تۈركىيىدە نەشر قىلىنىۋاتقان ئەرگىنەقون گېزىتىنىڭ، 2008 - يىلى فېۋرال 14 - سانىدا شىئەندىكى ئۇيغۇر پرامىدالىرى` ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ ماقالە تۈركىيىدىكى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىپ بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: "ئۇيغۇر رايونىدا تېپىلغان، مىسىر پرامىدالىرىدىن يۈز يىللارچە مۇقەددەم سېلىنغان ۋە مىسىر پرامىدالىرىدىن ھەم ئېگىز ، ھەم بۈيۈك پرامىدالارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئۇيغۇر تۈركلىرىدۇر. بۇ يەرگە كىرىش تامامەن چەكلىنىدۇ. بۇ پرامىدالارنىڭ ئىچىدە پروتو - تۈرك يازمىلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ، ئارخېئولوگلارنىڭ كىرىشىگىمۇ قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ. چۈنكى، بۇ سىرلىق پىرامىدالار دۇنيا تارىخىنىڭ تەكرار يېزىلىشىغا ئېھتىياج تۇغۇلۇشى مۇمكىن. بۈگۈن جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە شىئەن شەھىرىگە 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چىنلىڭشەن تاغلىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيەتلىرىنىڭ بىرى تەرىپىدىن ئىنشا قىلىنغان، ئەتراپىدا چوڭ - كىچىك 100 دانە پىرامىدا بىلەن بىرگە 300 مېتىر ئېگىزلىكتە بىر پىرامىدا بار."
بۇ پرامىدالارنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش مەقسىتى بىلەن 1994 - يىلى شەنسى رايونىدا بىر تەتقىقات ساياھىتى ئېلىپ بارغان گېرمانىيىلىك ئالىم ھارتۋىگ ھاۋۇسدوف ئۆزىنىڭ رەسىم ئالبومىدىن بىر قانچە رەسىمىنىڭ خەلققە كۆرسىتىلىشىگە رۇخسەت قىلغان. ھاۋۇسدوفنىڭ قارىشىچە، پرامىدالارنىڭ بىنا قىلىنىش تارىخى ئەڭ ئاز مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2500 يىللار ئەتراپىدا ئىكەن.
مەنبە:
http://www.turkdirlik.com/Bilgimece/Turkoloji/Kultur/MKilic0023.htmYOUTUBE تىكى مۇناسىۋەتلىك سىن ھۆججەت:
http://www.youtube.com/watch?v=UCAyg3-R9Awhttp://www.youtube.com/watch?v=_YRBS3VHbiw&feature=relatedئاپتۇرى: مۇھەررەم قىلىچ.
گۇگۇل قاتارلىق ئىزدەش موتورىدىكى خەتكۈچ:
uygur pramitleri
[ بۇ يازما pis-pas تەرىپىدىن 2008-06-06 16:55 دە قاي ]