سىز بۇ تېمىنىڭ 290ـ كۆرۈرمىنى
tarhan
دەرىجىسى :لەشكەر
UID نۇمۇرى : 544
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-08-03
ئاخىرقى : 1970-01-01
|
قاراغۇجا – ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى
|
|
|
|
قاراغۇجا – ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى ھەبىبوللا خوجا لەمجىنى ئارخېئولوگىيە ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىق تەتقىقاتچىلىرى قاراغۇجا – ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان تۈرلۈك شەكىل ۋە مەزمۇندىكى ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارنى شەكىل ، تۈر ، مەزمۇن ۋە ئالاھىدىلىك تەرەپلەردىن ئىلمىي تەھلىل قىلىش ۋە تېخنىكىلق تەكشۈرۈش، ئىلمىي ئۇسۇلدا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يىل دەۋرىنى بالدۇرقى مەزگىل ، ئوتتۇرا مەزگىل ۋە ئاخىرقى مەزگىل دەپ ئۈچ دەۋرگە ئايرىدى . بالدۇرقى مەزگىل : جىن سۇلالىسى 16 پادىشاھلىق دەۋرى (مىلادى 265 – 439 – يىللار ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ مەزگىلگە ئائىت قەبرىلەردىن ياغاچتىن ياسالغان بۇيۇملاردىن ياغاچ ئات ، كالا ھارۋىسى ، ياغاچ چىزا ، قۇلاقلىق ياغاچ جام ، ياغاچ قوشۇق ، گۈرجەك ، ھاسا ، كىيىم جازىسى قاتارلىقلار چىققان . ساپال بۇيۇملاردىن سىدام تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە رەڭلىك تورمۇش بۇيۇملىرى چىققان ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىزىل ، قارا ۋە ئاق رەڭدە نەقىش چىقىرىپ ياسالغان ساپال چۆچەك ، ساپال قازان ، ئىۋرىق ، چۆگۈن ، ئىدىش ، تەشتەك ، چىراغ ، سىرلانغان قۇلاقلىق قەدەھ ، سىرلانغان چۆمۈچ قاتارلىقلار بار . مۇشۇ مەزگىلگە ئائىت تۈرلۈك توقۇلما بۇيۇملارمۇ قېزىۋىلىنغان ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كەندىر تالالىرىدىن توقۇلغان بۇيۇملار ھەممىدىن كۆپ بولۇپ ، كۆڭلەك ، شىم ، يوپكا ، يوتقان – كۆرپە قاتارلىقلار بار . يىپەك توقۇلما بۇيۇملاردىن ھەر خىل رەڭدىكى شايى ، دۇردۇن ، كىمخاب ( كىمخابتىن تىكىلگەن چاپان ، شىم ، يوتقان – كۆرپە ) قاتارلىقلار بار . كەشتىلەردىن ئۈزۈم ، قۇش ۋە ھايۋان رەسىمى كەشتىلەنگەن كىمخاب ۋە باشقا ھايۋان رەسىمى چۈشۈرۈلگەن كىمخابلار بار . بۇ مەزگىلگە ئائىت قەبرىلەردىن يەنە قەغەزدىن ياسالغان كەش تېپىلغان ، كەشنىڭ ئىچىدە 140 پارچىدىن ئارتۇق شەخىس ۋە ھۆكۈمەت خەت – چەكلىرى ساقلىنىپ قالغان . ئوتتۇرا مەزگىل : شىمالىي ۋېي سۇلالىسىدىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىق ( مىلادى 386 – 640 – يىللار ) بۇ مەزگىلگە ئائىت قەبرىلەردىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بالدۇرقى مەزگىلگە ئائىت قەبرىلەردىكىگە ئوخشاش ياغاچ قاچا – قۇچا بۇيۇملارنىڭ كۆپلىكى بىلەن ئەمەس ، بەلكى رەڭلىك نەپىس (رەڭلىك) ساپال بويۇملارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ ، مەسىلەن : مۇشۇ مەزگىلگە ئائىت تېگى قىزىل ياكى قارا رەڭدە ياسالغان كۈپ ، كوزا ، جام ۋە ئىدىشلارنىڭ ئۈستىگە قارا ، قىزىل ۋە ئاق رەڭلەردە نېلۇپەر گۈللۈك نەقىشلەر چىقىرىلغان . ئارخېئولوگلار ۋە تەتقىقاتچىلار بۇ بۇيۇملارنى تەتقىق قىلىپ « بۇ قۇچۇ ئارخېئولوگىيىلىك مەدىنىيىتىنىڭ ئوتتۇار ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكى» دەپ قەيت قىلىشقان . ئوتتۇرا مەزگىلگە ئائىت قەبرىلەردىن قوي سېتىۋىلىپ نەزىر قىلىش ھەققىدىكى ھېسابات دەپتىرى ، ئۈزۈملۈك باغ سېتىۋىلىش ھەققىدىكى ئىلتىماس ، ئىبادەتخانىلارنىڭ خەت – چەكلىر ى ۋە باشقا نەرسىلەر خاتىرلەنگەن 400 پارچىدىن ئارتۇق ھۈججەت ۋە خەت – ئالاقىلەر چىققان . بۇلاردىن باشقا ، يەنە مەلۇم ساندا مىس كۆرگۈ ، تۆمۈر كۆرگۈ ، ئوت – چۆپلەردىن ياسالغان ياغاچ قونچاق ۋە بۇغداي ئۇنىدا تەييارلانغان يېمەكلىكلەر تېپىلغان . ئوتتۇرامەزگىلگە ئائىت قەبرىلەردىن چىققان توقۇلما بۇيۇملار ئىچىدە كەندىر تالالىرىدىن يىپەك ۋە پاختىد ا توقۇلغان شايى ، كارۋان رەسىمى چۈشۈرۈلگەن «胡» ( خور) خەتلىك كىمخاپ ، «吉» (ساۋاپ) دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن كىمخاپ ، قوش قوراق ، گۈللۈك دارايى قاتارلىق نۇرغۇن توقۇلما بۇيۇم ئەۋرىشكىلىرى بار . ئاخىرقى مەزگىلىك مەدەنىيەت دەۋرى :بۇنىڭ يىل دەۋرى 640 – 907 – يىللار ، يەنى غەربى ئوبلاست – تاڭ سۇلالىسى بىلەن چەكلىنىدۇ . بۇ مەزگىلگە ئائىت قەبرىلەردىن 1000 نەچچە پارچە خەت – چەك تېپىلغان ، بۇ ئالدىنقى ئىككى مەزگىللىك قەبرىلەردىن چىققان يازما يادىكارلىقلارنىڭ سانىدىن كۆپ ، ئۇلارنىڭ مەزمۇنى تۈرلۈك بولۇپ، ئاساسەن ئىجارە ، ئالۋان – سېلىق ، تېرىقچىلىق ۋە ھەربىي – مەمۇرىي ئىشلارغا دائىر ئالاقە خەتلىرى ، ھۆكۈمەت ۋە شەخىسلەرنىڭ ھۈججەتلىرى ، يول خېتى ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ يەردىن يەنە مەملىكىتىمىز بويىچە يىگانە قول يازما « جىڭ شۈەننىڭ مۇھاكىمە بايانلىرىغا ئىزاھى » ناملىق قەدىمكى كىتابنىڭ قول يازمىسى تېپىلغان . ئاخىرقى مەزگىلىك قەبرىلەردىن سانى ، تۈرى ، رەڭگى ۋە سۈپىتى ئالدىنقى ئىككى مەزگىلگە ئائىت قەبرىلەردىن چىققان توقۇلما بۇيۇملاردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشىدىغان يىپەك ، پاختا ، چىگە ۋە يۇڭ توقۇلما بۇيۇملار چىققان ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە چېتىشتۇرۇلغان ئۈنچە- مارجان ئارىسىغا دۇلدۇل مىنگەن چەۋەندازنىڭ ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن كىمخاب ، ئۈنچە چەمبىرەك ، قۇش سۈرەتلىك كىمخاب ، بۇغا سۈرەتلىك كىمخاب ، يوپۇرماق گۈللۈك چاسا شەكىللىك قۇش قانات كىمخاب، توز قۇيرۇقى سۈرەتلىك كىمخاب ، جۈپ شىر سۈرەتلىك كىمخاب ، جىلا يوللۇق كىمخاب ، يىڭنە خالتىسى ۋە شاھمات سۈرەتلىك كىمخاب ، گۈل بېسىلغان تەكتى گۆشرەڭ دۇردۇن كۆڭلەك ، گۈل بېسىلغان تېگى يېشىل دۇردۇن كۆڭلەك قاتارلىقلار بار . بۇ مەزگىلگە ئائىت ياغاچتىن ۋە لايدىن ياسالغان قونچاقلارمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىدۇ . ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمگەك قىلىۋاتقان ، خېمىر يۇغۇرۇۋاتقان لاي قونچاق ، بېشى لايدىن ، گەۋدىسى ياغاچتىن ياسالغان ئايال قونچاق ، ئات مىنگەن رەڭدار لاي قونچاق ، لايدىن ياسالغان شايى رومال ئارتقان ئاتلىق ئايال قۇنچاق ، بېشى لايدىن ، گەۋدىسى ياغاچتىن ياسالغان ھەرەم ئاغىسى قاتارلىقلار ناھايىتى ئوبرازلىق ئىشلەنگەن . بۇ مەزگىلگە ئائىت سەنئەت ئەسەرلىرى ئىچىدە شايىغا سىزىلغان شاھمات ئويناۋاتقانلار رەسىمى ، ھۈر قىز سۈرىتى قاتارلىقلار بار . ئۇلار ناھايىتى يۈكسەك بەدىئىي قىممەتكە ئىگە بولۇپ ، ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان بەدىئىي سەنئەت نەمۇنىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . قارا غوجا – ئاستانە قەبرىستانلىقىد ا تۇرپان ۋادىسىنىڭ قەدىمكى دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك ئىشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان ناھايىتى زور تۈركۈمدىكى ماددى بۇيۇملارمۇ ساقلىنىپ قالغان . ئۇلارنىڭ ئىچىدە ، بۇغداي ، بۇغداي ئۇنىدىن ئىشلەنگەن نان ، جۇۋۋا ، چۆچۈرە ، ھەر خىل يېمەكلىكلەر ، گۈللۈك پىرەنىكلەر قاتارلىقلا ر بار . كۆمۈرگە ئايلانغان چىگىت ، كۇبقا ۋە خالتىغا قاچىلانغان تېرىق ، ھەتتا ساپال تاۋاقلارغا ئۇسۇپ قويۇلغان تېرىق ئېشى ، شۇنىڭدەك بۇغداي كېپىكى ، بۇغداي سامىنى ، چۈجگۈن ، ئارپا دانلىرى ، دادۇر ، قارا پۇرچاق ، كۈنجۈت ، زىغىر قاتارلىقلار تېپىلغان . باغۋەنچىلىككە ئائىت قىممەتلىك ئەۋرىشكىلەر ئىچىدە ئۈزۈم ، قوغۇن ئۇرۇقى ، قوغۇن شاپىقى ، چىلان (قېقى ) ، ياڭاق ، ئامۇت – نەشپۈت ، ئەينۇلا ، شاپتۇل ، ئۆرۈك ، بادام ۋە بېدە قاتارلىقلار بار . بۇ ماتېرىياللار تۇرپاننىڭ قەدىمكى زاماندا باغۋەنچىلىك مەركىزى بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .
مەنبە : «شىنجاڭ گېزىتى» 1994 – يىلى3– ئاينىڭ 8– كۇنى
|
|
|
|
|
|
|
سىز بۇ تېمىنىڭ 290ـ كۆرۈرمىنى
kariz
دەرىجىسى :لەشكەر
UID نۇمۇرى : 327
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-05-22
ئاخىرقى : 1970-01-01
|
|
|
|
|
رەھمەتلىك ھەبىيبۇللا ئاكامنىڭ نۇرغۇن ئىسىل يازمىلىرى بار ئىدى. ئىست، بەك بالدۇر كېتىپ قالدى. ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن! |
|
|
|
|
|
|