بۇ بەتتىكى تېما:بۇغراخانلار تەزكىرىسى | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1760
نادىر تىمىسى : 4
يازما سانى : 340
ئۈنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە340دانە
شۆھرىتى: 1375 نومۇر
پۇلى: 3145 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :305(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بۇغراخانلار تەزكىرىسى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىغا Yawuz تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-04-09)
بايانات: بۇ ئەسەرنىڭ توردىكى ھوقۇقى پەقەت ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتىگىلا تەۋە، بۇ ئەسەرنى يوللىغۇچى ۋە تور بېكەت باشلىقلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تور بېكەتلەرگە چاپلاشقا، ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ قىلىپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
 
ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى




بۇغراخانلار تەزكىرىسى

موللا ھاجى

                                     نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن
كىتاپ موللا ھاجىنىڭ « بۇغراخانلار تەزكىرىسى » ( تەزكىرەتۇل بۇغراخان ) ناملىق قوليازمىسى ( تۆۋەندە موللا ھاجى قوليازمىسى دەپ ئاتىلىدۇ ) ئاساس قىلىنىپ ، قادىر ئاخۇن كاتىپ ، تۇردى شەيخ ئاخۇنۇم قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ھەققىدىكى قوليازمىلىرىدىن قوشۇمچە پايدىلىنىپ نەشىرگە تەييارلاندى .
موللا ھاجى ⅩⅨ ئەسىردە قەشقەردە ئۆتكەن ئەدىب . ئۇنىڭ بۇ كىتابتىن باشقا يەنە تارىخچى ئالىم شەيخ ھەرىرى بىلەن بىرلىكتە يازغان « جەڭنامەئى ھەزرىتى رەسۇل ئەلەيھىسالام » ناملىق يىرىك تارىخى ئەسىرى بار .
موللا ھاجى قوليازمىسى 30×18 س م چوڭلۇقتىكى قېلىن قاتلانغان خوتەن قەغىزىگە قومۇش قەلەم بىلەن قارا سىيادا يېزىپ تۈپلەنگەن . ھازىر ساقلىنىپ قالغىنى جەمئىي 102 بەت . ھەر بىر بېتىدىكى خەتلەرنىڭ قۇر سانى ئوخشاش ئەمەس . بۇ قوليازما ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئاسراش – باشقۇرۇش ئورنىدا ساقلانماقتا .
موللا ھاجى نۇسخىسىنىڭ بىرىنچى بەت يۇقىرى قىسمىغا « بىۋىلايەتى كاشغەر تابە خانئېرىق قىزىل يۇلغۇن تۇردى ئونبېشىلەر ئەلئان ساھىبى كىتاب ئۇلارنىڭ بولدى ، تارىخقا بىر مىڭ ئۈچيۈز ئەللىك بىر ، ماھى شەئىبان » دەپ يېزىلغان . بۇ خەتلەرنى يازغان قەلەمنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ، ئىشلەتكەن سىيانىڭ رەڭگى قاتارلىقلار كىتاب تېكىستى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىدۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا ، ئۇ قوليازما تۇردى ئونبېشى تەرىپىدىن ھىجىرىيە 1351 – يىلى ( مىلادى 1932- 1933 يىللىرى ) 5 – ئايدا مەلۇم بىر كاتىبقا ئەسلى قوليازمىدىن كۆچۈرگۈزۈلگەن ياكى سېتىۋېلىنغان بولۇشى مۇمكىن .
موللا ھاجى نۇسخىسىنى ھازىرقى شارائىتتا ، خۇددى ئاپتور ئۆزى ئېيتقاندەك ، بۇغراخانلار تارىخىغا ئائىت نۇرغۇن كىتاب ، تەزكىرىلەردىن پايدىلىنىپ بىر قەدەر تەپسىلى يېزىلغان ئەسەر دېيشكە بولىدۇ .
بۇ قوليازما جەمئىي تۆت قىسىمدىن تەركىپ تاپقان . بىرىنچى قىسىمدا ( بىز « مۇقەددىمە » - دەپ ئالدۇق ) سامانىلار خانلىقى ( 870 – 1000 – يىللار ) نىڭ شاھزادىسى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ كەسپى ، ئەخلاق – پەزىلىتى ، ئىلىم – مەرتىۋىسى تونۇشتۇرۇلغان . شۇنداقلا ئۇنىڭ قاراخانلار پايتەختى قەشقەر ( ئوردۇ كەنت ) گە كېلىپ سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننى ئىزدەپ تاپقانلىقى ۋە ئۇنى مۇسۇلمان قىلىش جەريانى بايان قىلىنغان . ئىككىنچى قىسىم ( بىرىنچى باب ) دا خوجا ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ دالالىتى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ تۇغۇلىشىدىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغۇچە بولغان ئارىلىقىتىكى ھەرخىل پائالىيەتلىرى ، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ، كېڭەيتىش يولىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھېكايە قىلىنغان . ئۈچىنچى قىسىم ( ئىككىنچى باب ) دا سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرىدىن ھەسەن بۇغراخان ، ھۈسەيىن بۇغراخان ، سەيىد ئەلى ئارىسلانخان ، يۈسۈپ قادىرخانلارنىڭ بۇددىستلارنى ئىسلامغا كىرگۈزۈش يولىدا ئېلىپ بارغان غازاتلىرى بايان قىلىنغان . تۆتىنچى قىسىم ( خاتىمە ) يۈسۈپ قادىرخاننىڭ بۇددىستلارنىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ماداينغا بېرىپ ئىمام نەسىرىددىن ، ئىمام مۇئىددىن ، ئىمام زوھۇرىددىن ، ئىمام قەۋمىدىن قاتارلىق تۆت ئىمامنى باشلاپ كەلگەنلىكى ، تۆت ئىمامنىڭ ياردىمىدە بۇددىستلارنى ئىسلامغا تەلتۆكۈس كىرگۈزگەنلىكىدىن ئىبارەت ۋەقەلىك بايان قىلىنغان .
ئاپتور ئۆز كىتابىنى نېمە ئۈچۈن تۆت قىسىمغا بۆلگەنلىكىنى « ئادەم ۋۇجۇدى تۆت ئاناسىردىن تەركىپ تاپقاندەك  ، بۇ مەجمۇئەنىمۇ تۆت جۇزئى بىلەن يەنى بىر مۇقەددىمە ، ئىككى مۇتالىئە ۋە بىر خاتىمەدىن تامام قىلدىم . » دەپ ئىزاھلىغان . دېمەك ، بۇ كىتاب تۆت ئاناسىرغا تەقلىد قىلىنغان كومپوزىتىسىيە شەكلىدە تۈزۈلگەن بولۇپ ، ئاپتور ئۆز ئەسىرىنى ئورگانىك بىرلىككە ئىگە ، تەرتىپلىك ، سېستىمىلىق مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشقان .
ئاپتور بۇ كىتابنىڭ ئىككىنچى بابىدا ، بۇ ئەسەرگە نېمە ئۈچۈن « بۇغراخانلار تەزكىرىسى » دەپ ئات قويۇلغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ : « بۇ تارىخقا سۇلتان ساتۇق بۇغراخاندىن باشقا يەنە ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى ، ھەزرىتى سەيىد ئەلى ئارسلانخان غازى ۋە ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھنىڭ ئىسىم – شىرىپلىرىنى كىرگۈزۈشنى كۆزلەپ < بۇغراخانلار تەزكىرىسى > دەپ ئات قويدۇم » دەيدۇ . بۇنىڭدىن مەلۇمكى ، ئەسەردىكى مەزمۇنلار يالغۇز سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ پائالىيىتىنى بايان قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ، ئۇنىڭدا يەنە كېيىنكى باشقا بۇغراخانلارنىڭمۇ پائالىيىتى بايان قىلىنغان . شۇڭا ئاپتور كىتابىنىڭ ئىككىنچى بابىدا سۆز قىستۇرۇپ ، « بۇنى مەن پەقىر ، كەم سالاھىيەت ، ئاجىز موللا ھاجىدىن تەلەپ قىلدى . مەن بۇ مۇلتەمەسىنى ( ئىلتىماسنى ) ئۈستۈن بىلىپ ۋە ماقۇل كۆرۈپ ، ھەزرىتى بۇغراخانلار تارىخىغا ئائىت كىتابلاردىن ، ئۆزگە كىتابلار ۋە تەزكرىلەردىنمۇ راست رىۋايەتلەرنى جەمئىي قىلدىم » دەيدۇ .
كىتابنى يېزىپ چىقىشقا تەشەببۇس قىلغان شەخسنىڭ نامى مەلۇم ئەمەس . ئاپتورنىڭ سەۋەنلىكىمۇ ياكى كۆچۈرگۈچىنىڭ سەۋەنلىكىمۇ ، ئەيتاۋۇر كىتابقا يېزىلماي قالغان . بىراق ، ئەسلى قوليازمىنىڭ ھىجىرىيە 1245 – يىلى ( مىلادى 1829 – 1830 – يىللىرى ) يېزىلغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتقا ئاساسەن ، « بۇ شەخس زوھۇرىدىن ھېكىم بەگ بولۇشى مۇمكىن » دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ . چۈنكى 19 – ئەسىرنىڭ 30 - ، 40 – يىللىرىدا قەشقەرگە ھاكىم بولغان روھۇرىدىن ھېكىم بەگ ( تاجى ھېكىم بەگ ) مەرىپەتنى ياقلايدىغان ، ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ، ئۇقۇمۇشلۇق زات بولغاچقا ، ئۇ ئەينى دەۋردە ئىلىم ئەھلىلىرىنى قوللىغان ، ئۇلارنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرىگە مەدەت بەرگەن . شۇ زاماندا ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلغان . ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ ئۈچىنچى ئالتۇن دەۋرى ئېچىلغان .
ئاپتور – موللا ھاجى ئۆزىگە يۈكلەنگەن بۇ ۋەزىپىنىڭ ئەھدىسىدىن تولۇق چىقىش ئۈچۈن بۇغراخانلارغا ئائىت نۇرغۇن كىتاپلارنى كۆرگەن . باشقا جەھەتلەردىنمۇ ئەتراپلىق ئىزدەنگەن . توپلىغان ماتىرىيال رىۋايەتلەرنى ئايەت ، ھەدىس ۋە ئۇلۇغلارنىڭ سۆزلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا تىرىشقان . شۇنداق قىلىپ بۇغراخانلار ھەققىدىكى باشقا تەزكىرىلەردىن مەزمۇنىنىڭ موللىقى ، سىستېمىلىقى ۋە مۇكەممەللىكى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان « بۇغراخانلار تەزكىرىسى » نى بارلىققا كەلتۈرگەن .
بۇ قوليازمىنى بۇغراخانلارغا ئائىت تەزكىرىلەر ئىچىدە بىر قەدەر مۇكەممەل ئەسەر دېگىلى بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنى يەنىلا بۇغراخانلار ھەققىدىكى بىردىنبىر تولۇق تەزكىرە دەپ ھېسابلىغىلى بولمايدۇ . چۈنكى بۇغراخانلارغا ئائىت يەنە بىر قسىىم تەزكىرىلەر تېخى ئاشكارىلانغىنى يوق . بۇنىڭدىن باشقا يەنە موللا ھاجى بىلەن زامانداش ئۆتكەن ياكى كېيىنكى دەۋرلەردە ياشىغان بەزى ئەدىبلەر ئۆز ئەسەرلىرىدە موللا ھاجىنىڭ كىتابىدا زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارالغان بەزى ۋەقەلەرنى ، نەزمىلەرنى قوشۇپ ، تولۇقلاپ يازغان تەزكىرىلەرمۇ بار . مەسىلەن ، يەكەن كاچۇڭلۇق رەھمەت باينىڭ ئوغلى مۇھەممەت يار تەرىپىدىن كاتىپ قادىر ئاخۇن بىلەن ھۇسەيىن خەلپەتكە پۈتكۈزگەن « تەزكىرەئى بۇغراخان » ، تۇردى شەيخ ئاخۇنۇم ( مەخمۇت قەشقەرى مازىرىنىڭ 19 – ئەسىردىكى شەيخلىرىدىن بىرى ) يازغان « بۇغراخان تەزكىرىسى » دېگەن كىتابلار بار . بۇ قېتىم « بۇغراخانلار تەزكىرىسى » نى نەشىرگە تەييارلاشتا ، بۇغراخانلار ھەققىدە ئىمكانقەدەر تولۇقراق مەلۇمات بېرىشنى مەقسەت قىلپ ، بۇ ئىككى تەزكىرىدىنمۇ پايدىلىنىلدى . موللا ھاجى نۇسخىسىنىڭ ئىككىنچى بابى بىلەن تەخمىنەن يېرىمىدىن كۆپرەكى كەم بولغان خاتىمە بابى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىككى قوليازمىدىن پايدىلىنىپ تولۇقلاندى . سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بىلەن سەيد ئەلى ئارىسلانخانغا بېغىشلانغان ئىككى مەرسىيە كاتىپ قادىر ئاخۇننىڭ قوليازمىسىدىن ئەينەن ئېلىندى .
بۇ تەزكىرىلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا قانداق تارقالغانلىقىنى ، بۇ دىننى تارقىتىش ، مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىسلام تەرەپدارلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئىنتايىن زور قانلىق جەڭ – كۈرەشلەرنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان . بۇنىڭ ئىچىدە ئەبۇ ناسىر سامانى بىلەن سۇلتان ساتۇق بۇغراخانغا ئائىت بايانلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن .
تەزكىرىلەرگە ۋە باشقا تارىخى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئەبۇ ناسىر سامانى ھىجىرىيە 270 – يىلى ( مىلادى 883 – 884 – يىللىرى ) مەدىنىدە ئەمەس ، خۇراساندا ، سامانىي شاھزادىلىرىدىن بىرىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا دىنىي تەربىيىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ ، ئىلمى باتىن ( مەخپى ئىلىم ) ۋە ئىلمى زاھىر ( ئاشكارا ئىلىم ) نى ئىگىلەپ پىركامىللىققا يېتىپ ، تەدبىرلىكى ، ئالاقە مۇناسىۋەتتىكى چىۋەرلىكى بىلەن تونۇلغان . ئۇنىڭ يىگىتلىك دەۋرى سامانىلار سۇلالىسىدا ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان زامانغا توغرا كېلىدۇ . شۇ زاماندا ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت بىلەن قاراخانىلار خانلىقىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد خاقانلىرىدىن بارۇن بۇغراخان ( بەزى تەزكىرىلەردە " ھارۇن بۇغراخان » ، « مۇسا بۇغراخان » ، « بارخان » ، دۇرۇم بۇغراخان » ،« خاقان بارىز » دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ قاراخانلار سۇلالىسى دەۋرىدە مىلادى 880 – 915 – يىللاردا ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان . تەزكىرىلەردە ئۇنى سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئاتىسى دېيىلگەن ) . قادىرخان ئوغۇلچاق ( بەزى كىشىلەر قېدىرخان ئوغۇلچاق دەپمۇ ئاتايدۇ ) لار ئوتتۇرىسىدا قاراخانىلارنىڭ دەسلەپكى پايتەختلىرىنىڭ بىرى بولغان تالاس ( قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ بىرىنچى پايتەختى بىلاد ساغۇن . ئىككىنچى پايتەختى تالاس ئىدى ) نى تالىشىش جېڭى تازا ئەۋق ئالماقتا ئىدى .
ھىجىرىيە 280 – يىلى ( مىلادى 893 – 894 – يىللىرى ) ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت قادىرخان ئوغۇلچاقنىڭ قولىدىن تالاسنى تارتىۋالغان ۋە ئۇنىڭ 15 مىڭغا يېقىن ئەسكىرىنى ، ھەتتا خوتۇنىنىمۇ ئەسىرگە ئالغان . بۇ چاغدا قادىرخان ئوغۇلچاق پايتەختنى قەشقەرگە كۆچۈرۈپ كېلىپ ( قەشقەرنى ئىككىنچى پايتەخت قىلىپ ) بىر مەزگىل كۈچ توپلىغاندىن كېيىن ، سامانىلار ئىچكى قىسمىدا ھەرخىل زىددىيەتلەر راسا ئەۋج ئالغان بىر پۇرسەتتە ، ھىجىرىيە 191 – يىلى ( مىلادى903 – 904 – يىلى ) 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن تالاسقا ھۇجۇم قىلغان . لېكىن بۇ ئۇرۇشتىن دەرھال نەتىجە چىقمىغان ( بۇ ئۇرۇش ھىجىرىيە 813 – يىلى يەنى مىلادى 930 – يىلى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان تەختكە چىقىپ ، سامانىلار قولىدىن تالاسنى تارتىۋېلىپ قەشقەرنى قاراخانىلارنىڭ بىرىنچى پايتەختى قىلغۇچە داۋاملاشقان ) .
شۇ زاماندا بۇددا دىنى ئېتىقادىدىكى قاراخانىلار ئىسلام ئېتىقادىدىكى سامانىلارغا ھەر ۋاقىت كۈچلۈك تەھدىت بولۇپ تۇرغان. سامانىلار ئۆز تېررىتورىيىسىنى كېڭەيتىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ، مەملىكەت ئىچىدىكى كۈندىن كۈنگە ئۆتكۈرلىشىپ كېتىۋاتقان فېئودال ھۆكۈمرانلار تەبىقىسى بىلەن دېھقانلار ، قول ھۈنەرۋەنلار ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپىي زىددىيەتنى ھەل قىلىشقا ئانچە ئېتىبار قىلمىغانلىقتىن ، غەزنە ، گۈرجىستان ، خارەزىم ، ئىسپىجاپ قاتارلىق جايلاردا ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەتكە قارشى دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى ئارقا – ئارقىدىن يۈز بېرىپ مەركىزىي ھاكىمىيەتنى ئېتىراپ قىلماسلىقتەك بۆلۈنمە ھاكىمىيەت شەكىللىنىپ قالغان . ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت بىلەن ئوغلى ئەخمەت ئىبنى ئىسمايىل ۋە ئىنىسى ئىسھاق ئىبنى ئەخمەت ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشىمۇ سامانىلار قوشۇنىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلغان تۈركلەرنىڭ باشباشتاقلىق قىلىشىغا پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بېرىپ ،بۇنىڭ بىلەن سامانىلارغا بولغا تەھدىت تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن . سامانىلار خانلىقى سىرتقا ئەسكىرىي كۈچ ئىشلىتىش يولى بىلەن بۇ تەھدىتتىن قۇتۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا ، ئۇلار قاراخانىلار خانلىقىنى ئىچكى جەھەتتىن پارچىلاش يولىنى تۇتۇپ ، ھىجىرىيە 304 – يىلى ( مىلادى 916 – 917 – يىللىرى ) سامانىلار خانلىقىنىڭ شاھزادىسى خوجا ئەبۇ ناسىر سامانىنى سودىگەر قىياپىتىدە ياساپ 70 كىشىلىك سودا كارۋىنى بىلەن قەشقەرگە يولغا سالغان .
قاراخانىلار دەۋرىدە مىڭ يول ( ھازىر دىيىلىۋاتقان « يىپەك يولى » ) تۈگۈنىگە جايلاشقان قەدىمكى شەھەر – قەشقەر ناھايىتى ئاۋات سودا مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا خوجا ئەبۇ ناسىر سامانى سودا باھانىسى بىلەن كارۋان باشلاپ ھېچبىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىماستىن قەشقەرگە ئاسانلا بېرىپ ، ئاتۇشنىڭ « باقۇ » دېگەن يېرىدە تۇرۇۋاتقان سۇلتان ساتۇقنى ئىزلەپ تېپىپ  ئۇنىڭ بىلەن مەخپىي ئۇچراشقان . شۇنىڭدىن كېيىن ، خوجا ئەبۇ ناسىر سامانى سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننى ئىسلامغا كىرگۈزۈپ ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدا ئسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشىغا ياردەملىشىپ ، ئاخىرى ھىجىرىيە 341 – يىلى ( مىلادى 952 – 953  يىللىرى ) دا كۆز يۇمغان ، ئۇنىڭ جەسىتى ئاتۇشنىڭ مەشھەتكە دەپنە قىلىنغان .
بارۇن بۇغراخان ئوغلى سۇلتان ساتۇقنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى سېزىپ قالغاندىن كېيىن  ، ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان . بىراق ئانىسىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئارىلىشىشى بىلەن ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ سامانىلارنىڭ تەسىرى يىراق بولغان قەشقەرنىڭ ئاتۇشقا سۈرگۈن قىلىنغان ....... بارۇن بۇغراخان سۇلتان ساتۇقنى ئىز باسارلىقتىن مەھرۇم قىلىپ ، ئورنىغا قادىرخان ئوغۇلچاقنى خانلىق تەخـتىگە چىقارغان . سۇلتان ساتۇق نەزەربەنتتە تۇرۇۋاتقاندا ، ئۆز ئەتراپىدىكى ئسلامغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن يېقىندىن باردى – كەلدى قىلىپ ، مەخپى ھالدا ئىسلام دىنىنى تارقىتىدىغان بىر تەشكىلات قۇرغان ، كېيىنچە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئادەم سانى بىرقانچە مىڭ كىشىگە يەتكەن ( تەزكىرىلەردە 12 مىڭ دېيىلىدۇ ) ... ھىجىرىيە 318 – يىلى ( مىلادى 930 – يىلى ) سۇلتان ساتۇق تەشكىلات ئەزالىرىدىن 600 يىگىتنى تاللىۋېلىپ ، بىر كېچىدە قادىرخان ئوغۇلچاقنىڭ ئوردىسىغا مەخپى باستۇرۇپ كىرىپ ، 400 دىن ئارتۇق جەڭ ئېتى ، يېتەرلىك قورال – ياراق ، ئوزۇق – تۈلۈك ئولجا ئېلىپ ، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن تۆگە تاغى دېگەن جايغا كېلىپ يوشۇرۇنغان . ئەتىسى قادىرخان ئوغۇلچاق 40 مىڭ لەشكەر بىلەن تۆگە تاغنى قورشاپ جەڭ قىلغان بولسىمۇ ،لېكىن جەڭدە يېڭى ئەقىدە تەرەپدارلىرى – ئىسلام لەشكەرلىرىنىڭ جان تىكىپ جەڭ قىلىشى ئارقىسىدا مەغلۇپ بولغان . قادىرخان ئوغۇلچاق ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىنمۇ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن  ئاخىر سۇلتان ساتۇق تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ..... سۇلتان ساتۇق شۇ يىلى قەشقەردە قاراخانىلارنىڭ خانلىق تەختىگە چىقىپ ،ئۆز ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا « ئۇلۇغ ، سەلتەنەتلىك ، قۇدرەتلىك » دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان « قاراخان » دېگەن نامنى ، « باتۇر ، قەھرىمان، جەسۇر ، شىجائەتلىك » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان « بۇغرا » ئۇنۋانىنى قوشۇپ ، ئۆزىنى « سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان » دەپ ئاتىغان . ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن قەشقەرنى بىرىنچى پايتەخت قىلغان .
سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ، ھىجىرىيە 330 – يىلى ( مىلادى 941 – 942 – يىللىرى ) غىچە بولغان ئارىلىقتا قەشقەر ، يەكەن ، ئاقسۇ ، خوتەننى « غازات » ئارقىلىق ئىسلامغا ئىتائەت قىلدۇرغان . ھىجىرىيە 330 – يىلىدىن كېيىن بىلاد ساغۇن ، بارسغان ، يەتتە سۇ ، سۇياب قاتارلىق جايلارغا ، شۇنداقلا ئىسسىقكۆلنىڭ شەرقىدىكى باشقا جايلارغىمۇ يۈرۈش قىلىپ ئىسلامنى ئومۇملاشتۇرغان ۋە تالاسنى سامانىلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان . سامانىلار خانلىقىمۇ قاراخانىلار زىمىنىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزلىرىگە تەھدىت بولۇپ كېلىۋاتقان بىر قۇدرەتلىك بۇددىزىم كۈچىنى يوقىتىپ ، ئۇ دىياردا ياشىغۇچى ئاھالىلەرنى ئىسلامغا بەيئەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئاتا – بوۋىلىرى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلالمىغان مۇنداق مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخانغا ياردەم بېرىش پوزىتسىيەسىنى قوللانغان . ئۆز تەۋەسىدىكى كەشمىر ، ماۋرە  ئۈننەھىر ، خۇراسان قاتارلىق جايلاردىن سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخانغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىرمۇنچە ئىسلام ئۆلىمالىرىنى ئەۋەتكەن . بۇ ئۆلىمالار سۇلتان ساتۇققا ئەرەپچە « ئابدۇلكەرىم » دەپ ئات قويغان . سۇلتان ساتۇقمۇ بۇ ئىسىمنى قوبۇل قىلغان . ( قاراخان ساتۇق ئابدۇلكەرىم دەپ ئاتالغان ) .
سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان مىلادى 948 – يىلىدىن كېيىن ئاساسىي كۈچىنى كۇچار ۋە تۇرپاندىكى بۇددا دىنىنىڭ جاھىل قورغانلىرىنى بويسۇندۇرۇشقا قاراتقان . بىرقانچە يىللىق قاتتىق جەڭ ئارقىلىق كۇچار بىلەن تۇرپان ھۆكۈمرانلىرى قورال كۈچى ئالدىدا بويسۇنغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ جايلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئىسلام دىنىنى تامامەن قوبۇل قىلىپ كېتەلمىگەن . بۇنداق ئەھۋالدا ، سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان ھىجىرىيە 341 – يىلى ( مىلادى 952 – 953 – يىللىرى ) قۇمۇل ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىسلام ئېچىشقا تەييارلىق قىلغان . دەل شۇ چاغدا ئۇستازى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلگەنلىكتىن ، ئۇ دەرھال يۈرۇشنى توختىتىپ قەشقەرگە قايتقان . ئۇستازىنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ، ياندۇرقى يىلى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ ئوغلى ئەبۇلپەتتاھ بىلەن ئەسلىدىكى پىلاىنىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاتلانغان . بۇ جايلاردىكى بۇددا ئېتىقادىدا ياشاۋاتقان ئاھالىلەر قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن جەڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان . ھىجىرىيە 343 – يىلى ( مىلادى 954 – 955 – يىللىرى ) سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان كېسەل سەۋەبى بىلەن قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ۋە بىر يىلدىن كېيىن ۋاپات بولغان . ئۇنىڭ جەسىتى ھايات ۋاقتىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئاتۇشنىڭ مەشھەتكە يۆتكەپ ئاپىرىلىپ ، ئۇستازى خوجا ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ يېنىغا قويۇلغان . دېمەك ، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ، خۇددى تەزكىرىلەردە بايان قىلىنغىنىدەك ، توقسەن ئالتە ياشقا كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئالتاي تاغلىرىدىن ئۇمۇد دەرياسى ۋادىلىرىغىچە ، شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى قارا قۇرۇم ئېتەكلىرىدىن كۆك مەنزىل ( كۆكنۇر كۆلى ) رايونلىرىغىچە بولغان دائىرە ئىچىدە قىلىچ بىلەن ئىسلام ئېچىپ قاراخانىلار  خانلىقىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتكەن .
سۇلتان ساتۇق ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، قۇجۇ ( تۇرپان ) خانلىقى بىلەن خوتەن خانلىقىدا ئىسلامغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ ئىسلامدىن بۇددا دىنىغا قايتىش باشلانغان . بۇ چاغدا ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ سۇلتان ساتۇقنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملۇشتۇرىۋاتقان مۇسا ،  سۇلايمان ، ئوسمان ، ھۈسەيىن ، نەسىپ تۈركان خېنىم ، نۇر ئالانۇر خېنىم ، بى بى مەريەم خېنىم قاتارلىق يەتتە ئوغۇل قىزنىڭ ئىچىدە ، چوڭ ئوغۇل مۇسا ئىبنى ئابدۇلكەرىم قاراخان ( بايتاش – تەزكىرىدە « ھەسەن بۇغراخان » دەپ تىلغان ئېلىنغان كىشى ) ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ ئوغلى ئەبۇلپەتتاھ بىلەن بىرلىكتە قوجۇ خانلىقىغا ھەربىي يۈرۈش قىلغان . ئۇلار كىنگىت ( قاراشەھەر ) نى قوجۇ خانلىقىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ ئۇنى مەركىزىي بازا قىلغان ھالدا ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ ، بىر بۆلىكى قوجۇ خانلىقىنىڭ قىشلىق ئاستانىسى ( پايتەختىگە ) ھۇجۇم قوزغىغان ، ئەبۇلپەتتاھ باشچىلىقىدىكى يەنە بىر بۆلىكى قۇجۇنى شىمال تەرەپتىن قورشاش ئۈچۈن ، ئىلى تەرەپكە يۈرۈش قىلغان . ئۇلار قوجۇ خانلىقىغا تەۋە بولغان بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى ۋەيران قىلىپ ، بۇددىسىت ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ چىقىرىپ ، ئورنىغا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان . بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ، قوجۇ خانلىقىنىڭ بۇددىست ھۆكۈمرانلىرى ئاستانىنى تاشلاپ ، ئۆزىنىڭ يازلىق پايتەخـتى بەشبالىق ( جمىسار ) قا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان . ئاستانىنى ئىشغان قىلغان قاراخانىلار قوشۇنى قۇجۇ بۇددىستلىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بەشبالىققا ھۇجۇم قىلغاندا ، شۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ئەبۇلپەتتاھقا ئوق تېگىپ ھىجىرىيە 347 – يىلى ( مىلادى 958 – 959 – يىللىرى ۋاپات بولغان . بۇ ئىسلام غازاتچىسىنىڭ جەسىتى ئۈرۈمچىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ، كىشىلەر ھازىر « ئەلپەتتاھ خوجام » ياكى « توپ ئاتار خوجام » دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان بوغدا تېغى ئۈستىدىكى مازارغا قويۇلغان .
ئىسلام تارىخچىسى ئىبنى ئاشىرنىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا ، مۇسا ئىبنى ئابدۇلكەرىم قاراخان مۇشۇ قېتىمقى يۈرۈشتە گەرچە 200 مىڭ ئۆيلۈك تۈرك قەۋمىنى ئىسلام دىنىغا ئىتائەت قىلدۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما ئەبۇلپەتتاھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇنىڭ قوشۇنى ئاجىزلىشىپ ، بەشبالىقتا بولغان جەڭدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ، شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئبنى ئابدۇلكەرىم قەشقەرگە قايتىپ بېرىپ ، ھىجىرىيە 365 – يىلى ( مىلادى 975 – 976 – يىللىرى ) غىچە ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ، قوشۇننى تەرتىپكە سېلىش ۋە قوشۇن توپلاش بىلەن مەشغۇل بولغان . ھىجىرىيە 365 – يىلىدىن باشلاپ ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن خوتەن خانلىقىغا يۈرۈش قىلغان . ئەمما خوتەندىكى بۇددىستلار قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۇنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان . مۇسا ئىبنى ئابدۇلكەرىم ۋە ئىنىسى ھۈسەيىن بۇغراخان ھىجىرىيە 369 – يىلى ( مىلادى 979 – 980  - يىللىرى ) شۇ جەڭدە ئۆلگەن . ئۇلارنىڭ جەسىتى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ غەربىدىن تەخمىنەن تۆت كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كىشىلەر ھازىر « چۈجە پاششىم مازىرى » دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان مازارغا دەپىن قىلىنغان . بۇ يەردىكى « ئاققىر سۇ ئامبىرى ( تەزكىرىدە « دەشتە كۆل » دېيىلگەن ) ئەتراپىدا يەنە بى بى مەريەم خېنىم باشلىق يەتتە مەرد قىزنىڭ مازىرى ( ھازىر « قىز – ئاياللىرىم مازىرى » دەپ ئاتىلىدۇ ) مۇ بار .
مۇسا ئىبنى ئابدۇلكەرىمدىن كېيىن قاراخانىلارنىڭ خانلىق تەختىگە سەيىد ئەلى ئارىسلانخان ئولتۇرغان . ( سەيىد ئەلى ئارىسلانخاننىڭ كىملىكى ھەققىدە ھازىر ھەر خىل كۆزقاراشلار مەۋجۈت . بەزىلەر ئۇنى مۇسا ئىبنى ئابدۇلكەرىمنىڭ ئوغلى ، ئىسمى ئوبۇلھەسەن ئەلى دېسە ، يەنە بەزىلەر نۇر ئالانۇر خېنىمنىڭ ھەزرىتى ئەلىنى چۈشىدە كۆرۈپ ھامىلدار بولغاندىن كېيىنكى تۇغقان بالىسى ، بىر ئىسمى شاھى مەردان ، يەنە بىر ئىسىمى ھەيران ئەلى ئارىسلانخان دەيدۇ .)  ئۇ خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاتىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن خوتەن خانلىقىدىكى بۇددىستلارنىڭ قەشقەر ئەتراپىغا باستۇرۇپ كەلگەن ئەسكەرلىرىنى قاغىلىقنىڭ كۆكيارغىچە چېكىندۈرگەن . بىراق ، بۇ جەڭدە تاغىسى ئوسمان بۇغراخانغا ئوق تېگىپ ئۆلگەنلىكتىن ، جەڭنى توخـتىتىپ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن .
سەيىد ئەلى ئارىسلانخان ( ئوبۇلھەسەن ئېلى ئىبنى مۇسا ) قاراخانىلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ، سامانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشى راسا ئەۋجىگە چىقىپ جەمئىيەت ئىنتايىن قالايمىقانلاشقان . بۇنداق شارائىتتا سامانىلار تەۋەسىدىكى خەلقلەرنىڭ بىر قىسمى سەيىد ئەلى ئارىسلانخانغا ۋەكىل ئەۋەتىپ ( تەزكىرىدە « مۇساغا ئەۋەتتى » دەپ يېزىلغان ۋە سەيىد ئەلى ئارىسلانخانمۇ ئاتىسى مۇسادىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان قىلىپ قويۇلغان . پىرىستاك ، گېڭشىمىن ، ۋې  لياڭتاۋ ، تۇرغۇن ئالماس ، قاسىم ئارىش ، ھاجى نۇرھاجىلارنىڭ كۆز قارىشىچە ، مۇسا 980 – يىلى ، ئارىسلانخان 998 – يىلى ۋاپات بولغان . ۋەقە يۈز بەرگەن دەۋرگە سېلىشتۇرغاندا تەزكىرىدە يېزىلغان ئىسىملىك ۋە ۋاقىت توغرا ئەمەس . ) ياردەم تەلەپ قىلغان . سەيىد ئەلى ئارىسلانخان بۇ تەكلىپنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ يۈسۈپ قادىرخاننى بىلاد ساغۇنغا يولغا سالغان . يۈسۈپ قادىرخان بىلادساغۇنغا بارغاندىن كېيىن ، سامانىلارنىڭ ھۆكۈمرانى نوھ ئىبنى مەنسۇردىن نارازى بولغان ۋەزىر ئابدۇللا مۇھەممەت ، ھەربى سەركەردە فايىق تېكىن ، خەلىپە باسىت ، ئىپىجاپنىڭ ئەمىرى ئەبۇ مەنسۇرلارنىڭ ياردىمى ۋە يەرلىك ئاقسۆڭەكلەر بىلەن دېھقانلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ، ئىسپىجاپنى سامانىلارنىڭ قولىدىن قايتۇرىۋالغان . ئاندىن ماۋرە ئۈننەھرە ، تاشكەنت ، سەمەرقەنت ، بۇخارانى ئىگىلىگەن . نوھ ئىبنى مەنسۇر سالجۇقلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈمۇد دەرياسىدىن ئۆتۈپ بۇخاراغا قايتا بېسىپ كىرگەن بولسىمۇ ، ئەمما سەيىد ئەلى ئارىسلانخان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ بۇخارانى قايتۇرىۋالغان . ئۇنىڭدىن كېيىن سەيىد ئەلى ئارىسلانخان خوتەن بۇددىستلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ ھىجىرىيە 389 – يىلى ( مىلادى 998- 999 – يىللىرى ) مۇھەررەم ( 1 – ئاي ) نىڭ 13 – كۈنى يوپۇرغا ، يېڭىسار دائىرىسىدىكى « سەسقۇم » ( يەرلىك تارىخىي ماتىرىياللاردا قۇمى شەھىدان ، قارا ئۆتەڭ ، قارا تىكەن دېگەن ناملاردا ئاتىلىدۇ ) دا شېھىت بولغان . سەيىد ئەلى ئارىسلانخاننىڭ بېشى دەپنە قىلىنغان ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى « دۆلەتبەغ » دىكى مازار « ئارىسلانخان مازىرى » دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇنىڭ تېنى « قۇم شەھىدان » غا دەپنە قىلىنغان بولۇپ ، ئۇ « ئوردا خان » ياكى « ئوردام مازىرى »  دەپ ئاتىلىدۇ .
يۈسۈپ قادىرخان سەيىد ئەلى ئارىسلانخاننى چوڭ ئوغلى تەخت ۋارىسى چوڭ ئوغلى ئەھمەت توغانخان بىلەن بىرلىكتە تىبەتلىكلەر ۋە قوجۇلۇقلاردىن ئۈزلۈكسىز ياردەم ئېلىپ تۇرۇۋاتقان خوتەن بۇددىستلىرىغا قارشى ئون يىل ئۇرۇشقان . ئاخىر ھىجىرىيە 398 – يىلى ( مىلادى 1007 – 1008 – يىللىرى ) خوتەن بۇددىستلىرىنى ئىسلامغا بەيئەت قىلدۇرغان . بۇ يىللاردا يەنە ئەھمەت توغانخان ، ئارىسلانخان ئىلىك ناسىرلار غەزنەۋىلەر بىلەن ئىككى قېتىم ، قارا قىتانلار بىلەن بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قىلىپ قاراخانىلار زىمىنىنى قوغداشقا كۈچ چىقارغان .
يۈسۈپ قادىرخان مىلادى 1008 – يىلىدىن 1025 – يىلىغىچە « تابغاچ خان » دېگەن نام بىلەن خوتەننىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان ، ئۇ 1025 – يىلى سەيىد ئەلى ئارىسلانخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى مەنسۇر ئارىسلانخان ( مىلادى 1018-1025 ) نىڭ قولىدىن قاراخانىلارنىڭ چوڭ خانلىق ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ پايتەخت قەشقەردا ئولتۇرغان . ئۇ يەتتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن ھىجىرىيە 423 – يىلى ( مىلادى 1032- يىلى ) سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن . ئۇنىڭ جەسىتى يەكەندە چارەك يېزىسىنىڭ ئاچچىق دېگەن يېرىدىكى بىر تاغ ئارىسىغا قويۇلغان ، كېيىن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە قەشقەرگە يۆتكەپ كېلىنىپ ئالتۇنلۇققا دەپنە قىلىنغان .
موللا ھاجى قاتارلىق ئەدىبلەر يازغان تەزكىرىلەردىكى تارىخى ۋەقەلىكلەرنىڭ قىسقىچە جەريانى ئەنە شۇنداق . بۇ تەزكىرىلەردە بايان قىلىنغان ۋەقەلەر تارىخ نۇقتىسىدىن ئەمەس ، بەلكى نوقۇل دىنىي نۇقتىدىن بايان قىلىنغاچقا ، تەزكىرىلەرگە باشتىن ئاياغ ئىنتايىن قويۇق دىنىي تۈس سىڭدۈرۈلگەن . تارىخىي شەخسلەرنى بايان قىلىشتا چېكىدىن ئاشقان مۇبالىغىلەرگە يول قويۇلۇپ ، تارىخىي چىنلىق ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلانغان .
ئەھمىيەت بېرىشكە تېىگىشلىك يەنە بىر مۇھىم مەسىلە شۇكى ، شىنجاڭغا ئىسلام دىنىنىڭ قايسى دەۋردىن باشلاپ تارقىلىپ كىرگەنلىكى تېخى ئۈزۈل – كېسىل يەكۈن چىقىرىلمىغان چوڭ مەسىلە ، تەزكىرىلەردە ئېيتىلىشىچە ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشى سۇلتان ساتۇق بۇغراخاندىن باشلىنىدۇ . لېكىن بۇنىڭدىن باشقا تارىخىي كىتابلاردا بۇنىڭغا ئوخشاشمايدىغان بايانلارمۇ بار : مەسىلەن ، 10 – ئەسىردە ياشىغان ئەرەب تارىخچىسى ئىمام جېلىل تەبەرى ( مىلادى 838 – 923 – يىللار ) نىڭ « تارىخى تەبەرى » ناملىق كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە ، ئەرەب ئىسلام خەلىپىلىكىدىن ۋەلىد ئىبنى ئابدۈلمۈلۈك مەرۋاننىڭ خۇراسانغا قويغان ۋالىيسى ھەججاجنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا تەيىنلىگەن نائىبى قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم ھىجىرىيە 96 – يىلى ( مىلادى 714- 715 – يىللىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ قول ئاستىدىكى كاسان ، شاش ( تاشكەنت ) لارغا ھۇجۇم قىلغاندا قەشقەرگىمۇ كەلگەن . ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق ھۇجۇمى تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۈيۈك شاھزادىسى كولتىگىننىڭ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىشى ئارقىسىدا تارمار قىلىنىپ ئەسلى تۇرۇشلۇق جايى پەرغانىگە چېكىندۈرۈلگەن . ۋاھالەنكى ، قۇتەيبە قەدىمى يەتكەنلىكى جايدا ئىسلام تارقاتقان . ئۇنىڭدىن كېيىن تەخمىنەن 150 يىل ئۆتكەندە يەنە ئەرەبلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قويغان يەرلىك ئەمەلدارى سامانى ئىبنى ناسىر ئىبنى ئەخمەت ( مىلادى  865  – 892 – يىللار ) ھىجىرىيە 256 – يىلى (  مىلادى 869 – 870 – يىللار ) مۇستەقىللىق جاكارلىغان ۋە ئۆز دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن بۇخارا ، شاشلارغا ھۇجۇم قىلغاندا قەشقەرگىمۇ كەلگەن . بۇ قېتىمدىمۇ قەشقەردە ئالدىنقى قېتىمدىكىگە ئوخشاش ئىسلام تارقىتىلغان . قەشقەردىلا ئەمەس ، سامانىلارنىڭ چېگرىسىغا يېقىن بولغان بىلادساغۇندىمۇ خېلى كۆپ كىشىلەر ئىسلامغا ئىتائەت قىلىدىغان بولغان. ئەگەر بۇ بايانلار ئاساس قىلىنسا ، شىنجاڭغا ئىسلام دىنى سۇلتان ساتۇقتىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرىلا يېتىپ كەلگەن بولىدۇ . قىسقىسى ، بىز بۇ تەزكىرىلەرگە تارىخىي ماتىرىيالىزىم نۇقتىنەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، ئۇنىڭدىكى ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغان تارىخىي ۋەقە ، تارىخىي شەخس ۋە تارىخىي جۇغراپىيە ماتىرىيالىرىدىنلا پايدىلىنىشىمىز كېرەك لازىم ، ئەلۋەتتە .
ئاخىرىدا ، بۇ تەزكىرىنى نەشىرگە تەييارلاشتا يول قويۇلغان خاتالىقلار بولسا كىتابخانلارنىڭ تەنقىد بېرىشىنى ئۆتۈنىمەن .  
 




مۇقەددىمە



ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن

بىلىڭلار ۋە ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇنىڭدا خۇدايىتائاللا لوتفىنىڭ نۇرى زاھىر بولغان، ئۇ قۇرئاننى كۆپ تىلاۋەت قىلغان، پادىشاھلىق سەلتەنىتىنى راۋا كۆرگەن، خۇدانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەت مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامنىڭ شەرىئىتىنى راۋاجلاندۇرغان.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەزىز پەزىلەتتە،ھەلىم ھايادا، ئەدەپتە، ئىلمىي زاھىر ۋە ئىلمىي باتىندا كامالەتكە يەتكەن. ئۇ، بۇ ئالەمگە كەلگەندىن بۇيان شەرىئەتكە خىلاپ ئىش قىلمىغان. ئاۋالقى ھاللىرىدا يەنى ئەۋلىيا ئەمەس چاغلىرىدا خۇدانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ سۇننەتلىرىنى قۇبۇل قىلاي دەپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ، باشقا سودىگەرلەردەك ئۆز نەپىسى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۇل تېپىپ، خۇدانىڭ يىتىم –مىسكىن ۋە ئاجىز مۇسۇلمان بەندىلىرىگە زاكات بېرەي، زاكاتنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قالماي دەپ سودىگەرچىلىك قىلغان.

- ئەي بۇزۇرۇكۋارىم، شۇنچىۋالا پۇل – دۇنيالىرى بار تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن يەنە جاپا  چېكىپ، ئاۋارە بولۇپ سودىگەرچىلىك قىلىلا؟- دەپ سورىدى بىر كۈنى مۇرىدلىرىدىن بىر كىشى.

- ئەي يارەنلىرىم، - دېدى بۇ ئەزىز، - مەن ئەقلىمگە كەلگەندىن بۇيان مۇھەممەت ئەلەيھىسلامنىڭ سۇننەتلىرىنى تەرك قىلمىدىم. سودىگەرچىلىك قىلىش ئان ھەزرەت سۇننەتلىرىدىندۇر. ئۇنى تەرك قىلىشنى خالىمايمەن. مەيلى قەيەردە بولاي، مەيلى ۋەتەندە تۇراي ياكى سەپەر ئۈستىدە بولاي،ھەر قاچان مۇسۇلمانلارغا زاكات بېرىپ مەنپەئەت يەتكۈزىمەن. ئەگەر بۇ ئىشنى تەرك قىلسام زاكاتنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قالىمەن.ئەي يارەنلىرىم، سىلەر مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغانمىدىڭلار؟....... بىر كۈنى رەسۇلۇللا مەسسچىتتە ئولتۇرغاندا، ئۇ يەرگە بىر نەچچە نامرات ساھابىلەر كىرىپ  كەپتۇ، ئۇلار:

- يا رەسۇلىللا، ئالتۇندار باي ساھابىلەر زاكات بېرىپ، زاكاتنىڭ ساۋابىنى تاپلايدىكەن، پۇل سەرپ قىلىپ جەننەتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىرىگە ۋە مەڭگۈلۈك نازۇ- نېممەتلەرگە ئېرىشەلەيدىكەن. ئۇلار بىزگە ئوخشاش.ناماز ئوقۇپ، بىزگە ئوخشاش روزى تۇتسىمۇ، ئىقتىسادى جەھەتتە ئۇلارنىڭ بىزدىن ئارتۇقچىلىقى بولغاچقا، پۇل خەجلەپ ھەج قىلالايدىكەن.بىزلەر نامرات، زاكات بەرگـىلى پۇلىمىز يوق، زاكاتنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىمىز. بىزگە زاكاتنىڭ ساۋابىدەك ساۋاپ تاپقىلى بولىدىغان بىرەر ئەمەلنى ئۆگىتىپ قويسىلا ئىكەن،- دەپ ئەرىز قىلىشپتۇ. نامرات ساھابىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان مۇھەممەت ئەلەيھىسالام، ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئەمىر قىلىپتۇ:

-ئەي يارەنلىرىم، ئەي نامرات ساھابىلىرىم، ئۇنداق بولسا مەن سىلەرگە شۇنداق بىر ئىشنى ئېيتىپ بېرەي، ئەگەر ئۇنى ئورۇنلىساڭلار پۇل خەجلەپ جەننەتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىرىگە ئېرىشكەن بايلارنىڭ دەرىجىلىرىگە يېتىسىلەر، سىلەردىن كېيىنكى ئادەملەرنىڭ (مۇشۇ ئەمەلنى قىلمىغانلارنىڭ) ھىچقايسىسى سىلەرنىڭ دەرىجەڭلارغا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇرۇنقى ۋە كېينكى ئادەملەر ئارىسىدا سىلەر ئەڭ ئەۋزەل ئادەملەردىن بولۇپ قالىسىلەر.بايلاردىن پەقەت مۇشۇ ئەمەلنى قىلغان كىشىلەرلا سىلەرگە يېتەلەيدۇ. ئۇ بولسىمۇ ھەر ۋاق نامازدىن كېيىن «سۇبھانەللا » (ئاللانى پاكلىق بىلەن ياد ئېتىمەن) «ئەلھەمدۇلىللا» (ئاللاغا ھەمدۇ سانا  ئوقۇيمەن)، «ئاللاھۇ ئەكبەر» (ئاللاھ ئۇلۇغدۇر) دىگەن ئۈچ كەلىمىنىڭ ھەر بىرىنى 33 قېتمدىن، كەلىمە تەۋھىدنى ئون قېتىم دېسەڭلار زاكات بەرگەننىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر.

  نامرات ساھابىلەر خوشال بولۇشۇپ قايتىپتۇ ۋە ھەر ۋاخ نامازدىن كېيىن شۇنداق قىلىشىپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ خەۋەر كىشىلەرگە ئاڭلىنىپتۇ، باي ساھابىلەرمۇ ھەر ۋاخ نامازدىن كېيىن نامرات ساھابىلەر قىلغان ئەمەلنى قىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن نامرات ساھابىلەر يەنە مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ.

- يا رەسۇلەللا،- دەپتۇ ئۇلار، بولۇۋاتقان ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىپ،- باي ساھابىلەر زاكات بېرىپ زاكاتنىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ، ئەمدى يەنە سىز بىزگە ئۆگىتىپ قويغان ئەمەلنى قىلىپ ئۇنىڭ ساۋابىنىمۇ تېپىۋاتىدۇ.

- خۇدايىتائاللا زاكاتنىڭ ساۋابىنى ئۆزى خالىغان بەندىسىگە نىسىپ قىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ھېچكىم بىر نېمە دېيەلمەيدۇ، - دەپ،- جاۋاپ بېرىپتۇ ئان ھەزرەت سەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم...

بەس، بۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى زاكاتتا ناھايىتى كاتتا ساۋاپ بار. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سودىگەرچىلىكنى تەرك قىلمىدىم.

مەلۇم بولسۇنكى، خوجا ئەبۇنەسىر سامانى ھەر قېتىم سەپەرگە چىققاندا، تولا رىيازەت تارتىپ،مۇشەققەت چېكىپ قىلغان تائەت-ئىبادەتلىرىنى باشقىلارغا دەپ يۈرمەيىتتى.خالايىقلارغا ھەمىشە ئاش نان بېرىپ ساخاۋەت قىلىپ تۇراتتى.ھەر كېچىسى كالام شېرىپنى بىر قېتىم تامام قىلاتتى. بەش مەرتىۋە تەرەت ئېلىپ، ھەر رەكئەتتە سۈرە ياسىننى قىرائەت قىلىپ،32 رەكئەت ناماز ئۆتەيىتتى.ھەر كېچىسى قىلىدىغان ئىبادەتلىرى مۇشۇنداق بولاتتى.

بىر كۈنى خوجا ئەبۇ نەسىرسامانى سەپەرگە چىقىشنى ئويلاپ، ئاخشىمى ئادىتى بويىچە ناماز ئوقۇپ،تىلەكلىرىنى خۇداغا دۇئا بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن يېتىپ ئۇخلىدى.ئۇ بىر چۈش كۆردى.چۈشىدە مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ئۇنىڭغا:«ئەي خوجا ئەبۇنەسىر سامانى،بۇ نۆۋەت سەپەرگە چىقماي تۇرۇڭ،سەپەرگە چىقىدىغان مەزگىل بولغاندا مەن سىزگە خەۋەر قىلىمەن...»دېدى.خوجا ئەبۇنەسىر سامانى بىجانىدىل قۇبۇل قىلىپ ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئاللا تائاللاغا كۆپ شۈكۈر سانا ئېيىتتى.ھەزرىتى مۇھەممەت مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامگە نۇرغۇن دۇرۇت ئوقۇپ ھەدىيە قىلدى.ئۇ، جانابى سەرۋىرى ئالەم مەۋلانە مۇھەممەت ئەلەيھسالامنىڭ ئەمرى بىلەن سەپەرگە چىقماي ئۆزىنى زىيارەت بوتىسىغا سېلىپ تاۋلاپ، ئىبادەت قىلىپ قەلبىنى تازلاپ تۇردى.كۈنلۈكى مۇھەممەت ئەلەيھسالام بىلەن ئۇچرىشىپ،ھەق ھەبىبىنىڭ تەۋەججۇسى بىلەن روھى جەھەتتە تەربىيلىنىپ قۇۋەت تېپىپ،پەيزى پۇتىھاتتىن تېرىسىگە سىغماي قالدى.

شۇنداق ھەقىقىي ئاشىقلارغا خاس ئىبادەت ھوزۇرى بىلەن ھوزۇرلىنىپ ئالتە يىل ئۆتتى.بىر كېچىسى چۈشىدە يەنە ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھسالامنى كۆردى. سالام بەرمەكچى بولىۋىدى،ھەبىبى خۇدا ھەزرىتى رەسۇلۇللا ئاۋال سالام بېرىپ مۇنداق دېدى:

- ئەي خۇجا ئەبۇ نەسىر سامانى، ئەمدى سەپەرگە بارىدىغان ۋاقىت بولدى، تۈركىستان تەرەپكە قاراپ سەپەر قىلىڭ. ئۇ يەردە ئۇلۇغ قۇدرەتلىك رەببىل ئالەمنىڭ بىر سائادەتمەن بەندىسى بار، ئىسىم- شېرىپلىرى- سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازى دەپ ئاتىلىدۇ. مەن ئۇنى مىھراج كېچىىسى ئەرىشنىڭ تۆپىسىدە،تەخت ئۈستىدە بىر نۇر ھالىتىدە كۆرگەن ئىدىم،ئۇ نۇر شۇ ئۈممىتىم روھىنىڭ نۇرى ئىكەن. قارىسام سىز ئۆزىڭىز شۇ ئۈممۈتۈمنىڭ روھىغا ئىمان ئۆگىتىپ تۇرۇپسىز. مەن بۇ ئىشتىن ئەجەپلىنىپ بۇرادىرىم ھەزرىتى جەبرائىلدىن سورىدىم:

- بۇ روھلارنىڭ ئەسرارى نېمە؟

بۇرادىرىم جەبرائىل ماڭا:

- ئۇ قۇرئان ئۆگىتىپ تۇرغان كىشى بۇ روھنى مۇسۇلمان قىلىدۇ،ئاندىن كېيىن بۇ روھ تۈركسىتان دىيارىدىكىلەرنى مۇسۇلمان قىلىپ ئۇلۇغ دىنىڭىزغا مۇشەررەپ قىلىدۇ،- دەپ جاۋاپ بەردى.

ئەي ئەبۇ نەسىر سامانى،شۇ ئۈممىتىمنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى سىزنىڭ بېرىشىڭىزغا مۇھتاج،قوپۇڭ.ئۇ لاچىندەك ئېگىز پەرۋاز قىلغۇچىنى ئىزدەپ تېپىڭ. ھەرگىز ھايال بولماڭ...

خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى بۇ بىشارەتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇيقۇدىن ئويغاندى ۋە خۇدايىتائاللاغا كۆپ شۈكۈر-سانا ئېيىتتى.ۋە ئۆز ئوغلى خوجا ئەبۇل پەتتاھىنى ھەمرا قىلىپ تۈركىستان تەرەپكە قاراپ سەپەرگە راۋا بولدى. شەھەرمۇ شەھەر يول يۈرۈپ،ئەندىجانغا يېتىپ كەلدى.ئۇ يەردە بىر كىشى:

- قەشقەر تۆرىسىنىڭ سۇلتان ساتۇق دىگەن بىر ئوغلى بار،ئەمما ئۇ تېخى كىچىك سىزنىڭ سۆزىڭىزگە جاۋاپ بەرگۈچىلىكى يوق،- دەپ ئېيىتتى.ئەبۇ نەسىر سامانى ئۇنىڭغا:

- چوڭ كىچىكلىكى بىلەن ئىشىم يوق، ئۆزىگە ئىنتىزاردۇرمەن، -دەپ ئېيتىپ، قەشقەر تەرەپكە راۋان بولدى، نەچچە كۈندىن كېيىن قەشقەرگە يېتىپ كەلدى. ھەزرىتى سۇلتان ساتۇقنى تېپىپ، ئېيتىدىغان پەندى نەسىھەتلىرىنى ئېيتىپ، قىلىدىغان سۆزىنى قىلىپ ئىمانغا مۇشەررىپ قىلدى.

ئەلقىسسە، ھەرقانداق بىر كىشى ئاللا دەرگاھىغا مۇشەررىپ قىلغاندىن ئۇلۇغ تائەت-ئىبادەت يوق. خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى قەددەسەللاھۇ سىررەھۇھۇ نەچچە يىل ئىبادەت قىلىپ، ئاخىر مۇرادىغا يەتتى. يەنى خۇدايىتائاللا زالالەتتىكى خەلقنى ئىمانغا مۇشەررىپ قىلىشنى ئۇنىڭغا مۇيەسسەر قىلدى.

ئۇ ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازىغا ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئون ئىككى يىل تائەت-ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ، سۇلتان ساتۇقنى كامالىغا يەتكۈزدى. كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ ناماز ئۆتەش ۋە روزا تۇتۇش بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكۈزدى. يەنە مىڭ كىشىنى مۇسۇلمان قىلدى. يەتمىش كىشنى تەربىيەت قىلىپ كامالغا يەتكۈزدى، ئەللىك كىشىنى ئوقۇتۇپ ئالىم قىلدى.

مەلۇم بولسۇنكى، خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى سەكسەن يىل ئۆمۈر كۆردى. ھەممە ئۆمرىنى خۇدايىتائالانىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىدە ئۆتكۈزدى. ئۆزلىرى تەىقەت ئىمامى،شەپقەت قىلغۇچى شەيخ، دىنسىزلارنى قەتىل قىلغۇچى ئەمرىل مۇئىمىنىن ئەبۇبەكرى سىدىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ روھلىرىدىن تەربىيەت ئېلىپ، ھەزرىتى ياقۇپ نەبىيۇللانىڭ ياشلىرىنى ياشاپ، يىغا-زار بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ رېقبەئى ئۈۋەيىسلىككە يەتتى.

ئەي دەرۋىش، ئاگاھ بولغىنكى، ھەرگىز ئۆزىڭنى چوڭ تۇتما. تۆۋەن تۇت، ھاكاۋۇرلۇق قىلساڭ، قىلغان تەكەببۇرلىقىڭ پەردە بولۇپ ئاللانىڭ جامالىدىن مەھرۇم قالىسەن. خۇدانىڭ ئەسرارلىرىدىن خەۋەر تاپالمايسەن. شۇڭا ئىجتىھات قىلىپ، بۇ پەردىدىن قۇتۇلۇپ ئىلاھنىڭ جامالىغا مۇشەررەپ بولغىن. شۇنداق دەپ نەقىل كەلتۈرۈشكە بولىدۇكى، خوجا ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ روھلىرى مەدىنىدە ئىدى. رەسۇلى خۇدا- ھەزرىتى مۇھەممەت مۇستافا  سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ روھلىرىدىن روخسەت بولۇپ، قەشقەر تەرەپكە سەپەر قىلدى. ئۇ روھلار ئالىمىدە ئۇۋەيس بولۇپ، ئۇلۇغلارنىڭ روھلىرىنى باشلاپ كەلدى، ھېچقايسىسى خوجا ئەبۇ نەسىر سامانىغا قول بەرمىگەن بولسىمۇ، يوشۇرۇن ھالدا يەتمىش ئۇۋەيس بۇزرۇك ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلدى.شۇنىڭداىن كېيىن ئۇلار تەرىقەتكە لازىم بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. بۇ يەتمىش كىشىنىڭ ئىچىدىن شەيخ نەجمىدىن كۆپرەك تەربىيەت تاپقان ئىدى.خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى بۇ يەتمىش كىشى بىلەن بىللە قەشقەرگە كېلىپ ھەزرىتى سۇلتاننى تېپىپ، ئۇنى ئىسلامغا مۇشەررىپ  قىلىپ مۇرادىغا يەتتى.

ئاگاھ بولغىن ئەي دەرۋىش، كۆڭلىڭنى توختىتىپ كۆڭلىڭنى توختىتىپ، رىيازەت تارتىپ، خۇدايىتائاللانىڭ بەندىچىلىكىنى قۇبۇل قىلساڭ مۇردىڭغا يېتىسەن، ئەلۋەتتە.

شۇنىڭدىن كېيىن مەلۇم بولسۇنكى، بىر كۈنى خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى چۈشىدە رەسۇللانى كۆردى.رەسۇل سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا:

- خۇدا ساڭا ئىككى ئالەمنىڭ دۆلىتىنى مۇيەسسەر قىلىدى.قۇتبىلىك مەرتىۋىسىنى بەردى،- دەپ خەۋەر قىلدى. خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ،ئىنتايىن كۆپ يىغلىدى:

- ئى بارا خۇدايا، مەندەك گۇناھكار بەندەڭ قۇتبىلىك كىيمىنى كىيىشكە لايىق ئەمەس ئىدى، مېنىڭ تېنىم يۈزمىڭ گۇناھ بىلەن بۇلغانغان،- دەپ پەرىشان بولغاندا،شۇ زامان قۇلاقلىرىغا غايىبتىن:

- ئەي خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى، خۇدانىڭ رەھمەت دەرياسىدىن تامغان بىر قەترە سۇ، ھەر قانچە گۇناھتا بۇلغانغان تەنگە تامسا، ئۇنى پاك قىلىدۇ. ئۇ تەن ھەر دائىم خۇدايىتائالانىڭ ئىبادىتىدە بولسا، نېمە  ئۈچۈن قۇتبىلىك كىيمىنى كىيگۈزگىلى بولمىسۇن؟- دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، كۆپ شادىمان بولدى.ئورنىدىن تۇرۇپ غۇسىل تەرەت  ئېلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئۆتەپ،قىبلىگە قاراپ ئولتۇردى. نەچچىلىگەن ئۇلۇغلار ھازىر بولۇپ،پاتىھە ئوقۇپ، ئۇنىڭغا قۇتبىلىك كىيمىنى كىيدۈرۈپ قويۇپ غايىب بولدى. خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى ئۆيىدىن تاشقىرىغا چىققان ئىدى. شەيىخ نەجمىدىن ئەتتار ئۇچراپ، ئۇنىڭغا:

- ئەي بۇزرۇكۋار، قۇتبى بولغانلىقلىرىغا مۇبارەك بولسۇن!- دېدى. خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى كەرەمەللاھۇ:

- ئەي نەجمىدىن ئەتتار، ماڭ قۇتبىلىك مۇيەسسەر بولغاننى نەدىن بىلدىڭىز؟- دەپ سورىغان ئىدى، شەيخ نەجمىدىن ئەتتار:

- ئەي بۇزرۇكۋار، قۇتبى بولغانلىرىدا مەن يانلىرىدا ئىدىم،- دەپ جاۋاپ بەردى.

خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يەتتە يېرىم يىل قۇتبى بولدى.ئەھلى ئالەمنىڭ ھېچقايسىسغا قوشۇلماي،كۇشەنەشىنلىكتە ئۆمرىنى ئۆتكۈزدى(ۋاللاھۇ ئەئلەم بىس ساۋاپ)

ئەلقىسە بىر كۈنى خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى بىر ئورۇندا ئولتۇراتتى،بىرسى:

-ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم،- دەپ سالام قىلدى،ئاندىن ئۇ:

- مەن جان ئالغۇچى مالائىكە بولىمەن، خۇدايىتائالانىڭ ئەمرى بىلەن كەلگەن جان ئالغۇچى مەلائىكەمۇ ئەۋلىيا ئۇللانىڭ قېشىغا كەلگەندە مۇنداق تەئەددى قىلمايدۇ. ئەۋلىيائۇللا خئۇدايىتائالانىڭ جامالىنى تەلەپ قىلىۇد ئەمەسمۇ؟ مىننەت بىلەن ئىشىم يوق. مەنمۇ ھەم كۈتۈپ تۇرغان ئىدىم، ئوبدان كەلدىڭىز. ئامانەتنى ئېلىشقا مەشغۇل بولۇڭ، ھەقىقەتەن بىز ئاللاھنىڭ مۈلكۈدۇرمىز. بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچىلارمىز،- دېدى.

بىر سائەتتىن كېيىن خىزمەتكارلار كىرىپ كەلدى. قارىسا خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى يۈزلىرىگە نىقاپ تارتقان ھالدا،ئاياغلىرىنى سۇنۇپ يېتىپتۇ. خىزمەتكارلار ھەيران بولۇشۇپ:«ھېچ ۋاقىتتا بۇ ئەرىز پۇتلىرىنى سۇنۇپ، بۇنداق يېتىپ باقمىغان ئىدى» دىيىشتى ۋە بىرەر سائەتكىچە توختاپ تۇرۇشتى. بىراق ئۇ بۇزرۇكۋار تىنمىدى، يېقىن كېلىپ قاراشقان ئىدى. ئۇ ئەزىزنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى مەلۇم بولدى.خىزمەتكارلىرى ئالا چوقان سېلىشىپ،ئوغلى ئەبۇل پەتتاھقا خەۋەر بەردى. ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخانمۇ ئۆمەرالىرى بىلەن كېلىپ غەلخەلە قىلدى. خوجا ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ بىر مۇرىدى ھەرزىتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخاندىن سورىدى:

- بۇ ئەزىزنى كىم يۇيىدىكەن؟

ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇ ئەزىزنىڭ كۆكرىكىگە يېقىن كېلىپ، يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ:

- ئەي بۇزرۇكۋار،ھەزرەتلىرىنىڭ، بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان خۇدايىتائالاغا قىلغان ئىبادىتىدە پەرۋىش تاپقان بۇ  پاك جىسىملىرىنى كىم يۇيىدۇ؟ - دەپ سورىدى. بۇ ئەزىزنىڭ سىنەلىرىدن  بولسا:

- ھەزرىتى سۇلتانغا مەلۇم بولسۇنكى، شەيخ نەجمىدىن بىلەن پەرزەنتىم يۇسۇن! – دىگەن ئاۋاز كەلدى. ھەرزىتى سۇلتاننى پەرزەنتلىرى قوشتى. ھەزرىتى سۇلتان ئىنتايىن شادىمان بولۇپ، ھەزرىتى سۇلتان شەيخ نەجمىدىن ئەتتار ۋە خوجا ئەبۇلپەتتاھ بىلەن بىرلىكتە بۇ ئەزىزنى يۇدى. ھەزرىتى خوجا  ئەبۇلپەتتاھ رەھمۇتۇللاھۇ ئەلەيھى سۇ قۇيۇپ بەردى. شەيخ نەجمىدىن سۇ توشۇپ بەردى. ئاندىن ئۇ ئەزىزنىڭ جىنازىسىنى ھەممە خەلق ئۇلۇغلاپ كۆترۈپ،نامازگاھقا ئېلىپ باردى.ئاۋام خەلقتىن ئون مىڭ كىشى نامازلىرىنى ئۆتەپ، ئالتىن ئارتۇشتىكى مەھشەد دىگەن كەنتكە دەپنە قىلدى. بۇ ئەزىز ئالەمدىن ئۆتكەنلىرىدە تارىخقا ئۈچيۈز ئەللىك ئىدى. كېچىسى غازىلەردىن بىر كىشى چۈش كۆرۈپتۇ: چۈشىدە، بۇ ئەزىز ئاق ئاتقا مېنىپ، بېشىغا ئاق سەللە يۆگىگەن ھالدا- تىرىكلىكىدە غازاتقا ئاتلانغاندەك چىقىپتۇ. بۇ غازى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:

- ئەي بۇزۇرۇكۋارىم سىزگە خۇدايىتائالا نېمە ئاتا قىلدى؟

خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى ئۇنىڭغا :

- كەربالادا غازا قىلىپ شېھىت بولغان خەلقنىڭ دەرىجىسىنى بەردى. ئەي غازى، مەن قىلغان ئىشلىرىنى قىلساڭلار، مەن يەتكەن دەرىجىگە، مەن يەتكەن ئۇلۇغلۇققا مۇشەررەپ بولۇسىلەر. ئەي غازى، مېنىڭ مۇرىدلىرىمغا ئېيتقىن، ماڭا ئوخشاش ئاللا يولىدا غازات قىلسۇن. چۈنكى ئۇنىڭدا ئون ئەۋلىيانىڭ مەرتىۋىسى بار،- دەپ جاۋاپ بېرىپدتۇ. ئاندىن ھېلىقى غازى:

- ئىلاھا، بۇ ئەزىزنىڭ ھەققى ھۈرمىتىدىن جىمى گۇناھكار بەندىلىرىڭنىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈپ، ئۆز جامالىغا مۇشەررەپ قىلغايسەن،ئامىن،- دەپ دۇئا قىلدى.

نەزمە

خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى ۋەلى باسەفا

ئول ئىدى كىم رابئىل ئەئلام شەرئى مۇستەفا

ھەم شەرىئەت ھەم تەرىقەت ھەم ھەقىقەتتە ئىدى،

روزى شەب بىدار ئىدى كارى ئۇنىڭ زىكرى خۇدا،

كۆپ رىيازەتتە ئىبادەت قىلدىلەر نەچچەندە يىل

بۇ ئىبادەتنى ھونۇز قىلغان ئىدى نە ئەۋلىيا.

بەئىدە ئەزان تائەت ئىبادەت قىلدىلەر  ئون يىلغىچە،

قۇتبىلىك نامىدا ئەردى پاك بولغايسىلەر فەنا،

ئۆمرى ئىچىرە يەتتە ئەلنى ھەم مۇسۇلمان قىلدىلەر.

بەر كامال كۈر مىڭ كىشىنى تەربىيەت قىلدى يەنا.

زەيىندىگەر ئەللىك كىشىنى قىلدىلەر ئالىم.ئۇۋەيس،

تەربىيەت تاپقان ئىدى ئەزيارى غازى مۇستەفا.

ھەزرىتى ياقۇپ پەيغەمبەر روھىدىن ھەم تەربىيەت،

تاپقان ئەردى بىلسىڭىزلار كىم مۇنى ئى تەتقىيا.

ھەزرىتى سۇلتان ساتۇقنى تەربىيەت قىلغان ئۇلار،

بەلكى ئىمان ئەرز ئېتىپ قىلدى ئۇلاردىن ئىپتىدا.

ھەرزىتى ئەبۇنەسىرنى ئەيتۇرغا ئەقلىمدۇر ھەقىر،

قايسى ئاقىل ھەددىدۇر مەدھىنى قىلغاي ئىنتىھا

يا ئىلاھا بۇ زىيايىنىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈپ،

بۇ ئەزىزنىڭ ھۈرمىتىدىن  داخىلى جەننەت سازا.

ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىلھەمدە.بەخشەندەم ئىنتەكبىربە ئەرۋاھ شەرىپ خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى قەددىسەللاھۇ سىررەھۇبىرەھمەتىكە يائەرھەمەرراھىمىن.

بىرىنچى باپ



ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

ئەلقىسە، ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازى زەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ روھلىرى مەڭگۈ پاك بولسۇن. ئاللاھ تائالائۇنىڭ روھى جىسمىنى جىمى ئەيىپ نۇقساندىن پاك قىلىپ ياراتقان بولغاچقا،ئۇ ھەممە كۇپرى، يامان ئىشلارنى پاك ئىدى. شۇنداقلا ، ئۇ يەنە بارلىق يامان ئىشلارنى پاك قىلغۇچى،ھەزرىتى مۇھەممەت مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامنىڭ شەرىئەتلىرىنى روشەن قىلغۇچى، ئىماننىڭ نۇرىنى ئالەمگە چاچقۇچى،كاپىر مۇناپىقلارنى ئۆلتۈرگۈچى، ئاجىز بىچارىلەرنىڭ دادىغا يېتىپ، ھالىغا رەھىم قىلغۇچى ئىدى.ئۇنىڭ ۋۇجۇد تەرىپلىرىنى تەرىپ- تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئەقلى زورلەرنىڭمۇ ئەقلى يەتمەيىتتى.ئۇنىڭ جامالى ۋە جاھان بىزىگۈچىلىرىنى تەرىپلەپ تەسۋىرلىسە، سەرگاردانلارمۇ ھەيران قالاتتى.

ھەزرىتى خۇداۋەندى تائالا ھەزرىتى سۇلتان ساتۇققا رۇستەمنىڭ قۇۋۋىتىنى، ئىمىر ھەمزىنىڭ جۈئىتىنى، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھىممىتىنى بەرگەن ئىدى.بۇ پادىشاھ كاپىر بىدئەتكارلارنى ئىمانغا مۇشەررىپ قىلىپ،ئىلاھ دەرگاھىغا كەلتۈردى.يولدىن ئازغان نادانلارنى گۇناھ ئازگىلىدىن چىقىرىپ، توغرا يولغا سالدى.

خۇدايىتئالانىڭ كامالەتلىك قۇدرىتى، چوڭقۇر ۋە كەڭ ھىممىتى بىلەن، بۇ ئۇلۇغ زاتنى ئانداق خەلق قىلىپ يارىتىپدۇركى، ھەزرىتى مۇھەممەت سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام يولنىڭ ئىشىك ئاچقۇچىنى بۇ ئالى جاناپنىڭ قولىغا تۇتقۇزغان ئىكەن. بۇ ھەزرەت سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ جىسمى شېرىپلىرى، ۋۇجۇتقا كەلمەستىن ئىلگىرىلا، ئۇنىڭ پاك روھى ئەرىشتە كۆرىسىتىلدى.

ھەزرىتى سەرۋەرى ئالەم مۇھەممەت سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەرزىتى جەبرائىل ئەلەيھىسالامدىن:

- بۇ قايسى پەيغەمبەرلەرنىڭ روھى ئىكەن، خۇدايىتائالا ئۇلۇغ دەرىجە بىلەن يارىتىپدۇر- دەپ سورىغاندا، ھەزرىتى جەبرائىل ئەلەيھىسالام:

- يا يەسۇلەللا، بۇ ھېچقايسى پەيغەمبەرنىڭ روھى ئەمەس، بۇ سىزنىڭ ئىممىتىڭىزنىڭ روھى بولۇپ، بۇ ئىممىتىڭىز سىز ئالەمدىن ئۆتۈپ،ئۈچيۈز ئوتتۇز ئۈچ يىلدىن كېيىن ۋۇجۇتقا كېلىپ،تۈركىستان ۋىلايىتنى ئىسلامغا مۇشەررىپ قىلىدۇ. سىزنىڭ شەرىئىتىڭىزنى خەلق ئىچىدە ئاشكارلايدۇ. ئۇنىڭ ئۇلۇغ نامى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازى، - دەپ جاۋاپ بەردى. يەنى رەسۇلى خۇدا ھەزرىتى مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم:

  - بۇرادىرىم جەبرائىل، بۇ ئىممىتىمنىڭ روھىنى خۇدايىتائالا ئەنبىيا روھلىرىنىڭ قاتارىدا يارىتىشتىكى سەۋەب نېمە ئىكەن؟- دەپ سورىدى. ھەزرىتى جەبرائىل ئەلەيھىسالام:

  - بۇ ئىممىتىڭىزنىڭ روھىنى پەيغەمبەرلەرنىڭ قاتارىدا خەلق قىلىپ يارىتىشتا ئىككى سەۋەب بار. بىرى، ھۆكىمىڭىزنى خەلققە يەتكۈزىدۇ. ئىككىنچىسى، بەزى غازىلار 2-3 كىشىنى مۇسۇلمان قىلالايدۇ. 2- 3 كىشىدىن زىيادە كىشىنى مۇسۇلمان قىلماي ئۆتىدۇ. ئەمما بۇ ئىممتىڭىز ناھايىتى كۆپ خەلقنى ئىسلام دىنىغا مۇشەررىپ قىلىپ، مۇسۇلمانچىلىق يولىغا باشلاپ، يولدىن ئازغان نادانلارنى توغرا يولغا سالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدايىتائالا بۇ ئىممىتىڭىزنىڭ روھىنى ئەنبىيانىڭ روھى قاتارىدا قىلدى،- دەپ جاۋاپ بەردى. ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆپ خوشال بولدى ۋە:

- تۈركىستان تەرەپ مۇسۇلمان بولماي ئىماننىڭ دۆلىتىدىن بېسىنىپ قالدى، ئىسلام تېخى يەتمىدى.تاڭلا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولار ئىكەن دەپ كۆڭلۈم دائىم كۆپ پەرىشان بولاتتى. ئەلھەمدۇلىللا، ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم- دەپ، ھەق سۇبھانەۋە تائالاغا شۈكۈر قىلدى. ئاندىن بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ پاك روھىنى تەربىيەت قىلىشقا مەشغۇل بولدى. ھەر كۈنى تەرك قىلماي بىر مەرتىۋە فاتىھە ئوقۇپ تۇردى. بىراق بۇ فاتىھەنى كىمنىڭ ھەققىدە ئوقۇۋاتقىنىنى  ھېچ قايسى ساھابىلەر بىلمەيىتتى. بىر كۈنى ماھاز جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سورىدى:

- يا رەسۇلەللا، ھەر كۈنى تەرك قىلماي بىر مەرتىبە سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشلىرىدىكى سەۋەب نېمە؟

ھەزرىتى رەسۇل ئەلەيھسسالام ئۇنىڭغا:

- ئەي مائاز، تۈركىستان تەرەپكە ئىسلام تېخى يەتمىدى، دەپ كۆڭلۈم بەكمۇ پەرىشان ئىدى. مىراج كېچىسى ئەرىشتە بىر روھ كۆردۈم. بۇرادىرىم جەبرائىلدىن، بۇ قايسى پەيغەمبەرنىڭ روھى، دەپ سورىسام،بۇرادىرىم جەبرائىل ماڭا،«يا رەسۇلەللا، بۇ ھېچقايسى پەيغەمبەرنىڭ روھى ئەمەس.تۈركىستان خەلقىنى مۇسۇلمان قىلىدىغان بىر ئىممىتىڭىزنىڭ روھى»،دەپ خەۋەر بەردى. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ ئىممىتىم ھەققىدە، تەرك قىلماي، كۈندە بىر مەرتىبە فاتىھە ئوقۇيمەن، - دېدى.

- مائاز جەبەل رەزىيەللاھۇئەنھە باشلىق ھەممە ساھابىلەرگە خۇش خەۋەر يەتتى.ساھابىلەر خوشال بولۇشۇپ، ھەزرىتى سۇلتان ساتۇقنىڭ روھىغا فاتىھە ئوقۇشتى. ئاندىن مائازجەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھە ئۆرە قوپۇپ:

- يا رەسۇلەللا، جانابىلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىكلىرى ھەق ۋە راستتۇر. دۇئالىرى قۇبۇل بولغاي، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى خۇدايىتائالا سىلە ئۈچۈن يارىتىپتۇر. بىر دۇئا قىلسىلا، بىز ئامىن دەيلى، بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ روھلىرى بۇ يەرگە كەلسە، كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ،ئۇنىڭ جامالى ۋە جاھاننى زىننەتلىگۈچى ھالەتلىرىگەمۇشەررەپ بولساق، تاكى بىزنىڭ كۆڭلىمىزمۇ تۈركىستان تەرەپتىن دىلجەم بولسا،- دېدى.

رەسۇلۇللا مائاز جەبەلنىڭ سۆزلىرىنى قۇبۇل قىلىپ دۇئاغا قول كۆتۈردى. بىر سائەتتىن كېيىن باشلىرىغا كىگىز قالپاق كىيگەن، تۇۋاقلىرى ئاق ،قارا قاشقا ئارغىماقلارغا مىنگەن، جەڭ قورال ياراق ئەسلىھەلىرى بىلەن قوراللانغان، قىرىق بىر نەپەر يىگىت بىر تەرەپتىن پىقىپ كېلىپ رەسۇلۇللاغا سالام قىلدى. رەسۇلۇللا:

- ئەي ساھابىلەر، تۈركىستان تەرەپنى مۇسۇلمان قىلىدىغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ روھى ئەنە شۇ،- دەپ كۆرسەتتى. جىمى ساھابىلەر ھەزرىتى سۇلتاننىڭ مۇبارەك روھلىرىنى كۆرۈپ:

- ئەلھەمدۇلىلا،بۇ جامائەتنىڭ قولىدىن ھەر ئىش كېلىدۇ،- دەپ خوشال بولدى ۋە مۇبارەكلىدى.ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھىسالام فاتىھە ئوقۇپ رۇخسەت بەردى. بۇ روھلار غايىب بولدى. رەسۇلۇللا شۇ يەردە:

بۇ قىرىق بىر نەپەر كىشىنى- سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازىنى خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى ئىمانغا مۇشەررىپ قىلىدۇ، ئۇ تۈركىستانغا ئىمان ۋە ئىسلام كەلتۈرىدۇ،- دېدى. شۇ زامان ساھابىلەر بۇنى:«رەسۇلۇللا ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئۈچ يۈز ئوتتۇز ئۈچ يىلدىن كېيىن تۈركىستان ۋىلايىتىدە سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئاتلىق بىر زات- شىرىپ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ،ئون ئىككى يېشىدا ئىمانغا مۇشەررىپ بولىدۇ ۋە يەنە چەندان خەلقنى مۇسۇلمان قىلىدۇ، غازى سۈپىتىگە داخىل بولىدۇ » دەپ تارىخقا پۈكۈپ قويدى.

ئاللا تائالانىڭ ئەمرى بىلەن نەچچە يىلدىن كېيىن خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى ۋۇجۇتقا كەلدى. ئىلمى زاھىرنى ئوقۇۋىتىپ،«ئەۋۋەلەمىن ئەسلەمە مىنەت تۈرك ساتۇق»دىگەن ھەدىسنى كۆردى ۋە ساتۇق دىگەن قانداق كىشى ئىكەن؟ دەپ غايىبانە ئاشىق بولدى.تارىخقا قارىسا ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق ۋۇجۇتقا كېلىشكە ئاز غىنە قاپتۇ، شۇئان ئۇنىڭ ئىشقى غالىپ كەلدى. ئاي ،يىللار ئۆتۈپ ئاخىرى رەسۇلۇللانىڭ رۇخسىتى بىلەن ھەزرىتى سۇلتان ساتۇقنى ئىزلەپ تۈركىستان شەھەرلىرى تەرەپكە راۋا بولدى.

ئەلقىسە، مەلۇم بولسۇنكى ، ھەزرىتى سۇلتان بۇ ئالەمگە ۋۇجۇدقا كېلىۋاتقاندا، ئاسماندىكى پەرىشتىلەردىن بىرى:

- بۇ ئۇلۇغ زات پاك ئالەمدىن كاساپەتلىك ئالەمگە- پانىي دۇنياغا كېتىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ھالى قانداق بولۇر ئىكەن؟- دەپ ئەپسۇسلاندى، يەنە بىر پەرىشتە:

- بۇ ئۇلۇغ زات خالىغاننى قىلار، - دەپ جاۋاپ بەردى.

بۇ ئۇلۇغ زات ۋۇجۇتقا كەلگەندە خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن يەر شۇنداق تەۋرىدىكى، يەردىن سۇ چىقتى. بۇلاقنىڭ سۈيى راۋانە بولدى. قىش كۈنى ئىدى.گۈللەر ئېچىلىپ زىمىن يېشىللىققا ئايلاندى. ھۆكۈما، مۇنەججىم ۋە ئەھلى- پاراسەتلىكلەر قۇرئى بېقىپ:

- بۇ ئوغۇل جاھانگىر  (جاھاننى بويسۇندۇرغۇچى) بولۇر، مۇھەممەتنىڭ دىنىغا كىرەر،- دەپ ئېيتىشتى.بۇنى ئاڭلىغان كاپىرلار ئۇنى ئۆلتۈرۈش قەستىگە چۈشتى. ئەمما ئانىسى:

- ئەي كاپىرلار، مېنىڭ بۇ بالام مۇھەممەتنىڭ دىنىغا كىرسە ئاندىن ئۆلتۈرۈڭلەر،- دەپ ئۆلتۈرگىلى قويمىدى.

ئەلقىسە، ھەزرىتى سۇلتان يەتتە ياشقا كىردى.ئاتىسى قازا بولۇپ كەتكەنلىكتىن ئانىسىنىڭ ئەمەكلىرىدىن ھارۇن بۇراخان ئۇنى پەرۋىش قىلىپ باقتى. ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق ئون ياشقا يەتتى. ئۇ ئون ئىككى ياشقا كىرگۈچە كاپىر سۈپىتىدە قىرىق كىشى بىلەن ھەمسۆھبەت بولدى. بىناگاھ ھەزرىتى سۇلتان بىر كۈنى بۇ قىرىق كىشى بىلەن شىكارغا چىقتى. شىكار قىلىپ يۈرەتتى، بىر تىكەننىڭ تۈۋىدىن بىر توشقان چىقىپ قېچىشقا باشلىدى، ھەزرىتى سۇلتان بۇ قىرىق كىشىدىن ئايرىلىپ، توشقاننى ئاتاي دەپ قوغلاپ كەتتى. ئۇ، توشقاننى ئەمدى ئاتاي دەپ تۇراتتى، بۇ توشقان توختاپ بىر مەردى كالان سۈپىتىگە كىردى.ئاندىن ئۇ كېلىڭ ئەي پەرزەنتىم،پېقىر سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزدا بولۇپ يۈرەتتىم. ئەلھەمدۇلىللا،سىزگە تەنھا مۇيەسسەر بولدۇم.ئاتتىن چۈشۈڭ، ماڭا قاراپ قەدەم ئېلىڭ ،بىر نەچچە ئېغىز سۆزۈم بار،ئېيتاي،- دېدى. ھەزرىتى سۇلتان رەزىيەللاھۇ ئەنھە بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ،بۇ  مەردى كاللاننىڭ ئالدىغا كېلىپ، يۈكۈنۈپ ئولتۇردى، بۇ مەردى كالان:

- ئەي پەرزەنت، نېمە ئۈچۈن سىز بۇ كۇپرى- بىدئەتنى  لازىم قىلىپ، بۇ ئىشنى ئىختىيار قىلىسىز؟ ئۆزىڭىزگە مەلۇمكى، سىزنى ياراتقان خۇدايىڭىز بار. شۇ خۇدانىڭ دوستى پەيغەمبەر يۈرگەن يولدا يۈرۈڭ،- دەپ پەند- نەسىھەت قىلدى. ھەزرىتى سۇلتان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بۇ قانداق كىشىدۇر،ماڭا نېمە سۆزلەرنى ئېيتىۋاتىدۇ، بۇ دىياردا مۇنداق سۆز يوق ئىدى» دەپ ئويلاپ ھەيران بولدى. ئاندىن:

- ئەي مەردى كالان، ماڭا نېمە سۆزلەرنى ئېيتىۋاتىسىز ؟ ئەرزىڭىز نېمە؟- دەپ سورىدى. مەردى كالان ئۇنىڭغا:

- ئەي پەرزەنتىم، سىزنىڭ بەختىڭىز مېنىڭ ئەرزىم،سىزنىڭ نازۇك بەدىنىڭىزنى ئاتەش دوزاختا قالمىسۇن دەيمەن،- دېدى.

ئۇ يەنە ھەزرىتى سۇلتانغا:

- ئەي پەرزەنت ، ئاتەش دوزاخ دىگىنىمىز شۇنداق جايكى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئوت، يىلان، چايانلار بار. ئۇ جاي سېسىقچىلىق ۋە قاراڭغۇلۇق. ئۇنىڭغا كاپىرلار، مۇناپىقلار ۋە يامان ئىش قىلغان گۇناھكار بەندىلەر سېلىنىدۇ، خىلمۇخىل ئازاب – ئوقۇبەتلەر بىلەن قېينىلىدۇ. شۇ دوزاختىكى ئوتنىڭ بىر ئۇچقۇنى بۇ دۇنياغا چۈشسە ھېچنەرسە قالماي كۈل بولىدۇ، - دەپ چۈشەندۈردى.

بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەزرىتى سۇلتاننىڭ كۆڭلىدە بىر قورقۇنچ – ۋەھىمە پەيدا بولدى.ئۇ:

-ئەي مەردى كالان، بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟- دەپ سورىدى،مەردى كالان ئۇنىڭغا:

- لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللا. ئەشھەدۇئەننە لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە  ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ دەڭ،- دېدى.

  - ھەزرىتى سۇلتان سورىدى:

- ئەي مەردى كالان، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟

مەردى كالان ئېيىتتى:

- بۇ سۆزنىڭ مەنىسى: «بىر ئاللادىن بۆلەك ئىبادەت قىلىشقا لايىق ھېچ نەرسە يوق، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئۇل ئاللانىڭ بىزگە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىدۇر. مەن راست دىلىم بىلەن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئاللانىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرىدۇر»دىگەندىن ئىبارەت.

قەشقەر خەلق نەشرىياتى

1988- يىلى 3 – ئاي 1 – نەشرى

نەشرگە تەييارلىغۇچى : ئابدۇرېھىم سابىت

( داۋامى بار )





چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2007-11-20 23:55 |
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1760
نادىر تىمىسى : 4
يازما سانى : 340
ئۈنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە340دانە
شۆھرىتى: 1375 نومۇر
پۇلى: 3145 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :305(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
بۇ چاغدا ھەزرىتى سۇلتان:
- ئەي مەردى كالان، بۇنداق دىيىشنىڭ پايدىسى نېمە؟ - دەپ سورىدى. مەردى كالان ئۇنىڭغا:
- ئەي پەرزەنت ، بۇ سۆزنى ئېيتقان كىشى مۇسۇلمان بولۇپ، بىھىشكە كىرىدۇ،- دەپ جاۋاپ  بەردى. ھەزرىتى سۇلتان:
- ئەي مەردى كالان، سۆزىڭىزنى قۇبۇل قىلدىم، لېكىن بۇنى مەن چوڭ بولغاندا ئېيتاي،- دېدى،- دېدى. بۇ چاغدا مەردى كالان ئۇنىڭغا:
  - ئەي پەرزەنت، چوڭ بولغاندا ئېيتىدىغان سۆزلەر تېخى كۆپ، ھازىر ئېيتىدىغان سۆز مۇشۇ،- دەپ نەسىھەت قىلدى.
ھەزرىتى سۇلتان:
- ئەي مەردى كالان، ماڭا كۈندە بىر قېتىم مۇلاقەت بولۇڭ،مەن تەلىم ئالاي،- دېدى. مەردى كالان ئۇنىڭغا:
- ئەي پەرزەنت، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە بولۇپ، تەلىم بېرىپ، تەربىيەت قىلىپ كامالەتكە يەتكۈزىدىغان كىشى تېز پۇرسەتتە يېتىپ كېلىدۇ، سىزنى شۇ كىشى مەقسىتىڭىزگە يەتكۈزىدۇ- دەپ ئېيتتى. ھەزرىتى سۇلتان:
- ئانداق بولسا مەن ئىماننى ئاشۇ كىشى ئارقىلىق ئېيتاي، - دېدى. ئەمما بۇ مەردى كالان ھەزرىتى سۇلتاننىڭ ئىختىيارىغا قويماي، ئۇنىڭغا ئاۋال كەلىمە تەييىبەنى ئېيتقۇزدى. بەزىلەر بۇنى ھەزرىتى سۇلتانغا ئۆگەتكەن خىزىر ئەلەيھسسىلام ئىدى.
ھەزرىتى خىزىر ئەلەيھسىلام، ھەزرىتى سۇلتانغا ئىمان كەلىمىلىرى بىلەن باشقا ئىلىملەرنى ئۆگىتىپ قويۇپ غايىپ بولدى. ھەزرىتى سۇلتان يېنىپ ئۆز ئوردىسىغا قايىتتى.ئۇ ، تا خوجا ئەبۇنەسىر سامانىغا مۇلاقەت بولغۇچە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاشكارە قىلمىدى.
كۈنلەردىن بىر كۈنى ھەزرىتى سۇلتان يەنە قىرىق كىشى بىلەن ئوۋغا چىقتى. شىكار قىلا- قىلا ئاتۇشتىكى «باقۇ» دىگەن يەرگە يېتىپ كەلدى. ئۇ يەردە بىر قانچە خۇش سۈرەت، ياخشى ئەخلاقلىق ئادەملەرنىڭ  بىر يەردە ئولتۇرۇشقانلىقىنى كۆردى. ھەزرىتى سولتان ھەمراھلىرى بىلەن بۇ كارۋاننى كۆرۈپ «بۇ شەھەردە بۇنداق ئادەملەر يوق ئىدى، بۇلار قانداق كىشىلەردۇ؟» دەپ ھەيران قىلدى. ئاندىن ئۇ ھەمراھلىرىغا:
-  يۈرۈڭلار، سوراپ باقايلى، بۇ كارۋان قەيەردىن كەلدىكىن؟ مۇبادا يىراقتىن بىزگە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگەن بولسا ئاڭلايلى، ھالىدىن خەۋەر ئالايلى،- دەپ كارۋانلار تەرەپكە راۋانە بولدى.
  خۇجا ئەبۇ نەسىر سامانىمۇ بۇ ئاتلىقلار تەرەپكە قارىدى، ئالدىدا كېلىۋاتقان كىشىنىڭ تارىختا كۆرگەن ھەزرىتى سولتان ساتۇق ئىكەنلىكىنى تونىدى.ئۇ:
  «ئەلھەمدۇلىللا، تەلىپىم مۇيەسسەر بولدى» دەپ خوشال بولۇپ دەرھال خىزمەتكارلىرىغا:
- بۇ دۇنيادا مەقسىتىم ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى. بەلكىم مېنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشىم شۇ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ زاتنىڭ سەۋەبىدىن بولىشى كېرەك. ئەي خىزمەتكارلار، يۈكنى ئېچىپ،كەلگەن بۇ پادىشاھقا  مۇناسىپ تۆھپە تېپىڭلار! دەپ ئەمىر قىلدى.خىزمەتكارلار يۈكنى ئېچىپ تۆھپە تېپىش بىلەن مەشغۇل بولدى. كارۋانلار ئارىسىدىن بىر كىشى بولسا نامازغا ئەرزان ئوقۇدى. يۈكنى ئوچۇق قويۇپ، ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ باشچىلىقىدا ھەممە كارۋان ئەھلى نامازغا تۇرۇشتى.نامازدىن كېيىن، ئۆز جايلىرىغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى. ھەزرىتى سۇلتان ئات ئۈستىدە تۇرۇپ:
- بۇ ئاجايىپ كارۋانلار ئىكەن. يۈكلىرىنى ئوچۇق قويۇپ، بىزگىمۇ پەرۋا قىلماي، باشلىرىنى يەرگە ئۇرۇشقا باشلىدى،- دەپ ھەيران بولدى. خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى كېلىپ، ھەزرىتى سۇلتانغا سالام قىلدى. ھەزرىتى سۇلتان ئاتتىن چۈشۈپ، خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى بىلەن كۆرۈشتى.خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى ئىززەت- ئىكرام بىلەن ھەزرىتى سۇلتاننى چۈشكەن يېرىگە ئېلىپ كەلدى، ۋە ئوبدان ماتادىن ئېلىپ كېلىپ، ئالدىغا قويدى. ئاندىن ھەزرىتى سۇلتانغا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى.ھەزرىتى سۇلتان بىجانىدىل قۇبۇل قىلدى.چۈنكى ھەزرىتى خىزىر ئەلەيھسىسالامنىڭ «بىر كىشى پەيدا بولىدۇ، ئۇ كىشى سىزنى ئىماننى مۇسۇلمانچىلىقنى ئۆگىتىدۇ» دىگەن سۆزى ھەزرىتى سۇلتاننىڭ يادىدا بار ئىدى.ئۇ «شۇ كىشىمىكىن ؟» دەپ، گۇمان قىلدى ۋە:
- ئېتىڭىز نېمە؟ -دەپ سورىدى، خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى،- دەپ جاۋاپ بەردى. ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان:«خىزىر ئېيتقان كىشى دەل شۇ ئىكەن» دەپ ئويلاپ، ئىنتايىن خوشال بولدى ۋە:
- ئەي بۇۋا، ھەر نېمە دېسىڭىز قۇبۇل قىلدىم. ئەمما بىز شۇنچە ئاتلىق تۇرساق، بىزنى ئېلىۋالارمىكىن دېمەي ماللىرىڭلارنى ئوچۇق قويۇپ، بېشىڭلارنى يەرگە ئۇردۇڭلار.بۇ قانداق ئىش؟- دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەبۇ نەسىر سامانى:
- ئەي شاھزادە، بۇ دۇنيا تۇرىدىغان دۇنيا ئەمەس، ھەممە كىشى قالماي كېتىدۇ. پۇل، مال، دۆلەت، ئىززەت دىگەن ئادەمگە ۋاپا قىلىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى پۇل سەۋەبىدىن كىشىلەر دوزاخقا گىرىپتار بولغۇسىدۇر. بىز ھەممىمىز بۇ دۇنيادىن ئاخىرەتكە سەپەر قىلىمىز. سەپەر قىلىدىغان ئادەمگە ئوزۇق، تالقان، جابدۇق لازىم بولىدۇ. بىز ئاخىرەت سودىسىدىنى قىلىپ، بېشىمىزنى يەرگە ئۇردۇق، ئاخىرەت جابدۇقىنى قىلدۇق،- دەپ جاۋاپ بەردى.
ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان:
- ئاخىرەت دىگەن نېمە؟- دەپ سورىدى. خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:
- ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن ئەبەدىي يوقالمايدىغان بىر ھاياتقا ئېرىشىدۇ. ئىنساننىڭ روھى ئەبەدىي يوقالمايدىغان بىر ھاياتقا ئېرىشىدۇ.ئىنساننىڭ روھى ئەبەدىي باقى بولىدۇ. ئاللا تائاللا بەلگىلىگەن مۇددەت يېتىپ كەلگەندە، ئىنساننىڭ روھى قايتا جىسمىغا كەلتۈرۈلۈپ ئىككىنچى قېتىم تىرىلىدۇ. بۇ چاغدا ئىنسان ياخشى- يامان قىلمىش ئىشلىرىنىڭ مۇكاپات – جازاسىنى كۆرىدۇ. ئاللا تائاللا قۇرئاندا:«مۆھمىنلەر شەك- شۆھبىسىز جەننەتتە بولىدۇ، كاپىرلار شەك – شۆھبىسىز دوزاختا بولىدۇ.» دىگەن. ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى ئومۇمىي ھاياتنىڭ دەسلەپكى بۆلىكى بولۇپ، ۋاقىتلىقتۇر، ئاخىرەت ھاياتى ئەبەدىيلىكتۇر. ئىنسان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسى بۇ ۋاقىتلىق ھاياتتا تولۇق يېتىشىپ بولالمايدۇ، ئىنسان بۇ ۋاقىتلىق ھاياتقا ئەمەل ئۇرۇقلىرىنى تېرىدۇ، ھەقىقىي نەتىجىسى ئاخىرەتنىڭ ئەبەدىي، دائىمى ھاياتىدا ئاشكارا بولىدۇ. يەنى ئاللا تائاللانىڭ بۇيرۇقىنى بىجانىدىل قىلغان نەھى(توسقان) ئىشلاردىن ئۆزىنى ساقلىغانلار خۇدانىڭ رەھمىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ، جەننەتكە كىرىدۇ. ئاللانىڭ بۇيرۇغىنى قىلماي، گەدەنكەشلىك قىلغانلار، نەھى ئىشلاردىن ئۆزىنى تارىتمىغانلار خۇدانىڭ قەھرىگە ئۇچراپ جەزمەن جەھەننەمگە سېلىنىدۇ، دېمەك ئۆلگەندىن كېيىنكى مانا شۇ ئەبەدىي ھايات- ئاخىرەت دەپ ئاتىلىدۇ.
ھەزرىتى سۇلتان سورىدى:
- جەننەت دىگەن نېمە؟ دوزاخ دىگەنچۇ؟
خوجا  ئەبۇ نەسىر سامانى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:
- جەننەت دىگەن شۇنداق جايكى، ئۇ يەردە ئىنسان كۆڭلى ھوزۇرلىنىدىغان ھەممە نەرسە بار، چىرايلىق ھۈر قىزلار، ھەرخىل شېرىن تاتلىق مېۋىلەر، تۈرلۈك- تۈرلۈك لەزىز تائاملار،ئالتۇن- كۈمۈش، جاۋاھىراتلاردىن زىننەتلەپ ياسالغان ھەيۋاتلىك ئالى بىنالار، باغۇ بوستانلار بار .ئۇ يەردە ئۆلۈش يوق، غەم قايغۇ يوق، ئۇ يەرگە كىرگەن كىشى مەڭگۈ ئىنتايىن باياشات ھايات كەچۈرىدۇ. قىسقىسى جەننەتتىكى بەخت سائادەت، ھۈر ھاياتنى تىل بىلەن تەرىپلەپ تاماملىغىلى بولمايدۇ. دوزاخ بولسا جەننەتنىڭ ئەكسىچە، گۇناھكار ئاسى بەندىلەرنى ئازاپلايدىغان، ئىچى ئوت، يىلان، چايان قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن لىق تولغان تولىمۇ دەھشەتلىك بىر ماكان. ئۇ يەردە رەھىم شەپقەت يوق. دوزاخقا كىرگەن كىشىلەرنى ئىشەك – قىچىردەك چايانلار، ئات- تۆگىدەك يىلانلار چاقىدۇ. ئوتلار كۆيدۈرىدۇ.ئاللاھنىڭ قەھرىدىن يارىتىلغان ئازاپ مەلا ئىگىلىرى بولسا، چۆيۈن كورزىلار بىلەن ئۇرۇپ قاتتىق ئازاپلايدۇ. ئىنسان ئازاپقا بەرداشلىق بېرەلمەي، نالە- زارە قىلىپ يىغلاپ خۇداغا يالۋۇرىدۇ، لېكىن بۇ يىغا نالە پايدا بەرمەيدۇ. يەنىلا ئازاپ قىلىنىۋىرىدۇ. بۇ يەردىمۇ ئۆلۈش يوق، دوزاختىكى دوزىخىلارغا قىلىنىدىغان ئازاپ ئوقۇبەتنى ئاددى تىل بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. ھاسىل كالام ھەر بىر بەندە ئاگاھ ۋە دانا بولسۇنكى، ئۆزىنى قەۋمى- قېرىنداشلىرىنى دوۋزاختىن ساقلىسۇن. خۇدا كۆرسەتكەن يولدا مېڭىپ جەننەتكە كىرىشنىڭ خۇدا رەھمىتىگە مۇيەسسەر بولۇشنىڭ ئامالىنى قىلسۇن. چۈنكى ئۆلگەندىن كېيىنكى پۇشايمان پايدا بەرمەيدۇ!....
  ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان تېخىمۇ قىزىقىپ سورىدى:
- زادى ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى نېمىلەردىن ئىبارەت؟
- ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى بەش نەرسىدىن ئىبارەت،- دېدى خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى، بىرىنچىسى ئىمان، يەنى ئاللا تائالانى يەككە- يىگانە – بىر بىلىش، بار بىلىش، مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنى ئاللانىڭ بەندىسى، بىزلەرگە ئەۋەتكەن ھەقىقىي پەيغەمبىرى دەپ بىلىش ۋە ئىشىنىش؛ ئىككىنىچىسى، بەش ۋاق ناماز ئۆز قائىدىسى بويىچە ۋاقتىدا ئادا قىلىش؛ ئۈچىنچىسى، زكاتنى ئۆلچەم- پىرىنسىپ بويىچە تولۇق بېرىش،تۆتىنىچىسى، يىلدا بىر ئاي(30 كۈن ) روزا تۇتۇش، بەشىنچىسى،  ئىمكانىيىتى يەتسە ھاياتىدا بىر قېتىم ھەج قىلىش.
  خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى يەنە ئىسلام دىنىغا دائىر زۆرۈر كۆپ نەرسىلەرنى بىر بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ،ھەزرىتى سۇلتانغا نەسىھەت قىلدى. ھەزرىتى سۇلتان بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، كۆڭلىدە بىر قورقۇنىچ پەيدا بولدى. شۇڭا ئۇ:
  - ئەي بۇۋا، مۇسۇلمان قىلىدىغان نېمىڭىزنى ماڭا ئۆگىتىڭ. مەن مۇسۇلمان بولاي،- دېدى. خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى: سۇلتانغا كەلىمە تەييىبە، كەلىمە تەمجىد ، كەلىمە شاھادەت، كەلىمە تەۋھىد، كەلىمە ئستىغفار، كەلىمە رەددىلكۇفرى ، ئىمانى مۇفەسسەل قاتارلىق ئىمان كەلىمىلىرىنى تەلىم بېرىپ مەنىسىنى چۈشەندۈردى.
  ھەزرىتى سۇلتان خوجا ئەبۇ نەسىر سامانىغا ئەگىشىپ شاھادەت ئېيتتى.ئاندىن ئۇ:
  - مۇھەممەت قانداق كىشى؟- دەپ سورىدى. خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى:
  - ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھسسالام خۇدانىڭ يېقىن دوستى. ئۇ زاتنى ئاللا تائالا  ئۆز نۇرى پاكلىرىدىن ياراتقان، ئۇ زاتنىڭ جىسمى ئىنسان بولسىمۇ، ئەسلى نۇر ھەممەت نەرسىنى ئاللا تائالا ئاشۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ تۈپەيلىدىن ياراتقان. قىيامەت كۈنى ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھسسالام گۇناھكار ئىممەتلىرىنى خۇدادىن تىلەپ دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇپ،بىھشكە ئېلىپ بارىدۇ. ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ دىنى ھەق ھەم راست، ھەممىدىن ئۇلۇغ دىندۇر، ئۆزگە دىنلار باتىلدۇر، ھەر كىشى ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھسسالام يۈرگەن يولدا يۈرسە مەقسىتىگە يېتىدۇ،- دەپ ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھسسالام يۈرگەن يولدا يۈرسە مەقسىتىگە يېتىدۇ – دەپ ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ تەرىپىنى قىلىپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەزرىتى سۇلتان خوجا ئەبۇ نەسىر سامانىدىن:
  - يولدىن ئازغانلارغا رەھنەما بولىدىغان يەنە نېمە بولسا ئېيتىڭ، خۇدايىتائالاغا بەندىچىلىك قىلاي،- دەپ ئۆتۈندى.
( داۋامى بار )

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-21 22:43 |
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1760
نادىر تىمىسى : 4
يازما سانى : 340
ئۈنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە340دانە
شۆھرىتى: 1375 نومۇر
پۇلى: 3145 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :305(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى ھەزرىتى سۇلتانغا شۇ يەردە يەنە مۇجىمەل دۇئايى قۇنۇت ھەمدۇ سانا ئەتتەھىييەتۇ ئىككى دۇرۇد دۇئانى ، قۇرئان كەرىمدىن فاتىھە ، ئىخلاس قاتارلىق سۈرىلەرنى ئۈگەتتى . ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق ئۆزىگە ئەگىشىپ بىللە كەلگەن قىرىق نەپەر كىشىنى بىر – بىرلەپ چاقىرىپ كېلىپ :
- ئەي يارەنلىرىم، ئەگەر ماڭا دوست – ئاشنا بولساڭلار ماڭ ئوخشاش ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇڭلار. ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ دىنى ھەممە دىنلاردىن ئۇلۇغ تولىمۇ كاتتا دىن ئىكەن. شۇ پەزىلەتلىك دىنغا مۇشەررىپ بولۇڭلار،- دەپ نەسىھەت قىلدى. بۇ قىرىق نەپەر كىشىنىڭ بەزىسى ئۆز ئىختىيارىچە مۇسۇلمان بولدى. بەزىسى ھەزرىتى سۇلتاندىن قورقۇپ مۇسۇلمان بولدى، ئۇلار تا ناماز دىگەرگىچە ئىسلام دىنىغا دائىر تەلىماتنى ئۆگەندى.
خوجا ئەبۇ نەسىر ئۇلارغا:
-يېنىڭلار، ئەگەر يانمىساڭلار سىلەرنى كىشى ئىزلەپ كېلىشى مۇمكىن. سىلەرنى بۇ جايدىن تاپسا ھەممىمىزنىڭ بېشى ئۆلۈمگە كېتەر. بۇ كاپىرلار تۈرلۈك- تۈرلۈك ئازاپلارنى قىلىپ، بىزگە ئامان بەرمەسلىكى مۇمكىن. ناۋادا مېنىڭ قېشىمغا كېلىشنى خالىساڭلار كېچىسى پىنھان كېلىڭلار. كاپىرلار تۇيمىسۇن. قۇرئاننى ۋە ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىپ قوياي،- دەپ ئۇلارنى ياندۇردى. ناماز دىگەردىن كېيىنكى ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق باشلىق بۇ قىرىق بىر نەپەر كىشى ھەزرىتى غوجا ئەبۇ نەسىر سامانىدىن رۇخسەت ئېلىپ ئۆيلىرىگە ياندى.
شۇ كېچىسى تۈن يېرىم بولغانداھەزرىتى سۇلتان ئورنىدىن قوپۇپ،خوجا ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ قېشىغا كەلدى. باش توخۇ چىللىغىچە خوجا ئەبۇ نەسىر سامانىدىن قۇرئاننى ئۆگەننى. ئاندىن ئۆيگە قايىتتى. تاڭلا كېچىسى يەنە تۈن يېرىمىدا بېرىپ بېرىپ، باش توخۇ چىللىغىچە قۇرئان ئۆگەندى، ئالا ھەزەل بۇ ئىش يەتتە كۈنگىچە شۇنداق داۋام قىلدى. سەككىزىنچى كېچىسى تۈن يېرىمىدا بۇ قىرىق نەپەر كىشى خۇدايىتائالانىڭ ئىناۋىتى بىلەن كالامۇلانى تامام قىلىپ، ئاللا تائاللاغا ئىبادەت قىلىشقا مەشغۇل بولدى. ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان قۇرئاننى ياد ئالدى ۋە خان مەرتىۋىسىگە ئىگە بولدى. ئالتە ئايغىچە ھەزرىتى سۇلتان شۇ تەرىقىدە ئۆتتى.
ئەلقىسە، ھارۇن بۇغراخان كاپىرلىقتا تاشتىن قاتتىق ئىدى. لەشكىرىمۇ تولا ئىدى. ئۇلار پەم- پاراسەت بىلەن ھەزرىتى سۇلتاننىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى گۇمان قىلىشقان بولسىمۇ، ئەمما تېخىمۇ ئاشكارا بولسۇن، دەپ ھېچقانداق كىشىگە ئېيىتمىغان ئىدى. بىر كۈنى ھارۇن بۇغراخان چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۇنىڭغا بىر شىر پەنجە ئۇردى. ئۇ قورقۇپ ئويغىنىپ كەتتى. بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ھەزرىتى سۇلتاننىڭ ئانىسىدىن سورىدى. ھەزرىتى سۇلتاننىڭ ئانىسى:
- بۇنداق چۈشنى شەيتاننىڭ دەيدىكەن،- دەپ جاۋاپ بەردى. ھارۇن بۇغراخاننىڭ كۆڭلى تازا خاتىرجەم بولالمىدى. ئۇ:
  - ئەي خوتۇن، ئۆتكەندە بالاڭنى ئۆلتۈرۈشكە يول قويمىدىڭ. ئۇ بىزنىڭ دىنىمىزنى ۋەيران قىلىپ، ھەممىمىزنى ئۆلتۈرۈشنى قەسلەۋاتىدۇ.چۈشۈمدە كۆرگەن شىر سېنىڭ بالاڭ. ئاخىر ئۇ مېنى ئۆلتۈرىدۇ. مەن ئىلاج قىلىپ، ئۇ مېنى ئۆلتۈرۈشتىن بۇرۇن، ئاۋال مەن ئۇ بالاڭنى ئۆلتۈرۈپ،ئۆزۈمنى خالاس قىلمىسام بولماس،- دېدى، ئاندىن يەنە،- ئەي خوتۇن، بىلگىنكى، سەن قاچان مېنىڭ بالام چوڭ بولۇپ سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى ۋەيران قىلىپ مۇھەممەتنىڭ دىنىغا كىرسە، ئاندىن ئىختىيار سىلەردە بولسۇن دەپ ئۆزۈڭ ئېيتقان ئىدىڭ. بىز بالاڭنى «دىنىمىزنى ۋەيران قىلماستىن بۇرۇن ئۆلتۈرەيلى» دەپ نەسىھەت قىلىشتۇق – دېدى. ئاندىن كېيىن:
- ئەي بەگلەر، ئەي ئۆمىرالار، بىزگە دۈشمەن پەيدا بولۇپتۇ. ئاۋۋال دۈشمەننى ئارىدىن يوق قىلايلى، ئەگەر يوق قىلمىساق ئاخىر ھەممىمىزنى شۇ دۈشمەن ھالاك قىلىدۇ،- دېدى. بەگلەر:
- ئەي پادىشاھىم، جېنىمىزغا كەلگەن دۈشمەننى نېمە ئۈچۈن يوق قىلمايمىز- دەپ، بۇ كاپىرلار ھەزرىتى سۇلتاننى ئۆلتۈرۈشكە قەست قىلىشتى.ھەزرىتى سۇلتاننىڭ ئانىسى:
-  ئەي كاپىرلار،نەچچەن يىلدىن بېرى مۇشەققەت بىلەن ئاران چوڭ قىلغان بالامنى نېمە ئۈچۈن بىگۇناھ ئۆلتۈرۈسىلەر!؟ - دەپ ئارىغا چۈشتى. ھارۇن بۇغراخاننىڭ ئاچچىقى كېلىپ:
- ئەي خوتۇن، بىزنىڭ دىنىمىزدىن يېنىپ، مۇھەممەتنىڭ دىنىغا كىرگەندىنمۇ يامان گۇناھ بارمۇ؟- دېدى.ھەزرىتى سۇلتانغا ئانىسىنىڭ مېھرى چوڭقۇر بولغاچقا، ئۇ:
- ئەي كاپىرلار، بالامدىن ئىمتىھان ئېلىپ بېقىڭلار، ئەگەر ھەقىقەتەن مۇھەممەتنىڭ دىنىغا كىرگەن بولسا،ئاندىن ئۆلتۈرۈڭلار،- دېدى.ھارۇن بۇغراخانغا بۇ سۆز ياقتى. ھەزرىتى سۇلتاننىڭ ئۆز ئاتىلىرىدىن قالغان بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئادەم:
- شۇنداق ئاۋال سىناپ بېقىش كېرەك،- دەپ ھەزرىتى سۇلتاننىڭ ئانىسىنىڭ سۆزىنى قۇۋەتلىدى.ھارۇن بۇغراخان بەگلىرى بىلەن كېڭەش قىلىپ،بىر بۇتخانا سالماقچى بولدى، خىشلىرىنى تەييار قىلىپ ھەزرىتى سۇلتان غازىغا كىشى ئەۋەتتى. ئۇنى چاقىرتىپ كېلىپ:
- سىزنى بىزنىڭ دىنىمىزدىن يېنىپ، مۇھەممەتنىڭ دىنىغا كىردىمىكىن دەپ گۇمان قىلىۋاتىمىز، - دېدى . ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بولسا كاپىرلارنىڭ رەسىم- ئادىتى بويىچە ئاند ئىچتى، بىراق ھارۇن بۇغراخان ئىشەنمىدى.ئۇ :
- ئەي پەرزەنت، ئانت ئىچكىنىڭىزگە ئىشەنمەيمەن، بىز بىر بۇتخانا ياسىماقچىمىز، شۇ بۇتخانىنىڭ ئۇلىنى سىز قويىسىز، ئاندىن سىزگە ئىشىنىمىز، بولمىسا،ئىشەنمەيمىز- دېدى. ھەزرىتى سۇلتان «قانداق قىلسام بولارئىكىن» دەپ ئەندىشە ئىچىدە قالدى. ئاخىر ناھايىتى پەرىشان بولغان ھالدا قۇبۇل قىلىپ كەچتە ھەراھلىرى بىلەن ئۆيلىرىگە ياندى، تۈن يېرىمىدا ئۇ، ئۇستازى خوجا ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ قېشىغا كېلىپ سورىدى:
- ئەي بۇزرۇكۋارىم، ھارۇن مېنىڭ مۇسۇلمان بولغان بولمىغانلىقىمنى ئىمتىھان ئارقىلىق بىلمەكچى بولدى. كاپىرلار بىر بۇتخانا ياسارمىش. ئۇ بۇتخانىنىڭ ئۇلىنى سىز ئېتىڭ دەۋاتىدۇ. قۇبۇل قىلاي دېسەم كۇپرىغا داخىل بولارمەنمىكىن دەپ قورقىمەن. بۇنىڭ چارىسى نېمە؟
خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى ئۇنىڭغا:
- ئەي پەرزەنىت، دىننى ۋە ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بەزىدە زالىملار تەرىپىدىن زورلانغان ئىشلارنى قىلىشقا بولىدۇ.ئەگەر تامغا ئۇل قويۇشتا، سىز «مەسچىت» دەپ نىيەت قىلسىڭىز بولىۋىرىدۇ، بەلكى خۇدايىتائاللانىڭ ئالدىدا ساۋاپ تاپىسىز.لەنىتى كاپىرلاردىن خالاس بولىسىز. تولا پەرىشان بولماڭ،- دېدى ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خوشال بولۇپ، ئۆيىگە قايىتتى. ئەتىسى تاڭ ئېىتپ ئاپتاپ چىققاندا، ھارۇن بۇغراخان جىمى لەشكەرلىرى بىلەن بۇتخانا سالىدىغان يەرگە يېتىپ كەلدى.ئاندىن ھەزرىتى سولتاننى چاقىرتىپ كېلىپ:
  - ئەي پەرزەنت، بىز بۈگۈن بۇتخانا تەييار قىلىپ، ئۇنىڭغا باش ئۇرىمىز. ئەگەر راستىنلار بىزنىڭ دىنىمىزدا بولسىڭىز بىز باش ئۇرغان بۇتقا باش ئۇرۇڭ.بۇتخاننىڭ تېمىغا سىز ئاۋال ئۇل قويۇپ بېرىڭ. ئاندىن بىزنىڭ كۆڭلىمىز خاتىرجەم بولىدۇ،- دېدى. ھەزرىتى سۇلتان «خۇش»دەپ ئۆز رىغبەتلىرى بىلەن پەشلىرىنى قىستۇرۇپ،يارەنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئككى خىشنى كۆتۈرۈپ ، بۇتخانا سالىدىغان يەرگە ئېلىپ باردى. تۆتىنىچى نۆۋەت خىشنى ئېلىپ باراي دەپ تۇرغاندا، ھارۇن بۇغراخان چاقىرىپ:
  - ئەي پەرزەنىت، ئەمدى توختاڭ. سىزنى بۇنىڭدىن زىيادە تۇپراققا بۇلغاشقا تاقىتىم يوق، بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، سىزنى سىنىماقچى ئىدىم.ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم، نېمە قىلىشنى خالىسىڭىز شۇنى قىلىڭ!- دېدى دە، ھەممە لەشكەرلىرى بىلەن يېنىپ كەتتى.
  ئەلقىسە، ھەزرىتى سۇلتان شۇ كۈنى قەدىرلىك پىر ئۇستازى خوجا ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ قېشىغا بېرىپ:
  - ئەي بۇزۇرۇكۋار، سىز ئېيتقاندەك قىلىپ، كاپىرلارنڭ قولىدىن خالاس بولدۇم،- دەپ ئەھۋالىنى بايان قىلدى، ئاندىن ئۇ يەنە:
  - ئەي بۇزرۇكۋارىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە كاپىرلار بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزنى بىلىپ قالسا ھەممىمىزنى ئۆلتۈرىدۇ، بۇنىڭ مەسلىھەتىنى قىلايلى،- دېدى.
خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى ئۇنىڭغا:
-    پادىشاھ  ئۆزىڭىز ئوبدان بىلىسىز،- دېدى.
ھەزرىتى سۇلتان:
-ئەگەر مەسلىھەتنى ماڭ قويسىلا، تاشقىرى چىقىپ كاپىرلارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتىمەن. خۇدايىتائاللا زەپەربەرگەي،- دېدى. خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى خوشال بولۇپ:
- ئەگەر ھىممەت قىلسىڭىز بۇ دىگىنىڭىز ياخشى....- دەپ قوللىدى ۋە:- بىراق لەشكەرلىرىمىز ئاز دەپ ئىككىلىنىشتە بولدى. ھەزرىتى سۇلتان:
- «ئاللاھ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇ ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.»  ئاللا تائاللاغا تەۋەككۇل قىلدىم. ئاللادىن ئۆزگىچە ئۈمۈد تۇتمايمەن. مەيلى لەشكەر ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن جەڭ قىلىمەن،- دەپ جەڭ قىلماققا تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋەھالەنكى، شۇ ۋاقىتتا بەزى مۇسۇلمانلار كاپىرلاردىن قورقۇپ يوشۇرۇن ھالدا تائەت- ئىبادەت قىلاتتى. خوجا ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا يۈزچە مۇسۇلمان جەم بولۇپ ئاشكارە تائەت- ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغان ئىدى.
بۇ كېچە ئۆتتى. تاڭلا كېچىسى ھەزرىتى سۇلتان قىرىق نەپەر كىشى بىلەن پىر ئۇستاز خوجا ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ قېشىغا كېلىپ:
- ئەي بۇزرۇكۋارىم، قوپسىلا، بۇ تەخىر قىلىپ تۇرىدىغان ۋاقىت ئەمەس، ئۆز ئىشىمىزغا پۇختا بولايلى. پىلانلىغان ئىشلىرىمىزنى قىلىپ، بۈگۈن تاڭ ئاتقۇچە ئۆزىمىزنى بىر يەرگەئالايلى دېدى.- دېدى.
ئەلقىسە ھەزرىتى سۇلتان، خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى ۋە جىمى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە ئورنىدىن دەس تۇرۇپ يولغا راۋانە بولدى.ھارۇن بۇغراخاننىڭ ئوردىسىغا يەتتى، خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى قول كۆتۈرۈپ:
- ئى بارا خۇدايا، ئۆز پەزلى ئىھسانىڭ بىلەن بۇ كاپىرلارغا قاتتىق ئۇيقۇ بەرسەڭ،- دەپ دۇئا قىلدى. بۇ ئەزىزنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، كاپىرلارغا شۇنداق ئۇيقۇ بەردىكى بېلىدىن تۇتۇپ سۆرىسىمۇ تۇيمايىتتى.
ئىسلام لەشكەرلىرى كاپىرلارنىڭ ئوردىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇ يەردىكى تۆت يۈز ئاتنىڭ ھەممىسىنى ئالدى. جەڭ سالاھىنىمۇ ئېشىپ قالغۇچە ئالدى. بىر ئايلىق ئوزۇق تالقاننى غەملىۋىلىپ، بەزى كاپىرلارنى ئۆلتۈرۈپ ياندى. بىراق بۇ ئىشنى كاپىرلارنىڭ ھېچ قايسىسى تۇيمىدى. مۇسۇلمانلار تاڭ ئاتقۇچە يول يۈرۈپ تۆگە غارىغا چۈشتى. ئەتىسى بۇ ھالدىن خەۋەر تاپقان ھارۇن بۇغراخاننىڭ بېشىنى غەم دەرياسى باستى. ئۇ قىرىق مىڭ لەشكەر بىلەن قوغلاپ كېلىپ، تۆگە تاغنى قامال قىلدى.ئىسلام لەشكەرلىرىنىڭ باھادىرلىرى بولسا، جەڭ سالاھىنى كىيىپ،تاغ تۈۋىگە بېرىپ مەيدانغا چۈشۈپ ئۇرۇشقا تەييار بولدى. ئۇ كۈنى ناماز پېشىنگىچە جەڭ بولدى. بۇ جەڭ شۇنداق قاتتىق بولدىكى، كاپىرلاردىن بەش مىڭ كىشى دوزاخقا ئۇزىتىلدى. مۇسۇلمانلاردىن بولسا ئىككى كىشى شاھادەت دەرىجىسىنى تاپتى.ئەتىسى ئىسلام لەشكەرلىرىنىڭ سېپىگە ئالتە مىڭ كىشى قوشۇلدى. يەنە ئەتىسى ئىلگىرىدىن يۈز ھەسسە زىيادە بولدى. يەتتە كېچەكۈندۈز جەڭ بولدى.كاپىرلار زەربە يەپ، مۇسۇلمانلار زەپەر تاپتى. ئىسلام لەشكەرلىرى كۈندىن كۈنگە ئاۋۇپ ئون ئىككى مىڭغا يەتتى.
كۈنلەر ئۆتتى ئوزۇق تالقان تۈگىدى، ئاتلار ئورۇقلىدى، بىر كۈنى مۇسۇلمانلار جەم بولۇپ، خوجا ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ قېشىغا بېرىپ:
- ئەي بۇزۇرۇكۋار، بىز قاچانغىچە بۇ يەردە تۇرىمىز، سىلىنىڭ مەسلىھەتلىرى نېمىكىن؟ دەپ سورىدى. خوجا ئەبۇ نەسرى سامانى ئۇلارغا:
- ئەي يارانلار، ئۆزۈڭلار بىلىڭلار! دەپ جاۋاپ بەردى.
ئەلقىسە، ھەزرىتى سۇلتان:
-    ئەمىسە خۇداغا تەۋەككۈل قىلىپ كېچىدە ھۇجۇم قىلايلى. ئاللا تائاللادىن نېمە كەلسە شۇنى كۆرەيلى،- دېدى. بۇ سۆز خوجا ئەبۇ نەسىر سامانىغا ياقتى. مۇسۇلمانلاردىن ئون ئىككى مىڭ كىشى جەڭ سالاھىنى كەيدى. باش توخۇ چىللىغاندا ئاتلىنىپ ھۇجۇم قىلىپ، كاپىرلارنىڭ قېشىغا كەلدى. ھەزرىتى خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى. خۇدايىتائاللا  بۇ لەنىتى كاپىرلارغا قولنى كېسىپ تاشلىسىمۇ تۇيمىغۇدەك قاتتىق ئۇيقۇ بەردى.
  سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئاتتىن چۈشۈپ، شەمشىرىنى يالىڭاچلاپ، ئوردىغا كىردى. ھارۇنخان قاتتىق ئۇخلاۋاتاتتى. بىر خىزمەتكار بېشىدا چىراغ ياندۇرۇپ ئولتۇراتتى. ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق« ھارۇننىڭ بېشىنى كېسەي »دەپ، يالاڭاچلانغان شەمشىرىنى تەڭلىدى- يۇ، ئەمما:«دۈشمەننى ئۇخلاۋاتقاندا ئۆلتۈرۈش مەرتلىك ئەمەس، ياخشىشى بۇ كاپىرنى ئىمانغا دەۋەت قىلاي، ئىھتىمالكى مۇسۇلمان بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئەگەر ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلمىسا ئاندىن ئۆلتۈرەي، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قانچە كاپىر بولسىمۇ، مەندە ھەققى بار، تۇزىنى يېدىم» دەپ ئويلاپ شەمشەرنىڭ ئۇچىنى پۇتىغا سانجىدى. ھارۇن بۇغراخان چۆچۈپ ئويغىنىپ بىتاقەت بولدى.
  قارىسا سۇلتان شەمشىرىنى يالىڭاچلاپ تۇرۇپتۇ.
      بۇ كاپىر دېدىكى:
  - ئەي سۇلتان، سەندە شۇنچە دۆلەت تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىسەن؟
ھەزرىتى سۇلتان ئۇنىڭغا:
- ھەي كاپىر، ئىشنىڭ ئوبدىنى شۇكى، مەن قىلغان ئىشنى قىلغىن، ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ، لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللا يەنى، بىر ئاللادىن باشقا خۇدا يوق، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئۇل ئاللاھنىڭ بىزگە ئەۋەتكەن ھەقىقىي ئەلچىسىدۇر دەپ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغىن،- دېدى. ھەر چەندە زور سىياسەت قىلىپ قورقىتسىمۇ ئۇ بەدبەخت كاپىر ئۇنىمىدى.
ھەزرىتى سۇلتان نەچچە قېتىم شەمشىرىنى تەڭلەپ، يەنە «ھەر نېمە بولسا، مەندە ھەققى بار» دەپ قايتۇرۋالدى. ئاخىر بارلىق مۇشكۈل ئىشلارنى ھەل قىلغۇچى ئاللاھ دەرگاھىغا  مۇناجەت قىلىپ:
- ئى بارا خۇدايا، سەن ھەممىنى بىلىسەن، بارچىنى كۆرۈپ تۇرىسەن، بېشىنى كېسەي دەپ نەچچە مەرتىبە شەمشەر تەڭلىدىم، يەنىلا تۇز ھەققىنى ساقلىدىم. قەھرىڭ بىلەن بۇ كاپىرنى يەرگە يۇتتۇرسەڭ،- دېدى.
- سۇلتاننىڭ دۇئالىرى ئىجاۋەت بولدى، يەر تىترەپ تەۋرەپ ھارۇننى سىنەسغىچە يۇتتى. ھەزرىتى سۇلتان ئۇنىڭغا:
- ئەي كاپىر، كۆردۈڭمۇ، ھازىر ئىمان ئېيتساڭمۇ بولىدۇ. مەن ساڭا دۇئا قىلاي، خۇدايىتائاللا سېنى بۇ بالادىن خالاس قىلسۇن،- دەپ نەسىھەت قىلدى.بىراق ھارۇن ئۇنمىدى.ئۇ:
- ئەي سۇلتان ساتۇق، سېنىڭ دىنىڭغا كىرگىنىنمدىن يەرگە كىرگىنىم تۈزۈك،- دېدى. ھەزرىتى سۇلتان غەزەپكە كېلىپ دۇئاغا قول كۆتۈردى. يەر يېرىلىپ ھارۇننى يۇتتى. شۇ زامان سۇبھى يورىدى، ئالەم نۇرلاندى.
ئەلقىسە، ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ دەۋرى كەلدى. ئۇ:
- بەش ۋاخ نامازغا ئەزان ئوقۇڭلار،- دەپ ئەمىر قىلدى. كاپىرلار مۇسۇلمانلارنىڭ غالىپ كەلگەنلىكىنى بىلسىمۇ، يەنىلا جاھىللىق بىلەن مەيدانغا كېلىپ، ناماز پېشىنگىچە جەڭ قىلدى. بەزىلەر ئوشۇقىغىچە قان كېچىپ جەڭ قىلدۇق دېيىشتى. راست سۆز شۇكى مەيداننىڭ ھەممە يېرى قانغا بويالغانىدى. شۇ كۈنى خۇدايىتائاللانىڭ ئىنايىتى، مىھرىبانلىق بىلەن قىلغان ياردىمى ۋە ھەزرىتى مۇھەممەت رەسۇلۇللانىڭ مەدىتى بىلەن ئۈچ مىڭ كىشى مۇسۇلمان بولۇپ ئىمان ئېيتتى.غازىلار زەپەر تاپتى، كاپىرلار مەغلۇپ بولدى.
شۇ كۈنى ھەزرىتى سۇلتاننىڭ نەچچىلىگەن كارامەتلىرى زاھىر بولدى،ئۇنىڭ شەمشىرى كۆرۈنۈشتە خەلقنىڭ شەمشىرى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما ھەر قېىتم كاپىرلارغا سالغاندا قىرىق گەز ئۇزرايىتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەزرىتى سۇلتانىنىڭ مېنگەن ئېتىنىڭ ئاغزىدىن ئوت ئېتىلىپ چىقىپ كاپىرلاغا تۇتىشىپ ئۇلارنى كۆيدۈرەتتى. كاپىرلار قورقۇپ جامائە-جامائە، سەپ-سەپ بولۇپ كېلىپ ئىمان كەلتۈردى.
شۇ كۈنى بۇ ئۇلۇغ زات غازىلىق نام ئالدى. بەزىلەر:« ھەزرىتى سۇلتان غازى بولغاندا، ئون ئىككى يېرىم ياشتا ئىدى»  دېسە، يەنە بەزىلەر «ئون ئالتە ياشتا ئىدى.» دەيدۇ. راست گەپ شۇكى ئون ئالتە ياشتا ئىدى.
ئەي دەرۋىشلەر، ئاگاھ ۋە دانا بولۇڭلاركى، خۇش دۆلەت ۋە خۇش سائادەت ئىگىسى بولغان ھەزرىتى سولتانغا كىچىكلىكىدىلا بۇنداق دۆلەت مۇشەررىپ بولدى. غازىلىق ئاتاق ئېلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ خۇش پۇراق ھىدىنى ئاشكارە قىلدى.
مەلۇم بولسۇنكى، ھەزرىتى سۇلتان 12 يېشىدا غازتقا مەشغۇل بولغان ئىدى. ئۇ ياز كۈنىلىرى كاپىرلار بىلەن غازات قىلسا، قىش كۈنلىرى تائات – ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولاتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ 96 ياشقا يەتكۈچىلىك ئۇ تەرىپى بەلىخنىڭ ئالدىدىكى ئۈمىد دەرياسىغىچە، بۇ تەرىپىدىكى كۈن چىقىشتىكى كۆك مەنزىلگىچە، شىمال تەرىپى قارا قۇرۇم دىگەن يەرگىچە، شەمشەر بىلەن كاپىرلارنى مۇسۇلمان قىلىپ ھەزرىتى مۇھەممەدۇر رەسۇلۇللانىڭ شەرىئەتلىرىنى ئىمام ئەزەمنىڭ مەزھەپلىرىنى، ئىبراھىم خەلىللىللانىڭ مىللەتلىرىنى بەر قارار قىلىپ شەرئىگە راۋاج بەردى.
ئەلقىسە، بىركۈنى ھەزرىتى سۇلتان ئىختىيار قىلىپ شىكارغا چىقتى. يارانلىرى بىلەن ئاتلىنىپ، سەھرا تەرەپكە راۋانە بولدى. ئۇنىڭ ئالدىدىن بىر  كېيىك سەكرەپ چىقتى.ھەزرىتى سۇلتان كىيىكنى قوغلاپ20-30 كېلومېىتىر يەرگە بارغاندا يېتىشۋالدى ۋە ئۇنى ئۆلتۈردى. كاۋاپ ئېتىپ يىمەكچى بولۇپ ئوت قالاپ تۇراتتى، ھەزرىتى سۇلتاننىڭ يارەنلىرى يېتىپ كەلدى.تۇز يوق ئىدى، غايىپتىن بىر پارچە تۇز چۈشتى. كاۋاپنى تۇزلاپ يېدى. ئېشىپ قالغان تۇزنى ھەزرىتى سۇلتان تاغقا تاشلىدى.تاغنىڭ ھەممىسى تا قىيامەت كۈنىگىچە تۈگىمەيدىغان تۇز بولدى. ھەزرىتى سۇلتان بۇ يەردە يەنە نەچچىلىگەن كارامەتلەرنى زاھىر قىلدى.
مەلۇم بولسۇنكى، ھەزرىتى سۇلتان خاتەمۇل ئەنبىيا، تاجىئول ئەسپىيا يەنى ھەزرىتى مۇھەممەت مۇستافا سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالەمدىن تەربىيەت ئېلىپ ئاخىر ئۇۋەيس يەنى ئەۋلىيالار كاتتىلىرىدىن بولۇپ يېتىلدى.
بىر يىلى ھەزرىتى سۇلتان كۇلى تەرەپكە قاراپ غازاتقا ئاتلاندى. ئۇ خۇدايىتائالانىڭ  ئىنايىتى بىلەن تۇرپانغىچە بېرىپ، ئۇ يەرنى مۇسۇلمان قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كېسەل بولۇپ قېلىپ،كۇلى تەرەپكە يول چىقمىدى. كۈنلەردىن بىر كۈنى ھەزرىتى سۇلتانغا«قەشقەرگە يانغىن » دىگەن بىشارەت بولدى. ھەزرىتى سۇلتان نەچچە كۈن يول يۈرۈپ، قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، بىر يىل زەئىپلىكتە ياتتى، ئاخىر جىمى يارانلىرىنى چىللاپ:
- ئەي يارەنلەر ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ روھىم ئەرشتىن بۇ ئالەمگە كېلىشتە، ھەر بىر ئاسمانغا ئېلىپ كېلىنگەندە پەرىشتىلەر:«شۇنداق پاكىز روھ يۈز مىڭ ئەيىپكە گىرىپتار بولغان بۇ كاساپەت دۇنياغا كېتپ بارامدۇ» دەپ ئەپسۇسلانغان ئىكەن. ئەلھەمدۇلىللا، پەرىشتىلەرنىڭ دېگىنىدەكمۇ بولمىدىم، ھېچبىر كاساپەتچىلىككىمۇ مۇپتىلا بولمىدىم،- دېدى. بۇ يەردە بىر ئۇۋەيس كىشى بار ئىدى . ئۇ :  - بۇ دۇنيادا گۇناھ قىلمايدىغان قانداق كىشىكەن ئۇ ؟ - دېدى جەزمىلەشتۈرۈپ.
بۇ دەرۋىشنىڭ ھەزرىتى سۇلتاننى ئىنكار قىلغانلىقى مەلۇم بولدى. ھەزرىتى سۇلتان بۇ دەرۋىشنىڭ دەرۋىشلىك يولىنى باغلاپ، ۋىلايىتىنى يوق قىلىش ئۈچۈن، جىلىتكىسىنىڭ تۈگمىسىنى ئەتتى. شۇ زامان دەرۋىشنىڭ ۋىلايىتى (ئەۋلىيالىق مەرتىبە، ھوقۇقى) يوق بولدى. ۋەرۋىش ھېچ ۋەج بىلەن دەرۋىشلىك يولنى ئاچالمىدى.
ئەلقىسە، دەرۋىش ھەزرىتى سۇلتاننى ئىنكار قىلغىنىغا يۈزمىڭ چەندان پۇشايمان قىلدى. ھەزرىتى مۇھەممەت مۇستەفا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامنىڭ، ساھابىلارنىڭ ۋە ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ روھلىرىنى شېپى كەلتۈرۈپ قىلغان ئىنكارىغا توۋا قىلدى. ئاندىن ھەزرىتى سۇلتاننىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ، گۇناھىنى تىلىدى. ھەزرىتى سۇلتان ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ دەرۋىشنىڭ كۆڭلى يورۇپ، ئۇنىڭ قايتىدىن ۋەلىلىق يولى ئېچىلدى.
ئەلقىسە، بىر كۈنى، ھەزرىتى سۇلتان ئولتۇراتتى. دەرۋىش سۈرىتىدە بىر كىشى كېلىپ سالام قىلىپ:
-خۇدا يولىدا بىر نەرسە بەر! – دېدى. ھەزرىتى سۇلتان:
- سىز نېمە كىشى،مەندىن نېمە تىلەيسىز؟- دەپ سورىدى، دەرۋىش ئۇنىڭغا:
- ئەي پادىشاھى ئالەم، ئاقىل كىشى ھەر ئىشنى بىشارەت بىلەن بىلىدۇ، دەپ ئېيىتتى، ھەزرىتى سۇلتانغا ئەزرائىل ئەلەيھسسالامنىڭ ئامانەتنى ئالغىلى كەلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
  ھەزرىتى خوجا ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ ئوغلانلىرىدىن خوجا ئەبۇل پەتتاھ ھەزرىتى سۇلتاننىڭ خەلىپىلىرى ئىدى.پەزىل – كارامەتتىە ھەزرىتى سۇلتانغا باراۋەر ئىدى.
  ھەزرىتى سۇلتان ئەتراپىدىكىلەرگە:
-ئەي يارەنلىرىم، سىلەرمۇ مەن يۈرگەن يولدا يۈرسەڭلار، مەن قىلغان ئىشنى قىلساڭلار، خۇدايىتائاللا ئاخىرەتتە بۇ دۇنيادا بەرگەن دۆلەتتىن ئۈچ ھەسسە ئارتۇق دۆلەت ۋە ئىززەت بېرىدۇ- دېدى. ئاندىن:- خەلپەم خوجا ئەبۇل، پەتتاھقا ئېيتىڭلار، تولا سىغىندىم. پاتراق قېشىمغا يېتىپ كەلسۇن- دېدى. خوجا ئەبۇل پەتتاھ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، بىجانىدىل قۇبۇل قىلدى. زوق- شوۋقى غالىپ كېلىپ، ئۈچ مەرتىبە كېلىپ ھەزرىتى سۇلتاننى يوقلاپ كەتتى. ئاندىن سۇلتان ئولتۇرۇپ:
- ئى بارا خۇدايا، ھېچ يارلىق يوقكى، جانىمنى ئالغايسە،- دەپ مۇناجەت قىلدى، شۇ زامان خۇجا ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ  روھى كېلىپ:
ھۆرمەتلىك بوغرام ، سىز يەنە بىر نەچچە مەھەل تۇرۇپ ، مەملىكەتنى باشقۇرۇپ، پەرزەنتلەرنى ئاسراپ ، تەربىيەت قىلىپ كامالىغا يەتكۈزۈپ ، ئاندىن كېيىن قېشىمغا كېلىڭ ، - دېدى .
ئەلقىسە، خوجا ئەبۇل پەتتاھ ھەزرىتى سۇلتاندىن كېيىن ئۈچ يىل ئۆمۇر كۆرۈپ ئالەمدىن ئۆتتى. خوجا ئەبۇل پەتتاھنى گۆردە قويغاندا، ھەزرىتى سۇلتاننىڭكىگە ئوخشاش گۆرىدىن:«ئى پەرۋاردىگارىم! مېنى مۇبارەك مەنزىلگە چۈشۈرگىن،سەن (دوستىڭنى) ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچى سەن» دىگەن ئاۋاز كەلدى. گۆر بېشىدا تۇرغانلار بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ پەرياد قىلىشتى. شۇ كېچىسى شەيىخ نەجمىدىن چۈشىدە خوجا ئەبۇل پەتتاھىنى كۆرۈپ:
- ئەي خوجا ئەبۇل پەتتاھ، سىزگە خۇدا قانداق مۇئامىلە قىلدى؟ - دەپ سورىدى. خوجا ئەبۇل پەتتاھ ئۇنىڭغا:
- ئەي شەيىخ نەجمىدىن، مېنىڭ روھىم ھەزرىتى سۇلتاننىڭ روھىغا قوشۇلدى. ئالەمنىڭ غېمىدىن خالاس بولدۇم، خۇدايىتائالانىڭ دوستلىرىنىڭ ئۆلگىنى بىلەن تىرىكىنىڭ پەرقى يوق ئىكەن، نېمە كۆرسەڭ شۇنى ئېيتقىن،- دەپ غايىپ بولدى.
ئىلاھى پاك پەرۋارىگار، مۇشۇ غازىلارنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۈچۈن جىمى ئاسىيلارنىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈپ، توغرا يولغا سالغايسەن، ئەي رەھمە قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھمە قىلغۇچىراقى ھەممە ئىش سېنىڭ پەزلىڭ، ئۇلۇغلۇقىڭ رەھمىتىڭ بىلەن بولىدۇ. دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن.
سۇلتن ساتۇق بۇغراخانغا مەدھىيە
غازىلارنىڭ بورھانى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان،
خاقانلارنىڭ خاقانى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان،
ئەرىشتە نۇرى كۆرۈنگەن، ئەھمەد كۆرۈپ سۆيۈنگەن،
سەپ-سەپ مەلەك تۈزۈلگەن، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان،
ماشايىخلار شەھبازى، ئەرىش ئۈستىدە پەرۋازى،
غازىلارنىڭ جانبازى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان،
ئىسلام ئىشىكىنى ئاچقان، ئىمان نۇرىنى چاچقان،
مەشھەد  ئىچىدە ياتقان، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
مۇستافادىن تەربىيەت، ھەقتىن ھەم رەھمەت
تاپتى سۇلتان، تەبئىيەت سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
سۇلتان زوھۇر ئەتتىرلەر، ھەركۈن ئوۋغا كەتتىلەر،
ھەقىقەتكە يەتتىلەر، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
غازىلارنى باشلىغان، شۇڭقار لاچىن قۇشلىغان،
كۆڭلى ھەقنى ئۇشلىغان، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
مەنزىللىرى لالەزار، ئۇلۇغلىرى مىرغىزار،
ئەبۇ نەسىر ئىنتىزار، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
سۇلتان پىرغە ئۇلاشتى،پەلەك مەلەكتىن ئاشتى،
ھەق جامدىن مەي ئىچتى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
سۇلتان ئالدى تېغ ئىللا، باقى قالدى ھۇۋەللا،
پانى بولۇپ مۇئەللا سۇلتان ساتۇق بۇغراخان،
ئەبۇل پەتتاھى غازى، سۇلتاننىڭكى ھەمرازى،
شەھبازلارنىڭ شەھبازى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
يەتتە كېچە كۈندۈزدىن، ئاتلار قالدى يۈرۈشتى،
پىكىر ئەتتىلەر يۈرۈشتىن،سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
سۇلتان تەلقىن قىلدىلەر، ئىلمى لەدۇن بىلدىلەر،
مۇسھەبنى ياد ئالدىلەر، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
قىلىچ تارتىپ يۈردىلەر، كاشىغەر ئىچرە كىردىلەر،
تۆت مىڭ كاپىر سۈردىلەر، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
ئۈچ يۈز كارۋان سۈرەتلىك، كاپىرلارغا ھەيۋەتلىك،
ھەقغە ئەردى قۇربەتلىك، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
سۇلتان باشلاپ ئات سالدى، سانسىز تەندىن باش ئالدى،
جەڭ كانىيىنى چالدى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
ھەر كۈنى ئىلغار يېتىشتى، ئاتلار سالىپ چاپىشتى،
ياۋنى قوغلاپ سۈردىلەر سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
سۇلتان قىلدى مەسلىھەت، ئەبۇ نەسىر ئىلە مەشۇرەت،
شەبخۇن ئۇرماق بۇ نۆۋەت، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان،
تۈن كېچىدە سالدىلەر، كاپىرلارنى قىرىدىلەر،
پارە-پارە قىلدىلەر، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
سۇلتان ھارۇن قېشىغا، قىلىچ تارتىپ بېشىغا،
قىلدى خىتاپ ئۇنىڭغا سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
ئەيدى: «ئايا ھارۇنخان، قىلغىل ئەمدى پۇشايمان،
دىننى بۇددادىن سەن يان»، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
كەلتۈر ئىمان خۇداغا، ئىككىنچى مۇستافاغا،
كىرگىل يولى ساپاغە، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
دېدى ھارۇن:« ئەي بوتام، بىلمەسمەن مەن ھەم بابام،
مۇنداق سۆزنى قىل تامام»، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
يانماسمەن ئول ئىشىمدىن، كەچسەم ياخشى بېشىمدىن،
بۇ پەئىل ئەندىشىمدىن، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
ئېرىق بولۇپ ئاقتى قان،ئۇرۇش بولۇپ ھەر دىبان،
ئىسلام شەمئىن يورۇتقان، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
قان كېچىبان يۈردىلەر، كاپىرلارنى قىردىلەر،
ئېرىنى ئېرگە سۈردىلەر، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
لائىلاھە ئىللەللا، ئەيت تېخى ھۇۋەللا،
ئەيتغىل تېخى يا ئاللا، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
غەريۇ قوپتى ئەل ئامان، ئەيىتغىل ئىمان بول ئامان،
ئىمان ئېرۇر، جانغا جان، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان،
تۇغ- ئەلەم شاھىيانە، جەڭ مېيدۇر جاپانە،
تۈزدى مەيۇ مۇغانە، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
تاشلاپ باشتىن جالالار، كۆڭۈل تاپتى جۇلالار،
كىيىپ باشقا دەستارلار سۇلتان ساتۇق بۇغراخان،
گۇرۇھ –گۇرۇھ كەلدىلەر، كېلىپ بەيئەت قىلدىلەر
باتىل دىندىن ياندىلار، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
باشىمىزدىن جالانى، ئالدى قارا بالانى،
تونۇتتىلەر خۇدانى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
نۇرى قۇلۇڭ سۇلتانىم، ھەم نۇر ئېرۇر ئىمانىم.
جانلار ئارا جانانىم، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.
مەشھەد ئېرۇر ھەق نەزەر، شان- شەرەپكە سازاۋەر،
مېھرۇ مۇھىممۇ قەمەر، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان.

( داۋامى بار )

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-27 23:58 |
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1760
نادىر تىمىسى : 4
يازما سانى : 340
ئۈنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە340دانە
شۆھرىتى: 1375 نومۇر
پۇلى: 3145 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :305(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
ئىككىنچى باب
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

بۇ بابتا ئىككى پادىشاھ- ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى بىلەن ھەزرىتى سەيىد ئەلى ئارىسلانخان غازىنىڭ ئىسلام يولىغا ئېرىشاد قىلغانلىقىنىڭ بايانى سۆزلىنىدۇ.
بۇ ئۇلۇغ زاتلارغا ئاللا تائاللا رەھمەت قىلسۇن.
بېيىت
نەسەبتە ئىدى خوجا پاك زات،
ھەسەبتە تېخى كامىل خۇش ناھاد
ئەمەلىي ئىكىتساپ شەرىئەت شۇئار،
ۋەرئى ئىنتساپ تەرىقەت ۋەسار.
ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قەدىمكى كىتابلاردا زىكرى قىلىنىپتۇ، بۇنى كۆپچىلىكنىڭ بىلىشى ئۈچۈن بۇ يەردە تۈركىي تىل بىلەن جەمئى قىلىندى. مەن پەقىر،كام سالاھىيەت موللا ھاجى ئىقتىدارسىزلىقىمغا قارىماي قىلىنغان ئىلتىماس، تەلەپلەرنى ئالى بىلىپ ۋە ماقۇل تۇتۇپ، ھەزرىتى بۇغراخانلار تارىخىغا ئائىت كىتاب، تەزكىرىلەر ۋە ئۆزگە كىتابلاردىن ھەقىقي راست رىۋايەتلەرنى جەمئىي قىلدىم. ئادەم ۋۇجۇدى تۆت ئەناسىردىن تەركىب تاپقاندەك، بۇ مەجمۇئەنىمۇ تۆت بۆلەك يەنى بىر مۇقەددىمە، ئىككى باب ۋە بىر خاتىمە بىلەن تامام قىلدىم. بۇ خەۋەرلەرنى ئايەت- ھەدىس، بۇزۇرۇكۋارلار سۆزلىرىدىن دەلىل كەلتۈرۈش بىلەن مۇستەھكەملىدىم. 
بۇ باپتا ئىككى پادىشاھنىڭ يەنى ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى بىلەن سەيىد ئەلى ئارسىلانخان غازىنىڭ ئىسلام يولىغا ئېرشات قىلغانلىقىنى بايان قىلىمەن.
    بۇ كىتاپتا سۇلتان ساتۇق بۇغراخاندىن باشقا ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان، ھەزرىتى سەيىد ئەلى ئارسىلانخان ۋە ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخانلارنىڭ ئىسىملىرىنىمۇ كىرگۈزۈشنى كۆزلەپ، «تەزكىرەتۇل بۇغراخان» (بۇغراخانلار تەزكىرىسى) دىگەن نامنى قويدۇم.
ئالدى بىلەن ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان ھەققىدە سۆز قىلىنىدۇ.

بىيىت
شەھىنشاھى روشىنى دىل نامدار،
زەھى بەختىيارۇ ئول زەھى كام كار.
سائادەت، ئادالەت، نىشانە پاتاھ،
خۇدا سايەسى ئىككى ئالەمگە شاھ.
قىلىپ ئاندا نۇرى ئىنايەت زوھۇر،
بۇلار بىرلە جاھان ئىدىلەر غەرق نۇر.
ئاللاتائالا ئۆز كالامىدا ھەبىبىگە: شۈبھىسىزكى سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن.لېكىن ئاللا ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ.، ئاللا ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ» دەپ ئېيتقاندەك ئالدى بىلەن ئاللاھ تائاللانىڭ ھىدايەت قىلىشى، ئاندىن ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازى پادىشاھىم قەدەسەللاھۇ سىررەھۇنىڭ تىرىشچانلىقى بولمىسا، بۇ يۇرتتا ئىسلام راۋاج تاپمايىتتى.
بىيىت
گەر ھىدايەت ئىشكىن لۇتفى بىلەن ئاچسا ھەق،
غەيرىيدىن غەيرىي سىرى مۇمكىن ئەمەس پەيزى پۈتۈھ،
بولۇر ئەرسە كىشى سەئىي يەتكۈزگەي ئىدى.،
مۇستافا ئەممىسىنى ئىسلامغا ، ئوغلىنى نۇھ.
خۇدايىتائاللا ھەر بەندىسىنى لۇتفىنىڭ سالقىن شامىلى بىلەن ئەركىلىتىپ تەربىيىلەپ ئىسلام يولىغا باشلايدۇ. ئاللا تائاللا مۇنداق دىگەن:«ئاللا مۆھمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇر.ئۇلارنى كۇپرىنىڭ زۇلمىتىدىن(ئىماننىڭ)يورۇقلىقىغا چىقىرىدۇ؛ كاپىرلارنىڭ ئىگىسى شەيتاندۇر، ئۇلارنى (ئىماننىڭ)يورۇقلىقىدىن (گۇمراھلىقنىڭ) قاراڭغۇلىقىغا باشلايدۇ»
بېيىت
بىرنى قىلدى غەرق نۇرى نەئىم،
بىرەۋگە قىلدى نەسىپ نارى جەھىم
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازى قەشقەر تەختىدە پادىشاھ ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ماچىندىكى كاپىر جوقتى رەشىد، نوكتىرەشىدلەر ئوتتۇزمىڭ لەشكەر بىلەن كېلىپ، نەچچە قېتىم قەشقەر شەھىرىنى قامال قىلدى. قەھەتچىلىك بولۇپ، تىرىكچىلىك قېيىن بولدى. پادىشاھ ئامباردىكى بارلىق ئاشنى خالايىقلارغا تەقسىم قىلىپ بەردى.بۇنىڭ بىلەنمۇ بولماي ئەھۋال ناچارلاشتى. ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى «بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولمايلى» دەپ ھەزرىتى ئەلى ئارسىلانخان غازى ۋە جەمئىي ئۆلىما ئۆمرالىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىپ قىرىق مىڭ لەشكەر بىلەن شەھەردىن چىقىپ، سەپ تارتىپ تۇردى.كاپىرلار تەرەپتىن جوقتىرەشىد، نوكتىرەشد مەيدانغا كىردى. مۇسۇلمانلار تەرەپتىن بولسا سەيىد ئەلى ئارسىلانخان  مەردانە مەيدانغا كىرىپ بۇ شېئىرىنى ئوقۇدى:
پەرۋەردىگارى ئالەمگە قىلدۇق تەۋەككۇل،
كەلسە مەيلى بالا قازا تۇردۇق ئۇدۇل.
ئى ھەمە بىچارىلەرنىڭ پاناھى ئاللا،
مەن قىلىمەن ئەمرىڭنى راست دىلدىن قۇبۇل.
ھەزرىتى ئەلى ئارسىلانخان قەھرى بىلەن ئوڭدىن سولغا، سولدىن ئوڭغا چاپتى. ئاندىن نەرە تارتىپ، كاپىرلاغا يۈز كەلتۈرۈپ شۇنداق قاتتىق جەڭ قىلىدىكى، قان دەريا بولۇپ ئېقىپ ، باشلار ساينىڭ تېشىدەك ياتتى. بىر سائەتتە بەش يۈز كاپىرنى دوزاخقا ئەۋەتتى.
مەۋلانە مەھمۇت ، مەۋلانە مۇھەممەت دەرۋىش، مۇھەممەت ئېلى ھاجى سۇلتان،مۇھەممەت خوجا ئابدۇللا ئەلەمدار، مەۋلانا مىر ئېلى، مەۋلانا جەئىبەرى سۇلتان، دەرۋىش زۇلپىقارى خوجا ئابدۇكېرىم قاتارلىق مۇسۇلمانلار شاھادەت شەربىتىنى ئىچتى. كاپىرلار ناغرا – سۇنايلىرىنى چېلىپ قونالغۇسىغا يېنىپ، شۇ كېچىنى داغدۇغا بىلەن تاڭغا ئۇلىدى. ئىسلام لەشكەرلىرىمۇ ئارامگاھىغا چۈشۈپ، كېچىنى داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزدى. ئەتىسى ھەزرىتى  ھەسەن بۇغراخان غازى پادىشاھىم ناماز بامداتتىن پارىغ بولغۇچە كاپىرلار سەپ تۈزۈپ بولدى.ئۇ كۈنى ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىم نامازنى ئوقۇپ بولۇپ ئاتقا مېنىپ ، ئاتىسى بۈزۈرۈكۋارنىڭ ئالدىغا باردى. ئاتتىن چۈشۈپ خېلى يىراق جايدىن زىمىننى سۆيۈپ، سالام بىجا كەلتۈردى ئاندىن:
- يا ، بۈزرۈكۋارىم ئاتا، ھەزرەتلىرىنىڭ ئالدىدا بۇ بېشىم نەزرە بولدۇم، قېنىم مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئاقسۇن،- دەپ رۇخسەت سورىدى. ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى پادىشاھىم:
- ئەي ئوغلۇم، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، سىزنى ئاۋال خۇدايىتائالاغا، ئىككىنچىدىن ھەزرىتى مۇھەممەت مۇستافا سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالەمگە، ئۈچۈنچىدىن ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازى پادىشاھى ئاتامغا تاپشۇردۇم،- دەپ رۇخسەت بەردى.ئاندىن ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىم مەيدانغا كىرىپ، بۇ شېئىرىنى ئوقۇدى:
گەر كىشى بولسا دۇچار بىر بالاغا،
گۇمانسىز ئەگەشسۇن ئۇ بىر خۇداغا.
بىلگىنكى، مۇتابىئەت دۆلىتىدىن ،
ئۇلىشار ھەق ھەبىنى مۇستافاغا.
ئۇ كىشى شۇنىڭ بىلەن چوڭ يۈرەكلىك،
دۈشمەنگە زۇلپىقارىم سالالايدۇ.
ئاقىرىپ كۈمۈش كەبى يۈرەك قەلبى،
ھەقىقىي جىڭ ئالتۇنغا ئايلىنالايدۇ.
ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىم شۇنداق قاتتىق جەڭ قىلدىكى، گويا قىيامەت قايىم بولۇپ، قان دەريادەك مەۋج ئۇرۇپ ئاقتى. ئاسمان زىمىن تىتىرىدى.كۇپپارلارغا يورۇق جاھان قاراڭغۇ بولدى. ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىم نۇرغۇنلىغان مال مۈلۈك، جەڭ كىيىملىرى، يىلقا، تۆگە ئولجا ئېلىپ، ئىززەت ئابروي بىلەن بارگاھىغا ياندى.ئىسلام لەشكەرلىرىدىن 60 كىشى شاھادەت شەربىتىنى نوش قىلدى، يىگىرمە كىشى يارىدار بولدى. كوپپارلاردىن بولسا يەتتە يۈز كىشى دوزاخقا ئۇزىدى.مۇسۇلمانلار بۇ كېچىنى زوق شوخ، داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزۈپ تاڭ ئاتقۇزدى. ناماز بامداتقا ئەرزان ئوقۇلدى.مۇسۇلمانلار جەم بولۇپ نامازغا تۇردى. بۇ چاغدا كاپىرلارمۇ جەم بولۇپ سەپلىرىنى راسلىدى.مۇسۇلمانلار نامازدىن پارىغ بولغاندىن كېيىن،ھەر قايسىسى ئۆزلىرىنى رۇستەمى داستاندەك راست قىلىپ مۇستەھكەم ۋە مۇكەممەل بولۇپ تۇردى. كاپىرلار يىگىرمە بەش مىڭ كىشى بىلەن لەشكەر تارتىپ كەلدى، ئىسلام لەشكەرلىرىدىن ئەللىك مىڭ كىشى مەيدانغا كېلىپ نام-نەسەبىلىرىنى ئايان ۋە بايان قىلىشتى. ھەسەن بۇغراخان غازى شەھەرنى قوغداشقا ئون بەش مىڭ كىشى بىلەن ھۈسەيىن پەيزىللا خوجامنى، سەيىد جالالىدىن باغداتنىڭ ئوغلى سەيىد ئالاۋىدىن باغداتنى قالدۇرۇپ، ئۆزى جەڭگە كەلدى. ئۇ ئالدى بىلەن مۇنداق دېدى:
-    ئاللاغا ئۆزەمنى تاپشۇردۇم، خۇدادىن ئۆزگىدىن ئۈمۈد قىلمايمەن.
ئاندىن ئۇ كاپىرلار بىلەن شۇنداق جەڭ قىلدىكى، ئاسمان زىمىن لەرزىگە كەلدى.يەتتە قات ئاسماننىڭ پەرىشتىلىرى تەھسىن ۋە ئاپىرىن ئوقۇشتى. كاپىرلارنىڭ قېنى سەلەپتەك ئاقتى. كاپىرلار ئارىسىدىن غەۋغا چىقتى. شۇ كۈنى ھەزرىتى پادىشاھ بىر مىڭ بەش يۈز كاپىرنى زەربىگە ئۇچراتتى. ناھايىتى كۆپ مال مۈلۈك ، ئەسۋاب، يارغ- جابدۇق غەنىمەت ئېلىپ، ئۇلارنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن سەرپ قىلدى. مۇسۇلمانلاردىن يۈز كىشى شاھادەت شەربىتى ئىچىپ جەننەتۇلمەئۋا، پىردەۋس ئەۋلادىغا تەئەللۇق بولدى. كۈن كەچ بولغاندا ، ناغرا سۇناي چېلىنىپ بارگاھىغا يېنىشىپ كېلىشتى. يۈز – كۆزلىرىدىكى چاڭ –توزانلارنى سۈرتۈپ، تائام يىيىشتى، تائامدىن كېيىن خەتمە قۇرئان قىلىشتى.ساۋابىنى شىيىتلەر ئەرۋايىغا بېغىشلىدى. بۇكېچىنىمۇ ئالدىنقى كېچىگە ئوخشاش زوق شوخ ، داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزدى. ناماز بامداتقا ئەرزان ئوقۇلدى.مۇسۇلمانلار نامازغا تۇردى. ئۇلار نامازنى ئوقۇپ بولغۇچە كاپىرلار سەپلىرىنى راسلاپ بولدى.ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى بۈگۈن ئۆز ئورنىدا يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىمنى قويۇپ، ئۆزى مەيدانغا كېلىپ، نام –نەسەبىلىرىنى ئايان ۋە بايان قىلىپ جىلۋە بىلەن بۇ شېئىرنى ئوقۇدى.
ئۇلارنىڭ ناملىرى ئەۋلىيارلارنىڭ_
نامىغا ئوخشاشراق بولسىمۇ بىراق.
ھەسەتخۇر پەسكەشلىك ئادەتلىرىكى،
ئۇلارنى شەرەپتىن قىلىدۇ يىراق.
ھەر بالا قازانىڭ لەززىتى پىنھان،
ئۇ بىزنىڭ ئەڭ ئېسل گۆھەر خەزىنىمىز.
بۇنىڭدا ئۇلاردىن ئۈستۈنمىز ھامان،
ئاللانىڭ ئىشقىدا كۆيەر قەلبىمىز.
ئەنە شۇ بالانىڭ سەكسەندەن بىرى،
ۋەياكى ئازراقى، ۋەيا ئەكسىرى.
كۆرۈنۈپ قالغاندا، ئارزۇ ۋەسلىدىن،
ئاشىدۇ لەززەتتە دىلنىڭ ھوزۇرى.
شۇنداق جەڭ بولدىكى ،  كاپىرلارنىڭ قېنى دەريا- دەريا بولۇپ ئاقتى. ناغرا سۇنايلىرىنى چېلىشىپ مۇسۇلمانلار قارارگاھىغا يېنىپ چۈشتى. بەدەنلىرىدىكى توپا – چاڭلىرىنى تازلاپ، تائام يېدى، ئاندىن خەتمە قۇرئان قىلىپ، ئۇنىڭ ساۋابىنى شىيىتلەر ئەرۋاھىغا بەخىش قىلدى. ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان پادىشاھىم بۇ كېچىنى ئۇمىرالىرى بىلەن داغدۇغا ئىچىدە ئۆتكۈزدى. ناماز بامداتقا ئەزان ئوقۇلدى. مۇسۇلمانلار نامازغا تۇردى. نامازنى ئوقۇپ بولۇپ سەپ راستلىدى. ئۇ كۈنى يەنە ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان پادىشاھ بۇ شېئىرنى ئوقۇپ مەيدانغا كىردى:
غېمىمنىڭ توپانلىرى ھەر نەپەستە،
شىددەتلىك مەۋج ئۇرىدۇ ، دولقۇنلايدۇ.
لېۋىمنىڭ ھەر قېتىمقى تەۋرىشىدىن،
ماتىمىم سادالىرى ئاڭلىنىدۇ.
يۈز بەرگەن مەندىكى بۇ ھالەتلەرنى،
ئىھتىمال خالايىقلار بىلمىگەندۇ.
يۈرىكىم ھاياجاندىن يالقۇنلىنىپ،
ئاللانىڭ دىدارىغا تەلپۈنىدۇ.
ئۇ كۈنى شۇنداق جەڭ بولدىكى، ئاسمان، زىمىن لەرزىگە كەلدى. مۇسۇلمانلار مەست –مۇستەغراق بولۇپ كاپىرلارنى ئۇرۇپ –سۈرۈپ پاراكەندە قىلىپ، جەڭ مەيدانىدىن قوغلاپ چىقاردى. كاپىرلار قېچىپ يېگىسار مەۋزەئىگە باردى. ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى پادىشاھىم ھەزرىتى ئەلى ئارسىلانخان غازى پادىشاھىمغا توقسان مىڭ لەشكەر توپلاپ بېرىپ:
سىزنى ئاۋال خۇدايىتائاللاغا، ئىككىنچىدىن ھەزرىتى مۇھەممەت مۇستەفا سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامگە، ئۈچىنچىدىن، ئاتام ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازى پادىشاھىمغا تاپشۇردۇم، بۇ كاپىرلارنى قوغلاڭ- دەپ ئەمىر قىلدى. ھەزرىتى ئەلى ئارسىلانخان غازى پادىشاھىم 90 مىڭ لەشكەرنى ئېلىپ كاپىرلارنى كاپىرلارنى قوغلاپ، سوقۇشا- سوقۇشا «قارا- ئۆتەڭ»دىگەن يەردە قارار تاپتى. بۇ جايدا نەچچە مىڭ كاپىرلار جەم بولۇپ تۇراتتى، ھەزرىتى ئەلى ئارسىلانخان غازى ئۇ يەردە نەچچە كۈن جەڭ قىلدى. كاپىرلارنىڭ قېنى دەريا بولۇپ ئاقتى.
بىر رىۋايەتتە مۇنداق دىيىلىدۇ: بۇ ئۇرۇشتا ھەزرىتى ئەلى ئارسىلانخان غازىغا ھەرگىز تىغ ئۆتمىدى. كاپىرلار بۇنىڭدىن ھەيران بولدى. ماچىنغا باشچى بولۇۋاتقان كاپىرلار:«قانداق كىشى ئەلى  ئارسىلانخان پادىشاھقا نېمە سەۋەپتىن تىغ ئۆتمەيدىغانلىقىنى، قانداق قىلسا تىغ ئۆتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ خەۋەر ئېلىپ كەلسە ، بويى بىلەن تەڭ ئالتۇن بېرىمىز، مەنسەپدار بولسا بەگلەرنىڭ بېگى قىلىمىز، پۇقرا بولسا دارخان قىلىمىز»- دەپ ھەممىگە جاكارلىدى. كاپىرلار ئىچىدە ئۈج دىگەن لەنتى بىر كاپىر «بۇ ئىشنى مەن قىلاي» دەپ ھىيلە بىلەن ئۆزىنى ئىسلام لەشكەرلىرىنىڭ ئارىسىغا ئالدى، نەچچە كۈنگىچە لەشكەرلەر ئىچىدە يۈردى. بۇ بەدىرەكنىڭ ئەھۋالىدىن ھىچ كىشىنىڭ خەۋىرى بولمىدى. ئاخىر ئۇ ھەزرىتى ئەلى ئارسىلانخان پادىشاھىمنىڭ مېھمانخانىلىرىدا خىزمەتكە تۇردى.
بىر كۈنى ھەزرىتى ئەلى ئارسىلانخان غازى پادىشاھىم غازاتتىن يېنىپ، بىر نەچچە جەڭنىڭ ۋەقەسىنى بايان قىلىپ، شاد – خۇرام ئولتۇراتتى، ھېلىقى كاپىر ھىيلىگەرلىك بىلەن پادىشاھىمنى ئاۋۋال راسا ماختاپ ئاندىن سورىدى:
-    تەخسىر ، پادىشاھ ھەزرەتلىرىمگە ئەسلا تىغ تەسىر قىلمايدىكەن، بۇ قانداق ئىش؟
ھەزرىتى سەيىد ئەلى ئارسىلانخان غازى پادىشاھىم ئۇ لەنىتى كاپىرغا:
ماڭا ئادەتتە تىغ ئوق كار قىلمايدۇ. بىراق نامازغا تۇرغاندا پۈتۈن بەدىنىم سۇدەك ئېرىيدۇ. شۇ چاغدا ماڭا تىغ  تۈگۈل يىكەن سالسىمۇ ، خۇددى سۇغا ئۆتكەندەك ئۆتىدۇ،- دەپ جاۋاپ بەردى. ئاللا تائالا: «ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر» دىگەن.
ئەلقىسە ، ئۈج دىگەن بۇ جادۇگەر ھارامزەدە ھەزىتى پادىشاھىمنىڭ موبارەك تىلىدىن سىرىنى ئاڭلىۋالدى. بۇنىڭدىن ھېچقانداق كىشىنىڭ خەۋىرى بولمىدى. پەيت تاپقان بىر كۈنى خۇدانىڭ لەنىتىگە دۇچار بولغان بۇ لەنىتى كاپىر ئىسلام لەشكەرلىرى ئارىسىدىن چىقىپ، بۇددىستلارنىڭ خانى چىگالۇ خالىخال ماچىنغا خەۋەر بەردى.كاپىرلار بۇ ئۈج دىگەن كاپىرغا ھېساپسىز ئالتۇن – كۆمۈش بەردى.
ھەزرىتى ئەلى ئارسىلانخان غازى پادىشاھىم جەڭگاھتىن قايتىپ كېلىپ ئاب- ئاش قىلدى.قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ساۋابىنى شىھىتلەرنىڭ ئەرۋاھىغا بېغىشلىدى. ئەتىسى ئۇ توقسان مىڭ لەشكەر بىلەن سەپ تارتىپ، چىگالۇ خالخال ماچىنلار بىلەن شۇنداق جەڭ قىلدىكى، ھەددى ھېساپسىز كاپىرلارنى دوزاخقا ئەۋەتتى. ئىسلام لەشكەرلىرىدىن ھەم چەندان كىشى شاھادەت شەربىتىنى ئىچتى.
كۈن كەچ بولدى. ناغرا- سۇنايلار چېلىنىپ مۇسۇلمانلار ئارامگاھىغا يېنىپ چۈشتى. ئاش تارتىلدى. ئاندىن خەتمە قۇرئان قىلىنىپ، ساۋابىنى شىھىتلەر ئەرۋاھىغا بېغىشلاپ، بۇ كېچىنى زوق شوخ داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزۈشتى.
ئەتىسى يەنە مۇسۇلمانلار ناماز بامداتتىن يېنىپ، مەيدانغا كېلىپ، تەكبىر- سالۋات ئېيتىپ كاپىرلار بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇ كۈنمۇ شۇنداق قاتتىق جەڭ بولدىكى ، كاپىرلارنىڭ بېشى ساينىڭ تېشىدەك ھەممە يەرنى قاپلىدى. مۇسۇلمانلاردىنمۇ نەچچە مىڭ كىشى شىھىت بولدى (ئاللاتائالا ئۇلارنى ھەمىشە جەننەتتە قىلسۇن).
ھوشۇر ئېيىنىڭ 10- كۈنى ئىدى. ناماز بامداتقا ئەزان  ئوقۇلدى. مۇسۇلمانلار سەپ – سەپ بولۇپ، نامازغا تۇردى. سۇننەتنى ئادا قىلدى، پەرزگە تۇردى. يەنى تەكبىر ئېيتىلىپ ، ناماز باشلاندى.
نەزمە
دائىم ئېردى ئىشى رۇكۇ، سۇجۇد،
چىقىرىپ ئاھ ئىلە جىگەردىن دۇد.
قىلار ئېردى ھەممە مۇسۇلمانلار،
جان دىل بىرلە خىزمەتتىن مەھبۇد
تەڭرىدىن كەلسە كىمگە قازا،
قىلمىغاي ئاڭا ھىچ تەدبىر سود
موللا ئىمام ئەسلىدە سۈرە ئىننائەئتەينا نى ئوقۇماقچى ئىدى. بىراق تىلغا سۈرە ئىننافەتەھنا كىلىپ قالدى. ئۇ بۇ سۈرىنى ئوقىۋاتقاندا كاپىرلار باستۇرۇپ كېلىپ، مۇسۇلمانلارنى شاھادەتكە يەتكۈزدى. سۈرە ئوقۇلۇپ «ۋەكەفا بىللاھى شەھىيدا، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللا» غا يەتكەندە ، ھەزرىتى پادىشاھىمنىڭ باشلىرىغا تىغ تەگدى، پادىشاھىمنىڭ موبارەك باشلىرى تەنلىرىدىن جۇدا بولدى. (قولۇ ئىننالىللاھى ۋە ئىننائىلەيھى راجىئون يەنى ھەقىقەتەن بىز ئاللانىڭ مۇلكىدۇرمىز، ئەلۋەتتە ئاللانىڭ ھوزۇرىغا قايتقۇچىلارمىز.)
شېئىر
ۋاھ ھەسرىتا، ۋاھ دەردىما نەئىلاجىمىز،
ھەقتائالا ئىلكىدىكى قۇل بەندىمىز.
كۆرسەكمۇ گەر نۇھ ئۆمرىدەك ئوزاق ئۆمۈر،
بىر كۈنى ئەجەل شەربىتىنى نوش ئېتىمىز.
بولساقمۇ بىز شاھى جاھان ، خوجا، گاداي،
ئاخىر بولۇر لەھەت ئىچى ماكانىمىز.
شۇزامان ھەزرىتى ئەلى ئارسىلانخان پادىشاھىمنىڭ باشلىرىدىن «خويمۇ بىغەم ئىكەنلا» دىگەن ئاۋاز كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ زات شىرىپىنىىڭ «موللا ئەئىلەم» دىگەن نامى «موللا بىغەم » بولدى.
بىيىت
ئىچىپ شەربىتى شاھادەت ئۇل كۈنى ئارسىلانخانىم،
قاراڭغۇ بولدى ئالەم، غايىپ بولغاچ ماھى تابانىم.
ئەلقىسە، ئۇ كۈنى گويا قىيامەت قايىم بولدى، ئاسمان – زىمىن لەرزىگە كەلدى. مۇسۇلمانلار پاراكەندە بولۇپ، ھەر تەرەپكە قاچتى. كاپىرلار ئارقىدىن قوغلاپ ، بارچە مۇسۇلمانلارغا، ئۇلارنىڭ ئەھىل- ئەۋلادلىرىغا قاراپ ئات سالدى.مۇسۇلمانلار گەرچە توختاپ جەڭ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، نەچچىلىگەن كاپىرلارنى جەھەننەمگە ئۇزاتقان بولسىمۇ، بىراق ئاخىر كاپىرلار غالىپ كېلىپ، كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنى شىھىت قىلدى.
بۇ پاجىئەگە تاقەت قىلالمىغان مەريەم خانىم باشلىق نەچچىلىگەن قىزلار ھەسرەت چېكىپ،بىئىلاج جەڭگە كىرىپ مىڭلىغان كاپىرلارنى جېنىدىن جۇدا قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما يەنىلا كاپىرلار غەلبە قىلىپ ئۇلارنى قورشىۋالدى. بۇ مەستۈرىلەر خۇدايىتائالاغا سېغىنىپ يەرگە قارىغان ئىدى، شۇ سائەتتە يەر يېرىلدى، ئۇلار يەرگە كىرىپ غايىپ بولدى.
شېئىر
بىۋاپادۇر پەلەك بۇ قەلىمۇن
سازا مۇنىڭغە يوقتۇر قالۇن
دېسەڭكىم بىلەي مەريەم خېمىم  ئەھۋالىنى،
ئىشتكىل ئەئىلانۇر خانىم ئەۋساپىنى.
بۇ قەلىمۇن – ئۆزگىرىشچان بۇدۇنيا مەنىسىدە.
سازا- لايىق مۇناسىپ.
قالۇن- ئۇسۇل چارە.
ئەۋساپىنى - سۈپىتىنى
ھەزرىتى  ئەلى ئارسىلانخان پادىشاھىم ئىنتايىن ساھىپجامال،تەقۋادار كىشى ئىدى.، ئۆمرىنى دائىم تائەت- ئىبادەت مۇھەببەتلىك سۆزلەر بىلەن زۆھدە تەقۋادارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزەتتى. شەرىئەت قائىدە يۇسۇنلىرىدا بولسا شىرغا ئوخشاش كۈچلۈك ئىدى.
شېئىر
ئۆتكۈزۈر ئېردى ئۆمرىنى تائەت ئىبادەت بىرلە،
شەرىئەت فىشەسىدە شىريەڭلىغ ئول شاھى خۇبان،
خەرد بولۇر ئەقىل قىلۇرغە ۋەسپىنى ئەئىيان
ئەلقىسە ، ھەزرىتى پادىشاھىمنىڭ شاھادەت تاپقانلىق خەۋىرى قەشقەرگە يەتتى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى ، ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى، ھەزرىتى سۇلتان ھۈسىيىن بۇغراخان غازىلار بۇنى ئاڭلاپ ھوشىدىن كەتتى (ئاللا ئۇ كىشىنىڭ دەرىجە مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلسۇن). ئۇلار يەنە ھوشىغا كېلىپ : «ۋاھ ۋەيلا ۋاھ مۇسىبەتا ۋاھ شەھىدا» دەپ يىغلاشتى. ئۇلارنىڭ نالىسىدا ئاسمان- زىمىن لەرزىگە كەلدى. ھاۋا تۇتۇلۇپ،كۈن بۇلۇتلار كەينىگە مۆكتى. كۆز ياشلىرى خۇددى باھار يامغۇرىدەك ئاقتى.
سۇلتان ئەلى ئارسىلانخانغا مەدھىيە
شاھى مەردان زوھۇرى، پادىشاھ ئارسىلانخان،
ئەۋلىيالار ھوزۇرى، پادىشاھ ئارسىلانخان.
تۈركىستاننىڭ مەككەسى، قارا كۆزلەر سۈرمەسى،
ماشايىخلار قىبلەسى، پادىشاھىم ئارىسلانخان.
جەددى ئىرۇر بۇغراخان، قىلدى خۇدا ئۇل سۇلتان،
خاقان ئىبنى ئول خاقان، پادىشاھ ئارسىلانخان.
پەيغەمبەردەك فېياملىق سىددىقلەردەك سالاملىق،
يىگىرمە سەككىز ياشلىق، پادىشاھ ئارسىلانخان.
جەبرائىلدەك مۇھىببىپ، مىكائىلدەك مۇسەببىپ
ئىسراپىلدەك مۇقەررىپ ،پادىشاھ ئارسىلانخان.
يائەييۇ ھەل مۇزەممىل ئەسھابىغە مۇزەممىل،
ھەم كامىلۇ مۇكەممىل ، پادىشاھ ئارسىلانخان.
نۇرى نەبى پىشانلىق سىرى ئىلەن نىشانلىق،
ئىلمى لەدۇن بايانلىق، پادىشاھ ئارسىلانخان.
ئەرش ئۈستىدە سۆھبەتلىك ،فەرش ئۈستىدە قۇتلىغلىق،
ئىرۇر ھەقغە قۇربەتلىك، پادىشاھ ئارسىلانخان.
خىزىر ئىلياس ئوڭ قولدا،غەۋسۇلغىلياس سول قولدا،
ئىشىق قامچىسى قولدا، پادىشاھ ئارسىلانخان.
شەرىئەتتنىڭ خەتتابى تەرىقەتنىڭ ئىمامى،
ھەقىقەتنىڭ تامامى، پادىشاھ ئارىسلانخان.
مەستۇ مادامۇ ھەيرەت، ساقى جامۇ ۋە ھىدەت
شاھى ماقامۇ ھەزرەت، پادىشاھ ئارىسلانخان.
كەيدىلەر تاجۇ خىرقە باش بولدى جۈملە خەلققە،
ئەرشى كۇرسىدىن ئاشقان، مەشۇقىغا ئۇلاشقان.
ھەزرەت بىلەن تېپىشقان، پادىشاھ ئارسىلانخان.
يۇرت ئىچىرە گۈنجۈلئەرباب، ئالەمدە قۇتبۇل ئەقتاپ.
مۇپتاھۇلگۈنجىل ئەرباب، پادىشاھ ئارىسلانخان.
مەشرىقىدە ھازىر بولغان ، مەغرىپىدە نازىر ئولغان،
مەنزۇر نازىر ئولغان، پادىشاھ ئارسىلانخان.
تالىپلارنى يۆتىلىگەن، سادىقلارنى يۆلىگەن،
سانسىز مۇرىت ئەيلىگەن، پادىشاھ ئارسىلانخان.
مەن كىم مۇنۇ بۇ دەريا، ئالەمدە قەترە گويا،
ئەپۇ ئەيلىگەيمۇ ئايا پادىشاھ ئارسىلانخان.
سانسىز چىرىك باشلاغان،غازات ئىشىن خوشلاغان،
بۇ دۇنيانى تاشلاغان، پادىشاھ ئارسىلانخان.
مەيدانلاردا تۇرۇشقان، كاپىر بىلەن سوقۇشقان
غازىلەرغە قاۋۇشقان، پادىشاھ ئارسىلانخان.
ئىماملارنىڭ قۇربانىق، ئىسلامنىڭكى ئىمامى
خاقانلارنىڭ خاقانى پادىشاھ ئارىسلانخان.
ئەۋلىيالار مىھتەرى ئەسفىيالار سەرۋىرى،
خەلقى ئالەم رەھبىرى، پادىشاھ ئارسىلانخان.
جوقتى رەشىد ئول كاپىر، سانسىز تارتتى كۆپ چېرىك،
تىغۇ نەيزە ھەم شەمشەر، پادىشاھ ئارسلانخان
سۇلتان ئوترو چىقتىلەر، كاپىرلارنى قىردىلەر،
پارە-پارە قىلدىلەر، پادىشاھ ئارسىلانخان.
مەڭگۈ جەڭدە جەڭ قىلدى، كاپىرلارنى تەڭ قىلدى،
سۇلتان باشلاپ جەڭ قىلدى پادىشاھ ئارسىلانخان.
ھوشۇر ئېيى ئونىدە، روزى جۈمئە كۈنىدە،
مىسران قىلىچ قولىدا، پادىشاھ ئارسىلانخان.
توقسەن بىر سەپ ئىرانلار،تۇردى غازى يارانلار،
ناماز ئىچرە ئېردىلەر،پادىشاھ  ئارسىلانخان.
كىردى سەپكە كاپىرلار، بىر -بىر شەھىد قىلدىلەر،
بۇزماي ناماز غازىلەر، پادىشاھ ئارسىلانخان.
ئىماملارغا ئېزىزجان، قىلدى پىدا ئول سۇلتان.
كىردى جەڭگە شولزامان پادىشاھ  ئارسىلانخان.
بولدى مەگەر قىيامەت، غازىلارغا بۇ نۆۋەت
ئىچىشتى مەي شاھادەت پادىشاھ ئارسىلانخان.
ۋاھ ھەسرەتۇ نادامەت، پەرىشتەلەر بىتاقەت،
ماتەم تۇتتى شول سائەت، پادىشاھ ئارسىلانخان.
ھوشۇر ئېيى بولغاندا، تۇغلار تەۋرەپ تۇرغاندا،
كەلدى ئەرۋاھلار ئاندا، پادىشاھ ئارسىلانخان.
قىزىل بولدى خانىقا، بۇزۇرۇكلارغا رەھنەما،
ھاجەتمەندىگە مەنزىلگاھ، پادىشاھ ئارسىلانخان.

( داۋامى بار )

terjime guruppisi
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-09 13:00 |
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1760
نادىر تىمىسى : 4
يازما سانى : 340
ئۈنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە340دانە
شۆھرىتى: 1375 نومۇر
پۇلى: 3145 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :305(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەلقىسسە ، شاھزادىلەر ماتەمدىن كېيىن ، ئىككى مىڭ قوي ، يۈز تۆگە ، بەشيۈز ئات ئۆلتۈرۈپ ، ئاش قىلىپ ، قەشقەرنىڭ چوڭ – كىچىك پۇقرالىرى ، ئۆلىما ، ئاخۇن ، ئاكابىرلىرىغا نەزىر قىلىپ بەردى . خەتمە قۇرئان قىلىپ ساۋابىنى شېھىتلەر ئەرۋاھىغا بېغىشلىدى .
ئەلقىسسە ، ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى پادىشاھىم : " لەشكەرلەر جەم بولسۇن " دەپ چاقىرىق قىلدى . شۇ زامان ئاتمىش مىڭ لەشكەر جەم بولدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى "
- خۇدا بۇيرۇسا ، كاپىرلارنىڭ قېنىنى دەريادەك ئېقىتىپ ئىنتىقام ئالىمەن ، - دەپ قەسەمياد قىلىپ ، كاپىرلار تەرەپكە شىرغەرراندەك ئاتلاندى . ئالدى بىلەن ھەزرىتى شېھىت ئەلى ئارسلانخان شاھادەت تاپقان يەرگە كەلدى . ھەزرىتى ئەلى ئارسلانخاننىڭ مۇبارەك تەنلىرى سەپ – سەپ بولۇپ ياتقان باشقا شېھىتلەر قاتارىدا كاپۈردەك ياتقان ئىدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى بۇنى كۆرۈپ چوڭقۇر ھەسرەت چېكىپ ھۇشىدىن كەتتى . ھۇشىغا كەلگەندىن كېيىن بولسا تاقەتلىرى تاق بولدى . ھەر بىر تال مويى بەدەنلىرىدە خۇددى نەشتەردەك تىك تۇردى .
ئاندىن ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى ، ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى ، ھۈسىيىن بۇغراخان غازىلار جەڭگاھقا يېتىپ كەلدى . كاپىرلار تەرەپتىن جوقتى رېشىد ، نوكتى رېشىدلار مەيدانغا كىردى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخانلار كۇپپار لەشكەرلىرىگە ئۆزلىرىنى شۇنداق ئۇردىكى كاپىرلارنى پارە – پارە قىلىپ ، قېنىنى سەلەپتەك ئاققۇزدى ، مال – ئەھۋاللىرىنى ھېسابسىز ئولجا ئالدى .
بېيىت
ئەگەر كۆرسە چۈشىدە بۇ جەڭ ،
سۇ بولغاي ئىدى زەھرەسى بى دەرەڭ .
ئەلقىسسە ، جوقتى رېشىد ، نوكتى رېشىد باشلىق كاپىرلار بەرداشلىق بېرەلمەي ئون ئىككى مىڭ لەشكىرى بىلەن قېچىشقا مەجبۇر بولدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان كەيندىن قوغلاپ ئۇلارغا " كۆك يار " دېگەن يەردە يەتتى . ئۇ يەردە يەتتە كېچە – كۈندۈز جەڭ بولدى . چەندان مۇسۇلمانلار شېھىت بولدى (خۇدا ئۇلارنى ھەمىشە جەننەتتە قىلسۇن ) . ھايات قالغانلار يەنە داۋاملىق جەڭ قىلدى . لېكىن ئىش ئوڭدىن كەلمىدى . ئاخىر ھەزرىتى سۇلتان بۇغراخان غازىنىڭ كىچىك ئوغلى ئوسمان بۇغراخان غازى مەيدانغا كىرىپ ، چەندان كاپىرلارنى قىرىپ دوزاخقا ئەۋەتتى . ئاخىرىدا كاپىرلارنىڭ ھەممىسى توپلىشىپ كېلىپ ھەزرىتى ئوسمان بۇغراخاننى ئاتمىش كىشى بىلەن شېھىت قىلدى . لېكىن ئۇلار جەڭ قىلا – قىلمايلا مۇسۇلمانلارغا تەڭ كېلەلمەي ئاخىر چىم ماچىنغا قېچىپ كەتتى .
شېئىر
يوق جاپا چاھ ئىلە شەۋكەتكە داغ ،
يوق ۋاپا ئۆمرى ئىلە دۆلەتكە داغ .
بىۋاپادۇر بۇ دەھراننى ياران ،
دېدى كىم تەڭرى : " مەن ئەلەيھافان " .
ئاڭلىدىڭمۇ ، دېگەن خۇدا كالامىدە ،
" كۈللى شەيئىن ھالىكون ئىللا ۋەجھە . "
+++++++++++++++++
بۇلاردەك زاتلارغا قىلمىسا ھەرگىز پەلەك رەھمى ،
ئەجەپ ئىنسان ئېرۇر ئاقىل گەر قىلماس زەررەچە ۋەھىمى .
ئىسكەندەردەك بۇ بۇدەھرى ئىچرە پادىشاھ بولساڭ ،
ئەجەل مىلتىقى كېلىپ بىر كۈن ئۇرار جانىڭ ئارا زەخمى .
ھەزرىرى ھەسەن بۇغراخان پادىشاھ باشلىق شاھزادىلەر ، بارلىق مۇسۇلمانلار ئارقىسىغا يېنىپ ھەزرىتى ئوسمان بۇغراخان غازى شاھادەت تاپقان جايغا يېتىپ كەلدى . ھەزرىتى ئوسمان بۇغراخاننى جايى مەنزىلىگە يەتكۈزۈپ دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ۋەخپى تەيىن قىلىپ شەيخ ، خىزمەتكارلارنى بەلگىلەپ ( بەزى كىشىلەرنى شەيخ ، خىزمەتكارلىقتىن قالدۇرۇپ ، ئاش بېرىپ يەتتە نەزىرىسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەكەن شەھىرىگە كېلىپ چۈشتى . خەلق ئۇلارنىڭ ئىستىقباللىرىغا چىقىپ ، تەكلىپ ۋە ھۆرمەت بىلەن شەھەرگە ئەكىردى . ئاندىن ئۇلار يېڭىباشتىن ئۆز تىلى بىلەن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇپ ، پۇل ، مال – مۈلكىنى ، ھەتتا جان – تەنلىرىنى ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخانغا تەقدىم قىلىشتى . ھەسەن بۇغراخان باشلىق شاھزادىلەر ئولجا ئالغان پۇل ، مال – مۈلۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى پۇقرالارغا تەقسىم قىلىپ بەردى . ئاندىن ئۇلار : " يەكەن خەلقى خاراب بولمىسۇن " دەپ دۇئا قىلدى . يەكەننىڭ ئۇزاق يىل مابەينىدە پايتەخت بولۇپ گۈللەنگەن ھالدا ئۆتۈشى ، ئاشۇ دۇئانىڭ بەرىكەتىدىن بولسا كېرەك ئېھتىمالىم .
ئەلقىسسە ، ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى پادىشاھىم يەكەنگە خوجا ئابدۇسەمەت قەشقەرىنى باشلىق قىلىپ بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن ھەممە لەشكەرلىرى بىلەن ئاتلىنىپ ھەزرىتى ئەلى ئارسلانخان شاھادەت تاپقان يەرگە يېتىپ كەلدى . تەزىيەلىرىنى تۇتۇپ ، مەجنۇنغا ئوخشاش زار – زار يىغلىشىپ كۆزلىرىدىن باھار يامغۇرىدەك ياش تۆكۈشتى . تەزىيەتتىن كېيىن ئاش قىلىپ لەشكەرلەرگە بەردى خەتمە – قۇرئان قىلىپ ساۋابىنى شېھىتلەر ئەرۋاھىغا بېغىشلىى. دەردنىڭ ئەڭ يامىنى ، ئازابلايدىغىنى پىراق – ئايرىلىش دەردىدۇر . ئاندىن كېيىن ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى پادىشاھ :
- يا ئىلاھ ، شېھىت ئەلى ئارسلانخاننىڭ جەسىتىنى قانداق قىلىمىز ؟ - دەپ ئاللا دەرگاھىغا ئىلتىجا قىلدى . غايىبتىن :
- شېھىت بولغان يەرگە دەپنە قىلىڭلار ، - دېگەن ئاۋاز كەلدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان سەيد ئەلى ئارسلانخاننىڭ قېشىغا كېلىپ ، مۇبارەك بېشىنىڭ يوقلۇقىنى كۆردى . بۇ ھالدىن ھەممە ھەيران قالدى .
ئەلقىسسە ، رىۋايەتچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە : ئۇنىڭ مۇبارەك بېشى تېنىدىن جۇدا بولغاندا :
- بېشىمنى غانجۇغامغا بەنت قىلىپ ، شەمشىرىمنى ئىگەر ئۈستىگە قويغىن ! – دېگەن ئاۋاز كەلگەن . مۇبارەك ئارغىماق ئېتىنى ئەپكېلىپ ، قورال ياراقلىرىنى ئىگەر ئۈستىگە قويغاندا ، ئارغىماق كاپىرلار تەرەپكە كىرىپ كېتىپ ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە نەچچە مىڭ كاپىرنى جېنىدىن جۇدا قىلىپ غايىپ بولغان .
ئاللا تائالا مۇنداق دېگەن : " ئاللانىڭ يولىدا شېھىت بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلمىغىن ، بەلكى ئۇلار تىرىك ، ئاللانىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمان قىلىنىدۇ " .
يەنە بەزى رىۋايەتچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى " بۇ شېھىتلەرنى قانداق قىلساق بولار ئىكەن " دەپ ھەيرەتتە تۇراتتى . ئۇمىرالار ۋە جىمى لەشكەرلەر :
- ئەي پادىشاھى ئالەم ، شېھىتلەر ھەققىدە ھەزرەتلىرى بىر دۇئا قىلسىلا ، بىز ائامىن دېسەك ، ئېھتىمالغا يېقىنكى ، ھەزرەتلىرى دۇئاسىنىڭ بەرىكەتىدىن شېھىتلەرنى كاپىرلاردىن ئايرىپ ئېلىشىمىز ئاڭاي بولغاي ، - دەپ مەسلىھەت بەردى .ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان يالاڭباش بولۇپ كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قول ئېچىپ دۇئا قىلدى . بارچە مۇسۇلمانلار " ئامىن " دېدى . تېخى دۇئا تامام بولمىغان ئىدى . بىردىنلا ئاجايىپ بىر ھادىسە يۈز بەردى . يەنى ئاسمان قاراڭغۇلىشىپ . قاتتىق بوران چىقتى . بىر سائەتتىن كېيىن بوران پەسىيىپ جاھان قايتا يورۇدى . قارىسا شېھىتلەرنىڭ تېنى ئوڭدا ، كۇپپارلارنىڭ دۈمدە : مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزى ئاق ، كۇپپارلارنىڭ يۈزى قازاندەك قارا بولۇپ قاپتۇ . شۇنىڭدەك يەنە شېھىتلەرنىڭ ئۈستىگە قۇم ، كۇپپارلارنىڭ ئۈستىگە شور يېغىپتۇ . شۇ سەۋەبتىن بۇ جايغا " قۇمى شەھىدان " ( شېىھىتلەر قۇملۇقى ) دەپ ئات قويۇلدى . ئاندىن كېيىن شېھىتلەرنى دەپنە قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ھەققىدە ئاش ، خەتمە – قۇرئان قىلىپ ساۋابىنى شېھىتلەر ئەرۋاھىغا بېغىشلىدى . قىرىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن خوجا چىققە ئايۇپ رەھمەتۇللانى باش شەيخ ، قىرىق كىشىنى خىزمەتكار قىلىپ تەينلىدى . بەش كەنت ئۆستىڭىنىڭ بويىنى ( ھەر موسىنى بىر مىسقالدىن ئالتۇنغا ) سېتىۋېلىپ ، ھەزرىتى شېھىت ئارسلانخاننىڭ مازىرىغا ۋەخپە قىلىپ بەردى . ئاندىن لەشكەرلىرىنى ئېلىپ قەشقەرگە قايتىپ كەلدى . پۈتۈن قەشقەر خەلقى زار – زار يىغلاپ ماتەمدار بولدى . ماتەمدىن كېيىن ، ئاش قىلىپ قەشقەرنىڭ بارچە چوڭ – كىچىكلىرىگە بېرىپ ، خەتمە قۇرئان قىلىپ ساۋابىنى شېھىتلەر ئەرۋاھىغا بېغىشلىدى .
ئەلقىسسە ، يەنە بىر رىۋايەت شۇكى ، ھەزرىتى شېھىت ئەلى ئارسلانخان پادىشاھنىڭ مۇبارەك بېشىغا تىغ تېگىپ تېنىدىن جۇدا بولغاندا ، باش ئاسمانغا چىقىپ غايىپ بولغان ئىدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى پادىشاھىم پۈتۈن ئالەمنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى كېزىپ ، ھېچبىر يەردىن تاپالماي كەلدى .
تارىخقا تۆت يۈز سەكسەن توققۇز ، ماھى مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى كۈنى – جۈمە ئىدى . ئەلانۇر خېنىمغا مەككە مۇئەززەمدىن : « بۈگۈن قىرىق كۈن بولدى ، مەككىدىن چىنار تۈۋرۈكلۈك ئۈچ تام غايىپ بولدى ، شۇ تام قەيەردە بولسا ئوغلىڭىزنىڭ بېشى شۇ يەردە » دېگەن خەۋەر بىشارەت بولدى . ئەلانۇر خېنىم بۇ بىشارەتنى ھەسەن بۇغراخان غازىغا بايان قىلدى . ھەممە ئۇمىرالار « ھەق ۋە راستتۇر » دەپ زار – زار يىغلاشتى . ئۇلار ئەتىسى ئىستەپ چىقىپ غايىپ بولغان چىنار تۈۋرۈكى بىلەن ئۈچ تامنى قەشقەر دۆلەتباغدىن تاپتى ، « ھەزرىتى شېھىت ئەلى ئارسلانخاننىڭ مۇبارەك بېشى راست شۇ يەردە » دەپ ئەقىدە باغلاپ ، قەبرىسىنى ياساتتى . ھەزرىتى شېھىت ئەلى ئارسلانخان پادىشاھ ھەققىدە قەشقەر خەلقىگە ئاش بېرىپ ، خەتمە قۇرئان ئوقۇپ ، ساۋابىنى شېھىتلەر ئەرۋاھىغا بېغىشلىدى . سەئىد ناسىر خوجىنى شەيخ ، يىگىرمە بەش كىشىنى خىزمەتكار قىلىپ تەيىنلىدى . نۇرغۇن يەر سۇ سېتىۋېلىپ مازارغا ۋەخپە قىلىپ داش قازانلارنى تەييار قىلدۇرۇپ ، خىزمەتكارلارغا :
- بۇ ۋەخپىنى ھەزرىتى شېھىت ئەلى ئارسلانخان پادىشاھ ھەققىدە بەردۇق ، دائىم دۇئا ، تەكبىر قىلىڭلار ، خۇدايىتالادىن غافىل بولماڭلار ، - دەپ قايتا – قايتا تاپىلاپ قارارگاھىغا قايتىشتى .
ھەزرىتى ئارپ بىللا :
- ھەر كىشىنىڭ مۇھىم ھاجىتى بولسا ، ھەزرىتى پادىشاھ شېھىت ئەلى ئارسلانخان قەددەسەللاھۇ سىررەھۇنىڭ مۇبارەك مازىرىغا بېرىپ ئاللاغا زار – زار يىغلاپ يال بەرسە ، ھەزرەتنىڭ قازانلىرىنى قاينىتىپ ، چىراغلىرىنى ياندۇرسا ، ھاجىتى شەك – شۈبھىسىز راۋا بولغاي ، قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ تۇغ – ئەلەملىرىنىڭ تۈۋىدىن ئورۇن ئېلىپ ، شاپائىتى بىلەن بېھىشكە كىرگەي ....... – دەيدۇ .
ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى پات – پات ئۇلۇغلار ماكانىغا كېلىپ ، ئاجىزلارغا نەزىر بېرىپ ، ھەزرىتى شېھىت ئەلى ئارسلانخاننىڭ مۇبارەك قەۋرىسىنى زىيارەت قىلىپ ، داشلىرىنى قاينىتىپ ، چىراغلىرىنى ياندۇرۇپ ، دۇئا – تەكبىر قىلىپ ياناتتى .
رىۋايەتچىلەر مۇنداق ھېكايە قىلىدۇكى : ھەسەن بۇغراخان غازى ، يۈسۈپ قادىرخان غازى ۋە ھۈسىيىن بۇغراخان غازىلار ئون ئىككى يىل پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردى . ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا ئىسلام دىنى شۇنداق راۋاج تاپتىكى دەستار كىيمىگەن بىرمۇ كىشىنى تاپقىلى بولمايتتى . ئەگەر دەستار كىيمىگەن بىرەر كىشى ئۇچراپ قالسا ، بېشىغا مىخ قېقىلاتتى . بۇ دەۋردە شۇنداق مەئىمۇرچىلىق بولغانكى ، بىر چارەك بۇغداينى ئىككى پۇلغا ، ئارپا قوناقنىڭ چارىكىنى بىر پۇلغىمۇ ئالمايتتى .
شېئىر
ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇقنىڭ ئەسىرىدە ،
جايى مۆمىنلەر قەسىرىدە .
ھەم چىنار تەختى پەيغەمبەر ئەردىلەر ،
بارچە مۇسۇلمانلارغا رەھبەر ئەردىلەر .
چۈنكى ئولتۇردى خلاپەتكە ھەسەن ،
ۋەختى سىدىق ئەردىلەر ئى خۇش سۇخەن .
ۋەختى ئولتۇردى ھۈسەيىن بۇغراخان ،
ئەردى گويا ۋەختى پارۇق ئول زامان .
ھەزرىتى غازى ھەسەن ئولتۇردىلەر ،
ھەزرىتى ئوسمان كەبى ئى باخەبەر .
ھەزرىتى غازى يەنە ئوسمان شەھى ،
شەرئىگە بەردى راۋاج ھەمچۈن ئىلى .
قىلدى جەڭ ئول ئارسلان پادىشاھ ،
ھەم چىنان ئول ھەسەن بىننى مۇرتىزا .
ھەزرىتى غازى يۈسۈپ ھەم بەركامال ،
جەڭ قىلىپ ئۆتتى ھۈسەيىندەك بى شامال .
ئول زامان بۇ زاتلار ھەم سۇلتان ئىدى ،
خار ئىچرە كىرسىلەر بوستان ئىدى .
داغ ئۇلارغا قىلمىسا ئالەم ۋاپا ،
بىزگە قىلغايمۇ ۋاپا ئىللا جاپا .
ئۆمرىمىز ئىچرە قىلىپ پىسقى پۇجۇر ،
قىلمايىن بىر لەھزە تائەت بەھۇزۇر .
تاڭلا ھەق سورىسا سەندىن كۆپ سوئال ،
بىر جاۋابنى بەرمەكىڭ سەندىن ماجال .
پادىشاھ قىلغىنىسەن تۆۋپىق ئاتا ،
ۋەرنەمەندە يوقتۇرۇر غەيرەز خاتا .
ئەلقىسسە ، مەۋلانە سەئىددىن قەشقەرى تۈركىستاندىن ئۈچ سەردارنىڭ يۈز كىشى بىلەن ئەلچىلىككە كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان پادىشاھ كىرىشكە ئىجازەت بەردى . خوجا ئابدۇللا تۈركىستانى بىلەن خوجا ئەبۇبەكرى تاشكەندى نەچچە يەردە زېمىن بۇسە قىلىپ كىرىپ كەلدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى پادىشاھ : « ھارماڭلار ، ھالىڭلار قانداق ؟ رىيازەت تارتتىڭلارمۇ ، مېھنەت – مۇشەققەت چەكتىڭلارمۇ » دەپ سورىدى . ئۇلار تازىم بىجا كەلتۈرگەندىن كېيىن :
- ئەي پادىشاھى ئالەم ، تۈركىستان ۋىلايىتىدە كۇپپار بولغاچقا ، ھەزرەتلىرىدىن پانا ۋە شاپائەت تىلەپ كەلدۇق ، - دېدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان پادىشاھ : « لەشكەرلەر جەمئىي بولسۇن . » دەپ ئەمىر قىلدى . جاي – جايلاردىن ھېسابسىز لەشكەرلەر كېلىپ تەييار بولغاندىن كېيىن ، ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان پادىشاھ قەشقەرگە ھۈسەيىن پەيزۇللا خوجا ، خوجا بىغەم خوجا ، ئوبۇلقاسىم قەشقەرىيلەرنى سەردار قىلىپ ، ئۇلارغا : « سىلەرنى ئاۋال خۇداغا ، ئىككىنچىدىن مۇھەممەت مۇستەفا سەللەللاھۇ ئەلەيھى سەسسەلەمگە ، ئۇچنچىدىن پەدەر بۇزۇرۇكۋارىم – ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخانغا تاپشۇردۇم . » دەپ دۇئا قىلىپ ، ئۆزى ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى ، غازى ھۈسەيىن ، ھۈسەيىن بۇغراخان غازى بىلەن بىرلىكتە تۈركىستان دىيارىغا ئاتلاندى . بۇ نۆۋەت شۇنداق يۈرەكلىك ، ئەزىمەتلەر توپلانغانكى ، ئۇلار ئوتقا كىرىشتىنمۇ قورقمايدىغان مۇستەھكەم ئىرادىلىك باتۇرلار ئىدى .
شېئىر
جەڭ مەيدانىدا ئول ئەھلى دىل ،
ھەر بىرسى ئەردى گويا شىردىل .
بار گۇيىدەك ھەممىسى ۋە تىغ زەن ،
زۇلفە ئەردى بارەسى سەپ شىكەن .
بارچە جاھانگىر ئەردى ھۆسنى ھەسىپ ،
جەڭ قىلىپ ئەردى ھەممەسى چۈن رەقىب .
ئىشق ئوتىدەك بارچەسى جانسۇز ئىدى .
غەمزە ئوقىدەك ھەممەسى دىلسۇز ئىدى ،
بارچەسى خۇنرىز ئىدىلەر چۈن پىراق .
ھىجرىدىن ئەردى بەسى قەتتالراق .
بۇ سۈپەتلىك جەڭگىۋار پالۋانلار سەپ تارتىپ تۈركىستان دىيارىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇ يەرنىڭ چوڭ – كىچىك ھەممىسى ئۆزىچە ئىتائەت قىلىپ ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان پادىشاھنىڭ دەرگاھىغا يېتىپ كېلىشتى . ئايىغىغا يىقىلىپ ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى . ئاندىن ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى ھەممە غازىلار بىلەن بىرلىكتە سۇلتان خوجا ئەخمەت يەسەۋىنىڭ مازىرىنى تاۋاپ قىلدى . ئاش بېرىپ ، خەتمە قۇرئان ئۆتكۈزۈپ ساۋابىنى بۇزۇرۇكۋارنىڭ ئەرۋاھىغا بېغىشلىدى .
ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان شۇ يىلى ياز ، قىشتا تاشكەنتتە تۇرۇپ تۈركىستاننى پۈتۈنلەي بويسۇندۇردى . كېيىنكى يىلى خوجا ئەخمەت يەسەۋىنىڭ ئانىسى بىبى مەريەم خېنىمنى بىللە ئېلىپ كېلىپ ، تامام لەشكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە شەھەرمۇ – شەھەر يۈرۈپ خەلقنى ئىمانغا دالالەت قىلىپ ، توغرا يولغا كىرگۈزۈپ مادايىنغا كەلدى . بۇ يەردە ھەزرىتى ئىمام ناسىرىددىن ، ئىمام قەۋمىددىن ، ئىمام سەئىددىن ، ئىمام مۇھىددىنلارنىڭ قېشىغا كىرىپ ، ئۇلار بىلەن بىر – بىرلەپ كۆرۈشتى . ئېلىپ كەلگەن تۆھپە – ھەدىيەلەرنى بىر – بىردىن ئۆتكۈزدى ۋە بولغان ۋەقەلەرنى بىردىنبىر بايان قىلىپ زار – زار يىغلاشتى . خەتمە – قۇرئان قىلىپ ساۋابىنى شېھىتلەر ئەرۋاھىغا بېغىشلىدى . بىر نەچچە كۈن زىيارەت قىلغاندىن كېيىن بۇ جايدا تۇرۇپ قېلىشتى .
بىر كۈنى ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى ، ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى ، ھەزرىتى ھۈسەيىن بۇغراخان غازىلار پەگاھقا چۈشۈپ ھەزرىتى ئىماملارغا :
- يا تەقسىر ، جەددىمىز ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازى يۈرگەن يوللاردا يۈرسەك ، جەددىمىزنىڭ قىلىچىنى چاپساق ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەزرەتلىرىنىڭ ئىلتىپات ۋە شەپقەتلىرىدىن ئۈمىدۋارمىز دەپ ئىلتىماس قىلدى . شۇ سائەتتە ئىمام ناسىرىددىن دۇئاغا قول ئېچىپ :
- سىلەرنى ئاۋۋال خۇداغا تاپشۇردۇم ، ئىككىنچىدىن جەددىم ھەزرىتى مۇھەممەت مۇستەفا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمگە ، ئۈچىنچىدىن بوۋىمىز ھەزرىتى مۇرتىزاغا ، ئىمام ھەسەنگە ، ئىمام ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ تائالا ئەلەيھىم ئەجمەنئىنگە تاپشۇردۇم ، - دەپ دۇئا قىلدى . « ئامىن » دېدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى باشلىق شاھزادىلەرگە ئىماملاردىن رۇخسەت بولغاندىن كېيىن ، ئۇلار بارلىق لەشكەرلىرىنى ئېلىپ ، شەھەرمۇ – شەھەر ، قەلئەمۇ – قەلئە بېرىپ ، ئاتىسى يۈرگەن يوللاردا يۈرۈپ ، چۈشكەن يەرلەرگە چۈشۈپ ، پەدەرلىرىنىڭ قىلىچلىرىنى چېپىپ ، كۇپپارلارنى فەتھ قىلىپ ، دەريايى ئامۇ ، دەريايى قۇلزەم ۋە خۇراسانلارغىچە بېرىپ ئىسلام ئاچتى . بۇلارنىڭ شەمشەرلىرىنىڭ شولىسىدىن كۆپ ئىقلىم – شەھەرلەر روشەن مۇنەۋۋەر بولدى . ھەزرىتى مۇھەممەت مۇستەفا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمنىڭ شەرىئەتى يولغا قويۇلۇپ ، دىنىي ئىسلام ، بەرقارار بولدى .
ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتتى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازىلار « ئەمدى قەشقەرگە يانايلى » دەپ تۇراتتى ، « قەشقەر كاپىرىستانلىققا ئايلىنىپتۇ » دېگەن خەۋەر ئاڭلاندى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان يۈسۈپ قادىرخان غازىغا :
- ئەي پەرزەنت ، سىز مەدايىنغا بېرىپ ھەزرىتى ئىماملارغا قەشقەر كاپىرىستانلىققا ئايلىنىپتۇ ، ھەزرەتلىرىدىن مەدەت تىلەيمىز دەپ ئەرز قىلىڭ ، - دەپ بۇيرۇدى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى مادايىنغا راۋان بولغاندىن كېيىن ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى :
- دەرھال ئەسكەرلەر جەم بولسۇن ، - دەپ يارلىق قىلدى . يەتمىش مىڭ لەشكەر ھازىر بولدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى بۇ لەشكەرلەر بىلەن قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ شەھەرنى قامال قىلدى . كاپىرلار بۇ شەھەرنىڭ خەلقىگە ئىت ، ئېشەك ، توڭگۇز گۆشىنى يىگۈزۈپ ، ئۆز دىنىغا كىرگۈزۈپ ئالغانلىقتىن ، ئۇلار ھارام ئىشلارنى مۇباھ بىلىپ ، پۈتۈنلەي كاپىر بولۇپ كەتكەن ئىدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى ھەر كۈنى جەڭ قىلىپ ، كاپىرلارنى قىرىپ ، قېنىنى دەريا قىلىپ ئېقىتتى . مۇسۇلمانلار شەھەرنى بەش ئاي قامال قىلدى . تا بەش ئايغىچە شەھەردىن بىرمۇ كىشىنى سىرتقا چىقارغۇزمىدى . ئاخىر كاپىرلار چىداشلىق بېرەلمەي ، شەھەر ئىچىدىن لەشكەر تارتىپ سىرتقا چىقتى . مۇسۇلمانلار تەرەپتىن ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى مەيدانغا كىردى . كاپىرلار تەرەپتىن بولسا جوقتى رەشىد مەيدانغا كىردى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان مەيدانغا كىرىپ ، شىجائەت كۆرسىتىپ ، نام – نەسەبلىرىنى بايان قىلىپ شۇنداق جەڭ قىلدىكى ، كاپىرلارنىڭ قېنىنى دەريادەك ئېقىتتى . پەرىشتىلەر ئاپىرىن ئوقۇدى .
كەچ كىردى . مۇسۇلمانلار شېھىتلەرنى دەپنە قىلىپ قويۇپ ئارامگاھقا يېنىپ كەلدى . ئاش ئېتىپ تائامدىن كېيىن خەتمە قۇرئان قىلىپ ساۋابىنى شېھىتلەر ئەرۋاھىغا بەخش ئەتتى . بۇ كېچە شېھىتلەرنى يادلاپ تاڭنى ئاتقۇزدى . نامازدىن يېنىپ سەپنى راستلىدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان ئورنىدا – تۇغ تۈۋىدە ھەزرىتى ھۈسەيىن بۇغراخان غازىنى قويۇپ ، ئۆزى مەيدانغا كىردى . جەڭ قىلا – قىلا ، قان دەريا بولۇپ ئاقتى ، كاپىرلارنىڭ بېشى ساينىڭ تېشىدەك ياتتى . ئۇلارنىڭ تۇغ ئەلىمى سۇنۇپ ۋەيران بولدى . كاپىرلار پاراكەندە بولۇپ ھەر تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى كاپىرلارنى قوغلاپ ئۇرتوقاي – سۈرتوقاي قىلىپ كۈسەن دەرياسىدىن ئۆتكۈزىۋېتىپ مال – ئەمۋال ، قورال – ياراق ۋە جابدۇقلىرىنى ئىنتايىن كۆپ ئولجا ئېلىپ زەپەر بىلەن قەشقەرگە قايتىپ كەلدى . شەھەرنىڭ چوڭ – كىچىك ھەممە پۇقرالىرى ، ئوق ، قىلىچ ، ساغداقلىرىنى بويۇنلىرىغا ئېسىپ ، ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان پادىشاھىمگە ئىتائەت قىلىپ ، بويسۇنۇپ ئالدىغا چىقتى . قەشقەرنىڭ ئۇمىرا – ئۆلىمالىرى شادلىققا چۆمۈپ بۇ نەزمىنى ئوقۇدى :
نەزمە
كەلدىلەر بىزگە يېتىپ ھەق لۇتپىدىن بىر شەھرىيار ،
تىلئەتى روشەن قىلىپ ئالەمنى چۈن خۇرشىدىۋار .
بولدى سەبزە سەيزە خۇررەم كەلمەك ئىلە ئول باغ مىراد ،
غۇنچىلەر ئەمدى ئاچىلدى ، يەتتى گويا نەۋباھار .
زۇلمىتى كۇپرى ئىلە بۇ كاشغەر تەرىك ئىدى ،
كەلدى چۈن بىر ماھى تابان قىلدى لەيلىنى ناھار .
مال – جانۇ ، مەملىكەت ، ئى پادىشاھى ئالەم پانا ،
بارچەسى كىم خاك پايىڭغە سېنىڭ بولسۇن نىسار .
ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى قەشقەر خەلقىنى ئىسلامغا دالالەت قىلىپ ياندى . خەلق يېڭىباشتىن ئىمان كەلتۈرۈپ ، ئىسلام دىنىغا مۇشەررەپ بولدى ھەم ئۇلار پۇل ، ماللىرىنى ، ھەتتا جان – تەنلىرىنى ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان پادىشاھىمغا تەقدىم قىلدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى بولسا بۇ پۇل – ماللارنى ئىسلام لەشكەرلىرىگە ، پەقىر كەمبەغەل پۇقرالارغا تەقسىم قىلىپ بەردى . ئاندىن ئاش قىلىپ ، قەشقەرنىڭ چوڭ – كىچىك پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسىنى مېھمان قىلدى . خەتمە قۇرئان قىلىپ ، ساۋابىنى شېھىتلەر ئەرۋاھىغا بەخش ئەتتى .
رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە ، ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخاننىڭ پادىشاھلىق تەخـتىگە ئولتۇرغانلىقى ھەممە خەلق ، جىمى يۇرتلارغا مەلۇم بولدى . لەشكەرلىرى كۈندىن كۈنگە زىيادە بولدى . سەلتەنىتى دەمبەدەم ئۇلغايدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان مانا مۇشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە : « كاپىرلار بىزگە ئامانلىق بەرمەيۋاتىدۇ ، لەشكەرلەر جەم بولسۇن » دەپ يارلىق قىلدى . ئۈچ كۈندە بارلىق لەشكەرلىرى جەم بولدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى ئۇلارنى باشلاپ يېڭىسارغا چۈشتى . كاپىرلار بۇ يەردە بېشى ئالتۇنلۇقتىن ئايىغى قارا ئۆتەڭگىچە بولغان يەرلەرنى ئىگىلەپ تۇرغان ئىدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى بۇ كاپىرلار بىلەن نەچچە كۈن جەڭ قىلىپ ، ئۇلارنى قىرىپ قېنىنى دەريادەك ئاققۇزۇپ ، ئاخىر تاغ باغرىغا قوغلاپ باردى . بىراق بۇ چاغدا تاغ ئىچىدىن نەچچە مىڭ كاپىر چىقىپ مۇسۇلمانلارنى شېھىت قىلدى . ھەسەن بۇغراخاننىڭ بەدىنىدىكى ھەر بىر تال موي نەشتەردەك تىك تۇردى . ئۇ خۇددى مەست تۆگىدەك ئاغزىدىن كۆپۈك چاچرىتىپ ، پۇرقىراپ جەڭگە كىردى . جەڭ شۇنداق قاتتىق بولدىكى ، نەچچە مىڭ كاپىر جەھەننەمگە ئەۋەتىلدى . كاپىرلارنىڭ خۇنى جەيھۇندەك ئاقتى . ئاللا – تائالانىڭ تەقدىرى ۋە ھۆكمى بىلەن شۇ كۈنكى جەڭدە تەبرىزنىڭ سەردارلىرىدىن خوجا ئەبۇل مۇزەپپەر تەبرىزى ، ئەبۇل مەنسۇر تەبرىزى ، ئابدۇللا ئىبنى مۇھەممەت تەبرىزى ۋە ئابدۇراخمان ئىبنى مۇھەممەت تەبرىزىلەرنىڭ نەچچە يېرىگە ئوق تېگىپ ، شاھادەت قانىتى بىلەن جەننەتۇل پىردەۋىسكە راۋانە بولدى .
بىيىت
دۇنيا دوستلىرىغا قىلمايدۇ ۋاپا ،
ۋاپا ئۈمىدۋارۇ ، ھەممىسى جاپا .
شۇ كۈنى مۇسۇلمانلاردىن ئۈچيۈز كىشى شەربەت شاھادىتىنى ئىچتى . شۇ سەۋەبتىن بۇ جايغا تەبرىز دەپ ئات قويۇلدى .
كەچ كىردى . مۇسۇلمانلار جەڭدىن يېنىپ ، ئۆلگەنلەرنى دەپنە قىلىپ ئارامگاھقا چۈشتى . يارىدارلارنىڭ يارىلىرىغا دورا سۈرتتى . تائامدىن كېيىن خەتمە قۇرئان قىلىپ ، ساۋابىنى شېھىتلەر ئەرۋاھىغا بېغىشلىدى .
( داۋامى بار )

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-29 14:23 |
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1760
نادىر تىمىسى : 4
يازما سانى : 340
ئۈنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە340دانە
شۆھرىتى: 1375 نومۇر
پۇلى: 3145 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :305(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
ئەتىسى پادىشاھ ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان ئۇمىرالىرى بىلەن بىرلىكتە ناماز بامداتنى ئۆتەپ بولۇپ ، سەپنى راست قىلىپ جەڭگە ھازىر بولۇپ تۇردى . چىگالو خالخال ماچىن مەيدانغا كىردى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان مەيدانغا ھەيۋەت كىرگۈزۈپ بۇ رۇبائىينى ئوقۇدى .
رۇبائىي
دەردۇ – غەم ئاباد جاھان بى يار بۇدەن مۈشكۈلەست ،
غەم زەھىد بى گۈزەشت بى غەمخار بۇدەن مۈشكۈلەست .
رەپتە ئان دىلدار دىلخۇن كۈشتەئىى باخۇد مىران ،
ئى ئەزىزان بىدىل دىلدار بۇدەن مۇشكۈلەست .
ئاندىن ئۇ جەڭگە كىرىپ ، كاپىرلارنى قىرىپ ، قېنىنى دەريادەك ئاققۇزدى . كاپىرلارنى قانچە ئۆلتۈرگەنسېرى شۇنچە غولداپ كېلىپ ئەتراپنى قورشىۋالدى . بۇ دەشتتىن ھېچ يەرگە قېچىشنىڭ ئىلاجىسى بولماي ، شۇ يەردە بىقارار بولدى . يەتتە كۈنگىچە بىر قەترە سۇ تېپىلمىدى . مۇسۇلمانلار ئاچلىق – تەشنالىقتا تاقەتلىرى قالمىدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى ھەق سۇبھانەۋە تائالاغا سېغىنىپ تەۋەججۇ قىلدى . شۇ سائەتتە خۇدايىتالانىڭ رەھمى ۋە ئىنايىتى بىلەن ئىككى پاك سۈرەت پەيدا بولدى . بۇلارنىڭ بىرىنىڭ قولىدا ئالتۇن پىيالە ، يەنە بىرىنىڭ قولىدا ئالتۇن ئاپتۇۋا بار ئىدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى : - بۇ نېمە ؟ - دەپ سورىدى . ئۇ ئىككىيلەن :
- بۇ زەمزەم سۈيى – دەپ ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخاننىڭ قولىغا بەردى . شۇ ئىككى پاك سۈرەتنىڭ بىرسى جەبرائىل ئەلەيھىسالام ، يەنە بىرسى بىر پەرشتە ئىدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى بۇ سۇنى قولىدىكى ئالتۇن پىيالىغا قۇيۇپ ئىچتى ۋە قالغىنىدا تەرەت ئېلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى . ئاندىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە نالە – زار قىلدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخاننىڭ تامغان ياشلىرى بىلەن تەرەتتىن تۆكۈلگەن سۇلار تاش ئۈستىدىن يەرگە سېزىپ چۈشۈپ ئىككى جايدا سۇ پەيدا بولدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان خۇدايىتائالاغا ئىنتايىن كۆپ ھەمدۇسانا ئېيتتى . ئۇ ھاسىسىنى سانجىپ قويغان يېرىدىن ئالاي دەپ قارىسا ، ھاسىمۇ خۇدايىتائالانىڭ قۇدرىتى بىلەن كۆكلەپ قالغان ئىدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى بۇنىڭدىن : « بىزنىڭ قارارگاھىمىز مۇشۇ يەر ئىكەن » دەپ بىلىپ بۇ جايغا « دەشت كۆل » دەپ ئات قويدى . ئاندىن مۇسۇلمانلارغا سۇنى ئىچىشنى ئەمىر قىلدى . مۇسۇلمان لەشكەرلەر بۇ سۇدىن قانغۇچە ئىچىپ ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخاننىڭ بۇ كارامەتلىرىگە تەھسىن – ئاپىرىن ئېيتىپ يېڭىباشتىن بەيئەت قىلدى . ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخانغا بولغان ئېتىقاد – ئىخلاسى ھەسسىلەپ ئاشتى . ئۇلار تېخىمۇ غەيرەتلىنىپ ، دەشت كۆل دېگەن يەردە نەچچە كۈن قاتتىق جەڭ قىلدى . لېكىن كاپىرلار غالىپ كېلىپ مۇسۇلمانلارنى خاراب قىلدى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان ۋە بارلىق ھاكىم – ئۇمىرالار بۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن بىتاقەت بولدى . ئەتىسى يەنى مۇھەررەمنىڭ ئون تۆتى ، چارشەنبە كۈنى ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان بەش مىڭ لەشكەر بىلەن كاپىرلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كەلدى . كاپىرلار تەرەپتىن جوقتى رېشىد ئون مىڭ كىشى بىلەن مۇقابىل بولدى . شۈ كۈنى ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان مەيدانغا كىرىپ ، ئوڭدىن سولغا ، سولدىن ئوڭغا چېپىپ يۈرۈپ شۇنداق قاتتىق جەڭ قىلدىكى ، بۇ جەڭ « قويسا ھەر بار ، ئوق ئاتارغا قول ، ئوقىغا يوق ئىدى خاتا سارى يول » دېگەندەك بولدى . بىراق بۇ كۈنىمۇ كاپىرلار غالىپ كېلىپ ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازىنى شېىھىتلىك دەرىجىسىگە يەتكۈزدى .
مەسنىۋى
ئەگەر تاپساڭ ھايات خىزرى ، ئىلياس ،
كېتەر سەن بۇ جاھاندىن ئەييۇھەنناس .
ئەگەر تاپساڭ تىرىكلىكتىن دۇدى بارە ،
ساڭا يوقتۇر ئۆلۈمدىن ئۆزگە چارە .
رۇبائىي
دەرىخا كەتسە دۇنيادىن بۇلاردەك ئارىپ بىللا ،
كى بىزدەك رۇسىيە ( قارا يۈز ) لەرگە ۋاپا قىلماس ، بولۇڭ ئاگاھ .
ئەگەر لوقمان سۈپەت دۇنيا ئۆمرۈڭ مۇسەممەن كورسەڭ ،
قىلۇر مەجرۇھ جىسمىڭنى قازا تىرى كېلىپ نىگاھ .
بۇ كۈنى مەريەم خېنىممۇ جەڭگە كىرىپ ، كاپىرلارغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن كاپىرلارنى جەھەننەمگە يولغا سالدى . ئۆزى بولسا شاھادەت شارابىنى ئىچىپ ، ھەقىقى سائادەتكە مۇيەسسەر بولدى .
ئۇ كۈنى كەچ بولدى . ھۈسەيىن بۇغراخان غازى باشلىق بارلىق مۇسۇلمانلار ئارامگاھقا يېنىپ چۈشتى .
تائام يەپ ، خەتمە قۇرئان قىلپ ، ساۋابىنى شېىھتلەر ئەرۋاھىغا بەخش ئەتتى . ئەتىسى تاڭ ئاتتى ، مۇسۇلمانلار نامازدىن كېيىن سەپنى راست قىلدى . بۇ كۈنى يەككىمۇ – يەك جەڭ بولدى . مۇسۇلمانلار كاپىرلارنى قانچە قىرغاسېرى ئۇلار شۇنچە كۆپىيىپ كېلەتتى . ھەزرىتى ھۈسەيىن بۇغراخان غازى ھەيران بولۇپ : « بۇنىڭدىكى قىسمەت نىمىدۇر ؟ » دەپ ئارامگاھىغا قايتىپ كەلدى .
مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئون سەككىزى ئىدى ، مۇسۇلمانلار ناماز بامداتتىن يېنىپ لەشكەرگاھقا كەلدى . لەشكەرگاھتا ئاران ئوتتۇزمىڭ كىشى قالغان ئىدى . ھەزرىتى ھۈسەيىن بۇغراخان غازى پادىشاھىم بۇ ئەھۋالغا ئېچىنىپ ، بارلىق ئاخۇن ، ئاكابىر ، ھاكىملار بىلەن بىرلىكتە زار – زار يىغلاپ ياشلىرىنى باھار ئېقىتىشتى . پادىشاھ ھەزرىتى ھۈسەيىن بۇغراخان غازىنىڭ ئاخۇن ، ئاكابىر ، ھاكىملىرى بۇغراخاننىڭ ئالدىغا كېلىپ :
- ئەي پادىشاھى ئالەم ، بىز ھەزرەتلىرىدىن كېيىن قالغىچە جېنىمىز پىدا بولسۇن ، ئالدىلىرىدا جەڭ قىلىپ ئۆلگىنىمىز ياخشىراق – دەپ ھەسرەر چېكىپ جەڭگە كىردى . ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخاننىڭ شاھادەت تاپقانلىقىدىن ئۇلارنىڭ يۈرەك باغرى قان بولغان ھالدا نەرە تارتىپ ئۆزلىرىنى كۇپپار لەشكىرىگە ئۇردى .
مەسنىۋى
ئۆلتۈرۈپ كاپىر چېرىكىن بىشۇمار ،
خۇنى كۇپپار ئاقىتلەر چۈن ئەبرۇنەۋ باھار .
ئانھىمە ئۆلتۈردىلەر كاپىر ئېلىن ،
بولدى بىسيار جەڭ تەقدىر نېئىكىن .
جەڭ قىلىپ ئەردى يۈرۈپ چۈن ئارسلان ،
كۆپۈك ئۆرلەپ ئاغزىدىن بولدى راۋان .
يۈرۈر ئەردى جەڭ قىلىپ ئول پادىشاھ ،
ناگاھان ئوق تەگدى ئول تەقدىر ئىلاھ .
بولدىلەر ئەپكەندە قانسىراپ ھەمىن ،
كەلدى ئول سائەت قېشىغا بىرلەئىن .
ئۇل شاھىنشاھنى كېلىپ قىلدى شەھىت ،
ئىچتىلەر شەربەت شاھادەت ئو سەئىد .
باشلىرىدىن تەنلىرى بولدى جۇدا ،
لەرزىگە كەلدى زەمىن ۋە ھەم ساما .
كەلدى چۈن غەلىبە قىلىپ نوكتەرەشىت ،
لەشكەرى ئىسلامنى قىلدىلەر شېھىت .
بولدى گوياكى قىيامەت ئول زامان،
قاپقاراڭغۇ بولدى ئولدەم بۇ جاھان .
ھەپتە تەبىقە ئاسمانۇ ھەم زېمىن ،
تىترەدى چۈن بولدى بى تاقەت ھەمىن .
مالائىكىلەر ھەم قىلدىلەر كۆپ نالە-زار ،
يىغلادىلەر كىم مىسال ئەبرۇ باھار .
نالە ئەيلەپ يىغلادىلەر ھۇش تەيۇر ،
كەتكەچ ئالەمدىن ئۇشۇل نۇربا سەۋۇر .
ۋادەرىخا كەتسە ئانداغ غازىيان ،
كىمسەگە قالغاي بۇ پانى جاھان .
گەر سۇلايماندەك جاھانغا شاھسەن ،
چەرخ ئەتلەس ئۇزرە بولساڭ ماھى سەن .
گەرچە جەمشىت ئىشىكىدە بولسا نەدەم ،
ماھى يەڭلىغ ھۆرلەر بولسا ھەردەم .
ئاسمانلەرنى تاماشا ئەيلەسە ،
شېشە يەڭلىغ ئۆزىنى ھاشا ئەيلەسە .
ئاقىبەت تېرە ۋە مىران ئىستىتەر ،
يۈز نادامەت بىرلە ئالەمدىن كېتەر .
+                 +              +
كېتىپ بۇ ۋەسلىدىن چۈن ھەزرىتى ھەسەن غازى ،
قالىپتۇر يىغلىشىپ بۇلبۇل بولۇپ زاغلەرغە كۆپ بازى .
دەرىخا ھەسرەتتە كىم بىۋاپا كىمدۇر بىباھا دەۋران ،
قايان بارساق تېپىلمايدۇر ئۈلەردەك مەھرەمى رازى .

دەپ كاپىرلارنى مىڭلاپ قىرىپ ، خۇنىنى جەيھۇندەك ئاقتۇردى . ئۇ كۈنى ھۈسەيىن بۇغراخان غازىمۇ قاتتىق جەڭ قىلىپ ، نەچچە يۈز كاپىرنى جەھەننەمگە يولغا سالدى . ئۇ جەڭ قىلىپ كاپىرلارنى قوغلاپ كېتىۋاتقاندا مۇبارەك بەدەنلىرىنىڭ نەچچە يېرىگە ئوق تەگدى . قازايى ئاسمانى ۋە تەقدىر رەببانى شۇنداق بولۇپ ھەزرىتى ھۈسەيىن بۇغراخان قانسىراپ يىقىلدى . بەدبەخت كاپىر نۇكتەرەشىد ئۇنىڭ مۇبارەك بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ ، ھەزرىتى پادىشاھقا شاھادەت يەتكۈزدى .
بەزى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە ، ئۇ كۈنى ھۈسەيىن بۇغراخان بىلەن ھەسەن بۇغراخان غازى بىرلا ۋاقىتتا شېھىت بولۇپ ، بىر يەردە قۇچاقلىشىپ ياتقان دېيىلىدۇ. يەنە بەزى رىۋايەتلەردە ھەسەن بۇغراخان پادىشاھ كاپىرلارنى قوغلاپ يەكەننىڭ تۇققۇز كەنت دېگەن يېرىگە چۈشكەندە كاپىرلار بىلەن جەڭ قىلىپ شاھادەت تېپىپ ، شۇ يەردە ياتقان دېيىلىدۇ . راسىت سۆز ئالدىنقىسىدۇر .
ئۇ كۈنى گويا قىيامەت قايىم بولغاندەك ، جاھاننى قاراڭغۇلۇق بېسىپ ئاسمان – زېمىن لەززىگە كەلدى . ھەپتە تەبىقە ئاسمان پەرىشتىلىرى نالە قىلدى . مۇسۇلمانلار پاراكەندە بولۇپ ھەرتەرەپكە قېچىپ ، دەشىت باياۋانلارغا كىرىپ كەتتى . كاپىرلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھل –ئەۋلادىغا ئات سالدى . ھەدىيە تىركەن خېنىم قىزلىرى بىلەن قايراق ياقىسىغا چىقتى . كاپىرلار يېتىپ كېلىپ قول سۇنغاندا : خۇدا پانا بەرگىن دەپ نالە قىلغان ئىدى ، شۇ سائەتتە يەر يېرىلدى . ھەدىيە تىركەن خېنىم قىزلىرى بىلەن يەرگە كىرىپ غايىپ بولدى . كاپىرلار كېلىپ قەشقەرنى بېسىۋالدى .
ئەلقىسە ، ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان بىلەن ھەزرىتى ھۈسەن بۇغراخاننىڭ شاھادەت تاپقانلىق خەۋىرى ئۇلارنىڭ مادايىندىكى پەرزەنتى ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازىغا ئاڭلاندى . شۇ سائەتتە ھەرزىتى پادىشاھ يۈسۈپ قادىرخان غازى ھەزرىتى ئىمام ناسىرىددىن ، ئىمام قەۋمىدىن ۋە باشقا ئىمام زادىلەرنىڭ قېشىغا كىرىپ پەگاھدا تۇرۇپ :
-ئەي پادىشاھى ئالەم ، پەدەر – بۇزۇرۇكۋارىمنى كاپىرلار شاھادەتكە يەتكۈزۈپتۇ . ھەزرەتلىرىدىن مەدەت تىلەيمەن ،-دەپ ئەرز قىلدى . ھەزرىتى ئىمام ناسىرىددىن ۋە ئىمام قەۋمىدىنلار يۈز قىرىق مىڭ لەشكەرگە ھەزرىتى سەيىد جالالىدىننىڭ ئوغلى سەيىد ئالاۋىدىننى باش قىلىپ تۈركىستانغا يولغا سالدى . ئۇنىڭغىچە كاپىرلار ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازىنىڭ يۈز قىرىق مىڭ لەشكەر بىلەن مادايىندىن كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ پۈتۈن لەشكەرلىرىنى ئېلىپ چىن ماچىنغا قېچىپ كەتتى . قەشقەر خەلقى تۆھپە –ھەدىيىلەر ئېلىپ ، ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازىنىڭ ئالدىغا ئەندجان تېغىغىچە باردى . ئېتىنىڭ ئۆزەڭگىلىرىنى كۆزلىرىگە سۈرتۈپ پەشلىرىنى سۆيدى . شېھىت بولغان پادىشاھلارنى ياد ئېتىپ زار-زار يىغلىشىپ ، ياشلىرىنى باھار يامغۇرىدەك تۆكۈپ ھازا ئېچىشتى . تەزىيىدىن پارىغ بولغاندىن كېيىن ئاش، خەتمە قۇرئان قىلىپ ، ساۋابىنى شېھىتلەر روھىغا بېغىشلىدى . ئەتىسى ھەزرىتى پادىشاھ يۈسۈپ قادىرخان غازى قەشقەرگە راۋان بولدى . قەشقەرنىڭ ئاكابىر ، ئاخۇنلىرى ، چوڭ –كىچىڭ ھەممە پۇقرالىرى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ زار-زار يىغلاشتى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى بىتاقەت بولۇپ ھوشىدىن كەتتى .ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ بەخت ئىقبالى ھەققىدە دۇئا-خەير قىلدى . قەشقەر خەلقى پۇل-ماللىرىنى ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىمگە تەقدىم قىلدى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىم بۇ پۇل-ماللارنى پەقىر –پۇقرالارغا نەزىر قىلىپ بېرىپ ، قەشقەردىن ئالغان يىگىرمە مىڭ لەشكەر بىلەن تولۇقلانغان بىر يۈز ئاتمىش مىڭ كىشلىك لەشكەرنى ئېلىپ يېڭىسار مەۋزەئى – ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان ، ھۈسەيىن بۇغراخانلار شاھادەت تاپقان يەرگە قاراپ يولغا چىقتى . دەشىت كۆلگە يېتىپ بېرىپ شېھىتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئاھ ئۇرۇپ ھەسرەت چېكىپ ، بىھوش بولۇپ ئاتتىن يىقىلدى . خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ كۆزلىرى چەكچىيىپ قالدىمۇ ياكى بى ھوشمۇ ياكى ئۇيقۇدىمۇ ياكى ئويغاقمۇ ؟ دىيىشىپ يىغلاپ ماتەم تۇتتى . باشلىرىغا تۇپراق چېچىپ ، پەدەر-بۇزۇرۇكۋارىنى قۇچاقلاپ نالە زار قىلدى . لەشكەرلەرمۇ ماتەمدار بولدى . ھەزرىتى پادىشاھ يۈسۈپ قادىرخان غازى ماتەمدىن پارىغ بولغاندىن كېيىن ئاتىلىرى ھەسەن بۇغراخان بىلەن ھۈسەيىن بۇغراخانلارنىڭ تەندىن جۇدا بولغان باشلىرىنى بىر جايغا ئەپكىلىپ ۋەسلى قىلىپ ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن :
-ئى بارا خۇدايا ، ماڭا مۇبارەك مەنزىل باردىڭ ، سەن بارچىغا مەنزىل بەرگۈچىنىڭ ئەڭ ياخشىراقىدۇرسەن ،-دەپ يۈزىنى قىبلىگە قارىتىپ ، ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ياتقان شەكىلگە كىرگۈزۈپ جايى مەنزىلگە دەپنە قىلدى . ئاندىن دەشتىمۇ – دەشىت ئاختۇرۇپ يۈرۈپ شېھىت بولغان ھاكىملار ، ئۇمىرالارنى ۋە يىگىرمە بەش مىڭ شېھىتنى تېپىپ ئاتىلىرىنىڭ ئايىغىغا دەپنە قىلدى . بەش مىڭ قوي ، ئىككى يۈز تۆگە ، تۆت يۈز كالا ، بەش يۈز ئات ئۆلتۈرۈپ ، شېھىتلەر ھەققىدە ئاش قىلىپ بەردى . خەتمە قۇرئان قىلىپ ساۋابىنى شېھىتلەر ئەرۋاھىغا بېغىشلىدى ، ئاندىن شاھىنشاھ خوجا ياقۇپنى شەيخلىققا ، ئوتتۇز كىشىنى سىپارەخانلىققا ، قىرىق كىشىنى باشقا ئىشلارغا تەيىنلەپ بېشى ئالتۇنلۇقتىن ئايىغى ماڭشىنغىچە بولغان ئارلىقتىكى قارا چاناق ، سايلىق ئۆستەڭ بويلىرىدىكى يەرلەرنىڭ ھەر بىر چارەكلىكىنى بىر مىسقالدىن ئالتۇنغا ئېلىپ ، پەدەرلىرىنىڭ رەۋزىسىگە ۋەخپە قىلىپ ، ھەر بىر شەيخ ، سىپارەخان ، جارۇپكەشلەرگە :
-ھەسەن بۇغراخان باشلىق ھەممە شېھىتلەرنىڭ ئەرۋاھىغا دۇئا ، تەكبىر قىلىڭلار !-دەپ تاپىلىدى . ئاندىن يەنە : مەزكۇر پادىشاھلارنىڭ مازارىغا قويۇلغان ساھىپ تەكبىر لەر ۋە ئۇلار ئىجرا قىلغان ئىشلارنى ھەر قانداق كىشى قوبۇل قىلمىسا ياكى تاجاۋۇز قىلسا قىيامەت كۈنى بولغاندا ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان پادىشاھنىڭ ، شۇنداقلا بارلىق پادىشاھ غازىلارنىڭ ئالدىدا شەرمەندە ۋە قارايۈز بولۇپ ، دوزاخقا بارغاي ، مەزكۇر پادىشاھلارغا مۇنكىر بولۇپ ھاقارەت قىلسا ، ئاخىرەتتە ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ شاپائەتلىرىدىن مەھرۇم قېلىپ دوزاخقا بارغاي ، قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولغاي ، شۇنداقلا يەنە نەزىر – نىيازلىرىنى ئۇلار ئۈچۈن بەرمەي ، ئۇلارنى ھەقىر كۆرسە ، رەسۋايى جاھان بولۇپ بى ئىمان كېتەر ، بۇنىڭدا ھىچ شەك ۋە شۆبھە يوقتۇر دەپ خەت پۈتتۈرۈپ موھىرىنى باستى .
نەزمە
راۋىلار ئەيتۇركىم ئىشتكىل بىر كالام ،
ھاجىتى بولسا كىشىنىڭ ئى كىرام .
يىغلاسۇن ئول ئىستىئانەت لەر قىلىپ ،
ئول زامان رەۋزە مۇبارەككە بېرىپ .
ھەم مۇجاۋىرلەر نى ئول شاد ئەيلىسۇن ،
ياندۇرۇپ شەمئىن قىلىپ ماھى كىچۈش .
ئاڭلىسۇن ھەر كىمكى بولسا ئەھلى ھۇش ،
ھاجىتى بولغاي راۋا كانى مۇھىم ،
ھەم شىپا تاپقاي ئەگەر بولسا سىقىم .
ئى مۇجاۋىر بولسا دەر روزى شىرىپ ،
تاڭلا مەھشەر كۈنلىرىدە ئى زىرىپ .
بى گۇمان ئول بەندىگە بولغاي شەپى ،
بولغاي ئەلۋەتتە ماقاماتى دەپئى .
رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ، ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى ئاتا-بوۋا، ئەجدادلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا نىيەت باغلاپ يۈز قىرىق مىڭ لەشكەر بىلەن يېڭىساردىن خوتەنگە قاراپ يول ئالدى . خوتەننى يەتمىش قات قورشىدى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى چىگالۇ خالخال ماچىنلار بىلەن يىگىرمە تۆت يىل ئۇرۇش قىلدى . خۇدايىتائاللا پەتىھى نۇسرەتنى مۇسۇلمانلارغا بەردى . ئۇلارغا زەپەرنى يار قىلدى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى ئاخىر كاپىرلارنى جەھەننەمگە يولغا سېلىپ ، ئاتىلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدى . جۇتتى رەشىد ، نۇكتى رەشىدلەر بولسا قالغان كاپىرلار بىلەن تاغقا قېچىپ كەتتى . يۈسۈپ قادىرخان غازى بۇ كاپىرلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بارمىدى . چۈنكى ، يۈسۈپ قادىرخان جەڭگە ئاتلانغىلى يىگىرمە تۆت يىل بولغاچقا مەملىكەت باشچىسىز قالغان ئدى . شۇڭا ئۇ خوتەن خەلقىنى ئىمانغا دالالەت قىلىپ ، ئىسلامغا مۇشەررەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، جەڭدىن قولىنى ئۈزۈپ : « ئىنشائاللا ، خۇدايىتائالا مۇيەسسەر قىلسا يەنە بىر كۈنى بۇنىڭدىن زىيادە نەچچە چەندان لەشكەر جەملەپ كېلىپ ، نەگە قاچساڭ شۇ يەرگىچە قوغلاپ بېرىپ ئىنتىقامىمنى ئېلىپ جازاڭنى بەرمىسەم يۈسۈپ قادىرخان غازى بولماي كېتەي » دەپ ئەھدە قىلىپ ، كاپىرلاردىن ئولجا ئالغان مال – ئەھۋاللىرىنى ئېلىپ شاد – خوراملىق بىلەن يەكەنگە قايتىپ كەلدى . يەكەن خەلقى سوۋغا سالام ، پىشكەشلەر بىلەن ئالدىغا چىقىپ يۈسۈپ قادىرخان غازىنى قىزغىن قارشى ئالدى . يەكەننىڭ چوڭ – كىچىك ھەممە پۇقرالىرى ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىمغا يۈز چەندان ئەقىدە ئىخلاس قىلىپ يېڭىباشتىن ئىمان كەلتۈردى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى دۇئا – خەيرى قىلغاندىن كېيىن يەكەننىڭ تەختىگاھىغا ئۆزلىرىدىن كىشى بەلگىلەپ قويۇپ يولغا راۋانە بولۇپ « قىزىل » دېگەن يەرگە چۈشتى . بۇ يەردىكى ئۆزىگە بەيئەت قىلغان پۇقرالارغا ھەزرىتى شېھىت ئەلى ئارسلانخان ھەققىدە بىر كۆل چېپىشقا ئەمىر قىلدى . پۇقرالار ئوقتەك تېز ھەرىكەتلىنىپ تۇپراقلارنى قول ۋە باشلىرىغا ئېلىپ توشۇپ ، بۇ كۆلنى بىر كۈندە پۈتكۈزدى . ئاندىن يەنە ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى بۇ جايدىن بىر مۇنچە يەر – سۇ ئېلىپ ھەزرىتى پادىشاھ ئەلى ئارسلانخاننىڭ مازىرىغا ۋەخپە قىلدى . شەيخ ، جارۇپكەشلەرنى تەيىنلىدى . خوجا پىققە ئايۇپ خوجامغا :
 – چوڭ بولسا سىلەرگە خىزمەتكار بولسۇن ، - دەپ بىرادەختەندىن ئېلىپ كەلگەن بىر نەچچە كىچىك بالىلارنى پەرۋىش قىلىشقا تاپشۇردى . بۇ جايدىن ئۆتۈپ تاغ باغرىغا كېلىپ ، ئۇ يەردىكى شېھىتلەرگە دۇئا تەگبىر قىلدى .ۋەخپە قىلىپ ، شەيخ ، جارۇپكەشلەرنى قويۇپ يەنە ئاتىلىرى ھەسەن بۇغراخان ، ھۈسەيىن بۇغراخانلارنىڭ شاھادەت تاپقان يېرىگە كەلدى . تامام لەشكەرلىرى بىلەن خەتمە قۇرئان قىلىپ ساۋابىنى شېھىتلەر ئەرۋاھىغا بېغىشلىدى . ئاندىن يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ پۇقرالارنى چاقىرتىپ :

_ ئەي خالايىقلار ، سىلەردە پەدەر – بۇزۇرۇكۋارىمنىڭ ھەققى ئاتاڭلارنىڭ ھەققىدىنمۇ زىيادە تۇرىدۇ . چۈنكى ئۇ پادىشاھلىق قىلىپ سىلەرنى توغرا يولغا كىرگۈزدى . ياخشى ئېتىقادىڭلاردا بولۇڭلار ، - دەپ تاپىلاپ قەشقەرگە راۋان بولدى . قەشقەرنىڭ چوڭ – كىچىك پۇقرا ، ئۆلىما ، ئاكابىر ، ئۇمىرالىرى سەپ – سەپ بولۇپ ئالدىغا چىقىپ تازىم بىجا كەلتۈردى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى دۇئاغا قول ئاچتى . پۇقرالار ئامىن دېدى .

« پادىشاھ سەركاسىت ئەز پەلەك پۈر نۇرباد ،

داد ئەدلەش دەر ھەم ئايەد ئاخىرەت مەمۇرى باد .

( پادىشاھنىڭ بېشىغا پەلەك تەرىپىدىن كۆپلەپ نۇر ياغسۇن ، پادىشاھلار ئادالەتلىك بولسۇن ۋە داد – پەريادقا يەتسۇن ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاخىرى ھەم ئاۋات بولسۇن . )

دەپ دۇئانى تامام قىلدى . شەھەر ئىچىگە كىرىپ تەختى تەھەممۇلدە بىقارار بولدى . خۇدايىتائالانىڭ بەندىلىرىنى توغرا يولغا كىرگۈزدى . مۇھەممەت مۇستەفا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمنىڭ شەرىئەت ھۆكمىنى بىجا كەلتۈرۈپ ، دىن ۋە مىللەتنى راۋاج تاپقۇزدى . مۇسۇلمانلارغا ئەدلى – ئادالەت بەردى ، سەلتەنەت تەختىنى مۇستەھكەم قىلدى . خوتەندىن ئولجا ئالغان مال – ئەھۋالىنىڭ بىر قىسمىنى قەشقەر خەلقىغا نەزىر – نىياز قىلىپ بەرگەندىن باشقا ، يەنە بىر قىسمىغا خانئېرىقنىڭ بىر قىېشىدىن تازغۇننىڭ يەتتە كەنتىگىچە بولغان ئارىلىقنىڭ ھەر بىر چارەكلىكىنى بىر مىسقالدىن ئالتۇنغا ئېلىپ ۋەخپە قىلىپ ، مەھسۇلاتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى سەيىد ئالاۋىدىننىڭ ئەۋلادىغا ، بىر قىسمىنى شەيخ خىزمەتكارلارغا ، بىر قىسمىنى سىپارەخان ۋە پەقىر مىسكىنلەرگە تەقسىملەپ بەردى .

ھەركىم بۇ پادىشاھ – زادىلەرنىڭ نەزەرلىرىگە مۇنكىر بولسا يۈزى قارا شەرمەندە ۋە رەسۋايۇ جاھان بولۇپ شاپائەتتىن بىنىسىپ بولۇشىدا شەك ۋە شۈبھە يوقتۇر .

نەزمە

ھەر كىشىنىڭ ئۇلۇغ بىر ھاجىتى بولسا ئەگەر ،

قىلسۇن ئۇشبۇ پادىشاھلار يولىدا خىزمەت نسار .

بىرلىرىدۇر سۇلتان ساتۇق ، بىرلىرىدۇر شاھ ھەسەن ،

بۇغراخان غازى ئېرۇر تەيىن قىلايىن ئىكبار .

بىرلەرىدۇر ھۈسەيىن شاھ بۇغراخان ئاندىن بىلىڭ ،

ھەم ھۈسەيىن بۇغراخان غازى ئېرۇر ئول شەھسىۋار .

بىرى ئوسمان بۇغراخان ھەم شەھىدۇ ئارسلان ،

ھەم يۈسۈپ قادىرخان تەختىدە ئېرۇر ئول بەرقارار .

دېدى سەن تۈرك ئەيلابان قىلساڭكى تەكبىر دۇئا ،

ھاجىتى ، مۈشكۈللىرى بولغاي راۋا ئول بىسيار .

ئاخىرەت دائىم شاپائەتتىن كۆرەركى يوقتۇر شەك ،

رەھمەت ئەتكەيلەر ئۇلارغا ھەزرىتى پەرۋەردىگار .

دىنۇ مىللەتنىڭ چىراغى ئەردىلەر بۇ غازىلار ،

بارچەسى رۇستەمدىن ئارتۇق پەھلىۋان ۋە نامدار .

كۇپرىلەر تىتىرىشەر ئەردىلەر بۇلەردىن قورقۇشۇپ ،

گويا چۈن مۇرتىزا دۇلدۇلىغا بولغاندەك سۇۋار .

ھەر كىشى رەۋزە مۇبارەكنى بارىپ قىلسا تاۋاپ ،

بار ئېرۇر ئۆمرى ئىچرە قىلغان تائەتىدىن سەدھازار .

بۇسە قىلسا ھەر كىشى بۇ غازىلەرنىڭ رەۋزەسىن ،

قىبلە بەيتۇللا ئېرۇر بىلگىل كى ئى ھەيدەر كەررارە .

ھەر كىشىگە بولسا راجى تاپقىلى ھەق قۇربەتىن ،

ئەۋلىيالار خىزمەتىن قىلماققا بولسۇن ئىنتىزار .

ئاستانىدۇر ھەم بۇلارنىڭ بىلسە خادەم روزىشەپ ،

بىلگىل ئول ئەھلى سائادەت بارچە مەقسۇدىن تاپار .

بۇ شېھىتلەر ھەققىدە چۈن گەرچە قىلسا ھەر كىشى ،

تاڭلا مەشھەر كۈنلىرى بولغاي بەسى بائىتىبار .

بولسا بىدار ھەر كىشى بۇ غازىلەر ئەييامىدە ،

بى گۇمان باشىغا رەھمەتنىڭ بارانى ياغار .

يا ئىلاھا بۇ ئەزىزلەر ھۆرمىتىدىن بارچەنىڭ ،

يازۇقىن ئەپۋە قىلىپ سەيقىل قىل ئالۇدە غۇبار .

ئى زىيايى ئەقىل ئىرىسەڭ قىل بۇلارنىڭ ھۆرمەتىن ،

بەئدەزان ھەق رەھمىتىدىن بولغۇسى ئۈمىدۋار .

 

ۋە سسەللەللا ھۇ تائالا ئالا خەيرى خەلقىھى مۇھەممەدىن ۋە ئالىھى ۋە ئەسھابىھى ئەجمەئىن ، بىرەھمەتىكە يائەر ھەمەر راھىمىن .

( ئاللا تائالا ھەممە مەخلۇقنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەت ئەلەيھىسالامغا ، ئۇنىڭ بالا – چاقا ، ئاۋلادىغا ، بارلىق ساھابىلىرىغا رەھمەت قىلسۇن ، ئەي رەھمەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى رەھمەت قىلغۇچىسى ئاللا ، سېنىڭ رەھمىتىڭ ئۇلارغا يەتسۇن . )

( داۋامى بار )



چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-31 13:48 |
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1760
نادىر تىمىسى : 4
يازما سانى : 340
ئۈنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە340دانە
شۆھرىتى: 1375 نومۇر
پۇلى: 3145 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :305(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

                                   خاتىمە 
                 ( ئىماملار ۋەقەسى )

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىن ، ۋەل ئاقىبەتۇلمۇتتەھىن ، ئەسسالاتۇ ۋەسسەلامۇ ئالا رەسۇلھى مۇھەممەدىن ۋە ئالىھى ۋە ئەسھابى ئەجمەئىن ( جىمى ئالەمنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللانىڭ ياخشىلىقىغا شۈكۈر ئېيتىمەن . ئاللا ئۆزىدىن قورققۇچىلارنى ئاخىرەتتە ياخشىلىققا ئېرىشتۈرىدۇ . بارلىق دۇئا ۋە دۇرۇدنىڭ ساۋابى ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ، ئۇنىڭ بالا – چاقىلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا بولسۇن )
ئەلقىسسە ، رىۋايەتچىلەر ناھايىتى چىرايلىق ، خۇش سۈپەت سۆزلەر بىلەن شۇنداق خەۋەر قىلىدۇكى : ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى تاۋازۇ بىلەن ئىمامغا :
- ئەي پادىشاھ ئالى جانابلار ، قەشقەر دېگەن زىمىن پۈتۈنلەي كۈپار ئىمىش ، سىلەردەك پادىشاھ ، ئىسلام ئالەمى پانالىرىنىڭ ۋاقتىدا ئۇ يەر پەتھى بولمىسا بۇنىڭدىن كېيىن قانداق پەتھى بولىدۇ ؟ ئەگەر رۇخسەت بولسا ، مەن بىر مۇنچە لەشكەر ئېلىپ بارسام ، ئىنشائاللا . ئاللانىڭ ئىنايىتى بولسا ، فەتھى قىلىپ ھەزرەتلىرىنىڭ دەرگاھىغا كەلسەم ، - دەپ ئىلتىماس قىلدى . ھەزرىتى ئىمام ناسىرىددىن ئۇمىرالىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىمغا لەشكەر توپلاپ بەردى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان لەشكەرلەرنى باشلاپ يولغا راۋانە بولدى . نەچچە كۈن يول يۈرۈپ قەشقەرگە كەلدى . قەشقەر خەلقى بۇ لەشكەرلەرنى كۆرۈپ ھەيران بولدى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى شەھەرگە كىرمەي تۇرۇپ ، قەشقەر خەلقىگە نامە كىرگۈزدى . نامە مەزمۇنى مۇنداق ئىدى : « خۇدانىڭ نامى بىلەن مۇراجىئەت قىلىمەن ، ئاگاھ ۋە دانا بولۇڭلاركى ، ئۇ دۇنيا ۋە بۇ دۇنيالىق ئۈچۈن ، مەن يۈسۈپ قادىرخان غازى ھەزرىتى ئىمام ناسىرىددىن باشلىق تۆت ئىمامنىڭ رۇخسىتى بىلەن ماديىن شەھىرىدىن قەشقەر زىمىنىنى فەتھى قىلىش ئۈچۈن كەلدىم . ئەگەر ئىمان كەلتۈرسەڭلەر ئاۋۋال خۇدا ، ئاندىن قالسا ئەنبىيا ئەۋلىيالار رىزا بولىدۇ . ئەگەر ئىمان كەلتۈرمىسەڭلەر نۇسرەت شەمشىرىم بىلەن مۇسۇلمان قىلىمەن »
قەشقەر خەلقى بۇ نامىنى كۆرۈپ ئىنتايىن غەمكىن بولغان ھالدا : « بۇنىڭغا نىمە ئىلاج بار . ئەگەر ئىمان كەلتۈرمىسەك شەھەر خاراپ بولىدۇ ، ئىمان كەلتۈرسەك ئاخىر نىمە بولاركىن » دەپ ئەندىشە قىلىشتى . كېڭىشىپ مەسلىھەتلىرى بىر يەرگە توختىغاندىن كېيىن : « ئەجداد - نەسلىنى  بايان قىلسا ئىمان كەلتۈرىمىز » دەپ ئەلچى چىقاردى .
ئەلقىسسە ، ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھ قەشقەر ئەلچىلىرى ئېلىپ چىققان نامىنى كۆرۈپ « ئۇلار زەرەر يەتكۈزمىسەكمۇ ، ئىمان كەلتۈرىدىكەن » دەپ ئويلىدى – دە ، دەرھال ھەزرىتى ئىماملىرىمغا : « ئەي پادىشاھ بۇزرۇكۋارلار ، مەن قەشقەرگە كېلىپ ، قەشقەر خەلقىغا ئىمان كەلتۈرەمسىلەر ، يوقمۇ ؟ دەپ نامە كىرگۈزسەم ، قەشقەر خەلقى « نەسلىنى بايان قىلسا ئىمان كەلتۈرىمىز » دەپ ئەلچى بىلەن نامە چىقارتىپتۇ ، جەڭ قىلىشقا ئارىسالدا بولۇپ قالدىم ، سىلەرنىڭ مۇبارەك قەدىمىڭلار بۇ دىيارىمىزغا يەتسە بارلىق خەلق زەرەرسىز ، جەڭ قىلماي مۇسۇلمان بولغۇسى » دېگەن مەزمۇندا نامە ئىبەردى .
رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ، ھەزرىتى ئىماملار ئۇ ۋاقىتتا ئۈچ ئايلىق شىكاردا بولغانلىقتىن ، بۇ نامىنى شىكار ئۈستىدە كۆرۈشتى . ھەزرىتى ئىمام ناسىرىددىن :
- ئەي يارانلار ! بىزگە قەشقەردىن مەدەت تىلەپ نامە كېلىپتۇ . بىز ئىسلام ئېچىش ئۈچۈن رەسۇلۇللانىڭ ئالتۇن تۇغىغا ئەگىشىپ كەلگەن ئىدۇق . بىزنىڭ ئارزۇيىمىز ئىسلام يولىدا جان پىدا قىلىشتىن ئىبارەت . ئەگەر مىڭ جېنىمىز بولسا ھەممىسى ئىسلام ئۈچۈن پىدا بولسۇن بىز ھەرگىز بۇ يولدىن يانمايمىز . قىيامەت كۈنى ھەزرىتى رەسۇل سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمنىڭ ئالدىدا شەرمەندە بولمىغايمىز ، - دەپ شىكار پائالىيىتىنى توختاتتى . بۇنىڭ بىلەن ئىماملارنىڭ مېھرى – مۇھەببەتلىرى قايناپ تېشىپ :
- ئەي مۇسۇلمانلار ، مۇنداق بولسا ھەممىڭلار ئامىن دەڭلار . بىر دۇئا قىلايلى ، - دېدى ۋە تۆت ئىمام يالاڭباش بولۇپ ، يۈزلىرىنى ئۇدۇل قىبلىگە ئېلىپ دۇئا قىلدى . ھەممە مۇسۇلمانلار « ئامىن » دېدى . شۇ زامان ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئىجابەت بولدى . ئۇلار ئۈستۈن بېقىپ ئەرشنى ، گۈزەل جەننەتنى كۆرۈپ ، زەبەردەست ئەۋلىيالاردىن بولدى .
ئەلقىسسە ، ھەزرىتى ئىماملار خالايىقنى لەشكەر بولۇشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى ، ناھايىتى نۇرغۇن ئادەملەر يىغىلدى ، بۇ ھالنى كۆرگەن ئىماملار :
- بۇ خەلقنىڭ ھەر بىرى بىر تالدىن نوقۇت ئېلىپ كەلسۇن ، - دەپ يارلىق قىلدى . ئون كىشىدىن بىر كىشى ئېلىپ كەلگەن نوقۇتنى جەم قىلىپ تارتىپ باققان ئىدى ، بىر چارەك چىقتى . شۇنىڭغا قاراپ يىغىلغان لەشكەر بىر يۈز قىرىق مىڭ ئىكەن » دەپ مۆلچەرلەشتى . ھەزرىتى ئىماملار :
لەشكەرلەر ناھايىتى كۆپ كېلىپتۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆز مەيلى بىلەن كەلگەنلەرمۇ ، سىياسەتنىڭ زورى بىلەن كەلگەنلەرمۇ بار . بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى مەلۇم بولدى . بارلىق لەشكەرلەر يانسۇن . بۇنچە مۇسۇلمانلارنى جەم قىلىپ تۇرۇشىمىز خوپ ئەمەس ، بىزگە خۇدايىتالانىڭ ئىنايىتى بولسا ، جەددىمىزنىڭ مەدىتى ۋە ئۆز نەۋكەرلىرىمىزنڭ ياردىمى بىلەن ئىسلام ئاچالايمىز ، - دەپ يارلىق قىلدى . بىراق لەشكەرلىككە كەلگەن ھەممە خەلق بۇ يارلىقنى ئاڭلاپ ھەزرىتى ئىماملارنىڭ ئاياقلىرىغا يىقىلىپ :
- ئاي پادىشاھ بۇزۇرۇكۋارىمىز ، بىز بولساق مىراس ، - دەپ ئېيتىشتى . ئىماملار :
- ئەزبىرايى خۇدا ، كاپىرلارنى فەتھى قىلىش ئۈچۈن چوقۇم بارىمىز ، - شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رەۋزەئى مۇبارەك تەرەپكە راۋانە بولدى . رەۋزەئى مۇبارەكنى زىيارەت قىلىپ ، تەۋەججۈ بىلەن تىكىلگەندىن كېيىن : « قەشقەر زىمىنىنى فەتھى قىلىسىلەر ، قەشقەر زىمىنىدە شاھادەت شارابى ئىىچىسىلەر » دېگەن بىشارەت بولدى . ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ خوشال بولۇپ زوق شوقى تاشقان ھالدا ئەھلى بەيتلەرگە ۋە پادىشاھلىق سەلتەنەت بارگاھىدىكىلەرگە « ئارقىمىزدىن تېز يەتسۇن » دەپ كىشى ئەۋەتىپ ، ئۆزلىرى يولغا راۋانە بولدى . ناھايىتى تېز يۈرۈپ بىر نەچچە كۈندە ئەندىجان تېغىغا كېلىپ چۈشتى . لەشكەرلەرنى ھېساپلاپ كۆرگەن ئىدى ، ئۇلارنىڭ سانىنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىدى .
ئەلقىسسە يۈسۈپ قادىرخان غازى ھەزرىتى ئىماملارغا نامەنى ئەۋەتكەندىن كېيىن ، ئۇلارنى كېلەرمىكىن ياكى كەلمەسمىكىن دەپ يولىغا قاراپ كۈن ساناپ ئولتۇراتتى . بىردىنلا ئەندىجان يولى تەرەپتىن توپا – توزان كۆتۈرۈلدى . توپا – توزان ئارىسىدىن تۇغ – ئەلەملەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى . مىڭ كىشى بىلەن شەھسىۋار يېتىپ كەلگەن ئىدى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى پىشكەشلەر بىلەن دەرھال ئالدىغا باردى . ئىسپىئان ئارغىمىقىنى مىنىپ ، مىسىرنىڭ ھەيۋەتلىك شەمشىرىنى ئاسقان قىزىل كىمخاپ چاپىنىنىڭ ئۈستىگە كەمەر باغلاپ ، بېشىغا تاج كىيىپ ، جاۋان – مەردلىك ۋە شىجائەت بىلەن تەنھا قەشقەرنى فەتھى قىلغۇدەك ھەيۋەتتە يېتىپ كەلگەن بۇ كىشى ئوشلۇق ھەزرىتى قاسىم ئىدى . بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازىغا قاراڭغۇ جاھان يورۇغاندەك بولدى . كەلگەن كىشى ئاتتىن چۈشۈپ :
_ ئەي قېرىنداشلار ، ھارمىغايسىلەر ، - دەپ كۆرۈشتى . ئاندىن ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى سورىدى :
- قاياقتىن كېلىۋاتىلا ؟ ھەزرىتى ئىماملار قەيەردە قالدى ؟ بۇ كەلگەن ئادەم – ھەزرىتى شاھ قاسىم ئىدى . ئۇ :
- ھەزرىتى ئىماملار ئەندىجان تېغىغا كېلىپ چۈشتى . ئۇلار مېنى ئاۋۋال بۇ يەرگە كېلىپ ھەزرەتلىرىگە « ئىماملار كېلىۋاتىدۇ » دەپ خەۋەر ئېيتقىلى ئەۋەتتى ، - دېدى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خوشال بولۇپ ، ئوشلۇق ھەزرىتى شاھ قاسىمنى ئۆز مەنزىلىگە ئېلىپ كەلدى . ئاندىن شادىيانە چالغۇزۇپ ھەزرىتى ئىماملارنىڭ ئالدىغا بېرىشقا تەييارلاندى . ئەندىجان يولى تەرەپتىن يەنە توپا – توزان كۆتۈرۈلۈپ ، تۇغ – ئەلەملەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى . ئۇنىڭ ئىچىدە تۆت دانە ئاق پۇركالە ئەلەم ئالاھىدە زاھىر بولۇپ تۆت مىڭ كىشىدىن نىشان بېرىپ تۇراتتى . بۇ لەشكەرلەرگە ئوشلۇق سۇلتان مەنسۇر ، خوجا سەئىدى ، خوجا ئەخمەت خوجا ئەزىزلەر سەردار بولۇپ كەلگەن ئىدى . ئىسپىھان ئارغىمىقىنى مىنىپ ، مىسران شەمشەرلىرىنى ئاسقان بۇ سەردارلار جان – جانانلىرىغا دەردانلىق كىرگۈزۈپ ، تۈغ – ئەلەملەرگە جىلۋە بېرىپ تۇراتتى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى بۇلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى ۋە ئۇلاردىن مېھرىبانلىق بىلەن سەمىمى ھاردۇق سورىدى . بۇلار ھەزرىتى ئىماملارنىڭ سالامىنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دېدى:
- ئەي يۈسۈپ قادىرخان غازى ، ئىماملار : « بىز بارغۇچە لەشكەرلەرنى جابىجا قىلىپ تۇرسۇن دېدى .
ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى تازىم بىجا كەلتۈردى ۋە لەشكەرلەرنى جابىجا قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى .
ئەتىسى تاڭ ئېتىپ ، چاچكا ۋاقتى بولغاندا ، يەنە توپا – توزان كۆتۈرۈلۈپ تۇغ ئەلەملەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى . ئۇلار شاھانە كىيىملەرنى كىيىپ ، ئىسپاھان ئارغىمىقىنى مىنىپ ، تىغ ۋە خەنجەرلەرنى ئېسىشىپ پالىۋانلىق قىياپەت بىلەن گاھ مەست ، گاھ ھۇشيار بولۇپ كېلىۋاتقان ھەزرىتى سەنجەر كاسانى ، ھەزرىتى ئىسمايىل كاسانى ، ھەزرىتى سۇلتان ھەيدەر كاسانى ، ھەزرىتى سۇلايمان كاسانى قاتارلىق توققۇز سەردار – توققۇز مىڭ لەشكەردىن نىشان بېرىپ تۇراتتى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى بۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، تازىم بىجا كەلتۈرگەندىن كېيىن ، ھەممەيلەندىن ھاردۇق سورىدى . ئاندىن ئۇلارنى شەھەرنىڭ بىر چېتىگە ئورۇنلاشتۇردى . ئۇ كۈنىمۇ كۈن كەچ بولدى . ئەتىسى تاڭ ئېتىپ چاچكا ۋاقتى بولغاندا ، ئەندىجان يولى تەرەپتىن يەنە توپا – توزان كۆتۈرۈلۈپ ئون ئىككى ئەلەم زاھىر بولدى . بۇ يىگىرمە ئىككى مىڭ كىىشىدىن نىشان بېرىپ تۇراتتى . بۇلارنىڭ سەردارى ھەزرىتى سۇلتان ئەبۇل مۇزەففەر خارەزىمى ، ھەزرىتى سۇلتان ئەبۇل مۇزەپپەر خارەزىمى ، ھەزرىتى سۇلتان قاسىم خارەزىمى ، ھەزرىتى سۇلتان ھاشىم خارەزىمى ، ھەزرىتى سۇلتان خوجا ئەزىم خارەزىمى ، ھەزرىتى خوجا ئىبراھىم خارەزىمى ، ھەزرىتى خۇجە جەئپەر خارەزىمى ، ھەزرىتى خوجا كوچىكى خارەزىمى ، ھەزرىتى خوجا شەھباز خارەزىمىلەر ئىدى . شاھانە كىيىملەرنى كىيىشىپ ، ئىسپاھان ئارغىماقلىرىنى مىنىشىپ ، شىر سۈپەت بولۇپ يېتىپ كەلگەن بۇ سەردارلارنىڭ ئەلپازىدىن شىجائەت يېغىپ تۇراتتى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى بۇلار بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ ھاردۇق سوراشتى . ئاندىن ئۇلارنى شەھەرنىڭ بىر چېتىگە ئورۇنلاشتۇردى .
ئەتىسى تاڭ ئېتىپ چاچكا ۋاقتى بولدى . يەنە توپا – توزان كۆتۈرۈلۈپ تۇغ – ئەلەملەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 26 ئەلەم يىگىرمە ئالتە مىڭ لەشكەردىن نىشان بېرىپ تۇراتتى . بۇلارغا ھەزرىتى شەيخ جالالىدىن باغدادى ، سۇلتان ھەسەن باغدادى ، خوجا مۇھەممەد تاھىر باغدادى ، خوجا ناسىر باغدادى ، خوجا ئابدۇرەھىم باغدادى ، خوجا ئابدۇلغۇپۇر باغدادى قاتارلىقلار سەردار بولۇپ كەلگەن ئىدى . ئۇلار بەگلەر ، ئاخۇنلار ، قازىلار ۋە ئۇمىرالارنى ئالدىدا ، تاللانغان يىگىتلەرنى ئوڭ ۋە سول يانلىرىدا ماڭغۇزۇپ ، شاھانە كىيىملەرنى كىيىشىپ ، ئىسپاھان ئارغىماقلىرىنى مىنىشىپ ، يەر ۋە كۆكنى تىترەتكۈدەك ھەيۋەت ، شىجائەت بىلەن كېلىشكەن ئىدى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى بۇ ھەيۋەتنى كۆرۈپ « ئىماملار شۇلار بولسا كېرەك » دەپ جەزمى قىلىپ ئالدىغا پىيادە يۈگۈرۈپ چىقتى . بىراق بۇلار ھەزرىتى سۇلتان شەيخ جالالىدىن باشلىق سۇلتان خوجىلار بولۇپ چىقتى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان يۈزمىڭ تەۋازۇ بىلەن سالام قىلدى . ھەزرىتى سۇلتان شەيخ جالالىدىن باغدادى سالام قايتۇرغاندىن كېيىن :
- ئەي يۈسۈپ قادىرخان غازى ئەھۋالىڭىز قانداق ؟ - دەپ سورىدى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى تازىم بىجا كەلتۈرۈپ : ئەلھەمدۇلىللا ، سىزنىڭ مۇبارەك جامالىڭىزنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن ، - دېدى . ھەزرىتى سۇلتان شەيخ جالالىدىن باغدادى :
- بىز قايسى تەرەپكە چۈشىمىز ؟ - دەپ سورىغان ئىدى ، ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى شەھەرنىڭ بىر چېتىگە باشلاپ بېرىپ ئورۇنلاشتۇردى . كۈن كەچ بولدى . ئەتىسى تاڭ ئاتتى . شەھەر خەلقى بۇنچىلا كۆپ لەشكەرنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ھالدا :
- لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى كېلىپ بولغاندىمۇ ياكى كېلىپ بولالمىغاندىمۇ ؟ بۇنچە كۆپ لەشكەردىن جاننى سالامەت قۇتۇلدۇرماقنىڭ ئۆزى مۈشكۈلدۇر . ئەڭ ياخشىسى ئىمان كەلتۈرمەكتىن باشقا چارە يوقتۇر ، - دېيىشىپ تۇراتتى ، چاچكا ۋاقتى بىلەن يەنە توپا – توزان كۆتۈرۈلدى . توپا – توزان ئارىسىدىن قىرىق مىڭ لەشكەرگە نىشانە بولغان ھالدا 25 ئەلەم زاھىر بولدى . بۇ ئىراق تايچاق ، ئارغىماقلىرىنى مىنىشىپ ، رەڭمۇ سەرۇپاي ۋە شاھلىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ ، بەللىرىگە ئالتۇن كەمەرلەرنى باغلاپ ھەيۋەت بىلەن كەلگەنلەر جاھاننى بويسۇندۇرغۇچى ، كۇپپارلارنىڭ قاتىلى ، ساھىپجامال پادىشاھ ھەزرىتى ئىمام ناسىرىددىن ، ئىمام مۇئىدىن ، ئىمام زوھورىدىن ، ئىمام قەۋمىدىنلار ئىدى . ئۇلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە قىرىق موللا ، سول تەرىپىدە بولسا قىرىق موللا ئىسمى ئەزەم ئوقۇپ كېلەتتى ، ئارقىسىدا بولسا باشقا شاھزادىلەر يەر – زىمىننى لەرزىگە سالغۇدەك ھەيۋەت ، شىجائەت بىلەن كېلەتتى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى ئىماملارنى كۆرگەندىن كېيىن قەشقەر خەلقىگە قاراپ يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن :
- ئەي قەشقەر خەلقى ئاگاھ ۋە دانا بولۇڭلاركى ، ھازىر بارچە ئىقلىمنىڭ پادىشاھلىرى يېتىپ كەلدى ، سىلەر پىشىۋاز بىلەن ئالدىغا چىقىپ ئىمان كەلتۈرمىسەڭلەر ، ھەممىڭلار جېنىڭلاردىن جۇدا بولۇسىلەر ، مەندىن رەنجىپ قالماسلىغىڭلار ئۈچۈن ئالدىن خەۋەر بەردىم ، - جاكا ئەيلەپ ھەزرىتى ئىماملارنىڭ ئالدىغا راۋانە بولدى . ھەزرىتى ئىماملارنى يىراقتىن كۆرۈپلا ئاتتىن ئۆزىنى تاشلاپ ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا پىيادە بېرىپ ئاياغلىرىغا يىقىلىپ ، يۈزمىڭ تەۋازۇ بىلەن سالام قىلدى . ھەزرىتى ئىماملار سالامنى ئىلىك ئېلىپ سورىدى :
- ئەي يۈسۈپ قادىرخان ئەھۋالىڭىز قانداق ؟ سالامەت بارمۇسىز ؟
ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان :
- ئەلھەمدۇلىللا ، ھەر ئىش بولسا سىلەرنى كۆرۈپ ، جامالىڭلارغا مۇشەررەپ بولدۇم ، كۆڭلۈمدە ھېچ نەرسىدىن ئەسەر قالمىدى ، - دەپ تازىم بىجا كەلتۈردى . ئۇنىڭغىچە قەشقەرنىڭ ھەممە چوڭ – كىچىك ئۇلۇغلىرى جەم بولۇپ ، بويۇنلىرىغا ساغداقلىرىنى ئاسقان ھالدا ھەزرىتى ئىماملارنىڭ ئالدىغا يېتىپ كېلىپ ، يۈز مىڭ خىجالەت بىلەن سالام بەردى . ئىماملار بۇلارنىڭ سالاملىرىنى ئىلىك ئالمىغان ھالدا :
- بۇلار مۇسۇلمانمۇ ، قانداق ؟ - دەپ سوراشتى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان :
- بۇ قەشقەر خەلقى ئۆزلىرىنى كۆرۈپ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغىلى كېلىپتۇ ، - دەپ جاۋاب بەردى . ھەزرىتى ئىماملار يۈسۈپ قادىرخانغا قاراپ :
- ئەي يۈسۈپ قادىرخان ، بۇلاردىن سوراپ بېقىڭ ، بۇلار ئۆز مەيلى بىلەن ئىمان ئېيتامدىكىن ياكى سىياسەت بىلەن ئېيتامدىكىن ؟ - دېدى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى بولسا قەشقەر خەلقىغە قاراپ :
- ئەي قەشقەر خەلقى نىمە دەيسىلەر ؟ - دەپ سورىغان ئىدى ، قەشقەر خەلقى :
- بىز مۇسۇلمان بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتۇق ، بىراق نەسىل ئەۋلادىنى ئويلىشىپ قالغان ئىدۇق ، ئەلھەمدۇلىللا ، ئەمدى مۇرادىمىز ھاسىل بولدى ، نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولمايمىز – دەپ ئېيتتى . ھەزرىتى ئىماملارمۇ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ، ئاتتىن چۈشۈپ ئىمان بايان قىلدى . بارچە خەلق ئىماملارغا ئەگىشىپ : « لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللا » دەپ ئىمان ئېيتىپ ، مۇسۇلمان بولدى ، ھەزرىتى ئىماملار دۇئا قىلدى . بارچە خەلق « ئامىن » دېدى . شۇنىڭ بىلەن ئەلنىڭ كۆڭلىدىكى قاراڭغۇلۇق غايىپ بولدى . ھەزرىتى ئىماملار ئۇلارنى مۇبارەكلەپ شەھەرگە ياندۇردى . قەشقەر خەلقى نەچچە كۈن ھەزرىتى ئىماملارنىڭ خىزمىتىنى قىلدى . ھەزرىتى ئىماملار يۈسۈپ قادىرخان غازىنى قەشقەرنىڭ پادىشاھلىقىغا بەلگىلەپ :
- ئەي يۈسۈپ قادىرخان ، بىز قانداقلا يەردە شاھادەت تاپساق ، جەسىتىمىز تۈزدە قالمىسۇن ، چىراغ ، قازىنىمىزغا ۋەخپە بەلگىلەپ ، بىزنىڭ ھەققىمىزدە دۇئا تەكبىر قىلغۇدەك خىزمەتكارلارنى قويغايسىز ، - دەپ ۋەسىيەت قىلغاندىن كيېىن ، يەكەن تەرەپكە قاراپ راۋانە بولدى . ئۇلار يەكەنگە يېتىپ بېرىپ نەچچە يۈز كىشىنىڭ يەرنى كولاپ ئۆي قىلپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى بۇ خەلقلەر ھەزرىتى ئىماملارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ پىشكەشلەر بىلەن ئالدىغا چىقتى . ھەزرىتى ئىماملار ئىمان ئەرىز قىلغان ئىدى ، ھەممەيلەن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى . ھەزرىتى ئىماملار يالاڭباش بولۇپ :
- قەشقەر زىمىنىنىڭ پايتەختى مۇشۇ يەر بولسۇن ، -دۇئا قىلىشتى ، ئاندىن خەيرلىشىپ چىن ماچىنغا قاراپ راۋانە بولدى . يول ئۈستىدە بىرقانچە كىشى ئۇچرىدى . ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ ، بەزىلىرى قېچىپ كۆزدىن غايىپ بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا گۈمان تۇغۇلۇپ ھەزرىتى مۇھەممەد شاكىرنى ئارقىسىدىن ئەۋەتتى . بىر قۇملۇقنىڭ ئارىسىدا جوقتى رېشىد ، نوكتى رېشىدلەرنىڭ قاراۋۇللۇقتا قويغان بەش يۈز قاراقچىسى بار ئىدى . ئۇلار ھەزرىتى ئىمام مۇھەممەت شاكىرنىڭ خەۋەرسىز تۇرغانلىقىدىن پايدىلىنىپ تۇيۇقسىز چىقىپ جەڭ قىلىپ ، ھەزرىتى ئىمام مۇھەممەت شاكىرنى شېھىت قىلدى .  ھەزرىتى  ئىماملار بىلەن كەلگەن لەشكەرلەر قاراۋۇل قاراقچىلارنى قورشاپ يوقاتتى ، لېكىن بىر قاراقچى قېچىپ بېرىپ جوقتى رېشىد ، نوكتى رېشىدلارغا :
- بىرمۇنچە لەشكەر كېلىپ ئاجايىپ قاتتىق جەڭ قىلىپ ، قاراۋۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى . مەن ئاران قېچىپ كەلدىم . قارىغاندا بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇبارىزىچى پالىۋانلاردەك قىلىدۇ ، - دەپ خەۋەر قىلدى . جوقتى رېشىد ، نوكتى رېشىدلارغا بۇ يورۇق جاھان قاراڭغۇ بولدى . ئەتراپقا تىڭ – تىڭلاشقا كىشىلەرنى كىشىلەرنى بۇيرۇپ ئۆزلىرى شەھەرگە مەھكەم بېكىندى .
ھەزرىتى ئىماملار مۇھەممەت شاكىر پادىشاھنى شۇ قۇمغا دەپنە قىلىپ تەزىيە بىلدۈرگەندىن كېيىن چىن ماچىنغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ شەھەر ئالدىغان كېلىپ چۈشتى . كاپىرلار بۇ لەشكەرلەرنى كۆرۈپ ھەيران بولدى . جوقتى رېشىد ، نوكتى رېشىد لەرنىڭ قىرىق بىر سېھرىگەر ۋەزىرى بار ئىدى . ئۇلار جوقتى رېىشىد ، نوكتى رېىشىدلەرنىڭ پەرىشانلىقىنى كۆرۈپ :
- نىمە ئۇنچە بىتاقەت بولۇسىز ؟ ئۇلار بۇ شەھەرنى كۆرسە ئالامدۇ ياكى كۆرمىسىمۇ ئالامدۇ ؟ - دېدى .
جوقتى رېشىد ، نوكتى رېشىد لەر ئۇ سېھرىگەر ۋەزىرلەردىن :
- بۇ قانداق گەپ ؟ شەھەر مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرسا ، نىمىشقا بۇنداق قاملاشمىغان گەپلەرنى قىلىسىلەر ؟ - دەپ سورىدى . سېھرىگەر ۋەزىرلەر :
- سىز خاتىرجەم بولۇڭ ، ئۇ لەشكەرلەر بۇ يەردە قانچە ئۇزاق تۇرسىمۇ ، بىز ئۇلاردىن بۇ شەھەرنى ئۆز سېھرىگەرلىكىمىز بىلەن يوشۇرالايمىز ، - دەپ ئەھدە قىلىشتى . جوقتى رېشىد ، نوكتى رېشىد لەر بۇنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولۇپ  ، سېھرىگەر ۋەزىرلەرگە تازىم بىجا كەلتۈردى . قالغان كاپىرلار بولسا خوشاللىقىدىن شادىيانە چېلىشتى .
تاڭ ئاتتى . ھەزرىتى ئىماملار نامازدىن پارىغ بولغاندىن كېيىن : « بۇ كاپىرلارنىڭ ئالدىغا كىشى ئەۋەتەيلى ، مۇسۇلمان بولامدۇ – يوق ؟ مۇسۇلمان بولسا بىھۇدە قان تۆكمەك خوپ ئەمەس ، مۇسۇلمان بولمىسا جەڭ قىلايلى » دەپ مەھلىھەت قىلىشتى . ئاندىن شۇ زامان بىر كىشىنى ئەلچى قىلىپ تەيىنلەپ ، ئۇنىڭغا :« بۇ كەلگەنلەر ھەزرىتى مۇھەممەت رەسۇلۇللانىڭ ئەۋلادىدۇر ، مۇبارەك ئىسىم – شىرىپلىرى ئىمام ناسىرىددىن ، ئىمام مۇئىدىن ، ئىمام زوھورىدىن ، ئىمام قەۋمىدىن بولىدۇ . بۇلار يۈز مىڭ ئىسلام لەشكىرى بىلەن چىن ماچىننى فەتھى قىلغىلى ماۋرەئۇننەھىردىن  كەلدى . بارچە كاپىرلار ساغداقلىرىنى بويۇنلىرىغا ئېسىپ ، بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ ئىمان كەلتۈرسۇن . ئەگەر ئىمان كەلتۈرمىسە جوقتى رېشىد ، نوكتى رېشىد باشلىق ھەممە كاپىرلارنى ئۆلتۈرۈپ ، ئۇششاقلىرىنى ئەسىر قىلىپ ، شەھەرنى ۋەيران قىلىمىز دەيدۇ دېگىن ، - دېيشتى .
بۇ كىشى كاپىرلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ بۇ سۆزلەرنى بىرمۇ بىر بايان قىلدى . كاپىرلار بۇنى ئاڭلىغاندا خۇددى يورۇق جاھان قاراڭغۇلاشقاندەك بولدى . كاپىرلار :
« بىزلەر ھەرگىز دىنىمىزدىن يانمايمىز ، جەڭ قىلايلى » مەسلىھەتلىشىپ تۇراتتى ، يەنە بىر سېھرىگەر ۋەزىر كىرىپ :
- ئەي پادىشاھ ، نىمە ۋەقە بولدى ؟ سىلەر نىمىگە غەم قىلىپ ئولتۇرىسىلەر ؟ - دەپ سورىدى . جوقتى رېشىد :
- ئەي ۋەزىر ، بۇ كەلگەن لەشكەرلەردىن ئەلچى كېلىپتۇ . بۇنىڭغا نىمە دەپ جاۋاب بېرىمىز ؟ - دېدى . سېھرىگەر ۋەزىر ئۇنىڭغا :
- بەرىبىر ئۆلىمىز . ھەرگىز ئۇلارنىڭ دىنىغا كىرمەيمىز ، ئەلچىنى سېپىلدىن چۈشۈرۈپ قايتۇرىۋېتىش كېرەك . مېنىڭ قىرىق بىر شاگىرتىم پاتقۇدەك بىر چېدىر تېپىڭلار ، بۇ ئىشنىڭ ئىلاجىنى مەن قىلاي ، - دەپ جاۋاب بەردى .
ئۇلار شۇ زامان ئەلچىنى سېپىلدىن چۈشۈرۈپ قايتۇرىۋەتتى . ئوردا پاسونىدا بىر يېشىل ئۆي تەييار قىلىندى . شا مانان باشلىق 40 سېھرىگەر سېھىر قىلدى .
ئەلقىسسە ، ئەلچى يېنىپ كېلىپ كاپىرلارنىڭ سۆزىنى بىرمۇ بىر بايان قىلدى . ھەزرىتى ئىماملار دەرغەزەپ بولۇپ ئوشلۇق ھەزرىتى قاسىمغا :
- سىز بېرىپ ئۇلارغا ئېيتىڭ ، شەيخ جالالىدىن باغدادى ئۆز لەشكەرلىرى بىلەن شەھەرنىڭ بىر تەرىپىدىن جەڭگە كىرسۇن ، سۇلتان ئەبۇل مۇزەپپەر خارەزمى ئۆز لەشكەرلىرى بىلەن شەھەرنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن جەڭگە كىرسۇن . سۇلتان سەنجەر كاسانى بولسا ئۆز لەشكەرلىرى بىلەن شەھەرنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن جەڭگە كىرسۇن – دېدى . شەيخ جالالىدىن باغدادى ، سۇلتان ئەبۇل مۇزەپپەر خارەزمى ، سۇلتان سەنجەر كاسانى ۋە ئىماملارنىڭ ئەڭ يېقىن بۇرادىرى جارۇپ يەمەنى باشلىق تۆت مىڭ تۆت يۈز يار بۇرادەرلەر شاھانە تونلارنى كىيىپ ، جەڭ ئەسلىھەلىرىنى تاقاپ ،شەمشەرلىرىنى يالىڭاچلاپ ، لەشكەرلىرىگە ناغرا – كانايلىرىنى چالدۇرۇپ ، ئاسمان – زىمىننى لەرزىگە سېلىپ ، ھەيۋەت بىلەن جەڭگە ئاتلىنىشقا تەييار بولۇپ تۇراتتى . بۇ چاغدا شەھەر بىردىنلا غايىب بولدى . ھەزرىتى ئىماملار سېھىرچى كاپىرلارنىڭ سېھىر قىلغانلىقىنى بىلىپ ، ئىلاھ دەرگاھىغا تەۋەججۇ قىلدى ، بۇ چاغدا شەھەر يەنە ئاشكارا بولدى . لەشكەرلەر تەرەپ – تەرەپتىن ئات سېلىشقا تەييارلىنىپ تۇراتتى ، شەھەر يەنە غايىب بولدى . ھەزرىتى ئىماملار يەنە تەۋەججۇ قىلدى ، شەھەر يەنە ئاشكارا بولدى . لەشكەرلەر ناغرا سۇنايلىرىنى چېلىشىپ ھەيۋەت بىلەن ئات سېلىشقا تەييار بولۇپ تۇراتتى ، شەھەر يەنە غايىب بولدى .

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-13 15:06 |
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1760
نادىر تىمىسى : 4
يازما سانى : 340
ئۈنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە340دانە
شۆھرىتى: 1375 نومۇر
پۇلى: 3145 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :305(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەلقىسسە ، مۇشۇ تەرىقىدە ئارىدىن قىرىق يىل ئۆتتى . ئاقىۋەت جوقتى رېشىد ، نوكتى رېشىدلەر بارلىق لەشكەرلىرىنى ئېلىپ قاچتى . خوجا جاۋاھىرلار ئىزتىراپ بىلەن شەھەرگە كىردى . شەھەر ئىچىدە ئادەم ناھايىتى ئاز قالغان ئىدى . ئۇلار كېتىۋاتقان بىر كىشىنى تۇتىۋېلىپ سورىدى :
- بۇ ۋاقىتقىچە نېمە ئۈچۈن شەھەر كۆرۈنمىدى ؟ قانداق قىلغاندا شەھەر غايىپ بولمايدۇ ؟
ئۇ كاپىر مۇنداق دېدى :
- ئەي شاھزادىلەر ، كاپىرلار سېھىر قىلىپ بۇ شەھەرنى غايىپ قىلىۋەتكەن ، جوقتى رېشىد ، نوكتى رېشىد ئۆز خەلقى بىلەن قاچتى . سېھرىگەرلەر قالمىدى .ئەمدى بۇ شەھەر غايىپ بولمايدۇ .
ئۇ مۇشۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ بىر كېسەل ئاجىزەسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى . بىراق لەشكەرلەر ئۇنى قويۇۋەتمەستىن ئىماملارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى . ئىماملار :
- ئەي كاپىر ، ئىمام ئېيتقىن ! – دېدى . ئۇ كاپىر ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى . ئاندىن ئۇ كىشىدىن :
- جوقتى رېشىد ، نوكتى رېشىدلەر قانچە كىشى بىلەن قاچتى ؟ - دەپ سورىدى . ئۇ كىشى :
- ئۇنىڭغا قاراشلىق ئون ئىككى مىڭ كىشى بار ئىدى . شۇنىڭ بىلەن قاچقاندۇر ، - دېدى . ھەزرىتى ئىماملار :
- شەھەردە قالغان خەلقلەر مۇسۇلمان بولامدۇ ياكى بىز بىلەن جەڭ قىلامدۇ ، - دەپ سورىغان ئىدى ، ئۇ كىشى :
- مەن بىلمەيمەن ، - دېدى . ھەزرىتى ئىماملار :
شەھەر خەلقنىڭ باشچىسى كىم ؟ - دەپ سورىدى . ئۇ كىشى :
- چىگالۇ خالخال ماچى ، ئۇ ناھايىتى مۇبازىرىچى كاپىر – دەپ جاۋاپ بەردى .
ئەلقىسسە ، ھەزرىتى ئىماملار :
- شەھەرگە بىر كىشىنى ئەلچى قىلىپ كىرگۈزەيلى ، شۇلاردىن قانداق گەپ چىقىدۇ ، شۇنىڭغا قاراپ ئىش قىلايلى ! – دېدى . قەيتۇس مەغرىبى دېگەن بىر مۇبارىزىچى بار ئىدى . ئۇنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتمەكچى بولۇشتى . قەيتۇس مەغرىبى :
- مەن شەھەرگە كىرىپ كاپىرلارنى ئىمانغا دالالەت قىلىمەن . مۇسۇلمان بولسا ياخشى ، ئەگەر مۇسۇلمان بولۇشنى خالىمىسا جەڭ قىلىمەن . شۇنىڭدىن بىلىڭلار ! – ھېلىقى كىشىنى ئېلىپ شەھەرگە كىرىپ كەتتى . بۇ كىشى قەيتۇس مەغرىبىنى چىگالۇخالخال ماچىننىڭ ئوردىسىغا باشلاپ كىردى . چىگالۇخالخال بۇلارنى كۆرۈپ :
- قاياقتىن كەلدىڭلار ؟ - دەپ سورىدى ، قەيتۇس مەغرىبى :
-پادىشاھ سۈپەت ئىقلىمگەرنىڭ قېشىدىن ئەلچىلىككە كەلدىم . ئۇلار ماڭا « چىگالۇخالخال ماچىن ھەممە پۇقرالىرى بىلەن چىقىپ ئىمان كەلتۈرسۇن ، بولمىسا قاتتىق باغلاپ چىق » دەپ ئېيتتى ، شۇڭا كىردىم ، - دېدى . بۇ سۆزنى ئاڭلاپ چىگالۇخالخال ماچىننىڭ كۆزىگە يورۇق جاھان قاراڭغۇ كۆرۈندى . ئۇ :
- بۇ تەلۋىنى تۇتۇڭلار ! – دەپ پەرياد قىلدى . شۇ زامان چىگالۇخالخالنىڭ ئۈچ يۈز پالۋىنى ھازىر بولدى . ئۇلار تەرەپ – تەرەپتىن قول ئۇزىتىشقا باشلىغان ئىدى ، قەيتۇس مەغرىبى قولىغا خەنجىرىنى ئېلىپ :
- ئاللاھۇ ئەكبەر ، ئاللاھۇ ئەكبەر ، ھەر كىم بىلسە بىلسۇن ، بىلمىسە مەندۇرمەن قەيتۇس مەغرىبى ، پىرىم ھەزرىتى ئىمام ناسىرىددىن ، ھەزرىتى ئىمام قەۋمىدىن ، - دەپ نەرە تارتىپ ، كاپىرلارغا ئۆزىنى شۇنداق ئۇردىكى ، بىر يولى يەتتە پالۋاننى جېنىدىن جۇدا قىلدى . بۇ ھالنى كۆرۈپ چىگالۇخالخال ماچىننىڭ كۆزىگە يورۇق جاھان قاراڭغۇ كۆرۈندى . ئۇ يەنە :
- بۇ تەلۋىنى تۇت! – دەپ ۋاقىرىدى . تەرەپ – تەرەپتىن كاپىرلار كېلىپ قورشاۋغا ئالغان بولسىمۇ ، بىراق قەيتۇس مەغرىبىنى تۇتالمىدى . قەيتۇس مەغرىبى چىگالۇخالخال ماچىننىڭ قولىدىن يەنە بىر شەمشەرنى تارتىۋېلىپ ، ئىككى قولىغا ئىككى شەمشەرنى ئېلىپ :
- ئاللاھۇ ئەكبەر ، ئاللاھۇ ئەكبەر ، ئاللاھۇ ئەكبەر ، ھەزرىتى ئىماملارغا جېنىم پىدا بولسۇن ، كىم بىلسە بىلسۇن ، بىلمىسە مەندۇرمەن قەيتۇس مەغرىبى . بىز ئۆلسەك جايىمىز بېھىشت ، سىلەر ئۆلسەڭلەر ئورنىڭلار دوزاخ ، - دەپ نەرە تارتىپ ، يەككە يىگانە ھالدا ئۆزىنى كاپىر لەشكەرلەرگە ئۇرۇپ نەچچە كاپىرنى جەھەننەمگە يولغا سالدى .
بۇ خەۋەر ھەزرىتى ئىماملارغا يېتىپ باردى . ھەزرىتى ئىماملار ھەزرىتى شاھ قاسىمنى قەيتۇس مەغرىبىگە ياردەم بېرىشنى بۇيرۇدى . شاھ قاسىم مىڭ يەتتە يۈز مۇبارىزىچى پالۋانلار بىلەن شەھەرگە يەتتى . ئۇلار تەرەپ – تەرەپتىن دەرۋازىلارنى چېقىپ پارە – پارە قىلىپ شەھەر ئىچىگە كىردى . شەھەر ئىچىدىن مەغلۇبىيەتنىڭ سادسى چىقىپ تۇراتتى . ئۇلار چىگالۇخالخال ماچىننىڭ ئۇچ يۈز پالۋىنى بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىپ ، ھەممىنى دوزاخقا ئەۋەتتى . چىگالۇخالخال ماچىننىڭ قالغان پالۋانلىرى شەھەر خەلقى بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمان بولۇشقا مايىل بولدى .
ھەزرىتى شاھ قاسىم قەيتۇس مەغرىبىگە :
- لەشكەرلەرگە خەۋەر قىلىنسۇن ، ئاۋامنى تىرىلدۈرمەك مۈشكۈل ، ئۆلتۈرمەك ئاسان ، ئۇلار قاچان بولمىسۇن مۇسۇلمان بولغۇسى ، مۇسۇلمان بولمىسا يەنە جەڭ قىلارمىز ، - دەپ ئېيتتى. شۇ زامان ناغرا – سۇنايلار چېلىندى .ھەزرىتى شاھ قاسىم باشلىق ھەممە مۇبارىزىچى پالۋانلار ھەزرىتى ئىماملارنىڭ بارىگاھىغا يېنىپ كەلدى . ھەزرىتى ئىماملار ھەزرىتى شاھ قاسىمدىن :
قانچە كىشى شېھىت بولدى ؟ كاپىرلاردىن قانچىسى ئۆلدى ؟ - دەپ سورىدى . سۇلتان شاھ قاسىم :
- بىزدىن ئىككى يۈز يىگىرمىسى شېھىت بولدى ، كاپىرلاردىن بەش يۈز ئاتمىشى جەھەننەمگە كەتتى ، - دەپ جاۋاپ بەردى . ئۇلار شۇ سۆزلەرنى قىلىشىپ تۇراتتى . چىگالۇخالخال ماچىن شەھەر خەلقى بىلەن ساغداقلىرىنى بويۇنلىرىغا ئېسىپ كېلىپ ، ھەزرىتى ئىماملارنىڭ ئاياغلىرىغا يىقىلىپ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى . ھەزرىتى ئىماملار چىگالۇخالخالنى ماچىن شەھىرىگە پادىشاھ قىلىپ ، ھەممە خەلقنى ياندۇردى . ئەتىسى ناماز بامداتتىن پارىغ بولغاندا ، چىگالۇخالخال بارلىق يارانلىرى بىلەن ئىنتايىن كۆپ پىشكەشلەر ئېلىپ كېلىپ ھەزرىتى ئىماملارغا ھەدىيە قىلدى . ئاندىن :
- ئەي پادىشاھىم ، ئۇجات دەيدىغان بىر بۆلۈك خەلق بار . ئۇلار تىلىدا ئىمان ئېيتقان بولسىمۇ ، ئەمما دىلىدا جاسۇسلۇق قىلىپ قاچقان كاپىرلارنىڭ ئارقىسىدىن خەت ئەۋەتتى ، - دەپ ئەرز قىلدى . ھەزرىتى ئىماملار شۇ خائىن كاپىرلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەتتى . ئىماملار نەچچە مەنزىللەرنى قېدىرىپ ،ئاخىر بوينىغا تۈكلۈك ئەسكى چورۇقنى ئاسقان بىر كاپىرنى ئۇچراتتى. ھەزرىتى ئىماملار :
- ئەي كاپىر قەيەردىن كەلدىڭ ؟ قەيەرگە بارىسەن ؟ - دەپ سورىدى . ئۇ كاپىر :
- مەن جوقتى رېشىد ، نوكتى رېشىدلەرنىڭ خەلقىدىن بولىمەن ، بىراق ئۇلار بىلەن بىللە بارماي مۇشۇ چورۇق ئۇپراپ كەتكىچە ئۆزەم يالغۇز يول ماڭىمەن ، - دەپ جاۋاپ بەردى . ھەزرىتى ئىمام :
- بېشىڭنى ئاچ مەن كۆرەي ، - دېدى . ئۇ كاپىر بېشىنى ئاچتى ، بېشى يېڭىدىن چۈشۈرۈلگەن ئىدى . ھەزرىتى ئىماملار كاپىرنى تاش بوران قىلدى . ئۇ كاپىر تاش ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالدى .
ھەزرىتى ئىماملار يەنە بىرنەچچە مەنزىلنى باستى . بىر يەرگە بارغاندا بىر قارا كۆرۈندى . ھەزرىتى شاھ قاسىم مىڭ كىشى بىلەن يېتىپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ كاپىرلار ئىكەنلىكىنى بىلدى . ھەزرىتى شاھ قاسىم شۇنداق قاتتىق جەڭ قىلدىكى ، گويا قىيامەت قايىم بولغاندەك بولدى . كاپىرلار بەرداشلىق بېرەلمەي قاچتى . ھەزرىتى ئىماملار ئارقىدىن قوغلاپ بىر ئېقىن سۇغا يەتتى . كاپىرلار تاشتىن بىر شەھەر ياساپ شۇنىڭغا بېكىنىۋالغان ئىدى . ھەزرىتى ئىماملار نەچچە مەرتىۋە ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ ، بىراق كار قىلمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەھەرگە كىرىدىغان سۇ يولىنى توسىۋېتىپ سۇسىز قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈش قارارىغا كېلىشتى . بىر جاسۇسنى تېپىپ ، ئۇنىڭدىن بۇ شەھەرگە كىرىشنىڭ ئامالىنى سورىدى . ئۇ جاسۇس :
- بۇ سۇ دەريا تېگىدىكى لەخمە ئارقىلىق مىس نور بىلەن كىرگۈزۈلگەن . نورنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋالماق ئاسان ، - دەپ ئېيتتى . شۇ زامان بىر ئالما دەرىخىنى تىكىۋىدى  ئۇ كۆكلەپ مىۋىسىمۇ تەييار بولدى . مىۋىدىن بىرنەچچىنى دەرياغا تاشلىدى . مىۋە ئېقىپ بېرىپ بىر يەردە پىقىراپ توختىدى . شۇنىڭ بىلەن نورنىڭ ئاغزى بەند بولدى . ھەزرىتى ئىماملار بىرنەچچە كۈن جەڭنى توختاتتى .
بىر كېچىسى ھەزرىتى ئىماملارغا بىشارەت بولدى . بىشارەتكە ئاساسەن ئەتىسى سەھەر ۋاقتىدا :
- بىزنىڭ پىشىۋالىرىمىزنىڭ روھى شىمال تەرەپتىن ۋە جەنۇپ تەرەپتىن بوي بېرىۋاتىدۇ . ئۇلار كىملەر ئىستەپ بارايلى ! – دېيىشىپ جەنۇپ تەرەپكە راۋانە بولدى . بىر يەرگە بېرىپ ھەزرىتى ئىمام مەھدى ئاخىر زاماننى تاپتى . ھەزرىتى ئىمام مەھدى ئاخىر زامان ئۇلارغا :
- بۇ ئىشىڭلارغا رەخمەت ، بىزنىڭ چىقىشىمىزغا ئىجازەت يوق . مەن تەۋەججۇ قىلۇرمەن ، - دەپ خەيرلىشىپ كۆزدىن غايىپ بولدى . ئاندىن ھەزرىتى ئىماملار شىمال تەرەپكە يۈردى . بۇ يەردىن ئىمام جەئەپەرى تەيراننىڭ مەنزىلىنى تاپتى . ھەزرىتى ئىماملار :
- ئەي بۇزۇرۇكۋار ، سىز كىم بولىسىز ؟ - دەپ سورىدى . ھەزرىتى ئىمام تەيىران :
- مەن ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بايراقدارى ئىدىم ، ئوھۇد تېغىدىكى جەڭدە شېھىت بولدۇم . شۇنىڭ بىلەن بېشىمنى قولۇمغا ئېلىپ ھاۋادا ئۇچۇپ ئۇشبۇ دىيارغا چۈشتۈم . بۇ يەردە مەنزىل تۇتۇپ يېتىۋاتىمەن . بۇ يەرگە كەلمىگىمنىڭ ئاساسىي سەۋەبى شۇكى ، ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قەشقەرنى بىزنىڭ نەسلىمىز بېرىپ مۇسۇلمان قىلىدۇ . شۇ ۋاقىتتا شۇلارغا يار بولۇپ ، ئىلتىپات قىلىشىمىز لازىم دېگەن ئىدى . شۇنىڭغا بىنائەن سىلەرگە يار ئىلتىپات قىلىش ئۈچۈن بۇ جاينى مەنزىل قىلدىم . دىنسىزلارنىڭمۇ ياتىدىغان جايى مۇشۇ جاي بولىدۇ ، - دەپ كۆزدىن غايىب بولدى. ھەزرىتى ئىماملار ھەسرەت ، نادامەت بىلەن بۇ جايغا بايراق تىكلەپ ، نىشانە قىلىپ دۇئا – تەكبىر ئەيتىپ ، مەنزىللىرىگە ياندى . لەشكەرلەر توپلىشىپ كېلىپ ھەزرىتى ئىماملارنى مۇبارەكلىدى . ئاندىن :
ئەي پادىشاھلىرىم ، ھەزرەتلىرى ئۇلۇغ كاتتىلاردىن تۇرسىلا كاپىرلار كۆزگە ئىلمىغاندەك نەغمە – ناۋا قىلىشىۋاتىدۇ . بىر كۈنى بىز بىرنەچچە يىگىتلەر بارغان ئىدۇق كاپىرلار بىر قوتۇر تۆگىنىڭ قۇيرۇقىغا ناغرىنى باغلاپ قويۇپ ئۆزلىرى قېچىپ كېتىپتۇ . تۆگە قۇيرۇقىنى پۇلاڭلاتقاندا ناغرا ئاۋازى چىقىدىكەن ، - دەپ ئەرىز قىلدى. ھەزرىتى ئىماملار ئوشلۇق سۇلتان قاسىمغا :
- ئۇلارنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزۇڭلار ! – دەپ ئەمىر قىلدى . ھەزرىتى شاھ قاسىم ئۆز لەشكەرلىرىنى باشلاپ بىرمۇنچە يول يۈرگەندىن كېيىن بىر قەلئەگە يەتتى . بۇ قەلئەنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن كاپىرلار يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئىدى . ئىككى ئوتتۇرىدا قاتتىق جەڭ بولدى . ئاخىر كاپىرلار جەم بولۇپ كېلىپ ھەزرىتى شاھ قاسىمنى شېھىت قىلدى . ( قالۇئىننا لىللاھى ۋە ئىننائىلەيھى راجىئۇن )  ھەزرىتى ئىماملار ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن لەشكەرلىرى ھەزرىتى شاھ قاسىم شېھىت بولغا يەرگە كېلىپ ھازا ئېچىپ ماتەم تۇتتى . ئاندىن ھەزرىتى ئىماملار :
- بىزمۇ مۇشۇ يەردە ياتقۇدەكمىز ، كۆزىمىزگە غەرق قان كۆرۈنىۋاتىدۇ ، - دەپ ئېيتتى ، ئاندىن ئىنتايىن پەرىشان بولغان ھالدا كاپىرلار بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىپ نۇرغۇن كاپىرلارنى جەھەننەمگە يولغا سالدى . كەچ بولدى . جەڭگاھنىڭ بىر تەرىپىگە ھەزرىتى ئىماملار ، يەنە بىر تەرىپىگە كاپىرلار كېلىپ چۈشتى . ھەزرىتى ئىماملار ئۇلۇغ ئەرۋاھلارغا تەۋەججۇ قىلدى . ئەرۋاھلار « ئەي ھەزرىتى ئىماملار ، پات ئارىدا بىزگە قېتىلارسىزلەر » دەپ بىشارەت بېرىپ ، كۆزدىن غايىب بولدى .
تاڭ ئاتتى . ھەزرىتى ئىماملار نامازغا تۇردى . ئۇلار نامازدىن پارىغ بولۇپ سەپلىرىنى راستلاپ بولغۇچە كاپىرلار سەپلىرىنى راستلاپ بولدى . ھەزرىتى ئىماملار دەرھال سەپلىرىنى راستلاپ پۈتۈن لەشكەرلەرگە :
- كاپىرلارنىڭ ئۇمىچى سوۋۇپ بولغىچە تېزدىن بېرىپ ئۇرۇپ سوقۇڭلار ، - دەپ يارلىق قىلدى . شۇنداق قاتتىق جەڭ قىلدىكى ، نۇرغۇن كاپىرلار ئۆلدى . بىرمۇنچە مۇسۇلمانلار شېھىت بولدى. ئۇ كۈنى قەيتۇس مەغرىبى ئىنتايىن قاتتىق جەڭ قىلىپ يۈزدىن ئارتۇق كاپىرنى جەھەننەمگە ئۇزاتتى . كەچ بولدى . ھەممە لەشكەرلەر ناغرا – سۇنايلىرىنى چېلىشىپ ئۆز مەنزىللىرىگە يېنىپ چۈشتى . كېچىسى ئۇشتۇمتۇت ئىككى ئىت پەيدا بولۇپ قالدى . ھەزرىتى ئىماملار ئاتاي دەپ ئوقيانى قولغا ئالغان ئىدى ، يېنىدىكى بىر كىشى :
- بۇ ئىتمۇ خۇدانىڭ مەخلۇقاتى ، ئارام ئاسۇن ، - دەپ ئاتقىلى قويمىدى . بۇ ئىتلار ئەسلىدە ئىت تېرىسىنى يېپىنىپ ، ئىت سۈرىتىگە كىرىۋالغان جاسۇسلار ئىدى . ئۇلار كېچىدە ، مۇسۇلمانلار قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن مەزگىلدە ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ يانىڭ كىرىچلىرىنى ئۈزىۋېتىپ ، قىلىچلارنى غىلاپقا يەملىۋېتىپ ، ئۇزەڭگىنىڭ سول تەرىپىنى كېسىۋېتىپ قېچىپ كەتتى .
تاڭ ئاتتى . ئەزان ئوقۇلدى . ھەزرىتى ئىماملار نامازغا تۇردى . ئۇلار نامازدىن پارىغ بولغۇچە كاپىرلار سەپلىرىنى راستلاپ بولدى . ئۇ كۈنى نامازغا تۇرغان  مۇسۇلمانلار بىر يۈز يەتمىش سەپ بولغان ئىدى . ئىماملىققا ھەزرىتى خوجا ئابدۇللا ئەللامە ئۆتتى . ئۇ قىسقا سۈرىنى قىرائەت قىلاي دېگەن ئىدى ، بىراق قىسقا سۈرە يادىغا كەلمەي ئۇزۇن سۈرە – سۈرە بەقەرە يادىغا كەلدى . ھەزرىتى خوجا ئابدۇللا ئەللامە سۈرە بەقەرەنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇسۇلمانلار نامازدىن پارىغ بولغۇچە ، كاپىرلار ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ سەپ سېپى بىلەن كىرىپ مۇسۇلمانلارنى بىر – بىرلەپ شېھىت قىلدى . ئوڭ تەرەپكە سالام بېرىپ بولغۇچە بىر يۈز يەتمىش كىشىدىن ئۈچ سەپ قالدى . ھەزرىتى ئىماملار دەرغەزەپ بولۇپ :
ئات قارنىدا قان كەچمىسەم ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى ھەرگىز تارتمايمەن ، - دەپ ئەھدە قىلىپ جەڭگە ئاتلاندى . ئەمما قارىسا قىلىچ غىلاپقا يەملەكلىك ، يانىڭ كىرىچى ئۈزۈكلۈك ، سول تەرەپتىكى ئۈزەڭگىلەر كېسىكلىك تۇراتتى . ھەزرىتى ئىماملار تېخىمۇ غەزەپكە كېلىپ ، نەرە تارتىپ جەڭگە ئاتلاندى . ئۇ كۈنى پۈتۈن ئاسمان پەرشتىلىرى جەڭنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلدى . ھەزرىتى ئىماملار گەرچە مۇسىبەتتە بولسىمۇ ، ئەمما ھۇشىنى يوقاتماي كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ مۇناجات قىلىپ ، گاھ ئوڭغا گاھ سولغا بۇرۇلۇپ شۇنداق قاتتىق جەڭ قىلدىكى ، مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلارنىڭ قېنى دەريا بولۇپ ئاقتى .
پېشىن بولغان ئىدى ، ھەزرىتى شەيخ سىيىد جالالىدىن باغدادى ھەزرىتى ئىمام ئالاۋىدىندىن ئايرىلىپ كاپىرلارنى قوغلاپ بىر چوڭقۇرغا يەتتى . بۇ يەرگە بىرمۇنچە كاپىرلارنى قوغلاپ بىر چوڭقۇرغا يەتتى . بۇ يەرگە بىرمۇنچە كاپىرلار يوشۇرىنىۋالغانلىقتىن ، ئۇلار جەم بولۇپ كېلىپ ھەزرىتى شەيخ سىيىد جالالىدىن باغدادىنى شېھىت قىلدى . « قالۇ ئىننالىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن » ھەزرىتى شەيخ جالالىدىن سەيىد جالالىدىن باغدادىنىڭ لەشكەرلىرى بىر ئۇستازىنى شېھىت بولغان يېرىگە دەپنە قىلىپ قويۇپ ، ئۆزلىرى كاپىرلارنى قوغلاپ تاغ تەرەپكە راۋانە بولدى .
كاپىرلارنىڭ لەشكەرلىرىدىن مىڭ كىشى بىر پىنھان يەرگە يوشۇرىنىۋالغان ئىدى . ئۇلار بىر كۈنى ھەزرىتى ئىماملارنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتكارلار بىلەن ئۇچرىشىىپ قالدى . بۇ ھارامزادىلەر ئۇ خىزمەتكارلاردىن : « ھەزرىتى ئىماملارغا نېمە سەۋەبتىن تىغ تەسىر قىلمايدۇ ؟ » دەپ سورىدى . خىزمەتكارلار :
- نامازغا تۇرغان ۋاقتىدىن باشقا چاغدا تىغ تەسىر قىلمايدۇ ، -  دەپ جاۋاب بەردى . قازايۇ قەدەر شۇنداقكى ، بۇنى ئاڭلىۋالغان بەد – بەخت ھارامزادە كاپىرلار ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ ، توپلىشىپ كېلىپ ، ئىماملار سەجدىدە تۇرغاندا ، سەپمۇ سەپ ئارىلاپ كىرىپ ھەزرىتى ئىماملارنى ۋە نامازغا تۇرغان باشقا مۇسۇلمانلارنى قوي بوغۇزلىغاندەك بوغۇزلاپ شېھىت قىلدى . ئاندىن تۇغنى ئالاي دېگەن ئىدى ، تۇغچى تۇغنى بەرمىدى . تۇغچىنىڭ قولىنى كەستى ، تۇغچى تۇغنى تىزىغا ئېلىپ كەسكەن ئىدى ، تىزىنى كەستى ، بوينىغا ئېلىپ تارتقان ئىدى ، بوينىنى كەستى . شۇنىڭ بىلەن تۇغ ھاۋاغا ئۆرلەپ كۆزدىن غايىب بولدى . ئارقىدىنلا كۈن تۇتۇلۇپ جاھان قاراڭغۇلۇققا چۆمدى . ئاسماندىن ئاۋاز كەلدى . يەردىن غەۋغا چىقتى . بۇنىڭدىن قورققان كاپىرلار ماچىن تەرەپكە قېچىپ كەتتى . مۇشۇ ھالەتتە ئون كۈن ئۆتتى . ھاۋا ئېچىلىپ كۈن چىققاندىن كېيىن قالغان لەشكەرلەر جەم بولغان ئىدى . ئاران قىرىق بىر كىشى قاپتۇ . ئۇلار بىھۇش بولۇپ ، باشلىرىغا تۇپراق چېچىپ ھەزرىتى ئىماملارنىڭ ئاياغلىرىغا يۈزىنى سۈرتۈپ :
- ئەي پادىشاھلىرىمىز ، بىر ھەر بىرلىرىدىن بۇرۇن جان بەرگەن بولساق ، بۇ ھالنى كۆرمىگەن بولاتتۇق ، ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟ مۇشۇنچە لەشكەردىن ئايرىلىپ مادايىنگە نېمە دەپ بارىمىز ؟ ئەگەر بۇ يەرلەردا تۇرۇپ قالساق غېرىپچىلىقتا قانداق قىلىمىز ؟ - دەپ زار – زار يىغلىشىپ ، ياشلىرىنى باھار يامغۇرىدەك ئېقىتىشتى . شۇ ۋاقىتتا غايىبتىن :
- ئادەملەرنىڭ كۆزىدىن غايىب بولۇپ بىزنى چۆرىدەپ يۈرۈڭلار . كىم ئىسلامغا قەست قىلسا ، ئۇنى ئۇرۇپ ئىسلامغا يار بولۇڭلار !  - دېگەن ئاۋاز كەلدى . ئاۋاز تامام بولۇش بىلەن تەڭ قىرىق كىشى كۆزدىن غايىب بولدى . پەقەت بىرلا كىشى قالدى ، ئۇنىڭ ۋالىدەسى ماۋرە ئۈننەھىردە ھامىلدار بولۇپ ، ئۇنى ماچىندا تۇغقان ئىدى . ئېتىنى خىزىر بابا دەيتتى . بىر  كۈنى ھەزرىتى ئىماملار :
- سەن بىزنىڭ قەبىر پايىمىز بولغىن ، - دەپ ئېيتتى . خىزىر بابا :
- ئەي پادىشاھلىرىم ، مەن نېمە ئىش قىلىمەن ، ھازىر ئۆزەم تەنھا . بۇ يەردە غېرىپ بولۇپ قالدىم ، - دەپ مۇناجات قىلىپ يىغلىدى . شۈ كۈنى ئىماملاردىن ئۇنىڭغا :
- سەن بىزنىڭ قەبىر پايىمىز بولغىن ، بۇنى ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازىغا ئېيتقىن . بىز ئۇنىڭغا « قانداقلا يەردە شاھادەت شەربىتىنى ئىچسەك جەسىتىمىز ئوچۇق قالمىسۇن ، بىزنىڭ چىرىغىمىزنى ياندۇرۇپ قازىنىمىزنى قاينىتىدىغانغا ئادەم تەيىنلەپ ، ۋەخپە بەلگىلەپ ، تۇغ ئەلەم باغلاپ ، ئاستانىمىزغا خىزمەتكار قويغايسىز دەپ ۋەسىيەت قىلغان ئىدۇق ، - دېگەن بىشارەت بولدى.
ھەزرىتى بابا يىغلا – يىغلا ئاخىر قەشقەر تەرەپكە قاراپ راۋانە بولدى . ئۇ يەرگە بېرىپ ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازىغا خەۋەر بەردى . شۇ زامان يۈسۈپ قادىرخان غازى ئاتلىنىپ تۆت كېچە كۈندۈزدە يېتىپ كەلدى . قارىسا ھەزرىتى ئىماملارنىڭ مۇبارەك تەنلىرى باشلىرىدىن جۇدا بولۇپ غەرق قان ئىچىدە يېتىپتۇ . بۇنى كۆرۈپ بىھۇش بولۇپ يەنە ھۇشىغا كەلدى . ئادەملەرنىڭ ئۆلۈكى گويا ساينىڭ تېىشىدەك ياتقان بولۇپ ، قايسى كاپىرنىڭ ئۆلۈكى ، قايسى مۇسۇلماننىڭ ئۆلۈكى ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى ھەق سۇبھانەۋەتائالاغا : « ئىلاھا !؟ بۇ كاپىرلارنىڭ ئۆلۈكىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ تېىنىنى قانداق ئايرىيمەن ؟ ھەفسەن ، ھازىر سەن ، دانا سەن ، بىناسەن بارچىغا مەخپى بولغان سىر ئەسىرارلارغا ئۆزۈڭ ئالىمسەن ... – دەپ ، بېشىنى سەجدىگە قويۇپ مۇناجات قىلدى . شۇ زامان بىر بۇلۇت پەيدا بولۇپ ، ئاسماندىن يامغۇر ياغدى . تاغلاردىن سەل كېلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ تېىنىنى ئوڭدا ، يۈزىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ قويدى . كاپىرلارنىڭ ئۆلۈكىنى بولسا دۈم ، يۈزىنى يەرگە قارىتىپ قويدى . ئاندىن كېيىن كاپىرلارنىڭ ئۆلۈكىنى قازاندەك قارا ، مۇسۇلمانلارنىڭ جەسىتىنى بولسا قاردەك ئاق قىلىپ قويدى . ھەزرىتى يارانلىرى بىلەن كاپىرلارنىڭ ئۆلۈكىنى چۆل – جەزىرىلەرگە ئاپىرىپ تاشلىدى . مۇسۇلمانلارنىڭ جەسىتىنى ، نامازلىرىنى ئۆتەپ دەپنە قىلدى . تۇغ – ئەلەملەر قادىدى . خىزىر بابانى شەيخ ، قىرىق كىشىنى خىزمەتكارلىققا تەيىن قىلدى . قازانلىرىنى قاينىتىپ ، چىراغلىرىنى ياندۇرۇپ ، ھەزرىتى ئىماملار ھەققىدە دۇئا تەكبىر قىلدى . قەشقەر زىمىنىنىڭ نەزەر – نىيازلىرىنى ، زاكات ۋە يېمەكلىكلىرىنى ھەزرىتى ئىماملارنىڭ داش قازانلىرىغا ھەدىيە قىلدى .
ھەزرىتى ئىماملارنىڭ شېھىت بولغان ۋاقتى تارىخقا ئۈچ يۈز توقسان زۇلھەججىنىڭ ئونى ، پەيشەنبە كۈنى ئىدى . ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە كېلىپ ، ئىماملارنىڭ مۇبارەك قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىپ ، خەتمە قۇرئان ئوقۇپ ، قازانلىرىنى قاينىتىپ ، چىراغلىرىنى ياندۇرۇپ مەدەت ، ئىستىئانەت تىلەپ ياناتتى .
بەزى كىتاپلاردا مۇنداق يېزىلغان : ھەر ھاجەتمەن بەندە بۇ بۇزۇرۇكۋارلارنى زىيارەت قىلىپ ، نەزىر- چىراغ ، دۇئا تەكبىر ئۆتكۈزۈپ ، تىلىكىنى ئاللا تائالادىن تىلىسە بۇ زاتلارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن ئىنشائاللا جىمى ھاجەتلىرى راۋا ، مۈشكۈللىرى ئاسان بولغاي ، قىيامەت كۈنى ھەزرىتى ئىماملارنىڭ تۇغلىرىنىڭ تۈۋىدىن ئورۇن ئالغاي ، ھەزرىتى ئىماملارنىڭ شاپائەتى ، ئاللانىڭ ئىزى بىلەن ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ بىھىشكە كىرگەي . كىمكى ھەزرىتى ئىماملارنى ئىنكار قىلسا ئىماندىن ئايرىلغاي ، قىيامەت كۈنى يۈزى قارا قوپقاي . ھەرقانداق كىشى ئىماملارنىڭ تەزكىرىلىرىنى ئوقۇتۇپ ئاڭلاپ ، ئۇلار ھەققىدە نەزىر بېرىپ ، ئۇلارنى شەپى كەلتۈرۈپ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلسا ئىنشائاللا ، ھاجەتلىرى راۋا بولغاي ، بۇنىڭدا ھېچ شەك يوقتۇر . ماختاشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاغا خاسدۇر ، چۈنكى ئاللا تائالا پۈتۈن ئالەمنىڭ پەرۋەردىگارى ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ئاللانىلا مەدھىيىلەش كېرەك .
ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىم ئىماملىرىم مازىرىدىن بارلىق لەشكەرلىرىنى باشلاپ جوقتى رېشىد ، نوكتى رېشىدلەردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن يولغا راۋانە بولدى . چىن ماچىندىكى بىر دالىدا جوقتى رېشىد ، نوكتى رېشىدلەرنى قوغلاپ يەتتى . بۇ يەردە شۇنداق قاتتىق جەڭ بولدىكى ، قانلار دەريادەك ئاقتى . جوقتى رېشىد ، نوكتى رېشىدلەر يېڭىلىپ جاڭگالغا قاراپ قاچتى . ئىسلام لەشكەرلىرى بۇ ئىككى شۇم كاپىرنى ئارقىسىدىن قوغلاپ يېتىپ قورشاپ تۇتۇپ ئۆلتۈردى ، باشلىرىنى نەيزىگە سانجىپ قويدى . قالغان كاپىرلارنىڭ بىر قىسمى ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى ، يەنە بىر قىسمى قورقۇپ ھەر تەرەپكە قېچىپ كەتتى . پادىشاھ يۈسۈپ قادىرخان غازى چىن ماچىننى ئىسلام بىلەن ئاۋات قىلىپ ، قەشقەرگە قايتىپ كەلدى.

چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-30 15:29 |
taktimakan
دەرىجىسى : ياساۋۇل


UID نۇمۇرى: 8792
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 57
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە57دانە
شۆھرىتى: 310 نومۇر
پۇلى: 250 سوم
تۆھپىسى: 11 نومۇر
ۋاقتى :94(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇنداق ياخشى ماتىرىيال بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە تەشەككۈر.مېنىڭ يۇرتۇم دەل  تۆت ئىماملىرىم شېھىد  بولغان مۇقەددەس جاي،بۇتېمىنى ئۇقۇپ بۇتەزكىرىدە يەنە ئازراق تۇلۇقلاشقا تېگىشلىك جايلار بارمىكىن  دەپ ئويلاپ قالدىم.

چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-15 15:24 |
guide
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 9302
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 3
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرىتى: 25 نومۇر
پۇلى: 15 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راستىنلا  بەك  ياخشى  تىما  بوپتۇ ،
مىنىڭ بىلىشىمچە  ئەينى  ۋاقىتتا  خوتەن  بۇددىسىتلىرىنى  ئىسلامغا  بەيئەت  قىلدۇرۇش  ئۈچۈن  ئەرەب  يىرىم  ئارلىدىن  4 ئەرباب  قەشقەرگە  كەلگەن ، كىيىن  ئۇلار  ناماز  ئوقۇۋاتقاندا  ئۆلتۇرۇلگەن ،. مەن  ھازىر  ئۇلارنىڭ  قەۋرىسىنىڭ   تەپسىلى  ئورنىنى  بىلمەكچى  ئىدىم ،.  ماڭا  ياردەم  قىلىپ  دەپ  بەرەەن  بولسىڭىز ،.  سىزدىن  كۆپ  مىننەتدار  بولغان  بولاتتىم

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-16 17:04 |
guide
دەرىجىسى : لەشكەر


UID نۇمۇرى: 9302
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 3
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرىتى: 25 نومۇر
پۇلى: 15 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قولىڭىزغا  دەرىت  كەلمىسۇن ،. ھازىر  چەت-ئەللەردىن  نۇرغۇن  كىشىلەر  كىلىپ  بىزنىڭ ئاشۇ  ئىسلامچىلىرىمىزنى  زىيارەت  قىلىپ  كتىپ  بارىدۇ  .،  لىكىن  بىزچۇ ،.  ھىچنىمىنى  بىلمەيمىز

چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-16 17:06 |
taktimakan
دەرىجىسى : ياساۋۇل


UID نۇمۇرى: 8792
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 57
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە57دانە
شۆھرىتى: 310 نومۇر
پۇلى: 250 سوم
تۆھپىسى: 11 نومۇر
ۋاقتى :94(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن دەل بۇ ئىسلام ئۈچۈن شېھىد بولغان،  ئۇلۇغ بوۋىلار  نىڭ قېنى تۈكۈلگەن جايدا،يەنى قۇرۇم تېغىنىڭ باغرىدا ياشايمەن.بۇيەردە ئۇلار ئۈچۈن ياسالغان قەبرىگاھ بار.ئەگەر كەلمەكچى بولسىڭىز مەن باشلاپ بارىمەن.

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-16 22:48 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » كونا - يېڭى كىتاپلار
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !