niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 دۇنخۇاڭ يادىكارلىقلىرىنىڭ تېپىلىشى ھەققىدە

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Yawuz دىن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى غا يۆتكەلدى (2007-12-13)
مەڭگۈلۈك تۆھپىكار – گۈناھكار ۋاڭ يۈەنلۇ
                                                                گاۋ دېشياڭ
ۋاڭ يۈەنلۈنىڭ يۇرتى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ماچېڭ ناھىيىسى ، شەنشىدە تۇغۇلغان . ئىلگىرى بۇ ھەقتە تالاش – تارتىشمۇ بولغان ، بىراۋلار خۇبېيلىق دىسە ، بىراۋلار شەنشىلىك دېگەن ، چۈنكى ۋاڭ يۈەنلۇنىڭ قەبرە تېشىغا خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ماچېڭ ناھىيىسىدىن دەپ يېزىلغان ، ئەمما ستېيىن بايان قىلغىنىدا ئۇنى شەنشىلىك دېگەن . مۇشۇ ئىش توغرىلىق پېقىر يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم ، ھازىر دۇنخۇاڭ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان 80 نەچچە ياشلىق بىرەيلەننى زىيارەت قىلدىم ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاڭ يۈەنلۇنى شەنشىلىك دېدى ۋە ۋاڭ يۈەنلۇنىڭ تەلەپپۇزىمۇ شەنشى تەلەپپۇزى ئىدى ، دېدى . شۇ سەۋەبتىن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى ، ۋاڭ يۈەنلۇنىڭ يۇرتىنىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنى ماچېڭ ناھىيىسى ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان يېرى شەنشى ئىكەنلىكىدە گەپ يوق ئىدى . ۋاڭ يۈەنلۇ تەخمىنەن 1850 – يىلى تۇغۇلۇپ ، 1931 – يىلى دۇنخۇاڭ مىڭئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتكەن .
ۋاڭ يۈەنلۇ ئۇدا يۈز بەرگەن قەھەتچىلىك ، نامراتچىلىق دەستىدىن پانالىق ئىزدەپ تەرەپ – تەرەپكەن چاپقۇلاپ يۈرگەن ، ئالدى بىلەن جيۇ چۈەنگە كەلگەن ، لېكىن تۇرمۇشتا يەنىلا نىجاتلىق يولى تاپالماي ، ئىلاجسىزلىقتىن تويىن بولغان ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنخۇاڭغا كېلىپ قېلىپ ، دۇنخۇاڭ مىڭئۆيلىرىدىن ئىبارەت بۇ گۆھەر زىمىنغا كۆزى چۈشۈپ ، ئۇ يەردىن تاكى ئالەمدىن ئۆتكىچە ئايرىلمىغان . ۋاڭ يۈەنلۇ تويىن بولغىنىدا باش ئۇرۇپ ئۇستاز تۇتقان ئەمەس ، تويىن بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا بېرىلىپ كەتكەنمۇ ئەمەس ، ئۇنىڭدا بىر قۇر تويىن كىيىمى ۋە سادىق قەلىبلا بولغان .
ۋاڭ يۈەنلۇ تويىن كىيىمىنى كىيگەن بولسىمۇ ، دۇنخۇاڭ مىڭئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇ ھەممىدىن بەك ئەقىدە باغلىغان زات تاڭ سۇلالىسىدا ئۆتكەن شۈەنزاڭ بولغان ۋە بۇددا نوملىرىنى ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتكەن . بۇ ناھايىتى قىزىق بىر ئۆزگىرىش ، تويىن بولۇپ تۇرۇقلۇق بۇدداغا ئېتىقاد قىلىپ بۇددا نوم ، كالاملىرىنى ئوقۇغان ، يەنە كېلىپ بۇددا مۇرتلىرىدىنمۇ ئېشىپ چۈشكەن ، تويىن كالاملىرىنىمۇ ، بۇددا نوملىرىنىمۇ ئوقۇپ ، دۇنخۇاڭ مىڭئۆيىدىكى « ئىككى بىسلىق موللا » بولۇپ قالغان ، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭدىن تەلىم ئالىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ ، ئۈستۈن ئىبادەتخانىدا تۇرىدىغان پالچى لامالاردىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن .
نوم – بىتىك غارىنى تاپقانلىق گۇناھ ئەمەس  تۆھپە
نوم - بىتىك غارى تېپىلغاندىن كېيىن بۇ يەردە ساقلاپ قېلىنغان نۇرغۇن يادىكارلىق چەتئەللەرگە تارقىلىپ ، خەلق ئارىسىدا يوقۇلۇپ ، ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى ، شۇڭا بىراۋلار ۋاڭ تويىننىڭ نوم – بىتىك غارىنى تاپقانلىقى بىر خىل تارىخىي ئۇقۇشماسلىق ، نوم – بىتىك غارىنىڭ تېپىلغانلىقى بىر خىل خاتالىق  ھەتتا بىر خىل گۇناھ دەپ قارىدى . قىسقىسى ئەڭ ياخشىسى ئەشۇ دەۋردە ۋە ئەشۇ ۋاڭ تويىندەك كىچىككىنە بىر كىشى تەرىپىدىن تېپىلغان بولماسلىقى  بەلكى مەلۇم دەۋردە مەلۇم بىر چوڭ ئەرباب تەرىپىدىن تېپىلغان بولۇشى كېرەك ئىكەن ، شۇنداق بولغاندىلا ئەقىلغە ئۇيغۇن بولارمىش . بۇنداق ئوي – خىيال ناھايىتى ياخشىدەك ، ناھايىتى مۇكەممەلدەك قىلسىمۇ ، لېكىن ئىنسانلار تەرىپىدىن تېپىلغان تېپىلمىلارنىڭ تولىسى كىشىلەرنىڭ سوبيېكتىپ ئارزۇسى بويىچە ئىشقا ئاشقان ئەمەس . ۋڭ تويىننىڭ نوم – بىتىك غارىنى تاپقانلىقىنىڭ مۇقەررەرلىكىمۇ بار ، تاسادىپىلىقىمۇ بار ، مۇقەررەرلىكىگە كەلسەك ، ئۇ غارغا كىردى ، ئادەم ياللاپ كۆپ يىللار مابەينىدە غارغا تىنىپ كەتكەن توپا – قۇملارنى ئېرىغدىدى ، نۇرغۇن كونكرېت خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىدى ، پەقەت تىنىپ كەتكەن توپا – قۇملارنى ئېرىغدىغاندىلا نوم – بىتىك غارىنىڭ ئىشىكى كۆرۈنەتتى . تاسادىپىلىقىغا كەلسەك ، ۋاڭ تويىن غارغا تىنىپ كەتكەن توپا – قۇملارنى ئېرىغداشقا كىرىشكىنىدە بىرەر نىمىنى تېپىشىنى ئەمەس ، بەلكى غارنى قوغداشنى مەقسەت قىلغاندى ، نوم – بىتىك غارىنى تاپقانلىقى پۈتۈنلەي تاسادىپىي بولغان . ۋاڭ تويىن ئىگىر – قۇم غارغا كىرگەن ۋاقتى ئالاھەزەل 1892 – يىلى ئۆپچۆرىسىدە ، ئۇ چاغدا ئۇ ئەللىككە يېقىنلىشىپ قالغاندى ، ئۇ مۇقەددەس غارغا قارايدىغان ئادەم بولمىغانلىقتىن ، ئېغىر تەبىئىي ۋە سۈنئىي بۇزغۇنچىلىق دەستىدىن ئۇنىڭ ۋەيرانە ھالەتكەن كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى قوزغالغان - دە  ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن « قوغداش مۇەككىلى » لىكتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان . ئۇ تەرەپ – تەرەپكە چاپقۇلاپ زېرىكمەي ئىئانە توپلاپ ، تېجەشلىك بىلەن ئىش كۆرۈپ ، پۇل توپلاپ ، غارغا تىنىپ كەتكەن توپا – قۇملارنى ئېرىغدىغان ، پەقەت 16 غاردىكى توپا – قۇملارنى ئېرىغداشقىلا ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلغان . چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 26 – يىلى 5 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ( مىلادىيە 1900 – يىل 6 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ) ۋاڭ يۈەنلۇ نوم – بىتىك غارىدىن ئىبارەت بۇ سىرنى ئاچقان . ۋاڭ تويىننىڭ قەبرە تېشىغا مۇنداق خەتلەر ئويۇلغان : « قۇم تام يېرىلىپ بىر تۆشۈك كۆرۈندى ، گويا نۇر چاقنىغاندەك بولدى ، تام ئۆرۈلدى ، بىر كىچىك تۆشۈك كۆرۈنۈپ ، بىردىنلا يورۇپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئىچىگە تاڭ سۇلالىسى دەستۇر – بىتىكلىرىدىن ناھايىتى كۆپ دەستۇر ، بىتىك ، نۇرغۇن ئاسار – ئەتىقە قويۇلغان بولۇپ ، كۆرگەنلەر ھەيرانە ھەس بولۇشتى ، ئاڭلىغانلار مۇقەددەس بۇيۇملار ئىكەن ، دېگەن سۆزنى تارقاتتى .
شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، نوم – بىتىك غارىنى كىملا تاپسۇن ، ئۇ بىر خىل تۆھپە ، قالتىس زور تېپىلما ، چۈنكى نوم – بىتىك غارىنىڭ تېپىلىشى « دۇنخۇاڭشۇناسلىق » نىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . ۋڭ يۈەنلۇنىڭ نوم – بىتىك غارىنى تاپقانلىقى سەۋەنلىك ئەمەس ، تۆھپە دەپ ئېيتىشقىلا بولىدۇ . بىراۋلارنىڭ مەلۇم بىر دەۋردە تېپىلغان بولسا مۇۋاپىق بولاتتى ، دېگەنلىرىگە كەلسەك ، ئۇ نوقۇل بىر خىل سوبيېكتىپ ئارزۇ . ئويلاپ باقايلى ، مۇبادا نوم – بىتىك غارى « 10 يىللىق بۇلاڭ تالاڭ » دەۋرىدە تېپىلىپ قالغان بولسا ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان بولاتتى ؟
بۇ يەردە بىر ھەقىقىي ئەھۋال بار ، يەنە كېلىپ دۇنخۇاڭدا يۈز بەرگەن . دۇنخۇاڭ شەھىرىنىڭ گوجياپۇ يېزىسى تۇپامۇنار كەنتىدە ئەسلىدە ئون نەچچە مېتىر كېلىدىغان بىر قەدىمىي مۇنار بار ئىدى . « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » مەزگىلىدىكى « تۆت كونىنى يوقىتىش ، تۆت يېڭىنى تىكلەش » ھەرىكىتىدە ، مۇنارنىڭ تېگىگە مىلتىق دورىسى كۆمۈپ ، بىر ئوبدان تۇرغان مۇنارنى پارتىلىتىۋەتتى ، شۇ چاغدا بىر نەچچە باغلام مۇكەممەل دەستۇر – بىتىكمۇ تېپىلغاندى . ئەپسۇس ، ئۇلار مۇنارنى بۇزۇۋېتىش بىلەنلا قالماي ، بەلكى ، دەستۇر - بىتىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ بىر ئۆيىگە قويۇپ ، ھەممىسىنى بىكار قەغەز ھېسابىدا كۆيدۈرىۋەتتى . يەنە بار تېخى ، دۇنخۇاڭ تەۋەسىدە ئالەمدىكى ئاجايىپ مۆجىزە دەپ قارىلىدىغان گۈكۈرەتمە قۇمتاغدىكى ئايبۇلاقتا نەچچە ئون قەدىمىي بىنا بولۇپ ، ئۆي – سارايلاردا نەپىس رەڭلىك ھەيكەل – بۇت ، تام سۈرەتلىرى ۋە نۇرغۇن قىممەتلىك بېغىشلىمىلار بار ئىدى ، بۇلاردىن ئالقانچىلىكمۇ قالدۇرۇلماي بىت – چىت قىلىپ تاشلاندى . ھازىر قارايدىغان بولساق ئۇ بىر خىل نادانلىق ئىكەن ، لېكىن ئۇ زاماندا ئۇ « ئىنقىلابىي ھەرىكەت دەپ قارالغاندى ، شۇنچىۋالا بۇلاڭ – تالاڭنى كىممۇ مۆلچەرلىيەلەيتتى ؟
پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى ، نوم بىتىك غارىنىڭ تېپىلىشى ئارقىسىدىلا كىشىلەرنىڭ دۇنخۇاڭ مىڭئۆيلىرىگە دىققىتى قوزغالدى ، شۇڭا 40 – يىللاردا مەخسۇس قوغداش ئورگىنى تەسىس قىلىندى . ئۇنداق بولمايدىغان بولسا ، كېلىپ چىقىدىغان زىياننى تېخىمي مۆلچەرلىگىلى بولمايتتى .
ھەر تەرەپتىن ياردەم سوراش ، تەرەپ – تەرەپتىن دەككە يىيىش
نوم – بىتىك غارى تېپىلغاندىن كېيىن ۋاڭ تويىن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى . ئالدى بىلەن ، نەچچە ئون كىلومېتىر يولنى پىيادە بېسىپ ناھىيە بازىرىغا كىرىپ دۇنخۇاڭ ناھىيىسىنى ھاكىمبېگى يەنزىنى تاپتى ، نوم – بىتىك غارىدىن ئېلىپ چىققان ئىككى جىلد نومنى تەقدىم قىلدى . ۋاڭ تويىننىڭ مەقسىدى ، ناھايىتى روشەنكى ، ئەشۇ ئەمەلدار – غوجامنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاش ئىدى ، ئەپسۇسكى ، يەن فامىلىلىك بۇ ھاكىمبەگە قورسۇقىدا ئۇمىچى يوق بىر ئادەم بولغاچقا ، ئۇ ئىككى جىلد نومنى سارغىيىپ كەتكەن ئىككى بولاق كېرەكسىز قەغەز دەپ قارىغان ، شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ تويىن دەككىسىنى يەپ قايتقان .
1902 – يىلى يەنى نوم – بىتىك غارى تېپىلغاننىڭ ئۈچىنچى يىلى دۇنخۇاڭغا يەنە ۋاڭ زوڭخەن دېگەن بىر يېڭى ھاكىمبەگ كەلدى ، بۇ ھاكىمبەگ تەشرىپدار بولۇپ ، مېتال – تاش ئىلمىنىمۇ ئوبدان بىلىدىكەن . شۇڭا ۋاڭ تويىن ئۈمىدىنى مۇشۇ بىلىملىك ھاكىمبەگكە باغلاپ ، نوم – بىتىك غارىنى قوغداش مەسىلىسىنى ئۇنىڭ ھەل قىلىپ بېرىشىنى تىلىدى . ۋاڭ تويىن يەنە « ئوردا » غا كېلىپ ، ۋاڭ ھاكىمبەگكە نوم – بىتىك غارىنىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلدى ، ھاكىمبەگ دەرھال ئاتارمەن – چاپارمەنلىرىنى باشلاپ دۇنخۇاڭ مىڭئۆيىنى كۆرۈشكەن كەلدى نوم دەستۇرلاردىن بىر نەچچىنى ئېلىپ قايتتى ، لېكىن ئادەمنى خۇرسىندۇرىدىغىنى شۇكى ، بۇ ھاكىمبەگ ۋاڭ تويىن بۇ نەرسىلەرنى مۇشۇ جايدا ساقلىغاي ، نوم – بىتىك غارىغا ئوبدان قارىغاي ، دېگە سۆزنىلا قالدۇردى ، شۇنىڭدىن كېيىن ھېچقاندەك گەپ بولمىدى .
ئىككى قارارلىق ھاكىمبەگدىن نەتىجە چىقمىدى ، لېكىن ۋاڭ تويىن بۇنىڭلىق بىلەن تەن بېرىپ ئولتۇرغىنى يوق ، ئۇ يەنە نوم – بىتىك غارىدىن ئىككى ساندۇققا بوم – دەستۇرا قاچىلاپ ، ئېشىكىنى ھەيدەپ سۇجۇ ( جيۇ چۈەن ) گە قاراپ ماڭدى ، ئۇ دالىدا غىزالىنىپ ، ئوچۇقچىلىقتا يېتىپ ، يالغۇز ئۆزى بۆرىلەرنىڭ يەپ كېتىش ۋە قاراقچىلارنىڭ ئوقىغا ئۇچراپ قېلىشتەك خەۋپ – خەتەرگە قارىماي 400 كىلومېتىردىن ئوشۇق يولنى بېسىپ ئاران كۆزلىگەن يېرىگە كەلدى - دە ، شۇ چاغدا گەنسۇ توسقاۋۇلىنىڭ دوتىيى بولۇپ تۇرغان تىڭ دۇڭ بىلەن كۆرۈشتى . تىڭ دۇڭ غوجام دېگەن بۇ زات بىلىملىك دېيىشكە ئەرزىيدىغان ئادەم ئىكەن . ئۇمۇ زېھىن قويۇپ قاراپ چىقىپتۇ ، لېكىن بۇ زات يا بۇ ئاسار – ئەتىقىلەرنىڭ زادى قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى مۆلچەرلەپ باقماپتۇ ، ئۇلارنى پەقەت خەتتاتلىق نۇقتىىسىدىنلا بىرەر قۇر كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپ ، ئاخىرىدا : نوم – بىتىكلەردىكى خەتلەر مەن يازغان خەتلەرچىلىك ئەمەسكەن ، دەپلا ئىشنى بولدى قىپتۇ .
ۋاڭ تويىننىڭ زېرىكمەي – تېرىكمەي ياردەم قىلىشىنى پۈتۈنلەي ئېشەكنىڭ كۆتىگە غىجەك چالغانلىق دېىشكە بولاتتى . نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن شۇ چاغدا گەسۇدا مائارىپ مۇپەتتىشى بولۇپ تۇرغان ئارخېئولوگ يې چاڭچى نوم – بىتىك توغرىسىدىكى ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ناھايىتى بەك قىزىققان ۋە ۋاڭ ھاكىمبەگ ئارقىلىق بىر قىسىم قەدىمىي ئاسار – ئەتىقىگە ئىگە بولۇۋالغان ، لېكىن ئۇنىڭ مەقسىتى شۇ چاغدا يېزىۋاتقان « خاتىرە تاشلار دېگەن كىتابىنى تولۇقلاش بولغان . يې چاڭچى « خاتىرە تاشلار » دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ : ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ سوڭ سۇلالىسى چيەن دېنىڭ 6 – يىلى سىزىلغان ئاي شولىسىدا غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغۇچى شەپقەتچى مەبۇدەنىڭ سۈرىتى بىلەن نوم – دەستۇر بىتىلگەن دەپتەر ۋە بىراخمان دەستۇرلىرىدىن ئىككى جىلدتىن ئەۋەتىپ بەرگەندى . سۈرەت قوپالراق – يىرىكرەك ئەمما ھەقىقەتەن تاڭ سۇلالىسى زامانىدا سىزىلغان » . بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، يې چاڭچىنىڭ نوم – بىتىك غارىدىكى ئاسار – ئەتىقىلەرنى ئايرىپ چىقىشى ئىنتايىن توغرا بولغان . ئەپسۇسكى ، ئۇ نوم بىتىك غارىنى قوغداش توغرىسىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر كۆرۈشكە نىيەت باغلىمىغان ، 1904 – يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دۇنخۇاڭ ناھىيىسىدە نوم – دەستۇرلارنى ساناپ چىقىپ شۇ يەردە ساقلاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن . بۇ قارار ئەينى زاماندىكى ۋاڭ ھاكىمبەگنىڭ گېپىگە ئوخشاشلا ، مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ قويۇش بىلەنلا ئىشنى تۈگىدى قىلغان ، خالاس . ۋاڭ يۈەنلۇ چارىسىز قالغان ، شۇنداقتىمۇ ئۇ يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ چىڭ خاندانلىقى ئوردىسىدىكى شىسى تەيخۇغا مەخپىي خەت يازغان . لېكىن بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى راسا بوران – چاپقۇن ئىچىدە لەيلەپ تۇرغان ۋاقىت بولغاچقا ، بۈيۈك چىڭ خاندانلىغى ئوردىسىغا مەھكەم بېكىنىۋالغان ئەمەلدارلارنىڭ قانداقمۇ بۇنچىلىك « كىچىك ئىش » قا چولىسى تەگسۇن ، ۋاڭ يۈەنلۇنىڭ ئۈمىدى ، خۇددى لاي پۇتلۇق كالا سۇغا كىرگەندەك ، ئۈن – تىنسىز يوقاپ كەتكەن .
نوم – بىتىكلەرنى سېتىشتىكى سەۋەب
1907 – يىلى ستېين دۇنخۇاڭ مىڭئۆيىگە بىرىنچى قېتىم كەلگىنىدە ، ۋاڭ تويىننىڭ نوم – بىتىك غارىغا ھەمراھ بولۇپ ئۆتۈۋاتقىنىغا 7 قىشۇياز بولغاندى ، بۇ 7 يىلدا ئەمەلدارلارنىڭ بىر قىسىم نوم – بىتىك ، ئورالمىلارنى ئېلىپ كەتكىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، ۋاڭ تويىن نوم – بىتىك غارىنى چىڭ ساقلىدى ، يوقىلىپ كەتكەن ئورالمىلار ناھايىتى ئاز بولدى . ستېيىن كېچە – كۈندۈز ئارزۇ قىلىپ كەتكەن نوم – بىتىك غارنى كۆرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن چارە – ئاماللارنى قىلىپ ۋاڭ تويىنغا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇندى ، لېكىن ۋاڭ تويىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، ستېيىننى ئامالسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى ،كېيىن ئۇ ۋاڭ تويىننىڭ تاڭ سۇلالىسى زامانىدا ئۆتكەن شۈەن زاڭغا بەكمۇ چوقۇنىدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن ئۆزىنىمۇ شۈەن زاڭغا چوقۇنغۇچىلاردىن قىلىپ كۆرسەتتى ۋە ۋاڭ يۈەنلۇنى ئالداپ ، مەن شۈەن زاڭ غەربكە نوم – بىتىك ئالغىلى بارغان يولنى بويلاپ كەلدىم دېدى . بۇ چارە تازا ئەسقاتتى ، دىنىي ئېتىقاد ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى بىر – بىرى بىلەن باغلىدى ، ئوخشىمايدىغىنى ۋاڭ يۈەنلۇ سەمىمىي ئېتىقادچى ، ستېيىن بولسا ، روشەنكى ، نوم – بىتىكنى ئالداپ ئېلىۋېلىشنى مەقسەت قىلىغاندى . بۇ ئىشنى ستېيىن مۇنداق بايان قىلىپ ئۆتكەندى : « تويىن شۈەن زاڭنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىكەن ، مىڭئۆي ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى يېڭى سېلىنغان كارىدورغا سېلىنغان سۈرەتلەردىن ئېنىق دەلىل تاپقىلى بولىدۇ ، ئۇنىڭغا سىزىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى بىمەنە رىۋايەتلەر ئىدى ... مەن ناھايىتى چەكلىك خەنزۇچە گېپىم بىلەن ۋاڭ تويىنغا مەن ئۆزەمنىڭ شۈەن زاڭغا چوقۇنىدىغانلىقىمنى ۋە قانداق قىلىپ ئۇنىڭ ئىزى بىلەن ھىندىستاندىن تاغ – داۋان ئېشىپ ۋە چۆلا – جەزىرىلەرنى بېسىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەنلىكىمنى دەپ بېرىۋىدىم ، ئۇ راستىنلا مېنىڭدىن تەسىرلىنىپ كەتتى » ، شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئىنتايىن ئەتىۋارلىق گۆھەرلەرنى ساقلاش ئۆيىگە بارىدىغان بىر ئىشىك ئېچىلدى .... جىلدلەر 10 چى ئىگىزلىكتە قەۋەت – قەۋەت قىلىپ دۆۋىلىەپ قويۇلغاندى » ، تويىن مېنىڭ گېپىمنى چۈشەنگەندىن كېيىن ناھايىتى قىزغىن تۈردە جىلدلەرنى قۇچاق – قۇچاق قىلىپ ئېلىپ چىقىشقا باشلىدى » .
ستېيىن شۇ قېتىم 200 سەر كۈمۈشكە 24 ساندۇق كىتاب ۋە سۈرەت ھەمدە 5 چوڭ ساندۇق باشقا ئاسار – ئەتىقىنى تېگىشىۋالدى . بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۇ گۆھەرلەرنى لوندون بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزىيىغا ئەكىلىۋالدى . لېكىن جوڭگونىڭ دەرۋازىسى ئوچۇق ئىدى ، ھېچقانداق ئادەم سۈرۈشتە قىلىپ باقمىدى .
تەھلىل قىلىنىشىچە ، شۇ چاغدا ۋاڭ تويىننىڭ نوم – بىتىكلەرنى ستېيىنغا سېتىپ بېرىشىدە مۇنداق 3 خىل سەۋەب بار ئىكەن : بىرى يەتتە يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇدا كۆپ قېتىم ئەمەلدارلاردىن ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلغان ، يەنە كېلىپ دەرىجىمۇ دەرىجە يۇقۇرىغا مەلۇم قىلغان ، لېكىن ھېچكىم كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكتىن ، ئۈمىدىنى ئۈزۈشكە مەجبۇر بولغان . ئىككىنچى ، ئۆزىنىڭ غارلارنى ئېرىغداش ، ئۇچ قەۋەت بىنا سېلىش ، ياغاچ كۆۋرۈك سېلىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان . ئۇچىنچى ، شۈەن زاڭ ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى يېقىنلاشتۇرغان ، ئېكسپېدىتسىيىچى ستېيىننىڭ كەسىپكە بولغان ئىخلاسمەنلىكى ئۇنى تەسىرلەندۈرگەن ، شۇڭا ئۇ ئىدىيە جەھەتتە قاتتىق زىددىيەت ئىچىدە قالغان ، بۇ ئاسار – ئەتىقىلەرنى چەت ئەللىكنىڭ ئېلىپ كېتىشىنى ھەرگىز خالىمايدىغان ئەھۋالدا بولسىمۇ ، لېكىن ئامالسىزلىقتىن يول قويۇشقا مەجبۈر بولغان .
قائىدە بويىچە ، ستېيىن كەتكەندىن كېيىن جوڭگولۇقلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى ، خۇسۇسەن ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك ئىدى . لېكىن جوڭگو ھۆكۈمىتى ھىچبىر پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىدى . ھۆكۈمەتنىڭ پوزتسىيەسى ۋاڭ تويىننى نوم – بىتىك غارىدىكى ئاسار – ئەتىقىلەرنى خالىغانچە ئېلىپ ساتسام بولغىدەك دېگەن يەرگە ئەكەلدى . 1908 – يىلى فرانسىيىلىك خەنزۇشۇناس پېللىئوت يەنە دۇنخۇاڭ مىڭئۆيىگە كېلىپ ، ۋاڭ تويىننىڭ قولىدىن 6000 دىن كۆپرەك يازما دەپتەرنى سېتىۋالدى ، پېللىئوت خەنزۇچىنى پىششىق بىلگەچكە ، ئۇ تاللىۋالغان جىلدلەر تولىمۇ قىممەتلىك ئىدى ، پېللىئوت بۇ يادىكارلىقلارنى فرانسىيەگە ئېلىپ ماڭغاندا ، بېيجىڭدا ئۇ يادىكارلىقلارنىڭ بىر قىسمىنى سىراجلىتىۋالدى ھەمدە ئۇ يادىكارلىقلارنى « ئالتە دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئاشكارە كۆرگەزمە قىلدى . 1914 – يىلى ستېيىن دۇنخۇاڭغا يەنە كەلدى ۋە ۋاڭ تويىننىڭ قولىدىن يەنە 5 چوڭ ساندۇق كېلىدىغان 600 جىلدتىن كۆپرەك نوم – بىتىكنى سېتىۋېلىپ ئەكەتتى . بۇ ئارىلىقتا ، ياپونىيەلىك جيې رۇيچاۋ بىلەن جىچۈەن شياۋيىلاڭ ، روسىيەلىك ئولدېنبىېرە ، ئامېرىكىلىق ۋارنېر قاتارلىق كىشىلەر ئارقا – ئارقىدىن دۇنخۇاڭ مىڭئۆيىدىن ئوخشاش بولمىغان مىقداردا نوم – بىتىك سېتىۋېلىپ ئەكەتتى . بۇ كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشلىرىمۇ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچراپ باقمىدى . شۇ چاغدا تۈركۈم – تۈركۈم چەت ئەللىك ئالىملار ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي دۇنخۇاڭ مىڭئۆيىگە كەلدى ، ئەمما جوڭگو ئالىملىرىنىڭ نەگە كېتىشكىنىنى بىلگىلى بولمىدى .
نوم – بىتىك غارىنىڭ تېپىلغانلىقى دۇنخۇاڭشۇناسلىقنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرسە ، ستېيىن ، پېللىئوتلار جىگەرلىك ئادەملەر بولۇپ ، ئالدى بىلەن تۇتۇش قىلىپ ، دۇنخۇاڭشۇناسلىقنى باشلامچى بولۇپ دۇنياغا يۈزلەندۈردى . پۈتۈن دۇنيا بۇنىڭلىق بىلەن ھاياجانغا كەلگەن چاغدا ، جوڭگولۇقلار ھەيران قالمىدى . شۇڭا 1941 – يىلى 10 – ئايدا ، شۇ چاغدا مىللىي ھۆكۈمەت تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى بولۇپ تۇرغان يۈ يۇرېن دۇنخۇاڭ مىڭئۆيىنى كۆزدىن كەچۈرگەن چېغىدا يازغان بىر شېئىرىدا : « دۇنخۇاڭشۇناسلىق دەپ نامى ئالەمگە يېيلدى ، بىلىشتىڭمۇ سەن ، ھەي جوڭگو ئالىملىرى ؟ » دپ مۇراجىئەت قىلدى . يۈ يۇرېن ئەپەندىنىڭ خۇرسىنىشى شۇ چاغدىكى جوڭگولۇقلارنىڭ دۇنخۇاڭشۇناسلىققا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنى ئوبيېكتىپ ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ستېيىن ، پېللىئوتلار جوڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى پۈتۈن دۇنياغا تەشۋىق قىلىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى . جوڭگولۇقلارنىڭ دۇنخۇاڭشۇناسلىققا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىشىمۇ ستېيىن ، پېللىئوت قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەسىرىدىن بولغان .
دۇنخۇاڭ نوم – بىتىكلىرىنىڭ چەت ئەللەرگە تارقىلىپ كېتىشى ، تەبىئىي ھالدا جوڭگولۇقلارنىڭ غورۇرىغا تەگدى ، مىللىي مەنپەئەتى تۇيغۇسىدىن قارىغاندا ، بۇ بىر زىيان ، لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى ، چەت ئەللەرگە تارقىلىپ كەتكەن دۇنخۇاڭ نوم – بىتىكلىرىنىڭ ھەممسى بىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىلماي دۆلەت دەرىجىلىك مۇزېي ، كۇتۇپخانىلاردا ساقلانماقتا ھەمدە قاتتىق ياخشى قوغدالماقتا . جوڭگودا بولسا باشقىچە ھادىسىلەر يۈز بەردى . 1907 – يىلى ستېيىن كېلىشتىن ئىلگىرى ۋاڭ تويىن ھەرقانچە چۇقان كۆتەرسىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم چىقمىدى ، ستېيىن دۇنخۇاڭ يادىكارلىقلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا تەشۋىق قىلغاندىن كېيىن ، سۇلالە ئەمەلدارلىرى ئاندىن ئۇنىڭ مۇھىم قىممىتىنى بىلدى ، لېكىن ئۇلار ئۇ يادىكارلىقلارنى قانداق قوغداشنى ئەمەس ، ئەكسىچە ھەر خىل يوللار بىلەن ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشنى ئويلاشتى . شۇڭا بىر مەھەل ئوغرىلاش كەيپىياتقا ئايلىنىپ ، دۇنخۇاڭ نوم  - بىتىكلىرىنىڭ يوقىلىپ كېتىشى ئىغىر ئەھۋالغا يەتتى . بەزىلەر ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ساتتى . بەزىلىرى خۇسۇسىي مۇلۈك قىلىۋالدى ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، بۇ دۇنخۇاڭ نوم بىتىكلىرى تېپىلغاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ يوقىتىش بولدى . 1910 – يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قالغان دۇنخۇاڭ نوم – بىتىكلىرىنى قويماي بېيجىڭغا ئەكىلىپ ساقلاشنى قارار قىلىدى ، توشۇپ كېلىنىۋاتقان يول ئۈستىدە ، ھەر يەردە بىر قىسمى ئوغرىلاندى ، ھەتتا  « ئون يىللىق بۇلاڭ – تالاڭ » داۋامىدا ، دۇنخۇاڭ دېگەن يەرنىڭ ئۆزىدىلا قۇچاق – قۇچاق نوم – بىتىكلەر ئۆيلەرنى تىنتىپ ئاختۇرغان چاغدا تېپىپ چىقىلغاندى ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس . كۆپلىگەن بوم – بىتىكلەرنىڭ يوقىلىپ كەتكەنلىكىدىن ۋاڭ يۈەنلۇ تولىمۇ ئېچىنغان ، چۈنكى نوم – بىتىك غارىنى شۇ كىشى تاپقان ، ئۇ ساقلاپ كەلگەن كەلگەن يىللاردا سەۋەبسىز تۈردە كۆپلەپ يوقىلىپ كېتىش ئشى يۈز بەرمىگەن ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ شۇنچىۋالا ئاچكۆزلۈك قىلىشىدىن ئۇ قاتتىق نەپرەتلەنگەن . شۇڭا 1914 – يىلى ستېيىن ئىككىنچى قېتىم دۇنخۇاڭ مىڭئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن ۋاڭ يۈەنلۇ ئۇنىڭغا ئادەمنى قاتتىق ئويغا سالىدىغان بىر گەپنى قىلغان ، بۇ گەپ « ستېيىننىڭ غەربىي يۇرت ئارخېئولوگىيسى خاتىرىسى » دە مۇنداق بايان قىلىنغان : « ئۇ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئۇ تولىمۇ ئەتىۋارلايدىغان خەنزۇچە نوم – بىتىكلەرنى توشۇپ زىيانغا ئۇچراتقانلىقىغا قاراپ ، شۇ چاغدا دادىللىق ۋە دانالىق قىلىپ جياڭ ئۇستامنىڭ گېپىگە كىرىپ شۇنچە جىق پۇلنى ئېلىپ پۈتكۈل نوم – بىتىكلەرنى ماڭا بېرىۋەتمىگەنلىكىگە پۇشايمان قىلىپتۇ . شۇ قېتىم ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۇ بەك قورقۇپ كېتىپتۇ ، شۇ سەۋەبتىن ئالاھىدە مۇھىم دەپ قارىغان خەنزۇچە نوم – بىتىكلەرنى بىخەتەر بىر يەرگە يوشۇرۇپ قويۇپتۇ . ۋاڭ يۈەنلۇنىڭ نەزىرىدە ، نوم بىتىكلەرنىڭ بۇنداق بۇلاڭ – تالاڭغا ئۇچرىشىدىن كۆرە پۈتكۈل نوم بىتىكلەرنى ستېيىننىڭ مۇكەممەل ھالدا ساقلىشىنى ياكى ئۆزىنىڭ ساقلىشىنى ئەۋزەل كۆرگەن . دۇنخۇاڭ نوم – بىتىكلىرىنى زادى كىمنىڭ مۇھاپىزەت قىلىۋاتقانلىقى  بىلەن زادى كىمنىڭ زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ۋاڭ يۈەنلۇنىڭ ئۆز قارىشى بار ئىدى .
نوم – بىتىك ساقلانغان غار 1900 – يىلى تېپىلىپ تا ھازىرغا قەدەر 100 يىل بولدى ، ۋاڭ تويىن دۇنخۇاڭ مىڭئۆيىنى 30 نەچچە يىل ساقلاپ ، پۈتۈن ھاياتى ۋە زېھنىنى ئەسلىدە ئۆزىگە مەنسۇپ بولمىغان بىر مۇقەددەس جايغا تەقدىم قىلدى . بۈگۈنكى كۈنلۈكتە دۇنخۇاڭ مىڭئۆيى گۈللەپ ياشنىدى ، « دۇنخۇاڭشۇناسلىق » پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى . تويىنىزىم پەرھىزى بويىچە ، تويىنلار ئۆلگەندىن كېيىن مۇنار تىكلەنمەيتتى ، مۇنار تىكلەش پەقەت بۇددىزىمغىلا خاس نەرسە ئىدى . لېكىن ۋاڭ تويىن بۇددا غارىغا كېلىپ يەرلىكلىشىپ كەتكەچكە ، ئۇنىڭ شاگىرت – مۇرىتلىرى ۋە ئىخلاسمەنلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنخۇاڭ مىڭئۆيىدە مۇشۇ ئەڭ ئىگىز ، ئەڭ چوڭ مۇنارنى تىكلىدى ، مەقبەرىگە ئۇنىڭ تۆھپىلىرى بىلەن پەزىلىتىنى يېزىپ قويدى . بىز بۇددىزىمغا خاس ماكاندا ئىگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ تويىن مۇنارىنى كۆرگىنىمىزدە ، ئېيتىشقا قىيىن بولغان بىر ھېسسىياتقا كېلىمىز . چۈنكى دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتىنى ياراتقۇچىلار جوڭگولۇق ، لېكىن ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقانلار بولسا ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت .
تەرجىمە قىلغۇچى : نۇرمۇھەممەت دۆلەتى
« شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى » ژورنىلى 2000- يىللىق 3 –سان 
Posted: 2007-11-20 15:47 | [ئاپتور]
aytoldi311
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 16
شۆھرىتى: 17 نومۇر
پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-10

 

نىياز دېھقان ئەپەندى سىز تولىمۇ ياخشى ماتىرىيال بىلەن تەمىن ئېتپسىز! بولسا بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ئىلمىي قىممىتى بار ماقالىلارنى كۆپرەك يوللىغايسىز ! بىزدەك تارىخ كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا كۆپ پايدىسى باركەن .مەنمۇ ئىزچىل ھالدا ۋاڭ تويىنى دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتقان دىگەن قاراشتا ئىدىم .بۇ ماقالا مېنىڭ كۆز قارىشىمنى تولۇقلىدى.
Posted: 2008-01-07 20:22 | 1 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 52
شۆھرىتى: 53 نومۇر
پۇلى: 520 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 41(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-11

 

"تارىخىمىزغا قانداق مۇئامىلە قىلدۇق" دېگەن مۇنازىرە تېمىسىغا بۇ ماقالە يەنە بىر ياخشى جاۋاپ بولالايدىكەن.
ستەيىننىڭ بېزەكلىك مىڭ ئۆيىنى تاپقاندىكى خاتىرىسىدىمۇ قەدىمى يازمىلىرىمىزنىڭ ھارۋىلاپ ئېپچىقىپ ئېقىنلارغا تاشلانغانلىقى، كۇفارلارنىڭ نەرسىلىرى دەپ بۇزۇۋېتىلگەنلىكىگە دائىر ئاجايىپ قۇرلارنى كۆرىسىز.
بىز تارىخىمىزغا يەنە مۇشۇنداقمۇ مۇئامىلە قىلغان!!!
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-07 23:59 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » يادىكارلىقلىرىمىز

Total 0.063280(s) query 4, Time now is:01-11 01:28, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation