بايانات: بۇ ئەسەرنىڭ توردىكى ھوقۇقى پەقەت ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتىگىلا تەۋە، بۇ ئەسەرنى يوللىغۇچى ۋە تور بېكەت باشلىقلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تور بېكەتلەرگە چاپلاشقا، ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ قىلىپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
مىللىي ئارمىيىنىڭ قىسىم قۇرۇلمىسى توغرىسىدا
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھازىرقى زامان تارىخىمىزدىكى چوڭ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغان 1944 - يىلى 8 - ئايدىن تارتىپ 1945 - يىلى 9 - ئايغىچە بولغان بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەتنى ئازاد قىلىپ، ئىنقىلاب ئوتىنى ئۈرۈمچى، قەشقەر، يەكەن، ئاقسۇ، قارا شەھەر، تۇرپان قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە تۇتاشتۇرۇپ، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرىۋېتىشكە ئاز قالدى. بۇ ماقالىدا ئۈچ ۋىلايەت قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ مۇنتىزىم ئارمىيە بولۇپ قۇرۇلغانلىقى ۋە ئازادلىقتىن كېيىن ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنىپ، ئاخىرىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانغىچە بولغان جەريانلىرىدىكى قىسىم قۇرۇلمىسى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلاشنىڭ ئىچكى - تاشقى سەۋەپلىرى
ئىچكى ئامىل:
1931 - يىلىدىكى قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن شىنجاڭغا ئىنقىلاب ئوتى تۇتۇشۇپ جىن شۇرېننىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىقى لىڭشىپ قالدى، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان جىن شۇرېننىڭ قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلاردىن چېن جۇڭ، تاۋ مېڭيۆ، لى شياۋتيەن قاتارلىقلار ئاق ئورۇس ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىشىپ 1933 - يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ جىن شۇرېننى قوغلىۋەتتى بىراق ئۇلارنىڭ ھەربىي كۈچى يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن چوڭ ھوقۇق شۇ چاغدىكى ھەربىي قوماندان شېڭ شىسەينىڭ قولىغا چۈشتى. شېڭ شىسەي تەختكە چىققاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ما جۇڭيىڭنىڭ كۈچلىرىنى تارمار قىلدى، خوجىنىياز ھاجىنى ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر قىلدى. شۇنداق قىلىپ قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ( خوتەندىن باشقا) ھەممە يېرىنى ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىغا ئالدى. شېڭ شىسەي تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىللەردە بەزىبىر ئىلغار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد ساھەسىدە بەلگىلىك تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى. بىراق كېيىن ئۆزىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيە قىلدى. سۈيقەستلىك توپىلاڭ ئەنزىلىرىدىن بىرقانچىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ھەر مىللەت خەلقىدىن نەچچە يۈزمىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. نەتىجىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ھاياتى كاپالەتكە ئىگە بولالماي دەككە - دۈككىدە كۈن ئۆتكۈزىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ، چېگرىنى تاقىغاندىن كېيىن كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قىس بولۇپ، مال باھاسى ئۆسۈپ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىمۇ قىيىن كۈندە قېلىپ خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈندىن - كۈنگە قوزغىلىپ، غەزەپ - نەپرىتى چەككە يەتتى. ئاددىي خەلقتىن تارتىپ يۇقىرى قاتلام كىشىلەرگىچە بولسۇن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىدىن نارازى بولمىغىنى قالمىدى.
30- يىللاردىكى شىنجاڭ تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن تۆت مەشھۇر شەخس: خوجانىياز ھاجى، شېڭ شىسەي، جىن شۇرېن، ما جۇڭيىڭ
تاشقى سەۋەب:
1933 - يىلى شېڭ شىسەي تەختكە چىققاندىن كېيىن، دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېقىنلىشىپ بارلىق سىياسەتلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا مايىل قىلىپ ئېلان قىلدى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زور مىقداردىكى ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ ياردىمىنى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى ئېشىپ، شىنجاڭ رايونى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى رايون بولۇپ قالدى. شۇ دەۋردە ھۆكۈمەتنىڭ ھەممە تارماقلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىلىرى بار بولۇپ، ئەمىلى ھوقۇق شۇلارنىڭ قولىدا ئىدى. شېڭ شىسەي ئويدۇرۇپ چىقارغان توپىلاڭ ئەنزىلىرىدىكى جىنايەتچىلەرمۇ موسكۋادىن تەستىق كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىناتتى. بىراق 1942 - يىلىغا كەلگەندە شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزىنى گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئاتتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خادىملىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدىكى تەسىر كۈچلىرىنى پۈتۈنلەي تازىلىدى. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا شېڭ شىسەينى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئەسلىدىكى ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇددىئاسى پەيدا بولدى. بۇ مۇددىئانى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭدا چوقۇم بىر ئىنقىلاب پارتلاش كېرەك ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ شېڭ شىسەينىڭ زۇلۇمىغا بولغان قارشىلىقىدىن پايدىلىنىپ ئىش ئېلىپ بېرىشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان كونكرېت ئىشلارنىڭ بىرى ئالتاينىڭ كۆكتوقاي، چىڭگىل ناھىيىلىرىدىكى قازاق خەلقىنىڭ شېڭ شىسەيگە قارشى قوزغىلىڭىنى قوللاش، يەنە بىرى شېڭ شىسيەينىڭ ئاق تېرورلۇقىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، شىنجاڭدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ چىققان ھەر مىللەت ياشلىرىنى يىغىپ ئۇلارغا ھەربىي تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئىدى سەيدۇللا سەيپۇللايوف ئەپەندىنىڭ « مەن شاھىت بولغان ئىشلار » ناملىق كىتابىدا يېزىشىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى پامىر ئېتىكىدە ئىسھاقبېك مۇنۇنوف، پالىنوفلارنىڭ باشچىلىقىدا 500 نەچچە كىشىلىك بىر پارتىزان ئەترىتى قۇرۇپ ئۇلارنى ئاتۇش چېگرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىنقىلاب قوزغىماقچى بولغان. بىراق ئارىدىن خائىن چىققانلىقتىن پىلان ئەمەلگە ئاشماي قالغان. يەنە ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ئالېكساندىروفلار باشچىلىقىدا بىر گۇرۇپپا تەشكىل قىلىپ ئۇلارغا ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بارغان. يەنە ئىلى ۋىلايىتىدىن قېچىپ چىققان پاتىخ مۇسلىموف ( تاتار)، سەيدۇللا سەيپۇللايوف، قۇربان بۇرھانىدىن (ئۇيغۇر)، رەپىق بايچۇرىن (تاتار) قاتارلىق 10 نەچچە نەپەر ياشنى ئالمۇتا ئەتراپىدىكى بىر ساناتورىيىدە تەربىيىلەپ پۇرسەت تۇغۇلغاندا، چېگرىدىن كىرگۈزۈپ ئىلى ۋىلايىتىدە ئىنقىلاب قوزغىماقچى بولغان.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك تۆت كاتتىۋېشى: سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبىرى سىتالىن؛ سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومېسسېرىياتىنىڭ رەئىسى مولوتوف، سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك كوممېتېتى ( ك گ ب) نىڭ باشلىقى بېرىيە؛ سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ئىشلار كومېسسېرىياتىنىڭ رەئىسى ۋورشىلوۋ.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى دوباشىن ئېلىخان تۆرە، ھېكىمبەك غوجا قاتارلىق يەرلىك يۇقىرى قاتلام زاتلىرى بىلەن مەخپىي ئالاقىلىشىپ ئۇلارنى قوزغىلىپ شېڭ شىسەينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا دەۋەت قىلغان ۋە ئېلىخان تۆرە باشچىلىقىدا « ئازادلىق تەشكىلاتى » قۇرۇلۇپ مەسچىتلەردە تەشۋىقات خىزمەتلىرى ئىشلىنىپ، ئىنقىلابنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلەندى.
غۇلجىدا قۇرۇلغان " ئازاتلىق تەشكىلاتى "نىڭ رەئىسى ئېلىخات تۆرە ۋە ھېكىمبەگ غوجا
يۇقىرىقىدەك تەييارلىقلاردىن كېيىن 1944 - يىلى 8 - ئاينىڭ بېشىدا پاتىخ مۇسلىموف ( تاتار) باشچىلىقىدىكى 7 كىشىلىك كىچىك ئەترەت قورغاس چېگرىسىدىن كىردى ۋە نىلقا ناھىيىسىدىكى ئۇلاستاي تېغىغا بېرىپ ئەكبەر ( قازاق) قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ قوزغىلاڭنىڭ مەسلىھەتىنى قىلىشتى.
پارتىزانلىق دەۋرى
1944-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇلاستاي تېغىدا پاتىخ مۇسلىموف (تاتار)، ئەكبەر (قازاق)، سىيىت (قازاق)، قۇربان بۇرھانىدىن (ئۇيغۇر)، رەپىق بايچۇرىن (تاتار)، غېنى مەھەممەتباقى (ئۇيغۇر)، نۇر ئوبۇلۇف (ئۇيغۇر)، ئوسمان ئىبراھىموف (ئۇيغۇر)، ھوشۇر مامىتوف (ئۇيغۇر)، خەمىت مۇسلىموف (تاتار)، مولداجان (قازاق)، سېريۇژا لاپشىن (رۇس) قاتارلىق كىشىلەرنى يادرو قىلغان پارتىزانلار ئەترىتى قۇرۇلدى ۋە ۋاقىتلىق قوماندانلىق شتابى تەسىس قىلىندى. پاتىخ مۇسلىموف باش قوماندان، ئەكبەر، سېريۇژا لاپشىن مۇئاۋىن باش قوماندان بولدى. ئۇنىڭ تۆۋىنىدە ئۈچ تارماق ئەترەت تەشكىل قىلىندى. 1-چوڭ ئەترەتكە ئەكبەر باتۇر، سىيىتلار قوماندان بولدى، ئۇنىڭ ئادەم سانى تەرەققىي قىلىپ 11-ئايغا بارغاندا تەخمىنەن 600 ئادەمگە يەتتى، 2-چوڭ ئەترەتكە غېنى باتۇر، ئوسمان ئىبراھىموف قوماندانلىق قىلدى، ئۇنىڭ ئادەم سانى تەرەققىي قىلىپ 11-ئايغا بارغاندا تەخمىنەن 600 ئادەمگە يەتتى، 3-چوڭ ئەترەتكە شۇتوف ئىۋان، خەمىت مۇسلىموف قوماندانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئادەم سانى تەرەققىي قىلىپ 11-ئايغا بارغاندا تەخمىنەن 600 ئادەمگە ئادەمگە يەتتى. پارتىزان ئەترىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى نىلقىدىن بۇلارنى تۇتۇشقا كەلگەن ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرىنى يوقىتىپ تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى ۋە بىرقانچە قېتىملىق غەلىبىلىك جەڭلەرنى قىلىپ پارتىزانلارنىڭ كۈچى بارغانچە ئۇلغايدى. 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى نىلقا ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر كېچە - كۈندۈز جەڭ قىلىشى ئارقىلىق 7 - كۈنى ناھىيە بازىرىنى ئىشغال قىلدى. ۋە غۇلجىدىن كەلگەن گومىنداڭنىڭ ياردەمچى قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى.
[img]http://web.bilik.cn//yawuz/Gheni-batur.jpg[/img]
غېنى باتۇر
[img]./Yawuz/fatixbatur.jpg[/img] [img]./Yawuz/ekberbatur.jpg[/img] [img]./Yawuz/xemit.jpg[/img]
فاتىخ باتۇر، ئەكبەر باتۇر، خەمىت باتۇر
1944-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى «ئازادلىق تەشكىلاتى » غۇلجىدا «ھەربىي قوماندانلىق شتابى» نى قۇرۇپ ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تارقاق ھەرىكەت قىلىۋاتقان پارتىزان ئەترەتلىرىگە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىشنى قارار قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئوفىتسېرى پېتىر رومانوۋىچ ئالىكساندىروف باش قوماندان بولدى، ئۇنىڭ ئەزالىرى رەھىمجان سابىر ھاجى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ۋ. م. ماژاروف، قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپتى. ھەربىي قوماندانلىق شتابى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى ( سوۋېت ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغا 27 يىل تولغان كۈنى) شەھەر بويىچە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى، نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىشىغا ماسلىشىشنى قارار قىلدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەلىكىگە قېچىپ بارغان ھەر مىللەت ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن پارتىزان ئەترىتى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى سەھەرگە ئۈلگۈرۈپ ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ قوماندانلىقىدا غۇلجا شەھىرىگە يېتىپ كەلدى ۋە ۋاڭ قادىر بېغىدا مەشىق قىلىۋاتقان گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر ئەسكەرلەردىن تۈزۈلگەن يۈز كىشىلىك كىچىك قوشۇنىنى تەسلىم قىلدۇرۇپ، يېڭى بىر ئەترەت تەشكىل قىلدى بۇ ئەترەتكە ئارۇپ ئەۋزى (تاتار) كوماندىر، ئايتۇغان يۇنۇچى (تاتار) مۇئاۋىن كوماندىر بولۇپ قوشۇننى يېتەكلەپ دەرھال قورچاق ئىلى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلدى.
نىلقا پارتىزانلىرى پاتىخ باتۇر، غېنى باتۇر قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە غۇلجا شەھىرىگە شەرق تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كىردى.
بىرنەچچە كۈنلۈك كەسكىن جەڭ ئارقىلىق 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنىگە كەلگەندە غۇلجا شەھىرىنىڭ ھەرەمباغ، ئايرودروم، لەڭشاڭ بۇتخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن باشقا جايلىرى پارتىزانلار تەرىپىدىن ئازاد قىلىندى. بۇ جەرياندا گومىنداڭنىڭ 400 دىن ئارتۇق ئەسكىرى يوقىتىلدى، 150 دىن كۆپرەك ئەسكىرى ئەسىر ئېلىندى.
پارتىزانلار ھەرەمباغ قاتارلىق جايلارغا كىرىۋالغان دۈشمەنلەرنى قورشاپ داۋاملىق ھۇجۇم قىلدى ۋە كەسكىن كۈرەشلەر ئارقىلىق 1945 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە كەلگەندە غۇلجا شەھىرىنى تولۇق ئازاد قىلدى. ھەرەمباغقا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشى 80 نەچچە كۈن توختىماي داۋام قىلدى. ئۇرۇش جەريانىدا پارتىزانلار گومىنداڭ ئەسكەرلىرىدىن 1600 ئادەمنى يوقاتتى، 3700 دىن كۆپرەك ئادەم (بۇنىڭ كۆپىنچىسى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە خەنزۇ ئامما) نى ئەسىرگە ئالدى، مىلتىقتىن 2100 نەچچىنى مىناميوتتىن 6 نى، ئېغىر - يېنىك پىلىموتتىن 98 نى، ئايروپىلاندىن 54 (تولىسى زەخىملەنگەن) نى، ئاپتوموبىلدىن 16 نى ۋە باشقا كۆپلىگەن ھەربىي ئەشيالارنى غەنىمەت ئالدى.
غۇلجا شەھىرىدە كەسكىن جەڭلەر بولۇۋاتقاندا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ كۈرەشلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. سۈيدۆڭ ناھىيىسىدە موگوتنوفنىڭ قوماندانلىقىدا ھەر مىللەت ياشلىرىدىن سۈيدۆڭ پارتىزانلىرى تەشكىل قىلىندى، كەڭسايدا فاتى ئىۋانوۋىچ لېسكىننىڭ باشچىلىقىدا كەڭساي پارتىزانلىرى تەشكىل قىلىنىپ ئۈرۈمچىدىن ياردەمگە كەلگەن گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇرۇش قىلدى. مەنسۇر لومىيوۋ (خۇيزۇ) باشچىلىقىدا تۇڭگان پارتىزان ئەترىتى تەشكىل قىلىنىپ سۈيدۆڭ پارتىزانلىرىغا ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلدى. ئارىشاڭ ناھىيىسىدە ئېردەنى ( موڭغۇل) باشچىلىقىدا موڭغۇل پارتىزان ئەترىتى تەشكىل قىلىنىپ بۆرتالا ئەتراپىدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى ئىسكەنجىگە ئالدى. تېكەس، موڭغۇلكۈرە، توققۇزتارا، كۈنەس قاتارلىق ناھىيىلەردىكى خەلقمۇ قوزغىلىپ گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كۈرەشلىرىگە ئىشتىراك قىلدى.