muhtarbay
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-05-18
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 يەتتە قىزنىڭ تارىخى  ( مۇختەرباي )


يەتتە قىزنىڭ تارىخى



يەتتە قىزلىرىم مازىرى ئۇچ تۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ مۇلجە تاغ باغرىنىڭ شىمالى يان باغرىغا جايلاشقان بۇلۇپ ، يەتتە قىزنىڭ قەبرىسى ياغاچ رىشاتكا ئىچىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان . تارىخى مەنبەلەردىن قارغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى چىيەنلۇڭنىڭ 30 - يىللىرى ( مىلدى 1765 - يىلى ) زۇلۇمغا قارشى ئۇچتۇرپاندا يۇز بەرگەن ئاكا - ئۇكا رەخمە تۇللا ۋە ئەسمەتۇللا باشچىلىقىدىكى دىھقانلار قۇزغۇلىڭى ( جىگدە يىغىلىقى ) قاتناشچىلىرىدىن ئايال پالۋان مايسىخان باشلىق يەتتە قىز نەۋكەرنىڭ مەقبەرەسىدۇر .

ئۇچتۇرپان دىھقانلىرى رەخمىتۇللا ۋە ئەسمىتۇللا بەگلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە يىرىم يىلدىن كۇپرەك ۋاقىت چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنلىرى بىلەن ئىلىشىپ ئاخىرى مەغلۇپ بۇلىدۇ ۋە قۇزغۇلاڭغا قاتناشقان ئىنقىلاپچىلارنىڭ ئۇچتەن بىرى قىرغىن قىلىنىدۇ ، 10 مىڭدەك كىشى ئىلىغا سۇرگۇن قىلىنىدۇ ، بارلىق بالايى ئاپەت يۇرتتا قالغان قىزلارنىڭ بىشىغا كىلىدۇ . ئۇچتۇرپان خان ئامبىلى سۇچىڭ ۋە ھاكىمبەگ ئابدۇللا ۋەكىللىكىدىكى مانجۇ ھۇكۇمرانلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلىقى ئۇستىدىن دەھشەتلىك يۇرگۇزۋاتقان زۇلۇمغا چىدىمىغان بىر تۇركۇم ئەر - ئايال ئاخىرى رەخمە تۇللا بەگنىڭ سىڭلىسى مايسىخاننىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ تاغ ، جىلغا ، ئۇرمانلىقلاردا يۇشۇرۇن چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنلىرىغا داۋاملىق زەربە بىرىدۇ . مانا بۇ تارىختىكى << مايسىخان جىڭى >> .

ئىيتىلىشچە بۇقىتىمقى جەڭ ئۇچ ئاي داۋام قىلىپ ، مايسىخان بىلەن غۇنچە قىز باشچىلىقىدىكى يەتتە نەپەر ئايال دۇشمەننىڭ قۇرشاۋىدا قىلىپ ئاخىرى تاغدىن ئۇزىنى ئىتىپ مەرتلەرچە قۇربان بىلىدۇ . كىيىن كىشىلەر بۇ يەتتە نەپەر قەخىرمان قىزلىرىمىزنىڭ خاتىرىسى ئۇچۇن مۇلجەر تىغىنىڭ غەربىي شىمالىغا << يەتتە قىز مەقبەرەسى >> نى ياساتقان ئىكەن .

1942 - يىلى ئۇچتۇرپانغا ھاكىم بۇلۇپ تۇرغان لىنجىلۇ ( ئەخمەتچان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قۇربان بۇلغان ) يازغان << ئۇچتۇرپاندىكى ئاسارى - ئەتىقىلەر ۋە جۇڭگۇ - رۇسيە چىگرىسى تۇغرىسىدا ئىزاھات >> دىگەن ماقالىسىدە : << يەتتە قىزىم مەقبەرەسى مۇسۇلمانچە ياسالغان ، ئۇستى يىپىقلىق ، بۇ مەقبەرنى ئۇيغۇرچە يەتتە قىزلىرىم دەپ ئاتايدۇ ، مەقبەرەنى بىر شەيىخ ساخلايدۇ ، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر كىشلىرى كىلىپ مال ئۇلتۇرۇپ نەزىر بىرىدۇ . ئاياللار دۇئا تىلاۋەت قىلىپ يىغا - زار قىلىشىدۇ ، بۇ ئۇچتۇرپاندىكى مۇھىم ئاسەر ئەتىقىلەرنىڭ بىرى >> دەپ كۇرسەتكەن .

دىمەك يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى 20 - ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل تاۋاپكار ۋە زىيارەتگاھ بۇلۇپ كەلمەكتە ، بۇ تاۋاپكار ناھىيە دەرىجىلىك مۇھىم قۇغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكار ئۇرنى قىلىپ بىكىتىلگەن .
يەتتە قىزنىڭ ئىسمى : مايسىخان ، غۇنچە قىز ، دىلبەر قىز ، زۇھرە گۇل ، قەمبەرنىسا ، گۇلئايىم ، ئەختەرنىسا .
يەتتە قىزنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن نۇچىسى يەنە مايسىخان . قەلەمىي ۋە ئەلەمىي ئىشلارغا ماھىرلىقتا ئۇنىڭ ئالدىغا ھىچكىم يەتمەيدۇ . قايماقتەك سۇزلەپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىچ - باغرىنى مۇمىيادەك
يۇمشىتىۋىتىدىغان غۇنچە قىز ئۇلار ئىچىدىكى ئەڭ زۇۋاندازلىرىدىن ، چىچەنلىك ۋە ھازىر جاۋاپلىقتا ئۇ ھەممىنى بىسىپ چۇشىدۇ .

كۇپ ۋاقتىنى گۇزەل خىياللارنى سۇرۇش بىلەن ئۇتكۇزىدىغان ئۇيچان قىز دىلبەرنىڭ شائىرلىق ماھارىتىگە ھەممەيلەن تاڭ قالىدۇ . ئۇ ئۇيغا پاتقان چاغلىرىدا يىگىتلەرنىڭ كۇزىگە باشقىچە ئۇماق كۇرىنىپ كىتىدۇ .
چىرايىدىن تاڭدىكى چۇلپاندەك نۇر تۇكۇلۇپ تۇردىغان زۇھرە گۇل تەققى - تۇرقى تۇپتۇز ئۇسكەن شەمشاتنى ئەسلىتىدىغان زىلۋا بۇيلۇق قەمبەرنىسا . بۇلاقتەك كۇزلىرى يىگىتلەرنى چۇكتۇرۇۋېتىشكە ئاران تۇرىدىغان شەھلا كۇزلۇك گۇل ئايىم ، دىللارنى چاڭ كەلتۇرۇپ ناخشا تۇۋلاپ تايچاقتەك قىيغىتىپ ئۇيناشقا ئادەتلەنگەن بۇيى ئۇسسىمۇ بالىلىق مىجەزى ئۇسمىگەن ئەركە قىز ئەختەرنىسالارنىڭمۇ ھەر بىرىنىڭ ئۇز ئارتۇقچىلىقلىرى بار .
Posted: 2007-11-21 13:00 | [ئاپتور]
samad
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-09-15
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

خۇدايىم ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!11
Posted: 2007-11-22 14:11 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.052347(s) query 4, Time now is:01-12 22:13, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation