« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
نۆۋەتتىكى تېما : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯧﺘﻨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1499ـ كۆرۈرمىنى
barhan

دەرىجىسى :مىڭ بېشى


UID نۇمۇرى : 1522
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 186
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە186دانە
شۆھرىتى: 219 نومۇر
پۇلى: 10100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :72(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-26
ئاخىرقى : 2008-09-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯧﺘﻨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ

     بۇ ئەسەرنىڭ << ئۇرخۇن>>دىكى پايدىلىنىش قىممىتى ئالاھىدە يۇقۇرى بولغاچقا، خۇددى بىر گۆھەر تېپىۋالغاندەك، ئىجازەتسىزلا بۇ سەھىپىگە يۆتكەشكە تەرەددۇتلاندىم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەسەر ئاپتۇرىغا << ئۇرخۇن>> ئەزالىرى نامىدىن كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، موبارەك ئىسمى - زاتى ۋە ئۆتكۈر تەپەككۇر دەپدەبىسى ئالدىدا يەرگە قاراپ تىرناق تاتىلاشتىن باشقا ئامالىم يوق. بەلكىم، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تارىخى قاراش بىردەكلىكى مەزكۇرئاپتۇرنىڭ ئەسلى مۇدداسى بولىشى مۇمكىن.                                    


                                                       aysa.t.nadrﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ


                                               ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯧﺘﻨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ


ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻢ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﯧﻜﺎ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ.ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﺘﻨﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺩﯙﯞﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻛﯚﭼﯜﺷﻰ" ﺋﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﻳﯘﻗﺮﻯ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﻠﻪﻳﺘﻰ،
ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺧﻪﻟﯩﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺴﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻘﻰ ﺳﯘﻻﻟﯩﺮﻯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﯧﺮﻯ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯧﺪﻯ.ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ
ﺧﻪﻟﯩﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﮔﯧﻦ ﺗﻪﺗﻘﯧﻘﺎﺗﻰ،ﯸﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯧﻨﻮﻟﯘﮔﯩﻴﻪ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﻗﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺗﻘﯧﻘﺎﺕ ﺗﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﯩﯖﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺷﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﻤﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ.

1.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ.

ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﯘﺳﺨﺎ ﯸﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﯩﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ ﻧﻪﺳﯩﻞ ﮔﯧﻦ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻱ.ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺧﻪﺭﯨﺘﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:



ﺑﯘ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯨﯟﯨﻠﯩﺸﯩﻘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗﻛﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭ-ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ R1 ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰO ﺋﻪﯓ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.ﺑﯘ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ UG ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﯧﻦ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺯﻯ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻳﻪﻧﻰ ﺷﻤﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻏﻮﻝ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﮬﯧﻨﺪﻯ-ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺋﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﻳﻪﻧﻰ R1a ﯞﻩ R1b ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﯨﺖ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﯓ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰO ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ O3،ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺮﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﻪﺭ ﺩﯦﯖﯩﺰﻯ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ-ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ J2 ﺩﯨﻦ ﺋﯧﺒﺎﺭﻩﺕ.
ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﯞﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ،ﻛﯘﭼﺎ ﯞﻩ ﺋﯧﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ:
18 ﭘﺮﯨﺴﻪﻧﯩﺖ R1a.
17 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﯩﺖ R1b.
10 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﯩﺖ J2.
14 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﯩﺖ O3.
ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﻠﻤﯘ-ﺧﯩﻞ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ 41 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﯩﺖ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯨﯟﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗﻛﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﻏﻮﻝ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯧﮕﻪﻟﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ.
ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﻚ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ.
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ،ﺋﺎﺭﺗﯘﭺ،ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﺋﺎﺭﻳﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ R1 ﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻰ - ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ R1b ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ.ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﺑﯘ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﯧﻨﺪﯨﻘﯘﺵ ﺗﺎﻍ ﺗﯩﺰﻣﯩﻠﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﭼﺎﯓ ﺗﻮﺯﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ.ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻧﻼﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﭘﺎﻣﯩﺮ-ﮬﯧﻨﺪﯨﻘﯘﺵ ﺗﺎﻍ ﺗﯩﺰﻣﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻓﻪﺭﻏﺎﻧﻪ-ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ-ﺋﺎﺭﺗﯘﭺ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﯨﺖ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ J2 ﻣﯘ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ (ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 20 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﯩﺖ)ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ.
ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺷﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﻰ - ﻣﻮﯕﻐﻮﻟﯩﺌﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﻤﺪﯨﻦ ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﻗﺎﻥ ﺗﯩﭙﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ.ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ-ﺋﺎﺭﺗﯘﭺ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﯜﺭﻛﻮ-ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯗﺭ.
ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﯩﺪﻩ "ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﺎﻛﺘﯩﺮﯨﻴﻪ( ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ)ﮔﯩﭽﻪ ﺋﻮﺭﺍ ﻛﯚﺯﻟﯜﻙ، ﻗﺎﯕﺸﺎﺭﻟﯩﻖ،ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﻯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺮﯨﻖ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ"ﺩﻩﭖ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻥ ﺋﯩﺮﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ.ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻧﻪﺗﺠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯨﯟﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗﻛﻰ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ R1b ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ-ﻏﻪﺭﺑﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻏﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺩﻩﻝ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻟﯩﻠﻰ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺩﯦﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺷﯘﻛﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪﺩﯨﻦ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ،ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ﻗﺎﺯﺍﻕ،ﺋﯚﺯﺑﻪﻙ،ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ C ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﺩﺍ 46 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﯩﺖ،ﺋﯚﺯﺑﯩﻜﻠﻪﺭﺩﻩ 18 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﯩﺖ،ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯧﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺯﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺗﯚﺕ ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﯩﺖ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯔ 75 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻰ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﯧﻦ ﺗﯩﭙﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﻥ ﺗﯩﭙﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 1 ﭘﯩﺮﺳﺘﻨﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﻪﻧﮕﻪﻥ.ﺩﯦﻤﻪﻙ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﮔﯧﻦ ﺗﯩﭙﻰ C ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ.ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺗﯘﯕﮕﯘﺱ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ(ﻛﻮﺭﯨﺌﺎﻥ،ﻳﺎﭘﻮﻥ،ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ) ﯞﻩ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﻛﯚﺭﯨﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ.ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ R1b ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯﺑﻪﻙ،ﻗﺎﺯﺍﻕ،ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﯧﭻ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯨﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯗ.ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﯨﻤﺪﯨﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺯﻭﻣﯩﮕﻪﺭ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ 90 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﯩﯟﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺩﯨﻜﻰ،ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﯜﺭﯨﻚ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯜﺭﯨﻚ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪﯗ.

2.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻘﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ.

ﺗﺎﺭﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯜﺷﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ،ﺋﯧﻠﻰ ﯞﺍﺩﯨﺴﻰ،ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻜﻰ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﺮﻗﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﻪﻟﯩﺖ ﺋﯧﺮﻗﻰ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺋﯩﺮﻗﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﺭﺍ ﻛﯚﺯ،ﻳﯜﺯ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﻨﭽﯩﻜﻪ(ﻛﻪﯓ ﯞﻩ ﮔﯚﺷﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ-ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻳﺎﻙ ﺗﯜﺭﯨﻚ ﺋﯩﺮﻗﯩﺪﯨﻦ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ)،ﺑﯘﺭﻧﻰ ﺋﯧﻨﭽﯩﻜﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻧﺮﺍﻕ،ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘﭼﻰ ﺗﯜﺯﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﻤﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ،ﭘﯘﺕ -ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﻩ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻗﺮﺍﻕ،ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺋﺎﻕ ﺳﯜﺯﯛﻙ.ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﻭﺭﻩﻥ ﮔﯜﺯﻟﻰ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺳﻪﻟﯩﺖ ﺋﯩﺮﻗﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ.
ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 7-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 2 - ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﯩﺮﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺗﺎﺋﯩﭙﻪ ﺗﺎﺭﯨﻤﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ،.ﺑﯘ ﺋﯩﺮﯨﻘﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻪﻣﺒﻪﻝ،ﻗﺎﺭﺍ ﭼﺎﭼﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺮﻗﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﻪﻟﯩﺖ ﺋﯩﺮﻗﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺮﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯧﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﺒﻮﻟﯘﭖ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﻟﯩﺖ ﺋﯩﺮﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 1:3 ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .
ﺩﯦﻤﻪﻙ،ﮔﯩﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺧﯘﻻﺳﻪ،ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ
ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯚﺕ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ 50 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﯩﺖ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 70 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ.

3.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﻳﯩﯖﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﯜﺷﻰ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ ﻧﻪﺳﻠﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻰ،ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ،ﯸﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻘﻰ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻥ ﺋﯩﺮﻗﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺮﯨﻘﻘﺎ ﻛﯩﺮﻩﺗﺘﻰ.ﺗﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﯧﻨﺪﻯ- ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺗﯩﻞ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﻩﺗﺘﻰ ،ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﻰ ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻥ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﻪﺗﺘﻰ.ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 2200-2700 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﻡ ﺋﯧﺮﺍﻥ ﺗﯩﻞ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻘﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﻤﯩﻼﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﯩﺪﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ"ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﺎﻛﺘﯩﺮﻳﻪﮔﯩﭽﻪ" ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﯖﻰ ﺋﯩﺮﯨﻘﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺗﺎﺭﯨﻤﻠﯩﻘﻼﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ.ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﯙﯞﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ.ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻜﻰ ﺑﯘﺯﯗﯞﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻴﻪﺩﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﮬﻮﻥ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯧﺮﻩ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺭﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﭘﺎﺗﻘﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﻪﺧﺘﻰ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻜﻰ ﮬﻮﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﯟﯨﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ.ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﺭﯨﺘﻘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.ﮔﯧﺰﻯ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ، ﺗﺎﻻﻥ-ﺗﺎﺭﺍﺝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺧﻮﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﯜﺩﻩﻙ ﻛﯜﭺ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﺴﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﮬﻮﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ.ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﻩﺭﮔﻪﻥ،ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ-ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﭗ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭ،ﻛﯩﺪﺍﻧﻼﺭ، ﺗﺎﯕﻐﯘﺗﻼﺭ، ﻛﯚﻙ ﺗﯜﺭﯨﻜﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﻳﻼﻗﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﭖ ﺯﻭﻣﯩﮕﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﺎﻟﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ.ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺩﯙﯞﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﻢ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﯟﻩﺭﮔﻪﻥ.6 ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﻙ ﺗﯜﺭﯨﻜﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﯨﻚ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺩﯙﯞﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺲ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ،ﺳﻮﺩﺍ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﻙ ﺗﯜﺭﯨﻚ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯧﺮﻩ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﭘﯘﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﻜﻪﻥ.ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﻥ -ﮬﯘﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﺎﻟﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ.ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯨﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﺵ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻜﻰ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﯨﻚ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﯨﻚ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ.8-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯚﺑﯚﺗﻠﻪﺭ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ.ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﮬﯩﻤﺴﯩﺰ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﺭﯨﻤﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﻥ-ﺟﻪﮬﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.ﻟﯧﻜﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﯚﺑﯜﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺯﻟﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ.ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺮﺍﻥ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﻣﯩﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻪﺩﻩﯞﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﯞﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﻤﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﻪﯞﯨﻤﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﺘﻨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ "ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ.ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯸﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﮬﺎﻻﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺳﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﮕﻪ ﭘﺎﻧﺎﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ
(ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 100ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ 200 ﻣﯩﯖﻐﯩﭽﻪ) ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﻛﯘﭼﺎﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﻮﺭﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﺪﻗﯘﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ.ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮔﯧﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﯩﺪﺍ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ(ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﻰ ﻗﻪﺩﻣﻰ ﺋﯧﺪﻗﯘﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﺘﻮﺭﻳﻪﺳﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ) ﺩﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ R1a ﯞﻩ O3 ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﯘﻧﻼﺭ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ O3 ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ R1a ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺧﻪﻟﯩﻖ( ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻘﻰ ﺳﺎﻛﻼﺭ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﺗﯜﺭﯨﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻘﻰ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﺩﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﺎﭖ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ R1a ﺑﯩﻠﻪﻥ O3 ﻧﯩﯔ ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻰ 18 ﯞﻩ 14 ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﺩﺍ 42 ﯞﻩ 24 ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻧﺴﺒﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺪﯗ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯘﭼﺎﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ O3 ﻧﯩﯔ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻳﯘﺭﻯ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺳﯜﻱ-ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ
ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻧﺎﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﻤﯩﻼﺗﺴﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.
ﺩﯦﻤﻪﻙ،ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﯞﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻛﯘﭼﺎﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯧﺪﻗﯘﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ-ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﻤﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﮬﯧﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ،ﺟﻪﻧﺰﯗ ﯞﻩ ﺗﯧﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﭼﯩﻨﺠﻰ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ.

ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﭼﯩﻨﺠﻰ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ،ﻳﻪﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﮕﻪ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.

ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯜﻧﯜﻣﺪﻩﻙ،ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ 70 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﯩﺖ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﻣﯘﻗﯘﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ 30 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ.ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﮔﯩﻨﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﮔﻪﻥ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻧﻮﭘﻮﺱ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻰ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯨﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯨﺸﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﻤﻠﯩﻘﻼﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯜﺭﯨﻜﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ"ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﯨﻜﭽﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ" ﺗﻰ ،"ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺗﯜﺭﯨﻜﭽﯩﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ،ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﯧﻐﯩﺮ"ﺗﻰ،
"ﺋﺎﺭﺗﯘﺷﻠﯘﻗﻼﺭ ﺗﯜﺭﯨﻜﭽﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﻤﯘ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯗ"ﺗﻰ.ﺩﯦﻤﻪﻙ ﻣﻪﺧﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﺮﻯ 11 ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯜﺭﯨﻜﭽﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ،ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯧﺮﺍﻥ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﭽﯩﻼ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺮﺍﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ(ﺗﺎﺭﯨﻤﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ) ﺗﯜﺭﯨﻜﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ.ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻞ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﻡ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ "ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺗﯩﻠﻰ" ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ.ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺑﯘﺩﺩﺍ،ﺯﻩﺭﺩﻩﺩﯗﺷﯩﺖ ﯞﻩ ﻧﯧﺴﺘﻮﺭﯨﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﺗﯘﭼﻠﯘﻕ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻗﺎﺭﯨﺨﺎﻧﻼﺭ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ-ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﺗﺎﺋﯧﭙﺴﻰ(ﻣﻮﻏﯘﻟﻼﺭ)ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺖ ﺳﻪﺋﯧﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯔ ﯸﺘﻨﻮﻟﯘﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻠﯩﻨﺸﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻧﻐﺎﻥ.ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﻣﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﺗﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﯜﺭﻛﻮ-ﻣﻮﯕﻐﻮﻟﻮﺋﯧﺪ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﯩﺴﻰ(ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 30 ﭘﺮﯨﺴﻪﻧﺖ)ﻧﻰ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﺋﯜﭼﯩﻨﺠﻰ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

4.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﻗﻰ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﻗﻰ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﯙﯞﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮔﯧﻦ ﺗﻪﺗﻘﯧﻘﺎﺩ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ.ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺧﯘﻻﺳﻪﻣﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺷﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯚﺗﻪﻱ.
ﺑﯩﺮﻧﺠﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺮﻗﻰ ﺗﯩﭗ : ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﺋﯧﺮﻗﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺮﻗﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻣﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﻘﻰ.
ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﺮﻗﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺮﻗﻰ.ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﭗ ﺗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﻩ،ﻛﯘﭼﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ،ﺋﺎﻗﺴﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﭙﯩﻨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﯩﺮﺍﻳﺪﯗ.ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺮﯨﻘﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﯗ.ﺋﯧﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﺗﯩﭗ : ﺗﯜﺭﻛﻮ-ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﻮﺋﯩﺪ ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﺋﯩﺮﻗﻰ.ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻣﯘﻝ،ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﯞﻩ ﻛﻮﺭﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﺒﺎﺭﻩﺕ.
ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﮬﯧﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻕ ﺋﯩﺮﯨﻘﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ.

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ:

1.ﻣﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯧﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯚﺗﺘﯘﻡ.ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﯸﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻢ.ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻗﺴﻤﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺳﻪﻟﻜﯩﻦ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﻩ Alp Ertungah ﯞﻩ sword ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ.ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ.

2.ﺑﯘ ﺗﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﮕﻠﯩﻚ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ.ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻐﺎ، ﺳﻪﻟﻜﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﻳﯩﯖﻰ ﺗﯩﻤﺎ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻐﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻳﻮﻕ.

ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻤﺎﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻦ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻦ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ.ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﯩﻜﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﻤﻪﻥ.
[ بۇ يازما barhan تەرىپىدىن 2008-09-11 01:26 دە قايت ]
1som
| ۋاقتى : 2008-09-10 20:31 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 1499ـ كۆرۈرمىنى
ark_xamili

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4156
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-07
ئاخىرقى : 2008-09-16

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھۆرمەتلىك ئەيسا ئەپەندىم ،ئالدى بىلەن گىن ئارقىلىق ئەجداد ئىزدەش يولىدا تىرىشقىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم،  گىن تىىنىكىسى بىزنى تارىخ كىتاپلىرىدا قالدۇرۇلمىغان پاكىتلار بىلەن تەمىنلەپ بىرەلەيدۇ . مىللەتلەرنىڭ شەكللىنىش ھەم زورىيىش جەريانلىرىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. نۇرغۇن تالاش تارتىش بولۋاتقان مەسىللەرنى ئاددىيلا ھەل قىلالايدۇ. تارىخ ھەم ئىنسانشۇناسلىق ئىلىملىرىنى كۈچلۈك بىر" قانات" قا ئىگە قىلىدۇ. مىنىڭچە تارىخ ئۈگىنىۋاتقان ھەر بىر كىشى گىن تىىنىكىسى ،گىن تۇركۇملىرى توغرىسىدىكى ساۋاتلاردىن خەۋەردار بولىشى ھەم گىن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىشى زورۇر .
ئەمما كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن ، گىن تۈركۈملىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىز سەل يىتەرسىزكەن ،شۇنداقلا ھۆكۈملىرىڭىزدە يوچۇقلار تولۇپ يىتىپتۇ .
گىن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئىرىشىلگەن نەتىجلەردىن چىقىرىلغان يەكۇنلەر  شۇكى  دىيارىمىزدا ياشىغان ئەڭ قەدىمى ئىنسانلارنىڭ قانداقتۇ ئارىئانلار ئەمەس،يەنە قانداقتۇ خەنزۇ ياكى مۇڭغۇلوىد ئىرقىدىكى باشقا مىللەتلەر ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر ياكى تۈركلەرنىڭ يادروسى بولغان قەدىمكى ئىپتىدائى تۇرك تىللىق خەلىقلەر !! مۇنداقچە ئىيىتقاندا تۈرك ياكى ئۇيغۇرنىڭ يىلتىزى ئارىئانمۇ ئەمەس، موڭغۇلوئىدمۇ ئەمەس، بەلكى ياۋروپا ئىرقىدىكى ئىپتىدائى تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلىقلەر .
بۇنڭغا پاكىتىڭ نىمە دەپ سورىشىڭلار مومكىن . پاكىت ئىنتايىن ئاددى ئەمما تولىمۇ كۈچلۈك ،ئۇ بولسىمۇ R1b !! 
R1b  ئۇيغۇر ھەم تۈرك تارىخىنى يىڭباشتىن ئۆزگەرتىدۇ .بەلكىم ئۇزۇنغا قالماي ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ"ئارىئان-ساك -تۈرك" ياكى  "تۇرك ئككىلەمچى ئىرىق " نەزىريىسى ،ھەم "تارىم ئويمانلىقىنىڭ تۈركلىشىش" نەزىريىسى    پۈت تىرەپ تۇرالماسلىقى مومكىن ، ئەكىسچە  تۇرغۇن ئالماسنىڭ "ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ ھىنگان تاغلىرىدىن بالقاش كۆللىرىگىچە،بايقالدىن قارا قۇرۇمىچە ياشاپ كەلگەن " نەزىريىسى قىسمەن ئاساسقا ئىگە بولىدىغاندەك قىلىدۇ .
| ۋاقتى : 2008-09-11 06:34 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1499ـ كۆرۈرمىنى
Kulbilge

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2099
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 100
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە100دانە
شۆھرىتى: 136 نومۇر
پۇلى: 1850 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :17(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-06-30
ئاخىرقى : 2008-09-15

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

يوقۇرقى تىمىنى كۆرۇپ سەل ھاياجانلىنىپ قالدىم. مۇشۇنداق تىمىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن يازغان ۋە تەشۋىق قىلىۋاتقان تورداشلاردىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. بۇ توغرۇلۇق ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ گىن تىپى دىگەن تىمىدىمۇ كۆپ توختالغان ئىدۇق، شۇڭا بۇ يەردە كۆپ سۆزلىگۇم يوق. ئەمما يوقۇرقى تىمىدىكى ناھايىتى كۆپ ئەجەللىك ئاجىزلىق نوقتىلارنى كۆرسىتىپ ئۇتۇش مىنىڭ ئۇيغۇر بولۇش سۇپىتىم بىلەن باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچۇم دەپ قارايمەن.
1. ئۆلچەملىك ئىلمى ماقالىلەر چوقۇم پايدىلىنىلغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ  كىلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىدۇ. ئەمما بۇ تىمىدا ھىچقانداق ئىشەنچىلىك مەنبە كۆرسىتىلمىگەن،شۇ  سەۋەپتىن مەزكۇر تىمىنىڭ ئىلمى قىممىتىنى ناھايىتى تۆۋەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. 
2. سىز يوقۇردا كۆرسىتىلگەن  گىن نوسخىلىرىنىڭ قانداق مەنا بىرىدىغانلىقىنى، نىمىگە ئاساسەن كەلتۇرۇپ چىقىرىلغانلىقىنى چۇشىنەمسىز.  سىز گىنشۇناسلىق ئىلمى ياكى مالىكولا بىئولوگىيىسىنى مەخسۇس تەتقىق قىلغانمۇ.
3. R1b ، R1b  قاتارلىق گىن تىپلىرىنىڭ ئارىيان قان سىستىمىس ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلايسىز. ئارىيان قان سىسىتىمى دىگەن قانداق ئۇقۇم. بۇ يەردىكى "ئارىيان" قەدىمقى ھىندىستان، ئىرانغا بىسىپ كىرگەن خەلقلەرنى كۆرىسىتەمدۇ  ياكى ھازىرقى گىرمانلارنى كۆرسىتەمدۇ ۋە ياكى پۇتكۇل ئاق تەنلىكلەرنىمۇ. قايسى خەلقنى ئاساس قىلىپ ئىلىنغان گىن نوسخىسى. ئەگەر سىزنىڭ پەرىزىڭىزنى توغرا دىسەك ئۇنداقتا ھازىرقى گىرمانلار بىر يەردە قىلىپ، ئەكسىچە ئىسپان-پورتۇگال مىللەتلىرى ھەقىقى ساپ ئارىيان بولۇپ قالمامدۇ. بۇ قىياسقا ئۆزىنى ئەڭ ساپ ئارىيانلار دەپ قاراۋاتقان گىرمانلار قانداق قارايدۇ.  R1b ، R1b   دىگەنلەر زادى ئارىيان قان سىستىمىمۇ ياكى غەربى جەنۇبى ياۋروپادىكى لاتىن  خەلقلىىرىدە نىسبەتەن كۆپ كۆرۇلگەن ئالاھىدە بىرخىل گىن تىپىمۇ. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىمۇ مەلۇم نىسبەتتە بولۇشى نىمىدىن دەرەك بىرىدۇ. تارىخنىڭ تىخىمۇ قاراڭغۇ بىر دەۋرلىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ كۇچۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ. ئەمما ئىنىقكى R1b ، R1b  دىگەنلەر ھەرگىز ئارىيان قان سىستىمىسىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. چۇنكى ئەڭ دەسلەپكى ئارىيانلار غەربى-جەنۇبى ياۋروپادا ئەمەس بەلكى شەرقى شىمالى ياۋروپا رايونىدا پەيدا بولغان كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىللىىرىدىن باشلاپ ئاندىن غەربى ياۋروپا ۋە جەنۇبى ياۋروپاغا بىسسىپ كىرگەن. (ئارىيانلار ئوتتورا ئاسىيانىڭ ئەڭ قەدىمقى ئاھالىلىرى دىگەن نەزىرىيىگىمۇ ماس كەلمەيدۇ، چۇنكى ئارىيانلار شىىمالى ياۋرو ئاسىيا يايلاقلىرىنى بويلاپ ياۋروپا كىرگەن. ھالبۇكى ئىسپانىيە، پۇرتۇگالىيە قاتارلىق ئەللەر ئەڭ غەرپتە، لاتىن مىللەتلىرىنىڭ  ياۋروپالىقلار ئىچىدە ئەڭ شالغۇت خەلق ئىكەنلىكىمۇ ھەممە ئادەمگە ئايان)
4. قۇمۇلنىڭ غەربىدىكى قەدىمقى ئاھالىلەر ئورا كۆزلۇك، ساقاللىق ئادەملەر ئىدى، شۇڭا قەدىمقى تارىم ئاھالىلىرى ئارىيانلاردۇر دەپ يەكۇن چىقىرىپسىز. ئۇنداقتا ئەرەپلەر، كاۋكاز مىللەتلىرى(چىچەنلەر،گروزلار...) ۋە  ئوراللا مىللەتلىرىمۇ(فىن، ئۇگۇر،ئىستونىيەلىكلەر...) ئارىيانلارمۇ؟  تارىم رايونىدىن چىققان مىلادىدىن كىيىنكى دەۋرلەرگە ئائىت قىسمەن ھىندى-ياۋروپا تىللىق يازما يادىكارلىقلارغا قاراپلا تارىمنىڭ ئەسلى يەرلىك خەلقنى ئارىيانلار دىگىلى بولامدۇ. ئوتتورا ئەسىر ۋە كىينكى دەۋرلەردىكى خەنزوچە، تىبەتچە، مۇڭغۇلچە، ئەرەپچە يىزىلغان يازما يادىكارلىقلارغا قاراپ يەنە قانداق يەكۇن چىقىرىمىز. ئۇلارمۇ تارىمنىڭ يەرلىك خەلقىمۇ؟
4. ئاتۇش، قەشقەر ئۇيغۇرلىرىدە ئارىيان قان سىسىتمىسى ئەڭ كۆپ دەپسىز. بۇ يەكۇن قانداق كەلتۇرۇپ چىقىرىلغان. ئىشەنچىلىك مەنبەسى قەيەر. سىز نىڭ ساپ ئارىيان ئىرقى دىگىنىڭىز ئاتۇش-قەشقەرنىڭ قارا چاچ، قارا كۆزلۇك ئادەملىرىمۇ  (م: ئابدىكىرەم ئابلىز، ھوشۇر قارى..، ) ياكى قوڭۇر چاچ، ئاق سىرىق ئادەملىرىمۇ(م: فىردەۋىس ئەزىزى، مۇنىرە غوپۇر...، ). زادى بۇلارنىڭ قايسىسى ساپراق "ئارىيان" چىراي؟
5. ھەممىمىز خوتەن رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاز ئۇچرىغان خەلق ئىكەنلىكىنى ئوقۇمىز. بولۇپمۇ شەرقنىڭ تەسىرىگە. ئۇرخۇندا ئىلگىرى يوللانغان بىر ماقالىدىمۇ بۇ نوقتا ئايدىڭلاشقان. ئەمما سىزنىڭ ماقالىڭىزدە ئاتۇش-قەشقەر ئۇيغۇرلىرى خوتەن ئۇيغۇرلىرىغا قارىغاندا تىخىمۇ "ساپ" دىگەن مەنا چىقىپ قاپتۇ. (سىزنىڭ گىپىڭىز بۇيىچە بولغاندا ساپراق ئارىيان) . ئەمما   راستىنى دىسەم  ئاتۇش قەشقەرلەردە نەچچە يىل خىزمەن قىلىپتىمەن.  ئەمما ئۇ يەرلەردە ھىچقاچان ساپراق ئارىيانلارنى كۆرگەندەك قىلمىغان ئىدىم. بەلكى تىپىك ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن ئىدىم، ئەلۋەتتە يەنە ئاز ساندا ئەرەپ چىراي، ھىندى چىراي ئادەملەرنى ۋە سىرىق چاچلىق ئادەملەرنىمۇ كۆرگەن. سىرىق چاچلىق(قوڭۇر ئەمەس، ھەقىقى سىرىق) ئادەملەرنى يەرلىكلەر " سىرق" دەپ لەقەم قويۋالىدىكەن. يەنە بىر مەسىلە سىزنىڭچە قەشقەرنىڭ ئۇيغۇرلىرى تىخمۇ ساپ "ئارىيان"مۇ  ياكى ئاتۇشنىڭ ئۇيغۇرلىرى بەكرەك ساپ "ئارىيان"مۇ. سىزنىڭ سىتاتىسكىڭىز  مارالبىشى، مەركىت ئۇيغۇرلىرى ۋە يوپۇرغا مۇغۇللىرىنى(ئۇيغۇرلىرىنى) ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ.
6. تىمىڭىز ناھايىتى ئىنىقلا قىلىپ شىمالى شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى بىلەن جەنۇبى شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنى ئاندىن ئاقسۇ،كۇچا، كورلا ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئاتۇش،قەشقەر، خوتەن ئۇيغۇرلىرىنى، ئاخىرىدا يەنە ئاتۇش،قەشقەر ئۇيغۇرلىرى بىلەن خوتەن ئۇيغۇرلىرىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇپتۇ. ئاخىرىدا  ئاتۇش،قەشقەرنىڭ ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە پەقەت ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىلا  ئەڭ ساپ "ئارىيان" دىگەن يەكۇننى كەلتۇرۇپ چىقرىىپتۇ. مۇشۇلارنى يىزىپ تورغا يولىغاندا سىزنىڭ ئۇيغۇرلۇق ۋىجدانىڭىز قاينىمىغانمىدۇ. ئەگەر قاينىمىغان بولسا داۋاملىق تەتقىق قىلىپ، ئاتۇشتىكى ھەرقايسى ناھىيىلەرنىڭ ، يىزا -بازارلانىڭ ، ئائىلىڭىزنىڭ ، ئۇرۇق توققانلىرڭىزنىڭ ، جەمەتىڭىز ئەزالرىنىڭ گىن تىپىنى يەنىمۇ ئىنىق ئايرىپ چىقىپ،  قايسىڭلارنىڭ تىخىمۇ ساپ "ئارىيان" ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقارسىز.

ئاخىرىدا سىزدىن سورايدىغان يەنە بىر قانچە سوئالىم.
1. سىز ئۇيغۇرمۇ ياكى تاجىكمۇ ۋە ياكى باشقا مىللەتمۇ؟
2. سىز مىللەت ئوقۇمىنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى، نىمە ئۇچۇن ئىنسانلارنىڭ مىللەت بولۇپ ئۇيۇشىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى  چۇشىنەمسىز؟ئانا تىلىڭىزنى، مىللى مەدىنىيىتىڭىزنى سۇيەمسىز؟ سىز ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىگە كۇيۇنەمسىز؟
3. سىز ئۇيغۇرلارنى ئەسلى ئارىيان تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلق ئىدى كىيىن تۇركى مىللەتلەرگە ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەن، ئۆز تىلىنىمۇ ساقلاپ قالالمىغان شالغۇت خەلق دىمەكچىمۇ. تىمىڭىزدا تارىم ئاھالىلىرى ئەزەلدىنلا باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇوۇپ ئاسمىلاتسىيە قىلىنىپ كىلىنگەن. ھازىرقى تارىم ئۇيغۇرلىرى ئەسلى  تۇركى ئەمەس(ھون، تۇرك، ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى  بىلەن قىرىنداش خەلق ئەمەس). سىلەر تارىختا ھىچقانداق چوڭ ئىش قىلالمىغان. (بىز ئارىيانلار سىلەرنى بىرلىككە كەلتۇرگەن دىگەن گىپىڭىز تىخىمۇ كۇلكىلىك).  ئۆزبەك، قازاق، قىرغىز، تاتار، ئەزەربەيجان، تۇركىيە تۇركلرى سىلەر بىلەن قانداش ئەمەس. سىلەر ئارىيانلاردىن ئۆزگىرىپ كەتكەن شالغۇت دىمەكچىمۇ. سىز ئۇيغۇرلارنى باشقا تۇركى قىرىنداشلاردىن ئايرىۋىتىپ ۋە ئۆز ئچىىدىن يەنە مۇشۇنداق پارچىلاش ئارقىلىق كىمنىڭ ھىسداشلىقىنى قولغا كەلتۇرمەكچى. ياۋروپالىقلارنىڭمۇ ياكى تاجىكلارنىڭمۇ ۋە ياكى ئىراننىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۇرمەكچىمۇ؟ مۇشۇ گەپلىرڭىزنى كۆرۇپ سىزنى زادى ئۇيغۇرمۇدۇ ئەمەسمىدۇ  دەپ تەئەججۇپلىنىۋاتىمەن.

قالغىنىنى تورداشلار بىر نىمە دەر. مەسئۇلىيەتچان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى سىلەرمۇ ئۆز كۆز قارىشىڭلارنى ئوتتورغا قويۇپ بىقىڭلار.
"ئىدىيە ھەركەتنى، ھەركەت تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ."  
[ بۇ يازما Kulbilge تەرىپىدىن 2008-09-11 12:28 دە قا ]
| ۋاقتى : 2008-09-11 11:53 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1499ـ كۆرۈرمىنى
Kulbilge

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2099
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 100
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە100دانە
شۆھرىتى: 136 نومۇر
پۇلى: 1850 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :17(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-06-30
ئاخىرقى : 2008-09-15

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تىما ئىگىسى يولداش:
ئۇيغۇرلار بىلەن  تاجىكلار  ئەزەلدىن يىقىن ئۇتۇپ كەلگەن قان-قىرىنداش خەلقلەر. ئۇيغۇرلاردا(جۇملىدىن باشقا تۇركى خەلقلەردە) تاجىكلارنىڭ قىنى بار، تاجىكلاردىمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۇركى خلەقلەرنىڭ قىنى بار. ئەمما بىر مىللەتنىڭ ماھىيىتىنى ۋە تارىخنى قىسمەن پاكىتلار بىلەن  بۇرمىلاپ چۇشەندۇرۇش ئارقىلىق ئىككى مىللەتنىڭ دوستلۇقۇنى ئىلىگىىر سۇرىمەن دىيىش ئاقىلانىلىق ئەمەس. ئەگەر سىز تاجىك بولسىڭىز گىپىمنى توغرا چۇشىنىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمەن.
ئۇيغۇر- تاجىك دوستلۇقى يەنىلا داۋاملىشىدۇ. بۇ ھەممىمىزگە پايدىلىق.
yol
| ۋاقتى : 2008-09-11 12:17 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1499ـ كۆرۈرمىنى
Awral

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4207
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
شۆھرىتى: 9 نومۇر
پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-09
ئاخىرقى : 2008-09-18

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  ئەيسا ئەپەندىم  سىز تاجىققۇ ؟  سىز زادى نىمنى ئوتتۇرغا قويماڭچى ؟ ئۇيغۇرلارنى شالغۇت دىمەكچىمۇ ؟ " قاغىلار  قاق قىلار ، ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلار "  دىگەندەك  سىزمۇ ئۆز كۆڭلىڭىزنى خوش قىلىۋىلىڭ .
| ۋاقتى : 2008-09-11 13:01 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1499ـ كۆرۈرمىنى
Bore

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 3657
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
شۆھرىتى: 15 نومۇر
پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-07-19
ئاخىرقى : 2008-09-15

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ماۋۇ ئۇلىنىشتىكى ئەسلى سۆرەتكە ئاساسلىنىڭ، مۇلجەر ئەپەندى يوللىغان تىمىدا خىلى تەپسىلى چۇشەنچىلەر بىرىلگەن.
./bbs/read.php?tid=263


ئەگەر بۇ تىما بۇيىچە ئۇيغۇرلارنى پارچىلىساق ناھايىتى ئىچىنىشلىق ئەھۋال كىلىپ چىققىدەك. ھەتتا ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىمۇ شۇنداق ئەھۋالغا چۇشۇپ قالغۇدەك.
18ﭘﺮﯨﺴﻪﻧﯩﺖ R1a.
17 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﯩﺖ R1b.
10 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﯩﺖ J2.
14 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﯩﺖ O3.
ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﻠﻤﯘ-ﺧﯩﻞ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ 41 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﯩﺖ.

دىمەك  100ئۇيغۇرنىڭ ئچىىدە
18 ئادەمنىڭ ئاتا تەرەپ ئەجدادى شىمالى ياۋرو-ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، بۇ تىپ ياپۇنىيەدىن تارتىپ ئەنگىلىيەگىچە سوزۇلغان. ئەمما جەنۇبى ئاسىيادا ۋە ياۋروپانىڭ جەنۇبىدىكى خەلقلەردە ئاساسەن يوق ئىكەن. قەدىمقى شىمالى ئاسىيا كۆچمەنلىرىنىڭ  تارقىلىش يۇنۇلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ قانداق(سىرىق رەڭگە قاراڭ، R1a)

17 ئادەمنىڭ ئاتا تەرەپ ئەجدادى  غەربى  ياۋروپادىكى ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ تىپ باشقا تۇركى خەلقلەردىمۇ بار، ئەمما ئۇيغۇرلاردا ھەقىقەت سەل-پەل كۆپ ئىكەن. تىما ئىگىسى ئۇنى ئارىيان قان سىستىمىسى دەۋالغان ، ئەمىلىيەتتە  ئۇ غەربى جەنۇبى ياۋروپادىكى ئىپتىدائى ئوتتورا دىڭىز ئىرقىنىڭ ياكى شۇنىڭغا يىقىنراق بىر تىپنىڭ  تارقىلىش يۇنۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك قىلىدۇ،چۇنكى ئۇ شەرقى شىمالى ياۋروپادا يوق دىيەرلىك ئىكەن.  بۇ تىپنى لاتىن مىللەتلىرى كىينكى دەۋرلەردە گىرمانىيە، ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە قاتارلىق غەربى شىمالى ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە ئىلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن(ياۋروپا تارىخىدا بۇ توغرۇلۇق ئىنىق مەلۇماتلار بار) ( قىزىل رەڭگە قاراڭ، R1b)

14 ئادەمنىڭ دادا تەرەپ ئەجدادى شەرقى ۋە شەرقى-جەنۇبى ئاسىيا دىكى خەلقلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. چاڭلار، مۇڭغۇللار ۋە شەرقى شىمال تەرەپلەردىن كەلگەن تۇركى خەلقلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن كىرگەن بولۇشى مۇمكىن.(كۆك رەڭگە قاراڭ، O)
10 ئادەمنىڭ دادا تەرەپ ئەجدادى غەربى ئاسىيادىكى خەلقلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ تىپ ھازىرمۇ غەربى ئاسىيادا(ئەرەپ، ئىران ...) قاتارلىق رايونلاردا ئەڭ كۆپ ئىكەن. ئىھتىمال كاۋكاز ئىرقىنى كۆرسەتسە كىرەك. بۇ تىپ شىمالى ۋە  غەربى ياۋروپادا ئاساسەن يوق ئىكەن. ئۇيغۇرلاردىكى بەزى ئادەملەرنىڭ ئەرەپلەرگە ئوخشاپ قىلىش مۇشۇ سەۋەپتىن بولۇشى مۇمكىن.(يىشىل رەڭگە قاراڭ، J)

تەخمىنە 6 ئادەمنىڭ ئاتا تەرەپ ئەجدادى شەرقى شىمالى ئاسىيادىكى خەلقلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، ئەمما قىزىقارلىقى بۇ تىپ شەرقى جەنۇبى ئاسىيا، شىمالى ئامرىكا قىتئەلىرىدىمۇ بولغاندىن سىرت، ھەتتا ئاۋسترالىيە، يىڭى زىلادىيەلەرنىڭ يەرلىك ئادەملەرنىڭ ئاساسلىق گىپ تىپى ئىكەن. بۇ ھەقىقەتەن بىنورمال ئەھۋال. (سۇس قىزىل رەڭگە قاراڭ، C)

تەخمىنە 5 ئادەمنىڭ ئاتا تەرەپ ئەجدادى تىنچ ئوكيان پاپۇئا گىۋىنىيەسى قاتارلىق ئاراللاردىكى يەرلىك خەلقلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇلار قانداق قىلىپ تارىمغا كىلىپ قالغاندۇ.(قىنىق يىشىل رەڭگە قاراڭ، K )

تەخمىنەن4 ئادەمنىڭ ئاتا تەرەپ ئەجدادى ئامىرىكا  ھىندىئانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن. بۇ تىپ ئامىرىكا قىتئەسىنىڭ ئاسالىق گىن تىپى ئىكەن. تولىم غەلىتە ئەھۋالغۇ بۇ، ئامىرىكا ھىندىئانلىرى قاچان ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ كەتكەندۇ. (بىنەپشە رەڭگە قاراڭ. Q )

تەخمىنە 4 ئادەمنىڭ ئاتا تەرەپ ئەجدادى ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قارا تەنلىك ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن. (كۇلرەڭ، L)

يوقۇرقى ئاتا تەرەپ گىن نوسخىلىرى زادى شۇنچىلىك ئىشەنچىلىكمىدۇ. گىنغا قاراپ مىللەتنى تۇرگە ئايرىش نىمە دىگەن بىمەنىلىك ھە.
مەيلى سىزنىڭ نەچچە مىڭ يىل ياكى نەچچە ئونمىڭ يىل بۇرۇنقى ئاتا تەرەپ ئەجدادىڭىزنىڭ گىنى كىمگە ئوخشاپ قالمىسىۇن. سىز ھازىر پەقەت ئۇيغۇر دىگەن بۇ مىللەتكە تەئەللۇق. ئۇيغۇر دىگەن ئانا سىزنى بىقىپ چوڭ قىلدى. سىزگە تۇرك تىلى ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى.
[ بۇ يازما Bore تەرىپىدىن 2008-09-11 16:15 دە قايتا ]
1som
| ۋاقتى : 2008-09-11 13:49 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1499ـ كۆرۈرمىنى
Bore

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 3657
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
شۆھرىتى: 15 نومۇر
پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-07-19
ئاخىرقى : 2008-09-15

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇيغۇرلارنىڭ گىنىنى تەتقىق قىلىپ تۇرلەرگە ئايرىغىچە، ئۇيغۇرلارنى ، تۇركى خەلقلەرنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغىچە، باشقا مىللەتلەرنىڭ گىنىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنى تۇرگە ئايرىپ، نەچچە مىڭ يىل ھەتتا نەچچە ئونمىڭ يىل بۇرۇنقى ئىپتىدائى بوۋىسىنى تونۇتۇپ قويساڭلار بولمامدۇ. مەسىلەن تاجىكلارنىڭ قانچە پىرسەنتىنىڭ ئەسلى بوۋىسى ئوتتورا ئاسىيالىق ئۇيغۇر، روسلارنىڭ قىنىدا قانچە پىرسەنت تۇركى خەلقلەرنىڭ قىنى بار دىگەندەك.
yol
| ۋاقتى : 2008-09-11 13:59 6 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1499ـ كۆرۈرمىنى
ysulaiman

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4249
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-11
ئاخىرقى : 2008-09-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەزكۇر تېمىنى كۆرۇپ ناھايىتى خوشال بولدۇم.
ئۆزەمنىڭ كەسپىگە بىرلەشتۇرۇپ،قىسقىچە باھا بېرىپ تۇراي.
ھازىرقى زامان مالېكۇلا تېخنىكىسى ئارقىلىق ئادەم،ھايۋان ۋە ئۆسۇملۇكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى،دەسلەپكى ئەجدادتىن بولۇنۇش ئەھۋالى ۋە تەخمىنەن بۆلۇنۇپ چىققان ۋاقتىنى ھېساپلاپ چىققىلى بولۇدۇ.
بىز ئىلگىرى ئاساسلەنغان تارىخى خاتېرىلەر،ئارخىلوگىيىلىك ئىسپاتلار،جۇغراپىيىلىك جەيلىشىش ئەھۋالى،مورفولوگىيىلىك تۇزۇلۇش ۋە قان سېستىمىسى قاتارلىقلاردا بەلگىلىك سوبىكتىپ ئامىل ئارىلاشقان بولۇدۇ.لىكىن بەدەن ھۇجەيلىرىدىكى گېن،يەنى DNA دا بولسا، مەيلى چىراي ئۆزگەرسۇن،تېرە رەڭگى ئۆزگەرسۇن،ئەسلىدىكى ئەجدادنىڭ ئۇچۇرلىرى ساقلىنىپ قالىدۇ.
شۇڭا ھازىرقى تەتقىقاتلاردا ئىنسانلار ھۇجەيرىسىنىڭ mtDNA نى (线粒体) ئاساس قىلىپ ئانىلىق ئەجدادنىڭ مەنبەسىنى تەكشۇرىۋاتىدۇ.Y خروموسۇمنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاتىلىق ئەجدادنى تەكشۇرىۋاتىدۇ.
ئاخىرىدا بۇ ئىككى تەرەپتىكى ئۇچۇرلارنى ئۇنۋېرسال باھالاش ئارقىلىق مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئېرقىي كېلىپ چىقىشى ۋە قۇرۇلمىسىنى ئانالىز قىلىۋاتىدۇ.
سىز ئوتتۇرىغا قويغان تېمىدا ئىنكاس قىلىنشان سانلار توغرا،لىكىن قەيەردە،كىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېنىق يېزىلماپتۇ.مەن ئىلگىرى مۇشۇ تېمىغا ئائىت ئون نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىنى كۆرگەن ئىدىم.مۇھىم مەزمۇنلىرىنى تاللاپ تەرجىمە قىلىپ،ئايرىم ئېلان قىلاي.مالىكۇلا سەۋىيىسىدىن ئېيتقاندا،ساپ مىللەت يوق،ھەتتا گېرمان ،ياپون،تۇرك قاتارلىق مىلللەتلەر ئۇستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار بۇنى ئىسپاتلىدى.شۇڭە گېنىتىكىدىكى ئۇقۇملار بىلەن تارىخى ئۇقۇملارنى ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.؛
yol
| ۋاقتى : 2008-09-11 14:02 7 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1499ـ كۆرۈرمىنى
Qutghur

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2090
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 199
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە199دانە
شۆھرىتى: 208 نومۇر
پۇلى: 1920 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :47(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-05-29
ئاخىرقى : 2008-09-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  سەل ئالدىرىمايلى ،
ئىلىمى ماقالەكەن .ۋاقتىڭلار يار بەرسە 2-3 رەت ئوقۇپ پىكىر قىلساڭلار بولىدۇ .يازغۇچىنى "سىز ئۇمۇ ،بۇمۇ  " دىيىش مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ دەيدىغان گېپى ئەمەس .
سالاپەتلىك باشقۇرغۇچىلار بالىلارغا ئەدەپنى سەل تەكىتلەپ قويۇيساق ياخشىراقمىكىن دەيمەن!؟دەيمەن .ئەملىيەتتە ھەممىزنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيتىمىز بار .
  ئىلىم ھىسياتنى ھىچقاچان نەزەرگە ئالمايدۇ ،ئالسا ئىلىم بولمايدۇ .
ئەژنەبىلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوقۇپ پايدىلىنىشقا بولاۋېرىدۇ .مەن تېخى ئوقۇپ بولالمىدىم ،لىكىن ساپاسىز ئىنكاسلارغا قارىتا ئالدىن ئىپادە بىلدۈرگەچ ماڭدىم .
| ۋاقتى : 2008-09-11 14:26 8 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1499ـ كۆرۈرمىنى
Ulughbek

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2068
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 135
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە135دانە
شۆھرىتى: 149 نومۇر
پۇلى: 1360 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :92(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-04-21
ئاخىرقى : 2008-09-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مېنىڭچە بۇ تېمىدا مىللى كەمسىتىش پۇرىقى يوق.بۇخىل كەيپىياتقا كىرىۋالساق، گەپلىرىمىز شۇنداق ھاياجانلىق چىقىپ كېتىدۇ، بۇ مۇنازىرە كەيپىياتىغا پايدىسىز.شۇڭا سۇغۇققان ۋە سەگەك پىكىر قىلايلى.
ئەمدى مەندە تۇغۇلغان ئويلار:
1،ھازىرقى تۈركىي مىللەتلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئىرقىي ئالاھىدىلىك، تاشقى قىيافەت ۋە قان سېستىمىسى بىردەكلىكى ئارقىلىق مىللەت بۇلۇپ ئۇيۇشقان دېگەندىن كۆرە، ئورتاق تىل، ئورتاق مەدەنىيەت، نىسبىي ئورتاق جۇغراپىيىلىك ياشاش شارائىتى،نىسبىي ئورتاق قىممەت قارىشى (پىسخىك ھالەت)ۋە ئورتاق تارىخىي مۇساپە ئارقىلىق بىر گەۋدە بۇلۇپ ئۇيۇشقان،دېگىنىمىز ھازىرقى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. بولمىسا يۇقۇرىدىكى تەتقىقات نەتىجەلىرىدەك،ھەر يەر، ھەر يۇرت،ئۇيغۇرلىرى ئوتتۇراسىدىلا ئەمەس، بىر يۇرتتىكى ئوخشاش بولمىغان ئائىلەلەر ئوتتۇراسىدىمۇ ،ھەتتا بىر ئائىلەدىكى ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىمۇ %100 بىردەكلىك تېپىلمايدۇ.شۇڭا ئىرقى قىيافەت ۋە قان تىپى مىللەت بۇلۇپ ئۇيۇشۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئەمەس. ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرمۇ قانداقتۇر "تۈركىي قان سېستىمىسى"كاتىگورىيىسى بىلەن ئەمەس،بەلكى "تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى"دېگەن گەۋدە ئاستىدا ئورتاقلىققا ئېرىشەلەيدۇ. يەنى تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق قان سېستىمىسى ئارقىلىق ئەمەس ، بەلكى تىل ئورتاقلىقى ئارقىلىق، بىر گۇرۇپپىغا تەۋە قىلىنىدۇ.مەن "تۈركىي قان سېستىمىسى "دېگەن ئىبارەنى تۇنجى بۇلۇپ ئاڭلاۋاتىمەن."تۈركىي قان سېستىمىسى "دېگەن زادى نېمە؟زادى قايسى قان سېستىمىسى بولسا ئاندىن "تۈركىي قان سېستىمىسى "بولغان بۇلىدۇ؟ ئىجتىمائىلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلساق، ئۇيغۇرلارنى ئۇيۇشتۇرالايدىغان ئورتاق "قان سېستىمىسى"مەۋجۇدمۇ؟(ئەلبەتتە، بەزىلەر، ئاتا -ئانىسى ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇر بولسا ،ئۇ ساپ قانلىق ئۇيغۇر بۇلىدۇ، دېيىشى مۇمكىن،ئابدۇكېرىم .ئابلىز ئېتوتلىرى كەبى.لېكىن بۇ يەردە دېيىلىۋاتقانى تارىخىي نوقتىدىكى" قان سېستىمىسى "  مەسىلەسى.)
2."ئارىئان قان سېستىمىسى" دېگەن ئاتالغۇنى ئېنىقراق چۈشەندۈرۈشكە مۇمكىن بۇلارمۇ؟نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن  "تارىمدا پائالىيەت قىلغان ئارىئان"لار بىلەن ھازىرقى  ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى زادى قانچىلىك؟ئېنىقراق ئېيتقاندا،نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن  "تارىمدا ياشىغان ئارىئان"لارنىڭ  تەققىي-تۇرقىي، تىلى، تۇرمۇش شەكلى.......قاتارلىقلار بىزگە زادى قانچىلىك ئايدىڭ؟ھەم بۇلارنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى،ئۆرف -ئادىتى ،مەدەنىيەتى قاتارلىق مىللەت بۇلۇپ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم ئامىللار بىلەن مۇناسىۋىتى زادى قانچىلىك؟"ئارىئان"لار بىلەن تۈركلەر باشقا -باشقا دۇنيامۇ؟تارىخى ئىلگىرى -كېيىنلىك نوقتىسىدىن ، ئەجداد-ئەۋلاد نوقتىسىدىن،تارىخى تەرەققىيات نوقتىسىدىن، ئارىئانلار دىن بىزگە قالغىنى قانچىلىك؟ھازىر بىزنىڭ "ئۇيغۇر"بۇلۇپ ئاتىلىپ قېلىشىمىزغا بىۋاستە سەۋەب بولغان، شەرقىي-شىمالدىن سۈرۈلگەن ئېنىق"ئۇيغۇر"ئاتالغان ئەجدادلىرىمىز دىنچۇ؟دەڭسەپ باقايلى.مانا بۇ مەسەلەلەر مۇشۇ تېمىدا ئايدىڭ بۇلۇشى كېرەك.بولمىسا بىزگە نامەلۇم ، ئېنىق تەبىر بېرىلمىگەن  مەۋھۇم "قان سېستىمىسى"بىلەن ھېچنىمىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
3.گېن تەتقىقاتى ھەققىدەكى قاراشلىرىم  ysulaiman بىلەن ئوخشاش.گېن تەتقىقاتى تىببىي-بىئولوگىيە ساھەسىدە ،ئىنسانلارنىڭ ياشاش سۈپىتىنى ياخشىلاش جەھەتلەردە ناھايتى ياخشى نەتىجەلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن گېن تەتقىقاتى بىلەن مىللەتنىڭ تارىخى كىلىپ چىقىشىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈب بولغىلى بولمايدۇ. يەنى ئىجتىمائىلىقدىن ساقىت قىلىنغان تەببىي پەن تەتقىقاتى مىللەتنىڭ تۈزگۈچىسى بولغان ئادەمنىڭ جىسمانىي گەۋدىسىدىن باشقا ھېچنىمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.مىسالى، ماڭا جىسمانى ئالاھىدىلىك  ،يەنى بىئولوگىيە نوقتىسىدىن  ئاساسەن ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان ئادەملەر دۇنيادا يەنە تېپىلىشى مۇمكىن.لېكىن ئىجتىمائىلىق جەھەتدىن بىزدە ھېچقانداق مۇناسىۋەت يوق بۇلۇشى مۇمكىن. كونكىرتنى ئېيتقاندا، مىللىي كىملىك، تىل، دۆلەت تەۋەلىكى......قاتارلىق ئىجتىمائىلققا چېتىلىدىغان بارلىق ساھەلەردە بىز تامامەن يات بۇلىشىمىز مۇمكىن.شۇنداق بۇلۇپ قالسا مېنىڭ شۇلار بىلەن ئوخشاپ قېلىشىمنىڭ تارىخىي نوقتىدىن ئەھمىيىتى نېمە؟
4."ئىرق" بىلەن "مىللەت"نىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلەسى.ئەگەر  بۇ ئىككى مەسىلە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرا ھەل بولمايدىكەن، "ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى تەۋەلىكى "مەڭگۈ ئاخىرى چىقمايدىغان مەسىلە بۇلۇپ قالىدۇ. مېنىڭچە كۆپىنچىلىرمىزنىڭ نەزەرىدە، "ئىرق"چوڭ ،"مىللەت"كىچىك كاتاگورىيە،يەنى نۇرغۇن مىللەتلەر بىر ئىرىققا تەۋە بۇلىدۇ. بىر مىللەت كىشىلىرى بىر خىل ئىرقىي ئالاھىدىلىكتە ئىپادىلىنىشى كېرەكتەك خاتا تۇيغۇ ھۆكۈمران ھالەتدە. مېنىڭچە بۇنىڭغا بولغان چۈشەنچە ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك. مىللەت دېگەننىڭ چېتىلىدىغان دائىرىسى ناھايتى كەڭرى. تىل،ئۆرف-ئادەت......دېگەندەك  بارلىق ئىجتىمائىي ئامىللار "مىللەت" ئىبارىسىنىڭ تۈزگۈچىلىرى."ئىرق"بولسا ئاساسلىقى جىسمانىي ئالاھىدىلىكنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا "مىللەت "ئۇقۇمى "ئىرق "ئۇقۇمىغا قارىغاندا مۇرەككەپ ھەم چېتىلىدىغان دائىرىسى كەڭرى بۇلىدۇ. يەنە كېلىب "مىللەت" ئۇقۇمىدا جىسمانىي ئالاھىدىلىك ئەمەس ،بەلكى ئىجتىمائىي ئورتاقلىق تەكىتلىنىدۇ. شۇڭا بىر مىللەت كىشىلىرىدە ھەر خىل ئىرقىي ئالامەتلەرنىڭ كۈرۈلىشى ، ھەرگىز بىز قۇبۇللىيالمىغىدەك مۇرەككەپ ئىش ئەمەس.بىر مىللەت كىشىلىرى چۇقۇم بىرخىل ئىرقى ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇلۇشى كېرەك ، دېگەن مەۋقەدە تىرىشىپ ، بىر مىللەتكە يات بىر قوۋمنىڭ ئىرقى تىپىنى "قالپاق "قىلىپ مەجبۇرى يۈكلەشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟
5.بۇ ماقالىنىڭ گېن تەتقىقاتى ھەققىدەگى خۇلاسەسى  بۇ يەردە پىكىر قىلىۋاتقان مۇنازىرەداشلارنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە بولغان چۈشەنچىسى بىلەن زىد ئەمەسقۇ؟ھازىرقى ئۇيغۇرلار، تارىمدا قەدىمدىن ياشاپ ئۆتكەن ئاھالەلەر ۋە كىيىنكى تارىخى تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا   توختاۋسىز قۇشۇلغان  قوۋملەرنىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان  تىل، مەدەنىيەت......قاتارلىق جەھەتلەردىن  ئېتنىك يۇغۇرلىشىدىن شەكىللەنگەن. ئارىئانلار، ساكلار،ھۇنلار،توخرىلار،سوغدىلار، تۈركلەر، تۈبۈتلەر، چاڭلار،ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادا پائالىيەت قىلغان باشقا تۈركىي قەبىلەلەر، قىتانلار، مۇڭغۇللارغا ئەگىشىپ كەلگەن قەبىلەلەر .........مانا مۇشۇلار  ئۆز تەسىرىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا نەچچە پىرسەنت بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى ھازىرقى كۈندە "ئۇيغۇر"نىڭ گەۋدىسىگە قۇشۇلۇپ كەتكەن. ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىك جەھەتدىن  مانچە پىرسەنتنىڭ"ئارىئان قان سېستىمىسى"غا تەۋە، مانچە پىرسەنتنىڭ "تۈركىي قان سېستىمىسى"غا تەۋە، مانچە پىرسەنتنىڭ  "مۇڭغۇللوئىد"قا تەۋە بۇلىشى دەل يۇقۇرقى تارىخىي قۇشۇلۇشنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟شۇغىنىسى، مەيلى "پىرسەنت"لەر نەچچە تۈرگە بۈلۈنۈپ كەتسۇن، ئاشۇ ئوخشىمىغان بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىك ۋە ئىرقىي سۈپەتكە ئىگە كىشىلەر ھازىر ئاساسەن بىر خىل تىلدا ،يەنى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تارمىقى،ئۇيغۇر -قارلۇق تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسەن فەرقسىز شىۋەلىرىدە سۆزلىشىدۇ.، ئاساسەن ئورتاق بولغان تۇرمۇش شەكلىي، ئۆرف-ئادەت ۋە ئەنئەنەگە ئىگە.ئۇلارنىڭ بىئولوگىيىلىك فەرقلىرى "ئۇيغۇر"ئاتىلىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولمىغان. بىز مەيلى قايسى "قان سېستىمىسى"غا بەكرەك يېقىن بولغان بىرەر ئۇيغۇرنى نەچچە مىنۇتتىلا "ئۇيغۇر"كەن دەپ بىلىپ بۇلىمىز.يەنى تاشقى قىياپەت جەھەتدىكى فەرقلەر بىزنىڭ "ئۇيغۇر"نى "ئۇيغۇر"دەپ تۇنۇشىمىزغا پۇتلىكاشاڭ بولمايدۇ.شۇنداق تۇرۇپ ئەمدى بۇ يەردە "ئىرقىي بۆلگۈنچىلىك" خام ماتىرىياللىرىنى توپلاشنىڭ زۈرۈرىيىتى نېمە؟بۇ ماتىرىياللار فەقەت ۋە فەقەت ئاللىقاچان بىر تۇنۇشقا كىلىنىپ بولۇنغان "ئۇيغۇر"لارنىڭ ئېتنىك قۇشۇلىشىنى يەنە بىر قېتىم سان-سىفىرلار ئارقىلىق ئىسپاتلاشتىن باشقا يەنە نېمەنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟
[ بۇ يازما Ulughbek تەرىپىدىن 2008-09-12 14:55 دە قا ]
yol
| ۋاقتى : 2008-09-11 14:42 9 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1499ـ كۆرۈرمىنى
Bore

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 3657
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
شۆھرىتى: 15 نومۇر
پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-07-19
ئاخىرقى : 2008-09-15

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ تىمىنىڭ بىردىنبىر ئەھمىيىتى، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىرق قارىشىنى پۇتۇنلەي بۇزۇپ تاشلىغان. ئۇلارنى ھازىرقى ئاق تەنلىك، سىرىق تەنلىك، قارا تەنلىك ياكى باشقىچە نامدا ئاتالغان تۇرلۇك ئىرقى تىپلار  بىلەن بىۋاستە باغلاش ئىمكانىيتى يوق، دىمەك يوقۇرقى خاس گىن تىپلىرى مەلۇم بىر ئىرقنىڭ گىن تىپى بولماستىن بەلكى ھەرقايسى رايونلاردىكى ئىنسانلارنىڭ قەدىمقى ياكى ئىپتىدائى ئىنسانلار بىلەن بولغان ئاتا مىراس گىن باغلىنىشىنىلا ئىپادىلەپ بىرىدۇ. بۇ شىمالى ياۋروپا ئىرقى ياكى گىرمانلار ئەڭ ئىسىل ئىرق، جەنۇپتىكى مىللەتلەر پەس ئىرق دىگۇچىلەر ئۇچۇن ئەجەللىك زەربە.  "گىرمان،ئىنگىلىزلارنىڭ گىن تىپىدا كۆپ مىقتاردا جەنۇپتىكى لاتىن مىللەتلىرىنىڭ گىن تىپى ئارلاشقانلىقى بۇنىڭ ئىسپاتى. بۇ ئەسلى ئىنسانلارنىڭ ئىرقى تالاش تارتىشنى يوقۇتۇپ ئىتتىپاقلىشى ئۇچۇن چىقىرىلغان ئىلمى تەتقىقات نەتىجىسى ئىدى. ئەمما بەزىلەرنىڭ ئۇنى مىللەتنى پارچىلاش ئۇچۇن پايدىلىنىۋاتقانلىقى تولىمۇ ئەخمىقانىلىق.
بۇ تىما بۇيىچە بولغاندا تاجىكلار ۋە پارىسلار ئارىيان ئەمەس بەلكى باشقا مىللەت بولۇپ قالىدۇ. ئارىيان تىپى دىگەن قىزىل رەڭدە ئىپادىلەنگەن ئىرقى بەلگىنى سىلىشتۇرۇپ بىقىڭ. بۇ نىمە دىگەن بىمەنىلىك. بۇنى ئۆزلىرنى ئارىيانلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قاراۋاتقان تاجىكلار ۋە پارىسلار كۆرسە مىللى روھى قانچىلىك زەربىگە ئۇچرا. چۇنكى ئۇلارنىڭ ئچىدە 100ئادەمنىڭ ئىچىدە ئاران ئوننەچچە ئادەمنىڭ ئاتا تەرەپ ئەجدادى ئارىيانكەن ئەمەسمۇ.

"ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە 100 ئادەمنىڭ ئىچىدە ئاران 17 ئادەم "ئارىيان بوۋىنىڭ"  ئەۋلادىمۇ؟  14 ئادەم مۇڭغۇلنىڭ ئەۋلادىمۇ؟
18 ئادەم شىمالى ياۋرو-ئاسىيا ۋە ئوتتورا ئاسىيغا تارالغان قەدىمقى تۇران بوۋىنىڭ ئەۋلادىمۇ.؟  يەنە مانچە ئادەم ....لارنىڭ ئەۋلادىمۇ؟؟؟ ئۇنداقتا بىز زادى قايسى مىللەت، ياكى دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرنى پارچىلاپ، ئاتا گىنلىرى ئوخشاشلانى بىر مىللەت قىلىپ ئايرىمدۇق يە؟!
نىمە دىگەن بىمەنە ئىشلا بۇ. تىخى بەزىلەرنىڭ خوش بولۇپ كەتكىنىچۇ ، خۇددى ئۆزىنىڭ ئەجدادى ئارىيانغا چوقۇم توتىشىدىغاندەك.
مىنىڭ گىنىم كىمگە توتۇشىشىدىن قەتئى نەزەر مەن تۇركى تىلدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇر پەرزەنتى.
[ بۇ يازما Bore تەرىپىدىن 2008-09-11 17:04 دە قايتا ]
yol
| ۋاقتى : 2008-09-11 16:09 10 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1499ـ كۆرۈرمىنى
Bore

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 3657
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
شۆھرىتى: 15 نومۇر
پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-07-19
ئاخىرقى : 2008-09-15

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

گىن تەكشۇرۇش ئۇچۇن كەم دىگەندىمۇ 3000-5000يۇەنگىچە پۇل كىتىدۇ. ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىدىلا مۇشۇنداق ئۇسكۇنە بار.  تەكشۇرتۇپ باقامدۇق يە؟! ئەمما روھى جەھەتتىن تەييارلىق قلىۋالايلى، چىرايمىز بىلەن ئاتا تەرەپ ئەجدادىمىز  پەرقلىنىپ قالسا، ئازاپلىنىپ كەتمەيلى.
لىكىن شۇنى يادىڭىزدا چىڭ تۇتۇڭكى، مەيلى سىزنڭ چىرايىڭىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ياكى ئاتا تەرەپ ئەجدادىڭىز  يەرشارىنىڭ قايسى رايونىغا تۇتۇشۇشتىن قەتئى نەزەر، سىز بەرىبىر  تۇركى تىلدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇر مىللىتىدىن. كىندىك قىنىڭىز مۇشۇ تۇپراققا تۇكۇلگەن، ئاتا-بوۋىلىرىڭىزنىڭ جەسىتى مۇشۇ زىمىنغا دەپنە قىلىنغان. سىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىڭىز بىلەن مىنىڭ ۋە ئەتراپتىكى بارلىق قىرىنداشلىرىڭىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى تارىختا مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ بىرلىكتە كۆرەش قىلغان، ئۇيغۇر تارىخىنى بىرلىكتە ياراتقان. بۇ زىمىن سىزنى ۋە سىزنىڭ ئاتا تەرەپ ئەجدادىڭىزنى نەچچە مىڭ يىلنىڭ ياقى بىقىپ كىلىۋاتىدۇ. سىزنڭ ئەجدادىڭىزمۇ باشقىلىرىمىزغا ئوخشاشلا  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۇچۇن تۆھپە قوشقان. مىنىڭ تىنىمدا سىزنىڭ قىنىڭىز بار،  سىزنىڭ تىنىڭىزدا مىنىڭ قىنىم بار،ھەممىمىز ئۇيغۇر روھى ۋە مەدىنىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتىمىز. شۇڭا بۇ ئانا زىمىندىكى ھەممىمىز ئۇيغۇر دەپ بىر مىللەت بولۇپ ئۇيۇشالىغان. سىز مانا مۇشۇلاردىن سۇيۇنمەمسىز.
يوقۇرقى ئەھۋاللار  باشقا مىللەتلەرگىمۇ ئورتاق. ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاشلا  ھالەتتە بىر مىللەت بولۇپ ئۇيۇشالىغان.
[ بۇ يازما Bore تەرىپىدىن 2008-09-11 17:08 دە قايتا ]
yol
| ۋاقتى : 2008-09-11 16:30 11 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1499ـ كۆرۈرمىنى
Qutghur

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2090
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 199
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە199دانە
شۆھرىتى: 208 نومۇر
پۇلى: 1920 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :47(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-05-29
ئاخىرقى : 2008-09-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

"ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە 100 ئادەمنىڭ ئىچىدە ئاران 17 ئادەم "ئارىيان بوۋىنىڭ"  ئەۋلادىمۇ؟  14 ئادەم مۇڭغۇلنىڭ ئەۋلادىمۇ؟
18 ئادەم شىمالى ياۋرو-ئاسىيا ۋە ئوتتورا ئاسىيغا تارالغان قەدىمقى تۇران بوۋىنىڭ ئەۋلادىمۇ.؟
===============================
بۇ سانلارنى سىزدەك ئاددى چۈشەنسە كۈلكىلىك بولىدىكەن .ھەرگىز سىز ئويلىغاندەك ،ئەنسىرىگىدەك ئىش ئەمەس .بۇ دىگگنلىك ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ گېىنىدا ئاشۇنداق تىپىك ئىنسان تۈركۈملىرى تەركىپلىرى ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا تەكشى تارقالغانلىغىنى بىلدۇرىدۇ .بەلكىم ئىنسان ئەژدتلىرى زاتىدىلا ئوخشىمىغان گېن تەركىپلىرى بىلەن يارالغان بولىشى مۈمكىن(شەخسى قىياسىم) .
  مەن يازمىنىڭ بايان قىسىملىرىدىن ئىككى مۇجىمەل مەسىلىنى بايقىغاندەك قىلدىم .
1-يازمىدا "ئارىئانلار ساپلا R1a گىنىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر" دەپ قارلغان دەپ قىياس قىلدىم .مىنىڭچە ئۇنداق بولىشى ناتايىن .مىنىڭچە بولغاندا "ئارىئان" بىر خىل ئىلمى نام ياكى بەلگە ،خۇددى" R1a"  دەكلا .شۇڭا بۇ تەرىپى ئادەمنى قايمۇقتۇرىدىكەن .
2- "تۈركلىك" بىلەن "ئارىئانلىق" مۇناسىۋەتسىزدەك بايان قىلىنىپتۇ ،يەنە ساكلارمۇ ئارىئانلارغا قوشۇلۇپ ھىندى-ياۋرۇپا تىللىق دىيىلىپتۇ ،تۈركلىشىش ھادىسىسى قاراخانىلار زامانىغاچە سۆرىلىپتۇ.مىنىڭچە بۇنداق بولىشى ئىلىمگە ئانچە ماس ئەمەس .بىلىشىمىزچە ھازىرقى چۇۋاش تىلى بىر خىل "ئىپتىدائى تۈرك تىلى" دەپ قارىلىدىكەن ،ئۇندىن باشقا قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدا پۇتۇن دۇنيادا تۈركى قەۋم دەپ ئېتراپ قىلىنغان ئونغۇر قەۋملىرى ياشايتتى ،ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغان ھازارلار ،بۇلغارلارمۇ تۈرك تىلىدا سۆزلەشكەن .دىمەك تۈرك تىلى ياكى تۈركلىشىش 11-16 ئەسىرلەردىكى ئىشى ئەمەس .يەنە ئارىئان تىللىرىدا ئاكا-ئۇكا ،ئېگىچە-سىڭىل ...دىگەندەك نۇرغۇن سۆزلەر بولغان .بۇنى خۇلاسە قىلساق .شۇ ئاتالمىش "ئارىئانلار"بىلەن تۈركلەر يات ئادەملەر ئەمەس .
1som
| ۋاقتى : 2008-09-11 19:39 12 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1499ـ كۆرۈرمىنى
barhan

دەرىجىسى :مىڭ بېشى


UID نۇمۇرى : 1522
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 186
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە186دانە
شۆھرىتى: 219 نومۇر
پۇلى: 10100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :72(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-26
ئاخىرقى : 2008-09-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

                                                      ئەسەردىكى 1- مۇددائا ( ئەينەن نەقىل )

ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺩﯙﯞﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻛﯚﭼﯜﺷﻰ" ﺋﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﻳﯘﻗﺮﻯ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﻠﻪﻳﺘﻰ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺧﻪﻟﯩﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺴﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻘﻰ ﺳﯘﻻﻟﯩﺮﻯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﯧﺮﻯ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯧﺪﻯ.ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ،ﺧﻪﻟﯩﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﮔﯧﻦ ﺗﻪﺗﻘﯧﻘﺎﺗﻰ،ﯸﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯧﻨﻮﻟﯘﮔﯩﻴﻪ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﻗﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺗﻘﯧﻘﺎﺕ ﺗﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.

                                                    ئەسەردىكى 2- مۇددائا ( ئەينەن نەقىل )

2.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻘﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ.
ﺩﯦﻤﻪﻙ،ﮔﯩﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺧﯘﻻﺳﻪ،ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯚﺕ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ 50 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﯩﺖ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 70 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ.

                                                    ئەسەردىكى 3- مۇددائا ( ئەينەن نەقىل )

................. ﺩﯦﻤﻪﻙ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﮔﯧﻦ ﺗﯩﭙﻰ C ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﮕەن....
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ ﻧﻪﺳﻠﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻰ،ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ،ﯸﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻘﻰ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ... ( ئاخىرقى بايانى ئاپتۇرنىڭ نوقۇل ئۆز چۈشەنچىسى دائىرسىدە )
                                                 
  ئەسەرنى پىرىيۇملاپ ئايرىش تېخنىكام شۇنچىلىك.
 
  ئەسەر ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى<< سەۋىر - راخمان >>ئەقىل ئىزدىشى بىلەن كەينىگە سۈرسەم دەيمەن .                                               
yol
| ۋاقتى : 2008-09-11 21:00 13 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1499ـ كۆرۈرمىنى
ark_xamili

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4156
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-07
ئاخىرقى : 2008-09-16

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

كۆپچىلىكنىڭ ئىغىر بىسىق بولىشىنى ،مىللى ھىسياتىنى ئارلاشتۇرۋالماسلىقىنى ئۆمۈد قىلىمەن .تالىشىۋاتقىنىمىز  بىر ئىلمى مەسىلە ،ھەم يازغۇچىىدىمۇ ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىراپ كەتكىندىن باشقا پوزىتسىيسىدە  كوپ مەسلە يوق. شۇڭا ئامال بار تاپا تەنە ،تەنقىدلەردىن ساقلانساق .چۇنكى ھەممە كىشىنىڭ پىكىر قىلىش  ،ئۆزىنىڭ چۈشەنچىلىرىنى مۇنبەردە  ئوتۇرغا قويۇش ئەركىنلىكى بار، ھەم بۇ بىر قەدىرلەشكە تىگىشلىك ئەركىنلىك.  پىكىردە مەسلە بولسا مۇنازىرىلەشسەك بولىدۇ ،ئەمما پىكىر قىلغۇچىنى تەنقىد بىلەن چۈشەپ قويساق بولمايدۇ .
ئەيسا ئەپەندى گىن ئارقىلى ئۇيغۇرلارنىىڭ ئىتنولوگىيسىنى ئىنىقلاپ چىقىشقا تىرىشىپتۇ،بۇ تولىمۇ خۇشال قىلارلىق ئىش .ئەمما ھىس قىلىشىمچە ئەيسا ئەپەندىنىڭ كاللىسىدا "ئۇيغۇرلار تۈركلەشكەن  ئاريان "دىگەن قاراش ئاساسى ئورۇننى ئىگىلىگەچكە گىندىن چىقىرىلغان يەكۈنلەر ئارقىلىق  بۇ قارىشىنى زورلاپ  ئىسپاتلىماقچى بولغان ،مەسلىنىڭ يىلتىزى دەل مۇشۇ يەردە.
ئەمما ئەيسا ئەپەندىمنىڭ بۇ قارىشى ھەرگىزمۇ ھەيران قالارلىق  يىڭى قاراش ئەمەس. ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىمنىڭ "قەدىمكى ئۇيغۇر مەدىنيىتى " قاتارلىق كىتاپلىرىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ كوپ قىسمىنىڭ بۇ قاراشتا بولىشى تەبىئي .ھەتتا خىلى ئۇزۇن مەزگىل تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىمنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قاراشلىرىنى قوبۇل قىلغان مەنمۇ  نەچچە يىل ئالدىدا ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ  بۇ خىل  قاراشنىڭ كۈچلۈك  قوللۇغىچىسىغا ئايلانغان ،" ئارىئان" ئەجدادلىرىمىنىڭ سىماسى ،تۆھپىلىرىنى خىيال قىلىپ ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىم ،ھازىر شۇلارنى ئويلىسام كۈلگۈم كەپ كىتىىدۇ .
لىكىن مىنىڭچە بۇ نورمال بىر ئىش ،بەلكىم ھەممىمىز بىشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن بولىىشمىز ياكى كىىيىن بىشىمىزدىن ئۆتكۈزىشىمىز مومكىن. چۇنكى بىر ئادەمنىڭ تارىخى قارىشى ئۇنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ھەم ئۇچراشقان تارىخ بىلىم مەنبەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىخ بىلىملىرىمۇ قىتىپ قالغان ڧماتىماكىلىق ئىپادە ئەمەس،بەلكى تەرەققى قىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئىلىم. بۇ جەرياندا خىلمۇ خىل قاراشلار مەيدانغا چىقىشى ئىنىق .شۇڭا  كۆپچىلىكنىڭ ئوخشىمىغان قاراشلارغا سەۋىرچان بولىشىنى،شۇنداقلا  پىكىر قىلغۇچىنىڭمۇ ھەرگىز مىنىڭ يۈزدە يۈز توغرا دىگەن ئىدىيدە پىكىر قىلماسلىقىنى تەۋسىيە  قىلىمەن .
يەنە بىر مەسلە شۇكى  كۆپچىلىكنىڭ كاللىسىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلار بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئوتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت  ھەم پەرىقلەر  توغرسىدىكى چۈشەنچە مىنىڭچە ئانچە ئىنىق ئەمەس ،شۇڭلاشقا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى تەۋەلىكى تاكى تارىخى توغرىسىدىكى مەسىللەر كۆوپ ۋاقىتلاردا ھازىرقى ھەر قايسى يۇرت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ياكى ھەر خىل ئىرىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭگى جىدىلگە ئايلىنىپ قىلۋاتىدۇ مىنىڭچە . بۇ مەسلىنى ئىنىق  ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش تولىمۇ  زۆرۈر .قەدىمكى ئۇيغۇرلارنى ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا  تەڭ قىلۋىلىش ،ياكى ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇرلارنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇش كۆپ خاتالىقلارنى ھەم ئۇقۇشماسلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ. شۇڭا كۆپچىلىك بۇ مەسلىدە سوغۇققان بولىشى لازىم .
ئىرىق ۋە مىللەت توغرىسىدا ئۇلۇغبەگ تولىمۇ ئورۇنلۇق گەپ قىپتۇ .  بۇ توغرىسىدا ئارتۇقچى سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق ئويلايمەن.
1som
| ۋاقتى : 2008-09-11 23:20 14 -قەۋەت
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.064230(s) query 4, Time now is:09-19 12:35, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation