نۆۋەتتىكى تېما : بىر قىسىم تۈركىي تىللاردىكى ئۆزگىچە ساناق ساناش ئادەتلىرى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 480ـ كۆرۈرمىنى
anatil

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4257
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-11
ئاخىرقى : 2008-09-16

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 بىر قىسىم تۈركىي تىللاردىكى ئۆزگىچە ساناق ساناش ئادەتلىرى

بىر قىسىم تۈركىي تىللاردىكى ئۆزگىچە ساناق ساناش ئادەتلىرى

    بىزنىڭ بىر قىسىم جايلىرىمىزدا توي قىلسا چوڭ سورۇن قىلىپ، سورۇندا تويغا ئاتاپ ئەكەلگەن نەرسىلەرنى كۆپچىلىككە جاكارلايدىغان ئادەت بار. مېنىڭ بىلىدىغىنىم مەكىت رايونىدا تويغا چوقۇم نان ئېلىپ كېلىدۇ. تويغا مەيلى پۇل، قوي ياكى رەخىت قويسۇن چوقۇم نان بىلەن بىرگە قويدۇ. چوڭ سورۇن قىلىنىپ، سورۇنغا نانلار قويۇلغاندا، سورۇننىڭ ئەكەلگەن نەرسىلەرنى دەپ ئۆتىدىغان ئادىمى ئادەتتە نانلارنى ئېلىپ "ئەمەتئاخۇننىڭ توت توققۇز نېنى بىلەن بىر قويى باركەن" دېگەندەك گەپلەر بىلەن تويغا ئاتاپ ئېلىپ كېلىنگەن نەرسىلەرنى بىرمۇ-بىر دەپ ئۆتىدۇ. بۇ يەردىكى نان ئادەتتە "تۆت توققۇز نان" دېيىلىدۇ. دەسلەپتە مەن بۇ "" تۆت توققۇز" دېگەن قانداق گەپتۇ؟ بۇ گەپ قانداق پەيدا بولغاندۇ دەپ ئويلىنىپ قالغانتىم. كېيىن بىلسەم قەدىمقى ئۇيغۇرلاردا توققۇز ئەڭ چوڭ سان دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭدىن چوڭ سانلارنى ئىككى توققۇز، ئۈچ توققۇز، تۆت توققۇز دەپ ئاتىغان ئىكەن. "تۆت توققۇز" دېگىنى "بەك كۆپ، نۇرغۇن" دېگەن مەنىلەردە كېلىدىكەن.
     بۈگۈن لارس يوھانسۇن بىلەن ئېۋا چاتو تۈزگەن "تۈركىي تىللار" نامىلىق كىتابنى كۆرىۋېتىپ، 51- بەتتە باشقا تۈركىي مىللەتلەردىمۇ مۇشۇنداق ساناق ساناش ئادەتلىرىنىڭ باشقا شەكىلدە ساقلانغانلىقىنى ئوقۇپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم. قاراچاي-بالقار تۈركلىرىدە "يىگىرمە" نى بىرلىك قىلىپ سانايدىغان ئادەت بار ئىكەن. مەسىلەن، "يىگىرمە بىلەن ئون" دېگىنى 30 ئىكەن. "ئىككى يىگىرمە" دېگىنى 40 ئىكەن. "ئىككى يىگىرمە بىلەن ئون" دېگىنى 50 ئىكەن. "بەش يىگىرمە" دېگىنى بولسا 100 نى كۆرسىتىدىكەن. 200 دېمەكچى بولسا "ئون يىگىرمە" دەيدىكەن.
    قالاي تۈركلىرىنىڭ ساناق ساناش ئادىتى تېخىمۇ ئۆزگىچە ئىكەن. "ئىككى ئوتتۇز" دېگىنى 60 ئىكەن. "ئىككى قىرىق" دېگىنى 80 ئىكەن. "ئۈچ ئوتتۇز بىلەن يىگىرمە" دېگىنى 110 ئىكەن. مانا مۇشۇنداق بەزىدە ھېسابلىمىسىڭىز بىۋاستە بىلەلمىگىدەك دەرىجىدە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى باركەن. "ئۈچ قىرىق بىلەن ئىككى يىگىرمە " دېگىنى سىزنىڭچە نەچچىدۇ؟
    ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم سېرىق ئۇيغۇرلاردا بىرلەر خانىسىنى ئونلەر خانىسىدىن ئاۋۋال دەيدىغان ئادەت بار دېيىلپتۇ. بۇ راستىمۇ، ئەمەسمۇ بۇنى مەن بىلمىدىم. مەسىلەن "بىر يىگىرمە" دېگىنى 11 نى كۆرسىتىدىكەن. "بىر ئوتتۇز " دېگىنى 21 نى كۆرسىتىدىكەن.
    دېمەك، مۇشۇنداق ساناق ساناش ئۇسۇللىرىمۇ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىگۈدەك تېمىلارنىڭ بىرى ئىكەن. مۇشۇنداق ساناق ساناش ئۇسۇللىرىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا بىلىدىغانلار بولسا ياكى مۇشۇ توغرىسىدا ئويلىغىنىڭلار بولسا، ئىنكاس يېزىپ قويساڭلار، بىلمىگەنلەر بىلىۋالساق. رەھمەت.
1som
| ۋاقتى : 2008-09-11 22:19 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 480ـ كۆرۈرمىنى
toghrak

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2723
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 54
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە54دانە
شۆھرىتى: 55 نومۇر
پۇلى: 540 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :25(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-14
ئاخىرقى : 2008-09-16

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

دىمىسىمۇ بىزنىڭ مەكىتتە مۇشۇنداق ساناق ساناش ئادەتلىرىنى ھازىرغىچە چۈشەنمەي كىلىۋاتاتتىم ، سىزگە رەھمەت ئەمدى مەنىسىنى بىلىۋالدىم .
yol
| ۋاقتى : 2008-09-12 13:15 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 480ـ كۆرۈرمىنى
ertoghrul

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1757
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 63
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە63دانە
شۆھرىتى: 107 نومۇر
پۇلى: 1050 سوم
تۆھپىسى: 5 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-04-15
ئاخىرقى : 2008-09-17

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، سىنىپ مۇدىرىم دائىم " ئۇرۇش جىدەل دىسە بىر توققۇز ناننى داستىخان يۆگەپ بارىدىغان جىدەلخور " دەپ تەنقىتلەيدىغان مېنى.
1som
| ۋاقتى : 2008-09-12 16:09 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 480ـ كۆرۈرمىنى
zirek

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1895
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 55
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە55دانە
شۆھرىتى: 60 نومۇر
پۇلى: 600 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :31(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-24
ئاخىرقى : 2008-09-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇنداق ساناق ساناش ئادەتلىرى بىزنىڭ خوتەن تەرەپلەردە يوقمۇ نىمە؟ مەن ھازىرغىچە بۇنداق ساناق ساناش ئادىتىنى ئۇچرىتىپ باقماپتىكەنمەن.
| ۋاقتى : 2008-09-12 16:30 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 480ـ كۆرۈرمىنى
chaghri

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4174
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-07
ئاخىرقى : 2008-09-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

سىز دىگەن سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ساناق ئادىتى قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ساناق ئادىتىدۇر،قەدىمقى ئەجداتلىرىمىز شۇنداق ئىشلەتكەن،مەسىلەن؛بىر يىگىرمە دېگىنى 11،قەدىمقى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.
| ۋاقتى : 2008-09-13 00:25 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 480ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1797
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 195
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە195دانە
شۆھرىتى: 202 نومۇر
پۇلى: 2020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :187(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-14
ئاخىرقى : 2008-09-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە، "تۆت بولاق قەن، بىر خو نان"، "ئون بولاق قەن، بىر خو نان"، "تۆت توققۇز نان، بىر دانە قوي" ...... دىگەندەك ئاتاش ئەدەتلىرىنىمۇ كۆرگىلى بۇلىدۇ. بۇ يەردە دەيىلىۋاتقان "تۆت توققۇز نان" نىڭ قانداق مەنىسى بارلىقىنى بىر بوۋايدىن سورىغان ۋاختىمدا (10 يىلدىن ئېشىپ كەتتى)، ئۇ بوۋاي: "تۆت بىلەن توققۇزنىڭ كۆپەيگەندىكى سانى 36 بۇلىدۇ، بۇ بىر يىلنىڭ يەنى 360 كۈننىڭ (ئادەتتە 365 كۈن بۇلۇپ، ئۇنى پۈتۈنلەپ 360 دەپ ئاتايدىغان ئادەت بار ئىكەن) ئاددىلاشتۇرۇپ ئېيتىلىشىدۇر. دېمەك "تۆت توققۇز نان" دېگىنى - بىر يىل يەتكۈدەك نان ئېلىپ كەپتۇ دىگەن مەنىدە" دەپ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. يەنە ئۇ بوۋاينىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئاساسەن تويغا نان ئېلىپ كېلىنىدىكەن. ھازىر نانغا قۇشۇپ باشقا نەرسىلەرنىمۇ قۇيىدىغان بولغان.
1som
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
| ۋاقتى : 2008-09-13 09:28 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 480ـ كۆرۈرمىنى
MARSHALL

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 3241
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە35دانە
شۆھرىتى: 36 نومۇر
پۇلى: 350 سوم
تۆھپىسى: 4 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :17(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-07-09
ئاخىرقى : 2008-09-16

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان چاغدا مەن بىر سالا(مىللەت نامى) بالا بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇنىڭمۇ 100 نى ئىككى ئەللىك ، 200 نى تۆت ئەللىك دەپ سۇزلىگىننى ئاڭلىغان.........
1som
| ۋاقتى : 2008-09-14 00:55 6 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 480ـ كۆرۈرمىنى
nakis

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4117
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
شۆھرىتى: 19 نومۇر
پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-05
ئاخىرقى : 2008-09-18

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ ساناق جەھەتتىكى بەزى ئادەتلىرى ئۈستىدە ئىزلىنىۋاتاتتىم .ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت.
yol
| ۋاقتى : 2008-09-15 17:27 7 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 480ـ كۆرۈرمىنى
anatil

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4257
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-11
ئاخىرقى : 2008-09-16

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
7 - قەۋەتتىكى nakis 2008-09-15 17:27 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش :
مەنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ ساناق جەھەتتىكى بەزى ئادەتلىرى ئۈستىدە ئىزلىنىۋاتاتتىم .ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت.

بۇ تېمىغا موناسىۋەتلىك مۇنداق بىر ماقالە ئېلان قىلىنىپتىكەن. راستىنلا لازىم بولسا تاپقلى بولىدۇ.

Clark, L. (1966) “ The early Turkic and Sarig Yugur counting system”, in R. E. Emmerick et al. (eds) << Turfan, Khotan und Dunhuang >> Berlin : Akademie-Verlag, 17-49.
| ۋاقتى : 2008-09-16 03:44 8 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.140703(s) query 4, Time now is:09-19 12:35, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation