قاڭقىل ھارۋىلىرى
ئىسمائىل مۇھەممەت
«ۋېينامە. تەيزۇ ھەققىدە خاتىرە» دە ۋېي خانلىقى (سىيانپىيلار قۇرغان خانلىق) قوشۇنلىرىنىڭ مىلادى 399 – يىلى قۇملۇقنىڭ شىمالىغا يۈرۈش قىلغاندا ، بىر قېتىمدىلا «200 مىڭدىن ئارتۇق ئىگىز چاقلىق ھارۋا» نى غەنىيمەت ئالغانلىقىدىن مەلۇمات بەرگەن .بۇ مەلۇمات قاڭقىللارنىڭ ھارۋا ياساش ئاساس قىلىنغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا خېلى زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە .
ھارۋا توغام چاق ، كۆتەك ، ئوق ، شادا ، شوتا قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىپ تاپقان مۇرۇككەپ تېخنىكىلىق قۇرۇلمىدۇر . ئادەتتە ، سېرىق سۆگەتنىڭ پاچاق توملۇقتىكى بادرىسى سۇغا ھەپتىدەك چىلىنىپ ئەۋرىشىملىكى ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن ئېگىپ يۇمىلاق (دۆگىلەك) ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ ، ئاندىن دۆگىلەك چاقنىڭ مەركىزى ئاساس قىلىنىپ كۆتەك ئورنىتىلىدۇ . كۆتەك بىلەن چاق ئايلانمىسىنى تەكشى قېقىلغان شادىلار تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ . ھارۋىنىڭ چاقى ، ئەمەلىيەتتە ، چەمبەر ، ئوق ئۆتكۈزۈلگەن جاي چەمبەر مەركىزى (قوزغالماس نۇقتا) ، كۆتەك بىلەن چاق ئايلانمىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان شادىلار سېكتور ( بىر ياي ۋە ياينىڭ ئۇچىلىرىدىن ئۆتكەن ئىككى رادىئوسدىن ھاسىل بولغان شەكىل) دىن ئىبارەت . چەمبەر ئۇرۇنمىسىنىڭ ئېنىقلىمىسىدىن شۇ نەرسىنى بىلگىلى بولىدۇكى ، چاق دومىلىغاندا چاق مەركىزى بىلەن يەر يۈزىنىڭ ئارىلىقى ھامان ئۆزگەرمەيدۇ ، بۇ ئارىلىق چاقنىڭ رادىئوسىغا تەڭ بولىدۇ . شوتا چاق مەركىزىدىن ئۆتكەن ئوق ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلسا ، ھارۋا تۈز يولدا ماڭغاندا، ئۇنىڭدا ئولتۇرغان ئادەم ھارۋىنىڭ سىلىق مېڭىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ ، سىلكىنمەيدۇ . چاقنىڭ دۆگىلەك ياسىلىشىدا يەنە باشقا سەۋەپمۇ بار . جىسىم دومىلاپ ھەرىكەت قىلغان چاغدىكى سۈركىلىش سېرىلىپ ھەرىكەت قىلغان چاغدىكى سۈركىلىشتىن ئاز بولىدۇ ھەم دۆگىلەك جىسىم ئەڭ ئاسان دومىلىيالايدۇ . چاقنىڭ ئېگىز ، يوغان ، شادىسىنىڭ كۆپ قىلىپ ياسىلىشى سۈركىلىشنى تېخىمۇ ئازايتىش ، پېتىپ قالماسلىق، ھارۋىنىڭ ئېگىز – پەس يوللاردا ئاسان ئۆرۈلۈپ چۈشمەسلىكى ، چاقنىڭ كالاڭ بولۇپ قالماسلىقى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك . دېمەك ، ھارۋا گىئومىتىرىيىدىكى چەمبەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ، فىزىكىدىكى مېخانىكا ئىلمىنىڭ پىرىنسىپلىرى تەدىبقلىنىش ئاساسىدا ياسالغان مېخانىكىلىق قۇرۇلمىدۇر .
«ۋېينامە قاڭقىللار ھەققىدە قىسسە» دىكى قاڭقىل دېگەن ئىسىم ئۇلارنىڭ « كۆپىنچە ئېگىز چاقلىق ھارۋىلارغا چىقىپ » يۈرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى ، ھارۋا ئۇلارنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغاچقا ، ئوتتۇرا ئىقلىمدىكىلەر ئۇلارنى قاڭقىللار (ئېگىز ھارۋىلىقلار) دەپ ئاتايتتى . « چاق ئېگىز ، شادىسى كۆپ » ھارۋا مىللەت نامى بولۇپ قالغانىدى ، دېگەنگە ئوخشاش بايانلارغا ئاساسەن ، بۇ ھارۋىلارنىڭ قاڭقىل ھارۋىلىرى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ .
ئۇنداق بولسا قاڭقىللار كىم ؟ قاڭقىللار قىزىل تۇرالارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ ، ئەينى زاماندا ئۇلارنىڭ شەمشەر ، نەيزە ، يۈگەن ، جابدۇق ياساش قاتارلىق مېتال قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ، ھارۋا ياساش قاتارلىق ياغاچچىلق قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ، كۆن – خۇرۇم ، كىگىز ئىشلەش ، شاراپ ئېچىتىش قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بار ئىدى . بولۇپمۇ ھارۋا ياساش قاڭقىللارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدە خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيتتى ، ھارۋا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينايتتى . « چاق ئېگىز ، شادىسى كۆپ » ھارۋىلار بىلەن قونالغۇ ۋاقتىدا چارۋا ماللارنى چۆرىدەپ قوتان قىلغىلى ، كۆچكەن چاغدا يۈك – تاقلارنى توشۇغىلى ، ئوۋ قىلغاندا ياۋايى ھايۋانلارنى قورشىغىلى بولاتتى . بۇنداق ھارۋا تۇرالار (قاڭقىللارنىڭ ئەجدادى) دىكى ھەر قانداق ئائىلىدە بولماي قالمايتتى . شۇڭا ئۇلار پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە تۈركۈم – تۈركۈم ئېگىز چاقلىق ھارۋىنى ئۇچىرىتىش مۇمكىن ئىدى . مىلادى 487 – يىلى شەرقىي قاڭقىللاردىن 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئاۋالارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ ، بۈگۈنكى تۇرپاننىڭ شىمالىدىكى جۇڭغارىيە ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدە «قاڭقىللار دۆلىتى»نى قۇردى . بۇ يايلاقتىكى تۇرالار تۇنجى بولۇپ قۇرغان ھاكىمىيەت ئىدى . قاڭقىللار دۆلىتى تازا گۈللەنگەن چاغدا ، ئۇنىڭ چېگرىسى غەربتە جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىغىچە ، شەرقتە شىمالىي ۋېي خانلىقىغىچە ، شىمالدا ئالتاي تاغلىرىغچە باراتتى . ئۇلار جەنۇبتا قۇجۇ ، كىنگېت ، پىشامشان قاتارلىق بەگلىكلەرنى قارام قىلغانىدى .
بىز يۇقىرىدا ۋېي خانلىقى قوشۇنلىرىنىڭ بىر قېتىمدىلا «200 مىڭ ھارۋا غەنىيمەت ئالغانلىقى» نى تىلغا ئالدۇق . بۇ ئەينى زاماندا قاڭقىللارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ھەقىقەتەن تەرەققىي قىلغان ، ئۇلارنىڭ تۈتۈن سانىمۇ خېلى كۆپ بولغان، دېگەن قاراشنى ، ھارۋا چاقىنىڭ سېرىق سۆگەت بادىرىسىدىن ، ھارۋا بۆلەكلىرىنىڭ ياغاچتىن ياسىلىدىغانلىقىدەك پاكىت ئۇلار چۆلدىلا ئەمەس ، دەل – دەرەخ بىلەن قاپلانغان بوستانلىق ۋادىلاردىمۇ ياشىغان ، چۈنكى بىر قېتىمدىلا 200 مىڭ ھارۋا ياساشقا نۇرغۇن دەل – دەرەخ ، ياغاچ – تاش ئىشلىتىشكە توغرا كىلىدۇ ، دەل – دەرەخ بولمىسا ، ھارۋا ياسىغىلى بولمىغان ، ياغاچچىلىق تەرەققىي قىلمىغان بولاتتى ، دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
ھارۋىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىشى ئاتنىڭ قاتناشتا ئوينىغان رولىغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ قاتناش – ئالاقە تارىخىدا ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا غايەت زور رول ئوينىدى . جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بەزى يېزىلىرىدا «يارىيا» دەپ ئاتىلىدىغان چاقى ئېگىز ھارۋىلارنىڭ ھېلىھەم قاتناش ۋە يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىشى بۇنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى . ئىنسانلار كېيىنكى ۋاقىتلاردا چەمبەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە مېخانىكا ئىلىمىنىڭ پرىنسىپلىرى تەدبىق قىلىنغان بۇ مېخانىكىلىق قۇرۇلمىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى يېڭىلاش ئاساسىدا ئاپتوموبىل ، پويىزغا ئوخشاش زامانىۋى قاتناش قۇراللىرىنى ياساپ ، تەرەققىياتقا تۈرۈتكە بولدى .
مەنبە : «شىنجاڭ گېزىتى» 2000 – يىلى11– ئاينىڭ 16– كۇنى