قاغىلىقتىكى قوزغىلاڭ
قاغىلىقتا سابىرخان خوجا ئىسىملىك بىر ئىشان بۇلۇپ، شۇ ۋاقىتلاردا قاغىلىق بويىچە نۇپۇزلۇق ئىدى. بۇ كىشى خوتەن، قۇمۇل تەرەپتە كۈتۈرۈلگەن قوزغىلاڭلاردىن خەۋەر تېپىپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇ خوتەن قوزغىلىڭىنى قوللاپ ئۆزى بىلەن بىر پىكىردىكى كىشىلەرنى توپلاپ قەشقەردىن كەلگەن قىرغىز ئەسكەرلەرنىڭ باشلىقى بىلەن كۈرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قوللاشنى تەلەپ قىلىدۇ. قىرغى لىيەنىنىڭ باشلىقى ئۇنى قۇبۇل قىلىپ قوزغىلاڭچىلارنىڭ شەھرىگە بۈسۈپ كىرىشىنى، ئۇلار بېسىپ كىرگەندە ئۆزلىرىنىڭ مىلتىقنى ئاسمانغا قارىتىپ ئېتىپ ئەمەلىي قارشىلىق كۆرسەتمەي شەھەرگە كىرىشكە ئۇڭايلىق تۇغدۇرۇپ بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭچىلار شەھەرگە بىخەتەر بېسىپ كىرىپ قىرغىز ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، قاغىلىقتىكى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىدىن قورال تارتىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ قاغىلىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۈتىدۇ. قوزغىلاڭچىلار 300 دىن ئارتۇق قوراللىق قىسىم تەشكىللەپ 100 ئادەمنى گۇمىغا، 100 ئادەمنى پوسكامغا ئەۋەتىدۇ. مادوتەينىڭ خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇشقا قاغىلىقتىن ئەۋەتكەن بىر لىيەن ئەسكىرى خوتەنگە كىرەلمەي قايتىپ گۇمىنى ۋەيران قىلىپ يەنە قاغىلىققا قاراپ كىلىۋاتقانىدى. ئۇلار يول ئۈستىدە قاغىلىقنىڭ قوزغىلاڭچىلار قولىغا ئۈتۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئوسمان، ھىسامىدىن دېگەن ئىككى كىشىگە يول باشلىتىپ قاغىلىققا كىرمەي ئۇششاق باش، كۆكيار ئارقىلىق كاچۇڭغا ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن يەكەنگە كىرىۋالىدۇ. گۇمىغا ماڭغان 100 ئادەم مادوتەينىڭ ئەسكەرلىرىنى توسىيالماي قاغىلىققا قايتىپ كىلىپ ئۇ يەردىن پوسكامغا كىلىپ دەريا بويىغا ئۇرۇنلىشىدۇ. دىمەك، شۇنىڭ بىلەن مەمتىمىن ھەزرەت باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار پوسكامدىن تارتىپ چەرچەنگىچە بولغان جايلارنى ئىگەللەيدۇ. ھەممە ناھىيىلەرگە ھاكىملار بەلگىلىنىپ بىر قەدەر تىنچلىق ئورنىتىلىدۇ.
شامەنسۇرنىڭ يەكەنگە كىلىشى
مەمتىمىن ھەزرەت ئىنىسى شامەنسۇرنى 500 دەك ئەسكەر بىلەن يەكەننى ئىگەللەشكە ئىۋەرتىدۇ. شامەنسۇر گۇمىغا كەلگەندە گۇمىدىكى مەھەممەتنىياز ئەلەم 200 دەك پىدائىي بىلەن قوشۇلىدۇ. ئىشان قادىرخاننى گۇمىغا ھاكىم قىلىدۇ.
شامەنسۇر گۇمىغا كەلگەندە شەھەر ھاكىمى سابىرخان خۇجا باشلىق خەلق ۋە پىدائىيلار ئالدىغا چىقىپ دەبدەبە بىلەن قارشى ئالىدۇ. شامەنسۇر قاغىلىقتا ئىككى- ئۈچ كۈن تۇرۇپ ئەسكەرلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ قۇراللىق ۋە قۇرالسىز بۇلۇپ 800 دەك پىدائىينى باشلاپ پوسكامغا كىلىدۇ. ئۇ يەردىكى 200 دەك ئەسكەر بىلەن قوشىلىدۇ. بۇ چاغدا شامەنسۇرنىڭ قۇراللىق ۋە قۇرالسىز ئەسكەرلىرى 1000 دىن ئېشىپ كىتىدۇ، 33- يىلى 4- ئاينىڭ ئاياغلىرىدا يەكەنگە يېتىپ كېلىپ مادوتەي ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشىدۇ. جەڭ ناھايىتى قاتتىق بولىدۇ. بىر نەچچە كۈنلۈك جەڭدىن كىيىن مادوتەي ئەسكەرلىرى بەرداشلىق بىرەلمەي كونىشەھەرنى تاشلاپ يېڭىشەھەرگە كىرىۋالىدۇ. ئابدۇللاغا شامەنسۇر دىگەن ئۇنۋان شۇ قېتىمقى يەكەننى ئېلىش جېڭىدە بېرىلگەن(بۇ ئۇنۋاننى ئەمىر كېبىر بەردىمۇ ياكى ئۆزى قۇيىۋالغانمۇ ئېنىق ئەمەس). يەكەن كونىشەھەر ئېلىنغان كۈنى 1933- يىلى 5- ئاينىڭ 8- كۈنى ئىدى.
يەكەن ۋەقەسى
شامەنسۇر يەكەن كونا شەھەرنى ئىگەللەپ، يىڭىشەھەرنى مۇھاسىرە قىلىپ مادوتەي ئەسكەرلىرىنى ھالسىزلىتىۋاتقان بىر پەيتتە يەنى 33- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنلىرى قەشقەردىن تۆمۈر سىجاڭ ئەۋەتكەن ھاپىز لۈيجاڭ 300 چە ئەسكەر بىلەن يەكەنگە يىتىپ كىلىدۇ. بۇ ئىككى ئەسكەر باشلىقى چىرايلىق كۈرۈشكەن بولسىمۇ، بىر قانچە كۈن ئۆتمەيلا ئوتتۇرىدا زىدىيەت تۇغۇلىدۇ. سەۋەبى: شامەنسۇر خەلققە بەك زۇلۇم سالغان مىشا بىگىنى قولغا ئېلىپ خەلقنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇنىڭغا ئۈلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى. ھاپىز لۈيجاڭ بۇنى تۆمۈر سىجاڭنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي قىپسىلەر، دەپ ئاشكارە نارازىلىق بىلدۈرگەندىن تاشقىرى خەت ئارقىلىق تۆمۈر سىجاڭغا مەلۇم قىلىدۇ. بۇ چاغدا شامەنسۇر، بىزمۇ خوتەندىن ئىنقىلاب قىلىپ كەلدۇق، بىزنىڭ رەھبىرىمىز خۇجىنىياز ھاجىم، خوجىنىياز ھاجىمدىن بىزگە تۆمۈر سىجاڭغا بويسۇنۇڭلار دىگەن يوليۇرۇق يوق، دەپ ھاپىز لۈيجاڭنىڭ نارازىلىقىنى ئىتىبارغا ئالمايدۇ. ئىككىنچى بىر سەۋەب، ھاپىز لۈيجاڭ كىلىپ يىڭىشەھەر مۇھاسىرىسىنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئۈچىنچى بىر سەۋەب، قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ماجەنساڭمۇ ھاپىز لۈيجاڭنىڭ ئارقىسىدىن 200 دەك ئەسكەرنى يەكەنگە ئەۋەتىدۇ. ئۇلار يەكەنگە كىلىپ كونىشەھەرگە ئۇرۇنلىشىپ، بىر قانچە كۈندىن كىيىن غىپپىدە يىڭىشەھەردىكى مادوتەي ئەسكەرلىرىگە قۇشۇلىۋالىدۇ. بۇ ئەھۋالنى ھاپىز لۈيجاڭ بىلسىمۇ، ئۇلارنى توسماي بەلكى ئۇ بىزنىڭ ئىتتىپاقچىمىز دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ يەكەن يېڭىشەھەردىكى مادوتەينىڭ ئەسكەرلىرى 600 گە يىتىدۇ.
بۇ چاغدا شامەنسۇر بۇ ئىشلارغا ھەيران بۇلۇپ، ئۇلار بىزنىڭ قانداقچە ئىتتىپاقچىمىز بولسۇن، بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىز بىلەن بىرگە بۇلۇۋالغانلار قانداقمۇ بىزنىڭ ئىتتىپاقچىمىز بۇلالايدۇ، دەپ ھاپىز لۈيجاڭ بىلەن تىركىشىپ قالىدۇ ھەم بۇ ھەقتە بىر قارارغا كىلىش ئۈچۈن شامەنسۇر تۆمۈر سىجاڭغا ئادەم ئەۋەتىدۇ.
ساۋۇت داموللامنىڭ يەكەنگە كىلىشى
ساۋۇت داموللام خوتەندە قوزغىلاڭ كۈتۈرۈشتىن بۇرۇن يەنى 32- يىلى 12- ئايلاردا ھەرەمدىن قايتىپ قاغىلىققا كىلىپ ئاندىن خوتەنگە بارغان. داموللام قاراقاشتا قۇرۇلغان قوزغىلاڭچىلار تەشكىلاتىدىن 33- يىلى 1- ئايدا خەۋەر تاپىدۇ. خوتەن ئازات قىلىنغاندىن كىيىن، خوتەندە قۇرۇلغان قوزغىلاڭچىلار ھۆكۈمىتى ساۋۇت داموللامنى شەيخۇل ئىسلام قىلىپ ئەڭ يۇقۇرى دىنىي مەرتىۋە بىرىدۇ، شۇ ئوتتۇرىدا داموللامنىڭ نىمە ئىش قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن بۇ ئادەم شەيخۇل ئىسلام بولغاندىن كىيىن يەكەندىكى شامەنسۇر بىلەن ھاپىز لۈيجاڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇلارنى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن يەكەنگە كىلىدۇ. بۇ چاغدا يەكەندىكى شامەنسۇر باشلىق ھەربى ۋە خەلقتىن بىر قانچە مىڭ كىشى يەكەن دەرياسىنىڭ بويىغا چىقىپ داموللامنى كۈتىۋالىدۇ (ھاپىز لۈيجاڭ ئالدىغا چىقمايدۇ) داموللام شامەنسۇر بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنىڭ تۈگىنى مادوتەي ئەسكەرلىرى مەسلىسى ئىكەن دەپ تونۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساۋۇت داموللام، شامەنسۇر، ھاپىز لۈيجاڭ قاتارلىقلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ كېڭەش ئاچىدۇ. كېڭەشتە ساۋۇت داموللام سۆزلەپ «يەكەندىكى مادوتەي ئەسكەرلىرىنى ئۇرۇش بىلەن ياكى سۆھبەت ئارقىلىق قۇرالسىزلاندۇرۇپ يەكەننى تىنجىتىپ، خوجىنىياز ھاجىمغا ياردەمگە ئەسكەر ئەۋەتىشىمىز كېرەك. يەكەندىكى مادوتەينىڭ ئەسكەرلىرىنى بىر تەرەپ قىلماي تۇرۇپ ئۈرۈمچىگە ئەسكەر ئەۋەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر» دەيدۇ. بۇ چاغدا ھاپىز لۈيجاڭ: «بۇنىڭغا مىنىڭ پىكىرىم يوق، تۆمۈر سىجاڭ قانداق بۇيرۇق قىلسا شۇنى ئىجرا قىلىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىرلىرى تۆمۈر سىجاڭغا خەت يېزىشاملا، ياكى ئۆزلىرى (ساۋۇت داموللامنى دىمەكچى) باراملا، شۇ كىشىدىن سوراپ بىر تەرەپ قىلىشسىلا» دەيدۇ.
شۇ ئارىلىقتا قەشقەردىن تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئابدۇغۇپۇر ھاجىم شاپتۇل باشچىلىقىدىكى تۆت ۋەكىلى يەكەنگە يېتىپ كېلىدۇ. ئۇلار تۆمۈر سىجاڭنىڭ:«ماجەنساڭ بىزنىڭ ئىتتىپاقچىمىز ۋە ياردەمچىمىز، ھازىر ئۈرۈمچىدە خوجىنىياز ھاجىم بىلەن ماجۇڭيىڭ بىرلىكتە ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ، بىز بۇ يەردە ماجەنساڭنى قورالسىزلاندۇرۇپ قويساق، ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقىغا تەسىر يىتىدۇ. شۇڭا خوجىنىياز ھاجىمدىن خەۋەر بولمىغىچە ئۇلارغا تەگمەسلىكىمىز كېرەك» دېگەن پىكىرنى يەتكۈزىدۇ. بۇ چاغدا ساۋۇت داموللا باشچىلىقىدىكى خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى: «يەكەن، قەشقەردىكى مادوتەي، ماجەنساڭ ئەسكەرلىرىنى قورالسىزلاندۇرماي تۇرۇپ، خوجىنىياز ھاجىمغا ئەسكەر ئەۋەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنۇب ئازات بۇلۇپ بولدى، شۇڭا بىز قەشقەردە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىپ (شەرقىيي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى دىمەكچى) خەلقنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشىمىز كېرەك، كونا تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ پۇل- مال مەسىلىسى ئەمەس، چوڭ ھەق چوڭ ناھەق مەسلىسى. ئۇنداق قىلمىساق، ئىنقىلاب قىلىپ نېمە قىلىمىز» دەيدۇ ھەمدە ۋەكىللەرگە مۇشۇ كېڭەشتە بۇلۇنغان سۆزلەرنى تۆمۈر سىجاڭغا يەتكۈزۈشنى تاپشۇرىدۇ. ۋەكىللەردىن ئابدۇغۇپۇر ھاجىم شاپتۇل يەنىلا تۆمۈر سىجاڭنىڭ ماجەنساڭنى قورالسىزلاندۇرۇشقا قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن كېڭەش ئاياغلىشىدۇ. لېكىن كېڭەشتىن قايتقاندىن كىيىن ئابدۇغۇپۇر ھاجىم شاپتۇل: ئۇلارنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرىمىز دىگىنى نىمىسى، ماجەنساڭلارغا كۈچى يېتەمدىكىن؟ دىگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىپ، ساۋۇت داموللامنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلىدۇ. ۋەكىللەرنى كۈتۈشكە مەسئۇل بولغان بىرسى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قېلىپ شامەنسۇرغا ئېيتىپ قۇيىدۇ.
قەشقەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئەتىسى قايتماقچى بولغاندا شامەنسۇر، ئابدۇغۇپۇر ھاجىمنى ئېلىپ قېلىپ نەزەربەند قىلىپ قۇيىدۇ. ۋەكىللەر قەشقەرگە كىلىپ يەكەندىكى كېڭەشتە بۇلۇنغان سۆزلەرنى، ئابدۇغۇپۇر ھاجىمنى ئېلىپ قالغانلىقىنى، تۆمۈر سىجاڭغا يەتكۈزىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ بۇنىڭغا خاپا بۇلۇپ ئابدۇغۇپۇر ھاجىمنى ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن قەشقەر ئۆلىمالىرىدىن تەشكىللەپ يەنە ۋەكىل ئەۋەتىدۇ. شامەنسۇر ۋەكىللەرگە: ئابدۇغۇپۇر ھاجىمنى ھازىر قۇشۇپ بىرىمىز، مۇندىن كىيىن مۇنداق پىتنە- پاسات تارقاپ كەتمىسۇن! دەپ جېكىلەيدۇ.
يەكەندىكى مادوتەي ئەسكەرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى
خوتەن، قاغىلىق قوزغىلاڭلىرى مۇۋەپپەقيەت قازانغاندىن كىيىن خوتەن، قاغىلىق تەرەپلەردىكى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى يەكەنگە توپلىنىپ يەكەن يېڭىشەھەرگە ئۇرۇنلىشىۋالىدۇ. خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى ئىمىر ئابدۇللا بەگنى يەكەننى پاتىھە قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. قەشقەر تەرەپتىن تۆمۈر سىجاڭ ھاپىز لۈيجاڭنى ئۈچ- تۆت يۈز ئەسكەر بىلەن يەكەنگە ئەۋەتىدۇ. بۇ ئىككى كۈچ بىرلىشىپ يەكەن يېڭىشەھەرنى مۇھاسىرە قىلغان بولسىمۇ لېكىن بىر تەرەپ قىلالمايدۇ.
بۇ چاغدا قەشقەردىكى ماجەنساڭ، يەكەندىكى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنى ئەپلەپ ئۆزىگە ئەل قىلىۋېلىش ئۈچۈن مارۇلۇڭ ئىسىملىك تۈەنجاڭنى 100 ئاتلىق ئادەم بىلەن يەكەنگە ئەۋەتىدۇ. مارۇلۇڭ يەكەنگە كۆرۈنۈشتە شامەنسۇر ۋە ھاپىز لۈيجاڭلارغا ياردەم كۆرسەتكىلى كەلگەندەك قىلىپ كېلىدۇ. لېكىن ئۇ پۇرسەت تېپىپ يېڭىشەھەرگە كىرىپ ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىشىۋالىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى شەھەردىكى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنى ۋە قورال- ياراقلىرى بىلەن قەشقەرگە ئېلىپ كېتىپ ماجەنساڭ قىسىملىرىنى تۇلۇقلاش ئىدى. ئەمما خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى ۋە تۆمۈر سىجاڭ ئەسكەرلىرىمۇ يەكەندىكى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ قوراللىرىنى تارتىۋېلىشنى مەقسەت قىلاتتى. دېمەك، يەكەندىكى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنىڭ قورال- ياراقلىرىغا ئۈچ تەرەپنىڭ كۆزى تەڭ چۈشكەنلىكتىن يەكەن ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى.
بۇ چاغدا ماشياۋۋۇ بىلەن ماجەنساڭ ئىككىسى يەكەندىكى ھۆكۈمەت كۈچلىرىنى قەشقەرگە ئېلىپ كېلىۋېلىشنىڭ ئامالىنى مەسلىھەتلىشىپ تۆمۈر سىجاڭغا: «يەكەندىكى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىپ ئۇلارنىڭ قورالىنى تۆمۈر سىجاڭغا تاپشۇرۇش» دەيدىغان بىر يولنى تەكلىپ قىلىدۇ.
تۆمۈر سىجاڭ بۇ تەكلىپكە بىنائەن ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى يۈسۈپجان (قۇر بېشى)، كىچىك ئاخۇنلارنى 100 دىن 200 ئەسكەر بىلەن، يىڭىساردىكى ئەخمەتخان لۈيجاڭنى 200 ئەسكەر جەمئىي 400 ئەسكەر بىلەن يەكەندىكى مادوتەي ئەسكەرلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئەپكىلىشكە بەلگىلەيدۇ. بۇنى ئوسمان لۈيجاڭ ئاڭلاپ بىزدىن ئادەم بارمامدۇ؟ دەپ سورىغاندا ئۇنىڭغىمۇ ئىككى لىيەن بېرىشقا قۇشۇلىدۇ. ئوسمان ئوراز تۈەنجاڭ بىلەن مېنى (قادىرى ھاجى) 300 ئەسكەر بىلەن يەكەنگە بېرىشقا بۇيرۇق قىلدى. بىز تۆمۈر سىجاڭنىڭ، ئوسماننىڭ بۇلۇپ 500 دەك ئەسكەر يەكەنگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ئەخمەتخان لۈيجاڭ 200 دەك ئەسكەر بىلەن يىڭىساردا قالدى. بۇ ھەقتە تۆمۈر سىجاڭ ھاپىز لۈيجاڭ بىلەن شامەنسۇرغا يەكەن يېڭىشەھەردە قامىلىپ قالغان ماجەنساڭ ئەسكەرلىرىگە دەرۋازىنى ئېچىپ بىرىش، ئۇلارغا چېقىلماسلىق توغرىسىدا خەت ئەۋەتكەن ئىدى. خەت يېتىپ بارغان كۈنى ئۇلار قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىپ شۇ كۈنى كۆك راۋاتقا كېلىپ قونىدۇ. ئەتىسى يېڭىسارغا قاراپ يولغا چىقىپ ھېمىتنىڭ سېيىغا كەلگەندە ئەمىر ساھىب باشچىلىقىدا 1000 دەك خوتەن پىدائىيلىرى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يېتىپ كېلىدۇ. بىز شۇ چاغدا ئۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئەپكېتىش ئۈچۈن قىزىلدا كۈتۈپ تۇراتتۇق. مادوتەي ئەسكەرلىرى ئارقىسىدىن كېلىۋاتقان ئەسكەرلەرنى كۆرۈپ توختاپ قالدى. بىز ئۇلارنىڭ قورقماي كېلىۋېرىشىنى ئېيتىپ ۋەكىل ئەۋەتتۇق. شۇ ئەسنادا ئارقا تەرەپتىن ئوق چىقىپ قالدى. ئۇلار قورشاۋدا قالغان ئوخشايمىز دەپ چۈشەنسە كېرەك، بىز تەرەپكە قاراپ ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋېتىپ بىزگە قارىتىپ ئوق چىقاردى. بىزمۇ ئوق چىقاردۇق. ئوتتۇرىدىدا بىر قەپەس ئېلىشتۇق. ئۇلار يىقىلغانلىرىنى تاشلاپ يىڭسارغا قاراپ قاچتى. ئەمىر ساھىب ئەسكەرلىرى ئارقىسىدىن قوغلاپ كەتتى. مادوتەي ئەسكەرلىرى 600 دەك ئادەم بۇلۇپ، ئۇلاردىن 500 دەك ئادەم قوراللىق، قالغىنى ئائىلە- تاۋابىئاتلار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئارقىسىدىن كېلىۋاتقان 400 دەك قېرى- چۈرى، ئۇششاق بالىلارمۇ بار ئىكەن. بىز قاچقانلارنى قوغلىماي ئارقىسىدا قالغان يارىدار ۋە قېرى- چۈرى، ئۇششاق بالىلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئېلىپ كەلدۇق.
قىزىلدا بىزگە ئوق چىقىرىپ يېڭىسارغا ئۆتۈپ كەتكەن مادوتەي ئەسكەرلىرى 200 چە بۇلۇپ، ئۇلار يېڭىسارنىڭ قايراق دېگەن يېرىگە كەلگەندە ئەخمەتجان لۈيجاڭ ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق بېرىپ ئۇلارنى قىرىپ تاشلىغان. بىز قىزىلدىن يولغا چىقىپ 3- كۈنى توققۇزاققا يېتىپ كەلسەك، ئوسمان لۈيجاڭ 200چە ئەسكەر بىلەن ئالدىمىزغا چىقىپ تۇرغانىكەن. ئەتىسى بىز تۆمۈر سىجاڭ بىلەن كۈرۈشۈپ يولدا بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بەردۇق. تۆمۈر سىجاڭ، بىزنىڭ قىزىلدا قولغا چۈشۈرگەن مادوتەي ئەسكەرلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنى ساق- سالامەت ئەپكەلگەنلىكىمىزگە خوش بولدى. ئەخمەتجان لۈيجاڭنىڭ مادوتەي ئەسكەرلىرىنى قىرىپ تاشلىغىنىغا رەنجىدى. يەكەندىن كەلگەن ئەمىر ساھىب 100 دەك قورالنى غەنىيمەت ئېلىپ يەكەنگە قايتىپ كەتتى. بىزمۇ قولغا چۈشۈرگەن قوراللارنى ئۆزىمىز ئىگىلىدۇق. بىز قەشقەرگە كېلىپ بەش- ئالتە كۈندىن كېيىن تۆمۈر سىجاڭ سېتىۋالدىجان، كىچىك ئاخۇنغا ۋە ماڭا (قادىر ھاجى) تۈەنجاڭلىق ئۇنۋان بەردى ھەم تامغا ئويدۇرۇپ بەردى (خەنزۇچە). بىز قىزىلدىن مۇھاپىزەت قىلىپ ئېلىپ كەلگەن 400 دەك ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بالا- چاقىلىرىنى قەشقەر يېڭىشەھەرگە (ماجەنساڭغا) ئۆتكۈزۈپ بەردۇق. بۇ، 33- يىل 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىدى. ماجەنساڭ يېڭىشەھەردە، تۆمۈر سىجاڭ كونىشەھەردە ئىدى. ماجەنساڭنىڭ 1700 دەك ئەسكىرى بۇلۇپ، كېچە- كۈندۈز مەشىق قىلاتتى. تۆمۈر سىجاڭنىڭ قولىدىكى ئىككى لۈيدە 1600 دەك، ئوسماننىڭ قولىدىكى تۆت تۈەندە 1200 دەك ئەسكەر بار ئىدى. ئەگەر ئىككى تەرەپ بىرلىشىدىغان بولسا، ناھايىتى زور كۈچ ئىدى. يېڭىشەھەر مەسىلىسىنىمۇ بىر تەرەپ قىلغىلى بولاتتى.
ساۋۇت داموللام بىلەن شامەنسۇرنىڭ قەشقەرگە كېلىشى
ساۋۇت داموللام بىلەن شامەنسۇر قەشقەر يېڭىشەھەر مەسىلىسىنى يەكەندە تۇرۇپ ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن دەپ 33- يىل 7- ئاينىڭ 13- كۈنى قوراللىق، قورالسىز بۇلۇپ 1000 دەك پىدائىينى باشلاپ قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. 17- كۈنى تۆمۈر سىجاڭ يېنىك ماشىنا بىلەن كۆرۈنۈشتە ئالدىغا چىققان بۇلۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى يەنە يەكەنگە قايتۇرۇشنى كۆزلەپ يېڭىسارغا كېلىدۇ. يېڭىسارغا كېلىشتىن بۇرۇن تۆمۈر سىجاڭ قەشقەر يېڭىشەھەردە ماجەنساڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ماڭىدۇ. يېڭىساردا تۆمۈر سىجاڭ ساۋۇت داموللام، شامەنسۇرلار بىلەن چىرايلىق كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. سۆھبەتتە تۆمۈر سىجاڭ خوجىنىياز ھاجىمغا ياردەمگە ئەسكەر ئەۋەتىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ساۋۇت داموللام تەرەپ: قەشقەرگە يېڭىشەھەردىكى ماجەنساڭ ئەسكەرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاندىن خوجىنىياز ھاجىمغا ياردەمگە ئەسكەر ئەۋەتەيلۇق دېگەن تەكلىپنى بېرىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ بولسا بۇ پىكىرگە قۇشۇلمايدۇ. ئۇ يەنە ھازىر خوجىنىياز ھاجىم ماجۇڭيىڭ بىلەن بىرلىشىپ ئۈرۈمچىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر بىز بۇ يەردە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىپ قويساق (قورالسىزلاندۇرۇپ قويساق) خوجىنىياز ھاجىم بىلەن ماجۇڭيىڭنىڭ ئىتتىپاقى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ دېگەن كونا پىكىرنى تەكرارلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا شۇ كۈنلەردە خوجىنىياز ھاجىم بىلەن ماجۇڭيىڭنىڭ ئىتتىپاقى بۇزۇلۇپ، بىر- بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان؛ ئاقسۇدا باي سىجاڭ ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىنى قورالسىزلاندۇرۇپ بولغان؛ ھەتتا خوجىنىياز ھاجىمدىن تۆمۈر سىجاڭغا توخسۇنلۇق شېرىپ ئاخۇن ئارقىلىق قەشقەردىكى ماجەنساڭ قىسىملىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق كېلىپ بولغان چاغ ئىدى. شۇنىڭدەك ساۋۇت داموللامنىڭ شەرقىيي تۈركىستان ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇش، يېڭىچە غەللە- پاراق ئېلىش، بايلارنىڭ يەرلىرىنى قايتا ئۆلچەش، كەمبەغەللەرگە غەمخورلۇق قىلىش، كونا ھۆكۈمەت تۈزۈملىرىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىرلىرىگىمۇ قۇشۇلمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ساۋۇت داموللام تەرەپ تۈۋەندىكى تۆت تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
1. ماجەنساڭ مەسىلسىىنى تېزلىكتە بىر تەرەپ قىلىش؛
2. ھەربىي- مەمۇرىي ئىسىملارنى مۇسۇلمانچە ئاتاش؛
3. تامغىنى ئۇيغۇرچە ئويدۇرۇش؛
4. دېھقانلاردىن ئالىدىغان غەللە- پاراقنىڭ يېرىمىنى ۋەخپە كىرىمدىن تولدۇرۇش؛
بۇ تەكلىپلەرگە تۆمۈر سىجاڭ ئويلىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ماجەنساڭ مەسىلىسىگە كەلگەندە: ئۇنىڭ 2000 چە مۇنتىزىم ئەسكىرى بار، ئۇنى ئاسانلا بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر ھەربىرلىرى قەشقەرگە بېرىش ئارزۇلىرى بولسا، ئازراق ئادەم بىلەن بېرىپ زىيارەت قىلىپ قايتىشسىلا بولىدۇ، ئەسكەرلەرنىڭ تەمىنات مەسىلىسىنى ھەل قىلماق قىيىن، دەيدۇ.
ساۋۇت داموللام، شامەنسۇرلار ئۆز پىكىرىدە قېلىپ قەشقەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئارقىسىدىن ساۋۇت داموللام شامەنسۇرلار قەشقەرگە كېلىدۇ. بۇ 33- يىل 7- ئاينىڭ 20- كۈنى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا سەككىز تاشقا چۈشكۈن راسلاپ ھامىتخان لۈيجاڭ، ھەمدەم بەگ ھاجىم لۈيجاڭ، سېتىۋالدىجان، كىچىك ئاخۇنلار 600 دەك ئەسكەر بىلەن ئىستىقبالغا چىقىدۇ. ئوسمان لۈيجاڭ، ئوراز تۈەنجاڭلارمۇ 400 دەك ئەسكەر بىلەن ئالدىغا چىقىدۇ. شۇ كۈنى شەھەردىن چىققان ئادەم بەك كۆپ ئىدى، ئۇلارنىڭ ئالدى قالماق كۆۋرۈككىچە يېتىپ بارىدۇ. چۈشكۈن ئىككى جايغا راسلانغانىدى. بىرسى سەككىز تاشتا، بىرسى قالماق كۆۋرۈكتە، ساۋۇت داموللاملار چۈشكۈن راسلىغان جايغا پېشىن بىلەن يېتىپ كەلدى. يەكەندىن كەلگەن ئەسكەرلەرنىڭ 600 ى ئاتلىق بۇلۇپ، ھەممىسى قوراللىق ئىدى، 400 ى پىيادە بۇلۇپ قوللىرىدا كەكە، پالتا، توقماق قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۇلار ئىككىدىن تىزىلىپ كېلىشتى. بىزنى كۆرگەندىن كىيىن ساۋۇت داموللام باشلىق ئەمەلدارلار ئاتتىن چۈشۈشتى، ئەڭ ئاۋۋال ئوسمان بېرىپ داموللام، شامەنسۇرلار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۈرۈشتى. ۋالىي مەھكىمىسىدىن بىر پوچتا چىقارغان ئىكەن. ئۇنىڭغا ساۋۇت داموللام بىلەن زىرىپ قارى ھاجىم چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئالدىدا پوچتا ماڭدى، ئارقىسىدىن بىز ماڭدۇق. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئىستىقبالغا چىققان شەھەر ئاھالىسى «ئامىن» دەپ ئۈنلۈك توۋلاشتى. ساۋۇت داموللام جاۋابەن ئۇلارغا بارىكاللا ئېيتتى.
سەككىز تاشتىن يولغا چىقىۋاتقاندا ۋلىي يۇنۇس بېكنىڭ بىر ئادىمى يۇنۇس بېكنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىستىقبالغا چىقالمىغانلىقى توغرىسىدىكى خەنزۇچە يېزىلغان بىر پەنزەنى (بۇ شۇ چاغدىكى خەنزۇ ئەمەلدارلارنىڭ چاقىرغان يەرگە بارالماي قالسا ئەۋەتىدىغان قارتسى ئىكەن) كۆتۈرۈپ كېلىپ ساۋۇت داموللامغا بەردى. قىزىلنىڭ كۆۋرۈكىگە كەلسەك، شەھەردىن ۋە يېزىدىن بۇلۇپ ناھايىتى نۇرغۇن ئادەم توپلانغانىكەن، ئۇلارمۇ ئامىن! ئامىن دەپ ئۈنلۈك توۋلاشتى. مېھمانلار جاۋابەن سالام بەردى. ساۋۇت داموللام، شامەنسۇر، زىرىپ قارى ھاجىملارغا ئۇلاغ بازىرىدىكى مۆيدىنجان باينىڭ بېغى راسلانغانىكەن، ئۇلار شۇ باغقا ئۇرۇنلاشتى. ئەسكەرلەر شۇ ئەتراپتىكى بوش ساراي ۋە باغلارغا ئۇرۇنلاشتى.
ئەتىسى ئوسمان لۈيجاڭ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى قىرغىز تۈەنجاڭلارنى باشلاپ داموللام بىلەن كۈرۈشكىلى چىقتى. ئۇنىڭدىن كىيىن مەن (قادىر ھاجى) كىچىك ئاخۇن ئىككىمىز كۈرۈشكىلى چىقتۇق. ئەھۋال ئۇقساق، تۆمۈر سىجاڭ ھەم ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى لۈيجاڭلارمۇ، ۋالىي يۇنۇس بەگمۇ ھاردۇق سوراپ چىقمىغانىكەن. لېكىن ساۋۇت داموللام شەھەرگە كېلىپ ئۈچۈنچى كۈنى زىرىپ قارى ھاجىمنى ئېلىپ ئازغىنا ئەسكەر بىلەن سىجاڭ بىلەن كۈرۈشكىلى ۋالىي مەھكىمىسىگە كىرىدۇ. شۇ چاغدا سىجاڭ بىلەن بىرگە يۇنۇس بېك، نىزامىدىن ئەپەندى قاتارلىقلار ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇسىدا ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ ھەم مېھمانخانىغا باشلاپ ھال سورايدۇ. ئۇلار تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئالدىدىن خوشلىشىپ چىقىپ يۇمىلاق شەھەر كۆلبېشىدىكى ئوسماننىڭكىگە پاتىھەگە بارىدۇ. ئوسمان ئۇلارنىڭ شەرىپى ئۈچۈن بىر قانچە يۈز ئەسكەرنى تىزىپ مىزگان، داقا- دۇمباقلارنى چالدۇرۇپ قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن داستىخان سېلىنىپ تاماق تارتىلىدۇ. زىياپەتتىن كېيىن ئۇلار ئۆز ئورنىغا قايتىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ شۇ كۈنىلا ھامىتخان لۈيجاڭ بىلەن ھەمدەم بەگ ھاجىنى داموللام، شامەنسۇرلارنىڭ قېشىغا ۋەكىل قىلىپ چىقىرىدۇ. ۋەكىللەر سىجاڭنىڭ: ھەر ئىككى تەرەپ 500 دىن ئەسكەر تەشكىللەپ خوجىنىياز ھاجىمغا ياردەمگە ئەۋەتسەك، خوجىنىياز ھاجىممۇ ئەسكەر تەلەپ قىپتۇ، دېگەن پىكىرىنى يەتكۈزىدۇ. بۇ يەردە تۆمۈر سىجاڭنىڭ شۇ چاغدا ساۋۇت داموللام، شامەنسۇرلار بىلەن دەرھال سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ئۇلارنى ئەسكەر ئاجرىتىشقا قىستىشى، ئۇلارنىڭ ئوسمان بىلەن بىرلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئىدى. ماجەنساڭنىڭ مەقسىتىمۇ شۇ ئىدى. لېكىن ساۋۇت داموللام، شامەنسۇرلار يەنىلا ماجەنساڭ، مادوتەيلەرنىڭ يېڭىشەھەردىكى ئەسكەرلىرىنى قورالسىزلاندۇرۇپ بۇلۇپ، ئاندىن خوجىنىياز ھاجىمغا ئەسكەر ئەۋەتىشىنى، بولمىسا ماجەنساڭ ئەسكەرلىرىدىن خاتىرجەم بۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ مەن (قادىر ھاجى) بىلەن كىچىك ئاخۇننى چاقىرىپ، سىلەر ئاتۇشلۇق، داموللاممۇ ئاتۇشلۇق، سىلەر داموللامغا ئېيتىڭلار، يېڭىشەھەردىكى ماجەنساڭ مەسىلىسنى ئاسان ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنى بىر مەزگىل كۈتۈش كېرەك، سىلەر گەپكە كۆندۈرۈڭلار، دەپ چىقاردى. بىز سىجاڭنىڭ سۆزىنى يەتكۈزىۋىدۇق، ئۇلار يەنە ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇردى. بىز قايتىپ كىرىپ ئەھۋالنى يەتكۈزدۇق. بۇ ئوتتۇرىدىكى زىدىيەتلەردىن سائەتلەپ خەۋەر تېپىپ تۇرغان ماجەنساڭ، ۋالىي يۇنۇس بېك ئارقىلىق تۆمۈر سىجاڭغا: «ئوسماننىڭ پەيلى بۇزۇق، ئۇ، شامەنسۇر بىلەن بىرلىشۋېلىپ سىلىگە قول سالىدىغاندەك تۇرىدۇ» دەپ چاقىرىدۇ. ئوسمانغا بولسا: «سەن ھۇشيار بول، بولمىسا سىجاڭ سېنى قولغا ئالىدىغاندەك تۇرىدۇ» دەپ، بىر- بىرىدىن ئۈركۈتۈپ ئىشەنمەسلىك ئۇرۇقىنى تېرىيدۇ.
تۆمۈر سىجاڭ تەرىپىدىن ساۋۇت داموللا ۋە شامەنسۇرنىڭ نەزەربەند قىلىنىشى
ساۋۇت داموللا ۋە شامەنسۇرلار قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن ئوتتۇرىدا گەپ توشۇپ سۇخەنچلىك قىلىدىغانلارنىڭ كۆپلىكىدىن تۆمۈر سىجاڭ بىلەن خوتەن قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈندىن- كۈنگە كەسكىنلىشىدۇ. ئاخىرى تۆمۈر سىجاڭ 33- يىل 7- ئاينىڭ 26- كۈنى ھامىتخان لۈيجاڭ، ھەمدەم بەگ ھاجى، سېتىۋالدىجان، كىچىك ئاخۇنلارغا بۇيرۇق بېرىپ، ساۋۇت داموللا ۋە شامەنسۇر تۇرغان ئۇرۇنلارنى قورشىۋېلىپ ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي قورالسىزلاندۇردى. ساۋۇت داموللام بىلەن شامەنسۇرنى ئەسكەرلىرىدىن ئايرىپ يار باغدىكى بىر ھويلىغا نەزەربەند قىلىپ قويدى. بۇ ۋەقەدىن كىيىن تۆمۈر سىجاڭغا ماجەنساڭدىن تارتىپ ھەممىسى قاتتىق بويسۇنۇپ «سىلىڭ» لىق تامغا تاپشۇردى. تۆمۈر سىجاڭ بۇ تامغىنى بىر كۈن شەھەر ئايلاندۇرۇپ داغدۇغا قىلدى. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە تۆمۈر سىجاڭ مېنى چاقىرتىپ، «سىزنى پەيزاۋاتقا يۆتكىدىم، ئوسماندىن ئايرىلىپ كېتىڭ» دېدى. بۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا تۆمۈر سىجاڭ بىلەن ئوسمان ئېلى ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتمۇ كۈندىن- كۈنگە كەسكىنلەشكەنلىكىنى چۈشەنگىلى بولاتتى. نەتىجىدە 8- ئاينىڭ 2- كۈنىگە كەلگەندە ئوسمان ئېلى ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئۆز يۇرتى قىزىلبويىغا چىقىپ كېتىدۇ.
تۆمۈر سىجاڭنىڭ خوتەنگە ئەسكەر چىقىرىشى
تۆمۈر سىجاڭ شامەنسۇرلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەتىسىلا يېڭىساردىكى ئەخمەتخان لۈيجاڭغا بۇيرۇق ئەۋەتىپ ئۇنىڭ يەكەندىكى ھاپىز لۈيجاڭغا ھەمكارلىشىپ يەكەندىكى شامەنسۇرنىڭ قويغان ئادىمى ئەمىر ساھىب (نۇر مەھەممەت) نى قورالسىزلاندۇرۇپ بۇلۇپ، ئاندىن خوتەنگە يۈرۈش قىلىپ خوتەننى ئازاد قىلىڭلار، دەيدۇ ھەم شامەنسۇرنى قولغا ئالغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئارقىدىنلا سېتىۋالدىجان بىلەن كىچىك ئاخۇننىمۇ ئىككى تۈەن ئەسكەر بىلەن ياردەمگە ئەۋەتىدۇ. ھاپىز لۈيجاڭ بۇيرۇق بويىچە خوتەنگە قاراپ يولغا چىقىپ قاغىلىققا يېتىپ بېرىپ خوتەن ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشىدۇ (قاغىلىقتىكى ئەسكەرلەر مەمتىمىن ھەزرەتكە بويسۇناتتى). قاغىلىقتىكى ئەسكەرلەر بۇ ۋەقەنى پەقەت چۈشىنەلمەي گۇمىغا چېكىنىدۇ. ئۇلارنىڭ سانىمۇ 100 دىن ئاشمايتتى. ئۇلار گۇمىغا بېرىپ مۇداپىئەلىنىدۇ. ھاپىز لۈيجاڭ كېلىپ ئۇرۇشۇپ گۇمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار زاۋىغا چېكىنىدۇ. شۇ چاغدا قەشقەردىن كەلگەن سېتىۋالدىجان، كىچىك ئاخۇنلارنىڭ قۇشۇلۇپ ھاپىز لۈيجاڭنىڭ ئەسكىرى 800 دىن ئاشاتتى. ئۇلار زاۋىدىمۇ قاتتىق ئۇرۇشۇپ ئاخىرى بولماي خوتەنگە چېكىنىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مەمتىمىن ھەزرەت ئەسكەرلىرىنى باشلاپ چىقىپ ھاپىز لۈيجاڭ بىلەن سوقۇشىدۇ. ئىككى كۈنلۈك قاتتىق جەڭدىن كېيىن ھاپىز لۈيجاڭ يېڭىلىپ چېكىنىدۇ. ئۇلار چىكىنىپ زاۋىغا كەلگەندە پۇقرالار كالتەك- توقماق كۈتۈرۈپ چىقىپ ھاپىز لۈيجاڭنىڭ ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ چاغدا ھاپىز لۈيجاڭ ئەسكەرلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ پۇقرالارنى ئوققا تۇتىدۇ ھەمدە ئۇلارنى بۇلاپ- تالاپ، ئۆلتۈرۈپ گۇمىغا كېلىدۇ. مانا شۇنداق بىر پەيتتە، ئوسماندىن ھاپىز لۈيجاڭغا تۆمۈر سىجاڭنىڭ ماجەنساڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ سىجاڭ بولغانلىقىنى، شۇڭا ھاپىز لۈيجاڭنىڭ تېزدىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىشى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش كېلىدۇ.
تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى
ماجەنساڭنىڭ قورقۇتىشى تۈپەيلىدىن ئوسمان 2- ئاۋغۇست كۈنى ئەسكەرلىرىنى باشلاپ قىزىلبويىغا كەتكەنىدى. تۆمۈر سىجاڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھامىتخان لۈيجاڭنى 600 گە يېقىن ئەسكەرلىرى بىلەن ئوسماننى قوغلاشقا لەڭگەرگە چىقىرىدۇ. بۇ چاغدا ئوسمان لەنگەردە مادوتەينى ساقلاۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ قوراللىرىنى ئېلىپ مىڭ يول تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ھامىتخان ئوسماننىڭ مىڭ يولغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ تۆمۈر سىجاڭغا خەت يازىدۇ. سىجاڭ ئۇنى قوغلاشقا 600 ئەسكەرنىڭ يېتىشمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، تېلىفۇن بىلەن ماجەنساڭدىن بىر تۈەن ئەسكەر ياردەم بېرىشنى سورايدۇ. ئۇ بۇنىڭغا ماقۇل بولىدۇ. 3- ئاۋغۇست سىجاڭ ماشىنا بىلەن لەڭگەرگە بېرىپ، ئەسكەرلەرنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، ماجەنساڭنىڭ بىر تۈەن ئەسكىرى ياردەمگە كېلىدىغانلىقىنى ھامىتخانغا ئۇقتۇرۇپ: ئوسماننى تۇتۇش توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ ماشىنا بىلەن قايتىدۇ. سىجاڭ سەمەن توغراقلىق مازارغا كەلگەندە، ماجەنساڭنىڭ ياردەمگە چىقارغان تۈەنجاڭ كاڭ مازا باشچىلىقىدىكى بىر تۈەن ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. كاڭ مازا تۆمۈر سىجاڭنى كۆرۈپ ھۆرمەت بىلدۈرگەن قىياپەتتە ئەسكەرلىرىنى ئاتتىن چۈشۈشكە بۇيرۇپ تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئالدىغا دوكلات بىرىشكە بارىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇلارنىڭ كېچىكىپ قالغانلىقىنى، ئۇلارغا ئورۇن راسلاپ قويغانلىقىنى، دەرھال لەڭگەرگە يېتىپ بېرىشنى تاپشۇرۇپ، ماشىنىغا چىقاي دەۋاتقاندا كاڭ مازىنىڭ يېنىدىكى ئەسكەر تۆمۈر سىجاڭنى ئاتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئادەملەردىن تۆتنى ئېتىپ تاشلايدۇ. ئىككىسى قېچىپ كېتىدۇ. تۆمۈر سىجاڭنىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ قەشقەر شەھرىدە سازايى قىلىدۇ. شۇ چاغدا شەھەر مۇھاپىزىتىدە يۈسۈپجان تۈەنجاڭ، توختى لىيەنجاڭ، ئىدرىس ليەنجاڭلار قالغانىدى. ئۇلار يار باغ دەرۋازىسىدا بۇلۇپ، ھەممە ئەسكىرى 400 دىن ئاشمايتتى.
ئۇلار ماجەنساڭ ئەسكەرلىرىنىڭ تۆمۈر سىجاڭنىڭ كاللىسىنى سازايە قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ دەرھال ھەركەتكە كىلىپ، ئۇلارغا قارشى ئوت ئاچىدۇ. شۇ ئوتتۇرىدا ماجەنساڭ ئەسكەرلىرى بىلەن قاتتىق ئۇرۇش بۇلۇپ، يۈسۈپجانلار يۇڭ تايلىرىدىن بارىگاھ ياساپ، ھېيتگاھنى ئىگىلىۋالىدۇ. شۇ چاغدا ئۆستەڭ بويى، قۇم دەرۋازىسى، يىڭى دەرۋازا ماجەنساڭنىڭ قولىدا بۇلۇپ، ئىككى تەرەپ شەھەر تالىشىپ قاتتىق ئۇرۇشلارنى قىلىدۇ.
ئوسماننىڭ قايتىپ كېلىشى
تۆمۈر سىجاڭنىڭ مەجەنساڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئوسمان ئېلى دەرھال قەشقەرگە كېلىپ يۇمىلاق شەھەر كۆلبېشىغا ئۇرۇنلىشىدۇ. شۇ ھامان ماجەنساڭ 100 دەك ئەسكەر بىلەن ئوسمانغا سىجاڭلىق ئۇنۋان بىلەن تامغا كىرگۈزۈپ بىرىدۇ. لېكىن ئۇ ماجەنساڭنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئۆز يېنىغا كىرگۈزمەيدۇ، ھەتتا ماجەنساڭغا خەت يېزىپ قەشقەر كونىشەھەردىكى ئەسكەرلىرىنى دەرھال يېڭىشەھەرگە ئېلىپ چىقىپ كىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن ماجەنساڭ ئېغىزىدا ماقۇل دەپ قۇيۇپ، ھە دەپ ئارقىغا سۈرىدۇ. ئوسمان ماجەنساڭنىڭ يەنە بىر سۈيقەست پىلانلاۋاتقانلىقىنى سىزىپ قەشقەردىكى ئۇيغۇر، ئۆزبېك ئەسكەرلىرىنى تەشكىللەپ ماجەنساڭغا قارشى ئۇرۇش ئاچىدۇ، شۇنداقلا تۆمۈر سىجاڭنىڭ خوتەنگە كەتكەن، يېڭىساردىكى، لەڭگەردىكى ئەسكەر باشلىقلىرىغا خەت يېزىپ ئۇلارنى چاقىرتىدۇ. ئۇلار يېتىپ كەلگۈچە ئوسمان يۈسۈپجان قۇر بېشى، توختى ليەنجاڭ، ئىدرىس ليەنجاڭلارنىمۇ ھەركەتلەندۈرۈپ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋىرىپ ماجەنساڭ ئەسكەرلىرىنى يېڭىشەھەرگە چېكىنگەندە، ئوسمان 100 دەك ئەسكەرنى سۈگەل مازارغا مۈكتۈرۈپ قۇيۇپ، چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى نۇرغۇن چىقىمغا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن ماجەنساڭ ئەسكەرلىرى ھېچ يەردە توختىيالماي ئۇدۇل يېڭىشەھەرگە قېچىپ دەرۋازىنى تاقىۋالىدۇ. شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئوسماننىڭ ئىنىسى ئۆمەر ئۆلىدۇ.
تۆمۈر سىجاڭنىڭ كاللىسى ئېلىنغاندا لۈيجاڭ ھەمدەم بەگ ھاجى تۆمۈر سىجاڭنىڭ كۇچادىن كېلىۋاتقان بالا- چاقىلىرىنىڭ ئالدىغا پەيزاۋاتقا كەتكەنىدى. ھامىتخان لۈيجاڭ بولسا، ئوسماننى قوغلاپ چىقىپ لەڭگەردە تۇرۇپ قالغانىدى. ھاپىز لۈيجاڭ بولسا گۇمىدا ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خەت يېزىپ: «بۇ سەۋەنلىكلەرنىڭ ھەممىسى تۆمۈر سىجاڭدىن ئۆتتى. مەن ھېچقانداق ئاداۋەت ساقلىمايمەن، سىلەر دەرھال قايتىپ كېلىڭلار. ھەممىمىز بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، ماجەنساڭغا قارشى ئۇرۇش قىلايلى، تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئىنتىقامىنى ئالايلى» دەپ ۋەدە بەردى. ئۇلار ئارقا- ئارقىدىن قەشقەرگە قايتىپ كىلىپ يېڭىشەھەر مۇھاسىرىسىگە قاتناشتى. شۇنداق قىلىپ ھامىتخان لۈيجاڭ، ھەمدەم بەگ ھاجى لۈيجاڭ، ئوسماننىڭ بۇلۇپ، يېڭىشەھەرنى مۇھاسىرە قىلىشقا 1400 دەك ئەسكەر قاتنىشىدۇ (شۇ چاغدا يېڭىشەھەردە 1700 دەك ئەسكەر بار ئىدى). ئۇنىڭ كەينىدىن يېڭىساردىن ئەخمەتخان لۈيجاڭ 200 دەك ئەسكەر بىلەن كېلىپ ئۇمۇ يېڭىشەھەرنى مۇھاسىرە قىلىشقا قاتنىشىدۇ. ھاپىز لۈيجاڭ قۇرالسىزلاندۇرۇپ نەزەربەند قىلىپ قۇيۇلغان ئەمىر ساھىب نۇرمۇھەممەدمۇ بۇشاپ ئۆزىنىڭ 500- 600 دەك ئەسكىرىنى توپلاپ يەكەنگە قايتىپ كېتىدۇ.
ھاپىز لۈيجاڭ، سېتىۋالدىجان، كىچىك ئاخۇنلار 800 دەك ئەسكەر بىلەن گۇمىدىن قايتىپ يەكەنگە چۈشكەندە شامەنسۇر ئۇلار بىلەن كۈرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆزرىسىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۇلارغا: ئۆتكەنگە سالىۋات، سەۋەنلىك تۆمۈر سىجاڭدىن ئۆتتى. شۇڭا بىر- بىرىمىز بىلەن ئۇرۇشۇپ كۆپ قان تۈكۈلۈپ كەتتى. ئەمدى ئالدىمىزغا قاراپ، قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن قەشقەر يېڭىشەھەر ئۇرۇشىنى قەتئى داۋاملاشتۇرۇڭلار، مەنمۇ خوتەنگە بېرىپ ئەسكەر ئېلىپ كېلىمەن. دەپ ئۇلارنى قەشقەرگە يولغا سېلىپ قويىدۇ. (بۇ سۆزنى قادىر ھاجىغا شامەنسۇر يېڭىساردا سۆزلەپ بەرگەن.)
ئابدۇقادىر ھاجىنى ئوسماندىن ئايرىۋېتىش
تۆمۈر سىجاڭ ئوسماننىڭ قولىدىكى ئەسكەرلىرىنى پارچىلاپ تاشلاش ئۈچۈن مىنى (ئابدۇقادىر ھاجىنى) ئەسكەرلىرىم بىلەن ئۆزىگە قاراشلىق 7- تۈەن قىلىپ پەيزاۋاتقا يۆتكىدى. مەن 1933- يىل 7- ئاينىڭ 28- كۈنى پەيزاۋاتقا يېتىپ بېرىپ تۇرۇشۇمغا تۆمۈر سىجاڭدىن: ئەسكەرلىرىمنى ئېلىپ ئاقسۇغا بېرىپ خوجىنىياز ھاجىمغا ياردەم بىرىشكە بۇيرۇق كەلدى. مەن بۇيرۇققا بىنائەن ئەسكەرلىرىمنى ئېلىپ 7- ئاينىڭ 30- كۈنى پەيزاۋاتتىن ئاتلىق، ھارۋىلىق، پىيادە بۇلۇپ 300 دەك ئەسكەر بىلەن يولغا چىقىپ 8- ئاينىڭ 7- كۈنى ئاقسۇغا يېتىپ باردىم. شەھەرگە يېقىن قالغاندا باي سىجاڭ، ۋالىي ئايۇپ بەگلەر بىرقانچە يۈز ئەسكەر بىلەن ئالدىمىزغا چىقتى.
بىزگە راسلىغان تائاملاردىن غىزالىنىپ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىزگە تەييارلىغان ئاقسۇدىكى سارايغا ئۇرۇنلاشتۇق. مېنىڭ بىلەن ئاقسۇغا بارغانلار ئىچىدە فۇ تۈەنجاڭ يۈسۈپ ئاخۇن، ليەنجاڭلاردىن سايىت ئاخۇن، ئابدۈشۈكۈر ئاخۇن مەخسۇملار بار ئىدى. بىز پەيزاۋاتقا ماڭىدىغان چاغدا ئوسمان بىزنىڭ تۈۋەندىن ئىدرىس ليەنجاڭنى ئېلىپ قالغان ئىدى.
خوجىنىياز ھاجىم شۇ چاغدا بۈگۈردە ئىكەن. بىز بېرىپ ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن باي سىجاڭ بىلەن ۋالىي ئايۇپ بېك بىزنىڭ سارايغا كېرىپ كەلدى. قارىسام قولىدا بىر پارچە ئالاقە تۇرىدۇ. ئۇ، ئوسمان سىجاڭنىڭ باي سىجاڭغا يازغان ئالاقىسى ھەم مېنىڭ قەشقەرگە قايتىپ كېلىشىم توغرىسىدىكى بۇيرۇق ئىكەن. (ئۇچاغ تۆمۈر سىجاڭ ئۆلتۈرۈلۈپ ئورنىغا ئوسمان ئېلى دەسسىگەن چاغ بۇلۇپ، ئالاقىگە تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسى قىستۇرۇلغانىكەن.) بىز بۇيرۇق بويىچە قايتايلۇق دېدى. باي سىجاڭ بىلەن ۋالىي ئايۇپ بېكمۇ قۇشۇلدى. شۇنداقلا، قەشقەر مەسلىسى ھازىر قارا شەھەر مەسلىسىدىنمۇ مۇھىم. خوجىنىياز ھاجىمغا ياردەمگە بىز ئەسكەر ئەۋەتىمىز، سىز ھايال بولماي قەشقەرگە قايتىڭ، دېدى ھەم بىرقانچىمىزنى ۋالىي مەھكىمىسىگە چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلدى بىز بېرىپ ئىككى سائەتتەك پاراڭلاشتۇق. پاراڭنىڭ مەزمۇنى، قارا شەھەر ۋەقەسى، قەشقەر ۋەقەسى، تۆمۈر سىجاڭ، شامەنسۇر ۋەقەسى ۋە ئوسمان سىجاڭ ئۈستىدە بولدى. بايسىجاڭ:«بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىتتىپاقسىزلىقتىن بولغان. تۆمۈر سىجاڭ دوست- دۈشمەننى پەرق ئىتەلمىگەن، ماجەنساڭ ئەسكەرلىرىگە سال قارىغان، ئەگەر قەشقەر يېڭىشەھەر مەسلىسى بۇرۇنلا ھەل بولغان بولسا، خوجىنىياز ھاجىممۇ بۈگۈرگە چېكىنمىگەن بۇلاتتى. ماجۇڭيىڭمۇ قەشقەردە ھەربى كۈچى بولمىغان بولسا، ئۇ بۇياققا ئۈتۈشكە جۈرئەت قىلالمىغان بۇلاتتى. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ بىرلىكتە ھەركەت قىلايلى» دېدى.
بىزئاقسۇدىن 8- ئاينىڭ 10- كۈنى يولغا چىقتۇق. 18- كۈنى قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ، قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ ئارىباغ دېگەن يېرىگە ئۇرۇنلۇشۇپ يېڭشەھەر ئۇرۇشىغا قاتناشتۇق. 8- ئاينىڭ 20- كۈنى ئوسمان سىجاڭ بىلەن كۈرۈشكىلى كىردىم. ئوسمان مەن بىلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۈرۈشتى ھەمدە مەندىن ئايرىلغاندىن بۇيان بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى، ئىنىسى ئۆمەرنىڭ ئۇرۇشتا ئوق تىگىپ ئۆلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. يېڭىشەھەر ئۇرۇشى تۇرۇپ جىددى، تۇرۇپ بوشاپ قالاتتى. قىسقىسى، قالايمىقان ئىدى. ھەر بىر تۈەن لۈيلەرنىڭ باشلىقلىرى ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش قىلاتتى. ئۆزى بىلگەنچە ئىش كۈرەتتى، ماجەنساڭنىڭ ئەسكەرلىرى دەرۋازىدىن چىقىپ ھۇجۇم قىلسا قاچاتتى، چىكىنسە قوغلىمايتتى. ئىشقىلىپ ئۇرۇش توغرىسىدا تۈزۈكرەك پىلانمۇ يوق ئىدى، يۇقۇرىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىمۇ يوق ئىدى. پەقەت مۇھاسىرە قىلىش ئۈچۈنلا قىلىۋاتقاندەك كۈرۈنەتتى، شۇ ئەھۋالدىن قاراپ يېڭىشەھەرنى ئېلىشتىن ئۈمۈد يوق دەپ قارىدىم.
بىر كۈنى ئوسمان سىجاڭنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئۈزۈمنىڭ سالامەتلىكىمنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ مەمۇرىي خىزمەتكە يۆتكەپ قۇيۇشىنى ئىلتىماس قىلدىم. جېق تالاش- تارتىشتىن كېيىن ئىلتىماسىمنى قۇبۇل قىلدى ھەم ئورنۇمغا كىمنى قۇيۇشنى سورىدى. مەن فۇ تۈەنجاڭ يۈسۈپ ئاخۇننى كۆرسىتىۋىدىم قۇبۇل كۆردى.
8- ئاينىڭ 28- كۈنى ئوسمان سىجاڭدىن مىنىڭ يېڭىسارغا ھاكىم بولغانلىقىمنى، تۈەنجاڭلىقنى يۈسۈپ ئاخۇنغا ئۆتكۈزۈپ بىرىشىم توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشتى. مەن خىزمەتنى ئۆتكۈزۈپ بىرىپ، يېڭىسار ناھىيىسىگە ماڭدىم.
ساۋۇت داموللامنىڭ ئاتۇشتىن قەشقەرگە قايتىپ كىرىشى، خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر ئىش باشقۇرۇش ئورنىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە زىدىيەت
تۆمۈر سىجاڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ساۋۇت داموللام نەزەربەندتىن قۇتۇلۇپ ئاتۇشقا چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئوسمان ئېلى سىجاڭ بولغاندىن كېيىن دوموللام ئاتۇشتىن قايتىپ كىلىپ، ئوسمان بىلەن كۆرىشىدۇ. ئوسمان قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ ھەم بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بىرىپ، ئىتتىپاقلىشىشنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاندىن ساۋۇت داموللام ئوسمانغا قەشقەردە خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئىش باشقۇرۇش ئورنىنى قۇرۇشنى، شۇ چاغدىلا خوتەنمۇ قەشقەر يېڭىشەھەر ئۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك ياردەم بېرەلەيدۇ، دەيدۇ. بۇنىڭغا ئوسمان قۇشۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 8- ئاينىڭ 15- كۈنى قەشقەر شەھرىدە خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر ئىش باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ. ئىدارىنىڭ باشلىقلىقىغا ساۋۇت داموللام، مۇئاۋىنلىقىغا زىرىپ قارى ھاجىم، باش كاتىپلىقىغا مۇساجان، مالىيە ئىشىغا سۇلتان بېك تەيىنلىنىدۇ. ئۇبۇلھەسەن ھاجىم ئوراز بېك، يۈسۈپجان، مۇختەر قاتارلىق تۆت كىشى ھەيئەت ئەزالىقىغا بەلگىلىنىدۇ. بۇ ئىدارىنىڭ دەسلەپكى ۋەزىپىسى خوتەندىن كەلگەن پۇل، ماددى نەرسىلەرنى ھەربىي قىسىملارغا تەقسىم قىلىپ بىرىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.
خوتەندىن كەلگەن پۇل- پىچەكلەر ئوسماننىڭ سەمىگە سېلىنمايلا بىراقلا خوتەن ئىش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن قىسىملارغا بىۋاستە تارقىتىلغاچقا بۇنىڭغا ئوسماننىڭ بىر ئاز قورسىقى كۆپىدۇ. لېكىن بۇ ئىدارە ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماي ئۆز ئىشىنى ئاۋالقىدەكلا داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ. شۇنداقلا كىينكى چاغلاردا ئوسماننىڭ مىجەزى چۇسراق بۇلۇپ قالغانلىقتىن، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى لۈيجاڭ، تۈەنجاڭلارمۇ ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ قالىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار ئوسمان بىلەن ساۋۇت داموللام، ئوسمان بىلەن ئۇنىڭ قول ئاسىتىدىكىلەر ئوتتۇرىسىدا مەلۇم دەز پەيدا قىلىدۇ.
ئوسمان بىلەن خوتەن ئىش باشقۇرۇش ئىدارىسى ئوتتۇرسىدا زىدىيەت تۇغۇلغانلىقىنى سەزگەن ھاپىز لۈيجاڭ بىلەن كىچىك ئاخۇنلار ھە دەپ ھەربىي باشلىقلار ئوتتۇرىسىدا، خوتەن ئىش باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئىشەنمەسلىك ئۇرۇقى تېرىيدۇ ھەمدە بىر قسىم پىتنە- پاساتلارنى تارقىتىپ بۇ ئىدارىنى تارقىتىۋېتىشكە ھەركەت قىلىدۇ، لېكىن بۇ ئىدارە بارغانسىرى راۋاجلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال جەمئىيتى قۇرۇشنىڭ تەييارلىق كۈرۈش ئورگىنى بۇلۇپ قالىدۇ.
شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن تەييارلىقلار ئارقىلىق 1933- يىل 9- ئاينىڭ 10- كۈنى خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر ئىش باشقۇرۇش ئىدارىسى ئەمەلدىن قېلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركستان ئىستىقلال جەمئىيتى قۇرۇلدى. جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە ساۋۇت داموللام، ھەيئەت ئەزالىقىغا زىرىپ قارى ھاجىم، شەمشىدىن داموللام، ئوراز بېك لۈيجاڭ، ئابلاخان، سۇلتان بېك، يۈسۈپجان قۇر بېشى، مۇساجان، ئۇبۇلھەسەن ھاجىم، قاسىمجان ھاجىم، ئابدۇقادىر ھاجى قاتارلىق11 كىشى سايلاندى. جەمئىيەت قۇرۇلۇپ ئىككى كۈندىن كىيىن جەمئىيەتنىڭ يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا ساۋۇت داموللام سۆز قىلىپ، بۇ جەمىيەتنىڭ نىشانىسى شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال ئىسلام جۇمھۇريىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت دەپ كۆرسەتتى.
يىغىنغا قاتناشقان ھەربىي، مەمۇرى باشلىقلار بىردەك بۇ جەمئىيەتنى قوللايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى، يىڭى شەھەر ئۇرۇشىنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتى قۇرۇشقا يول ئاچىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئوسمان سىجاڭ، ھاپىز لۈيخاڭ، كىچىك ئاخۇن تۈەنجاڭلار كەلمىدى. (ئەمما تەكلىپ قىلىنغان) شۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكۈزۈپ ئۇزار بېك لۈيجاڭنى ئوسماننىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا ئىستىقلال جەمئىيتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كىيىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا ئوسمان سىجاڭنىڭ قانداق پىكىرى بارلىقىنى سورايدۇ.
ئوسمان: بۇ توغرىدا مىنىڭ پىكىرىم يوق. بىزنىڭ ئىنقىلاب قىلىشتىن مەقسىتىمىزمۇ ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت. لېكىن بۇ ھەركەتكە مىنى باشتىن ئاخىر قاتناشتۇرمىدى. خوتەن ئىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەقسىتى، مىنى ئارىدىن سىقىپ چىقىرىش دىدى. ئۇراز بېك بۇ جەمئىيەتنىڭ مەقسىتىنى، ئوسماننى چەتكە قاقمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
بۇ چاغدا ئوسمان مەن بۇنىڭغا قۇشۇلىمەن، ھۆكۈمەت باشلىقى كىم بولىدىكەن، دەپ سورايدۇ. ئۇزار بەگ ھازىرچە تېخى ئىنىق ئەمەس، بەلكى خوجىنىياز ھاجىم بىرىنچى باشلىق، ساۋۇت داموللام ئىككىنچى باشلىق بۇلۇشى مۇمكىن دەيدۇ. ئوسمان بۇنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ جاۋاب بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇزار بەگ ئوسماننىڭ ئالدىدىن قايتىپ كىلىپ، سابىت داموللىغا ئوسمان بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى يەتكۈزىدۇ. سابىت داموللا: ئوسمان سىجاڭ بىلەن يەنە سۆزلىشىمىز دەپ قويىدۇ. شۇ كۈنلەردە، ئوسمان بىلەن ئۇزار بەگنىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. سۆھبەتتىن كىيىن ئۇزار بېك لۈيجاڭ، ئابدۇللا لۈيجاڭ، قوشمەت تۈەنجاڭلار 600 دەك ئەسكەر بىلەن ئوسماندىن بۈلۈنۈپ چىقىپ، ئىستىقلال جەمئىيتىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىشىدۇ. ئوسمان 300 دەك ئەسكەر بىلەن ئۇنىڭغا قۇشۇلماي چەتتە قېپ قالىدۇ. ھاپىز لۈيجاڭ، كىچىك ئاخۇن تۈەنجاڭلار ئاغىزىدا ھە دەپ قۇيۇپ ئەمىليەتتە ھېچقايسى تەرەپكە قۇشۇلماي يېڭىشەھەرنى مۇھاسىرە قىلىشتا تۇرىۋىرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن خۇجىنىياز ھاجىمغا خەت يېزىپ ساۋۇت داموللام، خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن بىر بۇلىۋېلىپ ئۆزلىرىنى خاپا قىلارمىكىن دەپ ئوتتۇرىدا گۇمان پەيدا قىلىدۇ. (مۇنداق خەتتىن بىر پارچىسى تۇتۇلۇپ قالغان) لېكىن ساۋۇت داموللام مۇنداق خەت يازغانلارنى جازالىمىدى، ئىنقىلاب مەزگىلدە مۇنداق ئەھۋاللار بۇلۇپ تۇرىدۇ دەپ قارىدى.
مەسىلەن: خوجىنىياز ھاجىم مافۇيەندىن يېڭىلىپ ئاقسۇغا چېكىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنى يەنىلا ئىنقىلابنىڭ داھىيسى دەپ تۇنۇپ شەرقىي تۈركستان ئىسلام جۇمھۇريىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، خوجىنىياز ھاجىمنىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن ئېلى ھاجىمنى مالىيە نازىرلىقىغا، ئابدۇكىرىم خاننى جۇمھۇرىيەتنىڭ باش كاتىپلىقىغا، ماخمۇت مۇھىتنى ئەركان ھەربىي رەئىسلىكىگە، يۇنۇسبېكنى ئىچكى ئىشلار نازىرلىقىغا سايلىدى. ساۋۇت داموللامنىڭ شۇ چاغدىكى مەقسىتى ئىلاج قىلىپ ھەربىي، ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ھۆكۈمەت ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئىدى.
كۈتۈلمىگەن مېھمان
33- يىلى 9- ئاينىڭ باشلىرىدا قەشقەردە ھىندىستان تەرەپتىن كەلگەن ئەخمەت تەۋپىق دىگەن بىر كىشى پەيدا بۇلۇپ قالدى. ئۆزىنىڭ ئېيتىشچە، تۈركىيە سۇلتانلىقىدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان بۇلۇپ، سۇلتان مەغلۇپ بۇلۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندا، ئۇ، ئىراققا قېچىپ كەتكەن. ئۇ قەشقەردە كۈتۈرۈلگەن قوزغىلاڭنى ئاڭلاپ كەلگەنىكەن. ئۇنى ھۆكۈمەت مامۇتخان بايۋەچچىنىڭ بېغىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئۇ باغدىكى چاغدا، قەشقەردىكى نۇرغۇن ھەربىي، مەمۇرى باشلىقلار ۋە بايلار كۈرۈشكىلى چىقىدۇ. كۈرۈشكىلى چىققان ئادەملەرگە: يېڭىشەھەر ئۇرۇشىنى بۇنداق ئۇرۇش بىلەن بىر تەرەپ قىلالمايسىلەر، ئەگەر ئەسكەرلەرنى ماڭا ئۆتكۈزۈپ بەرسە، قەشقەر يېڭىشەھەرنى بىرنەچچە كۈندىلا ئالاتتىم دەيدۇ ھەمدە قەشقەر يېڭىشەھەرگە چىقىپ ئۇرۇشىۋاتقان ئەسكەرلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ كىلىپ، ئوسمان سىجاڭنىڭ قېشىغا كىرىدۇ ھەمدە ئوسمانغا: «ماڭا رۇخسەت بەرسىڭىز، ئەسكەرلەرنى باشقىدىن تەشكىللەپ، ھەربىي مەشىقنى كۈچەيتىپ، كۇماندىرلارغا قۇماندانلىق قىلىش دەرىسى ئۈتىمەن، شۇنداق قىلىپ قەشقەر يېڭىشەھەرنى بىر ھۇجۇم بىلەنلا بىر تەرەپ قىلىمەن» دەيدۇ. ئوسمان بۇنى ئاڭلاپ، ئويلىنىپ جاۋاب بىرەي، دەپ قايتۇرۋېتىدۇ. ساۋۇت داموللام تەۋپىق ئەپەندىنىڭ بۇ سۆز ھەركىتىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا خەت يېزىپ ئۇنىڭ ھەربىي ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارلاشماي، مېھمان سۈپىتىنى ساقلاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەخمەت تەۋپىق بىر ئاز جىمىققان بولىدۇ. لېكىن ئىستىقلال جەمئىيتى قۇرۇلغاندا ئۇ يەنە ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ چاغدا ساۋۇت داموللام قەتئى رەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەۋپىق ئەپەندىمۇ يۇقاپ كېتىدۇ.
ئوسمان سىجاڭنىڭ ئىككىنچى قېتىم تاغقا چىقىپ كىتىشى
ئىستىقلال جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ نۇرغۇن ھۈكۈمەت ئىشلىرى شۇ جەمىيەت ئارقىلىق يۈرۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بىر قىسىم ئەسكەر باشلىقلىرى، ئەسكەرلىرى بىلەنلا ئىستىقلال جەمئىيىتىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، ئوسمان ئېلى ئۈزىنى چەتكە قېقىلىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ بىر قىسىم گۇمان- ئەندىشىلەرگە بېرىلىپ، 33- يىلى 10- ئاينىڭ باشلىرىغا كەلگەندە قول ئاستىدىكى 300 دەك ئەسكەرلىرىنى باشلاپ قىزىلبويىغا چىقىپ كىتىدۇ.
ئىستىقلال جەمئىيىتى يۈسۈپجان قۇر بېشى ۋە قوشمەتلەرنى 400 دەك ئەسكەر بىلەن ئوسماننى چاقىرىپ كېلىشكە چىقىرىدۇ ھەم ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت يازىدۇ. خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:« ئوسمان سىجاڭغا سالام، ۋاقىپ بولساق، سىز ئۆزىڭىزچە ھېچگەپتىن- ھېچگەپ يوق، قېيىداپ تاغقا چىقىپ كىتىپسىز، بەلكى بىر قىسىم يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ پىتنە- پاسات گەپ- سۆزلىرىگە ئىشىنىپ كەتكەن بۇلۇشېڭىز مۇمكىن، جەمئىيىتىمىز مۇزاكىرە قىلىپ يۈسۈپجان بىلەن قوشمەتنى چىقاردى.شۇلار بىلەن بىرگە قايتىپ كىرىپ، ئۆز ئۇرنىڭىزدا ئولتۇرۇڭ، سىز ئىنقىلابقا كۆپ تۆھپە قوشتىڭىز، ئۇنى ئۇنتۇپ قالغىنىمىز يوق. سىزگە ھېچقانداق دەخلى- تەرۇز قىلىنمايدۇ، بەلكى ھۈكۈمەتكە قاتناشتۇرۇلىسىز، مەن( ساۋۇت داموللا) سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا جەمئىيەت نامىدىن كاپالەتلىك قىلىمەن».
يۈسۈپجان، قوشمەتلەر ئەسكەرلىرىنى قىزىلبۇيىغا باشلاپ بېرىپ ساۋۇت داموللامنىڭ ئوسمانغا يازغان خېتىنى كۈرۈپ ئىككى كىشىدىن ئەۋەتىپ بىرىدۇ. ئوسمان خەتنى كۆرۈپ ئىككى كۈندىن كىيىن جاۋاپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ۋەكىللەرنى قايتۇرىدۇ ھەمدە مۇداپىئەنى كۈچەيتىدۇ. ئىككى كۈنمۇ توشىدۇ، ئوسماندىن جاۋاپ بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپجان، قوشمەتلەر ئوسماننى قىستاپ مۇھاسىرە قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئوسمان بۇنى كۆرۈپ ئۇلارغا قارىتا ئوق چىقىرىدۇ، ئوتتۇرىدا بىر ئاز ئۇرۇشمۇ بۇلىدۇ. ئاخىرىدا يەنە ئىككى تەرەپ ۋەكىل چىقىرىپ سۆھبەتلىشىدۇ. ئوسمان ئۇلارغا: ئۆزىنىڭ قۇرال تاپشۇرمايدىغانلىقىنى، يولنى ئېچىپ بەرسە ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ، قەشقەرگە ئۆز ئىختىيارى بىلەن كىرىدىغانلىقىنى، ئەگەر ساۋۇت داموللام قۇرالنى تاپشۇر دىسە، شۇ چاغدا قۇرال تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يولنى ئېچىپ بىرىدۇ. ئوسمان شۇ ماڭغانچە ئەسكەرلىرى بىلەن قەشقەرگە كىلىپ يۇمىلاق شەھەر كۆلبېشىدىكى ئۆز ئورنىغا ئۇرۇنلىشىدۇ ھەمدە ساۋۇت داموللام بىلەن ۋەكىل ئارقىلىق سۆزلىشىدۇ. ساۋۇت داموللام ئوسمانغا بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى يېڭىشەھەرنى مۇھاسىرە قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشتۇرۇشنى، بىر قىسمىنى ئۆز يېنىدا ساقلاشنى تاپشۇرىدۇ. ئۇمۇ داموللام ئېيتقاندەك قىلىدۇ. لېكىن ئارىلىقتا ئوسمان بىلەن ئوزاربېك، قوشمەت، يۈسۈپجانلار ئوتتۇرىسىدىكىكونا زىدىيەت كۈچىيىپ قالىدۇ، بۇ چاغدا ئوسمان ئۈزىنىڭ يىڭىشەھەر مۇھاسىرىسىگە قاتنىشىۋاتقان ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. بۇنى كۆرگەن ئۇرازبېك، قوشمەت، يۈسۈپجانلار ئىستىقلال جەمئىيىتىگە ئوسماننىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ ھەمدە ئوسماننى مۇھاسىرىسىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جەمىئىيەتنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغان يۈسۈپجان 400 دەك ئەسكەر بىلەن يۇمىلاق شەھەر سېپىلىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئوسماننى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. بۇ چاغدا زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىپ ئۆز- ئارا ئۇرۇشۇپ قالىدىغاندەكلا ۋەزىيەت يۈز بىرىدۇ.
ساۋۇت داموللام ئوسمان بىلەن ئوزاربېك، يۈسۈپجانلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ چوڭقۇرلىشىپ كىتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، ئوسمانغا خەت يېزىپ، ئۇنى قۇرال، ئەسكەرلەرنى ئۆتكۈزۈپ بىرىپ،دەم ئېلىشنى ئۇنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، بولمىسا، بۇ ئوتتۇرىدىكى سۈركىلىشنىڭ چۇڭىيىپ كىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئوسمان بۇ خەتنى كۆرۈپ، جەمىئىيەتنىڭ بىر ھەيئەت تەشكىل قىلىپ ئەسكەر ۋە قۇراللارنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىستىقلال جەمئىيىتى بىر ھەيئەت تەشكىل قىلىپ ئۇنىڭ ئەسكەر ۋە قۇراللىرىنى ئۆتكۈزۋېلىپ، ئۇنى ئىبراھىم لوزۇڭنىڭ بېغىدا دەم ئېلىشقا ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوسماننىڭ ھەربىي خىزمىتى ئاياغلىشىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىيلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت بىر ئاز پەسلەپ يىڭىشەھەر مۇھاسىرىسى كۈچەيتىلىدۇ. شۇ مەزگىلدە ئىستىقلال جەمئىيتىنىڭ ئىختىيارىدا ئالتە لۈي، 12 تۈەن بۇلۇپ، ئۇمۇمىي ئەسكەر سانى 3000 دەك ئىدى، ئۇنىڭدىن 2400 دەكى يىڭىشەھەرمۇھاسىرىسىگە قاتنىشاتتى، يۈسۈپجاننىڭ قول ئاستىدىكى 400 دەك ئەسكەر قەشقەر كونىشەھەرنى مۇھاپىزەت قىلاتتى، قەشقەر يىڭىشەھەردە ماجەنساڭنىڭ 2000 دەك ئەسكىرى بار ئىدى.
شۇ مەزگىلدە يەكەندىن چەرچەنگىچە بولغان 12 ناھىينى خۇتەن ئەمرى مەمتىمىن ھەزرەت ئىدارە قىلاتتى. قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق توققۇز ناھىيىنى شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال جەمئىيىتى ئىدارە قىلاتتى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق توققۇز ناھىيىنى باي سىجاڭ ئىدارە قىلاتتى. (كېيىنرەك ئاقسۇغا خۇجىنىياز ھاجىم كەلدى). مۇشۇ ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ھەممىسى خوجىنىياز ھاجىمنى ئىنقىلابنىڭ يېتەكچى دەپ تۇنۇيتتى ھەم ھاجىمغا بەيئەت قىلاتتى.
8- ئايدىن 10- ئايغىچە بولغان يىڭىشەھەرنى مۇھاسىرە قىلىش ئۇرۇشىدا ھېچقانداق نەتىجە كۆرۈلمىدى، ھەتتا ماجەنساڭنىڭ ئەسكەرلىرى كۈپكۈندۈزدە يېزىلارغا چىقىپ دېھقانلارنى بۇلاپ- تالاپ كىرىپ كېتىدىغان بولدى. بۇنى ئىستىقلال جەمئىيىتى بىر تەرەپ قىلالمىدى.