ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
سىز بۇ تېمىنىڭ 205ـ كۆرۈرمىنى
tarhan
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
---|
قىزىل مىڭئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلما شەكلى مۇھەممەت نىياز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىدىقۇت ، يارغول ، كروران ۋە مىرەن قەدىمكى شەھىرى خارابىلىرى ، مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسى ، باغراش كۆلى ، قاناس كۆلى ، سايرام كۆلى ، بۇغدا كۆلى قاتارلىق گۈزەل مەنزىرە نۇقتىلىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرى ، ساياھەتچىلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىزىل مىڭئۆيلىرى ئۆزگىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى ، شۇنداقلا ساياھەت نۇقتىسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . قىزىل مىڭئۆي باي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 67 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان . تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 120 – يىللارنىڭ ئالدىداكۈسەن دۆلىتىدە بۇددا دىنىنىڭ «سەرۋاستى» (سانسىكىرتچە ھەممىدە مەۋجۇت دېگۈچىلەر) تەلىماتى ئەۋىج ئالغانىكەن . بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كۈسەن ئاھالىلىرى شۇ چاغلاردا بۇددىزمغا خاس ئىستىقامەت قىلىدىغان سورۇن - قىزىل مىڭئۆينى ياساشقا باشلىغانىكەن . ھازىر قىزىل مىڭئۆيىدە 240تىن كۆپرەك ھوجرا بولۇپ ، بۇلار بىناكارلىق قۇرۇلما شەكلى جەھەتتىن ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ . بۇنىڭ بىر خىلى ، قەدىمكى زاماندا «چايتا» دەپ ئاتالغان بولۇپ ، بۇنداق ھوجرىلارنىڭ تۈۋرۈك ( قازغاندا قالدۇرۇپ قويۇلغان تەبىئىي تۈۋرۈك ) لىرى ، تۈۋرۈك ئەتراپىدا چىرايلىق ئايۋانلار بار . بۇ ئىبادەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان . يەنە بىر خىلى ، «ۋىخارا» دەپ ئاتىلىدىغان ھوجرىلار بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا تۈۋرۈك يوق ، بەزىلىرى سوزۇنچاق ، بەزىلىرى تۆت چاسا ياسالغان . بۇنداق ھوجرىلار ئاساسەن ، ئېتىكاپخانا قىلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالاھىدە لاھىيلىنىپ ياسالغان ۋە راھىبلارنىڭ يېتىپ - قوپۇشى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان . چۆكمە جىنىسلاردىن ھاسىل بولغان ياداڭدا كېمىر ، گۈمبەز ياكى قەپەز شەكلىدە قېزىپ ياسالغان قىزىل مىڭئۆيلىرىنى ئەينى زاماندىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسىگە نىسبەتەن قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ نەمۇنىسى دىېيىشكە بولىدۇ . قىزىل مىڭئۆينىڭ قۇرۇلۇش شەكلى ۋە نەقىش – بېزەكلىرى تامامەن دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى بىناكارلىق سەنئىتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، ئۇيغۇر بىناكارچىلىقىدا ئۆي – ئىمارەتلەرگە چىقىرىلىدىغان تەكچە ، مەرەبلەر ، ئۇدۇل مورىلىق ئوچاقلار ۋە باشقا شەكىل – نۇسخىلارنىڭ ھەممىسى قىزىل مىڭئۆيلىرىدە ئىپادىسىنى تاپقان . بىز قەدىمكى زامان مىللىي بىناكارچىلىقىمىزنىڭ ئەڭ نادىر نەمۇنىسى ھېسابلىنىدىغان ، مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتقان ھەم بىزگە ئالەمشۇمۇل پەخرىي غورۇر بەخىش ئەتكەن بۇ مەدەنىيەت ، تارىخ مىراسىنى ياخشى قوغدىشىمىز لازىم . مەنبە : «شىنجاڭ گېزىتى» 2000 – يىلى8– ئاينىڭ 16– كۇنى |
||
![]() |