نۆۋەتتىكى تېما : نورۇز ۋە نورۇز مەدەنىيىتى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 642ـ كۆرۈرمىنى
tarhan

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 544
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-08-03
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 نورۇز ۋە نورۇز مەدەنىيىتى

نورۇز ۋە نورۇز مەدەنىيىتى
تۇرسۇن قۇربان
نورۇز – ئەڭ قەدىمىي ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھادىسىسى . نورۇز دۇنيادىكى مىلاد ، قۇربان ھېيت ، چاغان قاتارىدىكى تۆت چوڭ بايرامنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئىران ۋە توران دىيارىدا يېڭى يىل بايرىمى قىلىنىپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقىنىغا 2600 يىلدىن ئاشتى . بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 400 مىليون  ئەتراپىدا .
نورۇز پەيدا بولغاندىن كېيىن ، نورۇز ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەردە نورۇز مەدەنىيىتى ھادىسىسى پەيدا بولدى . بۇنىڭ بىلەن نورۇز ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بايرام پائالىيىتىگە ئايلاندى . نورۇز مەدەنىيەت ھادىسىسىنى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن :
1 . نورۇز يېڭى يىل بايرىمى . چۈنكى نورۇز ھەر يىلى كۈندۈز بىلەن كېچە تەڭلىشىدىغان پەيىتتە كېلىدۇ . يەنى 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى كېچە سائەت نۆلگە توغرا كېلىدۇ . شۇڭا يېڭى يىلنىڭ باشلانغان كۈنى يىل بېشى قىلىنغان . 21 – مارت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈركى تىللىق مىللەتلەردە يېڭى يىلنىڭ باشلانغانغانلىقىدىن ئىبارەت ۋاقىت ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈپ ، كىشىلەرنى ۋاقىتنى سۆيۈش ، ۋاقىتنى قەدىرلەش ، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتەك رىقابەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغان .
2 . نورۇز تەبىئەت ۋە گۈزەللىك بايرىمى . نورۇز باشلانغان كۈن تەبىئەت جانلانغان ، دەل – دەرەخلەر كۆكىرىشكە باشلاپ ، تاغ ، ئىدىرلىقلارنى يېشىللىق قاپلاشقا باشلىغان ، ئەگىز ئېقىپ ، كىشىگە ھاياتلىق ئۈمىدى بېغىشلىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ . شۇنداق بولغاچقا ، نورۇز ئۆتكۈزىدىغان  مىللەتلەردە تەبىئەتنى سۆيۈش ، تەبىئەتتىن زوقلىنىش ، تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن باغ – ئورمان ، گۈل – گىياھلىق بەرپا قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن .
3 .نورۇز – ئەمگەك بايرىمى ، تەنتەربىيە بايرىمى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت بايرىمى . ئەتىيازلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئەۋجىگە چىقىرىپ ، يېڭى يىلدا تېخىمۇ مول بايلىق يارىتىش نورۇزنىڭ ماددىي مەدەنىيلىك ئەنئەنىسى . تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي ساپاسىنى ياخشىلاشقا ئۇل سېلىش ، ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ، نورۇزنى ، كىشىلىك ھاياتنى مەدھىيىلەش ، بۇ ئارقىلىق ئەلگە ئىجادچانلىق ، خۇشاللىق ، مەردانىلىك روھى بېغىشلاش نورۇزنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى . ئۇيغۇرلاردا نورۇز قەدىمىي ھەم كېلەچىكى پارلاق بايرام . بۇ بايرام 2000 نەچچە يىللىق مۇساپىنى بېسىپ زامانىمىزغا يېتىپ كېلىپ ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ، تەبىئەت بايرىمىغا ، ئەمگەك ، تەنتەربىيە مۇسابىقىسىغا ، سەنئەت كۆرىكىگە ئايلاندى . بۈگۈنكى كۈندە ئۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا تېخىمۇ كەڭ سورۇنغا ، مىسلىسىز جەلپ قىلىش كۈچىگە ۋە تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولماقتا . ئۇزاق يىللىق تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن  بۇ مەدەنىيەت ھادىسىسى كەلگۈسىدە يەنىلا ھاياتىي قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئەنئەنىلىرى داۋاملىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا نۇرغۇن زامانىۋى مەدەنىيەت ئېڭى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەت مەزمۇنلىرى قوشۇلىدۇ .

مەنبە : «شىنجاڭ  گېزىتى » دىن

| ۋاقتى : 2008-08-28 16:59 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 642ـ كۆرۈرمىنى
toghrak

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2723
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 54
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە54دانە
شۆھرىتى: 55 نومۇر
پۇلى: 540 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :25(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-14
ئاخىرقى : 2008-10-27

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

نۇرۇز بايرىمىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تىزلىتىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدىنيىتىنى گۈللەندۈرۈپ  ،  بۇ بايرامنىڭ قانۇنلۇق ھالدا مىللى بايرام قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارساق ياخشى بۇلاتتى.
1som
| ۋاقتى : 2008-08-31 18:52 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 642ـ كۆرۈرمىنى
kokjal

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2995
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە57دانە
شۆھرىتى: 58 نومۇر
پۇلى: 570 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-28
ئاخىرقى : 2009-01-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

وكىنەرلىگى بىزدىڭ جاقتا ۇيغۇرلاردىڭ ناۋرىز وتكىزگەنىن كورمەدىم.
ۇيغۇرلاردىڭ ناۋرىز مەرەكەسىن كورگىم كەلەدى.
سىزدەر ناۋرىز مەرەكەسىن قالاي وتكىزەسىڭدەر؟
تۇسىنىك بەرە كەتسەڭىزدەر؟!
| ۋاقتى : 2009-01-05 20:33 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 642ـ كۆرۈرمىنى
Ghalip

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1793
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 139
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە139دانە
شۆھرىتى: 139 نومۇر
پۇلى: 1390 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :662(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-03-17
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
2 - قەۋەتتىكى kokjal 2009-01-05 20:33 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
وكىنەرلىگى بىزدىڭ جاقتا ۇيغۇرلاردىڭ ناۋرىز وتكىزگەنىن كورمەدىم.
ۇيغۇرلاردىڭ ناۋرىز مەرەكەسىن كورگىم كەلەدى.
سىزدەر ناۋرىز مەرەكەسىن قالاي وتكىزەسىڭدەر؟
تۇسىنىك بەرە كەتسەڭىزدەر؟!


كۆرگۈڭ بولسا قۇمۇلغا  بار.شۇ يەرلەردە يىللاردىن بۇيان ئۈزۈلدۈرمەي ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. (كۆك مەشرىپى دېگەن نامدا ئۆتكۈزىدۇ)
| ۋاقتى : 2009-01-05 21:00 3 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.101350(s) query 4, Time now is:01-08 18:05, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation