سىز بۇ تېمىنىڭ 464ـ كۆرۈرمىنى
Nazimi
نازىمى

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 3603
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 76
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە76دانە
شۆھرىتى: 381 نومۇر
پۇلى: 3810 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-03-21
ئاخىرقى : 2008-09-16

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 مۇختار شاخانوف

Мұхтар Шаханов
______________
     
 مۇختار شاخانوفنىڭ ئۆمۈر بايانى
قازاقچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: نازىمى
__________________________

قازاق خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، كۆرۈنەرلىك شائىر، دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى مۇختار شاخانوف 1942-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى جەنۇبىي قازاقىستان ۋىلايىتىنىڭ ئوترار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. شاخانوف ئەسەرلىرى دۇنيادىكى 40 تىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ ئاتىسىدىن 9 يېشىدا يىتىم قېلىپ، 7- سىنىپنى تۈتۈرگەندىن كېيىن، ئاۋال كولخوزدا تراكتورچى، چىمكەنت سېمونت زاۋۇدىدا بېتون قۇيغۇچى، كېيىنرەك "جەنۇبىي قازاقىستان" («Оңтүстік Қазақстан») گېزىتىدە كوررىكتور، ئەدەبىي خادىم، "لېنىنچى ياش" ( «Лениншіл жас») گېزىتىنىڭ جامبۇل، چىمكەنت، قىزىلئوردا ۋىلايەتلىرى بويىچە مۇخبىرى ۋە يەنە باشقا خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.
1993 - 2003-يىللار ئارىسىدا ئون يىل قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق پەۋقۇللاددە ۋە تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچىسى سۈپىتىدە دىپلوماتىيە خىزمىتىدە بولدى. 2003-2004-يىللىرى جۇمھۇرىيەتلىك "جالىن" («Жалын» - "يالقۇن" دېگەن مەنىدە - نازىمى) ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، "21-ئەسىر ۋە مەنىۋىيەت" ("XXI ғасыр және Руханият") ناملىق خەلقئارا كۇلۇبىنىڭ رەئىسى بولدى. ھازىر قازاقىستان پارلامېنتى مەجىلىسىنىڭ دېپۇتاتى (پارلامېنت ئەزاسى - نازىمى). 2007-يىلى قازاقىستان "خەلق روھى" دېمۇكراتىك پارتىيىسىنى قۇرۇپ، پارتىيىنىڭ رەئىسى بولدى. (Председатель демократической партии Казахстана «Халық рухы»)

م.شاخانوف 1986-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەبىتلىكىگە ئوچۇق قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە قامالغان، باستۇرۇلغان ھەم سۈرگۈنگە دۇچار بولغان قازاق ياشلىرىنى ئاقلاپ چىقىشتا ئۆز بېشىغا كەلگەن خەۋىپكە قارىماستىن، ئەركەكلەرچە ئىش قىلدى. خەۋپ ئاستىدا قالغان ئارال دېڭىزى ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى قوغداش ھەققىدىكى مەسىلىنى خەلقئارا دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چىقتى. قازاق تىلى بىلەن تارىخى ھەمدە مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ھەققىدە كۈچ چىقاردى. 62 يىللىق ئۈزۈلۈشتىن كېيىن، 1988-يىلى قازاقىستاندا، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا "نورۇز" بايرىمىنى قايتا قۇتلۇقلاپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلامچىلاردىن بولدى.

سىياسىي ساھەدە م.شاخانوف 1989-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ۋەكىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، 1990-يىلى قىزىلئوردا ۋىلايىتىنىڭ سىرداريا، جالاغاش، تېرەڭئۆزەك ناھىيىلىرى بويىچە قازاق س س ر (Қазақ КСР - قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى) نىڭ خەلق ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانىدى.

ف.خىتسېر "ياۋروپا ئۈستىدىكى چاقماق" دەپ ئاتىغان شاىانوفنىڭ "تەرەقىياتنىڭ قايمۇقىشى" ("Өркениеттің адасуы") ناملىق رومانى دۇنيا شېئىرىيىتىدە يېڭى بىر ئۇسلۇپ سۈپىتىدە باھالاندى. 1999-يىلى يۇنېسكو (ب د ت نىڭ پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى - نازىمى) ئۆزىنىڭ پارىجدىكى باش شتابىدا قارار چىقىرىپ، بۇ روماننى دۇنيادىكى ئاساسلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. 2002-يىلى يۇنېسكو يەنە شائىرنىڭ "چىڭغىزخاننىڭ بەندىچىلىك مەخپىيىتى" (Шыңғыс ханның пенделік құпиясы) ناملىق ئىككىنجى رومانى ئۈچۈنمۇ "يىپەك يولىدىكى ئىلىم ۋە مەنىۋىيەت" دەپ ئاتالغان خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا مەخسۇس يۇمۇلاق ئۈستەل ئۇيۇشتۇرۇلدى. 


مۇختار شاخانوفنىڭ چىڭغىز ئايتماتوا بىلەن بىرلىشىپ يازغان "قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ-زارى" ("Құз басындағы аңшының зары") ناملىق كىتابى بىلەن "سوقراتنى ياد ئېتىش كېچىسى" ("Сократты ескеру түні") ناملىق درامىسىمۇ كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىندى. شائىرنىڭ "چىڭغىزخاننىڭ بەندىچىلىك (ئىنسانلىق) مەخپىيىتى" ئەسىرى ئاساسىدا ئۇكرائىنانىڭ دوۋژېنكو كىنوستودىيىسى ئىككى قىسىملىق تېلېفىلمنى سۈرەتكە ئالدى. بۇنىڭدىن سىرت بۇ دراما يەنە بىر قانچە دۆلەتنىڭ سەھنىلىرىدە قويۇلدى.
مۇختار شاىانوف ئۆز نۆۋىتىدە "قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق شائىرى" (1994)، "قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق يازغۇچىسى" (1996)، ئونلىغان چەت ئەل ئاكادېمىيىلىرىنىڭ، ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ پەىرىي دوكتورى، پروففېسسورى، ب د ت ھىمايىسىدىكى ئوتتۇرا نىشان مۇكاپاتىنىڭ، قازاقىستان ھەم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى لېنىن كومسومول مۇكاپاتىنىڭ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەسىس قىلغان "تۈرك دۇنياسىغا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن" ناملىق خەلقئارالىق مۇكاپاتنىڭ، قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارالىق "روھانىيەت"، تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ "شەھرىيار"، يۇنېسكونىڭ "بوئوروكېر" كۇلۇبى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى. 2002-يىلى شاىانوف "چىڭغىزخاننىڭ بەندىچىلىك مەخپىيىتى" ناملىق ئەسىرى ئۈچۈن كالفورنىيە ئىلىم، سانائەت، مائارىپ ۋە سەنئەت ئاكادېمىيىنىڭ ئا.ئېينشتېين نامىدىكى ئالتۇن مېدالى بىلەن تۈركىيىنىڭ گەبزە شەھىرىدە "تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئابرويلۇق دۇنياۋىي شائىر" ئاتىقى بېرىلدى. "نوبېل مۇكاپاتى" نىڭ 100 يىللىقىغا مۇناسىۋەتلىك تامبوف شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ خەلقئارالىق يىغىنىدا "نوبېل" ئاخبارات مەركىزى، "نوبېل مۇكاپاتى" فوندى، روسسىيە ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىرلىشىپ بېكىتكەن "نوبېل مۇكاپاتى ئالتۇن مېدالى" بىلەن تارتۇقلاندى.
نازىمى نامىدىكى تەرجىمە ئەمگەكلەرنى باشقا مۇنبەرلەرگە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈش رەت قىلىنىدۇ!!     
   
[ بۇ يازما Nazimi تەرىپىدىن 2008-09-09 17:55 دە قايت ]
1som
| ۋاقتى : 2008-09-09 17:06 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 464ـ كۆرۈرمىنى
Nazimi
نازىمى

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 3603
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 76
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە76دانە
شۆھرىتى: 381 نومۇر
پۇلى: 3810 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-03-21
ئاخىرقى : 2008-09-16

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 تورداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇشى ئۈچۈن

ئەسلىي قازاقچە تېكستى:
Өмірбаяны
Мұхтар Шаханов 1942 жылы Оңтүстік Қазақстан облысының Отырар ауданында туған. Аса көрнекті қазақ ақыны, мемлекет, қоғам қайраткері. Шығармалары дүние жүзінің 40-тан астам тілдеріне аударылған. Әкеден 9 жасында жетім қалған ол 7 сыныпты бітіре салысымен колхозда тракторшы, Шымкент цемент зауытында бетоншы, "Оңтүстік Қазақстан" газетінде корректор, әдеби қызметкер, "Лениншіл жас" газетінің Жамбыл, Шымкент, Қызылорда облыстары бойынша меншікті тілшісі және т.б. қызметтер атқарды. 1993-2003 жылдар аралығында он жыл қатарынан Қазақстан Республикасының Қырғыз Республикасындағы Төтенше және Өкілетті Елшісі болды. 2003-2004 жылдарда республикалық "Жалын" журналының Бас редакторы, "XXI ғасыр және Руханият" атты халықаралық элита клубының президенті, қазір ҚР Парламенті Мәжілісінің депутаты.
М.Шаханов 1986 жылы Кеңес Одағындағы тоталитарлық жүйеге ашық қарсы шыққаны үшін түрмеге қамалған, қуғын-сүргін көрген қазақ жастарын ақтап алуда өз басына төнген қауіпке қарамай, ерлікке барабар іс етті. Апат аймағы - Арал теңізі маңындағы адамдарды қорғау туралы әлемдік деңгейде дабыл қақты. Тіліміз бен тарихымыздың және сан салалы мәдениетіміздің көкейтесті мәселелеріне белсене ат салысты. 1988 жылы 62 жылғы үзілістен соң Қазақстанда, күллі Орта Азияда "Наурыз" мерекесінің қайта тойлануына мұрындық болды.
М.Шаханов 1989 жылы КСРО халық депутаты, КСРО Жоғарғы Кеңесінің мүшесі, 1990 жылы Қызылорда облысының Сырдария, Жалағаш, Тереңөзек аудандары бойынша Қазақ КСР халық депутаты болып сайланды.
Ф.Хитцер "Еуропа үстіндегі найзағай" деп атаған М.Шахановтың "Өркениеттің адасуы" атты романы әлемдік поэзиядағы жаңа құбылыс ретінде бағаланды. 1999 жылы ЮНЕСКО өзінің арнайы шешімімен Париждегі өз штаб-үйінде шығарманың тұсаукесерін өткізіп, оны әлемнің барлық басты тілдеріне аударуға ұсыныс жасады. Ал 2002 жылы ақынның "Жазагер жады космоформуласы" (Шыңғыс ханның пенделік құпиясы) атты екінші романы бойынша да ЮНЕСКО "Жібек жолындағы ғылым мен руханият" халықаралық конференциясы шеңберінде "Тарихи-адамгершілік жадыны жоғалту қаупі және рухани тазару проблемасы" деген тақырыпта дөңгелек үстел өткізді.
М.Шахановтың Ш.Айтматовпен бірлесіп жазған "Құз басындағы аңшының зары" атты эссе кітабы мен "Сократты ескеру түні" атты драмасы да көп тілдерге аударылды. Ақынның  "Шыңғыс ханның пенделік құпиясы" атты драмалық туындысы негізінде Украинаның Довженко атындағы киностудиясы екі сериялы телефильм түсірді. Сондай-ақ бұл драма бірнеше мемлекеттің сахнасынан орын тепті. М.Шаханов - "Қырғыз Республикасының халық ақыны" (1994), "Қазақстан Республикасының халық жазушысы" (1996), ондаған шет елдік академиялардың, университеттердің құрметті докторы, профессоры. Біріккен Ұлттар Ұйымының Қоршаған Орта Бағдарламасы сыйлығының, Қазақстан және Бүкілодақтық Ленин комсомолы сыйлықтарының, Түрік Республикасының "Түрік дүниесіне қызметі үшін" халықаралық сыйлығының, Қырғыз Республикасы халықаралық "Руханият", Түрік дүниесі жазушылар бірлестігінің "Шахрияр", ЮНЕСКО-ның "Боорукер" клубы сыйлықтарының иегері. 2002 жылы М.Шахановқа "Жазагер жады космоформуласы" атты шығармасы үшін Калифорния Ғылым, Индустрия, Білім және Өнер академиясының А.Эйнштейн атындағы Алтын медалі мен Түркияның Гебзе қаласында "Түркі тілдес халықтар арасындағы ең үздік әлем ақыны" атағы берілді. "Нобель" сыйлығының 100 жылдығына орай Тамбов қаласында өткен "Нобель" сыйлығы лауреаттары мен нобелшілердің халықаралық конгресінде "Нобель" ақпарат орталығы, "Нобель" қоры, Ресей жаратылыс ғылымдары академиясы бірлесіп бекіткен "Нобельдің Алтын медалімен" марапатталды.
[ بۇ يازما Nazimi تەرىپىدىن 2008-09-09 18:33 دە قايت ]
1som
| ۋاقتى : 2008-09-09 17:07 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 464ـ كۆرۈرمىنى
Yawuz

دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى


UID نۇمۇرى : 1787
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 260
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە260دانە
شۆھرىتى: 273 نومۇر
پۇلى: 2760 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :445(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2008-09-17

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مۇختەر شاخانوف بىلەن چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ " قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ زارى " دىگەن ئەسەرلىرىدىكى بايانلار ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ.
yol
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
| ۋاقتى : 2008-09-09 17:25 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 464ـ كۆرۈرمىنى
tax

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 2839
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 27
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە27دانە
شۆھرىتى: 29 نومۇر
پۇلى: 280 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-19
ئاخىرقى : 2008-09-17

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
2 - قەۋەتتىكى Yawuz 2008-09-09 17:25 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
مۇختەر شاخانوف بىلەن چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ " قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ زارى " دىگەن ئەسەرلىرىدىكى بايانلار ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ.

ھەقىقەتەن شۇنداق.شۇغىنىسى ئۇلار دۇنيادىكى پۈتۈن ئادەملەرنىڭ پارىڭىنى قىلدىيۇ،قىشىدىكى بىزلەرنى تىلغىمۇ ئىلىپ قويمىغان.بەلىكىم بەك ئويلاپكەتكەندىمەن.
yol
| ۋاقتى : 2008-09-10 16:35 3 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.054845(s) query 4, Time now is:09-17 23:06, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation