى ئۇرغۇزۇپ چىقتۇق، ئۇرغۇزغاندا، تەتقىقاتتا نەقىل ئېلىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، ئەسلى كىتاپنىڭ بەت سانى بىرمۇ - بىر ئەسكەرتىلدى. بۇ ئەسەر پەقەت ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتىگىلا مەنسۇپ، باشقا تور بېكەتلەرگە چاپلاشقا رۇخسەت يوق، ئەگەر تونۇشتۇرماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى ئەسكەرتسىڭىز ياكى مۇنبەر مەسئۇللىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالسىڭىز بولىدۇ.



                                                            ھۆرمەت بىلەن: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى


yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1123
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 7
شۆھرىتى: 8 نومۇر
پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-12-18
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-04-24
12-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-23 10:57
رەخمەت سىلەرگە ، كۆپ جاپا تارتىپسىلەر .
قەدىمىڭلار ھېرىپ قالمىغاي....
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !