تاڭ دەۋرى جۇڭگۇ مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى سۈپىتىدە دۇنيا مەدەنىيىتى تارىخىدا موھىم ئورۇن تۇتىدۇ . دۆلەتنىڭ مىسلىىسز دەېجىدە بىرلىكە كېلىشى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك قانات يېيىشى، ئۇزۇن مۇددەتلىك خاتىرجەملىك، قىئۇداللىق ئىجتىساتنىڭ گۈللىنىشى، كەڭ دائىردە ئېچىۋىتىش بىلەن قويۇق خەلقارا ئىقتىسادى ئالاقە، ئىلمى ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتنىڭ كەڭ قانات يېيىشى تۈپەيلى ئومۇمى جەھەتتىن ئەڭ يۇقۇرى پەللە يارىتتى ، بۇ دەۋرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخى خاراكتىرلىك قېرىنداشلارچە دوسىتلىق قۇچاقلىشىشى بۇنىڭدىكى ئەڭ يارقىن نوقتا .
بۇ يەردە بىز پەقەت، تاڭ دەۋرىدىكى مىللەتلەت ئىتتىپاقلىقىنىڭ يارقىن توقتىسىنى، تاڭ دەۋرى شائىرلىرىنىڭ تۆۋەندىكى ئىسىل نەزمىللىرىدىن كۆرۈش بىلەن كۇپايىلىنىمىز :
بولدى ئۇيغۇرچە ياسانماق قىز ئاياللار مەشغۇلى ،
زور ماھارەت بولدى چالماق سازنى ئۇيغۇرلارسىمان.
ئاتقا ئۇيغۇرچە مىنىش، زىبۇ-زىننەت،تىل ئۆگىنىش،
بولدى بەس-بەسلىك ھەۋەس بۇ ئەللىك يىلدىن بۇيان.
------------ يۈەن جىڭ
شاھىمىز چىققاندا چىللە نەزرە - ئايەم قىلغىلى ،
بىللە چىقماقچى خېنىملار بەلگىلەندى ئەۋۋەلى .
مىنگىنى ئۇيغۇر ئېتى،ئۇيغۇر لىباسى كىيگىنى،
جىلۋە قىلدى شۇ لىباستا تالچىۋىقتەك بەللىرى .
شىياۋمۇ ئۆزگەرتتى كۈيىنى يۆتكىدى زىڭمۇ قۇلاق ،
قىپ-قىزىل نىمچا كىيىپ تارتتىم ئۇسۇللۇق نىم تاناپ.
كەلسىڭىز كىيمەي چىمەن دوپپىسىنى چەشنىڭ ئەگەر،
تۇرىدۇ غۇلام يۈيشىڭگۇڭ قەسرىدە يولنى توراپ .
----------- خۇارۈي(شائىرە)
لىياڭجۇنىڭ ئۇيغۇرلىرى قايناپ ئۇسۇل ئوينىغان،
قاڭشا بۇرۇن،ئەتلىرى ئاپپاق قاش تېشىسىمان.
يەرگە تىگىپ سۆرۈلۈپ تۇرسا شۇنداق بەلۋىغى.
كاناپ كۆينەك پەشلىرى، قايرىلىپتۇ ئىككى يان.
چېدىرىنىڭ ئالدىدا ئۆز تىلىدا شىۋىرلاپ ،
كۆكرەك سىلاپ ، يەڭ تۈرۈپ چۈشتى ئۇسۇلغا شۇئان .
قاش ئۇچۇرۇپ، كۆز قىسىپ شىرداق،كىگىز ئۈستىدە،
مارجان بۆكى يېنىدىن ئاقتى تەرلىرى راۋان.
يالتىرىدى ئۆتىكى يورۇق چىراق ئالدىدا،
مەس كىشىدەك ئۆزىنى تاشلىغاندا ھەر قايان.
پىقىرىسا تىز قويسا، تىز قويسا كېلەر چالغان پەدىگە،
بەلگە قويسا قولىنى خۇددى ئايغا ئوخشىغان .
----------- لى رۈي
تاش ماكان ئۇيغۇرلىرى بۇ شەرىققە قۇملۇقتىن كېلىپ،
كۈز ھاۋاسىن ئەسكە سالدى قولىغا نەينى ئېلىپ.
تۇن ئارا يامغۇر بۇلۇتنى ئۇچۇرۇپ كەتتى يانا ،
يەرگە نۇر چاچماققا چىقتى ئايمۇ ئاسمانغا يېنىپ.
------------ جۇفۇ
بۇ يېڭى كۈي- نەغمىلەر كەلدى قاياقتىن ئۇشبۇ كۈن،
ئاشۇ تېچ يىللارنى ئەستە قايتا قوزغاپ مۇڭ بۈگۈن.
ھىچ كىشى ئالمايدۇ<<فاچۈي>>نەغمىسىنى ئاغزىغا،
كۆكمۇ تولدى شايى-ئەتلەس ئەيلىگەچ پەرۋاز بۈتۈن .
ھەممە جايدا بۇ غەزەل ھەم ئېيتىلۇر ئات ئۈستىدە،
قالمىغاچ قايغۇ نادامەت ھېچ كىشىنىڭ كۆكسىدە .
چۈتە تاپقاندەك ئىرىشتۇق بۇ ساماۋى نەغمىگە،
قالدى"گۇڭ"،"شىياڭ"كۈيلىرى ھەم ئوخشىماي ھىچ نەرسىگە.
------------ گۇكاڭ
مىڭ غەزەل يۈزخىل ئۇسۇل سانىنى بىلمەكمۇ تەس،
ھەممىدىن ئەتلەس ئۇسۇلى قوزغىدى زوقى ھەۋەس .
قىلسا گەر قىزىل لىباس شەپەق يېنىپ تاجى جۇلا،
بوينىدا قات-قات ۋىلىلدار ئاسمۇ مارجان بەسمۇ-بەس .
نىم تاناپ گۈللۈك داراپنى سۆلكىتى باسقان ئۇنىڭ ،
قايتا كۆرمەكنى پۈكۈپ قەلبىمگە چوڭ ئالدىم نەپەس.
مەللە ساقال چۇڭقۇر كۆز ئىككى ئۇيغۇر سەھنىدە ،
سەكرەپ كىلىپ سۆزلىدى تۇتۇپ قوللىرىغا داپ .
كۈن پېتىشقا قاراشتى شىرلار قايرىپ بېشىنى ،
نالە -نەرە قىلغىنىدا ھەممە تۆكتى يېشىنى .
------------ بەي جۇيى
بۇ جاھان رەققاسلىرى بىلدى ئۇسۇل ئويناشنىلا ،
قامىتى، خۇلقى جەھەتتە ئاڭا يەتمەس ھىچ كىشى.
------------- چىن سىن
پۈتتى ئەتلەس نەغمىسى ئاسماندا قوزغالدى شامال ،
ئون ۋىلايەت ئۈستىنى باستى ئىپار ئۆتمەي ھايال .
---------- لى جۇلىڭ
ئاپتۇرى بارخان ،
پايدىلانغان ماتىرياللار
(1) تاڭ دەۋرى شېئىرلىرى
(2) شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا ئۇسۇل سەنئىتى
[ بۇ يازما barhan تەرىپىدىن 2008-09-10 13:23 دە قايت ]