مانا ،مۇڭغۇللار نىڭ ئۇيغۇرلارغا سىڭىشى تاكى يېقىنغىچە داۋاملىشىپتۇ.لوپنۇرلۇقلارنى قەدىمقى كرورەنلىكلەرنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى دېيىشمۇ ئادەمنى گۇمانغا سالىدۇ.قەدىمقى كرورەنلىكلەرنىڭ تېپىلغان جەسەتلىرىدىكى ئالامەتلەر بىلەن ھازىرقى لوپنۇرلىقلارنىڭ چىراي تۈسى يېقىنمۇ كەلمىسە؟لوپنۇرلىقلارنىڭ چىرايىدە مۇڭغۇلچە ئالامەتلەر (قاراپ باقساڭلار بۇلىدۇ. "ئىخلاس"نىڭمۇ ئەيتاۋۇر بىرسىنىڭ ئېلانىدا كۈندە شۇلار بار.)،مەكىت،مارالبېشى ئۇيغۇرلىرىغا ئوخشاش باشقا يۇرت ئۇيغۇرلىرىدىن كۈچلۈك.
باي ناھىيەسىنىڭ سايرام يېزىسىدا "قارا دۆڭ بۇلاق"دەپ ئاتىلىدىغان مۇڭغۇل خارەبىسى بار ئىدى. ھازىر تۈزلىنىپ كېتەي دەپتۇ. شۇ سايرامنىڭ "مىڭ جىگدە"دېگەن مەھەللىسىدە نۇرغۇن قەبىلە -لەقەب ناملىرى تېخى يېقىنقى كۈنلەرگىچە بار ئىدى. شۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇڭغۇلچە ناملار. ئاغزىدا قۇبۇز چالىدىغان مومايلارنى نەچچە كۆرگەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا.بۇ فەقەتلا بىر مىسال. بۇنداق ئىشلار شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بار. دېمەك، بىرلا نوقتىدا يەنە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى ،ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىدە مۇڭغۇللار خېلى سالماققا ئىگە .