« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
نۆۋەتتىكى تېما : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﻮﻗﻰ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 662ـ كۆرۈرمىنى
faryad

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1585
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
شۆھرىتى: 15 نومۇر
پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-08
ئاخىرقى : 2008-09-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﻮﻗﻰ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﻮﻗﻰ


ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ.ﺋﯚﺯﻧﯩﯔ ﺑﯜﻳﯘﻙ ﺋﻪﺳﺮﻯ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﺪﺍ ﺗﺎﺗﺴﯩﺰ ﺗﯜﺭﯨﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ،ﺗﯜﺭﯨﻜﺴﯩﺰﺗﺎﺕ ،(ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺗﺎﺟﯩﻜﺴﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺳﯩﺰ ﺗﺎﺟﯩﻚ)ﺩﻩﭖ ﭘﯜﺗﯜﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺰﺍﮬﻠﯩﻐﺎﻥ ،ﺑﺎﺷﺴﯩﺰ ﺑﯚﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺗﺎﺗﺴﯩﺰ ﺗﯜﺭﯨﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ،ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﺎﺑﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺕ،ﺩﯨﻦ ،ﺋﯚﺭﭘﻪ- ﺋﺎﺩﻩﺕ،ﻳﯩﻤﻪﻙ- ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ،ﺳﺎﻻﻡ -ﺳﺎﺋﻪﺕ، ﯞﻩ ﺗﯩﻞ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﻪﻧﺒﻪﺩﺍﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ،ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﯨﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﻮﭖ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ،ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﻩ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ،ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﻪ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻏﺎ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺟﯩﻜﻘﺎ ﺳﯩﯖﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺏ.ﮒ.ﻏﺎﭘﯘﺭﻭﻓﻤﯘ ﺋﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﺗﺎﺭﺧﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ،ﺗﺎﺟﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻳﺎﻧﺪﺍﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻻﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ.ﯞﻩ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭﺗﺎﺭﺧﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ<< ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ>>..ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺋﺎﺭﻳﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺳﺴﺎﮔﯧﺖ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻛﻼﺭﯞﻩ ﺋﯘﻳﺴﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ ﺑﻮﯞﻟﯩﺮﺩﯗﺭ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ .ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺭﻳﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻙ ﺳﻮﻏﺪﻯ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﺩﻩ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﺩﻩ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺏ ﯘﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﻪﻟﯩﻘﻘﻪ ﺋﺎﺗﺴﯩﻤﺎﻻﺗﺴﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﻮﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺑﻮﻟﻮﭘﻤﯘ ﭘﺎﻣﯩﺮ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺭﯗﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻣﯩﺮ ﺗﺎﺟﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﯩﻞ،ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ،ﺋﯚﺭﭘﻪ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ،ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺧﻠﯩﻠﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ.ﺟﻮﯕﮕﯘﺩﯨﻦ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻕ ﺗﻪﻧﻠﯩﻠﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﺪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻛﺎﯞﻛﺎﺯ ﺗﯩﭙﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ،ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﺪﻯ.ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺭﯗﻣﺪﯨﻦ ﺗﯩﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ.ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺷﺎﻣﺒﺎﻳﺎ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯚﯕﻪﯕﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﯩﺰﯞﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ.
ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﺭﺍ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﯕﺸﺎﺭﻟﯩﻖ،ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ.ﻟﯩﯟﻯ ﻧﯩﭙﯩﺰ،ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﯜﻛﻠﯜﮒ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ....ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﻪﺭﻛﻪﻥ ﺧﻪﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﺎﯞﺭﺍ ﺋﯜﻧﻨﻪﮬﯩﺮﻧﻰ ﻳﻪﻧﯩﺠﻪﻧﯘﭘﺘﺎ ﮬﯩﻨﺪﯨﻘﯘﺵ ﺗﯩﻐﯩﻨﻰ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻏﻪﺭﯨﭙﺘﻪﺋﺎﻣﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﺳﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ،.....ﺩﯛﻧﺨﯘﺍﯕﺪﯨﻦ ﺗﯩﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ
ﻗﻪﺷﻘﺎﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺧﯚﺗﻪﻧﮕﻪ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﯖﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ،ﭘﺎﻣﯩﺮﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﯞﻩ ﭘﺎﻣﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.ﺗﺎﺟﯩﻚ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﺴﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ 40 ﻳﯩﻞ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﺧﯚﺗﻪﻧﻨﻰ ﺑﯩﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ.ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺧﺎﻧﻰ ﯞﺍﻳﺴﯧﺮﺧﺎﻥ ﺧﯚﺗﻪﻥ ﻛﯚﮬﻤﺎﺭﯨﻤﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻠﯩﺮﮔﻪ ﻳﯩﯖﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺩﻩﻧﺪﺍﻥ<< ﻳﻮﺗﻘﺎﻥ >> ﺷﻪﮬﺮﯨﮕﻪ ﭼﯩﻜﯩﻨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺩﻩﻧﺪﺍﻧﻨﻰ ﺳﯘﻏﺎ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯞﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺧﯚﺗﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻗﯘﺷﯘﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺴﻪﯞﯞﯗﭘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ....
.................ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ، ﺋﺎﻓﻔﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ،ﯞﻩ ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﯛﺷﻪﻧﺒﻰ،ﺭﯨﻴﻨﺌﺎﺑﺎﺕ.....ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻳﻠﯩﺮﺩﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﺎﺷﯩﻤﺎﻗﺘﺎ..ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﻪﯞﺋﺎﺑﺎﺕ(ﻣﯘﺧﺘﺎﺭﻳﺎﺕ) .ﺯﻩﺭﻩﭘﺸﺎﺕ،ﺗﺎﺭ،ﺋﺎﻗﺘﯘ،ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ..ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﻨﺴﯩﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﻨﺪﯗ.ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ..ﺑﯩﺰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺩﻭﺳﺘﻠﻮﻕ ﻣﯩﮭﺮﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯩﺰ.....ﺑﯘ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻮﻗﻮﻏﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ
ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ..
yol
| ۋاقتى : 2008-09-07 12:27 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 662ـ كۆرۈرمىنى
toghrak

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2723
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 54
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە54دانە
شۆھرىتى: 55 نومۇر
پۇلى: 540 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :25(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-14
ئاخىرقى : 2008-09-16

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مىللەتلەر ئىتتپاق،ئىناق بولغاندىلا تەرەققى قىلغىلى ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرگىلى بۇلىدۇ. ئىككى مىللەتنىڭ دوسۇتلۇقى ياشنىسۇن!
| ۋاقتى : 2008-09-07 14:04 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 662ـ كۆرۈرمىنى
bilga0992

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 827
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-10-28
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ.ﺋﯚﺯﻧﯩﯔ ﺑﯜﻳﯘﻙ ﺋﻪﺳﺮﻯ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﺪﺍ ﺗﺎﺗﺴﯩﺰ ﺗﯜﺭﯨﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ،ﺗﯜﺭﯨﻜﺴﯩﺰﺗﺎﺕ ،(ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺗﺎﺟﯩﻜﺴﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺳﯩﺰ ﺗﺎﺟﯩﻚ)ﺩﻩﭖ ﭘﯜﺗﯜﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎن .
يازغان تېمىڭىزنىڭ بېشىدىلا ناھايتى ئېغىر بىر خاتالىق يۈز بەردىمۇ قانداق ؟
ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى تۈركى تىللار دىۋانىدا بۇ ماقالنى ھەقىقەتەن شۇنداق پۈتۈپ قويغان . لىكىن بۇ يەردىكى " تات " دىگەن سۆز ھەرگىزمۇ تاجىكلارنى كۆرسەتمەيمۇ سىز دىۋاننى ئۇبدانراق چۈشىنىپ ئوقۇڭ .
دىۋاننىڭ بىرىنچى تومىدا ئۇيغۇر توغرىسىدا مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن . " ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى . ئۇنىڭ بەش شەھرى بار . ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى ئەشەددىي تاتلار دۇر " بۇ يەردىكى تات - دىگەن سۆز مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ .
ئېسىمدە قىلىشىچە تاجىكلار دەسلەپتە تۈرۈكلەر تەرپىدىن " تەزەك " دەپ ئاتالغان ئىدى .
| ۋاقتى : 2008-09-07 23:10 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 662ـ كۆرۈرمىنى
Nazirkom

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 2549
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە31دانە
شۆھرىتى: 34 نومۇر
پۇلى: 330 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :24(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-09
ئاخىرقى : 2008-09-15

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تېما يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت.
بىلىشىمچە ئاخۇن، ئاخۇنىك=ئاق ھون دەپ ئاتاش پەقەت ئۇيغۇرلار بىلەن تاجىكلاردىلا بار. كۈن ئېتىقادى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى، مەدەنىيتىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن شۇنداقلا تاجىكلاردىمۇ كۈن ئېتىقادى بار يەنى قەدىمىي ئۇيغۇرلار(ھونلار) دۇنياغا تارقاتقان كۈن ئېتىقادى ھازىرقى ئۇيغۇرلار بىلەن ھازىرقى تاجىكلارنىڭ تۇرمۇشىدا روشەن ئىپادىسى بار، تاجىك خەلق مۇزىكىلىرىدىكى روشەن بىر ئۇدار بەزى ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىلرىدىنمۇ تېپىلىدۇ. دىمەك، ئۇيغۇرلار بىلەن تاجىكلارنىڭ قەدىمى قانداشلىقى بار دىسەك ھەرگىز خاتا بولمايدۇ. 
يۇقارقى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان "تاتسىز تۈرك بولماس، باشسىز بۆك" دىگەن ماقالدىكى تات سۆزىنى ئابلىز ئورخۇننىڭ بىر ماقالىسىدە ئىسلام دېنىغا كىرمىگەن خەلقلەر، جۈملىدىن بۇددىست ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ دېيىلىپتىكەن، چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.
| ۋاقتى : 2008-09-07 23:49 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 662ـ كۆرۈرمىنى
faryad

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1585
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
شۆھرىتى: 15 نومۇر
پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-08
ئاخىرقى : 2008-09-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

<<ﺷﺎﮬﻨﺎﻣﻪ>> ﺩﻩ "ﻓﺎﺭﺳﻼﺭ ﮬﯚﺷﻪﯕﻨﯩﯔ ،ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ (ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﻩ ﺳﺎﻙ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ) ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﮬﯚﺷﻪﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻓﯩﺮﯨﺪﻭﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ(ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﻩ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ)" .ﺩﯨﻤﻪﻙ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ "ﺗﺎﺗﺴﯩﺰ ﺗﯜﺭﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ،ﺑﺎﺷﺴﯩﺰ ﺑﯚﺭﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ " ﻣﺎﻗﺎﻟﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻼﺵ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ "ﻓﺎﺭﯨﺴﺴﯩﺰ ﺗﯜﺭﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ" ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ .
<<ﺩﯨﯟﺍﻥ>>ﺩﺍ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﻪﺭﺩﻩ "ﺗﺎﺕ" ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﺴﯩﻜﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ "ﺗﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺋﯘﺭ ،ﺗﯩﻜﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﯨﮕﻪ" ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ،"ﺗﺎﺕ ﺗﺎﺑﻐﺎﭺ" ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ .
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯨﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ ،ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﺴﯩﺪﻩ "ﺗﺎﺕ"ﻧﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻧﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺑﯩﺮﻯ ﻓﺎﺭﺳﻼﺭ(ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﻰ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ) ،ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯘﻟﯘﻏﺪﯗﺭ .
ﺩﯨﻤﻪﻙ <<ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ>>ﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺳﺎﻛﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ-ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﯨﯧﻠﻰ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ .ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﯨﻴﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ،ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ .
ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﯗﭘﺴﯩﻠﻪﺭ .ﺳﺎﻛﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺋﯧﺮﺍﻥ ،ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﻛﯧﻴﯩﻨﮕﻪ ﺳﯜﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ .ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﺱ ﺱ ﺭ ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ(ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﻣﻪﺭﮔﯩﺰﻯ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺯﺍﺕ) ﻏﺎﭘﯘﺭ ﻏﯘﻻﻡ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﺭﯗﻧﻘﻰ 2200--2600ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ(ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ) ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ .ﺑﯘ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯘﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺳﺎﻙ-ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﺟﯩﻚ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ،ﺗﯩﺒﻪﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺮﺍﻥ ؟(ﺋﯧﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺮﻧﻰ ﻓﺎﺭﺱ ﺩﻩﻣﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺮﺍﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺩﻩﻣﺪﯗ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ )ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﮊﺩﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺪﯗﺭ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻜﯩﺘﻜﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﯕﻼﺭ ﻛﯧﻴﯩﻜﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﮔﻪ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﻩﻟﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ .ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺭﺧﯩﻠﻮﮔﯩﻴﻪ ،ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ (ﺗﯩﻞ ،ﺗﺎﺭﯨﺦ ،ﺩﯨﻦ) ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﯩﮕﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻱ ،ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻜﯩﺘﻜﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﯩﮕﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ ،ﺋﻪﻣﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﯩﺪﻩﻙ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﻟﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﯨﻴﻪﺭﻟﯩﻚ .
ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯧﻤﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﺎﻛﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺋﯧﺮﺍﻥ ،ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﭘﻜﻪ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﺍﺧﺘﻰ ،ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 2000-ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺪﯗ .
ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﺑﯘ ﺩﻩﻝ "ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻥ" ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩﻟﻠﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﺧﺘﯩﺪﯗﺭ .ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺳﯧﯟﯨﺖ ﺋﺎﻟﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 3000-ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ . ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﺘﻰ ﺯﻭﺭ .
ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﺎﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ،ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﺸﺎﺭﻣﯩﺰ
| ۋاقتى : 2008-09-08 21:03 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 662ـ كۆرۈرمىنى
faryad

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1585
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
شۆھرىتى: 15 نومۇر
پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-08
ئاخىرقى : 2008-09-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ﺳﺎﻛﻼﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 1-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺋﯩﺮﺍﻧﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﺘﻘﺎﺩﻯ ﮬﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﯩﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻛﯜﻧﺪﯨﺰﻯ ﻛﯜﻧﮕﻪ ، ﻛﯩﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﺴﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ . ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺗﯜﺱ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ .ﺑﯘ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﺎﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ " ﺋﺎﻟﯩﭗ ﺋﻪﺭﺗﯘﯕﺎﻧﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ، ﺳﺎﻛﻼﺭ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺋﯩﺮﯨﻘﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ " ﺩﻩﻳﺪﯗ ، ﺭﺍﺳﺖ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ . ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﯩﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ "ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺳﺎﻙ " "ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﺎﻙ " ﻛﻮﻧﺎﺷﻪﮬﻪﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻗﺘﯘﺩﺍ "ﻗﯘﻧﺴﺎﻙ _ﻛﯘﻧﺴﺎﻙ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﺎ "ﺑﻪﮒ ﺳﺎﻙ _ ﺑﻪﻳﺴﺎﻕ " ، "ﺋﯩﮕﯩﺴﺎﻙ - ﺋﯩﮕﯩﺴﺎﻕ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭ ﺑﺎﺭ . ﺧﻮﺗﻪﻥ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﻩ ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﺴﻼﺭﺩﺍ ، ﺳﺎﻛﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﺯﻟﻪﺭ ﺑﺎﺭ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﺷﯘ ﺳﺎﻛﻼﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﻩ ﺳﺎﻛﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺟﯘﯕﮕﯘﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎﯞﻏﯘﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﻛﯩﯖﻪﻳﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ، 10 - ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺳﯩﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺩﻭﯕﺨﯘﺋﺎﯕﺪﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﯩﭽﻪ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .

ﺏ. ﮒ . ﻏﺎﭘﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ 1- ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﻳﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ، ﮬﻪﺭﺑﻰ ﺩﯨﻤﯘﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯨﻤﻰ _ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯚﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﺎﭖ ﭼﯩﻘﯩﯖﻼﺭ .
مەن يۇقىرىدىكى  دوستلارغا  مۇشۇنچىلىك  چۇشەنچە  بەردىم .
يەنە  پىكىر  بولسا  كۈچۈمنىڭ  يىتىشىچە  ماتىياللار  بىلەن  تەمنلەيمەن
[ بۇ يازما faryad تەرىپىدىن 2008-09-09 22:30 دە قايت ]
| ۋاقتى : 2008-09-08 21:10 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 662ـ كۆرۈرمىنى
Qutghur

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2090
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 197
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە197دانە
شۆھرىتى: 206 نومۇر
پۇلى: 1900 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :45(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-05-29
ئاخىرقى : 2008-09-17

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

فەرياد ئەپەندىمنىڭ <<دىۋان>>دىكى ماقاللارنى تەھلىل قىلىشى ئورۇنلۇق ،
<<دىۋان>>دا "تات"سۆزى ئېسىمدە قېلىشىچە ئىككى ئورۇندا كەلگەن ،بىرى "تاتسىز تۈرك بولماس" .بۇ يەردىكى "تات"نى ئۇيغۇرچە نەشىرىنى تۈزگۈچىلەر "فارس "دەپ ئىزاھلىغان .يەنە بىرى "تاتنىڭ بوينىغا ئۇر ،ئازغاننىڭ تۈۋىگە" ،بۇ يەردىكى "تات"نى' كاپىر ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ 'دەپ دەپ ئىزاھلىغان .بەلكىم "تات" سۆزى قوش مانالىق سۆز بولىشى مۈمۈكىن .
بارخان ئەپەندىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقايلۇق ،
| ۋاقتى : 2008-09-09 11:07 6 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 662ـ كۆرۈرمىنى
Nazirkom

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 2549
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە31دانە
شۆھرىتى: 34 نومۇر
پۇلى: 330 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :24(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-09
ئاخىرقى : 2008-09-15

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
4 - قەۋەتتىكى faryad 2008-09-08 21:03 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
<<ﺷﺎﮬﻨﺎﻣﻪ>> ﺩﻩ "ﻓﺎﺭﺳﻼﺭ ﮬﯚﺷﻪﯕﻨﯩﯔ ،ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ (ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﻩ ﺳﺎﻙ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ) ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﮬﯚﺷﻪﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻓﯩﺮﯨﺪﻭﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ(ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﻩ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ)" .ﺩﯨﻤﻪﻙ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ "ﺗﺎﺗﺴﯩﺰ ﺗﯜﺭﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ،ﺑﺎﺷﺴﯩﺰ ﺑﯚﺭﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ " ﻣﺎﻗﺎﻟﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻼﺵ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ "ﻓﺎﺭﯨﺴﺴﯩﺰ ﺗﯜﺭﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ" ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ .
<<ﺩﯨﯟﺍﻥ>>ﺩﺍ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﻪﺭﺩﻩ "ﺗﺎﺕ" ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﺴﯩﻜﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ "ﺗﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺋﯘﺭ ،ﺗﯩﻜﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﯨﮕﻪ" ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ .ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ،"ﺗﺎﺕ ﺗﺎﺑﻐﺎﭺ" ،ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ .
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯨﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ ،ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﺴﯩﺪﻩ "ﺗﺎﺕ"ﻧﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻧﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺑﯩﺮﻯ ﻓﺎﺭﺳﻼﺭ(ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﻰ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ) ،ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯘﻟﯘﻏﺪﯗﺭ .
ﺩﯨﻤﻪﻙ <<ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ>>ﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺳﺎﻛﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ-ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﯨﯧﻠﻰ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ .ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﯨﻴﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ،ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ .
ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﯗﭘﺴﯩﻠﻪﺭ .ﺳﺎﻛﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺋﯧﺮﺍﻥ ،ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﻛﯧﻴﯩﻨﮕﻪ ﺳﯜﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ .ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﺱ ﺱ ﺭ ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ(ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﻣﻪﺭﮔﯩﺰﻯ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺯﺍﺕ) ﻏﺎﭘﯘﺭ ﻏﯘﻻﻡ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﺭﯗﻧﻘﻰ 2200--2600ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ(ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ) ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ .ﺑﯘ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯘﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺳﺎﻙ-ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﺟﯩﻚ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ،ﺗﯩﺒﻪﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺮﺍﻥ ؟(ﺋﯧﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺮﻧﻰ ﻓﺎﺭﺱ ﺩﻩﻣﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺮﺍﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺩﻩﻣﺪﯗ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ )ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﮊﺩﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺪﯗﺭ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻜﯩﺘﻜﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﯕﻼﺭ ﻛﯧﻴﯩﻜﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﮔﻪ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﻩﻟﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ .ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ،ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺭﺧﯩﻠﻮﮔﯩﻴﻪ ،ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ (ﺗﯩﻞ ،ﺗﺎﺭﯨﺦ ،ﺩﯨﻦ) ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﯩﮕﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻱ ،ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻜﯩﺘﻜﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﯩﮕﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ ،ﺋﻪﻣﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﯩﺪﻩﻙ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﻟﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﯨﻴﻪﺭﻟﯩﻚ .
.......

كەچۈرۈڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەرگىزمۇ ئارىئان نەسىللىك خەلق ئەمەس بەلكى ھەقىقى ھون!
ئارىئان نەسىللىك خەلق شىمالىي ھېندىستان رايونى، تارىم ئويمانلىقىغا كىرگەن ۋاقىت ئەڭ بالدۇر دىگەندىمۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 2600-3000 يىل دىسەكمۇ ئۇندىن نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا تارىم ئويمانلىقىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى ياۋروپا ئېرقىغا تەۋە بولغان قەدىمكى ئۇيغۇرلار.
yol
| ۋاقتى : 2008-09-09 23:48 7 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 662ـ كۆرۈرمىنى
faryad

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1585
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
شۆھرىتى: 15 نومۇر
پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-08
ئاخىرقى : 2008-09-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

نازىركۇم ئەپەندىم  ئەمىسىە  خوتەنلىكلەرنى  ساكلارنىڭ  ئەۋلادى  دەيتكەنمىزغۇ؟  ئۇلار  ھازىر  ئۇيغۇرلار .
مەشرەپ ،  ئون  ئىككى  مۇقامنىڭ  ئىسملىرىنىڭ كۆپىنچىسى پارىس  تاجىك  ئاتالغۇلىرى.مەسىلەن  چارىگا  .....
ھەتتا    دۇشەنبىدىن    يەكشەنبىگەچە  ھەممىسى  پارىس  تاجىك  ئاتالغۇلىرى  .  بۇنىڭغا    بىر  چۈشەنچە  بەرگەن  بولسىڭز !!
رەخمەت.
| ۋاقتى : 2008-09-10 12:33 8 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 662ـ كۆرۈرمىنى
barhan

دەرىجىسى :مىڭ بېشى


UID نۇمۇرى : 1522
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 183
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە183دانە
شۆھرىتى: 216 نومۇر
پۇلى: 10070 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :71(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-26
ئاخىرقى : 2008-09-17

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  نازىرىكوم ئەپەندى ... ھەرقانداق تارىخى بايان، تىلغا ئالغۇچىنىڭ مىللى ئۆزلىك مەرگەز قىزغىنلىقىدىن قۇتۇلمىقى مۈشكۈلرەك. ئارىئان تىپى ھەرگىزمۇ ياۋرۇپاغا خاس ئىرق ئەمەس. << قەدىمكى مەرگىزى ئاسىيا>>دا :  تۇران زىنۇلىرى، تۇران تىل سېستىمىسى ۋە  تۇران تىپى دىگەن سۆزلەرنى ئاجايىپ بىر غول يىلتىز مەنىسىدە چۈشەنسەكمىكىن ... خوتەن توپىنومىيىسىمۇ : خورتەن - قورتەن - خورتەنلىكلەر  تارىخى ئىرقى ئۇچۇرنى بەرگەندىن سىرىت، ھازىرقى قارا قورۇم تاغلىرىدىكى قارا + قور(خور) + ئۇم يىغىندىسىدىكى قور(خور) ۋە يەنە بىزنىڭ مۇبارەك نامىمىز ئۇيغۇر - ئوي + خور(قور) يەنى ئوي : تارىم ۋە جۇڭغار(چوڭئار) ئىككى ئويمانلىقنىڭ تارىخى خوجايىنلىرى يەشمىسى بىلەن يۇقارقى ئۈچ ئاتالغۇ چەمبەرچاس باغلىنىپ خاسىيەتلىك بىر تارىخى لىنىيەنى ئىشارە قىلىدۇ . دىمەك ئارىئان پەقەت تۇرانچە ئارىئان ، تۇران زىنۇلىرىدىكى ئارىئان، تۇران تۇركىمىدىكى ئارىئان ۋە تۇران تىپىدىكى ئارىئاندۇر خالاس. مانا بۇ يول تاجىكلار بىلەن بىزنىڭ قان - قېرىنداشلىقىمىزنىڭ يىمىرىلمەس ئىرقى ئاساسى.
| ۋاقتى : 2008-09-10 13:09 9 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 662ـ كۆرۈرمىنى
Ghalip

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1793
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 86
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە86دانە
شۆھرىتى: 86 نومۇر
پۇلى: 860 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :29(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-03-17
ئاخىرقى : 2008-09-17

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئارىيان بىلەن ساكلار بىر خەلقما؟ قوشنا بولغان ئىككى خىل،باشقا-باشقا خەلقتۇ؟
1som
| ۋاقتى : 2008-09-10 15:36 10 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 662ـ كۆرۈرمىنى
hector

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 93
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-03-01
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

فەرياد ئەپەندى:
دېگەنلىرىڭىز پۈتۈنلەي توغرا.سىزنى قوللايمەن.
سىز دېگەن شۇ كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچىسى بارمىدۇ؟ئىنگىلىزچىسى بولسىمۇ مەيلى.
بولسا بىر كۆرۈپ باقسام بولاتتى.
مۈمكىن بولسا تونۇشۇپ قويايلى.
history of the civilization of central asia
ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخى،6 قىسىم.ب د ت مائارىپ مەدەنىيەت باشقارمىسى
خەنزۇچىسى中亚文明史
قىزىققانلار كۆرۈپ قويۇڭلار.يەنە بىرسى جوڭگۇ ئىنكسىكلوپىدىيەسىنىڭ ئارخېلوگىيەبۆلىكى
خېلى ئوبدان كىتابلار
yol
| ۋاقتى : 2008-09-10 16:36 11 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 662ـ كۆرۈرمىنى
Kulbilge

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2099
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 100
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە100دانە
شۆھرىتى: 136 نومۇر
پۇلى: 1850 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :17(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-06-30
ئاخىرقى : 2008-09-15

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئارىيانلار ھىندى ياۋروپا تىلىنى ئاسىياغا ئىلىپ كەلگەن قەدىمقى ياۋروپا ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق ئاتىلىش بولۇپ، ئىرقى جەھەتتىن تىپىك شىمالىي ياۋروپا ئىرقىغا تەۋە. ھازىرقى مەيلى تاجىك، پارىس، ھىندىستانلىقلار بولسۇن ۋە ياكى ئۇيغۇرلار بولسۇن بۇ خىل ئىرقى تىپقا تەۋە ئەمەس. تاجىكلار بلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قسىمەن ئوخشىشى يەنىلا ئەڭ قەدىمقى ئوتتورا ئاسىيا رايونىدا ياشىغان قەدىمقى يەرلىك خەلقلەر بلەن مۇناسىۋتلىك. بۇ خل ئىرقتىكى خەلقلەر ئارىيانلار كىلىشتىن بۇرۇن ئىران ئىگىزلىكى ۋە شىمالى ھىندىستان رايونىدىمۇ مەۋجۇد ئىدى. ھازىرقى تاجىكلار گەرچە چىراي شەكىل جەھەتتىن ئاللىبۇرۇن ئوتتورا ئاسىيا رايونىدكى خەلقلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما شىمالى ياۋروپا ئىرقىنىڭ قىسمەن ئالاھىدىكلىرى يەنىلا ساقلىنىپ قالغان .  شۇڭا قەشقەر  بازارلىرىدا  كىتىۋاتقان تاجىكلارنى( تىپىك تاجىكلارنى)   يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ناھايىتى ئاسانلا پەرقلەندۇرۋالغىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا  قەدىمقى تارىمدىن تىپىلغان جەسەتلەر جۇملىدىن كروران گۇزىلى ئىرقى جەھەتتە(يۇز قۇرۇلمىسى، بۇرۇن، چاچ رەڭگى قاتارلىق جەھەتلەردىن)  قەدىمى پامىر ئىگىزلىكىدكى خەلقلەردىن ۋە ھازىرقى تىپىك تاجىكلاردىن پەرقلىنىدۇ. بۇنى شىنجاڭ مىدىتسىنا ئۇنۋىرتسىتى ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلاپ چىققان. بۇمۇ ھازىرقى قەشقەر، خوتەن رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ  تاجىكلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى. قەدىمقى ئارىيانلار ياكى ھازىرقى تاجىكلار ھىندى-ياۋروپا تىللىق خەلقلەر ھالبۇكى ئۇيغۇرلار بولسا ئوتتورا ئاسىيانىڭ ئەڭ قەدىمقى يەرلىك تىلى بولغان تۇركى تىللاردا سۆزلىشىدىغان تىپىك تۇركى خەلق. ھەم  ئەزەلدىنلا مۇشۇ تىلدا سۆزلەشكە ۋە مەدىنىيەت يارىتىپ كىلىۋاتقان قەدىمى خەلق.

ئارىيانلارنىڭ كىلىپ چىقىشىغا دائىر تىخىمۇ كۆپ ماتىرىياللار ماۋۇ تىمىدا خىلى تەپسىلى چۇشەندۇرۇلگەن.
./BBS/read.php?tid=170&fpage=2

ئارىيانلار ياكى ئارىيانلارنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى دەپ قارىلىۋاتقان تاجىكلار نەچچە مىڭ يىل ئوتتورا ئاسىيا رايونىدا ياشاش سەۋەبىدىن ئوتتورا ئاسىيانىڭ ئەڭ قەدىمقى يەرلىك ئاھالىسى بولغان تۇركى خەلقلەر بىلەن  قۇيۇق قانداشلىق ۋە مەدىنىيەت مۇناسىۋىتى شەكىللەندۇرگەن. (بۇ خىل مۇناسىۋەتنى شەرقتىكى تۇركى خەلقلەرنىڭ مۇڭغۇل قاتارلىق خەلقلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە سىلىشتۇرۇش مۇمكىن) . شۇڭا بۇ خىل دوستلۇقنى ۋە قىرىنداشلىق مىھرىنى قەدىرلەش ئوتتورا ئاسىيا مىللەتلىرىنڭ ئورتاق  مەجبۇرىيىتى، شۇنداقلا  بۇندىن كىينكى بىردىنبىر  ئاقىلانە  چىقىش يولى. ھالبۇكى تۇركى تىللىق خەلقلەر بۇ مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم كۆۋرۇك ۋە ھالقا. شەرق تۇركلىرى تاجىكلارنى ھاقارەتلەيدىغان، جەنۇبى تۇركلەر مۇڭغۇللارنى كەمسىتىدىغان، غەرپ تۇركلىرى ياۋروپا مەركەز تەلىماتىنى بازارغا سالىدىغان ئەخمىقانە تالاش تارتىشلارنى ئەمدى قىلماسلىق كىرەك. ئەمما شۇ نەرسە ئەستىن چىقماسلىق كىرەككى، ئۆز قەۋمىدىن يۇز ئۆرۇپ ئەجدادىنى خاتا تونۇش ئەڭ چوڭ نومۇس.
[ بۇ يازما Kulbilge تەرىپىدىن 2008-09-10 18:18 دە قا ]
yol
| ۋاقتى : 2008-09-10 16:53 12 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 662ـ كۆرۈرمىنى
Qutghur

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2090
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 197
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە197دانە
شۆھرىتى: 206 نومۇر
پۇلى: 1900 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :45(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-05-29
ئاخىرقى : 2008-09-17

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

hector ئەپەندى ،سالام !
中亚文明史
بۇ كىتاپ نەدە ،ئاڭلىسام ھەتتا خەنزۇچە نەشىرىمۇ يوقمىش ،<<مەرگىزى ئاسىيا مەدەنىيەت-تارىخى>> تولىمۇ ئىلمى بايان قىلىنغان دىيىشىدىكەن ،بولسا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ يوللاپ قويىڭا ،بۇ يەردە تۇخۇمنىڭ تۈكىدەك ئىشلارنى تالىشىدىغان ئىشلار بېسىقىپ قېلىشى مۈمكىن .سىزغۇ بىخىل ئادەم ،قولىڭىزدىكى مەنبەلەرنى ھىچ ۋاقىت تەپسىلىرەك ئوتتۇرىغا تاشلىمايسىز  چاخچاق-ھە ،
  مەنمۇ ئارىئانلار توغرىلىق بىر ئېغىز گەپ قىلىپ قوياي ،
  غەرپلىك ئالىملار ،قەدىمدە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان (كېيىنكى دەۋىرلەردىكى ئۇتغۇر ،قۇتغۇر ،بۇلغار ،ھازار قاتارلىق ئونغۇرongur لار ماكانى) سىكتايلارنىڭ ئېران ئېگىزلىگىدىن ئۆتۈپ شىمالى ھىندىستانغا كىرگەنلەرىنى ئارىئانلار دەپ قارايدىكەن .
  بىزنىڭ ئالىملار قەدىمدە تۇران زىمىنىدا ياشىغان ساك-ماسساگىتلار جەنۇپقا بسىپ كىرىپ ئارىئان ئاتالغان دەپ قاراپ ئارىئانلار دەستۇرىدىكى نەچچە ئون تۈركچە(ھازىر بىزنىڭ تىلىمىزدا ئوخشاش مەنادا قوللىنىۋاتقان) سۆزلۈكلەرنى ،<<ئوغۇزخان>>داستانىنى دەلىل قىلىشىدۇ .
  مۇنداقچە ئېيتقاندا غەرپلىكلەر ئۇلارنى سىكتايلارنىڭ ئەۋلادى دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ .
  بىزنىڭكىلەر بولسا ساكلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدۇ .ئەگەر "تۈركى تىلى قەدىمدىن ماۋجۇت"دەپ قارىلىپ تىل ئامىلى ئاساس قىلىنغاندا غەرپلىكلەرنىڭ ئورۇنلۇق ،مەدەنىيەت ئامىلىنى ئاساس قىلغاندا بىزنىڭكىلەرنىڭ ئورۇنلۇق .
  قانداقلا بولمىسۇن ساكلارمۇ خۇددى تۈركلەر ،ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئوخشىمىغان تەركىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسى كاتاگورىيەگە تەۋە مەدەنىيەت ھادىسىمىش .بۇنداق بولغاندا بۇ مەسىلەيەنە مىڭ يىللاپ ھەركىمنىڭ مەنپەئەت خاھىشى بويىچە ئىزاھلىنىدۇ .شۇڭا ھەر قايسىمىزمۇ ئۆزىمىز ھۆكۈم قىلىپ كۆڭلىمىزدە بىلىپ يۈرسەك بولاۋېرىدۇ .بىرەركىمنىڭ قارىشىنى زورمۇ-زور يەلكىمىزگە ئارتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن .
| ۋاقتى : 2008-09-10 18:20 13 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 662ـ كۆرۈرمىنى
faryad

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1585
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
شۆھرىتى: 15 نومۇر
پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-08
ئاخىرقى : 2008-09-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

دوسلارنىڭ  فەرياد   تاجىك   مۇنبىرىدىكى  ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯧﺘﻨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ  دىگەن  تىمىنى  ئوقۇپ   بىقىشىنى   .ۈمۈد  قىلىمەن  .
http://faryad.cn/bbsxp/ShowPost.asp?id=2043

مەنبە:
http://faryad.cn/bbsxp/default.asp
yol
| ۋاقتى : 2008-09-10 18:21 14 -قەۋەت
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.373989(s) query 6, Time now is:09-17 19:07, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation